پەردازلانغان جاھالەتتىن تىرىلدۈرۈلگەن جاھىلىيەتكىچە

پەردازلانغان جاھالەتتىن تىرىلدۈرۈلگەن جاھىلىيەتكىچە

– نورۇز بايرىمى ھەققىدە ئومۇمىي ۋە شەرئىي بايان

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

بارلىق ھەمدۇسانالار بىزنى ئىسلام بىلەن مۇشەررەپ قىلغان، قۇرئاندىن ئىبارەت دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەت دەستۇرى بىلەن تارتۇقلىغان جانابىي ئاللاھقا بولسۇن. شۇنداقلا جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدىن ھىدايەت نۇرىغا قانداق چىقىشنى تەلىم بەرگەن، ھەق بىلەن باتىل ئارىسىنى پەرقلەندۈرگۈچى سۈننەتى سەنىيەسى ئارقىلىق بىزگە ئۈلگە بولغان، ھېكمەت ۋە ئىلىم – ئىرفان مىراسلىرىنى قالدۇرۇش ئارقىلىق بىزنى زالالەت پاتقاقلىرىغا پېتىپ قېلىشتىن مۇھاپىزەت قىلغان رەھبىرىمىز ۋە يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ئەسھابى كىراملارغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەن مۇئمىن، مۇتتەقىيلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

1. نورۇزنىڭ مەنىسى ۋە كېلىپ چېقىشى
«نورۇز» سۆزى ئەسلىدە پارس تىلىدىن ئۆزلەشكەن بولۇپ، خۇددى «نەۋ+باھار»، «نەۋ+قىران» كەلىمىلىرىدە كەلگەندەك، ئەسلى تەلەپپۇز قىلىنىشى «نەۋ+رۇز»دۇر. پارسچىدە نەۋ = يېڭى، رۇز = كۈن دېمەكتۇر. يەنى نەۋرۇز «يېڭى كۈن» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ كەلىمە كۈنىمىزدە «نورۇز» دەپ، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەردە «نەۋرۇز» ياكى «ناۋرىز» دەپ، ئەرەبلەردە «نەيرۇز ياكى نەۋرۇز (النَّيْرُوزُ / النَّوْرُوزُ)» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

نورۇز كۈنى يەنى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدە قۇياش نۇرىنىڭ ئېكۋاتورغا 90 گرادۇس تىك چۈشۈشى بىلەن يورۇقلۇق چەمبىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلاردىن بىر ۋاقىتتا ئۆتۈش، كۈن – تۈن تەڭلىشىش (Equinox) ھادىسەسى يۈز بېرىدۇ. بۇ ھادىسە يەنە 9 – ئاينىڭ 22 – 23 – كۈنلىرى ئارىسى بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، پارسچە «مېھرىجان» دەپ ئاتىلىدۇ. يىلدا ئىككى قېتىم يۈز بېرىدىغان بۇ ھادىسە ئاللاھ تەرىپىدىن ئورنىتىلغان قۇسۇرسىز بىر دەۋرىيلىكتۇر(1).

كۈنىمىزدە نورۇز كۈنى ئىراندا يېڭى يىل بايرىمى، شۇنداقلا ئەزەربەيجان، قازاقىستان قاتارلىق تۈركىي ئەللەردە رەسمىي دەم ئېلىش كۈنىدۇر. ۋەتىنىمىزدىمۇ خىتاي ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن 80 – يىللاردىن باشلاپ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلغىچە نورۇزلۇق ئالاھىدە سەنئەت كېچىلىكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېلېۋىزورلاردا تارقىتىلىپ كەلگەن، خەلققە نورۇزنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قاتارىدا مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى سۈپىتىدە سىڭدۈرۈشكە، ناخشا – ئۇسسۇلغا رام قىلىپ، بىخۇدلاشتۇرۇشقا تىرىشىلغانىدى. ھالبۇكى، ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭلا خاس ئەنئەنىۋى بايرىمى بولماستىن، بەلكى پارس، ئافغان ۋە كۇرد قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ، ھەتتا مىسىرلىقلارنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. ئۇيغۇرلار نورۇزنى ئەرگەنەقون ئەفسانىسىگە(2) باغلىسا، ئاتەشپەرەستلەر (زەردۇشت ياكى زوروئاستېرىئانلار) ۋە باشقىلار دىنىي ئېتىقادقا باغلايدۇ. قەدىمكى مىسىر قىبتىلىرى نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئۆرلىشىگە ياكى فىرئەۋنلەرنىڭ ئېتىقادىغا چاتىدۇ(3). بەھائىيلەر(4) بولسا بۇ كۈننى مۇقەددەس ھېيت دەپ قارايدۇ(5). بۇ جەھەتتىن نورۇزنىڭ يۇقىرىقى ھەربىر مىللەتتە تەبرىكلىنىشىنىڭ تۈرلۈك ئەفسانە ۋە ئېتىقادلارغا چېتىلغان ئاساستا تەبرىكلىنىپ كەلگەنلىكىنى، بايرامنىڭ مەزمۇن ۋە كېلىپ چىقىشى خۇسۇسىدا ئوخشىمىغان كۆزقاراش، پەرەز ۋە ئەفسانىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بايرام ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا پەرەز ۋە ئەفسانىلىقتىن خالىي بولغان ئىسلام شەرىئىتى بۇ ھەقتە قانداق قارايدۇ؟ ئۇنداقتا بىز شەرئىي دەلىللەر ئاساسىدا نورۇزنى بايرام قىلىپ قۇتلۇقلاش ۋە تەبرىكلەشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!

 2. نورۇزنى تەبرىكلەشنىڭ شەرئىي ھۆكمى
شەرئىي دەلىللەرگە بىنائەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئىككى ھېيتتىن باشقا نورۇز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ياكى ئوخشىمىغان ھەرقانداق بايرامنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنداقلا مۇتەقەددىم ۋە مۇتەئەخخىرىين بولۇپ ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن كۆپچىلىك ئۆلىمالار مەزكۇر ئىككى ھېيىتتىن باشقا بايراملارنى تەبرىكلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىسلام نەزەرىدە بايرام ھېسابلانمايدىغانلىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بايانى مۇنداق:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە بارغاندا مەدىنەلىكلەرنىڭ بۇرۇن تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بايراملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، روزا ۋە قۇربان ھېيتلارنى رەسمىي بايرام قىلىپ يولغا قويغان.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 93 / م. 612 – 711) مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىپ تەبرىكلەيدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ بۇ ئىككىسى نېمە كۈن؟ ـ دەپ سورىغانىدى، ئۇلار:

ــ بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە مۇشۇ ئىككى كۈندە ئويۇن – تاماشا قىلاتتۇق، ـ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا بۇلاردىن ياخشى ئىككى ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ـ دېدى»(6).

مەزكۇر ھەدىستىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھىجرەتتىن بۇرۇن يەسرىب (مەدىنە) خەلقىنىڭ ئىككى بايرام – تەنتەنە كۈنى بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىپ مەدىنەگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى بايرامدىن خەۋەر تاپقان ۋە بۇ ھەقتە ئۇلارغا: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا بۇلاردىن ياخشى ئىككى ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنى جاھىلىيەتتىكى بايراملارنى تەبرىكلەشتىن توسقان ۋە ئۇ ئىككى بايرامنى ئىككى ھېيتقا ئالماشتۇرۇۋەتكەن. ئالماشتۇرۇشنى ئىپادىلەشتە: «ئاللاھ ئالماشتۇردى» دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە تەشرىپ قىلغاندا قۇتلىنىۋاتقان ئىككى بايرام ھەققىدە ھەدىس شارىھلىرى: ئىككى بايرامنىڭ بىرى «نورۇز»، يەنە بىرى «مېھرىجان» ئىدى، دەپ ئىزاھلايدۇ(7). بۇلار پارسلارنىڭ بايراملىرى بولسىمۇ، پارسلار بىلەن قوشنا ياشىغان ئەرەبلەرمۇ پارسلارنىڭ بۇ بايراملىرىنى تەبرىكلىشەتتى.

لېكىن، مەيلى قايسى بايرام بولسۇن، مەدىنەدىكى ئەرەبلەر تەبرىكلەۋاتقان ئىككى كۈننى ئىككى ھېيتقا ئالماشتۇرغانلىقى، ھەر تۈرلۈك دىنىي ياكى ئەفسانىۋىي مەنبەلەرگە تۇتۇشىدىغان بارلىق بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ۋە ۋەھيى ئاساسىدا يېڭىدىن بايرام تەسىس قىلغانلىقى ھەدىستە ئېنىق.

ئەلۋەتتە، ئالماشتۇرۇش ئىمام ئىبنى تەيمىييە (ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) ئېيتقاندەك، ئەمەلدىن قالغان بايرامنى تەبرىكلەشتىن توختاشنى بىلدۈرىدۇ. مۇبادا ئۇ بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەبرىكلىمەسلىك كېرەك بولمىسا ئىدى، ئۇنى ئالماشتۇرۇۋەتمەي، ئىككى ھېيتقا يانداشتۇرۇپ شادلىق تەنتەنىسى سۈپىتىدە باشقا بايراملارنىمۇ ئۆز ھالىغا قويغان بولاتتى. مەزكۇر ئەنئەنىۋى بايرام ئادەتلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەزكۇر ئەمرى بىلەن تەرك قىلىنمىغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە راشىد خەلىپىلەر زامانىدىمۇ مەدىنەدە تەبرىكلەنگەن، تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان بولاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چەكلىشى كەسكىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئازغىنە بولسىمۇ قالدۇقلىرى قالغان بولاتتى. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى قاتتىق توسقان. قاتتىق توسقان ئىش ھارام بولماي نېمە بولماقچى؟ (8)

دەرۋەقە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ھېيتتىن باشقا بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىستە ئۇ بايراملارنىڭ دىنىي ئېتىقادقا چېتىلغان ياكى چېتىلمىغانلىقى بايان قىلىنمىغان. پەقەتلا «ئويۇن – تاماشا قىلىدىغان ئىككى بايرام كۈنى» دېيىلگەن. شۇڭا، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى بايراملار دىنىي ئېتىقادقا چېتىلسۇن ياكى چېتىلمىسۇن، ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملار چەكلىنىشتە ئوخشاشتۇر.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ياكى قۇربان ھېيت كۈنىدە مۇنداق دېگەن: «ﺋﻰ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ! ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﮪﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ» (9).

دېمەك، مۇسۇلمان قەۋم (مىللەت) بولىدىكەنمىز، ھېيت – بايراملىرىمىز ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ۋە باشقا تۈرلۈك ئېتىقادتىكىلەرنىڭ بايراملىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىككى ھېيت بولىدۇ.

 3. ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ نورۇزغا تۇتقان پوزىتسىيەسى
تابىئىن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئەلخۇزائىي (ئۆ. ھ. 112 / م. 730) بىلەن ساھابە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار نورۇز ۋە مېھرىجان كۈنلىرىدە (كاپىرلارغا قارشى ئىش تۇتۇش يۈزىسىدىن) يىغىلىپ روزا تۇتۇش ھەققىدە سورالغاندا: «بۇ ئەڭ ئېغىر بىدئەتلەردىن بىر بىدئەت، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزا تۇتقانلار نورۇز ۋە مېھرىجان كۈنلىرىنى كاپىرلاردىن بەكرەك ئۇلۇغلىغان بولىدۇ» دېگەن(10). ھەكىم ئەتتىرمىزىي (ھ. 205 – 320 / م. 835 – 932) دەيدۇكى: «چۈنكى، كاپىرلار نورۇز كۈنىنى شاد – خۇراملىق تەنتەنىسى قىلىدىغان بايرام قىلىۋالغان بولسا، ماۋۇ ئىبادەتگۇيلار ئۇنى ئىبادەت قىلىدىغان ھېيت قىلىۋالغان. ئىككىسىنىڭ قىلمىشى ئوخشىمىسىمۇ ئالاھىدە كۈن قىلىۋېلىش جەھەتتىن ئوخشاپ قالغان» (11).

ھەسەن بەسرىي (ھ. 21 – 110 / م. 642 – 728) دىن نورۇز كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ: «سىلەرنىڭ نورۇز بىلەن نېمە ئىشىڭلار؟! ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭلار! ئۇ دېگەن پارسلارنىڭ!» دېگەن(12).

تەلھە ئىبنى مۇسەررىف (ئۆ. ھ. 112 / م. 730) بىر ئادەمنى ئىلەڭگۈچتە كۆرۈپ: «ھەقىقەتەن مەن نورۇز كۈنىدىكى ئىلەڭگۈچ، سارغايدى ئويناشنى يامان كۆرىمەن. ئۇنى ئاتەشپەرەستلىكنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمەن» دېگەن(13).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مۇشرىكلەرنىڭ يۇرتىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ نورۇز ۋە مېھرىجانلىرىنى تەبرىكلەپ، ئۇلارغا ئوخشىۋېلىپ ئۆلسە، قىيامەتتە ئۇلار بىلەن بىللە قوپىدۇ»(14).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ نەقىل ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقۇچىنى كاپىر دېيىشنى ياكى دوزاخقا كىرگۈزىدىغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن، زاھىرىدىن كاپىر دېيىش كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، ئۇ ئىشلارنىڭ بەزىسىگە قاتنىشىش مەئسىيەتتۇر. چۈنكى، مۇباھ ئىشقا جازا بېرىلمەيدۇ، ھالبۇكى ئۇ ئىشلارنىڭ ھەربىرى جازاغا لايىق بولمىسا ئىدى، ئۇنداق دېيىلمەيتتى» (15).

رەسۇلۇللاھ ۋە خۇلەفائى راشىدىن دەۋرى بولغان ئەسرى سائادەتتە نورۇزغا ئوخشىغان بايراملارنىڭ ھېچقانداق ئورنى بولمىغان. شۇڭا، خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نورۇز كۈنى تاتلىق – تۈرۈم ھەدىيە سۇنۇلغاندا، بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋەتتە تەقدىم قىلىنغانلىقىنى بىلمىگەن ۋە سەۋەبىنى سورىغان.

مۇھەممەد ئىبنى سىرىن (ھ. 32 – 110 / م. 653 – 729) رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ھەدىيە كەلتۈرۈلۈۋىدى، ئۇ:

— بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ (كۈن) نەيرۇز (نورۇز) كۈنىدۇر، — دېگەنىدى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۇنداقتا ھەر كۈنى فەيرۇز قىلىڭلار! — دېدى. بۇ ۋاقىئەنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ئەبۇ ئۇسامە: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ‹نەيرۇز› دېگۈسى كەلمىگەن» دېگەن.

ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) بولسا يۇقىرىقى ۋەقەلىكنى شەرھلەپ: «(مانا) بۇ شەرىئەت ئالاھىدە قىلمىغان بىر كۈننى مەخسۇس تەبرىكلەشنى يامان كۆرگەنلىكتۇر» دەيدۇ(16).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بولسا: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇلارنىڭ بايرىمىنى ئۇلار ئاتىغاندەك ئاتىغۇسى كەلمىگەن تۇرسا، ئۇنى تەبرىكلەشنى يامان كۆرمەسمۇ؟» دەيدۇ(17).

مەيلى قانداق بولسۇن، بۇ جاۋاب ھەرگىزمۇ بۇ بايرامنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئەمەس. ئەكسىچە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جاۋابى بۇ بايرامنى رەت قىلغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بىزدە بۇ كۈنگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش يوق، بەلكى ھەركۈن بىزگە نىسبەتەن ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەت ۋە ئىلتىپاتلىرىغا نائىل بولىدىغان قۇتلۇق كۈن دېمەكچى.

بەزى رىۋايەتلەردە: «ھەركۈنى نەيرۇز قىلىڭلار!» ياكى «بىزگە ھەركۈن نەيرۇز» ياكى «بىزنىڭ نەيرۇزىمىز ھەركۈنى سۇ بىلەن» دەپمۇ كەلگەن بولۇپ، ھەكىم ئەتتىرمىزىي مەزكۇر سۆزلەرنى: «بۇ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىقنى مەقسەت قىلغاندەك بىر گەپ» دەپ ئىزاھلىغان. تەلھە ئىبنى مۇسەررىف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نەيرۇز كۈنىنىڭ كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمىسام خۇش بولىمەن» دېگەن(18).

4. ئىككى ھېيت بارچە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مىللى بايرىمىدۇر
ئىسلامىيەتتە ھېيت – بايرام دېگەن كاتتا ئىبادەتلەر ۋە ئۇلۇغ كۈنلەر بىلەن زىچ باغلانغان. روزا ھېيت ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان روزا ئىبادىتى ۋە فىتىر سەدىقىسى بىلەن باغلانغان بولسا، قۇربان ھېيت ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىنىڭ تۆتىنچىسى بولغان ھەج ئىبادىتى بىلەن، قۇربانلىق قىلىش بىلەن باغلانغان. ھەپتىلىك ھېيت بولسا مۇسۇلمانلار يىغىلىپ ئوقۇيدىغان جۈمە نامىزى بىلەن باغلانغان. دېمەك، دىنىمىزدىكى يىللىق ئىككى ھېيت بىلەن ھەپتىلىك جۈمە ھېيت مۇقەددەس ئۇلۇغ كۈن ۋە زامانلار بىلەن، كاتتا تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چوڭقۇر مەنىۋىيەت، ئىلاھىي بەرىكەت ۋە تەجەللىياتلار مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلاردا بەرىكەت ۋە ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھېس قىلىدۇ. ئىبادەت لەززىتىنى تېتىيدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار بۇ كۈنلەردىكى شادلىق، بەرىكەت ۋە تەنتەنىنى ئورتاق ھېس قىلىدۇ. ئۇلار بايرام قىلىشتا بىرەر رەھبەر ياكى پادىشاھنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاساس قىلماستىن، پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بېكىتىشىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەر ياكى ئايال، چوڭ ۋە كىچىك ھەربىر مۇسۇلمان بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىدۇ. جامەلەردە، كوچا – كويلاردا ۋە بازارلاردا ھەممە بىردەك تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىدۇ. جامائەت بولۇپ بىللە ناماز ئوقۇيدۇ. جامائەتلەر توپ – توپ بولۇپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر! لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمد!» دەپ تەكبىر ئېيتىشىدۇ. پەرىشتىلەر كوچىلارنى، دوقمۇش – دوقمۇشلارنى قاپلايدۇ. دۇئا – تىلاۋەتلەر قاينايدۇ. ئاللاھنىڭ پۈتۈن بەندىلىرى ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى كېرەك.

جانابىي ئاللاھنىڭ ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشنى ھارام قىلغانلىقى مۇسۇلمانلارغا قىلغان مەرھەمىتى ۋە ئىلتىپاتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا بۇنى ئىنساننىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەي، بەلكى ئۇنىڭغا ھېيت كۈنىدە ئېغىز ئېچىشنى مەجبۇرىي بېكىتىۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ناشتا قىلىۋېتىپ ماڭغان ۋە بىزگە بۇنى سۈننەت قىلغان(19).

قۇربان ھېيت كۈنىمۇ جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن!﴾(22/«ھەج»: 28) دېگەن ئايىتىدىكى مەلۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھارپا «ئەرەفات (ھارپا) كۈنى»مۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ كىتابىدا ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان، ئۇنى نۇرغۇن پەزىلەتلەر بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، ئاللاھ تائالا دىنىمىزنى كامالىغا يەتكۈزۈپ: ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾(5/«مائىدە»: 3) دېگەن، بىزگە نېمىتىنى تاماملىغان، ئىسلام دىنىنى بىزنىڭ دىنىمىز بولۇشقا تاللىغان، بەندىلىرىگە پەزلى مەرھەمىتىنى ياغدۇرىدىغان، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدىغان، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يېقىنلىشىدىغان، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلىرى ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان، شەيتان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى خار قىلىدىغان، مۇسۇلمانلار يېگانە بىر ئاللاھقا يېلىنىدىغان، قۇللۇق ئىزھار قىلىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈندۇر.

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، تەكبىر ئېيتىشىدۇ. ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئېھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەرەفاتقا، ئەرەفاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ. دېمەك، بۇ كۈندە يىلبويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت – ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.

ئەرەفات كۈنى، قۇربان ھېيت ۋە ئۇندىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرىنىڭ، ئومۇمەن زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئىككىلى ھېيت ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە نائىل بولىدىغان ئۇلۇغ كۈنلەردۇر. مانا بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيادىكى ھېيتلىرىدۇر.

كىشىلەر روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتنىڭ بۇقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى بىلمىگەچكە، بۇ ئىلاھىي ھېيتلارنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئۇنىڭغا ئۆز خاھىشلىرى بويىچە بايراملارنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق مەزكۇر ئۇلۇغ ئىككى ھېيتنىڭ شەنىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

«ئىسلامىيىتىمىزدە بىر ئالاھىدىلىك بار، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام رېئال ھاياتتا تەتبىقلىنىدىغان، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئېھتىياجلارغا تەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرىكەتچان دىندۇر. ئۇ باشقا پەلسەپە، ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ ئەقىدىۋىي ۋە ئەخلاقىي پائالىيەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى رەت قىلىدۇ. ئەقىدىنىڭ ساپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، سودا – سېتىق ۋە مۇئامىلىلەردە بولسا، دىن پرىنسىپلىرىغا قارشى كەلمىسىلا ئازادە يول تۇتىدۇ»(20).

ئىككى ھېيتتىكى مانا بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر مۇسۇلمان خەلقلەردە ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسىسىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە پەرقلىق كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆز پەرقىنى ساقلىغان ئاساستا مىللىي ھازارىتىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولغان. پەرقلىق كۈلتۈرلەرنىڭ ئىسلامغا زىت بولمىغان بايرام قىلىش ئادەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي بايرىمى بولۇشتەك ئەۋزەللىك بەرپا بولغان. ھالبۇكى، نورۇز مەسىلىسىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەرقانداق كىشى بۇ بايرامنى مەلۇم مىللەت ياكى يۇرتقا خاس دەپ بېكىتەلمەيدۇ. تۈركلەر، پارسلار، كۇردلار، مىسىرلىقلار… ھەممىسىدە تارىختىن بۇيان بار.

يەنە بىر جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربان ۋە روزا ھېيتتىن ئىبارەت ئىككى ھېيتنىلا تەبرىكلەشكە چاقىرغان ۋە ئىسلامىيەتتىن ئىبارەت يېڭى دىننىڭ ئەنئەنىلىرىنىلا ئۇلۇغلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسلام كۆرسەتكەن بۇ خىل تەبرىكلەشلەر ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە روھىي تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، شادلىق ۋە ھالال ئۇسۇلدا كۆڭۈل ئېچىش خۇشاللىقلىرى بىلەن تولغان. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھېيت – بايراملىرىنىڭ ئىسلام سايىسى ئاستىدا بولۇشىغا، ئويۇن – تاماشالىرىنىڭ تائەت – ئىبادەت ۋە روھىي ۋەز – نەسىھەتلەردىن خالىي بولماسلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن دىن بىلەن دۇنيا، ماددىيلىق بىلەن مەنىۋىيلىك بىر – بىرىدىن ئايرىلماي تۇرىدۇ. چۈنكى ئىسلامدا دۇنيالىقنىلا مەركەز قىلىدىغان سېكۇلارلىققا، ئاخىرەتنىلا قوغلىشىدىغان راھىبلىققا ئورۇن يوقتۇر. بەلكى ئىسلام ھەر ۋاقىت مۇۋازىنەتنى، ئادىللىقنى، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلغان ئوتتۇراھاللىق دىنىدۇر.

5. نورۇزنىڭ دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىددىئالار
بىز نورۇزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋىتى بولسۇن – بولمىسۇن چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئىسلام نەزەرىدە جاھىلىيەت بايرىمى قاتارىدا قارىلىدىغانلىقىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۇق. لېكىن، ھەر دەۋرنىڭ ئەبۇجەھىللىرى بولغىنىدەك، مەزكۇر جاھىلىيەت بايرىمىنى «مىللىي» دەپ دەۋا قىلىدىغان ھەمدە بۇنىڭ دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشى يوقلۇقىنى ئىددىئا قىلىش بىلەن مەزكۇر جاھىلىيەت بايرىمىنى ئاقلاش تەرەپدارلىرىمۇ يوق ئەمەس. بىراق ئىلىمغا سەمىمىي بولغان ھالدا ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات خۇلاسىلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئىشنىڭ ھەقىقەتىنىڭ ئۇلارنىڭ دەۋا قىلغىنىدەك ئەمەسلىكى مەلۇم بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نورۇزنىڭ تۈرلۈك مىللەتلەردىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەفسانىلەرگە چېتىشلىق تەرىپىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ ھەقتە تۈرلۈك تىللاردا يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بەك كۆپ.

ئۇيغۇرچە يېزىلغانلىرىدىن مىسالغا ئالساق، تەتقىقاتچىلاردىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (م. 1933 – 1995) نورۇزنىڭ ئېتىقادقا چېتىشلىق تەرىپىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «نورۇز — ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئەت ئىلاھچىلىقىنىڭ يالدامىسى»؛ «نورۇز زوروئاستېرىزم ئېتىقادىدىن ئىلگىرىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ 12 ئاينى ئۆكەكتىكى 12 ھايۋان ياكى نەرسە نامىدا ئاتايدىغان ۋە قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ئاسترونومىيەلىك تامغىلاردا تەكرار گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىپتىدائىي توتېمىزم تەقۋىمچىلىقىغا ئاساسلانغان»؛ «نورۇز نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا، يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زوروئاستېرىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش — تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە زوروئاستېرىزمدىن كېيىنكى ئاخرومازداغا سىغىنىش — دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى»؛ «نورۇز گەرچە يىراق ئۆتمۈشتە تەبىئەت ئىلاھچىلىقى ۋە ئاتەشپەرەستلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، داۋاملىق راۋاجلىنىش ئاساسىدا پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام خاراكتېرى ۋە تۈسىنى ئالدى»(21).

ئابدۇكېرىم راھمان (م. 1940 – 2020)، رەۋەيدۇللاھ ھەمدۇللاھ ۋە شېرىپ خۇشتار (م. 1922 –؟) قاتارلىقلار يازغان «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى» دېگەن ئەسەردە نورۇز بايرىمىنىڭ بىرقەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى قىسقىچە بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلىپ، «نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەفسانە – رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋر بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ جەزملەشتۈرۈلىدۇ(22).

تەتقىقاتچىلاردىن ئەلى غوپۇر نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن، نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەفسانە – رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قۇش، بېلىق يۇلتۇزلىرىنىڭ يوقىلىپ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي كېلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى) نى نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن»(23).

تارىخىي تەرتىپ جەھەتتىن نورۇز ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا ھىجرىيە 2 – / مىلادىيە 8 – ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئەدىب ئەبۇ ئوسمان ئەمر ئەلجاھىز (ھ. 159 – 255 / م. 781 – 869) نىڭ بايانى كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ نورۇز ھەققىدە: «خۇسرەۋ تۇنجى بولۇپ نورۇزنى پەيدا قىلغان» دەيدۇ(24).

قەدىمكى ئالىملاردىن مەشھۇر ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەلبەتتانىي (ھ. 243 – 317 / م. 858 – 929) «الزيج الصابئ (ئەززىيجۇسساﺑﯩﺌ)» ناملىق مەشھۇر كىتابىدا «پارس ئايلىرىنىڭ بىرىنچىسى ‹ماھى فەرۋەردىن›دۇر. ئۇنىڭ بىرىنچى كۈنى ‹نورۇز›دۇر» دەيدۇ(25).

پارس شائىرى ئەبۇلقاسىم ئەلفىردەۋسىي (ھ. 329 – 411 / م. 940 – 1021) مەشھۇر «شاھنامە» ناملىق ئەسىرىدە نورۇز كۈنىنى ئىران پادىشاھى جەمشىدنىڭ قۇتلۇق كۈنىنىڭ خاتىرىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ:

بىر تەخت ياسىدى ھەممە يېرى زەر،

شەۋكىتى شاھانە بېزىكى گۆھەر.

”دىۋە كۆتۈرۈپ ئۇچسۇن“ دەپ بولدى پەرمان،

تەخت كۆتۈرۈلدى، يېقىن بولدى ئاسمان.

تەخت كۆكتە پارلايدۇ، خۇددى بىر قۇياش،

پەرماندار ئولتۇرار ئۇندا سىلكىپ باش.

ھەممە جەم، ئادەملەر قارار تەختىگە،

جاھان قايىل بولدى شۆھرەت – بەختىگە.

جەمشىدكە چېچىشار ئالتۇنۇ گۆھەر،

شۇ كۈننى يېڭى يىل بايرام دېيىشەر.

ئۇلۇغلار شادلىقتا نەزمە قۇرۇشتى،

يۈزلىرىنى نەغمىگە، مەيگە بۇراشتى.

بۇ بەختىيار كۈننى شۇنىڭدىن بۇيان،

شاھلاردىن يادىكار دەپ بىلىدۇ جاھان(26).

خارەزملىك ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئەلبىيرونىي (ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048) مۇ «ئەلئاسارۇل باقىيە» ناملىق ئەسىرىدە نورۇزنىڭ مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىش سەۋەبىنى ئىران ھۆكۈمدارى تەھمۇرەس زامانىدا سابىئىيلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، جەمشىد تەختكە چىققاندىن كېيىن دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى كۈننى نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ۋە ئۇ كۈننىڭ ئۇندىن ئىلگىرىمۇ «ئۇلۇغ» دەپ قارىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانلارنى بەرگەن(27).

ئاتاقلىق ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك ئۆمەر ھەييام (ھ. 408 – 517 / م. 1048 – 1131) مۇ «نورۇزنامە»دە تۇنجى بولۇپ نورۇزنى پادىشاھ جەمشىدنىڭ بايرام قىلىپ بېكىتكەنلىكى ۋە قۇتلىغانلىقىنى، ئۇندىن كېيىنكى پادىشاھلارنىڭ ئۇنىڭ ئىزىنى باسقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ(28).

جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ۋە تارىخچى ئىبنى خەلدۇن (ھ. 732 – 808 / م. 1332 – 1406) مۇ زەردۇشت (زوروئاستېر) نىڭ ئىلگىرى مەنۇچېھر ئۆچۈرگەن ئاتەشلەرنى يېڭىدىن يېقىپ، پارسلارغا ئەتىيازدا كۈن – تۈن تەڭلەشكەندە نورۇز، كۈزدە كۈن – تۈن تەڭلەشكەندە مېھرىجاندىن ئىبارەت ئىككى بايرامنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ(29).

تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىكى يازمىلارغا قارايدىغان بولساق، قوچۇ ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىيە 850 – 1250) دە توخار تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان «مايتىرى سىمىت» (مايتىرىلارنىڭ ئۇچرىشىشى) ناملىق بۇددا دىرامىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق تىلغا ئېلىنغان: «يەنە مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ئايغا، ئارزۇ قىلغان كۈنگە، تاللانغان ياخشى پەيتكە، قۇتلۇق خەيرلىك ۋاقىتقا، قۇتلۇق قوي يىلى ژون (كەبىسە) 3 – ئاينىڭ 22 – كۈنىگە، مەن ئۈچ ئەردىنگە ئىتائەتچان، كۆڭۈللۈك ئۇپاشى چۇتاشيىگەن، تۇتۇق ئايالىم تۇزۇن بىلەن بىللە كېيىن كېلىدىغان مايتىرى بۇرخانغا ئۇچرىشايلى دەپ، بىر مايتىرى ھەيكىلىنى بېزەتتۇق (ياساتتۇق) بىر مايتىرى سىمىت نومىنىمۇ كۆچۈرتكۈزدۇق». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ئاي»، «ئارزۇ قىلغان كۈن»، يەنى 3 – ئاينىڭ 22 – كۈنى دەل نورۇز بايرىمى كۈنىدۇر(30).

باشقا تىللاردىكى تەتقىقاتلاردىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشىچە، «كۆپ ۋاقىتلاردا خاتا ھالدا قۇربان، نەۋرۇز بايراملىرى، سۈننەت مۇراسىمى قاتارلىق يىلتىزى تېخىمۇ قەدىم زامانلارغا تۇتاشقان بايراملار ۋە مۇراسىملەرمۇ ئىسلام دىنى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتلار ھەممە مۇراسىملارنىڭ قەدىمكى دىنلار بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە باشقا – باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان تۈركلەرنىڭ مۇراسىملىرى ئادەت – ئەنئەنىلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە… قەدىم تۈركلەرنىڭ تۆت ئەمەس، بەش ئۇنسۇرىدىن بىرى بولغان قۇياشقا، ئۇنىڭ زېمىندىكى سىمۋولى بولمىش ئوتقا بولغان ھۆرمىتى كۈنىمىزدە پۈتۈن تۈركلەرنىڭ مۇراسىملىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن يىللار ئەزەربەيجاندىكى مۇراسىملەردىكى ئوتقا، ئوچاققا چېتىشلىق ئادەتلەر زەردۇشتلۇق (زوروئاستېرلىق) قا ۋە ئاتەشپەرەسلىككە چېتىلاتتى. لېكىن، تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردە ئېتىقاد قىلىنغان شامانىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت ۋە ئادەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ قاراشنىڭ خاتالىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. گۈلخان يېقىلغان يەردە ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاش، يەنە كېلىپ: ‹ئاغرىقنى، ئازارنى ۋە بالا – قازانى ئوتقا تۆكۈۋېتىش› ئوتنى مۇقەددەس بىلىدىغان بىر يەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ مۇراسىم ئوتنىڭ پاكلىغۇچى، ساپلاشتۇرغۇچى، ساغلاملاشتۇرغۇچى ۋە پاكىزلىغۇچى ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىشقا، يەنى شامان ئېتىقادىدىكى ئوت بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. ھېچ تاسادىپىيلىق ئەمەسكى، بەزى تۈركمەن بويلىرى ئۇنى: ‹شامان ئوتى› دەپ ئاتايدۇ»(31).

تۈرك تەتقىقاتچىلاردىن گۈللۈيول ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: «نورۇزنىڭ يارىتىلىش، ئاپىرىدە بولۇش، يېڭىدىن تۇغۇلۇش ۋە تەبىئەتنىڭ جانلاندۇرۇش كۈچىگە ئېتىقاد قىلىشقا چېتىشلىق تەرىپى بار. نورۇز ئوتىدىن ئاتلاش گۇناھلاردىن پاكلىنىشتۇر. ئوت ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ. تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشى ئوت بىلەن تەبرىكلىنىدۇ»(32).

رۇسچە يېزىلغان بەزى تەتقىقاتلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەفسانىلەرگە كۆرە بۇ بايرام ئەڭ دەسلەپ قېتىم ئىران ھۆكۈمدارى جەمشىد تەرىپىدىن كېچە – بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەندە قۇتلانغان… ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى نورۇز بايرىمىنىڭ تېخىمۇ ئىبتىدائىي بۇتپەرەس مەدەنىيەتلەردىن كېلىپ چىققان دېگەن ئېھتىماللىقنى ئىسپاتلايدۇ»(33).

دېمەك، نورۇز نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، بەلكى دىنىي ئېتىقادقا باغلانغان بىر بايرامدۇر.

ھاجى ياقۇپ يۈسۈپىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى زاماندىكى تەتقىقاتچىلاردىن بايرام ئەلى بەيوفمۇ نورۇزنى ئاتەشپەرەستلىكنىڭ مەنبەسى بولغان زەردۇشتلۇققا باغلىسا، ئابدۇللاھ شائىق خاتىرىلىرىدە نورۇز بايرىمىنىڭ ئاتەشپەرەستلەر ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يازىدۇ(34).

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شامان، مانىي، زوروئاستېرىزم، نەستۇريانزم(35) ۋە بۇددا دىنلىرىغا، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، بۇ دىنلار ئىسلامنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە دىنامىكىلىقى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان ۋە ئىسلام كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرىدا ئاساسىي ئامىل بولۇپ كەلگەن. پەقەتلا كونا دىنلارنىڭ بەزىبىر غۇۋا ئىزنالىرى مەدەنىيەت ھادىسەسى سۈپىتىدە بايرام ۋە ئەنئەنىۋى مۇراسىملاردا ساقلىنىپ قالغان.

مەيلى قانداق بولسۇن، شەرئىي ھۆكۈم جەھەتتىن نورۇزنى تەبرىكلەشنىڭ دىنىمىزدا چەكلىنىشىدە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئېنىق ئىپادىلەپ چەكلىگىنى ئاساستۇر. چۈنكى، دىنىي ھۆكۈم «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تىن ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا باشقا ھەرتۈرلۈك تەھلىل ۋە مۇلاھىزىلەر ياكى بىرەر ئالىمنىڭ نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن بىرەر ئىشنى قىلىشى ياكى بىرەر شائىرنىڭ نورۇز ھەققىدە شېئىر – قوشاق يېزىشى ياكى نورۇزنى تىلغا ئېلىشى ياكى مەلۇم يۇرتنىڭ ياكى مىللەتنىڭ نورۇزنى بىر مۇددەت تەبرىكلەپ ئەنئەنە سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشى بۇ ھۆكۈمگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.

6. نورۇز كۈنى «قۇتلۇق ۋە خاسىيەتلىك» كۈن ئىكەنلىك ئىددىئاسى
يازغۇچىلىرىمىزدىن ئىمىن تۇرسۇن (م. 1924 – 2011) مۇ بۇ كۈننىڭ قەدىمدىن قۇتلۇق كۈن دەپ قارىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: «ئاغۇنلىرىمىزدىن تارتىپ بوغۇنلىرىمىزغىچە بۇ كۈن قۇتلۇق كۈن سانىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەركىم ياخشى، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرىمۇ تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنىمۇ رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچىسى بويىچە، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق (ساۋاب) نېسىپ بولىدۇ، دەپ بىلەتتى»(36).

تەتقىقاتچىلاردىن ئەلى غوپۇر: «ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك بايرام دەپ قارىغاچقا، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ دەپ بىلەتتى» دەيدۇ(37).

نورۇزنىڭ خاسىيەتلىك، بەرىكەتلىك ۋە قۇتلۇق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن يازغۇچىلاردىن پروفېسسور ئېرمان ئارتۇن مۇنداق دەيدۇ: «نورۇزدىكى ئوت مۇراسىمى كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەردە يورۇقلۇق، پاكلىنىش، تازىلىنىش، بەرىكەت ۋە موللۇقنىڭ سىمۋولىدۇر»(38).

نورۇزدا ھەقىقەتەن بەرىكەت بارمۇ؟ «بەرىكەت» ئىمام راغىب ئەلئەسفەھانىي (ھ. ؟ – 502 / م. 1108) تەرىپلىگەندەك، بىر شەيئىدە ئىلاھىي خەيرلىكنىڭ بار بولۇشىدۇر(39).

بۇ خەيرلىك بار بولغان نەرسە «مۇبارەك» بولىدۇ. «تەبرىكلەش» بولسا بەرىكەت تىلەش دېمەكتۇر. «بارەكەللاھ»: ئاللاھ ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن دېگەنلىك بولىدۇ. «تەبەررۈك (تەۋەررۈك)»: خەيرلىك ۋە ئەجىرنىڭ زىيادە بولۇشىنى يەنى بەرىكەتنى تىلەشتۇر. بۇ بەرىكەت رىزق ۋە ھىدايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئاللاھتىن كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەقىدەدۇر. ھەدىس شەرىفتىمۇ: «بەرىكەت ئاللاھتىن» دېيىلگەن(40).

ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن قەدر كېچىسىدەك بەزى ۋاقىتلار، ئىككى ھەرەمدەك بەزى جايلار، ھەتتا پەيغەمبەرلەردەك بەزى ئىنسانلار مۇبارەك بولىدۇ. ئۇنداقتا نورۇز كۈنىدىكى بەرىكەت ۋە خاسىيەتنىڭ ئىسپاتى قېنى؟

7. «تارىختىن بۇيان تۈركىستان ئۆلىمالىرى نورۇز تەبرىكلىگەن» دېگەن ئىددىئا
بەزىلەر: «قاراخانىيلەر ۋە سەئىدىيە زامانىدا، شۇنداقلا تا بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر ئۆلىمالار يىغىلىشىپ نورۇز تەبرىكلىگەن» دەپ داۋا قىلىشىدۇ، شۇ جۈملىدىن مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىب، رەبغۇزى، نەۋائىي ۋە مۇھەممەد سادىق كاشغەرىيلەرنى مىسالغا ئېلىشىدۇ.

ۋەھالەنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھېچبىرى نورۇزنى تەبرىكلىگەن ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ ئىددىئا مەزكۇر ئالىملارغا قىلىنغان تۆھمەتلا بولۇپ قالماي، ئىلمىي ئىزدىنىشتىن بىنەسىب مەدداھ مىجەز كىشىلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان سۆزلىرىدىندۇر. چۈنكى، بىر – بىرلەپ تەكشۈرگىنىمىزدە، ئەھۋال ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، دەل قارىمۇقارشىچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ھەقىقەت شۇكى، نورۇز بايرىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھر ئۆلىمالىرى تارىختىن بۇيان چەكلەپ كەلگەندىن سىرت، يۇرتتىكى ھازىرقى زامان مۆتىۋەر ئالىملىرىمىزمۇ بۇنى چەكلەشتە بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭ بايانى مۇنداق:

ئاناتولىيەدىن كاشغەرگىچە، قاھىرەدىن ئىراققىچە، ئىراندىن ھىندىستانغىچە، تۈرك، ئەرەب ۋە ئەجەم خەلقلەردىن ھەنەفىي، شافىئىي، ھەنبەلىي، مالىكىي ئالىملار، جۈملىدىن تۈركىستاننىڭ شەرقى ۋە غەربىدە يېتىشكەن ئۆلىمالار نورۇز قۇتلاشنى توغرا كۆرگەن ئەمەس. بولۇپمۇ، بۇخارا ۋە سەمەرقەند ئالىملىرى نورۇزنى چەكلەپلا قالماي، بۇخارالىق ھەدىسشۇناس فەقىھلەر نەزەرىدە نورۇز «بىدئەت»، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېغىرراق ھۆكۈمگە بۇيرۇلغان.

مەسىلەن، بۇخارالىق ئىمام ئەبۇ ھەفس ئەلبۇخارىي نوروز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا بىر كىشى ئاللاھقا ئەللىك يىل ئىبادەت قىلىپ، كېيىن نورۇزنى تەبرىكلەپ بىر مۇشرىككە بىر تۇخۇم سوۋغا قىلسا، كاپىر بولىدۇ. قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ»(41). بۇ ئېغىر ھۆكۈم ئېتىقاد قىلىپ تەبرىكلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى نورۇزنى تەبرىكلەشكە «ھارام» دېگەن ھۆكۈمنى بېرىشكەن.

دىننىڭ ئىپتىخارى ئەبۇلمەھاسىن ھەسەن ئىبنى مەنسۇر ئىبنى مەھمۇد ئەلئۆزكەندىي ئەلفەرغانىي ھەزرەتلىرى (ئۆ. ھ. 592 / م. 1196)(42) مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى باشقا چاغلاردا سېتىۋالمىغان بىر نەرسىنى نورۇز كۈنى دەپ سېتىۋالسا ياكى ئۇ كۈننى كاپىرلار تەبرىكلىگەندەك تەبرىكلەپ باشقىلارغا سوۋغات بەرسە، كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. تەبرىكلىمەستىن سەيلى – ساياھەت ياكى سوۋغاتلىشىش مەقسىتىدە ئادەتتىكىدەك سېتىۋالسا، كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىش جەھەتتىن مەكروھ بولىدۇ. بۇ كۈندە ئۇ كۈندىن بۇرۇن ياكى كېيىن قىلمايدىغان بىر ئىشنى قىلماسلىقى، بۇنىڭدىن ساقلىنىشى لازىم»(43).

تونۇلغان زاھىد، ھەنەفىي ئالىم شەيخ ئىمام ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد ئىبنى ۋەلىد ئەسسەمەرقەندىي ئەلھەنەفىي (ئۆ. ھ. 450 / م. 1058 – يىلىدىن كېيىن) «ئەلجامىئۇل ئەسغەر» دېگەن كىتابىدا يۇقىرىقىغا ئوخشاش دېگەن(44).

تۈركىستان ئۆلىمالىرىدىن كاسان ياكى كاشانلىق ئىمام ئەلائۇددىن ئەبۇبەكرى ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي ھەزرەتلىرى (ئۆ. ھ. 587 / م. 1191) نورۇز كۈنىگە ئۇدۇللاپ روزا تۇتۇشنى يامان كۆرگەن(45).

شەمسۇل ئەئىممە ئىمام سەرەخسىي (ئۆ. ھ. 483 / م. 1090) بىلەن ئىمام بۇرھانۇددىن مەرغىينانىي (ھ. 530 – 593 / م. 1135 – 1197) لار سودىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «نورۇز ياكى مېھرىجان كۈنلىرى (شۇنداقلا خرىستىيانلارنىڭ روزا تۇتۇش ۋاقتىغا ياكى يەھۇدىيلەرنىڭ بايرىمى) دە تاپشۇرىدىغانغا سودىلاشسا سودىسى ناتوغرا بولىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلار ئادەتتە ئۇ ۋاقىتلارنى بىلىپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، بۇ مۇسۇلمانلار بېكىتىدىغان مۇددەت ئەمەس، ئىككى تەرەپ بىلسە سودا جائىز بولىدۇ». بۇنى ئىلگىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىيمۇ دېگەن(46). بۇ شۇ چاغلاردا ئۇ دىيارلاردىكى ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇز ياكى مېھرىجان ۋاقتىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاناتولىيە تۈركلىرىدىن چىققان ئالىم، ئىستانبۇل قازىسى، شەيخۇلئىسلام خوجا ئابدۇرراھمان ئەپەندىنىڭ كۈيئوغلى، شەيخزادە ئابدۇرراھمان (داماد ئەفەندى، ئۆ. ھ. 1078 / م. 1667) مۇنداق دەيدۇ: «نورۇز ۋە مېھرىجان مۇناسىۋىتى بىلەن ھەدىيە بېرىش جائىز بولمايدۇ. بۇ ئىككى كۈن مۇناسىۋىتىدە ھەدىيە بېرىش ھارامدۇر. بەلكى تېخى شۇ كۈننى ئۇلۇغلاش نىيىتىدە بەرسە كۇپۇردۇر»(47). ئەنقەرەلىك مۇھەممەد ئەمىن ئەفەندى (ئۆ. ھ. 1098 / م. 1687) پەتۋالىرىدىمۇ شۇنداق دېيىلگەن(48).

ھىندىستان ئالىملىرىغا كەلسەك، بۈيۈك پادىشاھ ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر (ھ. 1028 – 1118 / م. 1619 – 1707) نىڭ پەرمانى بىلەن ئۆلىمالار ھەيئىتى تۈزۈپ چىققان «فەتەۋائى ھىندى (ھىندىستان پەتۋالار مەجمۇئەسى)»دە مۇنداق كەلگەن: «ئاتەشپەرەسلەرنىڭ نورۇزىغا قاتنىشىش ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ماسلىشىش كۇپۇردۇر. كۆپىنچە بۇ ئىشلارنى ئۇلاردىن يېڭى مۇسۇلمان بولغانلىرى قىلىدۇ. ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ تەبرىكلەپ تۇيماستىن كاپىر بولۇپ كېتىدۇ»(49).

«سۇلتان ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر ھىندىستاننى ئىسلام دىيارى دەپ قاراپ، مىلادىيە كالېندارى ئورنىغا ھىجرىيە كالېندارىنى يولغا قويدى. ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، ھىندىستاندا نورۇزغا ئوخشاش بۇتپەرەسلىك بايراملىرىنى، قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سۈننەتنى ئەھيا قىلىپ، ئىسلام بايرىقىنى كەڭ تېررېتورىيەدە لەپىلدەتتى»(50).

ھىندىستان ئالىملىرىدىن يەنە فەخرۇددىن ئالىم ئىبنى ئەلائۇددىن ئەلئېندەرپېتىي ئەلھىندىي (ئۆ. ھ. 787 / م. 1385) نىڭ پادىشاھ فەيرۇز شاھ تۇغلۇق (ھ. 708 – 790 / م. 1309 – 1388) نىڭ ۋەزىرى ئەئزەم تاتارخاننىڭ تەكلىپى بىلەن ھ. 767 / م. 1365- يىلى قەلەمگە ئېلىپ، ۋەزىر تاتارخانغا نىسبەت بەرگەن «تاتارخان پەتۋالىرى»دىمۇ «ئاتەشپەرەسلەرنىڭ نورۇز بايرىمىغا ئۇلار بىلەن بىللە قاتنىشىپ، بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزسە ئۇزى تۇيماستىن كافىر بولۇپ كېتىدۇ» دېيىلگەن(51).

يۇقىرىقى ئىككى كىتاب ھىندىستاندا ئەسىرلەپ ھۆكۈم سۈرگەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ قانۇن كىتابلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقى نەقىللەر پۈتۈن تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئۆلىمالارنىڭ فىقھىي ئەسەرلىرىدىن بىرقىسىم نەقىللەردۇر. ھەنەفىي مۇسۇلمانلاردىن بولمىش شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىمۇ ئەلبەتتە ئاشۇ كىتابلاردىكى ئەھكاملاردىن باشقىچە قاراشتا بولمىغان.

8. باشقا مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ نورۇز ھەققىدىكى بايانلىرى
مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: «نورۇز قىبتىي يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، ئۇ كۈندە ئويۇن – تاماشا قىلىش گۇۋاھلىق بېرىش سالاھىيىتىنى يوقىتىدىغان بولۇپ، ئۇ جاھىلىيەتنىڭ ۋە خرىستىيانلارنىڭ قىلىقلىرىدىندۇر. بەزى يۇرتلاردا ساياق كىشىلەردىن سادىر بولىدۇ»(52).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە نورۇزغا ئوخشىغان بايراملار ھەققىدە: «مۇسۇلمان بۇ خىل بايراملارنىڭ دىندا ئاساسى يوقلۇقىنى بىلىشى لازىم. دىندا ئەسلى يوق بولىدىكەن، بەزىلەر ئۇنى ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان بولۇشى ياكى ئۇنى كاپىرلاردىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ ئەقەللى تەقدىردە، بىدئەتلەر قاتارىدىن بولىدۇ. پارسلارنىڭ نورۇز، مېھرىجان بايراملىرى، يەھۇدىيلەرنىڭ ۋە باشقا ئەرەب – ئەجەم ۋە ئەئرابىيلەردىن ئىبارەت تۈرلۈك كاپىر مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنىڭ ھۆكمى شۇنداق» دېگەن(53).

تابىئىنلەردىن ھەسەن بەسرىي: «بالىلارنىڭ مۇئەللىملىرىگە نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ھەدىيە بېرىشى يامان كۆرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇئەللىمگە ئىككى ھېيتتا، رامازاندا ۋە سەپەردىن كەلگەندە ھەدىيە بېرىشەتتى» دېگەن(54).

ئەندەلۇسلۇق ئىمام ئەبۇلۋەلىد ئىبنى رۇشد ئەلقۇرتۇبىي (ھ. 450 – 520 / م. 1058 – 1126) مۇئەللىملەرگە نورۇز ۋە مېھرىجان مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتلىق بېرىشنى يامان كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھېيتلاردا مۇئەللىملەرگە ھەدىيە تەقدىم قىلىش مۇستەھەپ، خرىستىيانلارنىڭ نورۇز، مېھرىجاندەك ھېيتلىرىدا مەكروھ بولغاچقا، ئۇنى قىلغانلارغا جائىز بولمايدۇ، قوبۇل قىلغانلارغا ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ شىركنى ئۇلۇغلىغانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ»(55).

روزا تۇتۇش مەسىلىسىدىمۇ ئالىملىرىمىز شەنبە ياكى جۈمە كۈننى ئايرىم روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىۋېلىشنى چەكلىگەن ھەدىسلەرگە قاراپ نورۇز ۋە مېھرىجان كۈنلىرىدە ئايرىم روزا تۇتۇشنى يامان كۆرگەن. ئەگەر روزا تۇتۇۋېتىپ شۇ كۈنگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا مەيلى دېگەن. چۈنكى، نورۇز بىلەن مېھرىجان كۈنلىرى پارسلار ۋە كاپىرلار ئۇلۇغلايدىغان ئىككى بايرام بولغاچقا، ئۇ كۈنلەردە ئەتەي روزا تۇتۇش شەنبە كۈنگە ئوخشاش ئۇ كۈنلەرنى پارسلارغا ئوخشاش ئۇلۇغلىغاندەك بولۇپ، ئۇ بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇلۇغلاشتىن چەكلەنگەن كۈننى ئۇلۇغلىغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا قىياسەن كاپىرلارنىڭ ھەرقانداق بايرىمى ياكى ئۇلۇغلايدىغان كۈنى ئوخشاش(56).

9. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان شەرقىي تۈركىستان ئالىملىرىنىڭ نورۇزنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى مەۋقەسى
يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشىغا كەلسەك، ھازىرغا قەدەر ئۇلاردىن بىرەرسىدىن نورۇزنى تەبرىكلەشنى جائىز دەپ پەتۋا بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار نورۇز تەبرىكلەشنى بىدئەت ۋە ھارام دەپ كەلگەندۇر. تەجەللى ھەزرىتىم (م. 1856 – 1927)، ئابدۇقادىر داموللام (م. 1870 – 1924)، سابىت داموللام (م. 1883 – 1941) ياكى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم (م. 1925 – 1993) ۋەياكى باشقا ئالىملىرىمىزنىڭ بىرەرسىنىڭ «نورۇزنى تەبرىكلەش جائىز» دېگەن پەتۋاسى يوق.

مۇھەممەد سالىھ داموللام (1939 – ؟) 2009 – يىلى «مېراج ئاشخانىسى»دا نورۇز تەبرىكلەشكە قاتنىشىپ قالغان بولۇپ، 2010 – يىلى نورۇز ھارپىسى كۈنى ۋەتىنىمىزنىڭ بىرقانچە شەھەردىن كەلگەن ئۆلىمالار يىغىلىپ مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ھۇزۇرىغا ئىككى كىشىنى كىرگۈزۈپ ئۇ توغرىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۇ سورۇنغا ئۆزرىلىك بارغانلىقىنى، نورۇزنى دىنىي نۇقتىدىن بىدئەت دېيىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە سۆھبەتكە كىرگەن نىياز داموللام بوستانىي بىلەن ئابدۇسەبۇر ھاجىم خوتەنىي ئىككىيلەنگە ئېنىق قىلىپ: «ئەتىكى نورزۇغا بارمايمەن، باشقا ئەھلى ئىلىملەرگىمۇ ئۆزرەمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار! قىيامەتتە ھەرقايسىڭلار ماڭا شاھىت بولۇڭلار! مەن نورۇزغا بولغان بۇرۇنقى قارىشىمدىن ياندىم» دېگەن(57).

2009  – يىلى نورۇزنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمىنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالەتتە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، داموللام 1993 – يىلى نەشر قىلغان «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت» دېگەن ئەسەرىدە نورۇزنى: «پارس خەلقىنىڭ يېڭى يىلى» دەپ ئىزاھلىغان(58). بۇمۇ داموللامنىڭ مەزكۇر بايرامنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرىمى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئىسلامىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

10. نورۇز تەبرىكلەشتە ئالىملىرىمىزغا قىلىنغان تۆھمەتلەردىن مىساللار
پۈتۈن تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، ۋەتىنىمىزدە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (ئۆ. ھ. 344 / م. 955) دەۋرىدە چېچىلغان ئىسلام ئۇرۇقى بىخ سۈرۈپ، كېيىنكى خانلار دەۋرىدە جۇش ئۇرۇپ ياشناپ، قارا قىتان، موڭغۇل قىرغىنلىرىغا تىز پۈكمەي، ئەكسىچە ئۇزۇنغا قالماي چاغاتاي ئەۋلادلىرىنى ئىسلامنىڭ سەردارىغا ئايلاندۇرغان ئەقىدىسى ساپ ئەجدادلىرىمىز ئۇندىن كېيىنمۇ نە ياركەند خانلىقى دەۋرىدە، نە جۇڭغار، مانجۇ ئىستىبدادى دەۋرىدە، نە كاشغەرىيە دۆلىتى زامانىدا ۋە نە 60 يىللىق مانجۇ – مىنگو ئىستىبدادى دەۋرىدىن كېيىنكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان (ئىسلام) جۇمھۇرىيەتلىرىگە قەدەر «نورۇز بايرىمى»نىڭ ئۆلىمالارنىڭ پەتۋاسى بىلەن تەبرىكلىنىپ كەلگەنلىكىگە بىرەر ئىسپات تېپىلغىنى يوق.

«دىيارىمىز ئالىملىرى نورۇزنى تەبرىكلەيتتى» دەپ باققانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزلىرى نەقىل قىلغان شۇ مەلۇماتلارنى بىرەر ئالىمنىڭ فىقھ ئەسىرىدىن ياكى تەپسىر – ھەدىس كىتابلىرىدىن فىقھىي ھۆكۈمگە ئالاقىدار بىرەر مۆتىۋەر رىسالىدىن كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بەلكى، بىرەر دىۋان، بىرەر شېئىر ۋە باشقا ئەسەرلەردىن «نورۇز» كەلىمەسى ئۇچراپ قالسىلا، بۇنى ئەلمىساقتىن بېرى بار ئۇدۇم، ھەتتا «ئاللاھنىڭ ھۆكمى» دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. بۇ خۇددى روماندىن تارىخ نەقىل قىلغاندەك، ئەدەبىي ئەسەردىن فىزىكا قانۇنىيىتى ياكى ماتېماتىكا تېئورمىلىرىنى ئالغاندەك بىر ئىلمىي خاتالىق. مەسىلە نورۇزنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمىدە بولىدىكەن، چوقۇم بۇنى شۇ كەسپتىكى مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئېنىق ھۆكۈمگە ئالاقىدار بايانلارنى نەقىل قىلىپ ئىسپاتلاش لازىم.

يەنە بىر يازغۇچى «مەھمۇد كاشغەرىي (ھ. 398 – 498 / م. 1008 – 1105) ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسىرىدە ‹يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئاينى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دېيىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز – جاھان بەخت – سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خوشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر – بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىيلەرچە خوشاللىقىنى نامايەن قىلىدۇ› دەپ يازغان» دەيدۇ ۋە بۇ نەقىلنىڭ مەنبەسىنى مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1 – توم 452 – بەت، دەپ كۆرسىتىدۇ(59). بۇ مەزمۇننى «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» فېيسبوك سەھىپىسىدە 2019 – يىلى، 21 – مارتتىكى «نورۇز بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن» ناملىق تەبرىكنامە سۆزىدىمۇ ئەينەن تەكرارلايدۇ. مانا بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق ۋە ئېنىق تۆھمەتتۇر.

چۈنكى، مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1 – توم 452 – بەتتە بايان قىلغىنى مۇنداق: «تۈركلەردە ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ئېتى يوق. چۈنكى، ‹ھەپتە› دېگەن ئۇقۇم ئىسلامدىن كېيىن مەلۇم بولدى. ئايلارنىڭ ئىسمىغا كەلسەك، شەھەرلەردە ئەرەبچە ئاي ئىسىملىرى قوللىنىلىدۇ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلۈپ، ھەر ئۈچ ئاينى بىر نام بىلەن ئاتايدۇ. يىلنىڭ ئۆتۈشىنى شۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. مەسىلەن، نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ‹ئوغلاق ئاي› دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى ‹ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي› دەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى ‹ئۇلۇغ ئاي› دەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئاي يازنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، بۇ چاغدا يەر يۈزى تۈرلۈك نېمەتلەرگە تولۇپ مال – ۋارانلار سەمىرىيدۇ، سۈت كۆپىيىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش. كۆپ ئىشلىتىلمىگەچكە، قالغان ئاي ئىسىملىرىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزۈڭ بىلىۋال».

ئالىم ئۆز دەۋرىدە مەزكۇر «دىۋان»نى ئەرەبچە قەلەمگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرىقىسى دىيارىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدۇر. 20 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە چاپ قىلىنغان ئەرەبچە نۇسخىسىدا كەلگەن مەزمۇننى سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق مۇنداق چىقىدۇ: «تۈركلەردە يەتتە كۈننىڭ ئىسمى يوق، چۈنكى ‹ھەپتە› ئىسلامدىن كېيىن بىلىنگەن. شۇنىڭدەك، شەھەرلەردە ئايلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە ئاتىلىدۇ. كۆچمەنلەر ۋە نادان كاپىرلار ئۇنى تۆت مەۋسۈم بويىچە ئاتايدۇ. ھەر ئۈچ ئايغا تەڭ زاماننىڭ بىر ئىسمى بار. ئۇنىڭ بىلەن بىر يىلنىڭ ئۆتكەنلىكى بىلىنىدۇ. نەۋرۇزدىن كېيىنكى باھارنىڭ باشلىنىشىغا ‹ئوغلاق ئاي› دېيىلگىنىگە ئوخشاش، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئۇلۇغ ئوغلاق ئايدۇر. چۈنكى، ئىككىنچى ئايدا ئۇ ئوغلاق چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئۇلۇغ ئاي، يەنى بۈيۈك ئايدۇر. چۈنكى، بۇ يازنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر. (بۇ مەزگىلدە) سۈتلەر كۆپىيىدۇ، پۈتكۈل ھايۋانلاردىن ۋە يەردىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلار كۆپىيىدۇ. باشقا ئايلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. بىلگىنكى، بەك ئاز ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بايان قىلمايمەن»(60).

«دىۋان»دىن بىۋاسىتە ئالغان بۇ نەقىل بىلەن يۇقىرىقىدەك ئىلمىي قويمىچىلىق بىلەن ئالغان «نەقىل» ئوتتۇرىدىكى پەرق ۋە بۇرمىلاش مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي «كۆچمەن ۋە نادان كاپىرلارنىڭ» ئايلارنى ئاتاش ئادىتى ۋە ئېتىقادىنى بايان قىلغان. ئەمما، كاشغەر قاتارلىق شەھەرلەردە بولسا ئىسلامىيەت قوبۇل قىلىنىپ، ئايلارنىڭ ئىسمى ئەرەبچە ئاتالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. تىپىك ئىسلام ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان»ىدا: «راھمان ۋە رەھىم ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ياردەم ئۇ زاتتىنلا بولىدۇ. جىمى ھەمدۇسانالار يارىتىشى گۈزەل، پەزل – مەرھەمەتى كاتتا ئاللاھقا بولسۇنكى، ئۇ جىبرىلنى ئېنىق بايان قىلىش ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھەممەدكە چۈشۈرۈلگەن كىتابنى ئەۋەتكەندۇر. ئۇنىڭدا ھالال – ھارامنى بايان قىلغاندۇركى، ئۇ پەيغەمبەر توغرا يولدا مېڭىپ، سىھھەتتە ئەڭ ئېغىر كېسەل، ئىپادىلەشتە ئەڭ گاچا بىر چاغدا ماياك ۋە پاكىتنى تىكلىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋە خەيرلىك خوجىلار بولغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇد – سالاملار يوللىغاي!»(61) دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھالال ۋە ھارام ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بايان قىلغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۇ زاتنىڭمۇ يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ئالىملار بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇنداق بىر يېتۈك ئالىم قانداقسىگە پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە، تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرىنىڭ فىقھىي يەكۈنلىرىگە خىلاپ ئىش قىلسۇن؟!

يەنە بەزىلەر «يۈسۈپ خاس ھاجىب (ھ. 409 – 477 / م. 1019 – 1085) ‹قۇتادغۇبىلىك›تە ‹نورۇز›نى تىلغا ئالغان… » دەيدۇ. «قۇتادغۇبىلىك»تە نورۇز تەبرىكلەش توغرىسىدا ياكى «تەبرىكلىسە بولىدۇ» دېگەن گەپمۇ يوق. پەقەتلا بىر دەۋرنى باھارغا ئوخشاتقان مەجازىي سۆز بار. ئەگەر باشقا بار بولسا، تاپالىغانلار كەلتۈرگەي. ئىسپاتلىيالمىسا تۆھمەتتۇر.

يەنە بەزىلەر «نەسىرىددىن رابغۇزى (ئۆ. ھ. 710 / م. 1310 – يىلدىن كېيىن) «قىسسەسۇل ئەنبىياﺋ»دا نورۇز ھەققىدە مۇنداق دېگەن، ئەمىر نەۋايى (ھ. 844 – 906 / م. 1441 – 1501) ئۇنداق دېگەن» دېيىشلىرى مۇمكىن. ھالبۇكى، رابغۇزى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى، زەلىلى ۋە نەۋايى قاتارلىق ئالىملار دەۋرىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى بولۇش بىلەن بىرگە كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتقا ئالاقىدار ئەسەرلىرىدىن فىقھىي ھۆكۈم ئېلىنمايدۇ.

ئۇ ئەسىرلەردىكى شائىرلار ئاساسەن نورۇزنى مەدھىيەلەپ شېئىر يېزىشتا پارس مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا، رابغوزى، لۇتفى، ئەتايى ۋە نەۋايى قاتارلىق شائىرلار نورۇز كۈنىنى مەدھىيەلەپ، تەسۋىرلەپ، مۇھەببەتنامە، غەزەل ۋە لېرىك ھەم ئېپىك قوشاق – شېئىرلارنى يازىدۇ. لېكىن، بۇ نورۇزنى تەبرىكلەش جائىز دېگەن ھۆكۈمنى بەرمەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ نورۇزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ كونكېرت قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، شائىر – ئەدىبلەردىن مىر ئەلىشىر نەۋايىمۇ ئۆزىنىڭ «تارىخۇ مۇلۇكىل ئەجەم» ناملىق ئەسىرىدە نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بۈيۈك ئېھتىمال بىلەن «شاھنامە»دىن ئىقتىباس ئېلىپ پادىشاھ جەمشىدكە باغلايدۇ ۋە جەمشىد زامانىدىكى نورۇزنى بايرىمىنى بايان قىلىدۇ(62).

يەنە بەزى يازغۇچىلار: «مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي (م. 1740 – 1849) يازغان ‹تەزكىرەئى ئەزىزان›دا مۇنداق دېيىلگەن: ‹بۈگۈن نورۇز بايرىمى، ئۆيۈمدە زىياپەت ھازىرلىدىم ئۆزلىرى قەدەم تەشرىپ قىلالا›» دەپ يازىدۇ(63). بۇمۇ ئەھكام ئىسپاتلاشقا يارىمايدىغان نەقىل. چۈنكى، ئۇ سۆزنى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ياكى باشقا بىرەر ئالىم دېگەن ئەمەس، بەلكى سەئىدىيە خانىغا سۇيىقەست پىلانلىغان بىر خائىن مۇناپىق فەتاجى غازىبەكنىڭ دېگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

«تەزكىرەئى ئەزىزان»دا نەۋرۇزنىڭ تىلغا ئېلىنىشى مۇنداق:

«قالماقلار كاشغەر ۋە ياركەندتىكى خوجە ئاۋلادلىرى پادىشاھلارنىڭ قالماقلاردىن يۈز ئۆرۈپ مۇستەقىل مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش نىيىتىنى پەملەپ 300 كىشىلىك سەركەردە بىلەن كاشغەر ۋە ياركەندكە ئەۋەتىدۇ. بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇسۇلمان پادىشاھلارنىڭ نىيىتى قالماقلاردىن يۈز ئۆرۈپ مۇستەقىل بولۇش بولسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئىدى.

قالماقلار ئەلچىسى كاشغەرگە بارغاندا خاجە يۈسۈف سەگەكلىك بىلەن ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇلار ياركەندكە بارغاندا ھەزرىتى خاجەم پادىشاھنىڭ مۇستەقىل بولۇش نىيىتىنى سېزىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى پىلانلىدى. قالماققا غالچىلىق قىلغان مۇناپىقلاردىن بىرى بولغان فەتاجى غازىبەك قالماق ئەلچىسىگە مەسلىھەت بېرىپ: پادىشاھقا ئوردىسىدا قول سېلىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سىلە بىزنىڭ ئۆيدە ئاغرىپ يېتىپ قالغان بولسىلا، پادىشاھ سىلىنى كۆرگىلى كەلگەندە قول سالىمىز دەپ سۇيىقەست پىلانلايدۇ ۋە پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ: «تەقسىر پادىشاھىم! بۈگۈن بېرىپ مېنىڭ كۈلبەخانەمدە سورۇن تۈزسەلەر. ئەلچى كاپىر قاتتىق كېسەلگە گىرىفتار بولۇپدۇر. ئەلامەتىدىن ئۆلگۈدەك نىشانە بىلگۈرەدۇر. ‹تۆرەنىڭ يارلىغى بار ئىدى، ئېيتۇر ئىدىم، تامغەسى بار ئىدى، كۆرسەتۇر ئىدىم. ئۆلۈپ كېتىپ بارادۇرمەن› دەپ ئىزتىراپ قىلادۇر. يەنە بىر ھېساب بىلە نورۇز كۈنىدۇر. مەركەب جابدۇپ ئىدىم نە بولغايكى بۇ كۈننى ئاندە ئۆتكەزسەلەر» دەپ بىسيار مەئقۇل كۆرسەتىپ تەكلىف ئەتتى. ھەزرەتى خاجەم بارماققە ۋەدە بەردىلەر. ئەمما، بۇ غازى توڭگۇز چىققاندىن كېيىن، پادىشاھزادەلەر، ئوردا ئۇلۇغلىرى جەمئى بولۇپ، بارۇرنى مەنئى قىلدىلەر»(64).

ئۇ ئەسەردە نە سەئىدىيە خانلىقىدا ئۆلىمالارنىڭ نورۇز قۇتلىغانلىقى، نە ئومۇم خەلقنىڭ قۇتلىغانلىقى ھەققىدە ھېچ بىر بايان يوق. يەنە كېلىپ مۇھەممەد سادىققا ئوخشاش دەۋرىنىڭ سەرەخسىيسى، سەمەرقەندىيسى كەبى نادىر فەقىھى، ئىجتىھادلىق ئۆلىماسىنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ ئورتاق ئىجماسى دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان بىر مەسىلىدە، ھەممىگە خىلاپ ھالدا نورۇزنى تەبىرىكلەشنى جائىز سانىغانلىقىمۇ ئەقىلغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. «تەزكىرەئى ئەزىزان»دا شۇنداق ھادىسىنى بايان قىلدى دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى بىر بايان ياكى ۋەقەنى بايان قىلىش جۈملىسىدىن دېيىشكىلا بولىدۇكى، ئۇنىڭدىن بىرەر شەرئىي ھۆكۈم سۈزۈپ چىقىلمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك دەۋالارنى يەنە مۇنداق رەت قىلىشقا بولىدۇ: يۇقىرىقى ئالىم، ئەدىب ۋە شائىرلارنىڭ بىرەرسى فىقھىي ھۆكۈم بايان قىلىپ، نورۇزنى تەبرىكلىسە بولىدۇ دەپ باقمىغان. پەقەتلا نورۇز باھارنىڭ تۇنجى كۈنى بولغاچقا، ئەدىب ۋە شائىرلار ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ ھەقتە شېئىر – قوشاقلار توقۇلۇپ كەلگەن. بۇنى شۇنداق چۈشىنىش كېرەك.

يەنە بەزىلەر: «قەشقەردىكى ئابدۇلھەمىد داموللاممۇ نورۇز بەزمىلىرىگە قاتنىشاتتى» دەپ قىپقىزىل يالغاننى توقۇغان(65). ھالبۇكى، تېخى يېقىندا (2022 – يىلى 1 – ئايدىن كېيىن) خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد قىلىنغان ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام كاشغەرىي پۈتۈن بىر ئۆمۈر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ياشارتىشقا خىزمەت قىلغان ۋە بىدئەت – زالالەتكە قارشى كۈرەش قىلغان رەببانىي ئالىمدۇر. ئۇ زاتنىڭ نورۇز بەزمىلىرىگە قاتناشمىغانلىقى خەلقى ئالەمگە، شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇق – تۇغقان ۋە شاگىرتلىرىگە ئېنىقتۇر. دېمەك، بۇ كاززاپلىقمۇ مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىب قاتارلىق ئەللامە ئۆلىمالىرىمىزغا قىلىنغان تۆھمەتنىڭ داۋامىدۇر.

11. «نورۇز بۇلاق» ئويدۇرمىسى
بەزى ئۇيغۇر يازغۇچىلار مىللىتىمىزنىڭ، شۇنداقلا ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ نورۇزنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ، بۇ دەۋاسىغا مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنىڭ يېنىدا «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بارلىقىنى، ئۆلىمالارنىڭ تالىپلىرى بىلەن بىللە مەزكۇر بۇلاق بېشىدا نورۇزنى تەبرىكلىشىدىغانلىقىنى توختىماي تەشۋىق قىلىشىدۇ.

مەسىلەن، ئەلى غوپۇر مۇنداق دەيدۇ: «قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى ( ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىدا ‹نورۇز بۇلاق› دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بار. ئۇزۇن تارىخنىڭ شاھىدى بولغان بۇ بۇلاق ھەققىدە شائىرلىرىمىز نۇرغۇن شېئىر، قوشاقلارنى يېزىشقان. بۇ بۇلاقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا نورۇز سەيلىلىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدىغان سەيلىگاھلاردىن بولغانلىقى ئېنىق. ‹ھەزرىتى موللام تەزكىرىسى› (مەھۇد قەشقەرى تەزكىرىسى) نىڭ ئاياق قىسمىدا، ئۇستازلار ۋە قارىيلارنىڭ ئۆز تالىپلىرىنى باشلاپ نورۇز بۇلاققا بېرىپ، بۇ يەردە تۈنەپ سەيلە قىلىدىغانلىقى ۋە تالىپلارغا شۇ بۇلاقتىكى سەيلىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «14 – ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنلىكتىن، بۇ بۇلاق ‹نورۇز بۇلاق› دەپ ئاتالغان(66).

«قەشقەر ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنىڭ يېنىدا ‹نورۇز بۇلاق› دەپ بىر بۇلاق بار، مەھمۇد كاشغەرىي تالىپلار بىلەن نورۇزدا شۇ يەرگە چىقاتتى…» ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئاجايىپ تەسىرلىك توقۇلما ھېكايە – رىۋايەتلەر يېتۈك ئالىم ئەجدادىمىزنىڭ نامىغا «مەھمۇد كاشغەرىي توغرىسىدا ھېكايەتلەر» دېگەندەك يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان(67) بولسىمۇ، ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا كەلمىگەن. كەلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارئارا مۇشائىرە ئۇيۇشتۇرۇشتەك بەزىبىر ئىلمىي پائالىيەتلەر بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك ئومۇم خەلق بايرام قىلىپ تەبرىكلەشنى كۆرسەتمەيدۇ. نەتىجىدە بۇ يەنىلا شەرئىي ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ.

مەزكۇر بۇلاقنىڭ ھەقىقىي ئىسمىغا كەلسەك، 1983 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام مازىرىنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، پېشقەدەم ئۆلىمالىرىمىزدىن ئەمىر ھۈسەين قازى ئاخۇنۇم (ھ. 1318 – 1405 / م. 1900 – 1985) ئۆزى ساقلىغان، ئاتىسى قۇتلۇق ھاجىم شەۋقىي (ھ. 1293 – 1356 / م. 1876 – 1937) دىن مىراس قالغان ۋەقفنامە ھۆججىتىدە: «قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سۈزۈك بۇلاق (ھۆججەتنىڭ ئەسل نۇسخىسىدا چەشمە زۇلالى) ئۈستىدە دەپن قىلىنغان، ھەزرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى، (ھۈسەين ئوغلى) قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازارىغا مۇتلەق ۋەقف ۋە ئەبەدىي سەدىقە (قىلدىم)» دەپ يېزىلغان. ھـ 1252 (م. 1836) – يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 14 – كۈنى شەرىئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان كاشغەر قازى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى موللا سادىق ئەلەمشاھ ھەزرەتلىرى بۇ ۋەقفنامە ھۆججىتىنىڭ ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئەئلەم ئاخۇنلۇق مۆھۈرىنى باسقان ۋە بۇ ھۆججەتنىڭ راستلىقىغا ئۆز ۋاقتىدىكى ئۆلىمالار ۋە قازىخانا كاتىبلىرى گۇۋاھ بولغان(68).

دېمەك، ھەزرىتى موللام ئەمەس، ھەزرىتى مەۋلام، نورۇز بۇلاق ئەمەس، سۈزۈك بۇلاقتۇر.

«نورۇز بۇلاق» ناملىق فىلىمنى 80 – يىللارنىڭ ئاخىرى ”شىنجاڭ“ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قەشقەردە سۈرەتكە ئالغان بۇلۇپ، بۇ تارىخىي بۇرمىلاشلاردا خىتاينىڭ قولى بارلىقىدا شەك يوقتۇر.

12. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نورۇزنى تىرىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى
شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، خىتايلارنىڭ بۇ بايرامنى 1980 – يىللاردا قايتىدىن تىرىلدۈرۈشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ۋە تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىلىرىگە كۆيۈنگەنلىكىدىن ئەمەس. بەلكى نورۇزنىڭ بىردىنبىر ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بايرام بولۇشىدىندۇر. يەنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە ئىككى ھېيت تەنتەنىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسەد قىلىنغاندۇر. بۇ بەزى ماقالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئېنىق ئىپادىلەنگەن:

ئەلى غوپۇر ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق دەۋرلىك تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا دىندىن خالىي، بايرام جەريانىدا ھېچقانداق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا دىنىي بايراملاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ كەلگەن»؛ «80 – يىللاردىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، نورۇز بايرىمىنى ھەممە مىللەت كىشىلىرى تەڭ قۇتلۇقلايدىغان چوڭ بايراملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا تىرىشقان. ھەرقايسى ۋىلايەتلىك پارتىكوملار ”ھەر مىللەت خەلقىنى تەشكىللەپ نورۇزنى ئورتاق تەبرىكلەشنى يولغا قويۇش پىكرى“ (2004 – يىل 1 – نۇمۇرلۇق ھۆججەت) نى تارقاتقان ھەمدە مەخسۇس ”نورۇز بايرىمىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى“ تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن باشلاپ 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بايرام قىلىشنى بېكىتكەن ۋە بۇ بايرام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن قانائەتكە كەلگەن. نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى قانۇن بۇيىچە قوغدالغان. 80 – يىللاردىن باشلاپ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە بىر قىسىم ناھىيەلەر نۆۋەت بىلەن چوڭ تىپتىكى نورۇز پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بايرامنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىللە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي روللارنى ئوينىغان»؛ «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بايرام تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈش پۇرسىتىگە ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى»(69).

جۇنەيد بەكرى ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بېرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ نورۇز بايرىمىنى شاد – خۇرام ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى»(70).

بەزىبىر دىيانىتى سۇس نادانلار بۇنى «مىللىي ئەنئەنە» دەپ ئويلاپ، ئوت يېقىش ۋە ئوتتىن ئاتلاش، ئەر – ئايال ئارىلاش ئۇسسۇل ئويناش، يېرىم يالىڭاچ كىيىنىش، خوراز، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش ۋە بۇ كۈننى بەرىكەتلىك دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مۇنكەراتلار بىلەن تولدۇرۇپ تەبرىكلەپ كەلگەن ۋە بۇ خىل تەبرىكلەشلەرنى مىللەتنى سۆيگۈچى ۋە ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇپ تەشۋىق قىلغان(71).

تولىمۇ ئەپسۇسكى، نورۇزنىڭ ھۆكمى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھر شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئۆلىمالىرىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئېنىق ھارام تۇرسىمۇ، بۇ ھەقتە ھەر يىلى دەتالاش قىلىپ دىن ئەھلىگە ھاقارەت ياغدۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنى، ھېچبىر ئىلمىي ياكى شەرئىي ئاساسىي يوق ئۇچۇرلارنى كەڭ يېيىش ئارقىلىق نورۇز بىدئەتىنى تىرىلدۈرۈشنى مىللىي بايرامنى تىرىلدۈرۈشكە تەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن سالاھىيەت يوق تۇرۇقلۇق شەرئىي مەسىلىدە پەتۋا پىچىپ يۈرگەنلەرنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمىز.

خاتىمە

خۇلاسە شۇكى، نورۇز بايرىمى يالغۇز قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئەنئەنىۋى بايرام ئەمەس. نورۇزنى تەبرىكلەش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەندۇر. نورۇز نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دىنىي ئېتىقادلارغا چېتىشلىقتۇر. تارىختا تۈركىستان ئۆلىمالىرى نورۇز تەبرىكلىگەن ئەمەس. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئالىملىرىمىزمۇ نورۇزنى تەبرىكلەش توغرا ئەمەس دەپ قارىغان. قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتى نورۇزنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بايرام ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1980 – يىللاردا نورۇزنى چوڭ بايراملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا تىرىشقان ۋە ھەر يىلى نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزگە بۇ بايرامنى مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام دەپ قوبۇل قىلدۇرۇشقا كۈچىگەندۇر. مۇھاجىرەتتىمۇ بەزى توپلارنىڭ مەزكۇر خىتاي سىياسىتىگە تەڭكەش قىلىۋاتقانلىقى، ۋەتەن ئىچىدە ئىسلامىي بولغان مىللىي كىملىكنى بۇلغاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگەن «نورۇز»دىن ئىبارەت جاھىلىيەت بايرىمىنى بىرقىسىم تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك مىللىي مەۋجۇتلۇق تەھدىتىنى سۇسلاشتۇرۇش، يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ قەبىھ ئوبرازىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نامى ئاستىدا تىرىلدۈرۈلىۋاتقانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەتتۇر.

 شۈبھىسىزكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى «روزا ھېيت» ۋە «قۇربان ھېيت»تۇر. بۇ ئىككىسىگە نورۇزنى تەبرىكلەشنى قوشۇۋېلىش ئىسلام دىنىمىزغا، شۇنداقلا شانلىق ئۇيغۇر (تۈرك) ئىسلام مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بولۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بۆلۈش ۋە ئۆزئارا دەتالاشقا سېلىش ئويۇنلىرىغا ماسلىشىپ بېرىشتۇر. خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ تۇرۇپمۇ نورۇزغا شەرئىي يوچۇق ئېچىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئىلمىي ساختىلىقلارنىڭ، دىنىي بۇرمىلاشلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئايىقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق. بۇنداق ئەھۋاللار توغرا ئۇسۇلدا ئىسلاھ قىلىنىشى، خاھىشىغا توغرا كەلگەن ياكى ئېزىپ ئىچۈرۈلگەن جاھىلىيەتچە چۈشەنچىلەرگە ئەمەس، ھەقكە، دەلىل – پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان، خاتانى خاتا، توغرىنى توغرا دەيدىغان ۋە توغرا بىلگەنگە ئەمەل قىلىشقا دادىل بولالايدىغان ھەققانىي ئاڭنىڭ تىكلىنىشى زۆرۈرىيەتتۇر. ئاللاھ ئىلىمنى خاھىشىغا خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئىلىم ئەھلىلىكتىن، چىرايلىق كۆرسىتىلگەن باتىلغا مەھلىيا بولۇشتىن ئاسرىسۇن. خەلقىمىزنىڭ ساغلام دىن ۋە دۇنيا قارىشىنى تىكلىشىگە مۇۋەپپەق قىلسۇن!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھىجرىيە 1443 – يىلى 16 – بارات (شەئبان) / مىلادىيە 2022 – يىلى 19 – مارت

———————————————————————————-

1. «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30 – جىلد، 38 – بەت؛ 33 – جىلد، 68 – بەت.
2. ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىنغان «ئەرگىنەقۇن»رىۋايىتىدە، تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان بىر ۋادىدا 400 يىل قامىلىپ ياشىغان تۈركلەر بوز قۇرت (كۆك بۆرە) نىڭ يول باشلىشى بىلەن باھارنىڭ دەسلەپكى كۈنى (نورۇز كۈنى) تار ماكاندىن كەڭ ماكانغا چىقىپ، ماماتلىقتىن ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكى شەرىپىگە بۇ كۈننى ئالاھىدە تەنتەنە قىلىپ، ھۆرىيەت، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە بۇ بايرامنىڭ نامىنى ئەنئەنىۋى تۈركىي كالېندارىدىكى نورۇزغا سىمۋول قىلىپ، «ئەرگىنەقۇن بايرىمى» دەپمۇ ئاتاشقان. قاراڭ: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»، ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى؛ مىللەتلەر نەشىرىياتى، ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىق بىر گۇرۇپپا، م. 2005 – يىل. 12 – توم، 241 – بەت؛ ئوبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈرك»، ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى، م. 2002 – يىل. 28 – 29 – بەتلەر.
3. مىسىر قىبتى ئورتودوكس چېركاۋى يېڭى يىلنى ھەر يىلى 12 – سىنتەبىردە تەبرىكلەيدىغان بولۇپ، ئۇ «نورۇز بايرىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. «نورۇز» كەلىمەسى قىبتىلار تىلىدا «دەريالار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ بايرام نىل دەرياسىنىڭ تاشقىن مەۋسىمىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى فىرئەۋنلەر دەۋرىگە ۋە كۆپ تەڭرىلىك دىنىي ئېتىقادقا تۇتىشىدۇ. قاراڭ:

Anthony Spalinger, “The Limitations of Formal Ancient Egyptian Religion” 253–254. Journal of Near Eastern Studies, Vol. 57, No. 4 (Oct., 1998), pp. 241-260 (20 pages) Published By: The University of Chicago Press
4. بەھائىيلەر (البَهَائِيَّة): 19 – ئەسىردە ئىراندا ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن «بابىييە (البَابيَة)» تائىپىسىنىڭ داۋامى بولغان بىر تائىپە. پەلسەپىسى ئىسمائىلىييە باتىنىي تائىپىسىنىڭ ۋە ئاشقۇن سوپىلارنىڭ بەزى قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئەخلاقتا خرىستىيانلىق تۈسى ئالىدۇ، دۇنياۋىلىككە ئىنتىلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئەگەشكۈچىلىرى بار. بۇ ئېقىم دەسلەپتە پەيغەمبەرلىك، كېيىن ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان ۋە «بەھائۇللاھ» دەپ نام ئالغان قۇرغۇچىسى مىرزا ھۈسەين ئەلى نۇرىي مازەندارانىي (ھ. 1233 – 1309 / م. 1817 – 1892) غا نىسبەت بېرىلىپ «بەھائىييە» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ «ئەلئەقدەس» ئاتلىق كىتابى ئەڭ مەشھۇردۇر. بەھائىيلەر «بەھائۇللاھ»قا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسىگە ھەج قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسىنى قىبلە قىلىپ 3 ۋاقىت ناماز ئوقۇيدۇ. 19 كۈن روزا تۇتىدۇ. ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەھكام مەسىلىلىرىدە جازانە ھالال، جىھاد ھارام، دېيىشىدۇ. كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىدىن باشقا ئاياللارغا نىكاھلىنىشى جائىز، دەپ قارايدۇ. قاراڭ: «الموسوعة الإسلامية العامة (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 296 – 297 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى». ئالىملار گۇرۇپپىسى، قاهىرە، م. 2003 – يىل.
5. بەھائىيلەر ئۆز ئالدىغا ھەر ئاي 19 كۈندىن تەشكىل تاپقان بىر يىل 19 ئايلىق، 361 كۈنلۈك ئەلبەدﯨﯿﺌ كالېندارى (ئەتتەقۋىيمۇلبەدﯨﯿﺌ) نى تۈزگەن بولۇپ، ئۇلار بىر ئاي (ئەلئەلاﺋ ئېيى) روزا تۇتقاندىن كېيىن يېڭى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى (21 – مارت) نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. كەبىسە يىللىرىدا ئارتۇق كۈنلەر 4 – 5 كۈن بولىدۇ. بۇ كۈنلەر ئەلئەلاﺋ ئېيىنىڭ ئالدىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. قاراڭ:

The Bahá’í World. Volume 18 (1979-1983) BAHA’t WORLD CENTRE. HAIFA. Printed in Great Britain at the University Press, Oxford, by David Stanford 1986. 598 p.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، 1134 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 1556 – ھەدىس. («مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 12025 – ھەدىس، ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 1091 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 3820 – ھەدىس. ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەھىھ» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىيلەرمۇ: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2021 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
7. ئىمام مەناۋىي: «فەيزۇلقەدىر»، 4 – توم، 668 – بەت؛ سۇيۇتىي: «شەرھۇ سۇنەنى ئىبنى ماجە»، 123 – بەت؛ «مىشكاتۇل مەسابىھ» ۋە ئۇنىڭ شەرھى «مىرئاتۇل مەفاتىھ»، (1453 – ھەدىس) 5 – توم، 94 – بەت؛ «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 3 – توم، 485 – بەت؛ مەھمۇد شۈكرى ئالۇسىي: «بۇلۇغۇل ئەرەب»، 1 – توم، 364 – بەت.
8. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1 – توم، 488 – بەت.
9. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 952 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 892 – ھەدىس. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.
10. ئىبنى ۋەززاھ ئەلقۇرتۇبىي: «ئەلبىدەئۇ ۋەننەھيۇ ئەنها»، 21 – بەت.
11. ھەكىم تىرمىزىي: «ناۋادىرۇل ئۇسۇل»، 1 – توم، 165 – بەت.
12. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 9833 – نومۇر.
13. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «زەممۇل مەلاھىي»، 107 – نومۇر.
14. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 19337 – ھەدىس. ئىمام ئىبنى تەيمىييە («ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1 – توم، 513 – بەت) ۋە ئىمام ئىبنۇلقەييىم («ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، 3 – توم، 1248 – بەت) لەر: «سەھىھ» دېگەن.
15. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1 – توم، 515 – بەت.
16. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 19335 – ھەدىس. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: («ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1 – توم، 513 – بەت) «سەھىھ» دېگەن.
17. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1 – توم، 516 – بەت.
18. ھەكىم تىرمىزىي: «ناۋادىرۇل ئۇسۇل»، 1 – توم، 165 – بەت.
19. «بۇخارىي»، 953 – ھەدىس. ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪتى.
20. دوكتور فەرسەت مەرئىي: «ئىسلام مەدەنىيىتىدە نورۇز (نوروز في الحضارة الإسلامية)»، ئىراق، «ئەلھىۋار ژۇرنىلى»، 2019 – يىللىق 2 – سان.
21. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخى قاتلىمى توغرىسىدا»، «بۇلاق ژۇرنىلى»، 1993 – يىللىق 2 – سان. 124 – 144 – بەتلەر.
22. ئابدۇكېرىم راھمان، رەۋەيدۇللاھ ھەمدۇللاھ ۋە شېرىپ خۇشتار: «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى»، ئۈرۈمچى: ”شىنجاڭ“ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. م. 1995 – يىل. 137 – بەت «بايرام ۋە مۇراسىم ئادەتلىرى» دېگەن قىسمىغا قارالسۇن.
23. ئەلى غوپۇر: «ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا»، «“شىنجاڭ“ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى»، م. 2008 – يىللىق 1 – سان. 45 – بەت. لېكىن، بۇ يازغۇچى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا نورۇزنىڭ «ئىسلام شارائىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي دىندىن خالىي بولغان ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام سۈپىىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە» دەۋالغان. ھالبۇكى، نورۇزنىڭ 80 – يىللاردىن كېيىن تەبرىكلىنىشى خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن بولغان.
24. ئەلجاھىز: «ئەلمەھاسىنۇ ۋەلئەزداد»، ئەلخانجى كۇتۇپخانىسى، 2 – نەشرى. قاھىرە. م. 1994 – يىل. 233 – بەت.
25. ئەلبەتتانىي: «الزيج الصابئ (ئەززىيجۇسساﺑﯩﺌ)»، 100 – بەت. ئىسپانىيە – مادرىدنىڭ شىمالى غەربىگە جايلاشقان ئىسكوريال (El Escorial) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان قوليازما نۇسخىسىدىن دوكتور كارلو نالىينو نەشر قىلغان. 1 – باسمىسى. ئىتالىيە – بۈيۈك رىم. م. 1899 – يىل.
26. ھەكىم ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىي: «شاھنامە»، ئەرەبچىگە نەسرىي تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلفەتھ ئىبنى ئەلى ئەلبەندارىي. ئەلئەسەدىي كۇتۇپخانىسى، تېھران. م. 1970 – يىل. 1 – توم، 23 – بەت؛ فىردەۋسىي: «شاھنامە»، ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئېمىن، ئابدۇۋەلى خەلپەت. ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى. م. 1998 – يىل. 10 – بەت.
27. ئەلبىيرونىي: «ئەلئاسارۇل باقىيە ئەنىلقۇرۇنىل خالىيە»، ئەرەبچە. پەرۋىيز ئەزكائىي نەشرگە تەييارلىغان. مىراسى مەكتۇب نەشرىياتى، تېھران. 1 – نەشرى. م. 2001 – يىل. 266 – بەت.
28. ئۆمەر ھەييام: «نورۇزنامە»، بېرلىن پارسچە قوليازمىسىغا ئاساسەن مۇجتەبا مىنوۋىي نەشرگە تەييارلىغان. كاۋەھ كىتابخانىسى نەشرى، تېھران. ھ. 1352/ م 1933 – يىل. 8 – 9 – بەتلەر؛ رامازان مۇتەۋەللىي: «ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ ‹نورۇزنامە› كىتابىنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى»، مىسىر مىللىي تەرجىمە مەركىزى، قاھىرە. 1 – نەشرى. م. 2008 – يىل. 89 – بەت.
29. ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، دارۇل قەلەم نەشرىياتى، بېيرۇت. 1 – نەشرى. م. 1984 – يىل. 2 – توم، 190 – بەت.
30. غەيرەتجان ئوسمان ئوتغۇر: «ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەھۋالىدىن قىسقىچە بايان»، «بۇلاق ژۇرنىلى»، 2015 – يىللىق 2 – سان. ئومۇمىي 161 – سان. 47 – بەت.
31. Türk Xalqlarının Merasim Sistiminde Novruz Yeri – Tarixi – Etnoqrafik Tedqiqat. Güllü Yoloğlu. AMEA’nın Arxeologiya və Etnoqrafiya İnstitutu – Baki – 2018. s. 114 – 115.
32.TÜRK HALK KÜLTÜRÜNDE NEVRUZ – PROF. DR. ERMAN ARTUN. Uluslararası Nevruz Sempozyumu, Karaganda, Kazakistan – 1999. s. 2 – 3.
33.Tarih ve Etnografik Açısından Nevruz. NEVRUZ (YENİ GÜN) (KAYNAK ve ADETLER) B.A. BAYTANREV. Çevirmen: Yıldız Pekcan, Sevinç Öztürk (Rusçadan) 2. Baski. Ankara – 1995. s. 3 – 4.
34. ھاجى ياقۇپ يۈسۈپى: «تارىخىي مەنبەلەردە نورۇز بايرىمى»، «“شىنجاڭ“ مەدەنىيىتى ژورنىلى»، 1988 – يىللىق 3 – سان. 12 – 13 – بەت.
35. «نەستۇريانىزم (Nestorianism)»: مىلادى 5 – ئەسىردىكى كونستانتىنوپول پاترىكى (م. 428 – 431) نەستۇرىيوس (Nestorios) قا نىسبەت بېرىلگەن شەرقتىكى خرىستىيان مەزھەپلىرىدىن بىرى بولۇپ، كاتولىك ۋە ئورتودوكس مەزھەپلىرىنىڭ شۇنداقلا كۆپ پروتېستانت چېركاۋلىرىنىڭ نەزەرىدە ئازغۇن ۋە بىدئەتچى دەپ قارىلىدۇ. نەستۇرىيلەر ئېتىقادىدا: ئىيسا مەسىھ ئىككى تەبىئەتلىك: بىرى، ئىلاھىي، ئۇ بولسىمۇ كەلىمەدۇر. يەنە بىرى، ئىنسانىي، ئۇ بولسىمۇ ئىيسا مەسىھلىك. شۇڭا، ئىيسا مەسىھ شەخسىدە ئىنسانىي تەبىئەت بىلەن ئىلاھىي تەبىئەت بىرلىشىش يوقتۇر. بەلكى، ئىنسان بىلەن ئىلاھلىق ئوتتۇرىدا پەقەتلا بىر رىشتە باردۇر. شۇڭلاشقا قىز مەريەمگە كاتولىك ۋە ئورتودوكس چېركاۋلىرى دەۋەلغاندەك ئىلاھنىڭ ئانىسى دەۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، مەريەم بىر ئىلاھ تۇغمىغان، بەلكى بىر ئىنسان تۇغقان. شۇنىسى باركى، ئۇ ئىنسانغا ئاللاھنىڭ كەلىمەسى چۈشكەن ۋە ئۇ چارمىخلانغاندا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ مەزھەپ بەدەنگە ئايلانغان ئىلاھىي ۋە ئىنسانىي تەبىئەتلىك بىر كەلىمە بار دەپ قارايدىغان كىلاسسىك خىرىستىيانچىلىققا خىلاپ يول تۇتقان بولىدۇ. نەستۇريانىزم چېركاۋى مىلادى 6 – ئەسىردە شەرقتە كۈچلۈك مىسيونىرلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ھىندىستانغا، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتكەن يىپەك يولى ئارقىلىق چىنغىچە يېتىپ بارغان. قاراڭ: ئەرەب ئېنسىكلوپېدىيەسى ھەيئىتى: «ئەرەب ئېنسىكلوپېدىيەسى (الموسوعة العربية)»، (ئەرەبچە) م. 1981 – يىل. دىمەشق. 20 – جىلد، 649 – بەتتىن قىسقارتىلدى.
36. ئىمىن تۇرسۇن: «نورۇز – يېڭى يىل»، «مىراس ژورنىلى»، 2009 – يىللىق 2 – سان. 4 – بەت.
37. ئەلى غوپۇر: «ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا»، «“شىنجاڭ“ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى»، م. 2008 – يىللىق 1 – سان. 49 – بەت.
38.TÜRK HALK KÜLTÜRÜNDE NEVRUZ – PROF. DR. ERMAN ARTUN. Uluslararası Nevruz Sempozyumu, Karaganda, Kazakistan – 1999. s. 2 – 3.
39. راغىب ئەلئەسفەھانىي: «ئەلمۇفرەدات فىي غەرىبىل قۇرئان («قۇرئان» كەلىمىلىرى ئىزاھاتى)»، سەفۋان داۋۇدىي نەشرگە تەييارلىغان. بېيرۇت. ھ. 1412 – يىل. 119 – بەت.
40. «بۇخارىي»، 3579 – ھەدىس. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
41. ئەلمۇبارەكفۇرىي: «مىرئاتۇل مەفاتىھ»، 5 – توم، 94 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – توم، 754 – بەت.
42. ئەبۇلمەھاسىن ھەسەن ئىبنى مەنسۇر ئىبنى مەھمۇد ئەلئۆزكەندىي ئەلفەرغانىي ھەزرەتلىرى قازىيخان نامى بىلەن مەشھۇر، ئۆز ۋاقتىدىكى بۇخارا قازىسى، ھەنەفىي مەزھەپ پېشۋالىرىدىن بىرى، «فەتەۋائى قازىيخان (پەتۋالار مەجمۇئەسى)»(3 توم)، «جامىئۇسسەغىر شەرھى»، «زىيادات شەرھى»، «ۋاقىئات»، «ئەمالىي» ۋە «ئەدەبۇل قازى شەرھى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان، سەمەرقەندتە يەرلىككە تەگكەن.
43. «قازىيخان پەتۋالىرى»، 3 – توم، 577 – بەت؛ «مىرئاتۇل مەفاتىھ»، 5 – توم، 45 – بەت.
44. ئىبنى نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 8 – توم، 555 – بەت.
45. ئىمام كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 2 – توم، 79 – بەت.
46. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىي: «ئەلجامىئۇسسەغىر»، 330 – بەت؛ ئىمام سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 13 – توم، 51 – بەت؛ ئىمام مەرغىينانىي: «ئەلھىدايە»، 3 – توم، 49 – بەت.
47. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر شەرھۇ مۇلتەقال ئەبھۇر»، 5 – توم، 283 – بەت.
48. مۇھەممەد ئەمىن ئەلئەنقەرەۋىي: «ئەنقەرە فەتۋالىرى (ئەلفەتاۋا ئەلئەنقەرەۋىييە)»، 1 – توم، 28 – بەت. ئەلئەمىيرىييە مەتبەسى، قاھىرە، بۇلاق. ھ. 1281.
49. بىر گۇرۇپپا ئالىملار: «ھىندىستان پەتۋالار مەجمۇئەسى/ ئالەمگىر پەتۋالىرى»، 12 – توم، 186 – بەت.
50. دوكتور فۇئاد سالىھ: «أشهر الأحداث العالمية 1 – 1899 م (مىلادىيە 1 – 1899 – يىللار ئارىسى دۇنياۋى مەشھۇر ۋەقەلىكلەر)»، ھەسەن ئەلئەسرىييە كۇتۇپخانىسى نەشرىياتى، بېيرۇت. 1 – نەشرى. م. 2015 – يىل. 328 – بەت.
51. ئەلئېندەرپېتىي: «تاتارخان پەتۋالىرى (ئەلفەتاۋا ئەتاتارخانىييە)»، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، م. 2005 – يىل. بېيرۇت. 4 – توم، 270 – بەت.
52. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 17 – توم، 259 – بەت؛ ئەددىردىير: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 4 – توم، 181 – بەت.
53. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2 – توم، 9 – 12 – بەت.
54. مۇھەممەد ئېلىيش: «مەنھۇل جەلىل»، 16 – توم، 132 – بەت.
55. ئىمام ئەبۇلۋەلىد ئىبنى رۇشد: «ئەلبايانۇ ۋەتتەھسىل»، 8 – توم، 454 – بەت.
56. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2 – توم، 71 – بەت؛ «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 28 – توم، 15 – بەت؛ دوكتور ۋەھبە ئەززۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 3 – توم، 20 – بەت.
57. 2021 – يىلى 21 – مارت كۈنى «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دا ئېلان قىلىنغان مۇھەممەد سالىھ قاراجىم ۋە باشقا چوڭ ئالىملىرىمىزنىڭ نورۇزغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە بۇ توغرىدىكى نىياز داموللام بوستانىينىڭ گۇۋاھلىقىغا قارالسۇن. https://sajiya.biz/?p=7205
58. مۇھەممەد سالىھ داموللام «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت»، ”شىنجاڭ“ خەلق نەشرىياتى، م. 1993 – يىل. 391 – بەت.
59. خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى دوتسېنتتى): «نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى»، ئىزدىنىش تور بېكىتى، يوللانغان ۋاقتى 2015. 2. 16.
60. مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، مائارىف نازارەتى، دارۇل خىلافە ئەلئەلىييە / مەتبەئى ئامىرە نەشرى، ھ. 1333 – يىل.«ئەبۋابۇسسۇلاسىي / بابۇ فەئلىن، فۇئلىن ۋە فىئلىن بابى»، 1 – توم، 290 – 291 – بەت.
61. مەھمۇد كاشغەرىي، يۇقىرىقى مەنبە، 1 – توم، 2 – بەت.
62. غەيرەتجان ئوسمان ئوتغۇر: «ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەھۋالىدىن قىسقىچە بايان»، 48 – بەت.
63. غەيرەتجان ئوسمان ئوتغۇر: يۇقىرىقى مەنبە، 48 – بەت؛ ئەلى غوپۇر: «ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا»، 48 – بەت.
64. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي: «تەزكىرەئى ئەزىزان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، نىجات مۇخلىس، شەمسىدىن ئەمەتلەر نەشرگە تەييارلىغان. م. 1988- يىل. 1 – نەشرى، 163 – 164 – بەتلەر.
65. 2021 – يىلى 19 – مارت كۈنىدىكى «نورۇز ھەققىدە مۇھاكىمە تور يىغىنى»، 1 سائەت 14 – مىنۇتتىن كېيىنكى بايانلارغا قارالسۇن. https://www.youtube.com/watch?v=Te0Bqm2hHGI
66. ئەلى غوپۇر: «ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا»، «“شىنجاڭ“ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى»، م. 2008 – يىللىق 1 – سان. 48 -، 53 – بەتلەر.
67. يۈسۈپجان تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىلكىتاب: «مەھمۇد قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى توغرىسدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى»، م. 2013- يىل. 4 – ئاپرىل. 541 – بەت. https://elkitab.org/wp – content/uploads/2020/03/mehmud_qeshqiri_we_turkiy_tillar_diwani_heqqide_tetqiqat.pdf
68. قاراڭ: «ھەزرىتى مەۋلام – مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا كىتاب ۋەقفە قىلىش ھەققىدىكى ھۆججەتنىڭ فوتوسى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى»، م. 1983- يىل. 1 – سان، سۈرەتنى مۇھەممەد رىشات تارتقان.
69. ئەلى غوپۇر: يۇقىرىقى مەنبە، 48 – 54 – بەتلەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
70. جۇنەيد بەكرى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى»، 41 – بەت. «“شىنجاڭ“ مەدەنىيىتى ژورنىلى»، 1986 – يىللىق 3 – سان؛ ئۆمەر داۋۇت: «ئېلىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ نورۇز تەتقىقاتى توغرىسىدا»، 2 – بەت. «“شىنجاڭ“ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ژورنىلى»، 2011 – يىلى 3 – ئاي. 32 – يىللىق 1 – سان.
71. ھەتتا، مۇھاجىرەتتىكى بەزىلەر پۈتۈن دۇنيا «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ» دەپ بەس – بەستە پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتقان 2021 – يىل مارت ئېيىدىمۇ نومۇس قىلماستىن ناخشا – ئۇسۇل بىلەن نورۇز تەبرىكلەپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلماقچى بولغان. «ئىرقىي قىرقىنچىلىق»نى، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.