بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

301 – سوئال: ئۇستاز، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! مەن «ئىسلامى پايچەك» تارقالغاندىن كېيىن ئىككى قېتىم پايچەك ئويناپ قالغان ئىدىم، سىلنىڭ شۇ ۋاقتتىكى «بولمايدۇ» دېگەن پەتىۋالىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوينىمىدىم. ئەينى ۋاقىتتا بىرىنچى قېتىم ئالغان پايچەكتىن 800 لىرا ئەتراپىدا پايدا ئالغان ئىدىم. ئىككىنچى قېتىم ئالغان پايچەكتە 500 لىرا ئەتراپىدا زىيان تارتقان. پەتىۋانى ئوقۇپ «قايتا قىلمايمەن» دەپ ۋەدە قىلدىم. شۇندىن كېيىن قايتا قىلمىدىم. ھازىر سىلىنىڭ «پايچەكتە تاپقان پۇل ھارام» دېگەن پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ، شۇ ئىككى قېتىملىق پايدا – زىيان ئىشىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمىدىم. سەدىقە قىلماقچى بولسام ئالغان 800 لىرانى سەدىقە قىلامدىم ياكى زىياندىن ئايرىپ 300 لىرا سەدىقە قىلامدىم؟ ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 800 لىرانى سەدىقە قىلىسىز.

302 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز!

1) تاھارەت ئالغاندا گەپ قىلسا، دۇنيانىڭ خىياللىرىنى قىلسا بولامدۇ؟

2) تاھارەت تەرتىبى ئالمىشىپ كەتسە، قايتا ئالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) تاھارەت ئالغاندا گەپ قىلسا، دۇنيانىڭ خىياللىرىنى قىلسا ئەۋزەلنى ۋە مۇستەھەبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بىھۇدە گەپ – سۆز قىلمىغان تۈزۈك. گەپ – سۆز قىلسا تاھارىتى يەنىلا كۈچكە ئىگە. چۈنكى، تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ – سۆز قىلىش ۋە دۇنيا خىياللىرىنى قىلىش ئەسلىدە جائىز بولسىمۇ، تۆت مەزھەب ئالىملىرى تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياج بولمىسىمۇ گەپ – سۆز قىلىشنى تاھارەتنىڭ مەكروھلىرى قاتارىدىن سانايدۇ. بۇ مەكروھلۇقنى ئىمام نەۋەۋىي ئەۋزەلنى ياكى مۇستەھەبنى تەرك قىلىش دەپ ئىزاھلىغان(«ئەلمەجمۇﺋ»، 1 – توم، 165 – بەت).

بىھۇدە گەپ – سۆز ۋە خىياللار كىشىنى مەشغۇل قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقان تۇيغۇنى ئۈزۈپ قويىدۇ. تاھارەتنى تولۇق ئالدىمۇ يوق، دېگەندەك ۋەسۋەسەگە سېلىپ قويىدۇ. تاھارەت ئۆزى ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ ناماز ۋە تاۋاپ قاتارلىق باشقا ئىبادەتلەرنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ئىبادەتتۇر. شۇڭا، تاھارەت ئالغاندا دىققىتىنى بېرىپ، بۇ ئىبادەت بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇناجات قىلىپ، رەھمىتىنى تىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى، دۇنيا پاراڭلىرى، خىياللىرى ۋە بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى، بەلكى زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇشى مۇناسىپ. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تاھارەت سۈيى ئېلىپ كەلسەك، ئۇ زات تاھارەت ئالدى. مەن ئۇ زاتنىڭ (تاھارەت ئېلىۋېتىپ): «ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىل، ئۆيۈمنى كەڭ قىل، رىزقىمغا بەرىكەت ئاتا قىل!» دەپ دۇئا قىلغىنىنى ئاڭلىدىم(«مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 7273؛ ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن).

2) تاھارەتنى تەرتىپ بويىچە ئىلىش، شۇنىڭدەك، ئارىسىنى ئۈزۈپ قويماسلىقمۇ سۈننەتتۇر.

303 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئۇستاز! چۈشىدە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ تال قەلەم بەرگەنلىكىنى كۆرسە، بۇنىڭغا قانداق تەبىر بېرىلىدۇ؟ بۇ بىر ياخشىلىقتىن بېشارەتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. مەن چۈش تەبىرىنى بىلمەيمەن. ئىبنى سىرىندىن كەلگەن تەبىرلەردە خىزىر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش پاراۋانلىق، موللۇق، ئىلىم، بەرىكەت ۋە ھالال رىزقتىن بېشارەت دېيىلىدىكەن.

304 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى زىيادە، ئۆمرىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، ئامىن.

1) بىزدەك چەتئەلدە پەرزەنتلىرى بار ئاتا – ئانىلار خىتتاينىڭ «بالاڭ چەتئەلدىكەن» دېگەن باھانسى بىلەن ئىككىلىسىنى تەڭ تۇتۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، رەسمىيەتتە ئاجرىشىپ تۇرىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن. بۇنىڭدا نىكاھتىن ئاجراپ كېتەمدۇ؟ بىلىنگىنىدەك، نىكاھقا مىراس ۋە باشقا ئەھكاملار باغلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن سورىغان ئىدىم.

2) ھازىر مەيلى ۋەتەندە ۋە ياكى چەتئەلدە بولسۇن، قىسقا فىلىم ئىشلەش كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەگەر قىسقا فىلىم ئىشلەش جەريانىدا يات ئىككى قىز – ئوغۇلنىڭ نىكاھلىنىپ رول ئوينىشى ئىككى شەخسنىڭ ئارىسىدا نىكاھنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا تەسىر قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئۆزىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن رەسمىيەتتە ئاجرىشىپ كەتكەن كۆرۈنسە جائىز. نىكاھقا تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا تالاق نىيىتى يوق بولۇش بىلەن بىرگە مەجبۇرلىنىش بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئاجراشمىغانلىقى ھەر ئىككى تەرەپكە ئېنىق بولۇشى، مۈجمەل قالماسلىقى لازىم. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!

2) فىلىملەردىكى ئارتىسلارنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى، بۇ رول ئېلىش ۋە باشقىلارنى دوراپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئىككى تەرەپنىڭ ئىسىملىرىمۇ شۇ سىنارىيە ياكى ھېكايەدىكى ئىسىم بولىدۇ. نىكاھ نىيىتىمۇ بولمايدۇ. ئەر – خوتۇن ئىككى ئارتىسنىڭ فىلىمدىكى تالىقىمۇ چۈشمەيدۇ.

305 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) ئەر – ئايال بىللە بولۇۋاتقاندا، قۇرئان – ھەدىس ئارىلاشتۇرۇپ گەپ قىلىشسا ياكى زىكىر ئېيتسا بولامدۇ؟

2) ئۆيى مەسجىدكە قوشنا بولۇپ، تەراۋىھ ئوقۇلۇۋاتسا يەنى ئىمامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇرسا، ئەر – ئايال بىللە بولسا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) دۇئا بىلەن زىكىرنى ئەر – ئايال بىللە بولۇش ئالدىدا قىلىدۇ. بىللە بولۇۋاتقاندا دىلىدا زىكىر قىلسا بولىدۇ. ئەمما، تىلىدا زىكىر قىلىش، ھەدىس ئارىلاشتۇرۇپ گەپ قىلىش ئەدەبكە خىلاپ، مەكروھ بولىدۇ. بۇ ھالەتتە قۇرئان ئوقۇش ھارام. شۇڭا، ئۇ ھالەتتە ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى ئويلاش ۋە ئۇنىڭغا قەلبىدە شۈكۈر قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ. 2) جىما قىلىۋاتقاندا مەسجىدتىن ئەزان ياكى قۇرئان ئاڭلىنىۋاتقان بولسا، توختىۋالماي داۋاملاشتۇرسا گۇناھ بولمايدۇ.

306 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئىفتارلىشىمىز دەپ شامنى كېچىكتۈرۈپ، ئەزان چىقىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۆيدىلا ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ «ئىفتارلاشتۇق» دەپ نامازشام، خۇپتەنلەرگە مەسجىدكە چىقمىسا، ئۇ كۈنى تەراۋىھ نامىزىنىمۇ ئوقۇماي پاراڭلىشىپ ئولتۇرسا، گۇناھ بولمامدۇ؟ ئىفتارلىشىشنىڭ ساۋابى كۆپمۇ؟ ياكى مەسجىدتىكى جامائەت نامىزىنىڭمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تەراۋىھ نەپلە ئىبادەت. ئىفتارلىتىش ۋە ئىفتارلاتقان يەرگە بېرىشمۇ مۇستەھەب. شۇڭا، بۇ ئىشلارنى شارائىتقا قاراپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شامنىڭ ۋاقتى شەپەق غايىب بولغۇچە»(«مۇسلىم»، 612) دېگەن. شۇڭا، شەفەق يوقاپ كېتىشى ھامانلا شامنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىدۇ. بىر قاراشتا شەپەق كۈن پاتقاندىكى قىزىللىقتىن كېيىن كۆرۈنىدىغان ئاقلىقتۇر. يەنە بىر قاراشتا كۈن پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىقتۇر. مەيلى قايسى رەڭدىكى شەفەق بولسۇن، شەفەق كۈن پاتقاندىن كېيىن بىر سائەتكە يېقىن (بۇ قىش – ياز ياكى جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا قاراپ بەزى جايلاردا ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى مۇمكىن) ۋاقىتتا يوقايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈركىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان دۆلەتلەردە ئەزان چىققاندىن كېيىن يېرىم سائەتكىچە ئىفتار قىلىۋېلىپ شام ئوقۇسىمۇ جائىز. ئالدى بىلەن يەڭگىل ئېغىز ئېچىۋېلىپلا، نامازنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇۋېلىش ئەۋزەل. ئۆيدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا پەزىلەتتە مەسجىدتە ئوقۇغان دەرىجىدە بولمىسىمۇ جامائەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

307 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن. روزا تۇتقاندا تورغا چىقساق، بەزىدە مەينەت رەسىم ياكى فىلىملەر كۆرۈنۈپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئىشتان مەينەت بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدىكەن، مۇشۇنداق بولغاندا روزا بۇزۇلامدۇ؟ قازاسىنى قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! بىھايا رەسىم ياكى فىلىملەر كۆرۈش ھارام. جىما قىلماستىن قاراش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، قاراشنى مەنىي چىقىپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرغانلىقتىن روزا سۇندۇرۇش گۇناھىمۇبولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا رامازاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزىسى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ.

308 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمەي، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاڭلاپ يېتىپ ئۇخلاپ، كېچىچە قويۇپ قويسا ساۋاب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۇخلاش ئالدىدا يېتىپ قىرائەت تىڭشىسىمۇ، كېچىچە قىرائەتنى قويۇپ ئۇخلىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئاخىرقى ئاڭلىغىنى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ (دىققەت! دىللار ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدۇ)(13/«رەئد»: 28) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بۇنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە پايدىسى بار. ئالىملار: «قۇرئان كەرىم زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، زىكىرگە رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. شەيتاننى قوغلايدۇ. شۇڭا، ئادەمزات يوق ئۆيدە ۋاراڭ – چۇرۇڭ يوق چاغلاردا قىرائەت قويۇپ قويسا بولىدۇ» دېگەن.

309 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالام قېرىندىشىم! خىتتاينىڭ بىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ھېچقانداق ياردەم قىلمىغان، ھەتتا خىتتايغا قارشى بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان ئادەم يەنە مۇسۇلمان بولامدۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچان بىرلىشەلەيدۇ؟ سىز بىر يول كۆرسەتسىڭىز! ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەسەت قىلىشماڭلار! بىر ـ بىرىڭلارغا يالغان خېرىدار بولۇپ، باھانى قەستەن ئۆرلىتىۋەتمەڭلار! بىر ـ بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىشقا، ياردەمگە موھتاج بولغان پەيتتە ياردەم قىلماي تاشلىۋېتىشكە ۋە كەمسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن( «مۇسلىم»، 2564). بۇنىڭغا ئاساسەن زۇلۇم ئاستىدا قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا دۇئا، ماددىي ياردەم، گەپ – سۆز ۋە ئۆز ئىمكانىيىتىگە يارىشا ياردەم بەرمىگەن كىشى ۋاجىبنى تاشلىغان ئاسىي مۇسۇلمان بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەربىرى نەپسىنى يەڭگەندە بىرلىشەلەيدۇ. مەنمۇ شۇ نەپسنى يېڭىشكە تىرىشىش يولىنى كۆرسىتىمەن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى نەپس بالالىرىدىن، خىتتاي زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغاي! ئامىن.

310 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! بىر ھەمشىرىمىزنىڭ ئىككى بالىسى باركەن، كىچىكى تېخى يېشىغا توشمىغان. ھازىر ئۈچىنچى پەرزەنتىگە ھامىلىدار بوپتۇ، بوۋاق 12 ھەپتىلىك ئىكەن، دوختۇرلار بوۋاقنىڭ Down syndrome  يەنى كەمتۈك بوۋاق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، بۇ خىل كېسەللىكتە بوۋاقنىڭ نەپەس يولى سىستېمىسىدا قىيىنچىلىق بولۇپ، تۇغۇلغاندىن باشلاپلا نەپەسلىنىشتە قىينىلىدىغان، توختىماي داۋالىتىش كېرەك بولىدىغان، يۈرىكى تۆشۈك ياكى يۈرەكتە مەسىلە بار تۇغۇلىدىغان، بۆرەك كېسەللىكى، بوۋاقنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، كۆز، قۇلاق ۋە باش قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ نورمالدىكىدىن باشقىچە پەرقلىق بولىدىغان، مەسىلەن كالپۇكى تار ياكى كىچىك، بۇرنى، بېشى بىنورمال، سۆڭەك مەسىلىلىرى ۋە يەنە باشقا خىل دېگەندەك ئەھۋاللار ۋە بالىنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەرەققىياتىنىڭ نورمال بوۋاقلارنىڭكىدىن كەينىدە بولىدىغان ئەھۋاللىرى بار ئىكەن. ھەمشىرىمىز توردىن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، بۇ خىل بوۋاقلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چۈشۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بۇنداق بوۋاقلارنىڭ ياكى قورساقتىكى ۋاقىتتىلا ئۆلۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا تۇغۇلغاندىن كېيىن داۋالاتمىسا، بىرەر ئايلا ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقى، جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەر ئۈچۈن توختىماي داۋالىتىش ئېلىپ بارسىمۇ بىر مەزگىللىك ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ، يەنى بوۋاق تۇغۇلسىمۇ قىسقىلا ئۆمرى بولۇش نىسبىتى يۇقىرىكەن. ناۋادا بوۋاقنىڭ نەتىجىسى ئېنىق ھالدا شۇ دەپ دىئاگنوز قويۇلسا:

1) بۇلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ پەرزەنتىنى تۇغسا، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى داۋالىتىش چىقىمى ۋە ياكى باشقا ھەر خىل سەۋەپلەردىن بوۋاق قىسقا ئۆمۈر كۆرۈپ قالسا، بۇ ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ سەھۋەنلىكى بولامدۇ؟

2) ئەگەر ئۇلار يېنىدىكى ئىككى پەرزەنتى بىلەن بۇ خىل كېسەللىك بىلەن تۇغۇلىدىغان بوۋىقىنى بېقىپ ۋە داۋالىتىپ كېتەلىشىگە كۆزى يەتمىسە، بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە گۇناھ بولامدۇ؟

3) قانداق قىلىشى كېرەك؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر.

1) بۇ ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ سەھۋەنلىكى بولمايدۇ. دوختۇرلارمۇ ئېھتىماللىق دەپتۇ. جەزملەشتۈرمەپتۇ.

2) دوختۇرلارمۇ يۇقىرىقى ئېغىر ئەھۋاللارنى ئېھتىماللىق دېمەي، جەزملەشتۈرسە 120 كۈندىن بۇرۇن ئالدۇرۇۋەتسە جائىز. ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بولسا، 120 كۈندىن كېيىنمۇ جائىز.( قرار المجمع الفقهي الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلامي في دورته الثانية عشرة المنعقدة بمكة المكرمة في 15 رجب سنة 1410هـ الموافق 10/2/1990م)

3) 120 كۈنگە يېقىنلاشقۇچە كۆزىتىپ تۇرۇپ، يېقىنلاشقاندا دوختۇرلار داۋن سەندرومنى جەزملەشتۈرسە ئالدۇرۇۋېتىش، جەزملەشتۈرمىسە تەۋەككۇل قىلىپ تۇغۇش كېرەك. ئاللاھ سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!

311 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرگەنلىكلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. سىلىنىڭ ئالدىدىكى پەتىۋالىرىدا «نارىسىدە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناشلىرى جائىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئويۇنچۇق بار ئۆيدە (بالىلارنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنچۇقى) پەرىشتىنىڭ كىرىشىنى توسۇپ قالمايدۇ» دېگەنلىكلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. مەن قىزىمغا بالاغەتكە يەتمەستە 12 يېشىدا بىر قونچاق ئېيىق ئېلىپ بەرگەنىدىم، چوڭلۇقى ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ بويىچىلىك بولۇپ، كۆز، قۇلاق ۋە بۇرنى بار. قىزىم ھەر كۈنى ئۇ قونچاق ئېيىقنى قۇچاقلاپ ئۇخلايدۇ. ھازىر بالاغەتكە يەتتى. لېكىن، يەنىلا بالىلىقىنى تاشلىماي، ئۇ قونچىقىنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈپ قۇچاقلاپ ياتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، «ئۇ ئېيىقچاق ئوخشاش پەرىشتىنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ» دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟ يەنە بىز چوڭ ئاياللارمۇ مۇشۇنداق قونچاقلارنى ياخشى كۆرسەك (ئۆيدە نارىسىدە بالا يوق ئەھۋال ئاستىدا) ئۇنداق قونچاقلارنى پەرىشتىنىڭ كىرىشىگە توسقۇن بولالمايدۇ» دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟ يەنى ناماز ئوقۇغاندا يۈزىنى يېپىۋەتمەستىن ناماز ئوقۇۋەرسەم دېگەندەك…

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! ئىمام ئەينىي «ئۇمدەتۇلقارىي»دا بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ قونچاق ئوينىشىنى مەكروھ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىزگە ياتلىق بولغاندا ئويۇنچۇقلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ ئاپىرىلغان(مۇسلىم: 1422) بولغاچقا، يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قاناتلىق ئات شەكلىدىكى ئويۇنچۇقلىرىنى كۆرگەن ۋاقتى تەبۇك ياكى خەيبەر غازىتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن(ئەبۇ داۋۇد: 4932) بولۇپ، خەيبەر يىلىدا ھەزرىتى ئائىشە 15 ياش، تەبۇك يىلىدا 16 دىن يۇقىرى بولغاچقا، ھافىز ئىبنى ھەجەر «فەتھۇل بارىي»دا تەرجىھ قىلغان بويىچە كۈچلۈك قاراشتا چوڭلارنىڭمۇ قونچاقلارنى ئوينىشىغا رۇخسەت بار.

«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپىدىيەسى»دە مۇنداق كەلگەن: «يۇقىرىقىلار قونچاق ئويناشنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەنلەرگە خاس رۇخسەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكى ئېھتىياج بولغان تەقدىردە بالاغەتتىن كېيىنكى چاغلارغىمۇ بۇ رۇخسەت ھېساب بولىدۇ. بۇ قونچاق ئويناش رۇخسىتى قىزلارغىلا خاس بولماستىن ئوغۇللارغىمۇ ئوخشاش»(«كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپىدىيەسى»، 12 – توم، 121 – بەت). رۇخسەت بولغانىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشىگە توسقۇن بولالمايدۇ ھەم ناماز ئوقۇغاندا يۈزىنى يېپىۋېتىش كېرەك ئەمەس. نامازخاننىڭ ئالدىغا قويۇلمىسىلا بولىدۇ.

312 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن ۋە دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلسۇن. مەن بۇرۇن «بىر تىجارەتچى بىرەرنەرسىنى ساتماقچى بولۇپ، سودىدا پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مالنى تېخى بەرمەي تۇرۇپ، يەنى مال سېتىۋالغۇچى پۇلنى نەقلىگىلى كېتىپ ‹ئەتە ئېلىۋالاي› دېيىشكەن بولسا، ئاندىن پۇلنى ئېلىپ كەلگۈچە ئۇ مالغا باشقا بىر بۇرۇنقىسىدىنمۇ يۇقىرىراق باھادا ئېلىشقا خېرىدار چىقىپ قالغان بولسا، بۇرۇنقىسىغا بەرگەن سۆزىدىن يېنىۋېلىپ باشقىلارغا يۇقىرى باھادا سېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى» ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى مۇشۇنىڭ ئەكسىچە بىر مال ئالغۇچى بىر سودىگەردىن مال ئالماقچى بولۇپ، يەنى توردا دېيىشتى دېسەك، باھادا كېلىشىپ بولۇپ مالنى دېيىشكەن ۋاقىتتا ئېلىۋالغۇچە باشقىلاردىن ئۇ مالنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دېيىشكىنىدىن يېنىۋېلىپ ئەرزان مالنى ئالسا، ئوخشاش ھارام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىدىنمۇ رازى بولسۇن! ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇل سودىسىدىن باشقا تاۋار سودىلىرىدا مالنى ياكى پۇلنى بەرمىگەن بولسىمۇ بەيئى قىلىشسا، يەنى ئالدىم – ساتتىم دېيىشسە سودا پۈتكەن بولىدۇ. مالنى شۇنداقلا پۇلنى كېيىن بېرىۋالسا بولىدۇ. ئەمما، بەيئى قىلماي ۋەدىلەشكەن بولسا بۇنىڭدىن ئالغۇچىنىڭمۇ، يانغۇچىنىڭمۇ يېنىشى ھارام. بۇ دېگەنلىك سېتىشتىمۇ، ئېلىشتىمۇ ئوخشاشلا ۋەدىدىن يېنىش ھارام دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىدىن يېنىش ھارام دېگەن قاراش بويىچە دېيىلگەن ھۆكۈم. ئەمما، ئۆرپ – ئادەتتە جەزمىيەت ياكى زاكالەت بىلەن باغلاش بولمىسا، ھەر ئىككى تەرەپ مەزمۇت ۋەدە دەپ قارىمايدىغان بولسا، ياكى ئۇزۇنراق مۇددەت كەلمەي يوقاپ كەتسە، بۇ چىل ۋەدىدىن يېنىش ھارام بولماي، مەكرۇھ ياكى مۇباھ بولۇشىمۇ مۇمكىن.

313 – سوئال: ئۇستاز، پەيغەمبەرلىرىمىز ئاياللىرىغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى قانداق ئىپادىلەيتتى؟ باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش ئەيىبمۇ؟

جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۈتۈن ھاياتى سۆيگۈ بىلەن تولغان. پاك زەۋجەلىرىگە يىل بويى سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ، ئىزھار قىلىپ تۇرغان. تاماق يەۋاتقاندا، ئاياللىرى قايغۇرغاندا، چاقچاقلاشقاندا، ئويۇن – تاماشا كۆرگەندە، ئاياللىرى كۈندەشلىك قىلغاندا، سەپەردە ۋە جىمى ئەھۋاللاردا تۈرلۈك مۇناسىپ ئۇسۇللار بىلەن ئاياللىرىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان. بۇنى ئۇ زاتنىڭ پۈتۈن سىيرىتىنى، ھەدىس شەرىفلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆزىتىش مۇمكىن. باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆيگۈ ئىپادىلەش ئۆرپ – ئادەتكە ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا باغلىق.

314 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) نەپلە نامازنىڭ ۋاقتى بارمۇ ياكى بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىن قايسىسىغا ئۇدۇللاپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ 2) چاشگاھ نامىزىنىڭ ئەڭ كېچىككەن ۋاقتى قاچانغىچە؟  3) كېچىلىك قىيامدا تۇرۇشتا بىر رەكئەتتە 10 ئايەت ياكى ئىككى رەكئەتتە 10 ئايەت ئوقۇپ تۇرسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا ناماز ئوقۇشقا، ھېيت نامازلىرىدىن بۇرۇن، بامدات ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن چىققانغا قەدەر، ئەسىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر، كۈن تىكلەشكەندە، پەرز نامازغا تەكبىر چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا ۋە جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلۇۋاتقاندا نەپلە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.

2) چاشگاھ نامىزى قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدۇ.

3) ئىختىيار. ئاز دېگەندە بىر رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن ئۈچ ئايەت ئوقۇلسا بولىدۇ.

315 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكات چۈشمەيدىغانلار زاكاتنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالماي تۇرۇپ، زاكات چۈشىدىغان بىرەرسىگە ياكى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە بەرسە بولامدۇ ياكى قەتئىي ئالماسلىق كېرەكمۇ؟ زاكاتنى ئېلىپ ئېھتىياج ئىگىسىگە بېرىپ، ئاندىن «ماڭا يېرىمىنى ھەدىيە قىلىپ بېرىڭ» دېسە بولامدۇ، بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالماسلىق كېرەك ياكى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئىجازەت سوراپ ئېلىشى كېرەك ئېھتىياج ئىگىسىگە بېرىپ، ئاندىن «ماڭا يېرىمىنى ھەدىيە قىلىپ بېرىڭ» دېسە بولمايدۇ.

316 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! جىلباب ئۈچۈن يوپكا ئۈستىگە كاسىسىنى ياپقۇدەك كوپتىلارنى كىيىشكە بولامدۇ ياكى قەتئىي بولمامدۇ؟ جىلبابلارنىڭ رەڭگى قايسى رەڭدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا بولىدۇ؟ قارا رەڭدىن باشقا رەڭلەرگە رۇخسەت بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يوپكا ئۈستىگە كاسىسىنى ياپقۇدەك كەڭرى كوپتىلارنى كىيسە جىلباب ئورنىدا بولىدۇ. بىرەر رەڭدە كىيىش دەيدىغان شەرت يوق. كەڭرى، ئالاھىدە دىققەتنى تارتمايدىغاننى كىيسە بولىدۇ.

317 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن ئالىمجان، ئامېرىكادا تۇرۇۋاتىمەن، مۇشۇ زاكات ۋە پايچەك توغرىسىدا بىر – ئىككى سوئالىم بار ئىدى، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا، ئېغىر كۆرمەي، بىلگىنىڭىزچە جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

1) مەسىلەن، مەن ئۆتكەن يىلى 10 مىڭ دوللار تاپتىم ۋە زاكىتىنى بەردىم. بۇ يىل يەنە 20 مىڭ دوللار تاپتىم، بانكىدىكى پۇلۇم 30 مىڭ دوللار بولدى، دەيلى. ئەمدى مەن ئۆتكەن يىلى زاكىتىنى بېرىپ بولغان 10 مىڭ دوللاردىن سىرت بۇ يىل تاپقان 20 مىڭ دوللارغىلا زاكات بېرەمدىم ياكى بانكا ھېسابىمدىكى 30 مىڭ دوللارنىڭ ھەممىسىگىمۇ؟

2) پايچەك بازىرىدىن خەۋىرىڭىز بار، پايچەك باھاسى بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە چۈشۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مەن يىل بېشىدا 10 مىڭ دوللار بىلەن پايچەك بازىرىغا كىرگەن بولسام، يىل ئوتتۇرىغا كەلگەندە 50 – 60 مىڭ دوللارغا چىقتى. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە يەنە چۈشۈپ، 10 – 12 مىڭ دوللار ئەتراپىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا مەن قانچىلىكنى يەنى قايسىنى ھېسابلاپ تۇرۇپ زاكات بېرىمەن؟ مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!

1) 30 مىڭ دوللارنىڭ ھەممىسىگە زاكات ئايرىيسىز. چۈنكى زاكات ھەر ھىجرىيە يىلى بېرىلىدۇ. 2) بۇ ئەھۋالدا يىلنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرىنى ھېساب قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتىۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5680

318 – سوئال: ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. زاكات توغرا كېلىشنىڭ شەرتىدە «شۇ مال بىر يىل ساقلانغان بولۇشى كېرەك» دېيىلىپتۇ… مەن توي قىلغىلى ئارانلا تۆت ئاي بولدى، ئۇنداقتا:

1)   ئاياللارنىڭ ئالتۇنىمۇ شۇنىڭغا كىرەمدۇ؟

2)   مەن بۇ رامازاندا ئالتۇنلىرىمغا زاكات بېرەمدىمەن ياكى كېلەر يىلقى رامازاندىمۇ؟

3)   زاكاتنى رامازان ئېيىدىلا بېرىش شەرتمۇ؟

4)   باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىغان ئاياللار تويلۇق ئالغان ئالتۇنلىرىنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىشى كېرەك؟ (تۈركىيە، ئامىنە تۇرسۇن)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كىرىدۇ. 2) رامازانغا باغلانماي ئالتۇن قولغا كىرىپ بىر ھىجرىيە يىل بولغاندا زاكىتىنى بېرىسىز. 3) شەرت ئەمەس. 4) كىرىم مەنبەسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئالتۇن 85 گرامدىن ئاشقان بولسا جىمى ئالتۇنغا قىرىقتىن بىرنى زاكات ئايرىشى ۋاجىپ.

319 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالتە ئايلىق ھامىلە ئانا قورسىقىدا ۋاپات بولدى، ھامىلىنى دەپنە قىلغۇچە ۋە دەپنە قىلغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالتە ئايلىق ھامىلە ۋاپات بولسا، يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىمىز. ئالىملاردىن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇپ، ئەقىقە قىلىۋېتىمىز دەيدىغانلارمۇ بار.

320 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سەدىقە قانداق ئادەمگە توغرا بۇلىدۇ؟ رامازاندا قىلغان نەرسە سەدىقە بۇلىدىغۇ ھە؟ بەزى چاغلاردا تۇركلەر رامازان پاكىتى دەپ يەشىكلەرنى ئەكىلدىكەن، ئالمىساق ئۇنىماي «سەن دېگەن بۇ يەرگە مۇساپىر» دەيدۇ. بىز ئاللاھقا شۇكرى نۇرمال كېتىپ بارىمىز. بۇ پۇل ۋە پاكىتلەرنى قانداق قىلساق بولىدۇ؟ شۇڭا، سەدىقىنىڭ تېگىشلىك ئادەملىرى بىلەن زاكاتنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش بۇلامدۇ؟ ئاللاھ رازى بۇلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پېقىر، مىسكىن، قەرزدار ۋە كىرىمى ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغانلارغا سەدىقە دۇرۇس كېلىدۇ. سەدىقە دۇرۇس كەلگەنلەر زاكات ئالسا بولىدىغانلاردۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن شۇ ياردەملەرگە مۇھتاج بولسا ئالسا بولىدۇ. مۇھتاج بولمىغانلىقتىن ئالماي دەپ رەت قىلالمىغان ئەھۋالدا ئۇنى باشقا مۇھتاجلارغا بېرىۋەتسە بولىدۇ.

321 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئاللاھ خەلقىمىز، دىنىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىدىن ئىككىلا دۇنيا كاتتا ئەجىر بەرسۇن، ئىلىملىرىنى ۋە ۋاقىتلىرىنى تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىين! 190 – سۇئالنىڭ جاۋابىدا: «قەرزدارلار قەرزىنى تۆلەپ قولىدا 5000 دوللار ئاشقۇچە زاكات قوبۇل قىلسا بولىدۇ. باشقىلارمۇ قولىدا 5000 دوللار ئاشقۇچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ. دېيىلىپتۇ. سۇئال: ئۇستاز يۇقىرىدىكى جاۋابتا «قولىدا 5000 دوللار پۇل ئاشقۇچە زاكاتنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ» دەپلا، ئۇنداقتا، مەلۇم بىر خىزمەتنى قىلىپ، ئالغان مائاشى ئايدىن ئايغا ئاران يېتىدىغان ياكى ئۆزى ياشاۋاتقان يەرنىڭ پۇل بىرلىكى بويىچە 100-200 (دوللار، لىرا، جۈنەي، دەرھەم) ئاشىدىغان، قولىدا 5000 دوللاردىن ئاز پۇلى بار كىشى زاكات ئالسا بولامدۇ؟ سالامەت بولسىلا!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! قولىدا 5000 دوللاردىن ئاز پۇلى بار كىشى زاكات ئالسا بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەپ قارىشى بويىچە بېرىلگەن جاۋابتۇر. چۈنكى، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا «فەقىر» نىسابقا يەتمىگەن ئىقتىسادقا ئىگە كىشىدۇر. «ئەلئىختىيار» كىتابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «زاكاتنى قولىدىكى پۇل – مېلى (باي دەيدىغان)  ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كىشىگە گەرچە بۇ كىشى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان بولسىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كەمبەغەلدۇر». دېمەك، ھەنەفىي مەزھەپ دۇرۇس دېيىشتە، ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «پىقىر – مىسكىن» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن شۇنداق دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار كىرىمى چىقىمىغا يەتمىگەن كىشى زاكات ئالسا بولىدۇ. يەتكەنلەر ئالمايدۇ، زاكاتنى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرگە بەرسە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

322 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاللاھتىن «ئوغۇل بەرگىن» ياكى «قىز پەرزەنت بەرگىن» دەپ تىلىسە توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھامىلدارلىقنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت تىلىسە بولىدۇ. تىلىگەندە ئوغۇل پەرزەنت دەپلا تىلىمەي، پەيغەمبەرلەر تىلىگەندەك، سالىھ ئوغۇل پەرزەنت تىلەش لازىم. چۈنكى، پەرزەنت دېگەن ئاتا – ئانىغا نېئمەت ياكى بالايى – ئاپەت بولۇشى مۇمكىن. قىز پەرزەنتلەر پەيغەمبىرىمىز ئېيتقاندەك ئاتا – ئانىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەدىستە: «كىمكى ئىككى قىزنى بېقىپ چوڭ قىلسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە مۇشۇنداق كىرىمىز» دەپ ئىككى بارمىقىنى كۆرسەتكەن.(«تىرمىزىي»: 1914)

323 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قارىي بولمىغان جامائەت سەجدە ئايىتى ئوقۇلغىنىنى بىلەلمەي، ئىمام تىلاۋەت سەجدىسىگە «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارسا، كۆپ سانلىق جامائەت رۇكۇغا ئېگىلىپ تۇرسا ۋە ئىمام سەجدىدىن تۇرۇپ «ئاللاھۇئەكبەر» دېسە، يەنە خېلى كۆپ كىشىلەر «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ»نى ئاڭلىماي قالغان ئوخشايمەن، دەپ سەجدىگە كەتسە، بۇ ئەھۋالدا جامائەتنىڭ نامىزى قانداق بولىدۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىمام تىلاۋەت سەجدىسىگە بارغىنىدا ئاۋاز ئېنىق ئاڭلانمىغانلىقتىن ئىقتىدا قىلغۇچىلار ئىمامنى رۇكۇغا باردى دەپ ئويلاپ رۇكۇغا بارسا ۋە خاتا قىلغانلىقىنى ئىمام سەجدىدىن تۇرغاندا ئاندىن بىلسە، دەرھال تىك تۇرۇپ ئىمامغا ئەگىشىدۇ ۋە ئىمامى بىلەن قايتا رۇكۇغا بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تىلاۋەت سەجدىسىنى ئىقتىدا قىلغۇچىلار نامازدىن پارىغ بولغاندا ئۆز ئالدىغا قىلىۋەتسە بولىدۇ.

ئەگەر ئۇلار رۇكۇغا بارغىنىدا ئىمامنىڭ سەجدىگە كەتكەنلىكىنى بىلسە، دەرھال سەجدىگە بېرىپ ئىمامغا ئەگىشىشى ۋاجىب بولىدۇ.

324 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر كىشى پېشىن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرىپ «ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇيمەن» دەپ نىيەت قىلىپ، ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىن ئورنىدىن قوپۇپ كېتىپ تۆت رەكئەت ئوقۇپ قالسا، سۈننەتكە ھېساب قىلسا بولامدۇ؟ ئەگەر بولمىسا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەكمۇ؟ كېيىن «لزم النفل بالشروع» بولۇپ قازاسىنى قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەھىييەتۇلمەسجىد نەپلە نامازلار قاتارىدىن بولۇپ، ئەگەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرماي ئۈچىنچى رەكئەتكە قوپۇپ كەتكەن بولسا، ئۈچىنچى رەكئەتىنىڭ سەجدىسىنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرمىغانلىقى ئېسىگە كەلگەن بولسا قايتىپلا ئولتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭدا سەھۋەنلىك بولغاچقا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ نامازنى تاماملايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد تامام بولىدۇ. ئەمما، ئۈچىنچى رەكئەت سەجدىسىگە بارغان بولسا، تۆتىنچى رەكئەتنىمۇ قوشۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئاخىرقى ئىككى رەكئەت ئايرىم نەپلە بولىدۇ. بۇ تۆت رەكئەتنى پەرز نامازنىڭ سۈننىتىگە ھېساب قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇنى باشتىن سۈننەت دەپ نىيەت قىلمىغان ھەم ئىككى رەكئىتى تەھىييەتۇلمەسجىدكە نىيەت قىلىنىپ ئادا قىلىنغان. كېيىن قازاسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى تەھىييەتۇلمەسجىدمۇ، كېيىنكى نەپلىمۇ ئادا قىلىنغان.

325 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەن زاكات توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسىلەرنى سوراي دېگەنتىم. مېنىڭ بىر قورساق قېرىندىشىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، 3 بالا بىلەن يالغۇز، ھەپتىدە 80 ياۋرو ئالىدۇ، شۇڭا مەن زاكاتنى قېرىندىشىمغا بەرسەم بولامدۇ؟ لېكىن، مېنىڭ ئۇ قېرىندىشىم ئىقتىساد جەھەتتە بەتخەجرەك، پۇلنى سەل بۇزۇپ چاچىدۇ. شۇڭا، زاكاتنى قولىغا بەرسەم ياخشى بولامدۇ ياكى ئېھتىياجى بار نەرسىنى ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قېرىندىشىڭىزنىڭ تۇرمۇشنى قامداش ئېھتىياجى بولسا زاكاتنى ئۇنىڭغا بەرسىڭىز بولىدۇ. بەتخەج بولسا بىر قىسمىغا ئاساسلىق ئېھتىياجىنى ئۇدۇللۇق ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسمىنى قولىغا تۇتقۇزسىڭىز مۇناسىپ.

326 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئۇستاز. جەمئىيىتىمىزدە بەزى خانىملار قاش – كۆزىنى چەكتۈرىدۇ. قاپاقنى كەستۈرۈپ قوش قاپاق چىقىرىدۇ. كۆزنىڭ ئاستىدىكى ياغ خالتىسى (خىتايچە يەندەي) نىمۇ كەستۈرۈپ چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ گۇناھى بارمۇ؟ مەن ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ چىرايغا شۈكۈر قىلىمەن، يۈزمىڭ شۈكۈر!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كېسەللىك ياكى ئۆزرە بولماستىن پەقەت تېخىمۇ گۈزەل ھۆسن ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان ئەزالارنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ئايەت – ھەدىسلەردە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان، لەنەت قىلىنغان قىلمىشلاردۇر. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ پەتۋا بار: https://sajiya.biz/?p=6362

327 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سېتىش مەقسىتىدە ئۆي، بىنا سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان كىشى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر قىسمى پۈتكەن، بىر قىسمى يېرىملاشقان ۋە بىرقىسمى تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا بولسا، بۇ پۈتكەن ۋە پۈتمىگەن قۇرۇلۇشلارنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇرۇلۇشلار تىجارەت مەقسىتىدە بولۇپ، بىر قىسمى پۈتكەن، بىر قىسمى تېخى پۈتمىگەن بولسۇن، ياكى ھەممىسى پۈتمىگەن بولسۇن، ئۇلارنى ھازىر سېتىشقا چىقارمىغان، ھەممىسى پۈتكەندە ساتىدىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرقى بازار باھاسىدا بوداپ، قىممىتى بويىچە ھېسابلاپ زاكات ئايرىيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2813

328 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. «ئوبۇلقاسىم» دېگەن ئىسىمنى پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ ئىسمىمنى قويۇڭلار، كۇنيىتىمنى قوللانماڭلار»(«سەھىھەين»: «بۇخارىي»، 6188؛ «مۇسلىم»، 2131) دېگەن بولۇپ، ئالىملار بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا شۇنداق ئىسىم ۋە كۇنيەت قويۇشنى چەكلىگەن. ئۇندىن كېيىن چەكلەنمەيدۇ دەپ خۇلاسىلەيدۇ. دېمەك، ھازىر ئوبۇلقاسىم دەپ ئىسىم قويسا بولىدۇ.

329 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ زاكات ۋە سەدىقە فىتىرنى ئامېرىكىدىكى راكتىن داۋالىنىۋاتقان قېرىندىشىمىزغا بەرسەك بولامدۇ ياكى دۇرۇس كەلمەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. راك بىمارى مۇسۇلمان پېقىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى داۋالىنىش چىقىمىنى قامداشقا يەتمىسە ياكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئورۇنلار داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرمەيدىغان بولسا، داۋالىنىشقا قۇربى يەتمىگەن پېقىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا زاكات بېرىلسە بولىدۇ. سەدىقە فىتىرمۇ ئۇنىڭغا بېرىلسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىمۇ پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسە بولىدۇ.

330 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر كىشىنىڭ 50 مىڭ لىرا نەق پۇلى 50 گرام ئالتۇنى باركەن زاكات كېلەمدۇ؟ زاكات كەلسە قايسى شەكىلدە ھېسابلىنىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ يىل 85 گىرام ئالتۇن باھاسى 5100 دوللەرگە يېقىن كېلىدىغان بولغاچقا، قولىدىكى ئالتۇن بىلەن لىرانى قوشۇپ ھەممىگە زاكات ئايرىيدۇ. ھەممىنى لىراغا سۇندۇرۇپ ياكى ئايرىم – ئايرىم بەرسىمۇ ھەممىگە %2.5 (قىرىقتىن بىرى) نى بېرىدۇ.

331 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پالان ئىشنى قىلدىم» دېيىش توغرىمۇ؟ مەسلەن «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ كىتابنى ئوقۇدۇم» دېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

332 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. فىتىر ھەققىنى چوقۇم زاكات بەرگەن ئادەمگە ياكى ئورۇنغا بېرىش كېرەكمۇ ياكى باشقا يەرگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. فىتىرنى چوقۇم زاكات بەرگەن ئادەمگە بېرىش كېرەك ئەمەس، باشقا شەخسكە بەرسىمۇ بولىدۇ. فىتىرنى يوقسۇللارغا بېرىدۇ. ئەگەر يوقسۇللارغا يەتكۈزىدىغان ئورۇن بولسا مەيلى. ئەمما، ئۆز ئىشىغا ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا بەرسە كۈچلۈك قاراشتا بولمايدۇ. فىتىرنى زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان ئالىملارمۇ بار.

333 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىلەك، پۇت ۋە پاقالچاقتىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ كالپۇك ئۈستىدىكى تۈك (ئىنچىكە بۇرۇت) نى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمىچۇ؟ (يولدىشىمىزنىڭ چاقچىقىغا ياكى مازاق قىلىشىغا قالىدىغان ئەھۋاللار بار، يەنە بەزى تۈرك ئايال قېرىنداشلار ئۇ تۈكلەرنى مەينەت قاتارىغا چىقىرىدىكەن. چۈشۈرمىسە ئەيىب سانايدىغانلارمۇ كۆپ)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بىلەك، پۇت ۋە پاقالچاقتىكى تۈكلەرنى، شۇنداقلا يۈزدىكى قاشتىن باشقا تۈك ۋە بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈش جائىز. ئۇ تۈكلەرنى چۈشۈرمەسلىكمۇ تەلەپ قىلىنمىغان. تېخى ئېرىگە ياسىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈش مۇستەھەب بولىدۇ. ئەر ئايالىنى ئۇ تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ ياسىنىشقا بۇيرۇغان ئەھۋالدا چۈشۈرۈۋېتىشى ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ بولمىغان ھەم ئەرنىڭ ھەققى چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئەرگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ. لازىر بىلەن چۈشۈرۈش (چىقماس قىلىۋېتىشمۇ) ئەگەر زىيانلىق بولمىغان ئەھۋالدا جائىز. ئەۋرەت تۈكلىرىنىمۇ لازىر بىلەن چۈشۈرۈش (چىقماس قىلىۋېتىشمۇ) زىيانلىق بولمىغاندا جائىز. لېكىن، ئەۋرەتكە لازىر ئىشلەتكەندە باشقىلار (يات ئەر ياكى ئاياللار) ئەۋرەتكە قارىسا بولمايدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6362

334 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! 1) «ئايالنىڭ فىزىئولوگىيىلىك سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، پەرزەنتلىك بولۇشتا ئارىلىق قالدۇرسا بولىدۇ» دەپ ئوقۇغان ئىدىم، لېكىن روھىي ساغلاملىقى ياخشى بولمىسىچۇ؟ يەنىلا سۈپەتتىن سان مۇھىممۇ؟ 2) چەتئەلدە ھېچقانداق ياردەم ئالماي ئۆزى يالغۇز بالا بېقىۋاتقان ئانىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن چارچاش ياكى بالىلىقىدىن كەلگەن زەخمىسى ياكى بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن بالىنى توختىماي ئۇرىدىغان ۋە تىللايدىغان ئەھۋاللار كۆپكەن، ئىسلام دىنى باقالىغۇدەك كۆپ بالا تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلامدۇ ياكى سۆيگۈ – مېھرىگە قاندۇرۇپ چوڭ قىلالىغۇدەك دەرىجىدە بالا تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) ئىسلام دىنى نەسلنىڭ كۆپ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە تۇغۇلغان بالا ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ئوخشاشلا قارشى ئالغان، لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى زۆرۈر ئەھۋاللاردا تۇغۇتنى رەتكە سېلىشقا رۇخسەت قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى پەرزەنتنى ئازايتىش ئۈچۈن كىشىلەر قوللانغان ئەڭ مەشھۇر ئۇسۇل ئەزل قىلىش (مەنىنى سىرتقا تۆكۈۋېتىش) ئىدى. ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغلاردا ساھابەلەر شۇنداق قىلاتتى. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە «قۇرئان» نازىل بولۇۋاتقان چاغلاردا بىز ئەزل قىلاتتۇق»(«بۇخارىي»، 5209؛ «مۇسلىم»، 1440). دېمەك، بۇ ئەسلىدە مۇباھ ئىش. تۇغۇت ياكى ھامىلىدارلىق تۈپەيلىدىن ئانىنىڭ ھاياتىغا ياكى تەن سالامەتلىكىگە خەۋپ يېتىش تۇغۇتنى رەتكە سېلىشنى جائىز قىلىدىغان زۆرۈر ئەھۋاللار قاتارىدىن بولۇپ، ئانىنىڭ روھىي ساغلاملىقى ياخشى بولمىسا بالىنى بېقىپ تەربىيەلەشتە بالىغىمۇ زىيان كېلىشى ئېنىق. 2) ئەلبەتتە سانمۇ، سۈپەتمۇ مۇھىم. بالىلارنى ئۇرۇش ۋە تىللاش بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە مەلۇم جەھەتتىن چېتىلسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان روھىي بېسىمدا ئاز بالىلىقلار كۆپ بالىلىقلاردىن ئانچە پەرقلەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بىر بالىسى بارلارمۇ ئۇرۇپ سېلىشى مۇمكىن. بەش بالىسى بارلار ئۇرماسلىقىمۇ مۇمكىن. سۈپەتنى ساننىڭ ئازلىقىغا باغلىۋېلىشمۇ پۈتۈنلەي توغرا چىقماسلىقىمۇ مۇمكىن. توختىماي ئارقا – ئاقىدىن تۇغۇپ بالىلىرى بىلەن كارى بولماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك. ياخشى بېقىپ كېتەلىسە گۈزەل ئىش. ئومۇمەن ھەركىم تاقىتىنىڭ يېتىشىچە سۈپەتلىك ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى زۆرۈر.

335 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن. ئالدىدىكى پەتىۋالىرىدا «نايك» ماركىسىدىكى كىيىمنى كىيىشنىڭ ھۆكمى ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ. بۇ ماركىدىكى كىيىملەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بەك قىممەت ئىكەن. لېكىن، بازارلاردا يەنى كىچىك تىككۈچىلەر پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇ ماركىنى قوللىنىپ ئەرزان ساتىدىغان ئىشلار بار. دېمەكچى بولغىنىم: شۇنىڭغا ئوخشىغان ماللارمۇ ئەسلى ئۇ «نايك» شىركىتىنىڭ مېلى بولمىغان ھەم سۈپىتى ئوخشاشمىغان شۇ ئەرزان پۇللۇق پەقەت ماركىسى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋېلىپ سېتىلغان ماللارنى كىيىشمۇ ئوخشاش ھارام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. مەن نايك (بەزى قېرىنداشلار نىيكى دەپ ئوقۇيدىكەن) ماركىلىق كىيىم – كېچەك ۋە تەنتەربىيە ئۈسكىنىلىرىنى ھارام دەپ قارايدىغان ئالىملار بارلىقىنى بايان قىلدىم. ئۇ قاراش بويىچە ئەرزىنى ياكى ساختىسىمۇ ئوخشاش. چۈنكى بۇ ماركا شىرك ئېتىقادنى ئىپادىلەيدىكەن. مەن كېسىپ ھارام دېيەلمىسەممۇ، باشقا نۇرغۇن ماركا ۋە كىيىملەر كەڭ – تاشا بار بولغاندىن كېيىن، ساختىسى بولسىمۇ كىيمەسلىك لازىم دەپ قارايمەن.

336 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قەدر كېچىسىدە قىلىنغان ئەمەللەرگە باشقا ۋاقىتلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى ئەمەلنىڭ تۈرلىرىدىن بولغان سەدىقىنىمۇ مۇشۇ كېچىدە بېرىشنى ئويلاشقان بولساق، ئەمما ئۇ سەدىقەنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى باشقا دۆلەتتە بولۇپ، بىۋاسىتە كارتىسىغا ئۇرۇش ياكى قولدىن بېرىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، (چوقۇم باشقا ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەتكۈزۈشتىن باشقا ئامال يوق) بىز شۇ كېچىدە مەلۇم سومما پۇلنى ئۆزىمىز كۆڭلىمىزدىن ئاتاپ بىر يەرگە قوپقويۇپ، كېيىن يەتكۈزۈپ بېرىش ئىمكانى تېپىپ يەتكۈزۈپ بەرسەكمۇ، قەدر كېچىسىدە سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولارمۇ ياكى شۇ كىشى قولىغا ئالغان كۈنى قايسى كۈن بولسا ئەجىر شۇ كۈنگە قارىتا ھېسابلىنارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. رامازاندا قىلىنغان سەدىقە ۋە تۈرلۈك ئەمەللەر باشقا چاغدىكىدىن ئەۋزەل، قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە بولغاچقا، بۇ پەزىلەتلىك كېچە – كۈندۈزلەردە تېخىمۇ ئەۋزەل. لېكىن، قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچىلىكىنى بىز بىلمەيمىز. شۇڭا رامازان ئىچىدە ياكى بولمىسا ئاخىرقى ئون كۈندە ئالغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزسەك ئەۋزەل.

337 – سوئال: ئايالى ئەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياكى ئېرى تۈگەپ كېتىپ، ياكى ئېرىدىن بەكرەك ئىقتىساد تېپىش ھۈنىرى بولۇپ، ياكى ئېرى مېيىپ ۋەياكى كېسەل بولغانلىقتىن ئائىلىگە يەتكۈدەك پۇل تېپىشقا ئامالى بولمىسا ياكى ئىمكانى يەتمىسە، شۇ تۈپەيلى ئايالى مۇۋاپىق خىزمەت قىلىپ ئۆينىڭ يۈكىنى ئاساسلىق كۆتۈرسە، ئەمما ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن كۆپ نەفلە ئىبادەت قىلالمىسا، بۇ ئايالغا يەنىلا ئەجىر بېرىلەمدۇ؟

جاۋاب: ئەلبەتتە. ھالال پۇل تېپىپ ئائىلىنى قامداش ۋە بالىلارنى بېقىش ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەت ۋە ئەمەللەر قاتارىدىندۇر. ھالال پۇل تېپىش نەپلە ئىبادەتتىن ئۈستۈن. چۈنكى، ھالال پۇل تېپىش بەزى ئەھۋاللاردا ۋاجىب دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن.

338 – سوئال: «ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى سۆزلەپ بېرىش نېئمەتكە شۈكرى قىلغانلىققا كىرىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم. (ئەگەر بۇ توغرا بولسا) ئەمما، سۆزلەپ بەرسە بەكرەك كۆز تېگىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ياكى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەسىلەن، ئاللاھنىڭ بەرگەن ئاسانلىق، رەھمەت، بەخت ۋە ئىلىم دېگەندەك نېئمەتلىرىنى شۈكۈر قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا «پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېئمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن» دەپ بۇيرۇغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىش شۈكۈردۇر، تىلغا ئالماسلىق كۇفۇرلۇقتۇر» دېگەن(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18472). لېكىن، ئالىملىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، نېئمەتنى سۆزلەپ بېرىش نېئمەت ئاتا قىلغان زاتنى ئۇلۇغلاش، تەسەننا ئوقۇش، شۈكۈر قىلىش ۋە شۇنىڭدىنلا تىلەش كۆزلەنگىنىدە ناھايىتى توغرا ئەمەل بولىدۇ. ئەمما، ئۇ نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىش كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بولسا بۇ توغرا ئەمەس. يەنە نېئمەتنى تىلغا ئېلىش باشقىلارنىڭ كۆز تېگىشى ياكى ھەسەت قىلىشى ياكى كۆرەلمەي دۈشمەنلىك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان خاس نېئمەتنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا خالايىققا ئاتا قىلىنغان ئومۇم نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خاس نېئمەتنى يوشۇرۇن تۇتۇش ئەۋزەل. بۇنى ئەھۋالغا قاراپ تاللاش كېرەك. ئۇنداق ئەنسىرەش بولمىغان ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئويلاپ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ نېئمەتنى تىلغا ئالسا بولىۋېرىدۇ. بۇ بارىدا مۇھىم بولغىنى يەنە تۈرلۈك دۇئا ۋە زىكىرلەرنى قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق يامان كۆزلەردىن، ھەسەتتىن ۋە سۈيقەستلەردىن پاناھلىنىش. بۇنىڭ بىلەن كۆز تېگىشتىن ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا تەۋەككۈل قىلىش بولمىغانلىقتىن ئەقىدە لىڭشىپ قالىدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتقاندەك، كۆزدىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى تەۋھىدنى ساغلام ۋە ساپ تۇتۇش، ئوي – پىكرىنى جىمى سەۋەبلەرنىڭ ئىگىسى بولمىش ئەزىز ۋە ھەكىم زات ئاللاھ تائالاغا قارىتىش، «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، پايدا – زىيان پەقەت ئاللاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن بولىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش. بەندە تەۋھىدنى ساپلاشتۇرغىنىدا، قەلبىدىن «ئاللاھتىن باشقىدىن قورقۇش» چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھتىنلا قورقىدۇ. («بەدائىئۇل فەۋائىد»، 2 – توم، 463 – 469 – بەت)
339 – سوئال: بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە سەپەر قىلىپ، ئون نەچچە كۈن شۇ شەھەردە تۇرغان كىشى شۇ شەھەردە ئون نەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا چوقۇم روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ ياكى تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەڭ ئاز دېگەندە 85 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىققا سەپەر قىلغان كىشى سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. بۇ ئارىلىقنى ئايروپىلان، پاراخوت ياكى پويىزدەك هەرقانداق قاتناش قورالى بىلەن قىسقا ۋاقىتتا بېسىپ بولسىمۇ مەيلى. سەپەر قىلىپ بىر جايدا 15 كۈنگىچە تۇرماقچى بولسا، سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمى داۋاملىشىدۇ. 15 كۈندىن كۆپ تۇرماقچى بولسا سەپەردىكى كىشى ھېسابلانمايدۇ. سەپەردىكى كىشى رامازاندا پەرز روزىنى تۇتماي، كېيىن بىر يەردە مۇقىم تۇرغاندا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. فىدىيە ياكى كەفارەت كەلمەيدۇ.

340 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرەيلەن ھامىلىدار بولۇپ، ھامىلىدارلىق ئېلىپ كېلىدىغان قوشۇمچە مەلۇم بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپتۇ. مۇسۇلمان دوختۇر «روزا تۇتسىڭىز بولمايدۇ» دېگەن بولسا، ئەمما ئۇ ئايال «خۇدانىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ» دەپ روزا تۇتۇپ، كېيىن ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى بايقالغان بولسا ياكى بىنورمال يېتىلگەن بولسا، بۇ ھالدا ئۇ ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇناھكار بولىدۇ.

341 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جاۋابىنى مۇنۇ يازمىلاردىن ئوقۇۋالغايسىز:  https://sajiya.biz/?p=6509     https://sajiya.biz/?p=7019

342 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى تاق كېچىلىرىدىن مۇقىم بىر كېچىمۇ؟ ياكى ھەر يىلى ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟ مەسىلەن، بۇ يىل 23 – كېچىدە بولسا، كېلەر يىلى 27 – كېچىسى دېگەندەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. قەدر كېچىسىنىڭ قانچىنچى كېچىدە بولۇشى ئېنىق ئەمەس. 27 – كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. بەزىدە 27 – كېچىسى، يەنە بەزىدە 21 – كېچىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، پۈتۈن رامازان ئېيىدا، خۇسۇسەن، ئاخىرقى ئون كۈنىدە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش، ئىبادەت ۋە دۇئادا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈردۇر.

343 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاننىڭ تاق كېچىلىرى جۈمە كېچسىگە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ قەدىر كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس قايسى؟ سەھىھمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇنداق ھەدىس يوق. قەدر كېچىسىنىڭ قانچىنچى كېچىدە بولۇشى ئېنىق ئەمەس. تاق كېچىدە دەپمۇ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاخىرقى ئون كۈننى كېچىسى بىلەن تائەتتە ئۆتكۈزسەك، قەدر كېچىسىنى قولدىن بەرمەسلىكنى كەسكىن كاپالەتكە ئېگە قىلغان بولىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىر كېچىسى بولمىغان كېچىلەردىكى تائەت – ئىبادەت سەۋەبىدىن دوزاختىن قۇتۇلىشىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا، قەدىر كېچىسىنى بىلىشكە ئۇنچە كۈچەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. بىلمەسلىكىمىز بىز ئۈچۈن خەيرلىكتۇر.

344 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەممىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، جىلباب مەسىلىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا. چۈنكى، بۇ قۇرئاندا ئايەت نازىل بولغان پەرز. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىسلام مۇسلىمەلەرنىڭ يۆگىنىش مەسىلىسىدە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاياللارغا ئىچىدىكى بەدىنىنى كۆرسىتىدىغان، خۇسۇسەن بەل، مەيدە ۋە ساغرىغا ئوخشاش جەلپ قىلىش ئورۇنلىرىنى ھەجىم ۋە شەكىل جەھەتتىن مەلۇم قىلىدىغان دەرىجىدە نېپىز، تار كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشنى ھارام قىلدى.

مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا سىرتقا چىقىدىغان چاغدا كەڭ ۋە ھەممە يەرنى تولۇق يۆگەيدىغان كىيىم بىلەن چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى، چۈنكى ئۇلار ئاشۇنداق ئېسىل كىيىم بىلەنلا كافىر ۋە باشقا بۇزۇق ئاياللاردىن پەرقلىنەلەيدۇ. بۇ ھەقتە جانابىي ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بۇ ئىلاھىي ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئۈممىتىگە ئېلان قىلىشنى بۇيرۇغان: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن! بۇنداق قىلغاندا ئۇلار (نىڭ ئىپپەتلىك ئىكەنلىكى) ئوڭاي تونۇلىدۇ – دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 59). بۇ ئايەتتىكى «پۈركەنجە (جىلباب)» ئايال كىشى يۆگىنىدىغان چوڭ كىيىمدۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بەزى ئاياللار ئۆيىدىن تالاغا چىققان چاغدا كۆكرەك، چاچ ۋە بويۇن قاتارلىق بەزى گۈزەللىكلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق پاسىقلارنى ۋە يامان يولدىكى كىشىلەرنى ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈۋالاتتى. شۇڭا، بۇ ئۇلۇغ ئايەت مۇئمىنە ئايالنى بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرى ئېچىلىپ قالماسلىقى، ئىپپەتلىك مۇئمىنە ئىكەنلىكى كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشى ۋە ھېچقانداق بۇزۇق ئادەم ۋەياكى مۇناپىقنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلماسلىقى ئۈچۈن، كىيىمى بىلەن ئۈستىنى تولۇق يېپىشقا بۇيرۇدى. ئايەتنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ بۇيرۇق بەزىلەر دېگەندەك، ئاياللاردىن قورققانلىقتىن ياكى ئۇلارغا ئىشەنمىگەنلىكتىن بېرىلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا پاسىق ۋە بۇزۇق كىشىلەرنىڭ ئازار بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتۇر. چۈنكى، زىبۇزىننىتىنى ئېچىۋەتكەن، ماڭغاندا نايناقشىپ ماڭىدىغان، گەپ قىلغاندا نازلىنىپ گەپ قىلىدىغان ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ۋە يامان يولدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدە تەمە پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللارغا قىلغان بۇيرۇقىنىڭ كۆرسەتكەن ئۆلچىمىدۇر: ﴿نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار! چۈنكى دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 32). قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام».

345 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ زاكات كېلىدىغان پۇلىمىز باشقا دۆلەتتە يەنى باشقا تونۇشىمىزنىڭ نامىدا بانكىدا تۇرغىلى نەچچە يىل بولدى. تونۇشىمىزمۇ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇ دۆلەتكە بارالمايۋاتىدۇ، بۇ يىللاردا بىز يېنىمىزدا بارنى زاكاتقا بېرىپ كەلدۇق، ئەمما ھازىر «زاكاتقا بېرەيلى» دېسەك، يېنىمىزدا پەقەتلا پۇل يوق بولۇپ قالدى. شۇڭا، بىز يېقىنلىرىمىزدىن قەرز ئېلىپ زاكات بەرسەك جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قەرز ئېلىپ زاكات بەرسە جائىز. بۇ ئەڭ ئەۋزىلى. يەنە بانكىدىكى پۇلنى ھازىر قولىغا ئېلىپ پايدىلىنالمايدىغان بولغاچقا، قولىغا ئالغاندا ئاندىن ئۆتكەن يىللارنىڭكىنى بىراقلا بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ تۈرلۈك پۇلنى بىرنەچچە يىل قولىغا ئالالماي قالسا، قولىغا ئالغاندا ئاخىرقى بىر يىلنىڭ زاكىتىنىلا بېرىدۇ دېگەن قاراشمۇ بار.

346 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىنسان راستتىنلا تىلىنىڭ يامانلىقى سەۋەبلىك گەرچە ئۇ ناھايىتى تەقۋا، ئىبادەتكە بەك كۈچەيدىغان بىرسى بولسىمۇ دوزاخقا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىسى (ئاغزى) ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسى (چاترىقى) نى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىلمەن»(«بۇخارىي»، 6474).

يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ ئىمانى ئۇنىڭ قەلبى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قەلبى تىلى توغرا بولمىغۇچە توغرا بولمايدۇ»(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 13071).

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

– بۇ تىلىڭنى يىغقىن! – دېگەنىدى، مەن:

– ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇق؟ – دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

– ئىست ساڭا، كىشىلەرنىڭ دوزاخقا دۈم تاشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغىنى ئۇلارنىڭ تىللىرى بولماي نېمە؟ – دېدى(«تىرمىزىي»، 2616).

347 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇشۇ ئەھلى ئىلىم دېگەن نامغا زادى قانداق كىشىلەر لايىق؟ شۇنىڭ ئۆلچىمىنى دەپ بەرگەن بولسىلا؟ بىر ئۇستازىمىز ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلەش، بويسۇنۇش، قوغداش ۋە قوللاشقا بۇيرۇلغانلىقىمىزنى تەكىتلىگەنىدى، شۇڭا سورىشىم. يەنە بىرسى دىندا ياكى پەندە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، ئەمما زالىم خىتتايغا قارشى مەيدانى ئېنىق بولمىغان، كىشىلەرگە ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا يۈرىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئالىم، ئۆلىما، ئەھلى ئىلىم دېيىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»﴾(39/«زۇمەر»: 9). ئەھلى ئىلىم دېگەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەن، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن، دۇنياغا قىزىقمايدىغان، ئاخىرەتكە قىزىقىدىغان، دىنىدىن خەۋەردار، پەرۋەردىگارىغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆكۈشتىن ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان پەرھىزكار، مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىغا چېقىلمايدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىدىغان كىشىدۇر. بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، قوللاش، قوغداش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش لازىم. دىندا ياكى پەندە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، ئەمما زالىم خىتتايغا قارشى مەيدانى ئېنىق بولمىغان كىشى ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇشنى بىلمىگەن، مۇھەببەت – نەپرەت، تەۋەللا – تەبەررانى ئۆزلەشتۈرمىگەن كىشى بولۇپ، ئۇنى ئەھلى ئىلىم (ياكى زىيالىي) دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، كىشىلەرگە ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا يۈرىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئالىم، ئۆلىما، ئەھلى ئىلىم دېيىش مەلۇم جەھەتتىن توغرا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئارلاشماسلىق سەۋەبىگە، ئارىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئارىلىشىشنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولۇشىنى قانداق چۈشىنىشىگە باغلىق.

348 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دىنىمىزنىڭ روھىنى تولۇق مۇكەممەل چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ (دىننى كەسىپ قىلىپ ئوقۇپ بولالمىغانلار)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. توغرا ۋە ساغلام كىتابلارنى، رەببانىي ئۇستازلارنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ۋە بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىسلامنى ھەقىقىي ئەمەلىي ياشاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

349 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇھاجىرەتتە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسى بەك بۇزۇلۇپ كەتكەنمۇ – قانداق، بەكلا گۇمانخورلىشىپ كەتكەندەك. خەۋەرنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق تەكشۈرمەي، پەرىزىگە ئاساسلىنىپلا ئادەمدىن گۇمانلىنىدىغان، تۆھمەت قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئادەمنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارغا ئاز – تولا شاھىت بولۇپ قالدىم. ئىشنىڭ يامان يېرى، «يامان گۇمانلىنىپتىمەن، كەچۈرۈڭ» دەيدىغان ئىشمۇ يوق. مەن مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسىگە ئۇچرىدىم. قارشى تەرەپ گۇمانىغا ئاساسلىنىپ باشتىن – ئاخىر تۆھمىتىدە چىڭ تۇردى. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىمنى تۆكتى. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇلۇغ رامازاندىمۇ ئۇنى قەتئىي ئەپۇ قىلالمىدىم. سوئالىم: گۇمانخورلۇق، باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە تۆھمەتخورلۇقنىڭ جازاسى نېمە؟ بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇماننىڭ ياخشىسى ۋە يامىنى بولمايدۇ. ھەممىسى يامان قىلمىشتۇر. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى گۇماندىن ۋە تىللىرىنى غەيۋەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۆھمەتكە ئېھتىمال قالدۇرىدىغان ئورۇنلاردىن ساقلىنىشمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرىدىندۇر. ئىنسان ئۆزى گۇمانغا قالماسلىقى ئۈچۈن، تۆھمەتكە ئېھتىمال قالدۇرىدىغان ئورۇنلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. گۇمانخورلۇق، باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە تۆھمەتخورلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، بۇ دۇنيادا باشقىلار تەرىپىدىن شۇ تۈردىكى قىلمىشلارغا دۇچار قىلىنىش بىلەن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بىلەن جازالىنىشى مۇمكىن.

 350 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تۈنۈگۈن سورالغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ «12 ھەپتىلىك ھامىلىسىنى Down syndrome بولۇش ئېھتىماللىقى بار ھەم بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەرخىل كېسەل بولۇشى مۇمكىن جىق ياشىيالمايدىكەن، دېگەندەك ئېھتىماللىقلارنى دەپ بالىنى ئالدۇرۇۋېتىش توغرىمۇ» دەپ سوراپتىكەن. دوكتور: «ئەگەر ئېنىق شۇنداق بولسا، ئالدۇرۇۋەتسە بولىدۇ» دەپتۇ.

مېنىڭ 10 ئايلىق بولغان بوۋىقىممۇ شۇنداق بولۇپ، يۈرەكتىن مەسىلە چىقىپ ئۈچ ئايلىقتا ئوپىراتىسيە بولدى، باشقا يەرلىرىدىن چاتاق چىقمىدى ساق، ئىنشائاللاھ. چوقۇم ھەر ئايدا بالىلار دوختۇرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرىمىز ھەم گېنېتىك بۆلۈمىدىمۇ تەكشۈرتىمىز، سالامەتلىكى ياخشى ھازىر. شۇڭا، ئۇ قېرىندىشىمىز دېگەندەك، سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىدىغان ئېھتىماللىق بالا تۇغۇلۇپ ئىش باشقا كەلگەندە چىقىدۇ، دوختۇرلار پەقەت ئېھتىماللىقنى دەيدۇ.

ھەم تۈركىيەنىڭ يىلدىرىم سالىھە ئەردىم، نۇرەددىن يىلدىز دېگەندەك دەۋەتچىلىرىمۇ: «بالا قانچىلىك ئەنگەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ئانىنىڭ جېنىغا خەتەر يەتمىسىلا بالىنى ئالدۇرۇۋېتىش ھارام» دەيدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بالىلار بار بولۇپ، تۈركلەرمۇ تۇغۇپ باقىدۇ. مەن ئېنىستىگرامدا ھەم شۇنداقلارغا ئەگىشىپ چىقارغان نەرسىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.

ئاندىن ئەگەر ۋەتەنداش بولسا، داۋالىتىش چىقىم ئىشلىرى ھەممىسى ھەقسىز. شۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى كېرەكمىكىن دەيمەن.

مەن بۇ ھەقتە بەك جىق ئىزدىنىپ كەتتىم، «دوختۇرلار 100% شۇنداق تۇغۇلىدۇ» دەپ ساق تۇغۇلغان بالىلار بار، «ساق» دەپ شۇنداق كېسەللىكتە تۇغۇلغان بالىلار ھەم بار، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىمۇ ئىنسان ياسىغاندىكىن خاتالىق بولۇپ قالىدۇ.

ھەم مېنىڭ بوۋىقىم ھازىر نورمال ئۆمىلەشكە ئاز قالدى، بۇ بالىلار ۋەتەنداش بولسىلا، دۆلەتتىن راپور بېرىدۇ، شۇنى ئېلىپ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ھەم فىزىك ۋە «ئۇنىۋېرسال ئېگىتىم» دەپ دەرسى بار، بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى نورمال بالىلارغا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن شۇ يەرگە ئاپىرىمىز.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن «ئالدىراپلا بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە بولمايدۇ» دەپ بىلىمەن. ھەم بۇ ئىشەنچىسىز دوختۇرلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلار شۇ ئېلىۋېتەيلى دەپ ئارانلا تۇرىدۇ. ھەم بالىنىڭ ئۇنداق بولۇشىنى antibiosentez دەيدۇ تۈركلەر، بالا 12 ھەپتىلىك بولغاندا، ئانىنىڭ قورسىقىغا يىڭنە سانجىپ ھامىلىنىڭ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش بىلەن بولىدۇ. ئۇنداق گېنېتىك تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئاز دېگەندە تۆت ھەپتىدە ئاران چىقىدۇ، ئۇنىڭغىچە ھامىلە 16 – 17 ھەپتىلىك بولۇپ پۈتۈن يېتىلىپ بولىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، «ئۇ بالىنى ئېلىۋېتىش دېگەنلىك بىر جاننى ئۆلتۈرۈش» دېگەنلىك بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ رازى بولسۇن! ئانىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغاندەك ئېغىر ئەھۋاللاردا بالىنى ئالدۇرۇۋەتسە بىر جاننى ئۆلتۈرۈش بولمايدۇ. بەلكى ساق بىر جاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ساق بولۇشى ئېھتىماللىق بىر تۆرەلمىنى يوقىتىش بولىدۇ. چۈنكى ئالىملارنىڭ بەزىلىرى جان 120 كۈن (17 ھەپتە ئەتراپىدا) دىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىنى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتى ۋە تەجرىبىسى بارلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ ئىستىخارە سېلىپ، بىر قارارغا كېلىش مۇناسىپ. چۈنكى، بەزىدە دوختۇرلار ئاشۇرۇپ قورقۇتىدىغان ئەھۋاللارمۇ، راستىنلا خەۋپلىك ئەھۋاللارمۇ بار.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ