Muhemmed_sadiq_kashgheriy - taj_name

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تاج نامە

تۈر: تارىخ.

ۋاراق سانى: 317 (635 بەت)

قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 19 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان بۇ تۈركچە / چاغاتايچە تەرجىمە تارىخشۇناس، مۇجتەھىد ۋە كاتتا مۇفەسسىر ئىمام ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئىبنى يەزىد ئەتتەبەرىي (ھ. 224 – 310 / م. 839 – 923) نىڭ «تارىخۇتتەبەرىي» نامىدا مەشھۇر ئەسەرى «ئەخبارۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك (تارىخۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك)»نىڭ ئاخىرىغا بىرقانچە باپلارنى قوشۇپ ئىجادىي ئىشلەپ چىققان تەرجىمە ئەسىرى بولۇپ، ئۇ بۇ تەرجىمەنى بىۋاسىتە ئەرەبچە نۇسخىسىدىن ئەمەس، بەلكى فارسچە تەرجىمەسىدىن قىلغان. مەزكۇر فارسچە تەرجىمە ئۆز زامانىدىكى پادىشاھ ئەبۇ سالىھ مەنسۇر ئىبنى نۇھ سامانىي ئەمرى بىلەن ئەبۇ ئەلىي مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلبەلئەمىي (ۋا ھ. 363 / م. 975) تەبەرىينىڭ ۋاپاتىدىن قىرىق ئىككى يىل كېيىن يەنى ھ. 352 / م. 963 يىلى تاماملىغان فارسچە تەرجىمەدۇر. ھەزرىتى مۇھەممەد سادىق ئەئلەم كاشغەرىي ئۇشبۇ تەرجىمەنى ئىسكەندەر ۋانغ ھاكىم بەگ ئوغلى شاهزادە ھەزرەت يۇنۇس تاجى بەگكە بېغىشلىغان.( بەزىلەر ئىسكەندەر بەگكە بېغىشلىغان دەپ «تارىخى ئىسكەندەر» دەپمۇ ئاتىغان. لېكىن مۇئەللىف قوليازما مۇقەددىمىسىدە ئېنىق قىلىپ ئىسكەندەر ۋانغ ھاكىم بەگنىڭ ئوغلى شاهزادە ھەزرەت يۇنۇس تاجى بەگكە بېغىشلىغانلىقىنى بايان قىلغان)

باشلىنىشى: صلوات زاكيات اول سيد كائنات وخلاصة موجودات رسالت تختي نينك سلطاني، جلالت بختي نينك برهاني، أنبىيا زمرەسى نينك پشواسى، وأوليا فرقەسى نينك مقتداسى، يعني حضرت محمد مصطفى صلى الله عليه وسلم غه…

ئاخىرى: ابن آوى اتارلار عجم ايچرە مونداغ نمرسە بولمايدورغان ايردى زمين تركستاندا بولور ايردى شهر عراق ايچرە هر كنت لاردا و هر شهرلاردا بىسيار…

قوليازما ساقلانغان ئورۇن: شىۋىتسىيە لوند ئۇنىۋېرسىتېتى، قوليازما بۆلۈمى نو: 115، نەمۇنە: 439 no

prov: 439 115no:  handskriftsavd Lund University

بۇ ئورۇندا «قەسەسۇل ئەنبىيا» نامىدا ساقلانغان. بەلكىم «تارىخۇتتەبەرىي»نىڭ نامى بولمىش «تارىخۇررۇسۇل)»مۇ شۇ مەنادا بولغانلىقتىن بولسا كېرەك.

مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قازى ئەئلەم مۇھەممەد سادىق ئىبنى موللا شاھ ئەئلەم ئاخۇنۇم ئەلكاشغەرىي

تەۋەللۇدى: شەرقىي تۈركىستان ، كاشغەر. ھ. 1153/ م. 1740.

ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان ، كاشغەر. ھ. 1266/ م. 1849.

بۇ زات ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسىدۇر.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي

بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمۈر كۆرۈپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن نۇرغۇن ۋاقىئەلەرنىڭ شاھىدى بولغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆپلىگەن غەزەل ۋە مەسنەۋىلەرنى، «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ( «تەزكىرەئىي خوجاگان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق مەشھۇر دىنىي، ئەدەبىي ـ تارىخىي ئەسەرلەرنى، «تارىخى تەبەرىي»، «تارىخى رەشىدىي» قاتارلىق بەدىئىي تەرجىمىلەرنى خەلقىمىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي 1740 ـ يىلى كاشغەردە ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئېيتىشچە ئۇ كىچىكىدىنلا ئوقۇشقا ھەۋەس قىلىپ ھەرخىل بىلىملەرنى تىرىشىپ ئإگەنگەن، مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى، يەكەننىڭ ھۆكۈمدارى خوجا جاھان (ياقۇب) ئەرشىينى ئۇستاز تۇتقان. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ «تەزكىرەئىي ئەزىزان»نىڭ نۇرغۇن سەھىپىلىرىنى خوجا جاھان ئەرشىيگە بېغىشلىغان.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ئىجادى پائالىيىتى لىرىك شېئىرلار يېزىش بىلەن باشلانغان. كېيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا 18 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا يۈز بەرگەن زور تارىخى ـ ئىجتىمائىي ۋاقىئەلەرمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئاز قىسىمىلا دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي 1771 ـ تەزكىرە ژانىردىكى ئەسىرى ــ «تەزكىرەئىي ئەزىزان»نى يېزىپ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بىر شانلىق سەھىپە ئاچتى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەزكىرە ژانىرىدىكى ئەسەرلەر ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ئۇنىڭ بىرى دىنى ـ ئەدەبىي تەزكىرلەر، يەنە بىرى، تارىخى ـ ئەدەبىي تەزكىرىلەردۇر. «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆز ئۇچرايدىغان تارىخى ـ ئەدەبىي تەزكىرە تىپىگە كىرىدۇ. ئۇ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ئە. ناۋائىينىڭ «ماجالىسۇننەفائىس»، دۆلەتشاھ سەمەرقەندىينىڭ «تەزكىرەتۇششۇئەرا» تەزكىرىلىرىگە ئوخشىسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چۇڭقۇر ۋە مول تارىخى ـ ئىجتىمائىي مەزمۇنلىرى بىلەن يۇقارقى ئىككى ئەسەردىن پەرقلىنىدۇ. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخىي ـ ئەدەبىي تەزكىرە ئىجادىيىتىدە يېڭى ئۇسلۇب، يېڭى پەللە ياراتقانلىقىنى نامايىش قىلىدۇ.

«تەزكىرەئى ئەزىزان»دا خوجەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پائالىيەتلىرى، ئافاق خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خان ـ خوجەلەر ھەققىدىكى بايانلار، خوجا دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جاھاننىڭ ھاياتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە مۇنقەرز بولۇش تارىخىغا دائىر بايانلار ۋە خوجا بۇرھانىددىنغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ۋاقىئەلەر ناھايىتى پاكىتلىق ھالدا بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئۇنىڭدا شۇ دەۋرلەردە ئۆتكەن ئەدىبلەر، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى قىممەتلىك مەلۇماتلارمۇ ئۇچرايدۇ.

«تەزكىرەئى ئەزىزان»غا كىرگۈزۈلگەن مەسنەۋىيلەر، غەزەللەر، مۇسەممەن، مۇخەممەس، رۇبائىي ۋە ساقىينامىلار ئاپتور ئىجادىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. ئالايلى:

قايسى بىر دەردىم بايان ئەيلەيكى، قايسى كۈلپەتى،

بىلىمەن يا كەلمىگەي مۇنداغ بىرەۋگە مېھنەتى.

ماتەمىمنى ئېيتاينىمۇ يا مۇسىبەت غۇسەسى،

يا دەينىمۇ خانۇ ـ ۋەيرانلىق بەلائۇۇ شىددەتى.

ياكى دۇشمەنلەر ھوجۇم ئەيلەب جاۋانىبىدىن ماڭا،

قەسدى جانىم قىلغانىڭ دەيمۇ خەتەرلىك ئافەتى.

بارچە غەم بىر سارىيۇ بېغەم رەقىب تەڭدىل،

يەتكۈزۈپ ھەردەم مالامەتىدىن تۇمەنمىڭ زەخمەتى.

سادىقا! شاھزادىلەرگە يوق جاپالار قالدىمۇ؟

نە ۋەفا قىلدى ئاڭا خەيلى ھەشەم نە دەۋلەتى.

«تەزكىرەئى ئەزىزان»دا ئەينەن ئېلىنغان ياكى ئاپتور تەرىپىدىن قايتىدىن ئىشلەنگەن، ئىجاد قىلىنغان ماقال ـ تەمسىللەر، ھەتتا بىر قىسىم فارسچە ماقال ـ تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر فولكلورىنى ياخشى بىلىش بىلەنلا قالماي، شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە فولكلورى بىلەنمۇ يېقىندىن تونۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ـ ئۆلىمالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ مەلۇم مەزگىل كاشغەر خانلىق مەزگىلىدە مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، كاشغەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ باش قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ مەزگىلدە ئالىمنىڭ شان ـ شۆھرىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا يېيىلغان. زوھورىددىن ھاكىمبەگ دەۋرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئەدىبلىرى ئا. نىزارىي، غەربىي، زىيائىي، سەبۇرىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلىم ـ پەن تەتقىقاتى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ مەزگىلدە ئەدىب «زۇبدەتۇل مەسائىل» (1840 ـ يىلى)، «تەزكىرەئى ئەسھابۇلكەئف» (1844 ـ يىلى)، «تاجنامە شاھ» (1846 ـ يىلى) قاتارلىق تارىخىي ـ بەدىئىي ۋە ئەخلاقىي ـ پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى.

«تاجنامە شاھ» مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئەرەب تارىخچىسى تەبەرىينىڭ «تارىخ تەبەرىي» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ئاخىرغا بىرقانچە بابلارنى قوشۇپ ئىجادىي ئىشلەپ چىققان تەرجىمە ئەسىرى. ئەسەرنى يېزىشنى كاشغەر ھاكىملىرىدىن ئىسكەندەر بەگ ئوغلى شاھزادە يۇنۇس تاج بەگ تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، ئاپتور بۇ تەرجىمە ئەسىرىنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.

ئاتاقلىق ئەدىب، تارىخچى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ 1836 ـ يىلى، خېلى كۆپ مىقداردىكى ئالتۇنغا سېتىۋالغان قىممەتباھالىق مۈلكى ــ «مەسنەۋى شىرىف» كىتابىنى ھەزرىتى موللام ــ مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا ۋەقف قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى ھۆججەت مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى ۋە مازىرىنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخى پاكىت بولۇپ خىزمەت قىلدى.

1849 ـ يىلى كاشغەردە بولغان بىر قېتىملىق سىياسى توپىلاڭدا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي پاجىئەلىك تۈردە قەتلى قىلىندى. ئۇ شۇ يىلى 109 ياشقا كىرگەندى. ئۇنىڭ جەسەدى كاشغەر شەھىرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ئالدىدىكى زەرەتكالىققا (ئاق مازارغا) دەپىن قىلىندى.

(ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ ئاپتورى نامەلۇم. ماقالىدىكى «شىنجاڭ» دېگەندەك بەزى كەلىمەلەر تەھرىرلەندى.)

***

اسم المخطوطة: تاج نامه

الفن: التاريخ.

عدد الأوراق: 317 (635 صفحة)

وصف المخطوطة: كل صفحة 19 سطر بخط واضح. وهي ترجمة لتاريخ الإمَامُ مُحَمَّدُ بنُ جَرِيْرِ بنِ يَزِيْدَ الطَّبَرِيُّ المتوفى 310 هـ المسمى بتاريخ الأمم والملوك أو تاريخ الرسل والملوك المعروف بـ تاريخ الطبري، وقد ترجمه الإمام محمد صادق الكاشغري من الترجمة الفارسية التي أنجزها الإمام أبو علي محمد بن أبي الفضل محمد بن عبيد الله البلعمي (ت363هـ/975م) بأمر من السلطان أبي صالح منصور الساماني، وذلك عام 352هـ /963م أي بعد اثنين وأربعين عاماً على وفاة الطبري.

أوله: صلوات زاكيات اول سيد كائنات وخلاصة موجودات رسالت تختي نينك سلطاني، جلالت بختي نينك برهاني، أنبىيا زمرەسى نينك پشواسى، وأوليا فرقەسى نينك مقتداسى، يعني حضرت محمد مصطفى صلى الله عليه وسلم غه…

آخره: ابن آوى اتارلار عجم ايچرە مونداغ نمرسە بولمايدورغان ايردى زمين تركستاندا بولور ايردى شهر عراق ايچرە هر كنت لاردا و هر شهرلاردا بىسيار…

مكان المخطوطة: قسم المخطوطات، جامعة لوند، السويد، رقم: 115، العينة: 439. باسم «قصص الأنبياء»

prov: 439  11 no:  handskriftsavd Lund University

الاسم المؤلف الكامل: الشيخ القاضي الأعلم محمد صادق بن مُلّا شاه أعلم آخون الْكاشْغَريّ

مكان الولادة: كاشغر، تركستان الشرقية، ھ. 1153/ م. 1740.

تاريخ الوفاة: كاشغر، تركستان الشرقية، ھ. 1266/ م. 1849.

وهو ضاحب هذه الترجمة:

الأديب المؤرخ

محمد صادق الكاشغري
(؟ – ؟)

هو محمد صادق أو محمد بن صادق، من مواليد مدينة كاشغر قبيل منتصف القرن الثامن عشر ومن المعمرين، وإن تاريخ تأليفه «أصحاب الكهف» من مصنفاته كان عام 1844م، وأول تأليفه ديوانه المسمى بـ«تذكرة العزيزان» كتبه عام 1771م، يتوسطها تأليفه الديني وفتواه الفقهية بعنوان «زبدة المسائل الفقهية» بتاريخ عام 1840م.

ويبدو من هذا النشاط العلمي أنه قد شارف المائة من عمره المديد، وبالرغم من ذلك لم نعثر على تاريخ محددة لولادته أو وفاته حتى الآن.

وأما نتاجه الأول «تذكرة العزيزان» كتبه بتكليف من الأميرة الوالدة رحيمة خان آغجام، وهي والدة حاكم ولاية كاشغر آنذاك السيد عثمان بك حكيمي. يعتبر محمد صادق الكاشغري أثره هذا تاريخا مفصلا للقرن الثامن عشر بالنسبة للتركستان الشرقية بقسميها الشمالي والجنوبي.

ومحمد صادق الكاشغري من العلماء العاملين والداعين المصلحين من أعلام المسلمين، ثم إنه ختم حياته بترجمة تاريخ ابن جرير الطبري إلى اللغة التركستانية (عام 1846م)، وصرف فيها ثلاث سنوات كاملة من عمره المديد المبارك، وسماها «تاريخ إسكندر تاجنامه شاه»[(^1)]، وقد زاد فيه زيادة مفيدة تكلم فيها عن حقوق الراعي والرعية مسهبا ومبسطا للغاية.

انظر: الإعلام لبعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە1» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە2» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە3» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە4» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە5» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە6» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە7» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە8» pdf


[^1): وذلك أن إسكندر حاكم كاشغر هو الذي طلب منه أن يألف كتابه هذا فسماه باسمه. ويذكر أن العلامة محمد صادق الكاشغري قتل في حركة العصيان في كاشغر عام 1849م وعمره 109 عاما ودفن في المقبرة البيضاء (آق مازار) التي أمام مقبرة يوسف خاص حاجب في كاشغر  –  ت.