ئىستىخارە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

ئىستىخارە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ئىستىخارە (الْاِسْتِخَارَةُ): «كىشى ئىككىلەنگەن بىر ياكى بىرقانچە ئىشتىن ئەڭ خەيرلىك بولغىنىغا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھتىن تىلەش»تۇر. ئىستىخارەنىڭ مەخسۇس دۇئاسى ۋە نامىزى بار. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا ھەرقانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىستىخارە ۋە مەسلىھەت سېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ھەتتا «ئىستىخارە سالغان ئالدانماس، مەسلىھەت سالغان پۇشايمان يېمەس» دېيىلگەن.(1).

ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھېكمىتى

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى «بۇ ئىشنى قىلسام نەتىجىسى قانداق بولار، ياكى بۇ ئىشنى قىلسام ياخشىمۇ؟ قىلمىساممۇ؟» دەپ، ئىشلىرىدا ئىككىلىنىپ قېلىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندا، بۇرۇن جاھىلىيەت دەۋرىدىكىلەر قىلىپ كەلگەن پال سېلىش ۋە شۇملۇق ھېس قىلىشتەك ناچار ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئىستىخارە سېلىشقا بۇيرۇغان.

ئىستىخارە ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن زىچ باغلانغان. چۈنكى، مۇسۇلمان بەندە پۈتۈن ئىشلارنىڭ جانابىي ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە، جانابىي ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى خاھلىغىنى بويىچە تەقدىر قىلىپ، خاھلىغىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىدۇ. ئىنسان بولسا جانابىي ئاللاھ ياراتقان ئاجىز بىر مەخلۇق، غەيبنى بىلەلمەيدۇ، قايسى ئىشتا پايدا، قايسى ئىشتا زىيان بارلىقىنىمۇ ئايرىيالمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئىستىخارە سېلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بەندىلىرىنى ئۆزىگە يېلىنىشنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنى تېخىمۇ خەيرلىك يوللارغا مۇيەسسەر قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن.

جانابىي ئاللاھ ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ خاھلىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاللاھدۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(28/«قەسەس»: 68 – 70). شۇڭا، بەزى ئالىملار: «كىشى دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشقا ئىككى رەكئەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپ قەدەم قويسا بولمايدۇ» دېگەن(2).

ئەلبەتتە، ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بۇ ئالاھىدە ئىبادەتنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن ئومۇمەن، يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتى بولسا كېرەك، بولمىسا، ئۇلار بۇنداق پايدىلىق بىر ئىبادەتنى تاشلاپ قويارمىدى؟ بۇ ئىبادەتنىڭ پايدىسىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندە ئادەتتىكى ئىشلاردىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان مۇھىم قارارلارنى ئالغاندا ئىستىخارە سالمىغانلىقتىن تارتىۋاتقان زىيىنىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىلى بولسا كېرەك.

ئەسرى سائادەتتىكى پېشقەدەم سەلەف سالىھلىرىمىز ئىستىخارە سېلىشنىڭ قەدرىگە يەتكەن ۋە پايدىسىنى كۆرگەن. بۇنىڭ بەزىبىر مىساللىرىنى ئېلىپ ئۆتەيلى:

ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىشىچە، زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ماڭا ئەلچى بولۇپ بارغىن» دېگەن. زەيد بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئى زەينەب، خۇشخەبەر! مېنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىزگە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى» دېگەن، زەينەب: «مەن ئىگەمگە ئىستىخارە سالمىغۇچە ھېچنەرسە قىلمايمەن» دەپ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنىغا بېرىپ نامازغا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە «قۇرئان» ئايەتى نازىل بولغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ، ئىجازەت ئالماستىن زەينەبنىڭ قېشىغا كىرگەن(3).

بۇنىڭدىن ئايال كىشىنىڭ ئەلچىگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئىستىخارە سېلىپ، دۇئا قىلىشىنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ. شۇنداقلا قايسىبىر كىشى ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ: «بۇ ھەدىس پايدىلىق كۆرۈنگەن ئىش بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشىنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ (4).

ئىستىخارە سېلىش دائىرىسى

ئىستىخارە چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن بارلىق ئىشلاردا بولىدۇ. چۈنكى، كۆزگە ئىلمىغان كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە جائىز ياكى مۇستەھەب ئىشلاردىن بىرىنى تاللاشتا ياكى ئىككى ئوخشاش دەرىجىدىكى ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئۆينى ئالايمۇ ئالمايمۇ، بۇ قىزغا ئۆيلىنەيمۇ ياكى باشقىسىغىمۇ؟… دېگەندەك. لېكىن، پەرز، ۋاجىب، ھارام ياكى مەكرۇھ بىر ئىشنى قىلىشتا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ. چۈنكى، پەرز بىلەن ۋاجىبنى مەسلىھەت سالماستىن قىلىشقا ئالدىراش، ھارام بىلەن مەكرۇھنى مەسلىھەت سالماستىن تاشلاش كېرەك.

دېمەك، «ۋاجىب بىلەن مۇستەھەب ئىشنى قىلىشتا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، ھارام بىلەن مەكرۇھنى قىلىش – قىلماسلىقتىمۇ ئىستىخارە سېلىنمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەقەتلا مۇباھ ئىشلاردا، شۇنداقلا بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالغان مۇستەھەب ئىشلارنىڭ قايسىسىنى قىلىش ياكى قايسىسىنى بۇرۇن باشلاشتا ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ. لېكىن، ھەج ئادا قىلايمۇ ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىۋالايمۇ؟… دېگەندەك بىرقانچە پەرز ياكى ۋاجىبتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارى بولغان ئەھۋالدا ياكى ۋاقتى كەڭرى بولغان پەرز، ۋاجىبلارنى ھازىرلا قىلىش – قىلماسلىقتا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ»(5).

ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھۆكمى

بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا، ئىستىخارە سېلىش سۈننەت بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر.

ئىستىخارە سېلىشنىڭ دەلىلى

ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە سېلىشنى بىزگە خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتىپ: ‹بىرىڭلار بىر ئىش قىلماقچى بولۇپ باش قاتۇرغاندا، پەرز نامازدىن باشقا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ(6) مۇنداق دېسۇن: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيمِ، فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلاَ أَقْدِرُ وَتَعْلَمُ وَلاَ أَعْلَمُ وَأَنْتَ عَلاَّمُ الْغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي ـ أَوْ عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ ـ فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي ـ أَوْ فِي عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ ـ فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ، وَاقْدُرْ لِي الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ ثُمَّ أَرْضِنِي / ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن تاللاپ بېرىشىڭنى، ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن قۇدرەت ئاتا قىلىپ ياخشىراق ئىشنى قىلدۇرۇشىڭنى ھەمدە ماڭا سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن بېرىشىڭنى سورايمەن. چۈنكى، سەن قادىرسەن، مەن قادىر ئەمەسمەن. سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم، تۇرمۇشۇم ۋە ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتىدە — ياكى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمدا — خەيرلىك بولسا، ماڭا ئۇنى تەييارلاپ، ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئاندىن ماڭا ئۇ ئىشتا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدا بۇ ئىش ماڭا دىنىمدا، تۇرمۇشۇمدا ۋە ئىشلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىدە — ياكى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمدا — يامانلىق بولىدىغان بولسا، مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، ئۇنىمۇ مەندىن نېرى قىلىپ، ئۇنى كاللامدىن چىقىرىۋەتكىن. قەيەردە بولسا بولسۇن ماڭا خەيرلىكنى پۈتكىن، كېيىن مېنى شۇ خەيرلىك ئىشنى قىلىشقا رازى قىلغىن» دېسۇن، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئېيتىپ ئۆتسۇن› دەيتتى»(7).

بۇ ھەدىستە «ئىستىخارە سېلىشنى خۇددى قۇرئاندىكى بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى» دەپ، «قۇرئان» سۈرىسىگە ئوخشىتىشتىكى سەۋەبنى ئالىملار مۇنداق ئىزاھلىغان: «بارلىق نامازلاردا قۇرئان ئوقۇشقا ئېھتىياج بولغاندەك، پۈتۈن ھاياتتا ئىستىخارە سېلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە يەنە ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن بەلگىلەپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىخارە سالغاندا ئۆزلىرى خاھلىغانچە دۇئا قىلماي، بەلگىلەنگەن دۇئانى قىلىشىنى بېكىتىشتۇر. بۇ ئىستىخارەنى قۇرئان ۋە نامازغا ئوخشاتقانلىقتۇر. بۇ ئىستىخارىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ»(8).

بۇنىڭدىن ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ ئەينەن بەلگىلەنگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىستىخارە دۇئاسى مەزمۇن جەھەتتە مول ۋە تولۇق بولغاچقا، ئۇنىڭغا بىرەر جۈملە سۆز ياكى ئىبارە قېتىش ھاجەتسىزدۇر. ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىخارە سېلىش ئاللاھ تائالادىن خەيرلىك ئىشنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا ئىستىخارە سېلىشقا ئەڭ خەيرلىك كەلىمەلەرنى پەيغەمبىرى ئارقىلىق بىزگە تاللاپ بەرسە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىچە ئىبارىلەرنى ياكى ئۇسۇللارنى تاللىۋېلىش بىمەنىلىك بولىدۇ.

ئىستىخارە سېلىش ئۇسۇلى

ئىستىخارە سېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن ياكى نامازنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇش ئارقىلىق ئىستىخارە سېلىنىدۇ.

ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنىڭ ئىچىدە سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇسىمۇ ياكى سالام بەرگەندىن كېيىن ئوقۇسىمۇ جائىزدۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئانى كۆپىنچە سالامدىن بۇرۇن قىلاتتى» دەپ قاراپ، ئىستىخارە دۇئاسىنى «ئەتتەھىياتۇ»نى ئوقۇپ بولۇپ دۇرۇد ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇپ ئاندىن سالام بېرىشنى مۇۋاپىق، دەپ تاللىغان. يەنە بەزى ئالىملار: «سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدۇ» دېگەن(9).

ھاپىز ئىبنى ھەجەر: «ھەدىستىن دۇئانىڭ نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ، ناماز ئىچىدە ئوقۇسىمۇ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى بار. يەنە نامازدا قىلىش كېرەك بولغان دۇئادىن كېيىن قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. چۈنكى، نامازدا سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىمۇ دۇئا قىلىنىدۇ» دەيدۇ(10).

بۇنىڭدىن نامازدىكى سەجدە ۋە تەشەھھۇدتا ئادەتتە قىلىدىغان دۇئالارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ، سەجدە قىلغاندا ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

ياخشىسى، ھەدىسنىڭ «ئاندىن» دېگەن ئىپادىلىشى بويىچە ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازدىن كېيىن قىلىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كىشىلەر ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا بىلمەيدۇ. يۇقىرىدا ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ «قۇرئان» سۈرىلىرىگە ئوخشىتىلغانلىقى، ئۇنى خاھلىغان يوسۇندا قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى بايان قىلىندى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، كىشىلەر نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندا، بىرەر قەغەزگە يېزىۋالغان ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن ئوقۇپ ئىستىخارە سالسا مۇۋاپىق، بولمىسا، نامازدا ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا ئوقۇيالماي، يا قەغەزگە قاراپ ئوقۇيالماي قالىدۇ.

ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، بىرئاز زىكىر – تەسبىھ ئېيتىپ بولۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، يەنى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇپ، ئىستىخارە سالسا بولىدۇ. ئىمام ئەينىي: «ھەدىستىكى (ئاندىن) دېگەن سۆز بەك ئۇزىراپ كەتمىگەن ھالدا، نامازدىن كېيىن سەل كېچىكىپ دۇئا قىلسىمۇ ئىستىخارەگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.(11)

ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر

ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن بىر سۈرە ياكى ئايەت ئوقۇش بەلگىلەنمىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر ئىككى رەكئەتتە «فاتىھە»دىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت مىقدارىدا، بىلگىنىچە ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ.

بەزى ئالىملار: «بىرىنچى رەكئەتكە «فاتىھە»دىن كېيىن كافىرۇن سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتكە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش مۇستەھەب» دېگەن. چۈنكى، بۇ سۈرىلەر بىلەن يۇقىرىدىكى ئىستىخارە دۇئاسى ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش، يېلىنىش ۋە ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن بىردەكلىككە ئىگە بولغاچقا، ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا تېخىمۇ مۇناسىپ بولىدۇ.

ناماز بىلەن ئىستىخارە سېلىش ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان چاغلاردىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا جائىز بولىدۇ، ئەمما پەقەت دۇئا بىلەنلا ئىستىخارە سېلىش ھەرقانداق ۋاقىتتا جائىزدۇر.

ناماز ئوقۇماي دۇئا بىلەنلا ئىستىخارە سېلىش

ئەگەر ئىستىخارەنى ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ سالالمىسا، پەقەت دۇئا قىلسىمۇ بولىدۇ، بەزىدە ھەيزدار ئاياللار شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە ناماز ئوقۇيالمايدۇ. يەنە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق دەرھال ئىستىخارە سېلىشقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، پەقەت ئىستىخارە دۇئاسىنىلا ئوقۇپ سالسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «ناۋادا ناماز ئوقۇيالمىسا دۇئا بىلەنلا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ» دەيدۇ(12).

بەزى ئالىملار ئىستىخارە سالغاندا نېمە ئۈچۈن ئالدىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ: «ئىستىخارە سېلىش دېگەن دۇئادىن ئىبارەت بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئىشىكنى قېقىپ ئاندىن تىلەكنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇناسىپ. يەنى بۇ بىر دۇئانىڭ مۇقەددىمىسى. دۇئاغا مۇقەددىمە بولۇش ئۈچۈن نامازدەك ئۇلۇغ ئىبادەت يوق، چۈنكى نامازدا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش، ئۇلۇغلاش ۋە موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش بار» دېگەن(13).

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىنكى ئىشلار

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن چۈش كۆرۈشى شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭلى قايسى ئىشتا ئارام تاپسا ياكى خاتىرجەم بولسا، شۇ ئىشنى قىلسا بولىدۇ، كۆڭلى ئارام تاپمىسا ئۇنى قىلمايدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، ئىستىخارە سالغان كىشى ئۆز كۆڭلى بۇرۇندىنلا تارتقان ۋە كۈچلۈك ھەۋەس قىلغان ئىشنى تاللىماي، ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن تاللىماقچى بولغان بىرقانچە ئىشتىن قايسىبىر ئىش ئۇدۇل كەلسە شۇنى قىلىشى كېرەك، بولمىسا، ئۆز ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشكەن بولىدۇ. شۇڭا، بەزى ئالىملار: «كۆڭلى ئارام تاپقان ئىشنى قىلمايدۇ» دېگەن.

لېكىن، ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك: «توغرىسى، ئىستىخارە سېلىشتىن بۇرۇنقى كۈچلۈك ھاۋايى – ھەۋىسىگە مۇۋاپىق كەلگەن ئىشنى كۆڭلى ئارام تاپسىمۇ قىلمايدۇ»(14).

بۇنىڭغا ئاساسەن، كۆڭلى بۇرۇن ياقتۇرغان ۋەياكى ياقتۇرمىغان ئىشنى ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن ئوخشاش دەرىجىدە قويۇپ، ئاندىن ئۇدۇل كەلگەن، قولاي بولغىنىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

ئىستىخارەنى قايتا – قايتا بىرقانچە قېتىم سېلىش

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن ئەگەر بىر ئىشقا توختىلالمىسا، قايتىلاپ بىرقانچە قېتىم ئىستىخارە سالسىمۇ بولىدۇ. ئىمام ئەينىي: «ئىستىخارە نامىزىنى ۋە دۇئاسىنى قايتا – قايتا تەكرارلاش مۇستەھەبتۇر» دېگەن(15). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ دۇئا قىلسا قايتا – قايتا ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قىلاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ كەئبەنى يېڭىلاپ، قايتا ياسىماقچى بولغاندا: «…مەن پەرۋەردىگارىمغا ئۈچ قېتىم ئىستىخارە سالىمەن، ئاندىن قارار قىلىمەن..» دېگەن(16). ئىستىخارەمۇ بىرخىل دۇئا. شۇڭا، ئۇنى تەكرارلاپ سېلىش مۇستەھەب بولىدۇ.

ئىستىخارە سېلىش بىلەن ئاقىللارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش

بەزى كىشىلەر يەنە بەزىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ بىلىملىك، ھايات تەجرىبىسى مول، ھېكمەتلىك ۋە تەدبىرلىك بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەزى بەندىلىرىگە بېرىدىغان پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۆز پەزلىنى خاھلىغان بەندىسىگە بېرىدۇ. شۇڭا، ئىستىخارە سېلىش بىلەن بىللە يۇقىرىقىدەك مەسلىھەتكە يارايدىغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشمۇ ياخشى ئىشتۇر.

ئىمام ماۋەردىي ئېيتىدۇ: «ھەرقانداق بىر ئىشقا قەدەم قويۇشتىن، قارار ئېلىشتىن ئىلگىرى سەمىمىي نەسىھەت قىلىدىغان مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى بار زاتلارنىڭ رايىنى ئېلىش ھەربىر ئاقىل كىشىگە يارىشىدىغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە قارىتا تولۇق يېتەكلەش ۋە ياردەم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۇنى مەسلىھەت سېلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾(3/«ئال ئىمران»: 159) دېگەن»(17).

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئىستىخارە سېلىشتىن بۇرۇن خالىس نەسىھەت قىلىدىغان، تەجرىبىلىك، دىندار، بىلىملىك كىشىگە مەسلىھەت سېلىش مۇستەھەبتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾ دېگەن. مەسلىھەت سېلىپ ئۇنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، ئاندىن ئىستىخارە سالىدۇ»(18).

مەسلىھەتىنى ئېلىشقا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.  ئەقلى كامىل، تەجرىبىلىك كىشى. شۇڭا، جاھىل، پىشمىغان، نادانلار بۇ ئىشقا يارىمايدۇ.

2.  دىندار ۋە تەقۋادار كىشى. دىيانەتلىك، تەقۋادار كىشىگە مەسلىھەت سالغاندىلا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سىر ئاشكارىلىمايدۇ، خاتا يول كۆرسەتمەيدۇ.

3.  دوست – بۇرادەرلەردىن بولۇشى. چۈنكى، دوستلۇق بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتى بولغانلىقتىن توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.

4.  كۆڭلى خاتىرجەم كىشى بولۇشى. دىققىتى چېچىلغان، غەمگە چۆمگەن بىر كىشىگە مەسلىھەت سالسا توغرا مەسلىھەت بېرەلمەي قالىدۇ.

5.  غەرەزلىك بولماسلىقى. چۈنكى، مەسلىھەت بەرگەن ئىشىدا بىرەر غەرەز يوشۇرۇنغان ئەھۋالدا، ئۇ كىشى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.

يۇقىرىقى بەش سۈپەت تېپىلغان كىشى مەسلىھەت سېلىشقا سالاھىيەتلىكتۇر. شۇڭا، بۇنداق بىر كىشىنى تاپالىساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ تۇرۇۋالماي، ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىنىڭ ئەڭ توغرىدۇر(19).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ھ. 1428، 7 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2007، 24 – ئاپرېل

——————-
1. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 22 – بەت.
2. «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 13/202.
3. «مۇسلىم»، (3488).
4. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/229.
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/184.
6. بۇنىڭدىن بامداتقا ئوخشىغان ئىككى رەكئەتلىك پەرز نامازدىن كېيىن ئىستىخارە دۇئاسىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما، پەرزنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلاردىن كېيىنچۇ؟ ئىمام نەۋەۋىي «پەرزنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت شۇنداقلا پەرزگە باغلانمىغان نەفلە نامازلار ئىككى ياكى تۆت رەكئەت بولسۇن كەينىدىن ئىستىخارە سالسا بولىدۇ» دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «چوقۇم پەرزگە باغلانمىغان نەفلە نامازدىن كېيىن بولۇشى كېرەك» دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «پەرزنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازنى ئوقۇغىنىدا ئىستىخارە سېلىش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان بولسا بولىدۇ. ئىستىخارە نىيىتى نامازدىن كېيىن بولسا ھېساب بولمايدۇ، چۈنكى ھەدىستە ئىستخارە سېلىش نىيىتى بولغاندىن كېيىن ئاندىن ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىش تەكىتلەنگەن» دەپ قارىغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/18؛ ئەينىي: «شەرھۇ سۇنەنى ئەبى داۋۇد»، 5/450.
7. «بۇخارىي»، (1162).
8. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/220.
9. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 23/177.
10. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/222.
11. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 7/224.
12. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 112 – بەت.
13. ئىبنۇلھاج: «ئەلمەدخەل»، 4/38.
14. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/223.
15. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 7/225.
16. «مۇسلىم»، (1333).
17. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 3/243.
18. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 112 – بەت.
19. ئىبنۇلھاج: «ئەلمەدخەل»، 4/41 – 42.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ