Musa_eleyhissalamning_adem_eleyhissalamni_munaziride_yenggenliki_heqqidiki_hedis

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مۇنازىرىدە يەڭگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىس

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسا (ئەلەيھىسسالام) ئادەم (ئەلەيھىسسالام) بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، مۇسا ئۇنىڭغا:

— سەن گۇناھىڭ سېنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەن ئادەمغۇ؟ — دېۋىدى، ئادەم ئۇنىڭغا:

— ئى مۇسا! سەنكى ئاللاھ سېنى پەيغەمبەرلىككە ۋە بىۋاسىتە سۆزلىشىشكە تاللىغان ئادەم تۇرۇپ، ئاللاھ مېنى يارىتىشتىن بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن ئىش ئۈچۈن ماڭا مالامەت قىلامسەن؟ — دېدى». كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قېتىم: «شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى يەڭدى» دېدى. (سەھىھەين)

بۇ ۋەقەلىك ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە خەۋەر بەرگەن غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ زاتلارنىڭ روھلىرى ئاسماندا ياكى بەرزەخ ئالەمىدە ۋەياكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا ئاللاھ تائالادىن ئادەم ئاتىنى كۆرۈشنى تىلىگەندە يۈز بەرگەن بولۇشى ئېھتىماللىقتۇر. قەيەردە قانداق يۈز بەرگەنلىكتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئاللاھ بىلۇر. ئىلگىرىكى مۇئتەزىلەلەر ۋە كۈنىمىزدە ئۇلارغا ئەگەشكەن بەزى قۇرئانچىلار بۇ ھەدىسنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇنداق قارشى چىققان: «بۇ ھەدىستە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سادىر قىلغان مەئسىيىتىگە قارىتا: «ئاللاھ ئۇنى ئەزەلدىن پۈتۈۋەتكەن، شۇڭا ماڭا بۇ ھەقتە تاپا – تەنە قىلىش توغرا ئەمەس» دەپ ئۆزىنى ئاقلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنداق بولىدىغان بولسا ئىنسانلاردىن مەئسىيەت سادىر قىلغان بىرەرسىگە تاپا قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئۇنى ئەزەلدىن تەقدىر قىلىۋەتكەن. ئۇنداق بولىدىكەن، نېمە ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالار، جەننەت ۋە دوزاخ بولىدۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئادەم مۇسانى يەڭدى› دەپ بۇنى تەكىتلىشىمۇ بۇ تۈرلۈك دەلىل كۆرسىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان قۇرئانغا زىت كېلىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ قۇرئانغا زىت گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس» (قاراڭ: ئىسمائىل ئەلكۇردىي: «نحو تفعيل قواعد نقد متن الحديث»، 284 – بەت؛ سامىر ئەلئىسلامبۇلىي: «تحرير العقل من النقل»، 237 – بەت).

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، «بۇ ھەدىستە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپا – مالامىتى مەئسىيەتنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى جەننەتتىن چىقىرىلىشتەك بىر مۇسىبەتكە ياكى چىقىرىلىشقا سەۋەب بولغانلىق جەھەتتىن مەئسىيەتكە قارىتا بولغان».

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەئسىيەتكە تەقدىر قىلىنىپ بولغانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشى ھەققىدە ئىمام ئىبنۇلقەييىم يۇقىرىقى ئېتىرازغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «مەئسىيەتكە تەقدىر قىلىنىپ بولغانلىق بىلەن جاۋاب بېرىش گاھى ئورۇنلاردا ئاقىدۇ، گاھى ئورۇنلاردا ئاقمايدۇ. مەسىلەن، ئادەم ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك، مەئسىيەت سادىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىپ، قايتا قىلمىغان ئەھۋالدا ئاقىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تەقدىر قىلىنغانلىقنى تىلغا ئېلىش تەۋھىدنىڭ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى بىلىش جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنى تىلغا ئېلىش تىلغا ئالغۇچىغىمۇ، ئاڭلىغۇچىغىمۇ پايدىلىق ئىشتۇر. چۈنكى، ئۇ تەقدىرنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئاللاھنىڭ بىرەر ئەمرىنى ياكى چەكلىمىسىنى رەت قىلمايدۇ. شەرىئەتنىڭ بىرەر ھۆكمىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ. بەلكى تەۋھىد ئېتىقادى بويىچە ساپ ھەقنى ۋە كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى سۆزلەيدۇ. ئەمدى باھانە قىلىش ئاقمايدىغان ئەھۋال بولسا، كىشى ھازىرقى زاماندا ۋە كېلەچەكتە ھارام قىلىنغان بىرەر ئىشنى قىلغاندا ياكى بىرەر ۋاجىبنى تەرك ئەتكەندە، ئۇنىڭغا بىراۋ تاپا – مالامەت قىلسا، گۇناھنى قىلىشقا ۋە چىڭ تۇرۇشقا تەقدىر قىلىنىپ كەتكەنلىكنى باھانە قىلسا، ھەقنى بىكار قىلغان ۋە خاتا قىلغان بولىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ نازۇك يېرى شۇكى، تاپا – مالامەت (تەۋبە بىلەن) كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە، تەقدىرنى دەلىل قىلىش توغرا بولىدۇ. تاپا – مالامەتكە ئۇچرايدىغان ھالەتتە تەقدىرنى دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ» (قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «شفاء العليل في مسائل القضاء والقدر والحكمة والتعليل»، 18 – بەت).

يىغىپ ئېيتقاندا، ھەدىسنىڭ زاھىرى گۇناھ – مەئسىيەتكە تەقدىرنى باھانە قىلىشقا ۋە گۇناھكارلاردىن تاپا – مالامەتنى چۈشۈرۈۋېتىشنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ ھەقتە جىمى ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. مۇئتەزىلەلەر بولسا ھەدىستىن بۇنىڭ تەتۈرىنى چۈشىنىۋالغاچقا، ئۇلار: «بۇ ھەدىس گۇناھ – مەئسىيەتكە تەقدىرنى باھانە قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا جىنايەتنىڭ سورىقىنى ئېلىش ۋە جازالاش بىمەنىلىك بولىدۇ» دەپ قارىۋېلىپ، بۇ ھەدىسنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەدىسنىڭ ھەقىقىي زاھىرى ئەمەستۇر. ھەقىقىي زاھىرى بولسا پۈتۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا، باشقا كەلگەن مۇسىبەتكە قارىتا تاپا – مالامەت بولمايدۇ ياكى مەئسىيەتتىن تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇن ئەمەس، تەۋبە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تاپا – مالامەت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككى چۈشەنچە بىلەن ھەدىسنىڭ «گۇناھ – مەئسىيەتنى سادىر قىلىشقا تەقدىرنى باھانە قىلسا بولىدۇ» دېگەننى بىلدۈرمەيدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. دېمەك، ئۇلار چۈشىنىۋالغان خاتا ئۇقۇم بىلەن ھەدىسنىڭ ھەقىقىي زاھىرى ئوتتۇرىدا پەرق چوڭدۇر. ئۇلارنىڭ رەت قىلغىنى ھەدىسنىڭ ھەقىقىي مەناسى بولماستىن، ئۆزلىرى خاتا چۈشىنىۋالغان مەنادۇر. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد فەرىد زەريوھ: «المعارضات الفكرية المعاصرة لأحاديث الصحيحين»، 2/805 – 808.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1447، 8 – جۇمادىيەل ئاخىر / م. 2025، 29 – نويابىر