«قۇرئان» ئوقۇلۇۋاتقاندا ئۆز ئىشى بىلەن بولسا بولامدۇ؟

«قۇرئان» ئوقۇلۇۋاتقاندا ئۆز ئىشى بىلەن بولسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قارىي ئۆيىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئۈنلۈك تەكرار قىلىدىكەن، ئائىلىدىكىلىرى ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىۋاتقاندا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە جىم تۇرۇش مۇسۇلمانلار بۇيرۇلغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿قۇرئان ئوقۇلسا ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ، جىم تۇرۇڭلار، رەھمەت قىلىنىسىلەر ﴾(7/«ئەئراف»: 204) دەپ بۇيرۇغان. بۇ ئەيەتتىكى بۇيرۇقنىڭ قاراتمىسى ھەققىدە ئالىملار ئۈچ خىل قاراشتا بولغان:

بىرىنچى خىل قاراشتا: دىققەت بىلەن ئاڭلاش پەقەت ناماز ئىچىدىلا ئىمامنىڭ قىرائەتىگە قارىتا ۋاجىب، نامازنىڭ سىرتىدا ئايەتنىڭ ئومۇمىي ھالەتتە كەلگەنلىكىگە ئاساسەن مۇستەھەب. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىككىنچى خىل قاراشتا: بۇ ئايەتتىكى دىققەت بىلەن ئاڭلاش بۇيرۇقى نامازدىكى، شۇنداقلا جۈمە، ھېيت خۇتبىلىرىدىكى قىرائەتكە قارىتىلغان. بۇ ئىمام تەبەرىي ۋە قۇرتۇبىي قاتارلىق مۇفەسسىرلەر تاللىغان قاراشتۇر.

ئۈچىنچى خىل قاراش ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى تاللىغان قاراش بولۇپ، بۇنى ئىمام شەۋكانىي تەرجىھ قىلغان. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئايەت كەڭ ۋە ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا، ئايەت نازىل بولۇش سەۋەبىگىلا قارىتىلمايدۇ. ناماز سىرتىدىمۇ بىرەر ئۆزرە تېپىلمىغان ئەھۋالدا «قۇرئان»نى دىققەت بىلەن ئاڭلاش ۋاجىب. لېكىن، ئۇلار ئاڭلىغان ھەربىر كىشىگە دىققەت بىلەن ئاڭلاش ۋاجىبمۇ ياكى بەزىلەر دىققەت بىلەن ئاڭلىسا، باشقىلار ئاڭلىمىسىمۇ بولامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا بولغان: بەزىلەر: ناماز ئىچىدە ئاڭلاش توغرىسىدا ئايرىم ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، نامازدا ئاڭلاش ھەربىر ئىقتىدا قىلغۇچىغا ۋاجىب. ئەمما، ناماز سىرتىدا بەزىلەر ئاڭلىسا، خۇددى سالامنى بەزىلەر ئىلىك ئالغانغا ئوخشاش ۋاجىب ئادا بولىدۇ، چۈنكى بەزىلەر ئاڭلىسا ئوقۇلغان «قۇرئان»نى زايە قىلىۋەتمەي ئۇنىڭغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئاڭلىمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ، قىرائەت قىلغۇچىمۇ ئۇنى بازار – كوچىلاردا ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ئوقۇماسلىق ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى ساقلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق ئورۇنلاردا ئوقۇپ قالسا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى زايە قىلغان بولغاچقا، ئىشىنى قىلىۋەرگەنلەر ئەمەس، تىلاۋەت قىلغۇچى ئۆزى گۇناھكار بولىدۇ. دېگەن.

يەنە بەزىلەر: ئايەت ناماز ئىچى ۋە سىرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىغان ۋە ھەربىر ئاڭلىغۇچىغا دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىش پەرز ئەين دەپ قارىغان.(1)

ھەنەفىي مەزھەبنىڭ يۇقىرىقى قارىشىغا ئاساسەن، بىر كىشى بىر نەرسە يېزىپ ياكى دەرس ئوقۇپ ئولتۇرغىنىدا يېنىدا بىر كىشى «قۇرئان» تىلاۋەت قىلسا، يېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ «قۇرئان»غا قۇلاق سالالمىسا گۇناھ قىرائەت قىلغۇچىغا بولىدۇ. كېچىسى كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ئۆگزىگە چىقىپ ئۈنلۈك قىرائەت قىلسا قىرائەت قىلغۇچى گۇناھكار بولىدۇ. بەزى كىتابلاردا: بىر سەبى بالا «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا ئائىلىسى ئىش قىلىۋېتىپ قۇلاق سالمىسا، ئەگەر ئۇ تىلاۋەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىشقا تۇتۇش قىلغان بولسا ئۇلار گۇناھكار بولمايدۇ. تىلاۋەتنى باشلىغاندىن كېيىن ئىشنى باشلىغان بولسا ئۇلار گۇناھكار بولىدۇ، دېيىلگەن. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى مەيلى دۇئا، مەيلى ئىستىغپار بولسۇن ئومۇمەن، «قۇرئان»غا قۇلاق سېلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان. شۇڭا، «قۇرئان» ئاڭلاۋاتقاندا ئاڭلاش پەرزىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، سالامنى ئىلىك ئالمايدۇ، چۈشكۈرگۈچىگە يەرھەمۇكەللاھ دېمەيدۇ، ئاڭلاش پەرزىنى باشقا بىر ئىش ياكى بىرەر پەزىلەتلىك ئىش ئۈچۈن تاشلاپ قويمايدۇ. چۈنكى، قۇلاق سېلىپ تىڭشاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان رەھمەتتىن كۆزلەنگەن مەقسەت ھاسىل بولىدۇ.(2)

قارايدىغان بولساق، ناماز ئىچىدە ئىمامنىڭ قىرائەتىگە قۇلاق سېلىشنى ھەممە ئالىملار بىردەك ۋاجىب دەپ قارىغان بولسىمۇ، ناماز سىرتىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋاجىبلىق بىلەن مۇستەھەبلىك ئوتتۇرىسىدا بولغان. ۋاجىب دېگەنلەرمۇ ۋاجىب كۇپايە بىلەن ۋاجىب ئەيننىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان. جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشنىڭ ۋاجىبلىقى بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇق بىلەن بولمىسىمۇ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان.

لېكىن، مەزكۇر ئايەتنىڭ نامازدىكى قىرائەتنى قۇلاق سېلىپ تىڭشاش ھەققىدە نازىل بولغانلىقى ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس قاتارلىق كۆپچىلىك سەلەفلەردىن كەلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ناماز ئىچىدە ئىمامنىڭ قىرائەتىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋاجىب. بۇ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئىجماﺋ قىلىنغان ئورۇندۇر.

ئەمما، ناماز ۋە جۈمە خۇتبىسى سىرتىدا مەيلى يېنىمىزدىكى قارىي، ياكى رادىئو، ياكى تېلېۋىزور، ياكى ئۈنئالغۇ قاتارلىقلاردىن قىلىنغان تىلاۋەتنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش بولسا، مۇستەھەب ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان» ئوقۇلۇۋاتقاندا قۇلاق سېلىپ تىڭشىغان ۋە ئىمان ئېيتقان جىنلارنى 72/«جىن» سۈرىسىدە مەدھىيەلىگەن.

ئىمام ئىززىددىن ئابدۇسسالام ئېيتىدۇ: «قۇرئاننى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش تەرغىب قىلىنغان ئەدەب جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ ئورنىغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشتىن ئەۋزەل بولمىغان ئىشلار ھەققىدە پاراڭ سوقۇش شەرىئەتكە قارىتا ئەدەبسىزلىكتۇر». ئىمامنىڭ بۇ سۆزىدىن ئېھتىياجلىق ئىشلاردا پاراڭ سالسا مەكرۇھ بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.(3)

ھەتتا ئىمام رەشىد رىزا «تەفسىر»ىدە ئىمام ئىبنۇلمۇنزىرنىڭ ناماز بىلەن جۈمە خۇتبىسىدىن باشقا ئورۇندا «قۇرئان»نى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىدە ئىجماﺋ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى نەقىل قىلىدۇ. چۈنكى، قىرائەت قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ قىرائەتىگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە جىم تۇرۇشنى ۋاجىب دېيىشتە، ئوقۇغۇچى – ئۇستازلار ئىلىمنى، قازىلار ھۆكۈم قىلىشنى، ئېلىم – سېتىم قىلغۇچىلار سودا توختاملىرىنى، ئومۇمەن، ھەربىر ئىش ئىگىسى ئىشىنى تاشلاپ قويۇشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(4)

بۇنىڭدىن شۇنى خۇلاسىلەش مۇمكىنكى، مەخسۇس «قۇرئان» سورۇنىدا بولۇپ بىرەر مەشغۇلىيىتى بولمىسا، «قۇرئان»غا قۇلاق سېلىپ تىڭشىشى ۋاجىبتۇر. زۆرۈر بىرەر ئىش ياكى ئېھتىياج تۈپەيلى ناماز ۋە خۇتبە سىرتىدىكى قىرائەتكە قۇلاق سالمىسا گۇناھ بولمايدۇ، قۇلاق سالغاچ ئۆز ئىشىنى قىلالىسا مەيلى. ئىش ياكى زۆرۈر بولمىغان پاراڭ ۋە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئوقۇلۇۋاتقان قىرائەتنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماسلىق مەكرۇھتۇر. ئۈنلۈك پاراڭ سېلىش تېخىمۇ ئېغىردۇر.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «غاپىل قارىيلار سەل قارايدىغان بەزىبىر ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق قۇرئاننى ھۆرمەتلەشمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدىغان ۋە تەكىتلەپ بۇيرۇلغان ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا قىرائەت ئەسناسىدا پاراڭ ياكى ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە كۈلكىدىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿قۇرئان ئوقۇلسا ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ، جىم تۇرۇڭلار، رەھمەت قىلىنىسىلەر ﴾(7/«ئەئراف»: 204) دېگەن بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش لازىم. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قىرائەتتىن بىكار بولغانغا قەدەر گەپ – سۆز قىلمايدىغانلىقىدەك ئىش – ئىزلارنى ئۈلگە قىلىشى لازىم. يەنە قولى ياكى باشقا نەرسىنى ئويناپ ئولتۇرماسلىق لازىم. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا خىتاب قىلىۋاتقان چاغدا ھۇزۇرىدا ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ. يەنە دىققىتىنى چاچىدىغان نەرسىلەرگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ».(5)

ئەمما، ئوقۇلۇۋاتقان «قۇرئان»نى باشقىلار ئاڭلىمىسۇن دەپ قەستەن ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش بولسا، دىنغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان كافىرلارنىڭ ئىشلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىمىز «قۇرئان»نى يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلغاندا كافىرلار بۇ تىلاۋەتنى قۇرەيشلىكلەر ئاڭلىمىسۇن دەپ ئۆزئارا مۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان: ﴿سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۈرىۋېتىڭلار!﴾(41/«فۇسسىلەت»: 26)

تۆۋەندە «قۇرئان» ئوقۇلۇۋاتسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماسلىققا ۋە قۇلاق سېلىپ ئاڭلانمايدىغان ئورۇندا «قۇرئان» ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى ئالىملىرىمىزنىڭ بايانلىرى بويىچە قوشۇپ قويۇشنى پايدىلىق دەپ قارايمەن:

ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە سودا – سېتىق پاراڭلىرى قاپلىغان بازار ۋە كوچىلاردا، شۇنداقلا ھەممە ئۆز پارىڭى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان سورۇنلاردا ئۈنلۈك «قۇرئان» ئوقۇش ياكى قىرائەت ياڭرىتىشنىمۇ بەزى ئۆلىمالار بۇ ئىش ئاۋامنىڭ نەزەرىدە ساۋابلىق ئىش دەپ قارالغىنى بىلەن، ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «قۇرئان»نى قۇلاق سېلىپ تىڭشىغىلى بولمىغانلىق جەھەتتىن «قۇرئان»نى خارلاش دائىرىسىگە كىرىدىغان گۇناھ ئىش دەپ قارىغان ۋە ھارام دېگەن. ئەھۋالغا قاراپ بۇنى مەكرۇھ دېيىشمۇ مۇمكىن.(6)

يەنە ئۆلىمالارنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر ئىش قىلىۋېتىپ قىرائەت تىڭشىغاچ ئۆز ئىشىنى قىلىپ كېتەلىسە، تىڭشاش ۋۇجۇدقا چىققانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدا بىرەر چەكلىمە يوق. ئەمما، پەقەت تىڭشىيالمىسا قىرائەتنى توختىتىۋېتىش لازىم. ئۇخلاش ئالدىدا يېتىپ قىرائەت تىڭشىسىمۇ بولىدۇ. قىرائەت قويمىسا ئۇخلىيالمايدىغان بولسا، قىرائەتنى قويۇپ ئۇخلىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئاخىرقى ئاڭلىغىنى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿دىققەت! دىللار ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدۇ ﴾(13/«رەئد»: 28) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بۇنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە پايدىسى بار.(7)

ئۆيدە ئادەم بولمىسىمۇ قىرائەت ياڭرىتىپ قويۇش مەسىلىسىدە، ئالىملار: «قۇرئان كەرىم» زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، زىكىرغا رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. شەيتاننى قوغلايدۇ. شۇڭا، ئادەمزات يوق ئۆيدە ۋاراڭ – چۇرۇڭ يوق چاغلاردا قىرائەت قويۇپ قويسا بولىدۇ دېگەن. شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئېنىقراق كۆرۈنىدىغىنى شۇكى – ۋەللاھۇ ئەئلەم – ‹بەقەرە› سۈرىسىنىڭ ھەممىنى ئۆي ئىگىسى ئوقۇسا ياكى رادىئو (قويغۇچلار) دا ئوقۇسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك ئاشۇ ئۆيدىن شەيتاننىڭ قېچىشى ھاسىل بولىدۇ» دېگەن.(8)

ئەلبەتتە، ئادەمزات ئاڭلىمىغىنى بىلەن جىنلار ئاڭلىشى مۇمكىن. بۇ «قۇرئان»دا 72/«جىن» سۈرىسىدە ئېنىقتۇر. يەنە «قۇرئان» ئوقۇلغان يەرگە خاتىرجەملىك ۋە كۆڭۈل ئارامى ياغىدىغانلىقى ھەدىسلەردە كەلگەن. بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ساھابەلەردىن بىرى يېنىدا قوش ئارغامچا بىلەن باغلاغلىق ئېتى بار ھالەتتە 19/«كەھف» سۈرىسىنى ئوقۇۋاتاتتى، ئۈستىنى بولۇت قاپلاپ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىپ، ئېتى ئۈركۈگىلى تۇردى، تاڭ ئاتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا سۆزلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ، خاتىرجەملىك ۋە ئارام بەخش ئېتىدىغان مەخلۇقلاردۇر، قۇرئان سەۋەبىدىن چۈشكەندۇر» دېدى.(9)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «شەيتان ‹بەقەرە› سۈرىسى ئوقۇلىدىغان ئۆيدىن قاچىدۇ» دېگەن.(10) بۇ ھەدىستە «ئوقۇلىدىغان» دېگەن سۆزمۇ ئۆي ئىگىسى بولسۇن ياكى ئۈنئالغۇ قويغۇچى بولسۇن ھەرقانداق ئوقۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ‹بەقەرە› سۈرىسىنى كېچىسى ئوقۇسا شەيتان ئۈچ كېچە ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى كۈندۈزى ئوقۇسا، شەيتان ئۈچ كۈندۈز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرەلمەيدۇ» دېگەن.(11)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 11 – رەجەب / م. 2017، 8 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 6 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———–
1. ئىبنى كەسىر: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 2/282؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 7/353؛ نەسەفىي: «تەفسىرۇ نەسەفىي»، 2/53؛ شەۋكانىي: «فەتھۇلقەدىر»، 2/280؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/546؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 4/86.
2. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/364؛ تاھتاۋىي: «ھاشىيەتۇتتاھتاۋىي»، 1/153.
3. زەركەشىي: «ئەلبۇرھان في ئۇلۇمىل قۇرئان»، 1/475.
4. شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ/ شەيخ رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 9/552 – 553.
5. نەۋەۋىي: «ئەتتىبيان في ئادابى ھەمەلەتىل قۇرئان»، 1/47.
6. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 1/495.
7. «لقاء الباب المفتوح»، 14/146. سؤال رقم: 88728. http://ar.islamway.com/fatwa/3314
8. شەيخ ئىبنى باز: «شەيخ ئىبنى باز پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 24/413. «فتاوى الشبكة الإسلامية»، رقم الفتوى: 5256.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5011)؛ «مۇسلىم»، (795).
10. «مۇسلىم»، (780).
11. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (780).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ