ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار(1)

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار(1)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

پۈتۈن ھەمدۇسانا ئىبادەت قىلىشقا لايىق بولغان ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بولسۇن. پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام ۋە سالاملار بولسۇن.

رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت پەزىلەتلىك سۈننەت ئەمەلنىڭ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئاياندۇر. مۇسۇلمانلار مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىبادەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىگە لايىق بولۇشنىڭ ئورنىغا، رېستورانلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ، ئەيش – ئىشرەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە لايىق بولماقتا. بۇ ئېغىر ئەھۋالغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز. شۇڭا، بىز بۇ ماقالىمىزدا مۇبارەك رامازان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئالاھىدە سۈننىتىنى ئەھيا قىلىش مەقسىتىدە، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەخسۇس ئىبادەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

ئېتىكاپنىڭ ئېنىقلىمىسى

«ئېتىكاپ» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا: «بىر جايدا مۇقىم تۇرۇش، ئۆزىنى بىر جايغا قاماپ تۇرۇش» دېگەن مەنىدە. ئىسلام شەرىئەتىدە: «جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد – جامەلەردە روزا تۇتقان ھالەتتە مۇقىم تۇرۇش»تىن ئىبارەتتۇر(1).

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈننەتتۇر. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئىبادەتتۇر. ئەمما، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزر قىلغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولىدۇ(2). «سەھىھەين»دىكى ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى» دېگەن([3]).^

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىمۇ تونۇلغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەئبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 125) دېگەن.

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىبادىتى جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەرگىمۇ ئىلگىرىكى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار شەرىئىتىدىن مىراس قالغان بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— مەن جاھىلىيەتتە مەسجىدى ھەرەمدە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلىشقا نەزر قىلىغان ئىدىم، — دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— نەزرىڭنى ئادا قىل، — دېدى»(4).

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن مەقسەت

«ئاللاھ تائالا مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن تۇيغۇ بىلەن بوش ۋاقىتلاردا ئاللاھ تائالاغا پۈتۈنلەي يۈزلىنىش ئارقىلىق دىلنىڭ ساپلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، بۇ ئىبادەت روزا تۇتقان ھالەتتە ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىنسا ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولىدۇ.

بەزى ئالىملار بۇ ئىبادەتكە: «ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ: ›مېنى مەغفىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن‹ دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ» دەپ مىسال كەلتۈرگەن.

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى تىجارىتىدىن، بالىچاقىلىرىدىن، ئويۇن – تاماشالىرىدىن، دوست – يارەنلىرىدىن، ئومۇمەن، پۈتۈن دۇنيادىن مېھرىنى تولۇق ئۈزۈپ، بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق ئىزھار قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەيتىگە ئۆزىنى قاماپ، ھەممە ۋاقتىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ زىكىر – تىلاۋەت، تەسبىھ ۋە نەفلە ئىبادەتلەرنى قىلىشقا سەرپ قىلىپ، جانابىي ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى، پەزلى ۋە رەھمىتىگە لايىق بولىدۇ. بىر مۇددەت شۇنداق روھانىي پەيتلەرنىڭ پەيزىنى سۈرگەن، ياراتقان پەرۋەردىگارغا قۇللۇق قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئېتىكاپتىن چىققاندىن كېيىن دۇنياغا بېرىلىش، پايدا – مەنپەئەتكە ئۆزىنى ئۇرۇش، ۋىجدانسىزلىق قىلىش، ئومۇمەن، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىدىغان پەس ئىشلارغا ئاسانلىقچە يېقىن يولاپ قالمايدۇ. ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چاغلاردىكى گۈزەل تۇيغۇ، ئىمانىي كەيپىياتلار ئۇنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى ھاياتىدا ئادەتلەنگەن بارلىق ئوسال ئادەتلىرىنى تولۇق تاشلاپ، ئادەت قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇپ، ئىبادەتنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئۇنداق ناچار ئادەتلەرنى قىلمايمۇ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، كۆز – كۆز قىلىش، شۆھرەتپەرەسلىك، نەيرەڭۋازلىق، پەسكەشلىك، مۇناپىقلىق، خائىنلىق، كەيپ – ساپا، رىقابەت، ساختىپەزلىك، رىياكارلىق، پىخسىقلىق، ئۆچ – ئاداۋەت… ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەخمىقانە ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي بەسلىشىش دېگەن تائەت – ئىبادەتلەرنى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە رىزۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

بىرەر بەندە ياراتقان ئىگىسىنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدكە مېھمان بولۇپ كېلىپ بارلىقى بىلەن ئىگىسىگە بەندىچىلىك ئىزھار قىلسا، پەزلى – كەرەمى چەكسىز، ئىلتىپاتى ھەددى – ھېسابسىز، رەھمىتى ھەممە نەرسىنى قاپلىغان، كەچۈرگۈچى، رەھىم – شەپقەتلىك ئاللاھ ئۇ بەندىسىنى قۇرۇق ئۇزۇتۇپ قويارمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنى چوقۇم ئوتتىن ئازاد قىلىپ، تىلىگىنىنى ۋە جەننەتتىن ئورۇن بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جەننەتتىن يۇقىرى مەرتىۋە – ماقام بېرىپ ئۇزۇتۇشى تۇرغانلا گەپ.

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن قولغا كېلىدىغان پايدىلار

ئېتىكاپتا نۇرغۇنلىغان ھېكمەت ۋە سىرلار شۇنداقلا خاسىيەتلەر باردۇر. ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرى دىلىغا باغلىق. ئىنساننىڭ دىلىنى پايدىسىز ئىشلار ئىگىلەپ، مەشغۇل قىلىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالاغا تولۇق يۈزلىنىشتىن توسۇپ قويىدۇ. خوتۇن، بالىچاقا، ئويۇن – تاماشا، رېستوران زىياپەتلىرى، بىھۇدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش… قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇش دىلىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ. دىلىنى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئويلاشتىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ، غەپلەتكە سالىدۇ. ئىنسان ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنىڭ قامال قىلىۋېلىشىدىن خالاس بولىدۇ.

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان پايدىلارنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

1. قەدر كېچىسىنى كۆزلەش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاساسەن قەدر كېچىسىنى كۆزلەپ ئېتىكاپ قىلغان.

2. ئىنسانلاردىن ئۈزۈلۈپ، ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش.

3. قەلبنى ئاللاھ تائالاغا تولۇق يۈزلىنىدىغان قىلىپ تۈزەش.

4. ساپ تائەت – ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇش.

5. روزىنى ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق نەپسانىي ھەۋەسلەرنىڭ تەسىرىدىن قوغداش.

6. مۇباھ بولغان دۇنيا ئىشلىرىنى ئازايتىپ، پايدىسىز ئىشلارنى تاشلاشقا، راھەت – پاراغەتتىن سەل يىراقلاپ، ئاددىي – ساددىلىققا ئادەتلىنىشكە، غېرىبانە يەپ – ئىچىش ۋە يېتىپ – قوپۇشقا، ئىسسىق يوتقان – كۆرپىسىنى تاشلاپ، قاتتىق يەردە ئۇخلاشقا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ماقۇل كېلىدۇ.

7. مەسجىدتە ئولتۇرۇشقا كۆنۈش. ئىنسان دەسلەپتە مەسجىدتە ئۇزۇن ئولتۇرالماسلىقى مۇمكىن. كېيىن كۆنۈپ، ئاللاھنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، مەسجىدنى سۆيىدۇ. مەسجىدنى سۆيگەن كىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھ سايىدىتىدىغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى بولالايدۇ.

8. مەسجىدتە نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كىشىگە ناماز ئوقۇپ تۇرغاننىڭ ساۋابى يېتىدۇ ۋە پەرىشتىلەر ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ﺗﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ ﺳﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ نامازگاھىدىلا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ‹ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺋﯘﻧﻰ مەغفىرەت ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ› دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(5).

9. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا جەمئىيىتىمىزدە كەڭ تارقالغان تاماكا چېكىش، ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش، ئەقىدە ۋە ئەخلاققا زىت پاراڭلارنى سېلىش… قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنىڭ دىن ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسى ئېچىلىدۇ. ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى تالاغا چىقىپ تاماكا تۇتاشتۇرمايدۇ، ئامراق ناخشىسىنى ئاڭلىمايدۇ. دېمەك، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش يامان ئادەتلەردىن قۇتۇلىدىغان، تەۋبە قىلىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت.

10. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرىدۇ، نەپسىنى تىزگىنلىتىدۇ، كۆنگەن نۇرغۇن ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك ئىشلاردىن ۋاز كېچەلەيدىغان قىلىدۇ.

11. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا «قۇرئان»نى بىر قېتىم تۈگىتىپ ئوقۇۋالغىلى بولىدۇ. «قۇرئان» ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئۆگىنىۋالغىلى، ھېچ بولمىسا، «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بولسىمۇ بىر قېتىم باشتىن – ئاخىر ئوقۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

12. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش پۇرسىتى قولدىن كەتمەيدۇ.

13. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

14. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن تولۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاكى ئىمام قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى بىللە ئوقۇسا، ئۇنىڭغا پۈتۈن بىر كېچە تەھەججۇد ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ»(6).

پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۈننىتىنى ياشارتايلى

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قالغان بۇ مۇھىم سۈننەتنىڭ دىيارىمىزدا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، ئىمكانىيەت تېپىلغان تەقدىردە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۈننىتىنى ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابىي ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك.

تابىئىنلاردىن زۇھرىي: «كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى مەدىنەگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر قەتئىي تاشلاپ باقمىغان» دەيدۇ(7).

بۇ سۆزنى ئېيتقان تابىئىنلار بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزنى كۆرگەن بولسا نېمە دەر ئىدىكىن، تاڭ؟

بىز تۆۋەندە بۇ پەزىلەتلىك ئىبادەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۇسۇلى

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، بىر قېتىم رامازاندا ئولتۇرماي شەۋۋالدا ئولتۇردى، يەنە بىر قېتىم رامازاننىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ئولتۇردى، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ئون كۈندە ئولتۇردى، ئاندىن ئاخىرقى ئون كۈندە قەدر كېچىسىنى كۆزلەپ ئولتۇردى، ئاخىرىدا قەدر كېچىسىنىڭ رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇردى. ئۇ مەسجىدتە چېدىر تىكىشكە بۇيرۇپ، چېدىردا خالىي ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلاتتى. ئېتىكاپقا كىرمەكچى بولسا بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ باشلايتتى، ھەر يىلى ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان… ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا چېدىرىغا يالغۇز كىرىپ ئولتۇراتتى، زۆرۈر ھاجەت بولمىسا ئۆيىگە كىرمەيتتى، بەزى ئاياللىرى ئۇنى زىيارەت قىلاتتى، ئاياللىرىنى ئۆزىگە تەگكۈزمەي، سۆيمەي ئولتۇراتتى، ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كارىۋات ۋە كۆرپىسىنى ئېتىكاپگاھىغا قويغۇزاتتى»(8).

روزا تۇتمىغان ئەھۋالدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىبادىتى پەقەتلا روزا تۇتقان ئەھۋالدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار. سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «سۈننەتتە روزىسىز ئېتىكاپ بولمايدۇ» دېگەن(9).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە – كىراملارمۇ روزا تۇتقان ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روزا تۇتمىغان ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغانلىقى ھېچ رىۋايەت قىلىنمىغان» دېگەن(10).

ئەلبەتتە، ئىنسان قەلبىنى ھەرتۈرلۈك ئىشلاردىن ئۈزۈپ، ئاللاھ تائالاغا يۈزلەندۈرۈپ تەربىيەلەش يېمەك – ئىچمەكلەردىنمۇ توختىغاندا قولغا كېلىدۇ. شۇڭا، روزا تۇتقان ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەلدۇر.

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن روزا تۇتۇش شەرت ئەمەس، لېكىن روزا تۇتۇپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەل. بۇلارنىڭ دەلىلى «سەھىھ مۇسلىم»دىكى مۇنۇ ھەدىستۇر: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان»(11).

يەنە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش روزا تۇتمايدىغان كېچە ۋاقىتلىرىدىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا روزا تۇتۇشنى شەرت قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، رامازاندىن باشقا چاغلاردا روزا تۇتماي ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ.

لېكىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەۋۋال ئېيىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا روزا تۇتقان ھالەتتە ئىدىمۇ ياكى تۇتمىغان ھالەتتە ئىدىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما، روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ كېچىسىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ھېساب بولىدۇ، چۈنكى كېچىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.

ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولۇشى شەرتتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187). بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، جۈمە ئوقۇلىدىغان بولسۇن ياكى ئوقۇلمايدىغان مەسجىد بولسۇن، مەسجىدلا بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىن باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان.

بەزى ئالىملار جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولۇشىنى شەرت قىلغان. چۈنكى، جامائەت ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا يا جامائەتكە قاتناشماي ناماز ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، ياكى جامائەت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان مەسجىدتىن جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان باشقا مەسجىدكە چىقىشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، كۆپ قېتىم سىرتقا چىقىۋېرىش ئېتىكاپنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ.

«سەھىھەين»دە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن بىر مۇددەت ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، كېيىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋەھيى ئېلىپ كېلىپ، «ئوقۇ» دەپ بۇيرۇغان(12).

ئۇ چاغلار تېخى ئىسلام كۆرسەتمىلىرى مۇئەييەنلەشمىگەن ۋاقىت ئىدى. كېيىنچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە بارغاندىن كېيىن مەسجىد بىنا قىلغان. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا باشلىغان. رامازاننىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە ئولتۇرۇپ، كېيىن ئوتتۇرىدىن ئون كۈنىدە ئولتۇرۇپ، كېيىن قەدر كېچىسىنىڭ رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيى كەلگەندىن كېيىن مەدىنەگە بارغانغا قەدەر ئۆيىدە ۋەياكى خىلۋەت جايلاردا ئىستىقامەت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئۈممىتىنى بۇيرۇغانمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بەزى كىشىلەرنىڭ ياكى بەزى تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى كەلگەندىن كېيىنكى ئاخىرقى ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، ۋەھيى كېلىشتىن بۇرۇنقى ئىشىغا ئېسىلىۋېلىپ، خىلۋەت جايلاردا، مازارلاردا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرۇشى، ياكى جامائەت نامازلىرىغا مەسجىدكە چىقماي ئۆيلەردە ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرۇشى سۈننەتكە خىلاپ ئىشتۇر.

ئەمما، ئاياللار مەككە ياكى مەككەدىن باشقا بارلىق ئورۇنلاردا ئېتىكاپتا ئولتۇرسا، ئىستىقامەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، ئاياللارنىڭ جامائەت نامازغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بولسا مۇزدەلىفەدىكى «سەبىر» دېگەن بىر تاغدا تۈركچە چېدىر تىكىپ ئىستىقامەت قىلغانلىقىنى ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغاندۇر(13).

ئاياللار مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرامدۇ؟

ھەرقانداق ئەمەللەردە ئەر، ئايالنىڭ ئوخشاش بولۇشى قۇللۇقنىڭ تەقەززاسىدۇر. لېكىن، ئاياللارنىڭ ئالاھىدە تەبىئىتىنى كۆزدە تۇتقانلىق جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇشى ئەرلەرگە ئوخشاش تەكىتلەنمىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئىش ئەمەس، بەلكى مۇباھ ئىشتۇر. خۇددى ئاياللار مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇسا جائىز بولۇپ جامائەت ساۋابىغا ئېرىشكەندەكلا، ئاياللار مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان جايلاردا، يەنى ئۆيلىرىدىكى مەسجىد قىلىنغان جايلاردا ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلىدۇ. ئېرى بار ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ، مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ھېساب بولسىمۇ مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى، «سەھىھ» ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە قاتارلىق ئاياللىرىنىڭ مەسجىدكە قۇرغان چېدىرلىرىنى چۇۋۇتۇۋەتكەن. ناۋادا ئاياللارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى مەكرۇھ بولمايدىغان بولسا، ئاياللار ئېتىكاپقا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئېتىكاپىنى بۇزۇۋەتمىگەن بولاتتى(14).

ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەۋزەل بولغان جايى ئۆيى بولغاچقا، ئۆيىدە ئادەتتە ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ مەسجىدى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا بۇ يەردىن ئايرىلماي ئولتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ناۋادا ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغان مۇئەييەن بىر جاي بولمىسا، ئۆيىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولمايدۇ.

بۇرۇن ئاياللار ئۆيلىرىدە بىر ھۇجرا ياكى بىر ئورۇننى داۋاملىق ناماز ئوقۇيدىغان مەخسۇس ئورۇن قىلىپ تەييارلىغان ئىكەن، ھازىر ئۇنداق ئادەت يوقىلىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشى مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش پۇرسىتى تولۇق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆيىدىكى بىرەر ھۇجرىغا كىرىپ چىقماي ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، مەسجىدى ھەرەم قاتارلىق ئاياللارغا مەخسۇس ئورۇن تەييارلانغان مەسجىدلەردە ئاياللار ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ. ئۇخلىماي بىرەر سائەت ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا يېتىپ ئۇخلاش بولمىغاچقا، ئادەتتىكى مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولۇۋېرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان.

كۆپچىلىك ئالىملار: «ئاياللار مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولۇۋېرىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن. بۇلار «سەھىھەين»دىكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان» دېگەن ھەدىسنى(15) دەلىل قىلغان.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئېرى بار ئاياللار ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئاندىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى كېرەك. ئېرى رۇخسەت قىلمىغان تەقدىردە، ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولمايدۇ. ئولتۇرۇپ بولغان ئەھۋالدا ئېرى ئۇنىمىسا، ئېتىكاپتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ. ئەرنىڭ رۇخسىتىنى شەرت قىلىپ قويۇشتىن كۆزلەنگەن مەقسەت بولسا ئائىلە قۇرۇلمىسىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئادەتتە ئەردىن بەكراق ئايالغا موھتاج بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئايالىغا ئېھتىياجى بولىدۇ، بالىلار ئانىسىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. دېمەك، ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككىيلەننىڭ ئۆيدە تۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈر بولسىمۇ، ئايال كىشىنىڭ ئۆيدىن يوقاپ كېتىشى تىرىكچىلىك تەقەززاسى بويىچە داۋاملىق سىرتلاردا يۈرىدىغان ئەرنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ئوخشىمايدۇ.

توي قىلمىغان قىزلار، ياكى تۇل ئاياللار، ياكى ئېرى رۇخسەت قىلغان، ئۆيدە كۆپ ئىشى يوق ئاياللار ۋەياكى ئايال كىشىنىڭ ئېرى بولمىغان ئەھۋالدا ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش روھىي تەربىيە ئالىدىغان، ئاللاھ تائالاغا يېقىن تۇرۇشنى ئۈگىنىدىغان مەكتەپتۇر. ھازىرقى ماددىيلىشىپ كەتكەن تۇرمۇشىمىزدا ئاياللارمۇ بىرقانچە كۈن بولسىمۇ ئايىغى چىقمايدىغان دۇنيا ھەلەكچىلىكىدىن تولۇق ئۈزۈلۈپ، ئاخىرەت سەپىرى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا، ئېتىكاپ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئەرلەرگە ئوخشاشلا ھەقلىق ۋە موھتاجدۇر.

مەسجىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيىدۇر. مەسجىدتە ئولتۇرغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، قۇللۇق ئىزھار قىلىدۇ، ئۆزىدىن ھېساب ئالىدۇ، قىلغان ئىشلىرىنىڭ توغرا – خاتالىرىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ، نۇرغۇن تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاياللار ھاياتتىكى يولىنى تۈزلەپ مېڭىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ.

ئەلبەتتە، ئاياللار مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئەھۋالدا پەردە ياكى باشقا نەرسە بىلەن توساق پەيدا قىلىپ ئولتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. مەسجىدلەردە بۇنداق ئالاھىدە شارائىت تېپىلمىغان تەقدىردە، دەسلەپكى قاراش بويىچە، ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدىكى مەسجىدلىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى، مەسجىدلەرگە ئەرلەر كېلىدىغان بولغاچقا، ئاياللار ئۇلارغا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرۈنمىگىنى تۈزۈك. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كىشى ئولتۇرىدۇ، ئۇخلايدۇ، ياتىدۇ، تاماق يەيدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئەر – ئاياللار ئارىلىشىپ قالسا، ئېتىكاپتىن كۆزلەنگەن مەقسەت ئادا بولماي، ئەكسىچە ھەر خىل بولمىغۇر خىياللارنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىمۇ مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا چېدىر تىكىپ، توساق پەيدا قىلىپ ئولتۇرغان.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»


1. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/206 – 208؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 174 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
2. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/206 – 208.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2026)؛ «مۇسلىم»، (1172).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2032)؛ «مۇسلىم»، (1656).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (445)؛ «مۇسلىم»، (649).
6. «ئەھمەد»، (21485)؛ شەيخ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/285.
8. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 2/88.
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (2473). شەيخ ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
10. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 2/87.
11. «مۇسلىم»، (1172).
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3)؛ «مۇسلىم»، (160).
13. «بۇخارىي»، (1618).
14. «مۇسلىم»، (1172).
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2026)؛ «مۇسلىم»، (1172).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ