زاكات ئايرىشتا تىجارەت تاۋارلىرىنى قايسى باھادا ھېسابلايمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىز تىجارەتچىلەر ھەر يىلى رامازاندا زاكات ئايرىشتا قولىمىزدىكى تاۋار ماللارنى قايسى باھاغا ئاساسەن ھېسابلاشنى بىلەلمەي قالىمىز. ئەسلىدىكى سېتىۋالغان باھادىمۇ ياكى ھازىرقى بازار باھاسىدىمۇ؟ توغرىسى قايسى؟ ئەگەر قولىمىزدا نەق پۇل بولماي پەقەتلا تاۋار مال بولغان تەقدىردە زاكاتنى ئاشۇ ماللاردىن ئايرىپ بەرسەك بولامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئېلىپ – سېتىش ئارقىلىق پايدا تېپىش كۆزلەنگەن تاۋارلار تىجارەت ماللىرى قاتارىغا كىرىدۇ. تىجارەت تاۋارلىرىغا ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بىر يىل ئۆتسە زاكات بېرىدىغان چاغدىكى بازار باھاسى بويىچە باھالىنىدۇ. باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزلەر، شۇنداقلا قولىدا ۋە بانكىدا بار نەق پۇللار (ئۇ پۇللار تىجارەتكە ئىشلىتىلسۇن ياكى ئىشلىتىلمىسۇن بىردەك) تاۋارلار باھالانغان قىممەتكە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزلەر چىقىرىۋېتىلىپ قالغان ئىقتىساد نىسابىغا (زاكات پەرز بولۇش ئۆلچىمىگە) يەتسە يىلدا بىر قېتىم 2.5% مىقداردا، يەنى، قىرىقتىن بىرى (1/40) زاكات بېرىلىدۇ. ئىككى رامازان ئوتتۇرىدا بۇ تاۋارلارنىڭ قىممىتى زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەنلەپ كەتسىمۇ، لېكىن رامازاندا شۇ ئۆلچەمگە يەتسە يەنىلا زاكات ئايرىلىدۇ. زاكات بېرىش ئۆلچىمى ساپلىقى 21 كارات/ئايارلىق (87.5% لىك) 85 گرام ئالتۇن ياكى ئۇنىڭ باھاسىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار…﴾ (بەقەرە، 267) دېگەن ئايىتى تىجارەت ماللىرىدىمۇ زاكات ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئايەتتىكى «سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەر» دېگەن جۈملە تىجارەتتىن ئېرىشكەن تاۋارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى…﴾ (تەۋبە، 103) دېگەن ئايىتىدىكى «ماللىرىنىڭ» دېگەن كەلىمىمۇ ھەر قانداق ھالال مال – مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە خېلى كۆپ ئايەت – ھەدىسلەرمۇ ھەر قانداق مال – مۈلۈكلەرگە مۇئەييەن ئۆلچەم ئاستىدا زاكات پەرز بولىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. يەنە ساھابە – كىراملار ۋە سەلەفلەر، شۇنداقلا ئۆلىمالار تىجارەت تاۋارلىرىغا زاكات كېلىدىغانلىقىدا بىردەك قاراشتا.

ئىمام ئىبنى قۇدامە (م1147 – 1223): «كىمكى تىجارەت ماللىرىغا ئىگە بولۇپ، زاكات ئۆلچىمىگە يېتىپ بىر يىل ئۆتسە، يىل ئاخىرىدا ئۇنى باھالاپ قانچىلىك بولسا ئۇنىڭدىن قىرىقتىن بىر ((1/40 ياكى %2.5) زاكات ئايرىيدۇ. ئالىملار ئارىسىدا بىر يىل ئۆتۈشى جەھەتتىن باشقىچە قاراش بارلىقىنى بىلمەيمىز» دېگەن(1).

بۇ يەردە بىرقانچە قائىدىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك:

Œ زاكىتى ئايرىلىدىغان مال – مۈلۈكنى بىر – بىرىگە قوشۇپ جەملەش قائىدىسى. مەسىلەن، قولىدىكى تاۋار ماللار قىممىتىنى قولىدىكى نەق پۇلغا قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزلىرىنى قوشۇپ ھەممىنى جەملەپ زاكات ئايرىيدۇ.

 زاكىتى ئايرىلىدىغان مال – مۈلۈكنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئازىيىپ – كۆپىيىپ ئۆزگىرىشىدىن قەتئىنەزەر، يىل ئاخىرىدىكى قىممىتى ھېساب قىلىنىدۇ.

Ž قوشۇلغان پايدا ئەسلى سەرمايىگە تەۋە بولىدۇ. يەنى پايدا يىل ئىچىدە قوشۇلغان بولسىمۇ ئانا سەرمايىگە قوشۇپ يىل ئاخىرىدا زاكىتى ئايرىلىدۇ. پايدىنىڭ قولغا كىرگىنىگە بىر يىل ئۆتۈشى كېرەك ئەمەس.

 تىجارەتتە پايدا چىقسۇن ياكى زىيان چىقسۇن تىجارەت ماللىرى ئۆلچەمگە يەتسە زاكات ئايرىش پەرز بولىدۇ.

 زاكاتنى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلاپ بېرىش ئەپسىز بولغاندا مىلادىيە كالېندارى بويىچە يىلدا بىر ھېسابلىسا بولىدۇ. لېكىن 2.5% ئورنىغا 2.575% مىقداردا ئايرىسا بولىدۇ.

ئالىملىرىمىز زاكات ئايرىلىدىغان مال – مۈلۈكتە تۆۋەندىكىدەك شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ:

 مەزكۇر مال – مۈلۈك زاكات بەرگۈچىنىڭ تولۇق ئىگىدارچىلىقىدا بولغان مۈلۈك بولۇشى.

‚ ئاۋۇۋاتقان ياكى ئاۋۇش ئېھتىماللىقى بار مۈلۈك بولۇشى.

ƒ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئاشقان مۈلۈك بولۇشى.

„ تۆلەش ۋاقتى كەلگەن قەرزلەردىن خالىي بولۇشى.

… ئىگىدارچىلىققا بىر يىل تولغان بولۇشى. (زىرائەت، چارۋا ۋە كان بايلىقلىرىدا ئۇنداق شەرت يوق)

† بىر يىل توشقاندا مال – مۈلۈك زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى.

‡ ھالال مال – مۈلۈك بولۇشى. چۈنكى ئاللاھ ناپاكنى قوبۇل قىلمايدۇ.

تىجارەتچىنىڭ قولىدىكى ماللاردا يۇقىرىقى شەرتلەر تېپىلىشى ياكى تېپىلماسلىقى زاكىتىنى ئايرىيدىغان مال – مۈلۈكنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندە يۇقىرىقى شەرتلەر ۋە قائىدىلەرگە ئاساسەن تىجارەتچىنىڭ قولىدىكى ماللارنىڭ قانچىلىك قىسمىغا زاكات ئايرىيدىغانلىقىنى مىسال بىلەن يورۇتۇپ ئۆتەيلى:

1.  مال – مۈلۈكنىڭ تىجارەت مېلى ياكى تىجارەت مېلى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە نىيەت ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزى مىنىشكە بىر ماشىنا ياكى ئولتۇرۇشقا بىر ئۆي سېتىۋېلىپ پايدا قىلىدىغان بولسا سېتىۋېتەرمەن دېسە، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما بىر ماشىنىنى ياكى بىر ئۆينى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە سېتىۋېلىپ، ساتقۇچە بولغان ئارىلىقتا ھەيدەپ ياكى ئولتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ ئۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ. قاچانىكى ساتماي ئىشلىتىشنى قارار قىلسا ئاندىن ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

بۇ ۋەجىدىن، تىجارەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا لازىملىق بولغان، ئامبار، دۇكان، سەرەمجان، ئۈسكۈنە، سايمان، ماشىنا ۋە زاۋۇت قاتارلىق يالغۇز ياكى تاۋار بىلەن سېتىش مەقسەت قىلىنمايدىغان نەرسىلەر تىجارەت ماللىرى قاتارىغا كىرمەيدۇ. مەسىلەن، ساتماي تىجارىتىدە ئىشلىتىدىغان 100 توڭلاتقۇ، ياكى 20 ماشىنا، ياكى بىر مىليون تاغار، ياكى تاۋار ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت – كارخانا بولسا، بۇنىڭ قىممىتى تىجارەت مېلى قاتارىغا كىرمەيدۇ. يەنى زاكات ئايرىشتا ئۇنى ھېسابلىمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلىتىدىغان سايمان. بۇ تۈردىكى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆلەپ قويۇلغان پۇللارمۇ ئوخشاش. ئەمما يالغۇز ياكى تاۋار بىلەن بىللە ساتىدىغان زاۋۇت – كارخانا، 100 توڭلاتقۇ، ياكى 20 ماشىنا، ياكى بىر مىليون تاغار بولسا، بۇمۇ تىجارەت مېلى قاتارىدا ھېسابلىنىپ زاكىتى ئايرىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنى مۇنداق ئايرىش مۇمكىن: ئەتىر تىجارەتچىسى ئەتىر ساقلاشقا ئالغان شېشەلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. ئەتىرنى قاچىلاپ ساتىدىغان شېشەلەرگە زاكات كېلىدۇ(2).

2.  تىجارەتنى ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىلمەي، ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىشمۇ كۆزلەنمىگەن، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت كىرىم قىلىشنى كۆزلەپ مەبلەغ سېلىنغان نەرسىلەر، مەسىلەن، باشقىلارغا ئىجارە بېرىلىدىغان زېمىن، بىنا، ماشىنا، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى قاتارلىقلارغا تىجارەت تاۋارلىرى قاتارىدا زاكات كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمگىلا زاكات كېلىدۇ. بۇلارنى سېتىۋەتكەن تەقدىردە ئۇنىڭ پۇلى قولىدىكى نەق پۇلغا قوشۇپ زاكات ئايرىلىدۇ.

ئەسلىدە ئالىملار ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي، دۇكان، كىراغا ئايرىلغان ماشىنا ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى «كىرىمىدىن پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر» دەپ ئايرىم تۈرگە ئايرىيدۇ. بۇلارنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىش مەسىلىسىدە، بىر قىسىم ئالىملار شۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى باھالىنىپ پۈتۈن قىممىتىگە كىرىمى بىلەن قوشۇپ 2.5% مىقداردا زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان؛ يەنە بىر قىسىم ئالىملار تاپقان پۇلغا، كىرگەن كىرىمگە زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە زاكات كېلىدۇ، دەپ قارىغان؛ كۆپچىلىك ئالىملار شۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتىگە زاكات كەلمەيدۇ، تاپقان پۇلغا، كىرگەن كىرىمگە زاكات كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز يۇقىرىدا شۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قاراشنى تاللىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك ساھابىلەرنىڭ ئىجارىگە بېرىدىغان زېمىنلىرى بار ئىدى. ئۇلاردىن ئىجارە بەرگەن زېمىنلىرىغا زاكات بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان. «دۇنيا زاكات شەرئى ھەيئىتى» مۇ، «ئىسلام فىقھى كومىتېتى»مۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقاندۇر(3).

3.  يېڭى بىنا قۇرۇلۇشى، زاۋۇت، كارخانا قاتارلىق تېخى پۈتمىگەن، قۇرۇلىۋاتقان نەرسىلەر. بۇلار ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

بىرى، تىجارەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئامبار، بىنا، دۇكان ۋە زاۋۇت – كارخانا قاتارلىقلار. بۇلار زاكات ئايرىيدىغان مال قاتارىغا كىرمەيدۇ.

يەنە بىرى، ياسىلىپ پۈتكەندە تاۋار سۈپىتىدە سېتىلىدىغان نەرسىلەر. مەسىلەن، بىنا، ياكى دۇكان، ياكى زاۋۇت سېلىنىۋاتقان، قۇرۇلىۋاتقان، پۈتكەندە سېتىلىدىغان بولسا، بۇ نەرسىلەر ھەر رامازاندا زاكات بېرىش ۋاقتىدا مۇۋاپىق بازار باھاسىدا باھالىنىپ زاكات ئايرىيدىغان مال قاتارىغا قوشۇۋېتىلىدۇ.

4.  تىجارەت ماركىسى، تىجارەت ئىسمى، ئىمتىياز، ئىجادىيەت، ئاپتورلۇق ۋە پاتېنت ھوقۇقى دېگەندەك مەنىۋىي ھەقلەرنىڭ قىممىتىگە (ئېلىپ -سېتىش مەقسەت قىلىنمىسا)، ئېلان ۋە تەشۋىقاتقا خەجلىنىدىغان پۇلغا، شۇنداقلا شىركەت قۇرۇش، ئەنگە ئالدۇرۇش، زاۋۇت – كارخانىلاردا ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەجرىبە – سىناق ۋە تەتقىقاتلارغا كېتەرلىك خىراجەتلەرگە زاكات كەلمەيدۇ.

بۇ خىراجەتلەر ئادەتتە بىرنەچچە يىلدا خەجلىنىدۇ. بۇلار بىر قاراشقا سايمان – ئۈسكۈنىلەر قاتارىدا، بىر قاراشقا تاۋار مال قاتارىدا كۆرۈنىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ خىراجەتلەر ئاۋۇيدىغان مال قاتارىدا ئەمەس، بىرنەچچە يىل ئىچىدە خەجلىنىپ كېتىدىغان مال بولغاچقا، زاكات ئايرىلىدىغان مال قاتارىغا كىرمەيدۇ(4). مەسىلەن، تەتقىقات ۋە تەجرىبىگە ياكى ئېلانغا 100 مىڭ دوللار ئاجرىتىلدى. بۇ 100 مىڭ دوللارغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىگە ئوخشاش. بۇنىڭ ئەسلىگە زاكات كەلمىگەندىن كېيىن بۇنىڭ 50 مىڭى بۇ يىل چىقىم قىلىنىپ، قالغان 50 مىڭى كېلەر يىلى چىقىم قىلىنىدىغان بولسىمۇ، كېلەر يىلغا تەۋە بولغان 50 مىڭغا (ئەگەر ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلەتمىسە) ئوخشاشلا زاكات كەلمەيدۇ. خۇددى 10 دوللارلىق بىر سايماننى تىجارەتتە ئىشلىتىدىغان بولساق، بىر يىل ئۆتكەندە 5 دوللارلىق ئۇپراپ 5 دوللارلىق قىممىتى قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىدە ئىشلىتىلىدىغان سايمان بولغاچقا ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

5.  تىجارەتكە ئالاقىدار باج ۋە رەسمىيەت پۇللىرى، يەنە مەجبۇرىي تىجارەت سۇغۇرتىسى ۋە شۇ قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن تۆلەش كېرەك بولغان چىقىملارغىمۇ زاكات كەلمەيدۇ. ئەگەر بىر تاۋارنى 100 دوللارغا توپ ساتقىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 15 دوللىرى دۆلەتكە باج تۆلىنىدىغان بولسا، بۇ تاۋارنىڭ قىممىتى 85 دوللار ھېسابلىنىدۇ. يەنى دۆلەتكە تۆلەيدىغان باج زاكاتنى ھېسابلاشتا ئومۇمىي سوممىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. بىر ئۆينى 100 مىڭ دوللارغا ساتقىلى بولىدىغان بولۇپ، سېتىشتا ساتقۇچى 4% باج ياكى رەسمىيەت تۆلەيدىغان بولسا، زاكات ھېسابلىغاندا 96 مىڭ دوللار بويىچە ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي قىممىتى 96 مىڭ دوللاردۇر.

6.  باج ۋە رەسمىيەت پۇللىرى جەمئىيەتنىڭ باي ۋە يوقسۇل كىشىلىرىگە سەرپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، يەنى باج سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلارنى دۆلەت بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، باج ۋە رەسمىيەت پۇللىرىنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، زاكات زاكات ئىسمى، زاكاتنىڭ ئۆلچەم ۋە شەرتلىرى بىلەن ئېلىنىپ، ئاللاھتائالا كىتابىدا بېكىتكەن ئورۇنلارغا بېرىلىشى كېرەك(5). مەسىلەن، يۇقىرىقى مىسالدىكى ئۆي ساتقان پۇلدىن باج ۋە رەسمىيەت ئۈچۈن تۆلەنگەن 4 مىڭ دوللارنى ياكى دۇكاندا مال ساتقانغا تۆلەنگەن باجنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولمايدۇ.

7. سېتىلمايدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، قولىغا كىرگىنىگە بىر يىل ئۆتكەن ماللارنى ئالتۇن ياكى قەغەز پۇل باھاسىدا باھالايدۇ. چۈنكى، تىجارەت ماللىرىدا ئالتۇن – كۈمۈشتە ياكى چارۋا ماللاردا بولغىنىدەك، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم يوق. ھەم شەرىئەت بۇنى بېكىتىپ بەرمىگەن. شۇڭا قىممىتى ئالتۇنغا ياكى قەغەز پۇلغا سۇندۇرۇلىدۇ.

8. تىجارەت ماللىرىنى ھېسابلىغاندا توپ سېتىلىدىغان نەرسىلەر ھېسابلانغان كۈنىدىكى توپ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ماشىنا ياكى ئۆي – زېمىنغا قاتارلىق توپ سېتىلمايدىغان قىممەتلىك ماللار ھېسابلانغان كۈنىدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆپچىلىك سەلەف – سالىھلار ۋە ئالىملاردىن كەلگەن قاراش بولۇپ، مۇشۇنداق باھالىغاندىلا تاۋارنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ھېسابلانغان بولىدۇ. چۈنكى، زاكات ئايرىلىدىغان چاغدا مەزكۇر تاۋارنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئەمما قىممىتى بۇرۇن سېتىۋالغان يۇقىرى باھادا ھېسابلانسا تىجارەتچىگە زىيان بولاتتى. ئەكسىچە مەزكۇر تاۋارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن بولسا، زاكات بۇرۇنقى قىممىتى بويىچە سەرمايىگىلا كېلىپ، پايدىسىدىن زاكات بېرىلمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى زاكات ئانا پۇلغىمۇ، پايدىسىغىمۇ كېلىدۇ(6).

9. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، تولۇق ئىشلىنىپ بولغان سېتىشقا تەييار تاۋارلار زاكات ئايرىيدىغان كۈنلەردىكى توپ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما، تېخى ئىشلىنىۋاتقان، يېرىم ئىشلەنگەن ۋە يەنە ئىشلىنىشكە ئېھتىياجى بار تاۋارلار تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ ھازىرقى تۇرقىنى باھالىشى ئاساسىدا باھالىنىدۇ. بۇ خام ماتېرىياللار بەلكىم بىر ياكى بىرنەچچە باسقۇچتا ئىشلىنىپ بولغان، يەنە بىرقانچە باسقۇچ ئىشلىنىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنى ھازىرقى تۇرقىنىڭ باھاسىدا باھالايدۇ دېگەن ئالىملارمۇ، ئىشلىنىپ سېتىلىدىغان باھادا باھالايدۇ دېگەن ئالىملارمۇ، ئىشلەنمىگەن، خام ماتېرىيال ھالىتىدە سېتىۋېلىنغان باھادا باھالايدۇ دېگەن ئالىملارمۇ بار. ئەڭ توغرىسى، ھازىرقى تۇرۇقىنىڭ باھاسىدا باھالايدۇ دېگەن قاراشتۇر. مەسىلەن، ناۋات بىلەن كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 100 توننا شېكەر سېتىۋېلىنىپ، بۇنىڭ 50 توننىسىدا ناۋات ياسالدى. قالغان 50 توننىسى قىيام ھالىتىدە قالدى. ئۇنىڭدىن كەمپۈت ئىشلەنمەكچى. ئۇنداقتا بۇ 50 توننا قىيام، پىششىقلانغان كەمپۈت ياكى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىنغان شېكەر باھاسىدا ھېسابلانماي بازاردىكى قىيام باھاسىدا ھېسابلىنىدۇ.

تېخى ھېچ ئىشلەنمىگەن خام ماتېرىياللار هازىرقى توپ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تىجارەت ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان، سېتىلىدىغان تاۋارنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا، ئۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ. مەسىلەن، ماشىنا سانائىتىگە ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر، توقۇمىچىلىقتىكى پاختا ۋە يىپ، سوپۇن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ياغ، ناۋات ياكى كەمپۈت ئىشلىنىدىغان شېكەر قاتارلىق خام ماتېرىياللار يىل توشقاندا (ياكى رامازاندا) بازاردىكى باھاسىدا باھالىنىپ زاكات ئايرىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان، ئەمما، ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نەرسىنىڭ تەركىبىگە كىرمەيدىغان توك، سۇ، يېقىلغۇ، تازىلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارغا زاكات كەلمەيدۇ. مەسىلەن، ناۋات ئىشلەپچىقىرىشتا زۆرۈر بولغان يېقىلغۇغا ئوخشاش. بۇ ماتېرىياللار يىل ئاخىرىدا ئىشلىتىلمىگەن ھالەتتە بولسىمۇ ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ تىجارەت تاۋارى ئەمەس، ئېلىپ – سېتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغانمۇ ئەمەس. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا سەرپ قىلىنىدۇ. تاۋار سېتىلغاندا خېرىدارنىڭ قولىغا ئۆتمەيدۇ(7).

10. يولدا كېلىۋاتقان، ۋاكالەتچىلەرنىڭ، كارگوچىلارنىڭ (مال يەتكۈزگۈچىلەر) قولىدىكى ماللار ئامانەت ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، مال قەيەردە بولسا شۇ جاينىڭ بازار باھاسىدا باھالىنىپ زاكات ئايرىلىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى تىجارەتچىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر دۇكاندا ئامانەت مېلى بولسا، قىممىتى ئۈرۈمچىدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. لوندون پورتىدا مال بولسا، لوندوندىكى باھادا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مال ئىستانبۇل پورتىغا كېلىپ توختىغان بولسا، ئىستانبۇل باھاسىدا ھېسابلىنىدۇ ۋە ھاكازالار.

11. دەماللىققا قولغا تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولمايدىغان، ھۆكۈمەت ياكى تامۇژنا ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ياكى مەھكىمە ساتقۇزمايۋاتقان ماللار تولۇق ئىگىدارچىلىق شەرتى توشمىغاچقا، زاكات ئايرىلىدىغان ماللار قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئوغرىلانغان، مۇسادىرە قىلىنغان، يۈتۈپ كەتكەن ماللارمۇ ئوخشاش.

شۇنداقلا خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى زاۋۇت – كارخانىلىرى، دۇكانلىرى، بىنالىرى قاتارلىق ئىقتىسادىنى قولىغا ئالالماي، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالماي قالغانلارمۇ ئۇ ئىقتىسادىغا زاكات ئايرىمايدۇ. چۈنكى شەخسنىڭ ئۇ ئىقتىسادقا قانۇنىي ئىگىدارچىلىقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىقتىساد قولىدا ئەمەس. مەسىلەن دۇكىنى بار كىشى دۇكىنىنى ساتاي دېسە ساتالمايدۇ، ئاچاي دېسە ئاچالمايدۇ. ھالبۇكى، زاكات كېلىدىغان ئىقتىسادنىڭ شەرتى ھەم ئىگىدارچىلىقى بولۇش ھەم قولىدا بولۇشتۇر. يەنى ئۆزى بىۋاسىتە ياكى ۋەكىلى ئارقىلىق پايدىلىنالايدىغان، ئاۋۇتالايدىغان ۋە ساتالايدىغان بولۇشى شەرت. ھالبۇكى، ئۇ مۈلۈكدارنىڭ ئۇنداق ئىمكانىيىتى يوق.

تولۇق ئىگىدارلىقى بولۇش زاكات پەرز بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، قەرزدىن خالىي، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق، يىلنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا تولۇق ئىگىدارلىقى بولغان، نىسابىغا يەتكەن پۇل – مالغا ئىگە بولغاندا ئاندىن زاكات پەرز بولىدۇ. چۈنكى زاكات مۇكەممەل نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن پەرز بولغاندۇر(8). ھالبۇكى، خىتتاينىڭ، قاراقچىنىڭ، قويمىچىنىڭ، زوراۋاننىڭ، بۇلاڭچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان مال – مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىقى بولسا مۇكەممەل ئىگىدارلىق ئەمەستۇر. مال – مۈلكى باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى لاگېر ياكى تۈرمىلەردە ياكى چەتئەللەردە بولغانلىقتىن مۈلكىدىن پايدىلىنالمىغان بولسا، ئۇنىڭ تولۇق ئىگىدارچىلىقى بولمىغان بولىدۇ.

دېمەك، پايدىلىنالماسلىق ئىگىدارچىلىقنى ئاجىزلىتىدۇ. ئەسىرنىڭ، پۇل خەجلىشىگە چەك قويۇلغانلارنىڭ ۋە قەرزنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىمۇ شۇنداق(9).

بۇنى ئالىملىرىمىزنىڭ مۇنۇ بايانلىرىمۇ تەكىتلەيدۇ: «ئۈمىد ئۈزۈلگەن ماللاردا زاكات پەرز بولمايدۇ. ئۈمىد ئۈزۈلگەن مال − يۈتۈپ كەتكەن، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، چۆل – جەزىرىلەرگە كۆمۈپ قويۇپ ئورنىنى ئۇنتۇپ قالغان، ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە دەلىل – ئىسپات يوق، تارتىۋېلىنغان، مۇسادىرە قىلىنغان مال – مۈلۈك ۋە تېنىۋېلىنغان قەرز، تونۇمايدىغان كىشىگە قويۇپ قويۇلغان (ئاندىن كىملىكىنى بىلەلمىگەن) ئامانەت ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ماللاردۇر»(10).

بۇ تۈردىكى مال – مۈلۈكلەرنى قاچان قولىغا ئېلىپ، بىر يىل ئۆتسە ئاندىن ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرسە بولىدۇ. بىر يىل ئۆتكۈزمەي، قولىغا كىرگەن ھامان ئالدىنئالا بېرىۋېتىش ئەۋزەلرەك.

12. ئۇزۇن مۇددەت سېتىلماي بېسىلىپ قالغان بازىرى كاسات ماللارمۇ تەجرىبىلىك كىشىلەر تەرىپىدىن باھالىنىپ زاكىتى ئايرىلىدۇ. مەسىلەن، 100 دوللارغا ئالغان تاۋار 10 دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولسا، 10 دوللار باھالايدۇ. ئالىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن باھالىيالمىسا، تىجارەتچىلەر سېتىۋېلىشى مۇمكىن بولغان باھادا باھالايدۇ. لېكىن تىجارەتچىنىڭ قولىدىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بازىرى كاسات بولۇپ، قولىدا زاكاتقا بېرىدىغان نەق پۇل بولمىسا، پۇل تاپقان چاغدا ياكى ئۇ تاۋارلار سېتىلغاندا ئۆتكەن يىللارنىڭكىنى بەرسە بولىدۇ.

13. بىرەر نەرسە سېتىۋېلىش، ياسىتىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئالدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان پۇللار (زاكالەتمۇ شۇنداق) سېتىۋېلىنماقچى بولغان تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكىدەك سايمان ۋە ئۈسكۈنە قاتارىدا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇ پۇللارغا زاكات كەلمەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خام ماتېرىيال ياكى ئېلىپ سېتىلىدىغان تاۋار بولسا، ئۆتكۈزۈلگەن پۇل قانچىلىك بولسا شۇنچە پۇلدىن زاكات ئايرىيدۇ.

ئالايلۇق، 45000 دوللارغا دۇكان سېتىۋالغان، ھازىر 20000 نى تاپشۇردى. دۇكان پۈتۈپ قولغا ئالغاندا 25000 نى تاپشۇرىدۇ، بۇ ئەھۋالدا دۇكانغا تاپشۇرۇپ بولغان پۇلغا زاكات كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ سايمان ۋە ئۈسكۈنە قاتارىدا ئىشلىتىدىغان نەرسە. تاپشۇرمىغان پۇل تېخى قولىدا بولغاچقا، بىر يىلغىچە (شۇ يىل رامازانغىچە) تاپشۇرىدىغان بولسا، قەرز ھېسابلىنىپ ئۇنىڭغىمۇ زاكات كەلمەيدۇ، بىر يىلدىن كېيىن تاپشۇرىدىغان بولسا، قولىدىكى پۇلغا باشقا پۇللار بىلەن قوشۇپ زاكات بېرىدۇ.

مەسىلەن: ئۆتكەن يىل رامازاندا قولىدىكى ئىقتىسادقا زاكات بەرگەن. كېيىن دۇكان سېتىۋېلىپ دۇكان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەپ بىر قىسمى يەنى: 25000 ى قالغان بولسا، بۇ قالغان پۇلنى تۆلەش ۋاقتى مۇشۇ يىل رامازانغا قەدەر توشىدىغان بولسا ئىدى، بۇنىڭغا بۇ يىل زاكات بەرمەيتتى، ئەگەر تۆلەيدىغان ۋاقتى بۇ يىل رامازاندىن كېيىن، ياكى قالغىنىنى بىر نەچچە يىلغا بۆلۈپ بېرىدىغان بولسا، بۇ پۇلغا تۆلەش ۋاقتى كەلگىچە زاكات بېرىۋېرىدۇ.

14. بانكىلاردىن كاپالەت خېتى ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان پۇللار، تۈرلۈك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇلغان كاپالەت پۇللىرى. بۇ پۇللارنى مۆھلەت توشقاندىن كېيىن قولىغا ئالالايدىغان بولغاچقا، باشقىلار تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان پۇل ھېسابلىنىپ زاكات ئايرىيدىغان پۇل قاتارىغا كىرمەيدۇ.

خېرىدارلار ۋە باشقىلاردىكى قەرزلەر، قەرز چەكلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان باشقىلارغا ئۆتكەن پۇللار ئەگەر ئۇنى ئالالايدىغان پۇل بولسا زاكات ئايرىلىدۇ. ئېلىشقا كۆزى يەتمىسە ياكى ئالالماسلىق ئېھتىماللىقى بولسا، ئۇنى قاچان قولىغا ئېلىپ، بىر يىل ئۆتسە ئاندىن ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرسە بولىدۇ. بىر يىل ئۆتكۈزمەي، قولىغا كىرگەن ھامان ئالدىنئالا بېرىۋەتىش ئەۋزەلرەك.

ئۆتنە – قەرز پۇللار ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا زاكات ئايرىشتا ھۆكمىمۇ پەرقلىق.

بىرىنچى تۈرى: بىر كىشىدە 10000 دوللار بۇ يىل رامازانغىچە قايتۇرۇشى كېرەك بولغان قەرز بار. لېكىن تېخىچە قايتۇرۇپ بولالمىدى. رامازاندىن كېيىن قايتۇرماقچى. ئۇ كىشى ئۇ قەرزدىن تانمايدۇ، قول ئىلكىدىمۇ بار، قەرز ئىگىسى چىڭ تۇتۇپ ئالاي دېسە ئالالايدۇ. لېكىن ساۋابلىق ئىش بولغاچقا، مۆھلەت بېرىلگەن بولدى. ئۇنداقتا بۇ قەرز گەرچە ئىگىسىنىڭ قولىدا بولمىسىمۇ ئۇنىڭ زاكىتىنى خۇددى قولىدىكى پۇلدەك ئايرىيدۇ. ئەگەر قولىدا زاكاتقا بېرىدىغان نەق پۇل بولمىسا، قاچان قەرزنى قولىغا ئالغاندا ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى بېرىشى كېرەك. ھەزرىتى ئوسمان، ئۆمەر، ئىبنى ئۆمەر ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىنمۇ، ھەسەن بەسرىي، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە مۇجاھىد قاتارلىق تابىئىنلاردىنمۇ ئەگەر قەرز ئىشەنچلىك، قول ئىلكىدە بار كىشىلەردە بولسا، ئىگىسى ئۇنىڭغا قولىدا بار پۇللار بىلەن بىللە ھەر يىلى زاكات ئايرىيدۇ، چۈنكى بۇ قەرز ئۆزىنىڭ قولىدىكى ۋە ئۆيىدىكى پۇلنىڭ ئورنىدا دەپ قارىغانلىقى كەلگەن(11).

ئىككىنچى تۈرى: بېرىلگەن قەرز قول ئىلكىدە پۇل يوق ياكى تېنىپ تۇرۇۋېلىۋاتقان، ياكى سۆرەلمىلىك قىلىۋاتقان كىشىدە بولغاچقا قولىغا ئېلىشى بىتەيىن قەرزلەر. قەرز بەرگۈچى چىڭ تۇتۇپ ئالاي دېسىمۇ ئالالمايدۇ. بۇ تۈردىكى قەرزلەرنى بىز يۇقىرىدا 12 – نوقتىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، قاچان قولىغا ئېلىپ، بىر يىل ئۆتسە ئاندىن ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرسە بولىدۇ. بىر يىل ئۆتكۈزمەي، قولىغا كىرگەن ھامان ئالدىنئالا بېرىۋېتىش ئەۋزەلرەك.

ئۈچىنچى تۈرى: تېخى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلمىگەن. مەسىلەن، 2 يىللىق قەرز بەرگەن بولسا، بۇ يىل رامازاندا بىر يىل ئۆتتى. يەنە بىر رامازاندا قايتۇرماقچى. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق. بىر قىسمى ئۇ قەرزگە بۇ يىلغا تەۋە زاكات كەلمەيدۇ، دەيدۇ. لېكىن يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار بۇ يىل زاكات ئايرىش ۋاجىپ ئەمەس، ئۇ قەرزنى قولىغا ئالغاندا ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنىڭ ھەممىگە زاكات بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھازىرقى كۆپىنچە پەتۋا ئورگانلىرى كېيىنكى قاراشنى تۇتۇپ كەلمەكتە. كېيىنكى قاراشقا ئاساسەن، شۇ بېرىلگەن قەرزنىڭ زاكىتىنى قەرزنى قايتۇرۇپ قولىغا ئالغانغا قەدەر كېچىكتۈرسە بولىدۇ. قەرزنى قولىغا ئالغاندا، ئۆتكەن يىللار ئۈچۈن ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ. ئەگەر بىرەر يىل ھېسابتىن سىرت قولىغا ئالالماي سۆرۈلۈپ كەتكەن بولسا، شۇ سۆرۈلۈپ كەتكەن يىلنىڭكىنىلا بەرمەيدۇ(12).

15. باشقىلار سۇنغان مۇلازىمەتكە قارىتا تۆلەشكە تېگىشلىك پۇللار. مەسىلەن، دۇكان، ئامبار ۋە ئىشخانا ئىجارىسى، گاز، توك، سۇ پۇلى، ئىشچى مائاشلىرى قاتارلىقلار رامازانغا قەدەر تۆلەنمىگەن بولسا بۇ باشقىلارنىڭ قەرز پۇلى بولغاچقا، زاكىتى ئايرىلىدىغان مال قاتارىغا كىرمەيدۇ.

16. بانكىلاردا ھېسابتا قويۇلغان پۇللارغا ھەر يىلى رامازاندا زاكات ئايرىلىدۇ. ئۆسۈم چىققان بولسا، ئۆسۈمدىن زاكات ئايرىشقا بولمايدۇ. (چۈنكى ئۆسۈم ھارام بولۇپ، ھارام مالدىن زاكات ئايرىشقا بولمايدۇ.) ئۆسۈم چوقۇم ئومۇمىي مۇسۇلمانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىپ قولدىن چىقىرىۋېتىلىشى، سەدىقە قىلىنماسلىقى كېرەك(13).

17. تىجارەت مېلىغا ھارام ئارىلاشقان ئەھۋالدا بوغالتىرغا ھېسابلىتىپ ھارام پۇلدىن قۇتۇلۇش لازىم. ئۇنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھالال پۇلدىن زاكات ئايرىيدۇ. ھارام پۇلدىن زاكات ئايرىمايدۇ. چۈنكى «ئاللاھ پاكتۇر. پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ»(14). مەسىلەن بىر دۇكاندا تاماكىمۇ سېتىلىدىغان بولسا، بۇنىڭ ئومۇم تىجارەتتىكى پىرسەنتى بويىچە ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنداقلا قولىدا بار بولغان ھاراق ۋە ھارام تاۋارلارنى مال ھېسابلىمايدۇ.

ئەگەر بىر تىجارەتچىنىڭ قولىدىكى ئىقتىسادنىڭ ھەممىسى ھارام مال بولغان تەقدىردە، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭغا زاكات پەرز بولمايدۇ(15). بۇنىڭ مىسالى، ھاراق، چوشقا گۆشى، قىمار، جازانە ۋە ئوغرىلانغان مالدىن كەلگەن پۇللار. بۇلار (ھاراملىقى ئېنىق بولۇپ، ئېھتىماللىق بولمىسا) شەرىئەتنىڭ نەزىرىدە قىممىتى بار مال دەپ قارالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن شەرىئەت كۆرسەتكەن يول بىلەن قۇتۇلۇش كېرەك بولىدۇ. يەنى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى زاكاتقا ئايرىش كار قىلمايدۇ. ھەممىنى قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئىمام غەززالىي (م1058 – 1111) دەيدۇ: «ئەگەر قولىدا ساپ ھارام مالدىن باشقا مال – مۈلۈك بولمىسا، ئۇنىڭغا ھەجمۇ، زاكاتمۇ پەرز بولمايدۇ. پۇل كەففارەت بېرىشىمۇ كېرەك بولمايدۇ. ساپ ھارام بولماي شۈبھىلىك مال بولسا، قولىدا ساقلاپ قالغان تەقدىردە ھەج پەرز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ مۈلكى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. باشقا پەرزلەرمۇ شۇنداق»(16).

18. پاي چەك شېرىكچلىك ئاساسىدىكى تىجارىي ئىشنىڭ سەرمايىسىدىكى نېسىۋىنى كۆرسىتىدىغان ھۆججەت بولغاچقا، ئەگەر بۇ پاي چەك ھالال دائىرىدىكى پاي چەك بولسا، ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان تەقدىردە، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە ۋە باشقا شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلسە پاي چەكلەرنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە زاكات 2.5% مىقداردا ئايرىش پەرز بولىدۇ. چۈنكى بۇمۇ مال – مۈلۈكتىن ئىبارەت. ھازىرقى دەۋردىكى «ئىسلام فىقھ كومىتېتى» ۋە «زاكات قۇرۇلتىيى» قاتارلىق فىقھ ئورگانلىرى ھالال دائىرىدىكى پاي چېكىغا زاكات ئايرىش پەرز دەپ قارار ئالغان(17).

ئەگەر پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ پاي چەكلىرىنىڭ پۇلىغا زېمىن ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق يىللىق ياكى پەسىللىك غەللىسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سېتىۋالغان تەقدىردە، بۇ زېمىن مەھسۇللىرىنىڭ زاكىتىغا ئوخشاش، پاي چېكىنىڭ ئانا پۇلىغا زاكات ئايرىماستىن، ئۇنىڭدىن ئالغان يىللىق ياكى پەسىللىك پايدا قولىغا تېگىپ بىر يىل ئۆتكەندە 2.5% مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ.

ئەگەر پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ياكى بۇ پاي چەكلىرىنىڭ پۇلىغا زېمىن ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسا، ئۇنىڭدىن تىجارەت ماللىرىدىن زاكات ئايرىغاندەك زاكات ئايرىلىدۇ. يەنى ھەر يىلى زاكات بېرىش ۋاقتى كەلگەندە پاي چېكىنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە قىممىتى ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىدىن 2.5% مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ.

ئەگەر يىل توشماستا پاي چەكلىرىنى سېتىۋەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ پۇلىنى قولىدىكى پۇللارغا قوشۇپ، زاكات بېرىدىغان ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسىدىن بىراقلا زاكات ئايرىلىدۇ.

ھارام ئارىلاشقان ئىشنىڭ پاي چېكى بولسا، يۇقىرىدا ھارام ئارىلاشقان تاۋارلار ھەققىدىكى ئۇسۇل بويىچە تازىلاپ ئاندىن زاكىتىنى ئايرىيدۇ.

19. زايوملار جازانىلىك مۇئامىلە بولۇپ، ئىسلامغا ئۇيغۇن دېيىلگەن زايوملارمۇ ساغلام ئەمەس. شۇڭا بۇ ساھەگە كىرگەنلەرگە چېكىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما ھالال زايوم تېپىلسا زايومنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان تەقدىردە، ھەر يىلى زايومنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە زاكات ئايرىش پەرز بولىدۇ. چۈنكى بۇمۇ مال – مۈلۈكتۇر.

ئەگەر بۇ زايوملار ئىجارە زايوملىرى بولغان تەقدىردە، زاكات ئۇ زايوملارنىڭ ئومۇم پۇلىغا ئەمەس، كىرىمىگە كېلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىجارىدىن كىرگەن كىرىمنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ يىل ئاخىرىدا 2.5% زاكات ئايرىيدۇ. ئارىدا بۇ زايوملارنى سېتىۋەتسە پۈتۈن پۇلنى قولىدىكى پۇللارغا قېتىپ ھەممىسىدىن %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

20. بورداقچىلىق ۋە باقمىچىلىق تىجارىتى قىلىدىغانلار تاۋار سۈپىتىدە ئېلىپ – سېتىش ئۈچۈن باققان توخۇ، بېلىق، قوي – كالا، ئات، تۆگە ۋە تۆگە قۇشى قاتارلىق جانلىق ۋە چارۋىلارنىڭ، شۇنداقلا ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋايى جانلىقلار زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە ۋە باشقا شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلسە ئۇنىڭ زاكىتى تىجارەت مېلى قاتارىدا يىلدا بىر قېتىم 2.5% مىقداردا ئايرىلىدۇ.

ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئايدىن كۆپ مۇددەت بىلەن ھەقسىز ئوتلاق – يايلاقلاردا كۆپەيتىش، سەمىرتىش، سۈتىنى سېغىش دېگەندەك نىيەتلەردە بېقىلغان قوي، ئۆچكە، كالا، تۆگە قاتارلىق چارۋىلارغا بىر يىل ئۆتسە زاكات كېلىدۇ. بۇ تۈر ماللارنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمى ۋە زاكات مىقدارى ئادەتتىكى تاۋارلاردىن باشقىچە بولۇپ، نوقۇل 2.5% بويىچە ئەمەس، سانىغا قاراپ مۇئەييەن نىسبەتتە ئۆزگىرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن چىققان سۈت ۋە يۇڭ قاتارلىقلارغىمۇ ئەگەر ئۇنىڭدىن تىجارەت كۆزلەنسە تىجارەت ماللىرى قاتارىدا باھالىنىپ 2.5% مىقداردا زاكات كېلىدۇ.

ئەگەر يېرىم يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت يەم – خەشەك سېتىۋېلىپ باققان بولسا، ئۇ چاغدا، «يايلاقتا بېقىلغان چارۋا» بولمايدۇ. داۋاملىق ياكى كۆپرەك ۋاقىت يەم – خەشەكتە بېقىلسا چىقىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك زاكاتنى ساقىت قىلىۋېتىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن چىققان سۈت ۋە يۇڭ قاتارلىقلارغىمۇ – ئەگەر ئۇنىڭدىن تىجارەت كۆزلەنسە – تىجارەت ماللىرى قاتارىدا باھالىنىپ 2.5% مىقداردا زاكات كېلىدۇ.

قوي، كالا، تۆگە قاتارلىق چارۋا مال ئەمەس، بۇغا، كىيىك، توخۇ – توشقان ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئېلىپ- سېتىش مەقسەت قىلىنماي ئاۋۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن چىققان نەرسىلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بېقىلسا، ئۇلارغا چىققان نەرسىلەر بىلەن بىللە تىجارەت تاۋارلىرىغا ئوخشاش زاكات كېلىدۇ دېگەن قاراشمۇ، ئۆزىگە كەلمەيدۇ، چىققان نەرسىلەرگە كېلىدۇ دېگەن قاراشمۇ مەۋجۇد.

ئەمما يۈك ئارتىش، مېنىش ئۈچۈن يايلاققا قويۇۋېتىلگەن چارۋىدا بولسا، ئۇنىڭدا ئاۋۇش (دېگەن شەرت) ھاسىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ(18).

 

ئەمدى ئىككىنچى مەسىلىگە كەلسەك، زاكات سۈپىتىدە تىجارەت ماللىرىنىڭ ئۆز جىنسىدىن بېرىشى كېرەكمۇ ياكى پۇلغا سۇندۇرۇپ پۇل بېرىشى كېرەكمۇ ۋە ياكى ئۇ ئىككى ئۇسۇلنىڭ قايسىبىرىنى تاللاپ ئىش تۇتۇش ئىختىيارىمۇ؟

ھەنەفىي مەزھەپتە ۋە ئىمام شافىئىي (م767 – 820) نىڭ بىر قارىشىدا، قانداق بېرىش تىجارەتچىنىڭ ئىختىيارلىقىدا. مەسىلەن، تىجارەتچىنىڭ قولىدا نەچچە توننا ياڭاق ياكى نەچچە مىڭ چاپان بولسا، زاكاتنى شۇ تاۋارنىڭ ئۆزىدىن ئايرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قىممىتىدە پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ.

لېكىن بۇ ئەھۋالدا ھېچكىم ئالمايدىغان تاۋارلارنى قولدىن چىقىرىۋېتىش مەقسەت قىلىنسا توغرا بولمايدۇ.

ئىمام ئەھمەد (م780 – 855): قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ بېرىدۇ، دېگەن ۋە ئىمام قەرەداۋىي مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. چۈنكى يوقسۇلغا ئىشلەتمەيدىغان تاۋار بېرىلگەن تەقدىردە، ئۇنى ئەرزان باھادا سېتىۋېتىپ زىيان تارتىشى مۇمكىن.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە (م1263 – 1328) قاتارلىق ئالىملار: ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، يوقسۇللارغا قايسىسى ئەڭ مۇناسىپ بولسا شۇ بويىچە بېرىدۇ، دېگەن(19). مەسىلەن، يوقسۇللارنىڭ ئۆيدە قالاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆمۈرگە ئېھتىياجى بولسا، كۆمۈر تىجارىتىنى قىلىدىغان كىشى قولىدىكى كۆمۈردىن زاكات ئايرىسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 05. 19

——————————-
1. «ئەلمۇغنىي »، 4 – توم، 249 – بەت.
2. «فقه النوازل في العبادات – الزكاة»، د. خالد بن علي المشيقح، 40 – بەت.
3. «دۇنيا زاكات شەرئىي ھەيئىتى» 1997 – يىلى كۇۋەيتتە ئېچىلغان »ھازىرقى زامان زاكات مەسىلىلىرى» 7 – قۇرۇلتاي قارارلىرى ۋە پەتىۋالىرى. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد الثاني، 1 – توم، 197 – بەت.
4. «حساب زكــاة الشركات»، د. حسين شحاتة، 25 – 27 – بەتلەر. «الندوة السابعة لقضايا الزكاة المعاصرة»، 453 – بەت. «نوازل الزكاة – دراسة فقهية تأصيلية لمستجدات الزكاة»، د. عبد الله بن منصور العقيلي، 302 – بەت.
5. «راددۇل مۇھتار»، 2 – توم، 309 – بەت. «ئەلمەجمۇ»، 5 – توم، 478 – بەت. قەرداۋىي «فىقۇززاكات»، 2 – توم، 1180 – بەت. «نوازل الزكاة – دراسة فقهية تأصيلية لمستجدات الزكاة»، د. عبد الله بن منصور العقيلي، 333 -، 334 – بەت.
6. قەرداۋىي «فىقۇززاكات»، 1 – توم، 337 – بەت. «قضايا الزكاة المعاصرة – الندوة الأولى»، 466 – بەت. «المعايير الشرعية لهيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية والإسلامية»، 477 – بەت.
7. «ئەلمەبسۇت»، 2 – توم، 198 – بەت. «ئەلمەجمۇ»، 6 – توم، 6 – بەت. «الإنصاف»، 3 – توم، 154 – بەت. «الندوة السابعة لقضايا الزكاة المعاصرة»، 592 – بەت. «الفقه الإسلامي وأدلته»، د. وهبة الزحيلي، 10 – توم، 7965 – بەت. «نوازل الزكاة – دراسة فقهية تأصيلية لمستجدات الزكاة»، د. عبد الله بن منصور العقيلي، 144 – بەت. «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 23 – توم، 274 – بەت.
8. «ئەلىختىيار»، 1 – توم، 107 – بەت. «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1 – توم، 245 – بەت. «ئەلمەجمۇ»، 5 – توم، 304 – بەت. «ئەلمۇغنىي»، 4 – توم، 69 – بەت.
9. «احكام الزكاة ومسائلها المعاصرة»، د. صالح المسلم، 45 – بەت.
10. «ئەلىختىيار»، 1 – توم، 105 – بەت. «بەدائىئۇسسانائى»، 2 – توم، 9 – بەت. «ئەززەخىيرە»، 3 – توم، 38 – بەت.
11. «الأموال»، أبو عبيد، 1 – توم، 526 – بەت.
12. «الأموال»، أبو عبيد، 1 – توم، 528 – بەت. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 9 – توم، 194 – بەت. «فتاوى وتوصيات ندوات قضايا الزكاة المعاصرة»، 192 – بەت.
13. «حساب زكــاة الشركات»، د. حسين شحاتة، 27 – 29 – بەتلەر.
14. «بۇخارىي»، 1321 – ھەدىس.
15. «راددۇل مۇھتار»، 2 – توم، 289 – بەت. «ئەلمەجمۇ»، 1 – توم، 382 – بەت. «الندوة السابعة لقضايا الزكاة المعاصرة»، 194 -، 314 – بەتلەر. «نوازل الزكاة – دراسة فقهية تأصيلية لمستجدات الزكاة»، د. عبد الله بن منصور العقيلي، 210 – بەت.
16. «ئەلمەجمۇ»، 1 – توم، 382 – بەت.
17. مجلس «مجمع الفقه الإسلامي الدولي» المنعقد في دورة مؤتمره الرابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 18-23 جمادى الآخرة 1408 الموافق 6 – 11 شباط (فبراير) 1988م، «مؤتمر الزكاة الأول» المنظم بمعرفة بيت الزكاة بدولة الكويت 29 رجب ـ 1 شعبان 1404هـ ، الموافق 30 إبريل ـ 2 مايو 1984م.
18. «ئەلىختىيار»، 1 – توم، 109 – بەت. «نوازل الزكاة – دراسة فقهية تأصيلية لمستجدات الزكاة»، د. عبد الله بن منصور العقيلي، 119 – بەت.
19. قەرداۋىي «فىقۇززاكات»، 1 – توم، 338 – بەت. «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 23 – توم، 277 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز