ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ (پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ)﴾(41/«فۇسسىلەت»: 53).
جىمى نۇقسانلاردىن پاك ئاللاھ يەنە دېگەنكى: ﴿قُلْ مَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ فَهُوَ لَكُمْ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ (ئېيتقىنكى، «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»)﴾(34/«سەبەئ: 47).
ئىززەت ئىگىسى رەببىمىز يەنە: ﴿(يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە گۇناھى ئۆزىگە) لېكىن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ قۇرئاننى (باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس) ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، (باشقىلار گۇۋاھلىق بەرمىگەندىمۇ) ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر)﴾(4/«نىسائ»: 166) دېگەن. (بۇ ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ «ئەششەھىد» دېگەن ئىسمى «كۆرۈپ تۇرغۇچى»، «كۆزىتىپ تۇرغۇچى»، «گۇۋاھلىق بەرگۈچى» دېگەن مەنىلەردە كەلگەن).
بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى
ئەششەھىد جەللە جەلالۇھۇ: ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. چۈنكى، ھەممە ئۇ زاتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىدۇر، ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ.
ئەششەھىد جەللە جەلالۇھۇ: بەندىلىرىنى ھەممە تەرەپتىن كۆزىتىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. چۈنكى، ئۇ زات بەندىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدىكىنى، مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ ئاشكارا گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى قانداقمۇ بىلىپ تۇرمىسۇن؟!
ئەششەھىد جەللە جەلالۇھۇ: ھېچبىر ياردەمچىسى ۋە گۇۋاھچىسى بولمىغان مەزلۇمنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا دۇنيادا ھېچكىم «ھاي» دېيەلمەيدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچى زالىمغا قارشى ياردەم بەرگۈچى زاتتۇر(1).
ئەششەھىد جەللە جەلالۇھۇ: شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇركى، ئۇ ئاشكارا – يوشۇرۇن ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ؛ چوڭ – كىچىك، ئىنچىكە – توم مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە بەندىلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە شاھىد بولىدىغان دەرىجىدە ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ(2).
ئاللاھ تائالاغا بۇ گۈزەل ئىسمىغا قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟
بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن قورقۇشىمىز ۋە (قىيامەت كۈنى) زاتنىڭ ئالدىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك
ئەگەر بەندە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە پۈتۈن ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ ۋە ئاللاھقا ئۇچرىشىدىغان كۈن يەنى قىيامەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىلا قىلىدۇ. چۈنكى، جىمى نۇقسانلاردىن پاك ئاللاھقا كېچە – كۈندۈزدىكى ئاشكارا – يوشۇرۇن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: ﴿سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان – زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 61). ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامەئى ئەئمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(58/«مۇجادەلە»: 6).
ئەسفەھانىي ئېيتتى: «چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان كىشى ئۇ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن بىرئاز توختىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىش بولسا تۇتۇش قىلىشى، ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، ئۆزىگە ھاي بېرىشى كېرەك»(3).
ئىككىنچى: بەندىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك
مۇئمىن ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۇئمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇئمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(22/«ھەج»: 17) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇغان چاغدا، ئۇنىڭ يۈرەك تارى تىترەپ قەلبىنى قورقۇنچ باسىدۇ ۋە ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە دىنار، دىرھەم ئەسقاتمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەرگە قىلىپ قويغان زۇلۇملاردىن ئۆزىنى پاكلايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددىي ھەققى قالغان بولسا، ئۇنى دىنارمۇ بولمايدىغان، دەرھەممۇ بولمايدىغان قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي، ھەق ئىگىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا رازى قىلىۋەتسۇن. (ئەگەر ئاخىرەتكە قالدۇرسا) زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەلىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا، شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ»(4). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى مۇسۇلمان! ئۇ كۈندىكى گۇۋاھچى، كۆزەتچى پەقەتلا ئاللاھ بولغان، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ چوڭ، ئەڭ بۈيۈك گۇۋاھلىق بولغان كۈندىن قورققىن.
﴿قُلْ أَيُّ شَيْءٍ أَكْبَرُ شَهَادَةً قُلِ اللَّهُ شَهِيدٌ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر)﴾(6/«ئەنئام»: 19). دېمەك، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چاغدا، دۇنيادىكى ۋاقتىدا ئۇلاردىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئايرىلمىغان ئىلمى، ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقى (سمعه) ۋە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (بصره) بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇۋاھچىغا موھتاج بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، گۇۋاھ بولغۇچىدۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېگەنكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ۋەز – نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر، ﴿ئەڭ دەسلەپكى مەخلۇقنى ياراتقىنىمىزدەكلا، ئۇنى قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارمىز﴾(21/«ئەنبىيائ»: 104). ئاندىن قىيامەت كۈنى خالايىق ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغان كىشى ئىبراھىم بولىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلار! ئۈممىتىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر كەلتۈرۈلۈپ سول (دوزاخ) تەرەپكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن:
— ئى رەببىم! بۇلار ساھابەلىرىم! — دېسەم، رەببىم:
— ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن نېمىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن، — دەيدۇ. مەن ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) دېگەندەك:
— ﴿مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ»﴾(5/«مائىدە»: 117) — دېسەم، رەببىم:
— ئۇلار سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئارقىلىرىغا يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن، — دەيدۇ»(5).
ئاللاھ تائالا گۇۋاھچىغا موھتاج بولمايدىغان تۇرۇقلۇق، يەنە ھەرنەرسىگە گۇۋاھچىلارنى قىلغاندۇر. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھېچ كىشىگە ھۆججەت قالماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھۆججىتىنىڭ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بىزگە باشقا گۇۋاھچىلارنى قىلغانلىقى رەببىمىزنىڭ تولۇق ھېكمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
پەرىشتىلەر گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: ﴿(يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە گۇناھى ئۆزىگە) لېكىن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ قۇرئاننى (باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس) ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، (باشقىلار گۇۋاھلىق بەرمىگەندىمۇ) ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»﴾(4/«نىسائ»: 166). ﴿ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 10 – 12). ﴿ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، (ئىنساننىڭ سۆز – ھەرىكىتى خاتىرىلىنىۋاتقان) ۋاقىتتا، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ﴾(50/«قاف»: 17، 18).
كىتاب (نامەئى ئەئمال يېزىلغان دەپتەر) گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتتىكى: ﴿كىشىلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامەئى ئەئمالغا چوڭ – كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟!» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).
زېمىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتتىكى: ﴿زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە، زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا، ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە، بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى – يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ﴾(99/«زەلزەلە»: 1 – 4).
ئىنسانىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: ﴿شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)﴾(36/«ياسىن»: 65). ﴿سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار﴾(41/«فۇسسىلەت»: 22).
ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، كىمكى يۇقىرىقى گۇۋاھچىلارنى بىلسە، ئۇ بىردىنبىر مەئبۇد ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇيدۇ. ئاللاھنى كۆز ئوڭىدا تۇتماي، كىشىلەرنى كۆز ئوڭىدا تۇتقان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئاللاھتىن ھايا قىلماي، كىشىلەردىن ھايا قىلغان كىشىنىڭ ھەسرىتىگە ۋاي!
ئۈچىنچى: ئاللاھنىڭ بۇ گۈزەل ئىسمى بىلەن خۇلقلىنىشىمىز، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا باشقىلارغا گۇۋاھلىق بەرگەندە سەمىمىي بولۇشىمىز كېرەك
ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: ﴿ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار، خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار، بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز – نەسىھەت قىلىنىدۇ، كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ﴾(65/«تالاق»: 2). يەنى بىرەر تۇغقانغا تۇغقاندارچىلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بىرەر دوستقا دوستلۇقى ئۈچۈن ئەمەس، بىرەر بايغا بايلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بىرەر كەمبەغەلگە كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ياكى بىرەر دۈشمەنگە دۈشمەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ زىيىنىغا ئەمەس، بەلكى يەككە – يېگانە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن توغرا گۇۋاھچى بولۇڭلار دېمەكچى.
ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىسائ»: 135). ﴿ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە «قىز» دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامەئى ئەئمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ﴾(43/«زۇخرۇف»: 19). ﴿ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر»(2/«بەقەرە»: 283). ﴿ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم – زىيادە قىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى (ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى) رەت قىلمىسۇن! ئۇ يازسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم (يازىدىغان كىشىگە) ئېيتىپ بەرسۇن، (قەرزدار) پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق (يەنى خۇدبىن، ئەقىلسىز، ئىسراپخور) ياكى ئاجىز (يەنى كىچىك بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن؛ سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار! ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار (گۇۋاھلىققا) چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن! قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە (يەنى ھۆكمىدە)، بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر (يەنى گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر)، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھنىڭ (ئەمرىگە ۋە نەھيىسىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»(2/«بەقەرە»: 282).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەرگە گۇۋاھچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى دەپ بەرمەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ گۇۋاھلىق تەلەپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىدۇر» دېگەن(6). يەنە بىر ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ — دېگەندە، ساھابەلەر:
— بولىدۇ، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېگەن. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، — دېگەن. (بۇ چاغدا) رەسۇلۇللاھ يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھالەتتە ئىدى، ئاندىن تۈز ئولتۇرۇپ:
— ئاگاھ بولۇڭلاركى، يالغان گەپ قىلىش، — دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزىنى قايتا – قايتا دەپ كەتتى، ھەتتا بىز:
— كاشكى توختاپ قالغان بولسىچۇ! — دەپ قالدۇق»(7). بۇنداق بولۇشى يالغان گەپ قىلىشتىن يالغانچىلىق، فاجىرلىق، زۇلۇم قىلىش، ھەقلەرگە رىئايە قىلماسلىق ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە غەزەب – نەپرەتنىڭ تارقىلىشى كېلىپ چىقىدۇ. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن مال – مۈلۈكلەر ناھەق، زۇلۇم قىلىپ تارتىۋېلىنىدۇ. گۇناھكارلار ئاقلىنىپ، پاك كىشىلەر تۆھمەتكە ئۇچرايدۇ. لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ.
تۆتىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئەششەھىد ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى: ‹اللَّهُمَّ إِنِّي أُشْهِدُكَ، وَأُشْهِدُ مَلَائِكَتَكَ، وَحَمَلَةَ عَرْشِكَ، وَأُشْهِدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ، أَنَّكَ أَنْتَ اللَّهُ، لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ وَحْدَكَ لَا شَرِيكَ لَكَ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُكَ وَرَسُولُكَ (ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، سېنىڭ پەرىشتىلىرىڭنى، ئەرشىڭنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلىرىڭنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى ۋە ئاسمانلاردىكىلەرنى، زېمىندىكىلەرنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، شەكسىزكى، سەن ئاللاھتۇرسەن، يەككە – يېگانە سەندىن باشقا (ھەق) ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ شېرىكىڭ يوقتۇر. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد سېنىڭ بەندەڭدۇر ۋە ئەلچىڭدۇر› دەپ بىر قېتىم ئېيتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. كىمكى بۇ سۆزلەرنى ئىككى قېتىم ئېيتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. كىمكى بۇ سۆزلەرنى ئۈچ قېتىم ئېيتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ھەممە يېرىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ»(8).
ئى ئاللاھ! بىز سېنىڭ بىر، يەككە – يېگانە، تەڭداشسىز ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، بىزنىڭ دىللىرىمىزنى ئېچىۋەتكىن، قەلبلىرىمىزنى پاكىزلىغىن. ئىشلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ بەرگىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن.
مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الشهيد جل جلاله
https://www.alukah.net/sharia/0/134566/
تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات
1. خەتتابىي: «شەئنۇددۇئاﺋ»، 75 – بەت.
2. شەيخ سەئدىي: «تەفىسىرۇ ئەسمائىللاھىل ھۈسنا»، 57 – بەت.
3. ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد: «ئەلھۇججە فىي بەيانىل مەھەججە»، 1/161.
4. بۇخارىي، (6534).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4740)؛ مۇسلىم، (2860).
6. مۇسلىم، (1719).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2654)؛ مۇسلىم، (87).
8. ھاكىم: «مۇستەدرەك»: (2531). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.