ئىستىسقاﺋ (يامغۇر تىلەش) كە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

ئىستىسقاﺋ (يامغۇر تىلەش) كە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئىستىسقاﺋ / يامغۇر تىلەش (الْاِسْتِسْقَاءُ): ئەرەب تىلىدا: «سۇغۇرۇشنى تەلەپ قىلماق، يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشنى تىلىمەك» دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «قۇرغاقچىلىق سەۋەبلىك سۇغا موھتاج بولغاندا، بەندىلەرنىڭ ئاللاھتىن يامغۇر تىلىشى»دىن ئىبارەتتۇر. ھۆكمى سۈننەتى مۇئەككەدە بولۇپ، شەھەر سىرتىدىكى مەيدانلاردا ياكى جامەلەردە ئەزان – تەكبىرسىز قىلىنىدۇ. فەقىھلەرنىڭ بەزىسى: «ئىستىسقاﺋ پەقەت دۇئا بىلەن بولىدۇ» دېگەن؛ يەنە بەزىلەر: «ناماز بىلەن بىللە دۇئا قىلىدۇ» دېگەن؛ يەنە بەزىلەر: «ناماز بىلەن دۇئا قىلىدۇ ھەمدە خۇتبە ئوقۇيدۇ» دېگەن. نامازنى ئادەتتىكى نامازدەك ئىككى رەكئەت ئوقۇسىمۇ، ھېيت نامىزىدەك ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. كۆپلىگەن ئالىملار قۇرغاقچىلىقنىڭ مولچىلىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ: «ئىستىسقائدا كىيىمىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا، ئاستىنى ئۈستىگە ياكى ئىچىنى تېشىغا، تېشىنى ئىچىگە ۋەياكى ئالدىنى ئارقىغا، ئارقىنى ئالدىغا قىلىپ ئۆرۈش مۇستەھەب» دېگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «كىيىمنى قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلغاندا ئۆرۈيدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «خۇتبىدە ئۆرۈيدۇ» دېگەن(1).

مەلۇمكى، قۇرغاقچىلىق بولغاندا يامغۇر ياغدۇرۇش ئىنسان قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئىش، ئۇ پەقەت ھەممىگە قادىر بولغان ئاللاھنىڭلا ئىلكىدىكى ئىش. شۇڭا، يامغۇرنى قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن تىلەش ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش يولغا قويۇلغان.

ئىستىسقاﺋ «قۇرئان كەرىم»دىكى 71/«نۇھ»: 10 – 12 – ئايەتلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر. ئۇنىڭ ھۆكمى تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاشلىماي قىلغان ۋە ئۇندىن كېيىن ساھابەلىرى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار قىلغان.

فەقىھلەرنىڭ بەزىسى: «ئىستىسقاﺋ پەقەت دۇئا بىلەن بولىدۇ» دېگەن، يەنە بەزىلەر: «ناماز بىلەن بىللە دۇئا قىلىدۇ» دېگەن، يەنە بەزىلەر: «ناماز بىلەن دۇئا قىلىدۇ ھەمدە خۇتبە ئوقۇيدۇ» دېگەن. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان.

خۇتبىنى نامازدىن ئىلگىرى ئوقۇسىمۇ، كېيىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئىككىگە بۆلۈپ قىلسىمۇ بولىدۇ. خۇتبىدە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، تەكبىر ۋە ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ئوقۇيدۇ، كېيىن دۇئا قىلغاندا قىبلە تەرەپكە قاراپ، قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ ئاللاھقا يېلىنىدۇ. دۇئانىڭ بىر قىسمىنى ئىچىدە، بىر قىسمىنى ئۈنلۈك قىلىدۇ.

نامازنى ئادەتتىكى نامازدەك ئىككى رەكئەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ ياكى ھېيت نامىزىدەك بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. نامازدا خاھلىغان ئايەتلەرنى ئوقۇسا بولىدۇ، ئايەتلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ.

ئىستىسقاﺋ نامىزىنى ھەركىم ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ناماز بىلەن ئىستىسقاﺋ قىلىش ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان چاغلاردىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، پەقەت دۇئا بىلەن ئىستىسقاﺋ قىلىش بولسا ھەرۋاقىتتا جائىزدۇر.

ئىستىسقائغا تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، شۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئاللاھقا يېلىنسا بولىدۇ. چۈنكى، ساھابەلەر شۇنداق قىلغان. ئىستىسقاﺋ شەھەر سىرتىدىكى ئوچۇق يەرگە چىقىپ ئوقۇلىدۇ، مەسجىدتىمۇ ئوقۇلىدۇ.

ئىستىسقائدىن بۇرۇن ئىمام (ياكى ھاكىم) بىر كۈننى بېكىتىپ كىشىلەرگە ئىستىسقائغا چىقىش ھەققىدە ۋەز – نەسىھەت قىلىدۇ، ئۇلارنى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىشقا، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇشقا، سەدىقە – ئېھسان قىلىشقا، ئۆزئارا ئاداۋەتنى تۈگىتىشكە، تائەت – ئىبادەتكە يۈزلىنىشكە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ. چۈنكى، ئاسىيلىق قۇرغاقچىلىقنىڭ، تائەت – ئىبادەت بەرىكەتنىڭ سەۋەبىدۇر.

كىشى ئىستىسقائغا چىققاندا چىشىنى چوتكىلاپ، يۇيۇنۇپ چىقىشى، يېڭى كىيىم كىيمەي، ئادەتتىكى كىيىمى بىلەن چىقىشى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ پىيادە مېڭىشى، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئاللاھقا يېلىنغان ھالدا چىقىشى مۇستەھەبتۇر.

ئىستىسقائغا ياشانغان بوۋاي – مومايلارنى، سەبىي بالىلارنى، ئاجىز، بىچارىلەرنى ۋە مال – ئۇلاغلارنى ئېلىپ چىقسا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ شۇلارنى دەپ بولسىمۇ يامغۇر ياغدۇرۇشى مۇمكىن. بەزى ئالىملار: «ئىستىسقائغا مۇسۇلمانلاردىن باشقىلار چىقمايدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ئۇلارنىڭ چىقىشى مەكرۇھ، چىقىپ قالسا توسۇشقا بولمايدۇ» دېگەن.

كۆپلىگەن ئالىملار قۇرغاقچىلىقنىڭ مولچىلىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ: «ئىستىسقائدا كىيىمىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا، ئاستىنى ئۈستىگە، ياكى ئىچىنى تېشىغا، تېشىنى ئىچىگە ۋەياكى ئالدىنى ئارقىغا، ئارقىنى ئالدىغا قىلىپ ئۆرۈش مۇستەھەب» دېگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «كىيىمنى قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلغاندا ئۆرۈيدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «خۇتبىدە ئۆرۈيدۇ» دېگەن.

ئىستىسقاﺋ نامىزى ئوقۇۋاتقان چاغدا يامغۇر يېغىشقا باشلىسا، نامازنى ئوقۇۋېتىپ، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىپ قايتسا بولىدۇ. ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن يامغۇر يېغىپ قالسا، ناماز ئوقۇمايلا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ قايتىدۇ.

ئىستىسقاﺋ قىلغاندىن كېيىن يامغۇر ياغمىسا، ئىستىسقائنى قايتا تەكرارلايدۇ، دۇئادا قاتتىق يېلىنىدۇ. ئالىملاردىن بەزىلەر: «ئىستىسقاﺋ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەكرارلانمايدۇ» دېسە، يەنە باشقىلار: «تاكى يامغۇر ياغقىچە تەكرارلىنىدۇ» دېگەن.

ئىستىسقائدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگىنىدەك: «ئى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنى ۋە چارۋىلىرىڭنى سۇغارغىن، رەھمىتىڭنى يايغىن، ئۆلۈك زېمىنىڭنى تىرىلدۈرگىن»، «ئى ئاللاھ! بىزگە ئازاب ۋە ئاپەت يامغۇرى ئەمەس، رەھمەت يامغۇرى ياغدۇرغىن، ئۆيلىرىمىزگە ئەمەس، باغ – ئېتىزلىرىمىزغا ۋە ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن»، «ئى ئاللاھ! بىزنى قۇرغاقچىلىقتىن قۇتقۇزىدىغان، زىيان ئۇرمايدىغان يامغۇر بىلەن سۇغارغىن، بىزنى ئۈمىدسىزلەردىن قىلمىغىن. ئى ئاللاھ! بەندىلەر، مال – چارۋىلار، يېزا – قىشلاقلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى، دەردىمىزنى ساڭىلا تۆكىمىز، ئى ئاللاھ! بىزنى ئاسماننىڭ بەرىكىتىدىن سۇغارغىن، زېمىننىڭ بەرىكىتىدىن زىرائەتلىرىمىزنى ئۆستۈرۈپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن ئاچ – يالىڭاچلىق ۋە بالايىئاپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتكىن، ئۇنى سەندىن باشقىسى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ئى ئاللاھ! سەندىن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشىڭنى سورايمىز، سەن ھەقىقەتەن مەغفىرەت قىلغۇچىسەن، بىزنى كەچۈرگىن، مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ ياكى ئۆزى بىلگەنچە مۇشۇنداق مەزمۇندا دۇئا قىلسا بولىدۇ. دۇئانىڭ ئالدىدا، ئارىسىدا ۋە ئاخىرىدا كۆپلەپ ئىستىغفار ئېيتىدۇ.

ئىستىسقائدىن كېيىن يامغۇر كۆپ يېغىپ زىيان بولسا، يامغۇرنىڭ توختىشى ئۈچۈن دۇئا قىلسا بولىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەنكى:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنى ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر ئادەم ئۆمەرنىڭ قەرزىگە ھېسابلاپ سېتىلغان ئۆيى تەرىپىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ رەسۇلۇللاھقا قاراپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مال – ۋارانلار ھالاك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلاغلار ئاجىزلاپ ئىشقا يارىماس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئاللاھقا دۇئا قىلغان بولسىلا، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرسە، — دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ:

— ئى ئاللاھ! بىزنى سۇغارغىن! ئى ئاللاھ! بىزنى سۇغارغىن! ئى ئاللاھ! بىزنى سۇغارغىن! — دەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، (رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلغان چاغدا) بىز ئاسماندا بىرەر پارچە بۇلۇت ياكى تۇتۇقلۇقنىمۇ كۆرمىگەن ئىدۇق، بىز بىلەن سەلئى تېغىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆي – ئىمارەتلەرمۇ يوق ئىدى. تاغنىڭ كەينىدىن قالقانغا ئوخشاش چوڭ بۇلۇت چىقىپ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە تارقىلىپ يامغۇر قۇيۇۋەتتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئالتە كۈن قۇياشنى كۆرمىدۇق. كېيىنكى جۈمەدە رەسۇلۇللاھ ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكتىن كىرىپ رەسۇلۇللاھقا قاراپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ (يامغۇر دەستىدىن) مال – ۋارانلار ھالاك بولۇپ، يوللار بۇزۇلۇپ كەتتى، ئاللاھقا دۇئا قىلغان بولسىلا، يامغۇرنى توختاتقان بولسا، — دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ قولىنى كۆتۈرۈپ:

— ئى ئاللاھ! ئۈستىمىزگە ئەمەس، ئەتراپلىرىمىزغا ياغدۇرۇپ بەرگىن، ئى ئاللاھ! تۆپىلىكلەرگە، دۆڭلەرگە، ۋادى تۈزلەڭلىكلىرىگە ۋە يايلاقلارغا چۈشۈرۈپ بەرگىن، — دەپ دۇئا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلدى، بىز چىقىپ كۈن نۇرى ئاستىدا ماڭدۇق»(2).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

ھ. 1430، 10 – سەفەر/ م. 2009، 5 – فېۋرال

—————–
1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 3/304 – 317.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1014)؛ «مۇسلىم»، (897).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ