ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(1)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(1)

(مۇبارەك رامازان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

جىمى ھەمدۇسانالار بارلىق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان، «قۇرئان»نى نازىل قىلغان، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغان يېگانە زات — جانابىي ئاللاھقا بولسۇن. ئۇ زات بىزنى ھىدايەتكە نېسىپ قىلمىغان بولسا ئىدى، توغرا يولنى تاپالمىغان بولاتتۇق. ئىمان نېمە، ئىسلام نېمە؟ بىلمىگەن بولاتتۇق.

يەنە بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھاد قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، شۇنداقلا ساھابە – كىراملىرىغا پۈتمەس – تۈگىمەس سالاملار بولسۇن.

بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا – ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن، توغرا رەۋىشتە يەتكۈزگەن ئالىملىرىمىزغا ۋە ئۇستازلىرىمىزغا، مۇجاھىد ۋە شېھىدلىرىمىزگە جانابىي ئاللاھنىڭ سالىمى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن، ئامىن!

ئى ئاللاھ! بىزنى ئىسلام يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن! بىزنى دۇنيادىن مۇسۇلمان پېتى كېتىشكە نېسىپ قىلغىن! بىزنى روزا تۇتۇشقا ۋە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا نېسىپ قىلغىن! رامازاننىڭ ئاخىرىدا دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننىتىڭگە ئېرىشىدىغانلاردىن قىلغىن، ئامىن!

مانا، ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئېيى بولغان ئۇلۇغ رامازانمۇ كېلىپ قالدى. بىز مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامازان ئېيىنى كۈتۈۋېلىش تەشنالىقىدا تۇرۇپتىمىز. بۇ ئاي كەلگۈچە تولۇق تەييارلىنىپ، ئۇنىڭدىكى پەزىلەتلەردىن، بەرىكەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە بەھرىمەن بولۇپ، ئاي ئاخىرلاشقىنىدا دوزاختىن ئازاد قىلىنغانلاردىن بولۇپ چىقالىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇڭا، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ قەدرىگە يېتىشىمىزگە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئەھكاملارنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

دەرۋەقە، بۇ ئاينىڭ پەزلى ۋە بەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئايدا «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت ھىدايەت كىتابىنىڭ نازىل قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدا مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسىنىڭ بارلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغانلىقىلا ئۇنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىكتۇر.

 

رامازان ئېيى قايسى ئاي؟

مەلۇمكى، ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئايلىرى 12 بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم

سەپەر

رەبىيئۇلئەۋۋەل

رەبىيئۇلئاخىر

جامادىيەلئەۋۋەل

جامادىيەلئاخىر

رەجەب

شەئبان

رامازان

شەۋۋال

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

دېمەك، رامازان ئېيى ھىجرىيە يىلنامىسى تەرتىپى بويىچە توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، مىلادىيە يىلنامىسىغا نىسبەتەن ھەر يىلى 12 كۈن ئەتراپىدا ئالدىغا سۈرۈلگەچكە، ھەر يىلدىكى كېلىش ۋاقتى مىلادىيە يىلنامىسىغا نىسبەتەن مۇقىم بولمايدۇ ۋە تەخمىنەن 33 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاي بەزىدە باھاردا، بەزىدە قىشتا، بەزىدە كۈزدە ۋە بەزىدە تومۇزدا كېلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئىلاھىي ھېكمەتلەر بار، ئەلبەتتە. چۈنكى، بۇنىڭ ئەكسىچە ياز ياكى قىشقا ئوخشاش مۇقىم بىر پەسىلدە كەلگەن بولسا، تۆت پەسىلدە ئالمىشىپ چېنىقىش ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولاتتى.

 

رامازان ئېيى «قۇرئان» نازىل قىلىنغان ئايدۇر

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە رامازان ئېيىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن: ﴿رامازان ئېيى بولسا قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى روشەن ئايرىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر. شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامازاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ. بۇ ساننى تولدۇرۇشۇڭلار ۋە سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمدۇسانا ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 185).

يۇقىرىقى ئايەتتىكى «شۇڭا» دېگەن سۆز «ف» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەرپ ئەرەبچىدە تەرتىپ ۋە سەۋەبنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، بۇ جايدا «رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش بۇ ئايدا قۇرئان نازىل بولغانلىقىغا ئەگىشىپ كەلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا روزا تۇتۇش جانابىي ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا، بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە «قۇرئان»نى نازىل قىلىش ئارقىلىق قىلغان زور ئىلتىپاتى ۋە كاتتا نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش ۋە ئاللاھنى لايىقىدا ئۇلۇغلاش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە باشلايدىغان، بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئېنىق ئايەتلەرنى ۋە ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جانابىي ئاللاھ ئۇنى تاكى قىيامەتكىچە ئۆزگەرتىلىشتىن قوغدايدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، رامازان ئېيىدا بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلىنغان ئىنئام سۈپىتىدە نازىل قىلىنىشىنىڭ شۈكرانىگە لايىق كاتتا نېئمەت بولۇشى تەبىئىيدۇر.

ئىمام رازىي مەزكۇر ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇشبۇ ئاينى مۇشۇ ئىبادەت بىلەن باشقىلىرىدىن ئالاھىدە قىلغىنىدا، بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ كۆرسىتىپ قويغان. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق دەلىل – ئىسپاتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان قۇرئاننى مۇشۇ مۇبارەك ئايدا نازىل قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ ئاينى بەندىچىلىك ئىسپاتلىرىنىڭ كاتتىسى بولغان روزا تۇتۇش ئىبادىتى بىلەن ئالاھىدە قىلغان بولۇشى يىراق سانالمايدۇ»(1).

 

رامازان ئېيى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسى بار ئايدۇر

ئاللاھ تائالا قەدر كېچىسىنى رامازان ئېيىدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كېچىدە قىلغان ئىبادەت «قۇرئان»نىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە مىڭ ئاي يەنى 83 يىل تۆت ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى قەدر سۈرىسىدە مۇنداق ئېنىق بايان قىلغاندۇر:

﴿بىز ئۇنى («قۇرئان»نى) ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدر كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى ساڭا نېمە بىلدۈردى؟ قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىنمۇ خەيرلىكتۇر. پەرىشتىلەر بىلەن روھ (جىبرىل) بۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ئۇ كېچە تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾.

پەرىشتىلەر بىلەن روھ (جىبرىل) نىڭ ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە چۈشۈشىنى ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق تەفسىرلەيدۇ: «بۇ كېچىنىڭ بەرىكىتى كۆپ بولغاچقا، پەرىشتىلەر بۇ كېچىدە چۈشىدۇ. پەرىشتىلەر خۇددى قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندا چۈشكىنىدەك، زىكىر سورۇنلىرىنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنى ئىززەتلەپ، ئۇلارغا قاناتلىرىنى پايانداز قىلىپ بەرگىنىدەك، ئادەتتە بەرىكەت ۋە رەھمەت چۈشسە بىللە چۈشىدۇ»(2).

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە بۇ كېچىنى «مۇبارەك كېچە» دەپ ئاتىغان:

﴿بىز ئۇنى («قۇرئان»نى) ھەقىقەتەن مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارمىز. ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ﴾(44/«دۇخان»: 1 – 4).

﴿ئۇ كېچە تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾ دېگەن ئىبارىنى مۇفەسسىرلەر: «كېسەللىكتىن، ئەزىيەتتىن، شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن خالىي، پەرىشتىلەر ئامانلىق ئېلىپ چۈشىدىغان كېچە» دەپ تەفسىرلەيدۇ(3). بۇ كېچىدىكى ئىبادەت بىلەن كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا رامازان روزىسىنى تۇتسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ. كىمكى قەدر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، ھەم ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ»(4).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدر كېچىسىنى: «رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدە»، يەنە بەزى ھەدىسلەردە: «ئاخىرقى يەتتە كۈندە» دەپ بايان قىلغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدر كېچىسىنى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار»(5).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بىرمۇنچە كىشىلەر چۈشلىرىدە قەدر كېچىسىنىڭ ئاخىرقى يەتتىسىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «قارىسام سىلەرنىڭ كۆرگەن چۈشۈڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈنگە ئۇدۇل كەپتۇ. شۇڭا، كىمكى قەدر كېچىسىنى ئىزدىسە، ئاخىرقى يەتتە كۈندىن ئىزدىسۇن» دېدى(6).

لېكىن، بۇ كېچىنىڭ قانچىنچى كېچىدە بولۇشى ئېنىق ئەمەس. 27 – كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. بەزىدە 27 – كېچىسى، يەنە بەزىدە 21 – كېچىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، پۈتۈن رامازان ئېيىدا، خۇسۇسەن، ئاخىرقى ئون كۈنىدە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش، ئىبادەت ۋە دۇئادا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈردۇر.

بۇ كېچىدە ئىبادەتكە مۇيەسسەر بولغان كىشىنىڭ بۇ كېچىنىڭ قەدر كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمۇ كېرەك ئەمەس. مۇھىمى ئۇنى تائەت – ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇشىدۇر. بەزىلەر بۇ كېچىنىڭ تۈرلۈك ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچىسىنىڭ ئاساسى يوق. پەقەت بىرلا خىل ئالامىتى، يەنى بۇ كېچە ئاخىرلىشىپ، تاڭ ئاتقاندا قۇياش نۇرىنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقى ھەدىستە كەلگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كېچىنى ۋە ئۇنىڭ كۈندۈزىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ»(7).

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قەدر كېچىسىنىڭ ئەتىسى قۇياشنىڭ ئاق ۋە نۇرسىز ھالەتتە چىقىشى قەدر كېچىسى بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر» دېگەن(8).

يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: «قەدر كېچىسى ئەتىگىنى قۇياش نۇرسىز ھالەتتە چىقىدۇ» دەپ ئۇقتۇرغان (9).

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدر كېچىسىنىڭ ئالامىتى شۇكى، كېچە خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇن ئاي باردىكىدەك سۈپسۈزۈك، ئايدىڭ، جىمجىت بولىدۇ. ھاۋا سوغۇقمۇ، ئىسسىقمۇ بولمايدۇ. تاكى تاڭ ئاتقۇچە شەيتانلارنى كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارمۇ ئېتىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ يەنە بىرسى شۇكى، ئەتىسى سەھەردە قۇياش خۇددى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك ئاق ۋە نۇرسىز چىقىدۇ(10).

قۇياش نۇرىنىڭ ئاجىز بولۇشى دېگەنلىك: ئۇنىڭغا كۆز بىلەن قارىسا قارىغىلى بولىدىغانلىقى، قۇياش توقىچى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولۇشى دېگەنلىكتۇر.

ئەتىسى قۇياش نۇرىنىڭ ئاجىز بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئالىملار «شۇ كېچىسى ئاسماندىن چۈشۈپ – چىقىۋاتقان پەرىشتىلەرنىڭ نۇرلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى» دەپ قەيت قىلغان(11).

 

رامازان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئايدۇر

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامازاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن﴾(2/«بەقەرە»: 185).

بۇ ئايەتتىكى «مۇقىم تۇرسا» دېگەن سۆز رامازان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان، روزىغا قادىر بولغان، سەپەر قىلىشتەك باشقا ئۆزرە بولمىغان بولسا روزا تۇتۇشى ۋاجىب، دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ.

يەنە جانابىي ئاللاھ مۇئمىنلەرگە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى﴾(2/«بەقەرە»: 183).

بۇ ئايەت روزا تۇتۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرزلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن غايىنىڭ دوزاختىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت تەقۋادارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 

روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن تەقۋادارلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئاللاھ تائالا رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ يۇقىرى غايىسىنى «تەقۋادارلىق» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ تەقۋادارلىق پۈتۈن ئىبادەتتىن كۆزلىنىدىغان غايىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىنسانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار!﴾ (2/«بەقەرە»: 21)

نېمىدىن ساقلىنىمىز؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ساقلىنىمىز. بۇ ساقلىنىش تەقۋادارلىق بولۇپ، تەقۋادارلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىق قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان تەقۋادارلىقنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ توپلانمىسى بولغان بۇ تەقۋادارلىقنى شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۈمىد ۋە قورقۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەنزىلدۇر، ئۇ پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. بەزىلەر تەقۋادارلىقنى مۇنداق ئىزاھلىغان: تەقۋادارلىق دېگەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. يەنە بەزىلەر مۇنداق ئىزاھلىغان: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلىش، ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇش، نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلماي، شۈكۈر قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام ئىبنى جۇزەي دېگەندەك، تەقۋادارلىقنىڭ بەش دەرىجىسى بار بولۇپ، ئۇلار:

1. كۇفرىدىن ساقلىنىش. بۇ «ئىسلام دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

2. مەئسىيەت ۋە ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش. بۇ «تەۋبە دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

3. شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش. بۇ «ئېھتىياتچانلىق دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

4. مۇباھ ئىشلاردىن ساقلىنىش. بۇ «زاھىدلىق دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

5. دىلىدا ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. بۇ «كۆرۈش دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ(12).

سەيىد قۇتۇب رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «روزىنىڭ تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت چوڭ غايىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، تەقۋادارلىق دېگەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئەلا بىلىپ، روزا ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتقان چاغلاردا دىللاردا ئويغىنىدىغان نەرسىدۇر. دېمەك، تەقۋادارلىق دىللارنى ھەتتا كۆڭۈلگە كېلىپ قالىدىغان مەئسىيەتتىنمۇ قوغدايدۇ. مۇشۇ قۇرئان بىلەن خىتاب قىلىنغانلار تەقۋادارلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئورنىنى، ئۇنىڭ تارازىسىدىكى ۋەزنىنى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋادارلىق ئۇلارنىڭ روھلىرى تەلپۈنىدىغان نىشاندۇر. بۇ روزا بولسا ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قورالى ۋە يولىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئايەتنىڭ ئۇرانى ›ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن‹ دەپ ئىپادىلىنىپ، تەقۋادارلىقنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق يېتىدىغان ئېنىق بىر نىشان قىلىپ كۆرسىتىدۇ.»(13)

 

روزا تەقۋادارلىققا قانداق يەتكۈزىدۇ؟

بىز روزا ئارقىلىق گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلىنالايمىز. چۈنكى، قورساقنىڭ توق تۇرۇشى گۇناھ – مەئسىيەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدۇر. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇسسۇزلۇقى قانغان كىشىدە تېپىلىدىغان شەھۋەت ئۇسساپ كەتكەن كىشىدە تېپىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىسىدە «روزا قالقاندۇر» دېگەن(14). يەنى گۇناھ – مەئسىيەتتىن دالدا بولىدىغان دېمەكچى. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ھەزرەتلىرىمۇ: «ئاچلىق دىلنىڭ چاقمىقى» دېگەن.

 

رامازان ئېيى يەنە بىر رامازان كەلگىچە قىلغان گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغان ئايدۇر

«مۇسلىم»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامازان يەنە بىر رامازانغىچە چوڭ گۇناھلار سادىر بولمىسىلا، ئارىلىقتا قىلغان گۇناھلارنى يۇيۇۋەتكۈچى ئەمەللەردۇر»(15).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رامازان ئېيى كىرسە، جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەم ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ» (16).

 

رامازان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش ئاسان بولىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رامازان ئېيى كىرسە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: «رامازان كەلسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن(17).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا بەندىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار روزا ۋە تەھەججۇدتەك ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ جەننەتكە كىرەلەيدۇ. شۇنداقلا كىشىلەردە قەيسەر ئىرادە ۋە «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دەيدىغان تۇيغۇ كۈچىيىدىغان بولغاچقا، دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلارنى قىلمايدۇ. دېمەك، بۇ پەزىلەتلىك ئايدا ساۋاب ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار گۇناھ ئىشلارنى تاشلايدۇ. مۇسلىم رىۋايەتىدە: «رامازان ئېيى كەلسە رەھمەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ»(18) دەپ كەلگەنلىكى يۇقىرىقى ھەدىستىكى: «ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەجاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك، بەزى ئالىملار: «شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت» دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار مەجاز، دەپ قارىغان.

مەجاز دېگەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: «شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشنى ھېچ تەمە قىلالماسلىقىدىن مەجازدۇر. چۈنكى، رامازان ئېيى كىرسە كىشىلەر روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلايدۇ، گۇناھلارغا تۈرتكە بولىدىغان ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلىغاچقا، كۆڭۈللىرى ئەينەكتەك ساپ ۋە سۈزۈك بولىدۇ، ئەقىللىرى پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا، گۇناھلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بارلىق ياخشى ئەمەل – ئىبادەتلەرگە يۈزلىنىپ، گۇناھلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ، دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ. شەيتان ئۇلارغا ھېچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شەيتان ئۇلارغا ۋەسۋەسە سېلىش ئۈچۈن يېقىنلاشسا ئۇلاردىكى ئىمان ۋە تائەت – ئىبادەت نۇرى شەيتاننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ».

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىغان بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «شەيتانلارنىڭ ھەممىسى رامازان ئېيىدا ھەقىقەتەن باغلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار كىشىلەرگە ۋەسۋەسە سالالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ ئاسماندىن گەپ ئوغۇرلايدىغانلىرى باغلىنىپ، بۇ ئاي ئىچىدە شەيتانلار ئاسماندىن ئۇچۇر ئوغرىلىيالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەدىستە: «رامازان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ. «شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟» دېيىش ئورۇنسىز. چۈنكى، گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ناچار ئادەتلەر ۋە ئادىمىي شەيتانلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ»(19).

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىگە ئەسلىي ياكى مەجازىي مەنە بەرسەك، بۇ ھەدىس ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئەمەلىيەتكە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، يامان ئىشلار ۋە گۇناھلار باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامازاندا ئاز سادىر بولىدۇ. باشقا ئايلاردا ئەمەل – ئىبادەتكە يۈزلەنمەي قالغانلارغىمۇ بۇ ئايدا ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش قولاي بولىدۇ. ئادەتتە باشقا ئايلاردا تائەت – ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار رامازان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئەمەل – ئىبادەت قىلالايدۇ. «قۇرئان» ئوقۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، تەھەججۇد ئوقۇش، خەير – ساخاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ. باشقا ئايلاردا ئانچە – مۇنچە كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغانلار بۇ ئايدا ئاشۇ كىچىك گۇناھلارنىمۇ تاشلىيالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز كۆرگەن بۇ ھەقىقەتنى يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇمۇ ئىلمىي جەھەتتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغان بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، رامازاندا تائەت – ئىبادەتكە يۈزلىنىش ۋە تۈرلۈك گۇناھلارنى تاشلاشمۇ باشقا ئايلاردىن كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ ۋە بولماقتا.

 

رامازان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرەنىڭ پەزىلىتى

رامازان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرەنىڭ باشقا ئايلاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە پەزىلىتى بار بولۇپ، «سەھىھەين»دىكى ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «رامازاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر» دېگەن. «مۇسلىم»نىڭ بىر رىۋايەتىدە: «…مەن بىلەن بىللە قىلغان ھەجگە باراۋەر» دېگەن(20). گەرچە بۇنداق ئۆمرە ساۋاب جەھەتتە شۇنداق ھەجگە باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن پەرز ھەج بۇنىڭ بىلەن گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ، بارلىق ئالىملار بۇنىڭدا ئىتتىپاق(21).

رامازان ئېيىدىن باشقا ئايدىكى ئۆمرەنىڭ ھەجگە باراۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كەلمىگەن. بۇ ئۆمرەنىڭ ساۋابىنىڭ نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇشى رامازان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرىپىدىن كەلگەن. چۈنكى، بۇ ئۆمرە پەقەت رامازان ئېيىدا ئورۇندالغانلىقى ئۈچۈنلا دەرىجىسى ئەنە شۇنداق كاتتا بولغان.

 

روزا تۇتۇش كامىل بەندىچىلىك ۋە ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ

ئىبادەت ۋە بەندىچىلىكنىڭ مەزمۇنى تولۇق بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئىبادەت روزا تۇتۇش ئارقىلىق بويسۇنۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە نامايان بولىدۇ. چۈنكى، روزا تۇتقان كىشى كۆز ئالدىدا يېمەك – ئىچمەك تەييار تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاچ ۋە ئۇسسۇز ھالەتتە چىداپ تۇرىدۇ، شەھۋىتىدىن ۋاز كېچىدۇ.

ئىسلامنىڭ باشقا ئاساسلىق ئىبادەتلىرىدە رىياكارلىق ۋە ئىبادەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىدىغان باشقا ئىللەتلەر كۆرۈلسىمۇ، روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە ساپ ئىخلاستىن باشقىسى بولمايدۇ. چۈنكى، روزا تۇتقان كىشى ئىخلاس بىلەن روزا تۇتىدۇ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا كۆزىتىپ تۇرغۇچى بولمايدۇ.

ئىخلاس دېگەن ئەمەل – ئىبادەتنىڭ ساپلىقىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق دۇغدىن ساقلاشتۇر. ناۋادا روزىنى ئاللاھ ئۈچۈن تۇتماي، ئورۇقلاش ئۈچۈن تۇتقان بولسا، بۇ ئىشتا ئىخلاس بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن، جانابىي ئاللاھ روزا تۇتقانلارنىڭ ساۋابىنى بېرىشنى ئالاھىدە ئۆزىگە مەنسۇپ قىلغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ ھەربىر ياخشى ئەمەلىنىڭ ئەجرى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا: لېكىن، روزا ئۇنىڭ سىرتىدا، روزا پەقەت مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن. ئۇ كىشى مېنىڭ رازىلىقىمنى دەپ تامىقىنى، شەھۋىتىنى تەرك ئېتىدۇ، دېگەن. روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئىككى خۇشاللىق بار: بىرى، ئىفتار قىلغان چاغدىكى خۇشاللىق، يەنە بىرى، رەببىگە ئۇچراشقاندىكى خۇشاللىق. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىپار بۇيىدىنمۇ خۇشپۇراقتۇر»(22).

دېمەك، ئىخلاس قانچە ئارتۇق بولغانسېرى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولغان.

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— مېنى بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا، مەن ئۇنى سىلىدىنلا ئۆگىنەي، ـ دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— روزا تۇتقىن، ئەجىردە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق، ـ دېدى»(23).

يەنى ئەجىرنىڭ كاتتىلىقىدا، روھنى ساپلاشتۇرۇشتا، بەندىنى ئىگىسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا، جىسىمنى ساغلاملاشتۇرۇشتا، نەپسانىي شەھۋەتلەرنى سۇندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر ئىبادەت يوق. ئۇ مىسلىسىزدۇر. ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىسلامنىڭ كۆزلىگىنىمۇ نەپسى بالا، بوشاڭ ئادەم ئەمەس، بەلكى ئىرادىلىك، چىداملىق مۇئمىندۇر. ھاۋايى – ھەۋەس قۇللۇقىدىن ئازاد بولغان، پەقەت ئىخلاس سىزىقى بىلەنلا ماڭىدىغان نەپس ھەقىقەتەن كۆڭلى ئىمان بىلەن خاتىرجەم بولىدىغان نەپستۇر.

ئىخلاس بولغاندا ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. جانابىي ئاللاھ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى يامان ئىشتىن قوغداپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەنە شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭدىن يامانلىق ۋە قەبىھ قىلمىشنى نېرى كەتكۈزدۇق. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى﴾(12/«يۈسۈف»: 24). شۇڭا، ھەرقانداق بىر كىشى ئىشلىرى تەتۈر كېلىپ، قىينىلىپ كەتسە ئۇنى چوقۇم بىرەر گۇناھى سەۋەبىدىن، ئىخلاسىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن، دەپ چۈشەنسە بولىدۇ.

 

روزا تۇتۇش ئۆزىنى قىيناش ئەمەس

ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنى ئۆزىمىزنى قىيناش ياكى ئۆز نەپسىمىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويمىغاندۇر، بەلكى روھنى ئويغىتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىرادىنى تاۋلاش، سەۋر – تاقەتكە ئادەتلەندۈرۈش، نېئمەتنى تونۇتۇش، رەھىم – شەپقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش، شۇنداقلا كامىل بەندىچىلىككە، تولۇق بويسۇنۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان. شۇڭا، روزا تۇتۇش ھەققىدىكى 2/«بەقەرە»: 185 – ئايەتىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، تەسلىكنى خاھلىمايدۇ﴾.

قىيناش مەقسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن جانابىي ئاللاھ 2/«بەقەرە»: 184 – ئايەتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿روزا ساناقلىق كۈنلەردۇر﴾. يەنى يىلبويى ئەمەس، يېرىم يىلمۇ ئەمەس، پەقەتلا ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتىدىغان كۈن 24 سائەت ئەمەس، تاڭ ئاتقاندىن كۈن پاتقانغا قەدەردۇر. دېمەك، كۈندۈزى روزا تۇتىمىز، كېچىسى ئېغىز ئاچىمىز. يەنە تېخى كېسەل ۋە باشقا ئۆزرىلىك كىشىلەردىن روزا تۇتۇش كەچۈرۈم قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن، قېرىلىقى ياكى ئاجىزلىقتىن روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ كېتىدىغانلار بىر كۈن روزا ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزسا بولىدۇ﴾.

 

روزا تۇتۇش بارلىق ئىشلىرىمىزنى تۈزەيدۇ

روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىدە «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولىدۇ، سۆزلىسە راست سۆزلەيدۇ، ئىش قىلسا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلسا ئادىللىق بىلەن قىلىدۇ، ۋەدە بەرسە ۋاپا قىلىدۇ، ئامانەت ئالسا ساقلايدۇ، سودا – سېتىق قىلسا سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، ھارام يېمەيدۇ، ناچار ئىش قىلمايدۇ. روزا تۇتقان كىشى بىر ئاي مۇشۇنداق قىلالىسا ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يىلبويى شۇنداق ئالىيجاناب ھالىتىدە داۋاملىشالايدۇ.

 

روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ

روزا تۇتۇشنىڭ تەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقى تېببىي جەھەتتىن ئېنىق ۋە كەسكىن هالدا ئىسپاتلانغان. لېكىن، بىز مۇسۇلمانلار «روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ» دەپ ئەمەس، جانابىي ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بەندىچىلىك ۋە قۇللۇق ئىزھار قىلىپ، ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇپ، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتىمىز. شۇنداقتىمۇ، روزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن زور پايدىسى بارلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بەلكى بۇ جانابىي ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتى ۋە مەغپىرىتى بىلەن بىللە كېلىدىغان قوشۇمچە سوۋغىتىدۇر.

 

روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇ

ئىمام قەرەداۋىي «ئىسلامدا ئىبادەت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دىنى تەسلىمچىلىك ۋە ھۇرۇنلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولماستىن، بەلكى جىھاد ۋە توختاۋسىز كۈرەش دىنىدۇر. جىھادنىڭ بىرىنچى قورالى بولسا سەۋرچانلىق ۋە كۈچلۈك ئىرادىدۇر. چۈنكى، ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلالمىغان كىشى قانداقمۇ دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلالىسۇن؟ ئۆز نەپسىنى ۋە نەپسىنىڭ شەھۋەتلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى قانداقمۇ دۈشمىنىنى يېڭەلىسۇن؟ بىر كۈنلۈك ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن كىشى چوڭ غايىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن قانداقمۇ ئاتا – ئانا، بالىچاقا ۋە ئەزىز ۋەتىنىنىڭ پىراقىغا چىدىيالىسۇن؟ روزا تۇتۇش سەۋر ۋە نەپسىنى تىزگىنلەشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللاھ يولىدا قاتتىق – قۇرۇق ھاياتقا ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سەۋرچان مۇجاھىدلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىدۇر».

 

روزا تۇتۇش نېئمەتلەرنى تونۇتىدۇ

مەلۇمكى، نېئمەتلەر كۆپ بولغانسېرى ئىنساننىڭ ئۇلارنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما، ئۇلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالغاندا ئۇلارنىڭ قەدرىگە ئوبدان يېتىدۇ. روزا تۇتۇش ئارقىلىق جانابىي ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز نازۇ – نېئمەتلىرىنىڭ قەدرىگە، نامراتلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ دەردىگە، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكىلى بولىدۇ. نېئمەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا شۈكۈر قىلىشقا تىرىشقىلى بولىدۇ. مانا بۇنىڭدىن، روزا تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى ئېنىق كۆرۈلىدۇ.

داۋامى بار.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

—————–
1. «تەفسىرۇلكەبىر»، 5/72.
2. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1/532.
3. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 30/197.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2014)؛ «مۇسلىم»، (759).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2017)؛ «مۇسلىم»، (1169).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2015)؛ «مۇسلىم»، (1167).
7. «ئىبنى خۇزەيمە»، (2192).
8. «مۇسلىم»، (762).
9. «تىرمىزىي»، (793). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. «ئەھمەد»، (22817). راۋىيلىرى ئىشەنچلىك.
11. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 30/193.
12. «ئەتتەسھىيل لىئۇلۇمىتتەنزىل»، 1/36.
13. «فى زىلال» تەفسىرى
14. «مۇسلىم»، (1151).
15. «مۇسلىم»، (233).
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3277)؛ «مۇسلىم»، (1079).
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1898، 1899)؛ «مۇسلىم»، (1079).
18. «مۇسلىم»، (1079).
19. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/114؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7/188.
20. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1782)؛ «مۇسلىم»، (1256).
21. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/2.
22. «مۇسلىم» 1151).
23. «نەسائىي»، (2220). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ