ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار

ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار

(الصكوك الاسلامية Islamic instrument or Islamic bonds or Islamic Sukuk)

 

شەرئىي تەھلىل

 

ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار يېڭى پەيدا بولغان بىر تۈر بولۇپ، تۇنجىسى 1996 – يىلى يولغا قويۇلغان. هازىر مالايشىيا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۆپرەك ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەگەر شەرئىي ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە بۇ تۈر ساغلام بىر مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولالىشى مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ تۈرلۈك زايوملاردا شەرئىي ئۆلچەملەرنىڭ تېپىلىشى ناتايىن.

ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن:

چوڭراق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئوتتۇرا ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەسسىدارلىق شىركىتىدىن بىرى قۇرۇلىدۇ. بۇ شىركەتنى بەزىدە ئىسلام بانكىسى ياكى باشقا مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى قۇرۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ شىركەت كېرەكلىك مەبلەغنى ئۆسۈملۈك قەرز ئارقىلىق يىغىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسىدىن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (مۇزارەبە) ئاساسىدا يىغىدۇ.

ئۇ ئىشقا 10 مىليون دوللار لازىم دېسەك، 10 دوللارلىق زايومدىن بىر مىليوننى بازارغا سالىدۇ. بۇ تۈرلۈك زايوملارنىڭ ھەربىرىنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن ھەربىرى 10 دوللارلىق. بۇ زايومدىن بىرنى سېتىۋالغۇچى 10 مىليونلۇق مەبلەغ سېلىشتا مىليوندا بىر ھەسسىگە ئىگە بولىدۇ.

بۇ زايوم شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (مۇزارەبە) قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن زايومنى بازارغا سالغان ئورۇن كۈچ ئىگىسى، زايوم سېتىۋالغانلار پۇل ئىگىسى بولىدۇ. پايدا شىركەت بىلەن زايوم ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا پۈتۈشكەن پىرسەنت بويىچە ئايرىلىدۇ، زىيان كۆرۈلسە زايوم ئىگىلىرىگە بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىققاندىن كېيىن شىركەت ئۇنى ئىجارە، سەلەم (پۇلنى ئالدىن بېرىپ تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇۋېلىش) قاتارلىق شەرىئەتكە ئۇيغۇن يوللار بىلەن ئىشلىتىدۇ ۋە ماڭدۇرىدۇ.

مەسىلەن، بۇ ئورۇننى ئىجارىگە بەرسە، ئىجارىگە ئالغۇچى ئورۇن بۇ ئورۇننىڭ ئەسلى پۇلىدىن بىر قىسمىنى ئىجارىسى بىلەن بىللە قوشۇپ تۆلەپ ماڭىدۇ. ئەسلى ئىگىدارچىلىق قانچىلىك يۆتكەلگەنسىرى شۇنىڭغا قاراپ ھەر يىلى ئىجارە ھەققى كېمىيىپ ماڭىدۇ. ئاخىرقى يىلى ئۇ ئورۇننىڭ پۇلىنىڭ ھەممىنى تۆلەپ بولغان ۋە سېتىۋالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زايوم ئىگىلىرى ئانا سەرمايىسىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ئىجارىنىمۇ قولىغا ئالغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇ ئىش «كېمىيىپ ماڭىدىغان شېرىكچىلىك» ياكى «ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى» دائىرىسىگىمۇ كىرىدۇ.

بۇ زايومنى سېتىۋالغانلار ئۇنى ئېلىپ – ساتالايدۇ. ئىگىدارچىلىقىنى، ھەدىيە بېرىۋېتىش، رەنىگە قويۇش، مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق باشقىلارغا يۆتكىيەلەيدۇ.

ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم بىلەن پاي چېكىنىڭ پەرقى:

1. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئەمما پاي چېكى قانۇن – تۈزۈملەردە شەرىئەتكە بويسۇندۇلمايدۇ.

2. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم مەلۇم بىر ياكى بىرقانچە ئىش ئۈچۈن چىقىرىلىدۇ. ئۇنى باشقا ئىشقا يۆتكىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن بىر ئايرودروم سېلىش پىلانى ئۈچۈن چىقىرىلغان زايوم، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بوغۇلىدۇ. ئەمما پاي چېكى چىقارغان شىركەت خاھلىسا قىلىۋاتقان پائالىيىتىنى ئۆزگەرتىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە بوغۇلماي داۋاملىشىشى مۇمكىن.

3. پاي چېكى ئىگىسىنىڭ شىركەت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش، ئاۋاز بېرىش، باشقۇرۇشتا رول ئېلىش ۋە نازارەت قىلىش ھەققى بولىدۇ. زايوم ئىگىسىنىڭ بۇنداق ھەققى بولمايدۇ.

بۇ زايوملارنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1. بۇ زايوملاردا پايدىنى ئىككى تەرەپ قانچىلىكتىن بۆلۈشۈشكە ئالاقىدار ماددا زايوم بازارغا سېلىنغاندىلا ئېنىق يېزىلغان بولۇشى، كېچىكتۈرۈلمەسلىكى كېرەك.

2. شىركەت زىياننى ئۈستىگە ئالماسلىقى ياكى ئاز بولسىمۇ مەلۇم مىقداردا پايدا بېرىشكە كاپالەتلىك قىلماسلىقى شەرت.

3. شىركەت ۋەزىپىسىنى قۇسۇرسىز ئورۇنداپ زىيانغا سەۋەب بولمىسىلا، چىققان زىيان زايوم ئىگىلىرىگە بولۇشى كېرەك. شىركەتكە بولمايدۇ. چۈنكى، شىركەت كۈچىنى زىيان تارتقان بولىدۇ.

4. زايومنى سودا قىلغان چاغدا باھاغا كېلىشىپ ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. شىركەت زايومنى كېيىنچە بازار باھاسى بويىچە ياكى زايوم ئىگىسى بەرگەن باھا بويىچە رازىلىشىپ سېتىۋېلىشقا پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ.

5. ئىش بەلگىلەنگەن مۇددەت (مەسىلەن قىسقا مۇددەتلىكى بىر يىل، ئوتتۇرا مۇددەتلىكى 5 يىل، ئۇزۇن مۇددەتلىكى 20 يىل) تە بوغۇلغاندا زايوم ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ. زايومنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى زايوم بازارغا سېلىنغاندا بەلگىلىنىشى كېرەك(1).

ئەلبەتتە زىيان بىلەن بىرلىكتە زايوم ئىگىسى زايومدىكى ئىگىدارچىلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان چىقىم ياكى باھا چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىك كېلىدىغان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

چۈنكى زايوم بەزىدە نەق پۇل، بەزىدە زېمىن ۋە مۇقىم مۈلۈك، بەزىدە ئۈسكۈنە ۋە پايدىلىنىش ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا زايوم ئىشىدا زىيان ۋە چىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خېيىم – خەتەر ئامىللىرىمۇ خېلى بار. مەسىلەن: تېز ئېلىم – سېتىم قىلىدىغان بازار يوقلۇقى، ئىش تاپشۇرۇلغان تەرەپ ئىشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ بەرمەسلىكى، تاۋارنىڭ ۋە پۇللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ – چۈشۈشى… شۇنداقلا ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىمۇ زايومغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پۇل ۋە بانكىچىلىق سىستېمىسى ئۆسۈم باھاسىغا باغلانغان. بولۇپمۇ مۇرابەھە (پايدىسىغا نېسىي ئېلىپ بېرىش) سودىسىغا مەبلەغ سېلىشتا ئۆسۈم پىرسەنتىنى ئاساس قىلغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق.

2010 – يىلى ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار ئىچىدە ئىجارە زايوملىرى %35 نى، شېرىكچىلىك زايومى %30 نى مۇرابەھە(2) زايومى %28 نى، سەلەم(3) زايومى، %5 نى، مۇزارەبە(4) %1 نى، ئىستىسناﺋ(5) %1 نى تەشكىل قىلغان(6).

يەنە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم چىقىرىش ئەسلىدە يوق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. مەسىلەن بىر ئۇنۋېرسىتېت ياكى بىر دوختۇرخانا ياكى بىر ئايرودروم بىنا قىلىنىشى ئۈچۈن زايوم بازارغا سېلىنىدۇ. ئەمما ئەسلىدە بار بىر ئۇنۋېرسىتېت ياكى بىر دوختۇرخانا ياكى بىر ئايرودروم زايوم ئىگىلىرىگە سېتىلىپ كېيىن ئۇنى بىر شىركەت زايوم ئىگىلىرىدىن ئىجارىگە ئېلىپ ئاخىرىدا ئۇنى سېتىۋالسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر خىل تەپمە ھالال قىلىنغان جازانىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار بەزىدە مۇزارەبە زايومى، بەزىدە سەرمايە شېرىكچىلىكى زايومى، بەزىدە كېمىيىپ ماڭىدىغان شېرىكچىلىك زايومى، ياكى مۇرابەھە زايومى، ياكى سەلەم زايومى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللاردا ئاشۇ مۇئامىلىلەردە شەرىئەت بەلگىلىگەن ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنمىسا بولمايدۇ. يەنە بەزىدە خەير – ئېھسان زايومى بولۇپ، بۇنىڭدا ماددىي پايدا كۆزلەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن.

مەسىلەن، مۇرابەھە زايومىدا بانكا مۇرابەھە سودىسىنى قىلغاندا مۇرابەھە سودىسىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن قويۇلغان ئۆلچەملەرگە تولۇق رىئايە قىلىشى لازىم. مۇرابەھە سودىسىنى ئۆلچەملىك قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇنىڭدىن سىرت قەرزگە بوغۇلغان خېرىدارلاردىكى قەرزنى بانكا زايوم شىركىتىگە سېتىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. زايوم شىركىتىگە سېتىۋەتسە ئۇ شىركەت زايوم چىقىرىپ ئاشۇ قەرزنى زايوم خېرىدارلىرىغا ساتىدۇ. مانا بۇ قەرزنى قەرزگە بوغۇلغان كىشىدىن باشقىلارغا سېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جازانە بولىدۇ. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ بۇنى چەكلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن:

«ۋاقتى كەلمىگەن قەرزنى قەرزگە بوغۇلغان كىشىدىن باشقىلارغا ئۆز جىنسىدىن ياكى باشقا جىنستىن بولغان پۇلغا نەق سېتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ جازانىگە ئېلىپ بارىدۇ.. بۇنىڭدا قەرز نېسى سودىدىن كېلىپ چىققان بولسۇن ياكى قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان بولسۇن ئوخشاش»(7).

يەنە بىر مەسىلە. بەزى زايوملار بازارغا سېلىنغاندا تەپسىلاتلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىق سەۋەبلىك كۆڭۈل خاتىرجەم بولالماي قالىدۇ.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار ھەققىدە قارار ئالغان ۋە بۇ قاراردىمۇ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان زىيان ۋە باھا چۈشۈپ كېتىش، رېمونت قىلىش، سۇغۇرتىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاقىدار بارلىق چىقىمنى زايوم ئىگىسىنىڭ كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، پايدا ياكى سەرمايىگە شىركەت كاپالەتلىك قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» يەنە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارغا ئالاقىدار ئەھكاملارنى مۇنداق بايان قىلغان:

1. زايومنى چىقارغان ئورۇن زايوم ئىگىلىرىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشقا ياكى پايدا كۈتكەن مىقداردىن كېمىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا پۇل قوشۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلسا بولمايدۇ. ئىش بوغۇلغاندا ياردەم قىلسا، قەرز بەرسە مەيلى. ئۆرپ – ئادەتتە كاپالەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلار كاپالەت بەرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.

2. زايوم سەرمايىسىنى ماڭدۇرىدىغان ئورۇن ئامانەت تۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ قۇسۇر ئىشلىسە ياكى بۇزۇۋەتسە، زايە قىلىۋەتسە ياكى مۇزارەبە ۋە شېرىكچىلىك ياكى ۋەكالىتەن ماڭدۇرۇش قاتارلىق توختاملارنىڭ شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلمىغان تەقدىردە زىياننى تۆلىمەيدۇ.

3. زايوملارنى ئاياغلاشتۇرغاندا زايوم چىقىرىلغاندىكى باھا بويىچە بوغۇشقا بولمايدۇ. ئۇنى بازار باھاسى ياكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باھا بويىچە ئاياغلاشتۇرىدۇ.

4. زايومنىڭ قولدىن قولغا يۆتكىلىش ئىشلىرىدا «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 30(3/4) – نومۇرلۇق تۆۋەندىكى قارارىدا كەلگەن ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنىدۇ:

1. زايومنىڭ قىممىتى تېخى پۇل ھالىتىدە بولسا ئۇنىڭغا شەرىئەتتىكى پۇلنى پۇلغا ئالماشتۇرۇش (سەرراپلىق) ئەھكاملىرى تەتبىقلىنىدۇ.

2. زايومنىڭ قىممىتى مۇرابەھە سودىسىدا بولغاندەك قەرزگە ئايلىنىپ قالغان بولسا قولدىن قولغا يۆتكەشتە ئۇنىڭغا شەرىئەتتىكى قەرز ئەھكاملىرى تەتبىقلىنىدۇ. يەنى ھاۋالە تەرىقىدە ئوخشىشىنى بېرىشتىن باشقىسى چەكلىنىدۇ.

3. مۇزارەبە مۈلكى نەق پۇل، قەرز، مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ ئارىلاشمىسى بولغان تەقدىردە زايومنى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باھادا ئېلىپ – ساتسا بولىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقى تەشكىل قىلغان بولۇشى شەرت. ئۇنداق بولماي كۆپ قىسمىنى نەق پۇل بىلەن قەرز تەشكىل قىلسا، بۇ كېيىنكى ئىزاھلىشىمىزدا بايان قىلىنىدىغان ئەھكاملار بويىچە قولدىن قولغا يۆتكىلىدۇ.

جىمى ئەھۋاللاردا قولدىن قولغا يۆتكىلىشنى زايوم چىقارغان ئورۇننىڭ دەپتىرىگە تىزىملاپ مېڭىش لازىم.

1. ئىسلامچە زايومنى جائىز دېيىش قەرزلەرنى زايوملاشقا ھىيلە ئىشلىتىشكە باھانە قىلىنسا بولمايدۇ. شۇنداقلا تاۋاردىن پەيدا بولغان قەرزلەرنى تىجارەت ئوبيېكتى قىلىۋېلىشقا ياكى ئازراق تاۋارنى قەرزلەرنى ئېلىپ – سېتىشنى تەپمە ھالال قىلىۋېلىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ(8).

دېمەك، دەسلەپكى باسقۇچتا زايوم پۇللىرى جەملىنىپ تېخى ئۇ پۇللار مۇقىم مۈلۈك ياكى تاۋارغا ئايلاندۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، شۇنداقلا زايوم ئىشى بوغۇلۇپ تولۇق نەق پۇلغا ئايلىنىپ بولغان ئەھۋالدا ئۇلارنى ئېلىپ – سېتىشتا چوقۇم شەرىئەت بويىچە سەرراپلىق ئەھكاملىرى تەتبىقلىنىشى كېرەك. يەنى 10 دوللارلىق بىر زايومنى دوللارغا ساتماقچى بولسا پەقەت 10 دوللارغىلا ساتالايدۇ. زايومنى ساتماقچى بولسا ئارتۇق ياكى كەم باھادا ساتماي، ئەسلىدىكى باھا بويىچە ساتىدۇ. پايدا تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ پۇلنى پۇلغا سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ چاغدا بۇ ئىش يېڭى بىر سودا توختىمى بولماي، ئەسلىدىكى زايوم توختىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى بۇزۇش بولىدۇ.

شۇنداقلا زايومدىن يىغىلغان مەبلەغ مۇرابەھە قاتارلىق نېسى سودىلارغا سېلىنغان تەقدىردە، شىركەتنىڭ قولىدا قەرزلەر يىغىلغان بولسا، بۇ قەرزلەرنى باشقىلارغا سېتىش ياكى يېڭى زايوم ئىگىلىرىگە سېتىش يۇقىرىقى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ قارارىدا كەلگەندەك چەكلىنىدۇ. يەنى مۇرابەھە قەرزلىرىنى زايوملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. نەتىجىدە بۇ تۈرلۈك زايوملارنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ(9).

لېكىن بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: زايوم ئۈچۈن يىغىلغان مەبلەغ تېخى بىرەر زاۋۇت ياكى قۇرۇلۇش ياكى بىر ئورۇننى بىنا قىلىپ ئىش باشلىماي تۇرۇپ ياكى بىر قىسمى نەق پۇل ھالىتىدە تۇرۇپ قانداقسىگە ئىجارە توختاملىرىنى قىلالايدۇ؟ زايومنى ئېلىپ – ساتالايدۇ؟

بۇ مەسىلىنى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن مۇنداق قارار ئالغان:

ئالدى بىلەن ئورۇن تەييار بولماي تۇرۇپ ئۇنى ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىدە:

1. كېيىنچە مۇنداق نەرسىنى ئىجارە بېرىمەن دەيدىغان ئىجارىدە پۇلىنى ئالدىن بېرىشكە، قەرەلگە بۆلۈشكە ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.

2. كېيىنچە مۇنداق نەرسىنى ئىجارە بېرىمەن دەيدىغان ئىجارىدە ئىجارىگە بەرگۈچى ئىجارە پۇلغا پەقەتلا ئىجارىگە ئالغۇچىغا ئىجارىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى تاپشۇرغاندا ئاندىن ھەقلىق بولىدۇ.

3. ئىشلەش ۋە ياللاش ئىشلىرىدا ئىش ھەققىنى ئالدىن بېرىشكە، قەرەلگە بۆلۈشكە ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.

4. يۇقىرىقىلار شەرىئەتتە چەكلەنگەن قەرزنى قەرزگە سېتىشقا ئېلىپ بارماسلىقى ياكى مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولمىغان نەرسىدىن پايدا ئېلىشقا ئېلىپ بارماسلىقى ياكى ساتقۇچىنىڭ قولىدا يوق نەرسىنى سېتىشقا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.

زايوم تېخى بىر قىسمى نەق پۇل ھالىتىدە تۇرۇپ زايومنى ئېلىپ – سېتىش مەسىلىسىدە:

1. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 188 (3/20) – نومۇرلۇق قارارىنى تەكىتلەيدۇ.

2. تېخى قۇرۇلمىغان ئورۇننىڭ زايومىنى مەنپەئەت قولغا كېلىدىغان ئورۇننى بېكىتمەي تۇرۇپ قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ.

3. تېخى قۇرۇلمىغان خىزمەت سۇنۇش ئورنىنىڭ زايومىنى خىزمەت سۇنىدىغان ئورۇن مۇقىمدالماي تۇرۇپ قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. پەقەتلا قەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى بويىچە قولدىن قولغا يۆتكىلىدۇ. ئورۇن مۇقىمدالغاندا ئاندىن زايومنى قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولىدۇ.

4. بۇيرۇتۇپ ياسىلىۋاتقان ۋە كېيىنچە ئىجارىگە بېرىشكە پۈتۈشكەن بىنا ياكى ئورۇننىڭ زايومىنى بۇيرۇتۇپ ياسالغان نەرسە ياسىلىشقا باشلىماستىن قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ(10).

يۇقىرىقىلار ئىسلامغا ئۇيغۇن زايومغا قويۇلغان شەرئىي ئۆلچەملەر بولۇپ، ئەگەر بۇ ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنمىغان تەقدىردە ئۇ زايوملارنى بازارغا سېلىش ۋە ئېلىپ – سېتىش جائىز بولمايدۇ.

ئەمدى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام بانكىلىرى بازارغا سېلىۋاتقان زايوملار يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە چۈشەمدۇ؟ چۈشمىسە قانچە پىرسەنتى چۈشمەيدۇ؟ بۇ مەسىلىمۇ بۇ زايوملارغا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.

ئىسلام ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇللاھ ئەلئىمرانىينىڭ بايان قىلىشىچە «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»(11) زايوملارنىڭ تىجارىي مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنمىغان.

دوكتور ئابدۇللاھ ئەلئىمرانىينىڭ بايان قىلىشىچە، مالايشىيادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتنىڭ ئېچىپ تاشلىشىچە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ %90 تى ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە: «ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردىكى شەرىئەتكە زىت نېگىزلىك مەسىلە ئۇنىڭ زىيان تارتماسلىق ۋە پايدا ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتەك جەھەتلەردە بازاردىكى جازانىلىك قەرز سەنەدلىرىگە يېقىنلاپ قالغانلىقى بولۇپ، بۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردىكى ئەڭ چوڭ شەرئىي چاتاق».

بۇرۇن 2009 – يىلىدا «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»نىڭ شەرئىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارنىڭ %85 تى ئۇنىڭدىكى قايتا سېتىۋېلىش كېلىشىملىرى تۈپەيلى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

كۆپلىگەن ئىسلام بانكىلىرنىڭ شەرئىي نازارەت ھەيئىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»نىڭ ئەزاسى شەيخ ئابدۇللاھ مەنىيئىي بۈگۈنكى ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆسۈملۈك قەرز ھۆججىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە جىددە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەلبەرەكە ئىسلام بانكىچىلىقى 36 – قېتىملىق سەمىنەرى» دە مۇنداق دېگەن: «ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ناچار تەتبىقلىنىشى ئىسلام بانكىچىلىقىنى چاپىدىغان چوتقا ئايلىنىپ قالدى. ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىدە بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام ئۆلچەملىرىدىن پۈتۈنلەي يىراق. چۈنكى، بۇ زايوملار ماھىيەتتە تەپمە ھالال قىلىپ كۆرسىتىدىغان پەردە خالاس. ھازىر بۇ زايوملار بولۇپمۇ قولتۇق دۆلەتلىرىدە ئادەتتىكى جازانىخور بانكىچىلىق بىلەن پاراللىل ماڭماقتا».

شەيخ ئابدۇللاھ مەنىيئىي يەنە ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارنىڭ ئىسلام بانكىچىلىقىنىڭ پائالىيىتىنىڭ %70 تىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بۇ زايوملار ئەسلىدە جازانىلىك سەنەدلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان ھالال زايوم بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ناتوغرا تەرەپلىرىنى تۈزىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«ئىسلام بانكىلىرى مەجلىسى CIBAFI»نىڭ رەئىسى ۋە يەتمىشىنچى يىللاردىكى ئىسلام بانكىچىلىقىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سالىھ ئابدۇللاھ كامىل خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئالىملارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شەيخ ئابدۇللاھ مەنىيئىينىڭ يۇقىرىقى تەنقىدلىرىگە قارىتا: «توغرا يولغا يۈتكىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بانكا ئىگىلىرى بۇ تەنقىدلەرگە قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سۈپەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز ئارزۇ قىلغاندىن ئىنتايىن يىراق» دېگەن.

سالىھ ئابدۇللاھ كامىل يەنە ئىسلام بانكىلىرىنىڭ پۇل تېپىشقا دۈم چۈشۈشىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنى سېتىۋېلىشقا يۈزلىنىشى ئۇلارنىڭ ھالالنى ئىزدىگەنلىكىدىن بولغان. ئەمما ئىسلام بانكىلىرىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامغا ئۇيغۇن دەپ ئاتىۋالغان ئۇ زايوملارنى ئىسلام ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جىقراق پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بازارغا سالىدىغان بولدى».

«ئىسلامىي گۈللىنىش بانكىسى Islamic Development Bank» مالىيە تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور سامى سۇۋەيلىم ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنى بازارغا سېلىۋاتقان ئىسلام بانكىلىرىدا بۇ ھەقتە يېتەرلىك ئاڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن بۇ زايوملارنى ئاخىرىدا جازانىلىك قەرز سەنەدىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان ياكى جازانىلىك قەرز سەنەدىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئەھۋاللار بارلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ جازانىلىك قەرز سەنەدىگە كۆنۈپ قالغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇلار جازانىلىك قەرز سەنەدىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە يېقىن كېلىدىغان شۇنداقلا ئوخشاش ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان تۈرگە مايىل بولۇش ۋە ئادەتلىنىپ قېلىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن(12).

«ئىنما ئىسلام بانكىسى Alinma Bank» ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلمۇھسىن ئابدۇلئەزىز: «ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردىكى شەرئىي چاتاقلارنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئۇ زايوملار ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جازانىلىك قەرز سەنەدلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بولغان» دېگەن(13).

مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي دەيدۇكى: جازانىلىك قەرز سەنەدلىرىدىكى خۇسۇسىيەتلەر ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردا ئەينەن تېپىلمايدۇ. لېكىن ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنى بازارغا سالغۇچىلار زايوملىرىدا بۇ خۇسۇسىيەتلەر يۆگەلگەن شەكىلدە تېپىلىشقا ئۇرۇنغان ۋ بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك مېخانىزملارنى پەيدا قىلغان. بۇلارنى 3 نۇقتىغا ئىخچاملاش مۇمكىن:

1. ئەسلىدە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار شۇ ئىشتىكى مۇقىم مۈلۈكلەردىكى پىرسەنتلىك ئىگىدارچىلىقنى كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ئۇنى جازانىلىك قەرز سەنەدىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئىگىدارچىلىقنى كۆرسەتمەيدىغان زايوملار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ زايوملار پەقەتلا ئىگىسىگە ئۇ زايوملارنىڭ پايدىسىنى ئېلىش ھەققىنىلا بېرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پاي چېكىنىڭ پايدىسىنى سېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، بۇ شەرىئەتتە جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا بانكا ئارىلاشقان ئىجارە، ئىستىسناﺋ ۋە مۇرابەھەنىڭ بىرىكمىسى ئاساسىدا چىقىرىلغان بەزى زايوم بولۇپ، بۇ زايوملارغا مۇرابەھەنى كىرگۈزۈش قەرزنى سېتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمىدا جازانىلىك قەرز سەنەدىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان ھەر قەرەلدە ئۆسۈم باھاسى (لايبور LIBOR) ئاساسىدا پايدا ئايرىپ بېرىش خۇسۇسىيىتى پەيدا قىلىنغان. بۇنى تەپمە ھالال قىلىش ئۈچۈن زايوم توختىمىدا بىر ماددا يېزىلىپ ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەبلەغ سېلىشتىن كېلىپ چىققان ھەقىقىي پايدا ئۆسۈم باھاسى پىرسەنتىدىن ئارتۇق بولسا، ئارتۇق پۇلنىڭ ھەممىسى ئىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتنىڭ مۇدىرىغا ياخشى باشقۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات تەرىقىسىدە بېرىلىدۇ. ھەقىقىي پايدا ئۆسۈم باھاسى پىرسەنتىدىن كەم بولسا، ھەقىقىي پايدا بىلەن ئۆسۈم باھاسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ئىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتنىڭ مۇدىرى زايوم ئىگىلىرىگە ئۆسۈمسىز قەرز سۈپىتىدە بېرىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ». بۇ قەرزلەرنى مۇدىر كېيىنكى ئۆسۈم باھاسىدىن ئاشقان ھەقىقىي پايدىلاردىن ياكى زايومنى ئاياغلاشتۇرغان چاغدىكى مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تۆلىتىۋالىدۇ.

3. ھازىرقى ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ ھەممىسى جازانىلىك قەرز سەنەدلىرىگە ئوپئوخشاش زايومنى ئاياغلاشتۇرغاندا زايوم سەرمايىسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ زايوم چىقارغان شىركەتنىڭ كېيىنچە زايوم ئىگىدارچىلىقىدىكى مۈلۈكنى بازاردىكى باھاسى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زايوم باشلانغاندىكى ئەسلىي باھا بويىچە سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ مۇرەككەپ مېخانىزم ئارقىلىق ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار جازانىلىك قەرز سەنەدلىرىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنغان بولىدۇ. نەتىجىدە زايوم ئىگىسىگە ئۆسۈم باھاسى ئاساسىدا پايدا بېرىش ۋە سەرمايىنى زايوم ئاياغلاشقاندا تولۇق قايتۇرۇپ ئالالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ(14).

مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىينىڭ دېيىشىچە، «ئەگەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆزلىگەن نىشانلىرى ۋە ئىسلام ئىقتىسادىنىڭ غايىلىرى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، جازانىلىك قەرز سەنەدلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تېپىلغان بۇ زايوملار كۆزلەنگەن ئاشۇ نىشان ۋە غايىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ كېلىدۇ. جازانە ھارام قىلىنىشتىكى ئېسىل نىشان تىجارەت ۋە سانائەت ئىشلىرىدىن كەلگەن كىرىم شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئادالەت ئاساسىدا تەقسىم قىلىنىشىدۇر. ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارنىڭ مېخانىزمىسى بۇ ئاساسنى تېگىدىن ئۆرۈپ تاشلاپ، بۇ زايوملارنى ئىقتىسادىي نەتىجىسى جەھەتتىن جازانىلىك قەرز سەنەدلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «ئەسلىدە ئىسلام بانكىلىرى ئىسلام ئىقتىسادى نىشانلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي ئىشلارغا يۈزلىنىشى ۋە جازانە ئىشلىرىغا ئوخشاپ قېلىشتىن قەدەممۇقەدەم يىراقلىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر بولۇۋاتقىنى تامامەن ئەكسى. چۈنكى، ئىسلام بانكىلىرى جازانىخور بازار ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇجۇرىدىن بۇجۇرىگىچە تولۇق سۇنۇشتا بەسلەشمەكتە. جازانىدىن يىراقلىشىشنىڭ ئورنىغا جازانىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئارقىغا چېكىنىدىغان يېڭى تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ يېڭى تۈرلەر كۆپىنچە ئەھۋالدا ساغلام پىكىرمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان، دۈشمەنلەرمۇ قوڭىدا كۈلىدىغان ھىيلىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ»(15).

خۇلاسىلىسەك، ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملار ھەقىقەتەن شەرئىي ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا بازارغا سېلىنسا، ئۇنى ئېلىپ سېتىشتىكى ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، – ئەمەلىيەتتىمۇ كۆپ قىسمى ئۇنداق ئەمەس، – ئۇنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارنىڭ زاكىتى

زايوملار شېرىكچلىك ئاساسىدىكى تىجارىي ئىشنىڭ سەرمايىسىدىكى نېسىۋىنى كۆرسىتىدىغان ھۆججەت بولغاچقا، ئەگەر بۇ زايوم ھالال دائىرىدىكى تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ زايومى بولسا بۇ تۈرلۈك ھۆججەتلەردىكى مال – مۈلۈككە زاكات ئايرىش پەرز بولىدۇ. چۈنكى، بۇمۇ مال – مۈلۈكتىن ئىبارەت.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سەن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن﴾(9/«تەۋبە»: 103).

ھازىرقى دەۋردىكى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ۋە «زاكات قۇرۇلتىيى» قاتارلىق فىقھ ئورگانلىرى ھالال دائىرىدىكى پاي چېكىغا زاكات ئايرىش پەرز دەپ قارار ئالغان بولۇپ، زايوملار پاي چېكىگە قىياس قىلىنىدۇ(16).

بۇنىڭغا ئاساسەن، زايومدىكى ئىقتىساد قەرزدىن خالىي، يىلنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا تولۇق ئىگىدارلىقى بولغان، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بايلىق بولسا ئاندىن زايومنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە زاكات ئايرىش پەرز بولىدۇ.

ئەگەر بۇ زايوملار ئىجارە زايوملىرى بولغان تەقدىردە، زاكات ئۇ زايوملارنىڭ ئومۇم پۇلىغا ئەمەس، كىرىمىگە كېلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىجارىدىن كىرگەن كىرىمنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ يىل ئاخىرىدا %2.5 زاكات ئايرىيدۇ. ئارىدا بۇ زايوملارنى سېتىۋەتسە پۈتۈن پۇلنى قولىدىكى پۇللارغا قېتىپ ھەممىگە %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

قانچىلىك زايومغا قانچىلىك مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ؟ بۇ زايوم ئىگىسىنىڭ نىيىتى ۋە زايومنىڭ قايسى تۈرگە مەبلەغ سېلىنغانلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئەگەر زايومنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ زايومنىڭ پۇلىغا زېمىن ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق يىللىق ياكى مەۋسۇملۇق غەللىسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سېتىۋالغان تەقدىردە، بۇ زېمىن مەھسۇللىرىنىڭ زاكىتىغا ئوخشاش، زايومنىڭ ئانا پۇلىغا زاكات ئايرىماستىن، ئۇنىڭدىن ئالغان يىللىق ياكى مەۋسۇملۇق پايدىغا قولىغا ئېلىپ بىر يىل ئۆتكەندە %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

ئەگەر زايومنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭ پۇلىغا زېمىن ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسا، ئۇنىڭغا تىجارەت ماللىرىغا زاكات ئايرىغاندەك زاكات ئايرىيدۇ. يەنى ھەر يىلى زاكات بېرىش ۋاقتى كەلگەندە زايومنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە قىممىتىگە ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىغا %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

ئەگەر يىل توشماستا زايومنى سېتىۋەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ پۇلىنى قولىدىكى پۇللارغا قوشۇپ، زاكات بېرىدىغان ۋاقتى كەلگەندە ھەممىگە بىراقلا زاكات ئايرىيدۇ(17).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھ. 1441، 13 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2019، 10 – نويابىر

—————-
1. «مفهوم صكوك الإستثمار الإسلامية وخصائصها ودورها في تمويل التنمية» د. حسين شحاتة الأستاذ بكلية التجارة – جامعة الأزهر. www.Darelmashora.com «الصكوك الإسلامية كمنتج شرعي بديل عن الأدوات الربوية ودورها في تحقيق التنمية الاقتصادية» د. إبراهيم محمد عبد السميع – مجلة كلية أصول الدين والدعوة – جامعة الأزهر. العدد الخامس والثلاثون 2017 الجزء الأول، 865 -بەت.
2. مۇرابەھە (پايدسىغا سېتىش) سودىسى (الْمُرَابَحَةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئۆزئارا پايدا ئېلىشنى بىلدۈرىدىغان (رَابَحَ) كەلىمەسىنىڭ مەسدەرى»دۇر. كلاسسىك فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشۇپ سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز بولۇپ، كۈنىمىزدىكى «ئىسلام بانكىلىرى»دىكى «مۇرابەھە» بۇنىڭدىن پەرقلىق. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 9/49؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 389 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
3. سەلەم (ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى (بَيعُ السَّلَمِ/ بَيعُ السَّلَفِ): ئەرەبچىدە بۇ سۆز: «ئالدىن بېرىش، ئالدىن تاپشۇرۇش» دېگەن مەنىدە. «السَّلَفُ» دېگەن سۆزمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام فىقھىدا: «ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ سودىدا پۇلنى ئالدىن نەق بېرىپ، تاۋارنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەلەم سودىسى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى سەلەم دېگەن پۇلنى ئالدىن بېرىپ تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىش – سېتىۋېلىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جازانە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپىتىنى ئېنىق بېكىتكىلى، مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان ھەرقانداق تاۋاردا سەلەم سودىسى دۇرۇس بولىدۇ. يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولماستىن سودىنى كېسىپ قىلىش كېرەك. بولمىسا جائىز بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سودىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ: «كىمكى مالغا ئالدىن پۇل ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن، كەمچەننى ئېنىق، ئېغىرلىقنى ئېنىق ۋە مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلەپ پۇل ئۆتكۈزسۇن» دېگەن («بۇخارىي» 2240). قاراڭ: ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2/35؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 11/371؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/191 – 200.
4. ئەلمۇزارەبە / پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (الْمُضَارَبَةُ / Mudarabah): بۇ پۇلى بار كىشى بىلەن كۈچى بار كىشىنىڭ پايدىنى مەلۇم پىرسەنت بويىچە بۆلۈشۈش مەقسىتىدە، پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلنى كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە پايدا چىقسا، ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن مەلۇم ئۈلۈش بويىچە تەقسىم قىلىپ ئالىدۇ. زىيان چىقسا، ماددىي زىياننىڭ ھەممىسىنى پۇل چىقارغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، كۈچ چىقارغۇچى ماددىي زىيان تارتمايدۇ، بەلكى پەقەتلا سەرپ قىلغان كۈچىنىڭلا زىيىنىنى تارتىدۇ. «مۇزارەبە» ياكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ «مۇرابەھە»، «ئىينە سودىسى» ۋە «پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق» قاتارلىق جازانىلىك كېلىشىملەردىن پەرقى ئۆسۈمسىز سەرمايە – ئەمگەك شېرىكچىلىكىدۇر. جازانە — باشقىلارنىڭ قان – تەرىنى سۈمۈرۈش ۋە پۇرسەتپەرەستلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، جازانە كېلىشىمىدە تەر ئاققۇزماستىن پايدىغا ئېرىشىلىدۇ. ۋەھالەنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پايدا چىقسا ھەربىر تەرەپ پايدىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، زىيان چىقسىمۇ ھەربىر تەرەپ زىياندىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلىنى ياكى كۆزلىگەن پايدىنى، كۈچ ئىگىسى كۈچىنى ياكى كۆزلىگەن پايدىنى زىيان تارتىدۇ. پۇلنى باشقىلارغا بېرىپ، پەقەتلا زىيان تارتماي، مۇقىم، خەتىرى يوق پايدىغا ئېرىشىش بولسا كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ، قول سېلىپ ئىشلەش روھىنى يوق قىلىدۇ. دىلنى قارايتىپ، پۇرسەتپەرەست، تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىللەتلەردىن جانابىي ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەش كېرەك. قاراڭ: مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 3/202؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/15؛ ئابدۇرراھمان ئەلجەزىرىي: «ئەلفىقھۇ ئەلەل مەزاهبىل ئەربەئە»، 3/34؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/874.
5. ئىستىسناﺋ / بۇيرۇتما سودا (الْاِسْتِصْنَاعُ): ئەرەب تىلىدا: «بىرنەرسە ياساتقۇزماق، بىرنەرسە ئىشلەشنى بۇيرۇتماق»، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر ھۈنەرۋەنگە سۈپىتى، تاپشۇرۇش مۇددىتى ۋە باھاسى ئېنىق قىلىپ بىرەر نەرسە ياساپ بېرىش ھەققىدە بېرىلگەن تاپشۇرۇق سودىسى»دىن ئىبارەت. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 3/325؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 146 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
6. «الصكوك الإسلامية بين النظرية والتطبيق» د. أشرف دؤابة 9 -، 10 -بەت. «دور الصكوك الإسلامية في تمويل المشروعات» د. فتح الرحمن 19 -، 20 -بەت. محمد عبد السميع – مجلة كلية أصول الدين والدعوة – جامعة الأزهر. العدد الخامس والثلاثون 2017 الجزء الأول، 865 -بەت. «الصكوك الإسلامية كمنتج شرعي بديل عن الأدوات الربوية ودورها في تحقيق التنمية الاقتصادية» د. إبراهيم محمد عبد السميع – مجلة كلية أصول الدين والدعوة – جامعة الأزهر. العدد الخامس والثلاثون 2017 الجزء الأول، 908 -بەت.
7. «قرار مجمع الفقه الإسلامي الدورة الحادية عشر- البحرين. رجب 1419هـ نوفمبر 1998م. «الصكوك الإسلامية كمنتج شرعي بديل عن الأدوات الربوية ودورها في تحقيق التنمية الاقتصادية» د. إبراهيم محمد عبد السميع – مجلة كلية أصول الدين والدعوة – جامعة الأزهر. العدد الخامس والثلاثون 2017 الجزء الأول، 939 – 941 – بەت.
8. «الصكوك الإسلامية بين النظرية والتطبيق» د. أشرف دؤابة 93 – بەت. «الصكوك الإسلامية كمنتج شرعي بديل عن الأدوات الربوية ودورها في تحقيق التنمية الاقتصادية» د. إبراهيم محمد عبد السميع – مجلة كلية أصول الدين والدعوة – جامعة الأزهر. العدد الخامس والثلاثون 2017م الجزء الأول، 948 -بەت.
9. مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنبثق عن منظمة المؤتمر الإسلامي المنعقد في دورته التاسعة عشرة في إمارة الشارقة من 1 إلى 5 جمادى الأولى 1430هـ، الموافق 26-30 إبريل2009م.
10. مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنبثق عن منظمة التعاون الإسلامي المنعقد في دورته الحادية والعشرين بمدينة الرياض من: 15-19 محرم 1435هـ، الموافق 18-22 نوفمبر 2013م.
11. «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى» (هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية / AAOIFI): ھ. 1411 / م. 1991 – يىلى قۇرۇلغان ئىسلام مالىيەسى ئاستىقۇرۇلمىسىنى ھازىرلايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۆتىۋەر خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىرى. باش ئىشخانىسى بەھرەيندە. بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام مالىيەسى، ھېسابات، تەپتىش، ئىش ئەخلاقى ۋە ھەكەملىك قاتارلىق ئىسلام مالىيەسىگە ئالاقىدار تەسىرى كۈچلۈك بولغان 100 شەرئىي ئۆلچەم بېكىتىپ چىققان. ئۇنىڭغا 50 كە يېقىن دۆلەتتىكى مەركىزىي ۋە باشقا بانكىلار شۇنداقلا مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ئەزا بولغان ۋە مەزكۇر شەرئىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ كەلمەكتە. قاراڭ: AAOIFI تور بېتى: https://aaoifi.com/about-aaoifi/?lang=en
12. https://www.maaal.com/archives/78759
13. حلقة علمية لمناقشة بحث بعنوان مسائل فقهية في الصكوك، (بحث وتقويم) للباحث فيصل بن صالح الشمري. في فندق هوليداي ان الازدهار بمدينة الرياض بالتعاون مع كرسي سابك لدراسات الأسواق المالية الإسلامية. 1437هـ -2016م.
14. «الصكوك وتتبيقاتها المعاصرة»، بحوث في قضايا فقهية معاصرة. إعداد محمد تقي عثماني رئيس «المجلس الشرعي لهيئة المحاسبة والمراجعة» 2/265.
15. يۇقىرىقى مەنبە، 2/278.
16. مجلس «مجمع الفقه الإسلامي الدولي» المنعقد في دورة مؤتمره الرابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 18-23 جمادى الآخرة 1408 الموافق 6 – 11 شباط ( فبراير ) 1988م، «مؤتمر الزكاة الأول» المنظم بمعرفة بيت الزكاة بدولة الكويت 29 رجب ـ 1 شعبان 1404هـ ، الموافق 30 إبريل ـ 2 مايو 1984م.
17. مجلس «مجمع الفقه الإسلامي الدولي» المنعقد في دورة مؤتمره الرابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 18-23 جمادى الآخرة 1408 الموافق 6 – 11 شباط ( فبراير ) 1988م، «مؤتمر الزكاة الأول» المنظم بمعرفة بيت الزكاة بدولة الكويت 29 رجب ـ 1 شعبان 1404هـ ، الموافق 30 إبريل ـ 2 مايو 1984م.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ