تىلەمچىلەرگە پۇل بەرسە بۇلامدۇ؟

تىلەمچىلەرگە پۇل بەرسە بۇلامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كوچىدا چىرايىنى ئورۇۋالغان تىلەمچىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن. ئۇلارنىڭ قول سوزۇشلىرىدىن بىرنەرسە بەرمەي ئۆتۈپ كېتىشكە چىدىماي قالىمەن. بەزىلىرى ياپ – ياش، بەزىلىرىگە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ. بۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بەزىلەر «بەر» دېسە، كۆپىنچىسى «بەرمە» دەيدۇ، ھەر خىل قاراشلار ئىچىدە قايمۇقۇپ قالدىم ئۇستاز! مۇشۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز، يەنە كافىر تىلەمچىلەرگە سەدىقە بەرسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ سىزگە كۆپ ساۋاب ئاتا قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تىلەمچىلىك كىشىلەردىكى ئىنسانچىلىق ۋە رەھىم – شەپقەت تۇيغۇسىدىن تۈرلۈك ئۇسۇللاردا پايدىلىنىپ، كوچىلاردا، مەسجىد – جامە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ پۇل تاپىدىغان بىر كەسىپكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقانداق باي ۋە پاراۋان جەمئىيەتلەرمۇ تىلەمچىلىك ھادىسەسىدىن خالىي ئەمەس. كەسپىي تىلەمچىلىك بازىرى خەلقئارادىكى چوڭ بازارلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئادەم بېدىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقئارالىق جىنايى گۇرۇھلارمۇ كەسپىي تىلەمچىلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا دۆلەتلەرمۇ بۇ يامان ھادىسەنى يوقىتالمايۋاتىدۇ.

مەزكۇر سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندە دىنىمىزدا ئىنساننىڭ ئىززەت – شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن بەلگىلىگەن، شۇنداقلا تىلەمچىلىككە ئالاقىدار بولغان بىر قىسىم ئەھكاملارنى بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

1) دىنىمىزدا سائىللارغا ئېھسان قىلىشنىڭ ئورنى

جانابى ئاللاھ سائىللارغا ئېھسان قىلغانلارنى: ﴿ئۇلار پۇل – ماللىرىدا سائىللار ۋە موھتاجلارنىڭ ھەقلىرىنى ئايرىيدىغانلاردۇر﴾(51/«زارىيات»: 19)، ﴿پۇل – ماللىرىدىن سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا مۇئەييەن ھەق بېرىدىغانلار﴾(70/«مەئارىج»: 24، 25) دەپ مەدھىيەلىگەن. شۇنداقلا ياخشىلىق قىلىش مەرتىۋىسىنىڭ شەرتىنى موھتاجلار جۈملىسىدىن بولغان سائىللارغا خەير – ئېھسان قىلىش دەپ كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش – ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل – مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل – مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 177).

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە: ﴿سائىلغا قوپاللىق قىلما﴾(94/«زۇھا»: 10) دەپ بۇيرۇغان بولۇپ، سائىللارنى قۇرۇق قول قايتۇرماسلىق، مېھرىبان بولۇش، بىرنەرسە بەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنى چىرايلىق سۆز بىلەن قايتۇرۇشقا بۇيرۇغان.

2) تىلەشنىڭ ھۆكمى

ئىمام غەززالىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تىلەش ئەسلىدە ھارامدۇر. زۆرۈرىيەت ياكى زۆرۈرىيەتكە ياتىدىغان جىددىي ئېھتىياج بولسا، ئاندىن مۇباھ بولىدۇ. تىلىمەيمۇ ئۇنى ھەل قىلغىلى بولسا، تىلەش يەنىلا ھارامدۇر. ›تىلەش ئەسلىدە ھارام‹ دېيىشىمىزنىڭ ئاساسى شۇكى، تىلەش ئادەتتە ئۈچ ھارام ئىشتىن خالىي بولالمايدۇ: بىرىنچىسى، ئاللاھ تائالادىن زارلىنىشتۇر. چۈنكى، تىلەش پېقىرلىقنى ئىزھار قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا يەتمىگەنلىكىنى ئىپادىلەشتۇر. مانا بۇ شىكايەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قۇل تىلىسە، ئۇ خۇددى خوجايىنىنى سەتلىگەندەك بولغىنىدەكلا، بەندىلەرنىڭ تىلىشىمۇ ئاللاھنى سەتلەش بولىدۇ. مانا بۇنداق قىلمىش ھارامدۇر ۋە زۆرۈرىيەت ئۈچۈن تاپنى يېگەندەكلا بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىسى، سائىل تىلەش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھتىن باشقىغا خار قىلىدۇ. مۇئمىن كىشى ئۆزىنى رەببىدىن باشقا ھېچكىمگە خار قىلسا بولمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىززەتتۇر. ھالبۇكى، خالايىقلار بولسا ئۆزىگە ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن زۆرۈرىيەت بولمىغىنىدا ئۆزىنى ئۇلارغا خار قىلسا بولمايدۇ. ئۈچىنچىسى، تىلەش كۆپىنچە ئەھۋالدا تىلەنگۈچىگە ئەزىيەت بېرىشتىن خالىي بولالمايدۇ. چۈنكى، كىشى بەزىدە ئۆزى خاھلاپ كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بەرمەيدۇ. تىلەمچىدىن ھايا قىلىپ ياكى باشقىلارغا رىيا قىلىپ بىرنەرسە بەرگىنىدە، ئۇ ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ. بەرمىسە خىجىل بولىدۇ ياكى ئۆزىنى پىخسىق كۆرۈپ بىئارام بولىدۇ. دېمەك، بەرسە پۇلىغا، بەرمىسە يۈزىگە زىيان. بۇنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇنىڭغا ئازار بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبچىسى بولسا سائىل بولۇپ، ئازار بېرىشمۇ زۆرۈرىيەت تېپىلمىغىنىدا ھارامدۇر»(1).

3) ئىسلام دىنىمىز كەسپىي تىلەمچىلىككە قانداق قارايدۇ؟

ئەلۋەتتە، ئىنسان ھۆرمەتلىك قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئىززەتلەپ، ھۆرمەتلەپ ياراتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 70).

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىشلىمەي ھۇرۇنلۇق قىلىشى ھارام بولغىنىدەك، مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال بولمىسىمۇ يۈزىنى چۈشۈرۈپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئادىمىيلىك ئىززەت – ئابرۇيىنى تۆكۈپ، كىشىلەردىن بىرنەرسە تىلىشىمۇ ھارامدۇر(2). شۇڭا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغان ۋە مۇسۇلماننى چەكلىگەن ئىش تىلەشتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئېھتىياجى بولمىسىمۇ تىلىگەن ئادەم خۇددى چوغنى قوللىرى بىلەن يىغقان كىشىگە ئوخشايدۇ»(3)، «كىمكى مېلىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىلىسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە يارا بىلەن كۆرۈنىدۇ. ئۇ جەھەننەمنىڭ قىزىتىلغان تاشلىرىنى يېگەن بولىدۇ. جىق يەمدۇ، ئاز يەمدۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى»(4) دېگەن.

تىلەشكە مەجبۇر بولىدىغان ئېھتىياج تېپىلغاندىمۇ تىلىمەي سەۋر قىلسا، ئەلۋەتتە بۇمۇ مەدھىيەلىنىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە ئۇلارنى مۇنداق تەرىپلىگەن: ﴿ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير – ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 273).

بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەقىقىي مىسكىن بىلەن كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىش مۇنۇ ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان: «بىر – ئىككى تال خورما ياكى بىر – ئىككى لوقما بىلەن قايتىپ كېتىدىغان ئادەم مىسكىن ئەمەس، لېكىن مىسكىن دېگەن ئۆزىنى تىلەشتىن پاك تۇتىدىغان كىشىدۇر». بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «خاھلىساڭلار ئايەتنى ئوقۇڭلار»(5) دېدى. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 273) دېگەن ئايەتىنى دېمەكچى.

بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ، كۆزىگە كىرىۋېلىپ قاشاڭلىق بىلەن تىلەشنىڭمۇ دىنىمىزدا ئەيىبلەنگەن قىلمىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

تىلىسە ياكى سورىسا بولىدىغان ئەھۋاللارنى مۇنۇ ھەدىس بايان قىلغان. ئىبنى مۇخارىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى ئىككى كىشى ئارىسىدىكى جېدەلنى ھەل قىلىش ۋە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ، تۆلەم تۆلەپ قويۇشنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. تۆلىشىم كېرەك بولغان مىقدارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراپ باردىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ›بىزگە زاكات مال كەلگۈچە كۈتۈپ تۇر، كەلسە ساڭا بېرىمىز‹ دېدى. ئۇندىن كېيىن يەنە مۇنداق دېدى: ›ئى قەبىيسە! تىلەش ئۈچ كىشىدىن باشقىسىغا ھالال بولمايدۇ: بىرىنچىسى، ئىككى تەرەپنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەپ قويماقچى بولغان كىشى بولۇپ، ئۇنى تۆلەپ بولغۇچە تىلىسە بولىدۇ. تۆلىۋەتكەندىن كېيىن تىلىمەيدۇ. ئىككىنچىسى، چوڭ بىر بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن پۇل – مېلىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى بولۇپ، ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغۇچە تىلىسە ھالالدۇر. ئۈچىنچىسى، نامراتلىشىپ قالغان كىشى بولۇپ، ئۇنى تونۇيدىغانلاردىن ئاقىل ئۈچ كىشى: ”پالانى نامراتلىشىپ قالدى“ دېسە، ئۇ كىشى ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغۇچە تىلىسە ھالالدۇر. ئى قەبىيسە! بۇلاردىن باشقا ئەھۋاللاردا تىلەپ يېگەن نەرسىلەر ھارامدۇر. ئۇنى يېگەنلەر ھارام يېگەن بولىدۇ‹»(6).

4) سائىللارغا چىرايلىقچە ئەسكەرتىش بېرىش

يۇقىرىقى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى قەبىيسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چىرايلىق ئەسكەرتىش بەرگەن. يەنە بىر ھەدىستە ھەزرىتى ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەرگەندىمۇ مۇنداق ئەسكەرتىپ: «ئى ھەكىم! ھەقىقەتەن بۇ مال – دۇنيا تاتلىقتۇر. ئۇنى قانائەت بىلەن ئالغان ئادەمگە بەرىكەت بېرىلىدۇ. ئاچكۆزلۈك بىلەن ئالغان ئادەمگە بەرىكەت بېرىلمەيدۇ. بۇنداق ئادەم خۇددى يەپ تويمايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر» دېگەن(7).

5) مەسجىد ئىچىدە تىلەشنىڭ ۋە سەدىقە بېرىشنىڭ ھۆكمى

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «تىلەش مەسجىد ئىچىدە بولسۇن، سىرتىدا بولسۇن زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئەسلىدە ھارامدۇر. زۆرۈرىيەت تېپىلىپ مەسجىد ئىچىدە تىلىسە، ئەگەر كىشىلەرنىڭ بويۇنلىرىدىن ئاتلاپ ئۇلارغا ئازار بەرمىسە، ھال ئېيتىشتا يالغانچىلىق قىلمىسا، كىشىلەرنى بىئارام قىلغۇدەك ياكى خاتىب ئاخۇنۇم خۇتبە سۆزلەۋاتقان، ۋەياكى جامائەت ئىلىم ئۆگىنىۋاتقاندەك ئەھۋالدا تىلىمىسە جائىزدۇر» دېگەن(8).

ئىمام سۇيۇتىي (ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) قاتارلىق بەزى ئالىملار: «مەسجىد ئىچىدە تىلەش تەنزىھىي مەكرۇھ، تىلىگەنگە بېرىش ساۋاب، مەكرۇھ ئەمەس، ھارامغۇ ئەسلا ئەمەس، ئىلگىرىكىلەردىن نەقىل قىلىنغىنىمۇ، ھەدىسلەر كۆرسەتكىنىمۇ شۇ» دېگەن(9).

ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، نامازخان جامائەتنى بىئارام قىلماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ بەيتىدە ئاللاھتىن باشقىسىدىن تىلىگەن بولماسلىقى ئۈچۈن، مەسجىد ئىچىدە تىلىگەنلەرگە چىرايلىق ئەسكەرتىش بېرىپ، مەسجىد سىرتىغا چىقىرىش مۇناسىپتۇر.

6) تىلەمچىگە سەدىقە بېرىلىدىغان مىقدار

تىلەمچىگە ئازراق بىرنەرسە بېرىش ئەلۋەتتە كىشىنىڭ ئىختىيارىدىكى ساۋابلىق ئىش. تولۇق ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك بېرىش ياخشى، ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، تاماق ياكى ئىچىملىك ياكى دورا تىلىگەنلەرگە ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك بېرىش ئەھۋالغا قاراپ ۋاجىب دەرىجىسىگە بېرىشى مۇمكىن. بىر ھەدىس قۇدسىيدا كېلىشىچە، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى:

— ئى ئادەم ئوغلى! مەن تائام تەلەپ قىلسام بەرمىدىڭغۇ؟ — دەيدۇ، ئادەم ئوغلى:

— ئى رەببىم! سەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسى تۇرساڭ، مەن ساڭا قانداق تائام بېرىمەن ؟ — دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— بىلەمسەن، پالانى بەندەم سەندىن تائام تەلەپ قىلدى، لېكىن سەن ئۇنىڭغا تائام بەرمىدىڭ، ئەگەر سەن ئۇنىڭغا تائام بەرگەن بولساڭ، بۇنىڭ مۇكاپاتىنى مېنىڭ قېشىمدا تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمىدىڭمۇ؟ ـ دەيدۇ. ئاندىن:

— ئى ئادەم ئوغلى! مەن سەندىن سۇ تەلەپ قىلسام بەرمىدىڭغۇ؟ — دەپ سورايدۇ. ئادەم ئوغلى:

— ئى رەببىم! سەن دېگەن پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ ئىگىسى تۇرساڭ، مەن ساڭا قانداق سۇ بېرىمەن؟ ـ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:

— بىلەمسەن، پالانى بەندەم سەندىن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، سەن بەرمىدىڭ. ئەگەر ئۇنىڭغا سۇ بەرگەن بولساڭ، بۇنىڭ مۇكاپاتىنى مېنىڭ قېشىمدا تاپاتتىڭ، — دەيدۇ»(10).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «خورمىنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار، ئەگەر ئۇنىمۇ تاپالمىساڭ بىر ئېغىز چىرايلىق سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانغىن» دېگەن(11).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «سائىلنى (بىرنەرسە سوراپ كەلسە، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ) كۆيۈپ كەتكەن تۇيىقىنى بېرىپ بولسىمۇ يولغا سېلىڭلار (يەنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار)!»(12) دېگەن.

7) سائىلنىڭ ھەقىقىي موھتاج ياكى ساختا موھتاجلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەلۋەتتە ھازىرقى كۆزىتىش ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، تىلەمچىلەر توپىدا ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقىي ياردەمگە موھتاج ياكى ئاجىز كىشىلەر بار بولغىنىدەك، تىلەمچىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ تۇرىدىغان يېرى بار، پاراۋانلىق ياكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرلىنىش سالاھىيىتى بار، لېكىن ئۇلار يەنىلا تىلەمچىلىك قىلىپ ئارتۇق كىرىم قىلىشنى تاللىغان. تىلەمچىلەر ئارىسىدا يەنە يالغاندىن بىچارە، مېيىپ – مەجرۇھ سىياقىغا كىرىۋالىدىغان ساغلاملارمۇ بار ئىكەن. بەزى دۆلەتلەردە ئۇلار تىلەمچىلىكتىن قىلغان كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاراق ئىچىش ۋە زەھەر چېكىشتەك يامان ئادەتكە سەرپ قىلىدىكەن.

تۇرمۇشىمىزدا كوچا – كويلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك تىلەمچىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بەزىدە كىشىلەرنى ئىختىيارسىزلا «بۇ كىشى ھەقىقىي تىلەمچىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلار بار. سەدىقە قىلغۇچىغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ھەقىقىي ياردەمگە موھتاج، قايسىسىنىڭ يالغاندىن مېيىپ – مەجرۇھ، قايسىسىنىڭ ھاراق ئىچىپ، زەھەر چېكىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشى ئىنتايىن تەس.

بۇ سەۋەبتىن، ئەھۋالغا قاراپ ھەقىقىي موھتاجلىقىنى پەملىگەن كىشىگە سەدىقە بېرىش، موھتاج ئەمەستەك كۆرۈنگىنىگە بەرمەسلىك ئەڭ مۇناسىپ بولسا كېرەك. ئەگەر پەمى بويىچە «ھەقىقىي موھتاج» دەپ قارىغان سائىلغا سەدىقە بەرگەن ۋە ھەقىقەتتە ئۇ موھتاج ئەمەس بولسا، يەنىلا سەدىقەسىگە ساۋاب ئالىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(بەنى ئىسرائىلدىن) بىر كىشى: ‹مەن (بۇ كېچە) چوقۇم سەدىقە بەرمەي قويمايمەن›، دەپ سەدىقەسىنى بىر ئوغرىغا بېرىپ قويدى. تاڭ ئاتقاندا كىشىلەر: ‹بىر ئوغرىغا سەدىقە بېرىلىپتۇ›، دېيىشكىلى تۇرۇۋىدى، ھېلىقى كىشى: ‹ئى ئاللاھ! بارلىق ھەمدۇسانا ساڭىلا خاستۇر. مەن (بۇ كېچە) يەنە چوقۇم سەدىقە بەرمەي قويمايمەن› دەپ، سەدىقەسىنى بىر پاھىشىگە بېرىپ قويدى. تاڭ ئاتقاندا كىشىلەر: ‹بۇ كېچە بىر پاھىشىگە سەدىقە بېرىلىپتۇ،› دېيىشكىلى تۇرۇۋىدى، ئۇ كىشى: ‹ئى ئاللاھ! بارلىق ھەمدۇسانا ساڭىلا خاستۇر. مەن بىر پاھىشىگە سەدىقە بەرگەندىمەنمۇ؟! مەن (بۇ كېچە) يەنە چوقۇم سەدىقە بەرمەي قويمايمەن› دەپ، سەدىقەسىنى بىر باينىڭ قولىغا بېرىپ قويدى. تاڭ ئاتقاندا كىشىلەر: ‹بىر بايغا سەدىقە بېرىلىپتۇ،› دېيىشكىلى تۇرۇۋىدى، ھېلىقى كىشى: ‹ئى ئاللاھ! ئوغرىغا، پاھىشىگە، بايغا سەدىقە بېرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟!› دېدى. كېيىن چۈشىدە ئۇ كىشىگە مۇنداق دېيىلدى:

— سېنىڭ ئوغرىغا بەرگەن سەدىقەڭگە كەلسەك، بەلكى ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئوغرىلىقتىن يېنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. پاھىشە ئايالغا بەرگەن سەدىقەڭگە كەلسەك، ئۇ شۇنىڭ بىلەن زىناخورلۇقتىن يېنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بايغا قىلغان سەدىقەڭگە كەلسەك، ئۇ باي تەسىرلىنىپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن مال – دۇنيانى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس»(13).

ئەگەر بېرىشنى توغرا تاپمىغان تەقدىردە، سائىلنى چىرايلىقچە رەت قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسا بولىدۇ. ﴿سائىلغا قوپاللىق قىلما﴾(93/«زۇھا»: 10) دېگەن ئايەتمۇ سائىللارنى چىرايلىق سۆز بىلەن قايتۇرۇشقا بۇيرۇغان. مۇفەسسىرلەر بۇ ئايەتتىكى «سائىل»نى «ھەقىقىي موھتاجلىقتىن تىلىگەن كىشى» دەپ ئىزاھلايدۇ. مەسىلەن، ئىمام تەبەرىي ئۇ ئايەتنى: «سەندىن تىلىگەن موھتاجلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، تاماق بېرىپ ھاجىتىنى راۋا قىلغىن» دەپ تەفسىرلىگەن(14).

8) كەسىپ قىلىۋالغان ساختا تىلەمچىلەرگە سەدىقە بەرسە گۇناھ بولامدۇ؟

ئەگەر كەسپىي تىلەمچىلەرنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردە، ئۇلارغا سەدىقە بېرىش توغرا بولمىغاندىن سىرت، ئۇلارغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش چەكلەنمەيدۇ. يۇقىرىقى ئايەتكىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. چۈنكى، كەسپىي تىلەمچىلەرنىڭ توپلىغانلىرى ھارام بايلىق بولۇپ، كەسپىي تىلەمچىلەر تىلەشنى ئىشلەشتىن، كىشىلەرگە يۈك بولۇشنى تەر ئاققۇزۇشتىن ئەلا بىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقىي ئېھتىياجلىق تىلەمچىلەرگە ياردەم قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.

9) كەسپىي تىلەمچىلەرگە زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

ئىشلىسە ئىشلەپ جېنىنى باقالايدىغان كەسپىي تىلەمچىلەرگە سەدىقە بېرىشكە بولمىغىنىدەك، زاكات بېرىشكىمۇ بولمايدۇ. زاكات بەرگۈچىمۇ زاكىتىنى زاكاتقا لايىق بولغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشكە تىرىشىشى، ھەقىقىي موھتاجلارغا، ئىشلىسىمۇ ھاجىتىنى قامدىيالمايدىغانلارغا بېرىشى كېرەك.

10) كافىر تىلەمچىلەرگە سەدىقە بېرىشكە بولامدۇ؟

ھەقىقىي موھتاج، كافىر تىلەمچى ئەگەر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشمايدىغان، زىيان ئۇرمايدىغان ۋە دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلاردىن بولسا، ئۇلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ. چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ. ئاللاھ ئىسلام دىنى ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ. كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 8، 9).

دىنىمىز ھەرقانداق جانلىققا رەھىم قىلىشنى تاپىلىغان تۇرسا، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە مېھىر – شەپقەت قىلىش يۈزىسىدىن سەدىقە بېرىشىنى قانداقمۇ چەكلىسۇن؟!

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بىر ئادەم كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسسۇزلۇق يېتىپ، بىر قۇدۇققا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. قۇدۇقتىن چىقىپ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىراپ نەم توپىنى يالاۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ، ‹ماڭا يەتكەن نەرسە ئۇنىڭغىمۇ يېتىپتۇ› دېدى – دە، قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆتۈكىنى تولدۇرۇپ، ئۇنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ، يۇقىرى ئۆرلەپ قۇدۇقتىن چىقىپ ئىتنى سۇغاردى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى تەقدىرلەپ، مەغپىرەت قىلىۋەتتى، — دېگەن ئىدى، ئەسھابلەر:

— يا رەسۇلەللاھ! ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلساق، بىزگە ئەجىر بولامدۇ؟ — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:

— ھەرقانداق جانلىققا ياخشىلىق قىلىشتا ئەجىر باردۇر، — دېدى»(15).

ئىنسانىي مەرھەمەت ۋە ياخشىلىق ھەرگىزمۇ چەكلەنمەيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدىن بىر جىنازا ئۆتكەندە، جىنازا ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغانىدى، ئۇ زاتقا: «ئۇ يەھۇدىينىڭ جىنازىسى» دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بۇمۇ بىر جان ئەمەسمۇ؟!» دېگەن(16).

ھەتتا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان كافىرمۇ مۇسۇلمانلار قولىغا ئەسىر چۈشۈپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى جەننەتىي ئەمەللەر قاتارىدا مۇنداق مەدھىيەلىگەندۇر: ﴿ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز. شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگۈسى ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»﴾(76/«ئىنسان»: 8 – 10).

ئىمام قۇرتۇبىي بۇ ئايەتتىكى «ئەسىر» ھەققىدە: «مۇشرىك ئەسىرگە تاماق بېرىش ئاللاھقا يېقىن قىلىدىغان ئەمەللەردىندۇر. لېكىن، ئۇ ئىختىيارىي سەدىقەدىن بولىدۇ. زاكاتتىن بولمايدۇ» دېگەن(17). مەزكۇر ئايەتتىكى «مىسكىن» بىلەن «يېتىم»مۇ مۇسۇلمان، كافىر دەپ ئايرىلمىغان.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 19 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2021، 3 – يانۋار


1. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 4 – ج، 210 – بەت.
2. يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» (ئۇيغۇرچە)، 134 – بەت.
3. ئەھمەد (17508). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىي («غايەتۇل مەرام»، 151) لار: «سەھىھ» دېگەن.
4. تىرمىزىي (653). ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 152) «سەھىھ» دېگەن.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4539)؛ مۇسلىم (1039).
6. مۇسلىم (1044).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2750)؛ مۇسلىم (1035).
8. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 2 – ج، 87 – بەت.
9. سۇيۇتىي: «ئەلھاۋىي لىلفەتاۋا»، 1 – ج، 87 – بەت.
10. مۇسلىم (2569).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6023)؛ مۇسلىم (1016).
12. مالىك (1714)؛ ئەھمەد (27490). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1421)؛ مۇسلىم (1022).
14. تەبەرىي: «جامىئۇل»، 24 – ج، 489 – بەت.
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2363)؛ مۇسلىم (2244).
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1312)؛ مۇسلىم (961).
17. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 19 – ج، 129 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ