سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كۆز تېگىشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بولسا ئۇنىڭ ئىلمىي ئىزاھاتى نېمە؟ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
كۆز تېگىش — بىراۋنىڭ ھەسەت، تارلىق بىلەن ياكى بىرەر نەرسىنى ماختاپ قارىشى بىلەن پېشكەللىككە يولۇقۇش ياكى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەشھۇر مۇھەددىس ئىبنى ھەجەر (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) كۆز تېگىش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «كۆز تېگىش ناچار تەبىئەتلىك كىشىنىڭ بىرەر نەرسىگە ھەسەت نەزەرىدە قارىشى بولۇپ، بۇ كەم نەزەر قارالغۇچىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»(1). ئادەتتە «كۆزى يامان» كىشىلەر بىرەر چىرايلىق نەرسە ياكى ياخشى ئاينىغان مال – ۋاران ۋەياكى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان كىشى ۋەيا بالىغا ھەۋەس قىلىپ، ئىچى كىرىپ ھەسەت بىلەن قارىسا، قارالغان نەرسىگە ياكى ھايۋانغا تالاپەت يېتىدىغانلىقى ياكى كىشى/ بالا ئاغرىپ قالىدىغانلىقى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. لېكىن، بەزى كىشىلەردە قانداقكى بىر مۇسىبەت يەتسىلا «كۆز»دىن كۆرۈۋالىدىغان ئاشۇرۇۋېتىش خاھىشىمۇ يوق ئەمەس. يەنە بەزىلەر كۆز تېگىشنى ئىنكار قىلىدۇ.
كۆزى يامان كىشىنىڭ بىرەرسىگە ئۆز كۆزىنىڭ تېگىپ قېلىش خەۋپىنى ھېس قىلىشى ھەققىدە ئىمام ئەسمەئىي (ھ. 121 – 216 / م. 740 – 831، ئاللاھ ئۇ زاتنى ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن) كۆزى يامان بىرسىدىن: «مەن بىرەر نەرسىنى كۆرۈپ زوقلىنىپ قالسام، كۆزۈمدىن بىر خىل ھارارەتنىڭ چىققانلىقىنى ھېس قىلىمەن» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ(2). يەنە بەزى كەم كۆز كىشىلەر: «مەن بىرنەرسىگە قادىلىپ قاراپ، ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلسام ياكى ئۇنى ماختىسام، ئۇنىڭغا كۆزۈم تېگىدۇ» دېگەن، يەنە بەزىلەر: «مەن بىرنەرسىگە قاراپ، ئۇنى ئۆزۈمگە ئارزۇ قىلسام ئۇنىڭغا كۆزۈم تېگىدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلىۋەتسەم، كۆزۈم تەگمەيدۇ» دېگەن. بۇنداق كۆزى يامان كىشىلەر ئادەتتە ئۆزى بۇنى ھېس قىلالايدۇ. ئاڭلىقراقلىرى ئەھۋالنى سەزگەن ھامان بىراۋغا زىيان يەتمىسۇن ئۈچۈن نەزەرىنى باشقا نەرسىگە بۇرايدۇ ياكى «ماشائاللاھ»، «ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن» دەپ دۇئا قىلىۋېتىدۇ.
خەلق ئىچىدە مەلۇم كىشى / جەمەت ياكى مەلۇم مەھەللە / يۇرت كىشىلىرى كۆزىنىڭ يامانلىقى بىلەن تونۇلۇپ كەتكەنمۇ بولىدۇ. بىر پۈتۈن جەمەت ياكى بىر يۇرت – مەھەللە كىشىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىش قانچىلىك توغرا، بىرنەرسە دېمەك تەس. شۇنداقتىمۇ، ئادەتتە كۆزى يامان ئەمەس، بىرەر نەرسىگە قاراپ زوقلىنىپ ئىچىدە ياكى ئاغزىدا ماختاپ قويغان، ياكى ماختىمىغان، ھەسەتمۇ قىلمىغان بىر كىشىنىڭمۇ كۆزى تېگىشى بار ئىش. كىشى بۇنى ئۆزىمۇ ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ مىسالى بەزىدە كىشى بىرەر دوستىغا ياكى ئۆز بالىسىغا، ماشىنىسىغا ياكى ئۆيۋاقىغا قاراپ مەستلىكى كېلىپ كەتسىمۇ، ئۆزىدە كەم نەزەر يوق تۇرۇپمۇ كۆزى تېگىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە يۇقىرىقى تەرىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «كۆز ھەسەت قىلمىسىمۇ، زوقلىنىش بىلەنمۇ تېگىدۇ. ھەتتا مەھبۇب (ياخشى كۆرگۈچى) نىڭ، سالىھ (ياخشى كىشى) لەرنىڭمۇ كۆزى تېگىدۇ»(3). دېمەك، ھەسەتخور ياكى ساپ دىل، ھەرقانداق ئىنساننىڭ كۆزى تېگىشى مۇمكىن. شۇڭا، كۆز «ھەسەتخور كۆز» ۋە «زوقلانغۇچى كۆز» دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
كۆز پەقەت ئىنسانلاردىنلا ئەمەس، جىنلاردىنمۇ تېگىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىنلارنىڭ كۆزىدىنمۇ پاناھلىق تىلىگەن. بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى كۆزدىن ساقلىنىش ھەققىدە توختالغاندا بايان قىلىمىز. ئىمام ئىبنۇلقەييىم (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350): «كۆز تېگىش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى ئىنسان كۆزى، يەنە بىرى جىننىڭ كۆزى» دەيدۇ(4).
ئاتاقلىق ئەدىب ئەبۇ ئوسمان ئەمر ئەلجاھىز (ھ. 159 – 255 / م. 781 – 869) يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ كۆزى تېگىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پارس، ھىند ئۆلىمالىرى، يۇنان تېۋىپلىرى، ئەرەب ھۆكۈمالىرى ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىكى دانا، تەجرىبە ئىگىلىرى، شۇنداقلا يېتۈك كالامشۇناسلار يىرتقۇچ ھايۋانلاردىكى خىرىس ۋە غالجىرلىق تۈپەيلى ئىنسانغا كۆزى تېگىپ كېتىشتىن قورقۇپ، يىرتقۇچلارنىڭ ئالدىدا غىزالىنىشتىن ساقلىناتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ: ‹ئىتلار جىن تائىپىسىنىڭ زەئىفلىرىدىندۇر، شۇڭا ئىت كېلىپ قالسا بىرنەرسە تاشلاپ بېرىپ قوغلىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يامان› دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئۆتكەن دانالاردىن بەزىلەر تاماق يېگەندە، ‹(مالايلىرىمنىڭ) كۆزى تېگىپ كېتىدۇ› دەپ خاۋاتىرلىنىپ، چاكار – مالايلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ باشلىرىدا ئىچىملىكلەرنى كۆتۈرۈپ، قاراپ تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى. ئۆزلىرى تاماق يېيىشتىن ئاۋۋال مالايلىرىنىڭ قورساقلىرىنى تويغۇزۇشاتتى. مەن بىر كىشىنى كۆردۈمكى، (تاماق يەۋېتىپ) ئۇنىڭ قولىدىكى لوقما چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، شۇندا كۆردىكى، ئۇنىڭ مالىيى ھېلىقى لوقمىغا تىكىلىپ قارىغانچە ئۇنى يېگۈسى كېلىپ، تۈكۈرۈكىنى قۇرۇق يۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ كىشى ئۆزى ئوبدان يەپ – ئىچىپ، مالايلىرىنى تاماقتىن قىسىدىغان كىشى ئىدى. شۇڭا، دانالار يىرتقۇچلارنىڭ كۆزى بۇنىڭدىنمۇ يامان دەپ قارايدۇ»(5).
ئەلجاھىز بايان قىلغان ئەھۋاللار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان «ئاش كىرىپ قېلىش» ياكى «ئوتى تۇتۇپ قېلىش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۆز تېگىشتۇر.
«كۆز تېگىش»نىڭ ئاساسى
يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ۋە بولغۇسى ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا خاھلىغىنى بولىدىغان، خاھلىمىغىنى بولمايدىغانلىقى مۇئمىنلەرنىڭ ئەقىدىسىدۇر. لېكىن، كەم كۆزنىڭ زىيانكەشلىكى ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھىي ھېكمەتلىرى جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ھەقىقەتكە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، شۇنداقلا ھەدىس شەرىفلەردىن دەلىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
مەسىلەن، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا تاپىلاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿«ئى ئوغۇللىرىم! ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا – باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەفىئ قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 67).
يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇشبۇ نەسىھەتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەر: «ئاتا يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا كۆز تېگىشتىن ئەنسىرىشىدۇر» دەپ قارىغان. چۈنكى، ئۇلار قەددى – قامەتلىك، كېلىشكەن، كۈچتۈڭگۈر 11 نەپەر ئاتا بىر ئوغۇل قېرىنداش ئىدىلەر. ئىمام قۇرتۇبىي (600 – 671 / م. 1204 – 1273) دەيدۇكى: «ئەگەر بۇ ئايەتنىڭ (كۆرۈنۈشتىكى) مەنىسى مۇشۇ بولسا، بۇ كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشقا دەلىلدۇر. كۆز تېگىش بولسا راست بار ئىشتۇر»(6).
يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿كافىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ﴾(68/«قەلەم»: 51) دېگەن ئايەتىنىمۇ مۆتىۋەر مۇفەسسىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆز تېگىشنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلغان. جۈملىدىن، ئىمام ئىبنى كەسىر (ھ. 701 – 774 / م. 1301 – 1373): «بۇ ئايەت نۇرغۇن يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرگە ئوخشاش (كەم) كۆزنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تېگىدىغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ راستتىنلا تەسىر قىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر»(7) دېگەن.
يۇقىرىقى ئىككى ئايەت گەرچە كۆز تېگىشنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولۇشى جەھەتتە ئېھتىماللىق دائىرىسىدە بولسىمۇ، ئىمام ئىبنى كەسىر دېگەندەك، كۆز تېگىشنىڭ بارلىقى نۇرغۇن ھەدىسلەر بىلەن كەسكىن ئىسپاتلانغاندۇر. بۇ بارىدا تارىختا كۆپلەپ ئەمەلىي تەجرىبىلەر نەقىل قىلىنغان ۋە مۆتىۋەر ئالىملىرىمىزمۇ ئىنتايىن كۆپ بايانلارنى قىلغان.
ئىككى ئىمام (بۇخارىي ۋە مۇسلىم ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۆز تېگىش ھەقتۇر» دېگەن(8). رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇنداق دېگەن: «كۆز تېگىش ھەقتۇر، ناۋادا تەقدىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىرنەرسە بولىدىغان بولسا ئىدى، كۆز ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. (كۆز تەگكەن كىشىنى داۋالاش مەقسىتى بىلەن) سىلەردىن (كەم كۆز ئىگىسىدىن) غۇسۇل قىلىپ، (ئاندىن ئىشلىتىلگەن) سۈيىنى بېرىش تەلەپ قىلىنسا، غۇسۇل قىلىپ (سۈيىڭلارنى) بېرىڭلار» دېگەن(9).
ئىمام نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277) مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «دېمەك، كۆز تېگىشنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يامانلىق ياكى ياخشىلىقلار پەقەتلا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بېرىدۇ. بۇ ھەدىس كۆز تېگىشنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ». ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بىرنەرسىنى بار دەپ قىياس قىلىشقا تىرىشساق، ئۇ دەل كۆز تېگىش بولغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇمۇ (رەسۇل ئەكرەم ئېيتقاندەك) قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان تۇرسا، باشقىسى قانداقمۇ ئۆتەلىسۇن؟!»(10)
«كۆز تېگىش»نىڭ ئىلمىي ئىزاھاتى
ئۆتمۈشتە غەربلىكلەر كۆزنىڭ شەيئىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى كۆز بىلەن كۆزەتكىلىمۇ، تەجرىبە قىلغىلىمۇ بولمايدىغان، ئىلىم – پەن دائىرىسىدىن يىراق روھىي ھادىسەلەر قاتارىدا دەپ قارىغاچقا، بۇ ھەقتە تۈزۈك توختالمىغان. پەقەت 1889 – يىلىغا كەلگەندە، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ ۋە پسىخولوگ ماكسىمىليان دېسوئىر (Maximilian Dessoir، 1867 – 1947) نىڭ باشلامچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئالىملار پسىخولوگىيەدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پاراپسىخولوگىيە (Parapsychology) دېگەن نام ئاستىدا تەبىئەت ئۈستى ھادىسەلەرنى تەتقىق قىلىدىغان، غايىبتىن خەبەر ئېلىش، ھېس – تۇيغۇدىن ھالقىغان سېزىم قاتارلىق ھادىسەلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئايرىم بىر ئىلمىي ساھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى تېلېپاتىيە (Telepathy)، يەنى بىر كىشىنىڭ ئوي – خىيالىنى ياكى يىراقتا يۈز بەرگەن بىر ھادىسەنى ھېسسىي، ھېچقانداق ۋاسىتە يوق تۇرۇپ سېزىش، ئالدىن بىلىش ياكى ئالدىن سېزىش (Precognition) ۋە پسىخوكىنەس (Psychokinesis، يەنى روھىي كۈچ ئارقىلىق جىسىملارنى يۆتكەش) قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە ئايرىغان. بۇلاردىن پسىخوكىنەس كۆز تېگىشكە ئەڭ يېقىن تۈردۇر(11).
دەسلەپكى چاغ مۇسۇلمان ئالىم ۋە تېۋىپلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىس شەرىفلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ كۆز تېگىشنى راست ۋە بار دەپ قارىغاچقا، ئۇلار بۇ ھەقتە خېلى بالدۇرلا ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ سۈپەتلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش چارە – تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۈيۈك مۇفەسسىر، تېۋىپ ۋە فىزىك ئىمام فەخرۇددىن ئەررازىي (ھ. 544 – 606 / م. 1149 – 1210) كۆزنىڭ قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە: ‹كۆزدىن چىققان (نۇر كەبى) نەرسىلەر ياراپ كەتكەن شەيئى/ شەخسكە چۈشىدۇ ۋە گەرچە تەسىر قىلىشى سەل پەرقلىق بولسىمۇ، شۇ شەيئى/ شەخسكە خۇددى ھاشارات چاققانغا ياكى زەھەرگە ۋەياكى ئوتقا ئوخشاش تەسىر قىلىدۇ›. دەرۋەقە، بەزى كىشىلەرگە بىرەر نەرسە ياراپ كەتسە، ئۇ نەرسىگە زوقلىنىپ، قاتتىق ھەسەت بىلەن ئىچى تولىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ. بۇ تارلىق روھنىڭ قەلبكە قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە روھتا قىزىش پەيدا بولىدۇ. دېمەك، تارلىقتىن قىزىغان روھ كۆز نۇرىنى قىزىتىدۇ. شۇل بائىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (يامان) كۆز ئىگىسىنى تاھارەت ئېلىشقا، كۆز تەگكۈچىنى غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇغان. يەنە بەزىلەر: ‹بۇ خىل تەسىر نوقۇل (روھتىكى) قىزىش ياكى (كۆز كەبى) بەدەن ئەزالىرى بىلەن بولۇشى ناتايىن، بەلكى نەپسىي (پسىخىكىلىق) ھالەت سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. مىسال ئۈچۈن، بىر شالنى داق يەردە قويۇپ ئۈستىدە بىمالال ماڭالىغان كىشى، ئۇ شالنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئېگىز ئىككى تامغا قويۇپ قويسا، قورققىنىدىن بىر قەدەممۇ ماڭالماي قېلىشى مۇمكىن. يەنە كىشى بىر شەخسنى ئۆزىگە ئازار بېرىدۇ دەپ بىلسە، قەلبىدە نەپرەت پەيدا بولىدۇ. مىزاجى قاتتىق قىزىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەل پسىخىكىلىق ھالەتتۇر، بەدەننىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمۇ يەنىلا شۇ پسىخىكىلىق ھالەت سەۋەبلىكتۇر. دېمەك، پسىخىكىلىق ھالەتنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشى ئىسپاتلانغانىكەن، بەزى (سەلبىي) پسىخىكىلارنىڭ ھالقىپ ئۆتۈپ باشقا بەدەنلەرگە تەسىر قىلىشىنى يىراق دېگىلى بولمايدۇ. ۋەلھاسىل، نەپسنىڭ باشقا بەدەنگە تەسىر قىلىشى ئەقلەن مۇمكىن ئىش دېمەكتۇر. يەنە نەپسلەر تەبىئەتەن خىلمۇخىل بولغاچقا، بەزى نەپسلەر بىر جانلىقنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىدىن زوقلانغىنىدا، ئۇنىڭغا تەسىر قىلىشى ئەقلەن مۇمكىندۇر. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئىسپاتلاندىكى، كۆز تېگىش بار ئىشتۇر. ئۆتمۈش زامانلاردىن بۇيانقى تەجرىبىلەرمۇ بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىمۇ بۇنى تەكىتلىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىدە شەك قالمايدۇ› دېگەن»(12).
بۈيۈك مۇجتەھىد ۋە تېۋىپ ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئالاقىدار قاراشلارنى بىرقۇر بايان قىلىپ، كۆز تېگىشتە تەسىر قىلغۇچى ئامىلنىڭ روھ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بەزىلەر: ‹كۆز تەگكۈزگۈچىنىڭ كۆڭلى ناچار كەيپىياتتا بولغىنىدا، كۆزىدىن بىر تۈر زەھەرلىك ئۇچقۇن چاچراپ چىقىپ قارالغۇچىغا تۇتىشىدۇ – دە، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ› دېگەن. بەزىلەر: ‹بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل نۇر چىقىپ قارالغۇچىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ› دېگەن. يەنە بەزىلەر: ‹قارىغۇچىنىڭ كۆزىدىن قارالغۇچى تەرەپكە بىرەر ئۇچقۇن ياكى زەھەر ۋەياكى تەسىر قىلغۇچى بىرنەرسە چىقمىسىمۇ، تارتىنچاق ۋە زىيادە ھايالىق كىشى (ئۆزى تەپ تارتىدىغان كىشىگە) قارىغىنىدا يۈزى قىزىرىپ كېتىدۇ، قورقۇنچ باسقان كىشى (ئۆزى قورقىدىغان كىشىگە) قارىغىنىدا چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ، خالاس› دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە تەسىر قىلغۇچى ئامىل روھ بولۇپ، ئۇ كۆز بىلەن زىچ باغلانغان بولغاچقا، تېگىش كۆزگە نىسبەت بېرىلگەن. روھلارنىڭ تەبىئەتلىرى، كۈچلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە كەيپىياتلىرى پەرقلىق بولۇپ، ھەسەتخورنىڭ روھى ھەسەت قىلىنغۇچىغا كۆرۈنەرلىك ئازار بېرىدىغان ھالدا بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تائالا (113/«فەلەق» سۈرىسىدە) ئەلچىسىنى ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەشكە بۇيرۇغان. ھەسەتخورنىڭ ئازارچىلىقى پەقەتلا ئىنسانىي تەبىئەتتىن يوقسۇللارلا ئىنكار قىلىدىغان ھەقىقەت بولۇپ، ئۇ كۆز تېگىشنىڭ تۈپ يىلتىزى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پەس ۋە ھەسەتخور نەپس ناچار كەيپىيات ۋاقتىدا ھەسەت قىلىنغۇچىغا ئاشۇ كەيپىيات بىلەن تەسىر قىلىدۇ. ھەسەتخور كۆز گوياكى ئىگىسى تاماندىن ھەسەت قىلىنغۇچىغا قارىتىلىپ ئېتىلىدىغان يا ئوقىغا ئوخشاش بولۇپ، بەزىدە تېگىدۇ، بەزىدە تەگمەيدۇ. قالقانسىز ھالدىكى كىشىگە تەگسە تەسىر قىلماي قالمايدۇ»(13).
ئىمام نەۋەۋىي تېۋىپلەرنىڭ «كۆزدىن كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل نۇر چىقىپ، قارالغان كىشىگە تېگىشى ۋە ئۇنىڭ بەدىنىگە كىرىشى نەتىجىسىدە ئاللاھ تائالا بېكىتكەن قانۇنىيەت بويىچە ھالاكەت يۈز بېرىدۇ» دېگەندەك قاراشلىرىغا مۇنداق تولۇقلىما بېرىدۇ: «ئەھلىسۈننەتنىڭ قارىشى شۇكى، قارىغۇچى قارىغىنىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن (قارالغۇچىغا) زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر شەخس بىر شەخسكە قارىغىنىدا زىيان كېلىپ چىقىدۇ. بۇ زىيان كۆرۈنمەس نۇر بىلەن بولامدۇ ياكى باشقىچە بولامدۇ، بۇ ئەقىل قوبۇل قىلىدىغان ئىشتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ بولمايدۇ. پەقەت شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇ تەسىر ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. شۇڭا، قايسىبىر مۇسۇلمان تېۋىپ ‹كۆزدىن كۆرۈنمەس بىر نۇر چىقىدۇ› دەپ كېسىپ ئېيتىدىكەن، ئۇ جەزمەن خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭسىزمۇ كۆز تېگىش مۇمكىن ئىشلار جۈملىسىدىندۇر»(14).
كۆزنىڭ قارالغۇچىغا قانداق تەسىر قىلىشىنى يېقىنقى زامان تىلى بىلەن مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: كۆز ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسى (Electromagnetic radiation)(15) ئارقىلىق كۆرەلەيدۇ. بۇ دولقۇنلار نانومېتىر (Nanometre: Nm) ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىنىدۇ(16). كۆز ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دولقۇنلار مېڭىدە تەھلىل قىلىنىپ كۆرۈش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بىراق، ئىنسان كۆزى دولقۇنلارنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۆزى كۆرگەن ئەشيالارنىڭ جىسىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسىمۇ ئەۋەتەلەيدۇ. گېرمانىيەلىك فىزىك ئالىمى ماكس پلانك (Max Planck، 1858 – 1947) نىڭ تەتقىقاتلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۋانتۇم (Quantum) نەزەرىيەسىدە بايان قىلىشىچە، ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسى مەلۇم مىقداردا ئېنېرگىيەنى سۈمۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن مەلۇم مىقداردا ئېنېرگىيەمۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ. ماكس پلانك ئۇنى «كۋانتۇم» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇ ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان ئەڭ كىچىك مىقداردىكى ئېنېرگىيە پارچىسىدۇر(17).
ئۇنداقتا كۆز قانداق تېگىدۇ؟ ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان فىزىكا تەتقىقاتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇپ باقايلى: ئىنسان كۆزى بىرنەرسىگە قاراپ زوق ئالغاندا ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسى تەركىب تاپقان زەررەلەرنىڭ ئادەتتىكى توكى پەۋقۇلئاددە ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ تۆۋەنلەپ، تەبىئىي ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيە زەررەچە ئېلېكترونلىرى ئارتۇق ئېنېرگىيەنى فوتون (Photon) شەكلىدە قويۇپ بېرىدۇ(18). بۇ فوتونلار ھەسەتخورنىڭ كۆزىدىن ھەسەت قىلىنغۇچىنىڭ بەدىنىگە تېگىشى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بەدىنى ئۇنى سۈمۈرۈۋالىدۇ – دە، ھەسەتخورنىڭ يۇقىرى «توك»ىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرايدۇ. ھەتتا كۆز تەگكۈچى ئاغرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن(19). بۇ ئىزاھ ئىلگىرىكى فەخرۇررازىي (ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) ۋە ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئىزاھلىرىغا ماس كېلىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، كۆز تېگىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەڭ «سەھىھ» ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر مەزمۇن جەھەتتىن مۇتەۋاتىر(20) دەرىجىسىگە يېتىدۇ. «قۇرئان» ئايەتلىرىمۇ بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
خوش، بىرەر كىشىگە كۆز تەگكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ ئىلگىرى بىرەر كىشى، بولۇپمۇ چىرايلىق بىر بالا تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالسا، بىرەر چارۋا ياكى بىرەر ئەپلىك مەنقۇلات، كۆركەم ئۆي – زېمىن تالاپەت، پالاكەتكە ئۇچراپ قالسا، تېۋىپ (پسىخىكا دوختۇرلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ياكى بايتار (مال دوختۇرى) ۋەياكى مۇتەخەسسىس كىشى ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالغىنىدا، كۆپىنچە «كۈچلۈك ئېھتىمالدا كۆز تېگىشتىن بولغان» دېگەن ھۆكۈمگە باراتتى. پېشقەدەملەر بۇنى تەجرىبە ئاساسىدا بىلەلەيتتى. ھازىرقى دوختۇرلار كۆز تېگىشنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا، ئۇنى تېبابەت ئىلمىدىن يىراق تۇتقان ۋە بۇنى بىلىشنىڭ ئىلمىي ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. شۇڭا، ھازىر بىز مەلۇم بىر ئەھۋالنى كېسىپ كۆز تېگىشتىن دەپ ئېيتالمايمىز. بۇ سەۋەبتىن كۆز تېگىشتىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە توغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىز كېرەك.
يامان كۆزدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۇسۇلى
ئىمام ئىبنۇلقەييىم كۆزدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۇسۇلىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندە مۇنداق ئىخچاملاش مۇمكىن:
1) ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە دەمىدەلەرنى، بولۇپمۇ «فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ھۈرۈشنى قولدىن بەرمەسلىك ئىنتايىن مۇھىم؛ بۇ كەمكۆزگە قارىتا قالقان ھاسىل قىلىدۇ.
2) تەقۋادار بولۇشقا تىرىشىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر – پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش؛
3) ھەسەتخورلارغا قارىتا سەۋرچان بولۇش؛
4) ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش؛ چۈنكى تەۋەككۈل قىلىش بەندىلەردىن كېلىدىغان ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم ۋە ئەزىيەتكە قارىتا ئەڭ كۈچلۈك تەدبىردۇر.
5) كۆز تېگىشتىن غەم يېمەسلىك ۋە ئوي – خىيالىغا كېلىۋالغان ھامان ئۇنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىش، ئۇنىڭدىن قورقماسلىق؛ بۇ يامان كۆزدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىدىن بىرى.
6) ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، رەببىگە ئىخلاس قىلىش، پۈتۈن دىققەت – ئارزۇسى ئاللاھنىڭ رىزاسى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى قازىنىش بولۇش؛
7) گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش؛ بەندە تەۋبە قىلىپ، ئەيب – نۇقسانلىرىنى تۈزەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى قوغدايدۇ.
8) ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە سەدىقە – ئېھسان قىلىش؛ چۈنكى سەدىقە – ئېھسان بالانى يەيدۇ، يامان كۆزدىن ۋە ھەسەتخورنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە سەدىقە – ئېھسان قىلغۇچىلارغا يامان كۆز، ھەسەت زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
9) ھەسەتخورغا خەير – ئېھسان قىلىش؛ بۇ چارە – تەدبىرلەرنىڭ ئەڭ قىيىنى بولۇپ، ھەسەتخور ئەزىيەت بەرگەنسېرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنۈش ئارقىلىق ھەسەت ئوتىنى ئۆچۈرۈش مۇمكىندۇر.
10) يۇقىرىقىلارنى ھەممىسىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە تۈپ ئاساسى تەۋھىدنى ساغلام ۋە ساپ تۇتۇش، ئوي – پىكرىنى جىمى سەۋەبلەرنىڭ ئىگىسى بولمىش ئەزىز ۋە ھەكىم زات ئاللاھ تائالاغا قارىتىش، «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، پايدا – زىيان پەقەت ئاللاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن بولىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش. بەندە تەۋھىدنى ساپلاشتۇرغىنىدا، قەلبىدىن «ئاللاھتىن باشقىدىن قورقۇش» چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھتىنلا قورقىدۇ(21).
ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە دەمىدەلەر قاتارىدا ئاللاھ تائالادىن پاناھلىق تىلەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالادىن پاناھلىق تىلەڭلار! چۈنكى، كۆز تېگىش ھەقتۇر» دېگەن(22).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام) مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى سىغىندۇراتتى: ‹ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زەھەرلىك ھاشارات ۋە يامان كۆزدىن سىغىنىمەن›»(23).
«فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ھۈرۈشمۇ ئاللاھ تائالادىن پاناھلىق تىلەشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىنلاردىن ۋە ئىنساننىڭ كۆزىدىن پاناھ تىلەيتتى. «فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرى نازىل بولغاندىن كېيىن، شۇ سۈرىلەرنى ئوقۇپ، باشقا دۇئالارنى ئوقۇمايدىغان بولغان(24).
يەنە بىرەر چىرايلىق نەرسىنى كۆرۈپ زوقلانغان كىشىنىڭ ئۇ نەرسىگە بەرىكەت تىلىشى كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە – تەدبىرلىرى قاتارىدىن بولۇپ، ئالىملىرىمىز ئۇنداق ئەھۋالدا بەرىكەت تىلەشنى ۋاجىب دەپ قارىغان.
سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ ئۇمامە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ: «ئاتام سەھل ئىبنى ھۇنەيف خەررار دېگەن جايدا غۇسۇل قىلماقچى بولۇپ، ئۇچىسىدىكى تونىنى سالدى. ئامىر ئىبنى رەبىئە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. دادامنىڭ تېرىسى ئاپئاق بولۇپ، بەكمۇ كېلىشكەن ئادەم ئىدى. ئامىر ئىبنى رەبىئە ئۇنى كۆرۈپ:
— بۈگۈن ھاياتىمدا ئاجايىب بىر كۈن بولدى، قىز بالىنىڭ تېرىسىمۇ بۇنداق ئاق ئەمەس، — دېۋىدى، دادام شۇ جايىدا تۇرۇپلا ئاغرىپ قالدى. ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:
— سەھل ئاغرىپ قالدى، شۇڭا سىلى بىلەن بىللە ماڭالمايدىغان بولدى، — دەپ خەبەر يەتكۈزۈلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا يوقلاپ بېرىۋىدى، دادام بولغان ۋەقەنى ۋە ئامىرنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— نېمىشقا قېرىندىشىڭلارنى ئۆلتۈرۈسىلەر؟ (بۇنىڭ ئورنىغا بىر ـ بىرىڭلارغا) بەرىكەت تىلىسەڭلار بولماسمىدى؟! كۆز تېگىش ھەقىقەتەن بار ئىش. (ئەي ئامىر! ئۇنىڭ ئۈچۈن) تاھارەت ئېلىپ كەلگىن! — دېدى، ئامىر تاھارەت ئېلىپ سۈيىنى ئۇنىڭغا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاتام ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ساقىيىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە يولىنى داۋاملاشتۇردى»(25).
ئىمام قۇرتۇبىي مۇنداق دەيدۇ: «بىرەر نەرسىدىن زوقلانغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بەرىكەت تىلىشى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، بەرىكەت تىلەنسە، زىيان چوقۇم يوق بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ‹بەرىكەت تىلىسەڭلار بولماسمىدى؟!› دېگەن سۆزىگە قارىمامسەن؟! دېمەك، بۇ ھەدىس كىشى بەرىكەت تىلىسە، كۆزى تەگمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەرىكەت تىلەش: ﴿فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ أَحۡسَنُ ٱلۡخَٰلِقِينَ / ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 14) ۋە ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن› دېيىشتۇر»(26).
بۇنىڭغا ئاساسەن، كىشى بىرەر نەرسىگە قاراپ نېمىدىن زوقلانغان بولسا، شۇنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، مەسىلەن «يا ئاللاھ پالانىغا، پالانىنىڭ سىھھەتىگە، ئىلمىگە، ئوغلىغا، ئۆيىگە، ماشىنىسىغا، تىجارىتىگە… بەرىكەت ئاتا قىلغىن» دېگەن تەرىقىدە بەرىكەت تىلەيدۇ ياكى «قۇرئان»دىكى قىسسەدە باغ ئىگىسىگە مۇئمىن بۇرادىرى تەۋسىيە قىلغاندەك: ﴿مَا شَآءَ ٱللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِٱللَّهِۚ / ئاللاھنىڭ خاھلىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ﴾(18/«كەھف»: 39) دېسىمۇ بولىدۇ.
كۆز تېگىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى داۋالاش
بۇ خۇسۇستا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق چارىلەرنى كۆرسەتكەن:
1) ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە، شۇنداقلا ئۆزى توقۇغان بولسىمۇ مەزمۇنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن، ساغلام دۇئالارنى قىلىپ سۈفلەش؛ چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆز تەگكەنگە دەم سالدۇرۇشنى بۇيرۇغان(27). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەۋجەسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن بىر قىزچاقنى كۆرۈپ: «بۇ قىزچاققا دەم سالدۇرۇڭلار، ئۇنىڭغا كۆز تېگىپتۇ» دېگەن(28).
يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە، جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئى مۇھەممەد! ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟ ـ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ھەئە، ـ دېگەنىدى، جىبرىل ئەلەيھىسسالام:
— بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ يُؤْذِيكَ مِنْ شَرِّ كُلِّ نَفْسٍ وَعَيْنِ حَاسِدٍ بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ وَاللَّهُ يَشْفِيكَ / ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ساڭا دەم سالىمەن، ساڭا ئازار بېرىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن، ھەرقانداق نەپسنىڭ ياكى ھەسەتخورنىڭ كۆزىنىڭ شەررىدىن (پاناھ تىلەپ) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن دەم سالىمەن، ئاللاھ ساڭا شىپا بەرگەي! — دەپ دەم سېلىپ قويدى(29).
2) يامان كۆز ئىگىسى تاھارەت ئېلىپ ياكى غۇسۇل قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ سۈيىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈش ياكى شۇ سۇدا غۇسۇل قىلدۇرۇش؛ چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆزى تەگكەن كىشىگە تاھارەت ئالدۇرۇپ، ئاندىن كۆز تەگكەن كىشىنى شۇ تاھارەت سۈيىدە غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇيتتى(30). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، كۆز ئىگىسىنى (نامازغا ئالغاندەك) تاھارەت ئېلىشقا، شۇ تاھارەت سۈيى بىلەن كۆز تەگكەن كىشىنى غۇسۇل قىلدۇرۇشقا بۇيرۇلاتتى(31). يۇقىرىدا بۇ ھەقتە بىرقانچە ھەدىس بايان قىلىندى. ئەمما، كىمنىڭ كۆزى تەگكەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا دۇئا، دەمىدە ۋە سەدىقە بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ.
كۆز ئىگىسىنىڭ غۇسۇل قىلىشىنىڭ پسىخىكىلىق سىرى شۇكى، ئۇنىڭدىن غۇسۇل قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغىنىدا، قېرىندىشىغا يەتكۈزگەن ئەزىيىتى سەۋەبلىك ۋىجدانى ئۇنى ئازابلايدۇ ۋە ھەسەت بىلەن زىيان يەتكۈزۈگەن بولۇمسىز ئېنېرگىيە بولۇشلۇق، پايدىلىق ئېنېرگىيەگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ ھالەت ئۇنىڭ بەدىنىگە تەسىر قىلىدۇ ۋە ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ ھارارىتى نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر ئوكسىگېن ئاتومى ۋە ئىككى ھىدروگېن ئاتومىدىن تەركىب تاپقان سۇ مولېكۇلىسى (H₂O) ئۆز ئەتراپىدا ۋە ئۆزى ھۆل قىلغان بەدەننىڭ ئەتراپىدا تېز ئايلانغىنىدا، بەدەندىكى ئېنېرگىيە مۇۋازىنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. كەمكۆز كىشى غۇسۇل قىلغىنىدا، ئۇنىڭدىن زىيانسىز ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيە چىقىدۇ. ئۇ غۇسۇل قىلغان سۇ كۆز تەگكەن كىشىگە قۇيۇلغىنىدا، بولۇشلۇق رادىئاتسىيە قىزىغان رادىئاتسىيەنى ئۆچۈرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆز تېگىشنى داۋالاشتا نېمە ئۈچۈن ھەسەل ياكى زەيتۇن يېغى ئەمەس، بەلكى سۇنىڭ تاللانغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئەمدى نېمە ئۈچۈن باشقا كىشى ئەمەس، دەل كۆزى تەگكەن كىشىنىڭ غۇسۇل قىلىپ بېرىشىنىڭ ۋە غۇسۇل سۈيىنى كۆز تەگكەن كىشىنى داۋالاشتا ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، 1922 – يىلى فىزىكا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دانىيەلىك ئالىم نېيلىز بوھر (Niels Henrik David Bohr، 1885 – 1962) نىڭ «مۇئەييەن بىر بەدەندىن چىققان ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، سۈرئىتى، ئېنېرگىيە سەۋىيەسى ۋە چاستوتىسى باشقا بەدەندىن چىققانلاردىن پەرقلىق بولىدۇ» دېگەن تەتقىقات يەكۈنى جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ھەربىر ئىنسانغا خاس بارماق ئىزى ۋە تەر پۇرىقى بولغىنىغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا، كەمكۆز كىشىنىڭ ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغان كىشىنى باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، دەل شۇ قارىغۇچىنىڭ غۇسۇل قىلىش ئارقىلىق زىيانلىق تەرىپى تازىلانغان ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ(32).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۆرسەتمىلىرى بولغاندىن كېيىن، كۆز تېگىشتىن ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا تەۋەككۈل قىلىش بولمىغانلىقتىن ئەقىدە لىڭشىپ قالىدۇ. ھەممە بالايى – مۇسىبەت، ئاغرىق – سىلاق ۋە كېلىشمەسلىكلەرنى كۆز تېگىشتىن كۆرۈۋېلىشمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئىجتىمائىي ۋە پسىخىكىي تەسىرى ئېغىر بولىدۇ. گاھىدا سېھىر قىلىش، كۆزمونچاق ئېسىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان شىرك ۋە چوڭ گۇناھلارغا ئېلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى كۆز تېگىشتىن پاناھلاندۇراتتى – يۇ، ئۇلارنى كىشىلەر بار يەرگىمۇ بىللە ئېلىپ چىقاتتى. بىزمۇ دۇئا – زىكىرلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى قوغداپ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ياشاۋېرىشىمىز كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 6 – شەئبان / م. 2022، 9 – مارت
1. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 200 – بەت.
2. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 13 – ج، 70 – بەت.
3. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 205 – بەت.
4. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 4 – ج، 149 – بەت.
5. ئەلجاھىز: «ئەلھەيەۋان»، 2 – ج، 131 – بەت.
6. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان»، 13 – ج، 236 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 9 – ج، 226 – بەت؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4 – ج، 400 – بەت.
7. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان»، 23 – ج، 202 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 18 – ج، 255 – بەت؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 8 – ج، 201 – بەت؛ سابۇنىي: «سەفۋەتۇتتەفاسىر»، 3 – ج، 390 – بەت.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5740)؛ مۇسلىم (2187).
9. مۇسلىم (2188).
10. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7 – ج، 328 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 204 – بەت.
11. قاراڭ: كلىنىك پسخولوگىيە دوختۇرى در. رىزا ئەلھۇمرانىينىڭ: «العين الحاسدة بين المنكرين لوجودها والمبالغين في شأنها» ناملىق ماقالىسى؛ Broughton R.S., Parapsychologie, une science controversée. Ed du Rocher, 1995.
12. فەخرۇررازىي: «مەفاتىيھۇل غەيب»، 18 – ج، 482 – 483 – بەت.
13. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 4 – ج، 149 – بەت.
14. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7 – ج، 327 – بەت.
15. ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيەسى شوتلاندىيەلىك ئالىم جېمىس كلېرك ماكسۋېل James Clerk Maxwell (1831 – 1879) تەرىپىدىن 1865 – يىلى كەشف قىلىنغان. قاراڭ:
MAX WELL. J.C, Dynamical Theory of Electromagnetic Field, Transactions of the royal society of London Philosophical, 512-549: 155, 1865.
16. يەنە گېرتىس (Hertz) بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ.
17. فىزىكانت ماكس پلانك ئارتۇق ئېنېرگىيەنى بىر توپ كىچىك ئېنېرگىيە باغلاملىرى دەپ قاراپ ئۇنى كۋانتلار دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئالبېرت ئېينىشتېين ئۇنى تېخىمۇ ئىنچىكە سۈپەتلەپ يورۇقلۇق كۋانتى quantum of light دەپ ئاتىغان. بۇ كۈنىمىزدە فوتون (Photon) دەپ ئاتالماقتا.
18. Max Planck, Electromagnétisme, traduit de l’allemand avec notes et compléments, Paris, Librairie Félix Alcan, 1939, 449 p.
JL Heilbron, Planck, la révolution quantique, Les génies de la science, 2006, n° 27, p. 32-120.
19. قاراڭ: كلىنىك پسىخولوگىيە دوختۇرى در. رىزا ئەلھۇمرانىينىڭ: «العين الحاسدة بين المنكرين لوجودها والمبالغين في شأنها» ناملىق ماقالىسى. بۇ پەتۋادا ئاشۇ ماقالىدىكى ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە ئىلمىي مەنبەلەر كۆرسىتىلدى.
20. مۇتەۋاتىر ھەدىس (الْحَدِيثُ الْمُتَوَاتِرُ): لۇغەت مەنىسى «ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلمەي كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەنەدنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارىلىرىدا يالغان ئېيتىشقا كېلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق كۆپ ساندىكى راۋىيلەرنىڭ ئوخشاش ھالەتتىكى كۆپ سانلىق راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «لەفزى مۇتەۋاتىر»، «مەنىسى مۇتەۋاتىر» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
21. ئىبنۇلقەييىم: «بەدائىئۇل فەۋائىد»، 2 – ج، 463 – 469 – بەت.
22. ئىبنى ماجە (3508). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
23. بۇخارىي (3371).
24. تىرمىزىي (2058). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
25. مالىك (1678)؛ ئەھمەد (16023). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
26. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 9 – ج، 227 – بەت.
27. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5738)؛ مۇسلىم (2195).
28. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5739)؛ مۇسلىم (2197).
29. مۇسلىم (2186).
30. ئەبۇ داۋۇد (3880). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
31. ئەبۇ داۋۇد (3882). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
32. قاراڭ: كلىنىك پىسخولوگىيە دوختۇرى در. رىزا ئەلھۇمرانىينىڭ: «العين الحاسدة بين المنكرين لوجودها والمبالغين في شأنها» ناملىق ماقالىسى؛
G. Peruzzi, Niels Bohr: À l’aube de la physique atomique, Les Génies de la science, 2008, n° 34.
François Lurçat, Niels Bohr et la physique quantique, Seuil, Collection Points Science, 2001.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

