دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توخۇ گۆشى توغرىسىدا

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توخۇ گۆشى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 1. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قايسىلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟ «راكنى ھەنەفىي مەزھەبىدە يېيىشكە بولمايدۇ» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟ 2. مەن ئامېرىكا قىتئەسىدە. ئاڭلىشىمچە، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تاللا بازارلىرىدىكى توخۇلارنى نۇرغۇن قۇشخانىلاردا بىر قېتىمدا نۇرغۇن توخۇغا «بىسمىللاھ»نى بىر ئېيتىپ تەڭلا بوغۇزلايدىكەن. بىر تۈرك قوشنام، تۈرك ئالىمى تۈركىيەدە ھەربىر توخۇغا ئايرىم «بىسمىللاھ» ئېيتىپ بوغۇزلىمىسا، بىرىنچى توخۇلا ھالال، قالغانلىرى تەڭ سويۇلسىمۇ ھارام دېگىنىنى، ئۆزىنىڭ بۇرۇن تۈركىيەدە تۇرغىنىدا، بىر تالغا بىردىن «بىسمىللاھ» دەپ ئايرىم سويىدىغان قۇشخانىدىن ئالىدىغىنىنى ئېيتتى. بۇنداق توخۇلار راسلا ھارام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

1. دېڭىزدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى ھالال. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، دېڭىزدا ياشايدىغان ھايۋانلاردىن پەقەت بېلىقنىلا يېيىشكە بولىدۇ.(1)

2. ئەگەر ھەربىر توخۇ ئايرىم – ئايرىم بوغۇزلىنىدىغان بولسا، ھەربىرىگە ئايرىم «بىسمىللاھ» دېيىش كېرەك. ئەگەر پىچاق بىر قېتىم سۈرۈلگەندە ئەللىك توخۇنىڭ بوينىنى كېسىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ھەممىگە بىر «بىسمىللاھ» كۇپايە قىلىدۇ.

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار خېلى ئۇزۇندىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھالال گۆش مەسىلىسىدۇر.

بىلىشىمچە، ياۋروپادا توخۇ ۋە باشقا قوي – كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ھەر خىل. بەزىلىرىدە توخۇ ئىككى پۇتىدىن ئېسىلىپ توك ئۇلاپ قويۇلغان سۇغا چىلىنىدۇ. بۇنىڭدا توخۇ توك بىلەن سوقۇلۇپ قىينىلىدۇ. ئاندىن بىھوش قىلىنغاندىن كېيىن بوينى كېسىلىدۇ. بەزىدە توخۇ توك سوقۇۋەتكەنلىكتىن ئۆلۈپ بولىدۇ. ياكى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، توخۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى توك بىلەن سۇغا چىلىنىشتىلا ئۆلۈپ بولىدىكەن. ئاندىن بوينىنى كېسىپلا تازىلىنىش ئۈچۈن قىزىق سۇغا چىلىنىدۇ. بۇ ئىنتايىن تېز بولغانلىقتىن توكتىن ساق قۇتۇلۇپ بوينى چالا كېسىلگەن ئەھۋالدا، تېخى جېنى چىقىپ بولماي تۇرۇپلا قىزىق سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. توك بىلەن سوقۇلغان ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ جىسمىدىكى قان تولۇق ئېقىپ بولالمايدۇ. نىجاسەت بىلەن تولغان قىزىق سۇغا چۆمۈرۈلگەندە توخۇ گۆشىنىڭ مەينەت بولۇشى ئايرىم بىر مەسىلە. بۇ خىل توخۇلارنىڭ گۆشى ئىنتايىن زىيانلىق بولىدىكەن.

يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى»(The European Council For Fatwa and Research) ھالال گۆش مەسىلىسىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۆزلىرىنى ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ سېلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن بەلگىلىمە بويىچە بوغۇزلاش شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئادەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوغۇزلاش ئۇسۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن شەرىئەتكە خىلاپ كۆپ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، قوي بىلەن مۇزايلار ئۆلۈپ قالمىسىمۇ، توخۇ كالىلارنىڭ بوغۇزلاشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ توخۇ بىلەن كالا گۆشلىرىنى يېيىش جائىز ئەمەس. ئەمما، قوي بىلەن كىچىك موزاينى بوغۇزلاش ئۇسۇلى بەزى جايلاردا شەرئىي بوغۇزلاش قائىدىسىگە زىت كەلمەيدۇ دەپ قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ يەكۈنى بويىچە، بوغۇزلىماقچى بولغان ھايۋاننى يىڭنىلىك تاپانچا، ياكى پالتا، ياكى بولقا، ياكى ھاۋا بېسىمى بىلەن بىھۇش قىلىش جائىز بولمايدۇ. توخۇلارنى توكتا سوقۇش ئارقىلىق بىھۇش قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما بوغۇزلاشتىن بۇرۇن بىھۇش قىلىنغان ھايۋانلار ئۆلۈپ قالمىغانلا بولسا، توغرا بوغۇزلىسا ھالال بولىدۇ. يەنە غەرب دىيارىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇشى ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە خاس ئايرىم قۇشخانىلارنى بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. توك بېسىمىنى 100 ~ 400 ۋولىتتىن ئۆرلىتىۋەتمەسلىك، ئېقىمىنى قويلارغا 1.0 ئامپىردىن، كالىلارغا 2.5 ئامپىردىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە كاپالەت قىلىنىشى، توكتا سوقۇش 3 سېكونتتىن 6 سېكۇنت ئارىسىدا بولۇشى تەكىتلەنگەن(2).

بىھۇش قىلىنغاندىن كېيىن شەرئىي بوغۇزلاشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولغان تەقدىردە، ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ تەكىتلىگەن(3).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 6 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 183 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 4/69.
2. «ملحق معيار الطعام الحلال والتذكية الشرعية»، المجلس الأوروبي للإفتاء والبحوث. و قرار 2 (2/3) من قرارات الدورة الثالثة – الحكم الشرعي في لحوم الأنعام والدواجن المعروضة في الأسواق والمطاعم الأوروبية، 4-7 صفر 1420هـ، الموافق لـ 19-22 مايو 1999م.
3. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، جدة، سنة 1997م، ع10، ج1، ص 654.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ