تەراۋىھنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

تەراۋىھنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، تەراۋىھتا ئىمام بولغۇچى قىيامدا قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا بولامدۇ؟ بىر ماراكەشلىكنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا شۇنداق قىلسا بولامدىغاندۇ؟ دەپ قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن! تەراۋىھ نامىزى رامازان ئايلىرىدا كېچىدە ئوقۇلىدىغان تەھەججۇد ۋە «قىيامۇل لەيل (يەنى كېچىلىك ناماز)»نى كۆرسىتىدۇ. مۇبارەك رامازان كېچىلىرىدە تەراۋىھ ئوقۇش مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدىكى جانابى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قاتارىدىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە: «‏كىمكى ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» دېگەن(1).

«تەراۋىھ نامىزى» دېگەن «ئارىلىقتا ئارام ئېلىپ ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازلار» دېگەن مەنىدىدۇر. ساھابەلەر تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغاندا ئۇزۇنراق ئوقۇپ، ھەر تۆت رەكئەت ئوقۇپ بولغاندا بىر ئارام ئالاتتى.

تەراۋىھ نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. تەراۋىھنى رامازاندا مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ئوقۇشمۇ، ئۆيدە ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا سۈننەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەھەججۇدنى ئۆيىدىمۇ، مەسجىدتىمۇ ئوقۇغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە دەيدۇكى:  «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ) ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﯨﺪﻯ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ (ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ) ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﻰ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ: ‹ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺘﯘﻡ› ﺩﯦﺪﻯ»(2).

يەنە بىر ھەدىستە: «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﺍﯞﯨﮭﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺋﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ! (ﻧﻪﻓﻠﻪ) ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻧﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﯞﺯﯨﻠﻰ كىشىنىڭ ئۆيىدە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ نامىزىدۇر» دېگەن(3). يەنە: «پەرز نامازدىن قالسىلا كىشىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل نامىزى ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىدۇر» دېگەن(4). يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆيدە ئوقۇش رىيا (كۆز – كۆز قىلىش) دىن يىراق.

ھازىرقى مەسىلە، خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ يىل رامازاندا تەراۋىھنى جامە – مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇيالمىغانلار ئۆيدە قارىيلار بولمىغان تەقدىردە، قىيامدا ئۇزۇنراق تۇرۇپ نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇيالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ يادقا ئوقۇيالمايدىغان نامازخان «قۇرئان»نى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامىزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ، كۆتۈرۈش، قاراش، كۆزىنى ئۇياقتىن بۇياققا يۈگۈرتۈش، بەت ئۆرۈش ۋە ئېلىپ – قويۇش قاتارلىق كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نامازدا جىم تۇرۇڭلار!» دېگەن(5). يەنە: « ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ئوقۇڭلار» دېگەن(6) ۋە بىرەر قېتىممۇ، جائىزلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، قۇرئانغا قاراپ ناماز ئوقۇپ باقمىغان.

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى توغرا ئوقۇيالمىغان بىر ساھابەگە نامازنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىتىپ: «ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ، ئاللاھ بۇيرىغاندەك تاھارەت ئالغىن. ئاندىن ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇپ نامازغا تۇرغىن. ئەگەر قۇرئاننى يادقا بىلسەڭ، قۇرئان ئوقۇغىن. ئەگەر يادقا بىلمىسەڭ، ئاللاھقا ھەمد، تەكبىر، تەھلىل ئېيتىپ، رۇكۇغا بارغىن» دېگەن(7).

بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ـ مەن قۇرئاننى يادقا ئالالمايۋاتىمەن، ماڭا بىر نەرسە ئۆگەتكىن! ـ دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

ـ ئى ئاللاھ! سەن پاكسەن، بارلىق ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. بىزدە ھېچقانداق كۈچ ـ قۇۋۋەت يوقتۇر. ئاللاھ ئالىي ۋە بۈيۈك زاتتۇر، دېگىن! ـ دەپ ئۆگەتكەن(8).

بۇ ھەدىسلەر نامازخاننىڭ يادقا بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇيدىغانلىقىنى، يادقا بىلمىسە قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشى كېرەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى ھەمد، تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ناۋادا قۇرئانغا قاراپ ئوقۇش مۇباھ بولىدىغان بولسا ئىدى، بۇ ھەدىستە قىرائەتسىز ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان بولاتتى(9).

يەنە نامازخان «قۇرئان»نى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسا، ئوڭ قولنى سول قول ئۈستىگە قويۇش، سەجدىگاھىغا قاراپ تۇرۇشتەك بەزى سۈننەتلەرنى ئادا قىلالمىغاندىن سىرت، نامازنىڭ روھى ۋە جېنى بولغان خۇشۇغا تەسىر يېتىدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامىزى بۇزۇلمىغان بىلەن مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى نامازدا كىتابتىن ئوقۇش، ئەھلى كىتابلارنىڭ قىلىقىغا ئوخشايدىغان ئىشتۇر(10).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى بىزنى ‹قۇرئان›غا قاراپ ئىمام بولۇشتىن توسقان» دېگەن(11). ئىبراھىم نەخەئىي، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، شەئبىي ۋە ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسۇلەمىي قاتارلىق سەلەفلەرمۇ: «بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «خىرىستىيانلار مۇشۇنداق قىلىدۇ» دېگەن. ئىبراھىم نەخەئىي: «ساھابەلار كىشىلەرنىڭ قۇرئانغا قاراپ ئىمام بولۇشىنى ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالغانلىقتىن قاتتىق يامان كۆرىشەتتى» دېگەن. مۇجاھىد، ھەمماد، قەتادە ۋە سۇۋەيد ئىبنى ھەنزالە قاتارلىق سەلەفلەرمۇ مەكرۇھ دېگەن(12).

يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەكرۇھ بولمايدۇ. «سەھىھۇل بۇخارىي»دا: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قۇلى زەكۋان ‹قۇرئان›غا قاراپ تۇرۇپ ئىمام بولاتتى» دەپ كەلگەن(13). تابىئىنلاردىن ئىبنى سىيرىن، ھەسەن بەسرىي (بىر رىۋايەتتە)، ئەتا قاتارلىقلار: «‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن. زۇھرىي: «بىزنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىمىز ‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇيتتى» دېگەن. مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى ۋە يەنە بىر قىسىم ھەنبەلىي ئالىملار پەرز بىلەن نەفلىنى ئايرىپ: «نەفلىدە بولىدۇ، پەرزدە بولمايدۇ» دېگەن(14).

گەرچە بۇ ھەقتە سەلەفلەردىن «جائىز بولىدۇ» دېگەندەك قاراش كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ئورانىدىن يادقا بىلىدىغان كىشى ناماز ئارىلىقلىرىدا ناماز باشلاشتىن بۇرۇن قۇرئانغا قاراپ تەكرارلاپ ئىمام بولۇشىمۇ، نامازدا قولىدا كۆتۈرمەي قاراپ ئوقۇغان بولۇشىمۇ ئېھتىماللىق.

ئىمام سەرەخسىي، كامال ئىبنى ھۇمام قاتارلىقلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ «ناماز بۇزۇلىدۇ» دېگەن قارىشىنى يادقا بىلمەيدىغان كىشىگە نىسبەتەن شۇنداق، يادقا بىلىدىغان بولسا، تۇتماي قۇرئانغا قارىسا كۆپ ھەرىكەت قىلمىغاچقا نامىزى بۇزۇلمايدۇ. دەپ تەھلىل قىلغان(15). بۇنىڭدىن «قارىيلارنىڭ قۇرئاننى تۇتماي، ئالدىدا چوڭ قۇرئاننى ئېچىپ قويۇپ، بىرەر يەردە ئېزىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئاندىن قۇرئانغا قاراپ قىرائىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋالسا، ناماز بۇزۇلمايدۇ؛ يادقا بىلمەيدىغان كىشى ئالدىدىكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا بۇزۇلىدۇ» دېگەندەك يەكۈن چىقىدۇ.

توغرىسى، يادقا بىلمەيدىغان كىشى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇماي، يا ئۇزۇنراق قىرائەت قىلالايدىغانلارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، ياكى ئۆزى بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇپ قىسقا بولسىمۇ رەكئەت سانىنى كۆپ ئوقۇش. چۈنكى ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا نامازدىكى قىرائەت توغرىسىدا: «قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار»(73/«مۇزەممىل»: 20) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھرالىق بىر كىشىگە ناماز ئۆگىتىۋېتىپ: «ئاندىن (يەنى سۈرە ‹فاتىھە›دىن كېيىن) ‹قۇرئان›دىن ساڭا ئوقۇش ئاسان بولغاننى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن» دېگەن(16).

مەلۇمكى، ناماز دېگەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېكىتىپ بەرگەن ئىبادەتتۇر. ئالىملار ئوتتۇرىدا بەزىلىرى «نەفلىدە جائىز، پەرزدە جائىز ئەمەس» دەپ، يەنە بەزىلىرى «نەفلىدە جائىز، پەرزدە مەكرۇھ» دەپ، يەنە بەزىلىرى «تېگىدىن جائىز ئەمەس» دەپ ئىختىلاپلاشقان ئىكەن، ئىبادەتنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقىدا قاراش بىردەك بولغاچقا، بىرلىككە كېلىنگەن قاراش بويىچە ئىش تۇتۇش توغرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە شافىئىي مەزھەبتىمۇ «ئارقىمۇئارقا ئۈچ ۋاراقتىن كۆپ ۋاراقلىسا نامىزى بۇزۇلىدۇ» دەيدۇ(17). قۇرئان تۇتۇپ ناماز ئوقۇغان كىشى «ۋاراقلىمايمەن» دېيەلەمدۇ؟!

دېمەك، ئايەت ۋە ھەدىسلەر نامازدا قولاي بولغىنىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ھەرگىزمۇ قۇرئاننى قولىدا تۇتۇۋېلىپ قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ ئوقۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ كەلمىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بەزىدە نەۋرىسى ئۇمامەنى ئۇچىسىغا ئېلىپ ناماز ئوقۇغانلىقىغا قۇرئان تۇتۇپ ئوقۇشنى قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇمامەنى زۆرۈرىيەت ئۈچۈن كۆتۈرۈۋالغان. قۇرئان تۇتۇپ ئوقۇشقا بولسا زۆرۈرىيەت يوق. «تەراۋىھتا قۇرئان تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ پەرز نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشنى راۋا كۆرمىگەن. بەزى دۆلەتلەردە ھەر ئىككى رەكئەتكە ئوقۇيدىغان 5 بەتنى ئىككى بەتكە سىغدۇرغان چوڭ ھەجىملىك «تەھەججۇد قۇرئان»لارنى پەيدا قىلىپ، ئېگىزرەك رېھىللارغا قويۇپ، قۇرئاننى تۇتماي قاراپلا ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن. بۇمۇ ئارتۇقچە ئىشلاردۇر.

ئۇزۇنراق قىرائەت قىلاي دېگەنلەر نەچچە سۈرە يادقا بىلسە ئۆزى بىلىدىغان سۈرىلەرنى بىر رەكئەتكە جەملەپ ئوقۇسا، ھەتتا بىر سۈرىنى بىر رەكئەتتە تەكرارلىسا ياكى بىرىنچى رەكئەتتە ئوقۇغىنىنى ئىككىنچى رەكئەتتىمۇ قايتىلاپ ئوقۇسا تامامەن بولىدۇ. شۇندا مەقسەت سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا بولىدۇ. شۇڭا نامازنى قۇرئانغا قارىماي ئوقۇغان تۈزۈك. ھەتتا تەراۋىھنى ئۇزۇن ئوقۇي دېگەنلەر بۇرۇن يادلىمىغان بولسا، ھازىرقى پۇرسەتتە ئۇزۇن سۈرىلەرنى يادلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. نامازلىرىمىزدا خرىستىيانلارغا ئوخشاش كىتابىغا قارىمىسا ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالماسلىق ۋە دىندا مۇستەھكەم بولۇش ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمان ئەقەللىي بىرەر پارە مىقداردا يادقا ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا يەنى يادقا ئېلىش، ئۆزئارا تىڭشىتىشقا شەيتانلار باغلانغان رامازاندا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بار.

لوقما سالىدىغان كىشىسى يوق قارىيلار خەتمىدە تۇرغان ئەھۋالدا، ئېزىپ كېتىپ تاپالمىغان چاغدا دەرھاللا قۇرئانغا قارىماي، رۇكۇ – سەجدىگە بېرىپ نامازنى تاماملاپ، ناماز سىرتىدا قۇرئانغا قارىۋېلىپ يېڭىدىن نامازغا تۇرسا بولىدۇ. يەنە قارىي ئەمەس كىشى ئىمامغا لوقما سېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىمامنىڭ ئارقىدا، نامازدا قۇرئان تۇتۇپ تۇرماي، نامازنىڭ سىرتىدا لوقما سالسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە جائىزدۇر(18). ئەلۋەتتە، ئاياللار نامەھرەم ئەر ئىمامغا نامازنىڭ ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ لوقما سالسا بولمايدۇ. ئاياللار پەقەتلا مەھرەملىرىگە ۋە ئاياللارغا نامازدا ياكى سىرتىدا لوقما سالالايدۇ. ئايال ئىمامغىمۇ مەھرەم تۇغقىنى نامازنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ لوقما سالسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441 شەئبان (بارائەت) 12/ م. 2020. 4. 25


1. «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، (37)؛ «مۇسلىم»، (759).
2. «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، (924)؛ «مۇسلىم»، (761).
3. «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، (731)؛ «مۇسلىم»، (781).
4. «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، (6113)؛ «مۇسلىم»، (781).
5. «مۇسلىم»، (430).
6. «بۇخارىي»، (631).
7. «تىرمىزىي»، (302). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. «ئەبۇ داۋۇد»، (832). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
9. «إعلاء السنن»، 5/60.
10. «ئەتتەجرىد»، 2/674؛ «ئىختىيار»، 1/68؛ «ئەلمەجمۇ»، 4/27؛ «ئەلمەھەللا»، 4/27.
11. «كتاب المصاحف»، لابن أبي داود، 1/449. (772).
12. «كتاب المصاحف»، لابن أبي داود، 1/449. (781)؛ «ئۇمدەتۇل قارىي»، 4/314.
13. «سەھىھۇل بۇخارىي»، «باب إِمَامَةِ الْعَبْدِ وَالْمَوْلَى». ئىمام بۇخارىي بۇنى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. بۇنى ئىبنى ئەبى داۋۇد («ئەلمەساھىف»، 678) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
14. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/132.(7215 – 7232) ؛ «المدونة الكبرى»، 1/223؛ «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/2235؛ «ئەلمۇغنىي»، 1/335.
15. «إعلاء السنن»، 5/61.
16. «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، (793)؛ «مۇسلىم»، (397).
17. «الخلافيات»، للبيهقي، 3/793؛ «السنن الكبرى»، للبيهقي، 2/253.
18. «ئەلمۇغنىي»، 3/205.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ