سېھىر قىلىنغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

سېھىر قىلىنغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.

سېھىر ھەقىقەتەن مەۋجۇدتۇر. سېھىر قىلىنغان كىشى سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن چارىلەرنى قىلىدۇ. سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن سېھىرگەرگە يول مېڭىش ۋە سېھىر ئارقىلىق سېھىرنى بىكار قىلىش ھارامدۇر.

سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ياكى سېھىردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولسا تۆۋەندىكىچە:

1.  ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش، ئۇنىڭغا تايىنىش ۋە تەۋەككۇل قىلىش، ئۇنىڭغا يېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىپ تۇرۇش، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، سېھىر ۋە بارلىق مەخلۇقلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن مەخسۇس دۇئا – ئايەتلەرنى ئوقۇشتۇر. بۇ سېھىرنى بىكار قىلىشقىلا پايدىلىق بولماستىن، تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساقلايدىغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك مۇستەھەب بولغان ياخشى ئىشتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 48)، ﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇڭا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر﴾(11/«ھۇد»: 123)، ﴿قۇرئاننى ئوقۇساڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 45).

2.  سېھىر قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ماددىنى تاپقىلى ياكى ئورنىنى بىلگىلى بولسا، شۇنى تېپىپ يوق قىلىۋېتىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىر يەھۇدىي تەرىپىدىن سېھىر قىلىنغاندىن كېيىن، جانابىي ئاللاھتىن شىپالىق سورىغان، ئاللاھ تائالا سېھىرگە ئىشلىتىلگەن تاغاقنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىلدۈرۈپ، تاغاقنى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىن ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن(1).

بىمار ئالدى بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، جىسمانىي كېسەللىك بار يوقلۇقىنى بىلىشى زۆرۈر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەللىكلەردىن داۋالىنىشقا بۇيرۇغان، داۋالىنىش بىلەن بىللە دۇئا ۋە ئايەتلەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدىن شىپالىق سورىشى كېرەك.

ئەمما، بىنورماللىقنىڭ سەۋەبى جىسمانىي كېسەل بولماي سېھىر تەسىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، بىمار ئۆزى ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇلارنى سۇ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرگە دەمىدە قىلىپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

زۇھرىي ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرى (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق)نى ئوقۇپ، ئۆزىگە ئۆزى سۈفلەيتتى. كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ سۈرىلەرنى مەن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا سۈفلەپ قوياتتىم. بەرىكەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەدىنىنى سىلىتىپ قوياتتىم». مەئمەر مۇنداق دەيدۇ: زۆھرىيدىن:

— قانداق سۈفلەيدۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

—ئىككى قولىغا سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى، — دېدى(2).

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «سۇغا ئايەت ۋە دۇئا ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ كېسەلگە سەپسە بولىدۇ» دەپ قارايتتى(3).

ئىمام نەۋەۋىي: «بارلىق ئالىملار (تۈكۈرۈكسىز) سۈفلەپ دۇئا ۋە ئايەت ئوقۇشنى ›جائىز‹ دەپ قارايدۇ. ساھابە ۋە تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى سۈفلەشنى ›مۇستەھەب‹ دەپ قارىغان» دېگەن(4).

سېھىردىن ساقلىنىشقا ۋە سېھىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا تۆۋەندىكى دۇئا، ئايەتلەر ئوقۇلىدۇ:

1. «فاتىھە» سۈرىسى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «فاتىھە» ئوقۇپ بىمارنى داۋالىغان ساھابەگە: «ئۇنىڭ دەمىدە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟» دېگەن(5). «فاتىھە»نى ئۈچ ياكى يەتتە قېتىم ئوقۇسا بولىدۇ.

2. 2/«بەقەرە»: 255 – ئايەت (ئايەتۇلكۇرسى). ﴿اللّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاء وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ﴾ بۇ «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەتتۇر. بۇ ئايەتنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇيدۇ. «سەھىھ» ھەدىستە: «ئايەتۇل كۇرسىينى ئاخىرىغىچە ئوقۇ، ئاللاھ تەرەپتىن قوغدىغۇچى ھەمىشە قوغداپ تۇرىدۇ، ساڭا تاڭ ئاتقۇچە شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ» دېيىلگەن(6).

3. 109/«كافىرۇن» سۈرىسى، ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ. لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ. وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ. وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَّا عَبَدتُّمْ. وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

4. 112/«ئىخلاس» سۈرىسى، ﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ. اللَّهُ الصَّمَدُ. لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ. وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُواً أَحَدٌ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

5. 113/«فەلەق» سۈرىسى، ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ. مِن شَرِّ مَا خَلَقَ. وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ. وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ. وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

6. 114/«ناس» سۈرىسى، ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ. مَلِكِ النَّاسِ. إِلَهِ النَّاسِ. مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ. الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ. مِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

7. 7/«ئەئراف»: 117 – 119 – ئايەتلەر. ﴿وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ. فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ فَغُلِبُواْ هُنَالِكَ وَانقَلَبُواْ صَاغِرِين. وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ. قالُواْ آمَنَّا بِرِبِّ الْعَالَمِينَ. رَبِّ مُوسَى وَهَارُونَ﴾

8. 10/«يۇنۇس»: 79 – 82 – ئايەتلەر. ﴿وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ فَلَمَّا جَاء السَّحَرَةُ قَالَ لَهُم مُّوسَى أَلْقُواْ مَا أَنتُم مُّلْقُونَ فَلَمَّا أَلْقَواْ قَالَ مُوسَى مَا جِئْتُم بِهِ السِّحْرُ إِنَّ اللّهَ سَيُبْطِلُهُ إِنَّ اللّهَ لاَ يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ وَيُحِقُّ اللّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ﴾

9. 20/«تاھا»: 65 – 69 – ئايەتلەر. ﴿قَالُوا يَا مُوسَى إِمَّا أَن تُلْقِيَ وَإِمَّا أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَى قَالَ بَلْ أَلْقُوا فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِن سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَى فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُّوسَى قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنتَ الْأَعْلَى وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَى﴾

10. 2/«بەقەرە»نىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايەتى. يەنى (285 – 286 – ئايەتلەر). ﴿آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُواْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْسًا إِلاَّ وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا رَبَّنَا وَلاَ تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا رَبَّنَا وَلاَ تُحَمِّلْنَا مَا لاَ طَاقَةَ لَنَا بِهِ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا أَنتَ مَوْلاَنَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ﴾

ھەدىستە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «كىمكى كېچىسى ›بەقەرە‹نىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا كېچىچە كۇپايە قىلىدۇ»(7).

11. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بۇ دۇئا: «اللَّهُمَّ رَبَّ النَّاسِ أَذْهِبْ الْبَاسَ اشْفِ وَأَنْتَ الشَّافِي لَا شِفَاءَ إِلَّا شِفَاؤُكَ شِفَاءً لَا يُغَادِرُ سَقَماً / ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزۈۋەتكىن، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگىن. سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوقتۇر. شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي»(8).

12. جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ئوقۇپ قويغان بۇ دۇئاسى: «بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ من كل شَيْءٍ يُؤْذِيكَ من شَرِّ كل نَفْسٍ أو عَيْنِ حَاسِدٍ الله يَشْفِيكَ بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ / ئاللاھنىڭ ئىسىم – شەرىپى بىلەن ساڭا ئازار بېرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ زىيىنىدىن ساڭا دەم سالىمەن. ھەرقانداق بىر نەپسنىڭ ياكى ھەسەت قىلغان كۆزنىڭ زىيىنىدىن ساڭا ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن، ئاللاھنىڭ ئىسىم – شەرىپى بىلەن ساڭا دەم سالىمەن»(9).

13. 9/«تەۋبە» سۈرىسى، 129 – ئايەتتىكى بۇ دۇئا. ﴿حَسْبِيَ اللهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ﴾ (ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر).

14. ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم. «أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ / ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمەلىرى بىلەن مەخلۇقاتلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن».(10) بۇنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى، كېچە – كۈندۈز، ئۆيگە كىرگەندە ياكى تالاغا چىققاندا ئوقۇيدۇ.

15. ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم. «بِسْمِ الله الَّذِي لا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ في الأرْضِ وَلا في السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ العَلِيمُ / نامى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىندە ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن پاناھلىنىمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(11).

16. بۇ دۇئا: «اللَّهُمَّ إِني أَسأَلُكَ الْعَافِيَةَ في الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ. اللَّهُمَّ إِنِّي أَسأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافيَةَ في دِينِي وَدُنْيَايَ وَأَهْلِي وَمَالِي. اللَّهُمَّ استُرْ عَوْرَتِي وَآمِنْ رَوْعَاتِي اللَّهُمَّ احْفَظْنِي مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ وَمِنْ خَلْفِي وعن يميني وَعن شِمَالِي وَمِنْ فَوْقِي وَأَعُوذُ بِعَظَمَتِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِي / ئى ئاللاھ! سەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن گۇناھلىرىمغا مەغفىرەت، دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل – مېلىمدا سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمنى تۈگىتىپ خاتىرجەم قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن. سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن»(12).

17. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسى: ﴿أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ﴾ (ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن) (21/«ئەنبىياﺋ»: 83)

بۇ بەك خاسىيەتلىك، ئۇلۇغ دۇئا بولۇپ، ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دۇئانى قىلغان ھامان ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىجابەت قىلغان. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۇنىڭ دۇئاسىنى دەرھال ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 84).

يۇقىرىقى دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى ۋە باشقا بارلىق چاغلاردا ئۆزىگە ئوقۇپ، ھۈرۈپ سۈفلىسە بولىدۇ، قولىغا سۈفلەپ، بەدىنىنى سىلىسا بولىدۇ ياكى سۇغا ئوقۇپ سۈفلەپ، دەمىدە قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ ياكى شۇ سۇدا يۇيۇنۇپ تاھارەت ئالسىمۇ بولىدۇ. بۇلارنى مۇمكىن بولسا ئەرەبچە توغرا تەلەپپۇزدا ئوقۇغىنى ئەۋزەل. ئۇنداق ئوقۇيالمىسا ئۇيغۇرچىسىنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئوقۇسىمۇ ياكى بۇ دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان تەقۋادار كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، بۇلارنى بىمارغا ئوقۇتۇپ سۈفلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئوقۇپ قويىدىغان كىشى سېھرىگەر، پالچى، داخان، رەممال بولماسلىقى، ئايال كىشى بىلەن مەھرەمسىز خالىي يەردە بولماسلىقى، ئايالنىڭ تولۇق كىيىمى بىلەن بولۇشى قاتارلىق شەرتلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.

بۇرۇنقىلاردىن ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ، كېيىنكىلەردىن ئال شەيخ «فەتھۇل مەجىيد (فتح المجيد)» دېگەن كىتابىدا ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىق بەزى ئالىملار: «سىدىر دەرىخىنىڭ يەتتە يوپۇرمىقىنى سۇغا چىلاپ، شۇ سۇغا يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ھۈرۈپ ئىچسە ۋە ئۇنىڭدا تاھارەت ئالسا سېھىردىن ساقىيىدۇ» دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەھىھ ياكى زەئىف بىر ھەدىستىن دەلىلى يوقتۇر.

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ھ. 1432، 4 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 7 – ئاپرېل

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

———————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6391)؛ «مۇسلىم»، (2189).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5735)؛ «مۇسلىم»، (2192).
3. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (23509).
4. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 9/106.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2276)؛ «مۇسلىم»، (2201).
6. «بۇخارىي»، (2311).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4008)؛ «مۇسلىم»، (807).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5743)؛ «مۇسلىم»، (2191).
9. «مۇسلىم»، (2186).
10. «مۇسلىم»، (2708).
11. «ئەبۇ داۋۇد»، (5088)؛ «تىرمىزىي»، (3388). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
12. «ئەبۇ داۋۇد»، (5074). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ