كاپىرلارنىڭ دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھۆرمەتلىك ئۇستاز، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلىتى ھېسابلانمايدىغان دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ، شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق؟ «ياخشىلار باغچىسى» ناملىق كىتابنىڭ شەرھىسىدە بىن باز «ھارام» دەپتىكەن. بۇنىڭدا ئوخشىمىغان قاراشلار بارمۇ قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ھىجرەت دېگەن: دىنىنى، ئىمانىنى قوغداش، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

[كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.]([1])

ئەمەلىيەتتە، بۇ ھىجرەت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان سۈننەتتۇر، ئۇ مۇنداق دەپ ھىجرەت قىلغان: [مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ».]([2])

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدا بەزى بالا-چاقىلىرىنى بەيتۇل مەقدىس جايلاشقان پەلەستىنگە، ئىككىنچى قېتىمدا يەنە بەزى بالا-چاقىلىرىنى كەئبە بەيتۇللاھ جايلاشقان ھىجازغا ھىجرەت قىلغان.

لۇت ئەلەيھىسسالاممۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ھىجرەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: [«مەن رەببىمگە ھىجرەت قىلغۇچىمەن».]([3])

مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارمۇ، يەنە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ھىجرەت قىلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەزىيەتلىرى ئېغىرلاشقاندا بەزى مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان، مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغان. كېيىن بەزى مۇسۇلمانلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇپ، كېيىنچە، ئاللاھ رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ دىنىي سىقىلىشتىن قۇتۇلغان.

ھەبەشىستانغا، كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ساھابىلەر ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدەپ يۇرت، بالا-چاقا ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، جىھاد قىلغان بولغاچقا، ئۇلار ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرى ھېسابلانغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قۇرئاندا مۇنداق مەدھىيەلىگەن:

[ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر، ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.]([4])

ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، تاكى قىيامەتكە قەدەر قايسىبىر مۇسۇلمان مەلۇم بىر يۇرتتا ئۆز دىنىي پائالىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا، ئازادە ئېلىپ بارالمايدىغان بولسا، باشقا ئەركىن ياشىيالايدىغان، دىنىي پائالىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا، ئازادە ئېلىپ بارالايدىغان جايغا ھىجرەت قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنداق قىلمىغانلارنى ئاللاھ تائالا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان:

[پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدىغان چاغدا ئۇلاردىن: «نېمە ئىشتا ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «بىز زېمىندا بىچارە ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ.]([5])

ئەمما، قادىر بولالمىغانلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ:

[پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن (ھىجرەت قىلىشقا) چارىسىز قالغان، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچى، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.]([6])

بۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرەر يۇرتتا دىنىنى ئاشكارىلىيالمىغان كىشىنىڭ ئۆزرىسىز باشقا ئازادە يۇرتقا ھىجرەت قىلماي يېتىۋېلىشىنىڭ ئېغىر گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھىجرەت قىلغانلارغا چىقىش يولى ۋە كەڭ رىزىق ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېگەن: [كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.]([7])

ھەقىقىي ھىجرەت ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش ۋە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ھەقتە نىيەت ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەردە تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەمەللەر پەقەتلا نىيەتكە باغلىق، ھەر بىر كىشى نىيەت قىلغانغا ئېرىشىدۇ، قانداق بىر ئادەمنىڭ ھىجرىتى ئازغىنە دۇنياغا ئېرىشىش ياكى بىر ئايالغا نىكاھلىنىش بولسا، قىلغان ھىجرىتى شۇنىڭغا بولىدۇ».([8])

ھازىرقى كۈندىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نىيەتلىرى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلىرى دىنىي جەھەتتىن سىقىلىپ ھىجرەت قىلسا، بەزىلىرى ياخشى تۇرمۇشنى، ئېسىل شەھەرلەرنى ئويلاپ ھىجرەت قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى تۇرمۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسلامچە كەچۈرەلەيدىغان يۇرتلاردىن ئىسلام بويىچە ياشىيالمايدىغان، ئەزاننىمۇ ئاڭلىيالمايدىغان، مەسچىتكىمۇ ھەپتىدە بىر كۈن ئاران بارالايدىغان، ھالال يېمەكلىكلەرنى تەستە تاپالايدىغان… ناچار مۇھىتلىق كاپىرلار دىيارلىرىغا تەتۈر ھىجرەت قىلماقتا. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان ھىجرىتىنىڭ مەنىسى ۋە غايىسىنى چۈشەنمىگەنلىك ياكى چۈشەنسىمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلمىغانلىقتۇر. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر.

بەزىلەر ئۆز دىيارلىرىدا تۇرۇپ قىلالايدىغان دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ، ھەتتا پەرزلەرنىمۇ ئادا قىلماي تۇرۇپ ھىجرەت قىلىمەن دەۋالىدۇ ياكى دىنىي جەھەتتىن پەقەتلا سىقىلىپ قالماي باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈسى كېلىپ قالسا ھىجرەت قىلىمەن دەپ ئۆزىنى جەڭگىۋار مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. كېيىن چەتكە چىققاندىن كېيىن يەنىلا قىلغۇلۇقىنى قىلىشىدۇ. دېمەك، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدا دىنىي جەھەتتىن سىقىلىش ھىجرەت قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان دەرىجىگە ياكى ئەۋزەل دەرىجىگە يەتتىمۇ؟ شۇنداق بولدى دېگەن تەقدىردە، قانداق يەرگە ھىجرەت قىلىش كېرەك؟ بۇ مۇھىم مەسىلە. ئوغرىدىن قېچىپ قاراقچىغا يولۇققاندەك ئىش بولسا پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالمايدىغان گەپ.

بۇ ھەقتە ھەر بىر شەخسنىڭ، ھەر بىر دىيارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسا كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدىن ئىبارەت كاپىرلارنىڭ دىيارلىرىغا «ھىجرەت» قىلىۋاتقانلار، شۇ يەرنىڭ نوپۇسىنى ئېلىۋاتقانلار، شۇلاردىن پاناھلىق سوراۋاتقانلار بار. بۇنى كۆپچىلىك ئالىملار «ھارام» دەپ قارىغان. بىر قىسىم ئالىملار كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەزى شەرتلەر تېپىلسا «مەيلى بولىدۇ» دەپ قارىغان. مەسىلەن:

1. ھىجرەتكە ھەقىقىي ئېھتىياجى بولۇپ، دىنىي جەھەتتىن سىقىلىپ كەتكەن بولسا، ھىجرەت قىلىپ بارماقچى بولغان يۇرت ئۆز يۇرتىغا قارىغاندا زىيىنى ئازراق بولۇشى. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە كىراملىرىغا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان. چۈنكى، نەجاشىنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچكىم زۇلۇم قىلىنمايتتى. ئۇ دەسلەپتە خرىستىئان بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمان بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ نامىزىنى مەدىنىدە چۈشۈرگەن.

بۇ شەرتكە ئاساسەن، دىنىي جەھەتتىن سىقىلمايدىغان بىرەر مۇسۇلمانلار دىيارى تاپالىسا، كاپىرلارنىڭ دىيارىغا كېتىشنىڭ ھارام بولۇشى ئېنىق. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، ئىسلام ئەللىرى دەپ ئاتالغان يۇرتلارنىڭ ھەر بىرىدە مەلۇم دەرىجىدە سىقىلىش بولسىمۇ، بۇ سىقىلىش كاپىرلار دىيارىغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدىغان سىقىلىش دەرىجىسىگە يەتتىمۇ-يەتمىدىمۇ؟ بۇنىڭغا باھا بېرىش ھەر بىر شەخس ۋە توپنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسا كېرەك.

2. ھىجرەت قىلىپ بارغان دىياردا ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، دىنىغا خەۋپ يەتمەسلىكى لازىم. ئەمەلىيەتتە، قارايدىغان بولساق، غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلار ھاقارەتلىنىدۇ، تۆۋەن قارىلىدۇ، ياۋروپاغا كەتكەن بەزى ئۇيغۇرلاردىن خرىستىئان بولۇپ كەتكەنلەرمۇ بار، بارغاندىن كېيىن خرىستىئانلاردىن تۇرمۇش پۇلى ئېلىپ خەجلەيدۇ. مۇسۇلمان ئۆزىنى خار قىلىدۇ. خرىستىئان جەمئىيەتلىرى دىنىنى تەشۋىق قىلىدۇ. «خرىستىئان بولساڭ، نوپۇسۇڭ تېز ھەل بولىدۇ» دەپ تەرغىب قىلىدۇ. خرىستىئان بولمىسىمۇ دىنىي جەھەتتىن تېخىمۇ سۇس بولۇپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمەنى ئاران ئوقۇيدىغان ھالەتكە كەلگەنلەرمۇ بار. ئىش ۋە باشقا شارائىتقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش ئىمكانىيىتى بەكلا قىس. ئەزاننىمۇ ئاڭلىيالمايدۇ. ھاياسىز ئىشلارنى تولا كۆرۈۋېرىپ بۇ ئىشلار ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىرى بۇلارنى شەخسىي ئەركىنلىك دەپ قارايدىغان بولىدۇ. مەجبۇر ھالەتتە جازانىدىن قۇتۇلالمايدۇ. «رادىكال» ياكى «تېررورچى» دېگەن نام سىڭىپ قالمىسۇن دەپ كاپىرلارغا خۇشامەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بوپتۇ ئۆزى مۇھىتتىن تەسىرلەنمەي دىندا مۇستەھكەم تۇردىمۇ دەيلى، بىراق پەرزەنتلەر، ئىككىنچى ئەۋلاد پۈتۈنلەي تۈگۈشۈپ كېتىدۇ. مەكتەپلەردە بالىلارنى دىنسىز قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ئەخلاقسىز يېتىلىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت. ھازىر ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار قاقشاۋاتقان، زارلىنىۋاتقان ئەھۋال، قىزىنى خرىستىئان يىگىت بىلەن يۈرۈشتىن توسىسا شۇ ھامان ساقچى كېلىدۇ.

3. بارماقچى بولغان دىيار دىنىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئىزھار قىلالايدىغان، ھېچكىم ئۇنى توسمايدىغان دىيار بولۇشى. غەرب ئەللىرىدە بولسا نۇرغۇن ئىشلارنى توسىدۇ. ئاددىيسى بەزى دۆلەتلەردە قۇربانلىقنىمۇ شەرئى بوغۇزلاپ جايىدا قىلالمايدۇ. يۈرگۈزۈلىدىغان قانۇن شۇلارنىڭ تۈزگەن قانۇنى، ئىجرا قىلىدىغانلارمۇ شۇلار، قانۇن ئالدىدا مۇسۇلمانلار 2-دەرىجىلىك ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ھامىيلىرى، ئىنسانپەرۋەر دەپ كۆرسەتكىنى بىلەن، مۇسۇلمانلارغا قارىتا زەھەرخەندىلىك قىلىشىدۇ. ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمانلار دىيارىدىكى، بولۇپمۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىت، دىكتاتور ھۆكۈمرانلارنى شۇلار يۆلەپ تۇرغۇزماقتا.

بەزىلەر نەجاشىنى مىسال قىلىپ مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا قىلغان ھىجرىتىنى ھازىرقى ياۋروپاغا قىلغان ھىجرىتىگە ئوخشىتىۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىنتايىن پەرقلىق.

بىرىنچىدىن: نەجاشى ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايتتى، مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان ئىدى، ھازىرقى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى مۇسۇلمانلارغا ھەم سىرتتا ھەم ئىچىدە زىيان ئۇرۇۋاتقانلاردۇر.

ئىككىنچىدىن: ساھابىلەر ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان چاغدا باشقا مۇسۇلمانلار دىيارى يوق ئىدى. ھازىر بار. ئەلۋەتتە، مۇكەممەل ئىسلام دۆلىتى بولمىسىمۇ نىسبىي جەھەتتىن كاپىرلارنىڭ دىيارىدىن خېلىلا ئەۋزەل مۇسۇلمان دىيارلىرى بار.

4. ھىجرەت قىلىپ بارماقچى بولغان كاپىرلار دىيارىدا مۇقىم تۇرۇپ ياشاشنى نىيەت قىلماي، ئۆز دىيارىدىكى شارائىت ياخشىلىنىپ كەتكىچە ۋاقىتلىق تۇرۇشنى نىيەت قىلىش.

ئەلۋەتتە، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەجبۇرىي ھالدا ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىگە بېرىپ، دىنىنى ساقلاپ قالغان، ئىسلام تەشۋىقاتى، ۋەتەن ۋە مىللەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تەقۋادار مۇسۇلمانلارمۇ بار. بىراق، بۇلار ئىنتايىن ئاز. شۇڭا، پەۋقۇلئاددە زۆرۈر ئېھتىياج بولسا، كاپىرلار دىيارىغا ۋاقىتلىق بېرىپ تۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن،

1. ئوقۇش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق بېرىش.

2. ئىسلام دەۋىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە كاپىرلارغا ئىسلامنى يەتكۈزۈش.

3. مۇسۇلمانلار دىيارىدا تۇرالمايدىغان، تۇرسا ئۆلۈم جازاسى كېلىدىغان ياكى ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغان ئەھۋالنىڭ بولۇشى. چۈنكى، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىدا سىياسىي مۇستەبىتلىك سەۋەبىدىن ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان زاتلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ئەھۋاللار بار.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بولمىسا، مۇسۇلماننىڭ كاپىرلارنىڭ دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ھىجرەتتىن كۆزلىگەن نىشانلارمۇ ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. شۇڭا، ھىجرەت قىلىدىغانلار نىيەتنى توغرىلاش، ھىجرەت قىلىدىغان جاينى تاللاش، ئوبدانراق جاي تاپالمىسا ئۆز يۇرتىدا ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىدا تۇرىۋېرىش، دىنىنى ساقلاشنى ئاساس مەقسەت قىلىش، دىنىنى زىيان تارتىش بەدىلىگە دۇنياۋى پاراغەتنى كۆزلىمەسلىك، ھىجرەت قىلغاندىمۇ ۋاقىتلىق تۇرۇشنى نىيەت قىلىشى، تۇرغان ۋاقتىدا مۇسۇلمانلار كۆجۈم ئولتۇراقلاشقان، مەسچىتى بار رايون، مەھەللىلەردە تۇرۇشى، ئىسلام مەركەزلىرى ياكى مۇسۇلمانلار جامائەتلىرى بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

21-7-2011

—————————
([1]) «نىسا» سۈرىسى، 100-ئايەت.
([2]) «ساففات» سۈرىسى، 99-ئايەت.
([3]) «ئەنكەبۇت» سۈرىسى، 26-ئايەت.
([4]) «تەۋبە» سۈرىسى 20-ئايەت.
([5]) «نىسا» سۈرىسى 97-ئايەت.
([6]) «نىسا» سۈرىسى 98-99-ئايەتلەر.
([7]) «نىسا» سۈرىسى 100-ئايەت.
([8]) سەھىھەين: «بۇخارى» 1 – ھەدىس؛ «مۇسلىم» 1907 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز