زېمىن سېتىۋېلىپ بىنا سېلىپ ساتىدىغان بولسا زاكات قانداق كېلىدۇ؟

زېمىن سېتىۋېلىپ بىنا سېلىپ ساتىدىغان بولسا زاكات قانداق كېلىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر دوستۇم 6 مىليونغا 6 مىڭ كىۋادرات زېمىن سېتىۋالدى. بۇ زېمىنغا 6 قەۋەتلىك بىنادىن 3 بىنا سېلىپ ساتماقچى، ھازىر بىر بىنا پۈتتى. زېمىنغا ۋە بىناغا زاكات كېلەمدۇ؟ كەلسە قانداق كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

زېمىن سېتىۋېلىپ بىنا سېلىپ ساتىدىغان بولسا، زاكات زېمىن، بىنا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سېتىشقا تەييارلانغان بارلىق نەرسىلەرگە كېلىدۇ، زېمىن، بىنا ۋە باشقا ماتېرىياللار زاكات بېرىدىغان چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە باھالىنىدۇ. يەنە باشقىلاردىن ئالىدىغان قەرزلەرمۇ، قولىدا ۋە بانكىدا بار نەق پۇللارمۇ زېمىن، بىنالار باھالانغان قىممەتكە قوشۇلۇپ، باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزلەر چىقىرىۋېتىلىپ قالغان ئىقتىساد نىسابىغا (زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە) يەتسە يىلدا بىر قېتىم %2.5 مىقداردا زاكات بېرىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 22 – رامازان / م. 2011، 22 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 86 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ