مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش كېسەللىرىنىڭ داۋاسى

مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش كېسەللىرىنىڭ داۋاسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەلۇم بىر ئايەتىدە: ﴿ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش كېسەللىرى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى. ﴾ دەپتۇ. 1. بۇ يەردىكى «مۇناپىقلىق، شەكلىنىش كېسەللىرى» دېگەن زادى قانداق كېسەل؟ 2. بۇنىڭ داۋاسى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

2/«بەقەرە» سۈرىسىنىڭ بېشىدا جانابى ئاللاھ مۇئمىنلەرنى تۆت ئايەتتە، كافىرلارنى ئىككى ئايەتتە سۈپەتلىگەن، مۇناپىقلارنى بولسا ئون ئۈچ ئايەتتە سۈپەتلىگەن. چۈنكى، مۇناپىقلارنىڭ زىيىنى كافىرلارنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېغىر، مۇناپىقلارنىڭ سانى كۆپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارغا تەۋە قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلغۇچى دەۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى ۋە بۇزغۇنچىلاردۇر. بۇ ۋەجدىن ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئالدىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە مۇئمىنلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە مۇناپىقلارنىڭ ھالىتىنى 2/«بەقەرە» سۈرىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن سۈرىلەردە تەپسىلىي بايان قىلغان ھەمدە 63/«مۇناپىقلار» سۈرىسى دەپ ئايرىم سۈرە نازىل قىلغان.

2/«بەقەرە» سۈرىسىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ:

﴿كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنگۈچىلەر ئەمەس. ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل بولغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 8 – 10).

بۇ ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل بولغاچقا» دېگەن جۈملە، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ كەلگەن. يەنى ئۇلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل بولغانلىقىدۇر.

«ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى» يەنى شەرىئەت چەكلىمىلىرى ۋە پەرزلىرىنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدىكى بۇرۇنقى شەكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى، نەتىجىدە، ئۇ پەرز – بەلگىلىمىلەر بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانى تېخىمۇ كۈچەيسە، مۇناپىقلار ئىسلامدىن تېخىمۇ شەكلىنىدىغان بولدى. پەيغەمبەرنىڭ شەنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئىسلامىيەتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ھۆكۈمران بولۇشى بىلەن مۇناپىقلاردىكى غەم، قورقۇنچ، بىچارىلىك، خارلىق، ئازغۇنلۇق ۋە ئەسكىلىك تېخىمۇ ئاشتى. بۇ ئۇلاردىكى كۇفۇرلۇقنىڭ جازاسى بولدى.(1)

بۇ ئايەتتىكى «مەرەز» (يەنى كېسەل) دېگەن سۆزنى مۇفەسسىرلەر شەك ۋە نىپاق دەپ تەفسىر قىلىدۇ. چۈنكى، شەك ئىككىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىش بولۇپ، مۇناپىقمۇ كۇفۇرنى يوشۇرۇپ، ئىماننى ئىزھار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىمان بىلەن كۇفۇر ئوتتۇرىسىدا قالغان. ئايەتتىكى «مەرەز»نى شەك دەپ تەفسىر قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا نىپاق مەنىسىدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، «شەك» ئايدىڭ بولماسلىق ۋە قاراڭغۇلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مۇناپىق ئاللاھنىڭ دىنىدا، ئايەتلىرىدە، ۋەدىلىرىدە ۋە پەيغەمبەرنىڭ راستچىللىقىدا شەك قىلىدىغان بولغاچقا، نىپاقمۇ بىر خىل قاراڭغۇلۇق ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام تەبەرى ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئېتىقادىدا بار دەپ سۈپەتلىگەن كېسەللىك ئۇلارنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىدە ۋە ئۇ ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن دىندا شەك قىلىشلىرى ۋە دېلىغۇل بولۇشلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار يا كەسكىن ئىشەنمەيدۇ، يا تولۇق تانمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سۈپەتلىگىنىدەك يا ئۇ تەرەپكە، يا بۇ تەرەپكە تەۋە بولماي ئوتتۇرىسىدا لىڭشىپ قالغانلاردۇر».(2)

ئىمان دىلىغا ئورناپ كەتكەن مۇئمىننىڭ ئوي – خىيالىغا ئاندا – ساندا كېلىپ قالىدىغان، ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغان ياكى بىرەر ئىش – ھەرىكەت بىلەن نەتىجىلەنمەيدىغان شەك بار بولۇپ، بۇ سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك ئىماننىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتىدۇر. ساھابە – كىراملارمۇ بۇنىڭدىن ساقلىنالمىغان. چۈنكى، شەيتان مۇئمىننى ئازدۇرۇپ كۇفۇرغا دەسسىتەلمىگىنىدە بۇ تۈرلۈك بولمىغۇر خىياللار بىلەن ئۇنى بىئارام قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئوي – خىياللارغا دۇچ كەلگەن مۇئمىن بىئارام بولىدۇ ۋە ئەنسىرەپ قالىدۇ. بۇلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋە بۇ تىرىشچانلىققا قارىتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى چارە بۇنداق ئوي – خىياللارغا پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمەسلىك ۋە شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەشتۇر. پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈۋېتىش ھەدىسلەردە كەلگەن. ئاندىن بۇ ھەقتە توختىلىپ يۈرمەيلا ئۆزىنى ئاللاھنىڭ تائىتى بىلەن مەشغۇل قىلىشتۇر.

ھەدىستە يەنە ئوي – خىيالىغا ئۇنداق ئوي كېلىپ قالغان كىشى: «ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن ۋە بولدى قىلسۇن!» دېگەن.(3) يەنە بىر ھەدىستە: «كىمنىڭ كۆڭلىگە ئۇ ئوي كەلسە، دەرھال: ‹ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتتىم› دېسۇن!» دېگەن.(4)

ئالىملار ئېيتىدۇ: ئوي – خىياللار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، مۇقىملاشمىغان ياكى بىرەر شۈبھە سەۋەبىدىن تۇغۇلمىغانلىرى بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق بىلەن يوقىتىلىدۇ. بۇ ۋەسۋەسە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئاساسسىز پەيدا بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا پاكىت ئەكىلىش ھاجەتسىز. يەنە بىرى، بىرەر شۈبھە سەۋەبىدىن مۇقىملىشىپ قالغانلىرى بولۇپ، بۇلارنى چوقۇم دەلىل – پاكىت ۋە تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق يوقىتىش لازىم بولىدۇ».(5)

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككىنچى تۈرلۈك ئوي – خىياللار ئادەتتە، خرىستىئان ﻣﯩﺴﺴﺌﻮﻧﯧﺮلىرى، ئاتېئىزم بىلەرمەنلىرىنىڭ بىرەر سەپسەتەسىنى ياكى ئىسلامغا قارىتا شۈبھىسىنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا دۇچ كېلىپ قالىدىغان ھالەت ياكى تۇيغۇ بولۇپ، بۇ شەك بولماستىن، بەلكى بىلىم ۋە ئىلمىي ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ چارىسى كېچىكتۈرمەستىن ئىلىمى بارلاردىن ياردەم سوراش ۋە بۇ ئوي – خىياللارنى ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇشتۇر. چۈنكى، بۇ شەكلىنىشنى ئىلىملىكلەر ئەقلىي، نەقلىي ۋە ماددىي دەلىل – پاكىت بىلەن ئاسانلا يوقىتالايدۇ.

نىپاق بىلەن بىر جۈپ يەنە بىر خىل شەك بار بولۇپ، بۇ توساتتىن كېلىپ قالغان بولمىغۇر خىيال بولماستىن دىلدا مۇقىملىشىپ كەتكەن شەكتۇر. بۇ خىل شەك ئىلگىرىكى تۈرلۈك بولمىغۇر ئويلارغا ۋاقتىدا چارە قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ۋە يىلتىز تارتىپ ئورناپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا مۇبتىلا بولغان كىشىنىڭ قەلبى پېچەتلىنىپ گۇناھ – مەئسىيەتلەر بىلەن قارىداپ كېتىدۇ. دېلىغۇللۇقتا بىئارام ياشايدۇ. بۇ خىل شەك تۈپەيلىدىن كۇفۇر سۆز ۋە ھەرىكەت سادىر قىلىدۇ. بۇ تۈرلۈك شەك كۇفۇرنىڭ ئۆزىدۇر. بۇنىڭ چارىسى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە پەيغەمبەرنىڭ، ئاخىرەتنىڭ ھەقلىقىنى دەلىل – پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ قانائەت تېپىش ۋە شەكنى يوقىتىشتۇر.

نىپاقمۇ چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. چوڭ نىپاقلىق ئايەتلەردە بايان قىلىنغىنىدەك ئىماندىن چىقىرىۋېتىدىغان دىلدىكى خەستىلىكتۇر. بۇ تۈرلۈك مۇناپىق ئۆزىنى مۇئمىن كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ ئەمەلىيەتتە، كافىردۇر. كىچىك نىپاقلىق بولسا ئەمەل ۋە بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىغا چېتىشلىق بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭ: ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ، ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ».(6)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ﻛﯩﻤﺪە ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﺎ، ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﺎ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ئەتمىگۈچە ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ، ﺋﻪﮪﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺵ ۋە ﺟﯧﺪﻩﻟﻠﻪﺷﺴﻪ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺵ» دېگەن.(7)

يۇقىرىقى بەش ئىللەت تىلى بىلەن دىلى ۋە ئەمەلىيىتى، ئىچى بىلەن سىرتى ئوخشىمىغانلىقتىن سادىر بولىدىغان بولغاچقا، مۇئمىن كىشىدىمۇ نىپاقنىڭ بەزى يىپ ئۇچلىرى تېپىلىپ قالىدۇ. مۇئمىن ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلسا نىپاق سۈپىتى ئۇنىڭدىن يوقىلىدۇ.

ئالىملار دەيدۇ: چوڭ نىپاق مۇسۇلمانلار جامائەسىگە، ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭدا ئۇنداق ئىشىنىش بولمىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇفۇرنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ دۇنيادىكى جازاسىدىن باشقا ئاخىرەتتە دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا مەڭگۈ قېلىش بىلەن جازالىنىدۇ. كىچىك نىپاق: ئەمەلدىكى نىپاقلىق بولۇپ، كىشى تاشقى كۆرۈنۈشىدە سالىھ ۋە تەقۋادار كۆرۈنىدىغان، ئىچىدە ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ كىچىك نىپاق سۈپەتلىرىنى ئىزچىل ساقلىغان كىشىنىڭ ئىماندىن ئاجراپ چوڭ نىپاق دائىرىسىدىكى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىققا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بولىدۇ.(8)

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نىپاق ئالدى بىلەن كاززابلىق، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ئاللاھتىن قورقماسلىق قاتارلىق ئىللەتلەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇلاردىن تەۋبە قىلماي كېسەل ئېغىرلىشىپ كەتسە، ئىسلام ئۈممىتىدىن چىقىپ كېتىش يەنى چوڭ نىپاق بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «قەلبتىكى ئىمان ئاپئاق بىر چىكىتتەك كۆرۈنىدۇ. ئىمان ئارتقانسېرى ئاقىرىشمۇ ئارتىپ قەلب پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدۇ. قەلبتىكى نىپاق قاپقارا بىر چىكىتتەك كۆرۈنىدۇ. نىپاق ئارتقانسېرى قارىيىشمۇ ئارتىپ قەلب پۈتۈنلەي قارىداپ كېتىدۇ. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇئمىننىڭ قەلبىنى يېرىپ باقساڭلار ئۇنى ئاپئاق كۆرىسىلەر. مۇناپىقنىڭ قەلبىنى يېرىپ باقساڭلار ئۇنى قاپقارا كۆرىسىلەر».(9)

نىپاقنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ:

1. بىز ھەر دائىم ۋە ھەر يەردە دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك سىناقلار. بىز بۇ سىناقلار ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان ئەھۋالدا نىپاق كېسىلىگە گېرىپتار بولىمىز.

2. بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن نىپاق كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار مەۋجۇد، بىز ئۇلار بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، ناۋادا ئۆزىمىزدە بۇنىڭغا قارشى بىر خىل ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا قىلمىغان ئەھۋالدا، نىپاقلىقنى ھەرئاندا ئۇلاردىن يۇقتۇرىۋېلىشىمىز مۇمكىن.

دېمەك، نىپاق مال – مۈلۈك، شەھۋەت، مەنسەپ، ھەسەت قاتارلىق تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ سىناقتىن ئۆتۈشتە ئايرىلىدۇ.

نىپاق بىلەن رىيانىڭ مۇناسىۋىتى: رىيا – بىر ئىشنى كىشىلەر كۆرسۇن دەپ قىلىشتۇر. بۇ قىلغان ئىشتىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىخلاسقا زىت كېلىدۇ. بۇ ھەدىسلەردە «يوشۇرۇن شىرك» دەپ ئاتالغان. نىپاق – ئىمان كۆرسىتىپ كۇفۇر ساقلاشتۇر. نەتىجىدە، ھەرقانداق بىر مۇناپىق بولىدىكەن، ئۇ ئۆزىنى باشقىلارغا مۇئمىن كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغان رىياكار بولىدۇ. ئەكسىچە، رىيا قىلغان ھەرقانداق كىشى مۇناپىق بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، رىيا پۈتۈن ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋەتمەستىن، رىيا ئارىلاشقان ئىشنىلا بىكار قىلىۋېتىدۇ.

چوڭ نىپاقنىڭ ئالامەتلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ يۇقىرىقى كىچىك نىپاق ئالامەتلىرىدىن سىرت تېخىمۇ خەتەرلىك ئالامەتلىرى بار. بۇنى ئايەت ۋە ھەدىسلەر تەپسىلىي بايان قىلغان. بىز ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاپ ئۆتىمىز:

كافىرلارنى دوست تۇتۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئۇلارغا سۈيىقەست قىلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىنى بۇزۇپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغۇچى دەپ دەۋا قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش، مەسخىرە قىلىدىغانلار بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇش، مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابە – كىراملارغا ئۆچلۈك قىلىش، جەڭ مەيدانىدىن قېچىش ۋە باھانە كۆرسىتىش، جەڭگە قاتنىشىپ قالغىنىدا تۈزۈك كۈچ چىقارماسلىق، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدا ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش ۋە قورقۇنچ سېلىش، ئاللاھ يولىدا پۇل خەجلەيدىغانلارنى توسۇش، ئىمان ئېيتقانلارنى كەمسىتىش، رىياخورلۇق قىلىش، نامازنى كېچىكتۈرۈش، ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىش، بولۇپمۇ بامدات بىلەن خۇپتەننى ئادا قىلىش ئېغىر كېلىش، جامائەتكە چىقماسلىق، ئاللاھنى ئۇنتۇپ، ياد ئەتمەسلىك، ئاللاھقا قارىتا يامان ئويلاردا بولۇش، قۇرۇق ئارزۇلاردا بولۇش، يامان ئىشلارغا بۇيرۇپ، ياخشى ئىشلاردىن توسۇش، بېخىللىق ۋە پىخسىقلىق قىلىش، دۇنياغا ھېرىسمەنلىك قىلىپ، ئاخىرەتنى كۆزلىمەسلىك، پەس ئىشلارغا رازى بولۇش، قەسەمخورلۇق، دەۋا – دەستۇردا تەرسالىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋېلىش، ئاغزىنى بۇزۇش، ھەسەتخورلۇق، پوخۇرلۇق قىلىش، ۋەز تەسىر قىلماسلىق، ھەقكە قايتماسلىق، تەكەببۇرلۇق، مۇئمىنلەرگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ۋە كافىرلار ئالدىدا كۈچۈكلىنىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن توسۇش ۋە غەيرى قانۇنغا رازى بولۇش، ئوقۇغان قۇرئانغا ئەمەل قىلماسلىق، قىلمىغان ئىش بىلەن ماختىنىش، مۇئمىنلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەردىن خۇشاللىنىش، غەلىبىلەردىن بىئارام بولۇش…

يۇقىرىقى نىپاق ئىللەتلىرىنىڭ ھەربىرى ئىنساننى ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ تاشلاشقا يېتەرلىك. بۇ ئىللەتلەر شۇ ئىنساننىلا تۈگەشتۈرۈپ قالماي پۈتۈن مۇسۇلمانلار جامەئەسىنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ. تارىختىن بۇيان مۇسۇلمانلار سىرتقى دۈشمەننىڭ زىيىنىدىن ئارىسىدىكى مۇناپىق، ساتقۇن، خىيانەتكەرلارنىڭ زىيىنىغا كۆپرەك ئۇچراپ كەلگەن.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتىدۇ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئالتۇندىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساختىلىقنىڭ ئۆزىدۇر. كۆپىنچە كىشىلەر ئالتۇننى ياخشى بىلمىگەچكە ئۇنىڭغا ئالدىنىپ كېتىدۇ. ئۇستا سەرراپ ئۇنى بىلىۋالىدۇ. ئۇنداق ئۇستىلار ئىنتايىن كەم تېپىلىدۇ. دىن – دىيانەتكە بۇ تۈرلۈك ساختا مۇسۇلماندىنمۇ زىيانلىق كىشى يوق. دىن – دىيانەت مانا مۇشۇنداقلارنىڭ تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى، سۈپەتلىرىنى شۇنچە ئېنىق ۋە تەكرار – تەكرار بايان قىلغان، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا كىرىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا ئۇرىدىغان زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى يېقىندىن تونۇشى ۋە ئۇلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ئالداپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ھالاكەتكە ئاپىرىپ تاشلىغان بەندىلەر سان – ساناقسىزدۇر».(10)

نىپاقنىڭ خەتىرى شۇ قەدەر ئېغىر بولغاچقا، ساھابە – كىراملار، سەلەفلەر مۇناپىقلاردىن بولۇپ قېلىشتىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. ئىبراھىم ئەتتەيمىي: «مەن قىلىۋاتقان سۆزلىرىمنى ئەمەللىرىمگە سېلىشتۇرىدىغان بولساملا ئۆزۈمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يالغانچى دەپ قارىلىشىمدىن قورقۇپ قالىمەن» دېگەن. ئىبنى ئەبى مۇلەيكە: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىدە نىپاقلىق ئىللىتى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. ھېچبىرى ئۆزىنى جىبرىل بىلەن مىيكائىلنىڭ ئىمانىدەك نىپاقسىز ئىماندا دېيەلمەيتتى» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «نىپاقلىق ئىللىتىدىن مۇئمىنلا قورقىدۇ، مۇناپىقلا خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەن.(11)

دېمەك، نىپاق دېگەن بىر مەرەز يەنى كېسەللىك، بۇنىڭدىن ساقلىنىش، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش، ئۇنىڭغا مۇبتىلا بولۇشتىن ئەنسىرەش مۇئمىننىڭ ئىشى. سەلەفلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتكەن بولغاچقا، ئۇلار ئارىسىدا مۇناپىقلىق بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۇنداق يامراپ كەتمىگەن ئىدى.

يۇقىرىدا نىپاق تۈرلىرىنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق، بۇنىڭ بىرەرسى ياكى بىرنەچچىسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان بولىدۇ. كىشى تۇيماستىن بۇلاردىن بىرنەچچىسىنى يۇقتۇرۇۋېلىشى، ئۇنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى بىلمەي قېلىشى مۇمكىن.

رىياغا ئاددى بىر مىسال ئالايلۇق: بىرسى نورمال ناماز ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۇنىڭ قېشىغا بىرەيلەن كىرىپ قالسا، كىرگەن كىشىنىڭ نەزەرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، نامازخاننىڭ نەپسى ئۇنى تېخىمۇ سالاپەت ۋە تەقۋادار كۆرۈنۈشكە، قىرائەتنى، رۇكۇ – سەجدىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۇزۇن قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شەيتانمۇ ۋەسۋەسە سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ نامازخان ئىچكى – تاشقى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ زاتتىن غەپلەتتە قالغان بولىدۇ. كاتتا ئىلتىپات قىلغۇچى رەھمان، رەھىم ئاللاھنىڭ ئۇنى كۆرۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يا پايدا، يا زىيان يەتكۈزۈش قولىدىن كەلمەيدىغان مەخلۇقلارنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولىدۇ.

ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ ئاددى بىر مىسالى بولسا، بىرسى بىلەن ئۇچراشقاندا ۋاي دەپ كۈلۈمسىرەپ، ئارقىسىدىن پىچاق ئۇرۇش بولۇپ، بۇ بىز خېلى ياخشى مۇسۇلمان دەپ باھا بېرىدىغان بەزى كىشىلەردە كۈندە دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قەلبتە ئەمەس، سىرتقى ئەزالاردا ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام ئەخلاقىغا خىلاپ بىرەر ئەھۋال كۆرۈنگەن ھامان، ئۇنىڭغا قارىتا داۋالاشنى دەرھال باشلاش لازىم.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىللەتلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ دورىسى بار. ئالايلۇق، يالغان ئېيتىشنىڭ دورىسى راست سۆزلەش، تەكەببۇرلۇقنىڭ دورىسى كەمتەرلىك، ئاللاھنى ئۇنتۇشنىڭ دورىسى ئۇنى ياد ئېتىش، بېخىللىقنىڭ دورىسى خەجلەش، رىيانىڭ دورىسى ئىخلاس… ئومۇمەن، يۇقىرىدىكى ئىللەتنىڭ تەتۈرىنى قىلىپ، نەپسىگە ئەگەشمىسە داۋالاش تامامەن مۇمكىن.

بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ ياخشى بايقىغۇچىسى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا 75/«قىيامەت»: 14 – ئايەتتە دېگەندەك ئىنسان ئۆزىنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچى، قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئوبدانراق بىلىدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ تۇرۇشى، يۈرۈش – تۇرۇش، مۇئامىلە ۋە ئەمەل – ئىبادەتلىرىدە بىنورمال بىرەر ئەھۋال سەزگەن ھامان دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىشى، ئىخلاس بىلەن ئىش قىلىشى، مۇئمىنلەرگە، راستچىللارغا ئارىلىشىشى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، مۇناپىقلارغا بېرىلىدىغان جازا، مۇئمىنلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى ئەسلىشى، بۇ ئارقىلىق نىپاقنىڭ خەتىرىنى چۈشىنىپ يېتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ياشىشى لازىم.

ھەربىرىمىزدە ئەقەللىي تەقدىردە، ئۇ ئىللەتلەردىن بىرەرسى تېپىلماي قالمايدۇ. بۇ ئىللەتلەرگە مۇبتىلا بولغانلار ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلىشىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋاسى ئاللاھتىن قورقۇش. بىر ئىش ياكى بىر ئېغىز سۆز قىلىشتىن ئاۋۋال ئاللاھنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئويلىسا، ئاندىن يالغان سۆزلىمەيدىغان، خىيانەت قىلمايدىغان، ئاغزىنى بۇزمايدىغان… بولىدۇ.

ھەركىم ئۆزىگە: مەن مۇئمىنمۇ ياكى مۇناپىقمۇ؟ مەندە قانچىلىك نىپاق ئىللەتلىرى بار؟ دېگەن سوئالنى دادىللىق بىلەن قويۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرگىنىدە، ئۆزىدىن ھېساب ئالالىسا، ئەڭ مۇھىم قەدەمنى باسقان بولىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەر بېكىتكەن ئۆلچەمگە سالسا ئۆزىدىكى نىپاقنى دەسلەپكى باشلىنىش باسقۇچىدىلا سېزىۋالالايدۇ ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىشقا ئىرادە باغلىسا يوقىتالايدۇ. شۇندىلا ئىخلاسمەن مۇئمىنلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ. بولمىسا، ئۆزىنى مۇئمىن دەپ گوللاپ يۈرۈيدۇ.

نىپاق ئالامەتلىرى كۆرۈلگىنىدە ئىنسان ئىككىنىڭ بىرىنى تاللايدۇ: بىرى، ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ ئۆزىنى داۋالىماستىن كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ مۇناپىق بولۇپ كېتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا – ئاخىرىتىنى قولدىن بېرىدۇ.

ياكى بولمىسا، ئۆزىنىڭ ۋە جەمئىيىتىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەلا بىلىپ، بۇ قىيىن داۋالاش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇزۇن مۇددەت ئاخىرلاشمايدىغان چوڭ جىھادقا ئاتلىنىدۇ ۋە نەپسىگە، شەيتانغا قارشى داۋاملىق ھەربى ھالەتكە ئۆتىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ توغرا يولدا كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – مەرھەمىتى كاتتىدۇر. بەندە ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بىر قەدەم ئالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ نىپاق ۋە ئۇنىڭ خەتىرى، ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە ئېنىق تونۇش ھاسىل قىلىشى، ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بىرگە نىپاقتىن قۇتۇلۇشقا، ئۇنى يۇقتۇرىۋالماسلىققا قەتئىي نىيەتكە كېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاللاھ ئۇنى مۇۋەپپەق قىلسا، يۇقىرىقىلار ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن سالامەت كېتىۋېلىشىغا يېتەرلىك.

ئىنسان تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مۇھىم بولغىنى خاتالاشقاندا تەۋبە قىلىش ۋە ئۆزىنى رۇسلىۋېلىشتۇر. بولمىسا، ﴿بىر قەۋم تاكى ئۆزلىرىدىكىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ تائالا ئۇلاردىكىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ﴾(13/«رەئد»، 14).

يەنە جانابى ئاللاھتىن قەدەملىرىنى ھەق ئۈستىدە سەباتلىق قىلىشىنى، ئىخلاس، ئىنساپ، تەۋپىق ئاتا قىلىشىنى، نىپاقتىن، رىيادىن ساقلىشىنى تىلەپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، بەندە ھىدايەتكە، تەۋپىققا داۋاملىق موھتاج.

نەپسى ۋە شەيتان بىلەن قىلىدىغان بۇ جىھاد ئۇزۇن مۇددەتلىك بولغاچقا، بۇ ئۇزۇن سەپەردە ئاللاھنىڭ تائىتىگە ياردەم قىلىدىغان سالىھ، دىيانەتلىك، راستچىل مۇئمىنلەر بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇش، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش نىپاق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جەڭدە تولىمۇ پايدىلىق. چۈنكى، ئىنسان ياخشىلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا ئۇلاردىن ياخشى ئەخلاق سىڭدۈرۈشى قولايلىشىدۇ. يولدىن چەتنىگىنىدە ئۇلارنىڭ سەمىمىي نەسىھىتى بىلەن يولىنى تېپىۋالىدۇ. ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياخشى ھەمراھ بىلەن ناچار ھەمراھنىڭ مىسالى خۇددى ئىپار ساتقۇچى بىلەن تۆمۈرچىنىڭ كۆيۈكىنى پۈۋلىگۈچىگە ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچى يا ساڭا سوۋغات بېرىدۇ، يا ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسەن، يا ئۇنىڭدىن خۇشپۇراق پۇرىۋالىسەن، كۆيۈك پۈۋلىگۈچى بولسا، يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرىدۇ، ياكى ئۇنىڭدىن سېسىق پۇراق پۇرايسەن» دېگەن.(12)

باشقىلاردىكى نىپاقلىقنى تۈزەشكە كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كېلىپ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇلىنى سالغاندا مۇناپىقلىق كېسىلى خېلى كۆپ كىشىلەردە كۆرۈلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۈز – ئابرويلۇقلار، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلدەك كاتتىۋاشلارمۇ بار ئىدى. مەدىنەدىكى مۇناپىقلار سېپى مۇسۇلمانلار يولۇققان ئەڭ چوڭ خىرىسلاردىن بىرى ئىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلار سېپىدىكى قۇرتتەك، مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى قۇرۇلغان گەۋدىسىنى ئىچىدىن ۋەيران قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ۋەقەلەردىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىممىتىنى بوشىتىشقا، ئۇلارنى دىندىن ياندۇرۇش ۋە يالتايتىشقا سۈيىقەست – پىلانلارنى قىلىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھېكمەت بىلەن ھەل قىلدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى جەمئىيىتىنى چۇۋۇلۇشتىن قوغداپ قالدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدى بىلەن مۇناپىقلىق كېسىلىنىڭ خەتىرى بىلەن ئاقىۋىتىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇردى. مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى پاش قىلدى. ئاللاھ تائالامۇ 2/«بەقەرە»، 9/«تەۋبە» ۋە 63/««مۇنافىقۇن» قاتارلىق سۈرىلەردە ئۇلارنى رەسۋا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مۇناپىقلارنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ مۇناپىقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمانلار سېپىگە راستچىللىق بىلەن قايتقان بولدى. ئۇلارغا تەۋبە يولىنى ئوچۇق قويۇش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئوچۇق ئاتىماي، سۈپەتلىرىنىلا بايان قىلدى. تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىمكان بولسىلا كۆپلىگەن مۇناپىقلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلدى. مۇناپىقلىقى ئېنىق بولغانلىرىنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىشكە يول قويمىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن مۇناپىقلار ئىسلام قوينىغا قايتتى ۋە مۇناپىقلىق ئۇزۇنغا بارماي مەدىنەدىن يوقىلىشقا باشلىدى. ئۈلگىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلارغا تۇتقان بۇ پوزىتسىيىسى بىزلەرگە ئەتراپىمىزدىكى مۇناپىقلارغا ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەمەلىي يولىنى كۆرسەتمەكتە.

ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئەسكەرتمەي بولمايدۇ: يۈرەك ئىبادەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىغا قارىغاندا ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى، يۈرەك بەدەننىڭ يېتەكچىسى ۋە ياخشى – يامانغا ھەيدىگۈچىسى. بەندىنىڭ پۈتۈن ئىش – ھەرىكەتلىرى، ھارامدىن ساقلىنىشى ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى يۈرىكىنىڭ ساغلاملىقىغا باغلىق. ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ» دېگەن.(13)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىش ئۇنى تونۇش، سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان جىمى ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۇل – ئاساسى ۋە تېگى بولسا دىلدىكى ئاللاھقا ئىشىنىش، ئۇنى تونۇش، ئۇنى سۆيۈش، ئۇنىڭدىن قورقۇش، ئۇنىڭغا قايتىش، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر».(14)

قەلبنىڭ ئورنى ئەنە شۇنداق كاتتا بولغاچقا، سەلەف – سالىھلىرىمىز قەلب ئەمەللىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. قەلبىنى كۆزىتىپ، ئۇنى ھاۋايى – ھەۋەس ۋە تۈرلۈك ئىللەتلەردىن تازىلاشقا، ئۇنى رىيا، نىپاق، ھەسەت ۋە شۇنىڭدەك ۋەيران قىلغۇچى ئىللەتلەردىن، كېسەللىكلەردىن ساغلام تۇتۇشقا تىرىشاتتى. ھازىرقى زاماندا بولسا پوستىغا كۈچەپ، مېغىزىنى تاشلاپ قويۇش خاھىشى ئەدەپ كەتتى. دەۋەت ۋە ئىسلاھات پائالىيەتلىرىدە ھەربىر ئەمەل ئۆز لايىقىدىكى ئورنى ۋە دەرىجىسى بويىچە قويۇلماستىن، ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى كىيىنىش ۋە تەقى – تۇرۇق ۋە مۇستەھەب ئىشلارغىلا كەلگەندەك شەكىلگىلا قارىتىلدى. سۈننەت دېسە قەلب ئەمەللىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولدى. نەتىجىدە، دىللار قارىداپ، دىننى ئۆگىنىشنى دەتالاش قاپلاپ كەتتى.

ھالبۇكى، تاشقى ئەمەللەرنىڭ ئىچكى قوزغاتقۇچىسى ئىخلاس ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش بولمىغىنىدا، بۇ ئەمەللەر ئاخىرەتتىن نېسىۋىسى يوق مۇناپىقلارنىڭ ئەمەللىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

بۇ ۋەجدىن، مۇئمىن بەندە قەلبىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئىخلاسنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىجتىھاد قىلىشى، شۇنداقلا سىرتىنى تۈزەشنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تۈزەشنىڭ ئالدىدا تۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان ھەرقانداق تائەت – ئىبادەتنىڭ قىممىتى بولمىغىنىدەك، ساۋابىمۇ بولمايدۇ. بەلكى تېخى ئۇنداق رىياكارلىق بىلەن پۈچەك تائەت – ئىبادەت قىلغان كىشىگە مەيلى ئۇ كۆرۈنۈشتە ئاللاھ يولىدا پۇل خەجلەش، دىن ئوقۇش ۋە يەتكۈزۈش، جىھاد قىلىشتەك نەقەدەر كاتتا تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىپ كەتكەن بولسۇن، يەنىلا ئاللاھنىڭ قاتتىق جازاسى ۋەدە قىلىنغان. ھەدىستە قىيامەت كۈنى ئۇنداق كىشىلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارغا: «يالغان ئېيتتىڭ! سەن جاسارەتلىككەن دېيىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانتىڭ، ئالىمكەن دېيىلىشى ئۈچۈن ئۆگەنگەنتىڭ، قارىي دېيىلىشى ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇغانتىڭ، سېخى دېيىلسۇن دەپ پۇل خەجلىگەنتىڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىلىپ بولدى» دېيىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(15) ئاللاھ بۇنداقلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن!

جانابى ئاللاھتىن ھەممىمىزنى ئىخلاسمەن، راستچىل بەندىلىرىدىن قىلىشنى، دىندا سەباتلىق ۋە تەۋپىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 25 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2017، 22 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 28 – بەت. 3 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 1/122؛ بەيزاۋىي: ««تەفسىرۇ بەيزاۋىي»، 1/167؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1/197؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر »، 1/49.
2. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 1/121.
3. «بۇخارىي»، (3276).
4. «مۇسلىم»، (134).
5. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2/155.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (33)؛ «مۇسلىم»، (59).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (34)؛ «مۇسلىم»، (58).
8. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/347؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر »، 1/48؛ ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/431؛ ئىبنۇلئەرەبىي: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 2/550.
9. بەغەۋىي: «تەفسىرۇلبەغەۋىي»، 2/340؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 6/159.
10. «طريق الھجرتين»، 1/603.
11. «بۇخارىي»، «مۇئمىننىڭ ئۆزى سەزمەي تۇرۇپلا ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇشى» دېگەن باب.
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5534)؛ «مۇسلىم»، (2628).
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).
14. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 32/232.
15. «مۇسلىم»، (1905).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ