ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىينىڭ ھاياتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى

(ھ. 41 – 95 / م. 661 – 714)

ئەھمەد تەممام

 

ھەججاجنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان نۇرلۇق يۈزى

ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىي ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. تارىخ ياكى ئەدەبىياتقا ئائىت كىتابلاردىن ھەججاجنى تىلغا ئالمىغانلىرىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىسىز. ئۇ يېتەكلەش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى يېتۈك تالانتى ۋە ئۆزىگە خاس ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئاۋام ئارىسىدىن تارىخ ياراتقۇچى كىشىلەر قاتارىغا ئۆتكەن.

ھەججاجنىڭ شان – شۆھرىتىگە ماس ھالدا، ئۇنىڭغا بىر قاتار زۇلۇملار نىسبەت بېرىلىدۇ. كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار ئۇنى زۇلۇمنىڭ سىمۋولى، زوراۋانلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ سۈپەتلەيدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھامان زۇلۇم ۋە مۇستەبىتلىك دېگەن ئۇقۇم ياندىشىپ كېلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. ئۇنىڭ كاتتا خىزمەتلىرى بولسا سەلبىي تەرەپلىرى ۋە قانخورلۇقىنى مەزمۇن قىلغان رىۋايەتلەر دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ قالغان. بەزى تارىخىي ئەسەرلەردە، ئۇنىڭ ھاياتىغا قەتئىي يۈز بەرمىگەن ۋەقەلىكلەر قوشۇپ قويۇلۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەت ۋە رېئاللىقتىن تولىمۇ يىراق خىيالىي بىر شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى تارىخشۇناسلارلا ھەججاجغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋە تېگىشلىك قەدرىنى قىلغان.

ھەججاجنىڭ ھاياتىنىڭ زۇلمەتلىك تەرىپى ئۇنىڭ سىماسىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن بولسا، بىز ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر نۇرلۇق تەرىپىنى ئېچىپ بەرمەكچىمىز، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى كۆز ئالدىمىزدا ئەينەن نامايان بولىدۇ.

ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىي ھ. 41 / م. 661 – يىلى تائىفتا([1]) تۇغۇلغان. سەقىف قەبىلىسىگە تەۋە ئىلىم – مەرىپەتلىك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. دادىسى ئەخلاق – پەزىلەتلىك ۋە بىلىملىك بولۇپلا قالماي ئىنتايىن تەقۋادار كىشى ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تائىفلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە «قۇرئان كەرىم» ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن ھېچنەرسە ئالمايتتى.

ھەججاج «قۇرئان كەرىم»نى دادىسىدا يادقا ئالغاندىن كېيىن، دائىم دېگۈدەك ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئەنەس ئىبنى مالك، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب… قاتارلىق ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىلىم سورۇنىغا باراتتى، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، بالىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىغان.

ھەججاجنىڭ تائىفتا ئۆسۈپ – يېتىلگەنلىكى ئۇنىڭ ئىنتايىن پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان بولۇپ چوڭ بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەرەبلەرنىڭ تىلى ئەڭ پاساھەتلىك قەبىلىسى بولغان ھۇزەيل قەبىلىسى بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى. كېيىن ئۇ بىر ناتىققا ئايلانغان. ئۇ ھەقتە ئەبۇ ئەمر ئىبنى ئەلا: «مەن ھەسەن بەسرى ۋە ھەججاجدىنمۇ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم» دېگەن. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىمۇ ئۇنىڭ تولىمۇ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

ھەججاج ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير

ھەججاج خەلىپە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، چۈنكى خەلىپە ئۆزى بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەججاجدەك كەسكىن، چىداملىق، غەيرەتلىك، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىرىگە موھتاج ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوغلى يەزىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھ. 64 / م. 683 – يىلى ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلغاندا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا بويسۇنغان. پەقەت ئىئوردانىيەلا مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇمەۋىيلەرگە تەۋە پېتىچە قېپقالغان. كېيىن مەرۋان ئىبنى ھەكەم ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ قولىدىن مىسىرنى قايتۇرۇۋالالىغان ۋە باشقا زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئوغلى ئابدۇلمەلىككە قالدۇرۇپ ۋاپات بولغان. ئابدۇلمەلىك ئىراقنى غەلىبىلىك ھالدا قايتۇرۇۋالالىغان، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ قولىدا بولسا، ئاخىرىدا پەقەت ھىجازلا قېپقالغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمەلىك ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ھەججاجنىڭ قوماندانلىقىدا قوشۇن ھازىرلىغان.

ھەججاج مەككە مۇكەررەمەنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، كەئبە بىلەن قوغدىنىۋاتقان ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ قېچىش يولىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئابدۇللاھنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىدىن باشقىلىرى ئاللىبۇرۇن ئۇنى تاشلاپ، جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشقان ئىدى. قېپقالغان ئازغىنە ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا ھېچقانچە دالدا بولالمايدۇ. ھەججاج مۇقەددەسلىكى ۋە ئۇلۇغلۇقىغا قارىماستىن، مەنچاناق بىلەن ھۇجۇم قىلغان مۇقەددەس شەھەرمۇ ئۇنى قوغداپ قالالمايدۇ. ھۇجۇم جەريانىدا كەئبە تېمىنىڭ قىسمەن جايلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. جەڭ ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ شېھىد بولۇشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ، ئۇنىڭ دۆلىتىمۇ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشىدۇ. ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ بىرلىكى بىرلا خەلىپە – ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋانغا بويسۇنۇش بىلەن قايتا روياپقا چىقىدۇ. بۇ ھ. 73 / م. 693 – يىلى ئىدى.

بۇ زەپەردىن كېيىن خەلىپە ھەججاجغا مۇكاپات سۈپىتىدە مەككە مۇكەررەمە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە، تائىف قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىجازنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىنى بېرىدۇ. كېيىن يەنە يەمەن بىلەن يەمامەنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ. ئۇ خەلىپىنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقىدۇ ۋە ئىدارە قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ كەسكىن، ھىممەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىجازنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى ياخشىلىنىدۇ. ئۇ كەبىنى قايتا بىنا قىلىدۇ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە «ئىبنى سەلەمە مەسجىدى»نى سالىدۇ، قۇدۇقلارنى قېزىپ، سېپىللارنى مۇستەھكەملەيدۇ.

ھەججاج ئىبنى يۈسۈف ئىراقتا

ھەججاج ھىجازغا ۋالىي بولۇپ ئىككى يىل بولغاندا، خەلىپىنىڭ قېرىندىشى بىشر ئىبنى مەرۋان ۋاپات بولىدۇ. ھ. 74 / م. 693 – يىلى شۇنىڭ بىلەن خەلىپە ھەججاجنى ئىراقنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىراق تولىمۇ مالىمانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە بولۇپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرالايدىغان، ئەمىنلىكنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان، كىشىلەرنى سۈكۈت قىلىپ بىتەرەپ تۇرۇشتىن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ جىھادقا چىقىشقا سەپەرۋەر قىلالايدىغان بىرىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ھالەتتە ئىدى، كىشىلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ بارغان، خاۋارىجلارنىڭ خەتىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان، ۋالىيلار تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ شانۇ – شەۋكىتى كۈندىن – كۈنگە ئۆسۈۋاتقان ۋەزىيەتتە ئىدى.

ھەججاج خەلىپىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ھ. 75 / م. 694 – يىلى كۇفەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ ئۇلار بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا مەسجىدتە ئىنتايىن كەسكىن تۈستە نۇتۇق سۆزلەپ، خەلىپىنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى چىققانلارنى، خاۋارىجلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقماي ئولتۇرۇۋالغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مەشھۇر نۇتۇقى تارىخ كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بايان قىلىنغان. ئۇ بۇ نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: «كۇفە ئەھلى! مەن پىشىپ، ئۈزگۈدەك بولۇپ قالغان باشلارنى كۆرۈۋاتىمەن، ئۇ باشلارنىڭ ئىگىسى مانا مەن. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئوقداننى ئالدىغا قويۇپ، ئوقلارنىڭ سېپىنى چىشلەپ بېقىپ، مېنىڭ ئەڭ ئاچچىق، ئەڭ قاتتىق ئوق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، سىلەرگە مېنى ئاتتى. چۈنكى، سىلەر كۆپىنچە قالايمىقانچىلىق چىقىرىسلەر، ئازغۇنلۇق تۆشىكىدە ياتىسىلەر، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى مېنى سىلەرگە سوۋغاڭلارنى بېرىشكە، سىلەرنى مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرە([2]) بىلەن بىللە دۈشمىنىڭلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا يۈزلەندۈرۈشكە بۇيرۇدى([3]). ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن جەڭگە چىقمىغان بىرەرسىنى ئۇچرىتىپلا قالسام كاللىسىنى ئالىمەن».

ھەججاج دېگىنىنى قىلىپ، جەڭگە چىقماي ئولتۇرۇۋالغان بىر كىشىنى قەتل قىلدى. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر خاۋارىجلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن، قوماندانى مۇھەللەبنىڭ يېنىغا قاراپ ئالدىراشقا باشلىدى. ھەججاج كۇفەدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملاشقانلىقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاللىبۇرۇن يېتىپ بېرىپ بولغان بەسرەگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ كىشىلەرگە قاتتىق قول ۋە كەسكىن بولدى. ئۇلارغا جىددىي تۈستە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترەتتى ۋە مۇھەللەب بىلەن بىللە جەڭگە چىقىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاگاھلاندۇرىمەن، ئاندىن قاراپ ئولتۇرمايمەن. ھەزەر ئەيلىتىمەن، ئاندىن ئۆزرە قوبۇل قىلمايمەن. ئەسكەرتىمەن، ئاندىن كەچۈرمەيمەن…».

ھەججاج مۇھەللەبكە قوشۇن يىغىپ بېرىش بىلەنلا بولدى قىلمىدى، بەلكى قوماندان مۇھەللەبكە مەدەت بېرىش، ناۋادا ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالغۇدەك بولسا ياردەم بېرىش ئىستىكىدە، ئۆزى شەخسەن كۇفە ۋە بەسرەلىكلەر بىلەن بىرگە «رۇستۇقباز»([4])غا يېتىپ باردى. بىراق، ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ھەججاج ئىراقلىق ئەسكەرلەرنىڭ مائاشىنى يۈز دىرھەم تۆۋەنلەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا توپىلاڭ چىقتى. توپىلاڭغا ئىبنى جارۇد دېيىلىدىغان بىر كىشى يېتەكچىلىك قىلغانىدى. لېكىن، ھەججاج توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇپ، ئىبنى جارۇدنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ بىر يولىلا يوقاتتى.

ھەججاج خاۋارىجلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ بولماي تۇرۇپلا، ھ. 81 / م. 700 – يىلى ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشقان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇلىنى خېلىلا تەۋرىتىپ، ھالاك قىلىۋەتكىلى تاس – تاس قالدى. قوزغىلاڭغا ھەججاج دۆلەتنىڭ شەرقىي بۆلەكلىرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، بولۇپمۇ، سىجىستان پادىشاھى زەنبىيلغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن قوشۇننىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەس([5]) دېگەن كىشى باشچىلىق قىلغانىدى.

ئىبنى ئەشئەس بىر قانچە قېتىملىق غەلىبىسىدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان ۋە خەلىپىگە بولغان ئىتائىتىنى بىكار قىلغان ئىدى. ئۇ مەغرۇر، تەكەببۇر، چوڭچى ئادەم بولۇپ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشنىڭ ئورنىغا سەلتەنەت تەختىگە بولغان قىزىقىشى ۋە شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى.

ئۇ، ئىراقلىقلارنىڭ ھەججاجغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مايىللىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئۈمىدلىنىدۇ. ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئالدىنىپ قېلىپ، ھەججاجغا نىسبەت بېرىلگەن ئىش – پائالىيەتلەر سەۋەبلىك ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ھالال سانىغان ھالدا چوڭ تابىئىنلاردىن بىر تۈركۈمى ئۇنى قوللايدۇ. ھەججاج بىلەن بولغان بىرىنچى قېتىملىق تىركىشىشتە غەلىبە ئىبنى ئەشئەسكە مەنسۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىراقنى جىددىيلىك قاپلايدۇ، بەسرە توپىلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمما، ھەججاج ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا دەمەشقتىن ياردەم كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبنى ئەشئەسكە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن دەھشەتلىك ئۇرۇش بولىدۇ. نەتىجىدە، جەڭ ۋەزىيىتى ھەججاجغا پايدىلىق تەرەپكە ئۆرۈلىدۇ ۋە ھ. 83 / م. 702 – يىلى «دەير جەماجىم» جېڭىدە دۈشمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپىلاڭنى تىنجىتىدۇ.

ئىسلامىي فەتىھلەر

قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنىڭ فەتىھلىرى

ھەججاج توپىلاڭلارنىڭ قالدۇقلىرىنى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق ۋە تىنچ – ئامانلىقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، توپىلاڭ ۋە ئىسيانلار سەۋەبلىك توختاپ قالغان ئىسلامىي فەتىھ ھەرىكەتلىرىنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇ ئىبنى ئەشئەسنىڭ قوماندانلىقىدا ئەۋەتكەن قوشۇننىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىنى ئارزۇ قىلغانىدى. بۇ قوشۇن ئىنتايىن زور چىقىم بىلەن قوراللاندۇرۇلغان بولۇپ، «توز ئارمىيە» دەپ ئاتالغانىدى. بىراق، ئىبنى ئەشئەس ئارقىغا پۇت ئېتىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ھەججاجنى ئۈچ يىل بۇ ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ.

ھەججاج فەتىھ سىياسىتىنى قايتىدىن يولغا قويۇپ، ئارقىمۇئارقا ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلارغا قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمغا ئوخشاش ياراملىق كىشىلەرنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ. قۇتەيبەنى ھەججاج ھ. 85 / م. 704 – يىلى خۇراسانغا ۋالىيلىققا تەيىنلەپ، جىھاد ۋە فەتىھ ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى جېكىلىگەنىدى. ئۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بەلخ، بايكەنت، بۇخارا، شۇمان([6])، كەش([7])، تالاقان([8])، خارەزم، كاشان، فەرغانە، شاش (تاشكەنت([9]))، ماۋارائۇننەھر ئىقلىمىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان، خىتتاي بىلەن چېگرىداش بولغان كاشىغەر قاتارلىقلار كەبى نۇرغۇن پادىشاھلىقلارنى، مۇداپىئەسى پۇختا شەھەرلەرنى فەتىھ قىلىدۇ. بۇ رايونلاردا ئىسلام كەڭرى تارقىلىدۇ ۋە بۇخارا، سەمەرقەندكە ئوخشاش كۆپ قىسىم شەھەرلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرى بولۇپ قالىدۇ.

ھەججاج تاغىسىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى قاسىم سەقەفىينى «سىند»([10])نى فەتىھ قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا يېشى تېخى يىگىرمىدىن ئاشمىغان ياش يىگىت بولسىمۇ، بىراق ئۆزىدە قوماندانلىقنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بۈيۈك بىر قوماندان ئىدى. ئۇ ھ. 89 – 95 (م. 707 – 713) – يىلىغىچە بولغان بەش يىلدىن ئاشمىغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا سىندنى پۈتۈنلەي فەتىھ قىلىپ بولىدۇ. ئۇ ھەججاجغا ھىندىستاننىڭ سىند بىلەن بېنگال ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئەڭ چوڭ ۋىلايىتى بولغان قىننەۋجنى فەتىھ قىلىشقا ئىجازەت سوراپ مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ. ھەججاج ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، جاۋاب مەكتۇپ يوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «مېڭىۋەر، سەن ئۆزۈڭ فەتىھ قىلغان جايلارنىڭ ئەمىرىسەن» دەيدۇ. ھەججاج يەنە، خۇراساندىكى ئەمىر قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «(مۇھەممەد ئىبنى قاسىم بىلەن قۇتەيبە ئىككىڭلاردىن) قايسىڭلار چىنغا بۇرۇن بارالىساڭلار، شۇ ئۇ يەرنىڭ ئەمىرى بولىدۇ» دەيدۇ.

ھەججاج قوماندانلىرىنىڭ يۈرۈش لىنىيەلىرىگە ئەستايىدىل دىققەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ راسخوت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا قامداپ تۇرىدۇ، قوماندانلىرىغا نەسىھەت قىلىش ۋە يوليورۇق بېرىشكىمۇ قەتئىي سەل قارىمايدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق بۈيۈك نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ ۋە ئىسلام بايرىقى چىن ۋە ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىغا قەدەر لەپىلدەيدۇ.

ھەججاجنىڭ ئىسلاھاتلىرى

ھەججاج ئىراقنىڭ ۋالىيسى بولغان مەزگىلدە ئىنتايىن زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ۋالىيلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئۇ بۇ ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئىسلاھاتلار سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش، مەمۇرىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىش، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ساھەنىڭ باشقا نۇرغۇن تەرەپلىرىگىچە چېتىلىدۇ. ئۇ ئۆيلەردە مېيىتقا ئاھاڭغا سېلىپ يىغلىماسلىققا، لالما ئىتلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە، ئاممىۋى سورۇنلارغا چوڭ – كىچىك تەرەت قىلماسلىققا، ھاراق سودىسى قىلماسلىققا، بۇرۇن بار بولغانلىرىنى دەرھال تۆكۈۋېتىشكە ئەمر قىلىدۇ. ئۇ ئىراققا كەلگەن چاغدا، ئىراقنىڭ دەريا – ئۆستەڭلىرىدە كۆۋرۈك يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇ، كۆۋرۈكلەرنى سېلىشقا بۇيرۇيدۇ. بەسرەگە يېقىن جايدا سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مۇراسىملارغا كېلىپ – كېتىدىغانلارنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يامغۇر سۇلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان بىر قانچە سۇ ئامبارلىرىنى ياسىتىدۇ. مۇساپىسى يىراق رايونلارغا يولۇچىلارنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇدۇقلارنى قېزىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئۇنىڭ چوڭ خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولسا، كۇفە بىلەن بەسرەنىڭ ئارىسىغا ۋاسىت شەھرىنى بىنا قىلغانلىقىدۇر. ئۇ بۇ شەھەرگە مۇناسىپ ئورۇن تاللاپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنى ھ. 83 / م. 702 – يىلى باشلاپ، ئۈچ يىلدا پۈتتۈرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزى قىلىدۇ.

ھەججاج كىشىلەرنى ۋەزىپىگە قويۇشتا ئىنتايىن ئىنچىكىلەيتتى ۋە ئىنتايىن ئەستايىدىل بولاتتى، ھەر ئىشقا ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كىشىلەرنى بېكىتەتتى، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ كىشىلەردىن ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا يول قويمايتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ كەسكىن سىياسەتلىرى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ ئىچكى جەھەتتە مۇقىم بولغان، ئوغرى – قاراقچىلار يوقالغان ۋەزىيەت قولغا كەلگەن.

تارىخ ھەججاجنىڭ دىۋانلارنى رەتلەش، پۇل ئىسلاھاتى، ئۆلچەملەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېرىق – ئۆستەڭ ۋە قاناللارنى قېزىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا قەرز بېرىش، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن يەر ئاغدۇرۇشقا كېتەرلىك ھايۋانلارنى تولۇقلاپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.

«قۇرئان كەرىم» باسمىسىنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرى ۋە باشقا بەلگە – ئالامەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش

ھەججاجنىڭ ئەڭ كاتتا خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ھەرپلىرىنىڭ بەلگىلىرىگە ۋە كەلىمىلىرىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئۆزگىرىشىگە دائىر بەلگە – ئالامەتلەرنى قويۇش ئارقىلىق ئېنىقسىزلىقلارنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدۇر. بۇ خىزمەت مۇشۇ تۈپەيلى قىسمەن خاتالىشىشلار خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلغان. نەسر ئىبنى ئاسىم بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىڭغا يەنە «قۇرئان كەرىم»نى پارىلەرگە بۆلۈش، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يېرىمى، ئۈچتىن بىرى، تۆتتىن بىرى، بەشتىن بىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىلەرنى ئىجاد قىلغانلىقى قاتارلىق ئىشلارمۇ نىسبەت بېرىلىدۇ. ئۇ، كىشىلەرنى بىرلا خىل قىرائەتنى يەنى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭلا قىرائىتىنى ئاساس قىلىپ، باشقا خىل قىرائەتلەرنى قويۇپ تۇرۇشقا تەرغىب قىلىدۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىرلىككە كەلگەن باسما نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ، باشقا شەھەر ۋە رايونلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

ھەججاج سەقەفىي تارىخ سەھىپىلىرىدە

بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تارىخشۇناسلار ھەججاجنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي نۇقتىدىن زادى قانداق شەخس ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ توغرا – خاتالىقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلاردا بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭغا پىتنە – پاسات ۋە ئەنسىزلىككە تولغان شۇ دەۋرنى، دۆلەتكە قارشى چىققانلارنىڭ ئۆز قارشىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتە قورال كۈچىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ باھا بېرىش مەلۇم غەرەز يوشۇرۇنغان بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئادىللىق، سەمىمىيلىك ۋە بىتەرەپلىكتىن خالىي نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇنىڭ كەسكىنلىكى ۋە دۆلەتكە قارشى چىققانلارنى قەتل قىلىشتا چېكىدىن ئاشقان ئۇسلۇبلارنى قوللانغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. مانا بۇ نۇرغۇن تارىخشۇناسلارنىڭ ئۇنى ئەيىبلەشتىكى تۇتقۇسىدۇر. بىراق، بۇ سىياسەت پىتنە – پاسات ۋە ئەنسىزلىكنىڭ ئۇۋىسى بولغان شۇ رايوننى تىنچلاندۇرۇش ۋە مۇقىم قىلىشتىن ئىبارەت ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋالىيلار ئورۇندىيالمىغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.

ئىبنى كەسىر ھەججاجغا ھەققانىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا كۈچىگەن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەججاجنىڭ قىلغانلىقى ئېنىق بولغان ئىشلاردىن گەدىنىگە ئارتالايدىغان ئەڭ چوڭ ئىش بولسا قان تۆكۈشتۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ سورىقىنى قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. ھەججاج جىھاد ۋە فەتىھ ئىشلىرىغا ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئەھلى قۇرئانغا ئىنتايىن مول ئاتا – ئېھسانلارنى بېرىدىغان سېخىيلىق بار ئىدى، ‹قۇرئان كەرىم›گە ئىنتايىن كۆپ كۈچ چىقىراتتى. ۋاپات بولغاندا پەقەت 300 دىرھەمدىن باشقا ھېچنەرسە مىراس قالدۇرمىغان».

مەن ھەججاج ھەققىدە يېڭىدىن تارىخىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردىم. بەزىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمىلەر بولۇپ، ھەججاجغا نىسبەتەن ھەققانىي مەيداندا تۇرۇشقا، ئۇنىڭ ئىنتايىن كۆپ تارىخىي رىۋايەتلەر دۆۋىسى بېسىۋالغان ھەقىقىي قىياپىتىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشقا ئۇرۇندۇم.

ھەججاج ھ. 95 – يىلى 21 – رامىزان / م. 714 – يىلى 9 – ئىيۇن ۋاسىت شەھرىدە ۋاپات بولغان.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر

1.     تەبەرىي، «تارىخۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك». (الطبري محمد بن جرير: تاريخ الرسل والملوك – تحقيق محمد أبو الفضل إبراهيم – دار المعارف – القاهرة – 1971م)

2.     ئىبنى خەللىكان، «ۋەفەياتۇل ئەئيان». (ابن خلكان: وفيات الأعيان – تحقيق إحسان عباس – دار صادر – بيروت – 1979م)

3.     ئىھسان سىدقىي، «ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىي». (إحسان صدقي العمد: الحجاج بن يوسف الثقفي – دار الثقافة – بيروت – 1973م)

4.     ئابدۇلۋاھىد زۇنۇن تاھا، «ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىي دەۋرىدىكى ئىراق». (عبد الواحد ذنون طه: العراق في عهد الحجاج بن يوسف الثقفي – منشورات مكتبة باسل – الموصل – العراق – 1405هـ/ 1985م.)

5.     ئەلى ھۇسنىي خەربۇتلىي، «ئۇمەۋىيلەر ھۆكمى ئاستىدىكى ئىراق». (علي حسني الخربوطلي: تاريخ العراق في ظل الحكم الأموي – دار المعارف – القاهرة – 1959م. المصدر: موقع إسلام أون لاين)

 

مەنبە: (جانب من حياة الحجاج بن يوسف الثقفي) http://www.islamstory.com

تەرجىمىدە: بىلىميار

——————————————————————————
([1]) تائىف: ھازىرقى سەئۇدىي ئەرەبىستان مەككە ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەر. مەككىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ.
([2]) مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرە ئەلئەزدىي (المُهَلَّبُ بنُ أَبِي صُفْرَةَ ظَالِمٍ الأَزْدِيُّ). (ئەبۇ سەئىد). (ھ. 8 – 82 / م. 629 – 702) ئۇمەۋىيلەرنىڭ خۇراسان ۋالىيسى. ماۋارائۇننەھر ۋە خۇراسان دىيارلىرى فەتھىدە چوڭ رول ئوينىغان قوماندان.
([3]) م. 694 – يىلى ئۇمەۋىيلەر ئەزرەقىي خاۋارىجلىرى بىلەن جەڭ ھالىتىدە ئىدى.
([4]) باغداد ئەتراپىدىكى بىر قىشلاق.
([5]) ئابدۇررەھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلئەشئەس ئەلكىندىي (عبد الرحمن بن محمد بن الأشعث الكندى). ھەججاجنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ ھەربىي قوماندانى. ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىگە قارشى ئىسيان قوزغىغان. ھ. 85 / م. 704 – يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
([6]) ساغانىيان ئىقلىمىدىكى بىر شەھەر. ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا.
([7]) سەمەرقەندگە يېقىن بىر شەھەر. ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا.
([8]) ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا، ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىغا يېقىن كېلىدىغان جايدىكى بىر شەھەر. ئەينى ۋاقىتتىكى تاخارىستان ئىقلىمىنىڭ مەركىزى.
([9]) شاش بۇرۇنقى نامى.
([10]) ھازىرقى ھىندىستاننىڭ غەربى شىمال تەرىپى. سىندى دەرياسى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، كۆپ قىسمى ھازىر پاكىستانغا تەۋە.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز