بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ئەسكەرتىش: ھەر يىلى رامازان ئېيى مەزگىللىرىدە شەرئىي ھۆكۈم ھەققىدە سوئاللار يېغىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سوئاللارنىڭ نېگىزلىك، قىسقا ۋە ئەتراپلىق بولۇشىنى، شۇنداقلا سوئال سورىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنى ھەم يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جاۋابلارمۇ شۇ تەرىقىدە ئىخچاملىقنى ئاساس قىلىدۇ. زۆرۈرىيەتسىز دەپ قارالغان سوئاللار جاۋابسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن.

سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:

ئېلخەت:  saciyeder@gmail.com

ۋاتسئاپ:

00905511745625

https://chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8ZcIRLmYmvSMbb

https://chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2DAyTRMxUMpsd

https://chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIokDQzE4ec9tHg

https://chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd58OA4dhUs2O4

تېلېگرام قانىلى:
https://t.me/EastTurkistans

  جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى https://sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.

ھ. 1443 / م. 2022

ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب

1 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن. مەن نورۋېگىيەدە ياشايمەن. بۇ يەردە ئۆي ئىجارىسى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، بەزى پەتىۋالاردا «بانكا ئارقىلىق بىر تال ئۆي سېتىۋالسا جائىز بولىدۇ» دەپ پەتىۋا بەرگەن ئىكەن. بىز سىلىدىن سوراشنى توغرا كۆردۇق. ئاللاھ رازى بولسۇن. سورىغۇچى: ئىبراھىم – نورۋېگىيە

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەيلى ئۆي سېتىۋېلىش، مەيلى ماشىنا سېتىۋېلىش، مەيلى باشقا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن ياكى ئۇندىن باشقا شەخس ياكى ئورۇنلاردىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ. ماددىي ئىمكانىيىتى بارلارغا ياۋروپادىمۇ «دۇرۇس» دېگەن پەتىۋا بېرىلمىگەن. گەرچە ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ياۋروپا پەتىۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (The European Council For Fatwa and Research)»نىڭ كۆپچىلىك ئەزالىرى زۆرۈرىيەتنى ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىگە خاس بەزى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشى ئۆزى ئولتۇرىدىغانغا پەقەت بىر ئۆي سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىپ پەتىۋا بەرگەن بولسىمۇ، «جائىز بولمايدۇ» دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەم كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن غەرب ئەللىرىدىمۇ بانكا ئارقىلىق ئۆي ياكى ماشىنا سېتىۋېلىشنى دۇرۇس دېمەيمەن.

2 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئاللىرىم تۆۋەندىكىچە:

1) قولۇمدا تاماق توشۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر موتسىكلىت بار، 11 مىڭ لىراغا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن تاماق توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئائىلەمنى قامدايمەن، زاكات بەرمەكچى بولسام بۇ موتسىكلىتنىمۇ قوشۇپ ھېسابلايمەنمۇ؟

2) زاكات بەرگەندە، ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى ئالغۇچىغا بىلدۈرۈش شەرتمۇ؟ مىسال، مەن زاكاتنى ئاكامنىڭ ئۆيىگە ياكى باشقا يېقىنلىرىمغا بەرمەكچى بولسام، ئۇلارغا بۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى دېمەيلا، بىرىنىڭ ياردىمى ئىكەن، ياكى سەن ئىشلەتكىن… دېگەندەك گەپلەر بىلەن بەرسەم ئادا بولامدۇ؟

3) ئۆلۈپ كەتكەن ئانام ئۈچۈن سەدىقە قىلماقچى بولسام ۋە بۇ پۇلنى يوقسۇل بىر تۇغقانلارغا بەرسەم بولامدۇ؟

4) مەن بۇ يىل ئىنشائاللاھ زاكات بەرمەكچى، ئەمما تۈرك تونۇشلار بەزى پۇل ۋە يېمەكلىك يەشىكلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر شۇ نەرسىلەر بىراۋنىڭ زاكىتى بولۇپ قالسا، بىز ئالساق دۇرۇسمۇ؟ چۈنكى، «بۇ زاكاتمۇ يا خەير – ئېھسانمۇ؟» دەپ سورىغىلى بولمىغاندىكىن، يەنە بىرى بىرقانچە ئائىلىگە بىراقلا ئەكىرىپ بېرىدىغان بولغاچ، بۇنى ئالساق بولامدۇ؟ ئەگەر زاكاتلىقىنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردە ئېلىشقا بولامدۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر- تۈركىيە

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) موتسىكلىتنى قوشۇپ ھېسابلىمايسىز. 2) زاكات ئىكەنلىكىنى ئېغىزىدا ئوچۇق دېيىش ئادا تېپىشنىڭ شەرتى ئەمەس. شۇڭا، ھازىرقى كۈنىمىزدە زاكاتنى شەخسلەر ئۆزلىرى بېرىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر شەخسنىڭ زاكات ئېلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭغا زاكاتنى بەرگەندە: «بۇنى ئشلەتسىلە»، «بىرىنىڭ ياردىمى ئىكەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئالغۇچىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلىشى كېرەك. 3) سەدىقە ۋە زاكاتلارنى يوقسۇل بىر تۇغقانغا بەرسە ھەم ئادا تاپىدۇ، ھەم سىلە – رەھىم ساۋابى بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مىسكىنگە قىلىنغان سەدىقە سەدىقە، تۇغقانغا قىلىنغان سەدىقە ھەم سەدىقە، ھەم سىلە – رەھىم»(تىرمىزىي، 658) دېگەن. 4) «بۇ زاكاتمۇ؟» دەپ سوراپ بېقىش كېرەك! زاكاتلىقىنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردە، ئېلىشقا بولمايدۇ. بىلەلمىگەن تەقدىردە، ئەگەر ئېھتىياجى بولمىسا، ئالمىغىنى تۈزۈك.

3 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. رامازاندا تۈرۈكلەرنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق توشۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ يەنى موتسىكلىت ئارقىلىق سىپارىش توشۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رامازاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش ئاسىيلىققا ياردەم قىلىش ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقانلارغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ. خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغانلارغا رامازان كۈندۈزىدە تاماق توشۇشقا بولمايدۇ.

4 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باشقا دۆلەتتىن بىر قېرىندىشىمىز ئىپتاردا ۋە سوھۇردا قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە دۇئانى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ بەرگەن بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىپتار قىلغاندا، ئۆزى بىلگەن، مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. ئۆزىگە، بالا – چاقىلىرىغا، ئاتا – ئانىسىغا، دوست – يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلغان: «ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتْ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ (ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ، روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى، ئىنشائاللاھ)»(«ئەبۇ داۋۇد»، 2357. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن). بۇنىڭ ئىپتار قىلىپ بولغاندا قىلىنغان دۇئالىقى ئېنىق.

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن!)»(«ئىبنى ماجە»، 1753. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ھەسەن» دېگەن)

«اللَّهُمَّ لَكَ صُمْتُ وَعَلَى رِزْقِكَ أَفْطَرْتُ (ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم)»(«ئەبۇ داۋۇد»، 2358. بۇ مۇرسەل ھەدىس بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئارنائۇت «الأذكار» تەھقىقىدە: «ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار» دېگەن).

ئەمما سوھۇرلۇقتا مۇئەييەن بىر دۇئا يوق. خاھلىغانچە دۇئا قىلسا بولىدۇ.

5 – سوئال: ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلارغا يوللىساق بولامدۇ؟ (بىر ئايال كىشى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى ئاۋازلىق ئوقۇغان ئىكەن)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت بولمىغاندىن كېيىن، ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بولسا، يوللىسا بولىدۇ.

6 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر ئوقۇغۇچى ۋە شۇنداقلا ئائىلە ئايالى، يولدىشىم ئوقۇغۇچى ئىدى، ئەمما ئىقتىساد تۈپەيلى باشقا دۆلەتكە ئىشلەشكە كەتتى، بۇ يىل مەكتەپكە كىرىدۇ. مەقسەد مېنىڭ زاكات كېلىدىغان ئالتۇنۇم بار، ئەمما ئۇ ئانامنىڭ قولىدا. مېنى سېتىپ سالمىسۇن دەپ ئانام ساقلايدۇ، يولدىشىم باشقا دۆلەتتە ئىشلىگەچكە ئازراق پۇلىمىز بار، ئەمما ئۆي، ماشىنا ۋە باشقا نەرسىلىرىمىز يوق. مەن بىر تور دەرسخانا ئوقۇتقۇچىسى، باشقا دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلار «زاكات» دەپ كارتىغا پۇل سېلىپ قالسا، بۇ ماڭا دۇرۇس بولامدۇ ياكى دۇرۇس ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات كېلىدىغان ئالتۇنغا زاكات ئايرىش كېرەك. ئەمما، يولدىشىڭىز قەرزدار ياكى قولىدىكى ئىقتىساد زاكات بەرگۈدەك بايلىق ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان بولسا، ئېرىڭىز زاكات ئالسا بولىدۇ. سىزمۇ زاكىتىڭىزنى ئېرىڭىزگە بەرسىڭىز بولىدۇ.

7 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋىتردا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلسام بولامدۇ؟ سورىغۇچى: نورۋېگىيەدىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گەرچە «قۇنۇتتا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلسا بولىدۇ» دېگەن قاراش بار بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرى مۇسۇلمانلارغا مۇئەييەن قۇنۇت دۇئاسىنى ئالاھىدە ئۆگەتكەن بولغاچقا، قۇنۇتتا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلماي، سەجدە ياكى ئەتتەھىيياتۇنىڭ ئاخىرىدا ياكى نامازدىن كېيىن خاھلىغانچە ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى، قۇنۇتتا ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىش ئەقەللىي تەقدىردە سۈننەتكە خىلاپ بولىدۇ.

8 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازاندا تاقالمايدىغان تۈرك ئاشخانىسىدا قاچا يۇغۇچى بولۇپ ئىشلەش دۇرۇسمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر تۈركىستانىي – تۈركىيە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق دائىرىسىگە كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىپتاردىن كېيىنكى سائەتلەردە ئىشلەشنى تاللىسا ياكى رامازاندا باشقا بىر ئىش قىلىپ تۇرسا توغرا بولىدۇ.

9 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، kyani ماركىسىدا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئەزا بولۇش، ئەزا ئەكىرىش دېگەندەك شەكىل بىلەن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھالالمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر – تۈركىيە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «بىۋاسىتە سېتىش»، «ئۇدۇل سېتىش»، «تورسىمان سېتىش»، «پىرامىداسىمان سېتىش» ۋە «شاخلىتىپ سېتىش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامۋاي Amway كىيانىي kyani، ئاتومى Atomi ۋە ئورىفلام Oriflame قاتارلىق بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان سېتىش شىركەتلىرىدە تىجارەت قىلىش ھارام. چۈنكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ سىستېمىسىدا نامەلۇملۇق، باشقىلارنىڭ ھېسابىغا باي بولۇش، قىمار، ئەزالىق ئۈچۈن پۇل تۆلەش ياكى مەھسۇلات سېتىۋېلىش، ساختىپەزلىك بىلەن ئالدامچىلىققا تاۋارنى پەردە قىلىۋېلىش قاتارلىق ناتوغرا توختاملىشىش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى ياكى بىرقانچىسى تېپىلىدۇ. بۇلار بۇ تۈرلۈك تىجارەتنىڭ ھاراملىقىغا كۇپايىدۇر. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ تۈرلۈك تىجارەتتىن يىراق تۇرۇپ، پاك – ھالال يېيىشكە دىققەت قىلىشى، باشقىلارنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالدىماسلىقى زۆرۈر. بولمىسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ.

10 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى ياكى ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى ھەققىدە پەتىۋالىرى بولسا يوللاپ بەرسىلە بوپتىكەن. مەسىلەن بۇ يىل ھامىلدار بولۇپ كېلەر يىلى ئېمىتىۋاتقان بولسا كەينى – كەينىدىن تۇغقان ئايالغا نىسبەتەن نەچچە يىللىق روزا يىغىلىپ قالىدىغان ئىشكەن. ئۇنىڭ فىدىيەسىنى بېرەمدۇ ياكى قالغان ھەربىر كۈنگە تولۇقلاپ تۇتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قىينالسا ياكى بالىلىرىدىن ئەنسىرىسە، روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇلار كېيىنچە قازاسىنى تۇتالايدىغان بولسا قازاسىنىلا قىلسا بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولسا، قازاسىنى تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىدىيە بېرىدۇ.

11 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئايال كىشى باشقا ئەر – ئايال جامائەت بىلەن سەپەرگە چىقسا بولامدۇ؟ يەنى بۈگۈنكىدەك مەھرەملىرىمىز ۋەتەندە قالغان، مەھرىمىمۇ، ۋەلىيسىمۇ يوق ھالەتتە ھەرەمگە بارسا ۋەيا ئايال كىشىنىڭ ھازىرقىدەك مەھرەملىرىمىز بىلەن بىرگە بولالمايۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە، مەسىلەن تۈركىيەدىن ياۋروپاغا يا باشقا دۆلەتكە بارسا، يا ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە مەھرەمسىز بارسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايال كىشى مەھرەمسىز ھالەتتە پەقەتلا بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەر ۋە ئايال بىر گۇرۇپپا بولۇپ سەپەر قىلسا بولىدۇ. ھەجگە ياكى باشقا سەپەرگە مەھرەمسىز چىقسا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ساجىيەدە تەپسىلىي پەتۋا بار. https://sajiya.biz/?p=562

12 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. رامازاننىڭ نىيىتىنى «ئوتتۇز كۈنلۈك» دەپ بىراقلا قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ رامازاننىڭ نىيىتى ئەڭ توغرا شەكىلدە قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلۋەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۇتۇشنى نىيەت قىلغان كىشى ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.

13 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھامىلدار ئاياللار روزا تۇتقاندا قۇسسا، روزىسى سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىختىيارسىز قۇسۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ.

14 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن قان ئېلىش توغرا كەلسە، بىلەكتىن ئالغان قان سەۋەبىدىن تۇتقان روزىمىز بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش «مەكروھ» دەپ قارىلىدۇ. جىددىي ئەھۋال بولمىسا، قان ئالدۇرۇشنى كېچىگە توغرىلاش تېخىمۇ ياخشى. دوختۇرخانىغا جىددىي كىرىپ قالغاندا كېسەلگە رۇخسەت بولغاچقا، ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. قان ئالدۇرۇۋېتىپ، روزىسىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

15 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، نەپلە ناماز دېگەندەك ئىبادەتلىرىمىزنى ۋاتساپ سۇپىسىغا «باشقىلار كۆرسۇن» دەپ چىقىرىش توغرىمۇ؟ بۇنداق قىلىش ئىبادەتلىرىمىزدىكى رىياغا كىرەمدۇ – يوق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رىيا بولۇش – بولماسلىقى قەلبتىكى نىيەتكە باغلىق. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئادەتتە رىيادىن خالىي بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنداق قىلماسلىق كېرەك.

16 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. 1) ئالالمىغان قەرز پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟

2) قەرز ئالغۇچى ئېھتىياجلىق ۋە قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا، قەرز پۇلنى زاكاتقا ھېساپلىۋەتسە دۇرۇسمۇ؟

3) بىر تىجارەتچى قولىدا مال بار، ئەمما نەق پۇل يوق بولۇپ قالسا، زاكاتنى كېچىكتۈرسە دۇرۇسمۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئىسلام قۇرۇلتىيىغا تەۋە «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» 1985 – يىلىدىكى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 2 – قۇرۇلتىيىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «1 – ئەگەر قەرز ئالغۇچى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولسا، قەرز پۇلنىڭ زاكىتى ھەر يىلى قەرز بەرگۈچىگە كېلىدۇ. 2 – ئەگەر قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى قايتۇرۇپ بەرمەي سۆرەپ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتكەندە، قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ». بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتىۋاغا قارالسۇن:

https://sajiya.biz/?p=2793

2) زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋەتسە بولامدۇ؟ يەنى بەرمەكچى بولغان زاكىتىنى ئالماقچى بولغان قەرزىگە ھېساب قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

 زاكاتنى قەرزدارنىڭ قەرزىگە ھېسابلىۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 280 – ئايەتىدە: ﴿ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار! ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر﴾ دەپ، قەرزدىن ئۆتىۋەتكەنلىكنى «سەدىقە» ھېسابلىدى. شۇڭا شەكىل ئېتىبارى بىلەن ئەمەس، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۇ سەدىقە ھېسابلانغانىكەن، زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋېتىشمۇ شۇنداق بولىدۇ.

 ئەمما، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:

 بىرىنچى، قەرزدارنىڭ قەرزنى تۆلىگۈدەك ھالى بولماسلىقى كېرەك. ئەمما قەرزنى تۆلىگۈدەك ئەھۋالى بار تۇرۇپ، قەرزىنى قايتۇرۇپ بەرمەيۋاتقان قەرزدارغا ھېساب قىلىۋەتسە دۇرۇس بولمايدۇ.

 ئىككىنچى، زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋەتكەن چاغدا قەرزدارغا دەپ قويۇشى لازىم.

3) تىجارەتچىنىڭ قولىدىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بازىرى كاسات بولۇپ، قولىدا زاكاتقا بېرىدىغان نەق پۇل بولمىسا، ئەگەر ئۇ تاۋارلار كەمبەغەللەر پايدىلىنالايدىغان تاۋارلاردىن بولسا، تاۋارنىڭ ئۆزىدىن زاكات ئايرىيدۇ. ئۇنداق بولمىسا، پۇل تاپقان چاغدا ياكى ئۇ تاۋارلار سېتىلغاندا، بېرەلمىگەن يىللارنىڭكىنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.

17 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يوللاردا كېتىۋاتقىنىمىزدا ئالدىمىزغا سۇرىيەلىك ۋە ياكى چىنگەنە مىللىتىدىن بولغان بىرقىسىم كىشىلەر تىلەمچىلىك قىلىپ ئالدىمىزغا كېلىدۇ. پۇل ئېلىش ئۈچۈن، «ئاللاھ، مۇھەممەد ئۈچۈن» دېگەندەك شۇ قەدەر جىق گەپلەرنى قىلىدۇ… بۇلار تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق جان بېقىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغاندەك ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىز ئۇلارغا پۇل ۋەياكى ماددىي نەرسىلەرنى بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ بەرمىسەك، ئۇلار«بىرنەرسە تەلەپ قىلىپ قولىنى ئېچىپ كەلگەن كىشى» بولۇپ گۇناھ ھېسابلىنامدۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەھۋالغا قاراپ ھەقىقىي موھتاجلىقىنى پەملىگەن كىشىگە سەدىقە بېرىش، موھتاج ئەمەستەك كۆرۈنگىنىگە بەرمەسلىك ئەڭ مۇناسىپ بولسا كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا بەرمىسە گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر پەمى بويىچە «ھەقىقىي موھتاج» دەپ قارىغان سائىلغا سەدىقە بەرگەن بولسا، ھەقىقەتتە ئۇ موھتاج ئەمەس بولسا، يەنىلا سەدىقىسىگە ساۋاب ئالىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6678

18 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كىچىك بوۋاق بالىسى بار ئايالنىڭ سۈتى يېتىشمەي بالىغا سۈت پاراشۇكى قوشۇمچە قىلىش كېرەك بولغان ھالدا، بۇ ئايال روزا تۇتۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقى ئەۋزەلمۇ؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇتماي كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشى ئەۋزەل.

19 – سوئال: بەزى مەسچىتلەردە تەراۋىھ نامىزىنى بەكلا قىسقا ئوقۇيدىكەن، مۇشۇنداق مەسچىتلەردە تەراۋىھ ئوقۇساق، شۇمۇ تەراۋىھ ھېساپلىنامدۇ ياكى سەل ئۇزۇنراق ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرگە بېرىپ ئوقۇش كېرەكمۇ؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنراق ئوقۇيدىغىنىغا بېرىش ئەۋزەل.

20 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تەراۋىھ ئوقۇغاندا بىر پارە ئوقۇيدىغان جامىلەردە ئوقۇساق، ئەمما 1- پارىدىن باشلاپ ئوقۇغاچقا بىز بىلمىگەن سۈرە بولغاچقا دىققەتنى يىغالماي، باشقا دۇنيالىق ئىشلارنى ئويلاپ قالىدىكەنمەن. دىققەتنى يىغالماي ساۋابىم يوقاپ كېتەرمۇ؟ ياكى ئۆزۈم بىلىدىغان 30 – پارىنى ئوقۇيدىغان جامىلەردە ياكى ئۆيدە ئۆزۈم ئوقۇسام بولامدۇ؟ (تۈركىيە – مۇستاپا)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ساۋاب دىققەتكە قاراپ بولىدۇ. شۇڭا، دىققەت يىغىشقا پايدىسى بولسا، باشقا جامىدە ياكى ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

21 – سوئال: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئۆزىمىز قۇرئانغا قاراپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ مىسال قۇرئاننى ئالدىمىزغا ئېگىزرەك يەرگە قويۇپ قويساق… (ئائىشە – تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يادا بىلمەيدىغان كىشى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇماي، يا ئۇزۇنراق قىرائەت قىلالايدىغانلارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، ياكى ئۆزى بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇپ، قىسقا بولسىمۇ رەكئەت سانىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5619

22 – سوئال: 8 – ئايغا يېقىن ھامىلدار ئاياللار رامازان ئېيىدا ئۆزى خاھلاپ روزا تۇتسا بولامدۇ ياكى چوقۇم تۇتماسلىق كېرەكمۇ؟ تۇغۇشقا ۋاقىت ئاز قالغاندا تۇتسا ھامىلىنى قىيناپ قويغان بولامدۇ ھەم جاھىللىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ياكى بەرداشلىق بېرەلىسە تۇتسا بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا قارىتا قىسقىچىلا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن، ئېنىق بىر پەتىۋا يوقكەن تۇتسىمۇ ياكى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان (تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇتۇش – تۇتماسلىقتا كەڭچىلىك بار. دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىگە قاراپ قارار قىلسا بولىدۇ.

23 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھامىلدار ئايال روزا تۇتالمىسا، ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇش – تۇتماسلىقتا كەڭچىلىك بار. تۇتمىسا، كېيىنچە قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ.

24 – سوئال: قولىدا قانچىلىك پۇل بولسا زاكات كېلىدۇ؟ ئۇستاز! تۈركىيەدە ئۆزى ۋە بالىلىرى ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ئېلىش پىلانى بار. ئاللاھ رازى بولسۇن. بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىلقى ئالتۇن باھاسىغا قارىغىنىمىزدا، قولىدا ئېھتىياجىدىن ئاشقان پۇل 5 مىڭ دوللاردىن ئاشسا زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي مۈلكى بولمىسىمۇ، ئۇ پۇل ئۆزى ۋە بالىلىرى ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان پۇل بولسىمۇ زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2807

25 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! روزىدار ئادەم زىققا كېسىلى دورىسىنى، بۇرۇن ياللۇغى دورىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ (شۇنى ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ۋاقىتتا)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تېمىتىدىغان، ياكى چايقايدىغان ۋەياكى پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەلۋەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

26 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئۇستاز ۋە بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ رامازان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن.

1) روزىدار ھالەتتە چىش پاستىسى ئىشلىتىپ چىش چوتكىلىسا بولامدۇ؟

2) تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، چىش چوتكىلىمىغىنى ئېسىگە كېلىپ چىشىنى چوتكىلىغان بولسا، چىش چوتكىلاش جەريانىدا چىش مىلىكىدىن چىققان قان سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىرگە بولسۇن. 1) «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا چىشنى تېشىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۇۋېتىش، چىش تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىشنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەلۋەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

2) سۇنىدۇ.

27 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.

ۋەتەندىن چىققاندا ئىچكىرىدىكى ئىككى زاۋۇتقا (شۇ خىتتايلارنىڭ) قەرزىم قالغان ئىدى، ھازىر شۇ قەرزلەرنى قايتۇرغۇدەك ئەھۋالىم بار. شۇڭا، ئۇ قەرزلەرنى قايتۇرغىنىم ئەۋزەلمۇ ياكى قايتۇرسام توغرا بولمايدىغان يېرى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! قايتۇرۇش ئەۋزەل.

28 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ياۋروپا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە بىرلىككە كەلگەن ئىفتار ۋە سوھۇرلۇق ۋاقتى يوق. ئوخشاش شەھەردىكى ئەرەب مەسجىدى بىلەن تۈرك مەسجىدىنىڭ بىر سائەت، سومالى، پاكىستان مەسجىدلىرى بىلەنمۇ بەك چوڭ ۋاقىت پەرقى چىقىۋاتىدۇ. تېلىفۇندىكى 5، 6 پەرقلىق ئەپلەر پەرقلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. قايسى ۋاقىتقا قارىساق توغرا بولىدۇ؟ نورۋېگىيەدىن يېزىۋاتىمەن، ئوخشاش كوچىدىكى ئۈچ مەسجىدتە بىر سائەت پەرق بىلەن سوھۇرلۇق، ئىپتارلىق قىلىنىدىكەن، ئەپلەردىمۇ 50 مىنۇتقىچە پەرقلىق چىقىۋاتىدۇ، قايسىسىغا ئىقتىدا قىلىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر تاڭ ئېتىش ۋە كۈن پېتىشنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشقا قاراپ ئېنىق ئايرىيالىسىڭىز ئۆزىڭىز بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئاشۇ مەسجىدلەرنىڭ بىرىنى تاللاپ شۇ بويىچە روزا تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ياكى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يەپ – ئىچىش روزىنى بۇزىدۇ. ئەمما، سوھۇرلۇقنى بۇرۇن توختاتسا ياكى سەل كېچىكىپ ئىفتار قىلسا، روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

29 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. روزىدار ھالەتتە فىزىكىلىق داۋالاش قىلىپ، باشقا قۇرۇق يىڭنە سانجىپ، سۈلۈك قويسا روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرۇق يىڭنە سانجىش، سۈلۈك بىلەن قان شورۇتۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ.

30 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئىفتار ۋاقتى توشۇپ كەتكەن بولسا، يېنىمىزدا ئېغىز ئاچقۇدەك بىرنەرسە بولمىسا، دۇئا بىلەن ئاچساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزىدارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا يېقىن. لېكىن، كۈن پېتىپ ئىفتار ۋاقتى بولسا روزىدار مەيلى ئېغىز ئاچسۇن – ئاچمىسۇن روزا ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

31 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. رامازاندا كورونا بولۇپ روزا تۇتالـمىغانلار كېيىنمۇ تۇتۇشقا قۇربى يەتمەي يەنە بىر رامازان كېلىپ قالغان بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىدىيە بېرىدۇ. فىدىيە بېرىپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكى يىلى پۇرسەت بولسا قازاسىنى تۇتىدۇ.

32 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارچە ئەزىز مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ رامازان ئېينى تەبرىكلەيمەن.

جۈملىدىن دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھقا ئاللاھتىن سەبىر ئاتا قىلىشىنى ۋە مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى تىلەيمەن.

سوئالىم: رامازان ئېيىدا سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىپ، سۇ ئۈزۈش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ ئىچىپ سالسا، روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟

يەنە بىر سوئال: سۇ ئۈزۈش جەرياندا دوستلار ۋەياكى قېرىنداشلار بىر – بىرنى سۇغا چۆكتۈرىدىغان بىر ئادەتلەر بار. ناۋادا مۇشۇ جەرياندا سۇ ئىچىپ سالسا روزا بۇزۇلامدۇ، يوق؟ ئەگەر بۇزۇلسا قازاسىنى چۆكتۈرۈۋەتكۈچى تۇتامدۇ ياكى سۇ ئىچىپ سالغۇچى تۇتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئامىن! رەھمەت. «روزىسى سۇنىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ «سۇنمايدۇ» دېگەنلەرمۇ بار. «ئىختىيارسىز گالدىن ئۆتۈپ كەتسە سۇنمايدۇ» دېگەن قاراش مۇۋاپىق بولۇش بىلەن بىرگە، كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋېتىش كېرەك. شۇڭا، رامازاندا سۇغا چۆمۈلۈش ۋە سۇغا چۆكتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ياخشى.

33 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇرلۇق يەۋاتقاندا ئەزان چىقىپ قالسا، داۋاملاشتۇرۇشقا بولامدۇ ياكى توختىتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېچىكىپ قالغان ئەھۋاللاردا ئەزان ئاخىرلاشقۇچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئەزاننى تاڭ ئېتىشتىن 15 – 25 مىنۇت بۇرۇن ئوقۇيدۇ.

34 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. رامازاندا كۈندۈزى چىش زاماسكىلاتسا ياكى يۇلدۇرۇپ ئورنىغا چىش سالدۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزىدار چىش زاماسكىلاتسا ياكى چىش تارتقۇزۇپ ئورنىغا چىش سالدۇرسا، روزىسى سۇنمايدۇ. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشلارنى ئىفتاردىن كېيىنگە ئۇدۇللاش ياخشى.

35 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇستاز! رامازان روزىسى ئۈچۈن فىدىيە بەرمەكچى بولغان كىشى ئۇنى شۇ رامازان ئىچىدە بېرىشى كېرەكمۇ ياكى ( ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقىتنى سەل كەينىگە سوزۇپ) كېلەر يىلى رامازان كەلگۈچە بېرىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. چوقۇم شۇ رامازان ئىچىدە بېرىشى كېرەك، ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن كېلەر يىلىغىچە بەرسىمۇ بولىدۇ.

36 – سوئال: ئۆيدە پەرز ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ئالدىمىزدىن ئىككى – ئۈچ ياشلىق كىچىك بالا ئۆتسە، ناماز بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ناماز بۇزۇلمايدۇ.

37 – سوئال: تەراۋىھ نامىزىنىڭ خاسىيىتى ۋە ساۋابى توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى سورايمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. ئەمما، سەھىھ ھەدىستە ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «‏ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» («بۇخارىي»، 37) دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامازاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى بۇ غەنىيمەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

38 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. جۇنۇپلۇق ھالەتتە بىرنەرسە يېسە بولامدۇ؟

 جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشى مۇستەھەب.

 39 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەر كىشى ئايالىنىڭ مېھىر ھەققىنى (تويلۇقىنى) ئايالىنىڭ رازىلىقىسىز ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مېھىر ھەققىنى ئېرىدىن سورىماي ئىشلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەھر (تويلۇق) ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ، ئايال ئۇنى ھېچكىمدىن رۇخسەت ئالماستىن تەسەررۇپ قىلالايدۇ. ئۇنى ئايالدىن ئېرى ياكى ئاكىسى رازىلىقىسىز ئېلىۋالالمايدۇ. ئېلىۋالسا زۇلۇم بولىدۇ.

40 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مۇشۇ بىر – ئىككى يىل يىلنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقانلار مۇشۇ تاكسىتلىق يەنى ھەر ئايغا بۆلۈپ تۆلەيدىغان قىلىپ سېتىلىدىغان ئۆي، ماشىنا دېگەندەك مۈلۈكلەرنى سېتىۋالىدۇ. بۇلار كۆرۈنۈشكە «ئۆسۈم چىقمايدۇ» دەيدىكەن ھەم ئاشۇ شىركەت 15 – 20 مىڭ تېلىنى بىرلا ۋاقىتتا «رەسمىيەت ھەققى» دەپ ئالىدىكەن، مۇشۇ شەكىلدە ئالغانلارمۇ ھەم «ئالىمىز» دەپ ساقلاۋاتقانلارمۇ بار. ئالغان مۈلۈكنى بانكىغا باغلاپ قويىدىكەن، ئۇزۇن يىللارغىچە ھەتتا ئاشۇ قەرزىنى تولۇق تۆلەپ بولمىغۇچە ساتقىلى ياكى نامىنى يۆتكىگىلى بولمايدىكەن. مۇشۇنداق شەكىلدە ئالغانلار، مۇشۇ ئىشقا كىرگەنلەر شەكلى ئۆزگەرگەن جازانىغا كىرەمدۇ؟ مۇشۇنىڭغا تەپسىلىي جاۋابىنى ساقلايمىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ خىل سودا جازانە بولىدۇ.

41 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىم ۋەتەندە قالغان. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئالغان، زاكات بېرىش ئۈچۈن ۋەتەندىكى ئالتۇننىمۇ بىللە قوشۇپ ھېسابلاپ بېرەمدىمەن ياكى قولۇمدا بار ئالتۇنغىلا زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ۋەتەندىكى ئالتۇنلار سىزنىڭ ۋە تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنى سېتىش ۋە بىرسىگە بېرىۋېتىش مۇمكىن بولغان تەقدىردە، بۇمۇ سىز پايدىلىنالايدىغان مۈلك بولغاچقا ئۇنىڭغىمۇ زاكات ئايرىيسىز. ئەمما، ئۇ ئالتۇنلارنى سىز بىرتەرەپ قىلالمايدىغان بولسىڭىز ھازىرچە ئۇنىڭغا زاكات ئايرىمايسىز.

42 – سوئال: 1) كۇفرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئىماندىكى يەتمىش نەچچە شاخقا ئوخشاش چۈشەنچە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

2) بىر ئادەم «خۇدا بار» دېسە، ئەمما خۇدانىڭ بارلىقىغا روشەن دەلىل كەلتۈرەلمىسە، لېكىن كىشىلەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، بىراق كىشىلەر كۆرمىگەندە گۇناھ ئەمەللەرنى ئۆز نەپسىدىن ھۆكۈم ئېلىپ ئۆتىۋەرسە، بۇ كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت. (سورىغۇچى: ئىدلىبتىن)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كۇفۇر ھەققىدە گەپ قىلساق ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئىخچاملىغىنىمىزدا: كۇفۇر دېگەن ئاللاھ ۋە رەسۇلىگە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشەنمەسلىكتۇر. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشەنمەسلىك، شەرىئەت ھالال دېگەننى ھارام، ھارام دېگەننى ھالال دەپ تۇرۇۋېلىش، شەرىئەتكە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتىش، مۇنافىقلىق، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ھاقارەتلەش، تەۋەللا – تەبەررا بولماسلىق، بۇتقا چوقۇنۇش قاتارلىق قەلبتە ياكى تىلدا، ياكى ئىش – ھەرىكەتتە كۆرۈلىدىغان بۇ تۈرلۈك كۇفۇرلار دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇفۇردۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىرەر ئالاقىدار كىتابنى ياخشى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىۋېلىش كېرەك.

2) «خۇدا بار» دېسە، ۋە خۇدانىڭ بارلىقىنى روشەن دەلىل بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا، مۇئمىن. چۈنكى ھەربىر مۇسۇلمان دەلىل ئەھلى بولمايدۇ. گۇناھ ئىشلارنى قىلسا ئاسىي بولىدۇ. يەنى ئاسىي مۇسۇلمان.

43 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ياكى بىرقانچە ماشىنىسى بار كىشى ماشىنىنى ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلسا ياكى كىراغا بېرىدىغان بولسا، بۇ ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ يەنى ماشىنىدىن تاپقان پۇلغا زاكات كېلەمدۇ ياكى ماشىنا قىممىتىمۇ قوشۇلۇپ نىسابتىن ئاشسىلا زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كىراغا ئىشلىتىدىغان ماشىنىنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ. ساپ كىرىمىگە %2.5 مىقداردا زاكات كېلىدۇ.

44 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز!

1) سوھۇرلۇق ئەزانى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان ۋىتر نامىزىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟

2) ئاخىرىدا ۋىتر نامىزى ئوقۇش بىلەن كېچىلىك نەفلە ئىبادەتلەرنى تاماملاپ ھەم سوھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر سوھۇرلۇق ئەزانى چىقماي قالسا، يەنە نەفلە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ ئەگەر ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خاھلىساق، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى رەسمىي كىرگۈچە نەفلە ناماز ئوقۇساق توغرىمۇ (جائىزمۇ)؟ ئەگەر جائىز بولمىسا، قايسى خىل ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغىنىمىز ئەۋزەل؟

3) «جىن چاپلىشىپ قالغان كىشى رامازان ئېيىدا ئوڭشىلىپ قالىدۇ» دېيىشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ «رامازان ئېيىدا جىن – شەيتانلار باغلانغاچقا شۇنداق بولىدۇ» دەيدىكەن. شەيتانلار باغلانغان تۇرۇقلۇق بەزىدە كىشىدە بولۇپ تۇرىدىغان قۇرۇق خىيال، ۋەسۋەسىلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ «رامازان ئېيىدا مۇسۇلماندا ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەر يۈز بەرمەيدۇ» دېيىش ئورۇنلۇقمۇ؟

4) (شۇرۇق) كۈن چىقىش نامىزىنى رامازانلىق ۋاقىت جەدۋەلىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە دەل سائىتىدە ئوقۇيمىزمۇ ياكى مۇشۇ يېزىلغان ۋاقىتتىن بەش، ئون مىنۇت ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئوقۇشىمىز كېرەكمۇ؟

5) ئىپتار ئەزانى چىقىپ، تامىقىمىزنى قانچىلىك ۋاقىت يەپ بولۇپ، ئاندىن شام ناماز ئوقۇساق ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىمىز؟

6) روزا تۇتۇپ سۈرمە سۈرۈش جائىزمۇ؟ ( ئورنۇم تۈركىيە قەھرىمانماراش)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) بولىدۇ. 2) ۋىتر بىلەن كېچىلىك نەفلە ئىبادەتلەرنى تاماملاپ ھەم سوھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەزان چىقماي قالسا، يەنە نەفلە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. ئەزان ھەقىقىي تاڭ ئېتىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلغان بولسا، بامدات ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ – دە، بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا نەفلە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەزان ھەقىقىي تاڭ ئاتماستىن ئوقۇلغان بولسا بولىدۇ. 3) «شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەدىستە: «رامازان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ. «شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟» دېيىش ئورۇنسىز. چۈنكى، گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ناچار ئادەتلەر ۋە ئادىمىي شەيتانلار قاتارلىقلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ. 4) چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەپلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سالاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 5) خورما ۋە ئىچىملىك بىلەن ئېغىز ئېچىۋېتىپ، شام ئوقۇۋېلىپ ئاندىن تاماققا ئولتۇرۇش مۇناسىپ. 6) داۋالىنىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن، سۈرمە سۈرتۈش روزىغا تەسىر قىلمايدۇ.

45 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

1) زاكات قانداق ئايرىلىدۇ؟ مىڭ ياۋروغا ئون ياۋرۇ توغرا كېلەمدۇ ياكى يىگىرمە ياۋرۇمۇ؟

2) مەسىلەن، مەن بۇ يىل مىڭ ياۋرونىڭ زاكىتىنى بەردىم، كېلەر يىلىدا شۇ مىڭ ياۋرۇ كۆپەيمەي مىڭ ياۋرۇ پېتى تۇرسا، زاكىتى كېلەمدۇ ياكى كۆپەيگەن پۇلنىڭ سانى بويىچە زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) %2.5 مىقداردا بېرىسىز. يەنى مىڭ ياۋرۇغا 25 ياۋرۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2807

2) كۆپەيمىسىمۇ ھەر يىلى زاكات ئايرىيسىز. چۈنكى كۆپەيگەن بولۇشى شەرت ئەمەس.

46 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ، ئۇستاز! تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىنكى دەم ئېلىش پەيتىدە «ئاللاھۇممە سەللى ئەلا»نى ئوقۇشنى بىدئەت دېيىشىدىكەن، بۇنداق دېيىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارمۇ؟ (ئورنۇم سەفاكۆي)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىن ئەمەس، ھەر تۆت رەكئەتتىن كېيىن دۇرۇت ئېيتىش سۈننەت ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تەراۋىھنىڭ تۆت رەكئەت ئارىلىقىدا دېمىگەن، شۇنداقلا بۇ بىدئەتمۇ ئەمەس، بەلكى جائىز ھەم مۇستەھەبتۇر، چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا بىز ھەرقانداق ئىبارە بىلەن تەسبىھ ياكى زىكىر قىلساق جائىز ھەم مۇستەھەب بولاتتى، بۇ خىل شەكىلدە تەسبىھ ئېيتساقمۇ جائىز ھەم مۇستەھەب بولىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، بۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن، بۇنى «سۈننەت» دەپ ئاتىۋالمىساقلا بولدى. ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «تاراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەبلىرىدىن يەنە، ئىمام ھەر تۆت رەكئەتنى ئوقۇپ بولغىنىدا تۆت رەكئەت مىقدارى ئولتۇرۇپ تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتىپ دۇئا قىلىدۇ. بەشىنچى تۆت رەكئەتتىن كېيىنمۇ تۆت رەكئەت مىقدارى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سەلەفلەردىن كەلگەن». بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=739

47 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ئۇزۇندىن بۇيان سوراشنى ئويلاپ تۇرغان بىر سوئالنى سوراي دېگەنتىم. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 30 – ئايىتىدە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېگەندە، پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز… » دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا ۋە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە يەر يۈزىدە ئىنسانلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىگە قارايدىغان بولساق، پەرىشتىلەرنىڭ دېگىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا شۇ قان تۆككەن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز ۋە ھازىرمۇ كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭغا قاراپ ھەيران بولىمەن، پەرىشتىلەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن بىلەر بولغىيمىدى دەپ. ۋاقىتلىرى چىققاندا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۇفەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتنى مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك تەھلىل قىلغان: 1. پەرىشتىلەر ئۇ گەپنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۆزئارا ھەسەتخورلۇق قىلىشىدىغانلىقتەك تەبىئىتىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن دېگەن. 2. پەرىشتىلەر خەلىفە دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئادەم بالىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. چۈنكى، خەلىفە دېگەن ئىسلاھ قىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ھەق – ناھەقنى ئايرىيدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتتىن توسىدۇ. 3. ئادەمدىن بۇرۇن زېمىندا جىنلار ياشىغان بولۇپ، پەرىشتىلەر بۇرۇن جىنلارنىڭ ئەسكىلىكىنى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى كۆرگەن ۋە بىلگەن بولغاچقا شۇنداق دېگەن.

48 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ناخشا – مۇزىكا توغرۇلۇق قانداق بۇيرۇقلار بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ناخشا – مۇزىكىنىڭ مەزمۇنى، تەسىرى ۋە ئورۇندالغان مۇھىتقا قاراپ ھۆكمى پەرقلىق بولىدۇ. ھاراق – شاراب ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا ئوقۇلۇش ياكى يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك باشقا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن چېتىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ناخشىنى ئېيتىش، تاماشا قىلىش ۋە ئاڭلاش ھارام بولىدۇ. مانا شۇنداق شارائىتتا ئوقۇلغان ناخشىنى ئېيتقان ۋە ئاڭلىغانلارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۈممىتىمدىن بىرقىسىم كىشىلەر مۇزىكىلار بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ھاراقنى ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ»(«ئىبنى ماجە»، 4020) دېگەن. مۇزىكىمۇ ئوخشاش. بەزى ھەدىسلەردە داپ چېلىش، قوشاقلارنى ئېيتىش كەلگەن. مەسىلەن، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇكى: «قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىز مىنادىكى چاغدا يېنىمدا ئىككى قىز داپ چېلىپ ناخشا ئوقۇۋاتاتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيىمىگە يۆگىنىپ ياتاتتى، (ئاتام) ھەزرىتى ئەبۇبەكرى كىرىپ، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى ئېچىپ: ‹ئى ئەبۇبەكرى! ئۇلارنى توسمىغىن! چۈنكى بۇ ئايەم كۈنلىرى› دېگەن»(سەھىھەين).

49 – سوئال: ئەسساﻻمۇ ئەلەيكۇم، ساﻻمەت تۇرلىمۇ؟ رامازانلىرغا مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگەن مەسىلە بار ئىدى، پەتىۋا بەرسىلە:

بىز ئالتە جان، چوڭ ئوغلۇم ئۆيلىگۈدەك بولدى، دىندا ئوقۇۋاتىدۇ، كىچىكلىرى بەش ياش، ئۈچ ياش ۋە بىر ياشتىن. يولدىشىم بولسا، تۆت يىل بولدى، بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى قارىيلىقتا تەربىيەلەۋاتىدۇ، ئايلىق مائاشى 2000 لىرا، ھازىرقى باھادا بىزنىڭ يۈز ئەللىك مىڭ لىرادەك ئۆزىمىزنىڭ پۇلى بار. بۇ پۇلنى شۇ ۋەتەنگە ماڭساق، كىرا قاتارلىقلارغا ئىشلىتمىز دەپ ئاتاغلىق. ئەمما، بىزنىڭ يا ماشىنا، يا ئۆي، ھېچنېمىمز يوق. ھەم ئۆيدە ئىشلەيدىغانلارمۇ يوق، ھەتتا تۈركىيەدە قىزىل ئاي بار، بىز شۇنىڭغىمۇ كىرەلمەگلىك. قوشنىلار بەزىدە بالىلىرىمغا زاكاتقا كىيىم، بەزىدە پۇل، گۆش دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىرسە ئەپسالدىكەنمىز، «زاكات يېمەيمىز» دېسەك، «ساڭا دۇرۇس كېلىدۇ» دەپ ئەكىرىدۇ. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇ. زاكات دۇرۇس كېلەمدۇ يا كەلمەمدۇ؟ بىر پەتىۋا بەرسلە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىڭمۇ، پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رامازانى مۇبارەك بولغاي! سىلەرگە زاكات دۇرۇس كەلمەيدۇ. قاچانىكى ئىلكىڭلاردىكى 150 مىڭ لىرا خەجلىنىپ يېرىمىدىن ئاز قالسا، ئاندىن زاكات ئالساڭلار بولىدۇ.

50 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوكتور! سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن! دوكتور! مېنىڭ پۇتۇمنىڭ چوڭ بارماق تىرناقنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ناركوز قىلماقچى ئىدى، روزام بۇزۇلامدۇ، بۇزۇلمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ناركوز قىلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ