زاكات پۇلدا قەرزدارنىڭ قەرزىنى تۆلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىرسى ماڭا قەرزدار ئىدى. ھازىرچە ئۇنىڭ قولىدا ماڭا قايتۇرغۇدەك پۇلى يوق. يېقىندا بىرەيلەن زاكات پۇلىنى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلارغا بەرمەكچى بولدى. ئۇ كىشى زاكىتىنى قەرزدارنىڭ قولىغا بەرمەي بىۋاسىتە ماڭا بېرىپ ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئىلاھىي شەرىئەت زاكات، مىراس ۋە باشقا پۇل- مالغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ئارقىلىق بايلىقنىڭ بايلارنىڭ قولىدىلا ئايلىنىدىغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تەكشىلەش ۋە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشنى كۆزلەيدۇ. شۇڭلاشقا بايلارنىڭ مال – مۈلكىدە زاكاتنى پەرز قىلغان ۋە ئۇنى پېقىر – مىسكىنلەرگە، قەرزدارلارغا ۋە باشقا ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا بېرىشكە بۇيرۇغان. فۇقاھالىرىمىز ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ زاكاتنى تەلەپ قىلىش ھەققى ئۇلارنىڭ زاكات ئېلىپ ئىمكانىيەت ۋە بايلىق ھالىتىگە ئۆتۈشى، يەنى پېقىرنىڭ باي بولۇشى، قەرزدارنىڭ قەرزىدىن خالاس بولۇشى … دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

زاكات سەككىز تۈرلۈك كىشىگە سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى قۇرئان كەرىمدە ئېنىق قىلىپ بەلگىلىۋەتكەن:

«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشتا، قەرزدارلاردا، ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە ئىبنى سەبىللەردە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(1).

مەزكۇر ئايەتتىكى زاكات سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز ئورۇننىڭ ئالتىنچىسى بولغان: «قەرزدارلار» دېگەن تۈر قولىدا قەرزىنى قايتۇرغۇدەك پۇلى يوق كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، زاكاتنى قەرزنى قايتۇرغۇدەك پۇلى يوق قەرزدارغا بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

ھەدىستىمۇ بۇ ھەقتە كۆرسەتمە كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىر ئادەم بىر باغنىڭ مېۋىسىنى سېتىۋالغان بولۇپ، كېيىن باغ ئاپەتكە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە:

ــ ئۇنىڭغا سەدىقە بېرىڭلار! ـ دېدى. ساھابىلەر ئۇنىڭغا خېلى كۆپ مىقداردا سەدىقە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەرزىگە چىقىشمىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرز ئىگىلىرىگە:

ــ ئۇنىڭدا بارنى پۇلۇڭلارغا نىسبەتلەشتۈرۈپ ئېلىڭلار، قالغىنىدىن ۋاز كېچىڭلار! ـ دېدى(2).

مەزكۇر ھەدىستىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى قەرزدارغا سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇغان. بۇ سەدىقە زاكاتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قەرزدارغا زاكات بېرىشكە جائىز بولۇشى ئۈچۈن ئىككى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم: بىرى، قەرزدارنىڭ قەرزىنى قايتۇرغۇدەك پۇلى بار – يوقلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش لازىم. چۈنكى، ئىلىكىدە بار پۇل – مېلى ئۈستىدىكى قەرزىنى تۆلەشكە يېتىدىغان كىشى قەرزدارلىق سۈپىتى بىلەن زاكات ئالسا بولمايدۇ.

يەنە بىرى، قەرزنىڭ تۆلەش ۋاقتى كەلگەن قەرز بولۇشى كېرەك. تېخى تۆلەش ۋاقتى كەلمىگەن، مەسىلەن بۇ يىل ئەمەس، كېلەر يىلى تۆلەيدىغان قەرز بولسا، ئۇ كىشى قەرزدار ھېسابلانمايدۇ ۋە ئۇ كىشىگە قەرزدار سۈپىتىدە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ.

يەنە قەرزى بار، لېكىن قەرزىنى ھەر ئايدا ئىشلەپ كىرىم قىلىپ تۆلەپ كېتەلەيدىغان كىشىلەرگىمۇ بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ 1000 دوللار قەرزى بار. لېكىن بۇ كىشى ھەر ئايدا ئالىدىغان مائاشىدىن 100 دوللاردىن تېجەپ قالسا قەرزىنى 10 ئايدا قەرەلگە بۆلۈپ تۆلەپ بولىدۇ. بەزى ئالىملار يۇقىرىقى ئىككى ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا قەرزدار بولغانلىقى ئۈچۈن زاكات بېرىلىدۇ دەيدۇ.

ئەمما، تۆلەش ۋاقتى كەلگەن قەرزى بار ۋە قەرزىنى قايتۇرغۇدەك پۇلى يوق، شۇنداقلا ھەرئايدا قىلىدىغان كىرىمىدىن ئېشىنىپ ئۇ قەرزىنى تۆلىيەلمەيدىغان كىشىگە كەلسەك، زاكات بەرگۈچى قەرزنى تۆلىۋەتمەكچى بولسا، زاكاتنى قەرزدارنىڭ قولىغا بەرسە، قەرزدار ئۇ پۇل بىلەن قەرزىنى تۆلىسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بېرىلگەن زاكات پۇل بىلەن قەرزىنى تۆلىمىگەن، بەلكى قەرز ئىگىسى ئۇ قەرزدىن ئۆتىۋەتكەن بولسا ياكى ئۇ قەرزنى باشقىلار تۆلىۋەتسە ياكى قەرزدار ئۇنى باشقا پۇلدىن تۆلىۋەتسە، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل بولۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك قاراشتا ئۇ زاكات پۇلنى زاكات بەرگۈچىگە قايتۇرىدۇ.

يەنە قەرزدار زاكات بەرگۈچىنى قەرزنى ئادا قىلىشتا ۋەكىل قىلسا، زاكات بەرگۈچى زاكات پۇلنى قەرزدارغا بەرمەيلا ۋەكىل سۈپىتىدە قەرزنى تۆلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

يەنە ۋەكىل قىلىنمىسىمۇ زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى قەرزدارنىڭ ئۆزىگە بەرمەي، قەرز ئىگىسىگە بېرىپ قەرزىنى تۆلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ جائىز. پەقەتلا قەرزدارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدىمۇ زاكاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان قەرز ئىگىسى كەمبەغەلنىڭ ۋەكىلى بولغان بولىدۇ(3).

مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالا زاكاتنى سەككىز ئورۇنغا بەلگىلىگەندە باشتىكى تۆت ئورۇننى «لام» ھەرپى بىلەن، كېيىنكى تۆت ئورۇننى «فىي» ھەرپى بىلەن ئىپادىلىگەن. چۈنكى، دەسلەپكى تۆت ئورۇن زاكاتنى قولىغا مۈلۈك قىلىپ تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلاردۇر. ئەمما كېيىنكى تۆت ئورۇن، زاكاتنى مۈلۈك قىلىپ قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قولىغ تاپشۇرۇشمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. بەلكى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن، قۇلنى ئازاد قىلىشقا سەرپ قىلىنغان زاكاتنى قۇلنى ساتقان خوجايىنلىرى ئالىدۇ. قەرزدارلارغا سەرپ قىلىنىدىغان زاكاتنىمۇ قەرزدارلار ئەمەس، قەرز ئىگىلىرى ئالىدۇ. دېمەك، بۇ ئورۇنلاردا زاكاتنى قەرزدارغا مۈلۈك قىلىپ تۇتقۇزۇش شەرت قىلىنمايدۇ(4).

ئۇنداقتا قايسى ئەۋزەل؟ زاكات پۇلنى قەرزدارغا بېرىشمۇ ياكى قەرز ئىگىسىگە بېرىشمۇ؟

زاكاتنى ئالغان قەرزدار ئىشەنچلىك كىشى بولۇپ، ئالغان زاكات بىلەن قەرزىنى تۆلەشكە ئالدىرايدىغان بولسا، قولىغا بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما قەرزنى تۆلىمەي بۇزۇپ – چېچىۋېتىدىغان بولسا قولىغا بەرمەي، قەرزىنى تۆلىۋەتكەن تۈزۈك.

زاكات پۇلدا مېيىتنىڭ قەرزىنى ئادا قىلسا بولامدۇ؟ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە زاكات پۇلدا مېيىتنىڭ قەرزىنى ئادا قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ قەرزىنى زاكات پۇلدىن تۆلەپ قويمىغان. جائىز بولىدىغان تەرىپى بولسا تۆلىۋەتكەن بولاتتى. ئەگەر بۇ جائىز دېيىلىدىغان بولسا ھايات كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھەل بولماي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا ھايات كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنى قەرزنىڭ خىجالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئالدىن ئورۇنغا قويۇلغان دېسەكمۇ بولىدۇ(5).

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، زاكاتنى قەرزدارغا بېرىش جائىز بولۇشى ئۈچۈن قەرزدار ئۇ قەرزگە ھاراق – شاراپ ئىچىش، ئەيش – ئىشرەت ۋە قىمار ئويناش قاتارلىق گۇناھ – مەئسىيەتلەر سەۋەبىدىن بوغۇلغان بولماسلىقى، شۇنداقلا مۇباھ ئىشلاردا بولسىمۇ پۇلنى بۇزۇپ – چېچىپ بوغۇلغان بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا قەرزگە بوغۇلغانلارغا زاكات بېرىپ قەرزىنى تۆلەش ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا تەشۋىق قىلىش بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر گۇناھ – مەئسىيەتتىن تەۋبە قىلغان بولسا ئاندىن قەرزىنى زاكاتتىن تۆلەپ قويۇشقا بولىدۇ(6).

ۋەلھاسىل، يۇقىرىقى شەرتلەر ۋە ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا زاكاتنى قەرزدارنىڭ قولىغا بەرمەي بىۋاسىتە قەرز ئىگىسىگە بېرىپ ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلىۋەتسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 06. 30

—————————-
1. «تەۋبە» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
2. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1556- ھەدىس.
3. «ئەلمەجمۇ»، 6 – توم، 208 – بەت. «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 125 – بەت. «ئەززەخىيرە»، 3 توم، 147 – بەت. «ئەلئىنساف»، 7 توم، 247 – بەت.
4. «ئەلمۇغنىي»، 2 – توم، 670 – بەت. «مەجمۇئۇلفەتاۋا»، ئىبنى تەيمىييە، 25 – توم، 40 – بەت. «تەفسىرى تەبەرىي»، 10 – توم، 112 – بەت.
5. «ئەلمۇغنىي»، 2 – توم، 281 – بەت. «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 2 – توم، 320 – بەت. «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 125 – بەت. «مەجمۇئۇلفەتاۋا»، ئىبنى تەيمىييە، 25 – توم، 80 – بەت.
6. «ئەلئۇم»، 2 – توم، 109 – بەت. «ئەلمۇغنىي»، 7 – توم، 324 – بەت. «ئەسسىياسەتۇششەرئىييە»، ئىبنى تەيمىييە، 60 – بەت. «ئەلئىنساف»، 3 – توم، 247 – بەت. «ئەزھەر پەتۋالىرى»، 9 – توم، 245 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز