دۇئانىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى

دۇئانىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.

دۇئا قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدىكى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمرلىرى كۆپتۇر. مەسىلەن: ھەقتائالا ﴿پەرۋەردىگارىڭلارغا يېلىنىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار﴾(7/«ئەئراف»: 55)، ﴿ماڭا دۇئا قىلىڭلار﴾(40/«غافىر»: 60) ﴿مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن﴾(2/«بەقەرە»: 186)، ﴿ھەقىقەتەن رەببىم دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر﴾(14/«ئىبراھىم»: 39) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: « دۇئا ئىبادەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر» دېگەن(1).

دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەدەب – قائىدىلىرى ۋە شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشقا تىرىشىش لازىم:

1. خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنى غەنىيمەت بىلىپ دۇئا قىلىش. مەسىلەن، سەھەر ۋاقتى، ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقى، جۈمە كۈنى، ئەرافات كۈنى، رامازان ئېيى، سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىت… قاتارلىق چاغلارغا ئوخشاش.

2. خاسىيەتلىك ئەھۋاللارنى غەنىيمەت بىلىپ دۇئا قىلىش. مەسىلەن، سەجدە قىلغان ھالەت، سەپەر ئۈستىدىكى ھالەت، يامغۇر ياغقان ھالەت، روزىدار ھالەت، ئىفتار قىلىشتىن ئىلگىرى، ناماز ئوقۇپ بولغاندىكى ھالەتلەرگە ئوخشاش.

3. ئاللاھ تائالاغا ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابەت قىلىشىغا كەسكىن ئىشەنگەن ھالدا دۇئا قىلىڭلار» دېگەن(2).

4. دىلى بىلەن تولۇق بېرىلىپ پۈتۈنلەي ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ ۋە يېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. غەپلەتتە بىپەرۋالىق بىلەن دۇئا قىلماسلىق. قولىنى كۆتۈرۈپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىشمۇ يېلىنىپ دۇئا قىلىشنىڭ بىر شەكلىدۇر.

بەزى ياشلىرىمىز نادانلىق قىلىپ، قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى «بىدئەت» دەپ تۇرۇۋالغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد. ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى(3).

ئىمام بۇخارىي يەنە «نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش / رفع اليدين في الصلاة» دېگەن رىسالىسىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرقانچە ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆپ ساھابەلەردىن سەھىھ رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەرۋەردىگارىڭلار تابارەكە ۋەتائالا ھايالىق ۋە سېخىدۇر، بىر كىشى ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق ياندۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېگەن(4).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەقىي قەبرستانلىقىغا كېچىدە بارغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان(5).

يەنە شەيتانغا تاش ئاتقاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان.(6) يەنە ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلغاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان(7).

يەنە باشقا نۇرغۇن «سەھىھ» ھەدىسلەرمۇ بار.

1. دۇئانى ئارقىمۇئارقا قىلىش. بىر قېتىم قىلىپ توختاپ قالماسلىق، بەلكى دۇئانى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ دۇئا قىلسا ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن تىلىسە ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ تىلەيتتى»(8).

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ دۇئا قىلىشنى، ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ئىستىغفار ئېيتىشنى ياقتۇراتتى»(9).

2. ھالال كىرىم بىلەن ياشاش، ھالال يەپ، ھالال ئىچىش، ھالال كىيىش. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇزۇن مۇددەت سەپەرگە چىقىپ، يۈز – بېشى توپا بولۇپ كەتكەن ھالدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئى پەرۋەردىگارىم!» دەپ دۇئا قىلغان ئادەم ھەققىدە: «ئۇنىڭ يېيىشى ھارام، ئىچىشى ھارام، كىيىشى ھارام، ھارام بىلەن غىزالانغان تۇرسا دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن!» دېگەن(10).

3. ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالاملار ئېيتىش. دۇئاسىنى يەنە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش.

4. تاھارەت بىلەن پاك ھالەتتە دۇئا قىلىش.

5. باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا دەرھال باشقىلارنى رازى قىلىپ ھەققىنى قايتۇرۇش. گۇناھ قىلغان بولسا دەرھال تەۋبە قىلىپ، گۇناھ ئىشنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.

6. تائەت – ئىبادەتنى توغرا ۋە كۆپ قىلىش، ئاسىيلىق قىلماسلىق.

7. قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۇلۇغ ئەرافات كۈنىدە قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان.

8. دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىنى سىلاش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئادا قولىنى كۆتۈرگىنىدە يۈزىنى سىلىمىغۇچە قولىنى چۈشۈرمەيتتى»(11).

9. ۋارقىراپ توۋلىماي پەسرەك ئاۋازدا دۇئا قىلىش. ئاللاھ تائالا: ﴿پەرۋەردىگارىڭلارغا يېلىنىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، توۋلاپ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 55) دەپ بۇيرۇغان.

10. دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمەسلىك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالدىراپ كەتمىسەڭلار دۇئايىڭلار ئىجابەت قىلىنىدۇ. بەزىلەر ئالدىراپ كېتىپ: ›دۇئا قىلسام ئىجابەت بولمىدى‹ دەپ قالىدۇ» دېگەن(12).

11. خالىس ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. ھەدىستە غارغا سولىنىپ قالغان ئۈچ كىشى قىلغان خالىس ئەمەللىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا غارنىڭ ئېغىزى ئېچىلغانلىقى بايان قىلىنغاندۇر(13).

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1426 / م. 2005

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

—————————————————————————————
1. «ئەھمەد»، (18378)؛ «تىرمىزىي»، (2969). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. «ئەھمەد»، (6655)؛ «تىرمىزىي»، (3479). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1031)؛ «مۇسلىم»، (895).
4. «ئەبۇ داۋۇد»، (1488). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
5. «مۇسلىم»، (974).
6. «بۇخارىي»، (1752).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4323)؛ «مۇسلىم»، (2498).
8. «مۇسلىم»، (1794).
9. «ئەھمەد»، (3744)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1526). شۇئەيب ئارنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
10. «مۇسلىم»، (1015).
11. «تىرمىزىي»، (3386). ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
12. «مۇسلىم»، (2735).
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2215)؛ «مۇسلىم»، (2743).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ