ئىسلام شەرىئىتىدە زىنا جىنايىتىگە بەلگىلەنگەن جازا

ئىسلام شەرىئىتىدە زىنا جىنايىتىگە بەلگىلەنگەن جازا

جانابىي ئاللاھ بەندىلىرىنى ئېغىر جىنايەتلەردىن توسۇش ئۈچۈن شەرئىي جازالارنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ جازالار ئەرەب تىلىدا توسۇشنى ئىپادىلەيدىغان چەك – چېگرا مەنىسىدىكى «ھۇدۇد» سۆزى بىلەن ئاتالغان، يەنى بۇ جازالار: جىنايەتلەرنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنى توسىدىغان چەك – چېگرالاردۇر.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان» كەرىمدە: ﴿ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 229) دېگەن.

جانابىي ئاللاھنىڭ بۇ چەك – چېگرالاردىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە بۇ جىنايەت تۈپەيلىدىن دوزاخ ئوتىدا ئازابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشنى «ھالال» دەپ قارىغانلارغا دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ﴿كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 14) دېگەن.

فەقىھلەر بۇ تۈرلۈك جازالارغا مۇنداق تەبىر بەرگەن:

ئاللاھ تائالا جىنايەتچىلەرنى زىيانكەشلىك قىلىشتىن توسۇپ، جەمئىيەتنى ئۇنىڭ زىيىنىدىن قوغداپ بەلگىلىگەن شەرئىي جازالار.

بۇنداق بەلگىلەنگەن جازالار بەش تۈرلۈك بولىدۇ:

زىنا جازاسى.

زىنا بىلەن تۆھمەت قىلىش جازاسى.

لىئان (ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە زىنا تۆھمىتى قىلىش) جازاسى.

ئوغرىلىق جازاسى.

قاراقچىلىق جازاسى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ھاراق ئىچىش قىلمىشىنى يۇقىرىقى قاتارىغا قېتىپ، جازاسىنى قىرىق دەررە ئۇرۇش قىلىپ بېكىتكەن.

ئىسلام شەرىئىتىدە جازالارنى بەلگىلەشتىكى ھېكمەت

ئاللاھ تائالا بۇ جازالارنى بەلگىلەنگەن چەك – چېگرالاردىن ھالقىپ كەتكەنلەرگە قارىتا يولغا قويغان بولۇپ، مەقسەت: جەمئىيەتنى قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىقتىن تازىلاش؛ خەلقنى زىنا ۋە ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشتىن ساقلاش؛ كىشىلەرنىڭ قانلىرىنى، مال – مۈلۈكلىرىنى ۋە ئىپپەت – نومۇسلىرىنى قوغداش ھەمدە بۇزۇقچىلىقنى ئۆز ۋاقتىدا يوقىتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ جانلىرىغا، ئىپپەت – نومۇسلىرىغا ۋە مال – مۈلكىگە زىيانكەشلىك قىلغان جىنايەتچى ئاللاھ بەلگىلىگەن جازالار بىلەن جازالانسا، بۇ جازا ئۇنى ۋە باشقىلارنى كىشىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا چېقىلىشتىن توسۇپ قالىدۇ.

زىنا جىنايىتىنىڭ خەتىرى

زىنا جىنايىتى ئىسلام نەزەرىدە ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ بىرى، چۈنكى بۇ جىنايەت ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئەۋلادلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، نەتىجىدە كوچىغا تاشلىنىدىغان بالىلار، دادىسى نائېنىق بولغان بالىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇلارنى بېقىپ تەربىيەلەپ ياخشى ئادەم بولۇشقا ئىگە بولىدىغان ئاتا – ئانا بولمىغاچقا، بۇنداق ئىگىسىز قالغان بالىلار كېيىنچە بۇزۇقچىلىقنىڭ مەنبەسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن نىشانلار ئىچىدە بەش زۆرۈر ئاساسنى قوغداش نىشانىمۇ بار بولۇپ، بۇ بەش زۆرۈر ئاساس: ئەقىل، نەسىل، جان، دىن ۋە مالدۇر. بۇلار ئىنسان سائادىتىنىڭ ئاساسىدۇر.

بۇلارنىڭ «بەش ئاساس» ياكى «زۆرۈر ئاساسلار» دەپ ئاتىلىشى شۇ سەۋەبتىنكى، بارلىق قانۇن ۋە ساماۋى دىنلار بۇلارنى قوغداشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئۇلارنى قوغداشقا كېرەكلىك قانۇنلارنى يولغا قويغان، چۈنكى بۇلار ئىنسانىيەت ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر نەرسىلەردۇر.

ئىنسانلار بەلگىلىگەن قانۇن – تۈزۈملەر پەقەت جان بىلەن مالغا زىيانكەشلىك قىلغانغىلا جازا بەلگىلىگەن بولسىمۇ، زىنا بىلەن ئەقىلنى يوقىتىدىغان ھاراق ئىچىش جىنايىتىگە جازا بەلگىلىمەي ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ قويغان، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغا جازا بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى كىشىلەر ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن بۇ جازالارنى قاتتىقلىق ۋە باغرىتاشلىق بىلەن سۈپەتلىشى مۇمكىن، چۈنكى غەربلىكلەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ زىنا قىلغۇچىنى دەررىلىشى، ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشى ۋە قاتىلدىن قىساس ئېلىشىنى ئەيىبلىشىدۇ ھەمدە بۇ جازالار بەك قاتتىق، تەرەققىي قىلغان بىر جەمئىيەتكە ۋە دەۋر روھىغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ.

ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، مەجبۇرلانماي ئۆز رازىلىقى بىلەن قىلغان زىنا قانۇن بەلگىلەپ جازالاپ كەتكۈدەك بىر جىنايەت ئەمەس، شۇڭا «كىشىلىك ئەركىنلىك» پرىنسىپى بويىچە، زىنا قىلسا ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە زىنا — پاھىشە يامراپ، ئاتا – ئانىسىز بالىلار كۆپىيىپ، كەتسە ھېچ گەپ يوق.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئوغرىلىق جىنايىتىگە مەلۇم مۇددەت قاماش جازاسىنى بەرسە، ئوغرىلىقنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا كۇپايە قىلارمىش. بۇنداق مەنتىقسىز پەلسەپىنىڭ نەتىجىسىدە جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى ئۆرلەپ، جىنايەت قوشۇنلىرى كۆپىيىپ كەتتى، تۈرمىلەر خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ئوغرى – قاراقچىلار بىلەن توشۇپ كەتتى.

بۇنداق قانۇن ئاستىدا، ئوغرىلىق قىلغانلار تاماق بىلەن كىيىم – كېچەك تەييار بولغان تۈرمىگە كىرىشتىن باشقا ھېچقانداق جازادىن ئەنسىرىمىگەچكە ئوغرىلىقنى قىلىۋېرىدۇ، ناۋادا تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە سولانسا، قانۇن بەلگىلىگەن مۇددەتنى تۈرمىدا ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن جىنايەت سادىر قىلىشقا تېخىمۇ ھېرىسمەن، زىيانكەشلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇپ جەمئىيەتكە چىقىدۇ.

بۇنى كۈندىن – كۈنگە ئارتىپ كېتىۋاتقان جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى ھەققىدە ئوقۇغان ۋە كۆرگەن ماتېرىياللار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ھازىر كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە كىشىلەر جان ۋە مېلىنى قوغدىيالمايدىغان دەرىجىدە خاتىرجەمسىز ياشاۋاتىدۇ، جىنايەت قوشۇنلىرى كۈپكۈندۈزدە پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەگەر جان، مال ۋە ئىپپەت – نومۇسنى قوغدىغان ھەممىنى بىلىدىغان ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ئاللاھنىڭ قانۇنى ئىجرا قىلىنسا ئىدى، جەمئىيەتلەر بۇنداق قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلانغان بولاتتى.

 

شەرىئەتتە زىنا جىنايىتىگە بەلگىلەنگەن جازا

 

زىنا دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ جازاسىچۇ؟

«زىنا» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بارلىق دىنلار چەكلىگەن ھارام جىنسىي مۇناسىۋەت»تۇر. شەرىئەتتە بولسا «نىكاھسىز ياكى نىكاھ بار دەپ ئويلاپ قالمىغان ھالدا ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جىنسىي يېقىنلىشىش»تۇر.

بۇ ئىش قەبىھلىكتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن «پاھىشە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جانابىي ئاللاھ: ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر﴾ (17/«ئىسراﺋ»: 32) دەيدۇ.

يەنە ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم «سەھىھلىرى»دە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلغانكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— ئاللاھنىڭ نەزەرىدە قايسى گۇناھ ئەڭ ئېغىر؟ — دەپ سورىسام، ماڭا:

— ئاللاھ سېنى ياراتقان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ، — دېدى، مەن:

— بۇ ھەقىقەتەن ئېغىر، ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ —دەپ سورىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مېنىڭ يەيدىغىنىمنى يەپ كېتىدۇ، دەپ بالاڭنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، — دېدى، مەن:

— ئۇندىن قالسىچۇ؟ — دەپ سورىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ، — دەپ جاۋاب بەردى»(1). جانابىي ئاللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: ﴿ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 68)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە: «ئادەم بالىسىنىڭ قانچىلىك زىنا قىلىدىغانلىقى پۈتۈلۈپ بولغان، ئادەم بالىسى ئۇنى قىلماي قالمايدۇ، كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، قۇلاقنىڭ ئىشىتىش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىش، كۆڭۈلنىڭ زىناسى خالاش ۋە ئىنتىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىنى جىنسىي ئەزاسى تەستىقلايدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ» دېگەن(2).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە زىنا ۋە ئۇنىڭ ۋاسىتىلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، قاراش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، پاراڭلىشىش، قۇلاق سېلىش، ئاياللار بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ۋە بۇ جىنايەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بارلىق ئازدۇرۇش قوراللىرى بۇ جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللاردۇر. دېمەك، زىنا دېگەن پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەتلا بولماستىن، بەلكى سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق قاراش، تۇتۇش، پىچىرلاش، قۇلاق سېلىش ۋە خالىي ئورۇندا بىللە ئولتۇرۇش دېگەندەك بۇ جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى زىنانىڭ سەۋەبلىرى بولغاچقا، «قۇرئان كەرىم» بۇ جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوللاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ: ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار!﴾ (17/«ئىسراﺋ»: 32) دېگەن. دېمەك، بۇ زىنا ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمەلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوللارنى چەكلىگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا «زىنا قىلماڭلار» دېمىدى، بەلكى ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار!﴾ دېدى.

زىنا جىنايىتىنىڭ جازاسى نېمە؟

ئىسلام شەرىئىتى زىنا جىنايىتىگە ئىككى تۈرلۈك جازا بەلگىلىگەن:

بىرى، يەڭگىل جازا بولۇپ، زىنا قىلغۇچى توي قىلمىغان بولسا 100 دەررە ئۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنە بىرى، ئېغىر جازا بولۇپ، زىنا قىلغۇچى توي قىلغان كىشى بولسا ئۆلگىچە چالما – كېسەك قىلىنىدۇ. چۈنكى، توي قىلغان كىشىنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ قەبىھ. بۇ جىنايەت بىلەن نەسەبلەر بۇلغىنىپ كېتىدۇ، مال – مۈلۈكتىن قىممەتلىك بولغان ئىپپەت – نومۇس دەپسەندە قىلىنىدۇ.

ئەمما بىرى توي قىلغان، يەنە بىرى توي قىلمىغان بولسا، توي قىلغانغا چالما – كېسەك جازاسى، توي قىلمىغانغا بولسا دەررە جازاسى بېرىلىدۇ، بۇنىڭدا ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى يوق.

زىنا جازاسىنى ئىككى تۈرگە ئايرىشنىڭ ھېكمىتى

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ توي قىلغان كىشى بىلەن توي قىلىپ باقمىغان كىشىگە بېرىدىغان جازانى ئىككىگە ئايرىشىدىكى سەۋەب: ئۆيلەنگەن بىر كىشىنىڭ ئېرى بار بىر ئايال بىلەن قىلغان زىنا جىنايىتى تېخى توي قىلىپ باقمىغان بىر يىگىتنىڭ بىر قىز بىلەن قىلغان زىنا جىنايىتىدىن قەبىھ ۋە ئاقىۋىتى ئېغىر بولغانلىقىدىندۇر. چۈنكى، توي قىلغان كىشىنىڭ بۇ قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان پەسلىك ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكتىن ھالقىپ، ئىنساننىڭ نامىغا، ئىززەت – نومۇسىغا ۋە نەسەبنى بۇلغاشقا ئۆتۈپ كەتكەن. دېمەك، ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالىنىڭ ئېرىگە نەسەبنى بۇلغاش ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى قۇتۇلالمايدىغان ئار – نومۇس كەلتۈرۈشى ئىنتايىن قەبىھ ئىش بولغاچقا، بۇنىڭ جازاسىمۇ ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئېغىر جازا — چالما – كېسەك قىلىش جازاسىدۇر.

دەررە ئۇرۇش جازاسى «قۇرئان»، «ھەدىس» ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغان

دەررە جازاسى بولسا توي قىلمىغان ئەر، ئاياللارغا «قۇرئان»نىڭ كەسكىن ۋە ئېنىق ئايەتلىرى ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلانغان. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۇئمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن﴾(24/«نۇر»: 2).

يۇقىرىقى ئايەتتە زىنا قىلغۇچى ئايالنىڭ زىنا قىلغۇچى ئەردىن بۇرۇن تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، زىنادا ئادەتتە ئاياللارنىڭ رولى چوڭراق بولىدۇ. مەسىلەن، ئاياللار ھەر خىل بوياق، ئەتىر، تار كىيىم بىلەن گىرىم قىلىپ يېرىم يالىڭاچ ياسىنىپ، سۇيۇق يۈرۈش – تۇرۇشلار ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، ئاياللارنىڭ رازىلىقى بولمىغان بولسا بۇ جىنايەت سادىر بولمىغان بولاتتى، شۇڭا ئايال كىشى بۇ ئايەتتە ئەر كىشىدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە كەلسەك، دەررە جازاسى كەڭ تارقالغان مەشھۇر ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، بۇلاردىن تۆۋەندە بىرقانچىسىنى بايان قىلىمىز:

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولسا چىرايى ئۆڭۈپ كېتەتتى، بىر كۈنى ئاللاھ ئۇ زاتقا ۋەھيى نازىل قىلغان ئىدى، چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى، ۋەھيى نازىل بولۇپ بولغاندىن كېيىن: «مەندىن بىلىۋېلىڭلار! مەندىن بىلىۋېلىڭلار! ئاللاھ زىنا قىلغۇچىلار توغرۇلۇق جازا بەلگىلىدى، توي قىلمىغانلار زىنا قىلسا يۈز دەررە بىلەن بىر يىل پالىنىدۇ» دېدى(3).

ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»لىرىدە ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدىكى: «بەدەۋىيلەردىن بىرى بىر كىشى بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‹ئاللاھنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى بىلەن شۇنى سورايمەنكى، ماڭا ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىپ بەرگەيسەن› دېدى. ئىككىنچى تەرەپ بولغان كىشى بىلىملىكرەك بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ‹شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ! ئوتتۇرىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلغايلا، ماڭا سۆزلەشكە ئىجازەت قىلسىلا› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ‹سۆزلە› دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئوغلۇم بۇنىڭ قېشىدا كۈنلۈك ئىشلەيتتى، ئوغلۇم بۇنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپتۇ، مەن كىشىلەردىن بالامغا چالما – كېسەك جازاسى كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ ئادەمگە يۈز قوي بىلەن بىر دىدەك بېرىپ ئاغزىنى ئەتتىم، كېيىن ئالىملاردىن سورىسام بالامغا يۈز دەررە بىلەن بىر يىل پالاش جازاسى، بۇنىڭ ئايالىغا بولسا چالما – كېسەك جازاسى كېلىدۇ دېيىشتى›. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: ‹جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئوتتۇراڭلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلماي قالمايمەن، دىدەك بىلەن يۈز قوي ساڭا قايتىدۇ، سېنىڭ ئوغلۇڭغا يۈز دەررە بىلەن بىر يىل پالاش جازاسى بېرىلىدۇ، ئى ئۇنەيس! بېرىپ ماۋۇ ئادەمنىڭ ئايالىدىن سورىغىن، ئېتىراپ قىلسا ئۇنى چالما – كېسەك قىلغىن›. ئۇنەيس پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بىلەن ھېلىقى ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ سورىغان ئىدى، ئايال ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇيرۇق قىلىۋىدى، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئايالى چالما – كېسەك قىلىندى»(4).

بۇ ھەدىستىن شۇ چىقىپ تۇرۇپتۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى يىگىتكە ئۆيلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن دەررە جازاسى بەرگەن، ئەمما ئۇنى چالما – كېسەك قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

بۇ يەردە شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاپارمىنىنى ھېلىقى ئايالنى ئىقرار قىلدۇرۇشقا ئەۋەتمىگەن، بەلكى ئۇنىڭغا: سىزگە تۆھمەت قىلغانلار بار، يا ئۆزىڭىزنى ئاقلايسىز ۋە تۆھمەت قىلغۇچىغا قارا چاپلاش جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىسىز، يا قىلمىشىڭىزنى ئېتىراپ قىلسىڭىز سىزگە جازا ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ خەبەر قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئىمام نەۋەۋىي: «چۈنكى زىنا جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئۇنچىۋالا ئېنىقلاپ كوچىلاش كېرەك ئەمەس، بەلكى تېخى زىنا قىلغۇچى ئىقرار قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزىغا يېنىۋېلىش (ئۈچۈن گەپ) سېلىپ بېرىش مۇستەھەبتۇر» دېگەن.

چالما – كېسەك جازاسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان

چالما – كېسەك جازاسى بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى يەنى سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە بۇيرۇقلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكلەر شەك – شۈبھە ئېھتىماللىقى يوق دەرىجىدە كۆپ كىشىلەرنىڭ رىۋايەتى بىلەن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مائىزغا، غامىدىييە جەمەتىدىكى ئايالغا ۋە بەدەۋىينىڭ ئايالىغا چالما – كېسەك جازاسى بېرىشكە ئەمر قىلغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ راشىد خەلىفەلىرى ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، توي قىلغانلاردىن زىنا جىنايىتىنى سادىر قىلغانلارغا چالما – كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلغان ھەمدە توي قىلغان كىشىلەرنىڭ زىنا جىنايىتىگە چالما – كېسەك جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىغان، بۇنىڭغا ساھابەلەر ۋە كېيىنكى مۇسۇلمانلار بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. پەقەت خاۋارىجلاردىن ئاز بىر تائىپىلا مۇسۇلمان جامائىتىگە قېتىلمىغان، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسا زىنا ۋە شەھۋەت پاتقىقىغا پاتقان ياۋروپالىقلار چالما – كېسەك جازاسىنى قاتتىق ۋە ھازىرقى مەدەنىيلەشكەن دەۋر روھىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان جازا دەپ قارىغاچقا، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىسلام دىنى رامكىسىدىن چىققان ئازغۇن بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ تۇتقان يولىغا قارشى چىقىپ چالما – كېسەك جازاسىنى رەت قىلماقتا.

چالما – كېسەك جازاسىنىڭ دەلىللىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى.

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەندىن بىلىۋېلىڭلار! مەندىن بىلىۋېلىڭلار! ئاللاھ زىنا قىلغۇچىلار توغرۇلۇق جازا بەلگىلىدى، ئۆيلەنمىگەن يىگىت قىز بىلەن زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇش بىلەن بىر يىل پالىنىدۇ، توي قىلغانلار زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇلۇپ ئاندىن چالما – كېسەك قىلىنىدۇ» دېگەن(5).

بەدەۋىينىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان كىراكەشنىڭ ۋەقەسىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئۇنەيس! ماۋۇ ئادەمنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ سوراپ باققىن، ئېتىراپ قىلسا ئۇنى چالما – كېسەك قىلغىن» دېگەن. ئۇنەيس پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بىلەن ھېلىقى ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ سورىغان ئىدى، ئايال ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇيرۇق قىلىۋىدى، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئايالى چالما – كېسەك قىلىندى»(6).

مائىزنىڭ مەشھۇر ۋەقەلىكى.

«سەھىھەين»دە ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغانكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىكى چاغدا مۇسۇلمانلاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى چاقىردى ۋە:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم، — دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرىۋالدى، ئۇ ئادەم يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ:

— مەن زىنا قىلدىم، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە يۈزىنى ئۆرىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئارقىمۇئارقا تۆت قېتىم ئىقرار قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ:

— سەن ساراڭمۇ؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— ياق، — دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۆيلەنگەنمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

— ئۇنى ئېلىپ بېرىپ چالما – كېسەك قىلىڭلار! — دېدى. ھەزرىتى جابىر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنى چالما – كېسەك قىلغانلار قاتارىدا ئىدىم، ئۇ چالمىنىڭ ئاغرىقىدىن قىينىلىپ قاچتى، بىز ئۇنى قوغلاپ بېرىپ چالما – كېسەك قىلدۇق»(7).

چالما – كېسەك قىلىنغان بۇ كىشى مائىز دېگەن كىشىدۇر. ئىمام بۇخارىينىڭ رىۋايەتىدە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «سەن بەلكىم سۆيگەنسەن ياكى قارىغانسەن»(8) دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا يېنىۋېلىشقا گەپ سېلىپ بېرىۋاتقاندەك سۆزلەرنى دېگەن. ئۇ زىنا قىلغانلىقىنى ئېنىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئۇنى چالما – كېسەك قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ چالما – كېسەك قىلىنغان. ئۇ تاشنىڭ زەربىسىگە چىدىماي قاچقاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە: «ئۇنى قويۇپ بەرسەڭلار بولمامتى!» دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپتە ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغانلىقتىن ھەم ئۇنى رەسۋا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇۋالغان.

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلغان: «مائىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى پاكلىسىلا، — دېدى. رەسۇلۇلاھ ئۇنىڭغا:

— نېمە دەۋاتىسەن؟ قايتىپ ئاللاھقا تەۋبە قىل ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغىن، — دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى، كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا يەنە كېلىپ:

— مېنى پاكلىسىلا، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئۇنىڭغا:

— قايتىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغىن، — دېدى. تۆت قېتىمدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن:

— بۇ ساراڭمۇ؟ — دەپ سورىدى، ئەتراپىدىكىلەر:

— ئۇ ساراڭ ئەمەس، — دېيىشتى،

— ھاراق ئىچتىمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئەتراپىدىكىلەر:

— ياق، — دېيىشتى. ئاخىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— زىنا قىلدىڭمۇ؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چالما – كېسەك قىلىنىشقا بۇيرۇلدى ۋە بۇ جازا ئۇنىڭغا ئىجرا قىلىندى. كىشىلەر ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا:

— مائىزغا مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ شۇنداق تەۋبە قىلدىكى، ئەگەر ئۈممەتكە تەقسىملەنسە ھەممىگە يەتكەن بولاتتى، — دېدى»(9).

ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەسلەم قەبىلىسىدىن بولغان مائىز كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئايالغا ھارام ھالەتتە يېقىنلاشقانلىقىنى تۆت قېتىم ئىقرار قىلدى، ھەر قېتىمدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرىۋالدى، بەشىنچى قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈڭمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سۈرمە قەلىمى سۈرمە قۇتىسىغا، چېلەك قۇدۇققا كىرگەندەكمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— زىنانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— ھەئە، ئەر كىشى ئايالى بىلەن ھالال قىلىدىغان ئىشنى ئۇ ئايال بىلەن ھارام ھالەتتە قىلدىم، — دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— بۇ سۆزنى قىلىشتىن مەقسىتىڭ نېمە؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ:

— مېنى پاكلاشلىرىنى مەقسەت قىلدىم، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇ چالما – كېسەك قىلىندى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىدىكى كىشىلەردىن ئىككىيلەننىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى، ئۇلاردىن بىرى يەنە بىرەيلەنگە: ‹ماۋۇ ئادەمگە قاراڭلار، ئاللاھ ئۇنى يۆگەپ، رەسۋا قىلمىغان تۇرۇقلۇق يەنە كۆڭلى ئۇنىماي ئىتلارچە چالما – كېسەك قىلىنغىنىنى!› دەۋاتاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا بىرنەرسە دېمىدى، بىر ئاز يۈرگەندىن كېيىن بىر ئىشەكنىڭ قورسىقى ئېسىلىپ تۆت پۇتى تىك بولۇپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— پالانى – پالانىلار قېنى؟ — دېۋىدى، ئۇلار:

— بىز مانا ئى رەسۇلۇللاھ! — دېيىشتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا:

— بۇ ئىشەكنىڭ تاپىدىن يەڭلار! — دېدى، ئۇلار:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قانداق ئادەم بۇنى يەيدۇ؟ — دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا:

— باياتىن قېرىندىشىڭلارغا تەگكۈزگەن تىل – ھاقارەت بۇنى يېگەندىنمۇ ئېغىر، جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ھازىر جەننەتنىڭ دەريالىرىدا چۆمۈلىۋاتىدۇ، — دېدى»(10).

زىنا قىلمىشى ئىنتايىن خەتەرلىك قىلمىش بولغاچقا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېھتىماللىق سۆزلەر بىلەنلا بولدى قىلماي نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇنىڭدىن تەپسىلىي سوراپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلغان.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چالما – كېسەك قىلغان غامىدى جەمەتىدىن چىققان ئايالنىڭ ۋەقەلىكىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە چالما – كېسەك قىلىش جازاسىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنغانلىقىغا ئەڭ چوڭ دەلىل بار، بۇ دەلىل ئەلبەتتە كۇپايە قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلىشىچە، جۇھەينە قەبىلىسى غامىدىي جەمەتىدىن بىر ئايال كېلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— مەن زىنا قىلدىم، مېنى پاكلىغايلا، —دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇ ئايالنى قايتۇرۇۋەتتى. ئەتىسى ئۇ ئايال كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇلاھ! مېنى نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىدىلا؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن زىنادىن ئېغىر ئاياقمەن، — دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— تۇغۇپ بولغۇچە قايتىپ تۇرغىن، — دېدى، ئايال بالىنى تۇغقاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا بالىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغىچە ئېمىتىپ تۇرغىن، — دېدى. بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن ھېلىقى ئايال بالىنى كۆتۈرۈپ كەلدى، بالىنىڭ قولىدا بىر پارچە نان بار ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىپ بولدۇم، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جازانى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى، ئۇ ئايالغا مەيدىسىگىچە بويلىغۇدەك ئورەك كولاندى ۋە چالما – كېسەك قىلىندى. خالىد ئىبنى ۋەلىد يۈزىگە ھېلىقى ئايالنىڭ قېنى چاچراپ كېتىپ، ئۇ ئايالنى تىللىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭدىن خاپا بولدى ۋە خالىدنىڭ تىللىشىنى مەنئى قىلدى. ئاندىن ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. بۇنى كۆرۈپ ھەزرىتى ئۆمەر:

— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ ئايال زىنا قىلغان تۇرسا نامىزىنى چۈشۈرەمدىلا؟ — دەپ سورىغان ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ ئايال شۇنداق تەۋبە قىلدىكى، ناۋادا مەدىنە ئاھالىسىدىن يەتمىش كىشىگە تەقسىم قىلىنسا ئۇنىڭ تەۋبىسى يېتىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغاندىنمۇ كاتتا تەۋبە كۆردۈڭمۇ؟» دەپ جاۋاب بەردى(11).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئەر ۋە بىر ئايال يەھۇدىيغا چالما – كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى توي قىلغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكى بۇخارىي ۋە مۇسلىمنىڭ «سەھىھ»ىدە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىندىكى: «يەھۇدىيلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلاردىن بىر ئەرنىڭ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاردىن: ‹چالما – كېسەك قىلىش ھەققىدە تەۋراتتا قانداق ھۆكۈم بار؟› دەپ سورىدى، ئۇلار: زىنا قىلغانلارنى رەسۋا قىلىپ دەررە ئۇرۇش بار، دەپ چالما – كېسەك قىلىش جازاسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىشتى، بۇنى ئاڭلىغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۇلارغا: يالغان ئېيتتىڭلار، تەۋراتتا چالما – كېسەك قىلىش جازاسى بار دېدى. يەھۇدىيلار تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ئاچتى. ئۇلاردىن بىرى چالما – كېسەك ئايەتىنى قولى بىلەن باسۇرىۋېلىپ ئالدى – ئارقىنى ئوقۇشقا باشلىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۇنىڭغا: قولۇڭنى كۆتەر، دېۋىدى، ئۇ يەھۇدىي قولىنى كۆتەردى، قارىسا قولىنىڭ ئاستىدىكى چالما – كېسەك قىلىش ئايەتى ئىكەن، شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئىككى يەھۇدىيغا چالما – كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دېدى: مەن ئۇ ئەر كىشىنىڭ ئايالنى چالمىدىن قورۇپ دالدا بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم»(12).

ئىمام مۇسلىمنىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىيلاردىن ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋىتىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: «ئىچىمىزدىكى ئېسىلزادىلەردە زىنا جىنايىتى كۆپ سادىر بولىدىغان بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئېسىلراق بىر ئادەم زىنا قىلسا قويۇۋېتىپ، پەس ئادەم زىنا قىلسا ئۇنى چالما – كېسەك قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئاخىرى، ئېسىل بولسۇن، پەس بولسۇن ھەممە ئادەمگە بىر خىل جازا بېرەيلى دېيىشىپ، يۈزىگە قارا سۇۋاپ دەررە ئۇرۇشنى چالما – كېسەك قىلىش جازاسىنىڭ ئورنىغا قويدۇق» دەپ جاۋاب بېرىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: «ئى ئاللاھ! ئۇلار سېنىڭ ھۆكمىڭنى بىكار قىلغان ئىكەن، مەن بىرىنچى بولۇپ ھۆكمىڭنى ياشارتقان كىشىمەن» دېدى ۋە ئىككى يەھۇدىيغا چالما – كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلدى.

يۇقىرىقىلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكىتى بولغان سۈننەتتە كەسكىن ئىسپاتلانغان نەمۇنىلەر. بۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توي قىلغان كىشىلەر زىنا جىنايىتى سادىر قىلغاندا چالما – كېسەك قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ۋە چالما – كېسەك قىلغانلىقىغا دەلىلدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە چالما – كېسەك قىلىش جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بۇ دەلىللەر نۇرغۇن كىشىلەر ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن. ئۇندىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەر خەلىفە بولغان چاغلاردىمۇ چالما – كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلغان. بۇ جازانى ئىجرا قىلىشقا بارلىق ساھابەلەر بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ شەك قىلغىلى بولمايدىغان بىر تارىخىي ھەقىقەت. چالما – كېسەك قىلىش مۇشۇنداق كەسكىن دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان تۇرۇقلۇق ئۆزىنى ئىلىمگە مەنسۇپ قىلىۋالغان بەزى ھاماقەتلەرنىڭ چالما – كېسەك ھۆكمىنى ئىنكار قىلغىنى قىززىق.

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يىراقنى كۆزلەپ سۆزلىگەن نۇتقى

ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئاغزىغا ۋە دىلىغا ھەقنى ئىلھام قىلاتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ئالدىمىزدا توختىلىدىغان چالما – كېسەك ھۆكمىنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئاللاھنىڭ كەسكىن ھۆكمى ۋە چەك – چېگراسىغا قارشى چىقىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ھەققىدە ساھابەلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يامان نىيىتى ۋە ئازغۇنلۇقىنى ئېچىپ تاشلاپ مەسجىد مۇنبىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا «قۇرئان»نى نازىل قىلدى، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ئايەتلەر ئىچىدە چالما – كېسەك قىلىش ئايەتى بار ئىدى. بىز ئۇنى ئوقۇپ چۈشەندۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ چالما – كېسەك قىلدى، بىزمۇ ئۇندىن كېيىن چالما – كېسەك قىلدۇق. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇكى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەزى كىشىلەر ‹ئاللاھنىڭ كىتابىدا چالما – كېسەك قىلىش ئايەتىنى تاپالمىدۇق› دەپ ئاللاھ نازىل قىلغان بىر پەرز ھۆكۈمنى تاشلاپ ئېزىپ كېتىپ قالارمۇ؟ توي قىلغان ئەر ياكى ئايال زىنا قىلسا ئۇلارنىڭ زىنا جىنايىتى گۇۋاھچىلار بىلەن، ياكى قورساقتا قېلىش، بىلەن ياكى ئىقرار قىلىش بىلەن ئىسپاتلانسا، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇلارنى چالما – كېسەك قىلىش جازاسى بار» بۇنى ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم «سەھىھ»لىرىدە رىۋايەت قىلغان(13).

مانا بۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ چالما – كېسەك قىلىش جازاسىنى ۋە ئۇنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغانلارغا بەرگەن مۇكەممەل رەددىيەسى.

زىنا جىنايىتى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟

زىنا جىنايىتى ئىككى يول بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ:

بىرى ئىسپات. بۇ ئىسپات دىيانەتلىك، راستچىل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن تونۇلغان تۆت كىشى ئەركىشىنىڭ يات ئايال بىلەن قېلىچ غىلاپقا كىرگەندەك ئېنىق زىنا مۇناسىۋىتى قىلغانلىقىنى كۆردۇق دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ئىبارەت.

بۇ گۇۋاھلىقتا «بىز بۇلارنى بىر ئۆيدە ياكى بىر كارىۋاتتا كۆردۇق» دېگەنگە ئوخشاش ئېھتىماللىق مەنىسى بار سۆزلەر يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆرگەن بولۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېنىق زىنا قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ گۇۋاھلىق بېرىشى شەرت. چۈنكى، ھەدىستە: «كۈن نۇرىدەك ئېنىق ئىشقا گۇۋاھلىق بەر» دەپ كۆرسىتىلگەن (بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا نىكاھسىز ھالەتتە ھامىلدار بولۇشمۇ زىنا جىنايىتىگە ئىسپات بولىدۇ(.

يەنە بىرى ئىقرار. بۇ ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېنىق ۋە ئوچۇق ئىقرار قىلىشى بولۇپ، بۇ ئىقرارنى تۆت قېتىم تۆت سورۇندا تەكرارلايدۇ.

ئىقرار دېگەن دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ۋە ئەڭ ئېنىقىدۇر، چۈنكى ئىنسان راستچىل بولمىسا دەررە ئۇرۇش ياكى چالما – كېسەك قىلىشتەك ئېغىر جازاغا ئۆزىنى ھەرگىزمۇ تۇتۇپ بەرمەيدۇ.

فەقىھلەر: «زىنا جىنايىتىگە جازا ئىجرا قىلىدىغان سوتچى ‹بەلكىم سەن سۆيگەنسەن›، ‹بەلكىم تۇتقانسەن ياكى ئويناشقانسەن› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ يېنىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇستەھەبتۇر، مائىز زىنا جىنايىتىدىن تازىلىنىش ئۈچۈن كەلگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ شۇنداق قىلغان» دېگەن.

مائىزنىڭ ۋەقەلىكى

ئىمام مالىك «ئەلمۇۋەتتا» ناملىق كىتابىدا سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييەبتىن رىۋايەت قىلغانكى: ئەسلەم قەبىلىسىدىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سسىددىقنىڭ ئالدىغا كېلىپ زىنا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا:

— بۇ ئىشنى مەندىن باشقا بىركىمگە ئېيتتىڭمۇ؟ — دېدى. ئۇ:

— ياق، — دېدى، ئەبۇبەكرى:

— ئاللاھقا تەۋبە قىل، ئاللاھ يۆگىگەندىن كېيىن بۇنى دەپ يۈرمە، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، — دېدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئەبۇبەكرىنىڭ مەسلىھەتىگە تازا خاتىرجەم بولالماي ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئەبۇبەكرىگە دېگەندەك دېدى، ئۆمەرمۇ ئۇنىڭغا ئەبۇبەكرىدەك جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ كۆڭلى يەنە ئارام تاپماي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ زىنا قىلغانلىقىنى ئېيتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن ئۈچ قېتىم يۈزىنى ئۆرىۋالدى، ھەر قېتىمدا يۈزىنى ئۆرىۋالسا ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈزى تەرەپكە يۆتكەلدى. ئاخىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭدا ساراڭلىق بار ياكى يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. ئۇلار ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاردىن يەنە ئۇنىڭ ئۆيلەنگەن ياكى ئۆيلەنمىگەنلىكىنى سورىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇ چالما – كېسەك قىلىندى(14).

يەنە ئىمام بۇخارىينىڭ رىۋايەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق كەلگەن: مائىز ئىبنى مالىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ زىنا جىنايىتى قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— بەلكى سەن سۆيۈپ قويغانسەن، ياكى قاراپ قويغانسەن؟ — دېدى، ئۇ:

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنداق ئەمەس، مەن زىنا قىلدىم، —دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇنىڭ بىلەن جىما قىلدىڭمۇ؟ — دەپ ئېنىق سورىدى. ئۇ:

— ھەئە، — دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چالما – كېسەك قىلىشقا ئەمر قىلدى(15).

گۇۋاھچىلارنىڭ ئەر كىشى بولۇشىنى شەرت قىلىشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جانابىي ئاللاھ بەندىلىرىگە مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ جىنايىتىنى بۆشۈكىدە كۆمۈۋېتىش ئۈچۈن گۇۋاھچىلارنىڭ ئەر كىشى بولۇشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ تۆت بولۇشىنى شەرت قىلغان. ﴿ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارغا (ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە (يەنى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ ئايالنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىسا)، تاكى ئاياللىرىڭلار ۋاپات بولغانغا ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 15). چۈنكى، راۋۇرۇس دىيانەتلىك تۆت ئەر كىشىنىڭ بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ زىنا قىلىۋاتقىنىنى كۆرەلىشىنى ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ناۋادا ئۇ ئىككىسى ھايۋانلاردەك ئاشكارا ھالدا يول ئۈستىدىلا زىنا قىلغان بولسا ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى كۆرۈشى مۇمكىن بولىدۇ، دېمەك، بۇ شەرتنى قويۇشتىكى مەقسەت جىنايەتنى چەكلەش ۋە كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى يېپىش، جىنايەتنى جايىدا يوق قىلىۋېتىپ ئەخلاقسىزلىقنىڭ ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىجرا قىلىنغان دەررە ياكى چالما – كېسەك قىلىش جازالىرى جىنايەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، پاكلىنىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلىشى بىلەن ئىسپاتلانغانغانلىقتىن ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلانمىغان. چۈنكى، تۆت ئەر كىشىنىڭ بۇنداق بىر جىنايەتنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بەلكى ئىتلاردەك يوللاردىلا شۇنداق قىلسا ئاندىن كىشىلەر ئېنىق كۆرۈشى مۇمكىن، دېمەك، ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقىنى زىنا جىنايىتىدە قوبۇل قىلماسلىقنىڭ ھېكمىتى جىنايەتنى ئىلاج بار يۆگەپ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن راست ئېيتقان: ﴿مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر﴾(24/«نۇر»: 19).

مۇئمىن كىشىلەر بۇنداق جىنايەتنى قىلىپ سالغاندا ئاللاھقا راستچىل تەۋبە قىلىپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلماسلىققا بەل باغلىشى، جىنايەتنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنى رەسۋا قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ كۆرسەتمسىگە قاراپ باقايلى: ئىمام مالىك «ئەلمۇۋەتتا»دا رىۋايەت قىلىشىچە، بىر كىشى ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. بۇ كىشى تېخى ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قامچا كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپ ئۇنى يۈز قېتىم قامچىلاشقا بۇيرۇغان، ئۇ قامچىلانغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى خالايىق! سىلەرنىڭ ئەمدى ھارام ئىشلارنى تاشلايدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى، كىم بۇنداق پاسكىنا ئىشلاردىن بىرىنى قىلىپ سالغان بولسا ئۆزىنى رەسۋا قىلمىسۇن، چۈنكى بىزگە كىم ئىقرار قىلىپ كەلسە ئۇنىڭغا ئاللاھ بەلگىلىگەن جازانى ئىجرا قىلىمىز»(16).

ئىمام تىرمىزىي «سۈنەن» دېگەن كىتابىدا ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى ئەسسامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلدىكى: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر سورۇندا ئىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ بىرنەرسىنى شېرىك قىلماسلىققا، ئوغۇرلۇق قىلماسلىققا ۋە زىنا قىلماسلىققا ماڭا قول بېرىڭلار» دەپ، 60/«مۇمتەھىنە»نىڭ 12 – ئايەتىنى ئوقىدى ۋە: «قايسىڭلار سۆزىدە تۇرسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ، كىمكى ئۇ گۇناھلاردىن بىرىنى قىلىپ سېلىپ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتسا ئۇ جازا ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيىۋېتىدۇ، كىمكى ئۇ گۇناھلاردىن بىرىنى قىلىپ سېلىپ ئاللاھ ئۇنى يۆگىگەن بولسا ئۇنى ئاللاھ بىر تەرەپ قىلىدۇ، خاھلىسا ئۇنى ئازابلايدۇ، خاھلىسا كەچۈرىۋېتىدۇ» دېدى(17).

ئىمام شافىئى ئېيتىدۇ: «بىر گۇناھ قىلىپ سالغان كىشىنى ئاللاھ يۆگىگەن بولسا ئۇ كىشى ئۆزىنى ئاشكارىلاپ رەسۋا قىلماي جانابىي ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋبە قىلغىنى ياخشى دەپ قارايمەن، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ بىر ئادەمنى ئۆزىنى رەسۋا قىلماسلىققا بۇيرۇغانلىقى مەلۇم».

چالما – كېسەك جازاسى قاچان ئىجرا قىلىنىدۇ؟

چالما – كېسەك جازاسى پەقەت توي قىلغان كىشىگىلا بېرىلىدىغان جازا بولۇپ، بۇ جازا بېرىلىدىغان كىشى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تولۇقلىغاندا ئاندىن بۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولىدۇ:

1. توي قىلغان بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان: بىرى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى؛ يەنە بىرى، ئۆيلىنىپ بولغاندىن كېيىن زىنا قىلغان كىشى؛ يەنە بىرى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقىپ، ئىسلام دىنىدىن يانغان (مۇرتەد) كىشى(18).

2. نىكاھنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن، توغرا قىلغان بولۇشى كېرەك. نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا توي قىلغانلاردىن ھېسالانمايدۇ.

3. نىكاھلىق ھالەتتە ئۆتكۈزگەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدى ئەزا بىلەن بولغان بولۇشى كېرەك. باشقا ئەزاغا قىلىش گەرچە ھارام ئىشلاردىن بولسىمۇ، بىراق ئۇ سەۋەبلىك توي قىلغان قاتارغا ئۆتمەيدۇ.

4. قۇل بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر قۇل بولسا توي قىلغان ھالەتتە زىنا قىلسىمۇ 50 دەررىلا ئۇرىلىدۇ، چالما – كېسەك قىلىنمايدۇ، بۇنىڭغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.

5. بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇلار مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مائىز ھەققىدە كىشىلەردىن: ئۇ ساراڭمۇ؟ دەپ سورىغان. كىشىلەر: ياق، دەپ جاۋاب بەرگەن. كېيىن ئۇ زىنا قىلغانلىقىنى تۆت قېتىپ ئىقرار قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا چالما – كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلغان.

ھەدىس شەرىفتىمۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گۇناھ يېزىلمايدۇ: ئۇخلىغان ئادەم تاكى ئويغانغانغا قەدەر؛ سەبىي بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر؛ ساراڭ ئوڭشالغانغا قەدەر»(19).

«مۇلتەقەل ئەبھۇر / ملتقى الأبحر» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «چالما – كېسەك جازاسىدا توي قىلغان دەپ ھېسابلانغان ئادەمدە ئەركىنلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق (ئەقىل ۋە بالاغەتكە يېتىش)، مۇسۇلمانلىق، توغرا شەرئىي نىكاھتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ئۆتكۈزگەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدى ئەزاغا بولغان بولۇش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. توي قىلغان ئادەم زىنا جىنايىتى سادىر قىلسا بۇنىڭ جازاسى ئوچۇق مەيداندا، تاكى ئۆلگىچە چالما – كېسەك قىلىشتۇر. توي قىلمىغان كىشى بولسا، جازاسى يۈز دەررە ئۇرۇش، قۇل بولسا جازاسى ئەللىك دەررە ئۇرۇشتۇر. ئۇرىدىغان دەررىدە دۈمبەل يەرلەر بولماسلىقى، ئۇرغاندا يۈزى، بېشى ۋە جىنسىي ئەزاسىدىن باشقا ھەممە يېرىگە بۆلۈپ تەڭشەپ ئوتتۇرھال ئۇرۇش كېرەك. ئەرلەر ئۆرە تۇرغان ھالەتتە، ئاياللار ئولتۇرۇپ كىيىمى سالدۇرۇلمىغان ھالەتتە ئۇرۇلىدۇ، چالما – كېسەكتە ئاياللار ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئورا كولاپ چالما – كېسەك قىلىنىدۇ، ئەرلەرگە ئۇنداق قىلىنمايدۇ»(20).

زىنا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغۇچى زىنا ئىقرارىدىن يېنىۋالسا قانداق بولىدۇ؟

زىنانى ئىقرار قىلغان كىشى جازانى باشلاشتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقاندا بولسۇن، ئىقرارىدىن يېنىۋالسا ئۇنى قويۇپ بېرىش كېرەك، چۈنكى بۇ جازا ئۇنىڭ ئۆز ئىقرارى بىلەن ئىسپاتلانغان بولغاچقا، ئىقرارىدىن يېنىۋالسا ئۇنىڭدىن جازا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى گۇۋاھلىق بىلەن ئىسپاتلانغان جىنايەتتە گۇۋاھچىلار يېنىۋالسا جازا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مائىزنىڭ ۋەقەلىكىدە مۇشۇ مەسىلىگە ئىشارەت قىلغان. ۋەقەلىكتە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرنى ئۇنى چالما – كېسەك قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئۇ مەدىنەنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ چالما – كېسەك قىلىنغان، ئۇ چالما – كېسەكلەرنىڭ ئاغرىقىنى تېتىغاندىن كېيىن يۈگۈرۈپ قاچقان، قېچىۋېتىپ قولىدا تۆگىنىڭ كاللا سۆڭىكى بار بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇ ئادەم مائىزنى قولىدىكى سوڭەك بىلەن ئۇرغان، مۇشۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئۇنى ئۆلگىچە ئۇرغان. كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇنىڭ ئۆلگىلى تاس قالغاندا قاچقانلىقىنى ئېيتقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار بولماسمىدى» دېگەن(21).

گۇمان بىلەن جازانى توختىتىش

ئىسلام شەرىئىتى جازانى ئازايتىش ۋە ئېغىر جازالاردا ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن، ئوغرىلىقتا بولسۇن، زىنا بولسۇن، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا جىنايەتلەر بولسۇن، كىچىككىنە گۇمان تۇغۇلغان ئەھۋالدا، بەلگىلەنگەن جازالارنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغان، چۈنكى جىنايەت سادىر قىلغان كىشى، بەلكىم، جىنايەتكە تۈرتكە بولغان بىز بىلمەيدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلدىن جىنايەت سادىر قىلىپ سالغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئوغرىلىق قىلغان كىشىگە ئاچلىق تۈرتكە بولغان بولۇشى، زىنا جىنايىتى سادىر قىلغان ئايال كىشى ئۇ جىنايەتنى بېسىم ئاستىدا زورلۇق بىلەن قىلىپ سالغان بولۇشى ئېھتىمال. يەنە گۇۋاھسىز نىكاھ قىلىپ ئۆيلەنگەن كىشىگە زىنا جازاسى بېرىلمەيدۇ. دېمەك، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ھەر تۈرلۈك گۇمان ياكى ئېھتىماللىقلار بولسا جازا بىكار قىلىنىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىغا زىنا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ كەلگەنلەرگە: «بەلكى سەن تۇتۇپ باققانسەن، ياكى سۆيگەنسەن، ياكى قارىغانسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ياندۇرغان. ئۇ ئىقرارىدا چىڭ تۇرۇپ كۆزىگە كىرىۋالغاندا ئاندىن ئۇنىڭغا جازا ئىجرا قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىش ئارقىلىق گۇناھ قىلغانلارنى ئۆزىنى رەسۋا قىلماي راستچىل تەۋبە قىلىشقا، سوتچىلارغا ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىشتا ئالدىراپ كەتمەسلىك ۋە ئېنىق تەكشۈرۈشكە يول كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە مۇسۇلمانلاردىن كۆتۈرۈۋېتىڭلار، ھەرقانداق بىر چىقىش يولى بولسا ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، سوتچىنىڭ خاتالىشىپ كەچۈرۈم قىلىپ قېلىشى خاتالىشىپ جازالاپ قالغىنىدىن ياخشى»(22).

گۇۋاھچىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر قايسىلار؟

زىنا نەسەب ۋە ئىپپەتكە زىيان سالىدىغان ئېغىر جىنايەت بولغاچقا ھەمدە ئۇنىڭ جازاسىمۇ قاتتىق ۋە ئېغىر بولغاچقا، ئىسلام شەرىئىتى گۇۋاھچىلاردا بىرقانچە مۇھىم شەرتلەرنىڭ تېپىلىشىنى شەرت قىلغان. بۇ شەرتلەرنىڭ مەقسىتى بۇ گۇناھ كىشىلەرنى قارىلايدىغان، ئۇلارنى ئۆمۈرۋايەت رەسۋا قىلىدىغان تۆھمەتخورلارغا يول قويماسلىق ئىدى. شۇڭا ئاياللار ئىچىدە ئۆزئارا كۈنلەش مەسىلىسى ئېغىر بولغاچقا، زىنا جىنايىتىدە ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمىغان ھەمدە گۇۋاھچىلاردا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بولۇشىنى بەلگىلىگەن:

1. گۇۋاھچىلارنىڭ سانى تۆت بولۇش، ھەممىسى بىر سورۇندا توپلاشقان ھالەتتە گۇۋاھلىق بېرىشى. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر: ﴿ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى (ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 15).

باشقا بارلىق جىنايەتلەردە بولسا ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىك.

2. گۇۋاھچىلار ئەر كىشى بولۇشى كېرەك. شۇڭا بۇ جىنايەتتە ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 15) يەنى ئەرلەردىن، دېدى. يەنە 24/«نۇر»: 4 – ئايەتتىكى ﴿گۇۋاھچىلار﴾دىن ئەر گۇۋاھچىلار مەقسەت قىلىنىدۇ.

3. گۇۋاھچىلار راۋۇرۇس، دىندار، ياخشى كىشىلەر بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرىدۇر: ﴿ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار﴾(65/«تالاق»: 2). ﴿ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 282). پاسىق كىشىنىڭ يالغان ئېيتىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ جىنايەتتە پاسىق كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

4. گۇۋاھچىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق سالاھىيىتى بولۇشى، يەنى گۇۋاھچىلار ئەقلى – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك. دېمەك، كافىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان كىشىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى، ساراڭ ياكى كىچىك بالىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

5. گۇۋاھچىلار ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرگەن بولۇشى، يەنى ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىنى پىچاق غىلاپقا، چېلەك قۇدۇققا كىرگەندەك كىرگەن ھالەتتە كۆرگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە مۇسۇلمانلاردىن كۆتۈرۈۋېتىڭلار، ھەرقانداق بىر چىقىش يولى بولسا ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، سوتچىنىڭ كەچۈرۈم قىلىپ خاتالىشىشى جازالاشتا خاتالىشىشىدىن ياخشىراق» دېگەن(23). ئۇلار بەلكى بىر يوتقاندا ياتقان بولسىمۇ زىنا جىنايىتى سادىر قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىنتايىن چىڭ شەرت بولۇپ، كىشىلەرنى يۆگەپ قېلىش ۋە ئېغىر جازادىن ساقلاپ قېلىشنى كۆزلەيدۇ.

6. بىر سورۇندا توپلىشىپ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك، ئايرىم – ئايرىم كېلىپ گۇۋاھلىق بەرسە قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ﴾(24/«نۇر»: 13).

گۇۋاھچىلار تۆتتىن كەم بولسا ھۆكۈم قانداق بولىدۇ؟

گۇۋاھچىلارنىڭ سانى تۆتكە توشمىسا، ئۇلارغا زىنا بىلەن قارىلاش جىنايىتىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ قارىلانغۇچىنىڭ تەلىپى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى قارىلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ. قارىلىغۇچىغا سەكسەن دەررە جازا بېرىلىدۇ. بۇ بىزگە شۇنى تەكىتلەپ بېرىدۇكى، ئىسلام شەرىئىتى يۆگەشكە، ئالدىراپ زىنا بىلەن تۆھمەت قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ھەدىس شەرىفتىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن: «كىم بىر مۇسۇلماننى يۆگىسە ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ، بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»(24).

مۇھىم ئەسكەرتىش

سوتچى گۇۋاھچىلاردىن ئورۇن، ۋاقىت ۋە كىم بىلەن زىنا قىلغانلىقى ھەققىدە سورىشى كېرەك، چۈنكى قارىلانغۇچى زىنانى كىچىك ۋاقتىدا، ياكى بەك ئۇزۇن ئۆتمۈشتە، ياكى كافىرلارنىڭ يۇرتلىرىدا سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار. بۇنداق ئېھتىماللىقلار جازانى كۆتۈرىۋېتىشكە يېتەرلىك. ئۇزۇن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۇۋاھلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ. گۇۋاھلىق بېرىش مۇددىتىنى بىر ئاي دەپ قارىغان قاراش فەقىھلەرنىڭ قاراشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ جانلىق قاراشتۇر.

«مۇلتەقەل ئەبھۇر / ملتقى الأبحر» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «زىنا دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق سالاھىيىتى بار بىر شەخسنىڭ ھالاللىق ئېھتىماللىقى يوق ھالەتتە ئالدى تەرەپكە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىدۇر. بۇ جىنايەت تۆت كىشىنىڭ توپلىشىپ زىناغا گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، سوتچى ئۇلاردىن زىنانىڭ نېمىلىكىنى، قانداق بولسا زىنا بولىدىغانلىقىنى، كىم بىلەن زىنا قىلغانلىقىنى، قەيەردە زىنا قىلغانلىقىنى، قاچان زىنا قىلغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: بىز بۇ ئەر كىشىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ بۇ ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا پىچاق غىلاپقا كىرگەندەك كىرگەنلىكىنى كۆردۇق، دېسە، بۇ گۇۋاھچىلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئېنىقلاشلاردا ياخشى، راستچىل كىشىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، مەسىلە ئېنىق بولغاچقا زىنا جىنايىتى ئىسپاتلىنىدۇ. جىنايەتچى ئۆلسە يۇيۇلۇپ نامىزى چۈشۈرىلىدۇ.

زىنا جازاسى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى كونىراش گۇۋاھلىقنى توسىدۇ. گۇۋاھلىق بېرىشنى كېچىكتۈرۈش گۇۋاھچىلارنىڭ راستچىللىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالار بولسا گۇمان بىلەن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ»(25).

زىنا قىلغۇچى يۇرتىدىن پالىنامدۇ؟

بەزى فەقىھلەر ئۆيلەنمىگەن كىشى زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇلۇپ يۇرتىدىن پالىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلانغىنى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر: «مەندىن بىلىۋېلىڭلار! مەندىن بىلىۋېلىڭلار! ئاللاھ زىنا قىلغۇچىلار توغرۇلۇق جازا بەلگىلىدى؛ ئۆيلەنمىگەن يىگىت قىز بىلەن زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇش بىلەن بىر يىل پالىنىدۇ، توي قىلغانلار زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇلۇپ ئاندىن چالما – كېسەك قىلىنىدۇ»(26).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى بولسا توي قىلمىغان كىشىنىڭ زىنا جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازا پەقەتلا يۈز دەررىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان» كەرىمدىكى: ﴿زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار﴾(24/«نۇر»: 2) دېگەن سۆزى بولۇپ، بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا دەررە ئۇرۇشتىن باشقا جازانى تىلغا ئالمىغان. ئەگەر پالاش بۇ جازانىڭ بىر پارچىسى بولغان بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايەتنى ساھابەلەرگە ئوقۇپ بەرگەندە پالاش جازاسىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن بولاتتى – دە، ساھابەلەر دەررە ئۇرۇشتىن باشقا جازا يوق دەپ چۈشىنىپ قالمايتتى. ئۇنداق قىلغانلىقى پالاش جازاسىنىڭ بەلگىلەنگەن جازا قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە يەنە ئېيتتىكى: «زىنا قىلغۇچىنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىش ئۇنى تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىققا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنغان: ‹توي قىلمىغان ئىككىيلەن زىنا قىلسا دەررە ئۇرۇلىدۇ، پالانمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنى پالاش ئۇلارنى تېخىمۇ يولدىن چىقىرىۋېتىدۇ›. ئۇ يەنە: ‹پالاش يولدىن چىقىرىشتا يېتىپ ئاشىدۇ› دېگەن. يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، ئايال كىشىنى پالاپ ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا چىقىرىۋەتسەك، ئۇنى تېخىمۇ بۇزۇقچىلىق مۇھىتىغا دۇچار بولىمىز، چۈنكى ئۇ ئايال ئۆز ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن يىراق بولغان ئەھۋالدا قايتا زىنا قىلىپ سېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايالنى چوقۇم پالاش كېرەك دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىرەر مەھرەم تۇغقىنىنى بىللە پالايلى دېسەك، ئۇ تۇغقاننى نېمە جىنايىتى سەۋەبلىك پالايمىز؟!».

دېمەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىنى مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ: پالاش دېگەن بەلگىلەنمىگەن جازا بولۇپ، بۇ بەلگىلەنگەن جازا دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، سوتچى ياكى دۆلەت پالاش پايدىلىق دەپ قارىسا بەلگىلەنگەن جازاغا قوشۇمچە قىلىپ جازالىسا بولىدۇ، بولمىسا، پالىماسلىق كېرەك، بۇنىڭ ئاساسى شۇكى، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەبىئە ئىبنى ئۇمەييە دېگەن كىشىنى ھاراقكەشلىكى ئۈچۈن مەدىنەدىن خەيبەرگە پالىغان، نەتىجىدە ئۇ رىمغا قېچىپ كەتكەن، ھەزرىتى ئۆمەر بۇ خەبەرنى ئاڭلىغاندا: «ئەمدى ھېچكىمنى پالىمايمەن» دېگەن.

بەچچىۋازلىق جىنايىتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى

بەچچىۋازلىق — ئەر كىشىنىڭ ئەر كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىدۇر. بۇ ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جىنايەت ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ۋە ئەقلىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا، ئىش – ھەرىكىتىنىڭ بىنورماللىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئىش ئىنتايىن پاسكىنا قىلىق بولغاچقا، ھايۋاناتلارمۇ بۇ قىلىقتىن يىرگىنىدۇ، شۇڭا ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ئەركەكنىڭ ئەركەككە ئارتىلغانلىقىنى كۆرمەيمىز. بەچچىۋازلىق لۇت قەۋمىدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ جىنايەتنى دەسلەپتە قىلغانلار لۇت قەۋمىدۇر. جانابىي ئاللاھ بۇنى «قۇرئان»دا مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن بەچچىۋازلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 165، 166). شۇڭا، بەچچىۋازلىق لۇت قەۋمىگە مەنسۇب قىلىنىپ «لىۋات» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ جىنايەت ئىنتايىن قەبىھ ۋە ئېغىر جىنايەت بولغاچقا، ئۇنىڭ جازاسىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ۋە قاتتىق بولغان. جانابىي ئاللاھ لۇت قەۋمىگە تۆۋەندىكى تۈرلۈك ئازاب – بالالارنى كۆرسەتكەن: ئۇلارنى ئۆيلىرىنىڭ بېسىۋېلىشى، تاشلارنى ئېتىپ ئازابلاش ۋە بىرىنىمۇ قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلىش. جانابىي ئاللاھ بۇنى «قۇرئان»دا مۇنداق بايان قىلغان: ﴿بىزنىڭ (جازالاش) ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى – ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ئۇ ساپال تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار زالىملار (يەنى قۇرەيش كافىرلىرى) دىن يىراق ئەمەس﴾(11/«ھۇد»: 82، 83).

بەچچىۋازنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، فەقىھلەرنىڭ قارىشى بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان.

بەزىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، بۇ جازانى بېرىشتە توي قىلغان كىشى بىلەن توي قىلمىغان كىشىنىڭ پەرقى يوق. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «لۇت قەۋمىنىڭ قىلىقىنى (بەچچىۋازلىق) قىلغان قانداق بىر ئادەمنى كۆرسەڭلار، قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن سۆزى(27)، دەپ قارىغان.

بۇ ئىختىيارىي قىلغاندا بېرىلىدىغان جازا بولۇپ، قىلىنغۇچى مەجبۇرلانغان بولسا ئۇنىڭغا جازا كەلمەيدۇ.

بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇلار: ئۆلۈم جازاسى چالما – كېسەك ئۇسۇلى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ، دېگەن.

ئىمام مالىك «ئەلمۇۋەتتا»دا: «مەن ئىمام زۇھرىيدىن لۇت قەۋمىنىڭ قىلىقىنى قىلغان كىشى ھەققىدە سورىسام، ئۇ: ›توي قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن، چالما – كېسەك قىلىنىدۇ‹ دەپ جاۋاب بەرگەن» دېگەن(28).

بەزى فەقىھلەر بەچچىۋزلىق جىنايىتىگە زىنا جىنايىتىگە بېرىلگەن جازا بېرىلىدۇ، يەنى توي قىلمىغانغا يۈز دەررە، توي قىلغانغا چالما – كېسەك جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىمام شافىئىينىڭ قارىشىدۇر.

بۇنىڭدىن بىزگە شۇ ئايان بولىدۇكى، بەچچىۋازلىق جىنايىتى ئادەتتىكى زىنا جىنايىتىدىن قەبىھ ۋە ئېغىر. شۇڭا، ئۇنىڭ جازاسىمۇ ئېغىر بولغان، چۈنكى توي قىلمىغان كىشى زىنا قىلسا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ، پەقەت يۈز دەررە ئۇرۇلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ جازاسى. ئەمما، بەچچىۋازلىق جىنايىتى سادىر قىلغان كىشىگە بولسا، توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان بولسۇن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئاساسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن سۆزىدۇر.

ھازىرقى دەۋرىمىزدە بىر قىسىم ئىنسانلار ناچارلىق پاتقىقىغا پېتىپ ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، ئەنگىلىيەدەك بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بەچچىۋازلىققا يول قويىدىغان قانۇنلار چىقتى، ھەتتا بەزى خىرىستىيان پوپلىرى ئەر بىلەن ئەرنىڭ نىكاھىنى دىنىي مۇراسىملار بىلەن ئوقۇيدىغان بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى قانۇن ھىمايىسى ئاستىدا داغدۇغىلىق توي مۇراسىملىرى بىلەن بولماقتا.

ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى ۋە تەبىئىتى يولۇققان بۇ ئەخلاقىي چېكىنىش نېمىدېگەن ئېغىر – ھە؟ ئىنسانلار بۇ چېكىنىشى تۈپەيلىدىن ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى كىم ئىجرا قىلىدۇ؟

كىشىلەرگە بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىدىغانلار دۆلەت رەئىسى، ياكى دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان سوتچى ۋە ھاكىملاردۇر. چۈنكى، جانابىي ئاللاھ ھۆكۈمدارلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار﴾(24/«نۇر»: 2). بۇ فەقىھلەر بىرلىككە كەلگەن مەسىلىدۇر.

ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ھۆكمى

زىنا جىنايىتىدە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەن گۇۋاھلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى گۇۋاھچى ئىككى ئىشقا بۇيرۇلغان:

1.   ساۋاب ئېلىش مەقسىتىدە جىنايەتچىنى رەسۋا قىلماي يۆگەش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىم بىر مۇسۇلماننى يۆگىسە ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ، بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ» دېگەن(29).

2.   جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ گۇۋاھلىق بېرىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەمئىيەت خاتىرجەملىكى ئۈچۈن جازانىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «زىمىندا بەلگىلەنگەن بىر جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشى زىمىن ئەھلى ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن يامغۇر ياغقاندىنمۇ بەرىكەتلىكرەك»(30).

دېمەك، زىنا جىنايىتىدە گۇۋاھچى يا يۆگىشى كېرەك، يا گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك. ئەگەر گۇۋاھلىق بېرىشتە ئۇزۇن مۇددەت ئارقىغا سۆرەپ كېچىكتۈرگەن بولسا گۇمان كۈچىيىدۇ – دە، بۇ گۇمان بىلەن جازا كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر: «كىمكى بىر كىشى ئۈستىدىن ۋاقتىدا گۇۋاھلىق بەرمەي كېيىن گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، ئاداۋەت تۈپەيلىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن بولىدۇ» دېگەن(31).

 

تۈگىدى

 

(شەيخ مۇھەممەد ئەلى سابۇنىينىڭ «ئىسلامدا بەلگىلەنگەن جازالارنىڭ ئەھكامى» دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى).

 

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1425، 12 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2004، 1 – ماي

———————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4477)؛ «مۇسلىم»، (86).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6243)؛ «مۇسلىم»، (2657).
3. «مۇسلىم»، (1690).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6828)؛ «مۇسلىم»، (1698).
5. «مۇسلىم»، (1690).
6. «مۇسلىم»، (1698).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6815)؛ «مۇسلىم»، (1691).
8. «بۇخارىي»، (6824).
9. «مۇسلىم»، (1695).
10. «ئەبۇ داۋۇد»، (4428).
11. «مۇسلىم»، (1695).
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3635)؛ «مۇسلىم»، (1698).
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6829)؛ «مۇسلىم»، (1691).
14. «مالىك»، (2375).
15. «بۇخارىي»، (6824).
16. «مالىك»، (2386).
17. «تىرمىزىي»، (1439).
18. «بۇخارىي»، (6899).
19. «تىرمىزىي»، (1423).
20. ھەلەبىي: «مۇلتەقەل ئەبھۇر»، 1/584.
21. «ئەبۇ داۋۇد»، (4419).
22. «تىرمىزىي»، (1424).
23. «تىرمىزىي»، (1424).
24. «مۇسلىم»، (2699).
25. ھەلەبىي: «مۇلتەقەل ئەبھۇر»، 1/584.
26. «مۇسلىم»، (1690).
27. «تىرمىزىي»، (1456).
28. «مالىك»، (2385).
29. «مۇسلىم»، (2699).
30. «ئىبنى ماجە»، (2537). سەھىھ.
31. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4/335.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ