سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈرك مېدىيالىرىدا «Fiziyonomi» دەيدىغان بىر ئىلىم ھەققىدە جىق مەزمۇنلار باركەن. ئاساسلىقى ئادەمنىڭ قولىغا، بولۇپمۇ قولدىكى سىزىقچىلارغا قاراپ ئىنساننىڭ ئۆتمۈشىدە باشتىن كەچۈرگەن ۋە كېلەچەكتە بېشىغا كەلگۈسى بەزى ئەھۋاللاردىن «مەلۇمات» بېرىدىكەن. بىر قارىسا پالچىلىققا ئوخشاپمۇ قالىدىكەن، مەن ئىمام شافىئىينىڭ «يۈز ئوقۇش ئىلمى»دىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئازراق ئوقۇغان ئىدىم، بىر قارىساق، «بۇ شۇ ئىلىممىدۇ» دەپمۇ ئويلاپ قالىدىكەنمىز. بۇ ئىلىمنىڭ ئىسلامدا ئاساسى بارمۇ؟ ياكى ئىسلام ئېتىقادىغا زىتمۇ؟ بۇ ھەقتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇشۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
قەدىمكى ھۇكەمالار كىشىنىڭ نەسەبى، يۇرتى، كەسپى ۋە مىجەز – خۇلقى كەبى بىلىنمىگەن تەرەپلىرىنى بىلىشتە ئىنساننىڭ تەن قۇرۇلۇشى، چىراي شەكلى، قاراش – بېقىشلىرى، بەدەن ھەرىكەتلىرى ۋە روھىي كەيپىياتى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە كۆزىتىشنىڭ مەلۇم رولى بارلىقىغا دىققەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەجرىبە – مۇلاھىزەلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، بۇنى «فىراسەت ئىلمى / physiognomy» دەپ ئاتىغان(1).
قەدىمدە يۇنانلىقلار ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، كېيىنچە جاھىلىيەت ۋە ئىسلام دەۋرلىرىدە ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يېزىپ، تۈرلەرگە ئايرىغان. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھمۇ يەمەن دىيارىغا بېرىپ دەل مۇشۇ ئىلىمنى ئۆگەنگەن. كۈنىمىزدە بولسا «تەن لۇغىتى، ئالىقان ئوقۇش…» دېگەندەك ناملار بىلەن تەجرىبە ۋە مۇلاھىزەگە تايانغان ئىلمىي مېتود ئاساسىدا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇلىدىغان ۋە تەتقىق قىلىنىدىغان، مەخسۇس ئىستىلاھلىرى بولغان، نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن بىر ئىلىم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا.
لېكىن، بۇ ئىلىمگە مەنتىقەگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىزاھاتلار، ساغلام ئەقىدەگە ۋە ئىلمىي مېتودقا زىت پالچىلىق، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلىش، سېھىر ۋە جىنلاردىن ياردەم سوراشتەك خاھىشلار ئارىلاشقان بولغاچقا، بۇ ئىلىمدىن بىخەۋەر كىشىلەر قارىسىغا ئەگىشىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلىشى، ئەقىدە – ئىمانىنى زىدىلەشتىن ساقلىنىشى زۆرۈر. شۇڭا، توغرا – خاتاسىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بايانى بويىچە ئۇنىڭ ئىزاھاتى، تۈرلىرى ۋە ئالاقىدار ئەھكاملىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
فىراسەت (الفِرَاسَةُ): ئەرەب تىلىدا «سىنچىلاپ قارىماق، پەملىمەك، بايقىماق، مۇلاھىزە قىلماق ۋە ئىچكى ئەھۋالنى بىلمەك» دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. ئىستىلاھتا ئىنساننىڭ تەقى – تۇرقى، چىراي شەكلى، رەڭگىرويى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، ئەخلاق – پەزىلىتى ۋە خۇي – مىجەزلىرىنى پەملەش ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ(2).
ئۆلىمالىرىمىز فىراسەتنى ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ:
بىرى، ئىمانىي فىراسەت. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىلدۈرۈشى، كۆڭلىگە سېلىشى (ئىلھامى) بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان، ئۆگىنىپ ئىگىلەنمىگەن «ۋەھبىي فىراسەت»تۇر(3). بۇنىڭدا ئىنساننىڭ قەلبى تۈرلۈك شەھۋەت ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلەردىن، يامان ئىللەتلەردىن پاكلىنىپ، تەقۋادارلىق نۇرى بىلەن يورۇغىنىدا، ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىمان شولىسى قەلبكە رەببانىي بىلدۈرۈشلەر (ئىلھاملار) نى كەلتۈرىدۇ – دە، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا پەم ۋە پەرەزى توغرا چىقىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئىخلاسى، تائەت – ئىبادەتتە بولۇپ، ھارام ۋە مەئسىيەتتىن يىراق تۇرۇشى، شۇنداقلا قەلبلىرىنى ساغلام تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئاتا قىلغان مۇكاپاتى، نېئمىتى ۋە كارامەتىدۇر. بۇنى شۇنداق ئېتىقاد قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسەك بولىدۇ. دېمەك، بۇ فىراسەت پەقەت مۇسۇلمانغىلا خاستۇر. سەلەف سالىھلەر ۋە تەقۋادار زاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەقەلىكلىرى كۆپتۇر.
بۇ تۈر فىراسەت ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مۇئمىننىڭ فىراسەتىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندۇر(4). بۇ ھەدىس شەرىفتىكى ساقلىنىش ئەمرىنىڭ مەنىسى شۇكى، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا بەل باغلاشتىن، سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭلاركى، دىلى ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن يورۇغان كامىل مۇئمىن تۇرقۇڭلارغا قاراپ، ئىچكى ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولىسىلەر، بىلگىنىگە قىيامەتتە گۇۋاھلىق بەرسە، گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىشى، يامان ئەھۋالىڭلار ئۇنى بىئارام قىلسا، سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئۆچ كۆرۈشى مۇمكىن(5).
فىراسەتنىڭ يەنە بىر تۈرى، ئىنساننىڭ تەقى – تۇرقى، چىراي شەكلى، رەڭگىرويى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئۆگىنىش، تەتقىق، تەجرىبە ۋە سىناق قىلىشقا تايىنىدىغان، كىشى ئۆز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرىدىغان «كەسبىي فىراسەت»تۇر. بۇ تۈر فىراسەت ئوقۇپ ئۆگىنىش ۋە كۆزىتىشكە تايانغىنىدەك، يەنە توغرا پەملەش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىقتىدار، بايقاش كۈچى، پەۋقۇلئاددە زاكاۋەت تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى بەدەن ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىدىن ھۆكۈم يەكۈنلەشنى كۆزلەيدىغان بەدەن تىلى (Body language) مۇ فىراسەتنىڭ ئىككىنچى تۈرىگە كىرىدۇ.
ئېيتىلىشىچە، ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇستازى ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەششەيبانىي ئىككىيلەن مەسجىدى ھەرەمدە ئولتۇرغىنىدا، بىر كىشى كىرىۋىدى، ئىمام مۇھەممەد:
— پەمىمچە بۇ كىشى بىر ياغاچچى، — دېدى. ئىمام شافىئىي:
— مەنچە ئۇ بىر تۆمۈرچىمىكىن، — دېدى.
ئىككىيلەن دەرھال ئۇ كىشىدىن سورىۋىدى، ئۇ:
— ئىلگىرى تۆمۈرچى ئىدىم. ھازىر ياغاچچىلىق قىلىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى(6).
بۇ تۈرى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپلار يېزىپ قالدۇرغان بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئەرەبلەرگە ئۆتۈپ، ئەرەبلەر بىر مۇددەت ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي شۇغۇللانغان. كېيىن بۇ ساھە مۇسۇلمانلار قولىدا سىستېمىلىق بىر ئىلىمگە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئىسلام دىيارلىرىدىن ياۋروپالىقلارغا ئۇلاشقان. ئۇلاشقاندىمۇ پېشانە، ئالىقان سىزىقلىرىنى ئوقۇش، كېلەچەكتىن ئالدىن خەبەر بېرىشتەك پالچىلىق ئارىلاشقانلىقتىن «خۇراپات» دەپ قارالغان. لېكىن، ھازىرقى زامان ئىلىم – پەن ساھەسىدە ئىلمىي مېتود ئاساسىدا نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن بىر ئىلىم سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىدى، دېيىشكە بولىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىمۇ مۇئمىننىڭ، مۇنافىقنىڭ ۋە پېقىر – موھتاجنىڭ سىماسىدىن مەلۇم بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دەرۋەقە قىيافەت ئىلمىمۇ ئىز تەكشۈرۈش، تەن ئەزالىرى، تەقى – تۇرق، چىراي شەكىل ۋە باشقىلارغا ئوخشىشىغا قاراپ كىشىنىڭ ئۇرۇق – نەسەبىنى بىلىش ماھارىتى بولۇپ، بۇمۇ قاراپ پەرەز قىلىشقا تايىنىدىغان ئىش بولغاچقا، فىراسەتكە يېقىن كېلىدۇ. فۇقەھائلىرىمىز قازىنىڭ قىيافەت ۋە فىراسەتكە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىشىدا پەرقلىق قاراشتا بولغان. بەزىلىرى قىيافەتكە ئاساسەن نەسەب ئىسپاتلاپ، فىراسەتكە ئاساسەن ھۆكۈم قىلسا، يەنە بەزىلەر «بۇ ئىككىسى پەرەز ۋە تەخمىندىن ئىبارەت بولغاچقا، ھۆكۈمدە ئۇنى ئاساس قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغان(7).
ئىمام ئىبنۇلقەييىم بۇ تۈر فىراسەت ھەققىدە توختىلىپ ئېيتىدۇكى: «بۇ تۈرلۈك فىراسەت ۋە يۈز – چىراي ئوقۇشتا توغرىمۇ، خاتامۇ بار؛ ھەقمۇ، باتىلمۇ بار. ‹چىراي مۇنداق – مۇنداق شەكىلدە يارىتىلغان بولسا، ئەخلاقى مۇنداق بولۇر› دېگەندەك گەپلەر چوقۇم توپتوغرا چىقىشى ناتايىن. بۇنىڭدىكى ئېنىق خاتا شۇكى، مەزكۇر ھۆكۈم مەلۇم چىراي شەكلىدە يارىتىلغان كىشىگە ئاللىقانداق بىر خۇلق – سۈپەتنى ئۆمۈرباقىيغا چاپلىۋېتىدۇ. بۇ ئېنىق خاتا! چۈنكى، كافىر ئىمان ئېيتىپ قېلىشى، ئىشچان ھورۇنلىشىپ قېلىشى، باي پېقىرلىشىپ قېلىشى، ئاسىي تەۋبە قىلىشى، پەرىشان مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن خاتىرجەم بولۇشى، غەمناك خۇشھال بولۇپ قېلىشى … تامامەن مۇمكىن. «بۇلارنىڭ دەل تەتۈرى يۈز بەرمەيدۇ» دېگىلىمۇ بولمايدۇ. يەنى بۇنىڭدەك مىسالنى خاھلىغانچە سۈپەت، ئەخلاق ۋە مىجەزلەرنى تىزىپ ئۇزارتىپ باقساڭ ئۇزىراۋېرىدۇ. بۇ كۆرۈلۈپ تۇرغان، تەجرىبە – سىناقتىن ئۆتكەن ھەممىگە مەلۇم ئىشتۇر. ناچار تەبىئەتلىك كىشى سالىھلەرگە ئارىلاشسا، سالىھلەرنىڭ مىجەز خۇلقىنى سىڭدۈرگىنىدەك، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىمۇ خۇيسىز ھەقەمسايىلەرنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. ئادەت ۋە مەشغۇلات تەبىئەتنى بەتامام قاپلاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن…»(8)
مانا بۇ بۇندىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئۆتكەن ئالىم، فەقىھ، تېۋىپ ۋە پسىخولوگ ئىمام ئىبنۇلقەييىم — ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا بولغاي — نىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى بولۇپ، زامانىۋى ئىلىم – پەنگە قارايدىغان بولساق، تېخى يېقىنقى يىللارغا قەدەر «فىراسەت خۇراپاتلىقتۇر» دەپ قارىلىپ كەلگەن ۋە رەسمىي ئىلىم سانالمىغان. يىللار مابەينىدە مەزكۇر ساھەدە سىناق، تەجرىبە، كۆزىتىش ۋە باشقا ئىلمىي مېتودلار ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىش نەتىجەسىدە بەزىبىر ئىلمىيلىك قازانغان نۇقتىلار بولسىمۇ، تەقى – تۇرق ۋە كىشىلىك خاراكتېرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ باغلاشنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى ياكى بىرەر قايىل قىلارلىق فورمۇلاسى يوق دېيەرلىكتۇر. يەكۈن يۈزدەيۈز توغرا چىقىشى ناتايىن. بەزەن توغرا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، بۇنى جەزمىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
ئالايلۇق، پېشانىسى كەڭ كىشى ئەقىللىق ۋە بىلىملىك، تار پېشانەلىك كىشى نادان كېلىدۇ. ئورا كۆز ئادەم پەس كېلىدۇ، پولتاي كۆز نادان كېلىدۇ، كۆك كۆز ئادەم ناچار، قارا كۆز قورقۇنچاق، نورمال كۆزلۈك ئېسىل كېلىدۇ … دېگەندەك ئىلمىي ئاساسقا تايانمىغان ئومۇملاشتۇرۇشلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:
1. ئالىقان ئوقۇش، چىراي ئوقۇش ۋە بەدەن تىلى قاتارلىق فىراسەتكە ئالاقىدار ئۇسۇل ۋە ئىلىملەرگە كەسكىن جەزمىيەت ئاساسىدا مۇئامىلە قىلماي، ئۇنى كىشىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئۆتمۈشىنى بىلىشتە بىر خىل پەرەز بىلىش، شۇندىمۇ بۇ پەرەزلەر بەزى ئەھۋاللاردا توغرا چىقىشى مۇمكىن، دەپ تونۇش كېرەك. بۇ ۋەجدىن فىراسەت ئىلمىدە ئۇدۇملاشقان يەكۈنلەرنى ئىلمىي پاكىت دەپ قارىۋېلىشقا، باشقىلارغا تېڭىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
2. «فىراسەت ئىلمى كېلەچەكنى ۋە غەيبنى بىلىشتە قەتئىي ئاساس بولالمايدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئىسلام ئېتىقادىمىزدا «غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ». ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 65) ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەن غەيبنىلا بىلىدۇ. جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: ﴿ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان – زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم﴾(7/«ئەئراف»: 188) دېيىشكە بۇيرۇلغان. شۇڭا، ھەرقانداق بىر ئىنساننى «غەيبنى بىلىدۇ» دېيىش شىرك ھېسابلىنىدۇ. فىراسەت ۋە چىراي، ئالىقان ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەۋا قىلىۋاتقان «بۇ كىشى ھاياتىدا مۇنچە قېتىم ئۆيلىنىدۇ، بېشىغا مۇنداق – مۇنداق بالايى – قازالار كېلىدۇ…» دېگەندەك گەپلەر مۇشۇ دائىرەگە كىرىدۇ.
3. «بەدەن تىلى، چىراي ئوقۇش» دېگەندەك كۆزىتىپ بايقىغانغا قاراپ پەرەز قىلىدىغان ماھارەتلەرنى ئىلمىي ئاساستا غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلماسلىق، «پەرەز چوقۇم توغرا چىقىدۇ» دەۋالماسلىق شەرتى بىلەن ئوقۇپ ئۆگەنسە، خىزمەت قىلىپ شۇغۇللانسا بولىدۇ. بۇ ئىلىملەر ھازىر تېببىي، ھەربىي ۋە پسىخولوگىيە ساھەلىرىدە، ھەتتا سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتلىرىدا قوللىنىلماقتا.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 9 – سەفەر / م. 2023، 25 – ئاۋغۇست
1. بۇ ئىلمىنى بەزى غەرب پسىخولوگلىرى خۇي – مىجەز، خاراكتېر ئىلمى (Characterology) دەپمۇ ئاتايدۇ.
2. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 6/159؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/681؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1072 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
3. بۇنى بەزى غەرب ئالىملىرى: «سەزگۈ فىراسەتى / Intuition» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: فىلېكس ئىشباخر: «الفراسة وقوة الحدس قوانين النجاح العقلية (Felix Aeschbacher – Die Kraft der Intuition) »، كامىل مۇھەممەد ئىسمائىل ئەرەبچە تەرجىمەسى، 17 – 19 – بەتلەر.
4. «تىرمىزىي»، (3127)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (7369). ھەيسەمىي («مەجمەئۇززاۋائىد»، 17940)، سۇيۇنىي («ئەللەئالىئۇل مەسنۇئە»، 2/278) قاتارلىق مۇھەددىسلەر: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر: «زەئىف» دېگەن.
5. مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 1/185.
6. ئىبنۇلقەييىم: «ئەرروھ»، 239 – بەت.
7. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 34/94 – 96.
8. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 2/487، 488.