سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز بىرقانچە كىشى كورىيەگە ئىشلەشكە كەلگەن. بۇ يەردە ھالال گۆش تاپماق تەس ئىكەن. دۇكانلاردا ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان «ھالال» بەلگىلىك قاچىلانغان كالا ۋە قوي گۆشلىرى بار ئىكەن. ئۇنىمۇ تېپىش ئاسان ئەمەس ئىكەن. بۇ يەردە ئىشلەشكە كېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ. ئۇزۇن مۇددەت تۇرماقچى بولغاچقا، ئاشۇ گۆشلەرنى ئىستېمال قىلساق بولامدۇ؟ سىلىنىڭ ياۋروپادىكى بۇ تۈرلۈك گۆشلەر توغرىسىدىكى پەتۋالىرىنى ئوقۇغان بولغاچقا، ھارام گۆشنى ئىستېمال قىلىپ سالماسلىق ۋە تەقۋادارلىقنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن قايتا سورىدۇق. ئىستېمال قىلىش جائىز بولمىغان تەقدىردە، ئۇزۇن تۇرالماي قايتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھارام ۋە شۈبھىلىك گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەگە ئوخشىغان دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان «ھالال» بەلگىلىك كالا ۋە قوي گۆش كونسېرۋالىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1) بوغۇزلاش جەريانىدا شەرىئەتكە خىلاپ كۆپ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى. «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى» (The European Council For Fatwa and Research) ئادەتتە ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوغۇزلاش ئۇسۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شەرىئەتكە خىلاپ كۆپ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، قوي بىلەن موزايلار ئۆلۈپ قالمىسىمۇ، توخۇ ۋە كالىلارنىڭ بوغۇزلاشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ: «توخۇ بىلەن كالا گۆشلىرىنى يېيىش جائىز ئەمەس. ئەمما، قوي بىلەن كىچىك موزاينى بوغۇزلاش ئۇسۇلى بەزى جايلاردا شەرئىي بوغۇزلاش قائىدىسىگە زىت كەلمەيدۇ» دەپ قارار قىلغان(1). بۇ ھۆكۈم ئاۋسترالىيە ئۈچۈنمۇ ئوخشاش.
2) ھايۋان بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالسا ياكى توك بىلەن بىھوش قىلىنىپ «شەرئىي» بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ تولۇق قانسىراش بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك گۆشىنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولىدۇ. گۆش ساتىدىغانلار پايدىنى كۆپ ئالىدىغان گەپ.
3) ئاۋسترالىيە قانۇنى ھايۋاننى توكتا سوقۇپ بىھوش قىلماستىن بوغۇزلاشنى چەكلەيدۇ(2). بوغۇزلاشتىن بۇرۇن توك ياكى تاپانچىلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۆشى ئېنىق ھارام. بىھوش قىلىنغان ھايۋانلار ئۆلۈپ قالمىغانلا بولسا، شەرئىي بوغۇزلىسا ھالال بولىدۇ. لېكىن، بىز جەرياندىكى ئەھۋاللارنى بىلەلمەيمىز.
4) كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۆز ئاھالىسى بولغان مۇسۇلمانلارغا ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا گۆش سېتىشتا «ھالاللىق گۇۋاھنامىسى» قوللىنىدۇ. ھالاللىق گۇۋاھنامىسى ئادەتتە پۇل تاپىدىغان يول بولغاچقا، بۇ گۇۋاھنامىلەردە ئىشەنچ ئازلاپ كەتكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئەھۋال شۇنداق. ئاۋسترالىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاۋسترالىيەدىكى ھالاللىق گۇۋاھنامىسى بېرىش سالاھىيىتى بار تۆت ئورۇننىڭ بىرى بولغان «ئاۋسترالىيە ئىسلام مەجلىسلىرى بىرلىكى (AFIC)»نىڭ بۇ مەسىلىدە بىرقەدەر مەزمۇت تۈزۈملىرى بولسىمۇ، ھالاللىق گۇۋاھنامىسىدىن قىلىدىغان كىرىم ھەر يىلى نەچچە مىليون دوللارغا يېتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بەزى ئەزالىرى 2017 – يىلى ئۆز ئالدىغا گۇۋاھنامە بېرىپ پۇل يىغقان ئەھۋاللارمۇ بولغان(3). تېخى مۇشۇ ئايدىكى بىر ۋەقەلىكتە «مالايسىيا ئىسلامىي گۈللىنىش ئىدارىسى (JAKIM)» ئاۋسترالىيەدىكى بىر شىركەت (Thomas Foods International Lobethal) كە بېرىلگەن «ھالاللىق گۇۋاھنامىسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە شىركەتتىكى بوغۇزلاش ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشچىلارنىڭ سىنلىق ۋە سۈرەتلىك ئىسپاتلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە بۇ ھەقتە «ئاۋسترالىيە ھالال گۆش ئالىي ئىسلام مەجلىسى (SICHMA)»نى ۋاقىپلاندۇرغان(4).
5) كورىيەدىكى «ھالال» بەلگىسىنى ساختا قىلىش ۋەقەلىكلىرىمۇ كۆپ. بىر قېتىمقى پاش قىلىشتا يىللارچە مەسجىدلەرگە تەمىنلەنگەن «ھالال» بەلگىلىك گۆشلەرنىڭ «ھالال» بەلگىسىنىڭ ساختا بولۇپ چىققانلىقى ھەققىدە «كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلىكى (Korean Muslim Federation)»نىڭ بۇسان شۆبىسى رەئىسى لى دوڭخا: «مۇسۇلمانلار ئالداندى» دېگەن(5).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەشھۇر بىر ھەدىستە دېگەنكى: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلاﺭنىڭ ھۆكمىنى نۇﺭغۇﻥ ئاﺩﻩملەﺭ بىلمەيدﯗ. شۈبھىلىك ئىشلاﺭﺩىن ساقلانغان ئاﺩﻩﻡ ﺩىنىنى ﯞﻩ ئابرﯗيىنى پاﻙ تۇتقاﻥ بولىدﯗ، شۈبھىلىك ئىشلاﺭنى قىلغاﻥ ئاﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا پاﺩﺍ باقىدىغاﻥ چوپانغا ئوخشايدﯗ. پاﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن، ھەﺭ پاﺩىشاھنىڭ بىر چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ چەكلەنگەن رايونى بولسا ھاﺭﺍﻡ قىلىپ بېكىتكەﻥ ئىشلىرىدىن ئىباﺭﻩتتۇر. قۇﻻﻕ سېلىڭلاﺭ! بەدەندە بىر چىشلەﻡ گۆﺵ باﺭ، ئۇ گۆﺵ تۈﺯﻩلسە، پۈتۈﻥ بەﺩﻩﻥ تۈﺯۈلىدۇ، ئۇ بۇﺯﯗلسا پۈتۈﻥ بەﺩﻩﻥ بۇﺯﯗلىدﯗ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇﺭ»(6).
خۇلاسە كەلام: كورىيەدە ياشاۋاتقانلار مۇسۇلمان قاسساپلار شەرئىي بوغۇزلايدىغان قۇشخانا ۋە دۇكانلارنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. ئۇنداق دۇكانلار تېپىلمىسا، ئۆزلىرى ھەمكارلىشىپ شەرئىي بوغۇزلايدىغان شارائىت ھازىرلىشى لازىم. ئۇنىمۇ قىلالمىسا، بازاردىكى كۆكتات ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ. قىسقىسى، بازارلاردىكى توك، تاپانچا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىھوش قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئەھۋالى نائېنىق «ھالال» بەلگىلىك گۆشلەرنى يېگىلى بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 26 – شەۋۋال / م. 2022، 27 – ماي
1. قرار 2 (2/3) من قرارات الدورة الثالثة للمجلس الأوروبي للإفتاء والبحوث، كولون – ألمانيا، الحكم الشرعي في لحوم الأنعام والدواجن المعروضة في الأسواق والمطاعم الأوروبية، 4 – 7 صفر 1420هـ، الموافق 19 – 22 مايو 1999م.
2. «ئاۋسترالىيە ئىماملار فېدىرال مەجلىسى \Australian National Imams Council (ANIC)» دىكى ھالاللىق ئىشلىرى مۇدىرى در. مۇھەممەد ئەنەس نەدۋىينىڭ بايانى. قاراڭ:
https://www.sbs.com.au/language/arabic/audio/busting-myths-around-what-is-halal-meat-and-what-isn-t
3. https://stringfixer.com/ar/Australian—Federation—of—Islamic—Councils
4. https://aswaqpress.com/14-05-2022-71548674512
5. https://www.yeshalal.co.kr/fake-halal-arabic
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (52)؛ مۇسلىم (1599).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

