51 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) ئادەت كۆرمىگەن، ئەمما 12 ياشقا كىرگەن قىز بالا پەزر ھەج قىلالامدۇ؟
2) ئەگەر پەرز ھەج قىلىش توغرا كەلسە، ماددىي ۋە مەنىۋي جەھەتتىن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ «قۇربانلىق قىلىش… ۋاھاكازا» دېگەندەك بالاغەتكە يەتكەن چوڭ ئاياللارغا ۋاجىب بولغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىنى ئادا قىلىشى كېرەكمۇ؟ تەرتىپى قانداق بولىدۇ ۋە قايسى شەكىلدە ئادا قىلىشى كېرەك؟
3) ئۇ كىچىك بالا ۋە ئانىسىغا ئۆگەي، دادىسى ئۇلارغا مەھرەم بولۇپ بارغان ئىدى، ھازىرقى ھەرەمنىڭ شارائىتىدا ئاياللار پەرز ھەج قىلىش ئىمكانى بار، ئەمما ئەرلەرگە قىيىندەك تۇرىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا مەھرەمسىز ھەج ئىبادىتىنى ئانىسى بىلەن قىلالامدۇ؟ تەپسلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن. امين.
4) بۇ قىز ئۆز دادىسى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ.
1) ھەج دېگەن بويىغا يەتكەندە ئاندىن پەرز بولىدۇ. بويىغا يەتمىگەن بولسا پەرز بولمايدۇ. 12، 13 ياكى 14 ياشتا بويىغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ شۇ قىزنىڭ ئەھۋالىغا باغلىق.
2) ئەگەر ئۇ قىز بويىغا يەتكەن بولسا، ھەممە جەھەتتىن چوڭلارغا ئوخشاش شارائىت ھازىرلايدۇ. ئۇنىڭدا پەرق يوق. بويىغا يەتمىگەن بولسا، بۇ نەپلە بولىدۇ، گەدىنىگە پەرز ئەمەس. ئاتا – ئانىسى خاھلىسا، بىللە ھەجگە ئېلىپ چىقسا ئەجىرگە ئېرىشىدىغان ئىش. ئۇ چاغدا نەپلە بولغان تەقدىردىمۇ 12 ياشلىق قىز بالىغا تەمەتتۇﺋ ھەج (ئۆمرە قىلىپ ئىھرامدىن چىقىپ، ئاندىن ھەج قىلىدىغان ھەجنىڭ تۈرى) قىلغان تەقدىردە قۇربانلىق قىلىش كېرەك بولىدۇ.
3) مەھرەم مەسىلىسىگە كەلسەك، مەككەگە سەپەر قىلىشتا مەھرەم شەرت. مەككەگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن مەھرەم بولغۇچى مەككەدە قېلىپ قالسا، ھەج قىلىدىغان قىز ۋە باشقا ئاياللار مىنا، ئەرافات ۋە مۇزدەلىفەلەرگە چىقىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ سەپەر ئەمەستۇر.
4) دادىسى ئۈچۈن ھەج قىلىش مەسىلىسىدە، بالىلار بويىغا يېتىپ، ئۆزى ئۈچۈن پەرز ھەجنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشقىلارغا ھەج قىلىپ قويالايدۇ. ئۇنىڭغا قەدەر باشقىلارغا قىلىپ قويالمايدۇ.
52 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى: 1) تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىق ئالغان بەزى قېرىنداشلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى سەئۇدىنىڭ ئىقامىتىنى ئېلىپ، بالىلىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ياشاۋېتىپتۇ. سەئۇدىنىڭ ئىقامىتى دېگەنلىك سەئۇدىيلىك بىر ئەرەبنىڭ شەخسىي شوپۇرى ياكى ئائىلە خىزمەتچىسى بولۇپ كېلىشكەن. بۇ كېپىلگە باغلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقاتقاندەك ئىشكەن. ئەمدى تۈركىيەدەك ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ياشىيالايدىغان بىر يەردىن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان بۇ يەرگە كېلىپ ياشاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 2) سەئۇدىيغا شوپۇرلۇق، ئائىلە خىزمەتچىسى دېگەندەك نام بىلەن ئىقامەت ئېلىپ كەلگەنلەر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، كېلىشىم بويىچە كېپىلىنىڭ شۇ خىزمىتىنى قىلماي، ئۆزى شەخسىي باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ ساختىلىق، يالغانچىلىققا كىرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە ھەممىلىرىنى ئىمان ۋە ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلسۇن. تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىشلەشكە بارغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى، سىستېمىسى دائىرىسىدە بەزىبىر ئەركىنلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغان ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بېرىپ قېلىشتىن ئىبارەت. تۈركىيەدىن بۇنداق كەتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالغان بولۇشى، يەنە بەزىلىرى «جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىم تەرەپلىرىنى بالىلىرىغا زىيانلىق» دەپ قاراپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەنچە بۇنى ھەركىم ئۆزى شەخسىي قارار ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پايدا – زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىپ ئىش تۇتسا بولىدىغان ئىختىيارىي مەسىلە دەپ قارايمەن.
ئىككىنچى مەسىلىدە، ئىقامەتنى شوپۇرلۇق ياكى مەلۇم بىر ئىشقا ئېلىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشنى قىلمىغان ئەھۋال بولسا، بۇ ساختىلىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىش. ئەگەر تۆت، بەش كىشى بىرلىشىپ بىر ئىش قىلالايدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەركىن، ئازادە ئىش قىلغىلى بولىدىغان، مال – مۈلۈكنى شىركەتنىڭ نامىغا ئالالايدىغان ۋە نەچچە ئادەمگە ئىقامەت ئالغىلى بولىدىغان شارائىت ۋە ئىمتىيازلار باركەن.
53 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مىنا، ئەرافاتقا چىقىشتا ۋە كەئبەگە كىرىشتە توسۇقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كارتا ۋە بىلەيزۈك دېگەندەك رۇخسەتنامەلەرنىڭ ساختىسىنى ياسىتىپ ئىبادەت قىلىش جائىزمۇ؟ قىلىپ سالغانلارنىڭ گۇناھى قانداق بولىدۇ؟ فىديە ۋاجىب بولامدۇ؟ ھەج ۋە ئىبادەتلەرگە نۇقسان يېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەجگە بېرىش، ئىبادەت قىلىش ئەلبەتتە تەلەپ قىلىنغان ئىش. لېكىن، ساختا كارت، ساختا بىلەيزۈك ياساپ، ھاجىلار قاتارىدا چىقىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى گوللاش قاتارلىقلار ساختىلىق، ھارام ئىش بولغاچقا، بۇ قىلمىش گۇناھ بولىدۇ. ئەمدى بۇنى قىلىپ قالغانلار بولسا، ئىستىغپار ئېيتىپ، مەلۇم مىقداردا پۇل سەدىقە قىلىۋەتسە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، گەرچە ساختىلىق، يالغانچىلىق ئارىلىشىپ قالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ گۇناھى ئايرىم بولىدۇ، ھەج ۋە ئۆمرە جايىدا، توغرا بولۇۋېرىدۇ.
54 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن (ئايال كىشى) مەدىنەدىن ئىھرام باغلاپ، مەككەگە ماڭغان ئىدىم. مەككەگە ئاز قالغاندا، ساقچى توسۇۋېلىپ، بىزنى قايتۇرۇۋەتتى. مەدىنەگە قايتىپ كېلىپ، ياتاققا كىرىپ، كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپتىمەن. بۇنىڭغا جازا كېلەمدۇ؟ يەنە باشقا يول بىلەن مەككەگە بارماقچى بولۇۋاتىمىز، ئۇنداقتا قايتىدىن ئىھرامنى نىيەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئايال كىشىنىڭ ئىھراملىق ئايرىم كىيىمى بولمايدۇ. كىيىمنى ئالماشتۇرسىمۇ چاتاق يوق. نىيەت ئۆزگەرتىش بولمىغان بولسىلا بۇرۇنقى ئىھرام نىيىتى كۈچكە ئىگە.
55 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. تېپىۋېلىنغان نەرسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىپ ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ. ئىگىسىنى تاپالمىسا، ئۆزى موھتاج بولسا ئۆزى پايدىلىنىدۇ. ئۆزى موھتاج بولمىسا ئىگىسىگە ئاتاپ سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.
56 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن ئۇستازنىڭ «بانكىدىن ئالغان ئۆسۈمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەن پەتۋاسىنى ئوقۇپ چىقتىم. سورايدىغان سوئالىم: مېنىڭ «زىرائەت» بانكىسى ۋە «كۇۋەيت تۈرك» بانكىسىدا ھېسابىم بار. بۇ ھېسابلىرىمدا ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان بۇرادەرلىرىمنىڭ «دوللار»، «ياۋرو» دېگەندەك ئامانەتلىرى بار. بۇ پۇللارنى ماڭا ساقلاپ بېرىشىم ئۈچۈن ئامانەت قويغان ئىدى، نەچچە يىلنىڭ ياقى ساقلاپ بېرىۋاتىمەن. مەن بۇ پۇللارنى خاھلىغان ۋاقىتتا ئالالايمەن. ماڭا ئايرىم ئۆسۈم چىقمايدۇ، لېكىن ئۇلار بىز قويغان بۇ پۇللارنى ئۆسۈم ئېلىپ، ئۆسۈم بېرىپ دېگەندەك ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بانكىنىڭ جازانە ئىشلىرىغا ياردەم قىلغاندەك بولۇپ قالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆيدە ساقلىيالايدىغان، بىخەتەرلىك جەھەتتىن خاتىرجەم بولالايدىغان تۇرۇپ، بانكىغا پۇل قويسا، ئەلبەتتە جازانە بانكىلارغا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ ساقلىشى قىيىن بولسا، مەجبۇر بولغاچقا مەيلى بولىدۇ.
57 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۇكام بىلەن بىر ئويدە بىللە ياشايمىز. ئۇكام بويتاق، لىكىن، زاكات ئايرىغۇدەك ئىقتىسادى بار. ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بولمىغانلىقى ئۇچۇن بويتاق ئۇكامغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بۇلامدۇ ياكى بىز بىر ئۆيدە بولغانلىقىمىز ئۇچۇن مەن قىلسام كۇپايە بۇلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىر قۇربانلىق كىشىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك. ئەگەر چىقىمىنى ئاتىسى قىلىپ بېرىدىغان بولسا بىر ئۆيدە ئولتۇرغان چوڭ بالىچاقىلارغىمۇ ئاشۇ بىر قۇربانلىق يېتەرلىك. يەنە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان ئاكا – ئۇكا، جىيەن ۋە تاغا قاتارلىق تۇغقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى بىر بولسا، يەنى ئۇلارنىمۇ مۇشۇ ئائىلە ئىگىسى باقىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ ئاشۇ بىر قۇربانلىق يېتەرلىك. چۈنكى ئۇلار بىر ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئىقتىسادى ئايرىم ئاكا – ئۇكا، جىيەن، تاغا قاتارلىق تۇغقان كىشى بولسا قۇربى يەتكەن ئەھۋالدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم قۇربانلىق ۋاجىب بولىدۇ. دېمەك خىراجەت قىلىپ باققۇچى بىر بولسا بىر قوي يېتەرلىك، ئۆزىنىڭ خىراجىتىنى ئازى قىلىدىغان بولسا يېتەرلىك ئەمەس. نۇغقان بولمىغان كىشى بىرەر ئائىلىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرغان بولسا، ئۇ ئائىلە ئۇ كىشىنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ باقمايدىغان بولسا، ئۇ ئائىلىنىڭ قۇربانلىقى ئۇلارغا يېتەرلىك بولمايدۇ.
58 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەر كىشىلەرنىڭ ۋە ئوغۇل بالىلارنىڭ ھالقا تاقىشى ھاراممۇ؟ ھارام بولسا مۇسۇلمان ۋە خەلىفە بولغان پادىشاھلار نېمىشقا تاقىغان؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەر كىشىنىڭ ۋە ئوغۇل بالىنىڭ قۇلىقىغا ياكى بۇرنىغا مەيلى ئالتۇن – كۈمۈش، يىپ، خۇرۇم ياكى باشقا نەرسىدە ھالقا، بوينىغا زەنجىر ۋە قولىغا بىلەيزۈك دېگەندەك نەرسىلەرنى تاقىشى، قۇلىقىنى ياكى بۇرنىنى تەشتۈرۈشى ھارام. ئەرلەر ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ خىل زىبۇزىننەتنى ئېلىپ – سېتىش، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كىراغا ئاپىرىشمۇ ھارام. بۇ زىبۇزىننەت ئالتۇن بولسا، گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان ۋە يىپەك بىلەن ئالتۇننى ئەرلەرگە ھارام قىلغان. چۈنكى، بۇ ئەرلەرنىڭ تاقىشى ھارام قىلىنغان زىبۇزىننەت، شۇنداقلا ئاياللارغا ۋە مۇخەننەسلەرگە ئوخشىۋېلىشتۇر. ھالبۇكى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئەركەكلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ياشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىختا مۇسۇلمان بەزى پادىشاھلار ھالقا تاقىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى. ئۇلار ھېچ گۇناھ قىلمايدىغان مەسۇم زاتلار ئەمەس. ئەرلەرگە پەقەتلا كۈمۈش ئۈزۈك تاقاشقا رۇخسەت. چۈنكى، ئۈزۈك مۆھۈر ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى.
59 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ ئىزمىلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى كۈندىن – كۈنگە چېكىنىپ كېتىپ بارغان بۇ كۈنلەردە بەزى نەق پۇللارنى دوللار قىلىپ ساقلاشقا توغرا كەلدى. ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرسىدىن چوڭ بولۇش قارا نىيىتى بىلەن دوللار كۈچىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. خىتتاي، رۇس ۋە ئىراندەك دۆلەتلەر مۇناسىۋەت ئىشىدا دوللارنى ئىشلەتمەسلىكتەك بىر نىشانغا قاراپ كېتىپ بارىدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن لىراغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. دوللارنىڭمۇ كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپ بارىدۇ. پۇلغا ئالتۇن ئېلىپ قويساق، ئوغرىلار ئالتۇن تونۇيدىغان سايمان بىلەن ئوغرى ئېلىش خەتىرى تېخى يامان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ئىسلام بۇ خەتەرگە قاراپ تۇرمايدۇ. «بىرەر يول بولۇپ قالارمۇ» دەپ سوئال بېرىلدى. مەسىلەن «ئالتۇن – كۈمۈش ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ» دېگەندەك بىر مۇلاھىزەلەر بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئالتۇن – كۈمۈشنى ساقلاش مەسىلىسى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن – كۈمۈشنى پەقەت پۇلىمىزنىڭ قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش مەقسەتتە بانكىدىن ئېلىپ قويساق شەرىئەتتە رۇخسەت بارمىدۇ؟ يەنە بىر گەپ «ئەمىن ئەۋىم»نى توختاتتۇق، پايچەكنى توختاتقان بولدۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىسادىي چىقىش يولى ئېتىلىپ كېتىپ قالارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئالتۇننى ئۆيدە ساقلاش ئوغرىغا بېرىش خەۋپى سەۋەبلىك بىخەتەر بولمىسا بانكىدىن كاسا ئىجارىلاش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ئەمما، بانكا ھەقىقىي (فىزىكىي) ئالتۇن – كۈمۈش ساتمىغاچقا، مەيلى قايسى مەقسەتتە بانكىدىن ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سودا ئوبيېكتى ئالتۇن – كۈمۈش ئەمەس. پەقەت ئىسىمدا شۇنداق ئاتىلىدۇ. بۇ يوق نەرسىنى سېتىش ھەم جازانە دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇبادا بانكا سىزگە ھەقىقىي ئالتۇن – كۈمۈشنى نەق سېتىپ ئۇنى سىز ئۈچۈن سېرىيال نومۇرى بىلەن شۇ پېتى ساقلاپ بەرسە ئىدى. جائىز بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ خىل تىجارەت بانكىلاردىكى مەۋجۇد سىستېمىدا يوق. بانكىلاردا ئەمەلىيەتتە يوق ئالتۇن – كۈمۈشنى «ئېلىپ – ساتتۇق» دەيدىغان مەۋھۇم تىجارەت سىستېمىسى بار. بۇ شەرىئەتتە ئېغىر قىلمىش بولغان جازانە ھېسابلىنىدۇ. «ئەمىن ئەۋىم»، پايچەك، فورىكىس، شاخلىتىپ سېتىش … بۇلار ھەممىسى ئىسلام ھالال قىلغان تىجارەت ئەمەس، ھارام قىلغان جازانە. «ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانەنى ھارام قىلغان». شۇڭا، بۇلاردىن توختاش ئەقەللىي مۇسۇلمانلىق تەقەززاسى. بۇلار ھېلىغۇ مۇسۇلمانلاركەن، كافىرلار ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادىي چىقىش يولى ئەمەس. ئەكسىچە، خانىۋەيرانلىق يولىدۇر. ئېلىم – سېتىم، تىجارەت يولى ھېچقاچان ئېتىلىپ قالغىنى يوق. جاپاسىز، خەۋپسىز، مېھنەتسىز ساپلا ھارام ئىشقا كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلسە، «يول تاقىلىپ قالدى» دېسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىلا ئۇ يول «مۇسۇلمان»غا تاقاق يول ئىدى.
60 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك. مەن نورۋېگىيەدە تۇرىمەن. قۇربانلىق قىلىش ئىقتىسادىم بولسىمۇ. قۇربانلىق قىلىش شارائىتىم يوق. نورۋېگىيە دىنىي ئىشلار مۇپتىلىكىدىن 1500 كۇرۇن يەنى 4300 لىراغا تەڭ كېلىدىغان پۇلنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسە قۇربانلىق ئادا تاپىدۇ دەپ پەتۋا چىقىرىپتۇ. بۇ پەتىۋانىڭ ئاساسى قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنىڭ بىر قىسمىنى مېھمان ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ئۆزى ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلدىمۇ. بۇنى بىلمىدۇق، ئەمما قايىل بولمىدىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن بىر پەتىۋا سورىغۇم كەلدى. 1) جەزمەن قۇربانلىققا باش كېسىپ گۆش يېيىش ياكى شۇ گۆشتىن ئېھتىياجلىقلارغا بېرىش شەرتمۇ؟ 2) قۇربانلىق قىلماقچى بولغان پۇلنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم بولامدۇ؟ 3) قۇربانلىققا ئاتاپ قويغان پۇلنىڭ قانچە پىرسەنتىنى بېرىشىم شەرت ياكى ھەممىسىنى بەرسەم بولامدۇ؟ 4) مەندىن قۇربانلىق ئۈچۈن ئالغان ئېھتىياجلىق كىشى قۇربانلىق قىلماستىن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن ئابدۇقادىر.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئىگەم ئۆزلىرىنى ۋە ياۋروپادىكى قېرىنداشلارنى سالامەت ۋە دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن! سىز بۇ ئەھۋالدا باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى تاپشۇرسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ. سىز پۇلنى تاپشۇرغان ئېھتىياجلىق كىشى قۇربانلىق قىلماستىن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىغا ئىشلەتسە بولمايدۇ. چوقۇم قۇربانلىق قىلىشى كېرەك. قۇربانلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشى گۆشىنى سېتىپ خەجلىسە مەيلى. پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «سىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلدىم» دەپ يالغان ئېيتىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە قۇربانلىق قىلمىسا، سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىز ئادا بولىۋېرىدۇ. گۇناھىغا شۇ كىشى مەسئۇل.
قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى ئۆزى يېسە، ياكى سەدىقە قىلىۋەتسە، ياكى ھەدىيە قىلىۋەتسىمۇ مەيلى. ئىمام مالىك ئايەت – ھەدىسلەردە مەلۇم چەك بېكىتمىگەن بولغاچقا: «قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، باي – كەمبەغەللەرگە خاھلىسا خام بېرىدۇ، خاھلىسا پىشۇرۇپ يېگۈزىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت مۇسۇلمانغىلا يېگۈزىدۇ. ئۆزى يەيدىغان، بېرىدىغان ۋە سەدىقە قىلىدىغان مىقدارنىڭ چېكى يوق» دېگەن.
بەزى ئالىملار ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشنى ئەڭ ئەۋزەل، دەپ قارىغان. بۇ مەزمۇندا ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قاتارلىق بەزى ساھابەلەرنىڭمۇ ئۈچ ئۈلۈش قىلىپ تەقسىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئىش – ئىزلار كەلگەن. دېمەك، قۇربانلىقنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ئۈچتىن بىرىنى پېقىرلەرگە يېگۈزۈش شەرت ئەمەس. مۇستەھەب دەپ قارالغان ئىش.
نۇرۋىگىيە دىنىي ئىشلار مۇپتىلىكىنىڭ مەزكۇر پەتۋاسى بەلكىم نۇرۋىگىيەدە قوي سويۇش ئىمكانىيەتنىڭ يوقلۇقىغا ۋە «ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىش ئەۋزەل» دېگەن قاراشقا تايانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ پەتۋا ئايەت – ھەدىسلەرگە زىتتۇر. چۈنكى، قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(22/«ھەج»: 36، 37).
ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «چۈنكى، بوغۇزلاش بىلەن قان ئېقىتىشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدە ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108/«كەۋسەر»: 2)؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم) دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 162). دېمەك، ھەربىر شەرىئەتتە ناماز بىلەن قۇربانلىق باردۇر. باشقا بىر ئىبادەت ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەج تەمەتتۇﺋ ياكى ھەج قىران قىلغاندا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى سەدىقە بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. قۇربانلىقمۇ شۇنداق».
دېمەك، كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى ۋە بەلگىلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي، نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلبەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى.
61 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سەئۇدى نېفىت شىركىتى ئارامكو ئەتە پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن 3 كۈنلۈك خەلققە ئېچىۋېتىدىكەن. شەخسىي ھېسابتا مۇشۇنى سېتىۋالساق بولامدۇ؟ 3 ئايدىن كېيىن پايدا ئايرىپ بېرىدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئارامكو (Aramco)نىڭ ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ناتوغرا توختاملارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىش قىلىدۇ دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ باقسا بولىدۇ. شىركەتنىڭ 2008 – يىلدىكى دوكلاتىدا كېلىشىچە جازانىلىك قەرز ئالغان تەرىپى باركەن. ئەھۋال شۇنداق بولسا «ئىسلام فىقھى ئاكادىمىيەلىرى»نىڭ قارارى بويىچە، ئۇنىڭ پېيىنى ئېلىش ھارامدۇر.
1992 – يىلى 5 – ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان:
1. مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر.
2. ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.
3. ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر(قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7-12 ذي القعدة 1412 الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. («مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة»، (7-1/712).).
بۇندىن باشقا، 1995 – يىلى رابىتىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 14 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن:
1. مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس.
2. بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم(قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلام في دورته الرابعة عشرة سنة 1415 هـ الموافق 1995.).
پاي چېكى ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغۇچى پايچېكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، گەرچە ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ شىركەتنىڭ جازانىلىك ئىشلىرى بولسا، ئۇنىڭ پېيىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
62 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! پەرز ھەج قىلغۇچى زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى 10 كۈنىدىكى روزىنى تۇتامدۇ ياكى تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇش كېرەك» دەيدىغان گەپ يوق. ھەدىستە كەلگىنى بولسا «زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە قىلغان تائەت – ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەتتا جىھاد قىلىشتىنمۇ يۇقىرى، پەقەتلا ئۆزى ۋە جېنى بىلەن جىھادقا قاتنىشىپ ئۆزىمۇ، مېلىمۇ ساق قالمىغان مۇجاھىدنىڭ ئەمەلىلا بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، زىكىر ئېيتىش، سەدىقە قىلىش… دېگەندەك ھەرتۈرلۈك ياخشى ئەمەللەرنى قىلساق بولىدۇ. «روزا تۇتاي» دېگەن تەقدىردە، پەرز ھەج قىلىۋاتقانلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، 10 كۈن تولۇق تۇتۇشقا بولمايدۇ. 10 – كۈنى ھېيت كۈنى بولغاچقا، ھەج قىلىۋاتقانلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ھېيت كۈنى روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ. بۇ 10 كۈننىڭ دەسلەپكى 8 كۈندە ھەج قىلىۋاتقان كىشى بولسۇن ياكى باشقا كىشى بولسۇن روزا تۇتۇشى پەزىلەتلىك ئىش، مۇستەھەب ئەمەلدۇر. پەرز ھەجگە بارمىغانلار بۇ ئاينىڭ 9 – كۈنى يەنى ئەرافات كۈنى تۇتسا بولىدۇ. ئەرافات كۈنى روزا تۇتۇشمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ياخشى ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھتىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. لېكىن، ھەج قىلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ، تۇتماسلىقى سۈننەت، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تۇتمىغان. شۇنداقلا ئۇ كۈندىكى زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە باشقا جاپالىق ئىبادەتلەر سەۋەبىدىن ھەرەج تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۇتمىسا ياخشى بولىدۇ. لېكىن، تۇتسا مەيلى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. دېمەك، بۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇش دەيدىغان گەپ يوق.
63 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئەجىرلىرىنى زىيادە قىلسۇن. كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەردە ناماز ئوقۇساق كەئبەگە قاراپ تۇرۇپ ناماز ئۆتەمدۇق ياكى نورمالدىكىدەك يەرگە قاراپمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ھەممىلىرىدىن تائەتلەرنى قوبۇل قىلسۇن! كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەردە ناماز ئوقۇغاندا، قىيامدا تۇرغاندا كۆزى سەجدىگاھىدا بولىدۇ. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆزى ئاللاھ تائالادىن ئەيمەنگەنلىكتىن سەجدە قىلىدىغان ئورۇندىن نېرىسىغا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(ھاكىم: «مۇستەدرەك»، 1762)، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشتا ئاسمانغا قارىغان. ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار نامازلىرىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»، 1 -، 2) دېگەن ئايەتىنى نازىل قىلىۋىدى، ئاندىن بېشىنى ئېگىپ يەرگە قارايدىغان بولغان(ھاكىم: «مۇستەدرەك»، 3483). يەنە ھەدىستە «كۆزى ئىشارەت قىلغان بارمىقىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ» دېيىلگەن («ئەبۇ داۋۇد»، 990). بۇ تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندىكى ئەھۋال. بۇلارغا ئاساسەن، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قىيامدا تۇرغاندا سەجدىگاھىغا قاراش مۇستەھەبتۇر. مالىكىي ئالىملار ﴿يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»، 144 ) دېگەن ئايەتكە ۋە بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ: «قىيامدا قىبلە تەرەپكە قارايدۇ» دېگەن. ھەرەم مەسجىدتە كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەردە ناماز ئوقۇغاندىمۇ سەجدىگاھىغا قاراش «ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش»نى ھاسىل قىلىشقا ئەڭ پايدىلىق. ئايرىيدىغان دەلىل بولمىغاچقا، شەجدىگاھىغا قاراشتا كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەر بىلەن باشقا يەر ئوتتۇرىدا پەرق يوق. بولۇپمۇ، نەفلە نامازدا كەئبەگە قارسىا ئالدىدىن تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۆتۈپ تۇرغاچقا، دىققفىتى بۇزۇلىدۇ. بەزى ئالىملار: «رۇكۇ قىلغاندا ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قارايدۇ» دەيدۇ. ئومۇمەن، نامازدا تۇرغاندا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەكىلدە تۇرۇش لازىم. دېمەك، نامازدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇش ۋاجىب. سەجدىگاھىغا قاراش مۇستەھەب. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
64 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «شۈكۈر نامىزى»، «ھاجەت نامىزى» دەپ ناماز ئوقۇيدىغانلار بار ئىكەن. ئوقۇغاندىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇيدىكەن. بۇ نامازلار قانداق ناماز؟ پەيغەمبىرىمىز قىلغانمۇ؟ قىلغان بولسا، قانداق چاغدا قىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق، ئەلھەمدۇلىللاھ.
شۈكۈر سەجدىسى (سَجْدَةُ / سُجُودُ الشُّكْرِ): بەندە بىرەر نېئمەتكە ئېرىشكەندە ياكى بىرەر بالا – مۇسىبەتتىن قۇتۇلغىنىدا، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ناماز سىرتىدا قىلىدىغان بىر سەجدەدۇر. كۆپچىلىك فۇقەھائلارنىڭ نەزەرىدە شۈكۈر سەجدىسى شەرىئىتىمىزدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى سۈننەت دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسمى جائىز دەپ قارايدۇ. بۇلار: «ئۇنىڭغا نامازغا شەرت قىلىنغان تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. سەجدە قىلىش ئۇسۇلى نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت سەجدىسى قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ بىر تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىدۇ ۋە ئاللاھقا ھەمد ۋە تەسبىھ ئېيتىدۇ. يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈرىدۇ» دەيدۇ. بۇلارنىڭ قولىنى كۆتۈرۈش، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش ۋە سالام بېرىشتە ئوخشىمىغان قاراشلىرى بار. بەزى ئالىملار: «شۈكۈر سەجدىسى بىلەن بىللە سەدىقە بەرسە ھەم نەپلە ناماز ئوقۇسا ياكى شۈكۈر سەجدىسى ئورنىغا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ياخشى» دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ خىل سەجدە قىلىش مەكرۇھ بولۇپ، ئۇنى قىلمىغان تۈزۈك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/245 – 249، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
ئەمما دىنىمىزدا «شۈكۈر نامىزى» دەپ ئالاھىدە ئاتالغان بىر ناماز يوقتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، شۈكۈر سەجدىسى ئورنىغا نەپلە ناماز ئوقۇسىمۇ مەقسەت ئادا تاپىدۇ.
ھاجەت نامىزى (صَلاَةُ الْحَاجَةِ): كىشى ھاجىتىنىڭ راۋا قىلىنىشىنى تىلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش چەكلەنمىگەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغان ئىككى ياكى تۆت رەكئەت نەپلە نامازدۇر. فۇقەھائلار نەزەرىدە بۇ نامازنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە دېگەنكى: «بىرىڭلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ياكى بىرەر كىشىگە ھاجىتى چۈشسە، كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) گە دۇرۇد يوللىسۇن. ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: ‹لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْحَلِيمُ الْكَرِيمُ سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ أَسْأَلُكَ مُوجِبَاتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمَ مَغْفِرَتِكَ وَالْغَنِيمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ وَالسَّلَامَةَ مِنْ كُلِّ إِثْمٍ لَا تَدَعْ لِي ذَنْبًا إِلَّا غَفَرْتَهُ وَلَا هَمًّا إِلَّا فَرَّجْتَهُ وَلَا حَاجَةً هِيَ لَكَ رِضًا إِلَّا قَضَيْتَهَا يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ / ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە كەرەملىك ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسى ئاللاھ بارلىق ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر. بارلىق مەدھىيە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سەندىن رەھمىتىڭنىڭ ۋەسىيلىلىرىنى، مەغپىرىتىڭنىڭ سەۋەبلىرىنى، ھەر ياخشىلىققا نېسىپدار بولۇشۇمنى ۋە ھەر گۇناھتىن سالامەت قېلىشىمنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ھېچقانداق گۇناھىمنى قويماي كەچۈرگەيسەن، ھېچقانداق غەم – ئەندىشەمنى قويماي يوق قىلغايسەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ھەر قانداق ھاجىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەيسەن، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن›»(تىرمىزىي، 479). يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاندىن ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن خاھلىغىنىنى سورايدۇ، شۇنداق قىلسا، ئۇ ئىش نېسىپ قىلىنىدۇ» دېيىلگەن(ئىبنى ماجە، 1384). بۇ ھەدىسلەر زەئىف بولسىمۇ بۇ ئىسلامدىكى بىرەر ئاساسقا زىت كەلمەي، ناماز ۋە دۇئادىن ئىبارەت ئەمەلنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولغاچقا ھەم بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا زەئىف ھەدىسلەر بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى تاللىغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ لۇغىتى قامۇسى)»، 247 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27 / 211، 212، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.
مېنىڭچە، ھاجەت نامىزىنى ھەر كۈنى ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالماي گاھىدا ئوقۇش، ئوقۇغانلارنى ئەيىبلىمەسلىك مۇناسىپ. ۋاللاھۇ ئەئلەم.
65 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجدە ۋاجىپ بولغان ھەدىيە قۇربانلىقلارنىڭ سانى جىق بولغانلىقى ئۈچۈن سويۇپ ئۈلگۈرتەلمەي پۇراپ تاشلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن، بىز بۇ قۇربانلىقىنى مەككەدە ياشايدىغان مەلۇم كىشىلەرگە بىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويۇشنى تاپىلاپ، قۇربانلىقنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن، گۆشنى ئۈيىگە ئەكىرمەكچى بولغان كىشى قاسساپنىڭ ئىش ھەققىنى بەرسە قۇربانلىق ئادا تاپامدۇ ياكى قۇربانلىق قىلغۇچى گۆش ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ جايىغا تەككۈچە بولغان چىقىمنى ئۈزى قىلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھاجىلار ئۆزى ھەدىيە قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان شىركەتكە پۇل ئۆتكۈزۈپ قويسا بولىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىقنى مەككە بىلەن مىنادىن ئىبارەت ھەرەم دائىرىسىدىن باشقا يەردە قىلىشقا بولمايدۇ. ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككەدە ياكى مىنادا ۋاكالىتەن قىلىپ قويىدىغان تونۇش – بىلىشلەرگە ياكى قاسساپلارغا ھاۋالە قىلغان تەقدىردە، قاسساپنىڭ چىقىمىنىمۇ چوقۇم ھاجى ئۆزى بېرىشى كېرەك. بولمىسا بۇ گۆشنى ساتقانلىق بولىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى سېتىش بولسا ھارام.
66 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن بۇ ئاينىڭ 4 – كۈنى تۈركىيەدىن رىيادقا چۈشتۈم. «تەكشۈرۈش ئىشلىرى بەك چىڭكەن» دەپ ئاڭلىغاچقا، «ھەرەمگە كىرەلەيمەنمۇ، يوق؟» دەپ ئويلاپ، پەقەت ھەج قىلىشنىلا نىيەت قىلىپ ماڭغان ئىدىم. ھازىر رىيادتىن جىددەگە كېلىپ، جىددەدىن مەككەگە كەلگەن بولدۇم. ھازىر ئۆمرە مەسجىدكە بېرىپ، ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلماقچى بولۇۋاتىمەن. ماڭا قان قىلىش ۋاجىب بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. سىلى ھەج نىيىتىنى ئالدى بىلەن ئۆمرە قىلىپ، ئاندىن ھەج قىلىدىغانغا ئۆزگەرتكەن بولسىلا مەيلى. ھازىر گەرچە ئىھراملىق كىيىمنى كىيەلمىگەن بولسىلىمۇ ئىھراملىق ھالىتىدە بولغاندىن كېيىن ئائىشە مەسجىدكە چىقىش كېرەك ئەمەس. ياتاقتىنلا ئىھرامنى كىيىپ، باشتا ئۆمرە قىلسىلا، ئاندىن ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ئىھرامدىن چىققاندىن كېيىن ھەج پائالىيىتى باشلانغاندا، قايتىدىن ئىھرام باغلاپ، ھەج قىلسىلا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ھەج قىلغان ھالەتكە (تەمەتتۇ ھەج) گە بىر قوي قان قىلىش كېرەك. ئاندىن دەسلەپتە ئىھرام باغلىماي كىرگەنلىكلىرى ئۈچۈن يا بىر قوي قان قىلىلا، ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتىلا، ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىلا، بۇ ئايرىمدۇر.
67 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سۈنئىي يىپەك بىلەن تەبىئىي يىپەك ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىشىدە ھۆكۈم جەھەتتىن پەرقلىنەمدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىرئاز تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پىلە قۇرتىدىن چىققان تەبىئىي يىپەك ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان بولۇپ، سەھىھەيندىكى ھەدىس شەرىفتە ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ: «بۇنى ئاخىرﻩتتىن نېسىۋىسى يوقلار كىيىدﯗ» ﺩېگەﻥ. ھازىرقى سۈنئىي يىپەك ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قالىدۇ. بەزى نوپۇزلۇق پەتۋا ئورگانلىرى مۇشۇ بويىچە پەتۋا بەرمەكتە. ئەرلەرگە ھارام قىلىنىشتىكى ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى (فىقھىي ھۆكۈم ئاساسلانغان ئورتاق سۈپەت) سۈنئىي يىپەكتىمۇ بار دەپ قارالسا، تەبىئىي يىپەككە قىياسلاپ سۈنئىي يىپەكنىڭمۇ ھارام دېيىلىشى يىراق ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
68 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەچ قىلغۇچى ئايال ئۈچۈن چېچىنى تاراش جائىزمۇ؟ تارىسا چېچى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، تارىمىسا كېيىن چېچىنى چۈشۈرۋىتىدىغان ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ.چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىھراملىق ئەر ياكى ئايال كىشى چېچى پاخپايغان، خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتمىگەن بىچارە قىياپەتلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿…ھەدىيە قىلىنغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىديە قىلىش يۈزىسىدىن روزا تۇتسۇن ياكى سەدىقە بەرسۇن، ياكى قۇربانلىق قىلسۇن…﴾( 2/«بەقەرە»، 196) دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئىھراملىق كىشى بېشى ۋە بەدىنىنىڭ چاچ – مويلىرىدىن قىلچىلىكمۇ يۇلمايدۇ، كېسىپ قىسقارتمايدۇ ۋە چۈشۈرمەيدۇ. تىرناق ئېلىش، تاپىنىدىكى ياكى باشقا يېرىدىكى قۇرۇپ قالغان تېرىنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىشمۇ چەكلىنىدۇ. قىسقىسى، بەدەندىكى ھەر قانداق نەرسىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چېچىنى تارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى تارىسا، چېچى چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار. «چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىھراملىق ھالەتتە چېچىنى تاراش ھارام، چۈشمەيدىغان بولسا تاراش مەكمرۇھتۇر»(كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 11/179). دىققەت قىلماي قاشلاش ياكى تاراشتا بىرەر تال چاچ چۈشۈپ كەتسە مەيلى بولسىمۇ، قەستەن تاراپ چۈشۈپ كەتسە فىديە كېلىدۇ. تاراپ سېلىپ بىرنەچچە تال چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇ چاچنىڭ بۇرۇن چۈشۈپ بولغان چاچمۇ ياكى تاراش سەۋەبلىك چۈشكەن چاچمۇ بىلىنمىسە، ئېھتىماللىق بولغاچقا، فىديە كەلمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
69 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەج پائالىيىتىدە باشقا كىيگىلى بولىدىغان كۈنلۈك ئىشلەتسەك دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىھراملىق ئەر كىشىنىڭ بېشىغا كىيگىلى ياكى تاقىۋالغىلى ياكى تاسما بىلەن بېكىتىۋالغىلى بولىدىغان كۈنلۈك ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ بېشىغا بىرنەرسە كىيىۋالغانلىق. ھەدىس شەرىفلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئىھراملىق ئەر كىشىنىڭ بېشىنى دوپپا، شەپكە، تۇماق ۋە سەللە كەبى نەرسىلەر بىلەن يۆگىۋېلىشى ھارام. بۇلارنى كىيىۋالغان ياكى تاقىۋالغان تەقدىردە فىديە ۋاجىب بولىدۇ. فىديەگە خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىنگە تاماق سەدىقە قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بېشىغا تەگمەيدىغان سايىۋەن، كۈنلۈك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاپتاپتىن ساقلانسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
70 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئىھراملىق ھالەتتە يولنى كۆپ يۈرگەنلىكتىن ۋە ئىسسىقتىن يوتىلار سۈركىلىش سەۋەبلىك قىزىرىش ۋە تېرىسى سويۇلۇش دېگەندەك بىئارامچىلىق بولىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئازراق خۇشپۇراقلىق ئۇپا ياكى ماي (كىرىم) ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ بۇ تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ خۇشپۇراقسىزىنى تاپقىلى بولمايدىكەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىھراملىق كىشىنىڭ بەدىنىگە ياكى ئىھراملىق كىيىمىگە ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ئىشلىتىشى چەكلەنگەن. لېكىن تېرىنىڭ قىزىرىپ بىئارام قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇپا ياكى مايلار مەخسۇس ئەتىر ياكى خۇشپۇراقفنى كۆزلەپ ئىشلىتىدىغان نەرسە بولماستىن، قىزىرىپ، سويۇلۇش ۋە ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددا ياكى دورىدۇر. لېكىن، ئۇنىڭ سىرتقا خۇشپۇراق چاچمايدىغان، قوشۇمچە خۇشپۇرىقى باردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭدا ئازغىنە خۇشپۇراق بولسىمۇ، ئۇ ئىھرامدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ھېسابلانمايدۇ. ھازىرقى «سوپۇندىكى خۇشپۇراقنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزەمدۇق ياكى كىرگۈزمەمدۇق» دېگەن مەسىلىدە، كۆپىنچە ئۆلىمالار: «بۇ تازىلاش ماددىسى، ئەتەي مەقسەت قىلىنغان خۇشپۇراق ئەمەس» دەپ قاراپ: «مەيلى» دەيدۇ. شۇڭا، ئىھراملىق كىر بولۇپ كەتسە، سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، سۇدا چايقاپ تازىلىۋەتسە بولىدۇ. سوپۇندا مەلۇم دەرىجىدە خۇشپۇراقلىق نەرسە بولسىمۇ، ئۇ ئىھرامدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ھېسابلانمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئالىملار ئېھراملىق كىشىلەرنىڭ قول ۋە يۈزىنى يۇغاندا ئەتىر سوپۇن ئىشلىتىشىنى جائىز دېگەن. تەر پۇرىقىنى يوقىتىدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك ئەتىر پۇرايدىغانلىرى چەكلىنىدۇ. تەر پۇرىقىنى يوقىتىدىغان ئەمما كۈچلۈك ئەتىر پۇرىمايدىغانلىرىنى ئىشلەتسە پاكىزلىق جەھەتتىن مەيلى. شۇنداقلا ئىھراملىق ئەر ياكى ئايال تېرىسى سەزگۈرلۈكتىن بىئارامچىلىق پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرىسە، ئەتىر پۇرىقىسىز ئاپتاپتىن قوغداش مېيى ئىشلەتسىمۇ جائىز. چۈنكى بۇنى گۈزەللىك ياكى ياسىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يۇقىرىقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىھراملىق كىشىلەر ئىشلەتسە فىديە كېلىدۇ دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
71 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن. يۇقىرىقى 305 – سوئالدا ئېيتىلغان 100 مىڭ ھەسسە ساۋاب پەقەت نامازغىلا قارىتىلامدۇ ياكى مەككە چېگرىسى ئىچىدە قىلىنغان بارلىق ياخشى ئەمەل، زىكىر تەسبىھ، دۇئا ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ دەلىلىنى ئېيتىپ بەرگىلى بولارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. گەرچە ھەسەن بەسرىي ۋە ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار بەزى زەئىف ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ: «مەككەدە جىمى ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى نامازدەك 100 مىڭ ھەسسە ھەسسىلىنىدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، باشقا ئەمەللەردە نامازدا كەلگەندەك 100 مىڭ ھەسسە ساۋاب سەھىھ ھەدىسلەردە كەلمىگەن. شۇڭا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە: «نامازدىن باشقا ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ھەرەم سەۋەبلىك ھەسسىلىنىدۇ، لېكىن، نەچچە ھەسسە بولۇشى بۇنىڭدا ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەنلىكتىن بىزگە ئېنىق ئەمەس» دەيمىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
72 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ھېيت كۈنى قىستاڭچىلىق بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئىفازەت تاۋاپىنى ئەرافاتقا چىقىشتىن بۇرۇن قىلىۋەتسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىفازەت تاۋاپى ھەجنىڭ ئاساسلىق رۇكنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ تاۋاپ ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت/قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەرقانداق ھاجى ئەرافاتتىن يېنىپ مۇزدەلىفەدە قونۇپ، ھېيت كۈنى مىناغا بېرىپ قۇربانلىقىنى قىلىپ، شەيتانغا تاش ئېتىپ، چېچىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن مەككەگە كىرىپ ئىفازەت تاۋاپىنى ئادا قىلىشى كېرەك. چېچىنى چۈشۈرۈشتىن ياكى شەيتانغا تاش ئېتىشتىن بۇرۇن قىلىۋالسىمۇ ئادا تاپىدۇ. ئەمما، بۇ تاۋاپنى قۇربان ھېيت كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قىلىۋالسا ئادا تاپمايدۇ. شۇڭا، قۇربان ھېيت كۈنى ياكى بەك قىستاڭچىلىق بولسا ھېيتنىڭ 2-، ۋە 3 – كۈنلىرى تاۋاپ قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەك: ھېيت كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىش، چاچ ئېلىش ياكى قىسقارتىش ۋە تاۋاپ قىلىشتىن ئىبارەت 3 ئىشنىڭ قايسى ئىككىنى قىلىپ بولغاندا، ئىھراملىق ھالەتتىن قىسمەن چىققان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىيىم – كېچەك، ئەتىر ئىشلىتىش ۋە بەدەن تازىلىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن 3 ئىشنىڭ ھەممىنى تولۇق قىلمىغۇچە ئەر – ئايال يېقىنچىلىق قىلىش يەنىلا چەكلىنىدۇ.
يەنە بىر مەسىلە. ھەج تەمەتتۇ قىلغان كىشى، شۇنداقلا قىران ياكى ئىفراد قىلىپ مەككەگە كەلگەندىن بۇيان سەئيى قىلىپ باقمىغان كىشى تاۋاپ بىلەن سەئيى قىلىشى لازىم بولىدۇ. بۇلارنى قىلماي تۇرۇپ ئىھراملىق ھالەتتىن تولۇق چىقالمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
73 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئۆمرە ۋە پەرز ھەج ئۈچۈن ئىھراملىق كىيەلمەي مەككەگە كىرگەنلىكنىڭ فىديەسى ئۈچۈن 3 كۈن روزىنى ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ تۇتۇشىمىز كېرەكمۇ ياكى ئايرىم ئايرىم تۇتساقمۇ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆمرە ۋە پەرز ھەج ئۈچۈن ئىھراملىق كىيەلمەي مەككەگە كىرگەنلىكنىڭ ياكى ئىھرامدا چاچ، تىرناق ئېلىش، ئەتىر چېچىش، ئەرلەر بېشىنى، ئاياللار يۈزىنى يۆگىۋېلىشتەك چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىپ قالغانلىق فىديەسى ئۈچۈن 3 كۈن روزىنى تۇتۇشتا ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ تۇتۇش شەرت قىلىنمىغاچقا، 3 كۈن روزىنى ئايرىم – ئايرىم تۇتسىمۇ، ھەرەمدە ياكى ھەرەم سىرتىدا كېيىنچە تۇتسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
74 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن. ھەج تەمەتتۇئدا ئىقتىسادى يار بەرمەيدىغانلار «قۇربانلىقنىڭ ئورنىغا مەككەدە ئۈچ كۈن، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كىيىن بىر ھەپتە روزا تۇتسا، ھەجى ئادا تاپىدۇ» دەپ بار ئىكەن، ئەمدى مۇشۇ روزا تۇتۇشنىڭ ۋاقتىدا ئىلگىرى – كېيىنلىكنىڭ پەرقى بارمۇ؟ مەسىلەن: ئون كۈنلۈك روزىنىڭ ھەممىسىنى مەككەدە تۇتۇۋىتىش، ھەجنىڭ ئالدىدا، ياكى ھەجدىن كېيىن دىگەندەك.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەقتائالانىڭ: ﴿كىمكى ھەجگە قەدەر ئۆمرە قىلىش بىلەن بەھرىمەن بولغان بولسا، ھەدىيە قۇربانلىقىدىن نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قىلسۇن. كىمكى قۇربانلىق تاپالمىسا، ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن، قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن، جەمئىي ئون كۈن روزا تۇتسۇن. ئۇنداق قىلىش ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە ئولتۇرمايدىغانلار ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 196) دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، ھەجگە قەدەر ئۆمرە بىلەن بەھرىمەن بولغان كىشى تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزا ئەرافات كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇنى ھەجگە ئىھرام باغلاپ زۇلھەججەنىڭ بېشىدا ياكى ئالدىنقى 10 كۈندە تاكى ئەرافات كۈنىگىچە ئۇلاپ ياكى ئايرىم – ئايرىم تۇتسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتلارمۇ ھەجنىڭ ۋاقتىدۇر. بىرىنى ئەرافات كۈنى تۇتسىمۇ ھېساب بولىدۇ. ئالىملارنىڭ «ئىجماﺋ»سى بار نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ئۈچ كۈنلۈك روزىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 9 كۈنى ئىچىدە تۇتۇۋالسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا، ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىغا تاقاپ تۇتۇشى ئەڭ ئەۋزەل. يەنى بۇ ئۈچ كۈن روزىنىڭ تۇتۇپ بولۇش بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئەرەفات كۈنىدۇر. ئەمما، زۇلھەججەنىڭ بېشىدا تۇتسا ھەجگە ئىھراملىق ھالىتىدە تۇتقان بولىشى كېرەك، ئىھراملىق ھالەتكە ئۆتمەي تۇتسا بولمايدۇ. ئەگەر ھېيت كۈنىگىچە تۇتالمىغان بولسا، بۇ ئۈچ كۈننى تەشرىق كۈنلىرى بولمىش ھېيتنىڭ 2- ، 3-، 4-، كۈنلىرى مىنادا تۇتسىمۇ كۆپچىلىك فۇقاھائلارنىڭ قارىشىدا گۇناھ بولماستىن ئادا بولىدۇ. ئائىشە بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلاردىن باشقىلارغا تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مىنادا (تەشرىق) كۈنلىرى روزا تۇتاتتى، ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ شۇ كۈنلەردە روزا تۇتاتتى.( بۇخارىي، 1996 – 1999)
قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلاردىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇش سەھىھ ھەدىسلەردە چەكلەنگەندۇر.
ئەمما، ھەنەفىي مەزھەب فۇقاھائلىرى نەزەرىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىنادىكى جىمى ھاجىلارغا: «تەشرىق كۈنلىرى يەپ – ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكرى قىلىش كۈنلىرىدۇر»(مۇسلىم: 1141) دېگەنگە ئوخشىغان سەھىھ چەكلىمىلىرىگە ئاساسەن «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» (شۇنداقلا «ھەج قىران») قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئون كۈن روزىدىن ئۈچ كۈنلۈك روزىنى تەشرىق كۈنلىرى تۇتۇشى ھارام بولىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/114 – 116.
بىرىنچى قاراش بويىچە ئۈچ كۈننى تەشرىق كۈنلىرى تاماملىدى. تاماملىمىغان ياكى ئىككىنچى قاراش بويىچە ئۇنى تەشرىق كۈنلىرى تۇتمىغان بولسا، ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت ۋاجىب تەرك قىلىنغان بولىدۇ. ئۇنىڭ قازاسىنى رامازان روزىسىدەك ئۇندىن كېيىن ھەرەمدە، ھەرەمدىمۇ تۇتالمىسا يۇرتىغا قايتقاندا تۇتىدۇ. باشقا چارە يوق، كۈچلۈك قاراشتا كەففارەت ياكى فىديەمۇ يوق. چۈنكى بۇ ئەسلىدە ئىمكانىيەت بولمىغاندا بەدەل سۈپىتىدە بېكىتىلگەن روزا.
يەتتە كۈن روزىنىمۇ ھەجدىن كېيىن تۇتىدۇ. ھەجدىن بۇرۇن تۇتسا ھېساب بولمايدۇ. ھەجنى تاماملاپ مىنادىن يانغاندا ھەرەمدە تۇتۇۋالسا رۇخسەت. ئەۋزىلى يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇش.
ئۈچ كۈننى ياكى يەتتە كۈننى ياكى ئون كۈننىڭ ھەممىنى تۇتمىسا، رامازان روزىسىدەك گەدىنىدە قالىدۇ. كېيىنچە يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇشى كېرەك. ياكى تۇتۇپ بولغۇچە قۇربانلىق قوي قان قىلىش ئىمكانىيىتى پەيدا بولسا، قۇربانلىق قويدىن بىرگە پۇل ئەۋەتىپ ھەرەمدە قان قىلىشى كېرەك. روزا تۇتماي ياكى قان قىلماي ۋاپات بولۇپ كەتسە، مىراسىدىن قان قىلىنىشى ياكى روزا فىديەسى بېرىلىشى كېرەك. ئەمما، ھەنەفىي مەزھەبتە ئەگەر قۇربان ھېيت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن بۇ ئۈچ كۈنلۈك روزىنى تۇتۇپ بولالمىسا قان قىلماي باشقا چارە يوق. قان قىلىشتىن باشقىسى ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. بۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان. چۈنكى، بۇ قۇربانلىقنىڭ بەدىلى ئىدى. ھالبۇكى، بەدەلنىڭ بەدىلى دەيدىغان گەپ يوق. چۈنكى، ئورۇنباسار ئىبادەتلەر قىياس بىلەن بېكىتىلمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
75 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەردە خەلق ئىشلەپ تاپقان كىرىمنىڭ %40 نى دۆلەتكە باج سۈپىتىدە تاپشۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ %40 باج بىرەر دىنىي ياكى خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىنسا ئىئانە قىلىنغان پۇلغا دۆلەت باج ئالمايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، دۆلەتكە باج تۈلىگەننىڭ ئورنىغا پۇلنى مەسجىدكە ئىئانە قىلىپ، ئەمما ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ تالونىنى بەرگەن پۇلدىن كۆپ يازدۇرسا بولامدۇ؟ ياكى يازدۇرىمەن دېسە مەسجىد ئۇ كىشىدىن 10 دوللار ئېلىپ 20 مىڭ دوللارلىق تالون چىقىرىپ بەرسە بولامدۇ؟ چۈنكى، يېزىلغان تالون قانچىلىك بولسا دۆلەت شۇ پۇلنىڭ بېجىنى كەچۈرىۋېتىدۇ. يەنە بىرگە مۇشۇ خىلدىكى ئىئانە ئىشلىرىدا ئىئانە قىلغۇچى ماڭا 20 مىڭلىق تالون كېسىپ بېرەلىسەڭلا مەن 10 مىڭ بېرىمەن، ئەگەر قوشۇلمىساڭلا 10 مىڭنى سىلىگە بەرمەي دۆلەتكە باج سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن دەپ شەرتلەشسىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. زاكات پۇللارنى چوقۇم زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئورۇنغا بېرىش كېرەك. ئەگەر مەسجىد بۇ زاكاتنى زاكات بېرىلىدىغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولسا، زاكاتنى مەسجىدكە بېرىپ تالون ئالسا ۋە بۇ پۇل سەۋەبلىك باجدىن قۇتۇلسا بولىدۇ. زاكاتتىن باشقا ئىختىيارىي سەدىقە پۇللارمۇ شۇنداق. زاكات ياكى سەدىقە بەرگەن سەۋەبلىك دۆلەتتىن باج ئېلىنمىسا، بۇ زاكاتنىڭ ياكى سەدىقەنىڭ ئادا بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. باج قايتۇرۇلسىمۇ شۇنداق. چۈنكى، بۇ زاكات ۋە سەدىقەلەر جايىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. قايتقان پۇل زاكات ياكى سەدىقە پۇلنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىدىن قايتىدۇ ياكى باج ئەپۇ قىلىنىدۇ. بۇ بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە، شۇنداقلا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە «ئىجتىمائىي ھەمكارلىق» ۋە «بەرگەن زاكات مىقدارى باجنى ئەپۇ قىلىش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشتۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، 100 دوللار زاكات بەرسىڭىز، دۆلەت سىزگە 40 دوللار قايتۇرۇپ بەرسە ياكى سىزدىن ئالماقچى بولغان باجنىڭ بىر قىسمىنى ئەپۇ قىلىۋەتسە قايتۇرغىنىنى ئېلىش ۋە ئەپۇ قىلغاننى قولدا ساقلاپ قېلىش جائىز بولىدۇ. بۇ زاكاتنىڭ ئادا بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
مەسجىدنىڭ ئورنىنى سېتىۋېلىش، بىنا قىلىش ۋە مەسجىدتىكى پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىش ئۈچۈن يەنە مەسجىدنىڭ ئۆزىگە ئىئانە پۇللارنى دۆلەتكە باج تۈلىگەننىڭ ئورنىغا مەسجىدكە ئىئانە قىلىش توغرا ئىش ۋە شۇنداق قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا تالون ئالسا ھەم بولىدۇ. ئۇ دۆلەتلەر ئادەتتە زاكات، سەدىقە ۋە ئىئانەنى ئايرىماي ھەممىنى ئىئانە (donations) دەپ قارايدۇ.
ئەمما، ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ تالونىنى بەرگەن پۇلدىن كۆپ يازدۇرسا ياكى يازدۇرىمەن دېسە مەسجىد ئۇ كىشىدىن 10 دوللار ئېلىپ 20 مىڭ دوللارلىق تالون چىقىرىپ بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ساختىلىق، ھىيلە ئىشلىتىش بولۇپ، مۇسۇلمان شەخس ۋە ئاللاھنىڭ بەيتى بولمىش مەسجىدلەر بۇ تۈرلۈك ساختىلىقلاردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ساقلىنىشى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
76 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئاتقاندا چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ، ئىككىنچى كۈنى ئوتتۇرانجى شەيتانغىلا ئېتىپ قايتىپ كەپتۇ. 3 كۈنى. ھەممىگە ئېتىپ قايتىپ كەپتۇ. ئەمدى بۇنىڭغا بىرەر جازا كېلەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ھاجىلارنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 1 – كۈنى ئەقەبە (چوڭ) جەمرەسىگىلا يەتتە تاش، ئۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۈچ جەمرەگە يەتتىدىن تاش ئېتىش ھەجنىڭ ۋاجىبلىرى قاتارىدىن بولۇپ، ئۆزى ئېتىش كېسەللىك ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇمكىن بولمىغاندا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىپ ئاتقۇزسا بولىدۇ. بەزى فۇقاھائلارنىڭ قارىشىدا ئۈچ تال تاشتىن كۆپ تاشنى ئاتمىغانلارغا بىر قوي قان ۋاجىب بولىدۇ. بىرەر – ئىككى تال تاشنى ئاتالمىسا ھەر بىر تاش ئۈچۈن يەڭگىل بىر ۋاق (بىر مۇد) تاماق سەدىقە قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بىر تالنى ئاتمىسا بىر قوي، بىر كۈن ياكى ئۈچ كۈن ئاتمىسا بىر تۆگە ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەزەم: ئەقەبە يەنى چوڭ شەيتانغا ياكى ھەممىگە تاش ئاتمىسا بىر قوي، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىغا ئاتالمىسا ھەر بىر تاش ئۈچۈن بىر ۋاق (ئىككى مۇد) تاماق سەدىقە قىلىدۇ. بۇ قاراشلاردىن بىرىنى تۇتۇپ ئىش كۆرسە بولىدۇ. مېنىڭچە دەسلەپكى قاراش بويىچە بىر قوي قان قىلىۋەتكىنى تۈزۈك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
77 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ قوشنىمىز ياشقا چوڭراق ئاپاش ئىدى. بىر پۇتى بەك ئاغرىپ مېڭىشنىمۇ ئاران مېڭىۋاتىدۇ، تاھارەت ئېلىشتىمۇ قىينىلىۋاتىدۇ، شۇڭا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولامدىغاندىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار ﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن ئەمرى بويىچە پۇتتىن باشقا جايلىرىنى يۇيالىسا يۇيالىغىنىنى يۇيۇپ، پۇتقا مەسھ قىلىش بىلەن بىرگە تەيەممۇم قىلىدۇ. سۇ تەگسە زىيان قىلىدىغان ياكى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان بىرەر يارا ياكى شۇنىڭدەك جايلار بولسا ھەم شۇنداق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
78 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۇزۇندىن بۇيان مېنىڭ كاللامدا بىر سوئال بار ئىدى، ئاياسوفيا مەسجىدىنىڭ تورۇسىدا بىر ئىنساننىڭ يۈزى سىزىقلىق، (ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ تاملىرى رەسىملەر بىلەن تولغان ئىكەن) ناماز ئوقۇلىدىغان جايغا كىرىش قىسمىنىڭ ئۈستىدىمۇ رەسىملەر بار ئىكەن، بۇ ماڭا بارلىق دىنلارنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بىر پىلانىدەكمۇ تۇيۇلدى. ئەجىبا فاتىھ سۇلتان مەمەتخان چېركاۋنى مەسجىدكە ئايلاندۇرغاندىمۇ بۇ رەسىملەر بار بولغىيمىدى دېگۈم كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ مەسجىدتىكى رەسىملەر بار جايدا ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيايى كەبىر مەسجىدىنىڭ ئەسلى مىلادى 532 – 537 – يىللار ئارىسىدا، شەرقىي رىم پادىشاھى جۇستىنىيانۇس I (م. 482 – 565) تەرىپىدىن ئۆز ۋاقتىدا كۆپ خۇدالىق (پاگان) ئېتىقادىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقان خەلقنىڭ كونا ئىبادەتخانلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، بىر مەنادا بىر تەڭرىلىك دىن بولمىش خرىستىيانلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەت ئۆيىنى سلېىش پەرمانى بىلەن قۇرۇلغان پەۋقۇلئادە چوڭ بىر چېركاۋ بولۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 4 – پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىبنى مۇرادخان (ھ. 835 – 886 / م. 1432 – 1481) تەرىپىدىن ھ. 857 / م. 1453 – يىلى 29 – ماي كۈنى شەرقىي رىمنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپول فەتىھ قىلىنىپ، ئوسمانلىلار بايرىقىنى ئىستانبۇلغا قادالغاندىن كېيىن، ئاز كەم 920 يىللىق بۇ چېركاۋ 30 – ماي كۈنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغان. ئاياسوفيا مەسجىدىدە تۇنجى جۈمە خۇتبىسىنى سۆزلىگەن ۋە جۈمە نامىزىغا ئىمام بولغان زات شەيخ ئاق شەمسىددىن (ھ. 792 – 863 / م. 1389 – 1459) ئىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار: «فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئاياسوفيا چېركاۋىنى رىملىقلاردىن ئۆز ئىقتىسادى بىلەن سېتىۋېلىپ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋەقف قىلىۋەتكەن» دېسە، بەزىلەر: «ئوسمانىيلار قوشۇنى كونىستانتىنوپولغا بېسىپ كىرگەندە ئاياسوفيا تاشلىنىپ قالغان بولۇپ، قوشۇن ناماز ئوقۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۆلىمالار مەزكۇر چېركاۋنى تازىلاپ، مەسجىدكە ئايلاندۇرۇشقا پەتۋا بەرگەن» دېگەن. شۇ چاغدىن تارتىپ ئاياسوفيا جامەگە ئايلاندۇرۇلۇپ، 1934 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇررەئىسى مۇستافا كامال (م. 1881 – 1937) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن رېمۇنتقا ئېلىنىپ، 1935 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغۇچە 481 يىل داۋاملاشقان.
مەيلى قانداق بولمىسۇن، مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىنلا سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئەمرى بىلەن ئاياسوفيانىڭ ئىچى تازىلىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بولۇپمۇ قىبلە ياقتىكى خرىستىيانلىق ئالامەتلىرى قۇرۇلۇشنىڭ ساغلاملىقىغا دەخل – تەئەررۇز يەتمەيدىغان ھالدا ئۆزگەرتىلگەن. جۈملىدىن، تام ۋە تورۇسلاردىكى موزايىك سۈرەتلەر پەردە بىلەن يۆگىلىپ، ھەيكەللەر چىقىرىۋېتىلگەن؛ تاشقىرىدىن ئاياسوفيانىڭ ئىچىگە كىرىشتە ئۈچ ئىشىكتىن ئۆتۈپ كىرىلىدىغان يەتتە ئىشىكلىك بىرىنچى دەھلىزدىن توققۇز ئىشىكلىك ئىككىنچى دەھلىزگە ئۆتۈشتىكى ئوتتۇرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېراتور قوۋۇقىغا ئىشلەنگەن چوڭ كىرىست (قوشۇش) بەلگىسىنىڭ توغرا سىزىقىنى تەشكىل قىلغان تۆمۈر ئېلىۋېتىلگەن؛ چوڭ زالنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۈيۈك قۇببەنىڭ تۆرت ئايىغىدا «سەرافىم» ياكى «سەرافلار» دەپ ئاتىلىدىغان، يەھۇدىيلىك، خرىستىيانلىق ۋە ئىسلامدا ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ كۇرسىنى ئوراپ تۇرىدىغان ۋە دائىما ئاللاھنى مەدھلەيدىغان، ئاللاھ مۇھەببىتىدىن كۆيۈپ ئۆرتىنىدىغان (سەراف) مەلەكلەرگە سېمۋول قىلىنغان قاناتلىق تۆرت مەۋجۇدات نەقشلەنگەن بولۇپ، ئاياسوفىيا جامىغا ئايلاندۇرۇلغاندا بۇ «مەلەك»لەرنىڭ يۈزى مەخسۇس ياسالغان مېتال نىقاب بىلەن توسۇۋېتىلگەن. جامەگە مۇناسىپ يېڭى نەقىشلەر نەقىشلىنىپ، قۇببەنىڭ ئۈستىدىكى بۈيۈك كرىست ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا ھىلال ئاي قادالغان. قىسقىسى، خرىستىيانلىقنىڭ روشەن سېمۋوللىرى قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، كېرەكلىك تەئمىرات – تەئدىلاتلار قىلىنىپ، ئەزان مۇنارى قۇپۇرۇلغان، خرىستىيانلارنىڭ قىبلىسى بولغان قۇددۇس (ئېروسالىم) شەھرىگە قارىتىپ سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن ئىككى گرادوس قىيسايغان بىر مېھراب سېلىنىپ، يېنىغا ياغاچ مۇنبەر قۇرۇلغان، مەدرىسە، مەكتەب، ئىمارەت (ئاش ئۆيى)، سەبىل (ھەقسىز سۇ بېرىش كۆزنىكى) قاتارلىقلار … سېلىنغان. سۇلتان بايەزىدخان II (ھ. 851 – 918 / م. 1447 – 1512) بىر مۇنارە سالدۇرغان، سۇلتان سەلىم II (ھ. 930 – 982 / م. 1524 – 1574) دەۋرىدە ئۇلۇغ مىمار سىنان پاشا (ھ. 895 – 996 / م. 1488 – 1588) ئىككى مۇنارە قوشۇش بىلەن بىرگە مەزكۇر قۇرۇلۇشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېنىغا غوجاتام (پاياندا) قوپۇرۇپ، گۈمبەز ئەتراپىغا يېڭى كەمەرلەرنى قوشۇپ، جامەنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغان. ھەر دەۋردىكى پادىشاھلار بۇ مەسجىدكە قوشۇمچە بىنالارنى ۋە يېڭىلىقلارنى پەيدا قىلغان. تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلىپ، م. 1847 – 1849 – يىللىرىدىكى رېمونتتىمۇ جامەدىكى سۈرەتلەر ھاك ۋە گەج بىلەن سۇۋاپ يۆگەلگەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، م. 1934 – يىلىدىكى قارار بويىچە مۇزىيخانىغا ئايلاندۇرۇلغاندا ئۆز ۋاقتىدا ئۈستى يۆگەلگەن موزايىكلەرنىڭ گەج يېپىقلىرى ئېلىۋېتىلىپ، سەرافىملەردىن بىرىنىڭ يۈزىدىكى نىقاب ئېلىۋېتىلگەن، بۇ نىقاب ھازىر ئاياسوفىيا ھەرىكەتلىك مۇزېيىدە ساقلانماقتا. نىقاب ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يۈز دەل سىز دېگەن سۈرەتتۇر. مۇزېيخانىغا ئۆزگەرتىلىشى ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنىڭ قەلبىدە ئىزچىل يارا بولۇپ كەلگەن ئىدى. نىھايەت ئارىدىن 85 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، م. 2020 – يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ نامىدا م. 1453 – يىلى ئاياسوفيانىڭ مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقفنامە ھۆججىتىگە ئاساسلىنىپ ئالىي ئىدارىي سوت مەھكىمەسى ھۆكمى بىلەن «ئاياسوفيايى كەبىر جامىئي شەرىفى» نامىدا قايتا مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغان.
سۇلتانلارنىڭ خرىستىيان مابەدلىرىنى جامىگە ئۆزگەرتىشتە پۈتۈنلەپ بۇزۇپ تاشلىماي، روشەن ئالاھىدىلىكىنى يوق قىلىشتەك نىسبەتەن ئىلىملىق بۇ خىل پوزىتسىيەسى تارىخىتا ئىجابىي رول ئوينىغان بولۇپ، كۈنىمىزدىمۇ خەلقئارادا ئىسلامنىڭ ئاشقۇنلۇق، تۈپتىن ئىنكارچىلىق دىنى ئەمەس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇۋاتماقتا.
پەيغەمبىرىمىزمۇ كەئبەئى مۇئەززەمەنى چېقىپ تۈزلىۋېتىپ يېڭىدىن سالماي بۇتپەرەسلىك ئالامەتلىرىنى يوقىتىش بىلەن كۇپايىلەنگىنى ئەسلىدە ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ دىنىنىڭ ساق – ساغلام دىن ئىكەنلىكى، كېيىنكىلەرنىڭ بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خرىستىيانلىقمۇ ئىسلام ئېتىراپ قىلىدىغان بىر تەڭرىلىك دىن. كېيىنكىلەرنىڭ ھەزرىتى ئىيساغا قىلغان بۆھتانلىرى ئەسلا دىننىڭ ئۆزى ئەمەس.
شەرئىي ھۆكۈمگە كەلسەك، ئاياسوفيا جامەگە ئايلاندۇرۇلغاندىن بۇيان مەسجىدتۇر. مەسجىد بولغانىكەن، ئۇنىڭ قىبلە تامدا ياكى تورۇستا ياكى باشقا بىر يېرىدە سۈرەتلەر بولۇشى، ھەتتا قىبلە تەرەپتە نامازخاننىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان ھەرقانداق نەرسە، خۇشخەت بىلەن يېزىلغان ئايەتلەر بولسىمۇ توغرا بولمايدۇ.
سۈرەتلەر بار جامەدە ناماز ئوقۇش ئالىملار نەزەرىدە مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز. ناماز دۇرۇس بولىۋېرىدۇ. مەكرۇھلۇقنىڭ ۋەجى سۈرەتلەردۇر. بۇ سۈرەتلەرنىڭ يۆگەلمەي تۇرۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇ سۈرەتلەرنى يۆگىمىگەنلەردە بولىدۇ. بەلكىم ئاياسوفيانى قايتىدىن مەسجىدكە ئايلاندۇرغانلار كېيىنچە كۈچلۈك مەۋقەدە بولغىنىدا سۈرەتلەرنى چوقۇم يۆگىۋېتىدۇ.
79 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ھەج بىلەن ئۆمرەنى تاماملىدۇق. ئەمدى مەككەدە تۇرۇپ ئاتا – ئانىمىز ياكى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆمرە قىلماقچى بولغانىدۇق، بىزگە تائىفقا چىقىش كېرەك دېيىلدى؟ بۇ شەرتمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەككەدە ياشايدىغانلار، شۇنداقلا سىلەر كەبى ھەج ۋەئۆمرە ئۈچۈن باشقا يۇرتتىن مەككەگە كەلگەنلەر مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا تائىفقا ياكى باشقا شەھەرگە چىقىشى شەرت ئەمەس. چۈنكى مەككەدىكى كىشى مەيلى ھەج ئۈچۈن سىرتتىن كەلگەن بولسىمۇ مەككەدە تۇرۇۋاتقان چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا مىيقات سىرتىغا چىقىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى ھەرەم دائىرىسىدىن ھىل دائىرىسىگە چىقىشى كېرەك. ھىل دېگەن مىيقاتتىن ھەرەمنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئاكام ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتتى. مەن ئۆمرە قىلدىم» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمانغا: «ھەمشىرەڭنى ھەرەمدىن ئېلىپ چىق، ئۇ ئۆمرەگە تەلبىيە توۋلىسۇن» دېگەن. (قاراڭ: بۇخارىي: 1556، 1560؛ مۇسلىم 1211) دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھماننى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەرەم دائىرىسىدىن چىقىپ ھىل دائىرىسىغا تەۋە تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) دېگەن جايدىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىغان. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھىل (ھەرەم سىرتى) دۇر. ئۇنىڭ ئۆمرە ئۈچۈن تائىفقا چىقىشى ئارتۇقچە ئىسراپ بولغاندىن سىرت يەنە ھەجدىن كېيىن تائىفقا ۋىدالىشىش تاۋىپى قىلماي چىقسا بىر قوي قان كېلىدىغان قىلمىش. ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق يەنە بىر زىيان تائىفقا چىقىپ – كىرىش جەريانىدا ھەرەمدە 100 مىڭ ھەسسىلىنىدىغان ناماز ساۋابىدىن ۋە دۇئا ئىجابەت بولۇشتەك ئۇلۇغ ماكاندىن پەزىلەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئائىشەگە كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسىنى رەت قىلىشتۇر. شۇڭا توغرىسى، مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە ئۈچۈن تائىفقا ياكى باشقا شەھەرگە چىقماي، مەسجىدى ئائىشەگە ياكى جىئرانەگە چىقسا يېتەرلىكتۇر. «مەككەگە كەلگەنلەر مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا تائىفقا چىقمىسا بولمايدۇ« دېگەنلەر بەلكىم تاپاۋەت ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغان كىراكەشلەر بولسا كېرەك. ئەگەر ئۇنى شەرت دېگەن كىشى ئەھلى ئىلىملەردىن بولسا بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى بايان قىلىپ بەرسە، بىزمۇ بىلىۋالساق بولىدۇ.
ئەلۋەتتە مەككەگە كەلگەنلەر مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا ئۆمرەگە ھىل دائىرىسىدىكى تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف ياكى جىددە ياكى مەدىنىە دېگەندەك خاھلىغان بىر جايدىن ئىھرام باغلىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بىراق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇقتىلار تۈپەيلى ئارتۇقچە زىيان تارتىدۇ.
شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىش كېرەككى، سىرتتىن كەلگەن كىشى مەككەدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا ئۆمرە قىلماقچى بولسا «مەسجىدى ئائىشە» گە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرسە بولىدۇ. ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ قىلغان كىشى يەنى بىر سەپەردە ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتماي ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج ۋاقتى كەلگۈچە خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. مەدىنەدىن ياكى تائىفتىن مەككەگە بارسا ياكى مەككەدە تۇرۇپ «ئائىشە مەسجىد»كە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. ببر سەپەردە ئۆمرە – ھەج قىلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتماي ھەج قىلماقچى بولغان كىشىنى ھەج ۋاقتى كەلگۈچە خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلىشتىن چەكلەشمۇ بىغەرەزلىك. دىندا بىلمەي ھۆكۈم پىچىش جىنايەتىدۇر.
80 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن يېقىندا تۆت يىلدىن بېرى ئولتۇرغان ئۆيۈمدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا توك، سۇ گازلارنى ئاچقۇزغاندا تۆلىگەن پۇللىرىمنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپتۇ . 2020 – يىلى گاز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن 800 تېلى ئەتراپىدا تۆلىگىنىم ئېسىمدە. قالغان توك، سۇ ئۈچۈن قانچە پۇل تۆلىگىنىمنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇ پۇللارنىڭ ئۆسۈمىنى قانداق ئايرىيمەن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. توختامدا ئۆسۈم شەرتلەشمىگەن بولسىڭىز ھەم بۇنىڭغا قوشۇپ تېلىنىڭ پاخالىشىشىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا. ئارتۇقىنى خەجلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. توختامدا ئۆسۈم شەرتلەشكەن بولسىڭىز ھەم كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىسا، ئارتۇقىنى مۆلچەرلەپ سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
81 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن بۇ يىل ھەج قىلغان ئىدىم. ھەجدىن كېيىن يېقىندا مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەلگەن ئىدىم. مەككەدىن مەدىنەگە ماڭغاندا، «مەدىنەدىن قايتىشىمدا ئىھرام باغلاپ بېرىپ ئۆمرە قىلىمەن» دەپ نىيەت قىلمىغان ئىدىم. بۇ ئەھۋالدا مەدىنەدىن ئىھرام باغلاپ بېرىپ ئۆمرە قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى باشتا نىيەت قىلمىغاندىكىن ئىھرام باغلىماي ماڭساممۇ بولۇۋېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆمرە نىيىتىنى مەككەدىن مەدىنەگە قايتىشتا ئەمەس، مەدىنەدىن مەككەگە مېڭىشتا زۇلھۇلەيفەدىن (ياكى قولاي بولمىسا مەدىنەنىڭ ئۆزىدىن) مېڭىشتا قىلىسىز ۋە ئىھرام كىيىمىنى كىيىپ ئىھراملىق ھالەتكە ئۆتۈپ مەككەگە بېرىپ ئۆمرە قىلىسىز. بۇرۇنقى نىيەت قىلمىغانلىق كېيىن ئۆمرەنى نىيەت قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالمايدۇ.
82 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن مۇشۇ سەئۇدىدا ئىشلەيمەن، ئىشلەۋاتقىلى بىر يىلغا يېقىن بولدى، ۋىزا يېڭىلاش ئۈچۈن «ۋىدا تاۋاپى»نى قىلماي ئۇردۇنغا بارغانىدىم، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ سەئۇدىدا ئىشلەپ قالىمەن. شۇڭا، بەزى كىشىلەر: «سەن مەككە ئەھلىدىن ھېسابلىنىسەن، قان قىلىش كەتمەيدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايدىلا؟ مەن سىلە دېگەندەك قان قىلىش تەرەپدارى.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىز ھەج قىلغان بولسىڭىز مەككەدە تۇرۇۋاتقان بولسىڭىزمۇ سەپەر قىلىشتىن بۇرۇن «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرەمنىڭ سىرتىدىن كەلگەن هاجىلار يۇرتلىرىغا قايتماقچى ياكى سەپەر قىلماقچى بولسا، شۇنداقلا مەككەلىكلەر ياكى ھەرەملىكلەر ھەرەمدىن سەپەر قىلماقچى بولسا، بەيتۇللاھ بىلەن خوشلىشىش، ۋىدالىشىش ئۈچۈن «ۋىدالىشىش تاۋاپى» قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار تۇتقان كۈچلۈك قاراش بويىچە ۋاجىب بولۇپ، بۇ تاۋاپ ھەرەمنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تاۋاپنى ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا بىر قوي قان كېلىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ تاۋاپ «قايتىپ كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەككەلىك هاجىلار سەپەر قىلمايدىغان بولسا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمايدۇ. ھەجدىن كېيىن سەپەر قىلىدىغان بولسا مەككەلىككىمۇ ۋىدا تاۋىپى ۋاجىب بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇ: «ھەج ئىبادەتلىرىدىن پارىغ بولۇپ، مەككەدە تۇرۇپ قالماقچى بولسا، مەككە ئاھالىسى بولسۇن ياكى باشقا يەردىن كەلگەنلەر بولسۇن، ئۇلارغا ۋىدا تاۋاپى ۋاجىب ئەمەس. بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق. باشقا يەردىن كەلگەنلەر قاچانىكى ئۆز ۋەتىنىگە ياكى باشقا دىيارغا سەپەر قىلماقچى بولسا، ۋىدا تاۋاپىنى قىلىشى كېرەك» («ئەلمەجمۇﺋ»: 8/254).
سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ ئۇسەيمىن: «مەككەلىك كىشى ھەج قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەپەر قىلماقچى بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ ھېچكىم قايتمىسۇن» دېگەن ئەمرىگە بويسۇنۇپ ۋىدا تاۋاپى قىلىشى كېرەك. شۇڭا، بىز مەككەلىكلەرگىمۇ: ھەجدىن كېيىن سەپەرل قىلغانىكەنسەن، تاۋاپ قىلماي سەپەر قىلما دەيمىز».(«پەتۋالار»: 23/339) ۋەللاھۇ ئەئلەم.
83 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجنى نىيەت قىلغان ھالدا ھەرەمگە بېرىپ مىيقاتتا ئىھرامنى باغلاپ مەككەگە كىرگەندىن كېيىن، ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ ئەرافاتقا چىقالماي ھەج قىلالمىدىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجگە ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان كىشى تاكى تاماملىغانغا قەدەر ئىھرامدىن چىقمايدۇ. ئىھرامنى سېلىۋەتسە، ئەلبەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق تاماملاڭلار، توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار﴾(2/«بەقەرە »: 196) دېگەن.
شۇڭا، ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى دۈشمەن ياكى كېسەللىك ياكى ساقچى توسۇۋېلىشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەرافاتقا چىقالمىغان بولسا، ئەرافات قولدىن كەتكەن بولسىمۇ ھەجنىڭ باشقا تاش ئېتىش، تاۋاپ، سەئيى ۋە ھەدىيە قۇربانلىقلار دېگەندەك پائالىەيتلەردىن قىلالىغىنىنى قىلىشى، شۇنداقلا ھەجنى قىلالمىغانلىقىغا قارىتا ئايرىم بىر قوي قان قىلىشى كېرەك. قان قىلىپ ئاندىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ئىھرامدىن چىقالايدۇ. قان قىلماستىن ئىھرامدىن چىقىپ چىقىپ كەتسىمۇ، ئىھرامنى سېلىۋەتسىمۇ، يەنىلا ئىھرام ھالىتىدە بولىدۇ. يەنى «ئىھرامدىن چىقىپ كەتتىم» دېگەن خىيالى ئۆزىنىڭ خىيالى خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى ئىھرامدا. ئۇ كىشى يەنىلا ئىھرامدا بولغاچقا، ھەجنى تاماملىغانغا قەدەر ئىھراملىق ھالەتتىكى چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغان ھەر بىر قىلمىشى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئايالى بىلەن بىرگە بولسا بىر قان. چاچ چۈشۈرگەنگە ئايرىم فىديە. بېشىنى يۆگىۋالسا ئايرىم فىديە. خۇشپۇراق ئىشلەتسە، كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىۋالغانغا ئايرىم… ۋەللاھۇ ئەئلەم.
84 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر دوستىمىز ئائىلە ئىشلىرىدا ۋە باشقا ئىشلىرىدا بىر ئاز قىيىنچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قاتتىق ئىچى سىقىلىش ئىچىدە ئىكەن. بۇ ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلايلى دېيىشىپتۇ. دۇئادىن بۇرۇن بىرقانچە يېقىنلار بىرلىشىپ: «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنْ الظَّالِمِينَ دېگەن دۇئانى 71 مىڭ قېتىم ئوقۇساق دېيىشىپتۇ. بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى نېمە؟ مۇشۇنداق قىلساق جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ دۇئانىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ: «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنْ الظَّالِمِينَ / ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن كەمچىلىكلەردىن پاكسەن، ھەقىقەتەن مەن زالىملاردىن بولدۇم» دەپ دۇئا قىلغانىدى. قانداق بىر مۇسۇلمان بۇنىڭ بىلەن قانداق بىر ئىشتا دۇئا قىلسا، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى ئىجابەت قىلىدۇ»(تىرمىزى: 3505).
شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ زىكرى، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دۇئا قاتارلىق ئەمەللەرنى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇش ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى 71 مىڭ ئوقۇش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. شۇڭا، بۇ سانغا ئۆزىمىزنى باغلىۋالماستىن كۆپ قېتىم ئوقۇساق ۋە شۇ دۇئادا ئىخلاس بىلەن گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى تىلىسەك بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
85 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمدە «قۇرئان» لازىم بولۇپ مەسجىدۇلھەرەمدىن ئاشكارا ھالدا بىر «قۇرئان» ئېلىپ چىققان. ھەرەمدىكى تازىلىق خادىمىمۇ ئېلىپ چىقساڭ بولىدۇ دېگەن بولدى. لېكىن، مەسجىد مەسئۇللىرىدىن سوراش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەسجىدۇلھەرەم بولسۇن باشقا مەسجىد بولسۇن ياكى بىرەر قارىيخانا ياكى مەدرىسە بولسۇن، ئۇ يەرگە ۋەقف قىلىنغان مۇسھەف ۋە كىتابلار شۇ جايغا قىلىنغان ۋەقف بولۇپ، ۋەقف قىلغۇچىنىڭ شەرتى بويىچە ئۇلارنى شۇ يەردىلا ئوقۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۇنى ئېلىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋېلىشقا، ئورنىنى باشقا جايغا يۆتكەشكە ياكى ئوقۇپ ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن سىرتقا ئەچىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلغان تەقدىردە پايدىلىنىشى كېرەك بولغان ئامما ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. ئەمما، ھەرەمدە ئوقۇشقا ۋەقف قىلىنماي ھاجىلارغا تارقىتىشقا قويۇپ قويۇلغان مۇسھەفلەر بولسا ئۇنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. شۇڭا، توغرىسى مەسجىد نازىرلىرىدىن تەپسىلىي سوراپ، ئىجازەت ئېلىپ ئەچىقىش ياكى ئارىيەت ئېلىش ياكى باشقا يەرگە يۆتكەش، بولمىسا ئەچىقماسلىق، ئەچىققان بولسا جايىغا قايتۇرۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
86 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئېغىرئاياغ ئايال تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىنىڭ «جىنسىيەت پارتىسى» دەپ بىر يىغىلىشلار قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. دىنىمىزدا ياكى ئۆرپىمىزدە ئۇنداق بىر ئىش يوق. كافىرلارنى دوراپ قىلمىسا چەكلىنىدىغان بىر ئىش بولمىسىمۇ ئارتۇقچە بىر ئىش، ياكى كۆز – كۆز قىلىش بولۇشى مۇمكىن. توغرىسى، تۆرەلمىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولغانلىقى مەلۇم بولسا ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭ دۇنياغا ساغلام كەلتۈرۈلۈپ، سالىھ پەرزەنت قىلىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلماق ۋە سەدىقە بەرمەك پايدىلىق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
87 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايال توي قىلىپ 4 – 5 يىل ئۆتكىچە تۇغمىغاندىن كېيىن ئېرى 2 – ئايال ئالماقچى بولسا ئايالى ئۆزىنىڭ تالىقىنى تەلەپ قىلسا گۇناھكار بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەرىئەتتە نىكاھلىنىشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەرنىڭ ئىچىدە ئارام ئېلىش، خاتىرجەملىك، مېھىر – مۇھەببەت، ئۇنس – ئۈلپەت، سالىھ پەرزەنت كۆرۈش، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە جۈپتىنى ئىپپەتلىك ساقلاش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ۋە ھۇزۇر ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇرۇشلاردا ئەرلەرنىڭ كۆپ قىرىلىپ كېتىپ جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىش، تۇغماس چىقىش، ھەيز ۋە نىپاستا بىللە بولماسلىق قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا — زۆرۈرىيەت دائىرىسىدە توغرا پايدىلانغان ۋە شەرتىگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، — كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ ئىپپەتلىك بولۇش ۋە پەرزەنتلىك بولۇشتىن باشقا يەنە ئومۇم جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى قوغداپ قېلىش، ئۈممەتنىڭ سانىنى ئاۋۇتۇش، تۇل خوتۇنلاردىن خەبەر ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك پايدىلىرى بارلىقى ھەم بىر ھەقىقەت.
ئايال كىشى ئۈستىگە خوتۇن ئالماسلىق شەرتى بىلەن نىكاھلانمىغان تەقدىردە، ئەرنىڭ 2 – ئايالنى ئېلىشى سەۋەبلىكلا تالىقىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ تالاق ئۈچۈن شەرئىي سەۋەب بولالمايدۇ. ئاجرىشىشقا لايىق بىر سەۋەب ياكى بىر ئەيىب بولماستىن، ئايال كىشىنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىشقا ئالدىراپ تالىقىنى تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىر ئايال ھېچ سەۋەبسىز ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ پۇرىقى ھارامدۇر» دېگەن (تىرمىزىي: 1187). شۇڭا، ئايالىنى داۋالىتىپ ياكى ئاللاھنىڭ پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى كۈتۈپ يەنە بىر مۇددەت سەۋر قىلىپ تۇرۇشى ئەرگە تەۋسىيە قىلىنغىنىدەك، ئايالغىمۇ 4 – 5 يىل ئۆتكىچە تۇغمىغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى شەرئىي ھۆكۈمنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرنى پەرزەنت كۆرۈش ھەققىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى ۋە ئەردىن نەپىقە ۋە باشقا ئىشلاردا ھەققىنى ۋە تەڭ مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مۇبادا ئەر ھەر ئىككى ئايالىغا تەڭ مۇئامىلە قىلىپ، نەپىقە ۋە باشقا ئىشلاردا زۇلۇم قىلمىسا، ئايال بۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلىگەن مۇددەتچە چىدىشى لازىم. چىدىيالمايدىغان بولسا ۋە ئەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسە، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەر تالىقىنى بەرسە بەردى، بەرمىسە، مەھر تويلۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، خۇلئى ئۇسۇلىدا ئۇ ئەردىن ئاجراشسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تالىقىنى تەلەپ قىلىشى 2 – ئايالنى ئېلىش ياكى تۇغماسلىق بىلەن ئالاقىسىز. پەقەتلا ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقۇشىغا باغلىق. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئەگەر سىلەر ئەر – ئايال ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) ئېرىگە مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىيلەنگە گۇناھ بولمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 229).
ساھابەلەردىن سابىت ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! سابىت ئىبنى قەيسنىڭ دىيانىتى ياكى ئەخلاقىنى ئەيىبلىمەيمەن. لېكىن، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاشقا تاقىتىم قالمىدى، — دېدى. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالدىن ئېرىدىن نېمە تويلۇق ئالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئايال:
— بىر باغ، — دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالغا:
— ئۇنىڭغا بېغىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟ — دېگەندە، ئۇ ئايال:
— ھەئە، — دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سابىتقا:
— باغنى ئېلىپ، ئۇنى بىر تالاق قىلىۋەتكىن! — دېدى(بۇخارىي: 5273).
88 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. شەرقىي تۈركىستاندىن ياكى باشقا دۆلەتلەردىن ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە نوپۇس ئېلىش ئۈچۈن كېلىپ تۇرۇۋاتقانلار ئادەتتە 5 – 10 يىل كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا يەرلىك بىرىگە 50 – 80 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل بېرىپ، يالغاندىن توي رەسمىيىتى بېجىرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن تەكشۈرۈشلىرى تاماملانغۇچە ئەر – ئايالدەك بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ، يېشىل كارد چىققاندىن (ياكى نوپۇس ئىشى مەلۇم باسقۇچتىن ھالقىغاندىن) كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ رەسمىي ئاجرىشىپ ئۆز يولىغا ماڭىدۇ. بۇ تەرىقىدە پۇل بېرىپ، يالغاندىن توي خېتى ئېلىپ، كۆزلەنگەن ئىش ھەل بولغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بىر مۇسۇلمان ئەر ياكى ئايالنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرىكى تۇرۇش رۇخسىتى، نوپۇس ۋە سوسيال ياردەم دېگەندەك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن يەرلىك بىرى بىلەن شەكلىي توي خېتى ئېلىشقا كېلىشىشى ۋە رەسمىي ئورۇنلارغا ئەر – ئايال كۆرۈنۈپ، كۆزلەنگەن مەقسەت ھەل بولغاندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتە ۋە ھەقىقەتتە دىنىمىزدىكى نىكاھ ۋە توي مەقسەتلىرىدىن يىراق ۋە زىت بىر ئىش بولۇشتىن سىرت، ناتوغرا توختام، ناتوغرا شەرت ۋە ساختىلىقنى، شۇنداقلا شەرىئەت چەكلىگەن باشقا ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر قىلمىشتۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى «ئامېرىكا شەرىئەت فۇقاھائلىرى ئاكادېمىيىسى (The Assembly of Muslim Jurists At America)»، «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (European Council For Fatwa and Research)»(م 2009، 10 – مارتتىكى پەتۋا)، «سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە پەتۋا دائىمىي ھەيئىتى»(12087 – پەتۋا) قاتارلىق پەتۋا ئورگانلىرى، شۇنداقلا تونۇلغان پەتۋا ئالىملىرى «ھارام» دېگەن.
بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ نىيىتى شەرئىي نىكاھ بولماستىن، بىرى نوپۇس ئىشىنى كۆزدە تۇتسا يەنە بىرى پۇلنى كۆزلەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى شەرىئەتتىكى مۇقەددەس رىشتە بولمىش نىكاھتىن ۋە ئۇنىڭدىن كۆزلەنگەن بۈيۈك غايىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى تىجارىي بىر توختامغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ توي خېتىدىن شەرىئەتتىكى نىكاھتىن كۆزلەنگەن نەسىل، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە مېھىر – مۇھەببەت ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ھەتتا شەھۋەتنى ھالال يول بىلەن قاندۇرۇشمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.
بۇ ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىشتىكى ئىككىنچى چاتاق: ئىككى تەرەپنىڭ بۇ توي خېتىدىن مەقسەت ئادا بولۇپ، نوپۇس ۋە تۇرۇش رەسمىيەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئايرىلىش نىيىتى بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇنى ئېنىق ئىپادىلەپ توختام قىلىشقانلىقتىن، بۇنىڭ ماھىيىتى بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا مەلۇم ھەق بەدىلىگە بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە، ياكى بىر ئاي دېگەندەك ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلەپ نىكاھلىنىشىدىن ئىبارەت نىكاھى مۇتئە (ۋاقىتلىق نىكاھ)تۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىكاھى مۇتئەنى چەكلىۋەتكەن. بۇ جەھەتتىنمۇ بۇ ئىش ناتوغرا توختام قاتارىغا كىرىدۇ. نەتىجىدە بۇ قىلمىش شەرىئەتتىمۇ چەكلەنگەن قىلمىش بولۇپلا قالماي شۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدىمۇ چەكلەنگەندۇر. بۇنى قىلغۇچى شەرىئەتكىمۇ، دۆلەت قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىتىنى دۆلەتكە ۋە يەرلىكلەرگە يامان كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىشتىكى ئۈچىنچى چاتاق: مۇبادا نوپۇسقا ئېرىشمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئايال بولۇپ، قارشى تەرەپ دىنسىز ياكى ئەھلى كىتاب بولسا، بۇ ئىشتىكى ھاراملىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بۇ توختام يۇقىرىقى ناتوغرىلىقلاردىن خالىي بولغان تەقدىردىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ ۋە ئۇ ئەر بىلەن يالغۇز بىر ئۆيدە تۇرۇشىمۇ ھارام بولىدۇ. نوپۇسقا ئېرىشمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئەر بولۇپ، قارشى تەرەپ دىنسىز بولسىمۇ شۇنداق. نوپۇسقا ئېرىشمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھەقىقەتتە (ۋەتەندە ياكى شۇ دۆلەتتە) ئېرى بار ئايال بولسا بۇ ئىشنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
خۇلاسە: بىرەر دۆلەتتە تۇرۇش ياكى نوپۇس ئېلىش ئۈچۈن يالغاندىن نىكاھ ۋە توي خېتى رەسمىيىتى بېجىرىش جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇ ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق بولۇپ، توي خېتى رەسمىيىتىمۇ ناتوغرا توختامدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
89 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 3 – قېتىم تالاق بولغان ئايالنىڭ يېنىغا تالاق قىلغان كىشى ئىددىتى توشقۇچە كىرىپ – چىقسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 3 – قېتىم تالاق بولغان ئايال 3 – تالاق بىلەن تالاق قىلغان ئەردىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجرىغان بولغاچقا، ئەر ئۇ ئايالغا نىسبەتەن يات كىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەرگە نامەھرەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى، يامان ئاقىۋەت يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرماسلىقى، ئولتۇرۇپ – قوپماسلىقى ۋە ئۇ ئەرنىڭ قېشىغا كىرىپ – چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال باشقا يات ئاياللارغا ئوخشاشلا ئۇ ئەرگە ياتتۇر. شۇڭا، ئەر ئۇ ئايال بىلەن باشقا يات ئايال بىلەن خىلۋەتتە بولسا بولمىغىنىدەك خىلۋەتتە بولالمايدۇ. يات ئاياللاردەكلا ئۇ ئايالنىڭمۇ قارىسا بولمايدىغان يېرىگە قارىسا بولمايدۇ. ئۇ ئەرنىڭ ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ھېچ ئارىلىشىپ ئۆتۈش سالاھىيىتى يوقتۇر. يەنە ئۇنىڭ بىلەن باشقىغا ياتلىق بولۇپ، تالاق قىلىنىپ ئۇنىڭ ئەمرىگە قايتىشنى پۈتۈشسە بولمايدۇ»(«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 32/11).
90 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! پۇتبولنى كەسىپ قىلىپ ئويناش جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇتبولنى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئويناش مۇباھ بولۇپ، ئۇنى كەسپ قىلىشمۇ بۇ ھۆكۈمگە ئەگىشىدۇ. يەنى مۇباھنى كەسپ قىلىشمۇ مۇباھتۇر. كەسپ قىلىپ ئوينىغان تەقدىردە، ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش نەتىجىسىدە قىمار ئويناش بولمىسىلا مەلۇم دۆلەتنىڭ ياكى كۇلۇبنىڭ پۇتبولچىغا بەرگەن ئايلىق ياكى يىللىق مائاشى ھالال بولىدۇ. بۇ ياللىنىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىش. لېكىن، ھازىرقى مۇسابىقىلەردە كۆرىلىۋاتقىنىدەك يوتىنىڭ بىر قىسمى بولغان يەڭگىل ئەۋرەتنى ئېچىش(كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا يوتا ئەۋرەت)، نامازنى ۋە باشقا ۋاجىباتلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلالماسلىق، ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپى ۋە تەرەپتارلارنىڭ دۈشمەنلىشىشى، نامەھرەم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئارىلاش ئولتۇرۇشلىرى ياكى دو تىكىپ قىمار ئوينىشى دېگەندەك گۇناھقا ياتىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنالماي قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۇتبولچىنىڭ كىرىمىنى شۈبھىلىك دەپ قارىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا، بۇلاردىن ساقلىنالىسا كەسپى ھالال بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە زور مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزەلىشىمۇ مۇمكىن. ساقلىنالمىسا، بۇلارنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار گۇناھى بىلەن بىرگە كىرىمى ھالالدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
91 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ ئاشۇرا كۈنى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ كۈندۈزى روزا تۇتسا بەك ساۋاپ ئىكەن، تۈركلەر ئاشۇنداق دەيدۇ راستمىدۇ؟ ئاندىن كېچىچە تۈنىگەندە خۇپتەندىن كىيىن ئۇخلېۋېلىپ سائەت بىرلەردە قوپۇپ ئىبادەت قىلساق كېچىچە ئىبادەت قىلغان بولامىزمۇ؟ كېچە تۈنەشنى قانداق قىلساق تېخىمۇ سۈننەتكە ئۇيغۇن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ھىجرىي يېڭى يىل (ھ. 1446) مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى ئاشۇرا كېلەر سەيشەنبە كۈنى كۈنىدۇر. ئاشۇرا كۈنىدە بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش بولسا، پەقەتلا روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشتۇر. ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە (1162) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا: «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دېگەن. «ئاشۇرا كېچىسى ئىبادەت قىلسا بەك ساۋاب» دېمىگەن. شۇڭا، تۈركلەرنىڭ «ئاشۇرا كېچىسى ئىبادەت قىلسا بەك ساۋاب» دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسى يوق. پەقەتلا باشقا كېچىلەردەك، كېچىسى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك رەكئەت ناماز ئوقۇپ تەھەججۇد ئوقۇش يىلنىڭ باشقا كېچىلىرىگە ئوخشاش مۇستەھەب ئەمەلدۇر.
ئەسھاب كىراملەر، تابىئىنلەر، تۆت مەزھەب ئىماملىرى ۋە باشقا مۇجتەھىد ئىماملاردىن بىرەرسىمۇ ئۇنداق دېمىگەن. شىئەلەر ھەزرىتى ھۇسەيننىڭ قەتلى قىلىنىشى سەۋەبلىك ئاشۇرا كۈنىنى ئۆزلىرىنى قامچىلايدىغان ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرغان بولسا، ھەزرىتى ئەلىگە ئۆچمەنلىك قىلغان ناسىبىيلار ئاشۇرا كۈنىدە ناماز ئوقۇشنىڭ، غۇسلى قىلىشنىڭ، سۈرمە تارتىشنىڭ ۋە ئائىلىسىگە كەڭ يېمەك – ئىچمەك تەييارلاشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە يالغان ھەدىسلەرنى توقۇغان. بۇ سەۋەبتىن ئاشۇرا كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى بار دەپ كېچىسى ئىبادەت قىلىش بىدئەت دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلغانلار ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلاپ بىدئەت ئىش قىلغان بولىدۇ. بىدئەت بولسا ئازغۇنلۇقتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
92 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلار سىرتتىن شىئەلەرنىڭ تارقاتقان ئاشۇرا تامىقىدىن ئەكىرىپتۇ، مەن «يېسەك بولمايدۇ» دەپ يېگىلى قويمىدىم. ئۇلارنىڭ تارقاتقان يېمەكلىرىنى يېسەك دۇرۇسمۇ ياكى خاتامۇ؟ تۈرك قوشناممۇ «بىر كۇن بىللە يەيلى» دېگەنىدى. كۆڭلۈمدەش ەك بولغاچقا: «مەن بارمايمەن ھەم يېمەيمەن» دېگەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى ئاشۇرا كۈنىدە شىئەلەر ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى «كەربالا» چۆلىدە خائىنلارچە ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ كۈننى ئۆزىنى كاچاتلاش ۋە قامچىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان تەزىيە ۋە ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرغان. بۇنى ھەر يىلى شۇ تەرىقىدە خاتىرىلەيدۇ. بۇ نەچچە تەرەپتىن ئېغىر بىدئەت دائىرىسىدىكى ئىش بولۇپ، ئەھلىسۈننەت مۇسۇلمانلار بۇ تۈرلۈك مۇنكەر پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنگە ئاتاپ ئەتكەن تاماقلىرىنى بىدئەتكە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش جەھەتتىن بەزى جەمئىيەتلەردە بەزى شەخسلەر يېمەي تۇرسا مەيلى. بۇ ھەممە جەمئىيەتلەرگە، ھەممە شەخسلەرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. قوشنا – قولۇملار بىلەن چىرايلىق ئۆتۈش ئېھتىياجى بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك دەلىللەرگە تايانغان «يېسە بولىدۇ» دېگەن قارىشىنى تۇتۇش توغرىدۇر. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوغۇزلانغان مال گۆشى ۋە دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش ھالال بولغان ھەدىيەلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىمۇ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماستىن قوبۇل قىلىش جائىزدۇر.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نورۇز ھەدىيەسىنى كافىرلاردىن قوبۇل قىلغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: ‹بىزنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى بولغاندا بىزگە ھەدىيە بېرىشىدۇ، (قانداق قىلىمىز؟)› دەپ ھۆكمىنى سورىغاندا: ‹شۇ كۈن ئۈچۈن ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار! كۆكتات، مېۋەلىرى بولسا يەڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىشەتتى. ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتىغا: ‹مېۋە بولسا يەڭلار! باشقىسىنى (گۆشلەرنى) قايتۇرۇۋېتىڭلار› دەيتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېيتلىرىنىڭ تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھېيت بولسۇن، باشقا چاغ بولسۇن، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇلارغا كۇفۇر ئىشلاردا ياردەم قىلىش يوق». قاراڭ: ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2/51 – 52.
ئەھلىسۈننەت مۇسۇلمان قوشنا – قولۇملا ئەتكەن ئاشۇرا تامىقىنى يېسە ھەم بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
93 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مىلادىيە يېڭى يىل كېلىۋاتىدۇ. بىز رەختچىلەر خىرىستىيانلار ۋە ئۇلارنى بۇ ئىشتا دورايدىغان مۇسۇلمانلار يېڭى يىل تەبرىكلەشلىرىدە ئىشلىتىدىغان پارقىراق ۋە يالتىراق رەختلەرنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىشىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ، بېشىمىز قاتتى. شەرىئەتتە بۇ تۈرلۈك ماللارنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. مىلادىيە يېڭى يىل ياكى روژدېستۋونى قۇتلاش ۋە تەبرىكلەشنىڭ، چەكلىنىدىغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بايراملارغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىيە بېرىش، ئارچا بىلەن زىننەتلەش ۋە روژدېستۋو بوۋاي قىلىقلىرىنى دوراش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەت ۋە تەييارلىقلاردىن نېرى تۇرۇشى لازىملىقى ئايرىم پەتۋادا (https://sajiya.biz/?p=10675) بايان قىلىندى.
بۇ يەردە شۇنى دەيمىزكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ كافىرلارنىڭ مەخسۇس بۇ تۈرلۈك بايراملىرىدىلا ئىشلىتىدىغان تەبرىكلەش نەرسە – كېرەكلىرىنى، ھەدىيەلىرىنى ياساش، تەبرىكلەشكە ئالاقىدار باغاق، ئېلان ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قىلىش، ئۇنىڭغا ئالاقىدار كىيىم – كېچەكلەرنى تىكىش، رەختلەرنى، ئارچا ۋە روژدېستۋو بوۋاي كىيىملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىش، بۇلارنى ساتىدىغان دۇكانلاردا ئىشلەش، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئېتىبارلىق پائالىيەت قىلىش، ئومۇمەن بۇ بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە ياردىمى بولىدىغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ كافىرلارنىڭ شىرك ۋە ئىسلامغا زىت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلىشىش ۋە ھەسسە قېتىشتىن ئىبارەت ھارام ۋە مۇنكەر قىلمىشتۇر. ئاللاھ تائالا ﴿گۇناھ ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ھەمكارلاشماڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 2) دەپ بۇيرۇغان . شۇڭا، بۇ ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى لازىم. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەپ رىزقنىڭ ھارام ۋە شۈبھىلىك كىرىمدىن خالىي ۋە پاك بولۇشى ئۈچۈن بۇ خىل تىجارەتتىن ئۆزىنى تارتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ھالال رىزق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
94 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇلۇتلۇق لىبىر كىيىمنىڭ تېشىدىنمۇ بىلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مەن بۇلۇتلۇق لىبىر كىيسەم تالاغا راھەت چىقالمايمەن. ئەجىبا بۇنى كىيىپ تالاغا چىقىشنىڭ ھۆكمى قانداقتۇر؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىيىم كىيىشتە ئىككى مەقسەت باردۇر: بىرى، ئەۋرەتنى يۆگەش؛ يەنە بىرى، زىننەتلىنىشتۇر. ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر ئالدىدا بەدىنىنى كۆرسىتىدىغان، خۇسۇسەن بەل، مەيدە ۋە ساغرىغا ئوخشاش جەلپ قىلىش ئورۇنلىرىنى ھەجىم ۋە شەكىل جەھەتتىن مەلۇم قىلىدىغان دەرىجىدە نېپىز، تار كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشنى شەرىئەت ھارام قىلغان. بۇلۇتلۇق لىبىر (سۈتيەن) نىڭ ساغلاملىق ۋە زىننەتلىنىش تەرەپتىن پايدىلىق تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئېرى ئالدىدا ۋە نامەھرەم يوق يەردە بۇلۇتلۇق لىبىر كىيسە، شۇنداقلا نامەھرەم بار جايلاردا ئۈستىنى مەيدە مەلۇم بولمايدىغان تەرىقىدە كىيىم بىلەن يۆگەپ بۇلۇتلۇق لىبىر كىيسىمۇ جائىز. ئەمما ئۈستىنى يۆگىمەي، نامەھرەملەر ئالدىدا كىيىم نېپىزلىكىدىن ۋە تارلىقىدىن ئىچىدىكىنى كۆرسىتىپ ۋە نامايان قىلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇنى كىيىشى ھارام. يەنە توي قىلىش ئالدىدىكى قىز – چوكانلارنىڭ لايىقلارغا چىرايلىق ياكى ياش كۆرۈنۈش ئۈچۈن بۇلۇتلۇق لىبىر كىيىشى ساختىلىققا ياتىدىغان قىلمىشتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
95 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بۇرۇن ئۇزۇن يىللار نامازنى جايىدا ئادا قىلالمىغان ئىدىم. بۇ يىل ئاللاھ تائالا ماڭا ھەجنى نېسىپ قىلىپ، ھەج قىلدىم. ھەجدىن كېيىن نامىزىمنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھەدىستە «ھەج قىلغان كىشى ئانىدىن تۇغۇلما بولۇپ قايتىدۇ» دەپتۇ. ئۇنداقتا قىلغان ھەجىم مەن بۇرۇن ئوقۇيالمىغان نامازلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەھىھەيندىكى ھەدىس شەرىفتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى مۇشۇ بەيتكە ھەج قىلىپ (سەت گەپ ۋە جىمادەك) نامۇناسىپ ئىش ۋە گۇناھ قىلمىسا، ئانىسى ئۇنى تۇغقان كۈندىكىدەك (پاك) ھالەتكە قايتىدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھالال مالدىن ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئادا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا گۇناھ – مەئسىيەت، جەڭگە – جېدەل، نامۇناسىپ ئىشلارنى ئارىلاشتۇرماي ئادا قىلىنغان ھەج كىچىك گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىدا باشقىچە قاراش يوق. يەنە قۇل ھەققى ھەق ئىگىسى رازى بولمىغۇچە يۇيۇلمايدىغانلىقىدىمۇ باشقىچە قاراش يوق. پەقەتلا تەۋبە قىلىپ، ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغان قۇل ھەققى يۇيۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بەزى ئالىملار ئىلگىرى سۈرگەن. چوڭ گۇناھلارچۇ؟ يۇيۇلۇپ كېتەمدۇ؟ بۇنىڭدا قاراشلار بىردەك ئەمەس. «چوڭ گۇناھلار يۇيۇلمايدۇ» دېگەن قاراش بويىچە نامازلار تاكى ئادا قىلىنمىغۇچە ساقىت بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ «نامازلارنى ئادا قىلالمىغانلىق گۇناھىمۇ يۇيۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەن قارىشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئادا قىلمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى، نامازنىڭ ئادا قىلىشنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغانلىقنىڭ گۇناھى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇمىغان نامازلارنى ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قازاسىنى ئوقۇمىسا، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. روزا، زاكاتلارمۇ شۇنداق. ئوخشاشلا قەرز، ئامانەت ۋە رەنە قاتارلىق قۇل ھەققىمۇ شۇنداق. ئۇنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلىق گۇناھى ھەج بىلەن يۇيۇلسىمۇ، ئۇنى تاكى قايتۇرغۇچە ئۇ گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. «چۈنكى، ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىشقا ھەممىدىن ھەقلىقتۇر»(سەھىھەين). نامازلارنى قازا قىلىشمۇ يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن چوڭ گۇناھلارنىڭ شۇنداقلا نامازلارنىڭ ساقىت بولۇشى ئىجتىھادىي مەسىلە بولغاچقا، يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دەپ كېسىپ بىر نەرسە دېيىش تەس. شۇڭا بۇرۇن ئوقۇيالمىغان نامازلارنى ھەجدىن كېيىن ئادا قىلىپ بولدۇم دەپ خاتىرجەم بولغۇچە ئادا قىلىش كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان ئىشتۇر. مۇھىم بولغىنى ھەجدە ۋە ھەجدىن كېيىن ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ ۋە قۇللارنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھەقلەرنى جايىدا ئادا قىلىشقا تىرىشىش زۆرۈردۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
96 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە رۇسىيەدا بۇغدايدا ئېچىتىپ ئىشلىنىدىغان كەۋاس دەپ بىر خىل ئىچىملىك بار. مەست قىلمايدۇ ھەم ھەر قېتىمدا كۆپ مىقداردىمۇ ئىچىلمەيدۇ. ئۇنى ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كەۋاس (Kvass/ Квас) روسىيە، ئوكرائىنا ۋە شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بۇغداي ۋە ئارپا نېنىنىڭ خمىرتۇرۇچلىنىشى بىلەن ئېچىتىپ، كىشمىش، يالپۇز دېگەندەك بەزى مېۋە ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ تەملىرى قېتىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان، تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىچىلىدىغان بىر خىل ئىچىملىك. تىجارىي مەقسەتتە ئىشلەپ چىقىرىشتا تېخىمۇ ئەرزان خام ماتىرىياللار قوللىنىلىدۇ. روسىيەنىڭ ئۆلچىمىدە كەۋاس ئىچىملىكىدە ئېتىل ئالكوھول نىسبىتى (C2H5OH) 0.05%— 1.4% ئارىلىقىدا بولىدۇ ۋە ئىسپىرتسىز ياكى تۆۋەن ئىسپىرتلىك ئىچىملىك دەپ قارىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ئۆلچەم پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى. بۇنى ئادەتتە بىرەر ئىستاكان ئىچسە مەست قىلمايدۇ. بىرنەچچە لېتىر ئىچسە مەست قىلامدۇ؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. تۈركىيەدىكى گىمدەست GİMDES ھالاللىق گۇۋاھنامە ئورگىنى ئادەتتە %0.02 ئۆلچەم قىلىدۇ.
شەرئىي جەھەتتىن ئىسپىرتلىك ئىچىملىك ئىسپىرت پىرسەنتى تۆۋەن بولۇپ بىرەر ئىستاكان ياكى بىرەر لېتىر ئىچسىمۇ باشنى قايدۇرمايدىغان، كەيپ ۋە مەست قىلمايدىغان بولسا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەگەر كۆپرەك ئىچسە ياكى سەل كونىراقىنى ئىچسە مەست قىلىدىغان بولسا ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇم ئىچىشمۇ ھارام بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۆپى مەست قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ئېزىمۇ ھارامدۇر».(تىرمىزىي 1865) دېگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
97 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشىنىڭ ئورۇقلاش مەقسىتى بار ئىكەن. بۇ مەقسەتتە «ھەم ئورۇقلايدىكەنمەن، ھەم ئەجىرگە ئېرىشىدىكەنمەن» دەپ نىيەت قىلىپ نەفلە روزا تۇتسا، دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. روزا ۋە باشقا ئەمەللەرنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن نىيەت ۋە ئىخلاس شەرتتۇر. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك: «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر». بۇنىڭغا ئاساسەن، روزا تۇتقۇچى ئىبادەت نىيىتىدە بولمىسا، پەرز روزىسىمۇ، نەفلە روزىسىمۇ روزىسى توغرا بولمايدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن بىللە تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، داۋالىنىش ۋە ئۇرۇقلاشتەك نىيەتلەردە روزا تۇتسا، روزىسى توغرا بولىدۇ ۋە سالىھ ئەمەل قاتارىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئورۇقلاش پەرھىزى روزا تۇتۇشقا ئەگەشمە نەتىجە بولۇپ، روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلسۇن – قىلمىسۇن، يەپ – ئىچمەسلىكتىن ئورۇقلاش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، روزا ئۆزىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بىلەن بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. دېمەك، ساۋابنى كۆزلەش بىلەن ئورۇقلاش نىيىتىنى جەملەپ روزا تۇتسا بولىدۇ. ئەھلى ئىلىملەر دېگەندەك، بۇ خۇددى تاھارەت ئېلىشقا سالقىنداشنى، ھەجگە تىجارەتنى قوشۇپ مەقسەت قىلغانغا ئوخشايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھىھەيندە توي قىلالمايدىغان ياشلارغا شەھۋەتنى كېسىش نىيىتىدە روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ: «سىلەردىن كىمكى ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتمىگەن بولسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قالقاندۇر» دېگەن. مۇبادا باشقا مەقسەت ئەسل نىيەتكە قېتىلسا روزىغا تەسىر يېتىدىغان بولسا ئىدى، ئۇنداق بۇيرۇمىغان بولاتتى. سەھىھەيندە يەنە: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولسا، خىش – ئەقرىبالىرىغا سىلە – رەھىم قىلسۇن» دېگەن. بۇ ھەدىستىمۇ سالىھ ئەمەللەرنىڭ قوشۇمچە دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى ئەسلىتىلگەندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
98 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىش دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟ قانداق بولغاندا ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان بولىدۇ؟ داموللاملار تۇۋەندىكى ھەدىسنى بايان قىلىشىۋاتىدۇ:
1. بىر ھەدىستە «بىر ئادەم جەننەتكە كىرىشكە بۇيرۇلدى. مالائىكىلەر جەننەت دەرۋازىسىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئادەم مالائىكىلەردىن سورىدى: ‹مېنىڭ دۇنيادا ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان پالانچىمۇ جەننەتتىمۇ؟› دېسە، ‹ياق، ئۇ دوزاختا› دېدى. ‹ئۇ دوزاختا بولسا مەن ئۇنى قۇياپ جەننەتكە كىرمەيمەن› دېدى. كېيىن ئاللاھ: ‹بەندەمنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىڭلار! دوزاختىكى دوستىنى چىقىرىپ بىرگە جەننەتكە كىرگۈزۈڭلار› دېدى» دېيىلگەن.
2. ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مېنىڭ مېلىمدىن خاھلىغىنىڭىزنى سوراڭ. مەن سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن» دېگەن ھەدىس بىلەن يەنە ئاتىنىڭ بالىغا، بالىنىڭ ئاتىغا ئەسقاتمايدىغان دەھشەتلىك كۈندە ئاللاھ ئىجازەت بەرمىسە سەن خاھلىغان ئادەمگە شاپائەت قىلالمايسەن دېگەنگە ئوخشاش ئايەت، ھەدىسلەر باركەن.
يۇقىرىقى ئىككى مەزمۇندا دېيىلگەنلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىش: دۇنياۋى مەنپەئەت كۆزلەنمىگەن، پەقەتلا ئىمان، ئېھسان ۋە ئىسلام خىزمىتى ئۈچۈن دوستلىشىشتۇر. ئىمانغا، ئىھسانغا ۋە ئىسلامغا زىيانلىق ئەھۋال بولسا ئايرىلىپ كېتىدىغان دوستلۇقتۇر. بۇ دوستلۇقنىڭ پايدىسى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك، مەھشەرگاھتىكى قىيىن ئەھۋالدا ئاللاھنىڭ سايىسى بىلەن قىيىنچىلىقنىڭ يەڭگىللىشىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق قىيامەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ (ئۇلار): ئادىل پادىشاھ؛ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت؛ ئەس – يادى ھەمىشە مەسجىدكە باغلانغان كىشى؛ بىر – بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئايرىلىشقان ئىككى كىشى؛ ئېسىل ۋە گۈزەل بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ‹ئاللاھتىن قورقىمەن› دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى؛ ئوڭ قولى بەرگەن سەدىقەنى سول قولى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەخپىي بەرگەن كىشى ۋە پىنھان جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى».(سەھىھەين)
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرمۇ ئەمەس، شېھىدلەرمۇ ئەمەس. لېكىن پەيغەمبەرلەرمۇ، شېھىدلەرمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاتا قىلغان مەرتىۋىنى ئارزۇ قىلىپ قېلىشىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، ـ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئۇلار ئارىلىرىدا تۇغقاندارچىلىق ياكى پۇل ـ مۇئامىلىسى بولمىسىمۇ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى ئۈچۈن بىر ـ بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن كىشىلەر بولۇپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى نۇرانە بولىدۇ ھەم ئۆزلىرىمۇ نۇر (دىن ياسالغان مۇنبەرلەر) نىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. خالايىق قورقۇنچتا قالغاندا، ئۇلار قورقمايدۇ. خالايىق غەم ـ قايغۇدا قالغاندا، ئۇلاردا غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ، ـ دېدى. ئاندىن: ﴿راستىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا قورقۇش، قايغۇرۇش يوقتۇر﴾(يۇنۇس، 62) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. (ئەبۇ داۋۇد: 3527)
ئاندىن سىز تىلغا ئالغان 1 – ھەدىسنى ئىمام بەغەۋىي 26/«شۇئەراﺋ»:102 – ئايەتنىڭ تەفسىرىدە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدى سەھىھ ئەمەس. ئۇ ئايەتتە بايان قىلىنغىنى مۇئمىنلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان شاپائەتلىرىنى كۆرگەن كافىرلار قىيامەت كۈنى ﴿نېمىشقا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىز يوق، يېقىن دوستىمىزمۇ يوق، دېيىشىدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»:102) دېگەن ئايەت تەفسىرىدە بايان قىلىنغان. دېمەك، بۇ ئايەتتىنمۇ ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىشنىڭ قىيامەتتە پايدىسى بولىدىغانلىقى، دوستلارنىڭ بىر – بىرىگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى چىقىدۇ.
سىز تىلغا ئالغان 2 – ھەدىس شۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «ئاللاھ تائالا: ﴿ئەڭ يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن﴾(26/«شۇئەرائ»: 214) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ: ‹ئى قۇرەيش جامائىتى! — ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىر سۆز — سىلەر (ئىسلامغا كىرىش ئارقىلىق) ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار، مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە تېگىشلىك ئازابىنى ئازراقمۇ قايتۇرالمايمەن. ئى ئەبدۇ ماناف جەمەتى! سىلەردىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب! سەندىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى سەفىييە! سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مېنىڭ مېلىمدىن خاھلىغىنىڭىزنى سوراڭ. مەن سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن› دېدى».(سەھىھەين)
مانا بۇ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى، ھاممىسى ۋە قىزىدەك ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئەمەل قىلىپ قويالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، باشقا دوست ۋە يىراق كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق.
ئەلۋەتتە بۇ ئەمەل قىلىشقا تەرغىب قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇپ، ئاگاھلاندۇرۇپ دېيىلگەن سۆزلەر بولغاچقا، شۇڭقا بۇ ھەدىسمۇ شاپائەت قىلغان ئەھۋالدا ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالىدىغانلىقىغا زىت كەلمەيدۇ. دېمەك، ئاتىغا، بالىغا، تاغا ۋە ھاممىغا، يەنە دوستىغا شاپائەت قىلىشى ئاللاھ تائالا ئىجازەت بەرسە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغانلار قاتارىدىن دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بىردەك ماس كېلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
99 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كانادالىق دوستۇم: «سىلەر قوي، كالا دېگەندەك ھايۋانلارنى ھالال، ھارام دەپ ئايرىشتا نېمىگە ئاساسەن ھايۋانلارنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرسە ھالال دەيسىلەر؟ بۇنىڭ رېئالىست بىر سەۋەبى بارمۇ؟» دەپ سورىدى.
قىسقىسى مەن بىرنەچچە قېتىم ئىنگلىزلارنىڭ چوڭ گۆش دۇكىنىدىن گۆش ئېلىپ بىللە كاۋاپ قىلىپ يېدىم. ئىنگلىز قاسساپ دۇكىنى شۇنداق پاكىز، گۆشلەرمۇ شۇنداق رەتلىك كېسىلىپ تۇرۇپتۇ.
ئامېرىكا ۋە كانادادا «كوستكو» دەپ داڭلىق چوڭ بىر دۇكان بار، گۆشلەر يېڭى زىللاندىيە تەرەپتىن جىقراق كېلەرمىش، خېلى كۆپ ئۇيغۇرلىرىمىز شۇ دۇكاندىن باھاسى ئەرزان توڭلىتىلغان شۇ گۆشنى ئېلىپ يەيدىكەن. «‹ھالال› دەپ يېزىلغانلىرىنى ئالىمىز» دەيدۇ ئەتراپىمدىكىلەر.
مەن گوللاندىيەدىكى ۋاقتىمدىمۇ «لىدىل ئالبېرت ھېين» دېگەندەك دۇكانلاردىن توخۇنى ئەكىرىپ يەپتىكەنمەن. ھەممەيلەن «ۋوي سەن ھارام يەپسە» دەپ سەكرەپ كەتمەي تۇرۇڭلار. بۇ ھەقتە چاقچاقنى ئاز قىلىپ، ئالدى بىلەن ھەقىقىي توغرا چۈشەنچە بېرەلەيدىغانلاردىن «دىنىي جەھەتتىن بىز مۇسۇلمانلار نېمىدەپ بوغۇزلاپ يېگەن گۆشنى ھالال دەيمىز؟» دەپ سورايلى.
«بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، ھايۋاننى بوغۇزلىماي باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىسلام دىنىدا چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چەكلەنگەن بولسا، ھايۋانغا ئىچ ئاغرىتىشتەك ئىنسانى ۋىجدانى تەرىپىدىنمۇ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا «مەنلا ئەمەس ماۋۇ غەرب دۇنياسىدىكى كۆپ ئۇيغۇرلار قىزىقىدۇ» دەپ ئويلايمەن. خاتاسىز ئىنسان يوق، ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىز مۇسۇلمانلار — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلار «بىرنەرسىنى نىجىس ياكى پاكىز، ھالال ياكى ھارام دەپ ئايرىش پەقەت ئاللاھنىڭ ھەققى» دەپ قارايمىز. ئېتىقادىمىزدا ئاللاھ تائالا بىزگە ئىسلامدىن ئىبارەت كاتتا نېئمەتنى ئاتا قىلدى. بىزگە پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇلۇغ كىتابى قۇرئاننى نازىل قىلدى. بىزگە نۇرغۇن قانۇن – ئەھكاملارنى بەلگىلەپ بەردى. جۈملىدىن پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ، ناپاكنى ھارام قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈندۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: ﴿بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى﴾(31/«لوقمان»: 20) دېگەن. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەردىن ھارام قىلىنغانلارنى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن. ھارام قىلمىغانلىرى چەكلەنمىگەن ھالىتىدە مۇباھ قالغان. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا يەنە: ﴿زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟﴾(6/«ئەنئام»: 119) دېگەن.
دېمەك، ئاللاھ بىزگە يارىتىپ، بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ ھارام قىلغىنىلا ھارام. قالغىنى ھالال بولىدۇ. شۇڭا، بىرنەرسىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم ھاراملىقىغا ئايەت ياكى ھەدىستىن دەلىلى بولۇشى كېرەك.
قارايدىغان بولساق، ئاللاھ قۇرئاندا بىرنەچچە ئايەتتە (2/بەقەرە: 173؛ 5/مائىدە:3؛ 6/ئەنئام: 145؛ 16/ نەھل: 115) قان، تاپ، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي بوغۇزلانغان ھايۋان قاتارلىقلارنى ھارام قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
يۇقىرىقى ئايەتلەردە «قان» كەلىمەسى كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەممە ھايۋانلاردا بار ماددا. دېمەك قاننى ئېقىتىلغان سۇيۇق ھالەتتە ياكى ئۇيۇتۇلغان ھالەتتە ئىستېمال قىلىش ھارام.
ئەمدى قان گۆشلەردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قات – قېتىغا كىرىپ كەتكەن، گۆشنىڭ تەركىۋى بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ گۆشتە ئىزچىل بار بولىدىغان ماددا. ئۇنى گۆشتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ ئالغىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە گۆش يېگەن كىشى قاننىمۇ يېگەن بولىدۇ. شۇڭا، گۆشلەرنىڭ ھەممىسى، تاماققا ئارىلاشتۇرۇلغان زەھەرگە ئوخشاشلا، ھارام بولۇشى كېرەك ئىدى. زەھەر تاماقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەچكە، تاماق پۈتۈنلەي زەھەرلىك يەنى ھارام بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ تاماقنى ئىستېمال قىلغانلىق زەھەرنىڭ ئۆزىنى ئىستېمال قىلغانلىق بولىدۇ. يەنى ئايەتلەردىكى قاننى ھارام قىلىش گۆشنى ھارام قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. نەتىجىدە جىمى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىش ھارام بولۇپ كېتىدۇ.
ئاندىن ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ئىنسانلار ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېكمەتلەر بىلەن جىمى گۆشلەردىن مۇستەسنا قىلىپ بەزىلىرىنىلا ھالال قىلىپ بەرگەن.
ئاللاھ قۇرئاندا دېگەنكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار، (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسىنى (زەبھى قىلىنغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئىھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال – ھارام توغرۇلۇق) خاھلىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ﴾(5/«مائىدە»:3).
دېمەك، جىمى گۆشلەر ھارام، ئۇلاردىن پەقەتلا ئاللاھ ئايەتلەردە ھالال قىلغىنى ھالال.
تۆگە، كالا، قوي – ئۆچكىلەر، شۇنداقلا دېڭىز ھايۋانلىرى ھالال. (دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ بېلىقتىن باشقىسىنىڭ ھالاللىقىدا قاراشلار پەرقلىق) بېلىقنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىرىمۇ ھالال.
ئۇندىن باشقا ھايۋانلارنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمى ھارام ھالىتىدە قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھارام قىلىنىشى يا نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغانلىقى، يا كېسەللىك تارقىتىشى، يا باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بولۇشى مۇمكىن.
ھەتتا قوي، كالا ۋە توخۇلارمۇ نىجىس يەم بىلەن بېقىلسا، مەلۇم مۇددەت پاك يەم بىلەن بېقىلغاندىن كېيىن ئاندىن بوغۇزلىنىدۇ.
چوشقا گۆشىنىڭ ئۆزى يەنى قان ئارىلاشمىدى دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ نىجىس. شۇڭا، ئۇنى پاكلىغىلى بولمايدۇ.
ئادەتتە گۆشخور ھايۋانلارنى، گۆشخور ئۇچار قۇشلارنى ھارام دېيىشكە بولىدۇ. ئۆسۈملۈك يەيدىغانلىرى كۆپىنچە ھالال، مىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ئاتالغان ئېشەك ۋە قېچىرلاردەكلىرى مەلۇم سەۋەبتىن ھارام. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھارام.
بۇلاردىن ھالال بولغانلىرىنىڭ گۆشلىرىنىڭ ھالال بولۇشىنىڭ يەنە بىر شەرتى ئايەتلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىپ بوغۇزلاشتۇر.
سىز تىلغا ئالغان ئىنگلىزلارنىڭ دۇكىنىدىكى «پاكىز» گۆشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارا – ئارىسىدا ئاشۇ نىجىس قان بار. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلمىغانىكەن، ئۇ بەرىبىر ھالال قىلىنمىغان گۆش ۋە ئارىلىرىدا شۇ ھالال قىلىنمىغان قان بار.
شۇنداقلا ھالاللىق بەلگىسى بار «ھالال» گۆشلەرمۇ بوغۇزلاشتا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىپ بوغۇزلانسىمۇ، ئەسلىدە ئېقىتىلىپ چىقىرىۋېتىلىدىغان قانلار توكتا سوقۇپ ياكى باشقا ئۇسۇلدا ھايۋاننى بىھوش قىلغانلىقتىن ئېقىپ چىقىپ كەتمەي، گۆش ئارىسىدا قالغان قان تۈپەيلى نىجىس بولۇپ كېتىشى ۋە ھارام بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ تېخى توكتا سوققاندا ياكى بىھوش قىلىنغاندا ئۆلمەي قالغان تەقدىردە شۇنداق. بولمىسا، ئۆلگەن ھايۋاننى «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلىسىمۇ بەرىبىر ھارام. شۇڭلاشقا «ھالال» بەلگىسىنى ئاسقان تەقدىردىمۇ توخۇلار ئاساسەن بوغۇزلاشتىن ئاۋۋال توكلانغان سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقتىن ھارام بولۇپ كېتىدۇ.
بوغۇزلاشتىن باشقا ئۇسۇلدا، مەسىلەن بوغۇپ، سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ، توكتا سوقۇپ دېگەندەك… ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭمۇ ئىناۋەتسىز بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى يەنىلا شۇ قان مەسىلىسى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئۇسۇللاردا قان تولۇق چىقمايدۇ. يەنە بىر سەۋەبى ھايۋاننى قىيناش.
مەلۇمكى، ئەڭ ئاز قىينايدىغان ئۇسۇل بولسا بوغۇزلاشتۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا مېڭىگە بارىدىغان قاننى توختىتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ھايۋان ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ، پەقەت پىچاق سۈرگەندىلا ئازراق ئاغرىيدۇ. ئەمما، كافىرلارنىڭ جىمى ئۇسۇللىرى بوغۇزلاشتىن بەكرەك قىينايدۇ. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
بۇ ھەقتە ساجىيە توربېتىدىكى مۇنۇ ماقالە ۋە پەتۋالارنىپەتۋالارنى ئوقۇپ باققايسىز:
شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (7 قىسىم):
https://sajiya.biz/?s=%D8%B4%DB%95%D8%B1%D9%89%D8%A6%DB%95%D8%AA%D8%AA%DB%95+%D9%82%DB%87%D8%B1%D8%A8%D8%A7%D9%86%D9%84%D9%89%D9%82+%D8%A6%DB%95%DA%BE%D9%83%D8%A7%D9%85%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89&uls=uu
كورىيەدىكى «ھالال» بەلگىلىك گۆشلەرنى ئىستېمال قىلساق بولامدۇ؟
كورىيەدىكى «ھالال» بەلگىلىك گۆشلەرنى ئىستېمال قىلساق بولامدۇ؟
ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمى
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توخۇ گۆشى توغرىسىدا
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توخۇ گۆشى توغرىسىدا
ئات گۆشى توغرىسىدا
100- سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار كىرپىكىنى ئەگدۈرسە بولامدۇ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا كىرپىك ئەگدۈرگەن ھالەتتە سىرتقا چىقسا، نامەھرەملەرگە كۆرۈنسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىرپىكنى ئەگدۈرۈش ياكى سىقىش ياكى ئېشىپ تولغاش دېگەندەك ئۇسۇللار شۇنداقلا بوياش ئەگەر سۇنى كىرپىككە تېگىشتىن توسۇپ قالىدىغان بوياق ياكى بىرەر ماددا ئىشلىتىلمىسە، جائىزدۇر. چۈنكى، بۇ تەبىئىي ياسىنىشتىن ئىبارەت. ئەمما، كىرپىك ئەگدۈرگەن ھالەتتە سىرتقا چىقسا، نامەھرەملەرگە كۆرۈنسە جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا 24/«نۇر»: 31 – ئايەتتە ئاياللارنى زىننەتلىرىنى نامەھرەملەرگە كۆرسەتمەسلىككە بۇيرۇغان.
سۇنى كىرپىككە تېگىشتىن توسۇپ قالىدىغان بوياق ياكى بىرەر ماددا ئىشلىتىلسە، بۇ تاھارەت ۋە نامازنىڭ توغرا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. سۈنئىي ياكى ساختا كىرپىك تاقاشمۇ زىيانلىق بولغانلىقتىن ھەم چاچ ئۇلاشقا ئوخشاپ قالغانلىقتىن چەكلىنىدۇ. لاش لىفتىڭ (Lash lifting) تېخنىكىسىدا قاپاق ئۈستىگە سىلىكون قويۇپ كىرپىكنى كۆتۈرۈش ۋە كىرپىك رەڭگىنى قېنىقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بوياشمۇ تاھارەت ۋە نامازغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە نامەھرەمگە كۆرۈنۈش چەكلىنىدىغان ياسىنىشتۇر. بۇنىڭدىكى خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ كۆزگە زىيىنى بولمىغان تەقدىردە بۇنى پەقەتلا ناماز ئوقۇمايدىغان ۋە نامەھرەملەرگە كۆرۈنمەيدىغان چاغلاردىلا قىلسا مەيلى. لېكىن، ئادەتتە ئاياللار بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدا كىرپىككە بىر مۇددەت سۇ تەگكۈزمەسلىك كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پېشىن، دىگەر ياكى خۇپتەنگە ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇيمىز. بۇ نامازلارنى قەسىر ھالىتىدە قازا قىلغان كىشى قازاسىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەم سەھىھەيندە: «كىمكى بىر نامازنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، يادىغا كەلگەن ھامان ئۇنى ئوقۇۋالسۇن! ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا كەففارەت يوق. (چۈنكى، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى): ﴿مېنى ئەسلەش ئۈچۈﻥ ناماﺯ ئوقۇغىن﴾(20/«تاھا»: 14)» دېگەن. بۇ ھەدىس ئۆتۈپ كەتكەن ھالىتى ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مەيلى سەپەردە بولسۇن ياكى يۇرتىدا تۇرۇۋاتقاندا بولسۇن تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئوقۇيالماي ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قانداق ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا شۇ بويىچە قىلىدۇ. يەنى قازا ئادا ھالىتى بويىچە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەپەردە ئۆتۈپ كەتكەن تۆت رەكئەتلىك نامازنى مۇقىملاشقاندىن كېيىن (ياكى باشقا سەپەردە) ئوقۇماقچى بولسا سەپەردىكى ھالىتى بويىچە قەسىر قېلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. مۇقىم ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىپ كېيىن سەپەر ئۈستىدە (ياكى مۇقىم تۇرغاندا) ئوقۇماقچى بولسا مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالەتتىكى بويىچە تۆت رەكئەتلىكنى تۆت، ئۈچ رەكئەتلىكنى ئۈچ، ئىككى رەكئەتلىكنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.