سەھىپە:: ئەلمۇۋەتتا
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسسان ئەششەيبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رىۋايەت قىلغان ئىمام مالىكنىڭ «ئەلمۇۋەتتا» دېگەن كىتابى، بۇ بىر ھەدىس كىتابى.
بۇ كىتابنى تاللىشىمىزدا بىر قانچە مەقسەد بار:
بىرىنچىسى:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن باغلىنىش، رىشتە ھاسىل قىلىش ۋە مۇشۇ ئىلىمنىڭ شەرىپىگە نائىل بولۇش؛ نەتىجىدە بىزنىڭ ئۈمىدىمىز قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىمىزنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بايرىقى ئاستىغا جەم قىلىشى؛ جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەم بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن،ئامىن.
ئىككىنچى مەقسەد:
ھەنەفىي مەزھەب بىلەن ھەدىسنىڭ مۇناسىۋىتى، بۇ كىتابتا ھەنەفىي مەزھەب ئۆزىنىڭ قارىشىغا دەلىل قىلغان ھەدىسلەر، باشقا قاراشتىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىغا دەلىل قىلغان ھەدىسلەر ۋە ھەنەفىي مەزھەبنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا بەرگەن جاۋابلىرى بولغاچقا؛ ئىختىيار ئوقۇغان چاغدا ھەنەفىي مەزھەپتىكى، ھەر خىل قاراشتىكى مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ دەلىللىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدىغان بولغاچقا ھەدىس تەرەپتىن دەلىللەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىش.
ئۈچۈنچى مەقسەد:
ئۆلەمالارنىڭ ھەرخىل قاراشلىرى، ئىجتىھاداتلىرىنى بىلپ چىقىشتىن ئىبارەت.
تۆتىنجى مەقسەد:
ھەدىس ئىلمىنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرىنى ئەمىلىي تەتبىقلاش ئارقىلىق ئۆگىنىش. رىۋايەتەن بولامدۇ، دىرايەتەن بولامدۇ ياكى رىجال ياكى مۇستالاھ بولامدۇ؛ مۇشۇ ھەدىس كىتابىمىزنى ئۆگىنىش جەريانىدا مۇشۇ ھەدىس مەلۇماتلىرىنى، يەڭگىلرەك بولسىمۇ، بىرمۇ-بىر تەتبىقلاپ ئۆگىنىمىز. كېيىنچە مۇستالاھنى چوڭقۇرلاپ ئۆگەنگەن ۋاقتىڭلاردا بۇ ئەمىلىي تەتبىقنىڭ پايدىسى كۆرىلىدۇ.