بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

351 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايالىمنىڭ 139 گرام ئالتۇنى بار. ئەمما، ئۇ ئۆي ئايالى يەنى ھېچقانداق كىرىمى يوق. 1) بۇنىڭغا زاكاتنى قانداق شەكىلدە قانچىلىك بېرىدۇ؟ 2) ئالتۇننىڭ زاكىتىنى ئايالىم ئۆزى بېرەمدۇ؟ ياكى مەن بەرسەممۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) كىرىمى بولسۇن – بولمىسۇن (ئۇ ئالتۇننى قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بولسا قوشۇپ) ھەر يىلى %2.5 (قىرىقتىن بىرى) نى زاكات بېرىدۇ. 1) ئايالىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئالتۇنىدىن ئايرىپ ياكى پۇل ھېسابلاپ ئۆزى بېرىدۇ. زاكات ئايرىشنى ھېس قىلىش ۋە پۇلنى يانچۇقتىن چىقىرىشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ئەگەر سىز ئايالىڭىزغا پۇل ھەدىيە قىلسىڭىز ئۇنى ئالتۇنىنىڭ زاكىتى قاتارىدا بەرسە ئىختىيارى.

352 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى ئىككىلا ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن.مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى:

1) ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈك سالدۇرۇشىغا قارىتا شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بار؟ يەنى قوبۇل بولىدىغان ئۆزۈرلەر قايسىلار؟ مەسىلەن، مېنىڭ ئىككى ياشلىق ۋە بەش ئايلىق ئىككى بالام بار. مەن ئۆزۈمنى ۋە بالىلىرىمنى قىيناپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۈزۈك سالدۇرسام بولامدۇ؟

2) ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا بالا يىغلاپ كەتسە، نامازنى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى بالىنى بىردەم بېقىۋېتىپ كېيىنرەك ئوقۇش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ ئىككىلا ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن.

1) ئۈزۈك ۋە ياكى باشقا چارىلەر بىلەن قورساق كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جائىز. تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈۋالغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2839

2) ھەر ئىككىسى جائىز. ئەھۋالغا قاراپ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

353 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سەپەردە ئېغىزى توشقۇدەك قۇسسا، روزىسى سۇنامدۇ؟ روزىنى داۋام قىلامدۇ ياكى ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپ، كېيىن تۇتۇۋالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىختىيارسىز قۇسۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ ھەم سەپەردە بولغانلىقتىن ئېغىز ئېچىۋېتىشىگە رۇخسەت بار.

354 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز!

1) تەراۋىھ نامىزىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇساق، ھەدىستە كەلگەن 25 / 27 ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشەمدۇق ياكى ھەدىستە كەلگەن ساۋاب – ئەجىر پەرز نامازغىلا خاسمۇ؟

2) تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئۆزى يالغۇز خۇشۇﺋ بىلەن قۇرئانغا قاراپ تامام قىلىپ ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ ياكى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇغان ئەۋزەلمۇ؟ مەسجىدتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تازا خۇشۇﺋ بىلەن قەلبتىن چىقىرىپ دۇئالارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن. بۇ ئەھۋالدا ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ياكى ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە ئوقۇسا پەزىلەتتە قايسىسى ئارتۇق بولىدۇ؟

3) ئېتىكاپقا ئۆيدە كىرسەكمۇ بولامدۇ ياكى چوقۇم مەسجىدتە بولۇشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

1) تەراۋىھ نامىزىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇش سۈننەت. رىيا ئارىلىشىدىغان بولسا ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇغان ياخشى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەرزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۆيىدە ئوقۇغىنىدۇر» دېگەن(«بۇخارىي»،  6113). «جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق»(«بۇخارى»، 645؛ «مۇسلىم»، 650) دېگەن ھەدىستە كەلگەن ساۋاب – ئەجىر پەرز نامازغىلا خاس بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك.

2) قايسىنى خۇشۇﺋ بىلەن ئوقۇسا، شۇ ئەۋزەل.

3) ئېتىكاپ چوقۇم مەسجىدتە بولۇشى كېرەك.

355 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! «Trandyol (تىرەنديول)» شىركىتىنىڭ پېيىنى خىتتاينىڭ سېتىۋالغانلىقى مەلۇم، بۇنداق ئەھۋالدا بۇ شىركەتتە ئىشلەش جائىز بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ شىركەتنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئەمما، خىتتايغا ئىشلەش جائىز بولمايدۇ.

356 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! كېچە دېگەندە شامغا ئەزان چىققاندىن باشلاپ بامداتقا ئەزان چىققۇچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنداق.

357 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئەتىدە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ تېزلا تۇرۇپ كەتكەن كىشى فاتىھەنى باشلاشتىن بۇرۇن تەشەھھۇدتا ئولتۇرمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەرھال ئولتۇرۇپ تەشەھھۇد ئوقۇسا بولامدۇ؟ 2) ئەگەر ئىككىنچى رەكئەتتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى رەكئەتتىمۇ تۇيمايلا يەنە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالغان بولسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) دەرھال ئولتۇرۇپ تەشەھھۇد ئوقۇشى كېرەك. 2) ناماز ئاخىرىدا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەك.

358 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ھامىلىدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال روزا تۇتمىغان بولسا، بىر يەردە «فىديە بېرىپ قازاسىنى تۇتمايدۇ» دەپتۇ، يەنە بىر يەردە «فىديە بەرمەي كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ» دەپتۇ. قايسىسىنىلا قىلساق توغرا بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىپ كۆرسە ياكى شۇ كىشىگە قايسى قاراش قولاي بولسا شۇنى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئاياللار كېيىن قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالايدۇ، بۇلار مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇلار مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزسىلا بولىدۇ. نامرات كىشىلەر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، قىيىنلىقنى خاھلىمايدۇ.

359 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرەيلەن تاپقان كىرىمىنىڭ بىر پرسەنتىنى مەخسۇس ئاللاھ يولىدا ئاتايدىكەن، ئەمما كەففارەت بېرىشكە توغرا كېلىپ قېلىپ، ئۇ كەففارەت سوممىسىنى يىغىپ توشقۇزۇپ بولغۇچە (بىراقلا بېرىشكە پۇلى يوقكەن، شۇڭا ئاز – ئازدىن يىغىپ توشقۇزۇشى كېرەككەن) ئايلىق ئاجراتقان بىر پرسەنتلىك ھېلىقى «ئاللاھ يولىدا موھتاجلارغا بېرىمەن» دەپ يىغىدىغان پۇلنى ئۆزىنىڭ كەففارىتىگە ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىشلىتىپ تۇرۇپ، كېيىن پۇل تاپقاندا، ئورنىنى تولدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

360 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزىلەر تۇرمۇشى نورمال بولسىمۇ ئېشىنىپ موھتاج قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئەمما، ياردەم قىلىنغۇچى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ شۇنداق يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بەزىدە ئۇلار سېتىۋالغان قىممەت نەرسىلەرنى ياردەم قىلىۋاتقانلار چېغىدا سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمايدۇ. ھەم بۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ئىززىتىگە باغلىق ئىش بولغاچقا، ياردەم قىلغۇچىمۇ تەپسىلىي سوراشتىن ئامالسىز قالىدۇ. «قىيىنچىلىق بار» دېگەن بىرلا ئېغىز گەپ بىلەن يەكۈنلىنىدۇ. ھەتتاكى بالىسىغا بىرەر يېڭى مايكا ئېلىپ بېرىشكە قورسىقى ئاغرىسىمۇ، باشقا «قىيىنچىلىقى بار» دېگەن قېرىنداشلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىۋاتقانلارنى بىلىمەن. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: كىچىكىدىن يېتىلگەن قىممەت قاراش ياكى تۇرمۇش سەۋىيە ئادىتىگە ئاساسەن ئېسىلراق ياشاپ، نەرسىنىڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ياردەم ئېلىپ ياشاۋاتقان ھالىتىدە يەنە شۇنداق تۇرمۇش ئادىتى بويىچە ئىش تۇتۇشى توغرىمۇ؟ ياكى بىز «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن» دەپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قانداق خەجلەۋاتقىنىغا قارىماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر. ياردەم ئېلىۋاتقانلار ئەڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم – كېچەكنى ئالىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ياردەم ئېلىۋاتقانلار تېجەپ خەجلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى قول ئىلكىدە بار چاغلاردىكى يۇقىرى سەۋىيەدە خەجلىسە بولمايدۇ. چۈنكى، ھازىر قول ئىلكىدە يوق، ياردەم ئېلىۋاتىدۇ. ياردەم قىلىدىغانلارمۇ ياردەمنى تېجەپ خەجلەيدىغانلارغا بېرىشى لازىم.

361 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ باشقىلاردا يەنى باشقا مۇسۇلمانلاردا قانداق ھەققىمىز بار؟ ھەر دائىم تولا ئاڭلايدىغىنىمىز كىشىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىش ياكى ساقلىنىش تېمىلىرى بولىدىكەن. بەزىدە: «بىزنىڭ شەخس سۈپىتىمىزدە ئۆز ئالدىمىزغا ھەق – ھوقۇقلىرىمىز يوقمىدۇ» دەپ ئويلاپ قالىمەن. خەقنىڭ ھەققى قالمىسۇن دەپ، بەزىدە خەق يولسىزلىق قىلسىمۇ، بىھۇدە ئاغرىنىپ باتنىسىمۇ، يەنە گۇناھكار بولۇشتىن قورقۇپ، ئۇلارغا: «ۋاي كەچۈرۈڭ! ۋاي رازى بولۇپ كېتىڭ!» دەپ كېتىدىكەنمىز‌. ئەمما، بۇنداق بولغانچە بەزى كىشىلەر ھەددىدىن ئېشىپ، ھە دېسىلا ئادەمنى ئۆزىگە قەرزداردەك مۇئامىلە قىلىدىكەن. مەسىلەن، مەن بىر ھەدىستە «ئىشىكنى ئۈچ قېتىم چېكىش، ئېچىلمىسا قايتىش، ئەگەر ئۆي ئىگىسى: ‹ئىشىك ئاچالمايمەن› دېسە قايتىش» دېگەندەك مەزمۇننى ئوقۇغانتىم. بۈگۈنكى كۈندە ئەگەر ئىشىك ئالدىمىزغا كەلگەن ئادەمگە ئىشىك ئاچماسلىق تۈگۈل تاماقنى ئىككى – ئۈچ خىل ئەتمىسەي قالساقمۇ، كېتىپ «مېنى ياخشى كۈتمىدى» دەپ ئاغرىنىپ يەنە ئادەمدىن رەنجىپ، بىزنى گۇناھكار ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. يەنە «ۋاي! سەت بولدى، خاپا بولماي رازى بولۇپ كېتىڭ» دەپ كەچۈرۈم سورايدىكەنمىز. مۇشۇنداق كىشىلەر ئادەمنى بەك چارچىتىدىكەن. شۇڭىمۇ كىشى باشقا ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. سوئالىم: بىزنىڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەم، ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا قارىتا ئارىلىشىشنى كەسكىن رەت قىلىش ھوقۇقىمىز بارمۇ – يوق؟ تونۇش بىلىشلەر بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ھەق – ھوقۇقىمىز قايسىلار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دىنىمىز كۆرسەتكەننى باشقىلارنى رەنجىتمەيدىغان، چىرايلىق ئۇسۇلدا قىلىش؛ ئارتۇقچە رەنجىسە، بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىك؛ دۇرۇسلۇق بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىقلاردىن باشقا چارە بولمىسا كېرەك.

362 – سوئال: مەن يولدىشىم بىلەن ئۆي ۋە سىرتنىڭ ئىشلىرىدا بۆلۈشۈپ شۇنداق ياخشى ئۆتىمىز. يولدىشىممۇ ئۆي ئىشى دېمەي ياخشى ياردەملىشىدۇ، بالىلارنى بېقىشىپ بېرىدۇ، ھالال – ھارامغا دىققەت قىلىدۇ، بىزگىمۇ مېھرىبان. بۇ تەرەپلىرىدىن مەن بەكمۇ رازى. ئەمما، يولدىشىم بەش ۋاقىت ناماز ۋە روزىدىن باشقا ئەمەل – ئىبادەتلەرنى قىلمايدۇ. يىل بويى قۇرئانمۇ ئوقۇمايدۇ، ئەرەپچە ساۋادىمۇ يوق، ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئوقۇمايدۇ، نەفلە روزىمۇ تۇتمايدۇ، پەرز روزىنىمۇ ئاران چىداپ تۇتىدۇ. ئادەتتە ئاخشىمى بىكار بولسا، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تارىخىي كىنولىرىنى كۆرىدۇ. بەزىدە ئۇنى ئىبادەتكە ئاكتىپ ئەمەس دەپ ئەيىبلىگىم، ھەتتا بەزىدە تۆۋەن كۆرگۈم كېلىدۇ. ئەمما، گۇناھكار بولۇشۇمنى بىلىپ يۈزتۇرانە ئۇنداق قىلمايمەن. مەن ئىچىمدىكى بۇ نارازىلىقنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىدىم. ئۇنىڭ بۇنداق قىلماي، بولسا كۆپرەك ئىبادەتگۇي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ كۆپرەك ئىبادەتلەرنى قىلىشى ئۈچۈن مەن قانداق قىلسام بولار؟ (سوئالىم بەلكىم سەل غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەن ئۇنىڭغا قارىغاندا ئىبادەت جەھەتتىن بىرئاز ئاكتىپراق. يا مەن ئۇنىڭغا زىيادە تەلەپ قويدۇممۇ بىلمەيمەن. ئىچىمدە بىر سىقىلىش بار. بۇنى يېشىۋەتمىسەم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولدىشىمنى تۆۋەن كۆرۈپ گۇناھكار بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. شۇڭا، ئامالسىز مۇشۇنداق سوراشقا مەجبۇر بولدۇم)

جاۋاب: ھەرقېتىملىق دۇئادا جانابىي ئاللاھتىن ئەھۋاللىرىمىزنىڭ ۋە يېقىنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تىلەش لازىم.

363 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئەر ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئايالىغا: «مەندىن كېيىن ھېچكىم بىلەن توي قىلماڭ» دەپ بۇيرىغان بولسا، بۇ ئايال ئۇ ئېرىدىن كېيىن باشقا ئادەمگە ياتلىق بولسا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «مەندىن كېيىن ھېچكىمگە توي قىلماڭ» دەپ ئايالىغا ۋەسىيەت قىلىشى ئانچە توغرا ئەمەس. ئۇ ۋەسىيەتكە ئايالى خاھلىسا ئەمەل قىلىدۇ. ئەمەل قىلمىسىمۇ ئىختىيارى.

364 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېرىدىن ئازار يېگەن ياكى ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئايال باشقا دوستىغا بولغان كۆڭۈلسىزلىكنى سۆزلەپ بەرسە، ئېرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا ياكى دەردىنى تۆكۈپ مەسلىھەتىنى ئالىدىغان بولسا مەيلى.

365 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ يىلقى فىتر زاكىتى قانچە لىرا بولغاندۇ؟ بۇنىڭغا پۇل بەرسەك بولامدۇ ياكى يېمەك – ئىچمەك ئېلىپ بېرەمدۇق؟ بەزىلەر: «پۇل بەرسەك ئادا بولمايدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەندىكىلەرنىڭمۇ فىترىنى قوشۇپ مۇشۇ يەردىكىگە (تۈركىيەدىكىگە) تەدبىقلاپ بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىلقى فىتر زاكىتى تۈركىيەدە 40 تېلى پۇل بەرسەك بولىدۇ. ۋەتەندىكىلەرنىڭكىنىمۇ قوشۇپ بېرىۋەتسەك بولىدۇ.

366 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! مەندە ھەيز بەك قالايمىقان كېلىدىغان ئەھۋال بار ھەم بەك ئاز. (مەسىلەن ئەتىگەندە ئازراق قىزغۇچ نەرسە كېلىپ، ئاندىن كەچكىچە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ) بۇنداق ئەھۋالدا روزىنى قانداق قىلىمەن؟ نامازنىچۇ؟ (زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئايال ئۇستاز بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىلىدىغان ئايال ئۇستازنى مەن تونۇمىغانلىقىمدىن سىلىدىن سوراپ سالدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايلا) ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ھەر ئايدا كۆرىدىغان ئادەت بويىچە ئىش تۇتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلە ئادەت ئالتە كۈن بولسا ئالتە كۈندىن كېيىن قان توختىسا، يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز. كېيىن كەلگىنى ئىستىھازە. ئۇ ناماز بىلەن روزىنى توسمايدۇ.

367 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئۇستاز! ئاللاھ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن، ئامىن.

قەدر كېچىسىنىـــــڭ دۇئاسى ھەققىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ زات: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر قايسى كېچىنىڭ قەدر كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەم، ئۇنىڭدا نېمە دەيدىغانلىقىمنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹الّلَهُمَّ إنّكَ عَفُوٌّ كَرِيْمٌ تُحِبُّ الْعَفْوَ فَاعْفُ عَنِّيْ (ئاللاھىم! سەن ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، كەرەملىكتۇرسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن مېنى ئەپۇ قىلغىن)› دەڭ» دېدى(تىرمىزىي ۋە ئالبانىي رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىس باركەن.

ئۇستاز! يۇقىرىدىكى ھەدىستە قەدر كېچىسىنى تاپقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا كەلتۈرۈلۈپتۇ. بىز «كېچە بۇرۇن كىرىدۇ، كۈندۈز كېيىن بولىدۇ» دەپ بىلىدىكەنمىز. ھەم شۇ بويىچە «قەدر كېچىسىنى تاڭ ئاتقاندىكى ئالامەتلەرگە ئاساسەن بىلىمىز» دەپ چۈشىنىپ كەپتىكەنمىز. ئۇنداقتا «بۇ كېچىنى تاپسام» دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قەدر كېچىسىنى تاڭ ئاتقاندىكى ئالامەتلەر بىلەنلا ئەمەس، كېچىدىكى ئالامەتلەر بىلەنمۇ بايقاش مۇمكىن. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كېچىنى ۋە ئۇنىڭ كۈندۈزىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ»(«سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، 2192). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدر كېچىسىنىڭ ئالامىتى شۇكى، كېچە خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇنئاي باردىكىدەك سۈپسۈزۈك، ئايدىڭ، جىمجىت بولىدۇ. ھاۋا سوغۇقمۇ، ئىسسىقمۇ بولمايدۇ. تاكى تاڭ ئاتقۇچە شەيتانلارنى كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارمۇ ئېتىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ يەنە بىرسى شۇكى، ئەتىسى سەھەردە قۇياش خۇددى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇنئايدەك ئاق ۋە نۇرسىز چىقىدۇ(«مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22817).

368 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن. ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن. ئازراق پۇلنى دەپ خىتتاي شىركىتىدە ئىشلەشنىڭ ھۆكمى نىمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خىتتاي شىركىتىدە ئىشلەش جائىز ئەمەس.

369 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى يېزىپ، ئاخىرىغا «بانكا ھېسابىمغا ئۇرۇپ بېرىڭلار» دەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇغان كىشى گۇمانلانماي تۇرالمايدۇ، بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تونۇمىغاندىن كېيىن پەرۋا قىلمايمىز. تونۇيدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ ھەقىقىي ئېھتىياجى بولسا بەرسەك بولىدۇ.

370 – سوئال: بەزى دەرنەكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى سېتىپ نەچچە خىل تىلدا ئېلان يېزىپ پۇل توپلاۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىنىڭ بېشىنى سىلاڭ، تۇل خوتۇنلارغا ياردەم قىلىڭ…» دېگەندەك ئېلانلار كۆپىيىپ قالدى. ئەمما ئۇلار پۇل تارقاتقاندا بىرقىسىم كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ھەتتا خەۋەر قىلىپ: «بىز مۇنچە ئائىلىگە، مۇنچە تۇل خوتۇن، يېتىمگە مۇنچە پۇل قىممىتىدە ياردەم قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىن بىر لىرا چىقماسلىقى مۇمكىن، ھەممىسى يىغىلغان پۇللار، ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟ بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ پۇللار ئامانەت. ئامانەتنى جايىغا يەتكۈزگەن – يەتكۈزمىگەنلىكىنى ئامانەتنى تۇتقان شەخس ياكى ئورۇن پەقەت ئاللاھقىلا جاۋاب بېرىدۇ. يەنە پۇل بەرگەن شەخسلەر بەرگەن پۇلىنىڭ ھېسابىنى ئالسا بولىدۇ. باشقىلار قىلىدىغان ئىش يوق. ھەم ئۇ ئورۇنلاردىكى ئىچكى ئەمەلىي ئىشلارنى سىرتتىكىلەر تولۇق بىلىپ كېتىشىمۇ ناتايىن. شۇڭا، ئېنىق پاكىت بولسا ئوتتۇرىغا قويۇش، بولمىسا گۇمان بىلەن گەپ قىلمىغان تۈزۈك.

371 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سۈرە مەريەمنىڭ ئالدىنقى ئون ئايىتىدە زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھتىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىر پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا يەھيا ئەلەيھىسسالام بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەنلىكى سۆزلىنىدىكەن.

مېنىڭ سوئالىم: زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاللاھتىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىر پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا بىر ئوغۇل پەرزەنت بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن چاغدا نېمە ئۈچۈن زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغان چاغدا بايان قىلغان ئىنسانىي ئاجىزلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ بۇ خۇشخەۋەرگە ھەيران قالىدۇ؟ ئەجەبا بۇ يەردە زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام دۇئاسىدا ئايالىنىڭ بالا تۇغۇشىنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى ياكى جەمەتىنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىرىنى مەقسەت قىلغانمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدا پەرزەنت تىلىگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى، «زۇررىيەت» دېگەن كەلىمە شۇنى كۆرسىتىدۇ. مەريەم سۈرىسىدىمۇ ئۇنىڭغا ۋارىس بولىدىغان بىرىنى تىلىگەن. بۇ سوئالدىكى ھەيران قېلىش مۇفەسسىرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇنداق بىرقانچە خىل تەھلىل قىلىنغان:

1) بۇ سوئالنىڭ مەنىسى «قايسى تەرىقىدە؟ قايسى يولدىن؟ ياكى ياشلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىقمۇ؟» بۇلارنى سوراشتىن ئىبارەت. ھەيران قېلىش ئەمەس.

2) ۋۇجۇدقا چىقىشى يىراق دەپ قارىغان بىر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى كۆرگىنىدە ھەيران قېلىشى تەبىئىي.

3) يەھيا بىلەن بېشارەت بېرىلگىنىدە، ئۇ ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇشى بىلەن ئاتا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە شۇنداق سورىغان.

4) ئىلاھىي نېئمەتتىن خۇشال بولۇپ، خۇش خەۋەرنى قايتا ئاڭلاش ئۈچۈن سورىغان. يەنە بۇنىڭدىن باشقا تەھلىللەرمۇ بار. تەفسىرۇل كەبىرگە قارالسۇن.

372 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن قارىي بولۇپ، ھازىرغىچە توردا ھەقسىز دەرس بېرىۋاتىمەن، نەرسە – كېرەكلەرنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ئائىلە ئىقتىسادىمىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن كېيىن دەرسنى ھەقلىق ئۆتۈشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەگەردە دەرسنى ھەقلىق قىلسام ياكى بىر مەدرەسەگە بېرىپ ھەقلىق ئىشلىسەم، ئوقۇشۇمنى ساتقان بولامدىم؟ مەن ئاللاھنىڭ بەرگەن ئىلىمىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلسام، ساۋابىم كېمىيىپ كېتەمدۇ؟ بىز ۋەتەندە پۇل تۆلەپ ئوقۇمايتتۇق ھەم پۇل ئېلىپ ئوقۇتمايتتۇق، بۇ تۈركىيەدە ھەرقانداق تىل بولسۇن ۋەياكى دىنىي ئوقۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھەقلىق ئىكەن. بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمىساق بولمايدىغان ئىلىملەرنى ھەقلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئوقۇيالماي، ھەم بالىلىرىمىزنى ئوقۇتالماي قېلىۋاتىمىز، مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. ئاللاھ ئەجىرلىرىنى ھەسسىلەپ بەرسۇن ئۇستاز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پۈتۈن ۋاقتىنى قۇرئان ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتاپ، باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانمىغانلار قىلغان بۇ خىزمىتىگە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن مائاش ئالسا بولىدۇ. تولۇق ۋاقىت چىقىرىدىغان خىزمەت بويىچە ئوقۇتماي، ئىقتىسادى يېتەرلىك تۇرۇپ، بىرەرسىگە قۇرئان ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق ئالسا ئاندىن دۇرۇس بولمايدۇ.

373 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! مەن نورۋېگىيەگە يېڭى كەلدىم، ھازىر بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىلى يەتتە ئاي بولدى، مېنىڭ بۇ يەردە ھازىر ئىشلەش ئىمكانىيىتىم يوق. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئىقامىتىنى تېخى ئېلىپ بولالمىدىم، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ماڭا ئوخشاش يېڭى كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش، بىزگە ھازىر بۇ يەردە ئايلىقى 2600 كرون پۇل بېرىدۇ، بۇ پۇل بىزنىڭ تاماق پۇلى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىشىمىز ئۈچۈن بەرگەن پۇل.

نورۋېگىيەدە سەدىقە فىترنىڭ بۇ يىللىق ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 100 كروندىن توغرا كېلىدىكەن، بىزدەك ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوق، قوبۇل بولغانلىق رەسمىيىتى تېخى چىقىپ بولالمىغان كىشىلەرنىڭ سەدىقە فىتر بېرىش ئۆلچىمى بىلەن ئايلىقى ئەڭ تۆۋەن 20 مىڭ كروندىن ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ سەدىقە فىتر بېرىش ئۆلچىمى ئوخشاش ھېسابلىنامدۇ؟ بىزمۇ ئوخشاش 100 كروندىن بېرەمدۇق ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بەرسەكمۇ بولامدۇ؟

يەنە بىر مەسىلە بۇ يەردە ئائىلىسى ۋەتەندە ۋە تۈركىيەدە قېلىپ قالغانلارمۇ خېلى كۆپ، شەخسەن مېنىڭمۇ ئائىلە – بالىلىرىم تۈركىيەدە، بىزنىڭ ئائىلە – بالىلىرىمىزنىڭ سەدىقە فىترىنى شۇلار تۇرۇۋاتقان – مەيلى تۈركىيە ياكى ۋەتەن بولسۇن – جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاپ بەرسەك ئادا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. سەدىقە فىترنى باي ياكى نورمال ئىقتىسادلىق ھەممە كىشى ئوخشاش مىقداردا بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەربىر جانغا پەرز بولغان سەدىقە. سىلەر فىترنى تۈركىيەدە بەرسەڭلەرمۇ بولىدۇ. لېكىن، تۈركىيەدە 40 لىرادىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

بۇ سەدىقە ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىب بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبىدە: «بۇ سەدىقىنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن باي كىشىلا بېرىدۇ، كەمبەغەل بەرمەيدۇ. چۈنكى، زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ» دېيىلىدۇ.

باشقا مەزھەبلەر: «سەدىقە فىتر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان بولسا، بۇ سەدىقىنى بېرىشى ۋاجىب» دەپ قارىغان.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، نامرات كىشىلەرمۇ سەدىقە فىترنى بېرىدۇ ھەم باشقىلاردىن ئالىدۇ. يەنى نامرات كىشى سەدىقە فىترنى ئېلىپ، قولىدا سەدىقە فىتر مىقدارىدىن باشقا بىر كېچە – كۈندۈزلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ۋە باشقا زۆرۈر ئېھتىياجى قامدالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭمۇ فىتر سەدىقە بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ.

«سەدىقە ئېلىپ، ئارقىدىنلا يەنە بەرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟» دېگەندە، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: گەرچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامرات كىشىلەرمۇ ئۆزىنى بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا بېرەلەيدىغان ھېس قىلىشى، باشقىلارغا سەدىقە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۇزۇردىن بەھرىمەن بولۇشى، داۋاملىق ئېلىشقىلا كۆنمەي بېرىشكىمۇ كۆنۈشى، باياشات چاغدىلا بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى نامرات چاغدىمۇ بېرەلەيدىغانغا چېنىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈندۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەربىر ھايات ئىنسان ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقىدۇر. شۇڭا، ھېيت نامىزىغا ئون مىنۇت قالغاندا تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بۇ سەدىقىنى بېرىش ۋاجىب بولىدۇ.

سەدىقە فىتر، تۈرلۈك كەففارەتلەر، فىديە، نەزىر ۋە ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ پۇللىرىنى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ قايسى جايدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى ئەۋزەل. ئەۋەتىلگەن جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرسىمۇ جائىز.

374 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلمىلىرىنى زىيادە قىلسۇن.

1) ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ كەففارەتى قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كەففارەتىگە ئوخشاش بېرىلەمدۇ؟ ئوخشىمىسا، كېسەلگە ۋەلىي بولغان كىشى بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن قانداق كەففارەت بېرىش كېرەك؟

2) 60 مىسكىننى تويغۇزۇش دېگەنلىكنى 60 مىسكىننىڭ بىر ۋاق تامىقى دەپ چۈشىنىمىزمۇ ياكى بىر كۈنلۈك تامىقى بولۇپ، ئۈچ ۋاق تامىقى دەپ چۈشىنىمىزمۇ؟

 3) مەجبۇرلىنىپ روزىسى بۇزۇلغان ئادەمگە كەففارەت كېلەمدۇ ياكى بىر كۈن قازاسىنى قىلسىلا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشنىڭ تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بېرىدىغىنى فىديە دەپ ئاتىلىدۇ. كەففارەت ئەمەس. بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن فىديە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 60 تېلى. 2) مىسكىننى تويغۇزۇش دېگەنلىكنى بەزى ئالىملار بىر ۋاق، يەنە بەزىلەر 2 ۋاق دەپ چۈشەنگەن. 3) مەجبۇرلىنىش ئېغىر تەھدىت ياكى قاتتىق بېسىم بىلەن بولسا روزىسى سۇنمايدۇ. روزىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. يوقىلاڭ مەجبۇرلاشلار بىلەن ئېغىز ئاچسا، بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ.

375 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

1) بىرقانچە يېقىن ئۆتىدىغان ئائىلىلىكلەر ئەر – ئايال بولۇپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش توغرا بولامدۇ؟ ياكى ئەرلەر ئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇش كېرەكمۇ؟

2) ناماز بامداتنىڭ ۋاقتى ئاز قالغانلىقىنى كۆرگەندە ئاۋۋال پەرزنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن يەنە كۈن چىقىشقا ئازراق ۋاقىت بارلىقىنى بىلسە، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇۋالسا بولامدۇ؟ ياكى بامداتنىڭ پەرزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ بولغۇچە باشقا ناماز ئوقۇلسا بولمايدىغان بولغاچقا، كۈن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر.

1) ئەرلەر ئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇش كېرەك.

2) بامداتنىڭ ۋاقتى ئاز قالغانلىقىنى كۆرگەندە ياكى جامائەت نامازغا تۇرغاندا مەسجىدكە كىرگەن بولسا، ئاۋۋال پەرزنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن يەنە كۈن چىقىشقا ئازراق ۋاقىت بارلىقىنى بىلسە، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇۋالىدۇ. كۈن چىقىشقا باشلىغان بولسا كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قازاسىنى ئوقۇيدۇ.

376 –  سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! بىرەيلەن 100 دوللارنىڭ باھاسى 600 لىرا بولىدىغان ۋاقىتتا قەرز سوراپ كەپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن كېلىشىپ، 500 دوللار بولىدىكەن دەپ، 3000 مىڭ لىرا بەرگەنىدىم. ئەمما، ئۇ پۇلنى ئېلىۋېلىپلا «مەن سىزدىن لىرا ئالدىم، شۇڭا لىرا بېرىمەن» دەپ تۇرۇۋالدى. ھازىر دوللار باھاسى ئىككى قاتلاپ كەتتى. ئۇ پۇلنى ئۇ كىشى تېخى «ئۈچ – تۆت ئاي ئىچىدە بېرىمەن» دېگەن، ھازىر ئىككى يىل بولدى بەرمەيۋاتىدۇ، ئالالمىدىم ھەم تېخى ئاڭلىسام باشقا بىر يەرگە كېتىپتىمىش، باشقىلارغىمۇ قەرزداركەن. مەن ئۇ پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ قويسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. قەرزنى قايتۇرسا قايتۇرالايدىغان، ئەمما بەرمەي سۆرىگەن كىشىدىكى قەرزنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولمايدۇ. ئۇ كىشى قايتىپ كەلگەندە سۈلھىلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا بىر مەبلەغگە پۈتۈشسە بولىدۇ.

377 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مەن قۇرئان ھەققىدە كۆپ ھاللاردا ئىنگلىزچە كىتابلاردىن پايدىلىنىمەن ھەم باشقا شەيخ، ئۇستازلارنىڭ كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇيمەن. بەزىدە كىتابلار ئارىسىدا ئۇچرىغان ئايەت، ھەدىسلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىگە قارايمەن. شۇنداق چاغلاردا ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئاستىغا رەڭلىك قەلەملەردە بەلگە قىلىمەن ۋە ئايرىشىمغا ياكى قولۇمغا ئېلىپلا تېپىشىمغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن رەڭلىك كىچىك پلاستىك چاپلاقلارنى چاپلاپ قويىمەن. بۈگۈن قارىسام، تەرجىمە قۇرئانىم ۋە باشقا بىرنەچچە پارچە سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىم خېلىلا بويىلىپتۇ، بەت ئارىلىرىغا ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە قىسقا قىستۇرمىلارنى يېزىپ قويغان يەرلىرىممۇ بار ئىكەن. ئويلاپ قالدىم، بۇنداق قىلىشىم خاتامىدۇ؟ شۇڭا، سىلىدىن سوراپ ئېنىق بىلىۋالاي دېگەنىدىم. ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلاش ۋە ئايەتلەرگە ئىنسان سۆزلىرى قېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋاراقلىرىغا، ئايەتنىڭ قۇر ئارىلىقلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىرىنى، مۇلاھىزىلىرىنى يېزىشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا رەڭلىك قەلەملەردە بوياپ بەلگە قىلىشمۇ قۇرئاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق دائىرىسىگە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ كۆپ بوياپ جىجىلىغاندا، قۇرئان كەرىم ئادەتتىكى دەرسلىك كىتابلاردەكلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىنمۇ ساقلانغان تۈزۈك. ئەمما، تەفسىر، ھەدىس قاتارلىق دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى لازىم بولغاندا مەلۇم مەزمۇنغا قايتىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خاھلىغانچە بوياپ جىجىلىسا بولىدۇ.

378 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالدىنقى كۈنى بىر پەتۋادا «ئايال كىشىنىڭ نىكاھنى بىكار قىلىۋېتىش ھوقۇقى بار» دەپتىكەنلا، شۇ ھەقتە تەپسىلىيراق چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن. قانداق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ؟ شەرتلىرى بارمۇ… دېگەندەك.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نىكاھ ئوقۇلغاندا ئايال «ئۈستىمگە خوتۇن ئالمايسىز» دەپ شەرت قىلسا ۋە ئەر بۇ شەرتكە رازى بولۇپ، نىكاھتىكى «ئالدىم – تەگدىم» ئىپادىلىرى مۇشۇ شەرت ئاساسىدا بولغان بولسا، كېيىن ئەر بۇ شەرتكە ئەمەل قىلمىغىنىدا، ئايالنىڭ بۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال «مەن نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇردۇم» دەپلا قالدۇرالمايدۇ. ئەر بۇنىڭغا ماقۇل كەلسە ئەمەلدىن قالىدۇ. ماقۇل بولمىسا، چوقۇم قازى ياكى ھۆكۈم قىلىش سورۇنىدا بىرتەرەپ قىلىنىپ، نىكاھ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

379 – سوئال: تەراۋىھ نامىزىغا كېچىكىپ قالساق، تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان بولسا، خۇپتەنگە نىيەت قىلىپ ئىككى رەكئەت تۈگىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ تاماملىساق، ئىمامنىڭ تەراۋىھ نامىزى بىزنىڭ خۇپتەن بولامدۇ؟

جاۋاب: خۇپتەننى تېخى ئوقۇمىغان كىشى مەسجىدكە كىرگىنىدە جامائەت تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇ كىشى مەسجىدنىڭ ھويلىسىدا ياكى بىر بۇلۇڭىدا خۇپتەننى يالغۇز ئوقۇۋېلىپ ئاندىن تەراۋىھكە قاتنىشىدۇ. چۈنكى، ھەنەفىي مەزھەب ۋە مالىكىي مەزھەبتە پەرز ئوقۇغۇچى نەفلە ئوقۇغۇچىغا ئىقتىداﺋ قىلسا نامىزى توغرا بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ قارىشىدا مەكروھلۇق بىلەن توغرا بولىدۇ. بۇنىڭدىن تولۇق خاتىرجەم بولۇشنىڭ يولى خۇپتەننى ئايرىم ئوقۇۋېلىش.

380 – سوئال: جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەبچە دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قايسى تىلدا گەپلىشىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ مەزمۇندىكى ھەدىس سەھىھ ئەمەس. جەننەت ئەھلىنىڭ قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقى ياكى پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ سۆزىنى قايسى تىلدا ئاڭلايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى ئاللاھ تائالا ياكى رەسۇلى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئەمەس. بىزنىڭ بۇنى بىلىشىمىزمۇ زۆرۈر ئەمەس. پەقەتلا بەزى ئالىملار شۇنداق دەپ باققان.

381 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! مەن نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق گۈلنار ئىمام. ئۆزۈم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى. مەن بۇ يىل رامازان ئېيىدا ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەندە بىز كىچىكىمىزدە رامازان ئېيتقاندەك رامازان قوشىقى ئېيتىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارغا بىز كىچىكىمىزدە ئېيتقان ۋە سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىدا بېرىلگەن رامازان ئېيتىش ھەققىدىكى بىر يازمىغا قىستۇرۇلغان رامىزان قوشاقلىرىنى ئۆگەتكەن ئىدىم. بۈگۈن بىر ئانىنىڭ «بىز مەسلىھەت سورىغان ئۇستازلار ›بۇ ئىش دىنىمىزدا توغرا ئەمەس‹ دەپ مەسلىھەت بەردى. شۇڭا، بالىلار رامازان قوشىقى ئېيتىشقا قېتىلمايدىغان بولدى» دەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دىنىمىزدىكى رامازان قوشىقى ئېيتىشقا بەرگەن ھۆكۈمىنى بىلىۋالاي دەپ ئويلىدىم. مۇشۇ ھەقتە بىزگە دىنىمىزنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن بولسىڭىز كۆپ مىننەتدار بولاتتۇق. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن! ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن گۈلنار ئىمام.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جانابىي ئاللاھ ئانا تىل ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى مىللىتىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغاي! بالىلارنىڭ رامازان ئېيى ئىفتار ۋاقتىدا پۈتۈن مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى قېقىپ، رامازان قوشىقى ئېيتىش ياكى رامازان قوشىقى توۋلاش ۋە پۈتۈن ئۆيلەردىن توپلانغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش ئادىتى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىدىلا بار ئادەت بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بالىلار قىلىپ كېلىۋاتقان تەربىيەۋى، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي رولى ئىنتايىن چوڭ، گۈزەل ئىسلامىي ئادەتتۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمەتى ۋە ئىنئاملىرىغا سۆيۈنىدۇ، خۇشال بولىدۇ. مۇئمىنلەر بولسا باشقا دۇنيا ئەھلىدىن پەرقلىق ھالدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان، بىر ئاي بويىچە روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇلىدىغان، زاكات ۋە خەير – ئېھسانلار كۆپ قىلىنىدىغان، گۇناھلار مەغفىرەت قىلىنىدىغان، سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، يەتتە دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدىغان، شەيتانلار باغلىنىدىغان، ئاخىرقى ئونىدا مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسىدەك ئۇلۇغ بىر كېچە بار بۇ ئۇلۇغ ۋە بەرىكەتلىك ئاينىڭ كېلىشى بىلەن خۇشال بولىدۇ. رامازان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى نەزەرىدە ئالاھىدە روھىي مەنىۋىيەت ۋە قىممەتكە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن جىمى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ ئاينىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ، بۇ ئايدا قولغا كەلتۈرىدىغان ئىمانىي دەرسلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە بۇ ئايدىكى خەيرنىڭ تەسىرى تەنلەرگە، قەلبلەرگە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە زور ھەم ئىجابىي بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دېيەلەيمىزكى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، بىر ئاي ئىچىدە رامازان توۋلاش پائالىيەتلىرىنى قىلىشىنىڭ ھۆكمى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، بىز بىلىدىغان رامازان قوشاقلىرى ئىمان – ئىسلامنى ۋە بۇ ئۇلۇغ ئاينى ئۇلۇغلاشنى ئاساس قىلىدۇ. سېخىيلىكنى ماختاش، بېخىللىقنى ئەيىبلەش، ئۆي ئىگىلىرىگە دۇئا قىلىش، تاپقاننى تەڭ يېيىش، قېرىنداشلىق روھىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئېسىل ئىمانىي، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭلا كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ قالماستىن، ئۆي ئىگىلىرى، چوڭلارنىمۇ شادلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنى چەكلەيدىغان ھېچبىر سەۋەب يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىزنىڭ ئىسلامىيەت روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان مىللىي ئەنئەنىمىزدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!)

382 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئۆيدە ئازراق زاكات بەرگۈدەك پۇل بولسا، يولدىشى «بەرمەيمەن» دېسە، ئايالى يولدىشىغا ئۇقتۇرماي بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆزلىرىنىمۇ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! بېخىللىق قىلىپ ياكى سەل قاراپ زاكات بەرمەسلىك چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولۇپ، زاكاتنىڭ پەرزلىكىگە تانغانلار كاپىر بولىدۇ. قەستەن زاكات بەرمىگەنلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغان بولىدۇ. مۇبادا ئەر زاكات بېرىشكە ئۇنىمىسا، ئايالى ئەرنىڭ ئورنىدا يېنىدىن ياكى ئەرنىڭ پۇلىدىن زاكات بەرسە ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، نىيەت زاكاتنىڭ ئادا بولۇشى ئۈچۈن شەرت. شۇڭا ئەرنىڭ تاپىلىشى ياكى ۋەكىل قىلىشى بولمىسا، ئۇنىڭ ئورنىدا زاكىتىنى بېرىپ قويغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال ئېرىگە نەسىھەت قىلىشى كېرەك.

383 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مۇبارەك رامازانلىرىغا مۇبارەك بۇلسۇن، ئاللاھ شۇ ئۇلۇغ قەدر كېچىسىگە نېسىپ قىلسۇن، ئىنشائاللاھ! مەقسەت مېنىڭ 25 مىڭ دوللار قەرزىم بار، يېنىمدا نەق پۇلدىن يەنى قىلىۋاتقان تىجارىتىمدە 60 مىڭ لىرا ئەتراپىدا پۇلۇم ۋە 110 گرام ئەتراپىدا ئالتۇنۇم بار، مەن مۇشۇ قولۇمدا بار پۇل ۋە ئالتۇنلارغا زاكات بېرەمدىم؟ قەرزلىرىمنى تۆلەش ئۈچۈن ماڭا زاكات دۇرۇس كېلەمدۇ؟ ئەگەر كەلمىسە، قولۇمدا بار پۇل ۋە ئالتۇنلار ئۈچۈن قانچە پۇل زاكات ئايرىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىرگە بولسۇن! بۇ ئەھۋالدا سىز قولىڭىزدىكى ئىقتىساد ۋە ئالتۇنغا زاكات بەرمەيسىز، چۈنكى ئۇ ئىقتىساد قەرزنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا سىز قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات ئالسىڭىز بولىدۇ.

384 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالدى بىلەن ئاللاھ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن. ئەجرىنى مول قىلىپ بەرسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، بىر قانچە سوئالىم بار ئىدى:

1) ئۆزى ياۋروپادا ياشايدىغان بىر قېرىندىشىم بىلەن سەدىقە فىتر توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ «مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياۋروپا ھۆكمىدە 10 ياۋرو، تۈركىيەدە كېلىشىنى ساقلاۋاتقان ئائىلەم ئۈچۈن لىرا ھېسابىدا (40 لىرا) بېرىمەن» دەيدۇ. ئىقتىسادى تامامەن يار بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

2) بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيى مەن تۇرۇۋاتقان يەرگە 80 كىلومېتىر كېلىدۇ، بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئۆيگە بارماقچى بولۇپ ئۆيىدىن چىقىپ، ئالدى بىلەن كېلىپ مېنى ئالدى، ئارقىدىن شۇ يەرگە باردۇق. «بۇنداق ھېسابلىغاندا مەن قەسىر ھالىتىگە تامامەن چۈشىمەن» دەپ نامازنى قەسر ھەم جەملەپ ئوقۇدى. بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 1) توغرا. 2) خاتا.

385 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىگىمىز سىلىنى ئىككىلا دۇنيادا سالامەت قىلسۇن. سوئالىم:

 1) ئىسلامدا سوپىلىق، سوپىزملىق دېگەن نېمە؟

 2) بەزى كىشىلەر «زىكىر قىلدۇق» دەپ، داپ ۋە مۇزىكا ئارىلاش بىر نەرسىلەرنى قويۇۋېلىپ سەكرىشىپ يۈرىدىكەن. بۇ ئىشلار ئىبادەت قاتارىدا سانىلىپ ئەجىر بېرىلەمدۇ؟ شەرىئەتتە ئاساسى بارمۇ؟ ياكى بىدئەت ھېسابلىنىپ گۇناھكار بولامدۇ؟

3) مۇرىد بولۇش، پىر تۇتۇش دېگەن ئىشلارنىڭ ھۆكمىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) سوپىزملىق، تەسەۋۋۇف: بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، بۇ يەردە ئاپتورنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەۋر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەپسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەپس – خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەپسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇپلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر.

سوپىلار بىر نەچچە قىسىم بولىدۇ: 1. قىياپىتى، گەپ – سۆزى ۋە ھالىتى بىلەن مەغرۇرلىنىپ راستچىل سوپىلارغا تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئوخشىۋالىدىغان ساختا سوپىلار. 2. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش ئىلمىنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەقنى كۆرىدىغانلىقىنى، ماقام – مەۋقە، نام – شۆھرەتكە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا يەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت ئىسىمىنىلا بىلىدىغان ساختا سوپىلار. 3. نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىدىغان ھەقىقىي سوپىلار.

2) سوپىلار «زىكىر قىلدۇق» دەپ، داپ ۋە مۇزىكا ئارىلاش بىرنەرسىلەرنى قويۇۋېلىپ سەكرەپ، ئۇنى «ئىبادەت» دەپ جۆيلىشىدۇ ۋە ئەقىللەرنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدىكى بىئاراملىقنى «ۋەجد (ئۆزىدىن كېتىش)» دەپ ئاتايدۇ. بەزىدە ناخشا ھاياجىنى كىيىم – كېچەكلەرنى يىرتىش ۋە قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشقا ئوخشاش ھالال بولمىغان قىلىقلارنى قىلدۇرۇۋېتىدۇ. روشەنكى، بۇلارنىڭ تامامى سەلەف – سالىهلەرنىڭ يولىدىن يىراقلىشىش ۋە توغرا يولدىن ئادىشىشتۇر.

3) مۇرىد: تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر. نەپسنى پاكلاش ئۈچۈن ۋە ئىلىم ئۆگىنىپ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن پىر (ئۇستاز) تۇتسا ئەسلىدە جائىز، ھەتتا مۇستەھەب ئىش. ئەمما، ھازىرقى سوپىلارنىڭكىدەك باشقىچە شەكىلگە كىرىپ قالغىنى چەكلىنىدۇ. (بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشرگە تەييارلاۋاتقان «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» ناملىق كىتابتا مەلۇماتلار بار)

386 – سوئال: تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى ھالالمۇ؟

جاۋاب: ھالال.

387 – سوئال: «تۈركىيەدە ‹مەھمۇدچى، سۇلايمانچى› دېگەندەك بىرەر جامائەتكە تاﺑﯩﺌ (ئەزا بولۇپ) ياشاش كېرەك» دەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ ئىكەن، تۈرك قوشنىلار بۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بىر كۆرسەتمە بەرسىلە بوپتىكەن ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەسەۋۋۇف تەرىقەتلىرى ئاساسىدىكى جامائەتلەر بولۇپ، بۇ جامائەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى مەن ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەقىقىي تەسەۋۋۇف بىلەن ساختا تەسەۋۋۇفنى ئايرىش تەس. شۇڭا، مەن ئۇ جامائەتلەرگە ئەزا بولۇشنى تەۋسىيە قىلمايمەن.

388 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە «ئەتتەھىيياتۇ»دا ئولتۇرغان چاغدا قاتتىق يۆتىلىپ كېتىش سەۋەبلىك نامازدىن قوپۇپ چىقىپ كەتسە، نامازنى قايتىدىن ئوقۇمدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! تەشەھھۇد ئوقۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئولتۇرغان بولسا، نامىزى تامام بولىدۇ.

389 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مېنىڭ بىر تۈرك تونۇشۇم بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنى ئىفتارغا چاقىرىپتۇ. بۇلار ئاساسىي جەھەتتىن خرىستىيان ياكى دىنسىز بولۇپ، مەقسىتى قوشنىلارغا ياخشى بولۇش ۋە مۇسۇلماننىڭ تۈزۈملىرىنى كۆرسىتىش ئىكەن. ئاندىن بۇلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمىدىمۇ سوۋغاتلارنى ھەدىيە قىلىپتۇ. بۇمۇ ئوخشاش مەقسەتتىكەن. بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسلام دىنىمىزدا توغرىمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! بۇ ئىشلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئۇدۇللىماي، ئىسلامنى تونۇتۇش مەقسىتىدە ئۇلارغا سوۋغات ۋە تاماق ياكى ئىفتارلىق بەرسە بولىدۇ.

390 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن.

بىز گوللاندىيەدە ياشايمىز، بالىمىز يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا تۇغۇلغان كۈنى بولدى، ئوقۇتقۇچىسى «بالىمىز ئۈچۈن يەسلىدە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز» دەپ، بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى نەچچە كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلدى. بىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئىشەنچلىك بىلگەن يەردىن تورت (شاملىرى بىلەن)، ئىچىملىك، شار ۋە يەسلىدىكى باشقا بالىلارغا ھەدىيە ئۈچۈن ئۇششاق ئويۇنچۇقلارنى ئالدۇق (چۈنكى بالىمىزمۇ باشقا بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆيگە شۇنداق ھەدىيە كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى). بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرمەيلى دېسەك، بالىمىزنىڭ بوينى قىسىلىپ قېلىشىنى خاھلىمىدۇق، چۈنكى ساۋاقداشلىرى تەبرىكلەنگەندىكىن، ئۇمۇ ئوخشاشلا باشقىلار تەرىپىدىن تەبرىكلىنىشنى خاھلايدىكەن، بۇنى بالىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كېلىشكە ھەپتە قالغاندىن تارتىپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىشقا باشلىغىنىدىن ھېس قىلدۇق. بىز خالىي بولالمىغاندەك نۇرغۇن قېرىنداشلارمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. سوئالىم:

1)   بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز جائىزمۇ؟

2)   شەكىل جەھەتتىن ھازىر ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇغۇلغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تورت ئېلىپ، شام يېقىپ، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇشۇنداق قىلساق گۇناھكار بولامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز ئەسلىدە خاتا. بۇ ھەقتە ئاتا – ئانىلار قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا، بەزىبىر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە يېزىلغان مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6419

391 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مېنىڭ بىر سوئالىم بار: ئۇيغۇرلارنى قانداق كۈچلەندۈرىمىز؟ ۋەتەننى قانداق ئازاد قىلىمىز؟ ئوچۇقراق قىلىپ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش دەپ قارايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن سۆزدىن «ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئازاد ۋە مۇستەقىل بولۇش» دېگەن تۈزۈكرەك. چۈنكى، ئۇلارنى چوقۇم بىرسى ياكى چەتئەلدىكىلەر قۇتۇلدۇرىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدىكىلەرمۇ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نەپس بالاسىدىن قۇتقۇزۇپ قويىدىغانلارغا موھتاج بولماقتا. مېنىڭچە، ۋەتەندىكىلەر ئازاد بولۇپ، چەتئەلدىكى بۇ بىچارە، سەرسان، بىر – بىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ھارمىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى قۇتقۇزىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى سەمىمىيەت ۋە خالىس نىيەتتە بولۇشقا كۆندۈرۈپ، ئۆزىمىزنى نەپسىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئازاد قىلساق، بەلكىم ئاندىن غېمىنى يەيدىغان بولۇرمىز. بولمىسا بارچە دەبدەبىلىك گەپلەرنىڭ ھەممىسى مەنىسىزدۇر.

392 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشى «ئائىلىنىڭ چىقىملىرىغا ئىشلىتىڭ» دەپ بەرگەن پۇلنىڭ ئاز بىرقىسمىنى يولدىشىدىن رۇخسەت سورىماي، باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم رۇخسەت سوراپ بېرىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەر ئالاھىدە چەكلىمىگەن ياكى ئادەتتە رازى بولىدىغان بولسا ئاز بىرقىسمىنى يولدىشىدىن رۇخسەت سورىماي، باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ. ئەجرى ئىككىيلەنگە بولىدۇ. ئاز – كۆپلۈكنى ئادەت بەلگىلەيدۇ.

393 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. پەرز روزا بىلەن نەفلە روزىنى بىراقلا نىيەت قىلسا بولامدۇ؟ مەسىلەن، زۇلھەججە ئېيى ۋە شەۋۋال ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتماقچى بولسا، پەرز روزىنىڭ قازاسىنى بىراقلا نىيەت قىلسا دېمەكچى. (تۈركىيەدىن)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر بۇرۇنقى رامازاندىن قازا روزىسى بارلار بولسا، ئالدى بىلەن قازا روزىسىنى تۇتۇۋېلىپ ئاندىن كېيىن ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇش لازىم. ئەگەر رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، پەرزنى تاشلاپ قويۇپ مۇستەھەبنى قىلغان بولىدۇ، يەنە كېلىپ بىر يىل روزا تۇتقاننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى يۇقىرىقى ھەدىستە: «رامازاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن» دېگەن بولغاچقا، رامازاننى تولۇق تۇتقاندىن كېيىن ئارقىدىن بۇ ئالتە كۈن روزىنى تۇتقاندىلا ئاندىن ھەدىستىكى پەزىلەتكە ئېرىشەلەيدۇ. رامازاننى تولۇق تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، بۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە چۈشمەيدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. لېكىن، شۇنداقتىمۇ نەفلە روزا تۇتقان ساۋابى بولىدۇ.

ئەمما، قازا روزىسى بارلار ھېيتتىن كېيىن قازا روزىسىنى تۇتقاندا شەۋۋالغا تەۋە ئالتە كۈننى ھەم نىيەت قىلىپ 6 كۈن قازا روزا تۇتسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بىر نىيەت بىلەن ھەر ئىككى روزا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىدۇ. خۇددى مەسجىدكە كىرىپ، پەرزگە ئۈلگۈرگەن كىشىگە نىسبەتەن پەرز ناماز تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىغىمۇ ھېساب بولغىنىدەك، شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈننىڭ روزىسى قازاسىنى قىلىدىغان روزىسىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن، رامازان قازاسىنى تۇتماقچى بولغان ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسىنىمۇ نىيەت قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قازا روزىلارنى تۇتۇۋاتقاندا شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتقان بولىدۇ. شەۋۋال ئېيى چىقىپ كېتىشكە ۋاقىت قىستالغان ئەھۋالدىمۇ شۇنداق قىلسا بولىدۇ.

ئىككىنىڭ بىرىنى نىيەت قىلاي دېسە، قازا روزا ئەلبەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، رامازان قازاسىنى قىلىش پەرز، شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسى بولسا نەفلە.

394 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.

1) كىچىك بالىلار «جەننەتتە خاھلىغان نەرسىمىز بولىدىكەن، ئۇنداقتا شاكىلات ئاقىدىغان دەريامۇ بارمۇ؟ مەن ئاللاھتىن سورىسام، يېنىمغا ئۆمۈچۈك ئادەممۇ كېلەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ، ئۇلارنى جەننەتكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، خاھلىغان نەرسىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى دېسەك قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئۇزۇندىن بېرى سورىماقچى ئىدىم.

2) دادا بولغان ئادەم نامازغا قېرىقلىق قىلسا، بالىنى نامازغا ھېرىسمەن تەربىيەلەشكە كۈچەۋاتقان بىر ئانا بالىسىنىڭ «نېمىشقا دادام ئەزان چىقسىمۇ ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەندەك سوئالىغا «دادىڭىز ئاغرىپ قاپتۇ، شۇڭا نامىزىنى ھېلى تۇرۇپ ئوقۇيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش يالغان گەپ بىلەن چۈشەندۈرسە گۇناھ بولامدۇ؟

3) رامازاننىڭ ئاخىرقى كېچىلىرى ئۆزرىلىك بولۇپ قالغان ئايال قۇرئان ۋە ناماز ئوقۇيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاسان ئۇخلاپ قالىدىكەنمىز، مۇشۇ ۋاقىتلارنى ئەڭ گۈزەل ئىبادەتلەر بىلەن روھلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق ئىبادەتلەرنى تەۋسىيە قىلىلا؟ مەنچە بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان باشقا ھەمشىرىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مەسلىھەتلىرىنى ئايىمىغايلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) خاھلىغان نەرسىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى دېسەك بولىدۇ. 2) كېسەل دەپ چۈشەندۈرسە بولا. چۈنكى، ئەزان چىقسىمۇ نامازغا ئالدىرىماسلىق دىلدىكى كېسەللىككە چۈشىدۇ. 3) قۇرئاننى ئاڭلاش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا دۇئا – تەلەپ قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالام يوللاش، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى، دىنىي كىتابلارنى تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ھەيزدار ئايالغىمۇ جائىزدۇر. شۇڭا، ئىبادەتنى بىر تۈرگە قارىتىۋالماي، تۈرلۈك قىلىشى پايدىلىق.

395 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ۋاقىتلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن.

1) دىننى ياخشى چۈشىنىپ ھىجابلىنىشتىن خىجىل بولۇۋاتقان ھەمشىرىلىرىمىزگە قانداق ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىسەك ياخشى؟

2) پۇتى ئوچۇق ئاياغلارنى كىيىۋاتقان، ئوشۇقلىرىنى چىقىرىپ قويۇپ قىسقا پايپاق كىيىدىغان ھەمشىرىلىرىمىز بار، پۇت ۋە ئوشۇق ئەۋرەتكە ھېسابلىنامدۇ؟

3) باشقا ھىجاب كىيگەندە، چېچىنى قەستەن ياكى بىلمەي ئالدىدىن ئازراق چىقىرىپ قويۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

4) «ئاياللار ھىجاب بىلەن باش ۋە كۆكرەكلىرىنى يېپىپ تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلىمەن، شارپا تاقىغاندا، بوينىنى ئېچىپ قويسا ياكى ئالدىدىن چەگسىمۇ كۆكرەكنى ياپماي بويۇندىنلا كەينىگە تاشلىۋېلىش توغرىمۇ؟

5) تار ئىشتان ياكى كەڭ ئىشتان بىلەن تىزىنى ياپىدىغان، ئەمما ئوشۇققا بارمايدىغان مايكا – كۆڭلەكلەرنى كىيىش توغرىمۇ؟

6) قىز – ئاياللار كۆڭلەك ياكى چاپان كىيگەندە بەلۋاغلىرىنى چىگىۋېلىش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئۆزلىرىگىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! 1) ئەقىدە – ئېتىقادنى تىكلەش ۋە ئاللاھنىڭ پەرزى دېگەن نېمە بۇنى ئۇقتۇرۇش لازىم. 2) بۇ پەتۋاغا قاراڭ:

https://sajiya.biz/?p=3483

3) ھارام. 4) بويۇنمۇ ئەۋرەت. 5) تار، كالتا ئىشتان ئۈستىگە ئوشۇقنى ياپىدىغان مايكا – كۆڭلەكلەرنى كىيسە بولىدۇ. 6) توغرا ئەمەس.

396 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئەگەر ئانىسىدىن مىراس قالغان زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى قولىدا بولمىسا يەنى باشقا بىر شەھەردە بولسا، بۇنىڭ زاكات ئىشى قانداق بولىدۇ؟ زاكات بېرىلەمدۇ ياكى قولىغا ئالغاندا بېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. باشقا شەھەرلەردە بولسىمۇ ئۆزى خاھلىغانچە بىرتەرەپ قىلالايدىغان، خەجلىيەلەيدىغان بولسا زاكات كېلىدۇ.

397 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن.

ئۇستاز! بەدەننىڭ شەكلى كۆرۈنمەيدىغان شەكىلدە تىزغا كەلگۈچە كوپتا ۋە كەڭرى ئىشتان (تۈرك ئاياللىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كىيگىنىگە ئوخشاش) كىيسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇنىڭ ئۆلچىمى بەدەن مەلۇم بولۇپ قالماسلىق.

398 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا باشقىلارنىڭ رەسىملىرىنى بىلىپ، بىلمەي كۆرۈپ قالىدىكەنمىز، سوئالىم:

1)   بىر ئايال كىشىنىڭ كامىراغا يېقىن تۇرۇپ (كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرغاندەك) سۆزلىگەن ۋىدىئوسىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

2)   يات ئاياللارنىڭ مەيلى ھىجابلىق بولسۇن، بولمىسۇن، تورلاردا تارقالغان ۋىدىئوسىنى نامەھرەم ئاياللارغا قارىسا بولمايدىغانلىقىنى، يات ئايالنىڭ رەسىمىنى كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، خاھلىماستىن كۆرۈپ قالسا گۇناھى كۆرگۈچىگە بولامدۇ ياكى تارقاتقۇچىغىمۇ؟

3)   ۋاتىسئاپتا ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ھەمبەھرلەپ تۇرالايدىكەنمىز، بۇنى نومۇرىمىزنى ساقلىۋالغان كىشى كۆرەلەيدىكەن. بەزىدە بىرەر ئايال كىشىنىڭكىنى (بەلكى ئۇ تىجارەتچى بولسا، نومۇرىنى ساقلىۋالغان بولۇشىمىز مۇمكىن) كۆرۈپ قالىدىكەنمىز، بىزنىڭكىنىمۇ كۆرەلەيدىكەن، مۇشۇ ئەھۋالدا گۇناھكار بولامدۇق؟

4)   ۋاتىسئاپتا «ئۇيغۇرنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرى» دەيدىغان توپلار بار ئىكەن، مەخسۇس ۋەتەندىكى سەنئەتچىلەرنىڭ ۋىدىئولىرىنى يوللىشىدىكەن، بۇ توپلاردا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولامدۇ، قۇرغۇچىسىمۇ ياكى شۇ ناخشا – ئۇسسۇلنى ئەۋەتكەن كىشىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئادەتتە ۋىدىئو چىقارغان ئاياللار تولۇق ياسانغان ۋە پەرداز قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ توغرا بولمايدۇ. 2) گۇناھى تارقاتقۇچىغا. 3) ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە گۇناھكار بولىدۇ. كۆزگە چېلىقىپ قالسا گۇناھ بولماس. قاراۋەرسە گۇناھ بولا. ئاياللارمۇ رەسىملىرىنى چىقارماسلىقى لازىم. بۇلارنىڭ خاتا بولۇش -بولماسلىقىنى ھەربىر كىشى قەلبىدە ھېس قىلىدۇ. 4) ھەممىسى ئۆز لايىقىدا گۇناھكار بولىدۇ.

399 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىتىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا كۈچىمەيدىكەن. مەن بەزى بالىلارنىڭ ئانىسى بىلەن تۈركچىلا پاراڭلىشالايدىغانلىقىنى كۆردۈم. سوئالىم:

1)   ئانا تىلنى ئۆگەتمەسلىك جىنايەت دەپ بىلەتتىم. شەرىئەتتە بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

2)   ئىبادىتىمىزنى جايىدا قىلالىشىمىز ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش پەرزمۇ؟ ياكى تەرجىمە ماتېرىياللاردىنلا پايدىلىنىپ، سىلىدەك ئۇستازلىرىمىزغا ئەگىشىپ ئۆتۈپ كەتسەكمۇ جەننەتكە كىرەلەمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئانا تىلنى ئۆگىنىش زۆرۈر. ئۆگەنمەسلىكنى جىنايەت دەپ كەتكىلى بولماس. ھۆكۈم جەھەتتىن كىشىنىڭ ۋە ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، «ۋاجىب» بىلەن «مۇستەھەب بولىدۇ» دەپ قارايمەن. 2) نامازدا ئوقۇيدىغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى ئەرەبچە ئۆگىنىش پەرز. باشقىسىدا ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش مۇستەھەب.

400 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئىلىملىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەرىكەت بەرسۇن .

1) ئۇستاز ئۇيغۇر مەسجىدكە ئالتە -يەتتە ياشلىق بالىلىرىمىز بىلەن كىرىپ پەرز نامازنىڭ ئاخىرىغا يېتىشىپ، ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن نامازنى داۋام قىلىۋاتقاندا بەزى قېرىنداشلىرىمىز، ھەتتا بەزى ئەھلى ئىلىم دەپ بىلىدىغان، قارىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋېرىدۇ. نورمالدا بۇ بالىلىرىمىز نامازنىڭ ئەركانلىرىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئىمامدىن كېيىن نامازنى ئوقۇيدۇ. بالىلىرىمىز بىلەن بىر سەپتە پەرز نامازغا تۇرغان ۋاقىتتا بەزى قېرىنداشلار كېلىپ، بالىلىرىمىزنى قولىدىن تارتىپ ئېلىۋېتىپ :«سىلەر كەينىدە ئوقۇڭلار، ئارقىدا تۇرۇڭلار» دەپ نامىزىنى بۇزىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بالىلىرىمىز يەتتە ياشقا كىرگەندە پەرزەنتلىرىمىزنى نامازغا بۇيرىشىمىزنى ئېيتقان. بۇنداق قىلسا بالىلارنىڭ مەسجىدتىن رايى سوۋۇپ كېتىدىكەن ھەم «مەسجىدكە چىقسام مېنى ئارقىغا تارتتى…» دەپ كۆڭلىگە كېلىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن. بىز بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا: «بۇنداق قىلماڭ!» دېيىشىمىز كېرەكمۇ؟

2) ئۆيدە بىز مەھرەم بولغان ئايال – قىزلىرىمىز بىلەن تەراۋىھ ياكى پەرز نامازلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئايال – قىزلىرىمىزنىڭ «ئامىن!» نى ئۈنلۈك دېيىشى جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! 1) جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقان بالىلار يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، چوڭلارغا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ. سەجدىگاھىنىڭ نېرىسىدىن ئۆتسە بولىدۇ. ئىمامنىڭ ئارقىدا ئىلىم ئەھلى تۇرۇشى كېرەك. ئارقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە باشقىلار تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، كېچىكىپ كەلگەنلەر باشقىلارنى سۈرۈۋېتىپ ئالدى سەپكە چىقىۋالسا بولمايدۇ. كىچىك بالىلار چوڭلاردىن بۇرۇن مەسجىدكە كېلىپ ئورۇن ئالغان بولسا، ئۇلارنى ئارقا سەپلەرگە يۆتكىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇرۇن كەلگەن. ئەمما، ھەممە كىشى بىراقلا كەلگەن ئەھۋالدا بالىلار چوڭلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بەرگەندە بالا ئۆزى ياكى ئاتىسى ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا: «بۇنداق قىلماڭ» دېيىشكە ۋە بالىسىنىڭ ئورنىنى باشقىلارغا بەرمەي چىڭ تۇرۇشقا ھەقلىق. ئاندىن بۇنى ئەھلى ئىلىملەر جامائەتكە چۈشەندۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرسا تېخىمۇ ياخشى. 2) ئايال – قىزلىرىمىز مەھرەملىرى بىلەن ياكى ئاياللار بىلەن تەراۋىھ ياكى پەرز نامازلارنى ئوقۇغىنىدا، «ئامىن!»نى ئۈنلۈك دېيىشى جائىز.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ