بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

51 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! يولدىشى «زاكات چۈشمەيدۇ» دەپ قويۇپ، ئائىلىسىگە بار ئىقتىسادتىن چىقىم قىلىپ بەرمەي، ئايال – بالىلىرى قىينىلىپ قېلىپ باشقىلار بەرگەن زاكات پۇلنى بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بولىدۇ.

52 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئىككى ئادەم ئۆزئارا «سەن پالانى ئىشنى قىلىپ سالساڭ، قىيامەت كۈنى سېنىڭ پۈتۈن ساۋابىڭ مېنىڭ بولسۇن ياكى ماڭا پالانى ئىشنى قىلىپ بەرسەڭ، مېنىڭ پۈتۈن ساۋابىم سېنىڭ بولسۇن» دەپ ۋەدىلەشكەن بولسا، بۇ توغرا بولامدۇ؟ قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن شۇنداق بىرسىنىڭ ساۋابى بىرسىگە بولىدىغان ئىش بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. بۇنداق دېگەن ئەھۋالدا ھۆكمى قانداق بولىدۇ بىلمەيمەن. لېكىن، ئۆز ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولۇپ، شەرت قىلىنغان ئىش ۋۇجۇدقا چىقسا، قىيامەتتە ساۋابلارنى ئۆتۈنۈش ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىمالى بار. چۈنكى، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنىڭ ساۋابى ھەق ئىگىسىگە، ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھى تاجاۋۇز قىلغۇچىغا يۆتكىلىدىغان ئىش بار.

53 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قەستەن ياكى ھەرقانداق بىر سەۋەپتىن قازا قىلغان بۇرۇنقى نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟ قازا نامىزى بار كىشىلەرنىڭ تەھەججۇد نامىزى ۋە باشقا نەپلە نامازلارنى ئوقۇشى ئۇيغۇن بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قازاسىنى قىلىش كېرەك. قازا نامازلارنى ئوقۇپ بولغۇچە نەفلە نامازلارنى ئوقۇماي پەرزنىڭ قازاسىنى قىلىپ ماڭىدۇ. چۈنكى، پەرز نەفلىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

54 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بالىلار ئۆيدە زېھنىنى ئېچىش ئۈچۈن شاھمات ئوينىسا، ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جائىز.

55 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئاڭلىسام بەزى ھەمشىرىلىرىمىز ئايرىم بىر ئۆيدە توپلىشىپ جامائەت بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان ئىشلار باركەن، دىنىمىزدا جامائەتكە كېلىشنىڭ بىر شەرتى ئەزان ئوقۇش، لېكىن خانىم قىزلار ئەزان ئوقۇيالمايدۇ. ئىقامەت (تەكبىر) كەلتۈرۈشىمۇ مەكرۇھ، رەسۇلۇللاھ ناماز ھالىتىدىمۇ قىزلارنىڭ مەھرەمىيتىنىڭ داۋام قىلىشىنى تەشۋىق قىلغان. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە مۇسلىمەلەرنىڭ ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىماملىق قىلغان ئەھۋاللار بار ئىدى، لېكىن كېيىن يالغۇز ئۆيدە ئوقۇش تەشۋىق قىلىندى… ھازىرقى شارائىتتا زادى جائىز بولامدۇ، بولمامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا پەتىۋا بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن (ئامىن).

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللار مەيلى مەسجىدلەرگە بېرىپ ئوقۇسۇن، مەيلى ئۆيدە توپلىشىپ ياكى يالغۇز ئوقۇسۇن جائىز.

56 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ رامازان كۈندۈزلىرى سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن ۋاكسىنا سالغۇزسا، روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. سۇنمايدۇ.

57 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ قەستەن روزىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن 60 كۈن روزا تۇتۇش ۋاجىب بولغان كىشى روزا تۇتالماي كەففارەت بەرمەكچى بولسا، ھازىرقى تۈركىيە ھېسابىدا نەچچە پۇللۇق تاماق بەرسە بولىدۇ؟ تاماق بەرمەي، پۇل بەرسە بولامدۇ؟ 60 ئادەمگە بېرىش كېرەكمۇ ياكى بىر ئادەمگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىنى ئوتتۇرھال ئىككى ۋاخ غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋېرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل. بۈگۈنكى باھادا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر مىسكىن ئۈچۈن 60 لىرادىن ھېسابلىسا بولىدۇ.

58 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن گوللاندىيەدە تۇرىمەن، ئىككى ئايدىن ئاشتى ئاشقازان كېسىلى بولۇپ تېخىچە ساقىيالمىدىم، مىزاجلىرىممۇ بەكلا قالايمىقانلىشىپ كېتىگلىك. شۇ سەۋەپتىن، يولدىشىم ۋە پەرزەنتىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمگىمۇ ئېغىر تەسىر يەتتى. قوشۇمچە كېسەللىكلەردىن: بالىياتقۇ ۋە ئۈچەي يوللىرىمدىمۇ كېسەللىك بار، راستتىنلا نورمال تۇرمۇشۇمغا بەك تەسىر قىلدى، داۋالىنىشقا بەكلا ئېھتىياجلىقمەن. بۇ يەردە داۋا تېپىپ بولالمىغاچقا، تۈركىيەگە بېرىپ داۋالىنىپ كېلىشنى ئويلاشقانتىم، بىراق يولدىشىم ئىشلەيدىغان بولغاچقا ۋە ئىقتىساد سەۋەپلىك مەن بىلەن بىللە بارالمايدۇ. سىڭلىم ۋە تۆت ياشلىق ئوغلى مەن بىلەن بىللە بارماقچى. تۈركىيەدە ئىشەنچلىك قېرىنداشلار بار ھالەتتە سەپەر قىلسام بولامدۇ؟ سەل جىددىيتى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تېزراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، بەك خۇرسەن بولاتتىم. (رەيھانگۈل – گوللاندىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. داۋالىنىشىڭىز زۆرۈر بولسا تۈركىيەدە ئايال تونۇشلار ياكى ئائىلىلەر ئالدىڭىزغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، داۋالىنىش جەريانىدا خەۋەر ئېلىپ يولغا سېلىپ قويسا، زۆرۈرىيەت ئۈچۈن جائىز بولىدۇ.

 59 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاياللار ئايرىم جامائەت بولۇپ پەرز ناماز ئوقۇغاندا تەكبىر چۈشۈرۈپ ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاياللار يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغىنىدا ئەزان ياكى تەكبىر توۋلىمايدۇ.

60 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ئۈچ سوئالىم بار ئىدى:

1)   ئەر كىشىنىڭ مېلىدا ئايال كىشىنىڭ ھەققى بارمۇ؟

2)   ئەر كىشىنىڭ زاكات بەرگۈدەك مال مۈلكى بولسا، ئايالىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل مېلى بولمىسا، باشقىلار بەرگەن زاكاتنى قوبۇل قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟

3)   ھازىر ۋەتەندە قالغانلار ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش دېگەندەك ئەمەل – ئىبادەتلەرنى قىلالمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ۋەتەندە قېلىپ قالغان ئاتا – ئانىمىز ھايات تۇرۇقلۇق ھالىتىدە بىز ناماز، قۇرئان ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۇلارغا ئاتاپ قىلساق دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) يوق. 2) باي ئېرى نائەھلىلىك قىلىپ ئايالىنى باقمىسا، ئايال نەپىقە دەۋاسى قىلىدۇ. دەۋادىنمۇ ھەققىنى ئالالمىسا، ئەرنى سوت ياكى جامائەتچىلىك ئادەم قىلالمىسا، ئۇ چاغدا ئايال ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك مىقداردا زاكات ئالسا بولىدۇ. 3) ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ، ياكى سەدىقە قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلگەنلەرگە ياكى تىرىكلەرگە ئاتىسا جائىز. ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە نەزەرىدە ئۇنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقاردىن بىرىنى ئۆزى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى ئۈممىتىدىن قۇربانلىق قىلالمىغانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان». (كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 5 – توم، 335 – بەت)

61 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز!

1)    بىر ئايال دوختۇر ياكى سېستىرا ئۆزىنىڭ كەسپىي خىزمەت مەسئۇلىيىتى سەۋەپلىك ئەر بىمارلارنى داۋالاشقا داۋام قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ «ھەرقانداق بىمارنى داۋالاش مەسئۇلىيىتىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر بىمارلارنى پەلەي كىيىپ تۇتقاچقا، ھېچقىسى يوق» دېيىش كۇپايە قىلامدۇ؟ بۇ جەريانىدا ئايال دوختۇر ئېغىر گۇناھكار ھېسابلىنامدۇ؟

2)   ئايال دوختۇر دوختۇرخانا نىزامى بويىچە يوپكا كىيىشتىن چەكلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا پۇشقىقى كەڭرى ئىشتان ۋە تىزىغىچە كېلىدىغان كۆڭلەك كىيىپ خىزمەت قىلسا بولامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنىڭغا قارىتا قانداق پىكىر بېرىسىز ئۇستاز؟

3)   يۈزىنى ئەتكەن ئايال قولىنىمۇ (پەلەي كىيىپ) ئېتىشى شەرتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) زۆرۈرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىمىغان ۋە بىمار بىلەن خالىي قالمىغان ئاساستا داۋاملاشسا بولىدۇ. تاللاش ئىمكانىيىتى بولغاندا ئۆز جىنسىدىكى بىمارنى تاللىسا ياخشى. لېكىن، گۇناھ ئەمەس. 2) كىيىنىش مەسىلىسىدە چەكلىمە قويۇلغان دوختۇرخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلار باشقا ئىش ئورنى تېپىلغۇچە، سىز دېگەندەك ئازادىرەك كىيىنىپ ئىشلەپ تۇرسا بولىدۇ. 3) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس. يۈزنى ئەۋرەت دەپ قارىغانلار قولنىمۇ ئەۋرەت دەيدۇ. شۇڭا، ئۇ قاراشنى تۇتقانلار قولنىمۇ (پەلەي كىيىپ) يۆگىشى كېرەك.

62 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەدىقە بېرىشكە ئالاقىدار بىرنەچچە ھەدىس دەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى كۆپتۇر:

شۇ قاتارىدىن: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:

« – قايسىڭلارغا مىراسخورىنىڭ مېلى ئۆز مېلىدىن سۆيۈملۈك؟

ئۇلار:

– ئى رەسۇلۇللاھ! ھەرقاندىقىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ مېلى سۆيۈملۈك، – دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

– ئۇنداقتا ھەقىقەت شۇكى، ئۆزىنىڭ مېلى ھاياتىدا خەيرلىككە سەرپ قىلىپ ئالدىن ماڭدۇرغىنىدۇر، مىراسخورىنىڭ مېلى بولسا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكىنىدۇر، – دېدى»(«بۇخارىي»، 6442).

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا (ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە پەقەت ھالاللا ئۆرلەيدۇ) ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى بىراۋ ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ»(«بۇخارىي»، 1410؛ «مۇسلىم»، 1014).

يەنە بىر ھەدىستە: «ھەقىقەتەن سەدىقە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى ئۆچۈرىدۇ، يامان ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ» دېيىلگەن(«تىرمىزىي»، 664).

63 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەراۋىھ نامىزى ياكى باشقا نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسام بولامدۇ؟ ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىنى دەپ بەرسىلە بوپتىكەن، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ. مۇنۇ پەتۋادا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن: https://sajiya.biz/?p=5619

64 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! يېقىن دوستۇمنىڭ 50 مىڭ لىرا پۇلى بار ئىدى، بىز ئۇنى ئىككى يىل ئالدىدا «كۇۋەيت تۈرك قاتىلىم بانكىسى»غا دەسمىي سالغانتۇق، بانكا كۈمۈشتىن پايدا ئايرىپ بېرىمىز، جازانە يوق دېگەن ئىدى، ھەر ئايدا 500 نەچچە لىرا، بەزى 480 لىرا، بەزى 630 نەچچە لىرا دېگەندەك پەرقلىق ھالدا شۇ 50 مىڭ لىرا ئۈچۈن پۇل كېلىدۇ، پۇل ھەرقاچان بانكىدا تۇرىدۇ، قاچان ئالساق ئالالايمىزكەن. ئۇلار بىزگە پايدا – زىياننى ئايرىپ بولۇپ، پايدىسنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئايرىپ بېرىدىكەن، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ ئەگەر خاتا بولسا دەرھال ۋاز كېچىمىز. ۋە يەنە بىر سوئال: بۇ 50 مىڭ لىراغا بۇنىڭدىن باشقا پۇلى يوق ئەھۋال ئاستىدا زاكات ئايرىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئېنىق جازانە. 50 مىڭ تېلىدىن باشقا ئىقتىسادى بولمىسا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

65 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر مەسىلە توغرىسىدا قايمۇقۇپ قالدىم، مۇشۇ تىرناق مەسىلىسىدە، ئىككى يىل بۇرۇن بىر مەسجىدكە كىرگىنىمدە، تاھارەت ئېلىۋاتقان بىر قىزنىڭ تىرناقلىرىغا كۆزۈم چۈشكەن ئىدى، تىرنىقىنى شۇنداق چىرايلىق قىلىپ ياسىۋاپتۇ، ناھايىتى ئۇزۇن تىرناق ھەم تىرناقنىڭ ئۈستىدە لاك بار، نامىزىنى ئوقۇپ چىقىپ كەتتى. بۈگۈن تەراۋىھقا بارسام، قېشىمدىكى ئايالنىڭ تىرنىقىدا لاك يوق، ئەمما ئۇزۇنكەن، سوئالىم: تىرناق بىلەن نامازنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇرۇنلاردا ئاپام «تىرناق بەك ئۆسۈپ كەتسە، ناماز ئوقۇسىڭىز بولمايدۇ» دەيدىغان، ئۇ گەپلەر خۇراپىيلىقمۇ؟ مەن پەقەت چۈشەنمىدىم، بىر جاۋابقا ئېرىشسەم دەيمەن، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىرناقلارنى ۋە بەدەن تازىلىقىنى ھەپتىدە، بولمىغاندا ئىككى ھەپتىدە بىر قىلىش لازىم. تىرناق ئۇزىراپ كەتسە سۈننەتنى تەرك ئېتىش بىلەن پاكىزلىققا دىققەت قىلىنماسلىق جەھەتتىن يامان كۆرۈلىدۇ. ئەمما، نامازغا تەسىرى يوق. پەقەتلا تىرناققا سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان سىر خېنە ئىشلەتكەن ئەھۋالدا تاھارەت ھېساب بولمىغاچقا، ناماز ھېساب بولمايدۇ.

66 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. بىر سوئالىم بار ئىدى، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا: مەلۇم بىر زىكىرنى كۈندە بەش يۈز ياكى مىڭ قېتىم دېگەندەك، توشقۇزۇپ ساناپ، ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ يەنە بىرسى، بىر سۈرىنى تولۇق ئوقۇماي، ئىچىدىكى بىر ئايەتىنى _ مەسىلەن (ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين) گە ئوخشاش _ زىكىر ئورنىدا كۈنبويى تەكرارلاپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ مۇشۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن…

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دىندا مۇشۇنداق كۆرسىتىلگەن دەپ باشقىلارغا خاتا تەشۋىق قىلماي، شەخس ئۆزىگە شۇنداق مەلۇم ساندا ۋەزىپە قىلىۋالسا مەيلى. مۇشۇ تەرىقىدە مەلۇم بىر ئايەتنى كۈنبويى تەكرارلاپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

67 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! كومپيۇتېردا ئىش قىلىۋاتقاندا، بىر تەرەپتىن قۇرئان قويۇپ ئاڭلىغاچ ئىشىمىزنى قىلساق، ئىشقا بېرىلىپ كېتىپ قۇرئاننى دىققەت بىلەن ئاڭلىيالماي قالساق، گۇناھ بولامدۇ؟ ياكى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ۋە ناخشا – مۇزىكا ئاڭلىغاندىن قۇرئاننى ئاڭلىغاچ خىزمىتىمىزنى قىلىۋەرسەكمۇ بولامدۇ؟ (تۈركىيە – مۇستاپا)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇلاق سالغاچ ئۆز ئىشىنى قىلالىسا مەيلى. ئىش ياكى زۆرۈر بولمىغان پاراڭ ۋە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئوقۇلۇۋاتقان قىرائەتنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماسلىق مەكروھتۇر. مۇنۇ پەتۋادا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن: https://sajiya.biz/?p=328

68 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەخسۇس «نەفلە ئىبادەت، قۇرئان ئوقۇش توپى»دا ئوقۇغان تەھەججۇد، چاشگاھ نامىزى، ئەتىگەن – كەچلىك زىكىر ۋە قۇرئان ئوقۇۋاتقانلار ئۆزىنىڭ ئوقۇغان – قىلغان ئەمەلىنى توپنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بېكىتكەن بولسا، بۇنى توپقا يېزىش توپتىكلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياكى ئىزچىللىقىنى ساقلاش نىيىتى بىلەن بولسا، بۇ رىيا قىلغانغا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رىيا بولۇش – بولماسلىقى قەلبتىكى نىيەتكە باغلىق. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئادەتتە رىيادىن خالىي بولمايدۇ. توپلاردىكى پائالىيەتلەر ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىش بولۇپ، كىشى ئۆزىدە باشقىلارغا قىلغىنىنى كۆز – كۆز قىلىش تۇيغۇسىنى سەزگەندە، دەرھال رىيادىن ساقلىنىش لازىم.

69 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر تۈركىيەدە سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلىدىكەن، شۇ ئەزاندىن كېيىن (تەخمىنەن بەش – ئون مىنۇت كېيىن) بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا بولامدۇ؟ يەنى ئۇ ۋاقىتتا تېخى مەسجىد – جامىلەردە ناماز ئوقۇشقا يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان بولسا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزاندىن كېيىن 25 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بامداتنى ئوقۇش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. چۈنكى، ئەزاننى ئېھتىيات جەھەتتىن سەل بۇرۇن توۋلايدۇ. سوھورلۇقنى بۇرۇنراق توختىتىش مەيلى بولسىمۇ، ئەزان ئوقۇلۇشى بىلەن دەرھال نامازنى ئوقۇش بامداتنى ۋاقتى كىرمەستە ئوقۇش ئېھتىمالىنى تۇغدۇرىدۇ.

70 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سىلىگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ھازىر رامازاندا سىرتقا چىققىنىمىزدا، بالىلىرىنىڭ ھەرخىل كېسەللىرى ئۈچۈن ۋەياكى باشقا خىل شەكىلدە سەدىقە تىلەيدىغان ئىشلار بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ قاپتۇ. ھەتتا بىلمەي شۇنداق كىشلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالساق، بىزنى چاقىرىپ تۇرۇپ تىلەيدىغان ئىشلار بولىدىكەن. بىز ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ قىيىنچىلىقىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلايلى دېسەك، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز يار بەرمەيدىكەن. ئازراق بولسىمۇ بىرنەرسە بېرەيلى دېسەك، يالغاندىن موھتاج سىياقىغا كىرىۋالغان بىرى بولسا، يامانلىققا ياردەمچى بولۇپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيدىكەنمىز، ھېچنەرسە بەرمەيلى دېسەك، ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، ياردەمسىز قويۇشىمىزدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز قانداق قىلساق توغرا قىلغان بولىمىز؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلىرى. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەھۋالغا قاراپ ھەقىقىي موھتاجلىقىنى پەملىگەن كىشىگە سەدىقە بېرىش، موھتاج ئەمەستەك كۆرۈنگىنىگە بەرمەسلىك ئەڭ مۇناسىپ بولسا كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا بەرمىسە گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر پەمى بويىچە «ھەقىقىي موھتاج» دەپ قارىغان سائىلغا سەدىقە بەرگەن بولسا، ھەقىقەتتە ئۇ موھتاج ئەمەس بولسا، يەنىلا سەدىقىسىگە ساۋاب ئالىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6678

71 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىرقانچە مۇھىم سوئالىم بار ئىدى:

 1) خىتتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىغا نامايىشقا چىقىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ نامايىشقا چىققانلىقىغا دەلىل بارمۇ؟

2) دىنىمىزدا شەھىدلەرنى خاتىرىلەشنىڭ توغرا ئۇسۇلى قانداق؟

3) ئاياللار ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىغا قىستىلىپ چىقسا، نامايىشلاردا ئەرلەر بىلەن قىستىشىپ ۋەتىنى ئۈچۈن تەڭ ۋارقىرىسا ياخشىمۇ ياكى ئۆيىدە دۇئا قىلىپ ئولتۇرسا ياخشىمۇ؟

4) ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن نامايىشتىنمۇ ئەۋزەل كۈرەش بارمۇ؟ ئەرلىرىمىز نامايىشنى نەدە قىلىشى كېرەك؟

5) ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي جىھاد نەدە؟ خىتتاي كونسۇلى ئالدىدىمۇ، سۈرىيەدىمۇ، ۋەتەندىمۇ، خىتتاي پايتەختىدىمۇ؟ (ئورنۇم تۈركىيە ئىسمىم ئۇيغۇرىييە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) كونسۇلخانا ۋە ياكى باشقا جايدا نامايىش قىلىش نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا باغلىق ئىش. نامايىش قىلىشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، نامايىشلار مەلۇم توپنىڭ كۆزقارىشىنى ئىپادىلەش، بار ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە زالىملارغا بېسىم قىلىش چارە – ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، جائىز ئىش. بۇنى ئىسلامنىڭ ئومۇم قائىدە – پىرىنسىپلىرى رەت قىلمايدۇ. ئالاھىدە ئايرىم دەلىلگە مۇھتاج ئەمەس. ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ (3/«ئال ئىمران»: 104) دەيدۇ. نامايىشمۇ مەزكۇر ئايەتتە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە بۇيرۇلغان مۇنكەرنى قول بىلەن، تىل بىلەن ۋە قەلبى بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمەل ۋەقەسى (تۆگە ئۇرۇشى) دىمۇ ھەزرىتى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار باشچىلىقىدىكى ساھابە – كىراملەر خەلىفە ئوسماننىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ چىققان. لېكىن، كېيىن ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ سورۇنلىرىغا چىقىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغان. بۇمۇ بىر خىل يالغۇز كىشىلىك نامايىش. بۇنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىدە ئەقلى ساغلام ئىككى كىشى تالىشىپ قالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام شەرىئىتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى تۈرلۈك ئەقىدە ۋە ئېقىملارغا، تۈرلۈك ئىقلىم ۋە دۆلەتلەرگە تەۋە ھەر مىللەت ۋە ئىرق مەنسۇپلىرى يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەت نامايىش قىلىشنى پايدىلىق دەپ قارىغان ۋە تارىختىن بۇيان نامايىش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇنىڭ ھۆكمىدە مۇنازىرىلىشىش ھەيران قالارلىق ئىش، بەلكى ئەخمىقانە ئىش. 2) دىنىمىزدا شەھىدلەرنى خاتىرىلەشكە ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرمىگەن. ھازىرقى شەھىدلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بولسا ئۇلار ماڭغان يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا، ئىمان ئۈچۈن بەرگەن پىداكارلىقلىرىنى ئەسلىتىشكە ۋە ئۆگىنىشكە، پۈتۈن مىللەتنى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تىك تۇرۇشتا كەسكىن مەۋقەدە تۇرۇشقا ئۈندەشكە، ئەۋلادلاردىكى ۋەتەن ۋە دىن ئۈچۈن پىداكارلىق روھىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق تەرىپى بولغاچقا، بۇنىڭ دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. 3) قىستىلىش توغرا ئەمەس. ھەم «نامايىشقا چىققانلار چوقۇم قىستىلىدۇ» دەيدىغان گەپمۇ يوق. قىستالماي چىقىپ، قىستالماي تۇرۇپ ۋارقىرىسىمۇ، ئۆيىدە دۇئا قىلسىمۇ ھەر ئىككىسى ياخشى. ھەر ئايال ئۆز شارائىتىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ. 4) كۆرەشنى مەلۇم بىر تۈرگىلا ياكى شەكىلگىلا باغلىۋېلىش خاتا. ھەممە يەردە، ھەممە ئۇسۇلدا كۆرەش قىلىش كېرەك. 5) ئۇيغۇرلارغا ۋەتىنىنى ئازاد قىلالايدىغانلا بولسا، ھەرقانداق يەردە بولىدۇ.

72 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، نەچچە كۈندىن بېرى توپ توپلارغا سىلىنىڭ كىيانى توغرىسىدىكى پەتىۋالىرى يوللىنىۋاتىدۇ… مەسىلەن، ھەربالايف Herbalife ماركىسىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ھەم شىركەتكە ۋاكالەتچى بولۇش ئارقىلىق سېتىلىدۇ. ۋاكالەتچىدىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا، ئۆزى بىۋاسىتە ئەزا بولۇپ مال سېتىۋالسا، سېتىۋالغان مالنىڭ مىقدارىغا قاراپ، مالنىڭ كېلىش باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. ھەربىر تۈر مەھسۇلاتنىڭ بەلگىلەنگەن نومۇرى بولىدۇ. زامان چەكلىمىسى يوق. نومۇرلار توپلىنىپ مەلۇم ئۆلچەمگە يەتكەندە، مالنىڭ كېلىش باھاسى مۇقىملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئەمدى مۇشۇ مەھسۇلاتلار ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ۋە ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلەر كۆپ، قوشنىلىرىمىز، دوستلىرىمىز دېگەندەك. مەن ئەكىلىپ سېتىشنى ئويلاشسام، شىركەتكە ئۆزۈم ئەزا بولۇپ كۆپ مىقداردا مال سېتىۋالسام، قولۇمغا نەق ئەكىلىپ تۇرۇپ پارچە ساتسام، توپ ئېلىپ پارچە سېتىشقا تەۋە بولامدۇ؟ بۇنداق بولغاندا، شىركەتتىن ماڭا تەئەللۇق بولغان سىستېما ئېچىلىدۇ، ئۆزۈم خاھلىغان چاغدا مال بۇيرۇيالايمەن. ئەمدى باشقا بىر دوستۇممۇ شىركەتكە ۋاكالەتچى بولۇشنى خاھلىسا ۋە مەن ئارقىلىق ۋاكالەتچى بولۇپ، مېنىڭ كەينىمگە تىزىلسا، ئىككىمىز بىرلىشىپ گۇرۇپ نومۇرىمىزنى كۆپەيتىپ، شىركەتتىن مالنىڭ كېلىش باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋالساق، ئىككىلىمىز مەسلىھەتلىشىپ بىر – بىرىمىزنىڭ سىستېمىمىزدىن مال سېتىۋېلىش ئارقىلىق نومۇرىمىزنى تەڭ كۆپەيتسەك، بۇ خىل ھالەتتە قىلغىنىمىز يەنە ھارام بولامدۇ؟ شىركەتنىڭ ئايرىم دۇكىنى يوق، پەقەت شىركەت ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ. تىرەنديول قاتارلىق تور سېتىش سۇپىلىرىغا قويۇپ ساتقانلارمۇ بار. ئۇلارمۇ شىركەتكە سېتىش ۋاكالەتچىسى بولغانلار، ئەمما مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس… ئەگەر مەن مۇشۇ ماركىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىم تېپىشنى مەقسەت قىلسام، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ شىركەتنىڭ ھەر بىر تۈر مەھسۇلاتىنىڭ ھالاللىق بەلگىسىكەن، ھەربىر دۆلەتنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تەم ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىشلەپ چىقىرىلغانىكەن، تۈركىيەنىڭ tarım gıda قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئاساستا ئىشلەپ چىقارغانكەن… (سۇمەييە ئەركىن – تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەزا بولماي سېتىۋېلىپ (ئەگەر ئۇلار شۇنداق سېتىپ بەرسە) ئىشلەتسىڭىز ۋە ئەزا قىلماي ساتسىڭىز توغرا بولىدۇ. چۈنكى، مەھسۇلاتلارنى تەركىبى ھەققىدە ھالاللىق گۇۋاھنامە بار بولسا، بۇ مەھسۇلات تەركىبىنىڭ ھالاللىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، سودا ئۇسۇلىدا ئەزالىققا كىرىش قاتارلىقلار سودىدىكى ناتوغرا توختاملارغا كىرىش دېگەن گەپ. ئاندىن بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولماستىن بىرسى ئۈنۈمىنى كۆردۈم دېيىشىگە تايىنىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلە. شۇڭا، خاھلىغىنىمىزچە مەھسۇلات ئىستېمال قىلماي، كېسىلىمىز بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش لازىم. مەھسۇلاتلارنىڭ بىرقانچە كىشىگە ئۈنۈمى ياخشى بولغىنى بىلەن ئۇنى ھەركىم ھەر ئەھۋالدا خاھلىغانچە ئېستېمال قىلىشى سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ھەم بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۈنۈمىگە قارىغاندا ئىنتايىن يۇقىرى. ئەمما بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردا ئوخشىشى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە قىممەتلىكىنى پەرق ئېتىش قىيىن بولىدۇ.

73 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز ئەتىگەندە ئىشراق نامىزى ۋاقتىدا ئەرلەر جامائەت بولۇپ جەھرەن (ئۈنلۈك) نەفلە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. چاشگاھ نامىزى يەنە «سالاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاشگاھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ. جامائەت بولۇپ ئوقۇسا جەھرەن (ئۈنلۈك) ئوقۇماي ئىچىدە ئوقۇيدۇ.

74 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، تاماكا چىكىدىغان ئادەم نامازدا ئىمام بولسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تاماكا چېكىش ھارامدۇر. ھازىرقى زاماندا تاماكىنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا باشقىچە قاراش يوق. بۇنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىش ئېنىقلا پاسىقلىقتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ كەينىدە ئوقۇلغان ناماز ھەم چېكىدىغان كىشىنىڭ نامىزىمۇ توغرا. لېكىن، ئىمام جامائەتكە ئۈلگە بولىدىغان كىشى بولغاچقا، ھەم ھەدىسلەردە ئەڭ ئالىم، ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىنى ئىمام قىلىش كۆرسەتمىسى بولغاچقا، چەكمەيدىغان بىرىنىڭ ئىمام بولغىنى تۈزۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېسىق پۇراقلىق ھالەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەسجىدكە يېقىن كەلمەسلىكى ھەققىدىمۇ ھەدىس بار.

75 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! ھارمىغايسىز. مائىدە سۈرىسىنىڭ 114 – ئايەتىدىكى «بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن» دېگەن كۈن قايسى كۈنى؟ ئۇ كۈن بىزنىڭمۇ بايرىمىمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ھېيت قىلىنغان كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. خرىستىيانلارمۇ بۇنى ئېنىق بىلمەيدۇ. ھەتتا خرىستىيانلار بۇ ۋەقەلىكنى ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن تاپالمايدۇ. لېكىن، خرىستىيانلار «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەۋارىيلىرى بىلەن ‹فىسەھ ھېيتى› ھارپىسى كەچتە دەستۇرخاندا بىللە تاماق يېگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالام شۇ كۈننىڭ ئەتىسى كىرېستقا ئېسىلغان» دەپ قارايدۇ. بەلكىم شۇ كۈن «فىسەھ ھېيتى» كۈنى بولسا كېرەك. لېكىن، خرىستىيانلار بۇ كۈندىن كېيىنكى 3 – كۈننى ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتا تىرىلىپ قوپقان كۈن دەپ «قىيامەت ھېيتى» قىلغان. بۇ ھېيتلار خرىستىيانلاردا ھەر يىلى مۇقىم بىر كۈندە كەلمەيدۇ. ئادەتتە غەرب چېركاۋلىرى 22 – مارتتىن 25 – ئاپرىلغىچە بىر كۈننى بېكىتسە، شەرق چېركاۋلىرى 4 – ئاپرىلدىن 8 – مايغىچە بىر كۈننى بېكىتىدۇ. ھېيتتىن بۇرۇن 50 كۈن روزا تۇتىدۇ. يەھۇدىيلارمۇ 15 – ئاپرىلدىن تارتىپ 7 كۈن «مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىققان كۈن» دەپ ھېيت قىلىدۇ. بۇ ھېيتلار بىر تەرەپتىن نورۇزغىمۇ چېتىلىدۇ. ۋەلھاسىل ئۇ كۈن بىزلەرگە ھېيت ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە خاس ئىدى.

76 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ نورۋېگىيەدە كۈن چىقىش 03:30 ئەتراپىدا ئوخشايدۇ. ھېيت نامىزىنى كۈن چىقىپ بىرەر سائەتتە ئوقۇيمىز دېسەك، 04:30 ئەتراپىغا توغرا كېلىدىكەن ۋە بۇ ۋاقىتتا كېلەلەيدىغانلار بەكلا ئازكەن. شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ جامائەت يىغىلىشىنى كۆزلەپ، نورۋېگىيە ۋاقتى 08:00 – 08:30 لاردا ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتۇر. شۇڭا، كۈن تىكلىشىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋالسا بولىدۇ. كۈن تىكلەشكەندىن كېيىن ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ.

77 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! خىتتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىش جەريانىدا تۇتالماي قالغان ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئۈچ ئايلىق روزام بار. بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇنىڭ قازاسىنى رامازاندىن كېيىنكى ئايلاردا تۇتۇش كېرەك. تەن سالامەتلىك يار بەرمىگەنلىكتىن روزا تۇتالمىسا، فىديە بەرسە بولىدۇ.

78 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! 1) كۇۋەيت تۈرككە ئوخشاش قاتىلىم بانكىلىرى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالسا دۇرۇسمۇ؟ ئەمىن ئېۋىمگە ئوخشاش قۇرۇملاردىنچۇ؟ 2) تۈركىيەدەك پۇلنىڭ قىممىتى تۇراقسىز يەرلەردە ئۆسۈم ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالسىچۇ؟ 2021 – يىلى بىر ئۆينى نەخ 1,200,000 ياكى 15 يىللىق ئۆسۈم بىلەن 1,800,000 لىرا دېگەنتى، شۇ ۋاقىتتىكى 1,800,000 لىرا 300,000 دوللار ئەتراپىدا بولاتتى، ھازىر ئۇ 1,800,000 لىرا 135,000 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) بانكىلار ئارقىلىق ئۆي سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. باشقا قۇرۇملار ھەققىدە تۈرك ئۆلىمالارنىڭ پەتۋالىرىنى كۆرۈپ پايدىلانغايسىز. 2) مەيلى تۈركىيەدە، مەيلى باشقا يەردە بولسۇن ئۆسۈم بىلەن ئۆي سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

79 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇساپىر بولۇپ يات ئەللەردە ياشاۋاتقانلار، بىرمۇ مۇقىم ئۆيى بولمىغانلار بانكا قەرزىگە ئۆي سېتىۋالسا بولامدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بولمايدۇ.

80 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم! سىلەردىن يەنە بىر سوئال سورىماقچىدىم. 1) قەرزدار ئادەمدىن زاكات ئايرىلامدۇ؟ 2) يەنە بىر قوشۇمچە سوئال، مەسىلەن مەن بىرسىگە 1000 ياۋرو قەرز. مەن ئۇ پۇلنى تەييارلاپ قويدۇم، ئەمما قەرز ئىگىسىنىڭ قولىغا يەتكۈچە ئۇ پۇلنىڭ زاكىتى ئايرىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) قەرزدار ئادەمنىڭ قەرزىدىن باشقا ئىقتىسادى نىساب ئۆلچىمى (85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتى) گە يەتسە زاكات ئايرىيدۇ. يەتمىسە ئايرىمايدۇ. گەدىنىدىكى قەرزگە ئايرىمايدۇ. 2) قەرز پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى ئايرىيدۇ.

81 – سوئال: ئۆزى ياۋروپادا، لېكىن پۇلى تۈركىيەدە بولسا (پۇل تېلى ئەمەس) زاكاتنى تۈركىيە پۇلىسى بويىچە ئايرىمدۇ؟ ياكى ياۋروپا پۇلى بويىچىمۇ؟ ياۋروپا پۇلى بويىچە بولسا، قانچە ياۋروغا ياكى دوللارغا زاكات كېلىدۇ؟ قانچىلىك كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكاتنى شۇ پۇلنىڭ تۈرىدىن ئايرىسىمۇ، باشقا پۇلغا ئالماشتۇرۇپ قىممىتىنى ئايرىسىمۇ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئالتۇن گرامىنىڭ باھاسى 60 دوللار ئەتراپىدا دېسەك، بۇنى 85 كە كۆپەيتسەك، زاكات كېلىدىغان بايلىقنىڭ پۇل ئۆلچىمى جەمئىي 5100 دوللار بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتىۋاغا قارالسۇن: https://sajiya.biz/?p=2807

82 – سوئال: 1) كېسەللىك سەۋەپتىن ياكى رامازاندا تۇغۇتلۇق بولۇپ قېلىپ تۇتالمىغان روزىلىرىنى روزا تۇتقۇچىنڭ تېنى ئاجىز، ئاشقازان كېسىلى بولسا، فىديە بەرسە بولامدۇ؟ 2) بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن پۇل بېرىشكە توغرا كەلسە، نەچچە پۇلدىن توغرا كېلىدۇ؟ 3) روزىنىڭ فىديەسىنى قەرزدار ئادەمگە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) فىديە بەرسە بولىدۇ. 2) بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن فىديە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 60 تېلى. 3) بولىدۇ.

83 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىز ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن تاغامغا بېرىدىغان ئازراق قەرزىمىز بار ئىدى، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پۇلىمىز بار تۇرۇپ بېرەلمەي ھىجرەت قىلىپ چىققانىدۇق، ھازىر بېرىۋېتىش تېخى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ياكى شۇ سوممىدىكى خىتتاي پۇلىنى لىراغا سۇندۇرۇپ، تاغامنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىۋەتسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھازىر خىتتاي پۇلىنى لىراغا سۇندۇرۇپ تاغىڭىزغا ئاتاپ سەدىقە قىلىۋەتسىڭىزمۇ ياكى كېيىن كۆرۈشكۈچە ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر قەرزنى تاغىڭىزنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىر كۈنلەر كېلىپ تاغىڭىز بىلەن كۆرۈشەلىگەن تەقدىردە، تاغىڭىز بۇنىڭغا رازى بولسا بۇ ئىش تامام. ئەگەر تاغىڭىز «قەرزىمنى بېرىسىز، مەن ئۇنى سەدىقە قىلمايتتىم» دەپ تۇرۇۋالسا، تاغىڭىزنىڭ پۇلىنى قايتۇرىسىز، قىلىنغان سەدىقە ئۆزىڭىزگە ھېساب بولىدۇ.

84 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! زاكاتنى چوقۇم رامازاندا بېرىشىمىز كېرەكمۇ ياكى بىرقىسمىنى رامازاندىن بۇرۇن بەرسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زاكاتنى رامازاندىن ئىلگىرىكى ئايدا ياكى رامازاندا بېرىمىز. زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بولغىنىدا، ھەممىنى ياكى بىرقىسمىنى رامازاندىن بۇرۇن بېرىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.

85 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تەجۋىد قائىدىلىرىنى توردا ئۆگەتكەنگە ھەق ئالسا بولامدۇ؟ توردا بولغاچقا ئەر – ئايال ئايرىماستىن بىر توپتا ئۆگەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئان ۋە تەجۋىدنى ئۆگەتكۈچى پۈتۈن ۋاقتىنى ئۆگىتىشكە چىقارغان ۋە شۇنداقلا تۇرمۇشىنى قامداش ئېھتىياجى بولسا، ھەق ئالسا جائىز. ئېھتىياجى بولمىسا، ئالسا بولمايدۇ. ئەر ۋە ئايال ئارىلاش ئوقۇش جائىز. ئاياللار ئايرىم توپ بولغىنى ئەۋزەل.

86 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ھازىر ئۆيلەرنىڭ كىراسى (ئىجارە ھەققى) بانكىدىن قەرەللىك ئۆي ئالغاندىنمۇ قىممەت بولۇپ كەتتى، شۇڭا توكى TOKi دېگەندەك ئۆسۈمسىز ئۆي ساتىدىغانلاردىن ئۇزۇن مۇددەت بۆلۈپ تاپشۇرۇشقا ئۆي ئالساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. توكى توختامىنىڭ نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. توكى ئۆسۈمسىز، پۇل پاخاللىقى يۈزبەرسىمۇ مۇقىم باھادا ساتىدۇ دەپ بىلىمەن. لېكىن، جەريانى ماڭا نامەلۇم. بۇ ھەقتە تۈرك خوجالارنىڭ پەتۋالىرىنى كۆرۈپ پايدىلانغايسىز.

87 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! يېڭى توي قىلغانلار بەزى ئىشلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەر – ئايال بىرلىكتە كىچىكلەر كۆرسە بولمايدىغان فىلىملەرنى مەخپىي كۆرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ.

88 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئايال كىشى ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئېرىنى كاپىر دەپ تىللىسا ۋە بالىلىرى خاپا قىلغاندا ئۇلارنى كاپىر دەپ تىللىسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەرنىڭ ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بالىلىرىنى يېتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئستىغفار ئېيتىۋېتىپ، سەبىر قىلىپ ئۆي تۇتۇشى توغرىمۇ؟ جاۋابلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولمايدۇ. مەيلى ئېرى، گەرچە ئايال بۇ سۆزنى ھەقىقىي كاپىر دېيىشنى مەقسەد قىلىپ دېمىسىمۇ، قانداق بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كاپىر دېيىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن. چۈنكى، ھەدىس شەرىفلەردە كەلگىنىدەك، قېرىندىشى كاپىر بولمىغان تەقدىردە كاپىر دېيىشنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قايتىدۇ. شۇڭا، ئېرىنى ياكى بالىلىرىنى، ياكى قايسىبىر مۇسۇلماننى كاپىر دەپ تىللىغان كىشى دەرھال تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئەرمۇ سەبىر قىلىپ ئۆي تۇتۇشى كېرەك.

89 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈرك قوشنامنىڭ يولدىشى ئەلەۋىي ئىكەن، ئۇ كىشى مەلۇم دۆنەرخانىدا ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئاشخانىدا قوي، كالا گۆشلىرى بىلەن قوشۇپ توڭگۇز گۆشلىرىنى ئىشلىتىۋېرىدىكەن، مەن بۇنى بىلگەندىن كېيىن «ئۇلار ئېلىپ كىرگەن تاماقلارنى يېسەم قانداق بولار، يا تۆكۈۋەتسەم بولۇرمۇ؟» دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم. يەنە ئافغان قوشنىمىزغا بېرەي دېسەم، ئۆزۈم يېگۈم كەلمىگەن تاماقنى ئۇلارغا يېگۈزۈشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، مۇشۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ مەنغۇ ماركىتتىن بىرنەرسە سېتىۋالساممۇ، ھايۋانات يېغى بارلىرىنى قورقۇپ ئالمايمەن، ئۆسۈملۈك يېغى بارنى تاللاپ ئالىمەن. بۇ قېتىم «ئېرىم پولو ئەپكەپتۇ» دەپ ئەكىرىپتىكەن، تاماقنى ئالماي دېسەم، قوشنام بولغاندىكىن بەك زورلاپ تۇرۇۋالدى، بولمىسا ئۆزۈمنىڭ تاماقلىرى ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ، بىر مەسلىھەت بەرسىلە، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن. يەنە بىرسى بۇ يەردىكى ناماز ئوقۇمايدىغان بەزى تۈركلەرمۇ ئاشۇنداق قىلىدىكەن، ناماز ئوقۇيدىغانلىرى ئۇنداق ئەمەس، پاكىز. (گوللاندىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نۇسەيرىيلەر دەپ ئاتالغان ئەلەۋىيلەر بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئالىملار بۇنىڭدا بىردەك قاراشتا. ئىمام غەززالىي، ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە ئىمام ئىبنى ئابىدىنلار بۇنى ئېنىق بايان قىلغاندۇر. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۈرۈچ ۋە شۇنىڭدەك ھالال يېمەكلىرى بىزگىمۇ ھالال. شۇڭا، ئۇلارغا ئېنىق قىلىپ «بىز يېيەلمەيمىز» دەپ ئەسكەرتىپ، ئادەتتىكى ھالال يېمەكلىكلەرنى ئەكىرسە قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ.

90 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ رامازان ئېيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! مەن 40 يېشىمدىن باشلاپ نامىزىمنى باشلىغان بولسام، شۇ چاغقىچە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قازا بولغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئوقۇمدىمەن ياكى بىزگە ناماز پەرز بولغان چاغدىكى ياشتىن بېرى ئوقۇيالمىغان نامازلارنىڭ پەرزىنى ئوقۇمدىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بىرگە بولسۇن! ناماز پەرز بولغان چاغدىكى ياشتىن بېرى ئوقۇيالمىغان نامازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەرزىنى ئوقۇيسىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىڭىز چىققاندا، 5 ياكى 10 نامازنى بىراقلا ئوقۇۋالسىڭىزمۇ ياكى ھەربىر پەرز نامازدىن كېيىن قازا پەرزدىن بىرنى تەكبىر چۈشۈرۈپ ئوقۇپ ئادەتلىنىپ تاكى «ھەممىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم» دەپ خاتىرجەم بولغاندا توختاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

91 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۈزۈك سالغۇزغاندىن كېيىن، ئادەت قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى بار بولغان بىر ئايال رامازاندىن 4 – 5 كۈن بۇرۇن ساقىيىپ، 10 كۈن بولماي تەكرار ئادەت كۆرۈپ قالسا، روزىسىنى تۇتۇش كېرەكمۇ – يوق؟ ئاللاھ رازى بولسۇن. ‌(تۈركىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئادەتلەنگەن ھەيز كۈنلىرىدە تولۇق ئادەت كۆرۈپ ساقايغاندىن كېيىن 10 كۈن ئۆتكەندە كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، ئىستىھازە (كېسەللىكتىن ياكى بالىياتقۇ ئاستىدىكى مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان كېلىشى) قېنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئادەت كۆرگەن كۈنلەر بىلەن 10 كۈننى قوشساق، دەسلەپ ھەيز كۆرگەن كۈن بىلەن ئاخىرقى قېتىم قان كەلگەن كۈنلەرنىڭ سانى جەمئىي ئون بەش كۈندىن ئاشىدۇ، ھەيز ئۇنداق ئۇزۇن بولمايدۇ ھەم ئىككى ھەيز ئارىلىقى ئۇنداق قىسقا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئارتۇق كەلگەن قان ھەيز قېنى ئەمەس، ئىستىھازە قېنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا بىر قېتىم يۇيۇنۇپ، ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىسىز ۋە روزا تۇتىسىز. ئەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقىمۇ رۇخسەت.

92 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «خۇپتەن نامىزى كېچە سائەت 12:00 دىن كېيىن ئوقۇلسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ» دەيدىكەن. توغرىسى سائەت قانچىگە قەدەر ئوقۇپ بولۇش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى تاڭ ئاتاي دەپ قالغان ۋاقىتتۇر. خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەنگە قەدەر سۈرۈش مۇستەھەبتۇر. ئىمام تاھاۋىي مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇپتەننى بەزىدە كېچىنىڭ يېرىمى قالغاندا، بەزىدە ئۈچتىن بىرى قالغاندا، بەزىدە كۆپ قىسمى ئۆتكەندە ئوقۇغانلىقى ھەققىدىكى سەھىھ رىۋايەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن مەلۇم بولىدۇكى، پۈتۈن كېچە تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر خۇپتەننىڭ ۋاقتىدۇر». قاراڭ: «شەرھى مەئانىل ئەسار»، 1- توم 159 – بەت.

93 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ھۆرمەتلىك ئۇستاز! نامازدا رۇكۇدىن كېيىن، سەجدىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئىشتاننى قولىمىز بىلەن تارتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەندىن باشلاپ بىرقىسىم كىشلەردە باركەن بۇ ئادەت. مەن خېلى تىرىشىپ باقتىم بۇ ئادەتنى تاشلاشقا. ئازراق تارتىپ قويمىسا، سەجدە قىلغاندا ۋە تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، بەزى رەخت ئىشتان تارتىشىپ سىقىپ قويىدىكەن ۋە ئادەمنى راھەتسىز قىلىدىكەن. ئېنىق جاۋابىنى بەرسىلە بوپتىكەن، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! نامازدا ئورۇنسىز ئىش – ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش چەكلىنىدۇ. ئەمما، ئىشتاننى تارتىپ سەجدىگە بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئارامىدا سەجدە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ھەم ئاز ئىش – ھەرىكەت بولغاچقا، نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. زۆرۈر ھەم ئاز ئىش – ھەرىكەتنىڭ نامازنى بۇزمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جامائەتكە ئۈچ پەشتاقلىق مۇنبىرىدە تۇرۇپ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا، رۇكۇ – سەجدە قىلىدىغاندا ئارقىغا داجىپ مۇنبەردىن چۈشۈپ رۇكۇ – سەجدە قىلغان، رۇكۇ – سەجدىدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىقىپ قىيامدا تۇرغان(«بۇخارى»، 917؛ «مۇسلىم»، 544). يەنە نەۋرىسى، ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان، رۇكۇ قىلىدىغاندا يەردە قويۇپ قويغان، رۇكۇدىن كېيىن يەنە كۆتۈرۈۋالغان(«بۇخارىي»، 516؛ «مۇسلىم»، 543).

94 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن «كۇۋەيت تۈرك قاتىلىم ھېسابى»غا ئىككى يىل ئالدىدا كۈمۈشكە 50 مىڭ لىرا مەبلەغ سېلىپ ھەر ئاي پۇل ئايرىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ۋە بۇنىڭ جازانە ئىكەنلىكىنى دەپ بەردىلە، ئەمدىكى سوئالىم: بىز ئىككى يىل شۇ ئايدا كەلگەن 430 _ 520 دېگەندەك پايدا پۇللىرىنى خەجلەپ كەلدۇق، ئەمدى جازانە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ بۇنىڭدىن ۋاز كەچسەكلا يېتەرلىك بولامدۇ؟ ياكى ئىككى يىل جەريانىدا ئالغان پۇلنى بىرەر يەرگە ئىئانە قىلامدۇق؟ زادى ئۇ خەجلەپ بولغان پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن. (ئۆزتۈرك، ئىستانبۇل)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جازانە يېيىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولغاچقا، بۇ قىلمىشقا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىشىڭىز ئىنتايىن زۆرۈر ۋە گۈزەل ئىش. ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن ۋە ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئۆسۈملەر باشقىلارنىڭ ھەققى بولغاچقا ۋە ئۇ پۇلنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنى بىز بىلمەيدىغان بولغاچقا، قولىڭىزدا بار ئۆسۈمنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىپ قۇتۇلۇشىڭىز كېرەك. بۇ سەدىقە ئەمەس، بەلكى ھارام مالدىن قۇتۇلۇش بولىدۇ. شۇنداقلا سىز بۇرۇن ئېلىپ خەجلىۋەتكەن ئۆسۈملەرنىمۇ قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك پۇلنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىسىز. مىقدارىنى ئېنىق ئەسلىيەلمىسىڭز كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇدەك مىقداردا تەخمىن قىلىپ ھېسابلاپ بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي قاتارلىق ئالىملىرىمىز شۇنداق كۆرسەتكەندۇر. قاراڭ: تەفسىرۇ قۇرتۇبىي، 3 – توم، 366 – بەت.

95 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! قېرىنداشلار «زاكاتنى كۈيئوغۇل، كېلىنگە بەرسە بولامدۇ – يوق؟» دېگەنلەرنى تالىشىپ قالدى، سىلى بىر جاۋاب بەرسىلە، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۇغۇش – تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى بار تۇغقاندارچىلىق مەيلى دادا تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئانا تەرەپتىن بولسۇن؛ مەيلى دادا، بوۋا… دېگەن تەرتىپ بويىچە ئۈستىگە ماڭىدىغان بولسۇن ياكى بالا، نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە… دېگەن تەرتىپ بويىچە تۆۋەنگە ماڭىدىغان بولسۇن، ھەر قاندىقىغا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، دادا تۆۋەنگە ماڭغان تەرتىپتە بالىسىغا ياكى نەۋرىسىگە، ياكى ئەۋرىسىگە، ياكى چەۋرىسىگە… ۋە ياكى يۇقىرىغا ماڭغان تەرتىپتە دادىسىغا، بوۋىسىغا، بوۋىسىنىڭ دادىسىغا، بوۋىسىنىڭ بوۋىسىغا… بەرسە بولمايدۇ. يەنە ئايالىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن. شەرىئەتتە ئۆزى چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، زاكاتقا لايىق بولغان كۈيئوغۇلغا زاكات بەرسە بولىدۇ. كېلىنگە كەلسەك، كېلىننىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ نەپىقىسى ئوغلىغا ۋاجىب. ئەگەر ئوغلى پېقىر بولسا، ئاتا ئوغلىغا ۋە كېلىنىگە خىراجەت قىلىپ ئۇلارنى بېقىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇلارغا زاكىتىنى بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، كېلىن تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن ئەمەس، باشقا بىر ئىش ئۈچۈن قەرزگە كىرىپ قالغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا قەرزدارلار قاتارىدا كېلىنگە قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات بەرسە بولىدۇ.

96 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! بۇ يىللىق فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى تۈركىيە پۇلىغا كىشى بېشىغا قانچە لىرادىن توغرا كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. دىيانەت 40 تېلى دەپ بېكىتىپتۇ.

 97 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ، ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن! ئۇستاز مۇشۇ بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارغا روزىنى تولۇق تۇتقۇزۇشىمىز كېرەكمۇ؟ بەزى كۈنلىرى تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ناماز بىلەن روزا بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. لېكىن، بالىلارنى نامازغا يەتتە ياشتا بۇيرۇپ، ئون ياشتا كۆندۈرىمىز. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. روزىمۇ شۇنداق. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئادەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ، روزا تۇتقۇزىمىز ۋە تەرغىپ قىلىمىز. يەنى، بەك چىدىيالمىغان كۈنلىرى يەنە بىرئاز سەبر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەمما تولۇق تۇتالمىسا، «چوقۇم قازاسىنى قىلىسىز» دەپ تۇرۇۋالمايمىز.

98 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سوئاللىرىمىزنى سوراش ئۈچۈن مۇشۇنداق قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. پايچەك ئېلىپ – سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ كەلسە قانچىلىك مىقداردىكى پۇلغا كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر. پايچەك ئېلىپ – سېتىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ چىقىپ كېتىش ۋە تەۋبە قىلىش كېرەك! لېكىن، زاكات ئايرىشتا پايچەككە سالغان مەبلەغنىڭ ئۆزى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن تاپقان پايدىغا ئايرىمايدۇ. چۈنكى، ھارام پۇلنىڭ زاكىتى ئايرىلمايدۇ. زاكات پەقەت پاك ئىقتىسادقىلا ئايرىلىدۇ.

99 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ «سىياسەتكە ئارىلىشىش» دېگەن قانداق بولىدۇ؟ بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. دىنىمىزدا سىياسەتكە ئارىلىشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. سىياسەت ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. ئىمام غەززالىي سىياسەتنى: «خەلقنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت نىجاتلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا باشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش» دەپ تەرىپلەيدۇ. سىياسەتكە ئارىلىشىش ھەرگىزمۇ كامىراغا چىقىپ، رەسىمگە چۈشۈپ، سورۇن ئويناش بىلەن بولمايدۇ.

100 – سوئال: نەق پۇل ھالىتىدە ساقلانغان تويلۇق مېھر ھەققى ئۈچۈن شۇ ئايالغا زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قولىدىكى ئالتۇن زىبۇزىننەت ۋە باشقا ئىقتىسادقا قوشقان تەقدىردە ھەممىسى 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتى (ھازىرقى باھادا 5100 دوللار قىممىتى) دىن ئاشسا، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) يەنى 2.5% بويىچە زاكات كېلىدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ