(ھ. 80 – 148/م. 699 – 765)
ئۇنىڭ ئۆيى
[416] ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئىككىنچى ئەسىرنىڭ يېرىمىدا ئەلەۋىي جەمەتى(1) مەدىنەدە نۇر ۋە ئىرپان مەنبەسى بولغانىدى. چۈنكى، شەھىد ئوغلى شەھىد، شەھىدلەر ئاتىسى ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت ئىسلام مۇسىبىتىدىن باشلاپ، ئەلى جەمەتى پەيغەمبەر ئىلمىگە يۈزلىنىپ، ئۇنى تەتقىق قىلغان. ھالبۇكى، ئۇلاردا ئاتىلىرىنىڭ زەكىيلىكى، بوۋىسىنىڭ ھىدايىتى ۋە ئۇلارنى پۇچەك ئىشلاردىن ئالىي غايىلەرگە ئۆرلەتكەن ھاشىمىيلىق شەرەپى بار ئىدى. ئۇلار جىق ئاچچىقىنى تېتىپ، ھالاۋىتىنى كۆرۈپ باقمىغان سىياسەتتىن يىراقلاشقان ۋە ئاشۇ ئىلمىي يۈزلىنىشكە ۋارىسلىق قىلغان. نەتىجىدە ئۇلار ئاتا – بوۋىلىرىدىن ئىلىمدە ئىماملىقنى مىراس ئالغان.مەسىلەن، ئەلى زەينۇلئابىدىن ئېسىللىق ۋە ئىلىمدە مەدىنەنىڭ ئىمامى ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد باقىر ئۇنىڭ ئىلىمدىكى ئىماملىقىنىڭ ۋە ھىدايەتتىكى ئېسىللىقىنىڭ ۋارىسى ئىدى. شۇڭا، مۇھەممەد باقىر ئىسلام ئالەمىنىڭ ھەر يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئالىملارنىڭ مەنزىلگاھى ئىدى. قانداقلا بىر كىشى مەدىنەنى زىيارەت قىلسا، مۇھەممەد باقىرنىڭ ئۆيىنى ئەگىپ ئۆتەتتى ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالاتتى. ئۇنى زىيارەت قىلىدىغانلار ئىچىدە (ھۆكۈمەتتىن قورقۇپ) ئەھلى بەيتكە خۇپىيانە شىئەلىك (تەرەپدارلىق) قىلىدىغانلارمۇ، شۇنداقلا ئايرىم يەرلىرىدە دىندىن چىقىدىغان قاراشلارنى تۇخۇملايدىغان، كۆڭۈللىرىدە مەرەز بار كىشىلەرمۇ بار ئىدى. مۇھەممەد باقىر بۇنداق كىشىلەرنى توساتتى ۋە ئۇلارنى تىللاپ قايتۇرۇۋېتەتتى.
سۇفيان سەۋرىي، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدەك ئىسلام فىقھىسى ئىماملىرى ئۇنى پاناھ تارتىپ كېلەتتى. ئۇ قېشىغا كەلگەنلەرگە كۆرسەتمە بېرەتتى. بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ئىراق فەقىھى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىككىسىنىڭ مەدىنەدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا ئۇلار ئارىسىدا بولغان بىر مۇھاكىمەنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى! ئۇ چاغدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە فىقھتا رايلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن تونۇلغانىدى.
مۇھەممەد باقىر:
— قىياس بىلەن بوۋامنىڭ دىنىنى ۋە ھەدىسلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن كىشى سەن شۇمۇ؟! — دېگەنىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
— قېنى، سىلىمۇ ئۆزلىرىگە لايىق ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇۋالسىلا، مەنمۇ ئۆزۈمگە لايىق ئورنۇمدا ئولتۇراي! بوۋىلىرى ھايات ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ساھابەلەرنىڭ قانداق ھۆرمىتى بار بولسا، مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق ھۆرمىتىم بار، — دېۋىدى، ئۇ ئولتۇردى. ئاندىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
— مەن ھەقىقەتەن سىلىدىن ئۈچ گەپ سورايمەن، جاۋاب بەرگەيلا، ئەر ئاجىزراقمۇ ياكى ئايالمۇ؟ ئىمام مۇھەممەد باقىر:
— ئايال، — دېدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
— ئەرنىڭ نېسىۋىسى قانچىلىك؟ — دېۋىدى، ئىمام باقىر:
— ئەرنىڭ نېسىۋىسى ئىككى، ئايالنىڭ بىر، — دېدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
— مانا بۇ سىلىنىڭ بوۋىلىرىنىڭ سۆزى، ئۇنىڭغا دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن! ئەگەر مەن سىلىنىڭ بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىدىغان بولسام ئىدىم، ئەلبەتتە، قىياستا ئەرنىڭ نېسىۋىسى بىر، ئايالنىڭ نېسىۋىسى ئىككى بولۇشى لايىق ئىدى. چۈنكى، ئايال ئەردىن ئاجىزراق، — دېدى.
ئاندىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
— ناماز ئەۋزەلمۇ ياكى روزىمۇ؟ — دېۋىدى، ئىمام باقىر:
— ناماز ئەۋزەل، — دېدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
— مانا بۇ سىلىنىڭ بوۋىلىرىنىڭ سۆزى. ئەگەر مەن بوۋىلىرىنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتكەن بولسام ئىدىم، ئەلبەتتە قىياسەن، ئايال كىشى ھەيزدىن پاك بولسا، مەن ئۇنى نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا، روزىنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇغان بولاتتىم، — دېدى. ئاندىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئىمام باقىردىن سوراپ:
— سۈيدۈك بەكرەك نىجىسمۇ ياكى مەنىيمۇ؟ — دېگەنىدى، ئىمام باقىر:
— سۈيدۈك بەكرەك نىجىس، — دېدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېيتتى:
— ئەگەر مەن قىياس بىلەن سىلىنىڭ بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتكەن بولسام ئىدىم، چوقۇم سۈيدۈك سەۋەبىدىن غۇسۇل قىلىشقا، مەنىي سەۋەبىدىن تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم، لېكىن ئاللاھ قىياس بىلەن سىلىنىڭ بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىسۇن!
شۇنىڭ بىلەن ئىمام مۇھەممەد باقىر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى قۇچاقلىدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيدى، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتتى(2).
[417] بۇ گەپتىن بىز مۇھەممەد باقىرنىڭ ئالىملارغا ئىمام ئىكەنلىكىنى، ئالىملاردىن سادىر بولغان ئىشلار ئۈچۈن ئۇلارنى ھېسابقا تارتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ گويا توغرا يولغا ئەكىلىش ئۈچۈن پۇقرالىرىنى سوتلاۋاتقان، پۇقرالار ئىتائەت بىلەن بوي ئېگىپ تۇرۇۋاتقان بىر رەئىس ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز.باقىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابەلەرنى ئۇلۇغلايتتى، بولۇپمۇ ئىككى شەيخ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئالاھىدە بەك ئۇلۇغلايتتى. بۇ ھەقتە ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا مول ساۋاب بەرگەي!): «ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلمىگەن ئادەم سۈننەتنى بىلمىگەن جاھىل ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ھەمراھلىرىدىن بىرى بولغان جابىر جۇئفىيغا ئېيتقانكى: «ئى جابىر! ئاڭلىشىمچە، ئىراقتا بىر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ بىزنى دوست تۇتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ، ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا تىل تەگكۈزەرمىش ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا مېنىڭ بۇيرۇغانلىقىمنى دەۋا قىلارمىش. ئۇلارغا يەتكۈزگىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن ئادا – جۇدامەن، ئاللاھقا سىغىنىمەن، مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، قولۇمدىن كەلسە ئىدى، بۇلارنى ئىبادەت بولسۇن ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولاتتىم… ئەگەر مەن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرگە) مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلىمەيدىغان بولسام، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ شاپائىتىدىن قۇرۇق قالاي! ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ھەقىقەتەن ئۇ ئىككىسىدىن غاپىلدۇر».
باقىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان كەرىم»نى تەفسىرلىگۈچى، ئىسلام فىقھىسىنى تەفسىرلىگۈچى، شەرىئەتنىڭ ھېكمىتىنى ئىدراك قىلغۇچى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنگۈچى ئىدى. ئۇ يەنە ھەدىسلەرنى كۆپ رىۋايەت قىلغۇچى بولۇپ، ئەھلى بەيتنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان ۋە ساھابەلەرنىڭ ھەدىسلىرىنىمۇ ئايرىماستىن رىۋايەت قىلغان.
روھى كامىل، قەلبى نۇر، بىلىم قۇرۇلمىسى كاتتا بولغانلىقتىن، قالتىس ھېكمەتلەرنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭدىن شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ھەققىدە بىر قىسىم ئىبارىلەر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ناۋادا ئۇ ئىبارىلەر رەتلەپ تىزىلغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئۇنىڭدىن كىشىنى ئىنسانىي يۈكسەكلىكنىڭ يۇقىرى پەللىلىرىگە باشلىغۇدەك ئۇلۇغ بىر ئەخلاقىي مەزھەب شەكىللەنگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۇشبۇ سۆزى شۇ جۈملىدىن: «ئىنساننىڭ قەلبىگە قانچىلىك كىبىر كىرسە، ئۇنىڭ ئەقلىنى شۇنچىلىك كېمەيتىۋېتىدۇ». ئۇنىڭ ئوغلى جەئفەرگە قىلغان ئۇشبۇ ۋەسىيىتىمۇ شۇ جۈملىدىن: «ئەي ئوغۇلچىقىم! ھۇرۇنلۇق ۋە زېرىككەكلىكتىن ساقلان. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ھەر يامانلىقنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر ھۇرۇن بولساڭ، ھېچبىر ھەقنى ئادا قىلالمايسەن، زېرىككەك بولساڭ، ھېچبىر ھەقكە سەۋر قىلالمايسەن». «ئەگەر قارىي (يەنى ئالىم) نىڭ بايلارنى دوست تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئۇ بىر دۇنياپەرەستۇر، ئەگەر ئۇنىڭ زۆرۈرىيەتسىز ھوقۇقدارغا يېپىشىۋالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئۇ بىر ئوغرىدۇر».
ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) «پەرزلەرنى جايىدا ئادا قىلىش بىلەن بىللە ئىلىم تەلەپ قىلىش زاھىدلىقتىن ياخشىراق» دەپ قارايتتى ۋە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئىبلىس ئۈچۈن بىر ئالىمنىڭ ئۆلۈمى يەتمىش ئابىدنىڭ ئۆلۈمىدىن بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر» دەيتتى. مۇھەممەد باقىر ھ. 114 – يىلى ۋاپات بولغان. ئەبۇلفىدا ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا ئۇنىڭ ھ. 115 – يىلىنىڭ بېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتقان.
[418] مانا بۇ «باقىر» (يارغۇچى، بۆسكۈچى) دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئىمام مۇھەممەد باقىردۇر. چۈنكى، ئۇ ئىلىمگە بۆسۈپ كىرىپ، ئىلىمدە ئەڭ يىراق نۇقتىغىچە بارغانىدى. مۇشۇ ئادەم بىز تەرجىمىھالىنى سۆزلىمەكچى بولغان جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسىدۇر. باقىرنىڭ ئەھۋالىدىن بىز ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قانداق بىر نەسىلگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئاتىدىكى ئىززەت – غۇرۇر، تېگى ئېسىللىك، ھەقىقەتپەرۋەرلىك قاتارلىق ئۈلگىلەر ئۆسمۈرنىڭ يۈكسەك خىسلەت ۋە يۈكسەك ئىش – ھەرىكەتكە يۈزلىنىشىگە تەسىر قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىنسان (يەنى جەئفەرنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد) ئەرەبلەرنىڭ ئېسىل قىزلىرىدىن بىرىنى تاللىدى. ئۇ بولسىمۇ ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئۇممۇ فەرۋە بىنتى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرىدۇر. نەتىجىدە جەئفەردە ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ باتۇرلۇقى بىلەن سىددىقنىڭ پىداكارلىقى بىرلەشكەن. ئۇنىڭ قېنىدا ئىستېداتلىق ئەلىنىڭ ئىلمى بىلەن سىددىقنىڭ ئېغىر – بېسىقلىقى ۋە سەبرى بىرلەشكەن. بۇ توغرۇلۇق «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل (الْمِلَلُ وَالنِّحَلُ)»نىڭ مۇسەننىپى شەھرىستانىي: «ئۇ (يەنى جەئفەر) ئاتىسى تەرەپتىن پەيغەمبەر شەجەرىسىگە تۇتىشىدۇ، ئانىسى تەرەپتىن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ» دېگەن(3).تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
[419] جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئىككى ئېسىل ئاتا – ئانىدىن تۇغۇلغان ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىنىڭ ئىلمىدىن ئىبارەت سۈزۈك بۇلاقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەم شۇ ئېسىل ئائىلىنىڭ قوينىدا ياشىغان. ئۇ شۇ چاغدىكى ئەھلى بەيتنىڭ ئادىتى بويىچە كىچىكلىكىدىن باشلاپلا ئىلىمگە يۈزلەنگەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن ھىجازنىڭ كۆزقارىچۇقى بولغان، شۇنداقلا شان – شەرىپى، پەزىلىتى ۋە ئېسىل خىسلەتلىرى سايىسىدا سۇلتان بولمىسىمۇ خەلق ئارىسىدا سۇلتاندەك تەسىرگە ئىگە بولغان ئۆزىنىڭ يېقىن بوۋىسى ئەلى زەينۇلئابىدىننى كۆرگەن.ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ بار. ھ. 80 – يىلى تۇغۇلغانلىقىمۇ، ھ. 83 – يىلى تۇغۇلغانلىقىمۇ دېيىلگەن، شۇنداقلا بۇ ئىككى تارىختىن بۇرۇنراق تۇغۇلغانلىقىمۇ دېيىلگەن. رىۋايەتلەرنىڭ كۈچلۈكرەكى ئوتتۇرىدىكىسىدۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ھ. 80 – يىلى تۇغۇلغانلىقى. چۈنكى، ئۇ تاغىسى زەيد ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تۇغۇلغان يىلى تۇغۇلغان. شۇ يىلى يەنە كۈچلۈكرەك رىۋايەتتە ئىراق فەقىھى ئەبۇ ھەنىفەمۇ تۇغۇلغان. ئۇنداق بولغاندا، ئۇ 14 ياش ۋاقتىدا بوۋىسى ئەلى زەينۇلئابىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئويغانغان ۋە ئۆسمۈرلۈكىدە بوۋىسى ئەلى زەينۇلئابىدىن بىلەن ئاتىسى مۇھەممەدتىن ئىبارەت ئىككى شېرىن بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن بولىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن بوۋىسى ھەممە ئادەم گېپىنى قىلىدىغان ۋە ئالىملار مۇزاكىرە قىلىشىدىغان بىر ئارتۇقچىلىقتا ئىدى.
ئىمام جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنەدە ئۆسكەن. ئۇ يەردە ئىلىم بار ئىدى، ساھابىلەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ ئەسەرلىرى بار ئىدى ۋە ئۇ يەردە تابىئىننىڭ چوڭلىرى ھەدىس سۆزلەيتتى. شەكسىزكى، ئۇ پەيغەمبەر بوۋىسىدىن ئۇنسى – ئۈلپەت ئالاتتى. چۈنكى، ئۇ تابىئىن ئىچىدىكى مۇھەددىسلەرنىڭ دەرسلىرىگە بېرىپ، تۆۋەن كۆرمەستىن ئۇلاردىن پەيغەمبەر بوۋىسىنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنەتتى. ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىلمى ئۇ زاتنىڭ پۈتۈن ساھابەلىرى ئارىسىغا تارىلىپ كەتكەن ۋە ھەدىسلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە مەخپىي قالسىمۇ، ھەممىسىگە مەخپىي قالمايتتى. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن بىر ھەدىسنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مەخپىي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلمىسە، يەنە بەزىسى چوقۇم بىلگەن.
پەيغەمبەر ئىلمىنى ئىستەيدىغان ئادەم ئۇنى ھەممە جايلىرىدىن ئالىدۇ ۋە بىر جاي بىلەن يەنە بىر جاينى ئايرىمايدۇ. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت ئەنە شۇ ئۇلۇغلار پۈتۈنلەي ئىلىمگە بېرىلدى. ئىلىم كۆڭۈلنى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر ئىلىم سۈرەتكە كىرگۈزۈلسە ئىدى، چوقۇم كەمتەر بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كىرگەن بولاتتى. ئىلىم شەھىرى بولغان مەدىنە ئوغۇللىرىنىڭ غۇرۇرى تۇتۇپ كېتىپ، ئىلىمنى ئۆز مەنبەلىرىدىن ئالماسلىقى، ئىلىمنى تابىئىن ئىچىدىكى مۆتىۋەرلەردىن ئالماسلىقى مۇمكىن ئەمەستۇر.
ئىمام جەئفەر ئىلىم ئالغان ئەسنادا، ھەزرىتى ئۆمەردىن ۋە ئۆمەرنىڭ ساھابە شاگىرتلىرىدىن تەلىم ئالغان ئىبنى شىھاب زۇھرىي ۋە ئۇندىن باشقا مەدىنەدىكى تابىئىن فۇقەھائ ئۇنىڭغا زامانداش بولغان. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەھلى بەيتنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن يېقىن ئالاقە قىلاتتى. مەسىلەن، ئىبنى شىھاب زۇھرىي ئىمام جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن تەڭ ياشتا بولغان ئىمام زەيد بىلەن قويۇق ئالاقىداش ئىدى. دېمەك، ئەھلى بەيتنىڭ ئىلمى تابىئىننىڭ ئىلمىدىن ئۈزۈك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىلمىگە تۇتاش ئىدى. ئەھلى بەيت ئۇلاردىن ئىلىم ئالاتتى، ئۇلارمۇ ئەھلى بەيتتىن ئىلىم ئالاتتى. ھالبۇكى ھەممىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئالغان.
بىز بۇ يەردە جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلىسىگە ئالاقىدار بىر ئىشقا ئىشارە قىلىپ ئۆتىمىز. ئۇ بولسىمۇ جەئفەرنىڭ ئانىسى قاسىم ئىبنى مۇھەممەدنىڭ قىزىدۇر. قاسىم ئىبنى مۇھەممەد بولسا ئۆزىنىڭ ھاممىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان ھەمدە بەزى مەۋالىيلار بىلەن بىرگە ھاممىسىنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان. ئۇ مەدىنە ئىلمىنى كېيىنكىلەرگە يۆتكىگەن يەتتە فەقىھنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەتتە فەقىھنىڭ كۆپىنىڭ ئىلمى ئىمام مالىكقا بېرىپ توختىغان ۋە ئىمام مالىك ئۇ ئىلىمنىڭ كۆپىنى «ئەلمۇۋەتتا» كىتابىغا توپلىغان. دېمەك، مەدىنە ئىلمى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلىسىدە ئىدى.
[420] شۈبھىسىزكى، ھەربىر تابىئىن ئۆزىگە يەتكەن ھەدىسلەرنى توپلايتتى ۋە ئۇنى ئۆزىدىن رىۋايەت قىلغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرەتتى. شۈبھىسىزكى، جەئفەر ئانا تەرەپ بوۋىسىنى كۆرگەن بولۇپ، چوقۇم بوۋىسىدىن ئىلىم ئالغان ۋە بوۋىسىنىڭ ئىلمى ئۇنىڭغا يەتكەن. جەئفەر ئىلىم ئېلىپ يېتىلگەن ۋە ئالغىنىدىن كېيىن بېرىدىغان ھالغا كەلگەن ياش چېغىدا بوۋىسى ۋاپات بولغان. قاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 108 – يىلى ۋاپات بولغان. مۇشۇ قاسىم، ئېيتقىنىمىزدەك، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىلمىنى ئالغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ ئىلىم ئالغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەدنى ئوغلىدەك كۆرەتتى. چۈنكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ خوتۇنى بولغان ئۇنىڭ ئانىسىنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز قۇچىقىدا باققان.قاسىم ھاممىسىدىن، شۇنداقلا ھەزرىتى ھەسەن بىلەن ھەزرىتى ھۈسەيندىن كېيىنكى ھاشىمىيلارنىڭ چوڭى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس رىۋايەت قىلىش بىلەن بىرگە، ھەدىسنىڭ مەتنىنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە مەشھۇر سۈننەتكە سېلىشتۇرۇپ، ھەدىسلەرنى تەكشۈرىدىغان فەقىھ كىشى ئىدى. دېمەك، ئۇنىڭدا فىقھ ۋە ھەدىس جەم بولغان. ئۇ توغرىسىدا ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇززىناد ئابدۇللاھ ئىبنى زەكۋان: «قاسىمدىنمۇ ئالىمراق بىر فەقىھنى كۆرمىدىم، سۈننەتكە ئۇنىڭدىنمۇ ئالىمراق بىرىنى كۆرمىدىم» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ دىيانىتى كۈچلۈك، فىقھىسى چوڭقۇر، رىۋايەتى ئىنچىكە ئىدى. قاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىممەتلىك ۋە پاراسەتلىك، ئىشلارنى ئۈستىگە ئالالايدىغان زات ئىدى. شۇڭا مالىك، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ: «ئەگەر قولۇمدىن كەلسە ئىدى، چوقۇم قاسىمنى خەلىفە قىلغان بولاتتىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
مانا بۇ جەئفەرنىڭ (ئانا تەرەپ) بوۋىسى بولۇپ، بوۋىسى ھايات ۋاقتىدىلا جەئفەر ئىلىم ئېلىش يولىدا ماڭغان. ھەتتا ئەتراپىغا ھەر يەرلەردىن شاگىرتلار كېلىدىغان، ئىسلام دىيارلىرىنىڭ شەرق ۋە غەربلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرى پەزىلىتى ۋە ئىلمىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغان بىر ئالىمنىڭ دەرىجىسىگە يەتكەن ئىدى.
جەئفەر سادىق ئىزچىل ئىلىم تەلەپ قىلىپ، ئىلىم يولىدا يۈرگەن. ھەر خىل رىۋايەتلەرگە كۆرە، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇ 34 – 35 ياش چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ھالبۇكى ئۇ قىران يېشىغا يېتىپ، قىرىققا يېقىنلاشقان، سۈننەت ئىلمىگىمۇ ۋە فىقھ ئىلمىگىمۇ نائىل بولغان ئىدى. ئۇ ھەر خىل مېتودتىكى فۇقەھائنىڭ قاراشلىرى ئىچىدىن توغرا يولنى تاللاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى بىلىشكە بەك ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ماڭا (خەلىفە) ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر: ‹ئەي ئەبۇ ھەنىفە! كىشىلەر جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد سەۋەبىدىن ئادىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر سوئاللارنى تەييارلاپ قويسىلا› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قىرىق مەسىلە تەييارلىدىم». نەتىجىدە ئىككى ئىمام ھىيرەدە مەنسۇرنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇچراشقان.
[421] بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېيتىدۇ: «كېلىپ مەنسۇرنىڭ ھۇزۇرىغا كىردىم، جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئىكەن. جەئفەر سادىق ئىبنى مۇھەممەدكە شۇنداق قارىۋىدىم، ئىچىمگە ئۇنىڭ ھەيۋىتى كىردى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ ھەيۋىتىمۇ ئۇنچىلىك ئەمەس ئىدى. مەنسۇرغا سالام قىلدىم، ئۇ ئىما قىلغاندىن كېيىن جايىمدا ئولتۇردۇم. ئاندىن ئۇ جەئفەرگە قاراپ:— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! بۇ ئەبۇ ھەنىفە بولىدۇ، — دېگەنىدى، مەن:
— شۇنداق! — دېدىم. ئاندىن ماڭا قاراپ:
— ئى ئەبۇ ھەنىفە! ئەبۇ ئابدۇللاھقا سوئاللىرىنى تاشلىسىلا، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا سوئاللىرىمنى تاشلاشقا باشلىدىم، ئۇ بىر – بىرلەپ جاۋاب بېرىپ:
— سىلەر مۇنداق دەيسىلەر، مەدىنە ئەھلى مۇنداق دەيدۇ، بىز مۇنداق دەيمىز، — دېدى. ئۇ گاھى (مەسىلىلەردە) بىزگە قوشۇلدى، گاھى ئۇلارغا (يەنى مەدىنە ئەھلىگە) قوشۇلدى، گاھى ھەممىمىزگە قارشى بولدى. ئاخىرىدا، قىرىق سوئالنى تۈگەتتىم، ئۇ قىرىق سوئالدىن ھېچبىرىنى جاۋابسىز قالدۇرمىدى». ئاندىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېيتىدۇ: «كىشىلەرنىڭ (يەنى فۇقەھائنىڭ) ئىختىلاپلىرىنى ئەڭ كۆپ بىلگەن ئادەم ئەڭ ئالىمدۇر»(4).
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە راست ئېيتىدۇ. چۈنكى، فۇقەھائنىڭ ئىختىلاپلىرىنى، قاراشلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ۋە ھۆكۈم ئېلىش مېتودلىرىنى بىلىش ئەڭ پۇختا قاراشقا ئۇلاشتۇرىدۇ، مەيلى بۇ ئەڭ پۇختا قاراش شۇ قاراشلارنىڭ ئىچىدىن بولسۇن ياكى تېشىدىن بولسۇن. شۇ ئارقىلىق جەئفەر قاراشلارنى ئۆلچەيدىغان توغرا ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بىر فىقھنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان. ئۇ فىقھ ئىراق فىقھىسىمۇ ئەمەس، مەدىنە فىقھىسىمۇ ئەمەس، گەرچە ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى سايىسى ئاستىدا بولسىمۇ، ئۇلاردىن باشقا بىر تۈرلۈك فىقھتۇر.
ئۇنىڭ كائىنات نەزەرىيىسىنى بىلىشى
[422] تارىخچى ئىبنى خەللىكان «ۋەفەياتۇل ئەئيان (وفيات الأعيان)» ناملىق كىتابىدا جەئفەر سادىق ھەققىدە سۆزلىگەندە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىمامىيلار مەزھەبى بويىچە ئون ئىككى ئىمامنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئەھلى بەيتنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئىدى، «سادىق» (يەنى سۆزىدە راستچىل) دەپ لەقەملەنگەن. پەزىلىتى مەشھۇر بولۇپ، بۇنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق… ئۇنىڭ شاگىرتى جابىر ئىبنى ھەييان ئەسسۇفىي ئەتتەرتۇسىي جەئفەر سادىقنىڭ 500 تال رىسالەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭ ۋاراقلىق بىر كىتاب يازغان. جەئفەر سادىق ‹بەﻗﯩﺌ› قەبرستانلىقىغا ئاتىسى مۇھەممەد باقىر، بوۋىسى ئەلى زەينۇلئابىدىن ۋە بوۋىسىنىڭ تاغىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى (ئۇلارغا سالاملار بولسۇن!) قاتارلىقلار بار بىر قەبرگە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ياتقان جايى نېمىدېگەن كاتتا ۋە نېمىدېگەن ئېسىل جاي – ھە!»(5)شۈبھىسىزكى، بۇ گەپ مۇنداق ئىككى ئىشقا دالالەت قىلىدۇ: بىرى، جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ ئۇنىڭغا شاگىرت بولغانلىقى. جابىر ئىبنى ھەييان خىمىيە ئىلىملىرىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، ئۇنىڭ كائىنات، ئەقىدە ۋە خىمىيە ھەققىدە بىرقانچە رىسالەلىرى بار. ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ جەئفەر سادىققا تەۋە 500 تال رىسالەنى نەشر قىلغانلىقى. لېكىن، بۇ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك گەپ. چۈنكى، ناۋادا جابىرغا نىسبەت بېرىلگەن رىسالەلەر جەئفەرنىڭ بولسا ئىدى، چوقۇم جابىر ئۇنى ئوچۇق ھالدا جەئفەرگە نىسبەت بەرگەن بولاتتى. چۈنكى، جابىردا شىئەلىك بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئەلەۋىي ئىماملىرىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ سۆزىنى ئۇنىڭغا نىسبەت بەرمەي نەقىل قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. لېكىن، جابىر ئۇ رىسالەلەرنىڭ جەئفەرنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە ئىلھامى بىلەن بولغانلىقىنى ئېيتقان.
[323] بۇ رىسالەلەرنىڭ ئىمام جەئفەرگە مەنسۇپلۇقى قانچىلىك سەھىھ بولسۇن، شۇنىسى ئايانكى، ئىمام مۇشۇ ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغان. چۈنكى، ئىمام جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا شۇنداق زېرەكلىك ۋە روھىي قۇۋۋەت بار ئىدىكى، بۇ ئارتۇقچىلىق ئۇنى ھەرقانداق شەخستىن ھەرقانداق مەرىپەت ئۆگىنىشكە يۈزلەندۈرگەنىدى. بىزدە ئۇنىڭ كائىناتشۇناسلىقنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۆپ دەلىللەر بار. ئۇ بۇنى ئاللاھ تائالانى تونۇش ۋە ئۇ زاتنىڭ بىرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلاتتى. ئۇ بۇنىڭدا كائىنات ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ يولىغا ئەگىشىدۇ. سىز ئۇنىڭ تەۋھىد رىسالەسىدە كەلگەن كۈن، كېچە – كۈندۈز، زۇلمەت ۋە نۇر قاتارلىقلار ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇپ بېقىڭ. ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇنى بۇ يەردە نەقىل قىلايلى:«كۈندۈز ۋە كېچىنىڭ ئالمىشىشى ئۈچۈن كۈننىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى ھەققىدە ئويلان. مۇبادا كۈن چىقمايدىغان بولسا، پۈتۈن ئالەم خاراب بولاتتى. دۇنيا قاراڭغۇ ھالەتتە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىكلىرىنى قىلالمىغان ۋە ئىشلىرىنى بېجىرەلمىگەن بولاتتى. نۇرنىڭ لەززىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن تۇرمۇشتىن شادلىنالماس ئىدى. كۈننىڭ چىقىشىغا قانچىلىك ھاجىتىمىز بارلىقىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق… كۈننىڭ پېتىشىدىكى مەنپەئەتنى ئويلان. مۇبادا كۈن پاتمايدىغان بولسا، ئىنسانلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك بولمايتتى. ھالبۇكى ئىنسانلار تەنلىرى ۋە سەزگۈ ئەزالىرىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىپ غىزانى ئەزالارغا ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، تىنچلىق ۋە راھەتكە تولىمۇ موھتاجدۇر. ئاندىن (دۇنياغا بولغان) ھېرىسمەنلىك ئىنسانلارنى بەدەنلىرىنى قىيناپ، توختىماي ئىشلەشكە ھەيدىگەن بولاتتى. چۈنكى، ناۋادا كېچە بولمايدىغان ئىش بولسا، كۆپلىگەن ئىنسانلار كەسىپكە ۋە پۇل – مال توپلاشقا ھېرىسمەن بولغانلىقتىن، ئۇلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك بولماس ئىدى. ئاندىن زېمىن كۈننىڭ نۇرىدىن ئىسسىقلىق ئالىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى ۋە تەدبىرى بىلەن كۈننىڭ مەلۇم ۋاقىت چىقىپ، يەنە مەلۇم ۋاقىت پېتىشىنى تەقدىر قىلدى. بۇ خۇددى بىر مەررە ئۆي ئەھلىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تىنچلىنىشى ۋە ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن غايىب بولغان چىراغقا ئوخشايدۇ. دېمەك، نۇر بىلەن زۇلمەت ئۆزئارا زىت بولسىمۇ، ئالەمنىڭ مەنپەئەتى ۋە نىزامى ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان».
«ئاندىن يىلنىڭ بۇ تۆت پەسلىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن كۈننىڭ ئېگىزلىشى ۋە تۆۋەنلىشى ھەققىدە ئويلان، ئۇنىڭدا قانچە تەدبىر ۋە مەنپەئەت باردۇر. قىشتا دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە ئىسسىقلىق بولىدۇ ۋە ئىچىدە مېۋە ماددىلىرى تۇغۇلىدۇ، ھاۋا قويۇقلىشىپ، ئۇنىڭدىن بۇلۇت ۋە يامغۇر پەيدا بولىدۇ، ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرى چىڭىيىپ كۈچىيىدۇ. باھاردا ھېلىقى قىشتا تۇغۇلغان ماددىلار ھەرىكەتلىنىپ ئاشكارا بولىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ، دەرەخلەر نۇر چىقىرىدۇ، ھايۋانلار جۈپلىشىشكە باشلايدۇ. يازدا ھاۋا قاتتىق ئىسسىيدۇ، مېۋىلەر پىشىدۇ، تەننىڭ ئاجرالمىلىرى ئاجرايدۇ، يەر يۈزى قۇرۇپ، ئۆي سېلىش ۋە باشقا ئىشلارغا تەييار بولىدۇ. كۈزدە ھاۋا ساپلىشىدۇ، كېسەللىكلەر كۆتۈرۈلىدۇ، بەدەنلەر ئوڭشىلىدۇ، كېچە ئۇزىرايدۇ، ھاۋا ياخشىلىنىدۇ. كۈزدە يەنە باشقا مەنپەئەتلەرمۇ بار… ئەمدى سەن يىلنىڭ دەۋر قىلىشى ئۈچۈن كۈننىڭ ئون ئىككى بۇرجدا يۆتكىلىپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىكى تەدبىرلەر ھەققىدە ئويلان. شۇ دەۋر ئارقىلىق تۆت پەسىل شەكىللىنىدۇ»(6).
[424] بۇ گەپنىڭ ئىمام جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەۋەلىكى سەھىھ بولسا، شەكسىز بۇ ئۇنىڭ كائىنات، ئاسمان بۇرجلىرى ۋە يۇلتۇزلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ.بىزنىڭ قولىمىزدا بۇ رىسالەنىڭ جەئفەر سادىققا تەۋەلىكىنى رەت قىلغۇدەك بىرەر دەلىل يوق. چۈنكى، ئىمامىيلار ئۇ رىسالەنى ئالقىشلاپ قوبۇل قىلغان. ئۇلار قوبۇل قىلغان ئىكەن، بىز ئۇنى شۈبھىسىز كەسكىن بىر دەلىل بولماي رەت قىلالمايمىز. ئالىملارنىڭ چوڭ بىر تۈركۈمى قوبۇل قىلغان بىر ئىشنى ئىلىملەرنى ئۆرۈپ تاشلىماقچى بولغانلاردىن باشقىسى رەت قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىلىملەرنىڭ بىناسى ئىلگىرىكىلەر بەرپا قىلغان ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، ئۇ ئاساسلاردىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ نەزەرىدە توغرا ئەمەسلىكى ياكى دىندىكى ھەممىگە ئوپئوچۇق بولغان پرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىرى ئۆرۈپ تاشلىنىدۇ.
ئىمام جەئفەرنىڭ جابىر ئىبنى ھەييان بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، جابىرنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىمان مەسىلىلىرىدە ئۇنىڭغا شاگىرت بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغانلىقى توغرىسىدا تارىخ ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن بايانلىرى كەلگەن. تارىخچىلارنىڭ يەنە ئۇنىڭ شەيئىلەرنىڭ تەبىئەتلىرى، مەدەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە نەرسىلەرنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇش ھەققىدە جابىرغا سۆزلەپ بەرگەنلىكى توغرۇلۇقمۇ بايانلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، رىسالەدە يەر ئالغان بىر توپ مەلۇماتلارنىڭ ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىمامغا مەنسۇپلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بار.
ئىمام جەئفەر ئەرەب تىلىگە پەلسەپە ئىلىملىرى سىڭىپ كىرىپ، پەلسەپە ئېقىملىرى شەكىللىنىشكە ۋە شۇ ھەقتە تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتا ياشىغان. ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرى، ئابباسىيلار دەۋرىنىڭ ئەۋۋىلىدە سىريان ۋە ئۇندىن باشقىلار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىللىرىگە ھىندى ۋە گرېك پىكىرلىرى يېتىپ كەلگەن.
«جەفر»
[425] ئىمام جەئفەرگە شىئە (تەرەپدار) بولغانلار ئۇ ئۆگەنگەن ئىلىم ۋە ئۇ يۈزلەنگەن تەتقىقاتلار بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر ئىلىمنى نىسبەت بېرىدۇ. (ئۇلارنىڭ قارىشىدا) بۇ ئىلىم ئۇنىڭغا بىرەر تەتقىقاتتىكى تىرىشچانلىق بىلەن ھاسىل بولغان ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن ھاسىل بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ۋەسىيەتنى ئەلىگە ئانامەت قىلغان، ئاندىن ئەلى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن ئون ئىككى ۋەسىيگە ئامانەت قىلغان. ئىمام جەئفەر ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسى سانىلىدۇ. ئۇلار شۇ تۈرلۈك ئىلىمنى «جەفر» دەپ ئاتىغان.«جەفر» (الجفر) ئەسلىدە قورساق سېلىپ يوغىنىغان قوينىڭ قوزىسىدۇر، ئاندىن بۇ ئىسىم تېرىنىڭ ئۆزىگە ئىشلىتىلگەن. ئۇلار: «جەفر دېگەن ئىسىم ئۆگىنىش بىلەن ھاسىل بولمايدىغان، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىلىمگە قوللىنىلغان» دېگەن. چاغداش شىئە يازغۇچىلارنىڭ بەزىسى ئېيتقانكى: «جەفر ئىلمى ھەرپ ئىلمى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئالەم مۇنقەرز بولغۇچە يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر بىلىنىدۇ. سادىق ئەلەيھىسسالام ئۆزلىرىدە جەفر بارلىقىنى ئېيتقان ۋە جەفرنى ›بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا ئۆتكەن ئالىملارنىڭ ئىلمى بار بىر تېرە خۇرجۇن‹ دەپ تەفسىرلىگەن. بىز بۇ ئىلىمنى ۋە ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت ئىكەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، جەفر ھەققىدە دېيىلگەن شۇ سۆزلەردىن ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىلىمنىڭ ئاللاھ ئىنئام قىلغان شەرەپلىك بىر ئىلىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز»(7).
[426] كۇلەينىينىڭ «ئەلكافىي» ناملىق كىتابى — بۇ كىتاب ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ نەزەرىدە ئەسەر جەھەتتىكى تۆت مەنبەنىڭ بىرىدۇر — دا دېيىلىشىچە، «جەفر»دە مۇسانىڭ «تەۋرات»ى، ئىيسانىڭ «ئىنجىل»ى، نەبىي ۋە ۋەسىيلەرنىڭ، ئۆتمۈشتىكى بەنى ئىسرائىل ئالىملىرىنىڭ ئىلىملىرى، ھالال ۋە ھارام ئىلمى، بولغان ۋە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئىلمى بارمىش. ئاندىن كۇلەينىي ئېيتىدۇ: «جەفر ئىككى قىسىمدۇر، بىرى ئۆچكىنىڭ تېرىسىگە يېزىلغان، يەنە بىرى قوچقارنىڭ تېرىسىگە يېزىلغان».كۇلەينىي «ئەلكافىي»دا ئېيتقانكى:
«سادىق ئېيتتى:
— بۈگۈن ئەتىگەن ئاللاھ مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىماملارغا خاس قىلغان جەفر كىتابىغا قارىدىم، كىتابتىكى غائىبىمىز (يەنى 12 – ئىمام مەھدىي مۇنتەزەر) نىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ سۇررەمەنرەئا (كېيىنكى نامى سائەمەنرەئا / سامەرراﺋ) دا غايىب بولۇشى، كېچىكىشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، شۇ زاماندىكى مۇئمىنلەرنىڭ ئىمتىھانى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە شەكلەرنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىنىدىن يېنىپ، بويۇنلىرىدىن ئىسلام باغلىقىنى ئېلىۋېتىشى قاتارلىقلار ھەققىدە ئويلاندىم. ئاللاھ تائالا ۋەتەقەددەس ئېيتقانكى ﴿وَكُلَّ إِنسَٰنٍ أَلۡزَمۡنَٰهُ طَٰٓئِرَهُۥ فِي عُنُقِهِۦۖ / ھەربىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 13) يەنى ئىگە چىقىش ۋە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى (نى بوينىغا ئارتتۇق)(8). بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرىسى! سەن بىلگەن شۇ ئىلىمنىڭ بەزىسى بىلەن بىزنى مۇشەررەپ ۋە مۇكەررەم قىلغىن، — دېۋىدۇق، ئۇ ئېيتتى:
— شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىزنىڭ قائىم (يەنى مەھدىي) دە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىر قىسىم سۈننەتلەرنى قىلدى، نۇھنىڭ بىر سۈننىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش؛ ئىبراھىمنىڭ بىر سۈننىتى بالىلىرىدىن مەخپىي بولۇپ، كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش؛ مۇسانىڭ بىر سۈننىتى قورقۇش ۋە غائىب بولۇش؛ ئىيسانىڭ بىر سۈننىتى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە ئىختىلاپلىشىشى؛ ئەييۇبنىڭ بىر سۈننىتى ئېغىرچىلىقتىن كېيىن ئاسانچىلىق ۋە مۇھەممەدنىڭ بىر سۈننىتى قىلىچ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشتۇر. مەھدىي ئۇ زاتنىڭ يولىنى تۇتىدۇ ۋە ئۇ زاتنىڭ ئىزىدىن ماڭىدۇ»(9).
بۇ گەپتىن شۇنى خۇلاسىلەيمىزكى، «جەفر» جەئفەرگە ئامانەت قىلىنغان بىر كىتاب بولۇپ، جەئفەر ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ، مەيلى ھەرپ ۋە بەلگىلەر بىلەن بولسۇن ياكى خەبەرلەر بىلەن بولسۇن، بولغان ۋە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى غەيب ئىلمىنى بىلىدۇ. «جەفر» ئۇلارنىڭ گۇمانىدا ئىماملاردىن ھەربىر ئىمامغا بېرىلىدىغان كىتاب ياكى ئىلىم بولسا كېرەك. ئۇ ئەلىگە، ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرگە بېرىلگەن. كۇلەينىينىڭ «ئەلكافىي»دا يەنە مۇنداق كەلگەن:
«ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە پەيغەمبىرىگە بىر كىتابنى چۈشۈردى. جىبرىل:
— ئى مۇھەممەد! بۇ سېنىڭ ئېسىللارغا بولغان ۋەسىيىتىڭ، — دېدى. پەيغەمبەر:
— ئى جىبرىل! ئېسىللار كىم؟ — دېۋىدى، جىبرىل:
— ئەلى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، — دېدى. ھالبۇكى كىتابنىڭ ئۈستىدە ئالتۇندىن مۆھۈرلەر بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلىگە بەردى ۋە ئۇنىڭدىن بىر مۆھۈرنى ئېچىشقا ۋە ئۇنىڭدىكىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئەلى ئۇنى ھەسەنگە بەردى، ھەسەن ئۇنىڭدىن بىر مۆھۈرنى ئاچتى ۋە ئۇنىڭدىكىگە ئەمەل قىلدى. ئاندىن ھەسەن ئۇنى ھۈسەينگە بەردى. ھۈسەين بىر مۆھۈرنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭدىن ‹قەۋمىڭنى شاھادەتكە ئېلىپ چىققىن، سەن بىلەن بىرگە بولماي ئۇلارغا شاھادەت يوق، جېنىڭنى ئاللاھقا ساتقىن› دېگەن گەپ چىقتى… ئاندىن ھۈسەين ئۇنى ئەلى ئىبنى ھۈسەينگە بەردى، ئۇ بىر مۆھۈرنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭدىن ‹سۈكۈت قىلىپ شۈك تۇر، ئۆيۈڭدىن ئايرىلما، ساڭا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىل› دەپ چىقتى. ئۇ شۇنداق قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئەلىگە بەردى. ئۇ بىر مۆھۈرنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭدىن ‹كىشىلەرگە ھەدىس سۆزلە، پەتۋا بەر، ئەھلى بەيتىڭنىڭ ئىلىملىرىنى تارقات، سالىھ ئاتا – بوۋىلىرىڭغا ئىشەن، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقما، ساڭا ھېچكىم زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ› دەپ چىقتى. ئاندىن مۇھەممەد ئۇنى جەئفەر سادىققا بەردى. ئۇ ئۇنىڭدىن ‹كىشىلەرگە ھەدىس سۆزلە، ئۇلارغا پەتۋا بەر، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقما، ئەھلى بەيتىڭنىڭ ئىلىملىرىنى تارقات، ئاتا – بوۋىلىرىڭغا ئىشەن. سەن ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدىسەن› دەپ چىقتى»(10).
[427] ئىسلام ئالىملىرىدىن بىر قىسىم يازغۇچىلار ئون ئىككى ئىمامچىلاردىن ئۇلار «جەفر»دە تىلغا ئالغان نەرسىلەرنى نەقىل قىلىشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئەينەن نەقىل قىلغان. بەزىلىرى مەسخىرە قىلىپ نەقىل قىلغان. ئىبنى قۇتەيبەنىڭ «ئۇيۇنۇل ئەخبار (عيون الأخبار)»دا كېلىشىچە، تەلھە ئىبنى مۇسەررىف: «تاھارىتىم بار بولمىغان بولسا، ساڭا چوقۇم شىئەلەرنىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتىپ بېرەتتىم» دېگەن. زەيدىيلەرنىڭ بېشى بولغان ھارۇن ئىبنى سەئد ئەجلىي مۇنداق نەزم ئوقۇغان:قارىمامسەن رافىزىيلار بۆلۈنۈشتى
كى جەئفەر ھەققىدە دەپ ھەممىسى مۇنكەر
بىرى دەرلەر ئىلاھتۇر، بىرلىرى ئاندىن
ئاتاشماقتا ئۇنى مەئسۇمۇ پەيغەمبەر
ئەگەر جەئفەر ئۇلارنىڭ سۆزىدىن رازى
سىغىنغايمەنكى رەببىمگە قويۇپ جەئفەر
ئاجايىبراق ئۇلارنىڭكى تېرە جەفرى
تامان راھمان، جۇدامەن ھەم جەفرچىلەر
بۇ قەسىدىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
ئىشەنگەي، پىلنى كەسلەنچۈك دېسە كىمسە
يەنە كىمسە ئەگەر زەڭگى ئاقارمىش دەر(11)
ئەبۇلئەلا «جەفر» ھەققىدە مۇنداق شېئىر ئوقۇغان:
جەفرى ئىچرە كەلسە ئىلىم خەلققە
ھەيرەت بىلەن باقار ئەھلى بەيتكە
كىچىككىنە تۇرسىمۇ گەر ئۇستۇرلاپ
باقار ئۇندا ئاسمان زېمىن ئالەمگە
[428] بۇ، «جەفر» ھەققىدە دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىدۇر. بىزنىڭ بۇ ماقامدا مۇنداق ئۈچ مۇلاھىزىنى تىلغا ئېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
بىرىنچى: بىز «جەفر»دىكى گەپلەرنىڭ ئىمام جەئفەر سادىققا تەۋەلىكىنى ئىنكار قىلىمىز. چۈنكى، ئۇ غەيب ئىلمىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. ھالبۇكى غەيب ئىلمىنى ئاللاھ ئۆزىگە خاس قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ «قۇرئان كەرىم» ھېكايە قىلغاندەك ئېيتقانكى: ﴿وَلَوۡ كُنتُ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ لَٱسۡتَكۡثَرۡتُ مِنَ ٱلۡخَيۡرِ وَمَا مَسَّنِيَ ٱلسُّوٓءُۚ / ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتىم، زىيان – زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم﴾(7/«ئەئراف»: 188). ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەرگەن بەزى غەيبىي مەلۇماتلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇ ئارقىلىق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن بېرىدۇ. مەسىلەن: شۇ جۈملىدىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى: ﴿الٓمٓ ١ غُلِبَتِ ٱلرُّومُ ٢ فِيٓ أَدۡنَى ٱلۡأَرۡضِ وَهُم مِّنۢ بَعۡدِ غَلَبِهِمۡ سَيَغۡلِبُونَ ٣ فِي بِضۡعِ سِنِينَۗ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ مِن قَبۡلُ وَمِنۢ بَعۡدُۚ وَيَوۡمَئِذٖ يَفۡرَحُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٤ بِنَصۡرِ ٱللَّهِۚ يَنصُرُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ٥ / ئەلىف، لام، مىم. رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىرقانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خاھلىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۇئمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(30/«رۇم»: 1 – 5).
«جەفر»نىڭ ئىمام جەئفەرگە تەۋەلىكىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ئىمام جەئفەرنىڭ قەدرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا ئىمام ۋە ھۆججەتتۇركى، ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىكتەك فۇقەھائنىڭ چوڭى، سۇفيان سەۋرىي، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە ئۇلاردىن باشقا ھەدىس ئىماملىرى تەلىم ئالغان زاتتۇر.
ئىككىنچىسى: «جەفر»دە ئىمام جەئفەر سادىققا نىسبەت بېرىلىدىغان رىۋايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يولى كۇلەينىيدۇر. كۇلەينىي ئىمام جەئفەرنىڭ «قۇرئان كەرىمدە نۇقسان بار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان كىشىدۇر. يۇقىرىقى نىسبەتنى ئىمام مەرزىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى تۇسىي ھەمدە ئۇلاردىن باشقا ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ چوڭ ئىماملىرىمۇ يالغانغا چىقارغان. ئۇلار ئىمام جەئفەردىن بۇنىڭ تەتۈرىنى نەقىل قىلغان. شۈبھىسىزكى، يالغان نەرسىنى نەقىل قىلىپ، ئۇنى شۇ ئۈلگىلىك ئىمامغا چاپلاپ قويغان ئادەمنىڭ پۈتكۈل رىۋايەتى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل ئەمەستۇر.
ئۈچىنچى: ھازىر ئىمام جەئفەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە يازىدىغان جەئفەرىي ئالىملىرى گەرچە بۇ پىكىرنى نەقىل قىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
[429] مېنىڭچە، ئون ئىككى ئىمامچىلارغا «جەفر» پىكرىنى كىرگۈزگەنلەر ئەبۇلخەتتابنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان خەتتابىيلاردۇر. مەقرىزىينىڭ «ئەلمەۋائىز (الْمَوَاعِظُ وَالاِعْتِبَارُ)»دە كېلىشىچە: «پۈتۈن خەتتابىيلار جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد سادىقنىڭ ئۆزلىرىگە جەفر دېيىلىدىغان بىر تېرىنى ئامانەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭدا غەيب ئىلمى ۋە قۇرئان تەفسىرىدىن ئىبارەت ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسە بارلىقىنى دەۋا قىلغان»(12).ئىمام جەئفەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىنى زامانداشلىرىغا يېيىشى
[430] بىز ئىمام جەئفەرگە ئۇ ئۆزى رەت قىلغان سۈپەتلەرنى چاپلاپ قويماقچى بولغان شۇ كىشىلەرنى تەرك ئېتىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي سۈپەتلىرى ۋە يۈكسەك پەزىلەتلىرىگە يۈزلىنەيلى!ئۇ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئاتا – بوۋىسىدىن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ شەيخلىرىدىن تەلىم ئالدى. ئاتىسىدىن ياخشى دوست تۇتۇشنى ئۆگىنىپ، ياخشىلارنى دوست تۇتتى. ئۇنىڭغا دانىشمەن ئىمام ئاتىسى مۇھەممەد باقىر مۇنداق دېگەنىدى: «ھېچبىر پاسىقنى دوست تۇتما. چۈنكى، ئۇ سەندىن بىرنەرسە تەمە قىلىپ ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، سېنى بىر لوقما تائامغا، ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن نەرسىگە سېتىۋېتىدۇ. بېخىلنى دوست تۇتما، ئۇنىڭغا ئەڭ موھتاج بولغىنىڭدا، سېنى پۇل – مېلى بىلەن ئۈمىدسىز قويىدۇ. يالغانچىنى دوست تۇتما. چۈنكى، ئۇ سەراپقا ئوخشايدۇكى، يېقىننى يىراق، يىراقنى يېقىن كۆرسىتىدۇ. ئەخمەقنى دوست تۇتما. چۈنكى، ئۇ ساڭا پايدا يەتكۈزىمەن دەپ، زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ. سىلە – رەھىمنى ئۈزگۈچىنى دوست تۇتما. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىدا لەنەت قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم»(13).
ئىمام جەئفەر بۇ خالىس نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سورۇنىدىن ئېسىل ئەخلاق بىلەن زىننەتلەنمىگەنلەرنى يىراق قىلدى، پاك ئېسىللارنى يېقىن قىلدى… شۇڭا، ئۇنىڭ مەدىنەدىكى سورۇنى ئەھلى ئىلىملەر، ھەدىس تالىبلىرى ۋە فىقھ تالىبلىرىنىڭ جەمگاھى بولدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ شېرىن بۇلىقىغا كېلەتتى… ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ھەرقانداق كىشى ئۇنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ئىلمىنى ئۇلۇغلايتتى، ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمىدىن، ئەخلاقى ۋە ھېكمەتلىرىدىن دۇردانىلەرنى ئالاتتى.
[431] بۇ ھەقتە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئىراق مۇھەددىسى ۋە كۇفە ۋائىزى بولغان سۇفيان سەۋرىي ئۇنىڭ سورۇنىغا كەلدى. ھالبۇكى ئۇ گەپ قىلماي شۈك تۇرغانىدى، سەۋرىي:— سەن ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بەرمىگۈچە كەتمەيمەن، — دېۋىدى، سادىق ئېيتتى:
— مەن ساڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىمەن، ئەمما سەن ئۈچۈن ھەدىسنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشى ئەمەس، ئەي سۇفيان! ئاللاھ بىر نېئمەتنى بەرسە، سەن ئۇنىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۇ زات ئۈچۈن ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈرنى كۆپ ئېيت. چۈنكى، ئاللاھ ئەززەۋەجەللە كىتابىدا: ﴿لَئِن شَكَرۡتُمۡ لَأَزِيدَنَّكُمۡۖ / ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىمەن﴾(14/«ئىبراھىم»: 7) دېگەن. رىزقىڭنىڭ تار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساڭ، ئىستىغفارنى كۆپ ئېيت. چۈنكى، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە كىتابىدا ئېيتقانكى: ﴿فَقُلۡتُ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارٗا ١٠ يُرۡسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡكُم مِّدۡرَارٗا ١١ وَيُمۡدِدۡكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ جَنَّٰتٖ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ أَنۡهَٰرٗا ١٢ / رەببىڭلارغا ئىستىغفار ئېيتىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرىدۇ، سىلەرگە مال ۋە ئوغۇللارنى بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرگە ئۆستەڭلەرنى قىلىپ بېرىدۇ﴾(71/«نۇھ»: 10 – 12). ئەي سۇفيان! پادىشاھنىڭ ياكى باشقىسىنىڭ بىر ئىشى سېنى غەمگە تاشلىسا، ‹لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ (ئاللاھنىڭ ياردىمى بولماي قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)›نى كۆپ ئېيت. چۈنكى، بۇ كەلىمە ئاسايىشچىلىقنىڭ ئاچقۇچى، جەننەت كانلىرىدىن بىر كاندۇر. شۇنىڭ بىلەن سۇفيان قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ:
— ئۈچ ئۈگۈت، نېمىدېگەن گۈزەل ئۈچ ئۈگۈت – ھە! — دېدى».
ئۇنىڭدىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىلىم سورۇنىغا بېرىپ كېلىپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭ فىقھىسى ۋە رىۋايەتىدىن مەنپەئەتلەنگەن.
[432] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلاتتى. ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ «كىتابۇلئاسار )كتاب الآثار)»نى ۋە ئىمام مۇھەممەدنىڭ «ئەلئاسار )الآثار)»نى ئوقۇڭ، شۇندىلا ئۇلاردىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىمام جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدتىن قىلغان رىۋايەتىنى تاپىسىز. دېمەك، ئۇ ئىشەنچلىك ۋە راستچىل ئىدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشتا بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىشتىن باش تارتمىغان. شىئەلەرنىڭ يازغۇچىلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇنىڭغا ئىككى يىل ھەمراھ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇ ئىككى يىل ھەققىدە: «مۇشۇ ئىككى يىل بولمىسا ئىدى، نوئمان تۈگەشكەن بولاتتى» دېگەن.ئەبۇ نۇئەيمنىڭ «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ )حِلْيَةِ الْأَوْلِيَاءُ)» كىتابىدا كېلىشىچە: «جەئفەردىن كۆپلىگەن تابىئىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھيا ئىبنى سەئىد ئەلئەنسارىي، ئەييۇب ئەسسەختىيانىي، ئەبان ئىبنى تەغلىب، ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى ئەلئەلاﺋ، يەزىد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلھادىي قاتارلىقلار بار. مالىك ئىبنى ئەنەس، شۇئبە ئىبنى قاسىم، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، سۇلايمان ئىبنى بىلال ۋە ئىسمائىل ئىبنى جەئفەر قاتارلىق داڭلىق ئىماملار ئۇنىڭدىن ھەدىس سۆزلىگەن»(14).
غەلىتە يېرى، مۇشۇنداق داڭلىقلار ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىمامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ بەزى ھەدىسچىلىرى كېلىپ، جەئفەر سادىقنىڭ رىۋايەتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ رىۋايەتىدىن شەكلەندى. لېكىن، بۇ مەزھەب مۇتەئەسسىبلىكىدۇر. بەزى شىئەلەر ئۇنىڭغا ئۇ دېمىگەن نەرسىلەرنى نىسبەت بەرگەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ ماقامىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. چۈنكى، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا بوھتانچىلارنىڭ بوھتانلىرى ۋە ئۇنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىشلىرى زەرەر قىلمىغاندەك، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇغا يالغانچىلارنىڭ چاپلىغان يالغانلىرىمۇ ئۇنىڭ ماقامىنى تۆۋەنلىتەلمىگەن.
جەئفەر ۋە سىياسەت
[433] شەھرىستانىي ئىمام جەئفەر سادىق ھەققىدە دەيدۇكى: «ئۇ دىندا مول ئىلىم، ھېكمەتتە كامىل ئەدەپ ئىگىسىدۇر، دۇنيالىقتا چەكسىز زاھىد، شەھۋەتلەردىن تولۇق پەرھىزكاردۇر. ئۇ بىر مۇددەت مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە تۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان شىئەلەرگە دەرس بەرگەن ۋە ئۆزىگە دوستانە بولغانلارنى ئىلىم سىرلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرغان، ئاندىن ئىراققا بېرىپ، ئىراقتا بىر مۇددەت تۇرغان. ئۇ زىنھار ئىمام (خەلىفە) بولۇشنى تىلغا ئالمىغان ۋە ھېچكىمدىن خەلىفەلىك تالاشمىغان. مەرىپەت دېڭىزىغا چۆككەن ئادەم قىرغاقنى تەمە قىلمايدۇ، ھەقىقەت چوققىسىغا يۈكسەلگەن ئادەم پەستىكىلەردىن قورقمايدۇ. دېيىلىشىچە، كىمكى ئاللاھقا ئۈلپەت بولسا، كىشىلەردىن ياتسىرايدۇ، كىمكى ئاللاھتىن باشقىغا ئۈلپەت بولسا، ئۇنى شەيتان بۇلايدۇ».بۇ گەپتىن شۇ ئوچۇقكى، ئۇ خەلىفەلىكنى تەلەپ قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تىرىشمىغان. بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئىشتۇر. لېكىن، ئىمامىيلار ئۇنى: «ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىمامى (خەلىفەسى) دۇر ۋە تەقىييە يولىنى تۇتقان ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ: «تەقىييە مېنىڭ ۋە ئاتىلىرىمنىڭ دىنىدۇر» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ. تەقىييە دېمەك «ئەزىيەتتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ياكى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىۋېلىش ئۈچۈن، مۇئمىننىڭ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى يوشۇرۇشى، ئۇنى ئاشكارىلىماسلىقى» دېمەكتۇر. بۇنىڭ تايانچى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: ﴿لَا يَتَّخِذِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَلَيۡسَ مِنَ ٱللَّهِ فِي شَيۡءٍ إِلَّآ أَن تَتَّقُواْ مِنۡهُمۡ تُقَىٰةٗۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ / مۇئمىنلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ كافىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتمىسۇن. ئۇلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 28).
ئىمامىيلاردىن باشقا كىشىلەر ئۇنىڭ خەلىفەلىكنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسى ئىككى ئىشتۇر: بىرىنچى ئىش، ئىمامىيلارنىڭ نەزەرىدە خەلىفە خەلىفەلىككە مىراسخورلۇق بىلەن ياكى ئۆزلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن ئېرىشىدۇ. ئۇلاردىن باشقىلارغا كەلسەك، باشقىلار: «خەلىفەلىك بەيئەت بىلەن ۋە ئەمەلىي ھۆكۈم سۈرۈش بىلەن بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى ئىش، ئىمامىيلار بىراۋ ھۆكۈم سۈرمىسىمۇ، ھۆكۈم ئىجرا قىلمىسىمۇ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىپ كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا چاقىرمىسىمۇ، ئۇنى خەلىفە دەپ ھېسابلايدۇ. ئىمام زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە توختالغىنىمىزدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ جەھەتتە زەيدىيلەر ئۇلارغا قارشى يول تۇتقان.
جەئفەر كىشىلەرنى ئۆزىنى خەلىفە دەپ تونۇشقا چاقىرمىغان بولسىمۇ، ئىراقتىكى شىئەلەر ئۇنى مەخپىي يىغىلىشلىرىدا خەلىفە دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مەزھەبىگە كىرگەن ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز نۇرغۇن پىكىرلەرنى پەيدا قىلغان. بىز ئۇنىڭ ئۇلارغا تۇتقان مەيدانىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن، ئەھلى بەيتنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كۈلپەتلەرنى سۆزلەيمىز.
ئۇ تاغىسى زەيد ئىبنى ئەلى زەينۇلئابىدىننىڭ ئەلى جەمەتى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!) ئىچىدىكى پىشقان تەجرىبىلىك كىشىلەر توسسىمۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىراقلىقلارنىڭ ئىلگىرى قىيىن سائەتتە ھەزرىتى ھۈسەيننى ياردەمسىز قويۇپ، ئۇنى ئىبنى زىيادنىڭ قانلىق قولىغا تاشلاپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتسىمۇ، خەلىفە ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىدە ھەقنى تەلەپ قىلىپ چىققانلىقىنى كۆردى.
بۇ قارشى چىقىشنىڭ نەتىجىسىدە، ئىمام زەيد ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن، قەبرسى ئېچىلىپ، پاك جەسىتى ئېسىپ قويۇلغان ئىدى.
[434] شۇنىڭدىن كېيىن ئىمام زەيدنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا قەتل داۋاملىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى يەھيا قەتل قىلىنغان.بۇ پاجىئە تۈگىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دەۋرىدىكى شىئەلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە تەسىرىنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار ئالداپ قويۇپ، ياردەم بەرمەيتتى؛ گەپ قىلىپ قويۇپ، ئەمەلدە كۆرسەتمەيتتى؛ كۈشكۈرتۈپ قويۇپ، چىڭىغا چىققاندا قاچاتتى. خۇددى ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئېيتقاندەك، ئۇلارغا ئالدانغان ئادەم ئەخمەق ئىدى.
ئابباسىيلار دۆلىتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ خەلىفەلىرىنىڭ ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيۈنۈشى ۋە ئۇلارنى ئاسرىشى ئۈمىد قىلىناتتى. (خەلىفە) سەففاھنىڭ دەۋرىدە بۇنىڭ بېشارەتلىرى كۆرۈلدى. لېكىن، (خەلىفە) مەنسۇر مەيدانغا كېلىپ، مەدىنەدە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن، ئىراقتا ئۇنىڭ قېرىندىشى ئىبراھىم ئۆكتە قوپقاندىن كېيىن، ئەلەۋىيلەرگە ئېغىرچىلىق باشلاندى ۋە ئۇلارغا گۇمانلار ئارتىلدى. ئىش قانلىق بىر پاجىئە بىلەن ئاياغلاشتى. يەنى مۇھەممەد نەفسۇززەكىييە مەدىنەدە ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ قېرىندىشى ئىبراھىم ئىراقتا ئۆلتۈرۈلدى ھەمدە ئەلەۋىي ئائىلىسىنىڭ چوڭى ۋە ئەھلى بەيتنىڭ ئاقساقىلى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن زۇلۇمغا ئۇچراپ، ھ. 145 – يىلى ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ تۈرمىسىدە يارىدار ۋە مەزلۇم ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتتى.
[435] ئىمام جەئفەر سادىق بۇلارنى كۆرۈپ، رەھىمسىز سىياسەتتىن يىراق تۇرۇپ، شادلىق، نۇر، ئىززەت ۋە يۈكسەكلىك تاپىدىغان ئىلىمگە يۈزلەندى. كىمكى مەرىپەت يۈكسەكلىكىگە ئۆرلەيدىكەن، پۈتۈن ئىنسانىي قىزىقىشلار ئۇنىڭ نەزەرىدە تۆۋەن ئورۇنغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزىقىشلارغا مۇشەققەتلەر ئارىلاشقان بولۇپ، ئۇ باشقىلارنىڭ ھالىنى كۆردى ۋە ئىبرەت ئالدى، كۆڭلىدە «رەھبەرلىك تەلەپ قىلغان ئادەم ھالاك بولىدىكەن» دېدى.لېكىن، گەرچە ئۇ سىياسەتتىن يىراقلاشقان، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان، ھاكىمىيەت تالاشمىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغان بولسىمۇ، بىز «ئۇنىڭ ھېچبىر سىياسىي قارىشى شەكىللەنمىگەن» دېيەلەيمىزمۇ؟
بىز ئۇنىڭ بەزى تارىخىي ئىش – ئىزلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى ئېنىقلىدۇقكى، ئۇ خەلىفەلىك تەلەپ قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ بۇ توغرۇلۇق ھېچبىر ئاشكارا ياكى مەخپىي پائالىيىتى بولمىغان. لېكىن، بىز ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ۋە مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ خاس سىياسىي قارىشىنى تارقاتقان بولۇشىنى ئىنكار قىلالمايمىز. چۈنكى، بۇ تۇتۇۋالغىلى بولمايدىغان پىكرىي خاۋاتىرغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مۇئەييەن بىر ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش ياكى تارقىتىش دەرىجىسىگە بارمايدۇ. شۇ ئىمامىيلار بۇنى تەقىييە (ئۆزىنى ساقلىغانلىق) دەپ چۈشەندۈرىدۇ، بىز ئۇنى سىياسەتتىن يىراق تۇرغانلىق دەپ چۈشەندۈرىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە تەۋە بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغان دەۋەتچىلەرگە مۇبتەلا بولغان. ئىراقتا ۋە ئىراقتىن باشقا ئىسلام دىيارلىرىنىڭ شەرق تەرەپلىرىدە ئەھلى بەيتكە تەشۋىق قىلىدىغان بىر قىسىم دەۋەتچىلەر پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇزۇق پىكىرلەر، باتىل قاراشلار تۇخۇملىغان ئىدى. ئۇ پىكىرلەرنىڭ ئاددىيراقى ساھابەلەرنى كافىرغا چىقىرىش، ئىككى ئۇلۇغ شەيخ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ۋە ئىسلامغا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن مول ساۋاب بەرسۇن!) گە لەنەت ئېيتىشتۇر، يۇقىرىراقى ئەھلى بەيتنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىشتۇر. ئۇلار ئىمام مۇھەممەد باقىرنىمۇ ئىلاھ دەپ دەۋا قىلغان، ئاندىن ئىمام جەئفەر سادىقنىمۇ شۇنداق دەۋا قىلغان.
[436] ئىمام جەئفەرنىڭ دەۋرىدە ئىراقتا ئىماملارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ، ھارام ئىشلارنى مۇباھ سانايدىغان ئاشقۇن ۋە ئازغۇن بىر دەۋەتچى پەيدا بولدى. ئىسمى ئەبۇلخەتتاب مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ زەينەب ئەلئەجدەﺋ بولۇپ، بەنى ئەسەد قەبىلىسىنىڭ ئازادگەردىسى ئىدى. تېگى پارستۇر. ھ. 143 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئىيسا ئىبنى مۇسا ئۆلتۈرگەن. مەقرىزىي «ئەلمەۋائىز (الْمَوَاعِظُ وَالاِعْتِبَارُ)»دە ئېيتقاندەك، «جەفر»دىكى گەپلەر ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىدۇ. ئىمام ئەشئەرىي «ماقالاتۇل ئىسلامىييىن (مَقَالَاتِ الْإِسْلَامِيِّينَ)»دا (مۇشۇ ئەبۇلخەتتابنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان) خەتتابىيلارنىڭ دەۋالىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بەش پىرقەدۇر، ھەممىسى ‹ئىماملار زامانىۋى پەيغەمبەرلەردۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدۇر ھەمدە ئۆز مەخلۇقاتى ئۈستىدىكى ھۆججەتلىرىدۇر، ھەمىشە ئۇلاردىن ئىككى پەيغەمبەر بولىدۇ: بىرى سۆزلەيدىغان، يەنە بىرى جىم تۇرىدىغان. سۆزلەيدىغىنى مۇھەممەدتۇر، جىم تۇرىدىغىنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتۇر… بۈگۈن زېمىندا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش جىمى مەخلۇقاتقا پەرزدۇر، ئۇلار بولغان ۋە بولىدىغان ئىشلارنى بىلىدۇ› دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار ئەبۇلخەتتابنىڭ پەيغەمبەرلىكى، شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەبۇلخەتتابقا ئىتائەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە پەرز قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان ھەمدە ئۆزلىرى ھەققىدىمۇ ئاشۇنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن. ئۇلار: ‹ھۈسەيننىڭ ئوغۇللىرى ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇر› دېگەن ۋە ئۆزلىرى ھەققىدىمۇ ئاشۇنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن… ئۇلار يەنە جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى دەپ دەۋا قىلغان».بۇنىڭدىن شۇ روشەنلىشىدۇكى، ئۇلار ئىماملارنى پەيغەمبەر دەپ دەۋا قىلغان، ئاندىن ئۇلارنى ئىلاھ دەپ ۋە جەئفەرنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلاھى ۋە ئىمامى دەپ دەۋا قىلغان. ئەبۇلخەتتاب ھەققىدە (فاتىمىيلار دۆلىتىنىڭ قازىسى) قازى نوئمان (290 – ھ. 363/م. 903 – 974) «دەئائىمۇل ئىسلام (دعائم الإسلام)» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەنىدى:
«ئاندىن ئەبۇلخەتتاب، جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك دەۋەتچىلىرىدىن بولدى. نەتىجىدە ئۇ كافىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلدى ۋە جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنى ئىلاھ دەپ جۆيلىدى — ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر — ۋە پۈتۈن ھاراملارنى ھالال قىلىپ، ھاراملارغا رۇخسەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەرقاچان ئۆزلىرىگە بىرەر پەرزنى ئادا قىلىش ئېغىر كەلسە، ئۇنىڭغا: ‹ئى ئەبۇلخەتتاب! بىزگە يېنىكلىتىپ بەر› دەيتتى، ئاندىن ئۇ ئۇلارنى قىلماي تەرك ئېتىشكە بۇيرۇيتتى، ئاخىرىدا ئۇلار جىمى پەرزلەرنى تەرك ئەتتى ۋە جىمى ھاراملارنى ھالال قىلىپ، (ئىسلامدا) چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئەبۇلخەتتاب ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشىنى مۇباھ قىلىپ بەردى ۋە: ‹كىمكى ئىمامنى تونۇيدىكەن، ئۇنىڭغا ھارام قىلىنغان ھەممە نەرسە ھالال بولىدۇ› دېدى. ئۇنىڭ ئىشى جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنىڭ قۇلىقىغا يەتتى، جەئفەر ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولۇشتىن ئارتۇق بىر ئىشقا قادىر بولالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارغا ئەھۋالنى تونۇشتۇردى ۋە ئەبۇلخەتتابتىن ئادا – جۇدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىدىغانلىقى توغرىسىدا شەھەرلەرگە خەت يازدى»(15).
[437] بۇ ئازدۇرغۇچى ئازغۇننىڭ گەپلىرى يېيىلىپ، كۆڭۈللىرىدە بۇتپەرەسلىكنىڭ قالدۇقى بار بولغانلىقتىن ھەم شۇ دەۋردە قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كېتىش تەشەببۇسى تارالغانلىقتىن، ئۇ گەپلەرنى بىر قىسىم ئادەملەر قوبۇل قىلدى. ئەبۇلخەتتابنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئوخشايدىغان چاقىرىقلارمۇ كۆپەيگەنىدى. شۇ چاقىرىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبەسى ئەبۇلخەتتاب بولسا كېرەك. سىياسەتتىن يىراقلاشقان جەئفەر ئەمدى بۇ خاتا پىكىرلەرنى تۈزىتىش يۈكىنى ئۈستىگە ئالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى سېتىپ، ئۇنىڭ نامىدا تەشۋىق قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ ئىشقا ئاتلاندى. قالغان گەپنى قازى نوئماننىڭ «دەئائىمۇل ئىسلام (دعائم الإسلام)» ناملىق كىتابىدىن ئاڭلايلى!«ئالغان رىۋايەتىمىزگە كۆرە، ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد ئۆزىگە تەرەپدار بولۇپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا تاجاۋۇز قىلغان، ھاراملارنى ھالال سانىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بەزى دەۋەتچى دوستلىرىغا خەت يازغان. خەتتە ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر بۇ تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ‹سەنمۇ ئاڭلىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ، ئۇلارنىڭ دەۋا قىلىشىچە، ناماز، زاكات، رامازان روزىسى، ھەج، ئۆمرە، ھەرەم مەسجىد، بۈيۈك سىمۋوللار، ھارام ئايلار قاتارلىق ھەممە نەرسە ئەسلىدە بىر ئادەممىش. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كىم شۇ ئادەمنى تونۇسا، شۇ تونۇپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدىكەن، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان، ئۆمرە قىلغان، جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنغان، تاھارەت ئالغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىرىنى، ھارام ئاينى، ھەرەم مەسجىدنى ئۇلۇغلىغان سانىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ دەۋا قىلىشىچە، كىمكى شۇ ئادەمنى تونۇسا ۋە قەلبىگە ئورنىسا، ھېچنېمە بىلەن كارى بولمىسىمۇ ۋە ئۆزىنى جاپا تارتقۇزمىسىمۇ بولىدىكەن. كىمكى شۇ ئادەمنى تونۇسا، گەرچە ئۇ ئەمەل قىلمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇ بەلگىلىمىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلانغان بولۇپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. سەن ئاڭلىغاندەك، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ چەكلىگەن ھاراق، قىمار، زىنا، جازانە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى قاتارلىق بۇزۇق ئىشلار ئەسلىدە بىرقانچە ئادەممىش. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللاھ ئانىلارنى، قىزلارنى، ھەمشىرىلەرنى، دادا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپ ھاممىلارنى ئېلىشنى ھارام قىلمىغانمىش، ئاياللاردىن مۇئمىنلەرگە ھارام قىلىنغىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشمىش، ئۇنىڭدىن باشقىسى مۇباھمىش… ساڭىمۇ مەلۇم بولغاندەك، ئۇلار بىر ئايالغا بىرقانچىسى كېلەرمىش ۋە بىر – بىرىگە يالغان گۇۋاھلىق بېرەرمىش. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دىننىڭ ئىچ يۈزى ۋە تاش يۈزى بارمىش، ئۇلار دىننىڭ ئىچ يۈزىنى بىلەرمىش، ئۇلارنىڭ ئىزدەۋاتقىنى دىننىڭ ئىچ يۈزىمىش. كىمكى مۇشۇ نەرسىلەرگە ئېتىقاد قىلسا، ئۇ مېنىڭ نەزەرىمدە ئوچۇق – ئاشكارا مۇشرىكتۇر، ھېچكىمنىڭ بۇنىڭدىن شۈبھىسى بولمىسۇن!›»(16)
[438] مانا بۇ ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىقنىڭ چەكتىن ئېشىپ ئۆزىنىڭ نامىدا ئىنسانلارنىڭ دىنىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان شۇ كىشىلەرگە تۇتقان مەيدانى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ئۇ ھەقىقەتەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۈزەتتى، لېكىن شۇ كىشىلەر بۇ ئاشقۇنلۇق بىلەن ئىسلامغا سۇيىقەست قىلماقچى ئىدى.شۈبھىسىزكى، ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى ھاۋايى – ھەۋەس چۆللىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ يولىدىن چەتنىتىش ئۈچۈن، ئازغۇنلۇق چاقىرىقلىرى ئارقىمۇئارقا ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان. چۈنكى، ھاۋايى – ھەۋەسلەر ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنۇلئەسىر ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا مۇنداق دېگەن:
«ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىسلامنى كۈچ بىلەن يوقىتىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ھەدىسلەرنى توقۇشقا ۋە ئەقلى ئاجىزلارنى بىر قىسىم ئىشلار — ئۇ ئىشلارنى ھەقىقەتەن مۇھەددىسلەر ئىسلاھ قىلغان — بىلەن دىنىدىن شەكلەندۈرۈشكە باشلىغان، سەھىھنى تەئۋىل ۋە تەنە بىلەن بۇزغان. تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق قىلغان كىشى بەنى ئەسەدنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇلخەتتاب مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ زەينەب ئىدى»(17).
شەكسىزكى، ئۇلۇغ ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ بۇلارغا قارشى چىقىشى ئۇلارنىڭ ئىخلاسلىق كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرغان ۋە ئىخلاسلىق كىشىلەرنى خاتا يولدىن توسقان، لېكىن ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆرۈشتىن ئىبارەت ئۇلارغا ئوخشاش بۇزۇق نىيەتتىكى ئادەملەرنى توسالمىغان.
جەئفەر سادىقنىڭ توغرا يولدىن قايغان ھالدا ئۆزىگە ئەگىشىشكە ياكى ئەھلى بەيتكە ئەگىشىشكە چاقىرىدىغانلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى مۇشۇنداق بولغانىدى. ئۇ توغرىلاش ۋە ھەر تۈرلۈك خاتا قاراشلارغا قارشى تۇرۇش يۈكىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ مەنسۇرنىڭ گۇمان ئوبيېكتى ئىدى. چۈنكى، پادىشاھلىق كىشىنى پادىشاھلىقىغا ئامراق قىلىۋېتىدۇ، خۇددى ئانا بالىسىغا ئامراق بولغاندەك. ئانا ئازراق ۋاقىتلا بالىسى يوقاپ كەتسە، بالىسىنى بىر بۆرىلىك يەردە قالغاندەك ئويلاپ، ھەممە نەرسىنى كۈتۈپ باقىدۇ ۋە بالىسى ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. قىممەتلىك نەرسە دائىما ئامراقلىق ۋە ئېھتىيات ئوبيېكتى بولىدۇ. گەرچە ئەنە شۇ تەقۋادار ئۇلۇغ كىشى سەزمەسلىككە تىرىشقان بولسىمۇ، مەنسۇر نازارەتنى كۈچەيتكەنىدى.
مەنسۇر ھەجگە بارسىلا ئۇنى ئۇچرىشىشقا چاقىراتتى. گاھىدا ئۇنى چاقىرىپ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ئۇنىڭغا قۇلاق سالاتتى، گاھىدا ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شەكلىرى ياكى گۇمانلىرىنى دەيتتى. ئىككىلى ھالەتتە ئۇنىڭ قەلبىدىن گۇمان يوقىلىپ، جەئفەرنىڭ فىتنە تېرىمايدىغانلىقى ۋە فىتنە ئىستىمەيدىغانلىقىغا كۆڭلى توختايتتى، ئاندىن ئاز ئۆتمەيلا ئۇنىڭ گۇمانى قوزغىلىپ، قەلبىگە ھەر خىل گۇمانلار كىرىۋالاتتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىغۋالارنى يەتكۈزەتتى.
مەنسۇر ئۇنى بىر قېتىم باغدادقا چاقىردى. بۇ چاغدا مەنسۇرغا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شىئەلىرى (تەرەپدارلىرى) دىن زاكات يىغقانلىقى ۋە ئۇنىڭ (زاكات) بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەننىڭ ئىبراھىم بىلەن مۇھەممەدتىن ئىبارەت ئىككى بالىسى مەنسۇرغا قارشى چىققىنىدا، ئۇ ئىككىسىگە ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇمات يەتكەنىدى. ئۇ مەنسۇرنىڭ مەجلىسىگە كەلگەندىن كېيىن مەنسۇر:
— ئى جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد! مۇئەللا ئىبنى خۇنەيس(18) سىلىگە يىغىپ بەرگەن بۇ ماللار نېمە مال؟ — دېۋىدى، ئەبۇ ئابدۇللاھ سادىق:
— ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇنداق بىر ئىش بولغىنى يوق ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — دېدى. مەنسۇر:
— ئەگەر يالغان سۆزلىگەن بولسام، خوتۇنۇم تالاق، قۇللىرىم ئازاد بولۇپ كەتسۇن، دەپ قەسەم قىلالاملا؟ — دېۋىدى، ئۇ:
— ھەئە! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنداق بىر ئىش بولمىدى، — دېدى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر:
— ياق! بەلكى تالاق قىلىش ۋە ئازاد قىلىش نامىدا قەسەم قىلىلا، — دېۋىدى، ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر:
— ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ يوق ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قەسىمىمگە رازى بولماملا؟ — دېدى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر:
— ماڭا فىقھتىن ئېغىز ئاچمىسىلا؟ — دېۋىدى، ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر:
— قانداقمۇ مەندىن فىقھ ئايرىلسۇن، ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — دېدى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر:
— بۇ گەپنى قويسىلا، مەن ھازىر سىلىنى ئۈستلىرىدىن شىكايەت قىلغان ئادەم بىلەن يۈزلەشتۈرىمەن، ھېلىقى ئادەمنى كەلتۈرۈڭلار! — دېدى. ئاندىن جەئفەرنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئادەمدىن سوئال سورىدى. ئۇ ئادەم:
— شۇنداق، بۇ توغرا، بۇ مەن گېپىنى قىلغان جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد شۇ، — دېدى. ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر:
— ئەي ئادەم! مېنىڭ دېگەنلىرىم توغرا دەپ قەسەم قىلالامسەن؟ — دېدى… ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر:
— ئەي ئادەم! ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆزۈمنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىمگە سىغىنىمەنكى، دېگەنلىرىم راستتۇر، دېگىن، — دېدى. مەنسۇر:
— ئەبۇ ئابدۇللاھ سەندىن تەلەپ قىلغىنى بويىچە قەسەم قىل، — دېۋىدى، ئۇ ئادەم شۇنداق قەسەم قىلدى».
خەبەرنى نەقىل قىلغان راۋىي ئېيتىدۇ: «ئۇ ئادەم گېپىنى تۈگەتمەيلا توختاپ قېلىپ، ئۆلۈك ھالدا يىقىلدى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر بۇ ئىشتىن قورقۇپ، لاغىلداپ تىترەپ كەتتى ۋە: ‹ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! ئەگەر خاھلىسىلىرى، ئەتىلا بوۋىلىرىنىڭ ھەرەمىگە ماڭسىلا. ئەگەر بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇشنى تاللىسىلىرى، سىلىنى كاتتا ھۆرمەتلەيمىز ۋە ئىززەتلەيمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى قوبۇل قىلمايمەن› دېدى»(19).
ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق، خەلىفە ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا ھەقنى دەيتتى. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر چىۋىن مەنسۇرنىڭ يۈزى ئەتراپىنى چۆرگىلەپ، ئۇنى بىزار قىلدى، ئەبۇ ئابدۇللاھ شۇ مەجلىستە بار ئىدى. مەنسۇر:
— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! ئاللاھ چىۋىننى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟ — دېۋىدى، جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئۇ ئارقىلىق زالىملارنى خارلاش ئۈچۈن، — دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق قوللۇقىغا ئىشارەتتۇر.
مەنسۇر ئۇنىڭغا «سىلى نېمىشقا كىشىلەر كەلگەندەك يېنىمىزغا كەلمەيلا؟» دەپ خەت يېزىۋېدى، جەئفەر سادىق ئۇنىڭغا: «(يانلىرىغا بارغۇدەك) بىزنىڭ سىلىدىن قورققۇدەك بىر ئىشىمىزمۇ يوق، بىز سىلىدىن ئۈمىد قىلغۇدەك سىلىدە ئاخىرەتلىك بىر ئىشمۇ يوق ھەمدە سىلى بىز تەبرىكلىگۈدەك نېئمەت ئىچىدىمۇ ئەمەس، بىز سىلىگە تەزىيە بىلدۈرگۈدەك بىر مۇسىبەت ئىچىدىمۇ ئەمەس» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
مەنسۇر: «نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن بىزگە ھەمراھ بولغايلا» دېۋىدى، ئۇ: «دۇنيانى كۆزلەيدىغان ئادەم سىلىگە نەسىھەت قىلمايدۇ، ئاخىرەتنى كۆزلەيدىغان ئادەم سىلىگە ھەمراھ بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى(20).
خەت يېزىشىش مۇشۇ يەردە تۈگەپ، ئاخىرقى مەكتۇبتىن كېيىن مەنسۇر مۇنداق دېدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ نەزەرىمدە دۇنيانى كۆزلەيدىغان ئادەم بىلەن ئاخىرەتنى كۆزلەيدىغان ئادەم ئايرىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتنى كۆزلەيدىغان، دۇنيانى كۆزلىمەيدىغانلاردىن ئىكەن».
بىز ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرنى ئىمام سادىققا نىسبەتەن شەك قىلىش بىلەن ھۆرمەت قىلىش ئارىسىدا ۋە قارىلاش بىلەن قەدىرلەش ئارىسىدا تاپىمىز. قارىلاش كىشىلەرنىڭ ئىمام سادىققا بولغان ئېھتىرامى ۋە مەپتۇنلۇقىنى قوزغايتتى. مۇبارەك ۋە قۇتلۇق ئىمامنىڭ ئاخىرەتكە يۈزلىنىپ، دۇنيا ئىشلىرى ۋە دۇنيا ئەھلىنى تەرك ئېتىشى مەزكۇر قارىلاشنى ئۆچۈرۈپ تاشلايتتى ۋە ئاخىرىدا ئەبۇ جەئفەر ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە ئىززەتلەشكە بېرىپ توختايتتى. گاھىدا ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇقىملىشىپ، دۆلەت ئىشى ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن ۋە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق رىقابەتچىسى قالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ۋەسۋەسە كېتىپ قالاتتى.
[440] رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ جەئفەر مەنسۇرغا ئۇنىڭ ۋاپات خەۋىرى يەتكەن چاغدا قايغۇرۇپ يىغلىدى، ھەتتا ساقىلى نەمدىلىپ كەتتى. يەئقۇبىي ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا يېزىشىچە: «ئىسمائىل ئىبنى ئەلى ئېيتتى: ‹بىر كۈنى ئەبۇ جەئفەرنىڭ قېشىغا كىردىم، ھالبۇكى ئۇنىڭ ساقىلى ياشلار بىلەن نەمدىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ماڭا:— ئائىلەڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشنى بىلمىدىڭمۇ؟ — دېۋىدى، مەن:
— نېمە ئىش ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى؟ — دېدىم. ئۇ:
— ئۇلارنىڭ (يەنى ئەلى جەمەتىنىڭ) سەييىدى، ئالىمى ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ياخشىلارنىڭ داۋامى ۋاپات بولدى، — دېدى. مەن:
— ئۇ كىم؟ ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! — دېگەنىدىم، ئۇ:
— جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد، — دېدى. مەن:
— ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئەجرىنى كاتتا قىلغاي ۋە ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي! — دېۋىدىم، ئۇ:
— جەئفەر ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كالامىدا ﴿ثُمَّ أَوۡرَثۡنَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلَّذِينَ ٱصۡطَفَيۡنَا مِنۡ عِبَادِنَاۖ / ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قالدۇردۇق﴾(35/«فاتىر»: 32) دېگەن كىشىلەردىندۇر. ئۇ ئاللاھ تاللىغانلاردىن ئىدى، ياخشىلىقلاردا ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلاردىن ئىدى، — دېدى»(21).
بۇ گەپ شەكسىز ھەقتۇر. ئىمام جەئفەردەك ئىمان، تەقۋالىق، بۈيۈكلۈك ۋە ئىسلامنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان فىتنەلەردىن ئۇزاق تۇرۇش قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە بىرىنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان ۋە مۇخالىپ بولغان ھەركىمنىڭ ئۇلۇغلىشىغا لايىق ئىدى. ئۇ مەرتىۋىسى تۈپەيلى ھەسەتلەرگە دۇچار بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن بىرەر مەنپەئەتكە زەرەر بېرىشىدىن ھېچكىم ئەندىشە قىلمايتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلىقلارغا ئالدىرىغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭ ئېسىل ئاتا – بوۋىلىرىدىن ۋە پاك پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن رازى بولسۇن!
ئۇنىڭ سۈپەتلىرى
[441] بىز كەلتۈرگەن تارىخىي سىياقتىن ئاتا تەرەپتىن ئەلەۋىي، ئانا تەرەپتىن سىددىقىي بولغان ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ خاراكتېرى روشەنلەشتى. كەلتۈرگەنلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە شەخسىي سۈپەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشىمىز قالدى. ئەمدى سۆزلەيدىغانلىرىمىز يۇقىرىقى مۇقەددىمەلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئوقۇرمەننىڭ ئاشۇ مۇبارەك شەخسنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال تەلەپ قىلىدىغىنى ئۇنىڭ جىسمانىي سۈپەتلىرىدۇر. ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى يازغانلار مۇنداق دېگەن: «ئۇ ھەقىقەتەن ئېگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا بوي ئىدى. يۈزى ئاق ۋە نۇرلۇق بولۇپ، خۇددى چىراغدەك پارقىراق ئىدى. چېچى قارا ۋە بۈدرە ئىدى. قاڭشارلىق ئىدى، چېچى پېشانىسىدىن تۈرۈلۈپ، گويا ئېچىلغان گۈلدەك كۆرۈنەتتى. مەڭزىدە قارا بىر خال بار ئىدى».بۇ ئۇنىڭ جىسمانىي سۈپىتى. ئۇنىڭ روھىي سۈپىتىگە كەلسەك، ئۇ بۇ جەھەتتە پەللىگە يەتكەنىدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ روھىي سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇ شۇ ئارقىلىق ئەۋلادلار ئىچىدە ھەتتا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە خەلىفەلەرمۇ ھەسەت قىلغۇدەك دەرىجىدە يۈكسەلگەنىدى.
1. ئىخلاس
[442] بۇ تەقۋادار ئىمام نىشانىنىڭ ئالىيلىقى، غايىسىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە ھەقىقەت ئىزدەشتە ھەرقانداق ھاۋايى – ھەۋەستىن خالىيلىقى بىلەن سۈپەتلەنگەن. ئۇ ھېچبىر دۇنياۋى ئىشنى قوغلاشمىغان؛ شەھۋەتلەر قورشىۋالغان ياكى شۈبھىلەر ئورىۋالغان ھېچبىر ئىشنى قوغلاشمىغان، بەلكى ئوپئوچۇق ئايدىڭلىقنى ئىزدىگەن. ئۇ شۈبھە بار بىرەر ئىشقا ئۇچرىسا، ئىخلاسى ئۇنى شۇ ئىشنىڭ جەۋھىرىگە باشلايتتى. ئۇنىڭ قەلب كۆزى شۈبھە پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى كۆرەتتى. بىرەر ئىشتا شۈبھە بولۇپ قالسا، كامىل ئەقلى بىلەن شەھۋەتنى يىمىرىپ تاشلايتتى. ئۇ بۇنىڭدا بىر «مۇرسەل ھەدىس»تە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ سۆزگە ئېسىلاتتى: «إِنَّ اللهَ يُحِبُّ ذَا الْبَصَرِ النَّافِذِ عِنْدَ وُرُوْدِ الشُّبُهَاتِ وَيُحِبُّ ذَا الْعَقْلِ الْكَامِلِ عِنْدَ حُلُوْلِ الشَّهَوَاتِ / ھەقىقەتەن ئاللاھ شۈبھىلەرنى ئۆتكۈر كۆزى بىلەن، شەھۋەتلەرنى كامىل ئەقلى بىلەن رەت قىلالىغان ئادەمنى دوست تۇتىدۇ»(22). [443] بىرقانچە ئامىل بىرلىشىپ، ئۇشبۇ ئىخلاسنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئىخلاسى ئۇنىڭ ئەسلى تەكتىدىن كەلگەن. چۈنكى، ئاشۇ مۇبارەك ئائىلىدە ئىخلاس مۇستەھكەم يىلتىز تارتقانىدى. ئىخلاس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئەلىنىڭ نەۋرىلىدە بولمىسا، كىمدىمۇ بولسۇن؟! ئۇلار ھەقىقەتەن ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىخلاسقا ۋارىسلىق قىلغانىدى. ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرەتتى ۋە بۇنى ئىماننىڭ يىلتىزلىرىدىن دەپ ھېسابلايتتى، خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندەك: «لاَ يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ الْمَرْءَ لاَ يُحِبُّهُ إِلاَّ لِلَّهِ / سىلەر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ياخشى كۆرگىنىڭلاردا ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ كۆرمىگۈچە مۇئمىن بولمايسىلەر»(23).ئىمام جەئفەرنىڭ ئىخلاسى ئۇنى كۈچلەندۈرگەن يەنە بىرقانچە ئامىللار بىلەن ئالاھىدە پەرقلەنگەن.
بىرىنچىسى: ئۇنىڭ ئىبادەت ۋە ئىلىمنى چىڭ تۇتۇشى، دۇنيانىڭ بارلىق ئىستەكلىرىدىن يۈز ئۆرۈشى. ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قويۇپ بېرەيلى، ئۇ بىزگە ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئىمامنى سۈپەتلەپ بەرسۇن. ئۇ ئېيتقانكى: «مەن راستتىنلا جەئفەر ئىبنى مۇھەممەدنىڭ قېشىغا باراتتىم، ئۇ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تىلغا ئېلىنىپ قالسا، يىغلاپ كېتەتتى. مەن بىر زامان ئۇنىڭ ئالدىغا باردىممۇ، ئۇنى پەقەت ئۈچ خىسلەتنىڭ بىرىدە كۆرەتتىم: يا ناماز ئوقۇۋاتقان، يا روزا تۇتىۋاتقان، يا قۇرئان ئوقۇۋاتقان. مەن ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھتىن ھەدىس سۆزلىسە، زىنھار تاھارەتسىز سۆزلىگەنلىكىنى كۆرمىدىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلار ھەققىدە گەپ قىلغانلىقىنىمۇ كۆرمىدىم. ئۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان ئابىد ۋە زاھىد ئالىملاردىن ئىدى. ھەرقاچان مېنى كۆرسە، ئاستىدىن تەكىينى چىقىرىپ، مېنىڭ ئاستىمغا سېلىپ قوياتتى»(24). ئىمام مالىك ئۇزۇن بىر خەبەردە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئۆزى كۆرگەن ئۇنىڭدىن باشقا شەيخلەرنىڭ پەزىلەتلىرىنى ساناپ چىقىدۇ.
ئىككىنچىسى: پەرھىزكارلىق. ئىمام جەئفەر ھارامدىن مۇتلەق يىراق تۇراتتى، ئىسراپ قىلماستىن، ھالالنى ئىزدەيتتى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئەمرىنى تۇتقانىدى: «كُلُوا وَاشْرَبُوا وَالْبَسُوا وَتَصَدَّقُوا فِي غَيْرِ إِسْرَافٍ وَلاَ مَخِيلَةٍ (ئىسراپ قىلماستىن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلماستىن يەڭلار، ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار)»(25).
[444] ئۇ كىشىلەر ئالدىدا گۈزەل كۆرۈنۈش بىلەن كۆرۈنەتتى، كۆڭلىنى رىيادىن پاك تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاددىي – ساددىلىقىنى يوشۇراتتى. يىرىك كۆرۈنۈش ۋە قاتتىق – قۇرۇق تۇرمۇش بىلەن كۆرۈنىدىغان ئاددىي – ساددا كىشىلەر ئىچىدە ئاشۇ كۆرۈنۈشى ئۈچۈن قىيىن ھېساب بېرىدىغانلارمۇ بار. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق رىيا قىلىدۇ. ئۇنىڭ قېشىغا سۇفيان سەۋرىي كىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى گۈزەل كۆرۈنۈشلۈك چىرايلىق بىر كىيىمنى كۆرگەن. سەۋرىي ئېيتىدۇ: «مەن ئۇ كىيىمگە ھەيران قېلىپ قاراپ كېتىۋېدىم، ئۇ ماڭا:— ئى سەۋرىي! نېمىگە بىزگە قارايسەن؟ كۆرگىنىڭدىن ھەيران قېلىۋاتقاندەك تۇرىسەن، — دېگەنىدى، مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرىسى! بۇ سەن ۋە ئاتا – بوۋىلىرىڭ كىيىدىغان كىيىم ئەمەس، —دېۋىدىم، ئۇ ماڭا:
— ئى سەۋرىي! ئۇ زامان تارچىلىق زامانى ئىدى، ئۇلار زاماننىڭ تارچىلىقىغا بېقىپ ئىش قىلغان. بۇ ھەممە نەرسە تەق بولغان بىر زاماندۇر، — دېدى. ئاندىن ئۇ تونىنىڭ يېڭىنى قايرىۋىدى، قارىسام، ئۇ توننىڭ ئاستىدا يۇڭلۇق ئاق بىر تون بار ئىكەن، ئىككى توننىڭ پەش ۋە يەڭلىرى بىرى يەنە بىرىگە قىسقا كەپتۇ. ئاندىن ئېيتتى:
— ئى سەۋرىي! بۇنى ئاللاھ ئۈچۈن، ماۋۇنى سىلەر ئۈچۈن كىيدۇق، ئاللاھ ئۈچۈن كىيگىنىمىزنى يوشۇردۇق، سىلەر ئۈچۈن كىيگەننى ئاشكارىلىدۇق»(26).
ئۈچىنچىسى: ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنى ھېسابقا ئالماسلىقى. شۇڭا، ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ مالامىتىدىن قورقمايتتى. ئەمىر ئىكەن دەپ ئەمىردىن قورقمىغان، كۆپ ئىكەن دەپ ئاۋامدىنمۇ قورقمىغان. ماختاشلار ئۇنى ئالدىيالمىغان، سۆكۈشلەر ئۇنى بوي ئەگدۈرەلمىگەن. ئۇ ئىسلامنى بۇرمىلاپ، ئىسلام تەلىماتلىرىنى بۇزغانلاردىن ئادا – جۇدالىقىنى ئېلان قىلغان. ھېچبىر ئىشتا مەنسۇرغا خوش دېمىگەن. ئۇ تەقۋالىقى ۋە ھىدايىتى بىلەن ھەقىقىي سەييىد ئىدى.
2. ئىدراكى ۋە ئىلمىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى
[445] ئىخلاس بولغاندا، روھ ھېكمەت نۇرى بىلەن پارلايدۇ، سۆز، پىكىر ۋە ئەمەل رۇسلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئىدراكى ئۆتكۈرلىشىپ، ھەقنى ھېچبىر توسالغۇسىزلا ئىدراك قىلىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭدا قاتتىق زېرەكلىك، كەڭ مەلۇمات ۋە مول ئىلىم بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى بەيتىنىڭ ئالىيجانابلىقىنى مىراس ئالغاندەك، ئۇلارنىڭ زېرەكلىكىنىمۇ مىراس ئالغان ۋە روھىنى مەرىپەت بىلەن تاۋلاپ، ھەقىقەتنى پۈتۈن مەنبەلىرىدىن ئىزدىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرلۇق قەلبى، تەپەككۇرلۇق ئەقلى ۋە كەڭ ئىزدىنىشلىرى بىلەن شەرىئەتنىڭ مەنىلىرىنى، نىشان – غايىلىرىنى ئىدراك قىلغان ئىدى. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن:— نېمە ئۈچۈن ئاللاھ جازانىنى ھارام قىلغان، — دەپ سورىلىۋىدى، ئۆتكۈر ئىدراكلىق سادىق ئىمام:
— ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرىدىن قاچماسلىقى ئۈچۈن، — دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ھەق كالامدۇر. چۈنكى، ئىنسانلار پايدا ئالماستىن قەرز بەرمەيدىغان بولۇپ كەتسە، قەتئىي ياردەملىشىش بولمايدۇ. ئەگەر ياردەملىشىش يوقالسا، بىر – بىرلىرىدىن قېچىش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئۆزئارا قېچىش يۈز بەرسە، كۆڭۈللەرگە بېخىللىق سېڭىپ كېتىدۇ. بىر – بىرىدىن قېچىش بولسا زىيانغا ئورتاقلاشماستىن، قەرز ئۈستىگە پايدا ئېلىپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئېنىق نەتىجىسىدۇر، قەرز ئېلىش مەيلى خەجلەش ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بولسۇن. ئەگەر زىيانغا ئورتاقلىشىش بولغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ياردەملىشىش بولاتتى، بىر – بىرىدىن قېچىش بولمايتتى.
ئىمام جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھازىرجاۋاب بولۇپ، كاللىسىغا پىكىر ۋە ئىلىم دۆۋىلىرى ھېچقانداق زورۇقماستىن ۋە كېچىكمەستىن كېلەتتى. ئۇنىڭغا قاراڭ، ئۇ ئىراق فەقىھىنىڭ قىرىق مەسىلىسىگە ئىككىلەنمەستىن ۋە تىل چاينىماستىن جاۋاب بېرىدۇ ھەمدە فۇقەھائنىڭ ئۇ مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلىرىنى، ئۆزىنىڭ تاللىغىنىنى ياكى ئۆزى توغرا دەپ قارىغىنىنى بايان قىلىدۇ.
3. ئۇنىڭ سېخىيلىقى
[446] ئەلى ئوغۇللىرىدا مەردلىك يات بىر ئىش ئەمەس ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَيُطۡعِمُونَ ٱلطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ مِسۡكِينٗا وَيَتِيمٗا وَأَسِيرًا / ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 8) دېگەن سۆزىنىڭ ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ھەققىدە نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئاللاھنىڭ: ﴿وَءَاتَى ٱلۡمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ / ئاللاھنى سۆيگەنلىكتىن مال بەرگەن (كىشىنىڭ ياخشىلىقى ياخشىلىقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 177) دېگەن سۆزىنىڭمۇ ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ھەققىدە نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. جەئفەر ئىسراپ قىلماستىن ئاتا – ئېھسانلارنى بېرەتتى ۋە ئۇنى ئۇنىڭغا لايىق ئادەملەرگە بېرەتتى. ئۇ ئاتا – ئېھسانلارنى تارقاتقان چاغدا ئالغۇچىلار بىرەر مال ئۈچۈن تالىشىپ قالسا، مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرىنى مال تەلەپ قىلغۇچىغا مېلىدىن بېرىپ تالاش – تارتىشنى يوقىتىشقا بۇيرۇيتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ: «ياخشىلىق ئۈچ ئىش بىلەن تامام بولىدۇ: ياخشىلىقنى دەرھال قىلىش، ئۇنى كىچىك كۆرۈش(27) ۋە يوشۇرۇش» دەيتتى.ئۇ كۆپ چاغلاردا ئاتاسىنى يوشۇراتتى، ئاشكارىلىمايتتى. ئۇ ئىلگىرى بوۋىسى ئەلى زەينۇلئابىدىن قىلغاندەك قىلاتتى. ئۇ قاق سەھەردە نان، گۆش ۋە دىرھەم سېلىنغان بىر خۇرجۇننى يەلكىسىگە ئارتاتتى – دە، مەدىنەلىكلەر ئىچىدىكى ھاجەتمەنلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئاتا – ئېھسانلارنى بېرەتتى. كىشىلەر ئۇ ئۆلۈپ سىر ئاشكارىلانغۇچە، بەرگۈچىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنىدى. ئەبۇ نۇئەيمنىڭ «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ» ناملىق كىتابىدا كېلىشىچە: «جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد ئاتا – ئېھسانلارنى تارقىتىپ، ھەتتا ئۇنىڭ بالا – چاقىسىغا بىرنەرسە قالمايتتى».
4. ھەلىملىكى ۋە كەڭ قورساقلىقى
[447] ئۇ ھەقىقەتەن كەڭ قورساق مەرد ئىدىكى، يامانلىققا يامانلىق قايتۇرمايتتى، بەلكى يامانلىققا ياخشىلىق قايتۇراتتى، خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: ﴿ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ فَإِذَا ٱلَّذِي بَيۡنَكَ وَبَيۡنَهُۥ عَدَٰوَةٞ كَأَنَّهُۥ وَلِيٌّ حَمِيمٞ / يامانلىقنى ياخشلىق بىلەن قايتۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 34). ئۇ مۇنداق دەيتتى: «قېرىندىشىڭ توغرىسىدا ساڭا سېنى خاپا قىلغۇدەك بىر خەبەر يەتسە، غەم قىلما. ئەگەر قېرىندىشىڭ خەبەرنى يەتكۈزگەن ئادەم ئېيتقاندەك بولسا، بۇ تېز كەلگەن جازا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇ دېگەندەك بولمىسا، بۇ قېرىندىشىڭ قىلمىغان بىر ياخشىلىق بولىدۇ»(28). ئۇ ئۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقان ھەربىر خىش – ئەقرىبا ۋە خىزمەتچىلەرگە مۇلايىم ئىدى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئۇ بىر غۇلامىنى بىر ھاجەتكە ئەۋەتىۋىدى، غۇلام كېچىكىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن چىقىپ ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇنى ئۇخلاقلىق ھالدا تاپتى، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇردى. تا غۇلام ئويغانغۇچە ئۇنى يەلپۈپ قويدى. ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: ‹نېمە بولدى ساڭا؟ كېچە – كۈندۈز ئۇخلايدىكەنسەن، كېچە سېنىڭ، كۈندۈز بىزنىڭ بولسۇن› دېدى»(29).ھەتتا كەڭ قورساقلىق ۋە مۇلايىملىق ئۇنى ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا يەتكۈزگەنىدى. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ئۆزى يوق يەردە بىرەرىنىڭ ئۆزىگە تىل تەگكۈزگەنلىكى ياكى تىللىغانلىقىنى ئاڭلىسا، ئورنىدىن تۇرۇپ، نامازغا ھازىرلىناتتى ۋە ئۇزۇن ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن رەببىگە جىنايەتچىنىڭ جازالانماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. چۈنكى، ھەق ئۇنىڭ ھەققىدۇر. ئۇ جىنايەتچىنىڭ زۇلمىنى كەچۈرۈپ، ھەققىدىن كەچكەنىدى. ئۇ كۈچلۈك تۇرۇپ دۈشمىنىدىن ئىنتىقام ئالىدىغان كىشىنى خار ھېسابلايتتى. ئەپۇ قىلىشتا خارلىق بار دېيىلسە، ئۇ كىچىك خارلىقتۇر. كۈچلۈكنىڭ ئاجىزدىن ئىنتىقام ئېلىشى چوڭ خارلىقتۇر. شۇ ھەقتۇركى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندەك ئەپۇ قىلىشتا خارلىق يوقتۇر: «مَا نَقَصَتْ صَدَقَةٌ مِنْ مَالٍ وَمَا زَادَ اللَّهُ عَبْدًا بِعَفْوٍ إِلاَّ عِزًّا وَمَا تَوَاضَعَ أَحَدٌ لِلَّهِ إِلاَّ رَفَعَهُ اللَّهُ / ھېچبىر سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، بىر بەندە (باشقىلارنى) ئەپۇ قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەپۇسى بىلەن ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ، كىم ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەرقاچان يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»(30).
5. چىدامچانلىقى ۋە سەۋرى
[448] ئەبۇ ئابدۇللاھ سادىق راسىتتىنلا شۈكۈرچان بىر بەندە ئىدى. كۆرىمىزكى، سەۋر ۋە شۈكۈر مۇئمىننىڭ قەلبىدە ئۇچرىشىدىغان ئىككى مەنىدۇر. نېئمەتكە شۈكۈر قىلغان ئادەم مۇسىبەتكە سەۋر قىلالايدۇ. ھەتتا نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش سەۋرگە موھتاجدۇر، مۇسىبەتكە سەۋر قىلىش شۈكۈرسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. چۈنكى، مۇسىبەتكە سەۋر قىلىش — رازىلىق بىلەن سەۋر قىلىشتۇر. مانا بۇ گۈزەل سەۋردۇر.ئەبۇ ئابدۇللاھ ھەقىقەتەن سەۋرچان، ئىتائەتچان، ئىبادەتچان ئىدى. قاتتىقچىلىقلاردا سەۋر قىلدى، سۆيگەنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا سەۋر قىلدى، بالىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋر قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئالدىدىلا بىر كىچىك بالىسى گېلىدا بىرنەرسە تۇرۇپ قېلىپ ئۆلۈپ قالغان. ئۇ يىغلاپ: «ئى ئاللاھ! ئالغانمۇ سەن، بەرگەنمۇ سەن، ئاپەتمۇ سەندىن، ئافىيەتمۇ سەندىن» دېگەن(31). ئاندىن ئۇ بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئاياللىرىنىڭ قېشىغا ئاپارغان. ئاياللىرى بالىنى كۆرۈپ پەرياد قىلغاندىن كېيىن، ئاياللىرىنى پەرياد قىلماسلىققا بۇيرۇغان. ئاندىن: «بالىلىرىمىزنى ئالغان زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا پەقەت مۇھەببىتىمىزنى زىيادە قىلىمىز» دېگەچ، بالىنى دەپنىگە ئېلىپ چىققان. بالىنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن: «بىز ئاللاھتىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىز ھەققىدە بىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سورايمىز، ئۇ بېرەر. ئەگەر ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىز ھەققىدە بىز ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، بىز رازى بولىمىز» دېگەن(32).
دېمەك، سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگىنىگە رازى بولىدۇ. مانا بۇ مۇسىبەتكە شۈكۈر قىلىشتۇر. ۋايساپ تۇرۇپ سەۋر قىلىش سەۋر سانالمايدۇ، ئۇ پەقەت زارلىنىشتۇر. زارلىنىش بىلەن سەۋر بىر – بىرىگە زىتتۇر. ۋۇجۇدىدا سەۋر ھالەت بىلەن شۈكۈر ھالەت جەم بولغان ئەركەكلەرنىڭ ئەڭ روشەنرەكى ئىمام سادىق بولسا كېرەك.
6. باتۇرلۇقى
[449] ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەق نەۋرىلىرى راستتىنلا ئۆلۈمدىن قورقماس باتۇرلاردۇر. بولۇپمۇ، قەلبىنى ئىمان بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇپ، ھاۋايى – ھەۋەس ۋە شەھۋەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن، ۋۇجۇدىنى يېگانە ئاللاھ قورقۇنچىسى ئىگىلىگەن ئەبۇ ئەبدۇللاھ جەئفەر سادىققا ئوخشاش بولغانلار تېخىمۇ قورقماس باتۇرلاردۇر. كىمكى قەلبىنى يېگانە ئاللاھقا بولغان ئىمان بىلەن ئاۋاتلاشتۇرسا، مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك ۋە نوپۇزلۇق بولسۇن، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ئىمام جەئفەر ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ دەۋا قىلىپ قويۇپ، ئىسلامنى بۇرمىلايدىغانلارغا قارشى تۇرۇشتا جەسۇر بولغانىدى. ئۇ مەنسۇرغا ئۇنىڭ زالىملىقى ۋە زوراۋانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاغدا، جەسۇر بولغانىدى. ئىلگىرى سىزگە دەپ بەرگىنىمىزدەك، مەنسۇر ئۇنىڭدىن: «ئاللاھ چىۋىننى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئۇ ئارقىلىق زوراۋانلارنى خارلاش ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەردى. مەنسۇر ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئۇنىڭغا گەپ چاپلىغاندا، ئۇنىڭ مەنسۇر بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا يۈرىكىنىڭ پۈتۈنلۈكى ھەم روشەن جاۋابى ئەلبەتتە ئۇ ئىگە بولغان جاسارەتكە ئەڭ چوڭ دەلىلدۇر. قاراڭ، ئۇ قارىلانغان چېغىدىمۇ مەنسۇرغا نەسىھەت قىلىدۇ: «ھەلىملىكنى چىڭ تۇت. چۈنكى، ھەلىملىك ئىلىمنىڭ تۈۋرۈكىدۇر، قۇدرەتلىك بولغان چېغىڭدا نەفسىڭگە ئىگە بول. ئەگەر سەن قۇدرىتىڭ يەتكەن ھەر ئىشنى قىلساڭ، مۇشتۇمزور دەپ تىلغا ئېلىنىشقا تېگىشلىك ئادەم بولىسەن. بىلگىنكى، ئەگەر سەن (جازاغا) تېگىشلىك بىر ئادەمنى جازالىساڭ، ئەڭ بولغاندا سەن ئادالەت بىلەن سۈپەتلىنىسەن. شۈكۈر قىلىشقا تېگىشلىك ھالەت سەۋر قىلىشقا تېگىشلىك ھالەتتىن ئەۋزەلدۇر».رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەزى ۋالىيلار خۇتبىسىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇغا تىل ئۇزىتىۋىدى، جەئفەر سادىق تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەردى ۋە گېپىنى بۇ جۈملە بىلەن تۈگەتتى: «دىققەت! مەن سىلەرگە قىيامەت كۈنى مىزانى قۇرۇق ئەڭ زىيانكار ئادەمنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئاخىرىتىنى باشقىلارنىڭ دۇنياسىغا ساتقان ئادەمدۇر. مۇشۇ پاسىق دەل شۇدۇر».
شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ خەلىفەلىك دەۋاسى قىلىشتىن يىراق تۇرۇشى باتۇرلۇققا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، باتۇر دېگەن ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نەتىجىلىرىنى بىلمەيدىغان يەڭگىلتەك ئادەم ئەمەس، بەلكى باتۇر دېگەن ئىشلارنى ئەتراپلىق مۆلچەرلەيدىغان، ئىشلارنىڭ نەتىجە ۋە ئاخىرىنى بىلىدىغان ئادەمدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئايان بولسا ئىدى، ئۆلۈمگە پەرۋا قىلماي ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
7. پاراسىتى
[450] سادىق كۈچلۈك پاراسەت ئىگىسى ئىدى. ئۆتكۈر پاراسىتى ئۇنى قاراملىق قىلىپ سىياسىي چاقىرىقلار بىلەن ئالدىغا چىقىشتىن توسۇپ قويغانىدى. ئۇ ئىراقتىكى شىئەلىرى (تەرەپدارلىرى) نىڭ گەپنى جىق قىلىپ، ئەمەلنى ئاز قىلىدىغان ھالىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ھۈسەينگە، ئاندىن زەيد ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا، ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەننىڭ بالىلىرىغا قىلغانلىرىدىن ئىبرەت ئالغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشمىغان. ئۇ ئۆز دەۋرىدە قوزغىلاڭ قىلغان ھەربىر كىشىنى قوزغىلاڭ قىلىشتىن توسقان ئىدى، تاغىسى زەيدنى توسقان ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرى مۇھەممەد نەفسۇززەكىييە بىلەن ئىبراھىمنى ھەم توسقان.ئۇنىڭ پاراسەت بارىسىدىكى ئىشلىرى كۆپتۇر، ئۇنىڭدىن بەزىسىنى سۆزلىدۇق، سۆزلىمىگەنلىرىمىزدىن بىرسى شۇكى، ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئابباسىيلارنىڭ يولىنى ئاچقان شىئە ھەرىكىتىنىڭ بېشىدا بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۆتكۈر نەزەرى بىلەن: «بۇ ھەرىكەت بىزنىڭ پايدىمىزغا بولمايدۇ» دېگەن. ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە سەزگۈرلۈكى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەر ئۇنى ئەڭ پاراسەتلىك ۋە ئەڭ ئويغاق كىشىلەردىن قىلغان. ئۇ «پاراسەت مۇئمىننىڭ بىر سۈپىتىدۇر» دەپ قارايتتى. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُتَوَسِّمِينَ / ئۇنىڭدا پاراسەتلىكلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار﴾(15/«ھىجر»: 75) دېگەن سۆزىنى تەفسىرلەپ ئېيتقانكى: «المتوسمون» پاراسەتلىكلەر دېمەكتۇر، يەنى ئۆزلىرىنىڭ دىتى ۋە مۆلچەرى بىلەن ئىشلارنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلەلەيدىغان كىشىلەردۇر.
8. ھەيۋىتى
[452] ئاللاھ تائالا ئەبۇ ئابدۇللاھ سادىققا ئۆز دەرگاھىدىن ئۇلۇغلۇق ۋە نۇر تاشلىغان. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆپ ئىبادەت قىلىشى، بىھۇدە سۆزلەردىن يىراق تۇرۇشى، كىشىلەر قىزىقىۋاتقان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈشى، ھادىسىلەرگە چىدامچان بولۇشى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە ئۇنىڭغا قارىتا بىر ھەيۋەتنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۇلۇغ بىر ئائىلە تارىخى، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئېسىل كۆرۈنۈش ۋە چىراي، ئۇششاق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ ئالىي ئىشلارغا يۈزلىنىش قاتارلىقلارغا ساھىب ئىدى. ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىزدىن بىر ھادىسىنى خاتىرىلىشىمىز كۇپايە. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە تۇنجى قېتىم ھىيرەدە ئۇنى قۇياش پاتماس بىر ئىمپېرىيەنىڭ ھۆكۈمرانى مەنسۇرنىڭ ھۇزۇرىدا كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى چۆچۈتكەن ۋە بىپايان ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىگىسى مەنسۇرنىڭ ھەيۋىتىدىن بەكرەك سادىقنىڭ ھەيۋىتى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن.ئۇنىڭ ھەيۋىتى ئازغانغا ھىدايەت، گاڭگىرىغانغا ئىرشاد ئىدى. بىر قېتىم ئازغۇن پىرقەلەرنىڭ كاتتىۋىشى ۋە كۈچلۈك بايان ئىگىسى بولغان بىر شەخس ئۇنىڭ ئالدىدا گېپىنى تاپالماي كېكەچلەپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ئى رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرىسى! مەن ھەقىقەتەن سىلىنى ئۇلۇغ بىلىمەن، سىلىدىن ھايا قىلىمەن، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تىلىم ئىشلىمەيۋاتىدۇ» دەيدۇ.
ئۇ بىر قېتىم ئىراقتا زىندىقلارنىڭ دەۋەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىبنى ئەۋجا بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئاندىن سادىقنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ ئىبنى ئەۋجا جاۋابتا گاڭگىراپ قالىدۇ. سادىق ئۇنىڭغا:
— نېمىگە گەپ قىلمايسەن؟ — دېگەندە، زىندىق:
— سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە ھەيۋىتىڭدىن ئالدىڭدا تىلىم سۆزلىيەلمەيۋاتىدۇ. مەن نۇرغۇن ئالىملارنى كۆردۈم، مۇتەكەللىملەر بىلەنمۇ مۇنازىرىلەشتىم. ئەمما، زىنھار سېنىڭ ھەيۋىتىڭدىن تەسىرلەنگەنچىلىك ھېچكىمنىڭ ھەيۋىتىدىن تەسىرلەنمىگەن ئىدىم، — دەيدۇ».
ئالدىدىكى ئادەمنى ئۈركۈتكۈدەك دەرىجىدىكى مۇشۇ ھەيۋىتى بىلەن بىرگە، ئۇ شاگىرتلىرىغا ۋە ئالدىغا كەلگەنلەرگە كەمتەر ئىدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئالدىغا تەلىم ئالغىلى كەلگەن ئىمام مالىكنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئاستىدىن تەكىينى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئاستىغا سېلىپ بەرگەنىدى. ئۇلۇغلارنىڭ ھەيۋىتى دائىما باشقىلارنى مۇشۇنداق ئىختىيارسىز بويسۇندۇرۇۋالىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئاجىزلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن، ئاجىزلارغا كەمتەر بولىدۇ.
ئىمام جەئفەرنىڭ قاراشلىرى
[453] ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ ھەدىس فىقھىسىدا ئالاھىدە ئورنى بار بولۇپ، بۇ ئۇنى فۇقەھائنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىلىرىگە ئۆرلەتكەن. ئۇنىڭ ئەقىدىدىمۇ قاراشلىرى بار. ئۇ دەۋرداشلىرىنى ئەقىدە بارىسىدىكى پىكىرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. دېمەك، ئۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىدۇر، ئىستىنبات ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى پىششىق بىلگۈچىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئازغانلارنىڭ ئېتىقادىغا تۈزىتىش بېرىپ، تەقدىر ۋە ئىنساننىڭ ئىرادىسى، تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە گەپ قىلغان، شۇنداقلا فىقھىي ئىستىنبات يوللىرى ھەققىدە گەپ قىلغان. بىز بۇ كىتابتا بەزى تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىمىز، شۇ تېمىلار باشقا تېمىلارنى ئېچىپ بېرىدۇ.تەۋھىد
[454] ئىمام جەئفەر سادىق ۋەھدانىيەت ھەققىدە خاتا قاراشلار پەيدا بولغان بىر ئەسىردە ياشىغانىدى. كىشىلەرنىڭ ئىچىدە «ئاللاھنىڭ قولى بار، يۈزى بار» دەپ ئويلاپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ئىنسان سۈرىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلار بار ئىدى. بۇلار ھەشۋىييەلەر بولۇپ، ئۇلار بۇتپەرەسلەرنىڭ قالدۇقلىرىدىن بىرىدۇر. ئىمام جەئفەر سادىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدى. مۇئتەزىلەلەر ئىمام جەئفەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىدىن بىرى سانايتتى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش قاراشتا دەپ چاغلايتتى. مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى پاكلاشتىكى قاراشلىرىنىڭ ئومۇمەن ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بىلەن بىرلىشىپ قالىدىغانلىقى راست. ئۇلارمۇ ئاللاھ تائالانى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ: «ئاللاھ يەككە – يېگانىدۇر، ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. مەخلۇقاتىدىن ھېچبىرىگە ئوخشمايدۇ، ھېچنەرسە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەس. ئۇ ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە كۆرگۈچىدۇر. بالىسى يوق، كىم بولسا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ جىسمىغا چۈشكەن ئەمەس. قولى يوق، تىلى يوق، ئۇنىڭ ئىنسانغا ئوخشايدىغان ھېچنېمىسى يوق». «قۇرئان»دا «قول (الْيَدُ)» ياكى «يۈز (الْوَجْهُ)» ئىبارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق بىر نەس مەشھۇر مەجاز جۈملسىدىن بولۇپ، ئۇ تەئۋىلگە ئېھتىياجلىقتۇر ۋە ئۇ ھەقتە سەلەفلەردىن ھېچبىر دەتالاش يۈز بەرمىگەن. چۈنكى، سەلەفلەردىن ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ / ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئۈستىدىدۇر﴾(48/«فەتھ»: 10) دېگەن سۆزىدىن «ئاللاھنىڭ قولى بار» دەپ چۈشەنمىگەن، بەلكى ھەممىسى ئۇنىڭدىن سەلتەنەتنى، ئەھدىنى چىڭايتىشنى، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەھدە بەرگەنلىرىدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئەھدە بەرگەنلىكىنى چۈشەنگەن. شىئەلەر تەۋھىد ھەققىدىكى بىر رىسالەنى ئىمام جەئفەرگە نىسبەت بېرىدۇ، رىسالەنى ئۇنىڭ شاگىرتى مۇفەززەل ئىبنى ئۆمەر خاتىرىلىگەن. شاگىرتى رىسالەنى ئۇنىڭدىن تۆت قېتىملىق سۆھبەتتە ئىگىلىگەن.رىسالە جانلىق ۋە جانسىز، كېچە ۋە كۈندۈز، كۈن ۋە ئاي، يۇلتۇز ۋە پلانېتالاردىن ئىبارەت مەۋجۇدات دەلىللىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ۋەھدانىيىتىنى ئىسپاتلاشقا يۈزلىنىدۇ. تۆت سۆھبەتنىڭ ھەربىرىدە كالام ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. بىز مىسال تەرىقىسىدە تۆتىنچى سۆھبەتتىن ئازراق ئۈزۈندە كەلتۈرىمىز. ئىمام جەئفەر مەزكۇر سۆھبەتنىڭ بېشىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەمد، تەسبىھ ۋە تەزىملىرىمىز ئەڭ مۇقەددەس ئىسىمغا، ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈك ئىگىسى بولغان ئۈستۈن ئەڭ كاتتا نۇرغا، مەخلۇقاتنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى، ئالەم ۋە زامانلارنىڭ يوق قىلغۇچىسىغا، يوشۇرۇن سىرنىڭ، توسۇلغان غەيبنىڭ، مەخپىي ئىسىمنىڭ ساھىبىغا بولسۇن! ئۇنىڭ رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ۋەھيىسىنى يەتكۈزگۈچىگە ۋە ئۇنىڭ رىسالەتىنى ئادا قىلغۇچىغا بولسۇنكى، دەلىلگە ئەگەشمىگەنلەرنى ھالاك قىلىش، دەلىلگە ئەگەشكەنلەرنى ياشىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇ خۇش خەبەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىزنى بىلەن دىنىغا چاقىرغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتى».
رىسالەدە ئۇ ئىلاھىي ئىرادىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئالەمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى بويسۇندۇرغۇچى قۇدرىتى بىلەن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئەزەلىي ئىلىمنى ئىسپاتلايدۇ ھەمدە پۇختا كائىنات نىزامىنى ۋە كائىنات ئەتراپىدىكى يارقىن ھېكمەتلەرنى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ تائالا شۇ ھېكمەتلەر بىلەن بەندىلىرىنى ئىمتىھان قىلىدۇ.
قەدەر
[455] شىئە بولغان ۋە بولمىغان دىن – مەزھەبلەر تارىخى ئالىملىرى تىلغا ئالىدىغان رىۋايەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىمام سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قەدەرگە، مەجبۇرلۇقنىڭ يوقلۇقىغا، ئىختىيارلىقنىڭ بارلىقىغا ھەم ئاللاھتىن بولغان تەۋپىقنىڭ بارلىقىغا، ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكىدە ئۇ خاھلىمايدىغان ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ئىنساننى مەجبۇرلاپ گۇناھ ئۆتكۈزگىلى سالمايدىغانلىقى ۋە ئاللاھ خاھلىماستىن ئىنساننىڭ تائىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەزەلىي ئىلمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتاتتى. شەھرىستانىينىڭ «ئەلمىلەل ۋەننىھەل»دە كېلىشىچە:«سەييىد (ئىمام سادىق) مۇئتەزىلىلىك ۋە قەدەرىيلىكتىن پاك ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىرادە ھەققىدىكى سۆزىدۇر: ‹شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بىزگە بىرنەرسىنى ئىرادە قىلدى ۋە بىزدىن بىرنەرسىنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ بىزگە ئىرادە قىلغىنىنى بىزدىن يوشۇردى، بىزدىن ئىرادە قىلغىنىنى ئاشكارىلىدى. بىز نېمىشقا ئاللاھنىڭ بىزدىن ئىرادە قىلغىنىنى تاشلاپ قويۇپ، بىزگە ئىرادە قىلغىنى بىلەن بولۇپ كېتىمىز؟!› بۇ ئۇنىڭ قەدەر ھەققىدىكى سۆزى بولۇپ، ناھايىتى ئېنىقتۇر: ‹مەجبۇرلاشمۇ يوق، تاپشۇرۇشمۇ يوق (يەنى ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى گۇناھقا مەجبۇرلىمايدۇ ھەم بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇۋەتمەيدۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى مۇستەقىل ئەمەس)›. ئۇ دۇئادا مۇنداق دەيتتى: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر ساڭا ئىتائەت قىلسام، ساڭىدۇر ھەمد. ئەگەر ساڭا ئاسىي بولسام، سەن ئۈچۈندۇر (ماڭا قارشى) ھۆججەت… ياخشىلىق قىلىشتا مېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ پېئىلى يوقتۇر، يامانلىق قىلىشتا مېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھۆججىتى يوقتۇر›»(33).
بۇ كالام مۇنداق ئىككى ئىشتا ئوچۇقتۇر:
بىرىنچىسى: مەجبۇرلاش يوق، بىز گۇناھلىرىمىزغا جاۋابكارمىز، ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە سەركەشلىك قىلىش يوق.
ئىككىنچىسى: ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ ھەققىمىزدە لەۋھۇلمەھپۇزغا يازغىنى ئۇ زاتنىڭ بىزگە ئىرادە قىلغانلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ بىزدىن يوشۇرۇن تۇتۇلدى. ئاللاھنىڭ شۇ ئىرادە قىلغىنىنىڭ ئۆزگىرەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش بىزنىڭ ئۇنى بىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ، (بىز ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنىنىڭ ئۆزگىرەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال نېمە ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم) ھالبۇكى بىز نېمە ئىرادە قىلغىنىنى بىلمەيمىز. ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟! ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلىي ئىلمى ھەققىدىكى ئىلگىرى ئۆتكەن سۆزلەر مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ «بەداﺋ پىكرى»نى دېگەنلىكىنى دەۋا قىلىش تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق دەۋادۇر، بەلكى ئۇ بىزنىڭ نەزەرىمىزدە باتىل دەۋادۇر. بەزىلەر ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ھەققىدە «ئىسمائىلغا ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈلۈش يېزىلغانىدى، مەن ئاللاھقا ئۇنى ئۆلتۈرۈلۈشتىن ساقلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم، ئاللاھ ئۇنى ساقلىدى» دېگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
بۇ گەپ جەئفەر سادىققا نىسبەت بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىككى ئىشقا دالالەت قىلىدۇ:
بىرىنچىسى: ئۇنىڭغا غەيب ئىلمىنىڭ بېرىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە يازغانلىقىنى بىلىشى. چۈنكى، (ئاۋۇ گەپ بويىچە) ئۇ بۇنى بىلىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلغانمىش، نەتىجىدە ئاللاھ يازغىنىنى ئىككى قېتىم ئۆزگەرتكەنمىش. بۇ گەپ شەھرىستانىينىڭ نەقىل قىلغىنىغا خىلاپ كېلىدۇ. شەھرىستانىي ئىمام جەئفەرنىڭ «ئاللاھ بىزگە ئىرادە قىلغىنىنى بىزدىن مەخپىي تۇتتى» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئوغلى ئىبراھىمغا نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلمىدى. ھالبۇكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھەممە ئىنساندىن كاتتىدۇر، جەئفەر ئېرىشكەن شەرەپنىڭ ئەڭ چوققىسىدىدۇر.
ئىككىنچىسى: مەزكۇر گەپ دۇئانىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەقىقەت شۇكى، دۇئا بىر ئىبادەت بولۇپ، تەقدىر دۇئاغا باغلانغان. چۈنكى، ئاللاھ ئەزەلىي ئىلمىدە بەندىنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى تەقدىر قىلغان.
[456] بۇ قىسقا كالامدىن شۇنى خۇلاسىلەيمىزكى، بىزنىڭ نەزەرىمىزدە جەئفەر سادىقنىڭ بەداﺋ پىكرىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى ئىمام جەئفەرنىڭ ئىماملارنىڭ (ئۆلگەندىن كېيىن) دۇنياغا قايتىشى پىكرىدە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، شۇنىڭدەك يەنە ئىمام جەئفەرنىڭ مۇئتەزىلەلەر ۋە ئۇلاردىن باشقىلار دەيدىغاندەك «پاسىقلار مۇئمىنمۇ، كافىرمۇ ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.
«قۇرئان»
[457] كۇلەينىي ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ پۇشتى بولغان ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىقنىڭ «قۇرئان كەرىمگە نۇقسان يەتكەن، ›آلُ مُحَمَّدٍ‹ (مۇھەممەدنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتى) دېگەن ئىبارە قۇرئاننىڭ ھەممە يېرىدىن ئېلىۋېتىلگەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەسىلەن، بۇ كۇلەينىينىڭ ئېيتىشىچە، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغۡ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ وَإِن لَّمۡ تَفۡعَلۡ فَمَا بَلَّغۡتَ رِسَالَتَهُۥۚ / ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغاننى يەتكۈزگىن، يەتكۈزمىسەڭ، ئۇ زات تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن﴾(5/«مائىدە»: 67) دېگەن سۆزىدە «مِنْ رَّبِّكَ عَلِيٌّ / پەرۋەردىگارىڭ ئەلى تەرىپىدىن» دەپ بارمىش، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَسَيَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَيَّ مُنقَلَبٖ يَنقَلِبُونَ / زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ﴾(26/«شۇئەرائ»: 227) دېگەن سۆزى بىلەن ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَظَلَمُواْ لَمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ / شۈبھىسىزكى، كافىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ﴾(4/«نىسائ»: 168) دېگەن سۆزىدە «ظَلَمُوا آل مُحَمَّدٍ / مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار» دەپ بارمىش، بۇ گەپنىڭ ئەبۇ ئابدۇللاھ سادىققا نىسبەت بېرىلىشى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نەۋرىلىرىگە قىلىنغان تۆھمەتتۇر. بۇ تۆھمەتنى ئويدۇرۇپ چىققۇچىغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!ئۆتمۈشتىكى ئىمامىيلارنىڭ چوڭلىرى ئارىسىدىن بۇ داغنى يوقىتىپ، ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھنى نەقىل قىلغانلارنى تاپتۇق. مەسىلەن، شەرىف مۇرتەزا ئۇشبۇ تەقۋادار ئىمامدىن راست نەقىلنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مۇرتەزا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ:
«شۈبھىسىزكى، قۇرئان رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھازىرقى پېتى توپتولۇق توپلانغان ئىدى ھەمدە قۇرئان شۇ زاماندا دەرسلىك قىلىناتتى، ھەممە يېرى يادلىناتتى، ھەتتا بىر تۈركۈم ساھابەلەر قۇرئاننى يادلاشقا تەيىنلەنگەن. شۇنداقلا قۇرئان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىڭشىتىلاتتى ۋە ئۇ زاتقا تىلاۋەت قىلىناتتى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە ئۇلاردىن باشقىلاردەك بىر تۈركۈم ساھابەلەر قۇرئاننى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىدا نەچچە قېتىم خەتمە قىلغان».
ئازراقلا ئويلانساق، ئەنە شۇنىڭ ھەممىسى «قۇرئان»نىڭ كەم – كوتىسىز توپلىنىپ رەتلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى بولغان ئىمامىيلار ۋە ھەشۋىييەلەرنىڭ ئىختىلاپى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەننى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئىمامغا نىسبەت بېرىلگەن شۇ گەپلەرنى ئوقۇغىچە، تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. ئاخىرىدا، پاك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەسلىدىن ئاشۇ داغنى يوقىتىدىغان، شۇ شەك ئوتلىرىنى ئۆچۈرىدىغان ۋە ئۇ شۈبھىلەرنى يۇيۇپ تاشلايدىغان ئىماملارنى ئۆتمۈشتىكىلەردىنمۇ تاپتىم، ھازىرمۇ خېلى كۆپ ئون ئىككى ئىمامچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇچراتتىم(34).
ئىمام جەئفەرنىڭ فىقھىسى
[458] بىز بۇ قىسقارتمىدا ئىمام جەئفەرنىڭ فىقھىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلمەيمىز. ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدەك ئىماملارنىڭ ئۇستازىنىڭ فىقھىسىنى بۇنداق قىسقىچە بايانلار بىلەن تەتقىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، فىقھنىڭ ئەسلىي ۋە فەرئىي مەنبەلىرى، قاراشلىرى، دەلىللىرى ۋە مېتودلىرى بولىدۇ. كەڭ توختىلىپ، گەپنى ئۇزۇن قىلمىغۇچە، بۇلارنى تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بۇ يەردە دەيمىزكى، ئىمام جەئفەر ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى چىڭ تۇتاتتى، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىبارىلىرى، نەسلىرىدىن فىقھ بايلىقلىرىنى چىقىرىش جەھەتتە ئۆتكۈر نەزەر ئىگىسى ئىدى، شۇنداقلا ئۇ سۈننەتنى چىڭ تۇتاتتى. ئىمامىي قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئىمام جەئفەرنىڭ ئەھلى بەيتىدىن رىۋايەت قىلىنغاننىلا تۇتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. بىز «ئىمام زەيد» ناملىق كىتابىمىزدا ۋە ئىمام جەئفەر ھەققىدىكى قىسقىچە تەتقىقاتىمىزدا تارىخىي دەلىللەر بىلەن ئەھلى بەيتنىڭ ساھابەلەردىن ۋە تابىئىندىن ئاجرالمىغانلىقىنى، ئىمام ئەلى زەينۇلئابىدىننىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تابىئىننىڭ ۋە ساھابەلەرنىڭ مەجلىسلىرىگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدۇق، ھالبۇكى ئىمام ئەلى زەينۇلئابىدىننىڭ ئومۇمەن پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى، خۇسۇسەن ئەھلى بەيت ئارىسىدىكى ئورنى يۈكسەكتۇر ۋە ئۇلۇغدۇر.ئىمام جەئفەر كىتابتىن ياكى سۈننەتتىن نەس تاپالمىسا، راينى تۇتارمىدى؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ راينى تۇتاتتى. لېكىن، ئۇنىڭ رايى نەس يوق نەرسىلەردە «مەسلەھە»مىدى؟ يا ئەقىلنىڭ ھۆكمىمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ رايى «قىياس»مىدى؟ شۇ ئوچۇقتۇركى، ئۇ قىياس مېتودىنى تۇتمايتتى، بەلكى نەس يوق ئەھۋالدا «مەسلەھە»نى يا ئەقىلنى تۇتاتتى. چۈنكى، رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەدىنەدە ئۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشتا ئىككىسى ئارىسىدا بىر سۆھبەت بولغان. سۆھبەتتە ئىمام جەئفەر دېدى: «ئى نوئمان! ئاتام ماڭا بوۋامدىن ھەدىس سۆزلەپ بەردىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «دىن ئىشىنى ئۆزىنىڭ رايىغا قىياس قىلغان تۇنجى كىشى ئىبلىستۇر. ئاللاھ ئىبلىسقا: ‹ئادەمگە سەجدە قىل› دېگەندە، ئۇ: ‹مەن ئۇنىڭدىن ياخشىدۇرمەن، سەن مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ› دېگەن. كىمكى دىننى ئۆزىنىڭ رايى بىلەن قىياس قىلسا، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى ئىبلىس بىلەن بىرگە قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ قىياس بىلەن شەيتانغا ئەگەشتى»(35).
نەس بولمىغاندا، مەدىنە فىقھىسىدا راي مەسلەھەگە ئاساسلىنىدۇ، ياكى رايغا مەسلەھە غالىب كېلىدۇ. ھەتتا راي بىلەن مەشھۇر بولغان رەبىئەنىڭ نەزەرىدە راي پەقەت «مەسلەھە» ئىدى. شۇڭا، دەيمىزكى، ئىمام سادىق قىياسنى تەرك ئەتكىنىدە، نەس تېپىلمىغاندا شەرىئەت ھۆرمەت قىلىدىغان «مەسلەھە» فىقھىسىنى تۇتقان. «مەسلەھە» فىقھىسى بولسا ئەقىلنىڭ ھۆكمى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ. چۈنكى، ئەقىل «زىيانلىق نەرسە تاشلىنىدۇ، مەنپەئەتلىك نەرسە ئېلىنىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەقىلنىڭ ھۆكمى ئىجماﺋ بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنغان. ئومۇمەن، ئۇنىڭ پۇختا فىقھىسىنىڭ مېتودى سۈننەت يولىغا يېقىندۇر. ۋەللاھۇ تائالا ئەئلەم.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ئۇ زاتنىڭ تەۋپىقى بىلەن تامام بولدى.
ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
1. بۇ كىتابتا كۆپ تەكرارلىنىدىغان «ئەلەۋىيلەر» ۋە «ئەلەۋىي جەمەتى» دېگەن ئىبارىلەردىن ھەرزىتى ئەلى نەسلىدىن كەلگەن پاك ئەۋلادلار مەقسەت قىلىنغان، ھەرگىزمۇ يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ يىگىرمىنچى يىللىرىدا ئۆزلىرىنى «ئەلەۋىيلەر» دەپ ئاتىۋالغان شامدىكى بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى بولمىش «نۇسەيرىيلەر» پىرقەسى كۆزدە تۇتۇلمايدۇ.
2. ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 143 – بەت.
3. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/167.
4. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 6/258؛ ئەلمۇۋەففەق ئەلمەككىي: «مەناقىبۇ ئەبى ھەنىفە»، 148 – بەت.
5. ئىبنى خەللىكان: «ۋەفەياتۇل ئەئيان (وفيات الأعيان)»، 1/327، دارۇ سادەر، بېيرۇت.
6. «ئەتتەۋھىد (التوحيد)» رىسالەسى، 79، 80 – بەت، مۇئەسسەسەتۇلۋەفاﺋ، بېيرۇت. بۇ رىسالەنى جەئفەر سادىق مۇفەززەل ئىبنى ئۆمەرگە ئىملا قىلىپ بەرگەچكە، «تەۋھىدۇلمۇفەززەل (توحيد المفضل)» نامىدا نەشر قىلىنغان.
7. سەييىد مۇھەممەد ھۇسەين ئەلمۇزەففەر: «ئەسسادىق (الصادق)»، 1/100.
8. دېمەك، مەزكۇر ئايەتتىكى ﴿طَٰٓئِرَهُۥ﴾ دېگەن كەلىمەنى ئەھلىسۈننەت مۇفەسسىرلەر: «ئەمەلى» دەپ تەفسىر قىلغان بولسا، كۇلەينىينىڭ دېيىشىچە سادىق «ئىگە چىقىش ۋە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى» دەپ تەفسىر قىلغان.
9. شەيخۇلئىسلام مۇسا جارۇللاھ: «ئەلۋەشىيئە (الْوَشِيْعَةُ فِيْ نقد عَقَائِدِ الشِّيْعَةِ)»، 9 – بەت، خانجى كۇتۇبخانىسى، قاھىرە.
10. كۇلەينىي: «ئەلكافىي (الكافي)»، 1/281، دارۇل كۇتۇبىل ئىسلامىييە، تېھران، ھ. 1407.
11. ئىبنى قۇتەيبە: «ئۇيۇنۇل ئەخبار (عيون الأخبار)»، 2/154، دارۇل كۇتۇبىل مىسرىييە، قاھىرە.
12. مەقرىزىي: «ئەلمەۋائىزۇ ۋەلئىئتىبار»، 2/352، بۇلاق باسمىسى، قاهىرە.
13. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/184.
14. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/199.
15. قازى ئەبۇ ھەنىفە نوئمان تەمىمىي: «دەئائىمۇل ئىسلام (دعائم الإسلام)»، 49، 50 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئاسىف ئىبنى ئەلى ئەسغەر فەيزىي، دارۇلمەئارىف، قاھىرە، ھ. 1383/م. 1963.
16. قازى ئەبۇ ھەنىفە نوئمان تەمىمىي: يۇقىرىقى مەنبە، 51، 52 – بەت.
17. ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ»، 8/9.
18. ئىمام جەئفەرنىڭ بىر ئازاگەردىسىنىڭ ئىسمى.
19. سەييىد مۇھەممەد ھۇسەين ئەلمۇزەففەر: «ئەسسادىق (الصادق)»، 1/118.
20. بەھائۇددىن ئەلئامۇلىي: «ئەلكەشكۇل (الكشكول)»، 1/129، بۇلاق باسمىسى، قاهىرە.
21. ئىبنى ۋازىھ ئەليەئقۇبىي: «تاريخى يەئقۇبىي (تاريخ اليعقوبي)»، 3/117. ئىراق- نەجەف باسمىسى.
22. شىھاب قۇزائىي: «مۇسنەدۇششىھاب»، (1004 – 1006)؛ بەيھەقىي: «ئەززۇھد»، (954). ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى. ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 1) «زەئىف» دېگەن؛ ئىمام ئىبنۇلقەييىم («ئىغاسەتۇل لەھفان»، 2/904) «مۇرسەل» دېگەن.
23. ئەھمەد (13902). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
24. قازى ئىياز: «تەرتىيبۇل مەدارىك»، 2/52.
25. ئەھمەد (6695)؛ نەسائىي (2559)؛ ئىبنى ماجە (3605). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
26. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/194.
27. يەنى كىشى قىلغان ياخشىلىقىنى چوڭ كۆرۈۋالماسلىقى، ھەرقانچە كۆپ ياخشىلىق قىلغان بولسىمۇ ئاز چاغلىشى، ھەرقانچە چوڭ ياخشلىق قىلغان بولسىمۇ كىچىك چاغلىشى. ئەكسىچە بولغاندا، كۆڭۈلگە ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئۆز مەپتۇنلۇق، رىيا، ھەتتا كىبىر كىرىپ قالىدۇ.
28. يەنى قىيامەتتە غەيۋەت قىلىنغۇچىغا غەيۋەت قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
29. يەنى كېچىسى ئارام ئېلىپ ئۇخلا، كۈندۈزى بىز ئۈچۈن ئىشلە، دېمەكچى.
30. مۇسلىم (2588)؛ ئەھمەد (7205). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
31. ئافىيەت: ساغلاملىق، ساقلىق، تىنچلىق؛ بەخت. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 16 – بەت.
32. سەييىد مۇھەممەد ھۇسەين ئەلمۇزەففەر: «ئەسسادىق»، 1/269.
33. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/167.
34. يەنى ئاشۇ ئىمامغا نىسبەت بېرىلگەن ئاشۇ ئېغىر گەپلەرنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان ھەققانىيەتچىلەرنى ئۇچراتتىم.
35. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/196.