ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(1)

ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(1)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئىنسانلارنى شۇنداقلا ھەرقانداق نەرسىنى ئەركەك – چىشى قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالاغا مەخلۇقلىرىنىڭ سانى بويىچە ئۆزى رازى بولغۇدەك ھەمدۇسانالار، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.

ئاچا – سىڭىللىرىمىزدىن ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن كېلىدىغان خۇن (قان)، ئىچكى ئاجرالمىلار ۋە سۇيۇقلۇقلار ھەققىدە كۆپ سوئاللار كەلگەچكە، ئۇلارغا ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىلىرىنى روشەن بايان قىلىپ، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلىنىپ، ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

بۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى ھەربىر مۇسۇلمان ئايال بىلىۋېلىشى زۆرۈر. چۈنكى، ئىمام ئىبنى نۇجەيم ئېيتقاندەك، مۇشۇ مەسىلىلەرگە ئاساسەن تاھارەت، ناماز، روزا، «قۇرئان» ئوقۇش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، ھەج قىلىش، بويىغا يېتىش، جىنسىي مۇناسىۋەت، نىكاھ، تالاق، ئىددەت ئەھكاملىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىبادەت ۋە مۇئامىلىلەرنىڭ ئەھكاملىرى بىر تەرەپ بولىدۇ(1).

ئەر كىشىمۇ بۇ مەسىلىلەردىن ئانچە – مۇنچە خەبەردار بولمىسا، ئەر – خوتۇنلۇق ۋە جىما (جىنسىي مۇناسىۋەت) ئىشلىرىدا شەرئىي جەھەتتىن خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ سالىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر تارتىنچاقلىق قىلىپ، بىلىدىغانلاردىن سوراپ بىلىۋالماي، تازىلىق ۋە ئىبادەت ئىشلىرىدا، شۇنداقلا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ سالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق بىر دىنىي مەسىلىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تارتىنىپ قالماسلىق كېرەك. ساھابەلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزۇرىدا بۇنداق سوئاللارنى سوراپ ئۆگىنىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق مەسىلىلەرنى سورىشى ئەدەبسىزلىك بولمايتتى، بەلكى پەزىلەت ھېسابلىناتتى. شۇڭا، مۇجاھىد: «ئىلىمنى تارتىنچاقمۇ، مۇتەكەببىرمۇ ئۆگىنەلمەيدۇ» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئەنسارلارنىڭ ئاياللىرى شۇنداق سالىھ ئاياللاردۇركى، تارتىنىش ئۇلارنى دىندا ئىلىم ئۆگىنىۋېلىشىدىن توسۇپ قويمىغان» دېگەن(2).

ئادەتتە ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئۈچ خىل بولىدۇ: ھەيز، نىپاس ۋە ئىستىھازە.

1. ھەيز

ھەيز: تۇغۇت ھالىتىدە ئەمەس ساق ۋە ساغلام قىز – ئاياللاردىن ھەر ئايدا بىر قېتىم مەلۇم مۇددەت كېلىدىغان قاندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺑﯘ (ﮪﻪﻳﺰ) ﺋﺎﻟﻼﮪ تائالا ﺋﺎﺩﻩم (ئەلەيھىسسالامنىڭ) ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯜتۈۋﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ئىشتۇر» دېگەن(3). بۇ قان ھەربىر ئايالدا مەلۇم كۈنلەردە تەكرارلىنىپ تۇرغاچقا، «ئادەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەمەرىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەڭ ئاز دېگەندە توققۇز ياش، يۇقىرىسى ئون ئۈچ ياشقا قەدەر بولغان قىز بالا بويىغا يەتكەندىن باشلاپ تاكى ياشىنىپ ھەيز توختاش يېشىغا يەتكۈچە ھامىلىدار بولالايدىغان ساغلام ئاياللاردا ئاز بولغاندا بىر كۈن، كۆپ بولغاندا ئون يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ قاننىڭ قانچە ياشتا باشلىنىپ، قانچە ياشتا توختىشى ياكى قانچە كۈن داۋام قىلىشى ھەربىر ئايالنىڭ جىسمانىي، ئىجتىمائىي ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىتىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

ھەيز كېسەللىك قېنى بولماستىن، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن تۆرەلمە يېتىلىشى ئۈچۈن بالىياتقۇ ئىچىگە يېپىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتقان ماددىدۇر. قەدىمكى تېۋىپلار بىلەن فەقىھلىرىمىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، ئادەتتە شۇ بىر ئاي ئىچىدە قورساق كۆتۈرمىگەن ئەھۋالدا بۇ ماددىنىڭ رولى تۈگەپ، بەدەندىن چىقىپ كېتىدۇ. قورساق كۆتۈرگەندە تۆرەلمە ئۈچۈن غىزا ۋە پايدىلىق ماددا بولىدۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن سۈتكە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئېمىتىدىغان ئاياللاردا ھەيز بەك ئاز كېلىدۇ(4).

ئاياللار ھەيز قېنىنى ياقتۇرۇلمايدىغان پۇرىقى، قارىغا مايىل قىزىل رەڭگى ۋە قويۇقلۇقى بىلەن بىلىدۇ. بىر ھەدىستە: «ھەيز قېنى قارامتۇل كېلىدۇ، (رەڭگى ۋە پۇرىقىدىن) بىلىنىدۇ» دېيىلگەن(5).

كۆپىنچە ئاياللاردا ھەيز كېلىدىغان مۇددەت تۆت – بەش ياكى بەش – ئالتە كۈن بولىدۇ دېسەك، ئادەت كۆرگەن مۇشۇ كۈنلەردە قىلىش چەكلىنىدىغان ئىشلار بار. بۇلار:

ھەيزدار ناماز ئوقۇمايدۇ، كېيىن قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. روزا تۇتمايدۇ، لېكىن ساقايغاندا پەرز روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﺩﯨﻦ:

— ﮪﻪﻳﺰﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮪﻪﻳﺰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗق؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘ:

— ﮪﻪﺭﯗﺭائلىق(6) ﺧﺎﯞﺍﺭﯨﺠﻤﯘﺳﯩﺰ؟ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ھايات ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ بىزلەر ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭ بولۇپ قاﻻﺗﺘﯘﻕ، (ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ) ﺑﯩﺰﻧﻰ (شۇ كۈنلەردىكى) ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻣﺎﻳﺘﺘﻰ، — ﻳﺎﻛﻰ — نامازنىڭ قازاسىنى ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، — دېدى» (7).

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇكى: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ — ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﮪﯧﻴﺘﺘﺎ — ھېيتگاھقا ﭼﯩﻘﺘﻰ، (ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ) ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ:

— ﺋﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ! ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮪﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ (دىن بىرى):

— نېچۈن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى؟! — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ئۇ زات:

— ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ ﻗﺎرﻏﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ياخشىلىقلىرىغا ﺗﺎﻧﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭۇﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﺩﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜكلۈكى ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ — دېگەنىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:

— ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ، — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﺪىندۇر. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، شۇنداق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ:

— ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯩﻜﯩﺪىندۇر، — ﺩﯦﺪﻯ»(8).

ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ناماز كۈندە بەش ۋاقىت تەكرارلىنىدىغان ئىبادەت، ھەيزمۇ ھەر ئايدا بىر تەكرارلىنىدىغان بولغاچقا، ئاياللار قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نامازنى ئۇلاردىن كۆتۈرۈۋەتكەن. روزا يىلدا بىر ئاي كېلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، بەش – ئالتە كۈن تۇتالماي قالغان روزىنىڭ قازاسىنى كېيىن تۇتۇۋېلىش قولاي ۋە جاپاسىز دەپ، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

بەلكىم يەنە ئاياللار ھەيز ۋە نىپاسدار ھالەتتە ئارام ئېلىشقا ۋە يېمەك – ئىچمەككە كۆپرەك ئېھتىياجى چۈشىدىغان بولغاچقا، ئۇ چاغدا روزا تۇتۇش ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولمىغان بولسا كېرەك. دېمەك، روزىدارنىڭ روزا تۇتماسلىقى ئۇنى ئاسراشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئىمام بۇجەيرەمىي ئېيتقاندەك، ھەيز بەدەننى ئاجىزلىتىدۇ، روزىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلىتىدۇ. ئاجىزلىتىدىغان ئىككى نەرسىنىڭ جەملىنىشى بەدەنگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ. هالبۇكى، شەرىئەت بەدەننى قوغداشنى كۆزلەيدۇ(9). بۇ سەۋەبتىن، پەرز نامازنىمۇ ئوقۇماي تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. قانداقلا بولمىسۇن، بۇنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇكى: «بۇ ھۆكۈم بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمدۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار ›ھەيزدار بىلەن نىپاسدارغا ناماز پەرز بولمايدۇ، روزىنىمۇ شۇ ھامان ئادا قىلىشى پەرز بولمايدۇ ۋە يەنە ئۇ ئىككىسىگە نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىب ئەمەس، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىب‹ دەپ ئىجماﺋ قىلغان. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، ناماز بىلەن روزىنىڭ پەرقى شۇكى، ناماز كۆپ بولۇپ، كۈندە تەكرارلىنىدۇ. روزا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۇ يىلدا بىر قېتىم بولىدۇ. بەلكىم ھەيز تېخى بىر، ئىككى كۈنلا بولۇشىمۇ مۇمكىن»(10).

بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى يوق. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە «قۇرئانچىلار پىرقىسى» دېگەن ئازغۇن تائىپىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسمى ھەيزدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب، دەپ قارىسا، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى ھەيزدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب ئەمەس، تۇتسا بولىدۇ، چەكلەنمەيدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇ ئىلگىرىكى خاۋارىجلارنىڭ ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان ئەھكاملارنى رەت قىلىش خاھىشىنى ياقلىغان بىر ئازغۇنلۇق خاھىشى بولۇپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن سەھىھ ھەدىسلەرگە، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائسىغا زىتتۇر.

ئىمام ئىبنى قۇدامە: «ئەھلى ئىلىملەر شۇنىڭغا ئىجماﺋ قىلدىكى، ھەيزدار بىلەن نىپاسدارنىڭ روزا تۇتۇشى ھارامدۇر. ئۇ ئىككىسى روزا تۇتمايدۇ. تۇتسا روزا گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. كېيىن ساقايغاندا قازاسىنى تۇتىدۇ» دېگەن(11).

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە: «سۈننەت ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شۇ ئىسپاتلاندىكى، ھەيز قېنى روزىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەيزدار روزا تۇتماي، كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ» دېگەن(12).

بۇنىڭغا ئاساسەن، رامازان كىرىپ قالسا، ھەيزدار تۇرۇپ روزا تۇتسا گۇناھكار بولىدۇ، روزىسى ھېساب بولمايدۇ، كېيىن يەنىلا قازاسىنى قىلمىسا بولمايدۇ. بىلمەي تۇتۇپ قالغان بولسا گۇناھكار بولمايدۇ، ئەمما كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ. ھەيزدار ھايا قىلىپ ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى روزا تۇتۇۋالسا ئوخشاشلا گۇناھكار بولىدۇ، روزىسى ھېساب بولمايدۇ.

رامازاندا روزا تۇتۇۋاتقان چاغدا ھەيز كېلىپ قالسا، قان كەلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ روزىسى بۇزۇلىدۇ. لېكىن، شۇ كۈن كەچكىچە يېمەي – ئىچمەي، روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى مۇستەھەب. بۇزۇۋەتمەي، ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا ھېچقانداق ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇزۇلغان ياكى تۇتالماي قالغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى كېلەر يىلى رامازانغا قەدەر ئارقىمۇئارقا ياكى بىر كۈندىن – بىر كۈندىن تۇتۇۋالسا بولىدۇ. تۇتۇپ بولغۇچە رامازان ئېيى كېلىپ قالسا، رامازان ئېيى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۆزرىسىز يەنە بىر رامازانغا كېچىكتۈرمەسلىك لازىم.

ھەيزدار تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ساقايسا، يۇيۇنۇپ، شۇ كۈنى روزا تۇتۇپ قوپىدۇ. يۇيۇنۇشى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بولسىمۇ روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئادىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى ئادەتتە ساقىيىدىغان كۈننىڭ كۈندۈزىدە قان كەلمىسە، روزىنى نىيەت قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى، روزا تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ھەيزدىن پاكلانغان ۋە نىيەت قىلغان بولۇشى كېرەك. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقايغان بولسىمۇ روزا تۇتسا بولمايدۇ. ئەلبەتتە، ھەيزدار كۈندۈزى ساقىيىپ قالسا، ناماز ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. ساقايغان چاغدا ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن نامازنى ئوقۇيدۇ، ئەمما شۇ كۈنى روزا تۇتمايدۇ.

ھەيزدار ھەيز كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەتىگىنى ئويغىنىپ، ساقايغانلىقىنى كۆرسە، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ساقايغانلىقىنى جەزملەشتۈرسە نىيەت قىلىدۇ. ساقىيىشى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كېيىنمۇ، بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ساقايغان بولۇش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، شۇ كۈنى روزا تۇتۇۋېتىشى ۋاجىب. تاڭ ئېتىشتىن كېيىن ساقايغان بولۇش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، كېيىن يەنە قازاسىنى قىلىشى ۋاجىب. ئەمما، ئۇ كۈنى روزا تۇتماي قالسا كەففارەت كەلمەيدۇ(13).

ئەسلى يۇقىرىقى مەسىلىدە شۇ كۈنى روزا تۇتماسلىقى ھەم قازاسىنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، مەشھۇر فىقھىي قائىدىدە «كەسكىن ئىسپاتلانغان نەرسە شەك بىلەن يوقالمايدۇ» دېيىلگەن. مەزكۇر ئەھۋالدىكى ئايالنىڭ ھەيزدارلىقى كەسكىن، پاكلىنىش ۋاقتىدا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كېيىنمۇ دەپ، بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، «ھەرقانداق ھادىسىنى ئەڭ يېقىن زامان بىلەن مۆلچەرلەش» دېگەن يەنە بىر فىقھىي قائىدە بويىچە، مەزكۇر ئەھۋالدا ساقىيىش تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بولغان دەپ مۆلچەرلەپ، شۇ كۈنى روزىمۇ تۇتمايدۇ، قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، دېيىش فىقھىي قائىدىگە ئۇيغۇندۇر. روزا تۇتۇش ئۈچۈن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئېنىق پاكلانغان بولۇشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ، يۇقىرىدا بەزى مۆتىۋەر ئالىملىرىمىز ئېھتىيات جەھەتتىن ھەم روزا تۇتىدىغانلىقىنى، ھەم قازاسىنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن.

ھەيزدار ساقايغان چاغدا ناماز ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ھەنەفىي مەزهىپى ئالىملىرى ھەيزدار ساقايغان چاغدا شۇ چاغنىڭ پەرز نامىزىنىلا ئوقۇيدۇ، دەپ قارىسا، كۆپچىلىك ئالىملار شۇ چاغنىڭ پەرزى بىلەن شۇ چاغنىڭ پەرزىگە جەملەپ ئوقۇلىدىغان ئىلگىرىكى بىر نامازنى بىللە ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، خۇپتەن ۋاقتىدا ساقايغان بولسا، خۇپتەن بىلەن شامنى، ئەسىر ۋاقتىدا ساقايغان بولسا، ئەسىر بىلەن پېشىننى جەملەيدۇ. چۈنكى، پېشىن بىلەن شام ئۆزرىلىك چاغلاردا كېيىنكىسى بىلەن جەملەپ ئوقۇلىدۇ. ئەمما، بامدات، ياكى پېشىن، ياكى شام ۋاقتىدا ساقايغان بولسا، پەقەت شۇ چاغنىڭ پەرزى بولغان بىر نامازنىلا ئوقۇيدۇ. چۈنكى، بۇ نامازلار ئىلگىرىكىسى بىلەن جەملەپ ئوقۇلمايدۇ(14).

ھەيزدار ھەيز كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەتىگىنى ئويغىنىپ ساقايغانلىقىنى كۆرسە، ساقىيىشى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كېيىنمۇ، بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، ئالىملار «بامداتنىلا ئوقۇيدۇ» دېگەن. لېكىن، بۇ مەسىلىدىمۇ ئويغانغان چاغدىكى نامازنىلا ئوقۇيدۇ، دېيىش كېرەك.

ھەيزدىن پاكلىنىش قانداق بىلىنىدۇ؟

ھەيزداردا تۆۋەندىكى ئىككى ئالامەتنىڭ بىرى كۆرۈلسە ھەيزدىن پاكلانغان بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ: بىرى، ئاپئاق سۇيۇقلۇق كەلسە. يەنە بىرى، پاختا ياكى شۇنىڭدەك بىرنەرسە تىقىپ قويسا، يا قىزىل، يا سېرىقلىق يوق، پاكىز چىقىدىغان دەرىجىدە تولۇق قۇرۇقلۇق بولسا. دېمەك، ھەيزنىڭ توختاپ، پاكلىق باشلانغانلىقنىڭ ئالامىتى قاننىڭ، سېرىق ۋە تۇتۇق سۇيۇقلۇقنىڭ توختىشىدۇر. ئۇندىن كېيىن سۇيۇقلۇق چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن، ئوخشاش(15).

ھەيز مەزگىلىدە جىما قىلىش تاكى ساقايغۇچە ھارام

ھەيزدار بىلەن جىما قىلىش «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»، شۇنداقلا بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن ھارامدۇر.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿يەنە ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇڭا، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار». ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 222).

يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جىمادىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلساڭلار بولىدۇ» دېگەن(16). يەنە مەسرۇق ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:

— ئايالى ھەيزدار بولسا، ئېرىگە نېمە رۇخسەت قىلىنىدۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ:

— جىنسىي ئەزاسىدىن باشقا ھەممە نەرسە» دەپ جاۋاب بەرگەن(17).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﭼﺎقلايتتى، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ﺷﻪﮪﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺷﻪﮪﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ؟» دېگەن(18).

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئۆز ۋاقتىدا ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﻪﻳﺰدار ﺑﯩﺮﻩﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، (ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ) ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺘﺘﻰ. شۇنىڭ بىلەن ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ كىيىۋالاتتى» دېگەن(19).

ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتلار ھەيز مەزگىلىدە ئايال كىشىنىڭ ئەزاسىدا زىيانلىق ماددىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋالدا جىما قىلىش پەقەت ئەر كىشىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئايال كىشىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلىدى. شۇڭا، ھەيز ۋاقتىدا جىما قىلىشتىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك.

بۇ چاغدا جىمادىن باشقا بىللە ئولتۇرۇپ – قوپۇش، بىللە تاماق يېيىش ياكى كىندىكنىڭ ئۈستى، تىزنىڭ ئاستى تەرىپىدىن بەھر ئېلىش، تۇتۇش ۋە باشقا ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىشلار… قاتارلىقلار چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

بۇ مەسىلە پەيغەمبىرىمىز ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ يەھۇدىيلار شەرىئىتى بىلەن خرىستىئانلار شەرىئىتى ئارىسىدا ئوتتۇرھال يول تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالدىن قاچاتتى. ھەيزدار تۇرغان ئۆيدە تۇرمايتتى. ھەيزدارنىڭ بەدىنى نىجىس، ئۇنى تۇتۇپ سالغان قولمۇ نىجىس، ئۇنى تازىلاش كېرەك، دەپ قارايتتى. ھازىر بولسا بۇ يەھۇدىيلار نومۇس قىلماستىن «ئاياللار ھوقۇقى» دەپ ۋارقىراشماقتا. خىرىستىيانلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، نىجىس دەپ قارالغان خۇن كېلىۋاتقان ھەيزدار بىلەن جىما قىلىشنى جائىز دەپ قارايتتى. بۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم – پەن ۋە ساغلاملىقتىن سۆز قىلىشىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى بولسا ئەنە شۇنداق ئېسىل ھۆكۈمنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرھال، ئادىل يول تۇتۇش. چۈنكى، شەرىئىتىمىزدە ئايال كىشىنىڭ بەدىنى پاك. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ – قوپۇش، بىللە يەپ – ئىچىش، بىللە يېتىپ ئۇخلاش جائىز. زىيانلىق تەرىپى بولغاچقا، پەقەتلا جىما قىلىش ھارام قىلىنغان.

ئەمما، تىزنىڭ ئۈستى بىلەن كىندىكنىڭ تۆۋىنىدىكى جىنسىي ئەزادىن باشقا يەرلەر بولسا، ئەسلىدە، ئۇنى تۇتۇش ياكى قۇچاقلاش چەكلەنگەن بولمىسىمۇ، ئۆزىنى تۇتالماي جىما قىلىپ سېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغاچقا، خاتا ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن چەكلىنىدۇ. بۇنى بەزى ئالىملار ھارام دېسە، يەنە بەزىلىرى مەكرۇھ دېگەن. يەنە بەزىلەر ئۆزىنى تۇتالايدىغانلارغا مۇباھ دەپمۇ قارىغان(20).

فىقھىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، شەھۋەت كۈچلۈك كېلىپ، بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن ھارام بولغان جىماغا ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋالدا كىندىك بىلەن تىز ئارىلىقىدىن نېرى تۇرۇش لازىم. ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغان ئەھۋالدا ئايالى كالتا ئىشتاندەك بىرنەرسە كىيىۋالسا، ئۇ ئارىلىق چەكلەنمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ۋاقىتلىق شەھۋەتنىڭ دۇنيادا كېسەللىككە، ئاخىرەتتە ھەسرەتكە ئېلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئارىلىقتىن نېرى تۇرغان تۈزۈك. ياخشىسى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن قانداق قىلغان بولسا، شۇ بويىچە قىلىشتۇر. يۇقىرىقى ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك، رەسۇلۇللاھ ھەيز كۆرۈۋاتقان بىرەر ئايالى بىلەن قۇچاقلاشماقچى بولسا، ئۇنى ئىشتىنىنى كىيىۋېلىشقا بۇيرۇيتتى. ئايالى ھەيزدار ھالەتتە ئىشتان كىيىۋالاتتى.

ھەيز ۋاقتىدا جىما قىلىپ سالسا كەففارەت كېلەمدۇ؟

ھەيز ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياكى يادىدا يوق ۋەياكى ھاراملىقىنى بىلمەي، ھەيز ۋاقتىدا جىما قىلىپ سالغان بولسا گۇناھمۇ بولمايدۇ، كەففارەت تۆلەشمۇ كەلمەيدۇ. ھەيز ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ياكى ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن جىما قىلغان بولسا، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام نەۋەۋىيلەر ئېنىق ئېيتقان. بۇنىڭغا تەۋبە قىلىپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاش كېرەك.

بۇنداق ئەھۋالدا، كەففارەت تۆلەش ياكى تۆلىمەسلىكتە ئىككى خىل قاراش بار:

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، كەففارەتنى ۋاجىب دەيدىغان سەھىھ دەلىل يوق.

بەزى ئەھلى ھەدىسلەر: «كەففارەت تۆلەيدۇ» دېگەن. چۈنكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ھەيزدار ئايالى بىلەن جىما قىلغان كىشى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر تىللا ياكى يېرىم تىللا سەدىقە بېرىدۇ» دېگەن.(21) بەزى مۇھەددىسلەر بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن. ئىمام شەۋكانىيمۇ كەففارەت كېلىدىغانلىقىنى تەرجىھ قىلىشقا مايىل بولغان. لېكىن، مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» ئەمەس دەپ قارىغان(22).

ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراشتا ئۇ يۇقىرىقى ھەدىس بويىچە: «خاھلىسا بىر تىللا، خاھلىسا يېرىم تىللا تۆلەيدۇ» دېگەن. يەنە بەزى ئەھلى ھەدىسلەر ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەيز مەزگىلىدە جىما قىلغان بولسا بىر تىللا (85 پىرسەنتلىك 4.25 گىرام ئالتۇنغا باراۋەر)، ھەيزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە جىما قىلغان بولسا يېرىم تىللا (2.125 گىرام ئالتۇنغا باراۋەر) قىممىتىدە پۇل سەدىقە بېرىدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى، بىر ھەدىستە: «قىزىل خۇن كېلىۋاتقاندا (جىما قىلىپ سالغان بولسا) بىر تىللا، سارغۇچ كېلىۋاتقاندا (جىما قىلىپ سالغان بولسا) يېرىم تىللا سەدىقە بېرىدۇ» دەپ كەلگەن(23). بىر ياكى يېرىم تىللا ۋاجىب دېگەنلەر: «بۇنى ئەر كىشى تۆلەيدۇ، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىدۇ، خاھلىسا بىر مىسكىنگە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ» دېيىشىدۇ(24).

ھەيزدىن ساقايغاندىن كېيىن غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿يەنە ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇڭا، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ﴾ دېگەن(2/«بەقەرە»: 222).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ھۇبەيشنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ﮪﻪﻳﺰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ئوقۇماڭ، ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ، ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯓ» دېگەن(25).

ھەيزدار قاچان يۇيۇنىدۇ؟

ئەلبەتتە، ھەيزدار ئادەتتىكى بەدەن پاكىزلىقى ئۈچۈن خاھلىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇپ – تارانسا بولىدۇ. بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى ھەيزدىن ساقىيىپ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش.

ھەيزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى توختىدى، دەپ قارىغان چاغدا، ھەربىر ناماز ۋاقتى كىرگەندە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن بىر پارچە پاختا ياكى ئاق لاتىنى سېلىپ قاراپ باقىدۇ. پاكىز چىقسا، يۇيۇنۇشى ۋاجىب بولىدۇ. قىزىل ياكى سارغۇچ چىقسا، ھەيز توختىمىغان بولىدۇ. ھەيزنىڭ توختىغانلىقى قانداق مەلۇم بولىدىغانلىقىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

يۇيۇنۇش ئۇسۇلى

ئالدى بىلەن ھەيزدىن يۇيۇنۇشنى دىلىدا نىيەت قىلىپ، «بىسمىللاھ» دەپ، ئىككى ئالىقاننى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ. ئاندىن سول قولى بىلەن ھەيز ئورنى ۋە ئەتراپىنى پاك بولغۇچە يۇيىدۇ، سوپۇن ئىشلەتسە تېخى ياخشى. ئاندىن نامازغا ئالغاندەك تولۇق تاھارەت ئالىدۇ ياكى پۇتىنى يۇيۇشنى ئەڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرىدۇ. ئاندىن بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇپ، چاچلىرىنى ئۇۋۇلاپ، سۇنى چاچنىڭ يىلتىزىغا يەتكۈزىدۇ. ئۆرۈم چاچنى چۇۋۇسىمۇ، چۇۋۇماي يۇسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى سۇنىڭ چاچ يىلتىزىغا بېرىشى. ئاندىن بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ، ئۈستىدىن ئاستىغا قارىغان يۆنىلىشتە ئۇۋۇلاپ يۇيىدۇ. ئاندىن بەدىنىگە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىدۇ، ئاندىن پۇتىنى يۇيىدۇ. ئەلبەتتە، سۇ پۈتۈن بەدىنىگە تېگىشى زۆرۈر. ئاندىن بىر پارچە پاختىغا مۇشك – ئەنبەر ۋەياكى خۇشپۇراق سۈرۈپ، ئورۇننىڭ غەيرىي پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.

ئالدىراش چاغلاردا نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ يۈرمەي، ھەيز ئورنى ۋە ئەتراپىنى يۇيۇۋېتىپ، ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپلا يۇقىرىقىدەك يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، يۇيۇنۇشتا ۋاجىب بولغىنى نىيەت بىلەن پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش. بۇ ئىككىسى ۋۇجۇدقا چىقسا ئەڭ مۇھىم شەرت ئادا بولغان بولىدۇ.

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ جۇنۇبلۇقتىن غۇسۇل قىلىپ (سول) ﻗﻮلىدا ﺋﻪﯞﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺳﯜﺭﻛﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ» دېگەن(26).

يەنە بىر رىۋايەتتە مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ﻣﻪﻥ غۇسۇل قىلىشى ئۈچۈن ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنىڭ يېنىغا (ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ) ﺳﯘ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺳﯘﻧﻰ ﻗﻮللىرىغا ﻗﯘﻳﯘﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ قېتىم، ئىككى قېتىمدىن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ قېتىمدىن ﻳﯘﻳﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ، ﺋﻪﯞﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ يەرگە ﺳﯜﺭﻛﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ئېغىز – ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ، ﻗﻮللىرىنى (جەينەككىچە) ﯞﻩ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﯘﻳﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ» دېگەن(27).

ھەيزدىن ساقايغاندىن كېيىن غۇسۇل قىلماي تۇرۇپ جىما قىلىشقا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار ھەيزدار ساقىيىپ غۇسۇل قىلمىغۇچە جىما قىلىش ھارام، دەپ قارىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مۇنداق قارىغان: ئون كۈندىن ئاز ئادەت كۆرىدىغان ئايال ھەيز توختىسا، تاكى يۇيۇنغۇچە ھەيزدار ھېسابلىنىدۇ. سۇ تاپالمىغان تەقدىردە، بىر ناماز ۋاقتى ئۆتسە، ئاندىن ھەيزدىن پاك بولغان ھېسابتا بولۇپ، جىما ھالال بولىدۇ. ئادەتلەنگەن كۈنلىرى ئون كۈن بولسا، ئون كۈن توشۇپ بولغاندىن كېيىن ھەيز توختاش بىلەن غۇسۇل قىلماستىنلا ھەيز ھۆكمى يوقاپ، يۇيۇنماي تۇرۇپ جىما قىلسا بولىدۇ. خۇددى جۇنۇب بولۇپ قالغان ئايالغا ئوخشاش (جىما قىلىش) چەكلەنمەيدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق بەزى ئالىملار ھەيز توختىشى بىلەن يۇيۇنمىسىمۇ ئەۋرىتىنى يۇيۇۋەتسە ياكى نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئېلىۋەتسە، يۇيۇنمىسىمۇ جىما ھالال بولىدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇلار ئادەت كۈنلىرىنىڭ سانى ۋە توشۇشى دەپ ئايرىمىغان. شەيخ ئالبانىي رەھىمەھۇللامۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان(28).

ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىدە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈك بولغاچقا، نورمال ئەھۋاللاردا كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەمما، بەزىبىر ئالاھىدە ئەھۋاللار بولۇپ قالسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ، ئىمام ئىبنى ھەزم رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، يولدىشى مەلۇم مۇددەتتە بىر قېتىم ئۆيىگە كېلىپ، ئۈچ – تۆت كۈن تۇرۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولسا، جەمئىيەتتىكى فىتنە – پاسات تەسىرىدە قىينالماسلىقى ئۈچۈن، ھەيز توختىسا غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. يەنە سوغۇق كۈنلەردە سۇ ئىسسىتىش قىيىن بولسا ياكى سۇ قىس جاي بولسا ۋەياكى سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا، ھەيزدىن ساقايغانغا بىر، جىماغا بىر غۇسۇل قىلىپ قىينىلىدىغان بولسا، ئىمام ئىبنى ھەزم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلىپ تۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ئەتاﺋ ۋە قەتادە قاتارلىق سەلەفلەردىنمۇ كەلگەن قاراشتۇر. بۈگۈن بەزى ئالىملار شۇنداق پەتۋا بېرىپ كەلمەكتە.

داۋامى بار…

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

——————–
1. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/199.
2. «بۇخارىي»، «ئىلىمدىكى تارتىنچاقلىق» دېگەن بابى.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (294)؛ «مۇسلىم»، (1211).
4. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/37؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/188.
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (286). ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ» دېگەن.
6. ھەرۇراﺋ (الْحَرُورَاءُ): كۇفەگە يېقىن بىر جاي بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان. ئۇلاردىن بىر تائىپە «ئاياللار ھەيز كۈنلىرىدە تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتقاندەك، ئوقۇيالماي قالغان نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى ئوقۇيدۇ» دەپ قارايتتى. بۇ ئىجمائغا خىلاپتۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/27.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (321)؛ «مۇسلىم»، (335).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (304)؛ «مۇسلىم»، (79).
9. بۇجەيرەمىي: «ھاشىيەتۇل بۇجەيرەمىي / حاشية البُجَيْرَمِيّ على الخطيب»، 2/382.
10. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/26.
11. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/39.
12. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 25/220.
13. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1/522.
14. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/238.
15. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/501.
16. «مۇسلىم»، (302).
17. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 2/383.
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (302)؛ «مۇسلىم»، (293).
19. «بۇخارىي»، (303).
20. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 1/104؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/349.
21. «ئەھمەد»، (2032)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (264).
22. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/43؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/363؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/266؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/352.
23. «نەسائىي»، (9107).
24. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/363.
25. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (306)؛ «مۇسلىم»، (333).
26. «بۇخارىي»، (260).
27. «بۇخارىي»، (265).
28. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 2/35؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/41؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/205؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/307؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 2/172.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ