بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

201 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!

1) كىچىك ۋاقتىدا ئەقىقىسى قىلىنمىغان بولسا، ھازىر ئەقىقە قىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى بىلگەندىن كېيىن ئەقىقە قىلىش شەرت بولامدۇ؟

2) ئەگەر شەرت بولسا، ئەر ئۈچۈن ئىككى قوي، ئايال ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئەقىقە قىلىپ، ھەممە گۆشنى مېھمان چاقىرىپ يەۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بىرقىسمىنى تارقىتىۋېتىپ، بىرقىسمىنى ئۆزى يېسىمۇ بولامدۇ؟

3) «ئەقىقە قىلىدىغان قوينى ئۆلتۈرگىنىدە، سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇۋەتمەي گۆشتىن ئاجرىتىپ ئېلىش ۋە ئۇنى كۆمۈۋېتىش كېرەك» دېگەن گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ رەھمەت. (تۈركىيە، مۇستاپا)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كىچىكلىكىدە ئەقىقىسى قىلىنمىغانلارنىڭمۇ چوڭ بولغاندا ئەقىقىسىنى قىلىۋېتىشى مۇستەھەب. ئىبنى سىرىن: «ناۋادا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىقىسىنىڭ قىلىنمىغانلىقىنى بىلسەم، ئەلۋەتتە، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان بولاتتىم» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «سېنىڭ ئەقىقەڭ قىلىنمىغان بولسا، چوڭ بولۇپ بولغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىۋەتكىن» دېگەن. 2) ئىختىيارى. بىرقىسمىنى تارقىتىۋېتىش مۇستەھەب. ئىبنى سىرىن: «ئۇنىڭ گۆشىنى خاھلىغىنىڭچە بىرتەرەپ قىل» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «ئەقىقە گۆشى قۇربانلىق گۆشىگە ئوخشاش بىرتەرەپ قىلىنىدۇ» دېگەن. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەقىقە گۆشى قۇربانلىق گۆشىگە ئوخشاش بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، سەدىقىمۇ قىلىدۇ، قولۇم – قوشنىلارغىمۇ ھەدىيە قىلىدۇ» دېگەن. دېمەك، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. 3) بىرقىسىم ئالىملار: «ئەقىقە مالنىڭ سۆڭىكىنى چاقماي، ھەربىر ئەزاسىنى پۈتۈن – پۈتۈن پارچىلاش مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان مۇرسەل ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ھەسەن بىلەن ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئەقىقىسىنى قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «تۇغۇت ئانىسىغا بىر پۇتىنى ئەۋەتىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، ئۇنىڭ بىرەر ئۇستىخىنىنى سۇندۇرماڭلار». ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ھاكىم رىۋايەت قىلىپ، «سەھىھ» دەپ باھالىغان. دېمەك، بۇنىڭدىمۇ كەڭچىلىك بار.

202 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز!

1) تىجارەتچى مېلىدىن زاكات بەرمەكچى بولسا، سېتىش باھاسىدا ھېسابلاپ بەرسە بولامدۇ؟

2) قەرز بەرگەن پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسە بولامدۇ؟ يەنى «يېرىمى زاكاتقا ھېساب بولسۇن، يېرىمىنى بېرىڭ» دېسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

1) تولۇق ئىشلىنىپ بولغان سېتىشقا تەييار تاۋارلار زاكات ئايرىيدىغان كۈنلەردىكى توپ باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. مۇنۇ پەتىۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5680

2) بولىدۇ. لېكىن تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتىۋادىن ئالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5944

203 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن! بىر كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردە ئىش تېپىشتا قىينىلىپ، باشقا شەھەرگە بېرىپ ئىشلىگەن بولسا، رامازان ئېيىدا ئۇ يەردە يېمەك – ئىچمەكتىن قىيىنچىلىق بولسا، بۇ كىشىمۇ سەپەر ئۈستىدىكى كىشىنىڭ مۇئامىلىسى بويىچە روزىنى ئائىلىسىگە قايتقاندا تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بارغان شەھەردە 15 كۈندىن ئارتۇق تۇرمايدىغان بولسا، شۇنداق رۇخسەت بار.

204 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! سىلى قاتىلىم ھېسابىغا دەسمايە سېلىپ تاپقان پۇلنىڭ جازانە بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق پەتىۋا بەرگەنتىلە ۋە نەچچە يىل ئالغان پايدا پۇلنىڭ «ھارام» بولغانلىقى ئۈچۈن، «پېقىر – مىسكىنلەرگە ھېسابلاپ بېرىۋېتىشىمىز كېرەكلىكىنى» دېگەن ئىدىلە، ئەمدىكى سوئالىم: بۇ شەك ياكى ھارام مالدىن پاكلىنىپ بېرىدىغان پۇل قايسى تىپتىكى پېقىر – مىسكىنگە بېرىلىدۇ، ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا بەرسەك بولامدۇ ياكى كافىر كەمبەغەللەرگىمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا ياكى ئومۇم مۇسۇلمانلارغا پايدىسى يېتىدىغان ئىشلارغا بەرسەك بولىدۇ. كافىرلارغا بېرىلمەيدۇ.

205 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەتىگەنلىك زىكىرنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈم بار: سوھۇرلۇق ئەزىنى چىققاندىن كېيىن ئوقۇساق بولامدۇ؟ ياكى بۇلار بامدات ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشقا باشلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يىل بويى ئەتىگەندە ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئوقۇيمىز. رامازاندا ئەتىگەنلىك ئالاھىدە زىكىر يوق.

206 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكاتنى چوقۇم رامازاندا ھېساب قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى بىر ۋاقىت بېكىتىپ ھېسابلىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكات ھىجرىيە ئاي بويىچە پەرز قىلىنغان بولغاچقا، ئەگەر زاكاتنى رامازاندا ياكى ھىجرىيە ئايلارنىڭ بىرىدە بەرسىڭىز، ئاشۇ بويىچە %2.5 مىقداردا بېرىسىز. ئەمما، ھىجرىيە ئايدا بېرىش قولاي بولماي قالسا، مىلادىيە ئاي بويىچە بەرسىڭىز، مەسىلەن ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دېگەندەك. بۇ چاغدا %2.575 بويىچە بېرىسىز. ئەگەر زاكاتنى مىلادىيە ئاي بويىچە %2.5 مىقدار بەرسىڭىز، ھەر يىلى 11 كۈننىڭ زاكىتىنى، 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كەتكەن بولىسىز.

207 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن گوللاندىيەدە تۇرىمەن. ھازىر ھۆكۈمەتكە «يولدىشىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتۇق» دەپ ئايرىم كىرىم ئالىمەن، يولدىشىم ئايرىم ئىشلەيدۇ.

 1) بۇ ئالغان پۇلۇم ھارام بولامدۇ؟

 2) بالىلىرىمغا ھارام يېگۈزگەن بولامدىم؟

 3) مەن بۇ پۇلدىن تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەممۇ قىلىمەن، بۇ قوبۇل بولامدۇ؟

 4) يولدىشىم ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالمايدۇ، لېكىن يېرىم ئاق، يېرىم قاچاق ئىشلەيدۇ. چۈنكى، ھەممە مائاشىنى ئاق قىلىپ كۆرسەتسە، ھۆكۈمەتتىن بەك جىق قىسمىنى باجغا تۇتۇۋالىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالماي تۇرۇپ، ئازراقنى قارا ئىشلىسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ھەئە، بۇ يالغان سۆز قىلىپ ئالغان پۇل بولىدۇ. يەنە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا توي خېتىنى ئايرىسا تالاق بولۇپ كېتىپ، كېيىن ئايالنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالمىسا، نىكاھسىز تۇرۇشتەك ئەھۋالمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ شۇ چاغلاردا دېگەن سۆزگە ۋە بېجىرگەن رەسمىيەتلەرنىڭ تەپسىلاتىغا باغلىق. چۈنكى، سوتچىنىڭ ياكى كادىرنىڭ ئالدىدا «ئايالىمنى قويۇۋەتتىم» دېسە، قويۇۋەتمەسلىك نىيىتى بولسىمۇ بىر تالاق چۈشىدۇ. كېيىن ئىددەت ئىچىدە ئەمرىگە قايتۇرۇۋالمىسا، ئىددەتتىن كېيىن ئايال بىلەن نىكاھ قالمايدۇ. 2) شۇنداق. ھارام بولىدۇ. 3) قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ پاكتۇر. پاكتىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 4) بىرەر سائەتلىك، ئادەتتە كۆز يومۇلىدىغان ئاز ئىشلەش بولسا ھېچگەپ بولماس. بۇنىڭ ئاز – كۈپلۈكىنى جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئۆرپىگە قاراپ كىشىنىڭ ۋىجدانى ئايرىسا بولىدۇ.

208 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈرك مەسجىدلىرىدە نامازدىن كېيىنلا مۇئەززىن زىكىر – تەسبىھنى ياڭراتقۇدا ئوقۇيدىكەن. بىرەر رەكئەت نامازغا كېچىكىپ قالغان ئادەم ئۈلگۈرەلمىگەننى ئوقۇۋاتقاندا، مۇئەززىننىڭ ئاۋازى كۆپىنچە ھاللاردا ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى ئازدۇرۇۋېتىدىكەن. «بىز قۇرئان ئوقۇلغاندا جىم تۇرۇشقا بۇيرۇلغان» دەپ بىلىمەن. يۇقىرىقى ئەھۋالدا:

 1) مۇئەززىننىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟

 2) ئېزىپ كېتىپ ئايەتنىڭ نەرىگە كەلگىنىنى بىلەلمىسە، باشقا سۈرە ئوقۇسىلا بولامدۇ ياكى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەكمۇ؟

 3) نامازغا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان پەرزنى ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) توغرا. 2) ئېزىپ كېتىپ ئايەتنىڭ نەرىگە كەلگىنىنى بىلەلمىسە، باشقا سۈرە ئوقۇسا بولىدۇ. 3) ئىمام سالام بەرگۈچە ئۈلگۈرەلمىسە، ئاندىن ئۈلگۈرەلمىگەنلەر ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدۇ. ئۈلگۈرەلىسە، جامائەتكە قېتىلماي ئايرىم ئىككىنچى جامائەت بولۇش ھارام.

209 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى مەنپەئەتلىك قىلسۇن، ئىككى دۇنيادا سائادەتمەن قىلسۇن، ئامىن. ھازىر شەھەرلەرئارا بېلەتنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بېلەتنى بېلەت سېتىش پونكىتلىرىدىن ئالماي، شوپۇر بىلەن ئەرزان باھاغا دېيىشىپ بېلەت ئالسا، بۇ ئالدامچىلىققا كىرەمدۇ؟ مەلۇم بولغىنىدەك، كۆپىنچە ئۇزۇن يوللۇق ماشىنىلار شوپۇرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولماستىن، شىركەتكە ياكى باشقا بىرەر شەخسكە تەۋەدۇر.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ سائادەتمەنلەر قاتارىدىن قىلسۇن! بۇ شىركەتنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

210 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى مەنپەئەتلىك، ۋاقىتلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن.

1) ئەر – ئايال نىكاھتىن بۇرۇن سۆزلەشمە قىلغان بولسا، مەسىلەن: «ئايال ھەر يىلى رامازاندا پەقەت ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈنلەردە شەھۋەتتىن يىراق تۇرىدىغانلىقى، ئەرنىڭ بۇنى قوللىشى كېرەكلىكى ھەققىدە» سۆزلەشمە قىلغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن ئەر سۆزلەشمىنى ئېتىبارغا ئالماي ئايالنى شەھۋەتكە چاقىرسا، ئايال سۆزلەشمىنى ئەسلىتىپ رەت قىلسا گۇناھكار بولامدۇ؟

2) ئوخشاشلا ئايال نىكاھتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ پەردازلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، شۇڭا ئەرنىڭ ئايالغا ئۆي ئىچىدە پەردازلانسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە رۇخسىتى (سۆزلەشمىسى) بولغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن ئايالنىڭ ئۆي ئىچىدە ئەردىن سورىماي پەردازلىنىدىغان ھەققى بولامدۇ؟ يەنى ئەردىن سورىماي چېچىنى بويىسا بولامدۇ؟

 3) ئىنسان ئىچىدە تىلىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ ياكى ئاۋاز چىقارماي تۇرۇپ زىكىر قىلغان بولسا، ئوخشاشلا زىكىر قىلغان بولامدۇ ياكى چوقۇم تىلىنى مىدىرلىتىش شەرتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) نىكاھتىن بۇرۇنقى بۇ شەرت ئىناۋەتسىز. چۈنكى، بۇ شەرىئەتكە خىلاپ شەرت. ئايال رەت قىلسا گۇناھكار بولىدۇ. باشقىچە شەرت بولسا، مەسىلەن ھەر يىلى رامازاندا ئۆمرىگە ئاپىرىسىز دېگەندەك، توغرا شەرت بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان تۇرسا (روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار،) (2/«بەقەرە»: 187). ئاللاھنىڭ ئاشۇ بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي تەقۋادارلىق قىلىمەن دېگەن كىشى ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىۋالغان يا ئاخماق، يا نادان، يا ساختا تەقۋادار بولىدۇ. 2) بۇلار ئايالنىڭ ھەققى. ئالاھىدە كېلىشىم قىلىشقا ھاجەت يوق. 3) بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە زىكىر قەلب بىلەنمۇ، تىل بىلەنمۇ بولىدۇ. مۇكەممەل بولغىنى قەلب بىلەن تىل بىرلىكتە قىلغان زىكىردۇر.

211 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! يولدىشى بەش يىل بۇرۇن ۋەتەنگە كېتىپ، خىتتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشى بىلەن ئىز – دېرىكى بولمىغان بىر ھەمشىرىمىزنىڭ قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. يولدىشى تۈركىيەدىن كەتكەندە «ئۆينى سېتىپ كېلىمەن» دەپ باشقا ھېچنېمە دېمەي كەتكەنىكەن. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى سوراپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! بۇ ئەھۋالدا ئەر بىلەن ئالاقە قىلالىسا، ئەر سۆزىنى بەرسە، ئايرىلىپ ئىددەتتىن كېيىن يېڭى تۇرمۇش قۇرسا بولىدۇ. ئالاقە قىلالمىسا ياكى ئەر سۆزىنى بەرمىسە ۋە بۇ ھالەتتىن ئايال زىيانغا ئۇچرىغانلىق جەھەتتىن قىينالغان بولسا، «ئۆلىمالار بىرلىكى»گە مۇراجىئەت قىلسا، شۇلار ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بۇرۇنقى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. بۇ تالاق ئەمەس، زىيانغا ئۇچراش سەۋەبلىك ئايرىۋېتىش بولىدۇ. ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرغان تارىختىن باشلاپ ئىددەت تۇتسا بولىدۇ.

212 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزىلەرنىڭ بەدىنىگە چەتئەللىكلەرنى دوراپ گۈل چەكتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆردۈم. «ئۆلگەندە شۇ يەرنى كېسىپ ئېلىۋەتمىسە، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ» دېگەن گەپ راستمۇ؟ تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بەدەنگە گۈل ۋە سۈرەت چېكىش ۋە چىشنى ئىنچىكىلىتىش ھارام ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈل چەككۈچىگە ۋە چەكتۈرگۈچىگە، چىش ئىنچىكىلەتتۈرگۈچىگە ۋە ئىنچىكىلەتكۈچىگە لەنەت قىلغان»( بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس).

گۈل چېكىش بەدەننىڭ ئەسلى رەڭگىنى نەقىش ۋە كۆك رەڭ بىلەن ئۆزگەرتىش بولۇپ، تېرىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن نەشتەر – يىڭنىلەر بەدەنگە سانجىلغاندا گۈل چەكتۈرگۈچى تارتىدىغان ئازاب – ئوقۇبەتنى جەملەيدىغان بولساق، بۇنىڭ نېچۈن ھارام ئىكەنلىكى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىدۇ. گۈل چەككەن بىلەن چەكتۈرگەنگە لەنەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇدۇر(«ئىسلامدىكى ھالال – ھاراملار» دىن ئېلىندى).

213 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 1) بىزنىڭ سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىقتا نەچچە خىل تاماقلارنى، ھەرخىل قورۇمىلارنى، مېۋە – چېۋە، ئىچىملىكلەرنى كېكىرىپ كەتكۈچە يەپمۇ يەنە ئاشۇرۇپ قويۇشىمىز ئىسراپخورلۇق بولمامدۇ؟ 2) دىنىمىزدا ئىسراپخورلۇقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ قانداق ساقلىنىمىز؟ 3) سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىقتا قانچىلىك يېسەك، سۈننەتكە ئەمەل قىلغان بولىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ئىسراپخورلۇق يېمەك – ئىچمەكتە بولسۇن، باشقا ئىشلاردا بولسۇن ئەيىبلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا يېمەك – ئىچمەك ھەققىدە: ﴿يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار…﴾ (7/«ئەئراف»: 31) دېگەن. قورساق تويغاندىن كېيىنمۇ تاماق يېيىش ئىسراپ قاتارىغا كىرىدۇ. ئالىملار بۇنى ھارام ياكى مەكروھ دەپ قارايدۇ. 2) ئىسراپخورلۇق ھالالدىن پايدىلانغاندا چەكتىن ئېشىشتۇر. چەكتىن ئاشۇرماسلىققا تىرىشىش بىلەن ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىمىز. 3) تاماق يېيىشكە يەنە ھەۋىسى بار تۇرۇپ، تاماقتىن قولىنى تارتىش تائام يېيشتىكى ئادىللىق دەرىجىسىدۇر. تائام يېيىشتىكى ئەڭ گۈزەل دەرىجە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «زىيادە يېمىسە بولمايدىغان بولسا، قورسىقىنىڭ ئۈچتىن بىرى تامىقى، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىكى، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىشى ئۈچۈن بولسۇن»(تىرمىزىي، 2380 -ھەدىس) دېگەن سۆزىدە تەۋسىيە قىلغان دەرىجىدۇر.

214 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ نامازدا چۈشكۈرۈپ سالساق، «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەمدۇق، دېمەمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. نامازدا چۈشكۈرۈپ سالساق، «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەيمىز. قېشىدا نامازدا تۇرۇپ «ئەلھەمدۇلىللاھ»نى ئاڭلىغان كىشى يەرھەمۇكەللاھ  دېمەيدۇ.

215 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئىككى يىل ئىلگىرى «1. تۈركىيەدە سوھۇرلۇقنى دىيانەت تەقۋىمىدىكى ئىمساك ۋاقتىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇن توختاتسا بولىدۇ. تېنەپ قالغانلار ئىمساك ۋاقتىدىن ئەڭ كەچ بولغاندا ئەزان چىقىش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20 مىنۇت كېچىكىپ توختاتسا بولىدۇ.

2. بامداتنى ئىمساك ۋاقتىدىكى ئەزاندىن يېرىم سائەت كېيىن ئوقۇش لازىم. ئادەتتە تۈركىيەدە مەسجىدلەردە شۇنداق قىلىدۇ» دەپ پەتىۋا بېرىپتىكەنلا، 1) ھازىرمۇ شۇنىڭغا ئەمەل قىلساق بولامدۇ؟ 2) ھازىر سائەت قانچىدە سوھۇرلۇقنى توختاتساق بولىدۇ؟ ئىفتارنى شامنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن قىلامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) شۇنداق. ھازىرمۇ شۇنداق قىلساق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ يىل ئىمساك ۋاقتىنى ئۆزگەرتكەن خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم. 2) تېنەپ قالمىغان ئادەتتىكى ئەھۋالدا سوھۇرلۇقنى ئەزان چىقىش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ توختاتسا بولىدۇ. ئىفتارنى شامنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلاپ، ئاڭلانمايدىغان بولسا ئەزان چىقىدىغان مىنۇتلاردا قىلساق بولىدۇ.

216 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئۇستاز! ئۆي جىھازلىرى سېتىۋالغاندا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپتىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، بىرنەچچە يىللىق سۈپەت كاپالەتنامىسى بېرىدىكەن، شۇ كاپالەتنامىگە ئاساسلىنىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقۇچە بىرنى ھەتتا ئىككىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن، بىر قېتىم ئالماشتۇرساققۇ بىرنى ئالغاندىكىن بىرگە بىر بولغۇدەك، ئەمما ئىككى قېتىم يېڭىسىغا ئالماشتۇرساق، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن. (ئابدۇرراھمان، تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككى قېتىم يېڭىسىغا ئالماشتۇرساقمۇ ئۇنىڭ ھۆكمى جائىز. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك كاپالەتنامە ئەسلىدە مۇباھ. كۈنىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردا كۆپىنچە ئەھۋالدا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئىستېمالچىلار تاۋاردىكى ئۇ ئەيىبنى تاۋارنى سېتىۋالغاندا بىلەلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. بەلكى بىر مۇددەت ئىشلەتكەندىن كېيىن بىلەلەيدۇ. نەتىجىدە مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان شىركەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن مەلۇم بولغان ئەيب تۈپەيلى، خېرىدارنىڭ قولىدىكى مەھسۇلاتىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئورنىغا باشقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش توختامى بولماستىن، ئەيبى بار مەھسۇلاتنى ساق مەھسۇلاتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. ھەم بۇ كاپالەتنىڭ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشى جەھەتتىن ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىش. ئىسلام فىقھىدىمۇ بىرنەرسە بۇيرۇتسا، ياساپ ساتقۇچى ياسىغان نەرسىسىدىكى ئەيبكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، بۇنى ئالىملار جائىز دەيدۇ.

217 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بۇندىن 12 يىل بۇرۇن ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم، «تۆت يىل ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 10 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ھەققىدە توختامنامە»گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، تۆت يىل جەريانىدا ئوقۇش، ياتاق پۇلى ھەقسىز ۋە ھەر ئاي تۇرمۇش ياردەم پۇلى قوبۇل قىلىپ ئوقۇدۇم، لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھىدايەت تاپتىم ۋە ھىجابلاندىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت مەكتىپىدە ھىجابلىق ئىشلىشىم مۇمكىن بولمىغاچقا، خىزمەتكە كىرمىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا (يەتتە يىل ئىلگىرى) تۈركىيەگە چىقتىم. مەن ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئىمزا قويغان توختامنامىدە: «ئەگەر توختامنامىگە خىلاپلىق قىلسام، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مائارىپ ئورگىنىغا تۆت يىل جەريانىدا قوبۇل قىلغان ئوقۇش، ياتاق ۋە تۇرمۇش پۇلىنى قايتۇرۇشۇم ۋە قوشۇمچە پۈتۈن بۇلارنىڭ 50%ىچىلىك جەرىمانە تۆلىشىم كېرەكلىكى» بەلگىلەنگەن. مېنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىم: 1) مەن دۆلەت مەكتىپىدە ئىشلەشنى رەت قىلىش ئارقىلىق توختامنامىگە خىلاپلىق قىلدىم، لېكىن توختامنامىدە بەلگىلەنگەن بويىچە خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ئوقۇش چىقىملىرىم ۋە جەرىمانىنى تاپشۇرمىدىم، ئەمدىلىكتە بۇلارنى قايتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ 2) توختامنامىدە «پۈتۈن بۇلارنى بىر ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇش ۋە كېچىككەن ھەربىر كۈن ئۈچۈن 0.1% ئۆسۈم قوشۇلىدىغانلىقى» بەلگىلەنگەن، قايتۇرۇشۇم كېرەك بولسا، مۇشۇ ئۆسۈمنىمۇ قوشۇپ قايتۇرامدىم؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، تەنلىرىنى سالامەت، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېرەك ئەمەس. چۈنكى خىتتاي ھۆكۈمىتىدە سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ھەددى – ھېسابسىز ئالالمىغان ھەققىمىز بار. ئۇلار ئۇنى بىزگە قايتۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر خىتتاي بىلەن شەخسىي مۇئامىلە قىلىپ گەدىنىمىزدە قالغان ھەقكە ئوخشىمايدۇ.

218 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ئۇستاز ئاياللارنىڭ قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تېشىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. قىز – چوكانلارنىڭ ئارىسىدا قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش بار بولسا، بىردىن ئارتۇق تېشىشىنىڭ ھۆكمى جائىز. چۈنكى، بىر قېتىم تېشىش جائىز بولغانىكەن، ئىككىنچىسىمۇ زىننەتلىنىش ئېھتىياجىدىن جائىز بولۇشى كېرەك. ئەمما، قىز – چوكانلارنىڭ ئارىسىدا بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش يوق بولسا، بۇ ئارتۇقچە تېشىش ( بىھۇدە زەخمىلەش) بولۇپ چەكلىنىدۇ. بەزى ئالىملار شۇ جەھەتتىن چەكلىگەن.

219 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيەدە «چەيرەك ئالتۇن» دەيدىغان يۇمىلاق ئالتۇننىڭ يۈزىدە ئادەمنىڭ رەسىمى بار ئىكەن، ئۇنى مونچاق ياكى بىلەيزۈك قىلىپ سالسا، گۇناھ بولامدۇ؟ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشىغا تەسىر يېتەمدۇ؟ ھەدىستە چەكلەنگەن «ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدىغان رەسىم» قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تولۇق ئادەم سۈرىتى بار بولسا تاقاشقا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ يا پەقەت كاللىسى، يا كاللىسىز گەۋدىسى بولسا ئۇنى زىبۇزىننەت قاتارىدا تاقاش جائىز. لېكىن، تاقىمىغان ئەۋزەل. جائىز بولغانىكەن، ئۇ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ھەدىستە چەكلەنگەن «ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدىغان رەسىم» جائىز بولمىغان سۈرەتلەرگە قارىتىلغاندۇر.

220 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئەمەللىرىڭلار ئېلىپ چىقىلىدۇ، ئەمما ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ ئەمەلى قاچانىكى ئۇلار ئەپلىشىپ قالغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرۇلىدۇ» دېگەن. نەچچە ۋاقىتتىن يېقىن ئۆتكەن دوست – بۇراردەرلىرىمىز بار ئىدى، مەلۇم ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى رەنجىشىپ قېلىپ، «بىز ئارىلىشىپ ئۆتەلـمەيدىكەنمىز» دەپ ئىزدەشمەيدىغان بولۇپ قالدۇق، شۇنداقلا «سالاملىشايلى» دېسەك، بىرەر يەردە ئۇچرىشىپمۇ قالـمىدۇق. بۇ خىل ئىزدەشمىگەنلىكىمىز ئاداۋەت دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ خىل ئىزدەشمەسلىك ئاداۋەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، مىجەزى ۋە ئېقى كېلىشمەيدىغانلار بىلەن چوقۇم ئارىلىشىپ ئۆتۈش كېرەك ئەمەس. لېكىن، ئۇچرىسا سالام قىلىش ۋە سالىمىنى ئىلىك ئېلىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، ئاندىن ئاداۋەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

221 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرەيلەن نىكاھىدا ئېرىنىڭ ئىككىنچى ئايال ئالماسلىقىنى شەرت قىلىپ توي قىلغانىكەن، ئەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلغانىكەن. ئەمما، كېيىن بۇ ئايال تۇغماس چىقىپ قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال ئېلىشىنى يەنىلا خاھلىمايدىكەن.

 1) ناۋادا يولدىشى پەرزەنت سەۋەبىدىن ئىككىنچى ئايال ئېلىپ قالسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولامدۇ؟

 2) ناۋادا يولدىشى شۇنداق قىلىپ قالسا، بۇ ئايالنىڭ تالىقىنى سورىشى يوللۇق ھېسابلىنامدۇ؟

 3) ئاياللارنىڭ توي قىلىشقا شۇنداق شەرت قويۇشى يەنى «ئىككىنچى ئايال ئالمايسىز، ئاندىن نىكاھقا قوشۇلىمەن» دەپ شەرت قويۇشى توغرىمۇ؟

 4) نىكاھقا شەرت قويۇپ تويلىشىشتا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) شۇنداق. 2) ئايالنىڭ تالىقىنى سورىشى ھاجەتسىز، چۈنكى ئايالنىڭ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولىدۇ ۋە خاھلىسا نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر ئېرىنىڭ ئىككىنچى ئايال ئېلىشىغا رازى بولۇپ، شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 3) توغرا. 4) نىكاھ ئىشىنى شەرتلەر بىلەن مۇرەككەپلەشتۈرمەي، ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىش مۇناسىپ. چۈنكى كۆپ ئىشلار كېيىنچە مېھىر -مۇھەببەت بىلەن ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

222 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايرىم تۇرىدىغان بىر ئايال بىلەن ئايرىم تۇرىدىغان بىر ئەر توي قىلغان بولۇپ، بۇلار ھۆكۈمەتتىن ئۆز‌ ئالدىغا ئايلىق تۇرمۇش پۇلى ئالىدىغان بولغاچقا، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆينى بىرلەشتۈرمەي، ھەپتە ئاخىرلىرى بىر – بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ – كېلىپ ئۆتىدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ كىرىمى يوق. ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق پۇلىدا ياشايدىغانلار ئىككى ئادەم بىر ئۆيگە كىرسە، ئايرىم تۇرغان چاغدىكىدىن پۇلنى ئاز ئالىدۇ، ھەمدە بىرلا ھېسابقا پۇل بېرىدۇ، بەلكىم بۇنى ياقتۇرماي شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئايال ئۆزىنىڭ چىقىمىنى ئاساسەن ئۆزى قىلىدۇ، ئەر پەقەت «مېھمان»دەك بەزىدە كېلىپ سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بەزىدە ئانچە – مۇنچە پۇل بېرىپ ئايالىنىڭ «كۆڭلىنى ئېلىپ» ياشايدۇ. بەزىدە ئايال بېرىپ ھەپتىدە بىرەر نان پىشۇرۇپ تاماق ئېتىپ بېرىپ، ئۆيلىرىنى تازىلاپ بېرىپ، يېنىپ كېلىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئەھۋالدىكى نىكاھ توغرا نىكاھمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ خىل ئەھۋالدىكى نىكاھ ئايال كىشى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇرالغۇ، نەپىقە، نۆۋەت ۋە يېنىدا قونۇش قاتارلىق ھەق -ھوقۇقلىرىدىن تانازۇل قىلىپ (ۋاز كېچىپ)، ئەر بەزى چاغلاردا يوقلاپ تۇرسا رازى بولىدىغان بۇ نىكاھنىڭ ئادەتتىكى ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى، گۇۋاھچىلار، مەھرى ھەققى قاتارلىق شەرتلىرى تولۇق بولۇپ، «ۋاقىتلىق» دەپ ئەسكەرتمەي، مەخپىي تۇتماي، ئېلان قىلىپ نىكاھ قىلسا بۇ توغرا نىكاھ بولىدۇ. كېيىنچە بۇ ئايال خاھلىسا، يۇقىرىقى ھەقلىرىنى تەلەپ قىلالايدۇ. بۇنى كۆپلىگەن ئالىملار ۋە فىقھ ئاكادىمىيەلىرى «توغرا نىكاھ» دەپ قارايدۇ. بۇ بەزى شارائىت ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيىتىگە قاراپ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغان نىكاھ بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل نىكاھ بولمىسىمۇ جائىز ۋە يوقتىن ياخشى نىكاھتۇر.

223 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! بىر ئايال مەلۇم بىر ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇردى، تۇرمۇش قۇرۇپ ئون – ئون بەش كۈن ئىچىدە ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئايالنىڭ نىكاھتا ئېلىپ بېرىلگەن تويلۇق – ئالتۇنلىرى قايتۇرۇلۇپ بېرىلەمدۇ؟ مەھرى ھەققى بەرمىگەن بولسا، بۇنىڭ گۇناھى ئەرگە بولامدۇ؟ ئايرىلىپ كەتكەندە بېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. نىكاھتا ئېلىپ بېرىلگەن ئالتۇن ھەدىيە ياكى مەھرى تويلۇق ھېسابلانغان ياكى ھېسابلانمىغان بولسا، بەرىبىر قايتۇرۇلمايدۇ. مەھرى تويلۇق بېكىتمىگەن ياكى تېخى بەرمىگەن بولسا، گۇناھ بولمايدۇ. گەدىنىدە قەرز بولىدۇ. ئايرىلىپ كەتكەندە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ.

224 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم تىنچلىقمۇ؟

1) بىر ئەرنىڭ ئىككى ئايالى بولسا، ئىككى ئايال ئارىلىشىپ ئۆتۈشى شەرتمۇ؟

2) ئارىلىشىپ ئۆتسە، بىر – بىرىگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولسا، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) گاھىدا كۈندەشلىكى تۇتۇپ كېتىشى تەبىئىي بولسىمۇ، ئايال كىشى كۈندىشى بىلەن ئىسلامىيەتتىكى بىر ھەمشىرىسى ۋە ئوتتۇرىدا ئورتاق مەنپەئەتلەر بار بولغان بىر شېرىكى سۈپىتىدە چىرايلىق ئۆتۈشى كېرەك. 2) ئەقەللىي ئىنسانچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىپ چىداش ۋە سەۋر قىلىشى كېرەك.

225 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى «تەپسىر دۇردانىلىرى» دېگەن بىر كىتابنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولۇپ مۇقاۋىسىنى شۇنداق ئاچسام، بىرىنچى بېتىدىن تارتىپ ئىملا خاتالىقلىرى ۋە بەزى مەزمۇن سەھۋەنلىكلىرى تۇرىدۇ، لەسسىدە بولۇپ قالدىم. سوئالىم: بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلغانلار، نەشر قىلغانلار نېمىشقا سۈپەت قوغلاشماي، سان قوغلىشىدۇ؟ شەرىئەتتە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇ كىتابنىمۇ سىلەرنىڭ كىتابلاردەك سۈپەتلىك چىقىرىشقا ياردەملىشىش ئىمكانىيىتىڭلار يوقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھەممىمىز ئەستايىدىل بولۇپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

226 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلار مەدرەسەدىن كېلىپ: «ئۇستازىمىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاكام دەيدۇ، يەنى ‹مۇھەممەد ئاكام ئەلەيھىسسالام› دەيدىكەن، بۇنداق دېسە بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنداق دېيىلمەيدۇ. سەلەفلىرىمىزمۇ دېمىگەن.

227 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئايال كىشى ئاغرىپ قالسا، ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادى يوق ئەھۋال ئاستىدا شەرىئەتتە ئەر كىشىنىڭ داۋالىتىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ كېسەللەرنىڭ چوڭ – كىچىكلىرى بولىدىكەن، ئەگەر مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالسا، دائىرىسى قانچىلىك؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەر كىشىنىڭ كېسەل ئايالىنى ئاغرىق – سىلاقنىڭ چوڭ – كىچىكلىرىدىن داۋالىتىش، دورا، دوختۇر ۋە دوختۇرخانا ئۈچۈن كەتكەن چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

228 – سوئال: سۈرە نىسانىڭ 148 – ئايىتىدە «نامايىش قىلىش، باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە خىتتاينىڭ قىلغانلىرىنى بىلدۈرۈپ ياردەم سوراش قاتارلىقلار باتىل ھۆكۈمدارلارغا دەرد ئېيتىپ شىكايەت قىلغانلىق» دەپ قارايدىغانلارغا قارشى دەلىل باردەك چۈشىنىپ قالدىم، بۇنداق ئويلىغىنىم توغرىمۇ؟

جاۋاب: نامايىش قىلىش يامان سۆز قىلىش ئەمەس.

229 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز! رامازانلىق زاكاتنى ھەج قىلماقچى بولغان تۇل ئايالغا بەرسەك دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھەجگە بېرىشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلەرگە ھەج پەرز بولمايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئايالنىڭ ھەجگە بېرىشى ئۈچۈن زاكات بېرىلمەيدۇ. ئەمما، ئۇ ئايال پېقىر بولسا، ئۇنىڭغا پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن زاكات بەرسە بولىدۇ. ئۇ ئايال زاكاتنى ئالغىنىدا، ئۇنى ھەجگە ۋە ياكى باشقا ئىشقا سەرپ قىلسا ئىختىيارى.

230 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر قولىمىزدا دوللار، ياۋرو ۋە لىرا دېگەندەك ئىككى – ئۈچ خىل پۇل بار بولسا، زاكات ھېسابلىغاندا ھەربىر پۇل تۈرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم زاكات ھېسابلامدۇق ياكى ھەممىسىنى لىراغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ ھېسابلىساقمۇ بولامدۇ؟ ئەگەر لىراغا ئايلاندۇرۇۋالغان تەقدىردە پۇلنىڭ زاكىتىنى ھېسابلاپ، ئېھتىياجلىق يەرلەرنى تېپىپ تارقىتىش جەريانىدا، بەش – ئون كۈن ئۆتسە، بۇ ئارىلىقتىكى پۇلنىڭ ئايلىنىش قىممىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ مەسىلەن، بىز زاكات ھېسابلىغاندا، بىر دوللار 14.5 لىرا، تارقىتىدىغان چاغدا 15 لىرا دېگەندەك.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قولىمىزدا دوللار، ياۋرو ۋە لىرا دېگەندەك ئىككى – ئۈچ خىل پۇل بار بولسا، زاكات ھېسابلىغاندا ھەربىر پۇل تۈرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم زاكات ھېسابلساقمۇ ياكى ھەممىسىنى بىر تۈرگە ئايلاندۇرۇپ ھېسابلىساقمۇ بولىدۇ. زاكاتنى ھېسابلاپ ئايرىغاندىن كېيىن، تارقىتىش جەريانىدا لىرا قىممىتىدە سەل ئۆزگىرىش بولسا ھېچگەپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئايرىغاندا توغرا قىممەتتە ئايرىغان.

231 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سوئالىم: ئايال كىشىنىڭ يولدىشىدىن سورىماي چېچىنى كەستۈرۈشى ياكى بويىشى ۋە بەدەنگە لوڭقا قويغۇزۇشى گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. ئايال كىشىنىڭ يولدىشىدىن سورىماي چېچىنى كەستۈرۈشى ياكى بويىشى ۋە بەدەنگە لوڭقا قويغۇزۇشى گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئېرىدىن ئىجازەت سورىشى كېرەك ئەمەس. لېكىن، ئەر ئايالىنى بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن توسقان بولسا، ئايال ئۇنداق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايال ئېرىگە گۇناھ ئىشقا بۇيرۇمىغانلا بولسا، ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. يەنە ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ياسىنىشىدا مەلۇم ھەققى بار.

232 – سوئال: ئەسسالامئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىگە ئىككىلا دۇنيادا رەھمەت ئاتا قىلسۇن! ئۇزۇندىن بېرى كاللامدا بىر سوئال پەيدا بولۇپ قالغانىدى: ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا رەسىمگە تارتقىلى بولىدىغان تېلېفون بار، شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئۇ تېلېفون بىلەن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ ساقلىشىدۇ ياكى ئاتا – ئانىلىرىنى كېيىنكى كۈنلەردە ئەسلەش مەقسىتىدە ساقلىشىدۇ ۋەياكى بالىلىرىنىڭ ئوماق ھالەتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويۇشقا ئادەت بولۇپ كەتتى. يەنە بەزى كىشىلەر تىجارەت سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى چىقارغان ئاساستا ۋىدىئو تارتىپ تور بازارلىرىغا قويىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئسلام دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟ چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىگىمۇ ئىككىلا دۇنيادا رەھمەت ئاتا قىلسۇن! بۇ ئىشلارنىڭ ئسلام دىنىمىزدىكى ھۆكمى جائىز. ئەلبەتتە، ئاياللار نامەھرەملەرگە سۈرىتىنى كۆرسەتسە بولمايدۇ.

233 – سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆيدە توردىن ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئۆيدە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى قىلىۋالىدىكەن. مەسىلەن، بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىش، بىرەر كۆرۈشمىلىرىگە بېرىش، چۈشلۈك دەم ئېلىشنى ئۇزۇن قىلىش… دېگەندەك. ئۆيدە ئىشلىسە، كۈندىلىك ئىشلەش ۋاقتى شىركەتتە ئولتۇرۇپ ئىشلىگەندەك تولۇق سەككىز سائەت چىقمايدۇ. بەلكىم تۆت سائەت ياكى بەش سائەت خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، شىركەت خىزمەتچىلىرىگە قارىتا: «ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن چۈشتىن كېيىن بەشكىچە ئىشلەيدۇ» دەپ ئىش توختامىدا يېزىلغان. ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدا يەنى شىركەت تەلەپ قىلغان ھەپتىلىك ۋەزىپىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئادا قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، خىزمەت ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش ياللىغۇچىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىققا كىرىپ قالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شەرتكە رىئايە قىلمىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىشىغا سەرپ قىلغان سائەتنى ئىشلەپ تولدۇرۇۋەتسە، ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدا يەنى شىركەت تەلەپ قىلغان ھەپتىلىك ۋەزىپىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئادا قىلسا، ياللىغۇچىنىڭ ھەققىنى يېمىگەن بولىدۇ.

234 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئاللىرىمغا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ جاۋاب قايتۇرغانلىقلىرىغا ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن، ئىلىملىرىنى تېخىمۇ مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن…

1) ۋىتر نامىزىدا دۇئايى قۇنۇتتىن كېيىن ئۇزۇن دۇئالارنى قىلىش پەقەت رامازاندىلا بولامدۇ؟ يەنى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق ئۇزۇن دۇئادا بولامدۇق ياكى رامازاندىن باشقا ۋاقىتتىمۇ ۋىتر نامىزى ئوقۇغاندا دۇئايى قۇنۇتتىن كېيىن شۇنداق ئۇزۇن دۇئالارنى قىلساق بولامدۇ؟

2) ۋىتر نامىزىدا دۇئايى قۇنۇتتىن كېيىن ئۇيغۇرچە دۇئا قىلساقمۇ بولامدۇ؟ ۋىتر نامىزىدا سەجدە قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرچە دۇئا قىلساق بولامدۇ؟

3) بۇ توپتا رامازاندىن كېيىنمۇ سوئال سورىساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ھەممە ئايلاردا ئوخشاش. ئۇزۇن قىلىش شەرت ئەمەس. 2) بۇنىڭغا 7 – سوئالدا جاۋاب بېرىلگەن. 3) رامازاندىن كېيىن توپلار تاقىلىدۇ. لېكىن، ئىلخەت ئىشلەيدۇ.

235 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاتنىڭ گۆشىنى بەزەنلەر مەكروھ تەنزىھى يەنى ھارامغا يېقىن مەكروھ دەيدىكەن. بۇ گەپنىڭ ئورنى بارمۇ؟ بۇرۇنقى ئالىملىرىمىز بۇ توغرۇلۇق نېمە دېگەن؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. دەلىل جەھەتتىن ئات گۆشى ھالال دېگەن قاراش كۈچلۈك. مۇنۇ پەتۋادا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان: https://sajiya.biz/?p=3097

236 – سوئال: مەن مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتىمەن، يېشىم 55 ياش. يىللاردىن بېرى ئۆي ئېلىش مەقسىتىدە پۇل توپلىغان ئىدىم. بۇ پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ مەن يېقىندا «زاكات كەلمەيدىكەن» دەپ ئاڭلىغان. مېنىڭ قايتا ئىزدەنمەسلىكىم ئۈچۈن پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولۇشى كېرەك . ئاللاھ رازى بولسۇن. (ئەنۋەر ھەسەن، ئستانبۇل. پۇلنىڭ مىقدارى 16400 دوللار)

جاۋاب: ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي مۈلكى بولمىسىمۇ، ئۆي ئېلىش مەقسىتىدە توپلىغان پۇلغا تېخى ئۆي ئالمىغاندىن كېيىن زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز:

https://sajiya.biz/?p=2807 پەتۋا بەرگۈچى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ.

237 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەلۇم بىۋاسىتە سېتىش شىركىتىنىڭ سودىسىنى قىلىش ھەققىدىكى پەتىۋالىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كەچكەن بولساممۇ، بەزى خېرىدارلار بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلىكى ۋە يەنە ئىشلەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ، ئۆزىمىزمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىشلەتكەن مەھسۇلات ئىدى. شۇڭا، سىلىدىن سورىماقچى بولغىنىم: بۇ مەھسۇلاتنى ئۆزىمىز ئىشلىتىش ۋە يېقىنلىرىمىزغا ئەكەلدۈرۈپ بېرىش، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىشىمىزنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن قانداق قىلسام بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەزا بولماي سېتىۋېلىپ (ئەگەر ئۇلار شۇنداق سېتىپ بەرسە) ئىشلەتسىڭىز ۋە ئەزا قىلماي باشقىلارغا ئەكەلدۈرۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەزالىقسىز سېتىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا ئەزا بولغانلار مەھسۇلات سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا ئەزالىق شەرت قىلماي سېتىشى مۇمكىن. مەھسۇلات باھاسىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىدىن يۇقىرى بولۇشى ھەققىدە سېتىۋالغۇچىنىڭ كاللىسىدا مەسىلە ئېنىق بولسا مەيلى. يەنى قىممەت بولسىمۇ مەيلى سېتىۋالاي دېسە، ئىختىيارى بولۇشى كېرەك. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا شۇ ناتوغرا مۇئامىلىنىڭ راۋاج تېپىشىغا ئىختىيارسىز ھەسسە قېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقتە 72 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىۋەتكەيسىز.

238 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى: كەسپىم بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىزنى مەكتەپتىن پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، سىنىپتا بالىلارغا بىرنەرسە ئۆگەتكەن ۋاقتىمىزدا، بالىلار ئويۇن ئارقىلىق ياكى تۇتۇپ ھېس قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە بەزى ھەيكەلگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ياساپ سالىمىز. يەنى ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بەزىدە ئويۇن خېمىرىدىن، بەزىدە كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ياساپ ئۆگىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. يەنى جانلىققا مۇناسىۋەتلىك رەسىم، ھەيكەل، شەكىل ۋە باشقا ئىشقىلىپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلەر… بالىلار ئۆزى ياسىسىغۇ كىچىك بولغاندىكىن گۇناھ بولماس، لېكىن بىز ئۇلارغا «تەپەككۇرىنى چېنىقتۇرىمىز» دەپ ئۆگىتىشكە مەجبۇر بولىمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ھەرقېتىم مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بولغاندا، «گۇناھ بولغانمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالىمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى، جانلىقلارنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك قونچاقلىرى بولسىمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ياساش، سېتىش ۋە بالىلارغا ئېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. ئۆگىتىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ جائىز. جائىز بولغانىكەن، گۇناھ بولمايدۇ.

239 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! ئاللاھ خىزمەتلىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر ئەزىم بەرگەي ۋە ساۋابىنى مەرھۇم ئاتا – ئانىلىرىنىڭ مىزانىدا قىلغاي. سوئالىم: ئىككى ئاغىنە – بۇرادەر كىشى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى خاپا بولۇشۇپ ئالتە ئايدەك ئالاقىلاشماپتۇ، كېيىن بىرىنچىسى ئىككىنچىسىگە ئالاھىدە ھەدىيە ئەۋەتىپتۇ. ئىككىنچىسى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بىرىنچىسىنىڭ ئايالىغا تېلېفون ئېلىپ، ئەۋەتكەن ھەدىيەگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بىرىنچى كىشى ناھايىتى خاپا بولۇپ ئىچى پۇشۇپ: «نېمە ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلماي، ئايالىمغا تېلېفون قىلىدۇ؟ بۇ قانداق گەپ؟ شەرىئەتتە مەن گۇناھكار بولامدىمەن؟ ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەن نېمە دەيمەن؟» دەپ سورايدۇ. دېيىلگەندەك، بۇ بىرىنچى كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟ كۆڭلى راھەتلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ جاۋابلىرىنى كۈتىمەن، ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلغاي.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ رامازاندا بەرىكەت ۋە سىھھەت ئاتا قىلغاي! ئامىن! چۈشىنىشىمچە، بۇلار يارىشىشنى خاھلايدۇ. لېكىن بىرى – بىرىگە سالام قىلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ گەپ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماپتۇ. بۇ ئەھۋالدا ھەر ئىككىسى گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن، ئۇچرىشىپ قالسا سالام قىلمىسا ياكى سالىمىنى ئىلىك ئالمىسا گۇناھكار بولىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ»(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6064؛ «مۇسلىم»، 2563). ئىمام نەۋەۋىينىڭ بايان قىلىشىچە: «ئۇنىڭغا خەت يازسا ياكى ھەدىيە ئەۋەتسە تاشلىۋەتمىگەن بولامدۇ؟ توغرىراق قاراشتا ئوتتۇرىدىكى يىرىكلىك يوقايدىغان بولغاچقا، تاشلىۋېتىش يوقايدۇ»(«شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»). بۇ بىرىنچى كىشى كۆڭلى راھەتلىنىش ئۈچۈن ئۇچرىشىپ قالسا سالام قىلىشى ياكى قارشى تەرەپنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىشى كېرەك. ئىككىنچى كىشى بىرىنچى كىشىنىڭ ئايالىغا تېلېفون قىلىشى سەۋەبلىكمۇ بىرىنچى كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ تېلېفوندا چوقۇم بىنورمال گەپ – سۆز بولغان دېيەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى كىشى ئۆزى تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلدۇرمىغان.

240 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇشۇ رامازاننىڭ تۇنجى كۈنى بوۋىقىم بىلەن بىرگە ئۇخلاپ قېلىپ، سەل تاڭ يورۇپ قالغاندا سوھۇرلۇق يەپ سالغاندەك قىلىمەن، ئەمما ئۇ كۈن تولۇق روزا تۇتتۇم، بىراق كۆڭلۈمگە تاڭ يورۇغاندا يېگەندەك شەك چۈشۈپ قالدى. شۇڭا، بۇ كۈننى بىر كۈن تۇتۇپ تولۇقلىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تاڭ ئېتىپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولسا، بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش ۋاجىب. تاڭ ئاتقانلىقىدا شەك بولسا، قازاسىنى تۇتۇش ۋاجىب ئەمەس.

241 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق قىلساق، باشقا ئايلاردىمۇ رامازاندىكىدەك تەقۋا بولالايمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. روزا تۇتۇش، تەھەججۇد ئوقۇش، سەدىقە – ئېھسان قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەر ئۈچۈن يىل بويى ئىشىك ئوچۇق. بۇنى ئۇنۇتماي، بۇرادەرلەرئارا ھەردائىم بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلغاندا «رامازانچى مۇسۇلمان» بولۇپ قالماي، «رەببانىي بەندە» بولغىلى بولىدۇ.

242 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مېھرىبان ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، بەرىكەتلىك قىلسۇن ۋە مىللەت ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلسۇن، ئامىن.

1) ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدە بەزى كىشىلىرىمىز بار، ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن ۋە ئىھاھا، دىيانەت، قىزىل ئاي، ئۇنىڭدىن باشقا باشقا ھەر تۈرلۈك تۈرك دەرنەكلىرىدىن ياردەم ئالىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقى باردەك قىلىپ، بەزى تۈرك شەخسلەردىنمۇ ياردەم ئالىدۇ، ئالغۇدەكلا يەر بولسا قاچۇرمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇنداق قىلىپ پۇل يىغىپ قويمىسا بولمايدىكەن. بۇ توغرا بولامدۇ؟

2) يۇقىرىقىدەك يىغقان پۇل بىلەن ھەج ياكى ئۆمرە قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟

3) خىتتاي پاسپورتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىش سىياسىي جەھەتتىن ئەمىن ۋە خاتىرجەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى كىشىلەرگە ھازىرچە ئۆمرەگە بارماي، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلى توي قىلالمىغان قىز – يىگىتلەرنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇھىم ئەمەل ئىكەنلىكى تەۋسىيە قىلىنسا «خۇدايىم ساقلايدۇ، نېمىنى تەقدىر قىلسا شۇ بولىدۇ» دەپ يەنىلا ھەجگە كەتسە، بۇ ھەج دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇ قىلغان جاھىللىقى ھەققە بويسۇنماسلىق بولامدۇ؟

4) بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۆمرە ياكى پەرز ھەج ئۈچۈن ھەرەمگە بارغانلار ئېھرام باغلاپ تۇرۇپ، كەئبىنى ئايلىنىپ تۇرۇپ، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى تۇتۇپ تۇرۇپ، شەيتانغا تاش ئېتىپ تۇرۇپ، ھەتتا ئەرەفاتتا دۇئا قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ۋىدىئوغا ياكى رەسىمگە چۈشۈپ تورلارغا چىقىرىپ تارقىتىدۇ، بۇ رىياغا كىرەمدۇ؟ ھەجنىڭ قوبۇل بولۇشىغا تەسىرى بولامدۇ؟ سىلىگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ رامازاندا بەرىكەت ۋە سىھھەت ئاتا قىلغاي. ئامىن! 1) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى قەبىيسە! تىلەش ئۈچ كىشىدىن باشقىسىغا ھالال بولمايدۇ: بىرىنچىسى، ئىككى تەرەپنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەپ قويماقچى بولغان كىشى بولۇپ، ئۇنى تۆلەپ بولغۇچە تىلىسە بولىدۇ. تۆلىۋەتكەندىن كېيىن تىلىمەيدۇ. ئىككىنچىسى، چوڭ بىر بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن پۇل – مېلىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى بولۇپ، ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغۇچە تىلىسە ھالالدۇر. ئۈچىنچىسى، نامراتلىشىپ قالغان كىشى بولۇپ، ئۇنى تونۇيدىغانلاردىن ئاقىل ئۈچ كىشى: ‹پالانى نامراتلىشىپ قالدى› دېسە، ئۇ كىشى ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغۇچە تىلىسە ھالالدۇر. ئى قەبىيسە! بۇلاردىن باشقا ئەھۋاللاردا تىلەپ يېگەن نەرسىلەر ھارامدۇر. ئۇنى يېگەنلەر ھارام يېگەن بولىدۇ»(«مۇسلىم»، 1044). 2) ئۇنداق پۇل يىغىش ھارام بولىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ھارام پۇل بىلەن ھەج قىلسا، ھەج پەرزى ئادا بولىدۇ – يۇ، گۇناھكار بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي«ئەلمەجمۇﺋ»دا شۇنداق دېگەن. 3) ھەج دۇرۇس. لېكىن ئۆزىنى خەتەرگە دۇچار قىلغان بولىدۇ. 4) رىيا بولۇش – بولماسلىقى قەلبتىكى نىيەتكە باغلىق. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئادەتتە رىيادىن خالىي بولمايدۇ.

243 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەيزدار ۋاقىتتا قۇرئان تەكرارلاش ئۈچۈن قۇرئاننى پەلەي بىلەن تۇتۇپ ئوقۇسا بولامدۇ؟ ھەيزدار ئانا بالىسىنىڭ تەراۋىھتىكى قىرائىتىنى قۇرئاننى پەلەي بىلەن تۇتۇپ تىڭشىسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەيزدارنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەش ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، قۇرئاننى ھۆرمەتلەش جەھەتتىن جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ قۇرئاننى پەلەي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەرسە بىلەن تۇتۇشى ئەۋزەل. ھەيزدار ئانا بالىسىنىڭ تەراۋىھتىكى قىرائىتىنى ناماز سىرتىدا قۇرئاننى پەلەي بىلەن تۇتۇپ تىڭشىسا بولىدۇ.

244 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيالمايمەن، شۇڭا تېلېفوندا قارىيلارنىڭ ئوقۇشىنى تىڭشايمەن. ئوقۇلغان ھەرپلەرگە بىرمۇبىر قارايمەن، بەزىدە ئوقۇيالىغىنىمچە ئوقۇيمەن. مۇشۇنداق ئوقۇغانغا قاراپ قۇرئاننى تۈگەتسەم قۇرئاننى تاماملىغان ھېسابلىنامدىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئاننى ئوقۇشمۇ، تىڭشاشمۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ، ئاڭلاپ تاماملىسىڭىزمۇ قۇرئان ئۆگىنىپ ۋە تەپەككۇر قىلىپ تاماملىغان ساۋابقا ئېرىشىسىز.

245 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستانبۇلدا تۆت ياشتىن كىچىك بالىسى بار ئانىلارغا ئاممىۋى قاتناش ھەقسىز، سوئالىم: ئايال كىشىنىڭ شۇ كارتىسىنى ئېرى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ بۇ كارتا ۋەتەنداشلارغىلا بېرىلىدىكەن، ۋەتەنداش بولمىغان بوۋاق بالىسى بار ئۇيغۇر ئانىلار ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەر ئىككى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

246 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ ئۇستاز! زىنا – پاھىشەنى، ئۆسۈم، ھاراق – تاماكا… قاتارلىقلارنى قانۇنلۇق دەيدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا بويسۇنۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تاپقان پۇلىنىڭ زاكىتىنى ۋاقتىدا بېرىپ، بىر ئامال قىلىپ باج تاپشۇرماي ياشىسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بويسۇنمىسا جازاغا دۇچار بولىدۇ. شۇڭا، بويسۇنۇش جائىز. مۇنكەراتقا كۆڭلىدە رازى بولمىسا بولىدۇ. زاكات باجنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. باجنىمۇ تاپشۇرۇش كېرەك.

247 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! ھېيتتا بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش ساخاۋەتكە كىرەمدۇ؟ مەيلى تۇرمۇشى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش ساخاۋەتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھقا شۈكۈر. ھېيتتا بالىلارغا ھېيتلىق بېرىش گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل ئادەت قاتارىدىن بولۇپ، بۇ ھەدىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ. لېكىن پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ بالىلىرىغا خەير – ئېھسان نىيىتىدە بەرسە سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر.

248 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.

1) يېقىن دوستىغا، يېقىن كىشىلىرىگە «كۆڭلۈم ئاغرىدى» دەپلا باشقىلار ھەققىدە گەپ قىلىپ ئىچىنى بوشىتىش دۇرۇسمۇ؟

2) بىرىگە تۇرمۇشى ھەققىدە گەپ قىلمىسىمۇ، ئۆزىچىلا «ياخشى ئۆتۈۋاتامسىلەر؟» دەپ گەپ قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش، يەنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشش توغرىمۇ؟

3) كۈندىشى ئازار بېرىۋەرسىمۇ، كۈندەشلىكىنى قوزغايدىغان گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بىئارام قىلىۋەرسىمۇ، يولدىشىنىڭ «سەن ئارىلىشىپ ئۆتىسەن» دەپ مەجبۇرلىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۇلۇمغا ياكى ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بولسا جائىز. 2) ئەھۋال سوراش ۋە نەسىھەت قىلىش ياخشى ئىش. ئارتۇقچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ. 3) ئەرنىڭ ئايالىنى كۈندىشى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە مەجبۇرلاش ھەققى يوق. ئايال بۇنى رەت قىلسا گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى كۈندىشى ئۇ ئايالنىڭ تۇغقىنى ئەمەس.

249 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئوقۇش مۇھىممۇ ياكى پۇل تېپىشمۇ؟ مىسىردىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەلگەندىن كېيىن كىتابنى قولغا ئالغۇدەك ۋاقىتمۇ يوق ئىشلەپ كېتىۋاتىمىز، ئوقۇغانلىرىمىزنى ئۇنتۇپمۇ بولدۇق… ئوقۇيلى دېسەك، ئائىلىمىزنى باقالمايدىكەنمىز، ئىشلىسەك يىللاردىن بېرى ئۆگەنگەنلىرىمىزنى يەپ كېتىدىكەنمىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مېنىڭچە ياشلار ئۈچۈن مەلۇم بىر سەۋىيەگە قەدەر ئوقۇشى مۇھىم. ئۇندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش ھەر ياشنىڭ ئىستېداتىغا قاراپ بولىدۇ. ئوقۇشنى ئايىغىغا چىقىرىشى مۇناسىپ كېلىدىغانلار چوقۇم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇلارنى ھەممە ئەل جامائەت قوللىشى كېرەك. ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇناسىپ كەلمەيدىغانلار تىجارەت ۋە ھۈنەر – كەسىپ قىلىشى لازىم.

250 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر تۈركىيەدە ئۆي ئىجارە ئالماقچى بولساق، ئوتتۇرىدىكى ۋاكالەتچىلەردىن ئالىدىكەنمىز. ئۇلار بىزنى ئۆي ئىگىسىگە ئۇچراشتۇرۇپ قويغانلىقى ياكى قولىدا ئىجارە بېرىدىغان ئۆي بولغانلىقى ئۈچۈن، «ۋاسىتىچىلىق ھەققى» دەپ مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىدىكەنمىز. سورىماقچى بولغىنىم: مەن بىر ئۆينى دېيىشىپ بىر ئايلىق ئىجارە، ئېملاكچىلىك (بېدىكچىلىك) ھەققى، دىپوزوت (گۆرۈ پۇل) قاتارلىق پۇلنى بېرىپ كىرىپ، 15 – 20 كۈن ئولتۇرۇپلا ئۆينى بىكارلاپ بەرگەن بولسام، شەرىئەتتە مېنىڭ ئۇ كىشىدىن ئېملاك ھەققى پۇلىنى ۋە بىر ئاي توشماي قېلىپ قالغان كۈنلەرنىڭ پۇلىنى سوراش ھەققىم بارمۇ؟ ئېملاكچىنىڭ مەن تەلەپ قىلغان پۇلنى بەرمەيمەن دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ ( ئەگەر ئېملاكچى ئەمەس باشقا بىر كىشى مۇشۇنداق ئۆينى بەرگەن بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ؟)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بېدىكچىلىك ھالالدۇر. چۈنكى، ئۇ ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىشتۇر. بىر كىشى بىر ئۆينى ئېملاكچى ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، توختاملاشقان مۇددەت توشماستىن ئۆيدىن قوپۇپ كەتكەن تەقدىردە، ئېملاكچىغا بەرگەن تاپان (ئېملاكچىلىك) ھەققىنى ۋە بىر ئاي توشماي قېلىپ قالغان كۈنلەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، ئېملاكچى شۇ ئۆينى تېپىپ بەرگەنگە ھەققىنى ئالغان بولدى. سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. باشقا بىر كىشى ئۆينى ۋاسىتىچىلىك قىلىپ بەرگەن بولسا ئوخشاش. ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بەرگەن بولسا تاپان ھەققى ئالمايدۇ. لېكىن، دىپوزوت ۋە قالغان كۈنلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش ھەققى بولىدۇ. ئەگەر توختامدا «پۈتۈشكەن مۇددەت توشماستا قوپۇپ كەتكەن تەقدىردە، دىپوزوت تۇتۇپ قېلىنىدۇ» دېيىلگەن بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققىڭىز بولمايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ