20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ يارقىن مۇسۇلمان سىياسىئونلىرىدىن بىرى، دۆلەت ئەربابى، مۇجاھىد ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ Alija Izetbegović

20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ يارقىن مۇسۇلمان سىياسىئونلىرىدىن بىرى، دۆلەت ئەربابى، مۇجاھىد ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

ئىلىک بەگ

مۇستافا ئوغلى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ھىجرىيە 1344 – يىلى 18 – مۇھەررەم، مىلادىيە 1925 – يىلى 8 – ئاۋغۇست ‍سابىق يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بوسناسكى شاماتس (Bosanski Šamac) بازىرىدا دىندار بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.

ئاتىسى مۇستافا ئەپەندى تىجارەتچى بولۇپ، ئەلى ئىككى ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن سارايېۋو شەھرىگە كۆچۈرۈپ كېلىدۇ. ئىككى ئوغۇل، ئۈچ قىز بەش قېرىنداشنىڭ ئۈچىنچىسى ئەلى دەسلەپكى دىنىي تەلىمنى كۆپرەك ئانىسى ھىبە خانىمدىن ئالىدۇ. بىلىمخۇمار، تىرىشچان ئەلى سارايېۋونىڭ ئەڭ ياخشى مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان شەھەرلىك 1 – ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇچراشقان كوممۇنىزم تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۆزى ئوقۇغان غەرب پەلسەپەسىگە ئائىت كىتابلارنىڭ تەسىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ئېتىقاد داۋالغۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقاچان دىنىنى تاشلىمايدۇ. دىنغا دۈشمەن كوممۇنىستىك پوزىتسىيەگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەڭرىسىز بىر كائىنات تەسەۋۋۇرىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئۇ يىللاردا ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئۈچ ئەسەر: فرانسۇز پەيلاسوپ بېرگسون (Henri-Louis Bergson، 1859 – 1941) نىڭ «ئۆزگىچە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى» (L’Évolution créatrice، 1907)، گېرمان پەيلاسوپ كانت (Immanuel Kant، 1724 – 1804) نىڭ «ساپ ئەقىلنىڭ تەنقىدى» (Kritik der reinen Vernunft، 1781) ۋە سپېنگلېر (Oswald Spengler، 1880 – 1936) نىڭ «غەربنىڭ چۆكۈشى» (Der Untergang des Abendlandes، 1918 ياكى 1922) قاتارلىق ئەسەرلىرىدۇر. قىسقا مەزﮔﯩﻠﻠﯩﻚ پىكرىي داۋالغۇشتىن كېيىن ياش ئەلىنىڭ ئىسلامىي كىملىكى ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە باشلايدۇ. تېخى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاﻧﺪىلا «ياش مۇسۇلمانلار» (Mladi Muslimani) كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، پائال ئەزالاردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ ۋە ياشلىقىغا قارىماي ناھايىتى پائالىيەتچان ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئالاھىدىلىكى بىلەن تېزلا دىققەت تارتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1939 – 1945) مەزگىلىدە ياردەمگە موھتاجلارغا قول سۇنىدۇ. بولۇپمۇ شەرقىي بوسنىيەدىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلارغا ناھايىتى ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ.

1941 – يىلى 6 – ئاپرېل كۈنى ناتسېست گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى 1943 – يىلى 29 – نويابىر كوممۇنىست تىتو (Josip Broz Tito، 1892 – 1980) ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ دېموكراتىك فېدېراتىپ يۇگوسلاۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىنىپ، 1946 – يىلى 13 – يانۋاردا قايتا مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ. ئازادلىق ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﻪﺭ ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنى يېڭىدىن تەشكىللەپ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ۋە ئىككى ئاپتونوم رايوندىن تەشكىل تاپقان يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلىدۇ.

سوتسىيالىزم دەۋرىدە دىنلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەۋجۇدلۇقى بارا – بارا تارىيىدۇ. 1943 – يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئاۋانگارت، ئىسلامىي كىملىكى تېخىمۇ روشەنلىشىپ بارغان ئەلى 1946 – يىلى 1 – مارتتا 14 ئاغىنىسى بىلەن بىرگە «ياش مۇسۇلمانلار» كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش گۇناھى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ ئۈچ يىل ياتىدۇ. قاماقتىن چىققاندىن كېيىن خالىدە خانىم بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ ۋە دەسلەپتە زىرائەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قانۇن فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇپ، 1956 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ ۋە ھەرخىل ئورگانلاردا ئۇزۇن يىل ئادۋوكاتلىق قىلىدۇ.

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ بىر تەرەپتىن توختىماي تۈرلۈك كىتابلارنى ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئۆز ئوي – پىكىرلىرىنى يېزىشقا تىرىشىدۇ، ئىلمىي ۋە پىكرىي جۇغلانمىسى، چوڭقۇر بىلىمى ۋە مۇسۇلمان كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يازمىلىرى بىلەن تېزلا دىققەت تارتىدۇ. ئىسلامىي مەۋقەدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى پەقەت بوشناقلارغىلا ئەمەس، بەلكى سابىق يۇگوسلاۋىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتېئىزىمغا قارشى ۋە سىياسىي ئىسلام تەرەپدارى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ئىدى.

1980 – يىلى تىتو ئۆلگەندىن كېيىن يۇگوسلاۋىيەدە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ ۋە ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ 1983 – يىلى يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن مۇسۇلمان زىيالىيلار مەۋجۇد تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش مەقسىتىدە تەشكىلات قۇرۇش جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ، ھەپسكە تاشلىنىدۇ. ئۆزى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ئاتالمىش تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن تۇنجى قېتىم سوتتا كۆرۈشىدۇ. «تەشكىلات كاتتىبېشى» دەپ ئەيىبلىنىپ، 14 يىل كېسىلگەن زىندان ھاياتىدا بىللە ياتقان تۈرمىداشلىرى كېيىنكى سىياسىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدە يېقىن سەبداشلىرى بولۇپ قالىدۇ. 1987 – يىلى «پۇشايمان قىلىپ ئەپۇ سورىسا ۋە بۇندىن كېيىن ھەرگىز سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشماسلىققا ئەنت ئىچسە» قويۇۋېتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلغان ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ كوممۇنىزم لاگېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بىر باسقۇچتا دېموكراتىك ئەللەر ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ بېسىمى بىلەن 1988 – يىلى 25 – نويابىردا ئەركىنلىككە چىقىدۇ. ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ئۆزىنىڭ قويۇۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان سىياسىي ھادىسىلەر ئالدىدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1990 – يىلى مارت ئېيىدا «ياش مۇسۇلمانلار» كۇلۇبىدىن بېرى بىر يولدىكى بەزى سەبداشلىرى بىلەن بىرگە «دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى»نى قۇرۇپ، يۇگوسلاۋىيەدىكى مۇسۇلمانلار پائال رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە تەشكىللىنىشكە باشلايدۇ. بولۇپمۇ بوشناق ۋە ئالبان مۇسۇلمانلارنىڭ كېلەچىكىنىڭ پەقەت يۇگوسلاۋىيەنىڭ بىللە ۋە ئادىل بىر شەكىلدە ئىدارە قىلىنىشى بىلەنلا كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىززەتبېگوۋىچ يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىش باسقۇچىدا سىياسەتكە كىرىپ، 1990 – يىلى 15 – دېكابىردا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا جۇمھۇر رەئىسى بولىدۇ. 1992 – يىلى 1 – مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشتىن كېيىن 62.80% مۇستەقىللىق تەرەپدارى ئاۋاز بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا يۇگوسلاۋىيەدىن مۇستەقىللىقىنى جاكارلايدۇ. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى كۈچلۈك نوپۇزىدىن بىئارام بولغان سېربلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئېغىر قەتلىئام يۈرگۈزىدۇ. ئەلى ئەپەندى بۇ ﻗﺎﻻيمىقاﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ھوشيار ۋە سالماق سىياسىي يول تۇتۇپ، بار كۈچى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشنى تېزرەك ئاياغلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۈچ يىل داۋاملاشقان قانلىق ئۇرۇش 1995 – يىلى 14 – دېكابىر ئىمزالانغان ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغان «دايتون ئەھدىنامىسى» بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن، تۈرلۈك خەلقئارا بېسىملارغا چىداپ، مۇستەقىل بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك دىپلوماتىك ۋە ئەسكەرىي تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەن ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ئەھدىنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، 1996 – يىلى 14 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سايلامدا بوشناق، كرود ۋە سېرب ۋەكىللەردىن مۇتەشەككىل ئۈچلۈك رەئىسلەر كېڭىشىگە كىرىپ، دۆلەت رەئىسى سايلىنىدۇ. 1998 – يىلى 13 – ۋە 14 – سېنتەبىر سايلىمىغا قاتناشقۇسى بولمىسىمۇ، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن قايتا نامزات بولىدۇ ۋە سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، رەئىسلەر كېڭىشى باشلىقلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن، سالامەتلىكى سەۋەبلىك 2000 – يىلى 6 – ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن رەئىسلىكتىن ئىستىپا بېرىدۇ. بۈيۈك مۇجاھىد، مۇتەپەككۇر دۆلەت ئەربابى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ھىجرىيە 1424 – يىلى شەئباننىڭ 23 – كۈنى، مىلادىيە 2003 – يىلى 19 – ئۆكتەبىر كۈنى ۋاپات تاپىدۇ.

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ سىياسىي كىملىكى بىلەن بىرگە ئىسلامىي پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان ۋە ھەققىدە تۈرلۈك تىللاردا نۇرغۇن ئەسەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان شەخس بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قېتىرقىنىپ ئوقۇغان پەلسەپە كىتابلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدىشى نەتىجىسىدە ئىسلامىيەتنىڭ ئەردەملىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولمىش «شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدا ئىسلام» (Islam Izmedu Istoka I Zapada، 1980) ئەلى ئەپەندىنىڭ پەلسەپە بىلىمىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر، ئىسلامغا نەقەدەر پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1993 – يىلى «پادىشاھ فايسال خەلقئارالىق ئىسلامغا خىزمەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بۇ ئەسەر ئىنگلىزچە (1984)، تۈركچە (1992)، ئەرەبچە (1414 / 1994) ۋە فرانسۇزچە (2003) قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، 2014 – يىلى ئادىلجان ئەرئۇيغۇر تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

قولىڭىزدىكى «ئىسلام خىتابنامىسى» (Islamska Deklaracija) ئاتلىق ئەسەرنى 1970 – يىلى ئەلى ئەپەندى بىرنەچچە دوستى بىلەن بىرگە يېزىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل سابىق يۇگوسلاۋىيە مۇسۇلمانلىرى ۋە بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋردە ئىنسانىيەت ۋە ئۆز دىنداشلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلەتكەن ۋە ئەسكەرتكەن مەزكۇر خىتابنامە ئىنگلىزچە (1990)، فرانسۇزچە (1999)، ئەرەبچە (1999)، تۈركچە (2007)، فارسچە (2019) قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

باشقا ئەسەرلىرى:

❊  ئىسلامىي ئويغىنىشنىڭ كاشاللىرى (Problemi Islamskog Preporoda، 1992)

❊  ئەركىنلىككە قېچىشىم: 1983 – 1988 تۈرمە خاتىرەم (Moj Bjeg u Slobodu: Biljeske iz Zatvora 1983-1988، 1999)

❊  ئەسلىمە: ئۆمۈر سەرگۈزەشتىلىرى (Sjećanja: Autobiografski Zapis، 2000)

❊  بوسنىيە تىركىشىش مۇئجىزىسى: نۇتۇق، زىيارەت ۋە باياناتلاردىن تاللانمىلار 1993 — 1994 (Cudo Bosanskog Otpora: Odabrani Govori، Intervjui، Izjave 1993-1994، 1995)

❊  بىزلەر قۇل بولمايمىز: 1990 – 1995 ئارىسى نۇتۇقلار (Robovi Biti Necemo: Govori 1990-1995، 2005)

❊  سوغۇق ۋە مۇدھىش تىنچلىق كۈنلىرى: 1996 – 2003 ئارىسى نۇتۇقلار (Dani Hladnog I Gorkog Mira: Govori 1996-2003، 2005)

دۇنيانىڭ كېسىشىش نۇقتىسى: 1990 – 2003 ئارىسى نۇتۇقلار، نۇقتىلار، خىتابلار، مەكتۇبلار (Na Razmedu Svjetova: Izjave، Obracanja، Poruke، Pisma 1990-2003، 2005)

Please follow and like us: