سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تاراۋىھ نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان تەسبىھ، يەنى، «سۇبھانەل مەلىكىل قۇددۇس، سۇبھانە زىلمۇلكى ۋەلمەلەكۇت، سۇبھانە زىلئىززەتى ۋەلئەزەمەتى… »نى پۈتكۈل جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش بىدئەتمۇ ياكى توغرىمۇ؟ بۇنى ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ ياكى ئوقۇمىغانمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تاراۋىھ نامىزى ھەر تۆت رەكئەتتە بىر ئارام ئېلىپ ئوقۇلىدۇ. «تاراۋىھ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ ئارام ئېلىشتىن كەلگەن. بۇنداق ئارام ئېلىش مۇستەھەب ئىشتۇر. بۇ ئارىلىقتا تەسبىھ ئېيتسىمۇ، يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇسىمۇ، قۇرئان ئوقۇسىمۇ، جىم ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ، چاي – پاي ئىچىپ دەم ئالسىمۇ بولىدۇ، ۋەز – نەسىھەت قىلسىمۇ، بىرەر كىتابتىن جامائەتكە ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسجىدى ھەرەمدە بولسا، كەئبەنى تاۋاب قىلسىمۇ بولىدۇ.
سىز دېگەن تەسبىھ ئېيتىش ئۇسۇلىنى تۆت رەكئەت تاراۋىھتىن كېيىن ئوقۇش سۈننەت دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقى بىزگە يېتىپ كەلمىگەن، لېكىن ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن شۇنداق تەسبىھ ئېيتىش توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىر نامىزىدا «سەببىھىسمە رەببىكەل ئەئلە» ۋە «قۇل يا ئەييۇھەل كافىرون» ۋە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد»نى ئوقۇيتتى، سالام بەرگەندىن كېيىن: «سۈبھەنەل مەلىكۇل قۇددۇس» دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى، ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازىنى سوزۇپ دەيتتى.(^[1])
يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سوزىدۇ» دەپ كەلگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھ» دېگەن ئىبارە زىيادە كەلگەن.(2)
يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ ۋە سەجدىدە: «سۈببۇھۇن قۇددۇس رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھ» دەيتتى.(3)
بۇ ھەدىس يۇقىرىقى ھالەتلەردە مۇشۇنداق تەسبىھ ئېيتىشنىڭ سۈننەت، مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمما، تاراۋىھ نامىزىنىڭ ھەر تۆت رەكئەت ئارىلىقىدا مۇشۇ ئىبارە بىلەن تەسبىھ ئېيتىشنىڭ ئۆزى بولسا سۈننەت ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تاراۋىھنىڭ تۆت رەكئەت ئارىلىقىدا دېمىگەن، شۇنداقلا بۇ، بىدئەتمۇ ئەمەس، بەلكى جائىز ھەم مۇستەھەبتۇر، چۈنكى تاراۋىھ نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا بىز ھەرقانداق ئىبارە بىلەن تەسبىھ ياكى زىكىر قىلساق جائىز ھەم مۇستەھەب بولاتتى، بۇ خىل شەكىلدە تەسبىھ ئېيتساقمۇ جائىز ھەم مۇستەھەب بولىدۇ، ئەلبەتتە. چۈنكى، بۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن، بۇنى «سۈننەت» دەپ ئاتىۋالمىساقلا بولدى.
ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «تاراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەبلىرىدىن يەنە، ئىمام ھەر تۆت رەكئەتنى ئوقۇپ بولغىنىدا تۆت رەكئەت مىقدارى ئولتۇرۇپ تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتىپ دۇئا قىلىدۇ. بەشىنچى تۆت رەكئەتتىن كېيىنمۇ تۆت رەكئەت مىقدارى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سەلەفلەردىن كەلگەن».(4)
سەلەفلىرىمىزدىن مەككە ئەھلى ھەر تۆت رەكئەت تاراۋىھ نامىزى ئارىلىقىدا كەئبەنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلغان، مەدىنە ئەھلى بولسا، ھەر تۆت رەكئەت تاراۋىھ نامىزى ئارىلىقىدا تۆت رەكئەتتىن ناماز ئوقۇۋالغان، بۇلار ھەممىسى سەلەفنىڭ ئىشىدۇر.
دىيارىمىزدا مەككەدىكى ھەرەم مەسجىدى ياكى مەدىنەدىكى پەيغەمبەر مەسجىدى بولمىغاندىن كېيىن، ساۋابى كۆپ ئىشلاردىن تەسبىھ ئېيتىشنى تاللىغان، تەسبىھ ئېيتىشنى يا ھەدىستە، ياكى سەلەفنىڭ بىرەر سۆزىدە چەكلىگەن يېرى يوق.
ئىمام ئەكمەلۇددىن بابەرتىي ئېيتىدۇ: «ئىككى ھەرەم ئاھالىسى ئارىلىقتا ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، مەككە ئاھالىسى ھەر تۆت رەكئەت ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىشتا يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىۋالىدۇ. مەدىنە ئاھالىسى ئۇنىڭ ئورنىغا تۆت رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇۋالىدۇ. ھەر يۇرتنىڭ ئاھالىسى بۇ ئارىلىقتا تەسبىھ ئېيتامدۇ، تەھلىل ئېيتامدۇ ياكى جىم ئولتۇرۇپ ساقلامدۇ، ئىختىيارى».(5)
بۇ تەسبىھنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول ۋە ئېسىل، شۇڭا، بىز ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تەسبىھ ئىبارىلىرىدىن ئەۋزەل دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ تەسبىھنى يۇقىرى ئاۋازدا دېسۇن ياكى كۆپچىلىك بىرلىكتە دېسۇن، ھەممىسى جائىز ئىش. چۈنكى، تەسبىھ ئېيتقاندا چوقۇم ئىچىڭدە دېيىشىڭ كېرەك ياكى يالغۇز دېيىشىڭ كېرەك دەيدىغان بىرەر چەكلىمە يوق.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن، ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكرى ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى:
– تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، – دەپ چاقىرىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورۇۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن:
– بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ – دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:
– ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، – دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
– ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
– ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان.
– ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟
– ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى.
– ئۇنداقتا، ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟
– سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ.
– ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
– ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى.
– ئۇنداقتا، ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟
– دوزاختىن.
– ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
– ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟
– ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى،
– ئۇنداق بولسا مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتتىم. پەرىشتىلەردىن بىرى:
– ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار:
– ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، دەيدۇ.»(6)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 5 – شەئبان / م. 2011، 6 – ئىيۇل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 112 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەھمەد»، (15390 – 15399)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1430)؛ «نەسائىي»، (1429 – 1432). «ئىسنادى ھەسەن». قاراڭ: ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 4/339.
2. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (8115)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (4640)؛ «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2/31.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (872).
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/290.
5. ئەكمەلۇددىن بابەرتىي: «ئەلئىنايە»، 2/237.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6408)؛ «مۇسلىم»، 2689).