دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى

دىنىي ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى

دوكتور مەھمۇد ھەمدى زەقزۇق

1. ئىنسان تەبىئىتى ۋە دىنىي مايىللىق

ئىنسان تەبىئىتى ماددىي ئامىل ۋە مەنىۋى ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم» بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى لايدىن ياراتقانلىقىنى ھەمدە بارلىق ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ لايسىمان ماددىدىن ئىنسان تولۇق يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا باشقا بىر ئەھمىيەتلىك بىر ئامىلنى قوشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ ئەھمىيەتلىك ئامىل روھىي ئامىل سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ يارىتىلىشى تولۇقلىنىپ، ئاندىن كامىل ئىنسانغا ئايلانغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان پەرىشتىلەرنىڭ ھۆرمەتلەپ سەجدە قىلىشىغا لايىق بولغان. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا: ﴿مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار﴾(15/«ھىجر»: 29) دەيدۇ.

بىز بۇ ئايەتتە زېھنىمىزدىن يىراق بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھەقىقەتنى كۆرىمىز. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ روھىي ئامىلنى ئۆز زاتىغا مەنسۇپ قىلغانلىقى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئۆز روھىدىن كىرگۈزگەن. بۇ بولسا چەكسىز ئىززەتلەش ۋە ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئېرىشەلمىگەن ئالاھىدىلىكنى ئىنسانغا بەرگەنلىكتۇر. شۇڭا، باشقا مەخلۇقلار بىلەن ئىنسانلار ماددىي ئامىلدا ئورتاق بولىدۇ. ئىنسان ماددىي تەرەپتىن ئېيتقاندا باشقا مەخلۇقلاردىن گۈزەل قىياپەت ۋە مۇكەممەل يارىتىلىشتىن باشقا بىرەر نەرسىدە ئۈستۈن بولالمايدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇھىمراق بولغان بىرلا ئۈستۈنلۈك بولسا ئىنساندىكى ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ بولغان روھىي ئامىل بولۇپ، ئىنسان زېمىندا شۇ ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ خەلىفەسى بولغان.

ئىبلىس ئىنسان تەبىئىتىنى خاتا چۈشەندى، ئۇ پەقەت ئىنساندىكى ماددىي تەرەپكىلا قارىدى، ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا جان كىرگۈزگەنلىكىگە دىققەت قىلماي، ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ﴿سەن لايدىن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلامدىمەن؟﴾(17/«ئىسراﺋ»: 61). دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلدى. دېمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە ئىبلىس قىلغاندەك ئىنسان يارىتىلغان ئوتنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئوتنىڭ لايدىن ئەۋزەللىكى مەسىلىسى بولماستىن، ئاللاھ تائالاغا بىۋاسىتە تۇتاشقان ئۇلۇغ روھىي تەرەپكە تاقىلىدۇ. چۈنكى بۇ روھىي تەرەپ بولسا ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ.

بۇ روھىي تەرەپ ئىنساندىكى ئەقىل، روھ، قەلبدىن ئىبارەت مەنىۋى كۈچلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمام غەززالى بۇ تەرەپنى: «ئۇ سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە قەلب، ياكى ئەقىل، ياكى نۇر، ياكى ھەرخىل ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تۇيغۇدۇر» دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ روھىي تەرەپنى بىرى ئەقىل ۋە ئەقىل ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىرى، روھىي دۇنيا ۋە پىسخىك ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسان تەبىئىتىدە كۆز يۇمسا ياكى دىققەت قىلمىسا، ياكى ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان بىر شەكىلدە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدىغان ئاساسىي تەرەپلەر بار. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ئاساسىي تەرەپلەرنى بەدەن، ئەقىل ۋە روھ قاتارلىق ئۈچ نەرسىگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىنساننى توغرا چۈشىنىپ نورمال، دۇرۇس كىشىگە ئايلانغانغا قەدەر توغرا تەربىيەلەش مەقسەت قىلىنسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى رىئايە قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەھمىيەتلىك تەرەپلەردۇر. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك دىن ۋە دۇنيا مەنپەئەتىنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆزلىگەن ئاساسلىق مەقسەتلىرىنى تەكىتلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش مانا شۇ يەردىن كېلىپ چىققان. بۇ مەقسەتلەر بولسا دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە مال – مۈلۈك قاتارلىق بەش نەرسىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاشۇ ئاساسلىق تەرەپلەرگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەردۇر. ئىنساندىكى ماددىي تەرەپنى شەكىللەندۈرىدىغان بەدەننىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى شەرىئەت سىزىپ كۆرسەتكەن چەمبەر ئىچىدە قاندۇرىدىغان نەرسىلەر ئۆي، كىيم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ، ئىنسان بىلەن بۇ ماددىي ئېھتىياجدا ئورتاق بولىدىغان ھايۋانمۇ، بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا تەشنا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىنسان بىلەن ھايۋان ئوتتۇرسىدا ئورتاقلىق بار.

ئەگەر ماددىي تەرەپنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولىدىكەن، ئىنساندىكى روھىي تەرەپنىڭمۇ ئورۇندالمىسا، قاندۇرۇلمىسا بولمايدىغان تەلەپ ۋە ئېھتىياجلىرى بولىدۇ. چۈنكى ئەقىلنىڭ ئىلىم – مەرىپەتكە، تونۇشقا ۋە چۈشىنىپ يېتىشكە ئېھتىياجى بار. بۇلار ئۇنىڭ ھەققىدۇر، ئەقىل مانا شۇ ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇنداش ئۈچۈن يارىتىلغان. شۇڭا، ئەقىلنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن بىكار قىلىۋېتىش ۋە ئەقىلنى ئىشتىن توختىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش ئىنساننى تىلسىز ھايۋان دەرىجىسىگە چۈشۈرىۋېتىدىغان ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئىنسان تۇيغۇ ئەزالىرىدىن بىرىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىن توختىتىپ قويغانلىقىغا ئوخشاشلا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەقىلنى يارىتىشتىكى ھېكمىتىنى بىكار قىلغانلىق بولىدۇ. مانا بۇ جەھەتتىن، شۇنداق قىلىدىغانلارنى ئاللاھ تائالا ئىنسان دەپ سۈپەتلىنىشىگە لاياقەتلىك بولمىغانلار دەپ كۆرسەتكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھايۋاندىن بىر ئارتۇقچىلىقى يوق، بەلكى ئۇلار مەرتىۋە جەھەتتە ھايۋاندىنمۇ تۆۋەنرەكتۇر. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»: ﴿ئۇلارنىڭ دىللىرى بارۇ، چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بارۇ، كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بارۇ، ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر﴾(7/«ئەئراف»: 179) دەپ كۆرسىتىدۇ.

مانا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىكنى گۇناھ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدىكى كافىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ: ﴿ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىكەنمىز» دەيدۇ. ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ﴾(67/«مۇلك»: 10-11) دېگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىنساننى پىكىر قىلىش قابىلىيەتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولغان چاقىرىقى ئىزاھلاشقا ھاجەتسىز ئوچۇق چاقىرىق ئىدى. ئەنە شۇنداق شەكىلدە ئىسلام دىنى ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى بولغان پىكىر يۈرگۈزۈشنى ۋاجىب ۋە دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ بەلگىلىگەن. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار﴾(45/«جاسىيە»: 13).

ئەگەر ئەقلىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ سانالسا، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا، ئىنسان باش تارتالمايدىغان مۇقەررەر مەسئۇلىيەتتۇر. ئىنسان باشقا سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشلىتىشتىن ھېساب بەرگەندە ئوخشاشلا بۇ ئەقلىي ۋەزىپىنى توغرا ياكى خاتا ئىشلەتكەنلىكىدىنمۇ ھېساب بىرىدۇ. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»: ﴿(ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 36) دەيدۇ.

ئەقىل: ـــ ئىمام غەززالى (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) ئېيتقاندەك ـــ «ئاللاھ تائالانىڭ نۇرىدىن بىر نەمۇنە»دۇر. ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نۇرىدىن بىر پارچىدۇر. ياكى ئاتاقلىق ئەدىب ئەبۇ ئوسمان ئەمر ئەلجاھىز (ھ. 159 – 255 / م. 781 – 869) ئېيتقاندەك: «ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساندىكى ۋەكىلى»دۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چۈشكەن بىرىنچى سۆزدە ئەقىلگە خىتاب قىلىنغان، بۇ سۆز ۋەھيىنىڭ ئاۋۋالقى بەش ئايىتىدە ئىككى قېتىم تەكرارلانغان. بۇ ئايەتلەردە يەنە قەلەم بىلەن ئىلىم سۆزلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، بۇ، بىلىمگە ئېرىشىش ۋە بىلىمنى ساقلاش يولىدا ئوقۇشنىڭ ۋە قەلەم بىلەن يېزىپ خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ، مانا بۇلار ئىنسان ئەقلىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدۇر.

ئىنساندىكى بەدەن ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەرسىنىڭ يېنىدا مۇھىملىقىدا بۇ ئىككىسىدىن قېلىشمايدىغان ئۈچىنچى بىر نەرسىمۇ بار، ئۇ نەرسە روھتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر روھ ئىنتىلىدىغان پانىي ھايات ماددىچىلىكىنى بېسىپ چۈشىدىغان روھىي ئۈستۈنلۈك يوللىرىدا ئۆرلەش بولمىسا ئىنساننىڭ قۇرۇلۇشى تولۇق بولمايدۇ.

ئەگەر ئەقىل چۈشىنىپ ۋە مۇلاھىزە قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىپ، زىت نەرسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ ھەمدە چۈشەنگەن نەرسىلەر ھەققىدە ھەر تەرەپتىن چوڭقۇر ئويلىنىپ ھۆكۈم قىلىدىكەن، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئىشى پەقەت ماددىي ھاياتقا تەئەللۇق بولغان نەرسىلەرنىلا چۈشىنىپ يېتىش بىلەن چەكلىنىپ قالسا ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلىپ ئىنساننى ھايات ماددىلىرى ئۈستىگە يۇقىرى ئۆرلىتىشنى خاھلىمىسا بۇنىڭ مەنىسى ئىنساننى يولنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ قويغانلىق بولىدۇ. شۇڭا، ماددىلار دۇنياسى ـــ ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ ـــ ئۇ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى ماددىلارنىڭ ئۈستىدە ئىنسانغا جان كىرگۈزگەن ئاللاھقا تۇتىشىدىغان روھ دۇنياسى بار. ئەقىلمۇ ئويلىنىشلىرى، ئىلىم – پەن تەتقىقاتلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىدە ماددا دۇنياسىنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەرگە ئىنتىلىشكە ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئىتتىرىلگەن بولىدۇ، مانا بۇ جەھەتتىن ئىنساننى ماددىي دۇنيادىن ھالقىتماي تۇرغۇزۇش ئىنسان تەبىئىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىشتە ئاجىزلىق سانىلىدۇ. بۇ كەمتۈك ۋە خاتا چۈشىنىش ئىنساننى روھىي دۇنيانى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ياكى ئەقەللىي تەقدىردە، ئۇنىڭغا سەل قاراش ۋە دىققەت قىلماسلىققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، ئاتېئىزملىق (ئاللاھنى ئىنكار قىلىش) خىلمۇخىل تۈردە ۋە خىلمۇخىل قىياپەتتە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.

ئىنسانىيەت ئىلمىنىڭ ماددىي نەتىجىلىرى قانچىلىك زورايغان بولسۇن ۋە ئىنسانىيەت ئىلىم – پەن يىغىندىسىغا قوشىدىغان كەشپىياتلارنىڭ دائىرىسى نەقەدەر كېڭەيگەن بولسۇن، ئۇ يەنىلا باشقا بىر تەرەپتىن ئىنسانغا كۈچ – قۇدرىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئىلمىي كەشپىياتلار دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى، ئىنسان ئالدىدا مەلۇم بولمىغان نەرسىلەر دائىرىسى شۇنچە كېڭىيىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەنمۇ راست ئېيتقان: ﴿سىلەرگە پەقەتلا ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 85).

بۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلىقىنى، تەرسالىقىنى ۋە ئۆز – ئۆزىدىن پەخىرلىنىشىنى چەكلەيدۇ. ئۇنى مۇشۇ ماددىي ئالەمنىڭ ئارقىسىغا، بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىغا قارايدىغان قىلىدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: ﴿بىز ئۇلارغا تاكى قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز﴾(41/«فۇسسىلەت»: 53).

تارىختىن بۇيان بۈيۈك مۇتەپەككۇرلەر بۇ مۇھىم نوقتىنى چۈشىنىپ، ئاخىرى ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يەتكەن. ئەگەر پەلسەپە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇنقى پەيلاسوپلارنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنىڭ، مۇشۇ ماددىي ئالەمنىڭ ئەسلى ۋە نېمىدىن تۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال قويۇش بىلەن باشلانغانلىقىنى، بۇ سوئالنىڭ ئۇلارنى ئىنساننىڭ روھىي تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭ ماددىي ئالەم تەبىئىتىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاخىرىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشلىرىنىڭ ئىلاھلىق پىرىنسىپىنى چۈشىنىپ يېتىشكە يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئىزدىنىش تەرتىۋى بايان قىلىنغان، چۈنكى ئىنسان كۆزىنى ئاچقاندا بۇ چوڭ ئالەمنى، ئۇنىڭدىكى ئاسمان – زېمىن، دېڭىز – دەريالار، ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆز ئالدىدا كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ـــ كىچىك ئالەمنى تەشكىللەيدىغان ـــ ئۆزىگە قايتىپ، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ، ھەمدە بۇنداق چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشتىن، ئۆزىنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچ – قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر يەكۈن چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا بۇ يەكۈن ئىنسانغا ئاشۇ كۈچ – قۇۋۋەت ۋە قابىلىيەتنى ئاتا قىلغان مۇتلەق زاتنى تۇنۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، يەنى ئۇنى ئىمانغا يەتكۈزىدۇ.

ئەنە شۇنداق چۈشىنىدىغان ئاڭلىق ئەقىلنىڭ تەبىئەتتە ئۇچراتقان سەۋەبلەر ئالدىدا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى نەرسىلەرگە قەدەر يولنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەقىل سەۋەبلەر تىزمىسىدىكى ھالقىلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن قانداق تۇتىشىدىغانلىقىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگىنىدە، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئاچقۇچلىرى قولىدا بولغان ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىلاھىي ھىدايەت قۇچاقلىرىغا ئۆزىنى تاشلاشتىن باشقا چىقىش يولى تاپالمايدۇ. بۇ بىزگە ئىنساننىڭ ماددىي دۇنياغا بولغان كۆزقارىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنساندا دىنىي قاراشنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئالەم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئارقىسىغا ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، دىنىي قاراش دائىرە جەھەتتە ئەڭ كەڭ، نىشان جەھەتتە ئەڭ يىراق قاراشتۇر.

ھازىرقى ئەسىرىمىزدىكى مېدىتسىنا، ئاتوم، خىمىيە، بىئولوگىيە، يەر قاتلاملىرى، دېڭىز ئىلىملىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك ئىلىم – پەن ساھەلىرىدىكى ئىلمىي ئىختىساس ئىگىلىرىدىن چىققان ئىشەنچىلىك مەشھۇر ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىنىڭ بۇ ئالەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن تاسادىپى ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى، چۈنكى بۇ ئالەم پۇختا پىلان ۋە مۇستەھكەم تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ مۇستەھكەم تۈزۈمنى چوقۇم چەكسىز كۈچ – قۇدرەتلىك بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ياراتقۇچى يولغا قويغان.

بۇ، ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم دەپ سانىلىدىغان، ئاددىي سەۋەب – نەتىجە قانۇنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەزمۇننىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا كىممۇ بۇنداق يارىتىشقا قادىر بولالايدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن كېيىن يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە كۈندۈزدىن كېيىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا كىم سىلەرگە ئاسمان – زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا كىم ئاسمانلار ۋە زېمىنلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ؟

2. دىنىي مايىللىقنىڭ قەدىمىيلىكى

دىنىي مايىللىق ئىنسان يارىتىلغاندىن تارتىپلا ئىنساندا بار بولغان بىر تەبىئى خۇسۇسىيەت. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشمۇ تەرسا جاھىلدىن باشقا كىشى ئىنكار قىلمايدىغان تۇغۇلما تەبىئەت. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشكە تەييار تۇرغان بۇ ئىلاھىي تەبىئەت ھەققىدە «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەھدە ئېلىش ئايىتى مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر﴾(7/«ئەئراف»: 172).

ساددا بىر سەھرالىق ئەرەب ئاللاھنى قانداق تونۇدۇڭ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ماياق بولسا تۆگىگە، يولدىكى ئىز بولسا ماڭغانلىققا دالالەت قىلىدۇ، مانا بۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمان، كەڭ يوللۇق زېمىن، ئۆركەشلىك دېڭىزلار ھەممىدىن خەۋەردار، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ياراتقۇچىغا دالالەت قىلمامدۇ؟

ھەقىقەتەن مەۋجۇدىيەتتىكى بارلىق نەرسىلەر مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى ئەرەب شائىرى مۇنداق ئىپادىلىگەن:

ھەر نەرسىدە بار ئۇنىڭغا بىر ئالامەت،

بىرلىكىگە قىلىدۇ كەسكىن دالالەت.

كۆزقاراشلىرى خىلمۇخىل بولغان دىن تارىخچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئىسپاتلىغان ھەقىقەت شۇكى، دۇنيادا مەيدانغا كىلىپ، مەۋجۇدىيەت ھادىسلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىنساننىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاقىۋىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەستىن ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۈممەت ياكى مىللەت يوق، چۈنكى دىنىي ھېسسىيات بارلىق ئىنسان جىنىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ھەتتا ھايۋانلىققا ئەڭ يېقىن ياۋايى جىنىسلاردىمۇ ئورتاق بولۇپ، ئىلاھى مەنا ۋە تەبىئەت ئارقىسىدىكى نەرسىلەر (مېتافىزىكا) گە كۆڭۈل بۆلۈش ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇملاشقان ئۆلمەس مايىللىقلىرىنىڭ بىرى.

ئىنسانىيەت تارىخى بىزگە ئىنسانلارنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ھايات – مامات ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەھۋاللارغا ئوخشاش ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەت مۇئاممالىرىنى يېشىشكە ئىنتىلىشىنى ۋە مايىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەر بىلەن ئاۋارە بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ۋەسىيەت ۋە يادىكارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. بۇ مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىنسان ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئېتىقاد قىلغان دىنلاردىن جاۋابلار كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن بېرگسۇن (Bergson): «پەلسەپە ۋە ئىلىم – پەنسىزمۇ ئىنسانىيەت جامائىتى بارلىققا كەلگەن، لېكىن دىنسىز ھېچقانداق بىر جامائەت بارلىققا كەلمىگەن» دېگەن.

دېمەك، يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئىنسان ئېھتىياجلىرىنىڭ سەزگۈ ئېھتىياجى، ئەقىل ئېھتىياجى ۋە روھ ئېھتىياجى قاتارلىق ئۈچ ئېھتىياجنىڭ سىرتىغا چىقمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ بىزگە ئىنسان مايىللىقىنىڭ ئىنسان كۆڭلىدە تۇغۇلما بار بولغان تەبىئى خاراكتېر ئىكەنلىكىنى، سىرتتىن تېڭىلغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر چەتنەش ۋە توغرا چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ بېرىدۇ.

3. ئىمان ھاياتتا كەم بولسا بولمايدۇ!

ئەگەر ئىمان ئىنسان كۆڭلىگە سىڭىپ كەتكەن تۇغۇلما بىر تەبىئەت دەپ قارالغان بولسا، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوقۇم ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت. ئۇ بولمىسا ئىنسانلارنىڭ ھايات مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ روھىي بوشلۇق تۈپەيلىدىن تارتىۋاتقان مۇشەققەتلىرىنىڭ ھەجمىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مۇنداق بولۇشى، ئىنساندا يۆلىنىدىغان مۇستەھكەم بىر ئاساس ھەمدە كۆڭۈلنى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك بىلەن توشقۇزىدىغان ئىمان بولمىسا، ئۇنى خۇددى ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا ئېسىلىپ قالغان نەرسىدەك قىلىپ قويىدىغانلىقىدىندۇر.

غەربتىكى ئېغىر ئەنسىزلىك دولقۇنلىرى ئىنسان ئازابىنى تارتىۋاتقان روھىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان رەڭگارەڭ ئېقىم ۋە بۇزۇق پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن، بۇ پىكىر ۋە ئېقىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋە ئۇلار ھەققىدە سېلىنغان ھەيۋە – چۇقانلارنىڭ خۇددى تەشنا ئادەم باياۋانلاردا يىراقتىن سۇ دەپ گۇمان قىلىپ، يېنىغا كەلسە ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدىغان سەراپقا ئوخشاش نەرسە ئىكەنلىكى ئېنىق ئاشكارا بولدى.

ئىنسان ئىماندىن بىھاجەت بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىمىزدا ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىستلارنىڭ (خۇداسىزلارنىڭ) ئۆزلىرىگە ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا بىر ئىشىنىدىغان نەرسىنى ئىزدەپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ماددىغا، ياكى ئىنسانغا، ياكى ئېلىم – پەنگە ئىشىنىشكە ۋە چوقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن، ئۇ بۇ ھالەتتە تۈپ يىلتىزىغا ئەمەس شېخىغا، مېغىزىغا ئەمەس شاكىلىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن يىلتىزى كېسىۋېتىلگەن ئىمان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ساختا ئىمان ئاللاھقا ئىشىنىشكە مۇناسىپ يارىتىلغان ئىنسان نەپسىنىڭ تەلەپ – ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، جانابى ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەقىقەتەن راست ئېيتقان: ﴿مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى﴾(48/«فەتىھ»: 4).

دېمەك، يالغۇز مۇئمىنلەرلا قەلبلىرى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە ئېرىشىپ، دىللىرى تەمكىنلىك ۋە خاتىرجەملىك بىلەن تولىدىغانلاردۇر.

4. ئىمان ۋە ئۈمىد

ئىمان بىلەن ئۈمىد ئايرىلماس بىر شەكىلدە بىر – بىرىگە باغلىقتۇر، بۇ جەھەتتىن مۇئمىنلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشى ياكى قەلبىگە ئەنسىزلىكنىڭ كىرىپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، جانابى ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەقىقەتەن راست ئېيتقان: ﴿شۈبھىسىزكى، پەقەت كافىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 87).

ئۈمىد دېگەن ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتى ۋە رەھمىتىگە، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھالدا ھاياتنى سۆيۈپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى پايدىلىق ئىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قىلىدىغان نەرسىدۇر. بۇ ئۈمىد ئىنسان قەلبىدە ئاللاھ تائالا خالىغان يەرگە قەدەر چەكسىز ئۇزىرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئمىنلەرنى ئىنسان بىر ياخشى ئىشنى قىلالايدىغانلا ئەھۋالدا بولىدىكەن، ھەتتا قىيامەت بولۇپ كەتسىمۇ ئۇنى قىلىۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەدىسى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «بىرىڭلار قولىدا بىر تۈپ مايسا تۇتۇپ تۇرغان چاغدا قىيامەت بولۇپ قالسا، ئەگەر ئۇنى تىكىۋېتەلەيدىغانلا بولسا، تىكىۋەتسۇن»(«ئەھمەد»، (12925).

ئۈمىد بولمىغان بولسا، ھېچقانداق ئانا بوۋاق ئېمىتمىگەن، ھېچقانداق باغۋەن كۆچەت تىكمىگەن بولاتتى.

5. دىن ئۇقۇمى

ئەگەر ئىمان ئۈمىد بىلەن ئۇزۇقلىنىپ تۇرىدىغان ھايات زۆرۈرىيىتى ۋە ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار بولغان تۇغۇلما تەبىئەت دەپ قارىلىدىكەن، بۇنىڭ مەنىسى، ئەلبەتتە، ئىنسان تەبىئىتى دىندار تەبىئەت دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىنساننى «دىندار جانلىق» دەپ تەرىپلىسە خاتا بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسان بولسا ئۆز تەبىئىتىدە ئاڭقىرىش ۋە چوقۇنۇش ئارقىلىق دىندارلىققا مايىل بولىدىغان يەككە – يېگانە بىر جانلىق مەخلۇق. دىندار بولۇش بىر دىنغا باغلىنىشلىق بولىدۇ، دىنلار ئىچىدە ھەق دىنمۇ بولىدۇ، باتىل دىنمۇ بولىدۇ، شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدە بۇتپەرەس كافىرلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىسىدە: ﴿سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن﴾(109/«كافىرۇن» سۈرىسى، 6) دەپ، ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىسىنى «دىن» دەپ سۈپەتلىگەن. لېكىن، يەنە بەزى ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم» «دىن» دېگەن سۆزنى ھەممىگە مەلۇم شەكىلدە، مۇتلەق، چەكلىمىسىز قوللانسا ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ھەق دىن مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ ئېيتىدۇ: ﴿ھەقىقەتەن، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن، ئىسلام (دىنى) دۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 19)، ﴿ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە) بىز ۋەھيى قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار دەپ ئىنىق بەلگىلەپ بەردى﴾(42/«شۇرا»: 13).

دىن ئۇقۇمىنى تونۇتىدىغان نۇرغۇن تەرىپلەر بار. بىز بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلماي ئىمام تەھانەۋىي ئىشارە قىلغان بىر تەرىپىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئۇ دىننى مۇنداق دەپ تەرىپلىگەن: «دىن ـــ ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن دۇنيادا ياخشى بولۇشقا ھەمدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشال – خۇراملىققا ئېرىشتۈرگۈچى ئىلاھىي يول. بۇ سۆز ھەر پەيغەمبەرنىڭ ئەقىدە – ئەھكاملىرىغا ئېيتىلىدۇ. بەزىدە ئىسلامغا خاس قىلىپ قوللىنىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالادىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا، پەيغەمبەر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرگە ۋە ئۈممەت ئۇنىڭغا بوي سۇنۇپ ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈممەتكە مەنسۇپ» («كەششاف ئىستىلاھات ئەلفۇنۇن»).

6. دىن بىرلىكى

جانابى ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ زېمىنغا چۈشۈرگەندىن باشلاپ ھايات يولىدا ماڭالىشى ئۈچۈن ئۇنى يۆلىگەن، ئۆي – ماكان، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق ھاياتنى ساقلايدىغان نەرسىلەرگە يېتەكلىگەن. ئۇندىن كېيىن ئۇنى روھىي پەرۋىشسىز تاشلاپ قويمىغان. بەلكى تارىختىن بۇيان ئىنسانلارغا توغرا قاراش ۋە ھىدايەت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ھەر زامان ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالغان. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئىنسانىيەت ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىپ، چەتنەپ كەتسە ئاگاھلاندۇرۇپ، يولدىن ئېزىپ كەتسە ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈپ، كەينى – كەينىدىن كېلىپ تۇرغان.

بۇ يول پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەۋەتىش بىلەن ئاياغلاشتى. شۇڭا، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى كامالەتكە يەتكۈزگۈچى ئىدى. بۇ پەيغەمبەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىنساندىكى ئاشۇ دىنىي مايىللىققا خىتاب قىلىپ، دىللاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ دىنىي تۇيغۇنى ئىنساندا ئويغىتىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن دىنلار چاقىرىقى دىللاردا دىنىي مايىللىقنى پەيدا قىلىشنى كۆزلىمەي، توغرا دىنغا يېتىش ئۈچۈن − ئەسلىدە مەۋجۇد بولغان − بۇ مايىللىقنى توغرا مەقسەتكە يۈزلەندۈرۈشنى كۆزلەيتتى. دېمەك، ئىلاھىي ۋەھيى ـــ ئىنسان ئەقلىنى ھەقكە ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ قۇلاي يولدىن يېتىشكە ياردەم قىلىدىغان، ئازغۇن دىللارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ئىلاھىي مەرھەمەتتۇر.

ئەگەر پەيغەمبەرلەر كۆپ بولغان بولسا، بۇنىڭ مەنىسى پەيغەمبەرلىكلەرنىڭ ئاساسىي غايىلىرى بىر – بىرىگە ئوخشاش ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن دىن ئاساسى ۋە مەزمۇنىدا بىر دىندۇر. «قۇرئان كەرىم» بۇنىڭغا يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتتە ئىشارەت قىلغان: ﴿ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە) بىز ۋەھيى قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار دەپ ئېنىق بەلگىلەپ بەردى﴾(42/«شۇرا»: 13).

ئىلاھىي دىننىڭ تېگى – تەكتى ۋە مەزمۇنىدا بىرلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىسلامدىن ئىلگىرى ئۆتكەن دىنلاردىكى قانۇن – شەرىئەتلەر زامان ۋە ماكان چېگرىسى بىلەن چەكلىك بولغانلىقىغا ۋە ۋەزىيەت ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىشچان بولغانلىقىغا قارىساق، ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدا قانۇن – شەرىئەتلەرگە تەئەللۇق نەرسىلەردە ئوچۇق ئوخشىماسلىق كۆرۈلىدۇ، «قۇرئان كەرىم» بۇ ھەقتە: ﴿(ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول بەلگىلىدۇق﴾(5/«مائىدە»: 48) دەيدۇ.

ئىسلامدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر قايسى مىللەتكە ئەۋەتىلگەن بولسا شۇ مىللەتنىڭ ئەقىل – ئىدراكى ۋە سەۋىيىسىگە قاراپ بىر – بىرىدىن پەرقلىق شەرىئەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن زامانلار شۇنداق بولغان. بىر شەرىئەت ئارقىسىدىن يەنە بىر شەرىئەت، بىر پەيغەمبەر ئارقىسىدىن يەنە بىر پەيغەمبەر كەلگەن، ھەر بىر شەرىئەت مەلۇم زامان ۋە مەلۇم قەۋمغا خاس بولغان.

7. ئىسلامنىڭ زۈرۈرلىكى

ئىنسانىيەت تولۇق پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىگە يەتكەندە كەلگەن دىن ئىسلام دىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن دىننى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇنىڭ شەرىئىتى (قانۇنى) ھەر قايسى زامان ۋە ھەرقايسى ماكانغا مۇۋاپىق، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان شەرىئەت بولغان. بۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك ئىنسانىيەت ھەر تەرەپتىن بۇزۇقچىلىقلارغا پېتىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئىسلامغا ئەڭ قاتتىق ئىھتىياجلىق بولغان ۋە پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئىلاھىي پەيغەمبەرلىكلەرنىڭ يوللىرى يوقۇلۇپ، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاۋازى پەسىيىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ دىننى قاتتىق تەقەززا قىلىدىغان زۆرۈرىيەت پەيدا بولغان. بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ كەئبەسى جايلاشقان ئەرەب يۇرتلىرى، خرىستىئان دىنىنىڭ ئىككىنچى بۆشىكى بولغان رىم ئەللىرى ۋە مانىي دىنى، زەردۇشت دىنى، مەزدەكىييە دىنى قاتارلىق دىنلار پەيدا بولغان پارس ئەللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى خىلمۇخىل يۇرتلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق.

شەكسىزكى، ئىسلامدىن بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا بىردەك كۆز يۈگۈرتىش، بۇ يېڭى دىنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ نەقەدەر جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئەرەبلەر بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا قويۇپ خۇدا قىلىۋالاتتى. ئىراندا بولسا ئىككى ئىلاھ بار دەپ قارايدىغان ئېتىقادتا بولۇپ، قاراڭغۇلۇق ۋە يۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئىلاھ بار: ئۇنىڭ بىرى، ياخشىلىق ئۈچۈن، يەنە بىرى، يامانلىق ئۈچۈن دېيىلەتتى. مەزدەكىييە دىنى مۇتلەق ئەركىنلىككە چاقىراتتى. مەسىلە ئەقىدىدىكى ئېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي زۇلۇم ئىران جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەھۋال ئىدى.

ئەمما رىم ئەللىرىدىكى خرىستىئانلىق ھۆكۈم سۈرگەن جەمئىيەتلەردە بولسا، ئۇنىڭدىكى قولاي خرىستىئانلىق ئەقىدىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى خۇدا قىلىۋالىدىغان مۇرەككەپ دىيانەتكە ئۆزگەردى، خرىستىئان گۇرۇھلىرى ئۆز ئىچىدە قاتتىق بۇزۇلۇپ كەتتى، مەمۇرى جەھەتتىن چىرىش ۋە ئەخلاقىي تەرەپتىن بۇزۇقلۇق تاراپ، ئىجتىمائىي زۇلۇم ئومۇملاشتى. بۇ سەۋەبتىن كۆپ رايۇنلاردىكى رىم ئىمپېرىيىسى پۇقرالىرىنىڭ چەككەن زۇلۇم – خاپىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ھەقتە توماس ئارنولد «ئىسلامغا چاقىرىش» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئافرىقا ۋە شامدىكى پوپلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىيانىتىنى چۈشىنىش قىيىن بولغان مېتافىزىكىلىق ئەقىدىلەرگە ئالماشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. كىشىلەر ئەمەلىيەتتە مۇشرىكلار (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەر) ئىدى. ئۇلار بىر توپ شەھىدلەر، ئەۋلىيالار ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇناتتى. يۇقىرى تەبىقىلەردە بۇزۇقلۇق تارقالغاندەك، ئوتتۇرا تەبىقىلەر ئالۋاڭ – ياساقلاردىن ھالسىز ئىدى. قۇللارنىڭ ھازىر ياكى كېلەچىكىدە ئۈمىد يوق ئىدى. ئىسلام كېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بۇزۇقلۇق خۇراپاتلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقاتتى. ئىسلام دىنى ئەقىدىدە قۇرۇق تالاش – تارتىشقا قارشى بىر كۈرەش ئىدى. راھىبلىقنى تەقۋادارلىقنىڭ تونى دەپ مەدھىيىلەشكە، يالغان پەزىلەتلەرگە ئورىنىۋېلىشقا، دىنىي ئالدامچىلىققا، پايدىسىز سۆز ۋە بۇزۇق ئەخلاقىي ئىستىللەرگە ۋە دىندا تالاش – تارتىش قىلغۇچىلارنىڭ سەپسەتىسىگە قارشى كۈچلۈك پاكىت ئىدى. ئۇ ئىنسان تەبىئىتىنى راۋۇرۇس تىكلەيدىغان ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈردى».

شۇنداق قىلىپ، شۇ چاغدا بارلىق دۇنيا ۋەزىيەتلىرى دۇنيانى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدىغا چىقىش ئېغىزىنى ۋە تىز قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلاتتى. شۇڭا، بۇ ئەڭ ئاخىرقى دىن ـــ «ئىسلام دىنى» ئېلىپ كەلگەن ئەقىدىلەرنى توغرىلاش، جەمئىيەتنى رەتلەش، كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەت تارازىلىرىنى تۇرغۇزۇش، ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا ھېكمەت ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرىش قاتارلىق كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغان دىن ئىدى. ئۇ، ئىنسانىيەت ماددىي ۋە روھىي ھاياتىدا ئەڭ قاتتىق دەردىنى تارتىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن خالاس قىلىدىغان نۇر ئىدى ۋە ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ تۇرماقتا.

8. ئىسلامنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئوتتۇرھاللىقى

ئىسلام ئىنسان ئۈچۈن ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان، ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغۇچى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى بىر دىن بولغان ھالدا كەلدى. شۇڭا، ئۇ ئىنسان ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر. بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىنسان تەبىئىتىگە مۇناسىپ ھالدا، ئىنساننىڭ يالغۇز ۋە جامائەت ئىچىدە بولغان ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماسلاشقان ھالدا كەلگەن.

ئىسلامنىڭ ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلىشى ئىنتايىن چوڭ بولغان، ئاللاھ تائالا ئىنساننى زېمىندا ئىزباسار قىلغان، ئۇنى ئىززەتلەپ بارلىق مەخلۇقلاردىن ئەۋزەل قىلغان، ئۇنىڭغا ئەقىل – ئىدراك ئالاھىدىلىكىنى بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا زېمىننى بىنا قىلىش، مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئامانىتىنى يۈكلىگەن. ئىنسان «قۇرئان كەرىم»گە قارىسا، بارلىق ئايەتلىرىنىڭ ئىنسانغا ياكى ئىنسان ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ، ئىسلامنىڭ ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى. «ئىنسان» ئاتالغۇسى «قۇرئان كەرىم»دە 63 قېتىم تەكرارلانغان، ئىنسان ھەققىدە سۆزلەر «ئادەم بالىلىرى» دەپ ئالتە قېتىم، «ئىنسانلار» دەپ 240 قېتىم كەلگەن.

بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى بولۇپ چۈشكەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەۋۋىلىگە قاراپ پىكىر يۈرگۈزسەك، بۇ ئايەتلەردىكى ئىنسان شەنىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش بىزگە ئېنىق كۆرىنىدۇ. بۇ ۋەھيىنىڭ دەسلىپىدىكى بەش ئايەتتە ئىككى قېتىم ئېيتىلغان «ئىنسان» سۆزىدىن ئېنىق مەلۇم بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆز – ھەركەتلىرى، ئىنساننىڭ ھايات ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى، ئۆزى ۋە ئۆزىدىن باشقا ئىنسان، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە جانسىز نەرسىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ھەمدە بۇلاردىنمۇ ئەۋۋەل بار بولغان نەرسىلەرنى ياراتقۇچى ۋە دۇنيانى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بىلەن بولغان ئالاقىنى تەرتىپلەيدىغان قانۇن – تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىسلام تۈزۈملىرى مەيلى ئەخلاق، مەيلى قانۇن تۈزۈش، مەيلى ئېتىقاد ساھەلىرىدە بولسۇن ھەر تەرەپكە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىدىغان ئومۇمىي ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت بىلەن پەرقلىق بولغان. بۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەت بولسا ئوتتۇرھاللىقتۇر. ئوتتۇرھاللىق، ئومۇمەن قېلىپ ئېيتقاندا، بىر – بىرىگە قارىمۇقارشى ئىككى نەرسىنىڭ ئوتتۇرىدا، بىر تەرىپى مۇستەقىل تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ھالدا ياكى ئۆز ھەققىدىن كۆپرەك ئېلىپ چېكىدىن ئېشىپ، قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشمەيدىغان ھالدا تەڭلىشىشنى، ئوتتۇرھاللىقنى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى بىلدۈرىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمىز بۇنداق زىتلىق ۋە قارىمۇقارشىلىقلارنىڭ سانسىز مىساللىرى بىلەن تولغان. مەسىلەن: روھپەرەسلىك ۋە ماتېرىيالىزم، ئەمەلىيەتچىلىك ۋە ئىدېئالىزم، تەنھاچىلىق ۋە كوللىكتىپچىلىق، تۇراقچانلىق ۋە ئۆزگىرىشچانلىق ۋە باشقىلار.

ئىنسان قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ئۇسۇللىرى بىلەن بۇ قارىمۇقارشى نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنغان، لېكىن، ئىنسانىي ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى بۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىدا ئادىل تەڭپۇڭلۇقنى تۇرغۇزۇشتا مەغلۇب بولدى. بۇنىڭغا كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزم لاگىرىدا تەتبىقلانغان، ھازىرقى ئەسىرىمىزدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئۇسۇللار ئەڭ روشەن مىسالدۇر، چۈنكى ئىنسانىي ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ـــ بىز تارىختىن كۆرەلىگىنىمىزدەك ـــ بىر ئاز ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەك ياكى بىر ئاز سەل قارىماقنى ۋە توغرا يولغا ياكى ئادىل تەڭپۇڭلۇققا يېتەلمەستىن، ئۇ تەرەپ ياكى بۇ تەرەپكە، باشقا تەرەپنىڭ ھېسابىغا مايىل بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئىنسان قۇدرىتى نەقەدەر كۈچلۈك بولۇپ كېتىش ۋە نەقەدەر ئىلىم – پەنگە يېتىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۇنىڭ يۈزلىنىشلىرى ۋە ئارزۇ – ھەۋەسلىرى ئۇنى ياكى ئۇ تەرەپ، ياكى بۇ تەرەپكە تارتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىلا ھەممە نەرسىنى يارىتىپ، ھەممە نەرسىگە ئۆزىگە خاس ئۆلچەم بەلگىلىگەن. ئۇ، ياراتقان ئىنسان ۋە باشقا نەرسىلەرنى بىلگۈچى ۋە خەۋەردار بولغۇچى زاتتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى بىلگەن، ئىلمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زاتتۇر. ئۇ، ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنيادا ئوخشاشلا ئادىل تەڭپۇڭلۇقنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشكە قادىر بولغان زاتتۇر.

بۇ كەڭ جاھاندا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن ھەرقانداق ئىنسان زەررىدىن تارتىپ تا قۇياش سىستېمىسىغىچە ۋە ئاللاھ تائالا خالىغان دۇنيالارغا قەدەر ھەر تەرەپتىكى ئادىل تەڭپۇڭلۇقنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇ ھەقتە: ﴿مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن﴾(67/«مۈلك»: 3) دەيدۇ.

بۇ ئادىل باراۋەرلىك كىچىك دۇنيانى تەشكىللەيدىغان ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا ھەم مەۋجۇد. بىز پەقەت ئىنساندىكى نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى: ئۇ بولسا، كۆكرەكتىن چىققان خىرقىراش بىلەن ئاھ ئۇرۇش ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۇرىدۇ، ئەگەر كۆكرەكتىن چىققان ھاۋا كىرگەن ھاۋا مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىپ بۇ تەڭپۇڭلۇق يوقالسا، ئىنساننىڭ ھاياتى توختىدى دېگەنلىك بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ئەقلى بىلەن قەلبى، پىكرى بىلەن تۇيغۇسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئىنسان ھاياتىنىڭ راۋۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن بىر شەرت دەپ قارىغاندا، ئىنساندىكى ماددىي تەرەپكە ئۇيغۇن كەلگەن نەرسە روھىي تەرەپكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

﴿شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىد بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىد بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇرھال (يەنى ئادىل) ئۈممەت قىلدۇق﴾(2/«بەقەرە»: 143).

ئىسلام ئۈممىتىگە خاس قىلىنغان بۇ ئوتتۇرھاللىق، ئىسلام يولى تۈزۈمىنىڭ ئوتتۇرھاللىقىدىن ئېلىنغان. ئۇ بولسا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراشتىن خالىي بولغان نورماللىق ۋە تەڭپۇڭلۇق يولىدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ھەممە پەيغەمبەرلەرنى ئاياغلاشتۇرغان، مەڭگۈ ئۆچمەس پەيغەمبەرلىك چاقىرىقى بىلەن ئەۋزەل قىلىنغان ئۈممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تالا ئوتتۇرھاللىقنى ئىسلام ئۈممىتىگە خاس قىلغان. چۈنكى بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلىكلەر ئۆز ۋەزىيەتلىرى بىلەن باغلانغان، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بىلەن چەكلەنگەن ئۆتكۈنچى دەۋرلىك پەيغەمبەرلىكلەر ئىدى، شۇڭا يەھۇدىي دىنى ماددىچىلىكتە چېكىگە يەتكەندە، قارشى تەرەپتە خرىستىئان دىيانىتىنىڭ (روھپەرەسلىكتە) ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ئاشۇرۇۋېتىش قارشى تەرەپتىكى ئاشۇرۇۋېتىشكە رەددىيە ئىدى. لېكىن ئىسلام، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۇتۇشۇشىدىكى ئاخىرقى پەيغەمبەرلىك بولغاچقا، بىر تەرەپكە چەتنەپ ۋە ئېشىپ كەتكەن يۈزلىنىشلەرگە رەددىيە بېرىش بىلەنلا توختاپ قالسا بولمايتتى، چۈنكى ئۇ ھەققانىي، ئادىل، ئوتتۇرھال دەرىجىگە يەنى توغرا، رۇس يولغا قايتىشقا ۋەكىللىك قىلىپ كەلگەن.

ئىسلام ئۈممىتىگە خاس قىلىنغان ئوتتۇرھاللىقنىڭ كۆپ مەنىلىرى بار. مەسىلەن، بۇ مەنىلەرنىڭ بىرى، ئادىللىق يەنى ھەققانىيەتچىلىك، شۇڭا ئىسلام ئۈممىتى بۇ ئۇقۇم بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىد بولغان، چۈنكى گۇۋاھلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن شاھىد ئادىل بولۇشى كېرەك.

يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتتىكى «ئوتتۇرا» دېگەن سۆزنىڭ تەفسىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن «ئادىل» دەپ كەلگەن، ئىمام ئەھمەد ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردىكى «ئوتتۇرھال» دېگەن سۆزنى ئادىل (يەنى ھەققانىيەتچى) دەپ تەفسىر قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. «ئادىللىق»، «ئوتتۇرھاللىق» ۋە «تەڭپۇڭلۇق» مەنىسى يېقىن سۆزلەر. يەنە بۇ ئايەتتىكى: ﴿ئۇلارنىڭ ئەڭ ئوتتۇرىسى: «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى﴾(68/«قەلەم»: 28). «ئەڭ ئوتتۇرىسى» دېگەن سۆزنى مۇفەسسىرلەر «ئەڭ ئادىلى» دەپ تەفسىر قىلغان. بۇ ئوتتۇرھاللىق مەنىلىرى قاتارىدا يەنە «توغرىلىق» دېگەن مەنىمۇ بار، يەنى يولنىڭ قايرىلىش ۋە چەتنەشتىن يىراق بولۇشى ۋە تۈزلىكى. مانا بۇنى «قۇرئان كەرىم» توغرا يول ياكى تۈز يول دەپ ئىپادىلىگەن. بۇ جەھەتتىن «قۇرئان كەرىم» بىزگە ئاللاھ تائالادىن توغرا يولغا يېتەكلىشىنى سوراشنى ئۆگەتكەن: ﴿بىزنى توغرا يولغا يەنى، غەزىبىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن﴾(1/«فاتىھە»: 6 – 7).

بۇ ئايەتتىكى غەزەپكە ئۇچرىغانلاردىن يەھۇدىيلار، ئازغانلاردىن بولسا ناسارالار (يەنى خرىستىئانلار) مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، ناسارالار پەيغەمبەرلەرنى خۇدا قىلىۋالغان. يەھۇدىيلار ھارام قىلىشتا، ناسارالار ھالال قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەن، يەھۇدىيلار ماددىي تەرەپتە چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن، ناسارالار ماددىي تەرەپكە سەل قارىغان، يەھۇدىيلار دىنىي مۇراسىم ۋە ئىبادەتلەردە قائىدە – يوسۇنلارنى ئىناۋەتكە ئېلىشتا، ناسارالار بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ھەددىدىن ئاشقان.

ئوتتۇرھاللىق يەنە ياخشىلىقتا ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشنىڭ ئوتتۇرھال بولغىنى ياخشى. قۇرەيش نەسەب ۋە يۇرت جەھەتتىن ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرھالى يەنى ئەڭ ياخشىسى دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مىللىتى ئىچىدە ئوتتۇرھالى ئىدى، يەنى نەسەبتە ئۇلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ئىدى.

ئىسلامدىكى بۇ ئوتتۇرھاللىق كۆپ ئىشلاردا گەۋدىلەنگەن. مەسىلەن:

1. ئېتىقاد جەھەتتە: مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسى ۋەھىمە ۋە خۇراپاتلارغا ئىشىنىدىغان خۇراپاتچىلار بىلەن ماددىنى خۇدا قىلۋالىدىغان ماددىچىلارنىڭ ئوتتۇرىدا، ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغۇچىلار (ئاتېئىزمچىلار) بىلەن خۇدانى كۆپ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىدا، يەنى ئىنساننى خۇدا قىلىدىغانلار بىلەن ئىنساننى دىنىي، ياكى ئىجتىمائىي، ياكى ئىقتىسادىي زورلۇق ئەسىرى قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ.

2. ئىبادەت جەھەتتە: ئىسلام مۇسۇلماننى نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك، جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ھەپتىلىك، روزا تۇتۇشقا ئوخشاش يىللىق ياكى ھەجگە ئوخشاش ئۆمۈردە بىر قېتىم قىلىدىغان ئىبادەتلەر ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا داۋاملىق يېقىنلاشتۇرىدۇ، لېكىن ئىسلام مۇسۇلمانلاردىن مەسجىد ۋە خىلۋەت دەرگاھلاردا ئىبادەت بىلەنلا ياشايدىغان راھىب بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى ناماز تاماملانغاندىن كېيىنلا تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلەش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرىغان: ﴿ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان، زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار﴾(62/«جۇمۇئە»: 10).

ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغاندەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىدىن ئۈچ كىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇلاردىن بىرى، ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە بىرى، ئارقا – ئارقىدىن ھەركۈنى روزا تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۈچىنچىسى، مەڭگۈ توي قىلماي ئاياللاردىن ئايرىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ئىبادەتتە بەدەن ئېھتىياجلىرىغا كۆز يۇمىدىغان دەرىجىدە سەل قارىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ بەدەننى كاردىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ مۇنداق دېگەن: «مۇنداق، مۇنداق دېگەنلەر سىلەر بولامسىلەر؟ قۇلاق سېلىڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ تەقۋادارىڭلاردۇرمەن. لېكىن مەن روزىمۇ تۇتىمەن، ئېغىزمۇ ئاچىمەن، كېچىسى نامازمۇ ئوقۇيمەن، ھەم ئۇخلايمەن، ئاياللارغىمۇ ئۆيلىنىمەن، شۇڭا كىمكى مېنىڭ تۇتقان يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس» («بۇخارىي»، 5063).

3. ئەخلاق جەھەتتە: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ماددا ۋە روھتىن ياراتقان، شۇڭا ئۇ پەرىشتە ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇ ھايۋانمۇ ئەمەس، ئۇ ـــ بەدەن بىلەن روھ. ئىسلام دىنى بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھالدا بېسىۋېلىشنى خاھلىمايدۇ. ئىسلام دىنى بولسا بەدەن ئېھتىياجلىرى بىلەن روھ ئېھتىياجلىرى ئوتتۇرىسىدا، گۈزەل بىر ماسلىشىش ئىچىدە تەڭپۇڭلۇق تۇرغۇزۇشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئاللاھ ھاياتلىقتا ھالال قىلىپ بەرگەن بارلىق نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھ ئېھتىياجلىرىغا كۆز يۇمسا بولمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇ ھەقتە: ﴿ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەتنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن﴾(28/«قەسەس»: 77) دەپ كۆرسىتىدۇ.

بۇ جەھەتتىن، ئىسلام دىنى ماددىچىلىق بىلەن روھپەرەسلىك ئوتتۇرىسىدا ئورتتۇرھال بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆۋەندىكى دۇئاسى بۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

«ئى ئاللاھ! ماڭا ئىشىلىرىمدا مېنى گۇناھتىن ساقلايدىغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دۇنيايىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ھاياتلىقنى ماڭا ھەممە ياخشىلىققا كۆپ ئېرىشىدىغان پۇرسەت قىلغىن، ئۆلۈمنى ماڭا ھەر يامانلىقتىن قۇتۇلىدىغان راھەت قىلغىن!»(«مۇسلىم»، 2720).

4. ئەقىل ۋە ۋەھيى جەھەتتە: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەقىل بىلەن (باشقا شەيئىلەردىن) پەرقلەندۈردى. ئەقىل بولسا ياخشى – ياماننى، پايدا – زىياننى ئايرىشى ۋە شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ يېتىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن كەلگەن سوۋغاتتۇر، بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلىقىغا دالالەت قىلىدىغان نەرسە ئەقىلدۇر، لېكىن ئەقىل چەكلىك بولغاچقا، ھەممە نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھيى ئىنسان ئەقلىنى تولۇقلىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرا يولغا ئېلىپ بارغۇچى بولۇپ كەلگەن. ئىسلام دىنى شەرىئەتنى دەپ ئەقىلنى بىكار قىلمايدۇ ياكى ئەقىلنى دەپ شەرىئەتنى بىكار قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككىسى ـــ ئىمام غەززالى ئېيتقاندەك ــ بىر – بىرى بىلەن ياردەملەشكۈچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىرلىككە كەلگۈچىدۇر. چۈنكى ئەقىل ئىچىگە ئورنىتىلغان قانۇن بولۇپ، شەرىئەت تاشقىرىدىن كۆرسىتىلگەن ئەقىلدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام غەززالى «مەئارىجۇل قۇدۇس» (57 – بەت) ئاتلىق كىتابىدا: «بىلگىنكى، ئەقىل شەرىئەتسىز ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايدۇ. شەرىئەتمۇ ئەقىلسىز پەقەت روشەن بولمايدۇ. شۇڭا، ئەقىل بىنانىڭ ئۇلىغا، شەرىئەت بىناغا ئوخشايدۇ. بىنا بولمسا ئاساسنىڭ پايدىسى بولمىغىنىدەك، ئاساس بولمىسا ھېچقانداق بىنا مەزمۇت تۇرالمايدۇ» دەيدۇ.

ئىسلام ئەقىلگە ۋەھيى بولۇپ كەلگەن تەلىماتلارنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىپ يېتىش ھەققىنى بەرگەن. بۇ ئىماننى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلى ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن ۋەھيى ۋە بارلىق تەلىماتلارغا ئەگىشىشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ـــ ئىمام غەززالى ئېيتقاندەك ــ قەلب كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىدۇر. شۇڭا، ئەقىل ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى بېرىپ، ۋەھيى قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىن، ئاللاھ كۆرسەتكەن يوليورۇققا ئەگىشىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئىمام غەززالى «ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى» (116 -، 117 – بەتلەر) ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن، پەيغەمبەرلەر قەلب كېسەللىكى دوختۇرلىرىدۇر، ئەقىلنىڭ پايدىسى ۋە ۋەزىپىسى بولسا بىزگە ئاشۇ چۈشەنچىنى تونۇتىدۇ، پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلاش بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئۆزىگە پەيغەمبەرلىك كۆزى بىلەن ئىدراك قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىدراك قىلىشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، قولىمىزدىن تۇتۇپ خۇددى ئەمالارنى يول باشلىغۇچىلارغا، گاڭگىراپ قالغان كېسەللىكلەرنى رەھىمدىل دوختۇرلارغا تاپشۇرغاندەك پەيغەمبەرلىككە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەقىلنىڭ ئىشلىشى ۋە ماڭىدىغان يولى مانا مۇشۇ يەرگە قەدەر، ئۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىسى پەقەت دوختۇرنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشىنىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس».

بۇ بىزگە ئەقىلنىڭ ۋەھيى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، ئەقىلنىڭ بۇ يەردە ئىككى مۇھىم ۋەزىپىسى بار:

بىرىنجىسى: بىزنى ۋەھيىگە ۋە پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلاشقا باشلاش.

ئىككىنجىسى: ۋەھيى مەزمۇنىنى ئۇقۇش ۋە چۈشىنىش.

5. قانۇن جەھەتتە: ئىسلام قانۇنلىرى ئىنسان قۇدرىتى دائىرىسى ئىچىدە كەلگەن، ئۇنىڭدا كىشىلەرگە ئېغىر كېلىدىغان ۋەزىپىلەرنى يۈكلەش يوق بولغاندەك، قالايمىقانچىلىق ۋە ھۆكۈمەتسىزلىككە ئېلىپ بارىدىغان سەل قاراشمۇ يوق. شۇنداق قىلىپ ئىسلام قانۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ھارام قىلىۋېتىشى بىلەن ناسارالارنىڭ ھالال قىلىۋېتىشى ئوتتۇرىدا، تەنھاچىلىق بىلەن كوللىكتىپچىلىق ئوتتۇرىسىدا كەلگەن. شۇڭا، ھەر بىر كىشىنىڭ جېنىنى، مېلىنى، ئىززەت – نومۇسىنى، دىنىنى ۋە ئەقلىنى قوغداش ھەققى بار. ئىسلام شەرىئىتى بۇ بەش ھەقنى ئەڭ مۇھىم مەقسەت قىلغان. ئىسلام بۇ ھەقلەرنىڭ ئالدىدا ھەر بىر كىشىگە جەمئىيەتكە قارىتا مەجبۇرىيەتلەرنى بەلگىلىگەن. بۇ جەھەتتىن، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش جەمئىيەتكە ھېچ زەرەر كەلتۈرمەسلىك ياكى قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىقنى تارقاتماسلىق شەرتى بىلەن شەرت قىلغان.

ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى

ئىسلامنىڭ بەزى كۆرۈنەرلىك تەرەپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ئەمدى ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاساسىي ئەقىدىلەر ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي سۆزلەيمىز. بۇ ئەقىدىلەر ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە تەقدىرگە ئىشىنىشتە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ئەقىدىلەرگە ئىشىنىش دىنىي ئىبادەتلەر، ئەخلاقىي كۆرسەتمىلەر ۋە ئىنساننى دۇنيادا ياخشىلاپ، ئاخىرەتتە سائادەتكە يەتكۈزىدىغان، ئىنسان ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن – تۈزۈملەردىن ئىبارەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن بارلىق كۆرسەتمىلەرگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان كەرىم» كۆرسەتمىلەرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئېلىش توغرىسىدا: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار﴾ (59/«ھەشر»: 7) دەيدۇ.

1. ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش

ئىسلام بۇرۇندىن تارتىپلا ھېچ نەرسە ئارىلاشمىغان ساپ تەۋھىد (ئاللاھ تائالانى يەككە – يېگانە، ھېچقانداق تەڭدىشى ۋە شېرىكى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىش) دىنى دەپ تونۇلغان. بۇ جەھەتتىن مۇسۇلمانلارنىڭ شوئارى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» يەنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بەرھەق مەبۇد يوق» بولغان. ھازىرمۇ شۇنداق ۋە بۇندىن كېيىنمۇ تا قىيامەتكىچە شۇنداق بولىدۇ. بىز «ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بەرھەق مەبۇد يوق» دېگىنىمىزدە، ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ئىلاھلىق سۈپىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئىلاھلىق سۈپىتىنى پەقەت يالغۇز ئاللاھ تائالاغىلا ئىسپاتلىغان بولىمىز.

ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك ۋە يۈكسەكلىكنى بىلدۈرىدىغان «ئاللاھ» دېگەن سۆز ئىلاھىي سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى جەملىگۈچى زاتقا دالالەت قىلىدىغان ئىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، «ئاللاھ» سۆزى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە يا ھەقىقىي، يا مەجازىي (كۆچمە مەنىدە) ھالدا قوللىنىلمايدۇ، شۇڭا ئۇ ھەق ئىلاھنىڭ ئۆزىگىلا خاس ئىسىمدۇر.

«لا ئىلاھە ئىللەللاھ» يەنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بەرھەق ئىلاھ يوق» دېگەن بۇ شۇئار ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدىلىكى بولغان ساپ تەۋھىدنى بىلدۈرىدۇ. تەۋھىد چاقىرىقى بولسا، ئىنساننى قۇللۇقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئازاد قىلىشقا چاقىرىدۇ، شۇڭا بىر ئاللاھتىن باشقىغا قۇللۇق قىلىش يوق. بىر ئاللاھتىن باشقىنى مۇقەددەس دەپ قاراش يوق. بىر ئاللاھتىن باشقىغا باش ئېگىش، سەجدە قىلىش يوق. ئۇندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش باپباراۋەر، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدىن تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئىش قىلىشتىن باشقا ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ.

مانا بۇ مەنىلەر بىلەن تەۋھىد ئەقىدىسى مۇئمىنلەرنىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرگەن. بۇ مەنىلەر بىلەن تەۋھىد ئەقىدىسى مۇئمىنلەرنىڭ ئىززەت مەنبەسىگە ئايلانغان. شان – شەرەپتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئىززىتىنى ئۆز زاتىنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئىززىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكى مۇئمىنلەرگە كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ﴾(63/«مۇنافىقۇن»: 8).

تەڭداشسىز بىر ئاللاھقا ئىشىنىش ــ ئىنسان چۈشىنىپ يېتىشى ئۈچۈن ئەقلىي كۈچ سەرپ قىلىشقا موھتاج مەسىلە ئەمەس. ئۇ ئۆزلىكىدىن مەلۇم بولغان نەرسىلەر جۈملىسىدىن سانىلىدىغان مەسىلە، چۈنكى ئىلاھ ئىككى ياكى كۆپرەك بولغان بولسا، ئەمەلىيەتتە ئىختىلاپ قىلىشقان بولاتتى، كائىناتلار بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. بۇنىڭدا ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر ئاسمان – زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتلارنىڭ تەرتىپى) ئەلبەتتە بۇزۇلاتتى﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 22). يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارنى يالغۇز ئىگەللەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 91).

ئىسلام چاقىرىقى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى خۇدا قىلىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ھالدا، بارلىق ئىنسانلارغا تەۋھىد بىلەن يۈزلەنگەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تانغانلىقنىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ تائالا ياراتقان ئىنساننىڭ تۇغۇلما ساپ تەبىئىتىدىكى بۇزۇلۇشتۇر.

ئىلاھلىق سۈپىتىگە پۈتۈنلەي ساپ بىرلىك يەنى تەڭداشسىزلىق كېرەك بولغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بۈيۈك زاتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كامالەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن سۈپەتلەنگۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆز مەخلۇقلىرى ئىچىدىكى بىرەر نەرسىگە ئوخشاپ قېلىشتىن پاكتۇر.

﴿ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11).

﴿كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(6/«ئەنئام»: 1 – 3).

ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ زاتقا يا ئاسمان، يا زېمىندا ھېچقانداق بىر نەرسە يوشۇرۇن قالمايدۇ. ئۇ زات كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۈرۈن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ ئۆزىلا غەيبنى بىلگۈچىدۇر، غەيبنى پەقەت پەيغەمبەرلىككە تاللانغان زاتلاردىن باشقا بىرەر مەخلۇقىغىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. ئۇ زات پاكتۇر، ھەممىگە قادىردۇر. غەمخورلىقى ھەممىگە سوزۇلغان. رەھمىتى ھەممە نەرسىنى قاپلىغان، قولىدا زېمىن ۋە ئاسمانلارنىڭ پادىشاھلىقى بولغان زاتتۇر.

﴿ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(42/«شۇرا»: 19).

بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرىۋېتىدىغان زاتتۇر، چۈنكى ئۇ زات بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن، بىزنى پەقەت ئۆزىگىلا يۈزلىنىپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان: ﴿ماڭا دۇئا قىلىڭلار، قوبۇل قىلىمەن، تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن﴾(40/«غافىر»: 60).

ئۇ زات ھەرقانداق كەمچىلىكتىن پاكتۇر. ھەمدۇسانا ۋە ھۆكۈم قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شۇ زاتقىلا خاستۇر. ئەڭ ئاخىرقى قايتىپ بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. ئۇ زات جان كىرگۈزۈپ، جان ئالىدىغان، ھەممە نەرسىگە قادىر زاتتۇر.

بىز ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنى ئۆزىمىزگە غايە قىلىۋېلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: سۆيگۈ ۋە رەھىمدىللىك سۈپەتلىرى ئىچىدىكى «ئەررەئۇف» (تولىمۇ رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك)، «ئەلئەفۇۋ» (كۆپ ئەپۇ قىلغۇچى)، «ئەلۋەدۇد» (ياخشى كۆرگۈچى)، «ئەتتەۋۋاب» (تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچى)، «ئەششەكۇر» (ئاز نەرسىگە كۆپ ساۋاب بەرگۈچى)، «ئەسسالام» (سالامەتلىك بېغىشلىغۇچى)، «ئەلمۇئمىن» (ئامانلىق بەرگۈچى)، «ئەلبار» (كەڭرى ياخشىلىق قىلغۇچى)، «رافىئۈددەراجات» (مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى بەندىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرگۈچى)، «ئەرراززاق» (ھەممىگە رىزىق بەرگۈچى)، «ئەلۋاھھاب» (بەدەلسىز بەرگۈچى)، «ئەلۋاسىىئ» (چەكسىز مەرھەمەت قىلغۇچى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان يورۇقى ئاستىدا ماڭىدىغان چىراغ قىلىۋېلىشى ۋە ئۇلار بىلەن زىننەتلىنىشى كېرەك بولغان گۈزەل سۈپەتلەردۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە سائادىتى، ئۆزىگە مۇناسىپ تەسەۋۋۇر قىلغان مىقداردا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشتا ۋە ئۇ زاتنىڭ گۈزەل ئىسىم، گۈزەل سۈپەتلىرىنىڭ مەنىلىرى بىلەن زىننەتلىنىشتىدۇر.

2. پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش

ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە ۋە ئومۇمىي سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش، ئۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ۋە ۋەھيى قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەمەلىي مەيداندا يۈكسەك ئۈلگە ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ماڭىدىغان جانلىق نەمۇنە بولۇش ئۈچۈن ئىنسانلاردىن تاللىغان. ئاللاھ تائالا ئىلاھىي ھىدايەتنى بىر مىللەتكە خاس قىلمىغان، بەلكى پەيغەمبەرلەرنى ھەممە مىللەتكە ئەۋەتكەن: ﴿قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن﴾(35/«فاتىر»: 24).

شۇڭا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرمۇ كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا: «پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلبەتتە ئىمان ئېيتاتتۇق» دېگۈچىلەرگە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن توغرا يولغا ئېلىپ مېڭىپ، ئاللاھقا بويسۇنغانلارغا بېشارەت بەرگۈچى، گۈناھ قىلىپ چەتنىگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئادىلدۇر. پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق دىنىنى يەتكۈزمىگۈچە بىرمۇ مەخلۇقنى جازالىمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 15) دەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنمەستىن مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانچىلىقى توغرا بولمايدۇ. بىز ئۇلارغا ئومۇمىي شەكىلدە ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»: ﴿سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئېيتىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، ئېيتىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار﴾(40/«غافىر»: 78) دەيدۇ.

ئەمما «قۇرئان كەرىم»دە ئىسىملىرى بىلەن بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرگە ئۇلار توغرىسىدا كەلگەن تەپسىلاتلار بويىچە ئىشىنىشىمىز بىزگە ۋاجىب، ئۇلارنىڭ سانى 25 بولۇپ، ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇب، نۇھ، داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، مۇسا، ھارۇن، يەھيا، ئىيسا، ئىلياس، ئىسمائىل، ئىليەسەﺋ، يۇنۇس، لۇت، ئىدرىس، ھۇد، شۇئەيب، سالىھ، زۇلكىفل، ئادەم ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ سالامى بولسۇن!

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغان، شۇڭا، ئۇلار بىرمۇ ۋاجىبنى تاشلىمايدۇ، بىرمۇ ھارام ئىشنى قىلمايدۇ. ئۇ زاتلار ئۆزلىرىنى پەقەت كىشىلەر كامالەتكە يېتىشكە ئۇرۇنغاندا يۈزلىنىدىغان كاتتا ئۈلگە ۋە ياخشى رەھبەر قىلىدىغان ئالىيجاناب ئەخلاقلار بىلەن سۈپەتلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش پارچىلانمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىگە ئىشەنمەسلىك ھەرگىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ــ «قۇرئان كەرىم» كۆرسەتكەندەك ــ كۇفرىنىڭ ئۆزىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر – ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار، ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) ھەقىقەتەن كافىرلاردۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 150 – 151).

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشنىڭ ۋاجىبلىقى دىنلار ئىچىدە يالغۇز ئىسلاملا ئىماننىڭ توغرا بولۇشىدا ئاساس قىلغان بىر مەسىلە، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئىنسانلارغا ھىدايەت ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەردۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ياكى بەزىسىگە ئىشەنمەسلىك، ئەلبەتتە، ئەقىلگە قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنداق قىلىش خۇددى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىگە ئىشەنمەسلىككە، ھەتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر ئايىتىنىڭ يېرىمىغا ئىشىنىپ، يېرىمىغا ئىشەنمەسلىككە ئوخشاشتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاجايىب گۈزەل تەسۋىرلەپ دېگەنكى: «مەن ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى، بىر ئادەم چىرايلىق بىر ئۆي ياساپ پۈتتۈرۈپ، بىر بۇرجىكىدە بىر كېسەكلىك ئورۇننىلا بوش قالدۇرغان، ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئايلىنىپ كۆرگەن كىشىلەر ئەجەبلىنىپ: مۇشۇ بىر پارچە كېسەك قويۇلۇپ كەتكەن بولسىچۇ، دەپ قېلىشقان، مەن ئاشۇ بوش قالغان بىر تال كېسەكدۇرمەن. مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىدۇرمەن» («بۇخارىي»، 3535).

بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، ساماۋى پەيغەمبەرلىكلەر خۇددى ھەربىر ھالقىسى كېيىنكى ھالقىغا چېتىلغان بىر زەنجىر بولۇپ، ئاخىرى بۇ ھالقىلارنىڭ تۈگەنچىسى، پۈتۈن دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان بويىچە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن تولۇقلىنىدۇ.

3. ساماۋى كىتابلارغا ئىشىنىش

پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئىنسانىيەتنى يېتەكلەش ئۈچۈن چۈشۈرگەن ۋەھيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق﴾(57/«ھەدىد»: 25).

لېكىن، «قۇرئان كەرىم» بىزگە ئىلگىرىكى دىن ئىگىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھيىدە ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بۇرمىلاش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بۇ جەھەتتىن، «قۇرئان كەرىم» بۇرۇنقى ساماۋى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى ۋە تەستىقلىغۇچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قۇرئان كەرىم» بۇ كىتابلارنى كۆزىتىپ، ئۇ كىتابلاردىكى بۇرمىلاشلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان شاھىد ۋە ئۇ كىتابلاردىكى ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان ھاكىم بولغان، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىد بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن﴾(5/«مائىدە»: 48).

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە چۈشۈرگەن ئاخىرقى سۆزى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ساقلاشقا ۋە ئۇنىڭغا بۇرمىلاش، ياكى ئۆزگەرتىش، ياكى ئالماشتۇرۇش قولى سوزۇلۇشتىن ھىمايە قىلىپ، ئاسراشقا: ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە بىز چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز﴾(15/«ھىجر»: 9) دەپ كېپىللىك قىلغان.

بۇنداق بولۇشى «قۇرئان كەرىم» ئاسمان – زېمىن يوقالمايلا تۇرىدىكەن، ھەر جايدا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھنىڭ نۇرى ۋە ھىدايىتىنى تارقىتىدىغان، مەڭگۇ قالغۇچى ھۆججەت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. بۇ ھەقتە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى، ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىمان) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 15 – 16).

4. پەرىشتىلەرگە ئىشنىش

بىز پەيغەمبەرلەرگە ۋە ساماۋى كىتابلارغا ئىشىنىشكە بۇيرۇلغىنىمىزدەك يەنە ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىنسانلار تەبىئىتىگە ئوخشىمايدىغان تەبىئىتى بار ھەمدە ئۇلار سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئۈستۈنكى دۇنيا جامائەتلىرىدىن بولۇپ، شەھۋەتلەر، ھاۋايى – ھەۋەسلەردىن ۋە گۇناھلاردىن پاكلانغانلاردۇر: ﴿ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 6).

ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان. ئۇلار دۇنيا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمرى بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ. تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى بۇيرۇلغان بويىچە كەم ياكى ئارتۇق قىلماستىن ئورۇندايدۇ. ئۇلار دەرىجىلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئىچىدە: ئاللاھ تائالانى پاكلاپ تەسبىھ ئېيتىش، ۋەھيى ئېلىپ كېلىش (بۇ جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى)، مۇئمىنلەرگە دۇئا قىلىش، ئىنساننىڭ ياخشى – يامان ئىشلىرىنى يېزىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا روھلار دۇنياسى، ماددىلار دۇنياسى ۋە ئىنسانلار دۇنياسىدا نۇرغۇن ئىشلار بار.

پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش «قۇرئان كەرىم»دە كۆپ ئايەتلەردە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە كىتابلىرىغا ئىشىنىش بىلەن بىللە كېلىدۇ: ﴿پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى﴾(2/«بەقەرە»: 285).

5. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش

ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن باشقا بىر ھايات بار دەپ تەكىتلەپ كەلگەن. ئىنساندا قەدىمدىن تارتىپ بۇ دۇنيادىكى ھايات پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ، ئۇندىن كېيىن جان بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشقا بىر ھاياتقا قايتىدۇ دەيدىغان تۇيغۇ بار. مەسىلەن، قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭلىدە بۇ ئەقىدە مۇستەھكەم ئورنىغان بولۇپ، بۇ ئەقىدە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلەرنى مۇمىيا قىلىپ قاتۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. يەنە بەزىلەر: ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى باشقا بىر بەدەنگە كۆچىدۇ ياكى روھ ماددىدىن ئايرىلىپ، ماددىدىن پۈتۈنلەي خالىيلىققا قايتىدۇ، دەپ قارىغان.

ساغلام ئەقىلنىڭ ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەڭ بولۇشىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ ھېچ ئادالەت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتتىن كېيىن ھەر ئىنسان قىلغان ئىشلىرىغا ياخشى بولسا مۇكاپاتلىنىدىغان، يامان بولسا جازالىنىدىغان باشقا بىر ھايات بولمىسا بولمايدۇ. دېمەك، بۇ دۇنيادىكى ھايات يولنىڭ ئاخىرى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى توچكىسى، باشقا بىر ھايات ئۈچۈن باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت.

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ئىمان شەرتلىرىنىڭ ئاساسلىق بىر شەرتىدۇر، چۈنكى ئۇ كۈن ئاللاھ تالا بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ ئايرىيدىغان كۈندۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھېسابى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر﴾ (44/«دۇخان»: 40) دېگەن. يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى كافىرلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا ۋە ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(45/«جاسىيە»: 21 – 22).

يالغۇز ماددىدىن باشقىغا ئىشەنمەيدىغانلار بۇ ھاياتتىن كېيىن باشقا بىر ھايات بولۇشىنى ئىنكار قىلغان. «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنىڭ سۆزىنى بايان قىلغان: ﴿ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز، تۇغۇلىمىز. پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ)﴾ (45/«جاسىيە»: 24).

مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش دەپ قارىغان. ئۇلاردىن ئۈبەي ئىبنى خەلەف دېگەن بىرسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا چىرىپ كەتكەن بىر سۆڭەكنى ئېلىپ بېرىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا سۆڭەكنى ئۇۋاپ تۇرۇپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ دەپ قارامسەن؟ دەپ مەسخىرە قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال ئۇنىڭغا: «ھەئە، ئاللاھ سېنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، قايتا تىرىلدۈرۈپ جەھەننەمگە تاشلايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مۇنداق رەددىيە بەرگەن: ﴿ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى. ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنۇتتى، ئۇ: «چىرىگەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر». ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ﴾(36/«ياسىن»: 77 – 82).

قايتا تىرىلدۈرۈش قىيىن ئىش ئەمەس. بۇ ئالەمنى يوقلۇقتىن ياراتقان ئاللاھ تائالا ئەلبەتتە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا يارىتىشقا ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر. بۇ قايتا تىرىلدۈرۈش «قۇرئان كەرىم» دېگەندەك بىرىنچى يارىتىشتىن ئوڭايدۇر: ﴿مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر﴾(30/«رۇم»: 27).

شەكسىزكى، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ــ ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ۋە ئالىي ئۈلگىلەرگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن باشقا بىر ھايات بولمىسا، ئەخلاقىي ۋە ئالىي ئۈلگىلەرنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ھېچبىر مەنىسى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ئەقىدىسىنىڭ جەمئىيەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىدا، ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىشىدا ۋە توغرا، گۈزەل ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى چىڭ تۇتۇشىدا چوڭ رولى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ كۆڭۈللەردە ئۈمىد پەيدا قىلىدۇ. زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۈچرىغانلارنىڭ قەلبىنى ئاسمان – زېمىندا ئۇنىڭغا ھېچقانداق سىر يوشۇرۇن قالمايدىغان ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە ئىشىنىش بىلەن لىق توشقۇزىدۇ. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم» دەيدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47).

ئەنە شۇ چاغدا، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ھۆكۈم قىلىپ ئايرىيدۇ. ھەر ئىنسان قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. مۇئمىنلەر سائادەتكە ئېرىشىدۇ ۋە جەننەتكە باشلىنىدۇ. كافىرلار بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ ۋە ئوتقا ھەيدىلىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر﴾(41/«فۇسسسىلەت»: 46).

6. قازا ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش

قازا ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم – كامىل سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىنىڭ ئىچىدە ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چەكسىز ئىلمى، مۇكەممەل ئىرادىسى، كامىل قۇدرىتى قاتارلىق سۈپەتلەر بار، شۇڭا ئۇ زات خالىغىنى قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسىنى ئەزەلدە بەلگىلىگەن، ھەممە نەرسىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس سۈپەتلەردە يۈز بېرىدىغانلىقى ئۇ زاتقا مەلۇمدۇر. شۇڭا، ھەرقانداق نەرسە ئۇ زات بەلگىلىگەن يويىچە بولىدۇ. تەقدىرنى مۇنداق دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ: «ئاللاھ تائالا بۇ مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن بەلگىلىگەن مۇستەھكەم تۈزۈم، ئومۇمىي قائىدە ۋە سەۋەبلەرنى نەتىجىلىرىگە باغلىغان قانۇنىيەتلەردۇر».

ئاقىل بىر ئادەمنىڭ قازايى – قەدەر ئەقىدىسىگە تايىنىۋالغان ھالدا، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى ئەزەلدە بەلگىلىۋەتكەن تۇرسا دەپ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئىشلىمەي، رىزىق ئۈچۈن تىرىشماي يېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تەقدىر بولسا بىز بىلمەيدىغان، بىزگە يوشۇرۇن بولغان نەرسە، شۇڭا ئۇ غەيبتۇر، غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ: ﴿ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرىدۇ)﴾ (72/«جىن»: 26 – 27).

قازا ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش ھەرگىزمۇ ئىشەنگۈچىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىشكەل ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ھەربىر كىشىنىڭ تولۇق ئىختىيارى بىلەن نېمىنى تاللايدىغانلىقىنى ئەزەلدە بىلگەن. دېمەك، ھېچقانداق زورلاش ياكى مەجبۇرلاش يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئىنسان قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازالىنىشى ۋە مۇكاپاتلىنىشى تەبىئىي ۋە ئادىل بولغان: ﴿كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى مۇ) ئۆزىگىدۇر»﴾ ۋە: ﴿«ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر﴾(74/«مۇددەسسىر»: 38).

ناۋادا تولۇق مەجبۇرلاش بولغان بولسا، ئەلبەتتە، جاۋابكارلىققا ئورۇن قالمىغان بولاتتى، لېكىن، مۇكاپات ۋە جازانىڭ بولغانلىقى جاۋابكارلىقنىڭ يەنى ئىنسان ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىقىنىڭ نەتىجىسى بولغان. بۇ جەھەتتىن، ئىنسان گۇناھ ۋە جىنايەتلەرنى قىلىپ، ئۇندىن كېيىن: بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، بۇ ئاللاھ ماڭا پۈتۈۋەتكەن تەقدىر، شۇڭا بۇنىڭدا مېنىڭ ھېچ ئامالىم يوق، دېيىشى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا توغرا بولمايدۇ. بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق بىر ۋەقە رىۋايەت قىلىنغان:

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بىر ئوغرى كەلتۈرۈلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭدىن نېمە سەۋەبتىن ئوغرىلىق قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئوغرى: ماڭا ئاللاھ تائالا پۈتىۋەتكەن تەقدىر سەۋەبىدىن، دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشكە ۋە ئۇنى قامچىلاشقا بۇيرۇدى. ئوغرىلىق قىلىشنىڭ جازاسى پەقەت قولىنى كېسىش، ئەمما قامچىلاش بولسا سەۋەبسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئۆمەردىن ئۇ ئادەمنى ئۆز لايىقىدىن ئارتۇقراق جازالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى سورالغىنىدا، ھەزرىتى ئۆمەر: «قولنى كېسىش ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قامچىلاش بولسا ئاللاھ تائالا ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن. بۇ ئوغرى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئوغرىلىق قىلىشنى پۈتۈۋەتكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن؟» دەپ جاۋاب بەردى. يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دەپ كەلگەن: «ئاللاھنىڭ ئىلمى خۇددى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارنى قاپلاپ تۇرغان ئاسمان بىلەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان زېمىنغا ئوخشايدۇ، خۇددى سىلەر ئاسمان – زېمىننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگىنىڭلاردەك، ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئىلمىدىنمۇ سىرتىغا چىقالمايسىلەر. خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىن سىلەرنى گۇناھ – جىنايەتلەرنى قىلدۇرمىغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىمۇ سىلەرنى گۇناھ قىلدۇرمايدۇ».

دېمەك، ئىسلامدا قازايى – قەدەرگە ئىشىنىش سەلبىيلىككە ئىتتىرمەيدۇ، مۇسۇلمانلارنى سەۋەب قىلىشتىن توسمايدۇ، ئۇلارنى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قېچىشقا ۋە ئىش قىلماي يېتىۋالىدىغان، قۇرۇق ئارزۇ – ئارمانغا تولغان ھاياتقا ئېلىپ بارمايدۇ. بۇ ئەقىدە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش ۋ تەرەققى قىلىپ گۈللىنىش يولىدا − ئىسلام دۈشمەنلىرى داۋا قىلغاندەك − توسالغۇ بولۇپ تۇرمايدۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر نامازدىن كېيىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش داۋاسى بىلەن مەسجىدتە ياتقان كىشلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇ مەشھۇر سۆزىنى ئېيتقان: «ئاسماننىڭ ئالتۇن – كۈمۈش ياغدۇرمايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭلاردىن كېيىن سىلەردىن ھېچقايسىڭلار: ئې ئاللاھ! ماڭا رىزىق ئاتا قىلغىن، دەپ تىرىشماي يېتىۋالمىسۇن، ئاللاھ تائالا: ﴿ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان، زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار﴾(62/«جۇمۇئە»: 10) دېگەن. شۇڭا، قازايى – قەدەر دېگەن − شەيخ شەلتۇت رەھىمەھۇللاھ («ئىسلام ئەقىدە ۋە شەرىئەت» 50 – بەت) ئېيتقاندەك − «ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئالەمگە ياراتقان، ئالەمدىكى سەۋەبلەرنى نەتىجىلەرگە، مۇقەددىمىلەرنى يەكۈنلەرگە باغلىغان، بىر قېتىممۇ بولماي قالمايدىغان ئومۇمىي قانۇنىيەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ئىش – ھەرىكىتىدە زورلانغان ياكى مەجبۇرلانغان ئەمەس، بەلكى ئەركىن ۋە تاللىيالايدىغان قىلىپ يارىتىشىمۇ شۇ قانۇنىيەتنىڭ بىرىدۇر».

بۇ سەۋەبتىن، ھېچكىمنىڭ بىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېتەرسىزلىك قىلىشىغا قازايى – قەدەرنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش توغرا بولىدىغان بولسا، ئىنسان بۇيرۇلغان ئەمەللەر ۋە ئىشلار چوقۇم ئەھمىيەتسىز، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش، كىتابلارنى چۈشۈرۈش ۋە ساۋاب ياكى جازاغا ۋەدە بېرىش، ئەلبەتتە، بىھۇدە ۋە مەنىسىز بىر ئىش بولۇپ قالغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا بۇنداق بىھۇدە ئىش قىلىشتىن پاك ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر.

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ