ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

251 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ خۇپتەننىڭ پەرزىگە ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا، تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان ئىمامغا «خۇپتەننىڭ پەرزىگە» دەپ نىيەت قىلىپ ئىقتىداﺋ قىلساق توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 379 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

252 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «NIKE» ماركىسىدىكى كىيىملەرنى كىيسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 292 – ۋە 335 – سوئاللارغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

253 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 1) قازا نامازنى ئوقۇغان ۋاقىتتا، قازا نامازنى پەرز نامازغا ئوخشاش ئوقۇيمىزمۇ ياكى سۈننەت نامازغا ئوخشاش ئوقۇيمىزمۇ؟ يەنى قازا نامازغا نىيەت قىلغاندا، «پېشىننىڭ قازاسى» ياكى «دىگەرنىڭ قازاسى» دەپ نىيەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى «قازا نامىزىم» دەپلا ئوقۇۋەرسەك بولامدۇ؟ 2) «سۈننەت ناماز»نىڭمۇ قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) قازا ناماز ئوقۇغاندا، ئەگەر پەرز ناماز قازا بولغان بولسا، بۇرۇن شۇ پەرزنى قانداق ئوقۇغان بولساق، قازاسىنىمۇ شۇنداق ئوقۇيمىز. ئۆزى يالغۇز قازاسىنى قىلغان كىشى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازنى ئۈنسىز ئوقۇسىمۇ مەيلى. نىيەت قىلغاندا، «پېشىننىڭ قازاسى» ياكى «دىگەرنىڭ قازاسى» دەپ كۆڭلىمىزدە نىيەت قىلساق بولىدۇ، ئاغزاكى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس. 2) «سۈننەت» دېگەن گەپتىن «كېرەك» دېگەن مەنا چىقمايدۇ، «سۈننەت ناماز»نىڭ قازاسىنى قىلىش سۈننەتتۇر. تەپسىلاتى مۇنۇ پەتۋادا: https://sajiya.biz/?p=2743

254 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قازا نامىزى بار بولغان كىشى تەھەججۇد ئوقۇسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى ئوقۇش پەرز. تەھەججۇد نامىزى بولسا نەفلە. شۇڭا، قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى ئاۋۋال ئوقۇش كېرەك. قاچانىكى «قازا نامازنى ئوقۇپ بولدۇم» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن نەفلە نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ.

255 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىلىپ – بىلمەي نامازلىرىمىزنى قازا قىلىپ سالغان بولساق، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماي تەھەججۇد، نەفلە نامازلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە جىق ئوقۇساق، شۇ پەرز نامازلارنىڭ ئورنىنى باسامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىلىپ تۇرۇپ قازا قىلىۋەتكەن نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش پەرز. بىلمەي قازا قىلىۋەتكەن نامازلاردىمۇ «مۇنچىلىك نامازنى ئوقۇيالمىدىم» دېگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭمۇ قازاسىنى ئوقۇش پەرز. قاچانىكى «قازا نامازنى ئوقۇپ بولدۇم» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن نەفلە نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ. پەرزنى ئوقۇماي نەفلە ناماز ئوقۇسا، «پەرز» گەدەندىن ساقىت بولمايدۇ.

256 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! تونۇش بىرەيلەن «بىزنى ۋە بالىلىرىمىزنى كىيسۇن» دەپ، كونا – يېڭى كىيىم – كېچەكلەرنى بەرگەن بولسا، ھالبۇكى ئۇ ئائىلىدە ئاللاھ ھارام قىلغان مەلۇم بىر كىرىم مەنبەسى بار بولسا، ئۇ كىيىملەرنى كىيىشكە، بالىلارغا كىيدۈرۈشكە، مۇھىمى ئۇ كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا بولامدۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە ۋە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇ ئائىلىنىڭ پۈتۈن كىرىمى ھارامدىن بولسا، ئۇ كىيىملەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بىر قىسمى ھارامدىن بولسا، ئۇ چاغدا «ھالالدىن بولغان قىسمىدىن» دەپ تۇرۇپ، ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

257 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) قازا نامازلىرىمىزنى ئوقۇماقچى بولغاندا، قانداق نىيەت قىلىپ ئوقۇيمىز؟ ھەر بامداتنىڭ ئارقىسىدىن قانچە رەكئەت قازا ناماز ئوقۇيالايمىز؟ قازا نامازنى ئەتىگىنى بامداتتىن بۇرۇن پېشىننىڭ، دىگەرنىڭ، نامازشامنىڭ قازاسىنى يىغىپ بىراقلا قىلسا بولامدۇ؟ 2) «قازا ناماز» دېگەندىن ھىدايەت تېپىشتىن بۇرۇن ئوقۇيالمىغان ناماز مەقسەت قىلىنامدۇ؟ مەسىلەن، مەن 30 نەچچە ياشتا ناماز باشلىغان بولسام، بالاغەتكە يەتكەندىن تارتىپ، شۇ 30 نەچچىگە كىرگىچە بولغان 10 نەچچە يىللىق نامازنى تولۇقلاپ، قازا نامىزى قىلىپ ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى تولۇقلاپ ئوقۇماقچى بولغاندا، بامدات، پېشىن… قايسى ناماز ئىكەنلىكى چوقۇم دىلىدا ئېنىق بولۇشى كېرەك. «پالانى كۈننىڭ» دەپ ئايرىيالمايدىغان دەرىجىدە جىق ناماز بولسا، «بۇرۇن ئوقۇيالمىغان پېشىن ياكى دىگەر» دەپلا نىيەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، كونا قازا نامازنىڭ «قايسى كۈننىڭ نامىزى» دېگەندەك مەلۇماتلار ئادەتتە ئېسىدە قالمايدۇ. بامداتنىڭ ئالدىدا، بامداتنىڭ كەينىدە كۈن چىققۇچە، كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تىكلەشكۈچە ۋە تىكلەشكەندىن تارتىپ تاكى ئەتىسى كۈن چىققۇچە خاھلىغانچە قازا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

2) سىز «ھىدايەت تېپىش» دېگەن سۆزدىن نېمىنى كۆزدە تۇتقىنىڭىزغا باغلىق. بۇرۇن كىچىكىڭىزدىن باشلاپ كوممۇنىست ياكى كافىر ئائىلىدە ياشاپ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ كوممۇنىست ياكى ئاتېئىست ياشىغان بولسىڭىز، ئاندىن 30 ياشتا ھىدايەت تېپىپ مۇسۇلمان بولغان بولسىڭىز، دىنغا يېڭىدىن كىرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، 30 ياشتىن بۇرۇنقى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلمايسىز. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا قازاسىنى قىلىسىز. چۈنكى، سىز ئىسلام فىترىتى ئۈستىدە تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاتا – ئانىڭىز سىزنى كافىر قىلىۋەتمىدى، پەقەتلا نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا يەتكۈزمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا: «بۇرۇن كافىر ئەمەس، ئاسىي مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ» دەيمىز.

258 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن ھەرەمگە كەلگەن ئىدىم، بىرىنچى قېتىملىق «ئۆمرە»دە چاچنى چۈشۈرۈۋېتىپتىمەن. ئىككىنچى قېتىم «ئۆمرە» قىلغاندا، ساقالدىن كېسىۋەتسەك بولامدۇ؟ ھازىر ساقالدىن ئازراق قىرقىپ بولغان ئىدىم، بۇ ئەھۋالدا باشقا ئۇستىرا سالسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ ئەھۋالدا بىر – ئىككى كۈنلۈك ئاز چاچ چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن، باشقا ئۇستىرا سېلىۋېتىپ، ئاندىن ساقالدىن ئېلىۋەتكەنلىرىگە قارىتا فىدىيە بېرىشلىرى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، سىلى ئىھرامدىن چىقماي تۇرۇپ، بەدەندىن موي يەنى ساقالنى ئالدىلا. ئۇنداق بولغاندىكىن، سىلى «ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىش» ئارقىلىق فىدىيە تۆلەشلىرى كېرەك بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ئىچىدە: «بىلمەستىن، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ سالغانلار فىدىيە بەرمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارىغانلار بار. بۇ قاراشنى تۇتسىلىمۇ مەيلى. لېكىن، «ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىش»تىن ئىبارەت فىدىيە بەرگەنلىرى ياخشى.

259 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قىرائەت تىڭشاشمۇ ئاللاھنى زىكر قىلغان ئەمەللەر قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟ يەنە قۇرئان ئوقۇش زىكر – تەسبىھ ئېيتىشقا ئوخشاش بولامدۇ ياكى پەرقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 308 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

260 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كىچىك بالىلارنى پەرىشتىگە ئوخشىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ ئەركىلىتىپ «ھەجەپ پەرىشتىدەك بالىكەن» دېسە ياكى بالىسىنى «مېنىڭ پەرىشتەم بۇ بالام» دېسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 5 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

261 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئانام ھەجگە كەتكەن ئىدى. يولدىشىمنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋەتەندە بولۇپ، دادىسى تۈرمىدە، 10 يىلنىڭ ياقى ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق، دادىسى ھاياتمۇ ياكى قانداق؟ بىلمەيمىز. مېنىڭ ئانام يولدىشىمنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ھەج بەدەل قىلىپ قويالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئانىڭىز ئۆزى ئۈچۈن پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا، باشقىلارغا ھەق ئالماي ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ. بولمىسا، ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن قىلىشى پەرز.

262 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. تۈركىيەدە تۈرك ۋەتەنداشلىقى بار تۇرۇپ، ئۆيى بولسۇن، بولمىسۇن نورمال ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ (بىر ئائىلە كىشىلىرى) ياۋروپاغا بېرىپ، «مەن تۈرك ۋەتەندىشى ئەمەس» دەپ ۋە باشقا مەسىلىلەردە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە ياردەم پۇلى ئېلىپ ئائىلىسىنى قامدىشى توغرىمۇ؟ يەنە يېقىنقى ۋاقىتلاردا كاناداغا ئاپىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر چىقىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا دىنىمىزدا قانداق ھۆكۈملەر بار؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇستاز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ياۋروپاغا بېرىپ جايلىشىش ھەققىدە ئايرىم يېزىلغان مۇنۇ پەتۋاغا مۇراجىئەت قىلىڭ:

كاپىرلارنىڭ دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكمى

تۈرك ۋەتەنداشلىقى بار تۇرۇپ، «مەن تۈرك ۋەتەندىشى ئەمەس» دېسە، يالغان ئېيتقان بولىدۇ. باشقا مەسىلىلەردىمۇ يالغان گۇۋاھلىق بېرىلسە، «يالغان گۇۋاھلىق» بولىدۇ. پاناھلىق تىلىگەندە، نوپۇس بەرگەن ۋە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە دۆلىتىنى ئورۇنسىز قارىلاشمۇ يوق ئەمەس. بۇلار سەل قارىلىدىغان گۇناھلار ئەمەس. كافىرلاردىن ياردەم پۇل ئېلىپ ئائىلىسىنى قامدىشى زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى خار قىلغانلىق بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى خار ئورۇنغا چۈشۈرۈشى ئىسلامنىمۇ زېدىلەشكە ئېلىپ بارىدىغان ناچار قىلمىش بولۇپ، ئىسلامدا ھېچبىر مۇسۇلماننىڭ خارلىق يولى بىلەن جان بېقىشى ۋە پاراۋانلىق تۇرمۇش ئۈچۈن مىللىي ۋە دىنىي ئوبرازىنى سېتىشى توغرا كۆرۈلمەيدۇ. كاناداغا بېرىشتىمۇ تۈرك ۋەتەنداشلىقىنى يوشۇرۇش، يالغان ئېيتىش ۋە ئىشلىيەلەيدىغان تۇرۇپ ئىشلىمەي ياردەم ئېلىش… قاتارلىقلاردا ھۆكۈم ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرك ۋەتەنداشلىقىنى يوشۇرۇپ، ھېچيەرنىڭ نوپۇسى بولمىغان، كاناداغا بېرىشقا شەرتى توشىدىغانلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋېلىشمۇ ئوبدان ئىش ئەمەس.

263 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) «ئىمان — ئىنساننىڭ ئىلگىرىكى بارچە گۇناھىغا كۇپايە» دەپ ئاڭلىغان. «ھىدايەت — ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، شۇ ھەقنى تونۇسا، ئىمان ئېيتقاندىن باشلاپ نامىزى ھېساب بولىدۇ» دەپ بىلگەن ۋە شۇنداق مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن چوڭ بىر خۇش خەۋەر بولغان. ئەمدى «40 ياشتىن كېيىن ناماز ئوقۇشنى باشلىغان كىشى ئىلگىرىكى نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك» دېگەن ماۋۇ گەپتە ئىلگىرىكى نامازلىرىنى ئادا قىلىش بەزىدە خۇشياقسا قىلىدىغان، بەزىدە ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىسلامدا قىيىنچىلىق ھېس قىلىپ قالمامدۇ؟ 2) مەن ئىلگىرى ئۇستازلادىن: «نامازنىڭ قازاسى يوق، پەقەت نەفلە ئىبادەتلەر كۆپ قىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ» دەپ ئاڭلىغان.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) بۇ خۇددى بىرسىنىڭ نەچچە مىليون قەرزى ئۆتۈپ قالغان كىشىگە: «ھەممىنى قايتۇرىسىز» دېسە، «ئېغىر كېلىپ قالىدۇ» دېگەندەكلا بىر گەپ بوپتۇ. ھىدايەت تاپقان، ھەقنى تونۇغان كىشىگە ئاللاھنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئېغىر كەلمەيدۇ. قىيىنچىلىق ھېس قىلسىمۇ، ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئادا قىلماي بولمايدۇ. بۇنى نەفلە نامازلارنى ئوقۇماي، پەرز نامازلارنىڭ قازاسىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىرنەچچە يىلدا ئادا قىلىپ بولىدۇ. ھەربىر ئىنسان فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. مەزكۇر سوئالنى سورىغۇچى فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلۇپ، مۇسۇلمانلىقى بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن داۋاملاشقان تۇرسا، ئوقۇمىغان نامازلارنىڭ ئەلبەتتە قازاسىنى قىلىدۇ. «بۇرۇن كافىر ئىدىم، 40 ياشتىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان» دېمەپتۇ، 40 ياشتىن كېيىن ناماز ئوقۇشنى باشلاپتۇ. ھە «ناماز ئوقۇمىغاندىكىن كافىر بولىدۇ» دېسىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ يەكۈنى. 2) ئۇ زەئىف قاراش بويىچە جاۋاب بەرگەنلەر ئىكەن.

264 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، بىرسىگە دوللار بېرىشىم بار ئىدى. قايتۇرىدىغان كۈندىكى باھا بويىچە تېلى بەرسەم بولامدۇ؟ پۇلنى ئالىدىغان تەرەپ «ئارىلىقتا ئېگىز – پەسچىلىك بولىدىغان بولغاچقا، جازانە مۇئامىلىسىگە كىرىپ قالىدىكەن، شۇڭا دوللار بەرگەن بولسىڭىز» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە بۇ خىل ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟ بۇنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئۈچۈن سورىشىم ئۇستاز، ئاللاھ رازى بولسۇن ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. قەرزنى قايتۇرىدىغان چاغدا، دوللار قەرزى بولسا، شۇ كۈندىكى دوللار باھاسى بۇيىچە خاھلىغان پۇل تۈرىدە قايتۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا چاتاق يوق، جازانە بولمايدۇ.

265 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشمۇ؟ ۋەتەندىكى ئاتا – ئانىمىز ئۈچۈن فىتر بەرسەك بولامدۇ؟ بولسا مۇشۇ يەرنىڭ پۇلىنى ھېسابلاپ بېرەمدۇق ياكى ۋەتەننىڭمۇ؟ قانچە بەرسەك بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈۋالغايسىز:

ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

266 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆزلىرىنىڭ قۇرئانغا قاراپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. بىزنىڭ مەسجىدتە ئىبادەت ۋە دىنىي خىزمەتلەرگە كۆندۈرۈش مەقسىتىدە 15 ~ 20 ياشلاردىكى بالىلارنى ئىمام قىلىپ تەراۋىھ ئوقۇۋاتىمىز. مەن بۇ ياشلاردىن بىرىنىڭ نامازدا تېلېفونىدىكى قۇرئانغا ئوغرىلىقچە قاراپ ناماز ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم (بۇ ياش بۇلتۇرمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى). بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ كەتسە، بۇ يىگىتنىڭ يۈزىگە سەت بولىدۇ. مەن ئۆزىگە ئايرىم دەي دېسەم، ئىماملىقتىن ۋاز كېچىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ ئەھۋالدا مېنىڭ بۇ ئىشنى بىلمىگەنگە سېلىپ نامازنى داۋام قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟ بۇ يىگىتكە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان مۇقتەدىيلەرنىڭ نامىزى دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەھۋالدا ئىمامنىڭ ۋە ئارقىدىكى جامائەتنىڭ نامىزى دۇرۇس بولماسلىق خەۋپى بار. شۇڭا، قۇرئاننىڭ ھەممىنى يادلىغان قارىي بولمىغان ئەھۋالدا، ئىمام بولغۇچى يادا بىلگەن سۈرىلەرنى تەكرار – تەكرار ئوقۇپ تەراۋىھ ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ئىماممۇ تېخى ياش بولغاندىن كېيىن، جامائەتتىن خىجىل بولۇپ شۇنداق قىلغان ۋە خاتا ئويلىۋالغان بولسا، ئايرىم چۈشەندۈرۈپ توغرىسىنى قىلىشقا كۆندۈرۈش لازىم. بىر مۇنكەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ تۈزەتمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس.

267 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلمىلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ئىنشائاللاھ. ئۇستاز مەن دوختۇرخانىدا روھىدا ۋە پىسخىكىسىدا كېسەللىك بولغان بۆلۈمدە پاراكتېكا قىلىۋاتىمەن. بۇ يەردە كېسەللەرگە ئىككى سائەتتە بىر تاماكا بىرىدىكەن، تاماكىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشلىرى دوختۇر – سىستېرالارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. ھەم كېسەللەر ۋاقتىنى بوش ئۈتكۈزىدىكەن (ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، تاماق يېيىش، تاماكا چېكىش… قاتارلىق ئىشلار بىلەن چەكلىنىدىكەن. مەن ئۇ يەردە ئۈزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇلارغا ئاللاھنى تونۇتۇش، ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاجىزلىق قىلىمەن. لېكىن بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. پاراكتىكا ۋە پاراكتىكا ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا، ئالماشتۇرۇش ئەۋزەل. ئىمكانىيىتى بولمىسا، مەجبۇر بولغانلىقتىن، پاراكتىكادا ۋاقىتلىق سەۋر قىلىپ تۇرۇش مۇناسىپ. كىيىنىش چەكلىمىلىرىمۇ شۇنداق. بولمىسا بۇ ئىلىملەردە مۇسۇلمانلار يېتىشىپ چىقالمايدۇ. ئاللاھ ئاسانلىق بەرگۈسى.

268 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 10 ياشلىق بالىلار بەكلا ھالسىزلىنىپ كېتىپ روزىسىنى بۇزىۋەتسە، گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا، گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ناماز، روزا ۋە ھىجاب بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ.

269 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەدىس شەرىفلەردىكى «بىر سائەت» كەلىمەسى ھازىرقى ۋاقىت ئۆلچىمىدە تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ؟ مەسىلەن، تۆۋەندىكى ھەدىس: يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن بەزىدە مەسجىدتە بىر سائەتلا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن تۇرىمەن» دېگەن. ئەتاﺋ: «مەسجىدتە تۇرسىلا، ئېتىكاپتا تۇرغان بولىدۇ، مەسجىدتە ساۋاب كۆزلەپ ئولتۇرسا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بولىدۇ، ساۋاب كۆزلىمىسە ئۇنداق بولمايدۇ» دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەدىسلەردىكى بىر سائەت كەلىمەسى ھازىرقى 60 مىنۇتلۇق سائەتكە يېقىن. ئەرەبلەردە مىسىر ۋە باشقا دىيارلاردا بولغىنىدەك، كۈندۈزنى 12 سائەتكە تەقسىملەش بار ئىدى. ھەربىر سائەتنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىسىملىرى بار ئىدى. ئەمما، كۈن ئۇزارسىمۇ كۈندۈز 12 سائەت، قىسقارسىمۇ 12 سائەتكە بۆلۈنىدىغان بولغاچقا، ھەدىسلەردىكى سائەت تاڭ ئېتىشتىن كۈن پاتقانغا قەدەر بولغان ۋاقىتنىڭ 12 دىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. كۈندۈز 12 سائەت بولغان ۋاقىتلاردا دەل ھازىرقى سائەتكە ئوخشاش 60 مىنۇتنى، كۈندۈز 15 سائەت بولغان ۋاقىتلاردا 75 مىنۇتنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى 12 سائەتتۇر، ھەر قانداق بىر بەندە (جۈمە كۈنى) ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەدىن قانداق نەرسە تىلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتنى (يەنى جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى) دىگەر نامىزىدىن كېيىن (يەنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىن) ئىزدەڭلار!»(«ئەبۇ داۋۇد»، 1048).

270 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ئاياللاردا بىر يەرگە چاقىرسا، يەپ بولالمىغان تامىقىمىزنى ياكى داستىخاندىكى ئازراق تاتلىق – تۈرۈملاردىن بالىلىرىمىزغا قىسىنىپ ئېلىۋالىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. بەزىدە ئۆي ئىگىسىدىن سورىغان بولدۇق، بەزىدە سورىمىغان بولدۇق. ۋەتەندە «زەللە كۆتۈرۈپ» دەپ ئەيب قىلاتتى. بۇنداق قىلىش گۇناھقا بېرىپ قالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىدە مەلۇم مىقداردا بولسا، ھەممە ساھىبخان تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدىغان ۋە رازى بولۇپ كېتىدىغان ئىش. شۇڭا، مېھماندارچىلىققا چاقىرغان ۋاقىتتىكى تەكلىپ مەزمۇنىدا بالىلارغا زەللە ئېلىۋېلىشقىمۇ رۇخسەت بار. ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىدىن ھالقىغان مىقداردا كۆپ زەللە ئېلىۋېلىشتا ئاندىن ساھىبخاندىن رازىلىق ئېلىشى لازىم.

271 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ئۆمرەدىكى خاتالىقلارغا قارىتا فىدىيەنى ھەرەمدىن كەتمەي تۇرۇپ بېرەمدۇق ياكى تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن بەرسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كېچىكتۈرمەي، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بولسىمۇ، تۈركىيەدىكىلەرگە ۋاقتىدا بېرىۋېتىش لازىم.

272 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! 1) بىر ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكىنىنى پۇلىنى نەق تۆلەپ ئالساق، ئون مىڭ لىرا، لېكىن ئۇنى نەق تۆلەپ ئېلىشقا بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئارقىلىق ئالساق، 11 مىڭ لىرا ئەتراپىدا بولىدىكەن، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئېلىش توغرىمۇ؟ 2) بىز دۇكاندا مال ساتقان ۋاقىتتا تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى «كرېدى كارت» قوللانغانلىقى ئۈچۈن، بىزگە: «كارتا ئارقىلىق ئېلىۋېلىڭ» دەيدۇ. لېكىن، بىزنىڭ دۇكاندا كارت ماشىنىسى (پۇلتۇتار) بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بازاردىكى باشقىلارنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، مۇشۇ ئىشنى كەسىپ قىلغان بىر ئادەمنىڭ دۇكىنىدا قىلىۋالىمىز، بۇ ئادەم مۇقىم شەكىلدە يۈزدە ئۈچ يېرىم پىرسەنت يەنى 1000 لىراغا 35 لىرا مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ، بۇ مۇلازىمەت ھەققىنى بەزىدە بىز، بەزىدە بىزنىڭ خېرىدارلار تۆلەيدۇ، مۇشۇ شەكىلدە قىلساق توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) قەرەل كېچىكسە كېچىكىش جازاسى شەرت قىلىنمىسا، جائىز بولىدۇ. ئاندىن بۇ خىل سودىلاردا «كرېدى كارت»لىرى ئىشلىتىلىدىغان بولسا، «كرېدى كارت»لىرى جازانە توختام بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇڭا، قاتتىق زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا «كرېدى كارت» ئىشلىتىش ھارام. 2) مۇلازىمەت ھەققىنى پىرسەنت بويىچە تۆلىسە جازانە بولىدۇ. چۈنكى، جىق مەبلەغ ئۈچۈن سۇنۇلغان مۇلازىمەت، ئاز مەبلەغ ئۈچۈن سۇنۇلغان مۇلازىمەتنىڭ ئۆزى بولغاچقا، ھەر قېتىملىق كارتا سۈركەشكە مەلۇم مىقدار مۇلازىمەت ھەققى بېكىتىلىشى، مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە بېكىتىلمەسلىكى كېرەك.

273 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىفتار ۋاقتى سائەت 8:30 دا بولسا، لېكىن 8:15 ئەتراپىدىلا ھاۋا تۇتۇلۇپ قاراڭغۇ بولۇپ كەتسە، بۇنداق ۋاقىتتا سائەتكە قاراپ ئىفتار قىلامدۇق ياكى سىرتقا قاراپمۇ؟ (تۆت پەسىل، كېچە – كۈندۈز ئېنىق بىر دۆلەتتە ياشايمەن، بەزەن كۈنلەردىكى ئەھۋالدا دېمەكچى)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سائەتكە قاراپ ئىفتار قىلىمىز، چۈنكى ئىفتار قاراڭغۇ بولۇش بىلەن ئەمەس، كۈن پېتىش بىلەن بولىدۇ.

274 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئانچە – مۇنچە ئارىسىدا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر يېزىلغان مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار بار ئىدى، ھازىر لازىم بولمايدۇ. شۇڭا، «mgeri dönüşü» دەپ ماتېرىيال يىغىدىغانلارغا بەرسەك، «دەسسىلىپ قالارمۇ» دەپ ئەنسىرەپ بەرمىگەن ئىدۇق. لېكىن، ئۆي كۆچۈشلەردە ئېغىر بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا، ئاشۇنداق قايتا پايدىلىنىش ئۈچۈن يىغقان كىشىلەرگە بېرىۋەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 131 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

275 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇر ۋاقتىدا تامىقىمىزدىن ئازراق قالغان چاغدا ئەزان توۋلانسا، شۇ ھامان توختىتىمىزمۇ ياكى ئەزان تۈگىگىچە تامىقىمىزنى يەۋېلىپ، ئاندىن توختىتىمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 79 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

276 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! سالامەت تۇرۇپسىزمۇ؟ بىز نامازدا بېشىمىزنى سەجدىگە قويغاندا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، قولىمىز ۋە جەينىكىمىزنى تۈز قويماي كۆتۈرىمىز. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. بۇ ھەقتە بۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز:

ئاياللارنىڭ نامىزى بىلەن ئەرلەرنىڭ نامىزىدىكى پەرق

277 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ۋەتەندە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىلىرىمىز ئۈچۈن «ئۇلار زاكاتنى ھەرخىل سەۋەبلەردىن بېرەلمىدى» دەپ ئويلاپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇلار ئۈچۈن زاكاتنى بەرسەك، زاكات ئادا تاپقان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۇلارنىڭ زاكاتنى ئادا قىلىپ قويۇش ھەققىدە ئالاھىدە تاپشۇرۇقى بولمىسا، جائىز بولمايدۇ. ئۇلار قاچانىكى، ئادا قىلالايدىغان بولغىنىدا ئادا قىلسا، خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ.

278 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاتا – ئانىمىزدىن 7 – 8 يىلنىڭ ياقى خەۋەر ئالالمىدۇق. ئاللاھ ئىگەم سالامەت قىلغاي، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي، كۆرۈشۈپ دۇئاسىنى ئېلىپ خىزمىتىنى قىلىۋالغىلى نېسىپ قىلغاي. بۇ ھالدا ئۇلار ھايات بولسۇن، بولمىسۇن، بىز ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ قويالايدىغان، ئۇلارغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئەمەللەر قايسى؟ ئۇلار بىزنى پۇت – قولىدا ماغدۇر بار چاغدا باققان ئىدى، ماغدۇرى كەتكەندە، بىز ئۇلارغا ئەسقاتمىدۇق. يەنە بىرسى بۇ ھالەتتە ئۇلار ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ساق – سالامەت جەم بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن! بىز ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ قويالايدىغان، ئۇلارغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئەمەللەر دۇئا قىلىش، ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلىش، قان قىلىش، قۇربى يەتسە ئۇلارغا ئاتاپ ئۆمرە، ھەج قىلىش، ۋەقف قىلىش قاتارلىقلاردۇر. بۇلارنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىدۇ.

279 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دىندىكى ئەمەس، ئەمما نورمال كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆزىدە يوق ئەخلاقنى باردەك كۆرسىتىش، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە يەنى ئۆيدىكى مىجەز – خۇلقى بىلەن سىرتتا باشقىلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنىڭ تامامەن پەرقلىق بولۇشى ۋەھاكازالار… ئىككى يۈزلىمىلىك يەنى دىنىمىزدا تىلغا ئېلىنغان مۇناپىقنىڭ ھۆكمىگە كىرەمدۇ؟ دىندىكى مۇناپىقلىق بەك چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇ خىل مۇناپىقلىقتىن كۈچىنىڭ بارىچە ساقلىنىدۇ. ئەمما، كىشىلىك ھاياتتىكى مۇناپىقلىق ئەتراپىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ۋە ئانچە بەك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. بۇ خىل مۇناپىقلىق ئالامىتى بولغانلارنىڭ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ رىيا ۋە كىبىرگە ئالاقىدار ئىللەت بولۇپ، نىپاققا تۇتىشىدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋالغايسىز:

مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش كېسەللىرىنىڭ داۋاسى

280 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا كىشى ئۆزى يالغۇز قۇرئان ئوقۇغاننىڭ ئەجرى بىلەن جامائەت ئارىسىدا (توردا ياكى يۈزتۇرانە بولسۇن) ئوپچە تىلاۋەت يەنى خەتمە قۇرئان قىلغاننىڭ قايسىسىنىڭ ئەجرى بەكرەك كاتتا بولىدۇ؟ ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. ئۆزىمىز قۇرئان ئوقۇساق، ئاز ۋاقىتتا خېلى كۆپ ئوقۇپ بولىدىكەنمىز، لېكىن جامائەت بىلەن ئوقۇغاندا، ھەر بىرىمىز نۆۋەت بىلەن بىر سەپ ئوقۇساق، قالغان ۋاقىتتا تىڭشاپ ئولتۇرىدىكەنمىز. قايسىسى بەكرەك ئەۋزەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا. مەن بۇرۇن ئۆز ئالدىمغا قۇرئان ئوقۇيتتۇم، شۇڭا قۇرئان ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايتتىم. بۇ يىل بولسا جامائەتنىڭ ئەجرىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئوپچە تىلاۋەتكە قاتناشقانلىقىم سەۋەبلىك قۇرئاننى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئوقۇيالمىغانلىقىمدىن بىر ئاز سىقىلىپ قالدىم. بۇ سىقىلىشىم توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزى يالغۇز ئوقۇسۇن ياكى ئوپچە ئوقۇسۇن، قانچە كۆپ تىلاۋەت قىلسا، ساۋابىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەلبەتتە، قۇرئان تىلاۋىتىنى تىڭشاشمۇ ياخشى ئىش. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قۇرئان تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ھالقا بولۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشىش ۋە ئاللاھنى زىكر قىلىشنىڭ ساۋابىمۇ كاتتىدۇر. بۇنىڭدىن سىقىلىشقا كەلسەك، ئاز ئوقۇپ قالغانلىقىڭىزدىن سىقىلغان بولسىڭىز، ئايرىلىپ چىقىپ كۆپ ئوقۇشقا تىرىشىڭ، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر.

281 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىگە كۆپلەپ ئەجر بەرسۇن. بۈگۈن روزا تۇتقان ئىدىم، ئەمما بامداتتىن كېيىن قىزىپ، توڭلاپ، تىترەپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ دېگەندەك ئاغرىپ قالدىم. ئۇخلاپ ھازىر بىر ئاز ياخشى. شۇنداقتىمۇ داۋاملىق قىزىۋاتىمەن، باش، بەدەن ئاغرىقلىرىم بار. شۇنداق بولسىمۇ روزامنى داۋاملاشتۇرغۇم بار. بۇنداق قىلسام، بەدىنىمگە زۇلۇم قىلغان بولامدىم ياكى داۋاملاشتۇرسام ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 241 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

282 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزگە «زاكات» دەپ يەشىك كەلسە، زاكات دۇرۇس كەلمەيدىغانلار «ئېھتىياجلىقلارغا بېرىمىز» دەپ، دۇكان باھاسىدا ساتقىلى بولمىسىمۇ، يېرىم باھادا سېتىپ پۇلىنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسە، شۇ زاكات يېمەيدىغان كىشىنىڭ گەدىنىدىن ئادا تاپامدۇ؟ ياكى ئېھتىياجلىقلارغا چوقۇم شۇ «زاكات» دەپ كەلگەن نەرسىنىڭ ئەسلىنى بېرىش كېرەكمۇ؟ بۇلار ئۆزىنىڭ زاكىتى ئەمەس، پەقەت ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن زاكاتلىقى بىلىنگەن يەشىك. مۇشۇ مەسىلە كۆپىيىپ قالدى. ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چوقۇم شۇ «زاكات» دەپ كەلگەن نەرسىنىڭ ئەسلىنى بېرىش كېرەك.

283 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلملىرىنى زىيادە قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! بىرسىنىڭ تۆلەيدىغان بىرئاز قەرزى بار، لېكىن ئۇنىڭ 80 گرامدىن ئارتۇق ئالتۇنىمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ ئەھۋالدىمۇ ئالتۇننىڭ زاكىتىنى بېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاۋۋال ئالتۇندىن بىر قىسمىنى سېتىپ قەرزىنى تۆلەيدۇ. تۆلىگەندىن كېيىن ئىلكىدىكى ئالتۇن ۋە پۇللارنى قوشۇپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن مىقدارىدا ئىقتىساد (ھازىرقى باھادا 5500 دوللار) بولسا، زاكات ئايرىيدۇ.

284 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىگە ساقلىق، ئائىلىلىرىگە ھۇزۇر بەرسۇن، ئىبادەتلىرنى قوبۇل قىلسۇن. نەفلە ئىبادەتلەرنى قىلىشتا بەزىدە ئىختىيارىي ھۇزۇر بىلەن قىلىدىكەنمىز، بەزىدە ھۇرۇنلۇق، نەپسىي ۋە شەيتانىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ قىلغۇمىز كەلمەي قالغان چاغلاردا بەك ھۇزۇر ئالالمىساقمۇ ئۆزىمىزگە مەجبۇرلاپ: «سەن بۈگۈن پالانى ئىبادەتلەرنى قىلىشىڭ كېرەك» دەپ ۋەزىپە قىلىپ قىلىدىكەنمىز. سورىماقچى بولغىنىم: ھۇزۇرسىز ئۆزىمىزنى مەجبۇرلاپ ئىبادەت قىلغاندىن ئاز قىلساقمۇ، قىلغۇمىز كەلگەندە قىلىشىمىز ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆزىمىزنى مەجبۇرلاپ كۆپ ئىبادەت قىلىۋالغىنىمىز ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بەكلا ھەرەج تارتىپ قالمايدىغان دەرىجىدە ئۆزىمىزنى زورلىشىمىز كېرەك. بۇ نەپس بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ بىر قىسمى. قاچانىكى شۇ كۈنلۈك پەرز ۋە نەفلە ئىبادەتلەردىن ئازراقلا كەم قىلىپ قالسا كۆڭلى يېرىم بولغۇدەك ھالغا كەلسە، ئىبادەتنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشقا باشلىغان بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

285 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن يېقىندا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمغا ئۆي ساتقان ئىدىم. ئۆي ساتقان پۇلدىن 30 مىڭ دوللار پۇلنى رامازاننىڭ ئاخىرىدا بەرمەكچى بولغان ئىدى. ئىككى كۈن ئاۋۋال 15 مىڭ دوللار پۇلنى بەردى، قالغان 15 مىڭ دوللارنى بەرمىدى. ئەمدى بەرمەي: «قېلىپ قالغان پۇلنى زاكاتقا ئۇدۇللاپ ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىلا» دەيدۇ . ئەتراپتىن سۈرۈشتە قىلسام، مەن ساتقان ئۆينى 14 مىڭ 500 تېلى نەرقىدە ئىجارىگە بېرىۋېتىپتۇ ۋە ئۆزى ئاشخانا ئېچىۋېتىپتۇ. مۇشۇ ئەھۋالدا مەندىن زاكات تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بەرمىگەن پۇلنى زاكاتقا ئۇدۇللىسام، ماڭا ۋە ئۇ قارشى تەرەپكە دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىجارىدىن كىرىم قىلىۋاتقان ۋە ياكى ئاشخانا ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، ھالال تىجارەت ياكى ئىش سەۋەبلىك قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان، قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كىشى بولسا زاكات بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما قايتۇرالايدىغان تۇرۇپ «زاكات يېسەم بولاتتى» دېسە بولمايدۇ. شۇڭا، ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىق سۈرۈشتە قىلىپ ياكى ئۆزىدىن يۈزتۇرانە سوراپ ئاندىن قارار قىلسىڭىز ياخشى.

286 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىھرامدا ئىھراملىققا چاپلىشىۋالغان چۇسىنى (تاختا قۇرۇسىنى) ئۆلتۈرۈپ قويسا قانداق جازا كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چۇسا، پاشا، يىلان، چايان كەبى زىيانداش ھاشاراتلارنى ئىھراملىق ھالەتتە ئۆلتۈرسە جازا ياكى فىدىيە كەلمەيدۇ.

287 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشىغا ئۆگەي بولغان بالىلارغا فىتر زاكىتى بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يولدىشى بەرسە بولىدۇ.

288 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن تىجارەت قىلىمەن، 2022 – يىلى رامازاندىن كېيىنكى قىلغان تىجارىتىمنىڭ پايدىسىنىڭ ئاز قىسمى قولۇمغا كەلدى. مەن بىرنەچچە يىل بۇرۇن «بىر يىل توشمىغان پايدىغا زاكات كەلمەيدۇ» دەپ ئاڭلىغانتىم. شۇڭا بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ زاكاتنى كېلەر يىلىغا ئايرىمدىم ياكى بۇ يىل ئايرىمدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قائىدە بۇيىچە، پايدا قولىمىزغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن زاكات ۋاجىب بولىدۇ. ئەگەر ھەر قېتىملىق پايدىنىڭ كىرگەن ۋاقتىنى ئىنچىكە خاتىرىلەپ، دەل بىر يىل توشقاندا زاكىتىنى ئايرىپ مېڭىش ئاسان بولسا، شۇ بۇيىچە قىلسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئەمەل قىلىش تەس بولغان جاپالىق بىر جەريان، بولۇپمۇ توختىماي مال كىرگۈزۈپ، مال چىقىرىپ تۇرىدىغان، ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە پايدا كىرىپ تۇرىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئەمەل قىلالىشى تەس. شۇڭا، ھەر رامازاندا قولىدا بار پۇللار ۋە ماللارنىڭ شۇ چاغدىكى بازار باھاسىدىكى قىممىتىنى توپلاپ، ئۇنىڭدىن تۆلەيدىغان قەرزىنى چىقىرىۋېتىپ، باشقىلاردىن ئالىدىغان قەرزىنى قوشۇپ نىسابقا يەتكەن ھالەتتە، %2.5 زاكىتىنى ئايرىۋەتكىنى ئەۋزەل.

289 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «قەدر سۈرىسى» ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. نېمە ئۈچۈن قۇرئان كېچىدە نازىل بولغان ياكى بولۇشقا باشلىغان؟ «مىڭ ئايدىن ياخشىراق» كەلىمەسىدە نېمە ئۈچۈن بۇ سان مىڭ؟ «مىڭ» سۆزىنىڭ ئەرەب ئادەتلىرىدە ئالاھىدە ئەھمىيىتى بارمۇ ياكى ئەرەبلەر ماتېماتىكىدىن شۇنىڭغىچە بىلەمتى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇرئان كەرىمنىڭ قەدر كېچىسىدە دۇنيا ئاسمىنىغا بىراقلا نازىل بولۇشى ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېچىدە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبى «كېچىنىڭ كۈندۈزدىنمۇ پەزىلەتلىك ۋە ئالاھىدە بولۇشىدىن بولغان» دېيىشكە بولىدۇ. شۇ جۈملىدىن «ئىسراﺋ» ۋەقەلىكى كېچىدە بولغان، تەھەججۇد ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈشى… قاتارلىقلار كېچىدە بولىدۇ. كېچىسى كۆڭۈل ئارامىدا، تىپتىنچ، مەشغۇلاتتىن خالىي بولىدۇ. جىمى پەرىشتىلەر دۇنيا ئاسمىنىغا كېچىسى چۈشۈشى مۇمكىن. پۈتۈن ئىشلارنىڭ پۈتۈلۈشى ۋە بېكىتىلىشىمۇ (قەدر) كېچىسى بولىدۇ. «مىڭ» كەلىمەسى ھەقىقەتەن مىڭنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، «ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىكى ئابىدلار مىڭ ئاي ئىبادەت قىلمىسا، ئابىد ھېسابلانمايتتى» دېگەن گەپمۇ بار. بۇ سەۋەبتىن بۇ كېچە مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە كۆپ ساننى ۋە مۇبالىغىنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر ئۆمۈرنى مىڭ يىل دەپ ئىپادىلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. 2/بەقەرە 96 – ئايەتتىمۇ شۇنداق مەنادا كەلگەن. قۇرئان نازىل بولغان چاغلاردىكى ئەرەبلەردە ئەڭ كۆپ سان مىڭ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، «ئۈچ مىڭ»، «بەش مىڭ» دەپ بىر مىليوننى مىڭ مىڭ دېيىشەتتى، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

290 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كىچىك بالىلارغا ئادەم ۋە ھايۋانلار سۈرىتىدىكى قورچاقلارنى ئېلىپ بېرىش توغرا بولامدۇ؟ ئۆيدە ساقلاشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلىرى، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىچىك بالىلارغا قونچاق، ئويۇنچۇقلار ھەممىسى رۇخسەت قىلىنىدۇ، بالىلارنىڭ قونچاقلىرىغا ۋە ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەتكە ھەم رۇخسەت قىلىنىدۇ. رۇخسەت بولغانىكەن، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسەك، ئۆيدە ساقلىساق جائىز بولىدۇ ھەم پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشىگىمۇ توسالغۇ بولمايدۇ.

291 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار تىرىشىپ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ. ئەمما، يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ ياردىمىدە جان بېقىۋاتىدۇ. بۇلار دەسلەپتە كەلگەندىن باشلاپ تىل ئوقۇمايدۇ ياكى كەسىپ ئۆگەنمەيدۇ، ئاندىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىزلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە جان بېقىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمىدۇ؟ دۆلەتتىن بەرگەن ئىجتىمائىي ياردەم (Sosyal yardım) ئۆيلەردە مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇپ كېتىشچۇ؟ بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسىنىڭ %30 ى ئەتراپىدا، قالغىنىنى ھۆكۈمەت تۆلەيدۇ. دەسلەپتە بىرنەچچە يىل ئولتۇرۇپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئوقۇش ياكى ئىشلەش ئارقىلىق دۆلەت ياردىمىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ ئۆز ئالدىغا ياشاش ياخشى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى، نۇرغۇن دىنىي ئىلىمدە ئوقۇغانلارمۇ مۇشۇ ھالەتتە بولۇپ: «مۇشۇنداق دۆلەت ياردىمىدە ياشاش ئارقىلىق كۆپرەك ۋاقتى بولسا، ئاندىن تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانغىلى ۋە كۆپرەك ئىبادەت قىلىپ ساۋاپ ئالغىلى بولىدۇ» دەپ قاراۋاتقانلارمۇ بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ساغلام ۋە ئىشلىيەلەيدىغانلارنىڭ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىشى پەرز. مەجبۇر بولۇپ ۋاقىتلىق ياردەم ئالسا ياكى سالامەتلىك جەھەتتىن ئىشلىيەلمەيدىغان كىشى ئۇزۇن مۇددەت ياردەم ئالسا جائىز. «ئىبادەتكە تولۇق ۋاقىت چىقىرىمەن» دەپ ئىشلىمەي يېتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئىشلەشنىڭ ئۆزى كاتتا ئىبادەت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىلارنى ئېلىپ، ئۇچىسىغا بىر باغلام ئۇتۇننى يۈدۈپ ئەكېلىپ، ئۇنى سېتىپ (تىرىكچىلىك قىلغىنى)، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى خارلىقتىن ساقلاپ قالغىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن يا بېرىدىغان، يا بەرمەيدىغان كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر»(«سەھىھەين») دېگەن. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەردە قايتا ئويلىشىپ بېقىش ۋە شۇ دىيارلاردىكى ئىشەنچلىك رەببانىي ئالىملاردىن سوراپ قارار ئېلىشى لازىم.

292 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سەدىقە فىترنى بېرىش توغرىسىدا ھەرخىل گەپ بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەر: «‹فىترغا پۇل بېرىش ئەۋزەل› دېگۈچىلەر ئەڭ ئېغىر بولغاندا كاپىر بولىدۇ» دەيدۇ. زادى پۇل بېرەمدۇق ياكى يېمەكلىكمۇ؟ بىزدەك ياۋروپادا ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىش تەسكە توختايدۇ. قانداق قىلساق توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتسۇن. بىز مۇشۇنداق تۈرلۈك دەتالاشلارنى قىلىپ ماڭغان مۇددەتچە بىزنىڭ بېشىمىزدىكى بۇ كۈلپەتلەر كۆتۈرۈلمەيدۇ. مۇجتەھىد ئىماملىرىمىز: «سەدىقە فىترغا پۇل بەرسە بولىدۇ» دېگەندىكىن، پۇل بەرسەك ئەلبەتتە بولىدۇ ھەم پۇل بېرىش ھازىرقى شارائىتتا ئەڭ مۇناسىپ. ھالىمىز شۇنچە ئېغىر ھالەتتە تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق دەتالاشلارنى تۇغدۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى جەڭگى – جېدەلگە سېلىپ قويۇش پىتنەخورلۇقتۇر، ئۆلىمالارغىمۇ ئارتۇقچە يۈكتۇر. بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇشمۇ بىر ئەخمەقلىق ئەلبەتتە. . ئىلگىرى يىللارچە «‹ئامىن› نى ئۈنلۈك دەمدۇق، مەخپىمۇ؟» «پايپاققا مەسھ قىلامدۇق، ياقمۇ؟» دەپ تارتىشىپ، ھازىر مۇھاجىرەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ: «فىترگە پۇل بېرەمدۇق ياكى بۇغدايمۇ؟» «سوھۇرلۇقتا لەغمەن يەمدۇق ياكى ھورنانمۇ؟» دەپ بىھۇدە تالىشىش سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق ۋە بىغەرەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئاسانلىق بەرسۇن. سەدىقە فىترگە پۇل بەرسەك بولىدۇ، ھازىر ئەڭ مۇناسىپىمۇ شۇ. زاكاتتىمۇ قىممىتىنى بېرىشكە بولىدۇ. يەنە كەففارەتلەردە، ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ يۈكلىۋالغان ئىشلاردا، فىتىر سەدىقىسىدە ۋە ئۆشرلەردە قىممىتىنى بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى﴾(9/«تەۋبە»: 103) دېگەن. مانا بۇ بېرىلگەن پۇلنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلىدۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: «ماڭا زاكىتىڭلارغا ھېسابلاب ئارپا بىلەن قوناق ئورنىغا تون ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدىكى ساھابەلىرىگە ياخشىراق» دېگەن(«بۇخارىي»، «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش توغرىسىدا» دېگەن باب) ۋە ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئەيىبلىمىگەن. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام شەرىئىتىنى، جۈملىدىن ھالال ۋە ھارامنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ساھابەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەنگە ۋالىيلىققا تەيىنلىگەن. يۇقىرىقى سۆزىنى ئۇ زاكات يىغقاندا ئېيتقان. يەمەن شۇ ۋاقىتتا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى. شۇڭا، يەمەنلىكلەر ئۈچۈن زاكاتقا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك بېرىش ئەڭ قولاي ئىدى، مەدىنەدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ يوقسۇللىرىنىڭ بولسا رەخت ۋە كىيىم – كېچەككە بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى، مەدىنەدە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىلمايتتى. بۇ ھەدىس يىللىق زاكات توغرىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، سەدىقە فىترمۇ بىر خىل زاكات بولغاچقا، بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەلىل بولىدۇ. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرىمۇ سەدىقە فىترنى پۇل ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئاشۇ ھەدىسنى ۋە باشقا بىرنەچچە سەھىھ ھەدىسنى «سەھىھۇلبۇخارىي»دا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ چاغدا كىشىلەرگە قولاي بولغان ئاشلىق تۈرلىرىنى تىلغا ئالغان، «ئۇنىڭدىن باشقىنى بەرسەڭ بولمايدۇ» دېمىگەن، ساھابەلەرمۇ ئۇنداق دېمىگەن. ھەدىسلەردە مەلۇم تۈردىكى ئاشلىقتىن بىرنەچچىنى سانىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابەلەر ئارپا ۋە خورمىنىڭ ئورنىغا بۇغداي ھېسابلاپ بەرگەن. بۇمۇ قىممىتىنى ھېسابلاپ بېرىشتىن ئىبارەت. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بەسرەدىكى ۋالىيسىغا: «دۆلەت مائاشىدىكىلەرنىڭ مائاشلىرىدىن ھەربىر كىشى ئۈچۈن يېرىم تەڭگە سەدىقە فىتر ئېلىنىدۇ» دەپ ھۆججەت چۈشۈرگەن(«مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 10368، 10369. بۇ ھەدىسنى شەيخ مۇھەممەد ئەۋۋامە «سەھىھ» دەپ باھالىغان). ھەسەن بەسرىيمۇ: «سەدىقە فىترگە تەڭگە بەرسىمۇ بولىدۇ»(«مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 10370) دېگەن. شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرساق، زاكات بېرىشتىن بولغان مەقسەتنىڭ كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىكى پۇل – مالنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز. بۇ مەقسەت تەڭ قىممىتىنى بېرىشتىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ. بەلكى تېخى تەڭ قىممىتىنى بېرىش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشىغا بەكرەك مۇناسىپ كېلىشى مۇمكىن. ھەدىستىمۇ: «ئۇلارنى مۇشۇ كۈندە موھتاج قىلىپ قويماڭلار» دېگەن. ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، چوڭ شەھەرلەردە بۇغداي، گۈرۈچ تارقىتىلغان ئەھۋالدا كەمبەغەل ئۇنى بازاردىكى باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ، پۇلغا ئايلاندۇرۇپ خەجلەيدۇ. نەتىجىدە يا بۇغداينى يەپ پايدىلىنالمايدۇ، يا ئۇنىڭ بازاردىكى باھاسىدىن پايدىلىنالمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، كىم نېمە دېسە ئەگىشىپ كېتىۋەرمەسلىك لازىم. بۇ دىننىڭ ئىگىسى بار. دىنىڭلارنى كىمدىن ئالغانلىقىڭلارغا قاراڭلار!

293 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توي – تۆكۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك يىغىلىشلاردا: «نەق پۇل ياكى ماددىي بۇيۇملاردىن پالانى ماڭا 100 دوللار قىممىتىدە ھەدىيە ئەكەلگەن ئىدى، شۇڭا مەنمۇ 100 دوللار قىممىتىدە ياكى شۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ھەدىيە ئاپارمىسام بولمايدۇ» دەپ ئەكەلگەن ھەدىيەلەرنىڭ باراۋېرىنى ياكى زىيادە قايتۇرۇپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ ئېلىشنى تاما قىلىپ تۇرۇپ ئۆزئارا ھەدىيەلىشىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە دىنىمىزدا قانداق كۆرسەتمىلەر بار؟ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا سوۋغا قايتۇراتتى(«بۇخارىي»، 2585). بۇ ئىشلاردا ئۆرپ – ئادەت بويىچە ئىش تۇتسا بولىدۇ. فىقھىي ھۆكۈم جەھەتتىن ھەدىيەنى قايتۇرۇشنى شەرت قىلغان ئەھۋالدا قايتۇرۇش كېرەك. شەرت قىلمىغان ئەھۋالدا خاھلىسا قايتۇرىدۇ، خاھلىسا قايتۇرمايدۇ. ئىمام مالىكنىڭ قارىشىچە، ئادەتتە پېقىرلارنىڭ بايلارغا قىلغان ھەدىيەلىرى كۆپىنچە ئەھۋالدا قايتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ. ئىمام ئەزەمنىڭ قارىشىدا، قايتۇرۇشنى شەرت قىلمىسا، قايتۇرۇشى كېرەك بولمايدۇ. ھەدىسلەردە كېلىشىچە، بىر كىشى ھەدىيەسىگە ھەدىيە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ھەدىيە قايتۇرغان ۋە ئۇنى ئەيىبلىمىگەن(«تىرمىزىي»، 3946).

294 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ بىلىشىمچە، مۇئاۋىيە خەلىفەلىكى زامانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە خىلافىتى بولۇشىغا قارىماي، مەككىنى ئاساس قىلىپ خىلافەتلىك قۇرۇپتىكەن ھەم يەتتە يىلدەك خەلىفە بولغانىكەن، كېيىن ھەججاج ئىسىملىك قوماندان تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغانىكەن. مېنىڭ سوئالىم: دىنىمىزدا خەلىفەلىك بار ھالەتتە يەنە بىرنى قۇرۇش چەكلەنگەن، بىز بۇ يەردە ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن دەپ قارامدۇق ياكى ئۇنداق قارىمامدۇق؟ بەزى ئۇستازلار دەرسلىرىدە: «گۇناھ ئەمەس» دەيدىكەن، ئەكسىچە ماختايدىكەن. يەنە ھەججاج دېگەن ۋەزىرنى بەزى ئۇستازلار ساھابەلەرنى ئۆلتۈرگەن جاللاتتەك تەسۋىرلەيدىكەن، يەنە بەزى ئۇستازلار: «ئىسلامنى تۈركىستان دىيارلىرىغا يايغان مۇجاھىد» دەيدىكەن. يا مەن تارىخنى خاتا بىلىۋالدىممۇ؟ مۇشۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىز ئېيتقان مەلۇماتلاردا خاتالىق بار. چۈنكى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 41 / م. 661 – يىلى خىلافەتكە بەيئەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بەيئەت قىلغان ۋە چىرايلىق ئىتائەت قىلىپ ئۆتكەن. ھ. 45 / م. 665 – يىلى خەلىفەنىڭ ئافرىقىغا ئەۋەتكەن قوشۇنلىرىدا جىھاد قىلغان ۋە ھ. 49 / م. 669 – يىلى مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىدنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئىستانبۇلنى فەتھ قىلىش ھەملىسىگە قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ئەنە شۇنداق ياخشى داۋاملاشقان. تاكى ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئوغلى يەزىدنى ۋەلى ئەھد قىلىپ تەيىنلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەيئەت ئېلىشقا ئۇرۇنغىنىدا، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير كېڭەش ۋە سايلاش ئاساسىدىكى خىلافەتنى پادىشاھلىق ۋە مىراسخورلۇق ئاساسىدىكى تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان بۇ ئىشقا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەزىد كۈچ ئىشلىتىشتىن باشقا ئامال قىلالمىغان. نەتىجىدە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 61 مۇھەررەم / م. 680 ئۆكتەبىردە شەھىد قىلىنغان. بۇ ئەسنادا ھىجاز خەلقى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەتراپىغا توپلاشقان. دەل شۇ پەيتتە ھ. 64 / م. 685 – يىلى يەزىد ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى مۇئاۋىيە خەلىفە بولۇشنى رەت قىلغان. مانا شۇ چاغدا ئاندىن ئابدۇللاھ ئۆزىنى خەلىفە دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئىئوردانىيە ۋالىيسىدىن باشقا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن خەلىفە بولغان. ھەججاجمۇ چوڭ مۇجاھىد قوماندانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ سالغان زۇلمىمۇ ئېغىر، پاكىستان ۋە تۈركىستان دىيارلىرىنىڭ فەتھ قىلىنىشىدا قوشقان تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس. ھەججاجنىڭ بىلىنمىگەن ئىش – ئىزلىرىنى بىلىش ئۈچۈن مۇنۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققايسىز:

ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىينىڭ ھاياتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى

295 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز فىتر سەدىقىسنى بىر ھەمشىرىمىزنىڭ پۇلغا جىددىي ئېھتىياجى بولغانلىقتىن، رامازاننىڭ 2 – كۈنى بېرىۋەتكەن ئىدۇق، ھازىر رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قايتا بېرىشىمىز ئەۋزەلمۇ ياكى بەرمىسەكمۇ رامازان ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ قالغان بەزىبىر كەمچىلىكلىرىمىزگە كەففارەت بولۇۋېرەمدۇ؟ فىتر سەدىقىسىنى رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بېرىش سۈننەت بولغاچقا، «كاشكى ئاخىرقى كۈنلىرى بەرسەك ئەۋزەل بولغىيمىدى» دەپ قالدۇق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قايتا بېرىش ھاجەتسىز. شۇ يېتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاكاتنى ئالدىن بېرىشنىڭ جائىزلىقى جىمى ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقلاشقان ھۆكۈم. سەدىقە فىترمۇ زاكاتقا ئوخشايدۇ.

296 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 2011 – يىلى سىلى بىر نىكاھ ئوقۇغاندا يىگىتتىن: «پالانچى خېنىمنى نىكاھىڭىزغا ئالدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغانلىرىدا، «ئالدىم ئىنشائاللاھ» دېسە، «ئىنشائاللاھ» دېمەي، «ئالدىم! دەڭ» دېگەن ئىدىلە. دېمەك، «ئىنشائاللاھ» سۆزى ئاشۇ ئورۇندا ئىشلىتىلمەيدۇ. كۆپ ئەھلى ئىلىملەردىن باشقا قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىدا، كەينىگە ئۇلاپلا «ئىنشائاللاھ» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن، بۇ سۆزنى دۇئانىڭ كەينىگە قوشسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. توغرا. نىكاھتا «ئالدىم»، «تەگدىم» دېگەن چاغدا، «ئىنشائاللاھ»نى قوشۇپ دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە كېسىپ گەپ قىلىش لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ خاھلىشىغا قويۇپ قويغان ئەھۋالدا ياكى مۇئەللەق قىلىپ قويغان ئەھۋالدا، نىكاھ مۇئەللەق بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ خاھلىغانلىقىغا قارىتا بىزگە ۋەھىي كەلمىگەندىكىن، بىز ئۇنى بىلەلمەيمىز. شۇڭا، نىكاھ توختامىنى كېسىپ قىلىشىمىز لازىم. دۇئا قىلغاندا «ئىنشائاللاھ» دېيىش تەبەررۈك يۈزىسىدىن دېيىلسە، جائىز. ھەم ئاللاھ تائالا سەدىقە فىتر قاتارلىق ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىشنى خاھلىسا، ئاندىن قوبۇل بولىدۇ. شۇڭا، ئالىملار: «بىرەر ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قارىتا ۋە دۇئالاردا ‹ئىنشائاللاھ› دېسە بولىدۇ» دەيدۇ.

297 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن! ئامىن. بىر قېرىندىشىمىز خىزمىتى سەۋەپلىك ۋە نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش پەرز بولغانلىق سەۋەپلىك پەرز نامازنىلا ئوقۇشقا بەك تەستە ۋاقىت چىقىرالايدىكەن، سۈننەت نامازلارنى بولسا ئوقۇيالمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شۇ ئوقۇغان پەرز نامازلىرى كۇپايىمۇ ياكى كەچتە ئۆيىگە قايتقاندا، سۈننەت نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇشى كېرەكمۇ؟ ئوقۇمىسىا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەرز نامازنى ئوقۇشقىلا ۋاقتى يېتىپ، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشقا ۋاقتى يەتمەيدىغان خىزمەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ تەس. چۈنكى، كۈندۈزدە ئىشلەيدىغان بولسا پېشىن بىلەن دىگەردىلا، كېچىدە ئىشلەيدىغان بولسا خۇپتەننىڭ ۋاقتىدىلا سۈننەتنى ئوقۇشقا ۋاقىت قىس بولۇشى مۇمكىن. ھېچيەردە بىركىشى 24 سائەت ئىشلەيدىغان خىزمەت بولمايدۇ. شۇڭا، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش خىزمەتكە تاقىشىپ قالغاندا، بىرەر قېتىم ئوقۇيالمىغان بولسا مەيلى، لېكىن ئۆيدە قازاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ. قازاسىنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا جازا كەلمەيدۇ. چۈنكى، سۈننەت دائىرىسىدىكى ئىش بولغاندىكىن، ئەلبەتتە پەرز نامازدىن پەرقلىقتۇر. ئەمما، سۈننەت نامازلار پەرز نامازلارنى قوغداپ تۇرىدىغان ۋە پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئىنساننىڭ قەلبىنى تەسىكىن تاپقۇزغۇچى قالقان بولغاندىكىن، قوغدىغۇچى سۈپەتتە مۇئامىلە قىلىپ داۋاملىق ئوقۇش لازىم. ساھابە كىراملارنىڭ ھېچبىرى سۈننەتكە سەل قارىمايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن تاشلاپ قويۇشمۇ خەتەرلىك. بەزى جىددىي ئەھۋاللاردا ئوقۇيالماي قالسىمۇ، باشقا چاغلاردا چوقۇم ئوقۇش لازىم ھەم خىزمەت ئۈستىدە ئوقۇيالمىغان سۈننەت نامازلارنى ئۆيىگە قايتقاندا بولسىمۇ ئوقۇۋالسا ياخشى، لېكىن قازاسىنى قىلىش پەرز ئەمەس، سۈننەتتۇر. شۇڭا، ئەگەر بىرەر قېتىم سۈننەتنى ئوقۇيالمايدىغان بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا، بولمىسا، ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلالايدىغان باشقا مۇناسىپ خىزمەت تاپسا ياخشى بولىدۇ.

298 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەبرىستانلىققا گۈل تېرىش ۋە ياكى كۆچەت تىكىش بىدئەتمۇ ياكى تېرىساق بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 507 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

299 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەسر كەلمەيدىغان يەردە نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغان بولسام، ئاندىن بۇنى بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بىلگەن بولسام، قايتىدىن ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟ قانچە كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسامچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 85 كىلومېتىردىن قىسقا ئارىلىققا بېرىشتا ياكى بارغاندا قەسر قىلغان ئەھۋالدا خاتا قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، قەسر قىلغان نامازلىرىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك. سانىنى بىلمىسە تاكى «قازاسىنى ئوقۇپ بولدۇم» دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولغۇچە تەخمىن قىلىپ ئوقۇيدۇ.

300 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يۈزدىكى مەڭنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈپ قالغان تۈكنى يۇلۇۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تور بېتىدىكى بۇ پەتۋاغا مۇراجىئەت قىلغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6362&uls=uu

Please follow and like us: