ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا بولامدۇ؟

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللار بىر نەچچىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلانماقچى بولسا، ئۈزۈك سالدۇرسا بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا دىنىمىزدا قانداق ھۆكۈملەر بار؟ ئەگەر بىرەيلەن ئۈزۈك سالدۇرغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇستازلارنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى سورايمەن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەقىقىي شەرئى زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئىنساننى تۇغماس قىلىۋېتىش ھارام قىلىنغان ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئىسلام شەرىئىتى ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغان نەسىلنى قوغداش مەقسىتىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

تۇغماس قىلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىدىغان ھەقىقىي زۆرۈرىيەت دېگىنىمىز ھامىلىدار بولغان ئەھۋالدا ئانىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان ياكى بىرەر ئەزاسى كاردىن چىقىدىغان ياكى ھامىلىگە ئېغىر كېسەللىكلەر يۇقۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشىدىكى ۋاقىتلىق كېسەللىك ياكى بەدەن ئاجىزلىق ياكى ھامىلىدار بولسا زىيانغا ئۇچراش ياكى تۇغۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك ياكى ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا سەۋەبلەر زىيان قىلىدىغان بولۇش ياكى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن كېلىدىغان خېيىم – خەتەر، ئەنسىرەش ۋە ئېمىتىۋاتقان بالىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بولسا ۋاقىتلىق تۇغماي چارە قىلىشقا ئىسلام رۇخسەت قىلىدۇ.

قورساق كۆتۈرۈشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈشكە بېرىلگەن بۇ رۇخسەت ھەدىسلەردە رۇخسەت قىلىنغان ئەزل قىلىشنى ئاساس قىلغان. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز قۇرئان چۈشۈۋاتقان چاغلاردا ئەزل قىلاتتۇق» دېگەن.(1)

«مۇسلىم»نىڭ بىر رىۋايەتىدە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بۇ ئىشىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەن بولسىمۇ بىزنى توسىمىغان» دېگەن.

ئەزل قىلىش: ئايالىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتى شتىن ئىبارەت.

مۇھەددىسلەرنىڭ نەزەرىدىكى توغرا قاراشتا ساھابە كىراملارنىڭ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا مۇنداق قىلاتتۇق» دېگەندەك ئىبارىلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى دەرىجىسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. «مۇسلىم»نىڭ بىر رىۋايەتىدە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «بۇ ئىشىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەن بولسىمۇ بىزنى توسىمىغان» دېگەن سۆزى بىلەن بۇ تېخىمۇ تەكىتلىنىپ كەتكەن بولدى.(2)

مەزكۇر ھەدىس ئەزل قىلىشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.(3)

ھازىر ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چاپلاق، تابلىېتكا، قاپچۇق، ئۈزۈك قاتارلىق ۋاسىتىلەر ۋە كۈن تاللاپ جىما قىلىش، مۇشۇ ئەزل قىلىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئۈزۈك ئادەتتە مىس ياكى تۇچقا ئوخشىغان مېتاللاردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، بالىياتقۇدا بۇ ئۈزۈككە نىسبەتەن ئىممونىتېت پەيدا بولۇپ بالىياتقۇدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇدا مۇقىملىشالمايدۇ. دېمەك، بۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى بالىياتقۇغا جايلىشىشتىن توسۇۋېلىش ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش دېگەن ئۇرۇقلىنىپ بولغان تۇخۇمنى ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئۈزۈكنىڭ يەنە بىر تۈرى ھورمۇنلۇق ئۈزۈك بولۇپ، بۇ ئۈزۈككە ئادەتتە ھورمۇن قاچىلانغان بولىدۇ، ئايال كىشى بۇنى 3 ھەپتىگىچە سېلىپ قويسا، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشنى توساپ قويىدۇ ياكى ئۇرۇقلانغان ياكى تېخى مۇقىملاشمىغان ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇدا ھامىلىگە ئايلىنىشىنى توسۇپ قالىدۇ. ياكى بالىياتقۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن مەنىينى ئۆتكۈزمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.

زەيد ئىبنى ۋەھب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: راست سۆزلىگۈچى ھەم راست سۆز يەتكۈزۈلگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «ھەربىرىڭلار ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا قىرىق كۈن جەملىنىدۇ. ئاندىن يەنە شۇنچىلىك كۈندە ئۇيۇل قان بولىدۇ. ئاندىن يەنە شۇنچىلىك كۈندە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ تۆت نەرسىنى پۈتۈشكە بۇيرۇلىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى، رىزقى، ئەجىلى ۋە بەختلىك ياكى بەختسىزلىكى. ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. شۇڭا، سىلەردىن بىر كىشى ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ جەننەتكە كىرىشكە پەقەت بىر گەزلا قالغاندا، ئەينى چاغدا پۈتكەن پۈتۈك غالىب كېلىپ قېلىپ ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىدۇ. بىر كىشى ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ كېلىۋېتىپ دوزاخقا كىرىشكە پەقەت بىر گەزلا قالغاندا، ئەينى چاغدا پۈتكەن پۈتۈك غالىب كېلىپ ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ جەننەتكە كىرىدۇ».(4)

تۇخۇم ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن بالىياتقۇدا مۇقىملىشىپ ئاندىن ھامىلە ھالىتىگە كىرىدۇ. كۈچلۈك قاراشتا بۇ ھامىلە بىرنەچچە كۈنلۈك بولسىمۇ چۈشۈرۈۋېتىش ھارام بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئاساسەن بىرەر ئېھتىياج تېپىلغاندا تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيىنى بولمىغان ئەھۋالدا، ئەرنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئۈزۈك سالدۇرۇش جائىز، بولمىسا جائىز بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.(5)

چۈنكى، ئۈزۈك سالدۇرۇشتا ئەۋرەتكە قاراش ۋە تۇتۇشقا ئوخشاش ئىشلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈك ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاھارەت، ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۈزۈك سالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ھەيز ئادەتلەنگەن كۈنلەردىن ھالقىپ توختىماي كېلىۋەرگەن ئەھۋالدا 15 كۈندىن ئاشقىچە ھەيز دەپ قارايمىز. ئادەتتىن ئاشقان ئەھۋالدا خۇن رەڭگى بىلەن پۇرىقى ئادەتتىكى ھەيز خۇنىدىن ئالاھىدە پەرقلەنسە، ئادەتتىن ئاشقان كۈنلەر 15 كۈنگە يەتمىسىمۇ ھەيز بولماي ئىستىھازە ھېسابلىنىپ ھەربىر پەرز نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋېرىدۇ. ھەيز قېنىدەك كېلىپ 15 كۈندىن ئېشىپ كەتكەندىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.

ھەيز كۈنلىرى ئۆتۈپ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن سارغۇچ ياكى قىزغۇچ سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ.

ئېھتىياج تېپىلغاندا ئۈزۈك سالدۇرۇش جائىز بولغاچقا، ئۈزۈك سالدۇرغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان رۇخسەت قىلىنغان ئىشنىڭ ھېسابىنى بەرمەيدۇ.

لېكىن، بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئاللاھ تائالا يارىتىشنى پۈتكەن ئىنسانلا بولىدىكەن بىزلەر ھەرقانچە توسقۇنلۇق قىلىپ باقساقمۇ ئۇ بەرىبىر يارىتىلىدۇ. شۇڭا، ئۈزۈك سالدۇرغاندىمۇ ئۈزۈكنىڭ ئۈستىدىن قورساق كۆتۈرۈپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەزل قىلىش مەسىلىسىنى ئويلىنىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارىمىزدا تۇرسا، ئۇنىڭدىن سوراپ باقمايلا ئەزل قىلامدۇق؟ دەپ رەسۇلۇللاھتىن بۇ توغرۇلۇق سورىغان ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق قىلىپ يۈرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، لېكىن تەقدىردە قىيامەتكە قەدەر ۋۇجۇدقا چىقماقچى بولغان ئىنسانلا بولىدىكەن، ئۇ ھامان ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېدى.(6)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 27 – مۇھەررەم / م. 2011، 22 – دېكابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 98 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5208)؛ «مۇسلىم»، (1440).
2. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/194؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 6/348.
3. بىر قىسىم ئالىملار: «مەكرۇھ» دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «ئايالىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى لازىم» دەپ قارىغان. قاراڭ: ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/226، 227؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 3/401؛ قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 4/418، 419؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 9/320.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3208)؛ «مۇسلىم»، (2634).
5. مەسىلەن: دوكتور ئەھمەد ھەججىي ئەلكۇردىي. دوكتورمۇستافا دىيب ئەلبۇغا، شەيخ بىننى باز، شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملار.
6. «بۇخارىي»، (4138).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ