ئاياللارنىڭ نامىزى بىلەن ئەرلەرنىڭ نامىزىدىكى پەرقjpg

ئاياللارنىڭ نامىزى بىلەن ئەرلەرنىڭ نامىزىدىكى پەرق

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللارنىڭ نامىزى بىلەن ئەرلەرنىڭ نامىزىدىكى پەرقنى ئېنىق ئېيتىپ بەرسەڭلار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

نامازدا ئۆرە تۇرۇش، قولىنى قەيەرگە قويۇش، رۇكۇغا بېرىش، سەجدە قىلىش ۋە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش قاتارلىق ناماز پائالىيەتلىرىدە ئەر بىلەن ئايال كىشىنىڭ نامىزى ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن پەرق يوق.

مالىك ئىبنى ئەلھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىمنى كۆرگەن بولساڭلار شۇنداق ئوقۇڭلار».(1)

بۇ بۇيرۇقنى ئالىملار ئەر بىلەن ئايالغا ئوخشاش قارىتىلغان دېگەن.

ئەمدى ئاياللارنىڭ بەدەن ئەھۋالى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش جەھەتتىن ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، يات ئەر كىشى يوق چاغدا ئەر كىشىگە ئوخشاش ئوقۇيدۇ. يات ئەر كىشى بار جايدا، مەسىلەن جامە، مەسچىت، باغچە، ئاممىۋى سورۇن ياكى ئۆي قاتارلىق يات ئەرلەر بار جايلاردا ناماز ئوقۇغىنىدا مۇمكىنقەدەر جىسمىنىڭ بەزى جايلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ قالمايدىغان، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان شەكىلدە ئوقۇشى لازىم. بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پىتنىدىن ساقلىنىش، ئاياللارنى ئاسراش ۋە مۆمىنلەر جەمئىيىتىنى پاك تۇتۇشتىن ئىبارەت ئومۇم مەقسەت – نىشانلىرىغا، ئومۇم قائىدىلىرىگە ئۇيغۇندۇر.

بۇ ھەقتە بەزى ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ پەرق بار دەيدىغان بۇ ھەدىسلەر زەئىف بولغاچقا، پەرقنى ئىسپاتلاشتا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بىراق، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇش ۋە سەجدە قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئەرگە ئوخشاش ئولتۇرۇشى ھەققىدىمۇ، ئەرگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ئولتۇرۇشى ھەققىدىمۇ رىۋايەتلەر كەلگەن. مەسىلەن پەرقلەندۈرگەن رىۋايەتلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

يەزىد ئىبنى ئەبى ھەبىب رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «سەجدە قىلغىنىڭلاردا بەدەننىڭ بىر قىسمىنى يەرگە چاپلاڭلار، چۈنكى ئايال بۇنىڭدا ئەر كىشىدەك ئەمەس».(2)

ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئى ۋائىل! ناماز ئوقۇغىنىڭدا ئىككى قولۇڭنى ئىككى قۇلىقىڭنىڭ ئۇدۇلىدا قىلغىن، ئايال كىشى ئىككى قولىنى ئىككى كۆكسىنىڭ ئۇدۇلىدا قىلىدۇ».(3)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى سەجدە قىلغىنىدا ئىككى يوتىسىنى چاپلىسۇن».(4)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى سەجدە قىلغىنىدا تۈگىلىۋالسۇن، ئىككى يوتىسىنى قورسىقىغا چاپلىسۇن».(5)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئايال كىشىنىڭ نامىزى ھەققىدە سورالغاندا ئۇ: «بەدىنىنى يىغىپ تۈگىلىدۇ» دېگەن.(6)

تابىئىنلاردىن ئىبراھىم نەخەئىي مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ساغرىسى كۆتۈرۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەجدە قىلغىنىدا قورسىقىنى ئىككى يوتىسىغا چاپلاشقا، ئەر كىشىدەك ئىككى قولتۇقىنى كېرىپ تۇرماسلىققا بۇيرۇلغان».(7)

ئەتا ئايال كىشى نامازدا ئىككى قولىنى قانداق كۆتۈرىدۇ؟ دەپ سورالغاندا: «ئىككى كۆكسىنىڭ ئۇدۇلىدا» دېگەن. ھەمماد، ھەفسە بىنتى سىرىن قاتارلىقلاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت كەلگەن.(8)

ئابدۇراھمان ئىبنى قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نامازدا ئىككى يوتىسىنى بىر – بىرىگە چاپلاپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى، بەزىدە چازا قۇرۇپمۇ ئولتۇراتتى.(9)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاياللىرىنى ئىككى رەكەت ۋە تۆت رەكەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيتتى.(10)

نافى رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئاياللىرى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى.(11)

يەنە بىر تەرەپتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى سەفىييە بىنتى ئەبى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا نامازدا چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتى.(12)

ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھا نامىزىدا ئەركىشىنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇراتتى، ئۇ ئالىم ئايال ئىدى.(13)

بۇنى كەرمانى مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھا نامىزىدا ئەركىشىنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇراتتى، پەقەتلا سول تەرىپىگە مايىل بولاتتى. ئۇ ئالىم ئايال ئىدى».(14)

تابىئىلاردىن خالىد ئىبنى لەجلاج مۇنداق دېگەن: ئاياللار نامازدا ئولتۇرغىنىدا ئەرلەرگە ئوخشاش پەللىكىدە ئولتۇرماي، چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇلاتتى. بۇ ئايالنىڭ بىرەر يېرى كۆزگە چېلىقىپ كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.(15)

پېشقەدەم مۇجتەھىد ئىماملاردىن ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ناماز پائالىيەتلىرىدە ئايال كىشى بىلەن ئەر كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق، پەقەتلا ئەزالىرىنى بىر – بىرىگە يىغىپ تۇرۇشى، سەجدە قىلغىنىدا قورسىقىنى ئىككى يوتىسىغا چاپلاپ ئۆزىنى ئەڭ ياخشى يۆگەپ تۇرۇشى مۇستەھەپ. رۇكۇدىمۇ ۋە باشقا بارلىق ناماز پائالىيەتلىرىدىمۇ شۇنداق تەرىقىدە قىلىشىنى ياخشى كۆرىمەن، يەنە قېلىنراق كۆينەك كىيىشى، بەدىنى مەلۇم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىمىنى بەدىنىگە چاپلىۋالماي تۇرۇشى، رۇكۇ ۋە سەجدىگە بارغاندا كىيىمىنى بەدىنىگە يېپىشتۇرۇۋالماي تۇرۇشى، ئاۋازىنى پەس تۇتۇشى، ئەگەر نامازدا تەنبىھ بېرىدىغان بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، ئاۋاز بىلەن ئەمەس چاۋاك چېلىش ئارقىلىق بېرىشى مۇستەھەپتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تەسبىھ ئېيتىش ئەرلەر ئۈچۈن، چاۋاك چېلىش ئاياللار ئۈچۈندۇر» دېگەن».(16)

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يات ئەرلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا ناماز ئوقۇغان ئەھۋالدا شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئەمما، يات ئەرلەر يوق جاي بولسا پىتنە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەرگە ئوخشاش ئوقۇيدۇ، دېيىش مۇمكىن.

بۇلار نامازنىڭ ئاساسلىق ئەركان – ۋاجىباتلىرىدىكى پەرق بولماستىن، كەيپىيات ۋە شەكىل جەھەتتىكى پەرقلەردۇر. سەجدىگە بارغاندا، ئولتۇرغاندا ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئازراق پەرق بولۇشى يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسنىڭ ئومۇمىغا زىت كەلمەيدۇ.

شۇڭا، ئاياللارنىڭ تەبىئىتى سەۋەبىدىن ئايال كىشى بىلەن ئەر كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسلۇبىدا يەنە بەزى پەرقلەر بار، مەسىلەن:

1. ئايال كىشى ئەر كىشىگە ئىمام بولالمايدۇ. ئەرلەر سېپىگە كىرىپ ئەرلەر بىلەن يانمۇ – يان تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايدۇ.

2. تەسبىھ ئېيتىشنىڭ ئورنىغا چاۋاك چالىدۇ.

3. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكتىن تىزىغىچە. ئايال كىشىنىڭ يۈزى بىلەن ئالىقىنىدىن باشقا يەر ئېچىلىپ قالسا بولمايدۇ. (بەزى ئالىملار پۇتىغا رۇخسەت قىلىدۇ).

4. ئەر كىشى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. ئايال كىشى يات ئەرلەر بار يەردە ئىچىدە ئوقۇيدۇ.

5. ئاياللار يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغىنىدا ئەزان ياكى تەكبىر توۋلىمايدۇ.

6. ئاياللارغا سەپنىڭ ئەۋزىلى ئەڭ كەينى. ئەرلەرگە ئەڭ ئالدى ئەۋزەل.

7. ئاياللار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغىنىدا ئىمامى سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرماي سەپ ئارىسىدا تۇرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 4. 30

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 88 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارى»، 6008 – ھەدىس.
2. «السنن الكبرى» بەيھەقى 2/223 – بەت. 3016 – نومۇر. بۇ ھەدىس «مۇرسەل»، بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد ئۇنى «المراسيل»دە رىۋايەت قىلغان. 1/117 – 118 – بەت. 87 – نومۇر.
3. تەبەرانى «المعجم الكبير»، 22/19 – بەت. 28 – نومۇر. ھەيسەمى دېدى: بۇ ھەدىسنى تەبەرانى ئۇزۇن بىر ھەدىستە مەيمۇنە بىنتى ھۇجر يولى ئارقىلىق ھاممىسى ئۇممۇ يەھيا بىنتى ئابدۇلجابباردىن رىۋايەت قىلغان. مەن ئۇ ئايالنى بىلەلمىدىم. باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچلىك. «مجمع الزوائد»، 2/103.
4. «السنن الكبرى» بەيھەقى 2/222. 3014 – نومۇر.
5. «مصنف عبد الرزاق»، 2/138 5072 – نومۇر.
6. «مصنف ابن أبي شيبة»، 1/142 – بەت. 2778 – نومۇر.
7. «السنن الكبرى»، بەيھەقى 2/222 «مصنف عبد الرزاق»، 2/138 – بەت. 5071 – نومۇر.
8. «مصنف ابن أبي شيبة»، 1/216 – بەت. 2471 – 2475 – نومۇر.
9. سەئىيد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلغان.
10. «مختصر اختلاف العلماء»، 1/212.
11. «فتح الباري»، ئىبنى رەجەب 7/299.
12. «مصنف عبد الرزاق»، 2/138 5074 – نومۇر.
13. «بۇخارى»، «تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسىدا» دېگەن باب.
14. «فتح الباري»، ئىبنى رەجەب 7/299.
15. «فتح الباري»، ئىبنى رەجەب 7/299.
16. «مختصر المزني»، 1/16.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ