ئىسلام شەرىئىتى مىراس تەقسىماتىدا ئاياللارغا زۇلۇم قىلامدۇ؟

ئىسلام شەرىئىتى مىراس تەقسىماتىدا ئاياللارغا زۇلۇم قىلامدۇ؟

ئابدۇللاھ ئابدۇلئەھەد

 

ئايەتتىكى «بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ نېسىۋىسى بېرىلىدۇ» دېگەن ھۆكۈم ياتلارنىڭ نەزەرىدە ئىسلام ئاياللارغا زۇلۇم قىلىدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى بېرىپ قويغان.

بىز مۇسۇلمانلاردا بۇنىڭغا ئوخشىغان شۈبھىلەر پەيدا بولمايدۇ، شۇنداقلا بىز بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك سۈپەتلىرىدىن ئىسپاتلانغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە ھېچقانداق بىر مەخلۇققا زۇلۇم قىلىنمايدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ھۆكمىنىڭ ئادىللىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئادىللىقىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىمىز.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49)، ﴿ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 71)، ﴿ئاللاھ تائالا بەندىسىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر﴾(22/«ھەج»: 10)، ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 40)، ﴿ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 124)، ﴿ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى﴾(9/«تەۋبە»: 70).

مىراس نېسىۋىلىرىدىكى پەرقلەر ئىسلام فىقھىسىدىكى مىراس مەسىلىسىنىڭ ئاساسىدۇر. مىراستا نېسىۋىلەرنىڭ ھەرخىل بولۇشى جىنسىي تۈرگە ئۇيغۇن كېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىش ئۈچۈندۇر.

بىرىنچى، مىراسخور بىلەن مىراس قالدۇرغۇچى ئارىسىدىكى يېقىنلىق دەرىجىسى

ئەر ياكى ئايال بولسۇن، جىنسى ئېتىبارغا ئېلىنماستىن، مىراسخور مېيىتقا قانچە يېقىن بولغانسېرى نېسىۋىسى شۇنچە ئاشىدۇ، قانچە يىراق بولغانسېرى نېسىۋىسى شۇنچە ئازىيىدۇ.

مېيىتنىڭ يالغۇز قىزى بىلەن يولدىشىغا قارايدىغان بولساق، قىزى جىنسى ئايال بولسىمۇ ئانىسىنىڭ مىراسىنىڭ يېرىمىنى، يولدىشى جىنسى ئەر بولسىمۇ، ئايالىنىڭ مىراسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ مېيىتنىڭ قىزىنىڭ ئۇنىڭغا يولدىشىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنى، مىراستىن ئالىدىغان نېسىۋىنىڭ شۇ سەۋەبتىن كۆپرەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىككىنچى، مىراسخورلارنىڭ ئورنى

ھاياتلىققا يۈزلەنگەن ۋە تۇرمۇشنىڭ يۈكلىرىنى كۆتۈرۈشكە ھازىرلانغان ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ نېسىۋىسى ئادەتتە ھاياتتىن خوشلىشىشقا قاراپ ماڭغان ۋە ھاياتنىڭ يۈكلىرىنى كۆتۈرۈشتىن قالغان تۇغقانلارنىڭ نېسىۋىسىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يۈكى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.

ۋارىسلارنىڭ نېسىۋىلىرىنىڭ تۇغقانچىلىق ئورنى بويىچە بېكىتىلىشىدە ئۇلارنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن، ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئوغلى بار ئەھۋالدا، قىزى ئانىسىدىن شۇنداقلا يەنە دادىسىدىنمۇ كۆپ مىراس ئالىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت

ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت ئەر ۋە ئايال مىراسخورلارنىڭ مىراسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. لېكىن بۇ ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشقا ياكى ناھەقچىلىككە ئېلىپ بارمايدۇ.

ئەگەر مىراسخورلار يېقىنلىق دەرىجىسى ۋە تۇغقانچىلىق ئورنىدا باراۋەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى نېسىۋىلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. مەسىلەن: مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى قىز- ئوغۇل ئارىلاش بولسا، ئۇلار بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ نېسىۋىسى بويىچە مىراسقا ئېرىشىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇ ئوخشاشماسلىقنى بارلىق ئۇرۇغ- تۇغقانلارغا ئومۇميۈزلۈك بېكىتمىدى، بەلكى مۇشۇ خىل ھالەتنىڭ ئۆزىگە خاس قىلدى.

مۇشۇ خىل ئەھۋالدا نېسىۋىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىكى ھېكمەت:

1. ئەرنىڭ ئايالىغا ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھامىي بولۇشقا چاقىرىلغانلىقىدۇر.

2. ئايال مىراسخورلارنىڭ باشقا ھامىيلىرى (دادىسى ياكى ئېرى) يوق ئەھۋالدا، ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھامىي بولۇشنىڭ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىغا ۋاجىب ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش.

ئايال كىشى گەرچە مىراستا نېسىۋىسىنىڭ بىر ھەسسىسىنى ئالغان قېرىندىشىغا قارىغاندا ئاز نېسىۋىگە ئېرىشسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئىمتىيازغا ئىگە.

ئەر كىشى كۆپ مىراسقا ئېرىشكەندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئايالىغا ۋە بالا- چاقىلىرىغا نەپىقە بېرىشى ۋاجىب. ئۇنىڭ نەپىقە بېرىشى پۈتۈنلەي ئىقتىساد بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىشى كېرەك ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئەركىشىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەندۇر.

ئەر كىشىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئەر كىشىنىڭ زىممىسىدە ئايالىغا مېھىر ھەققى بېرىشتىن ئىبارەت چوڭ بىر ئىقتىسادىي يۈك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مېھرلىرىنى سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 4).

مېھر ھەققى ئەر كىشى ئايال كىشىگە بېرىدىغان ئىقتىسادىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشىنىڭ يولغا قويۇلىشىدۇر. بۇنىڭدا ئايال كىشى ئەر كىشىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەركىشى بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇنىڭدىن مېھر ھەققى تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ.

2. تويدىن كېيىن ئەر كىشى ئايال كىشىگە نەپىقە بېرىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان مال دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ، ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن ئۆزىگە ئۆزى نەپىقە قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ.

3. شۇنداقلا يەنە ئەر كىشى نەپىقە بېرىشى كېرەك بولغان ئۇرۇغ تۇغقانلار ۋە باشقىلارغىمۇ نەپىقە بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇ مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئەۋلادى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئۇ ئورۇندايدىغان ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت ۋە ئائىلىۋى يۈكنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام ئائىلىدىكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى، ئەر كىشىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىدى. شۇنداقلا يەنە بۇ ئىقتىسادىي يۈكنى مىراس مەسىلىسىدىكى بەزى ئەھۋالدا، ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن كۆپ مىراس ئالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى قىلدى.

ئەمما، ئانا بىر دادا باشقا قېرىنداش ھەمشىرىلەرنىڭ نېسىۋىلىرىنى ئاللاھ تائالا باراۋەر قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت سەۋەبلىك نېسىۋىلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ۋاپات بولغۇچىدىن ئاسىبلىق يول بىلەن ئەمەس بەلكى، يىراق تۇغقانلارغا يېقىن نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ يىراق تۇغقان بولۇش سۈپىتى بىلەن مىراسقا ئېرىشىدۇ. بۇ يەردە مۇشۇ ئېتىبار بىلەن ئەر كىشىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدىغان ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت ياكى ئىقتىسادىي يۈك بولمايدۇ.

ھەرقايسى مىراس ئىگىلىرىنىڭ نېسىۋىلىرىنى ۋە مىراس ئېلىش شەكىللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، پەقەت تۆت خىل ھالەتتە، ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ نېسىۋىسىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

1. مېيىتنىڭ قىزى قېرىنداشلىرى بىلەن، ئوغلىنىڭ قىزى ئوغلىنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

2. ئاتا – ئانا بىللە بولۇپ، مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى، ئېرى (ياكى ئايالى) ۋە قېرىنداش – ھەمشىرىلىرى يوق ھالەت.

3. بىر تۇغقان ھەمشىرىلەر ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

4. دادا بىر ئانا باشقا ھەمشىرىلەر، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

 

ئىككىنچى، بىرقانچە ھالەتلەردە ئايال كىشى ئەر كىشى بىلەن تەڭ مىراس ئالىدۇ.

1. مېيىتنىڭ ئاتا – ئانىسى پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

2. ئانا بىر دادا باشقا بىر قېرىنداش ۋە ئانا بىر دادا باشقا بىر ھەمشىرە بىللە بولغان ھالەت.

3. ھەمشىرىلەر بىلەن ئانا بىر دادا باشقا قېرىنداش – ھەمشىرىلەر بىللە بولغان ھالەت.

4. بىر قىزنىڭ دادا تەرەپ بىر تاغىسى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

5. مېيىتنىڭ دادىسى ئانىسىنىڭ ئانىسى ۋە ئوغلىنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

6. مېيىتنىڭ ئېرى، ئانىسى، ئانا بىر دادا باشقا ئىككى ھەمشىرىسى ۋە بىر تۇغقان بىر قېرىندىشى بىللە بولغان ھالەت. بۇ خىل ئەھۋالدا، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئانا بىر دادا باشقا ئىككى ھەمشىرىلەر بىلەن بىر تۇغقان قېرىنداشنى ئۈچتىن بىرگە تەڭ شېرىك بولۇشقا ھۆكۈم قىلغان.

7. ئەر كىشى ياكى ئايال كىشىنىڭ مېيىتنىڭ مىراسىغا يالغۇز ۋارىسلىق قىلغان ھالەت. مەسىلەن، مېيىتنىڭ ئوغلى يالغۇز بولسا، ئاسىبلىق يولى بىلەن مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ. ئەگەر بىر قىزى يالغۇز بولسا، مىراسنىڭ يېرىمىنى نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك يول بىلەن، ئېشىپ قالغىنىنى نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەرگە قايتا تەقسىملەش يولى بىلەن ئالىدۇ. مېيىتنىڭ دادىسى يالغۇز قالسا، ئاسىبلىق يولى بىلەن مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئانىسى يالغۇز بولسا، ئۈچتىن بىرىنى نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك، ئېشىپ قالغىنىنى قايتا تەقسىملەش يولى بىلەن ئالىدۇ.

8. مېيىتنىڭ ئېرى بىر تۇغقان ھەمشىرىسى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

9. مېيىتنىڭ ئانا بىر، دادا باشقا بىر ھەمشىرىسى بىر تۇغقان بىر قېرىندىشى، ئېرى، ئانىسى بىللە بولغان ھالەت.

بۇ خىل ئەھۋالدا، مېيىتنىڭ ئېرى يېرىمنى، ئانىسى ئالتىدىن بىرنى، ئانا بىر، دادا باشقا ھەمشىرىسى ئالتىدىن بىرنى، ئېشىپ قالغىنىنى بىر تۇغقان قېرىندىشى ئالىدۇ.

ئېشىپ قالغان مىراسمۇ ئالتىدىن بىر بولۇپ، ئانا بىر، دادا باشقا ھەمشىرىسى بىلەن نېسىۋىسى تەڭ بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىراق تۇغقانلارغا مىراس تەقسىم قىلغاندا، بىر دەرىجىدىكى ئەر ۋە ئايال تۇغقانلارغا مىراس تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

ئۈچىنچى، بىرقانچە ھالەتلەردە ئايال كىشى ئەر كىشىدىن كۆپ مىراسقا ئېرىشىدۇ.

1. مېيىتنىڭ ئېرى يالغۇز بىر قىزى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

2. مېيىتنىڭ ئېرى ئىككى قىزى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

3. مېيىتنىڭ بىر قىزى دادا تەرەپ بىردىن ئارتۇق تاغىلىرى بىلەن بىللە بولغان ھالەت.

4. ۋاپات بولغۇچى ئايال بولۇپ ئېرى، دادىسى، ئانىسى ۋە ئىككى قىزى بار ئەھۋالدا، ئىككى قىزنىڭ ئالغان نېسىۋىسى ئەگەر ئۇ ئىككى قىزنىڭ ئورنىدا ئىككى ئوغۇل بولغان ئەھۋالدىكى ئىككى ئوغۇلنىڭ ئالغان نېسىۋىسىدىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: مېيىت 60 مو يەر قالدۇرۇپ كەتكەن . ئىككى قىزى ئۈچتىن ئىككىنى ئېلىش ئېتىبارى بويىچە نېسىۋىسى 32 مو (قىياس قىلىنغان ئومۇمىي نېسىۋە 12ئۈلۈش، مىراسخورلارنىڭ ئالماقچى بولغان ئومۇمىي نېسىۋىسى 15 ئۈلۈش بولۇپ، ئاشۇرما مىراس ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ) بولۇپ، ھەربىر قىزنىڭ نېسىۋىسى 16 مو بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىدا، ئىككى ئوغلى بولسا، ئۇلار ئاسىبلىق يولى بىلەن، ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ. ھەربىرىنىڭ مىراسى 12. 5 مو بولىدۇ.

5. ۋاپات بولغۇچى ئايال كىشى بولۇپ ئېرى، ئىككى ھەمشىرىسى ۋە ئانىسى بولغان ھالەتتە، ئىككى ھەمشىرىسىنىڭ ئالغان نېسىۋىسى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئىككى قېرىندىشى بولغان ئەھۋالدا، ئىككى قېرىندىشى ئالغان نېسىۋىسىدىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، مېيىتنىڭ مىراسى 4800 سوم. ئىككى ھەمشىرىسىنىڭ نېسىۋىسى ئۈچتىن ئىككى بولۇپ، ھەربىرىنىڭ مىراسى 1200 سوم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئىككى قېرىندىشى بولسا، ئۇلار ئاسىبلىق يول بىلەن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ. نېسىۋىلىرى 800 سوم بولىدۇ.

يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا يەنە ئەگەر دادا بىر ئانا باشقا ئىككى ھەمشىرە بىلەن دادا بىر ئانا باشقا ئىككى قېرىنداشنىڭ ھالەتلىرىمۇ تامامەن ئوخشايدۇ.

6. ۋاپات بولغۇچى ئايالنىڭ ئېرى، دادىسى، ئانىسى ۋە بىر قىزى بولۇپ قالدۇرغان مىراس 156 مو يەر.

قىزى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغان بولۇپ، نېسىۋىسى 72 مو([1]) بولىدۇ.

ئەگەر قىزىنىڭ ئورنىدا بىر ئوغلى بولسا، ئاسىبلىق يول بىلەن باشقا ۋارىسلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ، نېسىۋىسى 65 مو بولىدۇ.

7. ۋاپات بولغۇچى ئايالنىڭ ئېرى، ئانىسى ۋە بىر تۇغقان بىر ھەمشىرىسى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 48 مو يەر.

بىر تۇغقان ھەمشىرىسى 18 مو يەرنى ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا بىر تۇغقان بىر قېرىندىشى بولسا، ئۇ 8 مو يەرنى ئالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئېرى ۋە ئانىسى نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىر تۇغقان ھەمشىرىسى بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ نېسىۋىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ مىراسقا ئېرىشىدۇ.

8. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئايالى، ئانىسى، ئانا بىر دادا باشقا ئىككى ھەمشىرىسى ۋە بىر تۇغقان ئىككى قېرىندىشى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 4800 سوم.

ئانا بىر دادا باشقا ئىككى ھەمشىرىسى 1600 سوم ئالىدىغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ نېسىىۋىسى 800 سوم. بىر تۇغقان ئىككى قېرىنداشلار 1200 سوم ئالىدىغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ نېسىۋىسى 600 سوم.

بۇ خىل ئەھۋالدا، ئانا بىر دادا باشقا ھەمشىرىنىڭ نېسىۋىسى بىر تۇغقان قېرىنداشنىڭ نېسىۋىسىدىن كۆپ بولىدۇ.

9. مېيىتنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە ئېرى بار ئەھۋالدا، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئېرى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئانىسى، قالغىنىنى (ئۈچتىن ئىككىسىنى) دادىسى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىدا، ئانىسى ئومۇمىي مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ، ئېشىپ قالغان مىراس (ئالتىدىن بىر)ىنى دادىسى ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا تەقسىم قىلغاندا، ئانىسىنىڭ ئالىدىغان مىراسى دادىسىنىڭ ئالىدىغان مىراسىنىڭ بىر ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

10. ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئېرى، ئانىسى، ئانا بىر، دادا باشقا ھەمشىرىسى ۋە بىر تۇغقان ئىككى قېرىندىشى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 60 مو يەر. ئانا بىر، دادا باشقا ھەمشىرىسى ئالتىدىن بىرنى ئالىدىغان بولۇپ، نېسىۋىسى 10 مو. بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئېشىپ قالغاننى ئالىدىغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ نېسىۋىسى 5 مو. گەرچە ئانا بىر، دادا باشقا ھەمشىرىسى تۇغقانچىلىقتا بىر تۇغقان قېرىندىشىدىن يىراق بولسىمۇ، ئالغان مىراسى ئۇنىڭ نېسىۋىسىنىڭ بىر ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

11. مېيىتنىڭ ئايالى، دادىسى، ئانىسى، بىر قىزى ۋە ئوغلىنىڭ قىزى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 648 مو يەر. ئوغلىنىڭ قىزىنىڭ نېسىۋىسى 96 مو. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلىنىڭ ئوغلى بولغان بولسا، ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئاران 24 مو بولغان بولاتتى.

12. مېيىتنىڭ ئانىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئانىسى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 6000 سوم. ئانىسى نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك يول بىلەن ئۈچتىن بىرنى، نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەرگە مىراس قايتۇرۇش يولى بىلەن ئېشىپ قالغىنىنى ئالىدىغان بولۇپ، جەمئىي ئالىدىغان مىراس 6000 سوم بولىدۇ. ئەگەر ئانىسىنىڭ ئورنىدا دادىسى بولسا، ئانىسىنىڭ ئانىسى 1000 سوم ئېلىپ، دادىسى ئېشىپ قالغان 5000 سومنى ئالىدۇ. ئانىسىنىڭ ئورنىدا دادىسى بولسا، دادىسىنىڭ مىراسى ئانىسىنىڭ مىراسىدىن ئاز بولىدۇ.

تۆتىنچى، ئايال كىشى مىراس ئالىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىدا ئەر كىشى بولسا، ئۇ ئەر مىراس ئالالمايدىغان ھالەتلەر.

1. ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئېرى، دادىسى، ئانىسى، قىزى ۋە ئوغلىنىڭ قىزى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 195 مو يەر.

ئوغلىنىڭ قىزى ئالتىدىن بىرنى ئالىدىغان بولۇپ، نېسىىۋىسى 26 مو بولىدۇ. ئەگەر ئوغلىنىڭ قىزىنىڭ ئورنىدا ئوغلىنىڭ ئوغلى بولغان بولسا، ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولمايتتى. چۈنكى، ئۇ ئاسىبلىق يول بىلەن مىراس ئالىدىغان بولۇپ، باشقىلار مىراسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق مىراس ئاشمايدۇ.

2. ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئېرى، بىر تۇغقان بىر ھەمشىرىسى ۋە دادا بىر، ئانا باشقا بىر ھەمشىرىسى بولۇپ، قالدۇرغان مىراس 84 مو يەر.

دادا بىر، ئانا باشقا ھەمشىرىسى ئالتىدىن بىرنى ئالىدىغان بولۇپ، نېسىۋىسى 12 مو. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا دادا بىر، ئانا باشقا قېرىندىشى بولسا، ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ. چۈنكى، ئېرى يېرىمنى، بىر تۇغقان ھەمشىرىسى يېرىمنى ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مىراس ئاشمايدۇ.

3. مېيىتنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئانىسى بولسا، ئانىسىنىڭ ئانىسى نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك يول بىلەن ئالتىدىن بىرنى، نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەرگە مىراس قايتۇرۇش يولى بىلەن قالغان مىراسنى ئالىدۇ. ئانىسىنىڭ دادىسىغا مىراس تەگمەيدۇ. چۈنكى، ئانىسىنىڭ دادىسى ئۇنىڭ مىراس ئالمايدىغان چوڭ دادىسىدۇر.

4. شۇنىڭغا ئوخشاشلا يەنە ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى بولسا، ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلىك يول بىلەن ئالتىدىن بىرنى، نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەرگە مىراس قايتۇرۇش يولى بىلەن قالغان مىراسنى ئالىدۇ. ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسىغا مىراس تەگمەيدۇ.

خۇلاسە

يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، پەقەتلا تۆت خىل ھالەتتە ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ نېسىۋىسىنىڭ يېرىمىنى ئالسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئەر كىشى بىلەن تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىراسقا ئېرىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىي مىسال ۋە روشەن دەلىللەر «ئىسلام شەرىئىتى مىراس مەسىلىسىدە ئاياللارغا زۇلۇم قىلىدۇ» دېگەن گۇمانلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.

———————–
([1]) قىياس قىلىنغان ئومۇمىي نېسىۋە 12 ئۈلۈش، ۋارىسلارنىڭ ئالماقچى بولغان نېسىۋىسى 13 ئۈلۈش بولۇپ، ئاشۇرما مىراس ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ