دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.
سەدىقە فىتىرنىڭ ئېنىقلىمىسى
لۇغەت مەنىسى: «ئېغىز ئېچىش سەدىقەسى ياكى فىترەت (يارىتىلىش) سەدىقەسى». شەرئىي ئىستىلاھتا: «مۇسۇلمانلار روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ، ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقە»دۇر. بۇ سەدىقە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمان بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن «كىشى بېشىغا ۋاجىب بولىدىغان زاكات (زَكَاةُ الْفِطْرِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ(1).
قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ھەدىستە كەلگەن بويىچە بىر خىل زاكات دەپ ئاتىغاندا، «رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا، رامازاندا سادىر بولغان بەزى گۇناھلارنى پاكلىغۇچى، روزىنىڭ كەم قالغان نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغۇچى زاكات» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. چۈنكى، زاكات دېگەن سۆز پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، پۇل – مال ۋە باشقا ئىقتىسادقا مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىدىغان زاكات بىلەن بۇ زاكاتنىڭ كۆپ پەرقلىرى بار.
سەدىقە فىتىرنىڭ پايدىسى
سەدىقە فىتىر رامازان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل – ھاقارەتكە ئوخشاش بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ. مەسىلەن، روزا تۇتقان كىشى غەيۋەت قىلىش، تىللاش، نامەھرەملەرگە قاراپ سېلىش ياكى بەزىبىر نالايىق ئىشلارنى بىلىپ – بىلمەي سادىر قىلىپ قالىدۇ. سەدىقە فىتىر بولسا تەۋبە، زىكىر، ئىستىغفار ۋە نەفلە ناماز قاتارلىق باشقا ياخشى ئەمەللەرگە قېتىلىپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا كەففارەت بولۇپ، ئۇلارنى يۇيۇۋېتىدۇ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلىۋېتىدۇ.
يەنە رامازاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ – يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ، رامازاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. رامازاندا روزا ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىشقا، باشقىلارنى ئىفتارلىتىۋېلىش ۋە مال زاكاتلىرىنى ئادا قىلىشتەك ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئىزھار قىلىش بۇ سەدىقەنىڭ پەرز بولۇشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
شۇڭا، كىمكى رامازاندا روزا تۇتۇپ بۇ سەدىقەنى بەرمەيدىكەن، روزا تۇتۇش ئىبادىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولمىغان ياكى ئۇنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنىڭ شۈكرانىسىنى بەرمىگەن بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، نامراتلار بۇ سەدىقەنى ئېلىپ ھېيت – ئايەمنى موھتاجلىق ھېس قىلماي خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يىلدا بىرەر كۈن بولسىمۇ نامراتلارنى تىلەش خارلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ.
دېمەك، سەدىقە فىتىر ئىككى تەرەپكە پايدىسى يېتىدىغان ئىبادەتتۇر. بىرى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆزى. يەنە بىرى، نامراتلار. نەتىجىدە، جەمئىيەتتىكى بارلىق تەبىقە ۋە قاتلاملار ھېيت كۈنلىرىنى ھەقىقىي شاد – خۇراملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە گەپ – سۆز تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى ۋە يوقسۇللارغا ئوزۇق – تۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلدى. كىمكى فىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بەرسە، ئۇ مەقبۇل زاكات ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھېيت نامىزىدىن كېيىن بەرسە، سەدىقەلەردىن بىرى قاتارىدا بولىدۇ»(2).
سەدىقە فىتىرنىڭ ھۆكمى
بۇ سەدىقەنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى، شۇنداقلا «سەھىھ» ھەدىسلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائسى ئىسپاتلىغان.
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئەبۇلئالىيە: ﴿پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى﴾(87/«ئەئلا»: 14 – 15) دېگەن ئايەتنى «سەدىقە فىتىرنى بېرىپ، ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى» دەپ تەفسىر قىلغان(3).
لېكىن، ئۇلاردىن باشقا بارلىق ئالىملار «بۇ سەدىقە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ۋاجىب بولغان» دېگەن.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمانغا خورما ياكى ئارپىدىن بىر ﺳﺎﺋ (2040 گرام) سەدىقە فىتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىۋېتىشكە بۇيرۇغان»(4).
شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقەنىڭ پەرزلىكىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەندۇر.
سەدىقە فىتىر قاچان پەرز قىلىنغان؟
سەدىقە فىتىر ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامازان روزىسىنى تۇتۇش پەرز قىلىنىش بىلەن بىللە ۋاجىب قىلىنغاندۇر.
سەدىقە فىتىرنى بېرىش قانداق كىشىگە ۋاجىب بولىدۇ؟
بۇ سەدىقە ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىب بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبىدە، «بۇ سەدىقەنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن باي كىشىلا بېرىدۇ، كەمبەغەل بەرمەيدۇ. چۈنكى، زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ» دېيلىدۇ.
باشقا مەزھەبلەر سەدىقە فىتىر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا، بۇ سەدىقەنى بېرىشى ۋاجىب، دەپ قارىغان(5).
بۇ قاراشقا ئاساسەن، نامرات كىشىلەرمۇ سەدىقە فىتىرنى بېرىدۇ ھەم باشقىلاردىن ئالىدۇ. يەنى نامرات كىشى سەدىقە فىتىرنى ئېلىپ، قولىدا سەدىقە فىتىر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ۋە باشقا زۆرۈر ئېھتىياجى قامدالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭمۇ فىتىر سەدىقە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ.
«سەدىقە ئېلىپ، ئارقىدىنلا يەنە بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟» دېگەندە، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: گەرچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامرات كىشىلەرمۇ ئۆزىنى بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا بېرەلەيدىغان ھېس قىلىشى، باشقىلارغا سەدىقە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۇزۇردىن بەھرىمەن بولۇشى، داۋاملىق ئېلىشقىلا كۆنمەي بېرىشكىمۇ كۆنۈشى، باياشات چاغدىلا بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى نامرات چاغدىمۇ بېرەلەيدىغانغا چېنىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈندۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەربىر ھايات ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقەدۇر. شۇڭا، ھېيت نامىزىغا ئون مىنۇت قالغاندا تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بۇ سەدىقەنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ.
سەدىقە فىتىرنى قايسى كىشىلەرگە بەرسە بولىدۇ؟
سەدىقە فىتىرنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسە بولىدۇ.
سەدىقە فىتىرنى ئۆزىدىن باشقا يەنە كىملەر ئۈچۈن بېرىدۇ؟
بۇ سەدىقەنى ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى، ئايالى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالىچاقىلىرى ئۈچۈن، ھەربىرىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ. يەنە ئۇلاردىن باشقا ئۆزى بېقىۋاتقان ئاتا – ئانىسى، تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشىسى ئۈچۈنمۇ بېرىدۇ. ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. قورساقتىكى بالا ئۈچۈن بەرمەيدۇ.
سەدىقە فىتىرنى بېرىش ۋاجىب بولىدىغان ۋاقىت
سەدىقە فىتىر رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ۋاجىب بولىدۇ. ۋاجىب بولغاندىن كېيىن تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇغانغا قەدەر بەرسە بولىدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرگەن ئەھۋالدا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ زاكات نامراتلارنىڭ ھەققى بولغاچقا، تاكى بەرمىگۈچە قەرز ھېسابىدا بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ.
سەدىقە فىتىرنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدۇ. ساھابەلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى «سەھىھ» ھەدىسلەردە كەلگەن. ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (ساھابەلەر) سەدىقە فىتىرنى ھېيتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىشەتتى»(6).
يەنە بەزىلەر: «رامازان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەلبەتتە، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىنىڭ رامازان ئىچىدە پۇرسەت تېپىپ بېرىۋېتىشى ئەۋزەل.
سەدىقە فىتىرنى بېرىش ۋاجىب بولىدىغان جاي
كىشى قەيەردە تۇرغان بولسا، سەدىقە فىتىرنى شۇ يەردىكى نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئەمما، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقا جايدىكى نامراتلارغا بەرسىمۇ ھەم بولىدۇ. مەسىلەن، بىرسى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە تۇرىدىغان بولسا، تۇرغان ئورۇندا نامرات مۇسۇلمان يوق بولۇپ، باشقا يۇرتلاردا نامرات مۇسۇلمانلار بار بولسا ياكى نامرات تۇغقانلىرى بولسا، شۇلارغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.
ئۆزى بىر يۇرتتا، بالىلىرى باشقا جايدا بولسا، بالىلىرى ئۈچۈن سەدىقە فىتىرنى ئۆزى تۇرغان جايدا بەرسىمۇ بولىدۇ، بالىلىرى بار يۇرتتا بەرسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، سەدىقە فىتىر، تۈرلۈك كەففارەتلەر، فىديە، نەزر ۋە ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ پۇللىرىنى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئېنىق بىر كۆرسەتمە يوق. بەزى ئالىملارنىڭ: «سەدىقە فىتىردە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ، كەففارەتتە ئەۋەتىلىدىغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرىسا، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ: «ھەر ئىككىلىسىدە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرايدۇ(7).
مېنىڭچە، قايسى جايدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى تۈزۈك. چۈنكى، باھا ئەرزان جايدا تۇرغان كىشى پۇلنى باھا قىممەت جايلارغا ئەۋەتسە، ئۇ پۇلغا پېقىرغا بەرمەكچى بولغان تاماق ياكى كىيىم – كېچەك كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ جايدا شۇ پۇلغا شۇ نەرسە كېلىدىغان بولسا، ئەرزان باھا بويىچە ئەۋەتسە جائىز.
مەسىلەن، بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ سەدىقە فىتىر بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە فىتىر ئون ياۋرو بولسا، تۈركىيەدە بەش ياۋروغا سەدىقە فىتىر كېلىدىغان بولسا، ئون ياۋرو ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. بەش ياۋرو ئەۋەتسىمۇ جائىز. ئەمما، تۈركىيەدە تۇرۇپ ياۋروپاغا بەش ياۋرو ئەۋەتسە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ياۋروپادا ئۇ باھادا تاماق بېرەلمەيدۇ.
ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ فىتىر سەدىقەسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە
سوئال: مەن ياۋرۇپادا ياشايمەن. ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم ۋەتەندە. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە فىتىر سەدىقەسى بېرىش ھەتتا روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە فىتىر بەرسەم بولامدۇ؟ ئۇلار ھەم مېنىڭ بېرىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بېرىشىم دۇرۇس بولسا، ئۇلار ئۈچۈن قايسى دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىمەن، ۋەتەندىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ ياكى ياۋروپادىكى تۇرۇۋاتقان يېرىمنىڭ ئۆلچىمى بويىچىمۇ ياكى مەن ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ؟ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان ئائىلىسى ئۈچۈن ھەربىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن سەدىقە فىتىر بېرىشى ۋاجىبتۇر.
ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئارىسىدا خوتۇنىڭىز، ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى بولمىغان بالىچاقىڭىز قاتارلىقلارغا ئوخشاش بېقىپ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشىڭىز ۋاجىب بولغانلار بولسا، شۇنداقلا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بولماي، ئۇلارنى بېقىشىڭىز سىزگە ۋاجىب بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە فىتىر بېرىشىڭىز ۋاجىب بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي: «ئاتا – ئانا ۋە بالىچاقىلارنىڭ خىراجىتى نەپىقە مەسىلىسىدە بايان قىلىنغان شەرتلىرى بويىچە ۋاجىب بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭمۇ سەدىقە فىتىرىنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ. خىراجىتىنى قىلىش ۋاجىب بولمىغان ئەھۋالدا، سەدىقە فىتىرىنى بېرىش ۋاجىب بولمايدۇ» دەيدۇ.(8)
ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ سەدىقە فىتىرىنى بېرىش ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ۋاجىب، سىزگە ۋاجىب ئەمەس. قولىدا ئىقتىسادى بار قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سەدىقە فىتىرىنى بېرىشمۇ سىزگە ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، سەدىقە فىتىرىنى بېرىش سىزگە ۋاجىب بولمىغان تۇغقانلىرىڭىز سىزگە سەدىقە فىتىرنى ئۇلار ئۈچۈن يېنىڭىزدىن بېرىپ قويۇشنى تاپىلىغان بولسا، سىز بەرسىڭىز ئەلبەتتە ئادا بولىدۇ.
بېرىشنى تاپىلىمىغان ياكى بېرىشتە سىزنى ۋەكىل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سىز بېرىپ قويسىڭىز، ئادا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت، ئىبادەت ئۈچۈن نىيەت بولۇشى كېرەك.
بۇ ئەھۋالدا ئىككى يول بار:
بىرى، ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بېرىپ قويغىنىڭىزدىن خەبەر تېپىپ رازى بولسا، ئەلبەتتە بولىدۇ.
يەنە بىرى، ئۇلار ھازىر سەدىقە فىتىرنى زۇلۇم ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بېرەلمەيدىغان بولسا، ۋاقتىدا ئادا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايدۇ، كېيىن بېرەلەيدىغان بولغاندا قازاسىنى قىلىپ بېرىدۇ.
سەدىقە فىتىرنى بېرىلىدىغان جاي باھاسى بويىچە بەرسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرى باھادا بېرىش ئەۋزەل.
سەدىقە فىتىرنىڭ مىقدارى
ھەنەفىي مەزھەبىدە ھەربىر كىشى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1625 گىرام بېرىدۇ، ئارپا، خورما ياكى يېمىشتىن 3250 گىرام بېرىدۇ. سەدىقە فىتىر ئۈچۈن نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، بەلكى نەق پۇل بېرىش تېخىمۇ ياخشىراق. چۈنكى، كەمبەغەللەر نەق پۇل ئارقىلىق ھەرقانداق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. نەق پۇل بەرمەكچى بولغاندا ئاشۇ مىقداردىكى ئوزۇقنىڭ شۇ كۈندىكى بازار باھاسى بويىچە بېرىدۇ.
ئەمما، باشقا مەزھەبلەردە بولسا نەق پۇل بېرىشكە بولمايدۇ، شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن 2040 گىرام مىقدارىدا بېرىدۇ.
ئەلبەتتە، ھازىرقى زاماندا ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە نەق پۇل بېرىش مۇۋاپىقراق. چۈنكى، نامرات كىشىلەر نەق پۇلنى ئېلىپ، لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇغداي ئۇنى ياكى گۈرۈچنىڭ بىر كىلوسى ئۈچ يۈەن بولسا، ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشى بويىچە بىر كىشى ئۈچۈن بەش يۈەن ، باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە ئالتە يۈەن ئەتراپىدا بەرسە بولىدۇ. ئەمما، ئاچارچىلىق ياكى ئاشلىق قىس چاغلاردا ئاشلىقنىڭ ئۆزىنى بېرىش ئەۋزەل بولىدۇ.
پۇل بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: «ماڭا زاكىتىڭلارغا ھېسابلاب ئارپا بىلەن قوناق ئورنىغا تون ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدىكى ساھابەلىرىگە ياخشىراق» دېگەن(9) ۋە ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئەيىبلىمىگەن. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام شەرىئىتىنى، جۈملىدىن ھالال ۋە ھارامنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ساھابەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەنگە ۋالىيلىققا تەيىنلىگەن. يۇقىرىقى سۆزىنى ئۇ زاكات يىغقاندا ئېيتقان. يەمەن شۇ ۋاقىتتا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى. شۇڭا، يەمەنلىكلەر ئۈچۈن زاكاتقا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك بېرىش ئەڭ قولاي ئىدى، مەدىنەدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ يوقسۇللىرىنىڭ بولسا رەخت ۋە كىيىم – كېچەككە بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى، مەدىنەدە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىلمايتتى. بۇ ھەدىس يىللىق زاكات توغرىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، سەدىقە فىتىرمۇ بىر خىل زاكات بولغاچقا، بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەلىل بولىدۇ. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرىمۇ سەدىقە فىتىرنى پۇل ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئاشۇ «مۇئەللەق» ھەدىسنى ۋە باشقا بىرنەچچە «سەھىھ» ھەدىسنى «سەھىھۇلبۇخارىي»دا كەلتۈرگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ چاغدا كىشىلەرگە قولاي بولغان ئاشلىق تۈرلىرىنى تىلغا ئالغان، «ئۇنىڭدىن باشقىنى بەرسەڭ بولمايدۇ» دېمىگەن، ساھابەلەرمۇ ئۇنداق دېمىگەن. ھەدىسلەردە مەلۇم تۈردىكى ئاشلىقتىن بىرنەچچىنى سانىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابەلەر ئارپا ۋە خورمىنىڭ ئورنىغا بۇغداي ھېسابلاپ بەرگەن. بۇمۇ قىممىتىنى ھېسابلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.
خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بەسرەدىكى ۋالىيسىغا: «دۆلەت مائاشىدىكىلەرنىڭ مائاشلىرىدىن ھەربىر كىشى ئۈچۈن يېرىم تەڭگە سەدىقە فىتىر ئېلىنىدۇ» دەپ ھۆججەت چۈشۈرگەن.(10) ھەسەن بەسرىيمۇ: «سەدىقە فىتىرگە تەڭگە بەرسىمۇ بولىدۇ» دېگەن(11).
شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرساق، زاكات بېرىشتىن بولغان مەقسەتنىڭ كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىكى پۇل – مالنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز. بۇ مەقسەت تەڭ قىممىتىنى بېرىشتىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ. بەلكى تېخى تەڭ قىممىتىنى بېرىش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشىغا بەكرەك مۇناسىپ كېلىشى مۇمكىن. ھەدىستە بۇ مەقسەتنى: «ئۇلارنى مۇشۇ كۈندە موھتاج قىلىپ قويماڭلار» دېگەن. ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، چوڭ شەھەرلەردە بۇغداي، گۈرۈچ تارقىتىلغان ئەھۋالدا كەمبەغەل ئۇنى بازاردىكى باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ، پۇلغا ئايلاندۇرۇپ خەجلەيدۇ. نەتىجىدە، يا بۇغداينى يەپ پايدىلىنالمايدۇ، يا ئۇنىڭ بازاردىكى باھاسىدىن پايدىلىنالمايدۇ.
سەدىقە فىتىرنى روزا تۇتمىغان كىشىمۇ بېرەمدۇ؟
رامازان ۋە سەدىقە فىتىر ئۆز ئالدىغا ئايرىم پەرزلەردۇر. شۇڭا، بىرىنى ئادا قىلالمىغان كىشى يەنە بىرىنى تاشلىماسلىقى كېرەك. بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، سەدىقە فىتىر ئىككى خىل پايدىسى بار ئىبادەت بولغاچقا، روزا تۇتمىغان كىشى رامازاندىن ئالىدىغان پايدىنى ئالالمىغان بولسىمۇ، نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئۇلارغا خۇشاللىق بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ ۋاجىبنى تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك.
سەدىقە فىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بەرسە ياكى بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا موھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولامدۇ؟
بىر كىشىنىڭ سەدىقە فىتىرنى بىرقانچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلسا نامراتلارنى ھېيت كۈنىدە موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسەت ئادا بولمايدۇ، ئەمما بىرقانچە كىشىنىڭكىنى بەكلا موھتاج بىر كىشىگە يىغىپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، سەدىقە فىتىردىن بولغان مەقسەت ئادا بولىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىدىكى ياكى ئېغىرراق باشقا موھتاجلارنى تاشلاپ قويۇپ، ھەممىنى بىر كىشىگە يىغىپ بېرىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. باشقا موھتاجلار بولمىغان ئەھۋالدا يىغىپ بەرسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
ھ. 1428، 13 – رامازان / م. 2007، 4 – ئۆكتەبىر
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 862 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، (1609). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
3. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4/502.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1503)؛ «مۇسلىم»، (984).
5. زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 1/302؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/65.
6. «بۇخارىي»، (1511).
7. رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 8/183؛ ۋەززانىي: «المنح السامية في النوازل الفقهية»، 1/1 – 4.
8. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/85.
9. «بۇخارىي». «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش» بابى.
10. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (10368، 10369). شەيخ مۇھەممەد ئەۋۋامە «سەھىھ» دېگەن.
11. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (10370).