پەتۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار(1)

پەتۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار(1)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

پەتۋانىڭ لۇغەت مەنىسى

ئەرەب تىلىدا پەتۋا دېگەن سۆز «ئىفتاﺋ» دېگەن مەستەر(1)دىن چىققان بولۇپ، «سورالغان سوئالنىڭ جاۋابىنى بايان قىلىپ بېرىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا: ﴿فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَا / ئۇلاردىن سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىزنى يارىتىش قىيىنمۇ؟﴾(37/«ساففات»: 11) دەيدۇ.

پەتۋا سۆزى يەنە «چۈشكە تەبىر بېرىش» مەنىسىدىمۇ كەلگەن بولۇپ، «قۇرئان» كەرىمدە مىسىر پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفْتُونِي فِي رُؤْيَايَ / چۈشۈمگە تەبىر بېرىڭلار﴾(12/«يۈسۈف»: 43).

پەتۋا يەنە فەقىھنىڭ بىلىۋېلىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿يَسْتَفْتُونَكَ / سەندىن پەتۋا سورىشىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 176) دەيدۇ.

شۇڭلاشقا، ئەھكام مەسىلىلىرىگە قارىتا سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى ئالىملارمۇ پەتۋا سۆزىدىن تۈرلىنىپ چىقىدىغان «مۇفتى (پەتۋا بەرگۈچى)» نامى بىلەن ئاتالغاندۇر(2).

پەتۋانىڭ ئىستىلاھ (ئىستېمال) مەنىسى

مەلۇم مەسىلىگە دۇچ كېلىپ ئۇنىڭ ھۆكمىنى سورىغان كىشىگە شەرىئەت ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ(3).

مۇفتى – شەرئىي ئىشلاردا جاۋاب بەرگۈچى(4).

دېمەك، مۇبتى پەتۋا بەرسە مۇكەللەفكە(5) ئېنىق بولمىغان بىر ئىشتا ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بەرگەن بولىدۇ.

كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىسلام دۇنياسىدا مۇفتى دېگەن ئىسىم دىنىي ئەمەلنى كۆزدە تۇتسا، بەزىدە مۇستەھكەم فىقھىي ئاساسى بار ئالىمنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

پەتۋانىڭ تارىخى

تۇنجى پەتۋا بەرگەن زات ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالادۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿قُلِ اللَّـهُ يُفْتِيكُمْ﴾(4/«نىساﺋ»: 127) دەيدۇ.

ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپىسىرىدە: «يەنى سىلەر سورىغاننى بايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن(6).

ئاندىن كېيىن پەتۋا بەرگەن زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجازىتى بىلەن باشقا بىرقانچە ساھابە كىراملەرمۇ پەتۋا بەرگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىننى تولۇق يەتكۈزگەندىن باشقا يەنە «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»نى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ لىنيەنى بويلاپ ئەھلى ئىلىملەر دىننى يەتكۈزدى. ئاللاھ تائالا دىن ئەھكاملىرىنى بىلمەيدىغانلارنى ئىلىم ئەھلىدىن سوراشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئەھلى ئىلىملەرنى ئۆزلىرىدىكى ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە، ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان.

مانا بۇ پەتۋانىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ۋە نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام شاتىبىي مۇفتىنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنىنى تەسۋىرلەپ: «مۇفتى دېگەن ئۈممەت ئىچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئورنىدا تۇرغۇچىدۇر» دېگەن(7).

كېيىنچە ئىسلام دۆلىتى مۇفتىلىككە مەخسۇس بىر مەنسەپ تەييارلاپ، دۆلەت ئىشلىرىدا شۇ مۇفتىنىڭ پەتۋاسى بويىچە ئىش تۇتۇپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۆلىمالارمۇ سورالغان ۋەقەلىكلەرگە قارىتا پەتۋا بېرىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ پەتۋاسى مۇفتىنىڭكىگە بەزىدە ئوخشىمىغان بولۇپ، پەتۋا بېرىش شۇ تەرىقىدە مېڭىپ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى بايان قىلىشتا ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر دىنىي خىزمەت بولۇپ قالغان.

مۇفتىلىق بىلەن قازىلىق ۋەزىپىسىنىڭ پەرقى

قازىلىق دېگىنىمىز، ھۆكۈمنى بايان قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلدۇرالايدىغان مەمۇرىي ھوقۇقتۇر.

مۇفتىلىكمۇ مەمۇرى ھوقۇق بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ھۆكۈمنى باشقىلارغا تاڭالمايدۇ. پەتۋا سورىغۇچى خاھلىسا، پەتۋاغا ئەمەل قىلىدۇ. خاھلىمىسا، ئەمەل قىلمايدۇ.

قازىنىڭ ھۆكمى دەۋالاشقانلارغىلا خاس بولىدۇ. لېكىن، مۇفتىنىڭ پەتۋاسى سورىغانلارغىمۇ، باشقىلارغىمۇ ئومۇمىي بولىدۇ.

مۇفتىنىڭ پەتۋاسى بىرەر ۋەقەلىككە، بىرەر ئورۇنغا ياكى زامانغا خاس بولۇشىمۇ، ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما، قازىنىڭ ھۆكمى مەلۇم زامان – ماكانغا ياكى ۋەقەلىككە باغلىنىدۇ.

مۇفتى پەتۋا بېرىشىدە ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمايدۇ. شۇڭا، مۇفتى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە بالىچاقىلىرىغا پەتۋا بېرەلەيدۇ. قازى بولسا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋالارغا قارار چىقىرالمايدۇ.

قازى پەقەت قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان ئەھۋالدىلا ھۆكۈم قىلالايدۇ. مۇفتى بولسا مەمۇرىي خىزمىتىدىن سىرتمۇ پەتۋا بەرسە بولىدۇ.

مۇفتىلىق بىلەن ۋائىزلىقنىڭ پەرقى

ۋەز دېگىنىمىز، نەسىھەت قىلىپ ئاخىرەتنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمرىمەرۇپ، نەھىمۇنكەر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەرۇپ دېگەن شەرىئەت بۇيرۇغان ئېتىقاد، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتۇر. مۇنكەر دېگەن شەرىئەت چەكلىگەن ئېتىقاد، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەر قىلغان ھەرقانداق كىشى ۋائىزدۇر.

مۇفتى بولسا سورالغان ۋەقەلىككە قارىتا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بەرگۈچىدۇر. لېكىن، مۇفتىلىق قىلىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رېئال ھاياتىنى، ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرەر خەتەرلىك ئىشقا كىرىشىپ قالغانلىقى ئايان بولسىلا، سورالغان سوئالنى بايان قىلىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ قويۇشى لازىم بولىدۇ. ئادەتتە پەتۋا سوراش جەريانى ئارقىلىقمۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ نەقەدەر يامانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. بۇ جەھەتتىن مۇفتىمۇ ۋەز – نەسىھەت، ئەمرىمەرۇپ، نەھىمۇنكەر قىلىش، ئادالەتكە بۇيرۇش، مەسلىھەت بېرىش، تەسەللى بېرىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا يار – يۆلەكتە بولۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تەڭ ئېلىپ بارالايدۇ.

پەتۋانىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج

ئىمام قەرافىي پەتۋا بەرگۈچىنى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان «تەرجىمان»غا ئوخشاتقان. چۈنكى، پەتۋا بەرگۈچى ئاللاھنىڭ مەقسەت – مۇرادىنى ئايەت – ھەدىستىن بىۋاسىتە چۈشىنەلمەيدىغانلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىگە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ(8).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، پەتۋا بەرگۈچىنى «ئاسمان – زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى نامىدا ئىمزا قويغۇچى» دەپ قارىغان(9).

دېمەك، يۇقىرىقىلار بىر جەھەتتىن پەتۋانىڭ ئىمام قەرافىي ئېيتقاندەك «تەرجىمانلىق» ياكى ئىمام ئىبنۇلقەييىم دېگەندەك «ئاللاھ نامىدا ئىمزا قويۇش»تەك بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ۋەزىپە ئېكەنلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن، پەتۋا سورىغۇچى ئۈچۈنمۇ پەتۋانى ئاددىي چاغلىماسلىق، ئۇنىڭ ئەدەب – قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پەتۋا بەرگۈچىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىلمىي ئىجتىھادىنىڭ قەدر – قىممىتى شەرىئەت نەزەرىدە شۇ قەدەر يۇقىرى ماقامدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدە ئالىملار ئۆز پەتۋالىرىدا: «ئاللاھنىڭ ھۆكمى مۇنداق»، «ئىسلامنىڭ ھۆكمى مۇنداق» دېگەندەك ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن ئىدى.

ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدىن باشلاپ مەزھەبچىلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، تەقلىدچىلىك يوللۇقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە، پەتۋا تەقلىدكە تايىنىدىغان بولۇپ قالدى. پەتۋا بەرگۈچىلەرنىڭ سانى قانچە بولسا، بىر ۋەقەلىكنىڭ ئۆزىدىلا «ئاللاھنىڭ ھۆكمى» شۇنچە كۆپ بولۇپ، ھارام دەيدىغانلارمۇ «شەرىئەت ھارام قىلدى» دېسە، مۇباھ دەپ قارىغانلارمۇ «شەرىئەت مۇباھ قىلدى» دەيدىغان بولدى. پەتۋا ساھەسىدىكى بۇ سەلبىيلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەركىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا خىتاب قىلالايدىغان ئىمكانىيەت يارىتىلغان ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى قولايلىشىپ كەتكەن بۇ دەۋرىمىزدە ۋابا كەبى يامرىدى.

دەۋرىمىزدىكى ئىلمىي تەرەققىيات، تۇرمۇش ۋە مۇئامىلە يېڭىلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈز بېرىدىغان خىلمۇخىل ۋەقەلىكلەر مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىشكە، ھالال – ھارامنى، توغرا – خاتانى ئايرىشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرماقتا. بۇلارنى بىلىۋېلىش شەرىئەت ئۆلىمالىرىدىن سوراش ئارقىلىق بولىدۇ، ئەلبەتتە.

دىيارىمىزدا رەسمىي پەتۋا ئورگانلىرى بولمىغاچقا، پەتۋانى ئەھلى ئىلىملەردىن سوراشقا توغرا كېلىدۇ. پەتۋا بەرگۈچى بولماي قالسا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ، ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام دەپ قالىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى بىلىپ – بىلمەي قىلىۋېرىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ جەھەتتىن، كىشىلەرنىڭ پەتۋا بەرگۈچىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى تەننىڭ ۋاقىتلىق خاراب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، توغرا يولدا مېڭىش ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئازابقا دۇچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كاتتا مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەھكاملارنى يەكۈنلەش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان، خالايىق پەتۋادا شۇلارنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان، ھالال – ھارامنىڭ قائىدىلىرىنى بېكىتىشكە كۈچ چىقارغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ زېمىندىكى ھالىتى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك بولۇپ، ئۇلار بىلەن قاراڭغۇدا تېنەپ يۈرگەنلەر يولىنى تاپالايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئېھتىياجى يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجىدىن زور بولۇپ، «قۇرئان»دا ئېنىق كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتىنمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان پەرزدۇر»(10). ھەقتائالا ئېيتىدۇ:

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر بىرەر دىنى مەسىلىدە تالاش – تارتىش قىلىپ قالساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىپ بىلىۋېلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى، چۈشىنىش جەھەتتىنمۇ ياخشىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 59).

دېمەك، بۇ ئايەتتە ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا ئىختىلاپلىشىپ قالغانلارنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ بىلىۋېلىشقا بۇيرۇغاندۇر. ئۆلىمالاردىن باشقىلار ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش يولىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئايەت سوئالنى ئۆلىمالاردىن سوراشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، سورىغۇچىنىڭ جاۋاب بېرىلگەن پەتۋاغا ئەمەل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھالبۇكى، ھالال – ھارامنى بىلىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلار نۇقتىسىدىن، پەتۋا بېرىش ئىشى شۇنداق ئالىي مەرتىۋىدە بولۇش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى كۈندە سەلەف سالىھلارنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى – يېڭى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەددى – ھېسابسىز كۆپىيىپ كېتىشى، ھۆكۈمنىڭ شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭمۇ تۇراقسىز بولۇشى ۋە نەتىجىدە، قىياس ئىشىنىڭمۇ قىيىنلىشىش ھالىتىگە ئۆتۈشى قاتارلىق ئامىللار پەتۋانىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە پەتۋاغا بولغان ئېھتىياجنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

پەتۋا بېرىشنىڭ ھۆكمى

پەتۋا بېرىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، گەرچە پەتۋا بېرىشتە كىمنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولۇشى ھەققىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئەمما پەتۋا بېرىش ئىشىنىڭ پەرز كۇپايە دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر. چۈنكى، كىشىلەرگە پەتۋا بېرىپ تۇرىدىغان ئۆلىمالار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن، مۇفتىلارنى بەلگىلەش دىننى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ پەرز ئەمەل دائىرىسىگە كېرىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پەتۋا بېرىش ئەھلى ئىلىملەرگە پەرز كۇپايە بولۇپ، پەتۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلاردىن بىرى پەتۋا بەرسە، باشقىلاردىن ۋاجىبلىق ساقىت بولىدۇ. ئەگەر پەتۋا بەرگۈچىلەر تېپىلمىغانلىقتىن پەتۋا بېرىش بىرەر ئالىمغا مۇئەييەنلەشكەن بولسا، پەتۋا بېرىشى پەرز ئەينگە ئايلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ:

﴿ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان!﴾(3/«ئال ئىمران»: 187).

ئەئرەج رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: «ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ‹ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﻛﯚﭖ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ› ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ» دېگەندىن كېيىن، ﴿ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﮪﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮪﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﺯۇۋﻩﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﻱ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻻ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﯞﺑﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭﻣﻪﻥ. ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭﻣﻪﻥ﴾(2/«بەقەرە»: 159 – 160) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ تىلاۋەت قىلدى ۋە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ، ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﯨﻲ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ يۈرۈشەﺗﺘﻰ، (مەنكى) ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﺳﯩﻼ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎندۇر»(11).

ئىمام سۇيۇتىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەرز كۇپايىلەرنى تىلغا ئېلىپ: «بىر ئىقلىمدا بىر مۇفتى يېتەرلىك ئەمەس، ئۆلچەم شۇكى، ئىككى مۇفتى ئارىلىقى نامازنى قەسىر قىلغۇدەك ئارىلىقتىن يىراق بولماسلىقى كېرەك» دېگەن(12).

مۇفتىلار بىر تەرەپ قىلمىسا زادى بولمايدىغان ئىشلاردا پەتۋا بېرىشتىن باش تارتسا بولمايدۇ. ئەمما، بىلىش زۆرۈر بولمىغان ئارتۇقچە ئىشلاردا پەتۋا بېرىشى ۋاجىب بولمايدۇ(13).

بۇ ھەقتە ئىمام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن 120 نەپەر ئەنسارىنى كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ بىرىدىن بىرەر مەسىلە سورالسا، بۇ ئۇنىڭغا، ئۇ بۇنىڭغا يوللاپ ئاخىرى چۆرگىلەپ دەسلەپكىسىگە كېلىپ قالاتتى» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلاردىن ھەربىرى قېرىندىشىنى جاۋاب بېرىپ ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتى» دېگەن. ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار: «كىشىلەر سورىغان ھەممە مەسىلىگە پەتۋا بەرگەن كىشى ساراڭدۇر» دېگەن(14).

بىلمەي پەتۋا بېرىشنىڭ خەتىرى

پەتۋا ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى ۋە ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدىكى ھۆكمى قاتارلىقلارنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دىنغا دائىر ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ناۋادا پەتۋا خاتا بېرىلىپ قالسا، بىلىپ – بىلمەي ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولۇش خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ. ۋاھالەنكى، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان. ﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنى ھارام قىلدى. گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشنى ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى»﴾(7/«ئەئراف»: 33).

﴿ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ﴾(16/«نەھل»: 116).

يۇقىرىقى ئايەتلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلىش بىلەن بىرگە ھالال ياكى ھاراملىق ھۆكمى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنىمۇ «ھالال» ياكى «ھارام» دەپ كېسىپ ئاتاشنى يالغان سۆزلىگەنلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بىلمەي پەتۋا بېرىش باشقىلارنى ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، خەتىرى يامان ئىشتۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېگەنلىكىنى ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ: «ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻼ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، شۇنىڭ بىلەن ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﻪﺗﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ – ﺩﻩ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﺰﯨﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ»(15).

ئىمام مالىك: «مۇسۇلمانلارنىڭ پەتۋالىرىدا ‹ماۋۇ ھالال›، ‹ماۋۇ ھارام› دېيىش يوق بولۇپ، ئۇلار: ‹بىز ماۋۇنى يامان كۆرىمىز›، ‹مەن بۇنى قىلمايمەن› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى» دېگەن(16).

دېمەك، ئالىملار ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە مۇفتىنىڭ «ماۋۇ ھالال، ماۋۇ ھارام» دېيىشىنى يامان كۆرگەن. بۇ سۆزلەر پەقەت ئاللاھ ئېنىق بايان قىلغان ئىشلارغا دېيىلىدۇ. ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە بولسا «مەن ماۋۇنى يامان كۆرىمەن» ياكى «ياقتۇرمايمەن» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق دېگەندىلا ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرۇپ قېلىشتىن يىراق بولغىلى بولىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەلەفلەر ئالدىراپ بىرنەرسىگە ھالال ياكى ھارام دەۋەتمەيتتى.

مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر: «ئالىم – ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدا تۇرغۇچىدۇر. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئوبدان قارىشى لازىم!» دېگەن.

بۇ سەۋەبتىن سەلەفلەر «پەتۋا بېرىشكە ئالدىرىغان كىشى ئىلمى ئاز كىشىدۇر» دەپ قارايتتى.

ئىمام شەئبىيدىن بىر مەسىلە توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇ: «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن، ئۇنىڭغا:

— ئۆزلىرى ئىراقنىڭ فەقىھى تۇرۇپ «بىلمەيمەن» دېگەنلىرىدىن خىجىل بولمامدىلا؟ — دېيىلگەندە، ئۇ:

— پەرىشتىلەرمۇ «بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز» دېيىشتىن خىجىل بولمىغان، — دېگەن(17).

پەتۋا ئىشى ئەنە شۇنداق خەتەرلىك بولغاچقا، ئالىم كىشى سورالغان بەزى پەتۋالارغا قارىتا باشقىلار جاۋاب بەرسۇن دەپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلسىمۇ بولىدۇ. پەتۋانى ئالدىرىماي بەرسىمۇ بولىدۇ. خاھلىغىنىغا جاۋاب بېرىپ، خاھلىغىنىغا جاۋاب بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

لېكىن بەزى ئۆلىمالار «بىلمەيدىكەن» دەپ قالارمۇ دەپ پەتۋاغا ئالدىراپ كېتىدۇ. ئۆزىنى چوڭ – كىچىك ھەرقانداق سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغان يېتۈك مۇجتەھىد قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى گۇناھكار بولۇپلا قالماي، سورىغۇچىنىڭ خاتا پەتۋاغا ئەمەل قىلغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

پەتۋا سوراش ۋە بېرىشنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشىلىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەتۋا سوراشمۇ كۆپ، بېرىدىغان ئەھلى ئىلىملەرمۇ كۆپ. بۇ بىر قاراشقا ھازىرقى ئۈممەتتىكى خەيرلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، مەيلى ئىبادەت، مەيلى مۇئامىلە، مەيلى تەقۋادارلىقنى كۈچەيتىدىغان مەسىلىلەردە بولسۇن، ئومۇمەن، دىن ئەھكاملىرى ھەققىدە كۆپلەپ سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى سوئال سورىغۇچىنىڭ ھەقنى تونۇپ، ھەقكە ئەگىشىشنى ۋە يامانلىقتىن نېرى تۇرۇشنى چىن كۆڭلىدىن خاھلايدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

شۇنىڭدەك، ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى سوراش بىلەن بولدى قىلىپ، تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز سوئاللارنى سورىماسلىق، جاۋابىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇچرىغانكى ئىلىم ئەھلىدىن قايتا سوراۋەرمەسلىك، مەسىلىنىڭ جاۋابى بېرىلىپ تۇرسىمۇ كوچىلاپ سوراۋەرمەسلىك پەتۋا سورىغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەب – قائىدىلەر ھېسابلىنىدۇ.

بەزىلەرنىڭ سوئالنى سوراشتىكى مۇددىئاسى بېرىلگەن پەتۋاغا ئەمەل قىلىش ياكى جاۋابىنى بىلىۋېلىش بولماستىن، بەلكى ئەھلى ئىلىملەر بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىدا سۆھبەت تېمىسىنى تاپالمىغانلىقتىن ياكى بىرەر سورۇندا پەقەتلا سورۇننى قىزىتقۇسى كەلگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.

2/«بەقەرە» سۈرىسىگە قارايدىغان بولساق، كالا ۋەقەسى سۆزلىنىدىغان ئايەتلەر بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ سوئال سوراش ئەدەب – قائىدىسىگە رىئايە قىلماي كوچىلاۋەرگەنلىكى تۈپەيلى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئالىملار مانا بۇ قىسسەنىڭ «قۇرئان»دا تىلغا ئېلىنىشىدىكى ھېكمەتنىڭ كىشىلەرنىڭ دىن ئۆگىنىشتە توغرا ئۇسۇل – قائىدىنى قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىنسان بىھۇدە سوئال سوراپ يۈرگەننىڭ ئورنىدا «قۇرئان» ئوقۇش ۋە يادلاش، دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش، زىكىر – تەسبىھ قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا، كۆپ سوئال سوراشقا ۋاقتى چىقمايدۇ. ئەمەل قىلىش ئاز بولسا، كۆپ سوراپ، مەسىلىنى شاخلىتىپ، مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ھەققىدە سوراپ ئۆزىمۇ ئاۋارە بولىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئاۋارە قىلىدۇ. بۇ خىل قىلمىشنى ئاللاھ تائالامۇ ياقتۇرمايدۇ.

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەرنى سورىماڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 101)

ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنى چەكلىمەي قويۇپ قويغان بولسام، كوچىلاپ سوراپ يۈرۈپ مېنى ئاۋارە قىلماڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر پەقەتلا سوئاللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى بۇيرۇغان ئىشلاردا ئىختىلاپلىشىشى سەۋەبىدىن ھالاك بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، ئەگەر مەن سىلەرنى بىرنەرسىدىن چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرنى بىرەر نەرسىگە بۇيرۇسام، قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇنى ئورۇنداڭلار!» دېگەن(18).

كىشى ئەسلىدە تالاش – تارتىش قىلىش، مات قىلىش، مۇنازىرىلىشىپ يېڭىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بىلىۋېلىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن سورىشى كېرەك. بەس – مۇنازىرىگىمۇ مەلۇم شارائىت ھازىرلانغان ئايرىم سورۇن بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا پەتۋا سوراشمۇ ھۆكۈمنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. بىرەر ئەھلى ئىلىمنى سىناپ بېقىش ياكى بىراۋلار ئالدىدا يۈزىنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىش بولسا، ھەقىقەتەنمۇ بەدئەخلاق قىلمىشتۇر.

يەنە يا دىنغا، يا ئەمەلىي تۇرمۇشقا پايدىسى يوق ئىشنى سوراش، مەقسەت ئادا بولغاندىن كېيىنمۇ سوراۋېرىش، ئۇچرىمىغان، تېخى ۋاقتى كەلمىگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق مەسىلىلەرنى قەستەن سوراش، ياكى خاتالاشتۇرۇش ئۈچۈن توقۇناق، چىگىش مەسىلىلەرنى سوراش، مەسىلەن، «نېمە ئۈچۈن ھەيزدار نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇماي، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ؟» دېگەندەك ئايەت – ھەدىسنىڭ مەنە قاراتمىلىقى ئېنىق بولغانلىرىغا ئەمەل قىلماي، ئېھتىماللىق بارلىرىدىن سوراش ياقتۇرۇلمايدۇ.

دېمەك، سوئال سوراشنىڭ ھەممىسى بەزىدە تەقۋادارلىقتىن دېرەك بېرىشى ناتايىن.

قارا – قويۇق پەتۋا بېرىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىمۇ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى بەزىلەرنىڭ ئالدىراقسانلىقىنى، بىلەرمەنلىكىنى، «بىلمەيمەن» دېيىشتىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

———————–
1. ئىسىمداش يەنى پېئىللارنىڭ ئىسىم شەكلى. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى».
2. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 15/145 – 147؛ زەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 39/211، 212.
3. بەھۇتىي: «شەرھۇ مۇنتەھەل ئىرادات»، 3/483؛ ئەشقەر: «ئەلفۇتيا ۋەمەناھىجۇل ئىفتاﺋ»، 9 – بەت.
4. قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 3/12.
5. مۇكەللەف (المُكَلَّفُ): ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: ئىش – ھەرىكىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى خىتابى چېتىلغان، تاللاش ئىختىيارلىقى بار بالىغ، ئاقىل مۇسۇلماندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 36/231؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1608 – ﺑﻪﺕ، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
6. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 4/267.
7. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات»، 5/253.
8. قەرافىي: «ئەلئىھكام في تەميىيزىل فەتاۋا ئەنىل ئەھكام»، 28 -، 29 – بەتلەر.
9. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/10.
10. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/9.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (118)؛ «مۇسلىم»، (2492).
12. سۇيۇتىي: «ئەلئەشباھ ۋەننەزائىر»، 1/414.
13. خەتتابىي: «مەئالىمۇسسۇنەن»، 1/302.
14. نەۋەۋىي: «ئەدەبۇل مۇفتىي ۋەلمۇستەفتىي»، 1/75.
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (100)؛ «مۇسلىم»، (2673).
16. ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 3/166.
17. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/218.
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7288)؛ «مۇسلىم»، (1337).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ