ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش قانداق بولىدۇ؟

ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش قانداق بولىدۇ؟

شەك – شۈبھىسىزكى، دائىما تىرىك ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ھەر بەندە ھەر ھالىتىدە مۇھتاج بولىدىغان ئۇلۇغ ئەمەلدۇر. لېكىن، بەندىلەردىن بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار ناھايىتى ئاز.

دىن دېمەك، تەۋەككۈل قىلىش دېمەكتۇر؛

سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش ئىماننىڭ يېرىمىدۇر».

تەۋەككۈل قىلىش ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەمىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «تەۋەككۈل قىلىش قەلبنىڭ ئەمىلىدۇر».

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە مۇئمىن بەندىلىرىنى تەۋەككۈل قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿ناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن. ئاللاھ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ﴾(شۇئەرا: 217 ــ 219). (بۇ ئايەتتە «يۆلەنگىن» دېگەن سۆز «تەۋەككۈل» دېگەن ئىبارە بىلەن كەلگەن).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ﴾(تالاق: 3).

ھەدىستە تەۋەككۈل قىلىشقا بۇيرۇلدى ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ كاتتىلىقى بايان قىلىندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك رىزىق بېرىدۇ. قۇشلار ئەتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى توق قورساق قايتىپ كېلىدۇ»(1).

ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مەنىسى: «بەندە ھەممە ئىشلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى ۋە ھاجەتلىرىنى ئورۇنداشتا رەببىگە تايىنىشى ۋە ئىشىنىشى كېرەك» دېگەنلىكتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «تەۋەككۈل قىلىش – ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر؛ تەۋەككۈل قىلىشنىڭ راستلىقى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرگە ئىشىنىشىڭدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە دۇنيادا سېنىڭ ئىلكىڭدىكى نەرسىدىن چوڭدۇر ۋە بەك باقىي قالغۇچىدۇر» دېگەن.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «تەۋەككۈل قىلىش دېگىنىمىز، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئىشلارنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر».

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «تەۋەككۈل قىلىش – دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىيانلارنى دەﻓﺌ قىلىشتا قەلبنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تايىنىشىدۇر»(2).

تەۋەككۈل قىلىشنىڭ تەقەززاسى ۋە ئۇنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى شۇكى، شەرئىي جەھەتتىن رۇخسەت قىلىنغان بارلىق پايدىلىق چارە – تەدبىرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر. چۈنكى، شەرىئەتنىڭ ئىگىسى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن سەۋەبلەرنى قىلىش (ئىشلارغا چارە – تەدبىر قىلىش) نىڭ ئارىسىنى باغلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋەككۈل قىلىشلا يېتەرلىك بولمايدۇ، پەقەت سەۋەبلەرنى قىلغان چاغدىلا، ئاندىن بەندىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. دېمەك، تەۋەككۈل قىلىش بىلەن سەۋەبلەرنى قىلىشنىڭ ئارىسىدا مۇتلەق زىتلىق يوق.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(مۇلك: 15).

ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئى مۆمىنلەر! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم – تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار﴾(نىسا: 71).

دېمەك، شەرئىي چۈشەنچىدە «تەۋەككۈل قىلىش»نىڭ ھەقىقىتى بولسا (پۇت – قول) ئەزالار ئارقىلىق سەۋەبلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىلەن بىرگە قەلبنىڭ ئاللاھ تائالاغا تايىنىشىدۇر. بۇ ئىككىسى بولسا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئىككى ئاساسى بولۇپ، ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش پەقەت بۇ ئىككى ئاساس تېپىلغان چاغدىلا توغرا بولىدۇ.

ئەمما، ئاللاھ تائالاغىلا تايىنىپ، سەۋەبلەردىن يۈز ئۆرۈشكە كەلسەك، بۇ شەرىئەتتە ئەيىبلىنىدىغان، ئەقىلدە «نۇقسانلىق» دەپ قارىلىدىغان ئىشتۇر. ئەمما، ئاللاھ تائالاغا تايانماستىن، سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىش بولسا «سەۋەبلەردە شېرىك كەلتۈرۈش» دەپ قارىلىدىغان ئىشتۇر.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شەك – شۈبھىسىزكى، ئاجىز كەلگەنلىكتىن سەۋەب قىلىشنى تەرك ئېتىش بولسا ھەقىقىتى بەندىگە دىنى ۋە دۇنيالىقىدا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىيانلىق بولغان ئىشلارنى دەﻓﺌ قىلىشتا قەلبنىڭ ئاللاھ تائالاغا تايىنىشى بولغان تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل تايىنىش بىلەن بىرگە سەۋەبلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش زۆرۈردۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ كىشى ھېكمەت ۋە شەرىئەتنى بىكار قىلغۇچىدۇر. شۇڭا، بەندە ئۆزىنىڭ بوشاڭلىقىنى «تەۋەككۈل قىلغانلىق» دەپ قارىۋالمىغاي، ھەقىقىي تەۋەككۇلنىمۇ بوشاڭلىق دەپ چۈشىنىۋالمىغاي».

ئىنسانلار «تەۋەككۈل قىلىش» بابىدا ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى تۈردىكىلەر: قەلبى بىلەن ئاللاھ تائالاغا تايانغان ۋە يۈزلەنگەن، لېكىن ئەمەلىي سەۋەبلەرنى (چارە – تەدبىرلەرنى) قىلماي، مەقسەتلىرىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن ئىنسانلاردۇر. بۇ بولسا ئەيىبلىنىدىغان يولدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ تەۋەككۈل قىلىش ئەمەس، بەلكى تايىنىۋېلىش (تەۋاكۇل قىلىش) تۇر. بۇ سوپىلارنىڭ يولى بولۇپ، سەلەفلەر ئۇنى ئەيىبلىگەن. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندە بىر توپ كىشىلەرنى ئۇچرىتىپتۇ، شۇندا ئۇ:

ــ سىلەر نېمە ئادەملەر؟ ــ دېگەندە، ئۇلار:

ــ بىز تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز، ــ دېگەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ يالغان ئېيتتىڭلار، سىلەر تايىنىۋالغۇچى ئىنسانلارسىلەر. ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچى دېگەن ئۇرۇقىنى زېمىنغا تاشلىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلغان كىشىدۇر، ــ دېگەنىكەن(3).

ئىككىنچى تۈردىكىلەر: ئەمەلىي سەۋەبلەرنى ئاشۇرۇپ قىلغان، لېكىن ئاللاھ تائالاغا تايانمىغان ۋە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرمىغان ئىنسانلاردۇر. بۇ ھەم شەرىئەتكە مۇخالىپ بولغان ئەيىبكە سازاۋەر يولدۇر. چۈنكى، بۇ تۈردىكىلەر ھەقىقىي سەۋەبلەرنى ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، يامانلىقلارنى دەﻓﺌ قىلىشتا ئۆز ئالدىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قاراپ، سەۋەبلەرنى ياراتقان زاتنى ئۇنتۇپ قالغانلاردۇر. بۇ بولسا دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن، غەپلەت ۋە شەھۋەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانلارنىڭ يولىدۇر.

ئۈچىنچى تۈردىكىلەر: ئاللاھ تائالاغا تايانغان، ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلغان ۋە پايدىلىق قىلىپ بەرگەن سەۋەبلەرنى ئورۇندىغان كىشىلەردۇر. مانا بۇ تەۋھىد ۋە سۈننەت ئۈستىدە بولغان ئىنسانلارنىڭ يولى بولۇپ، بۇ شەرىئەت ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان، شۇنداقلا ساغلام تەبىئەت تەقەززا قىلىدىغان يولدۇر. چۈنكى، مەخلۇقاتلارغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋە پايدا، زىيان يەتكۈزگۈچى بولسا ئاللاھ تائالادۇر. ھەربىر نەرسە ئۈچۈن شۇ نەرسىگە يەتكۈزىدىغان بىر سەۋەبنى بېكىتىش ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىش دىننىڭ مۇكەممەل ۋە ئەقىلنىڭ كامىل بولغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن ئىشلىرىنى رەببى ئاللاھ تائالاغا تولۇق ئىشەنگەن ھالدا تاپشۇراتتى ۋە تايىناتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ھەر ئىشقا يارىشا سەۋەبىنى قىلاتتى، بۇنىڭدىن ھېچبىر مالامەت ھېس قىلمايتتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ تاماق يەيتتى، سۇ ئىچەتتى، توي قىلاتتى، كەسپ قىلاتتى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ساۋۇت، دۇبۇلغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتەتتى. دېمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق قىلاتتى.

كىمكى «ئىشلارغا سەۋەب قىلىش شەرىئەتكە خىلاپ ۋە تەۋەككۈل قىلىشقا نۇقسان يەتكۈزىدۇ» دەپ ئويلىسا، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن توغرا يولغا شەكسىز خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئىشلارغا سەۋەب قىلاتتى، كەسىپ قىلاتتى ۋە تەۋەككۈلنى باھانە قىلىپ ئولتۇرۇۋالمايتتى. ئىمام بۇخارىينىڭ «سەھىھ»ىدە مۇنداق كەلگەن: «داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قول ئەمگىكىدىن (كەسىپ قىلىپ) يەيتتى»(4). «سەھىھۇ مۇسلىم»دا مۇنداق كەلگەن: «زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ياغاچچى ئىدى»(5).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلىرىدە كەسىپ ۋە مەنپەئەتلەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سەۋەب ئىشلىتىشكە، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە تايىنىۋېلىپ ھۇرۇنلۇق قىلماسلىققا، ئاجىزلىشىپ قالماسلىققا بۇيرۇغان.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم تۆگىسىگە مىنىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

ــ مەن تۆگىنى قويۇپ بېرىپ، تەۋەككۈل قىلىمەن، ــ دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ تۆگىنى باغلىغىن ۋە تەۋەككۈل قىلغىن، ــ دېدى(6).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۇئمىن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئاجىز مۇئمىندىن كۈچلۈك مۇئمىننى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەسلەن ئىماندا ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىدە ياخشىلىق بار. سەن ئۆزۈڭگە پايدىلىق نەرسىلەرگە ھېرىس بولغىن. ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىزلىقنى ئۆزۈڭگە يولاتمىغىن. ئەگەر ساڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يېتىپ قالسا، ‹ئۇنداق قىلسام بوپتىكەن، مۇنداق قىلسام بوپتىكەن› دېمىگىن، ‹ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈۋەتكەن تەقدىرى شۇ ئىكەن، ئاللاھ تائالا خاھلىغان نەرسە بولىدۇ› دېگىن. ‹ئەگەر›، ‹كاشكى› دېگەن سۆزلەر شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ»(7).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە بىر كىشىنىڭ ئارغامچىلىرىنى ئېلىپ تاغقا بېرىپ، ئاندىن بىر باغلام ئوتۇننى دۈمبىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىشى، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئوتۇن سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋلاردىن تىلىگەندىن ياخشىدۇر، كىشىلەر ئۇنىڭغا يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ(8).

شەك – شۈبھىسىزكى، ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش مۇسۇلماننىڭ ھاياتىغا چەمبەرچاس باغلانغاندۇر، شۇڭا پايدا – مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، زىيان – زەخمەتنى دەﻓﺌ قىلىش ۋە ھاجەتلەرنى راۋا قىلىش پەقەت ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشنىڭ بەندىنىڭ بەختلىك بولۇشى، ئارزۇ – تىلەكلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، قەلبىدە رازىلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا يامانلىق ۋە پىتنىلەردىن ساقلىنىپ قېلىشىدا چوڭ تەسىرى بار. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟﴾(زۇمەر: 36).

بىر ھەدىستە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر كىشى ئۆيىدىن چىققاندا: ‹ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ› دېسە، ئۇ كىشىگە: ‹ھىدايەت قىلىندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ ۋە قوغدالدىڭ› دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ ئاندىن بىر شەيتان يەنە بىر شەيتانغا: ‹ھىدايەت قىلىنغان، كۇپايە قىلىنغان ۋە قوغدالغان ئادەمگە قانداقمۇ كۈچۈڭ يەتسۇن› دەيدۇ، دېگەن»(9).

شەك – شۈبھىسىزكى، بەزى مۇسۇلمانلار ــ ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلسۇن ــ ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشتا قەلبى ئۇشبۇ بۈيۈك ھەقىقىي قائىدەدىن غەپلەتتە قالغان، ئەقلى ئۇنىڭ بۈيۈك پايدىلىرىنى چۈشەنمىگەن ھالدا كەمچىلىك ئۆتكۈزىدۇ.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، كۈنىمىزدە كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە كۈندىلىك ھاياتىدا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنى ئۇنتۇپ، مائاشلىرى ۋە مۇقىم كىرىملىرىگىلا تايىنىدىغان بولۇپ كېتىشتى.

ئەمما، ھەقىقىي مۇئمىن بولسا كۆپ رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى، ئىلمى، رەھمىتى، مەرھەمىتى ۋە كەڭرى رىزىق ئىگىسى ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدۇ. چۈنكى، تەۋەككۈل قىلىش ھەقىقىي ئىشىنىشكە ئەگىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، مۇئمىننىڭ قەلبىدە ئىشىنىش زىيادە بولغانسېرى، ئۇنىڭ مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشى شۇنچە زىيادە بولىدۇ. ئەگەر ئىشىنىش كەمچىل بولسا، تەۋەككۈل قىلىشمۇ كەمچىل بولىدۇ.

كۈنىمىزدە تەۋەككۈل قىلىش بابىدا (توغرىلىقتىن) قېيىپ كېتىش كىشىلەرنىڭ ئۇسۇل – چارىلەرگە تايىنىشتا بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە قەلبلىرىنىڭ پۈتۈنلەي شۇ تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ھەممىنى ياراتقۇچى، ھەقىقىي تەدبىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. ھەتتاكى، بەزى ئىنسانلار: «ئۇستا دوختۇر بولسىلا كېسەل ساقىيىدۇ، بىرەر كەسپ بىلەن شۇغۇللانسىلا رىزىق ھاسىل بولىدۇ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بولسىلا تىنچلىق ھاسىل بولىدۇ ۋە سۇغۇرتا قىلىش بىلەنلا مال – مۈلۈكلەر قوغدىلىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ ماتېرىيالىستىك ھايات ۋە مەدەنىيلىشىشنى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ تەسىرىدۇر.

شەك – شۈبھىسىزكى، تەۋەككۈل قىلىش ھەرقانداق شارائىتتا تەلەپ قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئەھۋاللاردا ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ:

بىرىنچى: رىزىق تەلەپ قىلىشتا. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى﴾(تالاق: 2 -، 3).

ئىككىنچى: دۈشمەنگە ئۇچراشقاندا. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىشنى توختاتسا، ئاللاھدىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن) ﴾(ئال ئىمران: 160).

ئۈچىنچى: كاپىرلار ھىيلە – مىكىر قىلغاندا. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ (مۇشرىكلەر تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى﴾(ئال ئىمران: 173).

تۆتىنچى: بالا – مۇسىبەت چۈشكەندە. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: ‹بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز› دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(بەقەرە: 156 -، 157).

بەشىنچى: كېسەل بولغاندا. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا (ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئاغزىدىن) مۇنداق دېگەن: ﴿ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ﴾(شۇئەرا: 80).

ئالتىنچى: توي قىلماقچى بولغاندا. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىشى ھەقتۇر: ئادا قىلىشنى ئىرادە قىلىدىغان مۇكاتەب(10)، پاك بولۇشنى ئىرادە قىلىپ توي قىلماقچى بولغان كىشى ۋە ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغۇچى»(11) دېگەن.

يەتتىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا دەۋەت قىلغاندا. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن﴾(تەۋبە: 129).

بۇ يەردە ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۇنى بەندىنىڭ قەلبىدە كۈچلەندۈرىدىغان بىر قاتار ئىشلار بار:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى، رۇبۇبىيىتى(12) ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ھەقىقىي بىلىش؛

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىم ۋە قۇدرىتىنىڭ كامىل ئىكەنلىكى ھەمدە كۈللى نەرسىنى توپتولۇق بىلىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش؛

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەھۋاللىرىنى تەسەررۇپ قىلىشتا يەككە – يېگانە ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەقىقىي ئىشىنىش؛

تۆتىنچى: تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش؛

بەشىنچى: «سەۋەب – تەدبىرلەر ھەرقانچە چوڭ ۋە پايدىلىق بولۇپ كەتسىمۇ، ئۆز ئالدىغا پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇمۇ مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش؛

ئالتىنچى: رەببى ھەققىدە ياخشى پەرەز قىلىش ۋە چوڭ ئۈمىد قىلىش.

شۇنداقلا يەنە تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كېلىدىغان ياكى مۇئمىننىڭ قەلبىدە زەئىپلەشكەن بىر قاتار ئىشلار بار:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى، قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە ھەممىنى بىلگۈچى زات ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك؛

ئىككىنچى: بەندە ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان مال – مۈلۈك، مەنسەپ، يۈز – ئابرۇي ۋە ئىلىم قاتارلىقلار بىلەن ئالدىنىپ قېلىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنىڭ بۇ ئىشلارغا تايىنىۋېلىپ، تەۋەككۈل قىلىشتىن مەھرۇم قېلىشى؛

ئۈچىنچى: دۇنيا سەۋەبلىك پىتنىگە ئۇچراش، ماددىي سەۋەبلەرنىڭ ئارقىسىدىن بەك يۈگۈرۈپ كېتىش ۋە بۇلارنى مۇتلەق ئارۇ – ئارمانلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىپ قېلىش؛

تۆتىنچى: ھاجەتلەرنى راۋا قىلىشتا كىشىلەرگە تايىنىش ۋە ئۇلارغا ئىشىنىش؛

بەشىنچى: ئىماننىڭ توسۇش رولىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈش؛

ئالتىنچى: گۇناھ – مەئسىيەتلەر بىلەن نەپسىنى زايە قىلىش ۋە ھارام قىلىنغان شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كېتىش.

ئەگەر بەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلسا ۋە ئىشلارغا چارە – تەدبىر ئىشلىتىشتە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئازۇ – ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئىش – ھەرىكەت قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلسا ياكى ئاجىز چارە – تەدبىر ئىشلەتسە ئادەتتە بۇنىڭ چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبىلىرى ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ئاجايىپ ئەھۋاللىرى ۋە قىسسەلىرى بۇ ئەسلىي قائىدىگە جانلىق گۇۋاھ بولىدۇ.

شۇ جۈملىدىن: بەنى ئىسرائىل ئىچىدىكى قەرز ئالغان كىشىنىڭ قىسسەسى ھەققىدە «سەھىھ ھەدىس»تە كەلگەن خەۋەردۇر. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قەرز ئالغانلىقىغا ئاللاھ تائالانى گۇۋاھچى قىلغان ئىدى، (قەرزنى قايتۇرىدىغان) مۇددەت يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ھېچبىر (ئۇلاغ ياكى باشقا) قاتناش ۋاسىتىسى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇلنى بىر ياغاچنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىدى ۋە: «ئى ئاللاھ! شەكسىزكى، سەن مېنىڭ پالانىدىن مىڭ دىنار قەرز ئالغانلىقىمنى بىلىسەن، ئۇ مەندىن بىر كېپىل بولغۇچىنى سورىغاندا، مەن: ‹ئاللاھ كېپىل بولۇشقا يېتەرلىكتۇر› دېگەنىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (سېنىڭ كېپىل بولۇشۇڭغا) رازى بولغان ئىدى. ئۇ مەندىن بىر گۇۋاھ بولغۇچىنى سورىغاندا، مەن: ‹ئاللاھ گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر› دېگەنىدىم، ئۇ بۇنىڭغا رازى بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا تەۋە بولغان پۇلنى ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاسىتە تېپىشقا تىرىشقان بولساممۇ، تاپالمىدىم، شەكسىزكى، مەن ئۇ ياغاچنى ساڭا ئامانەت قىلىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى، ھەتتا ئۇ دېڭىزغا كىرىپ كەتتى ئاندىن ئۇ ياغاچ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن قەرز بەرگۈچىنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى، (بۇنداق بولۇشى) قەرز ئالغان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قاتتىق ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغانلىقىدىندۇر(13).

كۈنىمىزدە، مەۋجۇت ئىقتىسادىي ھاياتىمىز، تەشۋىقاتلىرىمىز ۋە مۇئەسسەسەلىرىمىز ھەققىدە ئويلانغان كىشى كۈندىلىك ھاياتىمىزدا خەت – چەك ۋە يوليورۇقلىرىمىزدىكى بەزى ئەھۋاللاردا «تەۋەككۈل قىلىش» چۈشەنچىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ بولسا ئوچۇق بىر يامانلىقنىڭ شۇنداقلا بىزدىن كۆپ ياخشىلىقلارنىڭ كېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. ھالبۇكى، تەۋەككۈل قىلىش ساھابىلەرنىڭ ھاياتىدا ھەقىقىي كۆرۈلگەن ئىدى.

ئىمام ئەھمەدنىڭ «مۇسنەد»تە مۇنداق كەلگەن: «شەكسىزكى، ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىن قامچا چۈشۈپ كەتسە، ھېچبىر كىشىگە: ‹ئۇنى ئېلىپ بەرگىن› دېمەيتتى ۋە: ‹شەكسىزكى، خەلىلىم (دوستۇم) مېنى كىشىلەردىن ھېچنەرسىنى سورىماسلىققا بۇيرۇغان ئىدى› دەيتتى».

ئەگەر بەندە رەببىگە ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلسا، بۇ ئەھۋال ئۇ بەندىنى ئىمانىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزىنى (مەنىۋى جەھەتتىن) ئاللاھ بىلەنلا باي ھېسابلاپ ھارام كەسىپ قىلمايدىغان، بەندىلەردىن سوراپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىگە قارىمايدىغان ۋە روھىيىتى ناچار كەسىپلەرگە، شۈبھىلىك نەرسىلەرگە تەلپۈنمەيدىغان ھالەتتە قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى قانائەتچان قىلىدۇ؛ كىمكى بىھاجەت بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن باي قىلىدۇ»(14).

ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن مۈلكىنى سەدىقە قىلىۋەتكەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

ــ ئائىلەڭدىكىلەرگە نېمە قويۇپ قويدۇڭ؟ ــ دېگەنىدى، ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ ئۇلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قويۇپ قويدۇم، ــ دېدى(15).

شەك – شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغۇچى كۆڭلى خاتىرجەم ۋە قەلبى ھەقىقەت ئۈچۈن ئېچىلغان ھالەتتە بولىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىدىن غەم قىلمايدۇ ۋە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئىتائەت بولىدىغان بىرەر ئىشقا چاقىرىلسا، دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ئاز بولسىمۇ مال – مۈلكىدىن سەدىقە قىلىدۇ ۋە ياخشىلىققا ئورتاقلىشىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ تېخىمۇ ياخشىسىنى بېرىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ۋە ئاقىۋىتىنى گۈزەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ. دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەر بولسا بۇنىڭ ئەكسىچىدۇر، ئۇلار تۈرلۈك قورقۇنچلارنىڭ ئەسىرى بولغان ھالەتتە كۆپ ماللارنى توپلايدۇ، شەيتان ئۇلارنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ ۋە قەلبلىرىگە ۋەسۋەسە قىلىپ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مېلىغا بېخىللىق قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى كۆپ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قويىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ﴾(مۇھەممەد: 38).

ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلغۇچى شىجائەتلىكتۇر، ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك بولغۇچىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر ئىلىم ھەققىدە سورالسا، ئىككىلەنمەستىن ھەقنى سۆزلەيدۇ، پەقەت ئاللاھ تائالادىنلا قورقىدۇ، ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدۇ ۋە «ئۆزىگە ئاللاھ پۈتۈۋەتكەندىن باشقا ھېچبىر زىيان يەتمەيدۇ» دەپ چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ زاتنى كاپىرلار سۇيىقەست قىلماقچى بولغاندا تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىپ، شەيتان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىدىن قورقمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ‹حسبنا الله ونعم الوكيل› يەنى ‹بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!› دېگەن بۇ سۆزنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغان چاغدا ئېيتقان ئىدى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كاپىرلار (تۆۋەندىكى) بۇ سۆزنى قىلغان چاغدا ئېيتقان ئىدى: ‹شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار› دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: ‹بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!› دېدى»(16).

دۇنيادا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىنماي ۋە ئازاب قىلىنماي جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ قاتارىدىندۇر. «سەھىھەين»دە كەلگەن بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى جەننەتكە ھېساب ئېلىنماستىن كىرىدۇ. ئۇلار (جاھىلىيەتتە سالغاندەك) دەم سالدۇرمايدىغان، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدىغان، داغلىنىپ داۋالانمايدىغان، رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغانلاردۇر»(17).

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنگە مۇقىم ھالىتىدە بولسۇن، سەپەر قىلغان ھالىتىدە بولسۇن، قورقۇنچ ھالىتىدە بولسۇن، تىنچ ھالىتىدە بولسۇن، پېقىرلىق ھالىتىدە بولسۇن، بايلىق ھالىتىدە بولسۇن، ساق ھالىتىدە بولسۇن، كېسەل ھالىتىدە بولسۇن، خىلۋەت ھالىتىدە بولسۇن، توي قىلغان ھالىتىدە بولسۇن ۋە تائەت – ئىبادەت، جىھاد ھالەتلىرىدە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى گۇماندا بولۇشى، ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى ئەرزىمەس نەرسىلەردىن ئۈمىد ئۈزۈشى كېرەك. بەلكى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشى ئۆزىنىڭ چارە – تەدبىرلىرىدىن چوڭ بولۇشى كېرەك. يەنە شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىشى كېرەككى، كىشىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن ئەجەل، رىزىق، بەختىيارلىق، بەختسىزلىك، خۇشاللىق، غەم – قايغۇ، ئاسانلىق ۋە زىيان – زەخمەت قاتارلىقلار شەك – شۈبھىسىز يۈز بېرىدۇ.

 

مەنبەسى: حُسن التوكل – خالد بن سعود البليهد – https://ar.islamway.net/article

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 205 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2344 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇم ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 436 – بەت.
3. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش»، 61 – بەت. «سەنەدى زەئىپ» دېگەن.
4. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2072 – ھەدىس.
5. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2379 – ھەدىس.
6. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2517 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
7. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 4945 – ھەدىس.
8. «سەھىھۇل بۇخارىي»، 1471 – ھەدىس.
9. «سۈنەنۇ ئەبۇ داۋۇد»، 5095 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. مۇكاتەب – مەلۇم (مىقداردا) پۇل تۆلەش بەدىلىگە ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن توختام تۈزۈشكەن قۇل. (ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، مۇھەممەد سالىھ: 732- بەت).
11. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7410 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 1655 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
12. رۇبۇبىيەت: جانابىي ھەقتائالانىڭ ھەردەم ھەر يەردە مەخلۇقاتقا مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنى بېرىشى، تەربىيلىشى، تەدبىر ئېلىشى، پادىشاھلىقى ۋە تويغۇزغۇچى رەب كەيپىياتى.
13. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2291 – ھەدىس.
14. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 1427 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1053 – ھەدىس.
15. «سۈنەنۇ ئەبۇ داۋۇد»، 1678 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 3675 – ھەدىس؛ «سۈنەن دارىمىي»، 1 – توم، 480 – بەت. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
16. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 4563 – ھەدىس.
17. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 5705 -، 5752 – ۋە 6472 – ھەدىسلەر؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 218 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ