تەيەممۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

تەيەممۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.

تەيەممۇم قىلىش ئەرەب تىلىدا: «مەقسەت قىلىش، كۆزلەش، نىيەت قىلىش»، فىقھ ئىستىلاھىدا: سۇ تېپىلمىغاندا ياكى سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋاللاردا نامازغا ئالىدىغان تاھارەتنىڭ ۋە غۇسۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك تاھارەت بولۇپ، يۈز بىلەن ئىككى قولنى تاھارەت نىيىتى بىلەن پاكىز تۇپراق ياكى تۇپراق تۈرىدىن بولغان نەرسە بىلەن سىلاشتىن ئىبارەت. تەيەممۇم ئارقىلىق تاھارەت ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە ئاتا قىلغان، بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە بېرىلمىگەن كاتتا نېئمەتلىرىدىن بىرىدۇر(1).

تەيەممۇم «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «سەھىھ» ھەدىسلەردە كەلگەن سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلار دەۋرىدىن تا ھازىرقى كۈنىمىزگە قەدەر بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ئىسپاتلانغان بىر كەڭچىلىكتۇر(2).

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مەست ھالىتىڭلاردا، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر، جۇنۇب بولساڭلار، يول ئۈستىدە بولمىغان تەقدىردە، غۇسۇل قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار. ئەگەر كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى بىرىڭلار ھاجەت قىلىپ كەلگىنىدە، ياكى جىما قىلىپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ، يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 43).

ئاللاھ تائالا: ﴿ئەگەر كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى بىرىڭلار ھاجەت قىلىپ كەلگىنىدە، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ، يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا ئۇنىڭ بىلەن مەسھى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خاھلىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېئمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خاھلايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 6) دېگەن.

دېمەك، تەيەممۇم قىلىش جانابىي ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلىپ بەرگەن بىر كەڭچىلىكى ۋە پەزل – مەرھەمىتىدۇر.

تەيەممۇم قىلىش مۇشۇ ئۈممەتكە خاس قىلىپ بېرىلگەن بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا تاھارەتتە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋاملىشىش سەۋەبى بولغان سۇنى پاكلىنىش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن بولسا، تەيەممۇمدا ئىنساننىڭ باشلىنىشى بولغان تۇپراقنى پاكلىنىش ۋاسىتىسى قىلىپ بېرىپ ئىلتىپات قىلغان. ﺟﺎﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ خەبەر بەردىكى: پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ئېيتقانكى: «ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮪﯧﭻ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﻧﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ؛ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﺎﮪ ﯞﻩ ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﻩﺭﺳﯘﻥ؛ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﮪﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ، ھالبۇكى ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﮪﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ؛ ۋە يەنە ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ؛ بۇرۇن ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ دېگەن ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻗﻪۋمىگىلا ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﯨﻢ»(3).

گەرچە كۆپچىلىك ئالىملار تەيەممۇم دېگەن ساپ ئىبادەت خاراكتېرلىك پائالىيەت، بۇنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىسەكمۇ تولۇق قۇللۇق بىلەن بويسۇنۇشىمىز كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بەزى مۇھەققىق ئالىملار ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ مەلۇم ھېكمىتى بولىدۇ، بۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ، دەپ قارىغان(4).

لېكىن، يېقىنقى يىللاردىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار كۆپلىگەن باكتېرىيەلەرنىڭ توپىدا تازىلىنىدىغانلىقى ۋە توپىنىڭ باكتېرىيە تازىلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان(5).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تۇپراق بىلەن سۇنىڭ تاھارەتسىزلىكنى يوقىتىدىغان پاكىزلاش ۋاسىتىسى قىلىنىشنىڭ ھېكمىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«شەرىئەتنىڭ تاھارەتتە تۇپراقنى سۇنىڭ ئىزباسارى قىلىشى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، بۇ ساغلام ئەقىل بىلەن توغرا تەبىئەتلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان جەملەشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۇ بىلەن تۇپراقنى مەرتىۋە ۋە شەرىئەت جەھەتتىن بىر جۈپ قىلىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ياراتقان. ھەرقانداق جانلىقنىڭ ئوزۇقىنى ۋە ھاياتىنى ئاشۇ ئىككىسىدىن قىلغان. بۇ ئىككىسى ھەرقايسى جايلاردا ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغان ھەم ئىشلىتىشمۇ ئەڭ قولاي بولغان شەيئىلەر بولغاچقا، يەنە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يۈزنى تۇپراققا تەگكۈزۈش ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرى بولغاچقا ھەمدە سۇ بىلەن تۇپراق ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئالاھىدە شەرئىي تەرتىپنىڭ بولۇشى ئەڭ مۇۋاپىق ئىش ئىدى»(6).

ئىمام شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي تەيەممۇمدىكى ھېكمەتلەرنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدىكى قانۇنىيىتى ئادەتتە بەندىلەر قىلىپ كېلىۋاتقان ئىبادەتلەرنى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا بىراقلا تاشلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ساقىت قىلىنغان ئىشنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئىشنى بەلگىلەپ بېرىشتۇر. شۇڭا، بەندىلەر قىلىپ كېلىۋاتقان تاھارەتنى تاشلىۋېتىشكە كۆنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كېسەللىك ۋە سەپەر قىيىنچىلىقلىرىدا كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن غۇسۇل تاھارەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىشنى بېكىتىپ بەرگەن». ئۇ يەنە تەيەممۇم باشقا نەرسە بىلەن ئەمەس، بەلكى يەر يۈزىدىكى نەرسىلەر بىلەن بولۇشىنىڭ ھېكمىتىنى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «چۈنكى، زېمىن ئۈستىدىكى نەرسە ھەرقانداق جايدا تېپىلىدۇ. شۇڭا، قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ نەرسە زېمىن ئۈستىدىكى نەرسە بولىدۇ. قىلىچ ۋە ئاياغلارمۇ ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن تازىلىنىدۇ. يەنە ئۇنىڭدا يۈز – چىرايغا توپا سۈرتۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا خارلىق ئىزھار قىلىش بولغاچقا، ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىدىغان ئىبادەتكە ئەڭ مۇناسىپ كېلىدۇ».

كىچىك تاھارەت بىلەن غۇسۇل تاھارەتنى پەرقلەندۈرمەستىن، ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش بىر خىل تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھېكمىتىنى بولسا: «چۈنكى، پۈتۈن بەدەننى توپىغا مىلەش قىيىن ئىش بولغاچقا، قولايلىق كەلتۈرىدىغان كەڭچىلىككە مۇناسىپ كەلمەيدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

تەيەممۇمدا پۇتقا مەسھى قىلىش يوق بولۇشىنىڭ ھېكمىتىنى: «چۈنكى، پۇت ئادەتتە توپىغا تېگىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، توپىغا تەگمەيدىغان جاينى توپىغا سۈرتۈش بىلەن بۇ ئىشنىڭ ئالاھىدە بىر ئىش ئىكەنلىكى ھېس قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ (7).

تەيەممۇم قىلغاندا تەيەممۇم قىلىش نىيىتى بولۇشى، سۇنى يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەپ – سوراپ باققان بولۇشى، ئىزدىگەندىن كېيىن سۇ تاپالمىغان بولۇشى كېرەك. ئەمما، سۇ تېپىلسىمۇ سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغان جاراھەت ياكى كېسەللىك بولغاندا، سۇ ئالىدىغان نەرسە تېپىلمىغاندا ياكى سۇنى ئېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغاندا، دۈشمەندىن، ئوغرىدىن ياكى ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇپ سۇ ئەكىلەلمەي قالغاندا، قاتتىق سوغۇقتىن توڭلاپ كەتكەندە، يېنىدا سۇ ئالىدىغان ياكى قىش كۈنلىرىدە مۇنچىغا كىرىدىغان پۇلى بولمىغاندا، ياكى يېنىدا بار بولغان سۇنى ئىشلىتىۋەتسە ئۆزى ياكى ئۇلاغلىرى ئۇسساپ، قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋاللاردا سۇنى بەرىبىر ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن، بار بولغان سۇ ھۆكۈم جەھەتتىن يوق ھېسابتا بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مەن زاتۇسسەلاسىل غازىتىدا سوغۇق بىر كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، غۇسۇل قىلسام ئۆلۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ، تەيەممۇم قىلىپ، ھەمراھلىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم. بۇ ئىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەندە، مەندىن:

— ئى ئەمر! سەن جۇنۇب ھالەتتە ھەمراھلىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟ — دەپ سورىدى. مەن غۇسۇل قىلىشقا توسالغۇ بولغان سەۋەبنى دەپ بەردىم ۋە:

— ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ماڭا بىرنەرسە دېمىدى»(8).

ئىمام بۇخارىمۇ «سەھىھ»ىدە بۇ ۋەقەلىكنى قىسقارتىپ رىۋايەت قىلغانكى: ﺋﻪﻣﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﺑﯩﺮ سوﻏﯘﻕ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ قىلغان. ئاندىن ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ: ﴿ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ﴾(4/«نىساﺋ»: 29) ﺩﯦﮕﻪﻥ ئايەتىنى ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭگەندە، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻤﯩﮕﻪن.(9)

تەيەممۇم چوڭ – كىچىك تاھارەتسىزلىكنى يوقىتالايدۇ. يەنى كىچىك تاھارىتى كەم بولغان كىشى بولسۇن ياكى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇشى كېرەك بولغان كىشى بولسۇن، ھەر ئىككىسىگە بىر خىل تەيەممۇملا كۇپايە قىلىدۇ. تەيەممۇم قىلغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇيالايدۇ، «قۇرئان» تۇتالايدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ، مەسجىدكە كىرەلەيدۇ، تاۋاپ قىلالايدۇ، جۇنۇب ھالەتتە سۇ بولسىمۇ يۇيۇنۇپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولسا، تېز تەيەممۇم قىلىپلا باشقىلارغا سالام قايتۇرسا بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى ئۇمەير ئېيتىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنىڭ ئايالى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازادگەردىسى ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻳﻪﺳﺎﺭ بىلەن بىللە مېڭىپ، ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪيم ئىبنى ھارىس ئىبنى سىممە ئەنسارىينىڭ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮگەنىدۇق، ئەبۇلجۇھەيم: ›پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﺌﺮۇ ﺟﻪﻣﻪﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺳﺎﻻﻡ قىلغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻱ، ﺗﺎﻡ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﯧﯖﯩﭗ، (ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﭖ) ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ‹ دېدى»(10).

يەنە بەزى ئالىملار: «ھېيت نامىزى ۋە جىنازا نامىزىغا يۇيۇنۇپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولسا، تېز تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ» دەپمۇ قارىغان(11).

بىر تەيەممۇم بىرقانچىلىغان پەرز ۋە نەفلە نامازلارنى ئوقۇشقا يېتىدۇ. بەزى فەقىھلەر «بىر تەيەممۇم بىر پەرز نامازغىلا يارايدۇ ياكى بىر قېتىمدا ئوقۇيدىغان پەرز ۋە نەفلە نامازلارغىلا يارايدۇ، ئىككىنچى پەرزنىڭ ۋاقتى كىرسە، قايتا تەيەممۇم قىلىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ.

تەيەممۇم قىلىش ئۇسۇلى: تۇپراققا ئالىقان بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇپ، بىرىنچى قېتىمدا يۈزىنى، ئىككىنچى قېتىمدا قولىنى جەينەككىچە سىلايدۇ. بەزى فەقىھلەرنىڭ قارىشىدا، تۇپراققا ئىككى قېتىم ئەمەس، بىر قېتىم ئۇرسىمۇ، قولىنى جەينەككىچە ئەمەس، بېغىشقىچە سىلىسىمۇ بولىدۇ. ئەلبەتتە، ھەر ئىككى ئۇسۇلنىڭ ھەدىستىن دەلىللىرى بار، لېكىن ئىككىنچى قاراشنىڭ «سەھىھ» ھەدىستىن كۆرسەتكەن دەلىللىرى خېلىلا كۈچلۈك.

تەيەممۇم قىلغاندا توسالغۇ بولىدىغان ئۈزۈك، پەلەيگە ئوخشىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك. تەيەممۇم قىلىشقا باشلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش، ئالىقاننى كېرىپ تۇرۇپ تۇپراققا ئۇرۇش، ئۇرغاندىن كېيىن يۈزىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن قولىنى قېقىۋىتىش، بارماق ئارىلىرىنى سىلاش، ئوڭدىن باشلاش، تەرتىپ بويىچە باشتا يۈزىنى ئۇندىن كېيىن قولىنى سىلاش، تەيەممۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ قويماي ئارقىمۇئارقا قىلىش ھەمدە سۇ تېپىلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، تەيەممۇمنى نامازنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش مۇستەھەبتۇر، كېچىكتۈرمەسلىك جائىزدۇر.

سۇ بار، ئەمما، غۇسۇل قىلىمەن دېسە، سۇ ئىسسىتىپ بولغۇچە ياكى مۇنچىغا بېرىپ غۇسۇل قىلىپ بولغۇچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، غۇسۇل قىلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ، تەيەممۇم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ، بۇنىڭدا سەپەر ھالىتىدىكى كىشىمۇ ئوخشاش. مۇشۇ قاراش كۈچلۈكتۇر. بەزى ئالىملار «تەيەممۇم قىلىپلا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇۋالسىمۇ بولىدۇ، ناماز دېگەن ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، ئۇنى ھەرقانداق ئۆزرە بىلەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ(12).

ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ياكى تۇرمىغا قامالغانلار تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىنسا، تەيەممۇم قىلىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ، كېيىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇش ئىمكانىيىتى تېپىلغاندا ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قايتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.

تەيەممۇم ئادەتتە زېمىن ئۈستىنى قاپلاپ تۇرىدىغان تۇپراق تۈرىدىن بولغان ھەرقانداق پاك نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل توپا، قۇم، شېغىل ۋە قورام تاشلارغا، ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم – كېچەك، پالاس، گىلەم، كىگىز قاتارلىق نەرسىلەردىن چاڭ – توزان چىقسا، شۇ نەرسىلەرگە ئۇرۇپ تەيەممۇم قىلسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقىلار تېپىلمىغاندا سېمونت، بېتون، پىششىق خىش ياكى يۈزى باشقا ماددا بىلەن سۈرتۈلمىگەن ياكى سىرلانمىغان چىنە خىش ۋە ساپاللارغا ئۇرۇپ تەيەممۇم قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇپراق تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

شۇنداقلا ھاك، گەج، كوزا، كۈپ، سېغىز لايدىن ياسالغان ھېجىر تاۋاق، كېسەكتىن ياسالغان تام قاتارلىقلار بىلەن تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ، ئۈستىدە چاڭ – توزان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوخشاش. لېكىن، كۈل بىلەن تەيەممۇم قىلسا جائىز بولمايدۇ.

سۇ تېپىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئايالى بىلەن جىما قىلسا گۇناھكار بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.

تەيەممۇمنى چوڭ – كىچىك تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسە سۇندۇرىدۇ، يەنە سۇ تېپىلىش ياكى سۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشمۇ سۇندۇرىدۇ. ناۋادا تولۇق تاھارەت ئېلىشقا يەتمەيدىغان دەرىجىدە ئازغىنە سۇ بولسا، بەزى ئالىملار: «تەيەممۇم قىلىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «سۇنى يەتكىنىچە ئىشلىتىپ، ئاندىن كەم قالغان يەرگە تەيەممۇم قىلىدۇ» دېگەن.

تولۇق سۇ بولغان تەقدىردىمۇ يۇيۇنسا باشقىلارغا ئەۋرىتى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ۋەزىيەت بولسا، يۇيۇنماي تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. سۇنىمۇ ياكى تەيەممۇم قىلغۇدەك پاك تۇپراقنىمۇ تاپالمىغان كىشى، مەسىلەن، سۇ ياكى تۇپراق يوق يەرگە ياكى مەينەت يەرگە سولىنىپ قالغان كىشى، باغلىنىپ تەيەممۇم قىلالمايدىغان كىشى، ئايروپىلان، پويىز ۋە پاراخوتلاردا سۇ ياكى تۇپراق تاپالمىغان كىشى ھەمدە كېسەل سەۋەبىدىن يا تاھارەت ئالالمايدىغان، ياكى تەيەممۇم قىلالمايدىغان كىشىلەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تاھارەتسىز ئوقۇشى ۋاجىبتۇر، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلاردىن بەزىلەر: «كېيىن ئىمكانىيەت بولغاندا بۇ نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «قايتا ئوقۇيدۇ» دېگەن. ئەمما، مالىكىي مەزھەبتىكىلەر: «بۇنداق ئەھۋالدا، ناماز ساقىت بولۇپ كېتىدۇ، كېيىن قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن.

سۇ بىلەن تاھارەت ئالغان ئادەم تەيەممۇم قىلغان ئادەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا كۆپچىلىك ئالىملار جائىز دەپ قارايدۇ. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى تەيەممۇم ئۆزرىلىك كىشىنىڭ تاھارىتىدەك ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالغان تاھارەتتۇر» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «مەكرۇھ» دېگەن. لېكىن، يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سوغۇق بىر كېچىدە جۇنۇب بولۇپ قېلىپ تەيەممۇم قىلىپ، ھەمراھلىرىغا نامازدا ئىمام بولۇپ بەردى. كېيىن بۇ ئىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلگەن چاغدا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان ئىدى([13]).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ھ. 1427، 27 – سەفەر / م. 2006، 27 – مارت

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»


1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/23؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 1/209؛ «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 438 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
2. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/321.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (335)؛ «مۇسلىم»، (521).
4. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2/86.
5. Superbugs slain by soil antibiotic, New Scientist magazine, 17 May 2006.

Teyemmüm


6. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/174.
7. شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي: «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە»، 1/381.
8. «ئەھمەد»، (17845)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (334). سەنەدى «سەھىھ»تۇر.
9. «بۇخارىي»، «ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ۋەﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯ قېلىشتىن ﻗﻮﺭﻗﺴﺎ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ» بابى.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (337)؛ «مۇسلىم»، (369).
11. «فەتھۇلقەدىر»، 1/138؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21/465؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/271.
12. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/167؛ «ئەلمۇغنىي»، 1/166؛ ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1/337؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4/395.
13. «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/230؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/123؛ «فەتھۇلقەدىر»، 4/167؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21/360.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ