جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى جەننەتنىڭ قاچىلىرى جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمى ۋە زىبۇزىننەتلىرى مۇئمىنلەرنىڭ سەبىي بالىلىرى جەننەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى جەننەتتە ئىسلام ئۈممىتى قانچىلىك بولىدۇ؟ جەننەت ئەھلىنىڭ خىزمەتكارلىرى

جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى

جەننەت ئەھلىنىڭ نېئمىتىنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى ۋە قورساقلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، ئىچىملىكلىرىنىڭ لەززەتلىك بولۇشىدۇر. كىمكى يېمەك يېسە، بۇ يېمەكنىڭ ھۇزۇرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىشى ۋە گېلىنى نەمدىشى ئۈچۈن، لەززەتلىك ئىچىملىككە موھتاج بولىدۇ. ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكلىرىنى سۈپەتلەپ بەردى ۋە بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇردى.

ئۇنداقتا جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى نېمە؟

بۇ ئىچىملىكلەرگە نېمە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ؟

ئۇلارنىڭ قاچىلىرى قانداق بولىدۇ؟

پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە رەھىم قىلغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن بىزگە كىتابى «قۇرئان»دا جەننەت ئەھلىنىڭ قانداق ئىچىدىغانلىقى ۋە نېمە ئىچىدىغانلىقىنى سۈپەتلەپ بەردى. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ. (ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خاھلىغان جايلىرىغا ئېقىتىپ بارالايدۇ﴾(55/«ئىنسان»: 5، 6). يەنى ئاللاھقا ئىتائەتمەن بەندىلەر جەننەتتە كافۇر(1) ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىك ئىچىدۇ. بۇ بىر بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى ئىچىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە نېئمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ئۆزلىرى خاھلىغان جايدا، خاھلىغان ۋاقىتتا قەسىرلىرىدە، سورۇنلىرىدا ۋە ئۆستەڭلىرىدە ئىچەلەيدۇ.

ئۇ بۇلاقنى ئۇلار خاھلىغان جايغا ئېقىتىپ ئاپىرالايدۇ

خۇددى بىر ئادەم ئۆستەڭدىن سۇنى ئۆزى خاھلىغان جايغا باشلاپ ئاپىرالىغاندەك، جەننەت ئەھلى ئۆزلىرى سۇنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىدۇ. خاھلىسا يەنە سۇنى ئۆزلىرى خاھلىغان جايغا باشلاپ ئاپىرالايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ. جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار﴾(76/«ئىنسان»: 17، 18). يەنى سالىھلەر جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن سۇغىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىملىكىگە بىر قېتىم زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، يەنە بىر قېتىم كافۇر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. كافۇر بولسا سوغۇقتۇر، زەنجىبىل بولسا ئىسسىقتۇر. يەنى جەننەت ئەھلى جامدا زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جەننەتنىڭ مەيلىرىنى ئىچىدۇ. ئەرەبلەر زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىكنىڭ پۇرىقىنىڭ خۇش پۇراق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.

ئەرەب تىلىدىكى «سلسبيل» دېگەن كەلىمە «شېرىن ئىچىملىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

جەننەتنىڭ ئىچىملىكىنڭ ئارىلاشمىسى

جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكىگە كافۇر ۋە زەنجىبىلدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. كافۇرنىڭ ئارىلاشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەبىئىتىنىڭ سوغۇق ۋە پۇرىقىنىڭ خۇش پۇراق بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا، زەنجىبىلنىڭ ئارىلاشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئىسسىق ۋە پۇرىقىنىڭ خۇش پۇراق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئۇلارنىڭ ئىچىملىكى پاكتۇر

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارى ئۇلارنى پاك شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 21).

شۇنداق، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئىنتايىن پاك ئىچىملىك بىلەن سۇغىرىدۇ. بۇ ئىچىملىك ئۇنى ئىچكەن كىشىنىڭ ئىچىنى ھەسەت، ئۆچمەنلىك ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكىزلايدۇ. بۇ ئىچىملىكنى ئىچكەن كىشى ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ پاك بولغان لەززەتنى ھېس قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بۇ ئىچىملىكنى «پاك ئىچىملىك» دەپ سۈپەتلىدى. بۇ ئىچىملىك دۇنيانىڭ ھاراقلىرىغا ئوخشاش پۇرىقى سېسىق، نىجىس ئەمەستۇر(2).

ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ئايالى بىلەن ئولتۇرغان جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا جامدا مەي ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇ كىشى بۇ مەيدىن ئىچىدۇ. ئاندىن ئايالىغا بۇرۇلۇپ قاراپ: ‹سەن مېنىڭ كۆزۈمگە يەتمىش ھەسسە گۈزەل كۆرۈندۈڭ› دەيدۇ»(3). ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ھەقىقەتەن، جەننەتتىكى كىشى جەننەتنىڭ ئىچىملىكلىرىدىن بىر ئىچىملىكنى كۆڭلى تارتسا، بىر ئىۋرىق كېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، ئۇ كىشى بۇ ئىۋرىقتىن ئىچىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىۋرىق ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ»(4).

بۇ ئىچىملىك جەننەتنىڭ بۇلاقلىرىدىن چىقىدۇ. ئۇنداقتا جەننەتنىڭ بۇلاقلىرى قانداق؟ ئۇنىڭ لەززىتىچۇ؟

جەننەتنىڭ بۇلاقلىرى

جەننەتتە گۈزەللىكنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ قاتارىدىن ئاللاھ تائالا جەننەتتە ئۆستەڭلەرنى ۋە بۇلاقلارنى پەيدا قىلغانلىقىدۇر. بۇ ئۆستەڭلەر ۋە بۇلاقلاردىن تۈرلۈك ۋە ئەڭ لەززەتلىك ئىچىملىكلەر ئېتىلىپ چىقىدۇ.

ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ بۇلاقلىرىدىن خەبەر بېرىپ ئېيتىدۇ: ﴿تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ – بوستانلاردىن، سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ﴾(15/«ھىجىر: 45). يەنى ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بوستانلاردا بولىدۇ. زېمىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ بۇلاقلارنىڭ سۈيى ئەڭ شېرىن ۋە ئەڭ پاكتۇر.

ئاللاھ تائالا كىتابى «قۇرئان»دا كۆپ ئورۇنلاردا بەندىلىرىنى قىزىقتۇرۇپ، بۇ بۇلاقلارنى زىكىر قىلغان: ﴿شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى. ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغفىرەت تىلەيتتى. ئۇلارنىڭ پۇل – ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)﴾(51/«زارىيات»: 15 — 19).

سەلسەبىل بۇلىقى

ئاللاھ تائالا بۇ بۇلاقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىزگە خەبەر بەردى: ﴿جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار﴾(76/«ئىنسان»: 18). «سەلسەبىل» بولسا سۇنىڭ داۋاملىق ۋە راۋان ئېقىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿(ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خاھلىغان جايلىرىغا ئېقىتىپ بارالايدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 6). بۇ بۇلاقلار ئۆستەڭلەر بولۇپ ئاقىدۇ. ئۇنىڭ سۈيى بەك شېرىندۇر.

نېئمەت

جەننەتنىڭ ئىچىملىكىنىڭ پاكلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئاسانلىقى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ، تەمىنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكىدۇر.

جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى
جەننەتتە كۆپ ئۆستەڭلەر بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئۆستەڭلەرنى سۈپەتلەپ بەردى ۋە بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇردى. بۇ ئۆستەڭلەرنى كۆرۈش بىلەن كۆزلەر ھۇزۇرلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن سۇ ئىچىش بىلەن ئېغىزلار لەززەتلىنىدۇ، قەلبلەر ئۇنىڭدىن بەھرلىنىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ ئۆستەڭلەرنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟

ئۇنىڭ رەڭلىرى قايسىلار؟

ئۇنىڭ ئىسىملىرى قايسىلار؟

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەبەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۆرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 25)، ﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېئمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رەزاسى بار». ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 15).

ئۇ ھەقىقىي ئۆستەڭلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئاقىدۇ، خانەلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بوستانلىرىنى توشقۇزىدۇ.

ئېقىن سۇ

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق – سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 28 — 34). يەنى ئۇ ئېرىقلار بىلەن ئاقىدىغان ياكى ئەتراپى قوشۇلۇپ كۆل بولىدىغان ئۆستەڭلەر بولماستىن، بەلكى تۈز زېمىننىڭ ئۈستىدە ئاقىدىغان ئۆستەڭلەردۇر.

ئۆستەڭلەرنىڭ تۈرلىرى

جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى تۈرلۈك بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغفىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە – پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟﴾(47/«مۇھەممەد»: 15)

ئاللاھ تائالا بۇ تۆت تۈرنى زىكىر قىلدى ۋە ھەربىرىدىن ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئاپەتلەرنى يوق قىلدى:

1) دۇنيانىڭ سۈتىنىڭ ئاپىتى بولسا ئۇنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ قالسا، ئىچكەن ئادەمگە ئاچچىق تېتىيدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ سۈتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقىدىن خەبەر بەردى.

2) دۇنيانىڭ سۈيىنىڭ ئاپىتى بولسا ئۇ ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، تەمى ۋە پۇرىقى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. دېمەك، جەننەتنىڭ سۈيىدە بولسا بۇ ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.

3) دۇنيانىڭ ھارىقىنىڭ ئاپىتى بولسا ئۇنىڭ تەمىنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان، پۇرىقىنىڭ سېسىق ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان مەستلىك، ئەقىلنى ئاداشتۇرۇش ئىكەنلىكىدىدۇر. بۇ ئەھۋال ئاخىرەتنىڭ ھارىقىدىن يىراقتۇر.

4) دۇنيانىڭ ھەسىلىنىڭ ئاپىتى بولسا ئۇنىڭ كىرلەردىن خالىي بولالمايدىغانلىقىدىدۇر. جەننەتنىڭ ھەسىلىدە بولسا بۇ ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، ئۇ بەك ساپ ھەسەلدۇر.

بۇ ئاللاھنىڭ مۇئجىزىلىرىدىن بولۇپ، تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنىڭ ئۆستەڭلىرى ئاقىدۇ. بۇلارنىڭ ئېقىشى دۇنيادىكى ئۆستەڭلەرنىڭ ئېقىشىغا ئوخشىمايدۇ. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك يېرى، بۇ ئۆستەڭلەر ئېرىق ياكى كۆل شەكلىدە ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر ئەمەستۇر. يەنە ئۇنىڭدىكى ئىچىملىكلەر ئەڭ تولۇق لەززەتنى چەكلەپ قويىدىغان ھەممە ئاپەتلەردىن پاكتۇر.

ئاللاھ يەنە جەننەتنىڭ ھارىقىدىن دۇنيانىڭ ھارىقىدا كۆرۈلىدىغان باش قېيىش، قۇرۇق گەپ – سۆز، ئەقلىدىن ئادىشىش ۋە لەززەتلىنىشنىڭ بولماسلىقىدەك ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلدى. ئەمما، دۇنيانىڭ ھارىقى بولسا شەيتاننىڭ ئىشى بولغان پاسكىنا نەرسە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ۋە ناماز ئوقۇشتىن توسىدۇ. زىنا قىلىشقا ۋە باشقا يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ ۋە كۈندەشلىكنى يوقىتىدۇ. ئۇ پۈتۈن يامان ئىشلارنىڭ بېشىدۇر. ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ھارىقىنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن يىراق قىلدى.

ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئىچىملىكلىرى بولمىش بۇ ئۆستەڭلەرنىڭ بىر جايدا جەم بولۇشىنى ئويلاپ باقايلى. بىرى، ئىنسانلارنىڭ ئىچىشى ۋە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ كۈچلىنىشى ۋە ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈندۇر. يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ لەززەتلىنىشى ۋە خۇشال بولۇشى ئۈچۈندۇر. يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ كېسەللەردىن شىپا تېپىشى ۋە مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈندۇر.

بۇ ئۆستەڭلەر نەدىن ئېقىپ چىقىدۇ

بۇ ئۆستەڭلەر جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن ئەڭ ئاستىغا ئېقىپ چىقىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەقىقەتەن جەننەتتە يۈز دەرىجە باركى، ئۇلارنى ئاللاھ ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئۈچۈن تەييارلىغان. ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ ئوتتۇرىدا ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىدىكىدەك ئارىلىق بار، شۇڭا ئاللاھتىن تىلىگىنىڭلاردا ئۇنىڭدىن فىردەۋسنى تىلەڭلار! چۈنكى، ئۇ جەننەتنىڭ قاپ ئوتتۇرىسى ۋە ئەڭ ئالىيسىدۇر. راھماننىڭ ئەرشى ئۇنىڭ ئۈستىدەدۇر، جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئاشۇنىڭدىن (فىردەۋستىن) ئېتىلىپ چىقىدۇ»(5).

دۇنيادا جەننەتنىڭ دەريالىرىدىن تۆتى بار

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەيھان، جەيھان، فۇرات ۋە نىل ھەربىرى جەننەتنىڭ دەريالىرىدىندۇر» دېگەن(6). يەنە: «قارىسام سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ تۈۋىدە تۆت دەريا بولۇپ، ئىككى ئىچكى دەريا جەننەتتىكى دەريالاردۇر. ئىككى تاشقى دەريا بولسا نىل بىلەن فۇراتتۇر»(7) دېگەن.

بۇ دەريالار دۇنيادا ئاقىدىغان تۇرسا، قانداقسىگە يەنە جەننەتتە بولىدۇ؟

بۇ دەريالارنىڭ ئەسلى جەننەتتىندۇر. خۇددى دېڭىزلاردىكى، كۆللەردىكى سۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەسلى يامغۇر سۈيى بولغاندەك. يامغۇر سۈيى دەريالاردا ئاقىدىغان، كۆللەرگە قۇيۇلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ئاسماندىن كېلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دەريالارنىڭ سۈيى جەننەتتىكى دەريالاردىن تەمىنلىنىدۇ.

جەننەتتىكى دەريالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى كەۋسەردۇر

كەۋسەر — بەك كۆپلۈككە دالالەت قىلىدىغان سۈپەتتۇر. كەۋسەر ھەۋزنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان دەريادۇر.

ئۇنداقتا كەۋسەر دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ سۈپىتى قانداق؟

ئۇنىڭدىكى نېئمەت ۋە خۇشاللىقنىڭ شەكىللىرى قانداق؟

كۆپ ھەدىسلەردە كەۋسەرنى ھەۋزنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. بۇنىڭدىن بەزى ئەھلى ئىلىملەر: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بىز ھەقىقەتەن ساڭا كەۋسەرنى ئاتا قىلدۇق﴾(108/«كەۋسەر»: 1) دېگەن سۆزىدە كەلگەن كەۋسەر بولسا ھەۋزدۇر» دەپ قارىغان.

لېكىن، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەۋز قىيامەت كۈنى مەھشەردە بولىدۇ. ئەمما، كەۋسەر بولسا جەننەتتىكى دەريادۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە بولسا كەۋسەر دەرياسى ھەۋزنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن ھەۋز كەۋسەر دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز. بۇ ئىككىسىنىڭ سۈپەتلىرى ئوخشاشتۇر.

كەۋسەر دەرياسىنىڭ سۈپىتى

كەۋسەر دەرياسى جەننەتنىڭ دەريالىرىنىڭ بىرىدۇر. جەننەتنىڭ دەريالىرى كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان ۋە قەلبلەرگە كېچىپ باقمىغان دەرىجىدە سۇلىرى شېرىن ۋە گۈزەلدۇر.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز بىلەن بىللە ئىدى. تۇيۇقسىز بىرئاز مۈگدەپ قالدى. ئاندىن تەبەسسۇم قىلغان ھالدا بېشىنى كۆتۈردى. بىز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! نېمە سەۋەبتىن كۈلۈمسىرىدىلە؟ — دېسەك،

— ماڭا باياتىن بىر سۈرە نازىل قىلىندى، — دېدى ۋە ئارقىدىن: ﴿ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام – نىشانى قالمايدۇ﴾(108/«كەۋسەر»: 1 — 3) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. ئاندىن:

— كەۋسەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ — دېدى. بىز:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېسەك، رەسۇلۇللاھ دېدىكى:

— ئۇ بىر دەريا بولۇپ، پەرۋەردىگارىم ئۇنى ماڭا ۋەدە قىلدى. ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىقلار باردۇر. ئۇ ھەۋز بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۈممىتىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ قاچىلىرى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدەكتۇر. ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىن بىر بەندە (ھەۋزدىن) ھەيدىلىدۇ. مەن:

— ئى رەببىم! ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئىدى، — دەيمەن. ئاللاھ:

— ئۇنىڭ سەندىن كېيىن نېمىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن، — دەيدۇ›»(8).

دەريانىڭ ئىككى تەرىپى كاۋاك مەرۋايىتتىن قۇببەلىك قەسىرلەردۇر

دەريانىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپى كاۋاك ياقۇت قۇببەلىك قەسىرلەر بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى بىلدۈرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: ‏«جەننەتتە كېتىۋېتىپ ئىككى قىرغىقى كاۋاك مەرۋايىتلار بىلەن سېلىنغان گۈمبەزلىك قەسىرلەردىن بولغان بىر دەريانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم، جىبرىلگە:

— بۇ نېمە؟ ئى جىبرىل! — دېسەم، ئۇ:

— بۇ ساڭا رەببىڭ ئاتا قىلغان كەۋسەردۇر، — دېدى. قارىسام ئۇنىڭ لېيى — ياكى بۇيى — ئۆتكۈر مىشكى – ئەنبەر ئىكەن»(9).

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بىز ھەقىقەتەن ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق﴾ دېگەن سۆزىگە ئىشارەتتۇر. يەنى پەرىشتە قولى بىلەن دەريانىڭ ئاستىغا ئۇرۇپ، دەريانىڭ لېيىنى چىقاردى ۋە ئۇنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆرسەتتى. ئۇ بولسا مىشكى – ئەنبەر ئىدى. بۇ ئەڭ ئېسىل خۇش پۇراق نەرسىدۇر.

بۇ دەريا مەرۋايىت ۋە ياقۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئاقىدۇ

بۇ دەريانىڭ گۈزەل ۋە كۆركەملىكىنىڭ جۈملىسدىن ئۇنىڭ لېيى مىشكى – ئەنبەردۇر. مىشكى – ئەنبەرنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان تاشلار مەرۋايىت ۋە ياقۇتلارنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ پارقىراقلىقى ۋە كۆركەملىكى دەرياغا تېخىمۇ گۈزەللىك قاتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كەۋسەر جەننەتتىكى بىر دەريا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى ئالتۇندىندۇر. ئۇ مەرۋايىت ۋە ياقۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئاقىدۇ. ئۇنىڭ توپىسى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇي، سۈيى ھەسەلدىنمۇ شېرىن، قاردىنمۇ ئاقتۇر» دېگەن(10).

كەۋسەرنىڭ بويىدا بويۇنلىرى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئوخشاش قۇشلار بار

كەۋسەر دەرياسىنىڭ ئەتراپىدا قۇشلار بولۇپ، بۇ قۇشلار دەرياغا زىننەت بېغىشلايدۇ ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ بەك چىرايلىق ۋە چوڭ قۇشلار بولۇپ، ھەربىر قۇشنىڭ بوينى تۆگىنىڭ بوينىغا ئوخشاشتۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— كەۋسەر دېگەن نېمە؟ — دەپ سورالغانىدى، ئۇ زات:

— ئۇ بىر دەريادۇركى، ئاللاھ ئۇنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھەسەلدىنمۇ شېرىن. ئۇنىڭدا قۇشلار بار بولۇپ، بويۇنلىرى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئوخشاشتۇر، — دېدى.

ئۆمەر:

— ھەقىقەتەن بۇ بەكلا سېمىز، ھۇزۇرلۇقكەن، — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئۇنى يېگۈچىلەر ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ھۇزۇرغا سازاۋەر، — دېدى»(11).

بۇ نېمىدېگەن گۈزەل سۈپەتلەش – ھە! ئۇ بويۇنلىرى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئوخشاش يوغان قۇشلاردۇر، تەمى لەززەتلىك بۆدۈنىلەردۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بۇ بەكلا سېمىز، ھۇزۇرلۇقكەن» دېگەن چاغدا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بېرىپ: «ئۇنى يېگۈچىلەر ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ھۇزۇرغا سازاۋەر» دېدى. بۇ قۇشلارنى يېگەن جەننەت ئەھلى دەريانىڭ ئەتراپىدا مەرۋايىت ۋە ياقۇت چېدىرلاردا ئولتۇرۇپ ھۇزۇر سۈرىدۇ.

كەۋسەر دەرياسىنىڭ ئەتراپىدا كاۋاك مەرۋايىتلاردىن سېلىنغان گۈمبەزلىك قەسىرلەر بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە كاۋاك مەرۋايىتلاردىن ياسالغان چېدىرلارمۇ بار. بۇ جەننەت ئەھلىگە ھۇزۇر – ھالاۋەتنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولۇشى ئۈچۈندۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: ‏«جەننەتتە كېتىۋېتىپ ئىككى قىرغىقى كاۋاك مەرۋايىتلار بىلەن سېلىنغان گۈمبەزلىك قەسىرلەردىن بولغان بىر دەريانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم، جىبرىلدىن:

— بۇ نېمە؟ ئى جىبرىل! — دېسەم، ئۇ:

— بۇ ساڭا رەببىڭ ئاتا قىلغان كەۋسەردۇر، — دېدى. قارىسام ئۇنىڭ لېيى — ياكى بۇيى — ئۆتكۈر مىشكى – ئەنبەر ئىكەن»(12).

بۇ كەۋسەردىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىچىدۇ ۋە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتىمۇ ئىچىدۇ ۋە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئاللاھتىن بىزنى كەۋسەرنىڭ بويىدا ئۇچرىشىشقا نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز. ئامىن.

يورۇتما

ئاللاھ تائالا ئەسلىتىش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيادا جەننەتنىڭ دەريالىرىدىن تۆت دەريانى قىلدى.

جەننەتنىڭ قاچىلىرى
تاماق يېگەن ۋە ئىچىملىك ئىچكەندە، قاچىلار قانچە گۈزەل ۋە چىرايلىق بولسا، ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھۇزۇر – ھالاۋەت شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

ئۇنداقتا جەننەتتىكى قاچىلار نېمىدىن ئىبارەت؟

ئۇنىڭ تۈرلىرى قانداق؟

ئۇ نېمىدىن يارىتىلغان؟

دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قاچىلارنىڭ ۋە ئىۋرىقلارنىڭ ئىسىملىرى ئوخشاشتۇر. لېكىن، جەننەتتىكى قاچىلارنىڭ ياسالغان ماددىسى، كۆركەملىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھۇزۇر دۇنيانىڭ قاچىلىرىغا ئوخشىمايدۇ.

جەننەتنىڭ قاچىلىرى جەننەت ئەھلىنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ

مۇئمىن قاچىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشقا موھتاج بولمايدۇ، بەلكى قاچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر﴾(43/«زۇخرۇف: 71).

جەننەت ئەھلى جەننەتتە بەرقارار بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تۈرلۈك تائاملار بولغان ئالتۇن قاچىلار ۋە ئىچىملىكلەر بولغان جاملار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ كۆڭۈللەر تارتىدىغان ۋە كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان قاچىلار ۋە جاملاردۇر. جەننەت ئەھلى بۇ قاچىلاردىن ۋە جاملادىن يەيدۇ، ئىچىدۇ ۋە لەززەتلىنىدۇ. ئۇلارغا خۇشاللىقىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن: «سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالغان ھالەتتە بۇ نېئمەتلەرنىڭ ئىچىدە ياشايسىلەر، بۇ نېئمەتلەر سىلەردىن كېمىيىپ كەتمەيدۇ ۋە يوقاپ كەتمەيدۇ» دېيىلىدۇ.

بۇ گۈزەل قاچىلار جەننەت ئەھلى كرېسلولىرىدا ھۆرمەتلەنگەن ھالدا ئولتۇرغان، ئۆيلىرىدە خاتىرجەم تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىيىپمۇ قالمايدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 15، 16).

دېمەك، جەننەت ئەھلىگە جەننەتنىڭ خىزمەتكارلىرى ئالتۇن ۋە ئەينەك قاچىلارنى ۋە جاملارنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئىچىملىك قاچىلىرىنىڭ تۈرلىرى

ئايەتلەردە جەننەت ئەھلىنىڭ بەزىدە جاملاردىن ئىچىدىغانلىقى، بەزىدە جۈمەكلىك قەدەھلەردىن ئىچىدىغانلىقى ھەققىدە بايانلار كەلگەن.

قاچىنىڭ خام ماددىسى

جەننەتنىڭ قاچىلىرى ئالتۇن – كۈمۈشتىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئالتۇن – كۈمۈشتىن ياسالغان قاچىلارنى ئىشلىتىشنى ھارام قىلدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يىپەك رەختلەرنىمۇ، تاۋار – دۇردۇنلارنىمۇ كىيمەڭلار، ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردا ئىچمەڭلار، ئۇنىڭدىن ياسالغان تەخسىلەردىمۇ تاماق يېمەڭلار، چۈنكى بۇلار بۇ دۇنيادا كافىرلارغا، ئاخىرەتتە بىزگە خاستۇر»(13) دېگەن. يەنە: «كۈمۈش قاچىدا ئىچكەن ئادەم ئەمەلىيەتتە قورسىقىغا دوزاخ ئوتىنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋاتقان بولىدۇ» دېگەن(14).

بۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ قاچىلىرى، خۇش پۇراقلىرى ۋە گۈزەللىكلىرىدۇر.

تەجرىبە – ساۋاق

گۈزەل قاچا ئىچىملىككە تېخىمۇ گۈزەللىك قاتىدۇ.

جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمى ۋە زىبۇزىننەتلىرى
كىيىم – كېچەك ئىنسان ئۈچۈن زىننەت ۋە گۈزەللىكتۇر. جەننەت ئەھلىنىڭ بەدەنلىرى ۋە تېرىلىرى گۈزەللىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدە بولۇپ، ئەگەر ئۇلار چىرايلىق كىيملەرنى كىيسە، گۈزەللىكى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ كىيىمنىڭ تۈرى نېمە؟

جەننەت ئەھلىنىڭ بۇ كىيىملەرگە قانداق ھاجىتى بار؟

ئۇلار كىيىم كىيىشتە پەرقلىق بولامدۇ؟

 

ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ يۇمشاق كىيىملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: ﴿تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر – بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ﴾(44/«دۇخان»: 51 — 53).

دېمەك، جەننەت ئەھلى ئەتراپىدا ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان، ئۈستىدە قۇشلار ئۇچۇپ تۇرغان، سايىلىرى ئۇزۇن، گۈزەل باغچىلاردا ياشايدۇ. ئۇلار بۇ نېئمەتنىڭ ئىچىدە يەنە نېپىز يىپەك كىيىملەرنى كىيىدۇ ۋە كىيىملەرنى تېخىمۇ پارقىراق قىلىدىغان قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ھەممىسىدە جەننەتتە ئۈنس – ئۈلپەت ۋە ھۇزۇرنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن، كرېسلولاردا بىر – بىرىگە قارىشىپ، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ. بۇ نېئمەت ۋە بۇ ھالەت ئۇلارغا داۋاملىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆلۈم ۋە كېسەللىكنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. پەرۋەردىگارىمىز بۇ ئايەتتە گۈزەل سۈپەتلىگەن: ﴿ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي﴾(18/«كەھف: 31)، ﴿ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ﴾(35/«فاتىر: 33).

كىيىملەرنىڭ تۈرى

جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىملىرى نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ۋە ئەسھابلىرىنىڭ قەلبلىرىنى جەننەتكە، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىگە ۋە كىيىملىرىگە قىزىقتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ زاتقا بىر يىپەك تون ھەدىيە قىلىنىۋىدى، ئەسھابلىرى توننى تۇتۇپ بېقىپ يۇمشاقلىقىدىن ھەيران قېلىشقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹بۇنىڭ يۇمشاقلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟! سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ (جەننەتتىكى) قولياغلىقلىرى بۇنىڭدىن ئوبدانراق ياكى يۇمشاقراق› دېدى»(15).

بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەندەك غازىتىدىن كېيىن شېھىد بولغان.

جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىملىرى كونىراپ قالمايدۇ

جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىملىرى كۆپ كىيىگەنلىك بىلەن كونىراپ قالمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى جەننەتكە كىرسە، نېئمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، بەختسىزلىككە دۇچار بولمايدۇ. كىيىملىرى كونىرىمايدۇ ۋە ياشلىقى يوقىمايدۇ» دېگەن(16).

جەننەتنىڭ كۆرپىلىرى

جەننەت ئەھلى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتكارلار بىلەن، يۈزلىرى يورۇپ، بەدەنلىرى ھۇزۇرلانغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش ياكى كېسەل بولۇپ قېلىشتىن خاتىرجەم بولۇش بىلەن بىرگە ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئەڭ لەززەتلىك تائاملارنى يەپ ۋە ئەڭ ياخشى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن ۋاقىتتا، يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان كرېسلولارغا ۋە تەكى قىلىدىغان ياستۇقلارغا كۆڭلى تارتىدۇ.

جەننەتنىڭ كۆرپىلىرى گۈزەللىك، يۇمشاقلىق ۋە راھەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ۋە ئۇنى يۆگەنگەن كىشى زېرىكىپ قالمايدۇ. ئۇ بەك ئېسىل كۆرپىلەردۇر.

ئاللاھ تائالا كىتابىدا جەننەتنىڭ كۆرپىلىرىنى زىكىر قىلدى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇردى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 34) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇپ: «ئۇ كۆرپىلەرنىڭ ئېگىزلىكى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىلىقىدەكتۇر. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى مۇساپە بەش يۈز يىللىقتۇر» دېگەن(17).

بۇ كۆرپىلەرنىڭ سىلىقلىق ۋە يۇمشاقلىقىنىڭ جۈملىسىدىن پەرۋەردىگارىمىز بۇ كۆرپىلەرنىڭ ئىچىنىڭ بەك يۇمشاق ۋە سىلىق ئىكەنلىكىدىن خەبەر بەردى. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭ تېشىنىڭمۇ بەك سىلىق ۋە يۇمشاق ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر﴾(55/«رەھمان»: 54) دېگەن ئايەتى ھەققىدە: «سىلەرگە كۆرپىلەرنىڭ ئىچىلىرى خەبەر بېرىلدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاشلىرى قانداق بولماقچى؟!» دېگەن(18).

بۇ كۆرپىلەرنىڭ ئىچى شۇنداق يۇمشاق بولغانىكەن، بەدەن تېگىپ تۇرىدىغان ۋە كۆز كۆرۈپ تۇرىدىغان تېشىمۇ شۇنچە يۇمشاق بولىدۇ.

مۇكاپات

كىمكى دۇنيادا ھارام كىيىملەرنى تەرك ئەتسە، ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ كىيىملىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

مۇئمىنلەرنىڭ سەبىي بالىلىرى جەننەتتە
مۇئمىنلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىكى ياشلىرى ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلىرى كىچىك ۋاقتىدا، بەزىلىرى ياش ۋاقتىدا، بەزىلىرى قېرىغاندا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەمما، ياش ۋاقتىدا ياكى قېرىغاندا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئۇلاردىن قىيامەت كۈنى ئەمەللىرىگە قارىتا ھېساب ئېلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئۆلۈپ كەتكەن سەبىيلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟

ئۇلاردىن ئەمەللىرىگە قارىتا ھېساب ئېلىنامدۇ؟

ياكى ئاتا – ئانىسىغا تەۋە قىلىنامدۇ؟

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئازابىنىڭ ئالدىغا، ئەپۇسى غەزىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەندۇر. ئەپۇ قىلىش ۋە مەغفىرەت قىلىش ئۇنىڭغا ئازابلاشتىن سۆيۈملۈكتۇر.

مۇئمىنلەرنىڭ بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن سەبىي بالىلىرىغا كەلسەك، ئۇلارمۇ جەننەتتە بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتتە ئەھلىگە قوشۇش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاتا – ئانىلار ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمەتىدە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇپ خۇشال بولىدۇ ۋە كۆڭۈللىرى ئارام تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر﴾(52/«تۇر»: 21).

بۇ ئايەتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى «ئاللاھ تائالا ئاتىلارنىڭ ئەجىرلىرىنى كېمەيتىپ، ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنى بالىلارنىڭ دەرىجىلىرىگە چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. بەلكى بالىلارنى ئاتىلارنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر. پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۇئمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾(74/«مۇددەسسىر»: 38، 39) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇپ: «ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ سەبىي بالىلىرىدۇر» دېگەن(19). ئۇلاردىن ئەمەل ھېسابى ئېلىنمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئائىلىسىگە قوشىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قانداقلىكى ئىككى مۇسۇلماننىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ۋاپات بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بالىلارغا ئۆز پەزلى بىلەن رەھىم – شەپقەت قىلىپ، ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. ئۇلارغا: ‹جەننەتكە كىرىڭلار› دېيىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئاتا – ئانىمىز كەلگەندە، ئاتا – ئانىمىز كەلگەندە، ئاتا – ئانىمىز كەلگەندە› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا: ‹سىلەرمۇ، ئاتا – ئاناڭلارمۇ بىللە جەننەتكە كىرىڭلار› دېيىلىدۇ»(20).

پەرۋەردىگارىمىز بىزگە نېمىدىگەن مەرھەمەتلىك! يەنە ئاللاھنىڭ پەزلىنىڭ جۈملىسىدىن ئانىسىنىڭ بويىدىن ئاجراپ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىمۇ قىيامەت كۈنى ئاتا – ئانىسىغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قانداقلىكى ئىككى مۇسۇلماننىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ۋاپات بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بالىلارغا ئۆز پەزلى بىلەن رەھىم – شەپقەت قىلىپ، ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىدۇ، — دېگەندە، ئەسھابلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئىككى بولسىچۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئىككى بولسىمۇ (شۇنداق بولىدۇ)، — دېدى. ئەسھابلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىر بولسىچۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— بىر بولسىمۇ (شۇنداق بولىدۇ)، — دېدى. ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئانىسى ئاللاھتىن ئەجىر تىلەپ سەۋر قىلسا، چۈشۈپ كەتكەن بالا ئانىسىنى ھەمرىيى بىلەن جەننەتكە تارتىدۇ» دېدى(21).

ھەدىستىكىسى تۇغۇلۇش ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك ھالەتتە چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بەشىنچى ئېيىدا ياكى ئالتىنچى ئېيىدا، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا غەمكىن ئانىسىغا رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، ھامىلىنى ھەمرىيى بىلەن ئانىسىنى جەننەتكە سۆرەپ مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.

ھازىر مۇئمىنلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن سەبىي بالىلىرى نەدە؟

ھازىر ئۇ بالىلار ئەنبىيائلەرنىڭ دادىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپالىتىدىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى جەننەتتە بولۇپ، ئۇلارغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېپىل بولىدۇ»(22) دېگەن.

رەھمەت

قىيامەت كۈنى سەبىي بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا شاپائەت قىلشى، ئاللاھنىڭ سەبىي ئۆلۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى
جەننەت ئەھلىنىڭ بىرمۇنچە سۈپەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمىتىدىن كېيىن، جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولغان بىرمۇنچە ئەمەللىرى بار. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تۈرلۈك ئىنسانلارنى زىكىر قىلغان بولۇپ، ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىدۇر.

ئۇنداقتا ئۇلار كىملەر؟

نېمە ئۈچۈن ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى بولدى؟

جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا ئىنسانلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان كەمبەغەل – بىچارىلەردۇر، لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يوشۇرۇن ئىبادەت قىلغانلىقى، پەرۋەردىگارىغا خار بولغانلىقى ۋە ئاللاھقا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغ ئىنسانلاردۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «سىلەرگە جەننەت ئەھلىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاجىز، بوزەك قىلىنىدىغان كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى بۇزدۇرمايدۇ. سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار قوپال، كۆرەڭلەپ ماڭىدىغان، پو قورساق، ھاكاۋۇر كىشىلەردۇر»(23). يەنە ئېيتىدۇ: «جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ قارىسام، ئۇنىڭغا كىرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى كەمبەغەل – بىچارىلەر ئىكەن، بايلار بولسا (ھېساب – كىتابلىرى ئۇزىراپ كەتكەچكە مەھشەرگاھتا) توختىتىلىپ تۇرۇپتۇ. لېكىن، دوزىخىي كافىرلار دوزاخقا ھەيدىلىشكە بۇيرۇلۇپ بولغان ئىكەن، دوزاخنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ قارىسام، ئۇنىڭغا كىرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئاياللار ئىكەن»(24).

دېمەك، بىچارىلەر ۋە مىسكىنلەر جەننەتكە تولۇق كىرىپ بولغۇچە، باي ۋە مال – دۇنيا ئىگىلىرى جەننەتكە كىرىشتىن توختىتىلىپ قويۇلىدۇ.

بىراۋنىڭ «بايلىق ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى دوزىخىيلەر ئىكەن» دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئمىنلەردىن بولغان بايلارنىڭمۇ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا دىققەت تارتىپ: «جەننەتكە قارىسام، ئۇنىڭدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كەمبەغەللەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن(25).

جەننەتتە ئەرلەر كۆپرەكمۇ ياكى ئاياللارمۇ؟

بۇ مەسىلىنى ئەسھابلەر ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا مۇزاكىرە قىلىشقانىدى. ئۇ دېدى: «ئەبۇلقاسىم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېمىگەنمۇ؟! ‹جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ سۈرىتى ئاي تولغان كېچىسىدىكى تولۇن ئاينىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ. ئۇلار جەننەتتە تۈكۈرۈشمەيدۇ، مىشقىرىشمايدۇ ۋە تەرەت قىلىشمايدۇ. جەننەتتە ئۇلارنىڭ قاچىسى ئالتۇندىن، تاغاقلىرى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتىن، ئىسرىقدانلىرىدىكى يېقىلغۇلىرى ئۇد ھىندى، تەرلىرى مۇشك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭ) ھەربىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكى سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككىدىن (ھۆر پەرى) ئايالى بولىدۇ›»(26).

بۇ ھەدىستە شۇ نەرسە ئېنىقكى، جەننەتتە ئاياللار ئەرلەردىن كۆپرەكتۇر. جەننەتتە ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەردىن بىر ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكتۇر. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالغان ئىدۇق.

بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزمۇنلاردا، سالىھ ئاياللارنىڭ جەننەتتە ئېرىشىدىغان نېئمەتلىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر ئېرىشىدىغان نېئمەتلەردىن كاتتا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار كېلىدۇ.

فىقھ

ھاياتتىكى مۇۋەپپەقىيەت مال – دۇنيا توپلاش ئەمەستۇر، چۈنكى دۆلەتمەن كىشىلەر جەننەتكە كىرىشتە توختىتىلىپ قويۇلىدۇ.

جەننەتتە ئىسلام ئۈممىتى قانچىلىك بولىدۇ؟
جەننەت — ئۇ ھەممە ئۈممەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇئمىنلەرنىڭ قايتىدىغان جايىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى ۋە خۇشاللىقلىرىدىن ئوخشاش ھۇزۇرلىنىدۇ. لېكىن، ئۈممەتلەر جەننەتتە سانلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ.

ئۇنداقتا جەننەتتىكى سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۈممەت قايسى؟

جەننەتتە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟

جەننەتكە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىدىن بەك كۆپ ئىنسانلار كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ماڭا بارلىق ئۈممەتلەر كۆرسىتىلگەن ئىدى. بەزى ئەنبىيائلەر ئۈممىتى بىلەن، بەزى ئەنبىيائلەر بىرقانچە كىشى بىلەن، بەزى ئەنبىيائلەر ئون كىشى بىلەن، بەزى ئەنبىيائلەر بەش كىشى بىلەن، بەزى ئەنبىيائلەر ئۆزى يالغۇز ئۆتكىلى تۇردى، ئاندىن مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ:

— ئى جىبرىل! ئاۋۇلار مېنىڭ ئۈممىتىممۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— ياق، لېكىن ئۇپۇققا قارىغىن، — دېۋىدى، شۇنداق قارىغۇدەك بولسام، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئۇ ماڭا:

— ئاۋۇلار سېنىڭ ئۈممىتىڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئاۋۇلار يەتمىش مىڭدۇر، ئۇلارغا ھېسابمۇ، ئازابمۇ يوق، — دېدى. مەن:

— نېمە ئۈچۈن؟ — دېسەم، ئۇ:

— ئۇلار داغلىنىپ داۋالانمايدىغان ئىدى، (جاھىلىيەتتە سالغاندەك) دەم سالمايتتى، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايتتى، رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلاتتى، — دېدى». نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۈپەتلەرنى زىكىر قىلىپ، ھېساب ئېلىنماستىن ۋە ئازاب قىلىنماستىن جەننەتكە كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنى زىكىر قىلغاندا، ئەسھابلەر ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇشقا قىزىقتى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇككاشە ئىبنى مىھسان ئورنىدىن تۇرۇپ:

— يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭ ئاشۇلاردىن بولۇشۇمغا دۇئا قىلىپ قويسىلا، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئى ئاللاھ! ئۇنى شۇلاردىن قىلىۋەتكەيسەن، ــ دەپ دۇئا قىلدى، ئاندىن كېيىن باشقا بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ:

— يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭمۇ ئاشۇلاردىن بولۇشۇمغا دۇئا قىلىپ قويسىلا، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭدا ئۇككاشە ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى، — دېدى(27).

سەكسەن سەپ

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتتە ئۈممىتىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «جەننەت ئەھلى بىر يۈز يىگىرمە سەپ بولىدۇ، ئۇلاردىن سەكسەن سەپ بۇ ئۈممەتتىندۇر» دېگەن(28). يەنە بىر كۈنى ئەسھابلىرىگە:

— نەپسىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ تەكبىر ئېيتىۋىدۇق، رەسۇلۇللاھ:

— مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ يەنە تەكبىر ئېيتىۋىدۇق، رەسۇلۇللاھ:

— مەن سىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېدى. بىز بۇنى ئاڭلاپ يەنە تەكبىر ئېيتىۋىدۇق، رەسۇلۇللاھ:

— سىلەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قارا ئۆكۈزنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال ئاق تۈكتەك ياكى ئاق ئۆكۈزنىڭ بېقىنىدىكى بىر تال قارا تۈكتەك ئاز بولىسىلەر، — دېدى»(29).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئەنبىيائلەرگە قارىغاندا، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىدىن خەبەر بېرىپ ئېيتىدۇ: «مەن قىيامەت كۈنى ئەنبىيائلەرنىڭ ئىچىدە ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغۇچىدۇرمەن، مەن جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى چەككۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلىمەن» دېگەن(30).

نەبىييىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب:

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن تۇرغان مۇددىتى باشقا ئەنبىيائلەرنىڭ قەۋمىنى دەۋەت قىلىپ تۇرغان مۇددىتىدىن قىسقىدۇر. يەنە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ سانى بىزنىڭ ئۈممىتىمىزنىڭ سانىدىن ئاز ئەمەستۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ سان جەھەتتە بىزدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىپ ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ – قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال – مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى﴾(9/«تەۋبە»: 69).

لېكىن، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى (ئاللاھ ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر)، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ چوڭ مۇئجىزىسى ئەقىللەرگە خىتاب قىلىدىغان، قەلبلەرنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىدىغان ۋە ئىنساننىڭ روھىغا تەسىر قىلىدىغان «قۇرئان»دۇر. ئۇ قىيامەت بولغانغا قەدەر ھەرقانداق ئۆزگىرىش ۋە بۇرمىلاشلاردىن ساقلىنىدىغان مەڭگۈلۈك مۇئجىزىدۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قانداق بىر نەبىي بولىدىكەن، ئۇنىڭغا كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزغۇدەك مۇئجىزە ئاتا قىلىنغان. ماڭا ئاتا قىلىنغان (ئەڭ چوڭ) مۇئجىزە ئاللاھ ماڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئاندۇر. شۇڭا، مەن قىيامەت كۈنى ئەنبىيائلەر ئىچىدىكى ئەگەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ بولغان نەبىي بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»(31).

مۇسابىقىلىشىش

ئۇككاشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھىممىتى، جۈرئىتى ۋە ياخشىلىقلارغا ئالدىرىشى ئۇنى باشقىلارغا نېسىپ بولمىغان دۇئاغا نائىل قىلدى.

جەننەت ئەھلىنىڭ خىزمەتكارلىرى
جەننەت ئەھلى شۇنداق باياشات ۋە راھەت – پاراغەت تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن قاراش بىلەن كۆزلەر ھۇزۇرلىنىدىغان، ئۇچرىشىش بىلەن كۆڭۈللەر خۇشال بولىدىغان خىزمەتكارلىرى بولىدۇ.

ئۇنداقتا جەننەت ئەھلىگە كىم خىزمەت قىلىدۇ؟

ئۇ خىزمەتكارلارنىڭ قانداق سۈپەتلىرى بار؟

ئۇلارنىڭ سانى قانچە؟

جەننەت ئەھلىنى چىرايلىق غىلمانلار ئايلىنىپ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ غىلمانلار ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، گۈزەللىكتە كۈن نۇرىمۇ تەگمىگەن، شامالمۇ تەگمىگەن، سەدەپتىن چىقمىغان ئاپئاق گۆھەرگە ئوخشاشتۇر.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ﴾(52/«تۇر»: 24)، ﴿قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن﴾(76/«ئىنسان»: 19).

بۇ ئايەتتىكى «غىلمانلار» سۆزى بولسا جەننەت ئەھلىگە خىزمەت قىلىدىغان غىلمانلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار يۈزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان ياشلاردۇر. ئۇلار رەڭلىرىنىڭ گۈزەللىكى، يۈزلىرىنىڭ پارقىراقلىقى ۋە كۆپ تارقالغانلىقى جەھەتتىن تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قېرىمايدۇ، ئەھۋاللىرى ئۆزگەرمەيدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ. بۇلار جەننەت ئەھلىگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا جەننەتتە ياراتقان مەخلۇقلاردۇر.

جەننەتنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ سانى قانچە؟

جەننەت ئەھلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بەك كۆپتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھەربىر جەننەت ئەھلىنىڭ مىڭ خىزمەتچىسى بولىدۇ. ھەربىر غۇلامنىڭ بىر خىزمىتى بار بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئۇنىڭ ھەمراھى قىلمايدۇ» دېگەن.(32)

باياشاتلىق

جەننەت ئەھلىنىڭ خىزمەتكارلىرى، ھۆرمەتلىنىدىغان ئائىلىلىرى ۋە ئېجىل بولۇشىدىغان جۈپتىلىرى بولىدۇ.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. كافۇر (كَافُورٌ/ Camphora): بىر خىل دەرەخ ياغىچىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان شارسىمان كىرىستال خۇشبۇي ماددا. پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، مەلۇم ئىسسىقلىقتا ئاسانلا پارغا ئايلىنىدۇ. تۈرلۈك تېببىي پايدىلىرىدىن باشقا غەيرى پۇراقنى يوقىتىش، پاكىزلاش ۋە قۇرتتىن ساقلاش رولى بار. ئادەتتە، سەكسەن خالتا دۇكانلىرىدا تېپىلىدۇ. تا بۈگۈنگە قەدەر مېيىتكە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. كافۇر «قۇرئان كەرىم»دە (76/«ئىنسان»: 5) تىلغا ئېلىنغان — ت.
2. ئىبنۇلقەييىم: «ھادىل ئەرۋاھ»، 175 – بەت.
3. ئىبنى ئەبى شەيبە (33993).
4. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «سىفەتۇلجەننەتى»، (133). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3738) «ھەسەن» دېگەن.
5. بۇخارىي (2790).
6. مۇسلىم (2839). سەيھان دەرياسى كىچىك ئەرمىنىيەنىڭ تاغلىرىدىن چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، ئادانە شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ۋە مەرسىن شەھىرىگە يېقىن جايدا ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. جەيھان بولسا ئەلبىستان ئىلچىسىگە يېقىن بىر جايدىكى بۇلاقتىن شەكىللىنىدىغان دەريا بولۇپ، مىسىس شەھىرىنىڭ يېنىدىكى كىلىكيا تاغلىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئەياس (ھازىرقى يۇمۇرتالىق) شەھىرىدىكى ئىسكەندەرون قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 1/29.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بىلگىنكى، سەيھان ۋە جەيھان بولسا سەيھۇن ۋە جەيھۇندىن باشقىدۇر. سەيھان ۋە جەيھان جەننەتنىڭ دەريالىرىدىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئەرمەن دىيارىدىدۇر. جەيھان بولسا مىسىس دەرياسىدۇر. سەيھان ئادانە دەرياسىدۇر. بۇ ئىككىسى چوڭ دەريالار بولۇپ، چوڭراقى جەيھاندۇر. ئەمما، جەۋھەرىينىڭ: ‹جەيھان شامدىكى بىر دەريادۇر› دېگەن سۆزى خاتادۇر ياكى ئۇ شام دىيارىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. ھازىمىي: ‹سەيھان مىسىستىكى بىر دەريادۇر، ئۇ سەيھۇندىن باشقىدۇر› دېگەن. ‹نىھايەتۇلغەرىب›نىڭ مۇئەللىپى ئىبنۇلئەسىر: ‹سەيھان ۋە جەيھان مىسىس بىلەن تەرسۇس يېنىدىكى ئاۋاسىمدىكى ئىككى دەريادۇر› دېگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى: جەيھۇن جەيھاندىن باشقا، سەيھۇن سەيھاندىن باشقا ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەندۇر». قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/222.

نىل دەرياسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ مەنبەسى بۇرۇندى ۋە رۇۋاندا دۆلىتىدىكى كاغىيرا دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىدىكى مىسىرنىڭ نىل دېلتىسىغىچەدۇر. نىل دەرياسى كونغو، بۇرۇندى، رۇۋاندا، تانزانىيە، كىنىيە، ئۇگاندا، سۇدان، ئېپوپىيە ۋە مىسىر قاتارلىق توققۇز ئافرىقا دۆلىتىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. نىل دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ. جەنۇب بولسا ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تەرەپلىرىدىكى ئېگىز تاغلار ۋە ھەبەشىستاننىڭ ئېگىز تۆپىلىكلىرىدۇر. شىمال بولسا مىسىردىكى نىل دېلتىسى بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.

فۇرات دەرياسى بولسا تۈركىيەدىن باشلىنىپ، سۈرىيە ۋە ئىراقنى كېسىپ ئۆتۈپ، دىجلە دەرياسىدا ئۇچرىشىدۇ. ئاندىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا قۇيۇلىدۇ. فۇرات دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2700 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا 444000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايوننى تەمىنلەيدۇ.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3207)؛ مۇسلىم (164).
8. مۇسلىم (400).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6581)؛ مۇسلىم (162).
10. تىرمىزىي (3361). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 2677) «سەھىھ» دېگەن.
11. تىرمىزىي (2542). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 2542) «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6581)؛ مۇسلىم (162).
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5426)؛ مۇسلىم (2067). بۇنىڭ مەنىسى «بۇ دۇنيادا مۇشرىكلەر ئۈچۈن، چۈنكى ئۇلار بۇ نەرسىلەردە يەپ – ئىچىدۇ. لېكىن، مۇئمىن دۇنيادا بۇ نەرسىلەردە يەپ – ئىچمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى دۇنيادا ئۇلارغا ھارام قىلغاندۇر، ئاخىرەتتە بۇلار بىلەن ھۆرمەتلەيدۇ».
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5634)؛ مۇسلىم (2065).
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3802)؛ مۇسلىم (2468).
16. مۇسلىم (2836).
17. تىرمىزىي (3294). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2216) «زەئىف مەۋقۇف» دېگەن.
18. ھاكىم: «ئەلمۇستەرەك»، (3773). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3746) «ھەسەن مەۋقۇف» دېگەن.
19. ئىبنى ئەبى شەيبە (35781).
20. ئەھمەد (10630). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
21. ئەھمەد (22143). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
22. ئەھمەد (8307). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
23. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4918)؛ مۇسلىم (2853).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5196)؛ مۇسلىم (2736).
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3241)؛ مۇسلىم (2737).
26. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3245)؛ مۇسلىم (2834).
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6541)؛ مۇسلىم (220).
28. ئەھمەد (4328). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
29. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3348)؛ مۇسلىم (222).
30. مۇسلىم (196).
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4981)؛ مۇسلىم (152).
32. ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (1580). ئالبانىي: (سەھىھۇتتەرغىب»، 3705) «سەھىھ» دېگەن.