جەننەت ئاياللىرى دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ رەپىقە جەننەتنىڭ بازىرى مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى مۇئمىنلەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى جەننەت ئەھلىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۆلۈمنى بوغۇزلاش

جەننەت ئاياللىرى

جەننەتتە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن مۇكەممەل باياشاتلىق بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) ئاللاھنىڭ رازىلىقى (جەننەت نېئمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر﴾(9/«تەۋبە»: 72).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆپلىگەن ھەدىسلىرىدە جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭ گۈزەللىكى سۈپەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق گۈزەل بولۇشى مۇئمىنلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ۋە چىرايلىق تاشقى قىياپىتى بىلەن مۇكەممەل ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇ جەننەتتە ئەرلىرى بىلەن مۇكەممەل ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈندۇر.

شۇنىڭدەك يەنە كۆپلىگەن ھەدىسلەردە جەننەتتىكى مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى سۈپەتلەنگەن. ئۇلارنىڭمۇ بۇنداق گۈزەل بولۇشى مۇئمىن ئايالنىڭ ئۆزى بىلەن ۋە گۈزەللىكى بىلەن مۇكەممەل ھۇزۇلىنىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭمۇ جەننەتتە ئاياللىرى بىلەن مۇكەممەل ھۇزۇلىنىشى ئۈچۈندۇر.

ئۇنداقتا جەننەت ئاياللىرىنىڭ سۈپەتلىرى قايسىلار؟

جەننەتتە مۇئمىن ئاياللارنىڭ شەكىللىرى ئۆزگىرەمدۇ؟

جەننەتتە قايسىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈستۈن بولىدۇ؟ دۇنيادا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن ئايالنىڭمۇ ياكى شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنىڭمۇ؟

ئاللاھ تائالا شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەردىن بولغان جەننەتنىڭ ئاياللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى گۈزەللىكلىرىنى تۈرلۈك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ بەردى. مۇئمىن ئايال شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر سۈپەتلەنگەن ھەرقانداق سۈپەتتىن گۈزەلدۇر. چۈنكى، دۇنيادا چارچىغان، ناماز ئوقۇغان، ئىبادەت قىلغان، ھارامدىن يىراق تۇرغان، كۈندۈزلىرى روزا تۇتقان ۋە سەھەرلەردە رەببىدىن قورقۇپ يىغلىغان مۇئمىن ئايالنى ئاللاھ تائالا گۈزەللىك ۋە ھۆرمەت جەھەتتە جەننەت ئۈچۈنلا يارىتىلغان ۋە ھېچقانداق ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنمىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بىلەن باراۋەر قىلمايدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىستىن شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر سۈپەتلەنگەن ھەربىر سۈپەتتىن مۇئمىن ئايال ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالسۇن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! دۇنيانىڭ ئاياللىرى ئەۋزەلمۇ ياكى شەھلا كۆزلۈك ھۆرمۇ؟ — دېسەم، ئۇ زات:

— تاشقى كىيىم ئىچ كىيىمدىن ئەۋزەل بولغىنىدەك، دۇنيا ئاياللىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆردىن ئەۋزەل، — دېدى.

— ئى رەسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ — دېسەم، ئۇ زات دېدىكى:

— ئۇلارنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇغان نامىزى ۋە تۇتقان روزىلىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە نۇر ئاتا قىلىدۇ، بەدەنلىرىگە يىپەك كىيدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى – رويى ئاپ – ئاق، كىيىملىرى يېشىل، زىبۇزىننەتلىرى سېرىق، ئىسرىقدانلىرى ياقۇتتىن، تارغاقلىرى ئالتۇندىندۇر. ئۇلار: ‹مانا بىز ھەرگىز ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ياشىغۇچىلارمىز. مانا بىز ھۇزۇر بېغىشلىغۇچىمىز، مەڭگۈ قايغۇرمايمىز. مانا بىز مۇقىم تۇرغۇچىلارمىز، مەڭگۈ كۆچمەيمىز. مانا بىز رازىمەنلەرمىز، مەڭگۈ نارازى بولمايمىز. بىز ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولغان ۋە بىزگە تەئەللۇق بولغان كىشى ئۈچۈن گۈزەل قارارگاھ مۇبارەك بولسۇن› دەيدۇ»(1).

شەك – شۈبھىسىزكى، بۇ ئېسىل نېئمەت ۋە ھۆسن – جامال دۇنيادا مۇئمىن ئايالنى ئەمەل – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشقا ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابقا قىزىقىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

جەننەت ئاياللىرى ھۆسن – جامال، ئىپپەت، نازۇكلۇق ۋە ناز – كەرەشمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدىدۇر. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرى بايان قىلىنىدۇ:

1) جەننەتنىڭ ئاياللىرى گۈزەلدۇر

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز﴾(44/«دۇخان»: 54).

مۇئمىن بەندىگە جەننەتتە دۇنيادىكى سالىھ ئايالى جۈپتى بولىدۇ. بۇ ئايال شەھلا كۆزلۈك، تۇرقى بەك چىرايلىق، قامىتى ئەۋرىشىم ۋە يۇمشاق بەدەن بولىدۇ.

جەننەتتىكى ھۆرلەر بولسا ئىنتايىن چىرايلىق، گۈزەل ئاياللار بولۇپ، گۈزەللىكى، ئاقلىقى ۋە رەڭگىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن قارىغان كىشى مەھلىيا ۋە ھەيرانۇھەس بولىدۇ.

ئەمما، ئايەتتىكى شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بولسا ئىككى كۆزى يوغان، كۆز قارىچۇقى قارا، كۆزىنىڭ قالغان يەرلىرى ئاق ئاياللاردۇر.

2) جەننەتنىڭ ئاياللىرى ياش ھالىتىدە بولىدۇ

بۇ ياشلىق ھالىتى ئاياللار ئۈچۈنمۇ، ئەرلەر ئۈچۈنمۇ ئەڭ شېرىن ۋە ھۇزۇرلۇق ۋاقىتتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق. بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر﴾(56/«ۋاقىئە»: 35 — 38).

﴿يېڭىدىن ياراتتۇق﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ئادەمزات بولمىش مۇئمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئاۋۋالقى يارىتىلىشىدىن باشقا شەكىلدە يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش، قىز ھالىتىدە بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئەنسارلاردىن بولغان بىر قېرى ئايال كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ مېنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىگە دۇئا قىلىپ قويسىلا، — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالغا چاقچاق قىلىپ:

— ھەقىقەتەن، جەننەتكە قېرى ئايال كىرمەيدۇ، — دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال غەمكىن ھالەتتە، ئۆزىنى ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدىكەنمەن دەپ ئويلاپ كېتىپ قالدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بېرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كەلدى. ئائىشە:

— مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئېغىر ۋە قاتتىق كەتتى دەپ قالدىم، — دېگەنىدى، ئاللاھنىڭ نەبىيسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن، ئۇ شۇنداق، ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزگىنىدە، ئۇلارنى قىز ھالىتىگە ئەكىلىدۇ، — دېدى»(2).

3) جەننەت ئاياللىرى ھەيز كۆرمەيدۇ

بۇنداق بولۇشى جەننەت ئاياللىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ مۇكەممەل ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 57). يەنى ئۇ ئاياللار ھەيزدىن، نىپاستىن، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىشتىن، مىشقىرىش، تۈكۈرۈش ۋە باشقا ھەرقانداق ئەزىيەتلەردىن پاكتۇر. ئۇلار يەنە ناچار ئەخلاقلاردىن ۋە سۈپەتلەردىن پاكتۇر.

4) جەننەت ئاياللىرى ئەرلىرىنى ئەرلەرنىڭ ئەڭ كېلىشكىنى دەپ قارايدۇ

بۇ ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈن نېئمەتنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇ ئاياللار ئەرلىرىنىڭ كۆزلىرىگە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئەڭ كېلىشكەن ئەر كۆرۈنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىنىڭ غەيرىگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ﴾(37/«ساففات»: 48). يەنى: جەننەت ئاياللىرى ئەرلىرىنىڭ غەيرىگە قارىمايدۇ ۋە ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بەلكى ئېرىنى ئەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كېلىشكەن ئەر دەپ قارايدۇ.

5) جەننەت ئاياللىرىنىڭ بەدەنلىرىنىڭ گۈزەللىكى

جەننەت ئاياللىرىنىڭ يۈزلىرىنىڭ گۈزەل ۋە خۇش چىراي بولىدىغانلىقى بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالا يەنە بەدەنلىرىگىمۇ گۈزەللىك ۋە ئەۋرىشىملىكنى زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېئمەتكە ئېرىشىدۇ. (ئۇ نېئمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر. تەڭتۇش قىزلاردۇر﴾(78/«نەبەﺋ»: 31 — 33) دېگەن.

بۇ ئايەتتىكى «تەڭتۇش قىزلار» بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدە تولۇق گۈزەللىك بار بولغان قىزلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە ياشلىرى ئوخشاش قىزلاردۇر.

6) جەننەتنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىگە ئەڭ ياخشى جۈپ بولغۇچىلاردۇر

جەننەتنىڭ ئاياللىرى قوپاللىقتىن ئەسەرمۇ يوق، ئەرلىرىگە بەك مۇلايىم ئاياللاردۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق﴾(56/«ۋاقىئە»: 37) دېگەن. يەنى ئۇلار ئەرلىرىگە ئۇنس – ئۇلپەت ۋە خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى ئاياللاردۇر.

7) جەننەتنىڭ ئاياللىرى قىز ھالىتىدىدۇر

ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنس – جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار﴾(55/«رەھمان»: 56) دېگەن. يەنى ئۇلارغا ئەرلىرىدىن ئىلگىرى بىرەر ئىنسان ياكى جىن يېقىن كېلىپ باقمىغان ئاياللاردۇر.

8) تېرىلىرى مەرۋايىتتەك سۈزۈك ئاياللاردۇر

ئاللاھ تائالا: ﴿گويا ئۇلار (سۈزۈكلۈكتە) ياقۇتتۇر، (ئاقلىقتا) مەرۋايىتتۇر﴾(55/«رەھمان»: 58) دېگەن.

يەنى ئۇ ئاياللار ئۇنىڭغا قارىغان ئادەم ئۇنىڭ پاچىقىنىڭ ئۇستىخىنىنى تېرىسىدىن كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە ياقۇتتەك سۈزۈكتۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەت ئاي تولغان كېچىسىدىكى تولۇن ئاي سۈرىتىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرىدىغانلارنىڭ چىرايى ئاسماندىكى ئەڭ نۇرانە يۇلتۇزدەك گۈزەل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك بولىدۇ، ئارىلىرىدا ئىختىلاپ، ئۆچ – ئاداۋەت دېگەن نەرسە بولمايدۇ. ئۇلاردىن ھەربىر ئەرنىڭ گۈزەللىكىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكى گۆش سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككىدىن (ھۆر پەرى) ئايالى بولىدۇ» دېگەن(3).

9) جەننەتنىڭ ئاياللىرى ئەخلاقى گۈزەل ئاياللاردۇر

ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئاياللىرىنى چىرايلىرى گۈزەل بولۇش بىلەن بىرگە ئەخلاقىمۇ گۈزەل دەپ سۈپەتلىدى: ﴿ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار﴾(55/«رەھمان»: 70).

10) جەننەتنىڭ ئاياللىرى يۈزلىرىدە نۇر ۋە سۈزۈكلۈك بار بولغان ئاياللاردۇر

بۇ ئۇ ئاياللارنىڭ بەك چىرايلىق ئىكەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاقلىقى ۋە تېرىسىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن ئۇلارغا قارىغان كىشى يۈزلىرىنى نۇرلۇق ھالەتتە كۆرىدۇ.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ناۋادا جەننەت ئەھلىدىن بىر ئايال زېمىن ئەھلىگە قارايدىغان بولسا، ئەلبەتتە ئىككىسىنىڭ (جەننەت بىلەن زېمىننىڭ) ئارىلىقىنى يورۇتۇۋەتكەن، ئەلبەتتە ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى خۇشپۇراققا توشقۇزۇۋەتكەن بولاتتى. ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ رومىلىمۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر»(4).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿گويا ئۇلار (سۈزۈكلۈكتە) ياقۇتتۇر، (ئاقلىقتا) مەرۋايىتتۇر﴾(55/«رەھمان»: 58) دېگەن سۆزى ھەققىدە: «ئۇ كىشى ئۇ ئايالنىڭ چۈمبىلىنىڭ ئىچىدىن يۈزىنى ئەينەكتىنمۇ سۈزۈك ھالەتتە كۆرىدۇ. ھەقىقەتەن، ئۇ ئايالنىڭ ئەڭ كىچىك ئۈنچىسى مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىنى يورۇتىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئۈستىدە يەتمىش قۇر كىيىم بار بولۇپ، ئېرى بۇ كىيىملەرنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭ پاچىقىنىڭ يىلىكىنى كۆرىدۇ» دېگەن(5).

ئادىللىق

تەقۋادار، سالىھ ۋە پاكىز مۇئمىن ئايال ھۆر پەرىدىن ئەۋزەلدۇر.

دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ رەپىقە
مۇئمىننىڭ دۇنيادىكى ئايالى ئەگەر سالىھ، ئېرىنى سۆيىدىغان بولسا ۋە ئېرىمۇ ئۇنى سۆيىدىغان بولسا

ئۇنداقتا دۇنيادىكى ئايالى جەننەتتىمۇ ئايالى بولامدۇ؟

دەرىجىلەر ھەرخىل بولامدۇ؟

مۇئمىننىڭ دۇنيادىكى ئايالى جەننەتتىمۇ ئايالى بولىدۇ. بىراق ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە ئەر، ئايالنىڭ يۈزىگە ۋە ئەخلاقىغا گۈزەللىكنى زىيادە قىلىدۇ. يەنە تېخى ئاللاھنىڭ پەزل – رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىن جەننەتتە ئەگەر ئەر ئايالىدىن دەرىجە جەھەتتە ئۈستۈنرەك بولسا، ئايالىنى ئېرىنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. ئەگەر ئايال ئېرىدىن دەرىجە جەھەتتە ئۈستۈنرەك بولسا، ئېرىنى ئايالىنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ. (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ﴾(13/«رەئد»: 23، 24).

ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!

ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى دېگىنىمىز — مەڭگۈ چىقماي قېپقالىدىغان جەننەتكە ۋە ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان نېئمەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرىش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا جەننەتتە مۇئمىنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ سالىھلەردىن بولغان ئاتىلىرى، ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى جەم قىلىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ زىيادە بولۇشى ئۈچۈندۇر. پەرىشتىلەر ئۇلارغا جەننەتنىڭ ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ئۇلارغا سالام قىلىدۇ ۋە جەننەتكە كىرگەنلىكىنى مۇبارەكلەيدۇ.

پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلىدۇ. يەنى سىلەرگە مەڭگۈلۈك ئامانلىق بولسۇن ۋە ھەرقانداق بالا – قازالاردىن ساقلىنىش بولسۇن؛ سىلەر سەۋر قىلغان ۋە سەۋردىن مەنپەئەتلەنگەن ئىدىڭلار؛ تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى ۋە دەرد – ئەلەملەرنى كۆتۈرگەن ئىدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنى قازاندىڭلار. سىلەرنىڭ ئاقىۋىتىڭلار نېمىدىگەن ياخشى، مۇكاپاتىڭلار نېمىدېگەن كاتتا!

بەلكى پەرىشتىلەر بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى رىشتە دۇنيانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپلا بار بولغان كونا رىشتىدۇر. ئاللاھ بىزگە شۇنداق خەبەر بەرگەنكى، ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەر مۇئمىنلەر ئۈچۈن گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى ۋە جەننەتكە كىرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇئمىنلەرگە مەغفىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾(40/«غافىر»: 7).

جەننەت ئەھلى ئالدىراشتۇر

شۇنداق، جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن ۋە ئاياللىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن ئالدىراشتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېئمەت ئىچىدىدۇر. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 55، 56)، ﴿ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال – خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ)﴾(43/«زۇخرۇف»: 69، 70).

بىز يۇقىرىدا «مۇئمىننىڭ دۇنيادىكى ئايالى جەننەتتىمۇ ئايالى بولىدۇ» دېدۇق. لېكىن، دۇنيادا ئايال كىشىنىڭ ئىككى قېتىم ياتلىق بولغانلىقتىن ئىككى ئېرى بولغان بولسا، ئاخىرەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرگەن بولسا، بۇ ئايال ئۇ ئىككى ئەرنىڭ قايسىسىغا مەنسۇپ بولىدۇ؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا بىر ئايالنىڭ دۇنيادا ئىككى ئېرى بولۇپ، ئۇ ئايال ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئېرى ھەممىسى جەننەتكە كىرسە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ بولىدۇ؟ ئالدىنقىسىغىمۇ ياكى كېيىنكىسىگىمۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ زات:

— ئۇ ئايالغا ئىككىسىدىن دۇنيادا ئۇ ئايالغا ئەڭ گۈزەل ئەخلاقتا بولغىنىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ. ئۇ جەننەتتىمۇ ئېرى بولىدۇ، — دېدى. ئاندىن: «ئى ئۇممۇ ھەبىبە! گۈزەل ئەخلاق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خەيرلىكلىرىنى ئېلىپ كەتتى» دېدى(6).

ۋاپا

ئەر – ئايالنىڭ دۇنيادا تائەتتە ھەمكارلىشىشى ئىككىسىنى جەننەتتە خاتىرجەم ھالەتتە جەم قىلىدۇ.

جەننەتنىڭ بازىرى
جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى ۋە تۈرلۈك خۇشاللىقلىرى بەك كۆپتۇر. ئۇ نېئمەتلەر بولسا تۈرلۈك تائاملار، ئىچىملىكلەر، كىيىملەر، مۇڭدىشىشلار، خۇشاللىقلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردۇر. جەننەت ئەھلى بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتتا ھەر كۈنى يېڭى بىر نېئمەتنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ نېئمەتلەرنىڭ قاتارىدىن جەننەتنىڭ بازىرىدۇر.

ئۇنداقتا جەننەتنىڭ بازىرى دېگەن نېمە؟

ئۇ بازاردا نېمىلەر سېتىلىدۇ؟

جەننەتتە ئۆزلىرى خاھلىغان نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنالايدىغان تۇرسا، ئۇ بازارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟

ئىنساندا نېئمەتلەر قانچە مول بولسا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى شۇنچە مەنىلىك ۋە كۆڭۈللۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ جەننەتتە بازارنى ياراتتى. چۈنكى، بەزى ئىنسانلار بازارغا بېرىش ۋە بازاردىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ.

جەننەتنىڭ بازىرىنىڭ گۈزەللىكى

جەننەتنىڭ بازىرى كۆڭۈللۈكلۈكى، گۈزەللىكى ۋە تىزىلغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى جەھەتتە دۇنيانىڭ بازارلىرىغا ئوخشاش ئەمەستۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەقىقەتەن، جەننەتتە بىر بازار بار بولۇپ، ئەھلى جەننەت ھەر جۈمە كۈنى شۇ يەرگە يىغىلىدۇ. شىمال شامىلى كېلىپ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە كىيىملىرىگە خۇشبۇي چاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ھۆسن – جامال قوشۇلغان ھالدا ئاياللىرىغا قايتىدۇ. ئاياللىرى ئۇلارغا:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بازارغا بارغاندىن كېيىن ھۆسن – جامالىڭلار تېخىمۇ ئېشىپتۇ، — دەيدۇ. ئۇلارمۇ ئاياللىرىغا:

— ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەرنىڭمۇ ھۆسن – جامالىڭلار تېخىمۇ ئېشىپتۇ، — دەيدۇ»(7).

مانا بۇ جەننەتنىڭ بازىرى بولۇپ، خۇددى دۇنيادا ئىنسانلار بازارغا يىغىلغاندەك، جەننەت ئەھلىمۇ جەننەتنىڭ بازىرىغا يىغىلىدۇ.

جەننەتنىڭ شامىلى شىمال تەرەپتىن چىقىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەرەب دىيارىدا شىمال شامىلى يامغۇر شامىلىدۇر. بۇ شامال شام تەرەپتىن چىقىدىغان ۋە يامغۇرنىڭ بۇلۇتىنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار شىمال شامىلىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭلاشقا جەننەت ئەھلىگە شىمال شامىلى چىقىپ، ئۇلارغا جەننەت زېمىنىدىكى مىشكى – ئەنبەرنى توزىتىدۇ.

جەننەت ئەھلى سودا – سېتىق قىلىشنى سېغىنىدۇ

جەننەتنىڭ بازىرىدا كۆپ خۇشاللىقلار بار بولۇپ، جەننەت ئەھلى بۇ بازارنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنىڭغا:

— مەن ئاللاھتىن سەن بىلەن جەننەت بازىرىدا ئۇچرىشىشىمنى تىلەيمەن، — دېگەنىدى، سەئىد:

— جەننەتتە بازار بارمۇ؟ — دېدى.

— ھەئە، بار. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا خەبەر بەردىكى: ‹جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگەنلىرىدە، ئەمەللىرىنىڭ دەرىجىلىرىگە قاراپ ئورۇنلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ دۇنيا كۈنلىرىدىن جۈمە كۈنىدىكىدەك بىر كۈندە پەرۋەردىگارىنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۇ كۈندە ئاللاھنى زىيارەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەرشىنى كۆرسىتىپ، جەننەت باغچىلىرىدىن بىرىدە ئۇلارغا ئايان بولىدۇ. ھەم ئۇلارغىمۇ نۇردىن، مەرۋايىتتىن، ياقۇتتىن، گۆھەردىن، ئالتۇندىن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان مۇنبەرلەر قويۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ دەرىجىدە ئەڭ تۆۋىنىمۇ — ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋىنى يوقتۇر — ئىپار ۋە كافۇر دۆۋىسى ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇلار تۇرغان جايىنىڭ ئېسىللىكىدىن مۇنبەر ئىگىلىرىنى ئۆزلىرىدىن سورۇن جەھەتتە ئەۋزەل دەپ قارىمايدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دېدى: «مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىز رەببىمىزنى كۆرەمدۇق؟ — دېگەنىدىم، ئۇ زات:

— شۇنداق، تولۇﻥ ئاينى بۇلۇتسىز ئاسماندﺍ كۆﺭﯛشتىن گۇمانلىنامسىلەﺭ؟ — دېدى. مەن:

— ياق، — دېسەم، ئۇ زات دېدى:

— شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىن گۇمانلانمايسىلەر (شەكسىز كۆرۈسىلەر)، ئۇ سورۇندا ئاللاھ تائالا بىۋاسىتە خىتاب قىلمايدىغان بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ. ھەتتاكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر كىشىگە: ‹ئى پالانى! سەن مۇنداق، مۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كۈنۈڭنى ئەسلىيەلەمسەن؟› دەپ ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بەزى سەت ئىشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ كىشى: ‹ئى رەبىبم! سەن مېنى مەغفىرەت قىلمىغانمىدىڭ؟› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹شۇنداق، مېنىڭ مەغفىرىتىمنىڭ بەكمۇ كەڭلىكىدىن سەن شۇ ماقامغا ئېرىشتىڭ› دەيدۇ. ئۇلار شۇنداق سۆھبەت قىلىۋاتقان چاغدا، ئۈستىدىن بىر بۇلۇت قاپلايدۇ ۋە ئۇلارغا ناھايىتى ئېسىل خۇشپۇراق ياغىدۇ. بۇنداق پۇراقنى ئۇندىن بۇرۇن ھېچكىم پۇراپ باقمىغان ئىدى. ئاندىن نامى ئۇلۇغ ئاللاھ: ‹مەن سىلەرگە تەييارلاپ قويغان بۈيۈك ئىززەت – ئىكرامدىن كۆڭلۈڭلار تارتقاننى ئېلىڭلار› دەيدۇ. ئاندىن ئەتراپىنى پەرىشتىلەر قاپلاپ كەتكەن بىر بازارغا بارىمىز. ئۇنداق بازارنى كۆزلەر كۆرۈپ، قۇلاقلار ئاڭلاپ، قەلبلەرمۇ خىيال قىلىپ باقمىغان. بىزگە كۆڭلىمىز تارتقان نەرسىلەر يۈكلەپ بېرىلىدۇ. ئۇ بازاردا بىرنەرسە سېتىلمايدۇ ۋە سېتىۋېلىنمايدۇ. ئۇ بازاردا جەننەت ئەھلى بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشى ئۆزىدىن تۆۋەن مەرتىۋىلىك كىشى بىلەن ئۇچرىشىدۇ — ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋەن يوقتۇر — ۋە تۆۋەن مەرتىۋىلىك كىشى ئۇنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان لىباسىدىن ھەيران قالىدۇ. لېكىن سۆزىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كىيىممۇ ئۇنىڭكىدىن ئېسىل كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشى جەننەتتە ھېچكىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاندىن تۇرالغۇلىرىمىزغا قايتىمىز. ئاياللىرىمىز بىزنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ: ‹خۇش كېلىپسىز! قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىن كەتكەن ۋاقتىڭىزدىكىدىنمۇ كېلىشكەن، تېخىمۇ خۇش پۇراق بولۇپ قايتىپ كەپسىز› دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹ھەقىقەتەن، بىز بۈگۈن رەببىمىز جاببار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇق، شۇ سەۋەبتىن بىزگە مۇشۇنداق قايتىپ كېلىشىمىز لايىق بولدى› دەيدۇ»(8).

بىلىم

پەرۋەردىگارىمىز ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك نەرسىلەرنى كۆڭلى تارتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىنىمۇ تۈرلۈك قىلىپ بەردى.

مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى
جەننەت ئەھلى كۆڭۈللىرى تارتقان نەرسىلەردە ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىدا ھەرخىل بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە كۆڭۈللىرى تارتقان، كۆزلىرى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان ۋە كۆڭۈللىرىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەر بار.

ئۇنداقتا ئۇلار دۇنيانى ئەسلىشەمدۇ؟

ئۇلارنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن بولغان تونۇشلىرىنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟

ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پاراڭلىرى قانداق بولىدۇ؟

جەننەت ئەھلى ئۈچۈن نۇرغۇن سورۇنلار بار بولۇپ، ئۇلار بۇ سورۇنلاردا خاھلىغىنى بويىچە پاراڭلىشىدۇ. بەزىدە دۇنيادىكى چاغدا بىر – بىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلارنى، بىر – بىرىنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە پەرۋەردىگارىغا قىلىشقان دۇئالىرىنى ئەسلىشىدۇ. ئۇلار يەنە دوزاخ ئەھلىنى ئەسلىشىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا ھەمد ئېيتىشىدۇ.

دوست ۋە ئۇنىڭ دوستىنىڭ قىسسىسى

جەننەت ئەھلى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، بىر – بىرىنى زىيارەت قىلىشىدۇ ۋە دۇنيادا بىر – بىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلارنى ئەسلىشىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئۆزئارا سۆزلىشىپ، ئۈنس – ئۈلپەتتە بولۇشىدۇ ۋە دۇنيادىكى چاغدا ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بىرمۇنچە ئىنسانلار توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئۇلار كرېسلولارغا يۆلەنگەن ۋە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرغان ھالدا بىر – بىرىدىن دۇنيادىكى چاغدىكى ئەھۋاللىرىدىن سورىشىدۇ. ھەتتاكى بۇ سۆزلىشىشنىڭ نەتىجىسىدە، جەننەتتىكى نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان مۇئمىنلەرنىڭ بىرى دۇنيادىكى چاغدا ئۆزى بىلەن بىللە يۈرگەن بىر كىشىنى ئەسلەيدۇ. بۇ كىشى بولسا ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن كىشى ئىدى. بۇ مۇئمىن باشقا مۇئمىن بۇرادەرلىرىگە ئۆزىنىڭ ئاشۇ ناچار ھەمراھى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھالەتنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر – بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ. ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) ‹سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن. بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟› دەيتتى»﴾(37/«ساففات»: 50 – 53).

بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ كىشىنىڭ جەننەتتە ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە مۇئمىنلەر بىر – بىرىگە ئۇ كىشنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، دوزاخقا قاراپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ﴾(37/«ساففات»: 54) دېگەن.

ئۇنىڭ دوستىنىڭ ھالى

ئۇ مۇئمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دوزاخقا قارىغان چاغدا، ئۇ كىشىنىڭ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرۈلۈپ – چۆرۈلۈپ تۇرغانلىقىنى، كۆيۈۋاتقانلىقىنى، ۋارقىراۋاتقانلىقىنى، ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھېچقانداق بىر ياردەم قىلغۇچىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەتراپىدا نۇرغۇن ئوتتىن بولغان يىلانلارنىڭ تۇرغانلىقىنى ۋە قىزىق تاشلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كافىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ﴾(37/«ساففات»: 55) دېگەن.

شۇنداق، ئۇ دوستىنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا رەڭگى قارىداپ كەتكەن، تېرىلىرى سويۇلۇپ كەتكەن ۋە قاتتىق ئازابلىنىۋاتقان ھالەتتە كۆرىدۇ. بۇ بولسا ھەددىدىن ئاشقان، ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلغان ئىنسانلارنىڭ جازاسىدۇر. بۇ ۋاقىتتا مۇئمىننىڭ قەلبى خۇشاللىققا تولىدۇ ۋە دۇنيادا بۇ ناچار دوستىغا ئىتائەت قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقىغا ئەگەشمىگەنلىكىگە قارىتا ئاللاھقا ھەمد ئېيتىدۇ. شۇنداقلا مۇئمىن بۇ ئازغۇن ھەمراھىنى مالامەت قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئاللاھقا ئۆزىنى ئازغۇنلۇقتىن ساقلاپ قالغانلىقىغا قارىتا ھەمد ئېيتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلبەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم. تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق؟ بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېئمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر. ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن﴾(37/«ساففات»: 56 — 61).

شۇنداق، بۇ مۇئمىن ئۇ ئازغۇن ھەمراھىنىڭ كۇفرىلىقىغا ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئەگەشكەن بولسا، ئەلبەتتە ئۇنىڭ بىلەن دوزاخقا ھازىر قىلىنغان بولاتتى.

پۇرسەت

ھايات قايتا كەلمەيدىغان بىر پۇرسەتتۇر. شۇڭا، ئۇنى ناچار ھەمراھ بىلەن زايە قىلىۋېتىشتىن ھەزەر ئەيلە.

مۇئمىنلەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى
ئاخىرەتتە ئاللاھنى كۆرۈش ئەڭ چوڭ مۇكاپات، كاتتا نېئمەت ۋە چوڭ غايە – نىشاندۇر. جەننەتتىكى ھەرقانداق نېئمەت، ئەگەر ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈش نېئمىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلسا، كىچىك نېئمەت بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھتىن بىزگە ئۆزىنىڭ جامالىنى كۆرۈش نېئمىتىنى نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز.

ئۇنداقتا مۇئمىنلەر پەرۋەردىگارىغا قاچان قارايدۇ؟

ئاللاھنى كۆرىدىغانلىقنىڭ دەلىللىرى نېمە؟

مۇئمىنلەرنىڭ ئۇ چاغدىكى لەززىتى قانداق بولىدۇ؟

ئاللاھ تائالا ئىتائەتمەن ۋە تەقۋادار مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: ﴿ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ﴾(10/«يۇنۇس»: 26)، ﴿بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ﴾(75/«قىيامەت»: 22، 23).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە، ئاللاھ: ‹يەنە باشقا بىر نەرسە بېرىشىمنى خاھلامسىلەر؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹يۈزىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ! دوزاختىن قۇتقۇزۇپ، جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ! (بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە نېمىنى تىلەيتتۇق)› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەردە ئېچىۋېتىلىدۇكى.(9) ئۇلار ئۆز پەرۋەردىگارى ئەززە ۋەجەللەگە قاراشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بىر نېئمەت ئاتا قىلىنمىغان بولىدۇ». ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم – قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 26)(10).

ئەسھابلەر ئاللاھنى كۆرۈش ھەققىدە سورايتتى

ئەسھاب كىراملەر مۇئمىنلەرنىڭ ياخشىلىرى ۋە سالىھلەرنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر. ئاللاھنى سۆيۈش ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە توشۇپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇلار بۇ ئۈممەتنىڭ ئىمانى ئەڭ كامىل، ئەقىدىسى ئەڭ ساپ ۋە ئىبادىتى ئەڭ كۆپ بولغان سەرخىللىرىدۇر.

ئەسھابلەردىن بىرى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— بىز قىيامەت كۈنى ﺭﻩببىمىزنى كۆﺭﻩمدﯗﻕ؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىۋىدﻯ، ﺭﻩسۇلۇللاھ:

— تولۇﻥ ئاينى بۇلۇتسىز ئاسماندﺍ كۆﺭﯛشتىن گۇمانلىنامسىلەﺭ؟ — دېدى.

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ!

— بۇلۇتسىز ئاسماندﺍ كۈننى كۆﺭﯛشتىن گۇمانلىنامسىلەﺭ؟

— ياق، ئى رەسۇلۇللاھ!

— ﺭﻩببىڭلاﺭنى ئەنە شۇندﺍﻕ ئېنىق كۆﺭﯛسىلەﺭ»(11).

يەنى سىلەر ئاللاھنى ھېچقانداق توسالغۇسىز ھالەتتە ئوچۇق كۆرۈسىلەر، بۇ كۆرۈشتە بىر – بىرىڭلار بىلەن قىستىلىشىپ قالمايسىلەر ۋە سىقىلمايسىلەر.

جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۈرلۈك نېئمەتلەر، ئۈنس – ئۈلپەتلەر، مۇڭدىشىشلار ۋە ئەڭ كاتتا نېئمەت بولغان ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش بىلەن بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار ئاللاھنىڭ جامالىغا قاچان قارايدۇ؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ: ﴿ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە زىيادەگە (ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە) نائىل بولىدۇ﴾(10/«يۇنۇس»: 26) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇپ دېدىكى: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرسە، بىر نىدا قىلغۇچى: ‹ئى جەننەت ئەھلى! ھەقىقەتەن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ بىر ۋەدىسى بار بولۇپ، ئۇ ۋەدىسىنى سىلەرگە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىرادە قىلىدۇ› دەيدۇ. ئۇلار: ‹ئۇ قايسى ۋەدە؟ ئاللاھ بىزنىڭ تارازىلىرىمىزنى ئېغىر قىلمىدىمۇ؟ يۈزلىرىمىزنى يورۇق قىلمىدىمۇ؟ بىزنى جەننەتكە كىرگۈزمىدىمۇ؟ ۋە بىزنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرمىدىمۇ› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا پەردە ئېچىۋېتىلىدۇ ۋە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇلارغا تەجەللى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەرۋەردىگارىغا قاراشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بىر نېئمەت ئاتا قىلمىغان بولىدۇ بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىدىكى: ‹زىيادە›دۇر»(12).

ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاللاھنى كۆرۈش

ئاللاھ جەننەت ئەھلى ئۈچۈن ئۇلاردىن رازى بولۇشى بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى نېئمەتنى جەملەيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا جەننەت ئەھلىگە: ‹ئى جەننەت ئەھلى!› دېسە، ئۇلار: ‹خوش، ئى رەببىمىز! تائىتىڭگە تەييارمىز› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹رازى بولدۇڭلارمۇ؟› دېسە، ئۇلار: ‹مەخلۇقلىرىڭدىن ھېچبىرىگە ئاتا قىلمىغاننى بىزگە ئاتا قىلغان تۇرساڭ، نېمىشقا رازى بولمايدىكەنمىز؟› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹مەن سىلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەلنى بېرىمەن› دەيدۇ. ئۇلار: ‹ئى رەببىمىز! ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل قايسى نەرسە ئۇ؟› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹سىلەرگە رازىلىقىمنى چۈشۈرىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە مەڭگۈ غەزەب قىلمايمەن› دەيدۇ»(13).

ناماز ئوقۇغانلار ئاللاھنى كۆرۈشكە ئەڭ لايىق كىشىلەردۇر

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىگە ھەر ۋاقىت ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھنى كۆرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى بۇنىڭغا قىزىقتۇراتتى. شۇنداقلا «بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى داۋاملىق ئوقۇغان كىشى ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە لايىق بولۇر» دەپ بايان قىلىپ بەرگەنىدى.

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «بىز نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنىڭ يېنىدا ئىدﯗﻕ، ئۇ زات تولۇﻥ ئايغا بىر قارىۋېتىپ دېدىكى: ‹سىلەﺭ چوقۇﻡ پاﺕ ئاﺭىدﺍ ﺭﻩببىڭلاﺭنى خۇﺩﺩﻯ مۇشۇ ئاينى كۆﺭگەندﻩﻙ، ھېچقاندﺍﻕ توسالغۇسىز ئوچۇﻕ – ئاشكاﺭﺍ كۆﺭىسىلەﺭ، شۇڭا كۈﻥ چىقىشتىن بۇﺭﯗﻥ ﯞﻩ كۈﻥ پېتىشتىن ئىلگىرﻯ ئوقۇلىدىغاﻥ ناماﺯنى (باشقا ئىشلاﺭ بىلەﻥ مەشغۇﻝ بولۇﭖ قالماﻱ) ۋاقتىدا ئوقۇياﻻيدىغاﻥ بولساڭلاﺭﻻ چوقۇﻡ شۇنداق قىلىڭلار!»(14).

يەنى بۇ ئىككى نامازنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلاپ قېلىپ ياكى بۇ نامازلارغا سەل قاراپ قازا قىلماي، ۋاقتىدا ئوقۇيالايدىغانلا بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.

ئاللاھنى كۆرۈش جەننەتتىكى نېئمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتنىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن بىنا قىلىنغانلىقىنى، بۇ بىنانىڭ گۈزەللىكىنى ۋە كۆركەملىكىنى سۈپەتلەپ بەردى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ ئېسىل نېئمەت ۋە خۇشاللىقلار بىلەن بىرگە يەنە ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش بىلەن تېخىمۇ خۇشاللىقنى زىيادە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ زات ئېيتتىكى: «قاچا – قۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەر كۈمۈشتىن بولغان ئىككى جەننەت بار، يەنە قاچا – قۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەر ئالتۇندىن بولغان ئىككى جەننەت بار، ئەدن جەننىتىگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ جامالىغا قارىشىغا پەقەت ئاللاھنىڭ زاتىدىكى ئۇلۇغلۇق رىداسىلا پەردە بولۇپ تۇرىدۇ»(15).

ئاللاھتىن بىزنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى سورايمىز، ئامىن.

جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن بولغىنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ جامالىنى ئەتىگەن – ئاخشامدا كۆرۈپ تۇرىدۇ

جەننەت ئەھلى دەرىجە جەھەتتە بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئاتا قىلىنغان نېئمەت بەزىلىرىنىڭكىدىن كۆپرەك بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكىسى شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلاردا ۋە كارىۋاتلىرىدا مىڭ يىل ماڭىدۇ. ئۇ بۇ جايلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن يېرىنى كۆرگەندەك، ئەڭ يىراق يېرىنىمۇ كۆرىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكىسى ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا پەرۋەردىگارىنى كۆرىدۇ». ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ﴿بۇ كۈندە (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ﴾(75/«قىيامەت»: 22، 23) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى»(16).

لەززەت

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر جەننەتلەردە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈش بولمىغان بولسا، بۇ جەننەتلەر ئارىفلەرگە گۈزەل بولمىغان بولاتتى.

 

جەننەت ئەھلىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى
جەننەتتە كۆڭۈل تارتقان ۋە كۆزلەر كۆرۈپ لەززەتلىنىدىغان جىمى نېئمەتلەر بار بولۇپ، بەندە جەننەتتە نېمىنى ئارزۇ قىلسا ۋە نېمە كۆڭلىگە كەچسە، ئۇ نەرسە شۇ ھامان ئالدىدا بولىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە ھۇزۇرلىرى ھەر خىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە:

يەر تېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى

ئىنسان دۇنيادا تۇرمۇشىنى قامداش ۋە بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن، يەر تېرىش ۋە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش بىلەن كۆپ جاپالارنى تارتىدۇ. ئەمما، جەننەتتە بولسا كۆپ باغلار، ئۆستەڭلەر، زىرائەتلەر ۋە ئېسىل ئورۇنلار بار بولۇپ، يەر تېرىشقا ئېھتىياج يوقتۇر.

لېكىن، جەننەتتە بىر كىشى يەر تېرىشنى ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ. بىر كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىگە سۆزلەۋاتقىنىدا، يېنىدا بىر ئەئرابىي بار ئىدى. ئۇ زات دېدى: «جەننەت ئەھلىدىن بىر كىشى ئاللاھتىن زىرائەت تېرىشقا ئىجازەت سورىغاندا(17)، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹جەننەتتە سېنىڭ خاھلىغىنىڭ بارغۇ؟› دېگەنىدى، ئۇ كىشى: ‹ئۇغۇ شۇنداق، لېكىن مەن زىرائەت تېرىشنى ياخشى كۆرىمەن› دېدى. (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەندە،) ئۇ كىشى يەر تېرىۋىدى، كۆزىگە زىرائەتلەر پىشىپ ئورۇلۇپ، بەئەينى تاغلاردەك بولۇپ كەتكەنلىكى كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! بۇنى ئالغىن، سېنى ھېچنەرسە تويغۇزالمايدۇ› دەيدۇ». بۇنى ئاڭلىغان يېنىدىكى ئەئرابىي كىشى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئادەمنىڭ قۇرەيشلىك ياكى ئەنسارىيدىن باشقىسى ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن. چۈنكى، ئۇلار زىرائەتچى خەلق، ئەمما بىز زىرائەتچى ئەمەسمىز»(18) دېۋىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈلۈپ كەتتى(19).

جەننەت ئەھلىنىڭ بەزىلىرى پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ

جەننەتتە ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ مۇئمىن بالىلىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئۇنى كاتتا خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان بولسىمۇ، بىراق يەنە جەننەتتە بەزى مۇئمىنلەر پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان مۇئمىنگە ئاللاھ بىر سائەتتە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئايالى بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇپ بولىدۇ. قورساق كۆتۈرۈش ۋە تۇغۇتنىڭ مۇشەققەتلىرىنى تارتمايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىن جەننەتتە پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بالىغا قورساق كۆتۈرۈشى، تۇغۇشى ۋە ئۇ بالىنىڭ يېشىغا توشۇشى، ئارزۇ قىلغاندىكىدەك، بىر سائەتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن(20).

قۇدرەت

جەننەت تولۇق باياشاتلىق بولغان بىر جاي بولۇپ، ھەممە نەرسىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز جەننەتتە بەندىلىرىگە كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى بېرىدۇ.

ئۆلۈمنى بوغۇزلاش
جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ، جەننەت نېئمەتلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ ھالاۋەت تاپقۇزىدىغان ئامىللاردىن بىرى جەننەتتە ئەبەدىي ياشاشتۇر. ئۇلار ئۆلمەيدۇ ۋە يوقىمايدۇ، ھەتتا ئۇلارغا نە غەم – غۇسسە، نە كېسەللىك دارىمايدۇ.

ئۇنداقتا ئۇلار جەننەتتە قانداق مەڭگۈ قالىدۇ؟

ئۆلۈمنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟

بەندىنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان نېئمەتتىن ھۇزۇرلىنىشىغا دەخل قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرى، ئۇنىڭ گاھىدا بۇ نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ياكى ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قېلىشىدۇر. بۇ دۇنيا نېئمەتلىرىنىڭ ھالى بولۇپ، قانچىلىك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر نېئمەت ھامىنى يوقىلىدۇ.

ئەمما، جەننەتنىڭ نېئمىتى بولسا مەڭگۈ يوقالماس دائىملىق نېئمەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېئمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى باردۇر». ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 15).

جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتتە مەڭگۈ قالىدىغانلىقى

جەننەتىيلەرنىڭ جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشى جەننەتتىن چىقماسلىقى ۋە ئۆلۈپ كەتمەسلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ھەقتائالا ئېيتۇر: ﴿ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغفىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!﴾(3/«ئال ئىمران»: 136).

شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ئەجرى نېمىدىگەن ياخشى!

ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتۇر: ﴿سائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، (جەننەتنىڭ) ئاسمان – زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار جەننەتتە پەرۋەردىگارىڭ خاھلىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ (بۇ ئۇلارغا قىلىنغان) ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر﴾(11/«ھۇد»: 108).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمكى جەننەتكە كىرسە، مەڭگۈ ياشايدۇ، ئۆلمەيدۇ. نازۇ – نېئمەتكە ۋە بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدۇ، مەڭگۈ بەختسىز بولمايدۇ. كىيىملىرى كونىرىمايدۇ ۋە ياشلىقى يوقالمايدۇ»([21]). يەنە ئېيتىدۇ: «بىر نىدا قىلغۇچى دەيدۇكى: ‹سىلەر مەڭگۈ ياشايسىلەر، ئۆلمەيسىلەر. ساغلام بولىسىلەر، ھەرگىز كېسەل بولمايسىلەر. ياش تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر. سىلەر نازۇ – نېئمەتتە، بەخت – سائادەتتە چۆمىسىلەر. مەڭگۈ بەختسىزلىككە دۇچار بولمايسىلەر›. مانا بۇ ئاللاھنىڭ: ﴿ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق – ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېئمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ» دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)﴾(7/«ئەئراف»: 43) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر(22).

ئۆلۈمنى بوغۇزلاش

ئۆلۈم كىچىككىمۇ كېلىپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. تىجارەتچىگىمۇ كېلىپ، تىجارىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بىتابقىمۇ كېلىپ، كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ. دېمەك، ئۆلۈم ھەممىگە كېلىدۇ. چوڭ – كىچىك، باي – كەمبەغەل ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆلۈم بىر ئىشىكتۇركى، بارچە ئىنسان بۇ دەرۋازىدىن كىرىدۇ. ئۆلۈم بىر نېئمەتتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان كىشىنىڭ يېنىدا تىلغا ئېلىنسا، ئۇ كىشىگە شۇ نېئمەتنىڭ ھۇزۇرىنى ئازلىتىپ قويىدۇ. ئۆزئارا مۇڭدىشىپ، ئۈلپەتلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدا تىلغا ئېلىنسا، بۇ ئۈلپەتلىشىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما، جەننەتتە بولسا ئۆلۈم يوقتۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىپ، جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگۈزۈلگەندە، ئۆلۈم بەئەينى ئالا قوچقارغا ئوخشاش ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئاندىن بىر نىدا قىلغۇچى: ‹ئى جەننەت ئەھلى! بۇنى تونۇمسىلەر؟› دەيدۇ. جەننەت ئەھلى باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئۆلۈمنى كۆرگەن ئىدى. ئۇلار: ‹شۇنداق تونۇيمىز، بۇ ئۆلۈمدۇر› دەيدۇ. ئاندىن يەنە ئۇ نىدا قىلغۇچى: ‹ئى دوزاخ ئەھلى! بۇنى تونۇمسىلەر؟› دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسى ئىلگىرى ئۆلۈمنى كۆرگەن ئىدى. ئۇلار: ‹شۇنداق تونۇيمىز، بۇ ئۆلۈمدۇر› دەيدۇ. ئاندىن ئۆلۈم تۇتۇلۇپ بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن ھېلىقى نىدا قىلغۇچى يەنە: ‹ئى جەننەت ئەھلى! مەڭگۈ ياشاش بار، ئۆلۈم يوقتۇر. ئى دوزاخ ئەھلى! مەڭگۈ ياشاش بار، ئۆلۈم يوقتۇر› دەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ: ﴿ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر﴾(19/«مەريەم»: 39) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر»(23).

ھايھات! جەننەت ئەھلىنىڭ خۇشال – خوراملىقى ۋە ھۇزۇر – ھالاۋىتى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ غەم – قايغۇسى، يىغا – زارى، ھەسرەت – نادامىتى ۋە ئازاب – ئوقۇبىتىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمىدېگەن چوڭ – ھە!

كۆرۈش

جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلى مەڭگۈ قېلىشىغا ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ بوغۇزلانغانلىقىنى ئەينەن كۆرىدۇ.

خاتىمە
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇد ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئەسھابلىرىگە بولسۇن. سۆزىمىزگە كەلسەك:

دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت – سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، قەلبنىڭ ھەقىقىي بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا يۈزلىنىشىدۇر ۋە بۇ يۈزلىنىشنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى سۆيۈشنى ۋە ئۇ زاتقا ئىبادەت قىلىشنى ھاسىل قىلىشىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)» ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 9).

كىشىنىڭ ئاخىرەتكە جەزمىي ئىشىنىشى ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنى ھەمدە ئۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىلىشى ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردا تەۋرەنمەي تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر.

ئۇشبۇ مەقسەتتە بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم. ئۇنىڭدا «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن مەزمۇنلارغا چىڭ ئېسىلدىم.

بۇ كىتابنى تۈزۈش جەريانىدا بىزنى ئەڭ كۆپ چارچاتقان ئىشلاردىن بىرى، مۇناسىپ رەسىم ۋە لايىھەلەرنى تاللاش بولدى. بۇنداق بولۇشى بۇ كىتاب جەننەت، دوزاخ، پىلسىرات ۋە تارازا قاتارلىق غەيب ئىشلار ھەققىدە سۆزلەيدۇ. بۇ بىز كۆرۈپ باقمىغان ۋە مۇئەييەن شەكىل ياكى رەسىملەر بىلەن ئىپادىلىيەلمەيدىغان مەزمۇنلاردۇر. شۇنداقتىمۇ بىز شەرئىي پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ۋە كىتابنىڭ ئېسىللىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا مۇناسىپ رەسىملەرنى قويدۇق(24).

ئەگەر بىرەر ئەيىب – نۇقساننى كۆرسىڭىز، تۈزۈتۈپ چۈشەنگەيسىز. دەرۋەقە پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇلۇغ ئاللاھلا ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر.

ئاللاھتىن بۇ كىتاب بىلەن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت بېرىشىنى ۋە پېقىر كىتابىدىن بەزى مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ ئالغان قېرىنداشلىرىمغا ياخشى مۇكاپات بېرىشىنى سورايمەن. ئامىن(25).

 

دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي

رىياد

ھ. 1432، 9 – زۇلھەججە / م. 2011، 5 – نويابىر

تاماملاندى.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (19313). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 2230) «مۇنكەر» دېگەن.
2. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (5545). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2987) «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
3.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3246)؛ مۇسلىم (2834).
4.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2796)؛ مۇسلىم (1880).
5. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (3774). مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 4/388) «ئىسنادى سەھىھ ياكى ھەسەن» دېگەن.
6. بەززار (6631). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 1604) «مۇنكەر» دېگەن. (بىرلا ئەرگە تەگكەن ۋە شۇ ئەرنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ ۋاپات بولغان ئايال ئېرىمۇ جەننەتكە كىرسە ئېرىگە تەئەللۇق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك. بىرنەچچە ئەرگە تەگكەن ئايالغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرگەن ئەھۋالدا: «ئەرلىرىدىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىقىغا تەئەللۇق بولىدۇ» دېگەن قاراشمۇ، «بىرىنى تاللايدۇ» دېگەن قاراشمۇ، يەنە «ئەڭ ئاخىرى تەگكەن ئېرىگە تەئەللۇق بولىدۇ» دېگەن قاراشمۇ بار. ئاخىرقى قاراش ئەڭ كۈچلۈكتۇر. قاراڭ: قۇرتۇبىي: «التذكرة في أحوال الموتى وأمور الآخرة»، 560 – بەت — ت.)
7.مۇسلىم (2833).
8. ئىبنى ماجە (4336). ئالبانىي: («زەئىفۇ ئىبنى ماجە»، 947) «زەئىف» دېگەن.
9.يەنى پەرۋەردىگارىمىز ئۆزىنىڭ مۇبارەك، ئۇلۇغ جامالىدىن پەردىنى ئېچىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەر ئۇ زاتقا قارايدۇ.
10.مۇسلىم (181).
11.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (806)؛ مۇسلىم (182).
12. ئەھمەد (18961). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
13.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6549)؛ مۇسلىم (2829).
14.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (554)؛ مۇسلىم (633). بەدر كېچىسى ھىجرىيە ئېيى بويىچە ھەر ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كېچىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېچىدە ئاي تولۇق تولغان بولىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ناماز بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى كۆرسىتىدۇ.
15.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4878)؛ مۇسلىم (180).
16. تىرمىزىي (2553). ئالبانىي: («زەئىفۇتتىرمىزىي»، 2553) «زەئىف» دېگەن.
17.يەنى جەننەتتىكى بۇ كىشى جەننەت زېمىنىنىڭ مۇنبەت ۋە جەننەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە سۇلارنىڭ ئېقىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، خۇددى دۇنيادىكى چاغدا دېھقانچىلىق قىلغاندەك، پەرۋەردىگارىدىن دېھقانچىلىق قىلىشقا ئىجازەت سورايدۇ.
18. يەنى ئەنسار ۋە مۇھاجىرلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئاھالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كەسپى دېھقانچىلىق قىلىش ئىدى. ئەمما، ئەئرابىيلار سەھرالاردا ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كەسپى قوي ۋە تۆگىلەرنى بېقىش ئىدى.
20. بۇخارىي (2348).
21. ئىبنى ماجە (4338). ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 3500) «سەھىھ» دېگەن.
21. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «سىفەتۇجەننەتى»، (12). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 3713) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن.
22.مۇسلىم (2837).
23.نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، (11254). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 522) «سەھىھ» دېگەن.
24. غەيبىياتقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن ئىپادىلەشنى نامۇناسىپ دەپ قاراپ، كىتابنىڭ تەرجىمىسىدە رەسىملەر چىقىرىۋېتىلدى — ت.
25. ئۇستاز ئەلى ئىبنى نايىف ئەششەھۇدنىڭ «نعيم الجنة وعذاب النار في القرآن والسنة» دېگەن كىتابىدىن «جەننەت» ۋە «دوزاخ» تېمىسىدا كۆپ پايدىلاندىم.