سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزلەردە ئات گۆشى يەيدىغان كىشىلەر بار، لېكىن شەخسەن ئۆزۈمنىڭ بىلىمسىزلىكىمدىنمۇ قانداق مەن يېمەيمەن. بۇ مەزمۇندا ئانچە – مۇنچە ماتېرىيال كۆرۈپ باقتىم. لېكىن، ھەل قىلالمىدىم. ئۇستازلاردىن سورىساممۇ قايىل بولغىدەك بىرەر جاۋاب چىقمىدى. بىر دوستۇم ياردىمى بىلەن سىلىنى تېپىشقا نېسىپ بولدۇم. مالال كۆرمەي جاۋاب بەرگەن بولسىلا.
يەنە بىر سوئال: ئات گۆشى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار ئىكەن، بەزىلەر ھالال دېسە، بەزىلەر ھارام دەيدىكەن. بىلىشىمچە، يۇرتىمىزدا ئات گۆشى ئىستېمال قىلىش ئادەت بولۇپ كەلگەن ۋە ھازىرغىچە مۇتلەق كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ھالال دەپ تونۇلۇپ كېلىنمەكتە. شۇنداق بولغاچقا، تاي گۆشى بەزىدە دورىلىق سۈپىتىدە، بەزىدە قېزا قىلىنىپ قىشتىكى ياخشى يېمەكلىك سۈپىتىدە يېيىلىپ كېلىنمەكتە. بۇ مەسىلە ئۈستىدە چۈشەنچە بەرسەڭلار. ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلغاي!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرى قەدىمدىن ھەنەفىي مەزھەب بويىچە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بىزدە ئات گۆشىنى يېيىشنى توغرا تاپمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. ئەمەلىيەتتە، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كۆزقارىشى ئىچىدە ئات گۆشى ھارام دېگەن قاراش يوق. بەلكى ھارام دېگەن قاراش مالىكىي مەزھەبتىكى بىرقانچە قاراشنىڭ بىرىدۇر.(1)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ئات گۆشىنى ئېنىق ھارام دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان، بەلكى ئۇنى ياقتۇرمىغانلىقى ۋە يامان كۆرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى مەكرۇھ، دەپ چۈشەنگەن، لېكىن بۇنىڭ مەكرۇھ تەنزىيھىي ياكى مەكرۇھ تەھرىيمىي ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئىككى شاگىرتى بولسا باشقا كۆپچىلىك ئالىملار بىلەن بىللە ھالال دەپ قارىغان. شۇڭا، ھەنەفىي مەزھەبنىڭ ئۆزىدە ھارام دەيدىغان قاراش يوق، بەلكى ھەنەفىي مەزھەبتە پەتۋا بېرىلىدىغان قاراش: مەكرۇھ تەنزىيھىيلىك بىلەن ھالال دېگەن قاراشتۇر.(2)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۇرۇش قورالى بولغان ئاتنى يەپ تۈگىتىۋېتىپ جەڭ قىلغاندا پىيادە قالماسلىق ئۈچۈن يېيىشنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ئات گۆشىنىڭ ئۆزىنىڭ مەينەت ياكى ھاراملىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، باشقا سەۋەبتىن يېيىشنى توغرا تاپمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئومۇمەن، دەلىل جەھەتتىن ئات گۆشى ھالال دېگەن قاراش كۈچلۈك.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بىر ئاتنى بويۇننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن بوغۇزلاپ يېگەن ئىدۇق» دېگەن.(3)
ساھابەلەر: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە مۇنداق قىلاتتۇق، دېگەن بولسا، بۇ سۆز مۇھەددىسلەرنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىگە ئوخشاش ھۆكۈمدە بولىدۇ.(4)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى يەرلىك ئېشەك گۆشىنى يېيىشنى چەكلەپ، ئات گۆشىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغان.(5) لېكىن، بۇخارىي رىۋايەتىدە «رۇخسەت قىلغان» دەپ، مۇسلىم رىۋايەتىدە «ئىجازەت بەرگەن» دەپ كەلگەن.
بۇنىڭدا دەسلەپكى چاغلاردا بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئات گۆشىنى يېيىشنى چەكلىگەن بولسا، كېيىنكى چاغلاردا يېيىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېنىق.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مەدىنەدىكى ۋاقتىمىزدا بىر ئاتنى بوغۇزلاپ يېگەن ئىدۇق» دېگەن.(6)
بۇ ھەدىستىكى: «مەدىنەدىكى ۋاقتىمىزدا» دېگەن ئىبارىمۇ كېيىنكى چاغلاردا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە ساھابەلەردىن: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، فەزالە ئىبنى ئۇبەيد، ئەنەس ئىبنى مالىك، ۋە ئەسماﺋ بىنتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن، شۇنداقلا ئەلقەمە، ئەسۋەد، شۇرەيھ، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ھەسەن بەسرىي، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ھەمماد ئىبنى ئەبى سۇلايمان قاتارلىق تابىئىنلاردىن ئات گۆشىنى ھالال دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(7)
دېمەك، يۇقىرىقىدەك مۇشۇنداق ئېنىق ھەم سەھىھ دەلىللەرگە ئاساسەن «ئات گۆشى ھالال» دېگەن قاراش كۈچلۈكتۇر.
ئەمدى شۇنى ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، ئات گۆشىنى چەكلىگەنلەر ئىچىدە ئىمام ئەۋزائىي، ئەبۇ ئۇبەيد قاتارلىق مۇجتەھىدلارمۇ بار. مالىكىي مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارمۇ بار. ساھابەلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ چەكلىگەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يەنە ئاتنى، قېچىرنى، ئېشەكنى مىنىشىڭلار ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ﴾(16/«نەھل»: 8) دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلغان.(8)
يەنە بۇ گۇرۇپپىدىكى ئالىملار ئات گۆشىنى چەكلەيدىغان سەل زەئىفرەك بەزىبىر ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ يا چەكلەش تەرىپىنى ئېغىر باسىدۇ، دەپ قارىغان ياكى دەلىللەر قارىمۇقارشى كېلىپ قالدى دەپ قاراپ ئېھتىيات تەرەپتىن مەكرۇھ دېگەن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 20 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 24 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 185 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 4/101.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 11/233 مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 4/68؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/38؛ قۇدۇرىي: «ئەتتەجرىد»، 12/6375؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/305.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5519)؛ «مۇسلىم»، (1942).
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/649؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/35.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5520)؛ «مۇسلىم»، (1941).
6. «بۇخارىي»، (5511).
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/4.
8. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (24318).