شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(1)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(1)

(سوئال – جاۋابلار)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت – سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابەلىرىگە، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي!

قۇربانلىق قىلىش ئىسلامىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى تۇرۇقلۇق، بەزى مۇسۇلمانلار قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى تولۇق ھەم ئېنىق بىلمەي يۈرمەكتە. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدە شەرىئەتتىكى قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى سوئال – جاۋاب تەرىقىسىدە ئىخچام بايان قىلىپ ئۆتىمىز. جانابىي ئاللاھ بىزنى خاتالىقتىن يىراق قىلسۇن، ئەمەللىرىمىزنى خالىس قىلسۇن، ئامىن.

قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟

ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش نىيىتى بىلەن، قۇربانلىق قىلىش بەلگىلەنگەن كۈنلەردە شەرتكە توشقان قوي، كالا، تۆگە ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللارنى بوغۇزلاشتىن ئىبارەت.

قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان پائالىيەت ئىكەنلىكىدە بارلىق ئالىملار ئىتتىپاقتۇر.

ئاللاھ تائالا رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى: ﴿شۇڭا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108«كەۋسەر»: 2) دەپ بۇيرۇغان. بۇ ئايەت ھەر خىل تەفسىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەككەدە نازىل بولغان ۋە ئايەتنىڭ زاھىرىي مەنىسى ناماز بىلەن قۇربانلىق مال بوغۇزلاشقا بۇيرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، «مۇشرىكلارنىڭ قىلغىنىغا خىلاپ ھالەتتە ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ، قۇربانلىقنى ئاللاھقا قىلغىن، نامىزىڭ بىلەن قۇربانلىقىڭ ئاللاھقىلا بولسۇن» دەپ تەفسىر قىلىش مۇۋاپىق. يەنە قەتادە، ئىكرىمە ۋە ئەتاﺋ قاتارلىقلار: «بۇ ئايەتتىكى مەقسەت ھېيت نامىزى بىلەن قۇربانلىق قىلىش» دەپ تەفسىر قىلغان(1).

قۇربانلىق قىلىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىپ ئىزاھلىغان. مەسىلەن:

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ›بىسمىللاھ‹ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن»(2).

قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالىنى قۇربانلىق قىلدى» دېگەن (3).

ئابدۇلئەزىز ئىبنى سۇھەيب رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ›پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، مەنمۇ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىمەن‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان»(4).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، خۇتبە سۆزلەپ بولۇپ، مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان(5).

ئالىملار قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئىي ھۆكمىدە مۇنداق ئىككى خىل قاراشتا بولغان:

1. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن تەكىتلەنگەن سۈننەت. بۇ شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبىگە تەۋە بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ قارىشى.

2. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن ۋاجىب. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، دەلىل جەھەتتىن مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلىپ: «قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب دېگەن قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، ئۇ جىمى يۇرتلاردا ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىدىغان ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم) دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 162) دېگەن ئايەتىدە ناماز بىلەن بىللە كېلىدۇ. يەنە بىر ئايەتتىمۇ ﴿شۇڭا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾ دەپ نامازغا بۇيرۇغاندەكلا قۇربانلىق قىلىشقىمۇ بۇيرۇغان» دېگەن(6).

ﺑﻪﺭﺍﺋ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺯﯨﺐ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ سۆزلەپ بەردىكى: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ:

— ﻛﯩﻤﻜﻰ نامازنى ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ بولىدۇ – دە، ئۇنىڭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھېساب بولمايدۇ! — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺭاﺋﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﯘﺭﺩﻩ:

— ئى ﺭﻩﺳﯘلۇللاھ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻳﻪﭖ – ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﻩ ﺳﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ياقتۇرۇپ قويۇمنى سويۇپ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ كېلىشتىن بۇرۇن (ﺋﯘﻧﯩﯔ گۆشىدە) ناشتا قىلىپتىمەن، — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﯓ (ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ) ﮔﯚﺵ ﺑﻮﭘﺘﯘ، — ﺩﯦﺪﻯ. ئەبۇ بۇردە:

— ئى ﺭﻩﺳﯘلۇﻟﻼﮪ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ يىللىمىغان ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻳﺪىنمۇ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﺮﻩﻙ. ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ — ﺩﯦﮕﻪنىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﮪﻪﺋﻪ، ﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ھېساب بولمايدۇ، — ﺩﯦﺪﻯ» (7).

بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق ئىپادىسى بىلەن «هېساب بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بولمىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇرۇنقىنىڭ ئورنىغا باشقىدىن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، بۇ ساھابەنى قىيىن ئىشقا دۇچار قىلمىغان بولاتتى.

يەنە ﺟﯘﻧﺪﻩﺏ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ سۆزلەپ بەرگەنكى: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ‹ﻛﯩﻤﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ› ﺩﯦﺪﻯ»(8).

بۇ ھەدىستىكى «ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ قىلسۇن» دېگەن سۆز بىلەن «قۇربانلىق قىلسۇن» دېگەن بۇيرۇقمۇ ۋاجىبلىقنى كۆرسىتىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقنى تاشلىماي ئىزچىل قىلىشىمۇ ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدە ئون يىل قۇربانلىق قىلىپ تۇرغان» دېگەن سۆزىمۇ(9) بۇنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ، تۆۋەندىكىدەك قاتتىق تەلەپپۇزدا ئاگاھلاندۇرغان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن.(10) مانا بۇ ھەدىستىكى تەھدىت پەقەت ۋاجىبنى تەرك قىلىشقىلا مۇناسىپ كېلىدۇ.

ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىس مۇنداق دەلىل بولالايدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربى يەتكەن، ئەمما قۇربانلىق قىلمىغان كىشىنى نامازگاھقا يېقىن يولاشتىن توسقانلىقى ئۇنىڭ ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى مۇشۇنداق بىر ۋاجىبنى تاشلاپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ يېقىنلىشىشنىڭ پايدىسى يوقتەكلا»(11).

دېمەك، قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى قۇربى يەتكەنلەرگە ۋاجىب. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلىش دېگەن ئىسلامىيەتنىڭ شوئارى، دىننىڭ بەلگىسىدۇر. قۇربانلىق قىلساق ئىسلامىيەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەمئىيەتتە جاكارلايمىز، شەرىئەت ئەنئەنىسىنى ئىجرا قىلىمىز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل تاشلاپ قويماي قىلىپ كەلگەن ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولىمىز، ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، بالا – چاقىلىرىمىزنى خۇشال قىلىپ، ئۇلارنى كەڭ – كۇشادە گۆش يېيىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز، ئايەم خۇشاللىقىنى، تەنتەنىسىنى تولۇقلايمىز، ئەتراپتىكى موھتاجلارغا گۆش يېگۈزىمىز… دېمەك، بۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى نۇرغۇن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولىمىز.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتىگە نەزەر سالايلى: ﴿(كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار. قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(22/«ھەج»: 36، 37).

قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇشتىكى ھېكمەت نېمە؟

بۇ ئىبادەت ئەسلىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمەكچى بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىبرىل ئارقىلىق بىر قوچقارنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىشقا چۈشۈرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا بۇ پائالىيەتنى تۇتۇپ ماڭىدىغان سۈننەت قىلىپ بېكىتكەن.

ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىش – ئوقەت قىلغۇدەك بولۇپ يېتىلگەن چاغدا، ئۇ: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرۈۋاتىمەن، ئويلىنىپ باق، قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ: «ئى ئاتا! بۇيرۇلغىنىڭنى قىلىۋەرگىن، ئاللاھ خاھلىسا مېنىڭ سەۋرچانلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئۇنى يېنى ياتقۇزغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكى ئىسپاتلاندى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! چۈشكە ئىشەندىڭ(بۇيرۇلغان ئىشنى قىلدىڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ھەقىقەتەن بۇ ئېنىق سىناقتۇر﴾ دېگەن(37/«ساففات»: 102 – 106).

دېمەك، بۇ ئىبادەت ئىمان ۋە ئىخلاسنىڭ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مەيلى قانداق ئىشقا بۇيرۇغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككىلەنمەستىن تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ، ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ ئالاھىدە بىر ئۆرنىكى بولغاچقا، كېيىنكى ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاشۇ پىداكارلىق قىسسەسىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر.

قۇربانلىقنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىلار قىلىدىغان قۇربانلىق ھەققىدە دېگەن مۇنۇ سۆزلىرى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەيدۇ: ﴿ئىنسانلار ئارىسىدا ھەجگە چاقىرىپ جاكارلىغىنكى، ئۇلار كاتتا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەر بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ كەلسۇن﴾(22/«ھەج»: 27، 28).

﴿بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار﴾(22/«ھەج»: 34).

ئاللاھ تائالا يەنە كەئبەگە ھەدىيە قىلىنغان تۆگىلەر ھەققىدە دېگەنكى: ﴿ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(22/«ھەج»: 37).

ئىمام ئىبنى كەسىر مەزكۇر ئايەتنى مۇنداق تەفسىر قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھەدىيە ۋە قۇربانلىق ماللارنى ئۇلارنى بوغۇزلىغىنىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر. چۈنكى، ئۇ ياراتقۇچىدۇر، رىزىق بەرگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا ئۇ ماللارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. جاھىلىيەتتە كىشىلەر بۇتلىرىغا مال بوغۇزلىغاندا بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىقلىرىنىڭ گۆشلىرىنى قويۇپ، قانلىرىنى ئۈستىگە چېچىپ قويىدىغان بولغاچقا، ›ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ‹ دېگەن»(12).

قۇربانلىق قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەتنى مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

1. ئاللاھ تائالاغا پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىنلىشىش.

2. بەندىلەرنى ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشقا تەربىيەلەش.

3. تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلاش، مال بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلاش.

4. پېقىر – مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تويغۇزۇش.

5. ئۆزى ۋە بالا – چاقىلىرىغا كەڭ – كۇشادە غىزا تەييارلاپ بېرىش.

6. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان مال – دۇنيا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش.

7. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.

قايسى جايلاردىكى كىشىلەر قۇربانلىق قىلىدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قۇربى يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلمان قۇربانلىق قىلىدۇ. مەيلى شەھەرلىك ياكى يېزىلىق ۋەياكى چۆل – باياۋاندا ياشايدىغان بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھاجى ياكى باشقىلار بولسۇن، سەپەردىكى ياكى مۇقىم تۇرىدىغان كىشى بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش.

بەزى ئالىملار سەپەردىكى كىشىلەر، ھاجىلار قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئەمەس، دەپ قارىغان بولسىمۇ، دەلىللەردىن ئۇلارنىڭمۇ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى يەكۈنلىنىپ چىقىدۇ. مەسىلەن:

قاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ﺑﯩﺰ ﮪﻪجنىلا ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﺳﻪﺭﯨﻒ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ قالدىم. مەن يىغلاپ ئولتۇراتتىم، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻳﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ:

— ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ – ﻧﯧﻤﻪ؟ — ﺩﯦﺪﻯ، ﻣﻪﻥ:

— ﮪﻪﺋﻪ، — ﺩېگەنىدىم، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺑﯘ (ﮪﻪﻳﺰ) ﺋﺎﻟﻼﮪ تائالا ﺋﺎﺩﻩم (ئەلەيھىسسالامنىڭ) ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯜتۈۋﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ، ﺳﯩﺰ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﮪﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﺎﺟﯩﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئەمەللەرنى ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﯔ، — ﺩﯦﺪﻯ». ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ (سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ) دېدىكى: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻻ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ»(13).

دېمەك، بۇ ھەدىستە ھاجىلارمۇ قۇربانلىق قىلغان. ئەگەر ھاجىلار ھەجگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىيە قۇربانلىقىدىن باشقا ئادەتتىكى ھېيت قۇربانلىقنى ئەرەبىستاندا بوغۇزلىماي، يۇرتتىكى تۇغقانلىرىغا بۇيرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى. چۈنكى، بۇنىڭدىن يۇرتتىكى تۇغقانلىرى پايدىلىنالايدۇ ھەم بەزىدە مىنادا گۆش بۇزۇلۇپ، تاشلىنىپ كېتىدۇ.

يەنە بىر ھەدىستە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى قىلىپ بولۇپ: «ئى سەۋبان! ماۋۇنىڭ گۆشىنى تەييارلىغىن» دېگەن ئىدى، مەن تاكى مەدىنەگە بارغۇچە ئۇنىڭ گۆشىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېگۈزۈپ تۇردۇم»(14).

يۇقىرىقى ئىككى ھەدىس سەپەردىكى ھالەتتە ۋە مىنادا ھەج قىلىۋاتقان ھالەتتە قۇربانلىق قىلىنىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانچىلىك بولسا قۇربانلىق قىلىدۇ؟

قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يېتىشتىن ئىبارەت بۇ شەرت ئالىملار ئوتتۇرىدا بىرلىككە كەلگەن شەرتتۇر. چۈنكى، ﴿ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 286). لېكىن، قۇربى ياكى تاقىتى يېتىشنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، ھېيت كۈنى زاكات بېرىدىغان دەرىجىدە باي بولۇشى شەرت. يەنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىدىن ئارتۇق 85 گرام ئالتۇن مىقدارىدا ئىقتىسادى بولۇشى. مالىكىي مەزھەب قارىشىدا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئاشقۇدەك بولۇشى. ئەگەر قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلالايدىغان بولسا قەرز ئالىدۇ. شافىئىي مەزھەب قارىشىد، ھېيت كۈنلىرىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىنىپ قۇربانلىق پۇلىغا ئىگە بولۇشى. ئەگەر قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلالايدىغان بولسا قەرز ئالىدۇ. ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىدا، قۇربانلىق پۇلىنى قەرز ئېلىپ بولسىمۇ تاپالايدىغان ۋە ئۇ قەرزنى تۆلەشكە كۆزى ئىلىدىغان بولۇشى شەرت(15).

بۇلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر ئېھتياجىدىن ئارتۇق ئىقتىسادى بولغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىققا قۇربى يېتىدىغان، قۇربانلىق مال ياكى ئۇنى سېتىۋالىدىغان پۇل ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن. مانا بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى بولۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بەزى ئالىملار ھازىر نەق پۇل بولمىسىمۇ كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا، قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ، دەپ قارىغان.

مائاشلىق كىشىلەر ھەر ئايدا ئالغان مائاشى ئېھتىياجىنى قامداپ قۇربانلىققا پۇل ئېشىنالىسا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

بىر مالنى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلىش

بىر قوينى پەقەت بىر كىشى ياكى بىر ئائىلە ئۈچۈنلا قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، كالا بىلەن تۆگىنى يەتتە كىشى ياكى يەتتە ئائىلە شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. يەنى كالا بىلەن تۆگە قۇربانلىقتا يەتتە قوينىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىز ھۇدەيبىيە يىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە يەتتە كىشىگە بىر تۆگىنى، يەتتە كىشىگە بىر كالىنى قۇربانلىق قىلغان ئىدۇق». يەنە بىر ھەدىستە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ھەج تەمەتتۇﺋ قىلغان ئىدۇق. يەتتە كىشى بىرلىشىپ بىر كالا بوغۇزلىدۇق» دېگەن(16).

يەنە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر تۆگە يەتتە كىشىگە، بىر كالا يەتتە كىشىگە يېتەرلىك» دېگەن(17).

بۇ ھەج – ئۆمرەدىكى ئەھۋال بولۇپ، قىياس بويىچە ھەدىيەگە ئاتىغان قۇربانلىقتا ئادا بولغىنى ئادەتتىكى قۇربانلىقتىمۇ ئادا بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىسلەر ھەدىيە قۇربانلىقتا شېرىكلىشىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل. بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجماﺋ قىلغىنى شۇكى، قويدا شېرىكلىشىشكە بولمايدۇ. مەزكۇر ھەدىسلەر بىر تۆگىنىڭ يەتتىگە، بىر كالىنىڭمۇ يەتتىگە ھېساب بولىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يەتتە قوينىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېھراملىق كىشىگە ئوۋ جازاسىدىن باشقا يەتتە قان قىلىش ۋاجىب بولغان بولسا، پەقەت بىر تۆگە ياكى بىر كالا بوغۇزلىسىمۇ ئادا بولىدۇ»(18).

ھەربىر قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ بىر تۆگە ياكى بىر كالىدىكى نېسىۋىسى يەتتىدىن بىرىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئىككى ياكى ئۈچ كىشى شېرىكلىشىپ، بىر كالا ياكى بىر تۆگە قۇربانلىق قىلسىمۇ، خۇددى يالغۇز بىر كىشى قىلسا بولغىنىدەك بولۇۋېرىدۇ. مۇھىم بولغىنى يەتتىدىن ئارتۇق كىشى شېرىكلەشمەسلىكتۇر.

لېكىن، بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىدا شېرىكلەرنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق قىلىشنى، ياكى ئەقىقە، ياكى كەففارەت دېگەندەك ئىبادەت مەقسىتىدە قان قىلىشنى نىيەت قىلغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، بەزىلەر قۇربانلىقنى، بەزىلەر گۆشنى مەقسەت قىلىپ شېرىكلەشسە قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ.

بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلامدۇ؟

كۈچلۈك قاراشتا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قانچە كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر قۇربانلىق، يەنى بىر تۆگە ياكى بىر كالا ۋەياكى بىر قوي يېتەرلىك بولىدۇ. يەتتىگە قەدەر كىشى ياكى ئائىلە شېرىكلەشكەن ئەھۋالدا بىر كالا ياكى بىر تۆگىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولى شۇكى، بىر قوي بىر كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ قۇربانلىقىغا — گەرچە ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ — يېتەرلىك بولىدۇ»(19).

ئەتاﺋ ئىبنى يەسار ئېيتىدۇ: «مەن ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:

— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قۇربانلىقلار قانداق ئىدى؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— بىر ئەر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ يېيىشەتتى، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈشەتتى. كېيىن كىشىلەر كۆز – كۆز قىلىپ، سەن كۆرۈۋاتقاندەك ھەربىر كىشىگە بىردىن قىلىدىغان بولغان، — دېدى([20]).^

يەنە ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدىكى بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى قۇربانلىققا بوغۇزلىغاندا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن» دەپ قۇربانلىق قىلغان(21).

يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن ئائىلە – تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى»(22).

سوئال: تۇل ئايال ياكى يولدىشى تۈرمىدە بولغان ئايال ۋەياكى يولدىشى قۇربانلىق قىلماي تۇرۇۋالىدىغان ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى بولسا، قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەگەر ئائىلىدە ئەر كىشى بولمىغان تەقدىردە، ئائىلىگە باش بولغان ئايالنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئەگەر يولدىشى تۈرمىدە ياكى يولدىشى قۇربانلىق قىلماي تۇرۇۋالىدىغان ئەھۋالدا، يولدىشىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىدۇ. يولدىشىنىڭ پۇلى يوق، ئەمما ئايالنىڭ ئىقتىسادى بولسا، ئايالنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇنى ئېرىگە بىلدۈرۈشى ياكى ئېرىدىن رۇخسەت سوراپ قىلىشى كېرەك ئەمەس.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن.(23) بۇ ھەدىستە ئەر – ئايال دەپ ئايرىمىغان.

«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە مۇنداق كەلگەن: «ئەر كىشى بولۇش قۇربانلىقنىڭ ۋاجىب ياكى سۈننەت بولۇشىنىڭ شەرتى ئەمەس. شۇڭا، ئەر كىشىگە ۋاجىب بولغاندەك، ئايال كىشىگىمۇ ئوخشاش ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، ۋاجىبلىق ياكى سۈننەتلىك دەلىللىرى ئەرنىمۇ، ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان»(24).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «يېتىم بالىغا قارىتا يېتىم بالىنىڭ مال – مۈلكىدىن قۇربانلىق سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ. يولدىشى ئىجازەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئايالى ئېرىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل ئالىدۇ. قەرزدار كىشى قەرزنى ھازىرلا تۆلىشى كېرەك بولمىغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلىدۇ، كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا، قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ». ئىمام يەنە: «كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا ياخشى، لېكىن ئۇنداق قىلىشى ۋاجىب ئەمەس» دېگەن(25).

ئەگەر بىر چوڭ ئائىلىدە بىرقانچە ئەر كىشى بولسا، مەسىلەن، ئاتا بىرقانچە ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان بولسا، ئاتىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم، ئوغۇللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولسا، ھەربىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئايرىم بىر قۇربانلىق قىلىدۇ. ئوغۇللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولماي، ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ. باشقا – باشقا يەردە تۇرىدىغان بولسىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنىلا بىر قۇربانلىق ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

————–
1. ئىبنۇلجەۋزىي: «زادۇلمەسىير»، 9/249.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5558)؛ «مۇسلىم»، (1966).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5559)؛ «مۇسلىم»، (1966).
4. «بۇخارىي»، (5553).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5554)؛ «مۇسلىم»، (1962).
6. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 23/162.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (955)؛ «مۇسلىم»، (1961).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (985)؛ «مۇسلىم»، (1960).
9. «تىرمىزىي»، (1507). تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.
10. «ئەھمەد»، (8256). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
11. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/199.
12. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 5/431.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (294)؛ «مۇسلىم»، (1211).
14. «مۇسلىم»، (1975).
15. دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/250.
16. «مۇسلىم»، (1318).
17. «ئەبۇ داۋۇد»، (2808). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/67.
19. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 2/323.
20. «تىرمىزىي»، (1505). تىرمىزىي «سەھىھ» دېگەن.
21. «مۇسلىم»، (1505). تىرمىزىي «سەھىھ» دېگەن.
22. «ئەلمۇستەدرەك»، (7555). ھاكىم «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
23. «ئەھمەد»، (8256). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
24. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/81.
25. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/305.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ