ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

ۋەتەندىكى تۇغقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىپ قويۇش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ياۋروپادا ياشايمەن. ئاتا – ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم ۋەتەندە. «ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە فىتىر سەدىقەسى بېرىش ھەتتا روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق» دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا، مەن ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە فىتىر بەرسەم بولامدۇ؟ ئۇلار ھەم مېنىڭ بېرىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بېرىشىم دۇرۇس بولسا، ئۇلار ئۈچۈن قايسى دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىمەن، ۋەتەندىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ ياكى ياۋروپادىكى تۇرۇۋاتقان يېرىمنىڭ ئۆلچىمى بويىچىمۇ ياكى مەن ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتتىكى ئۆلچەم بويىچىمۇ؟ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان ئائىلىسى ئۈچۈن ھەربىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن سەدىقە فىتىر بېرىشى ۋاجىبتۇر.

ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئارىسىدا خوتۇنىڭىز، ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى بولمىغان بالىچاقىڭىز قاتارلىقلارغا ئوخشاش بېقىپ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشىڭىز ۋاجىب بولغانلار بولسا، شۇنداقلا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بولماي، ئۇلارنى بېقىشىڭىز سىزگە ۋاجىب بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە فىتىر بېرىشىڭىز ۋاجىب بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «ئاتا – ئانا ۋە بالىچاقىلارنىڭ خىراجىتى نەپىقە مەسىلىسىدە بايان قىلىنغان شەرتلىرى بويىچە ۋاجىب بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭمۇ سەدىقە فىترىنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ. خىراجىتىنى قىلىش ۋاجىب بولمىغان ئەھۋالدا، سەدىقە فىترىنى بېرىش ۋاجىب بولمايدۇ» دەيدۇ(1).

ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ سەدىقە فىترىنى بېرىش ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ۋاجىب، سىزگە ۋاجىب ئەمەس. قولىدا ئىقتىسادى بار قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سەدىقە فىترىنى بېرىشمۇ سىزگە ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، سەدىقە فىترىنى بېرىش سىزگە ۋاجىب بولمىغان تۇغقانلىرىڭىز سىزگە سەدىقە فىترىنى ئۇلار ئۈچۈن يېنىڭىزدىن بېرىپ قويۇشنى تاپىلىغان بولسا، سىز بەرسىڭىز ئەلۋەتتە ئادا بولىدۇ.

بېرىشنى تاپىلىمىغان ياكى بېرىشتە سىزنى ۋەكىل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۇلار ئۈچۈن سىز بېرىپ قويسىڭىز، ئادا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت، ئىبادەت ئۈچۈن نىيەت بولۇشى كېرەك.

بۇ ئەھۋالدا ئىككى يول بار:

بىرى، ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بېرىپ قويغىنىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ رازى بولسا، ئەلۋەتتە بولىدۇ.

يەنە بىرى، ئۇلار ھازىر سەدىقە فىتىرنى زۇلۇم ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بېرەلمەيدىغان بولسا، ۋاقتىدا ئادا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايدۇ، كېيىن بېرەلەيدىغان بولغاندا قازاسىنى قىلىپ بېرىدۇ.

سەدىقە فىتىرنى بېرىلىدىغان جاي باھاسى بويىچە بەرسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرى باھادا بېرىش ئەۋزەل.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 2 – رامازان / م. 2018، 17 – ماي


1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – ج، 85 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ